تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 6872|ئىنكاس: 26

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى مۇكاپاتلىق پائالىيتى باشلاندى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
136
تېما
91
نادىر
9
جۇغلانما
5350
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
1252 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 21:36:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئەلكۈيى مىكرو بلوگى» قۇربان ھېيتلىق مۇكاپاتلىق نادىر مىكرو ئەسەر،نادىر مىكرو بلوگ باھالاش پائالىيتى

ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى تورىمىز نامىدىن سىلەرگە چوڭقۇر سالام يوللايمىز ۋە توردىكى ھەر بىر مىنىت ۋاقتىڭلارنىڭ يېڭىچە مەنالارغا تولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

قۇربان ھېيت بىزنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك ھەم ئەڭ كاتتا بايرىمىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن بارچە خەلقىمىزگە ئىناقلىقنىڭ،خۇشاللىقنىڭ ،بەخت،ئامەتنىڭ گۈل-چىمەنلىرىنى باشلاپ ئېلىپ كىلىدۇ.
خەلقىمىز ئەزەلدىن قۇربان ھېيتنى ئەڭ كاتتا بايرام دەپ ھېسابلاپ كەلگەچكە ، بۇ ھېيتىمىزدا ئادەمنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان ئىشلار كەڭ تۈردە ئەۋج ئالىدۇ.ئەلكۈيى تورى ئۆز نۆۋىتىدە خەلقىمىزنىڭ بۇ كاتتا بايرىمىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن قۇتلۇقلاش شۇنداقلا دىيارىمىزدا يارقىن نوقتا بولىۋاتقان <ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگ ئىشلىتىش>قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە بىر تۈركۈم تالانت ئىگىلىرىنى بايقاپ چىقىش مەقسىتىدە « ئەلكۈيى مىكرو بلوگى قۇربان ھېيتلىق مۇكاپاتلىق نادىر مىكرو ئەسەر ۋە  نادىر مىكرو بلوگ  باھالاش پائالىيتى» ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.


پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن: ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى مىكرو بلوگى كوللىگىيەسى
پائالىيەت باشلىنىش ۋاقتى:2012-يىلى 10-ئاينىڭ1-كۈنى
پائالىيەت ئاخىرلىشىش ۋاقتى:2012-يىلى 11-ئاينىڭ1-كۈنى
مۇكاپاتلاش پائالىيتىگە  قوبۇل قىلىنىدىغان مىكرو بلوگ ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.مىكرو فىلىملەر(ئەزالار ئۆزلىرى ئىشلەپ سۈرەتكە ئالغان بورۇن ھېچقانداق ئورۇنلارغا يوللانمىغان،تېلىۋىزىيە ئېكرانلىرىدا،تور بېكەتلەردە قويۇلمىغان فىلىم بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ)نى ئىجادىي ھالدا ئىشلەپ شىركىتىمىز خىزمەتچىلىرى ياردىمىدە ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگى ئارقىلىق ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا يوللىسا بۇلىدۇ.
2.ئىجادىي مىكرو سۈرەتلەر(قول سىزما سۈرەت،ھۆسىن خەت،فوت سۈرەت شۇنداقلا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ياخشى بولغان ئەنئەنىمىزگە ماس كىلىدىغان لاھىيەلەرنى ئىجادىي ھالدا مىكرو بلوگىغا يوللاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرسا بۇلىدۇ)
3.كۆپ قىسىم بلوگداشلار تەرىپىدىن ئالقىشلانغان،ئىنكاس يېزىلغان،تارقىتىلغان مىكرو خەت (مىكرو خېتى كۆپ تورداشلار تەرىپىدىن ئىنكاس يېزىلغان،تەسىر قوزغىغان شۇنداقلا مەلۇم مىكرو ئۇچۇر جەمئىيەتتىكى مەلۇم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئىجابىي كۈچ قوشۇش قاتارلىق روللارنى ئوينىغان بولسا، بورۇن يوللىنىپ بولغان مىكرو يوللانمىلار مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ،قايتا ئەۋەتىشكىمۇ بولمايدۇ) شۇ مىكرو خەت ياكى ئۇچۇرلار مىكرو بلوگ باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن ئۆزلىكىدىن مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
4.ئىجادىي ناخشا -مۇزىكا،ئاۋازلىق ئەسەرلەر(مىكرو بلوگداشلار ئۆزلىرى ئورۇنلىغان ، ھېچقانداق تاراتقۇلاردا تارقىتىلمىغان ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆز بلوگىغا شىركىتىمىزنىڭ خىزمەتچى - خادىملىرىنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن يوللىسا بۇلىدۇ. MP3 ياكى سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلۈك بولسا بۇلىدۇ.)

ئەسكەرتىش:
1. بۇ قېتىملىق مىكرو بلوگ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتى ئەلكۈيى مىكرو بلوگ سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئادرېسى: http://alkuyi.cn


2.بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە  قاتناشتۇرۇلىدىغان مىكرو ئەسەرلەر چوقۇم ھەر بىر تورداشقا يېڭىلىق ئېلىپ كېلىشنى،جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەلۇم تەربىيىۋى رولى بولۇشنى  مەقسەت قىلىنغاچقا جەمئىيەتتىكى قىززىق نوقتا،قىززىق شەخس،قىززىق ئىشلارنى بايقاپ مىكرو بلوگىغا يوللىسا ياكى باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلسىمۇ بۇلىدۇ. (باشقا مەتبۇئاتلاردا كىيىن ئېلان قىلىنسا ئەلكۈيى تورى مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ ھەمدە ئەسلى يوللىغۇچىنىڭ ھوقۇقى قوغدىلىدۇ.)  

3. يوللىغان مىكرو ئەسەرلەر ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنغان بولىشى كېرەك.(ئىملا خاتالىقى ئېغىر،تېما بىلەن مەزمۇنى ماس كەلمىگەن، سېرىق مەزمۇن بولغان،مەزمۇنى چۇۋالچاق، ئۆرپ -ئادەت ۋە  ھىسياتىمىزغا ئۇيغۇن بولمىغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرۋېتىلىدۇ.)

4. پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان مىكرۇ ئەسەرلەر  باھالاشتا ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئەزالىرى تېما ئاستىغا يازغان ئىنكاسلىرى مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ.ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن، مۇكاپاتلىنىشقا تىگىشلىك دېگەندەك بۇيرۇقۋاز ئىنكاسلار ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.

5. ئالاھىدە تەۋسىيە: پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان مىكرو ئۇچۇرلارغا مىكرو بلوگ ئىگىسى جەزمەن ئەسەر بېشىغا  (مۇكاپات) دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

6. مۇكاپاتقا ئۆز مىكرو ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇرۇشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ ئورۇن ۋە سالاھىيەت چەكلىمىسى  شۇنداقلا سان چەكلىمىسى بولمايدۇ. ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا ،ئەلكۈيى مۇنبىرىگە ئەزا بولغان ھەرقانداق تورداش قاتناشسا بولىدۇ.  ئوخشاش مەزمۇنلۇق مىكرو ئەسەر يوللانغان بولسا ئەڭ بۇرۇن يوللىغان  ئەزا ئېتىراپ قىلىنىدۇ.
7.پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەخسۇس مۇكاپاتلاش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلۈپ سۈرەتكە ئېلىنىدۇ ۋە توردا تارقىتىلىدۇ.

تەسىس قىلىنغان مۇكاپات ھەم مۇكاپات بۇيۇملىرى:
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: سانى 2 ،مۇكاپات بۇيۇمى-2000يۈەن نەق پۇل (1000يۈەندىن)ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىن ،يالقۇن رۇزى ،باتۇر روزى قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنىپ داغدۇغا قوزغىغان بىر يۈرۈش كىتابلىرىدىن بىرگە مۇكاپاتلىنىدۇ. مىكروبىلوگ چولپىنى نامى بىرىلىپ ،ئالاھىدە تەۋسىيە ۋە دەلىللەشكە ئىرىشىدۇ. كېلەر قىتىملىق مىكرو بىلوگ باھالاش پائالىيىتىنىڭ باھالاش ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: سانى 3 ،مۇكاپات بۇيۇمى- 1200يۈەن نەق پۇل(400يۈەندىن) ۋە شىركىتىمىز تەييارلىغان بىر يۈرۈش 300 يۈەن قىمىتىدىكى غۇنچەم يۈرۈشلۈك چاچ ۋە قاش ئۆستۈرۈش،كىرپىك ئۆستۈرۈش  مەھسۇلاتلىرى بىرىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا مىكروبىلوگ سەركىسى نامى بىرىلىپ مىكرو بىلوگ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىرشىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: سانى 5، مۇكاپات بۇيۇمى 100يۈەن نەق پۇل ۋە.  200يۈەنلىك ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئىرىشكەن ئەزالار دەلىلەش ، مۇكاپاتلانغانلىق نامى بىرىلىش،ۋە نادىر 10 بىلوگ قاتارىدا باش بەتتە تەسىيەلىك مىكرو بلوگداشلار قاتارىغا قوشۇلىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئەلكۈيى مىكرو بلوگى قۇربان ھېيتلىق مۇكاپاتلىق مىكرو بلوگ پائالىيتى قۇربان ھېيتنى ئەمەلىي ھەركەت بىلەن كۈتىۋېلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، پائالىيتىمىزگە جەمئىيتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى كەڭ دوستلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ قۇتلۇق ئىشىمىزغا ئۆز ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئاۋاز قوشۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان ئورۇن: ئەلكۈيى مىكرو بلوگى
پائالىيەت ئاخىرلىشىش ۋاقتى:11-ئاينىڭ1-كۈنى
پائالىيەت ئورنى: ئەلكۈيى مىكرو بلوگى


مەزكۇر پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلار ئەلكۈيى مىكرو بلوگىدىكى <<ئەلكۈيى خەۋەرلىرى>>نامىدىكى مىكرو بلوگىمىز ئارقىلىق تورداشلارغا ۋاقىپلاندۇرۇلۇپ تۇرۇلىدۇ.چۈشنىكسىز سۇئاللار ۋە مەسىلىلەر بولسا يۇقارقى مىكرو بلوگىمىزغا ئىنكاس يېزىش  ئارقىلىق ياكى شىركىتىمىزنىڭ 0991-8555525 نومۇرلۇق تېلفۇنىغا تېلىفۇن ئورۇش ئارقىلىق ياردەم سورىسا بۇلىدۇ.


كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى كوللىگىيەسى

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
32070
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 22:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ .ئەلكۈيى تورنىڭ تېخىمۇ زور شان-شەرەپلەرگە ئىرىشىنى ئۈمۈد قىلمەن .

بىر ئىش :مىرو بىلوگدا رەسىم يولىساق،رەسىملەرنى قانداق ئۇلاپ چىقىردۇ ؟ مەسىلە كۆپرەك رەسىم بولسا ،ئۇ رەسىملەرنى قانداق ئۇلاپ يولايمىز ؟ ئايرىم-ئايرىم يولىساق بەك كۆپ يەرنى ئىگەللەپ كېتىدىكەن ..  پايدىلىنىش قىمىتتى بار مەزمۇنلار بەك كەينىگە ئۆتۈپ قالدىكەن ..

UID
47488
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 05:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداشلار!
         ئەلكۈيى مىكرو بلوگىغا گەرچە بەك كىچىكىپ ئەزا بولغىنىمدىن ئەپسۇسلانساممۇ، لېكىن مۇشۇنداق بىر قىزغىنلىققا، ھاياتى كۈچكە تولغان بۇ كارۋاننىڭ بىر ئەزاسى بولالىغىنىمدىن يەنىلا خوشالمەن.
         بۇ پائالىيەت بەك ياخشى ھەم پەيتىدە ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. ئەلكۈي تور دۇنياسىنىڭ بىزلەر ئۈچۈن قىلغان  ئەمگىكىگە ھەشقاللا ھەم ئاپىرىن!   

UID
12571
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
107
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 11:40:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلوگقا يازالايدىغان خەت سانىڭلارنى كۆپەتسەڭلار بولاتتى، يىزىقىمىز مۇقىم بىر كەڭلىكتىكى يىزىق بولمىغاندىكىن  400 بىت ئورۇنغا ھىچقانچە گەپ يازغىلى بولمايدىكەن

UID
22508
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-22
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 18:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوراپ باقسام ، مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن كومپىيۇتېردا لايھىلىگەن سۈرەتلەر بولسىمۇ بۇلامدۇ ؟

دائىملىق ئەزا

بۇ سەپەردەمەن ئى

UID
1930
يازما
599
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
19807
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 22:16:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مىكروبلوگنىڭ رولى ۋە قىممىتىنى تونۇتۇشقا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشمەن..

UID
46853
يازما
10
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-19
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 22:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرەبلوگقا قانداق ئەسەر يوللىغىلى بولسۇن‹مۇكاپات›دېگەننىڭ ئۆزىلا7ھەرىپ تۇرسا 420ھەرىپكە يۇمۇر سۆزلىسەك بۇلامدىكىن تاڭ،ياكى مەن خاتا چۈشۈنىۋالدۇممۇ،بۇبەك ياخشى پالىيەت بوپتىكەنتۇق

كۆيۈمچان ئەزا

قوينى كەڭگە-ئالە

UID
2182
يازما
88
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
3009
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 19:28:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇقچىلىقى بارلارنىڭ سىناپ ئۆز ئىقىتدارىنى جارى قىلدۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتكەن ئەلكۈيى مۇنبىرىگە تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن. ئىنشائاللاھ ھەممە ئىشىڭلار ئۇڭۇشلۇق بولسۇن !

يېڭى يۇلتۇز

ئازما يۇرەك!! ئازما

UID
47565
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 04:23:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۇيىنىڭ  بۇ قىتمقى  پائالىيىتىنىڭ  ئۇتۇقلۇق  بولىشىنى  چىن كۆڭلۇمدىن  ئۇمۇد قىلىمەن~!  ئۇلۇغ رەببىم  ئىشىڭلارنى  ئۇتۇقلۇق قىلغاي

Rank: 8Rank: 8

UID
20154
يازما
15
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-17
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 10:07:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ مىكروبلوگ ۋە ئۇنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسدا چۈشەنچىسى مۇشۇ قېتىملىق ئەلكۈيى مىكروبلوگ پائالىيىتى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى مىكروبلوگلارنى قىزغىن قوللىشىمىز ھەربىرىمىزنىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن.
ئاخىرىدا ئەلكۈيى مىكروبلوگ پائالىيىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشمەن.
مۇكاپاتلارغا كىتاب سوۋغا قىلىدىغانلىقى ماڭا بەك ياقتى ، يېقىن كەلگۈسىدە ئەلكۈيى مىكروبلوگى بىلىمخۇمارلارنىڭ ئىللىق ماكانى بولۇپ قالغۇسى!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش