كۆرۈش: 3742|ئىنكاس: 30

بىزگە زادى قانداق ئارتىسلار كېرەك     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
37030
يازما
75
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
75
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-25
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 17:49:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە قانداق ئارتىسلار كېرەك؟
                                         
مەن ‹‹جوڭگو مىللەتلىرى››ژورنىلىنغا خاسلىشىپ قېلىۋاتقان‹‹بىزگە قانداق xx لار كېرەك؟›› دېگەن يۆلنىشتىكى مۇھاكىمە تېمىسىدا ئىلگىرى‹‹بىزگە قانداق دادىلار كېرەك›› دەپ بىر پارچە ماقالە يازغان ئىدىم.2006-يىلنىڭ بېشىدا ئۆز ئالدىمغا بەلگىلىگەن مۇھاكىمە تېمامنىڭ ئىزچىللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ قېتىم ‹‹بىزگە قانداق ئارتىسلار كېرەك››دېگەن تېمىدا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇشنى نىيەت قىلدىم .
  مەن 2006-يىلى پىلانلىق ھەم باسقۇچلۇق ھالدا دەسلەپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 50-يۈرۈش قانىلىنىڭ ‹‹مەدىنىيەت بوستانى››مەخسۇس پىروگىراممىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹زىيالىيلارنىڭ بۇرچى››توغۇرسىدىكى سۆھبەتتە ‹‹زىيالىيلار قاتمىلى بىلەن سەرخىل قاتلىمى بىر مىللەتنىڭ پاراسەت تىپلىق كىشىلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمىئيەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئوينايدىغان رولى ، نەغمە-ناۋانى كەسىپ قىلغان ماھارەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ رولىدىن ئالاھىدە مۇھىم بولغانلىقىنى،شۇڭا ئاۋام ماھارەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ ماھارەتلىرىگە مەپتۇن بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەي،جەمئيەتتىكى ئىدىيەۋىي پىكىر ئېقىمنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىش ياسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان زىيالىلار قاتلىمى بىلەن سەرخىللار قاتلىمىنىڭ تەپەككۇر ئۇچقۇنلىرىغىمۇ يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈش زۆرۈللىكى››ھەققىدىكى قارشىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم . ئارقىدىن ئەتىيازدا ‹‹ئىلى دەرياسى››ژورنىلىنىڭ شۇ يىللىق 3-سانىدا داڭلىق ئۇسۇل رىژىسسورى كۆرەش رەجەپنىڭ سۆھبەت جەريانىدا ئىپادىلىگەن قارشىغا قارىتا ‹‹كۆرەش رەجەپكە ئۇچۇق خەت›› ناملىق ماقالەمنى ئېلان قىلىپ ،‹‹بىر مىللەت ،نەغمە-ناۋا ،ناخشا-ئۇسۇل جەھەتتە ھەر قانچە تەرەققىي قىلسىمۇ ، مىللەتنىڭ چوڭ-كىچىك ئەزالىرى سەنئەت دىسە جېنىنى بەرگۈدەك دەرىجىدە سەنئەت مەستانىسى بولۇپ كەتسىمۇ ، بۇنداق مىللەت ئىككىنجى بىر مىللەتنىڭ نەزىرىدە رىقابەت ئوبيېكتى ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ،بۈگۈنكى رىقابەت دۇنياسىدا بىز ھازىرلاش زۆرۈر بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە رىقابەت سەھنىسىدە روبىرو تۇرالايدىغان ھاياتىي ئىقتىدار›› ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدۇم . 8-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ  ‹‹چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر››مەخسۇس پىروگراممىسىدا ‹‹نەغمە-ناۋا ۋە مىللەت ساپاسى ››تېمىسىدا رىياسەتچى ئىلنۇر ئىبراھىم بىلەن يېرىم سائەت سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ،‹‹نەغمە ناۋا ، ناخشا ئۇسۇلغا زىيادە بېرىلىش بىر مىللەتنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ، نەغمە-ناۋا،ناخشا ئۇسۇل بىزنىڭ بارلىقىمىز،ئەمما بىزنىڭ بارلىقىمىز ئەمەس!››دېگەن ئىدىيەنى شەرھلىدىم.كۈزدە‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ژورنىلىنىڭ شۇ يىللىق 5-ساندا ‹‹بىز قانداقلارچە ‹ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى› ئاتىلىپ قالدۇق›› دېگەن ماۋزۇدا يېزىلغان مۇھاكىمە ماقالەمنى ئېلان قېلىپ ، مىللى پىسخىكىمىزدىكى نەغمە-ناۋا،ناخشا ئۇسۇلغا سەۋدايىلارچە مەپتۇن بولۇپ كەتكەنلىكتەك ئەمەلىيەتنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىپ بەردىم ۋە ھەۋەس،قىزىقىشلىرىدا زامانغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان دەرىجىدە بىر تەرەپلىمىلىك كۆرۈلگەن مىللەتنىڭ ئۆمرى كوتا،بەختى قارا بولۇشتەك پاجىئەلىك تەقدىردىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردۇم . بۇ ماقالەم 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ‹‹جوڭگوغا نەزەر ››پىروگراممىسىدا دىكتور پاتىگۇل مۇھەممەتنىڭ ئىجراسىدا تۇلۇق ئاڭلىتىلدى . مەن 2006-يىلى كۆڭۈل بۆلۈپ مۇھاكىمە قىلغان تېمامنىڭ ئىزچىللىق ئىھتىياجى سەۋەبىدىن بۇ قېتىم ‹‹بىزگە قانداق ئارتىسلار كېرەك››دېگەن تېمىدىكى مۇلاھىزەمنى يېزىپ‹‹مىللىي ئۆزلۈك ئېڭى كۈچلۈك ، مىللىي كىملىكى قارشى رۇشەن، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئەلا بىلىدىغان ، سەنئەتكارغا خاس غورورغا ئىگە ئارتىسلار كېرەك››دىگەن مۇراجىئتىمنى بىلدۈرۈشكە تىرىشتىم . بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ بىزنىڭ سەنئەت ساھەمىزدە بۇ خىلدىكى ئاتىسلار يوق ، دېگەنلىك ئەمەس ، پەقەت كىم دىگەنلىك .
   ئەگەر بىز سەنئەت سېپىمىزدىكى سانى شۇنچىۋالا كۆپ ئارتىسلار قوشۇنىنىڭ سۈپەت-ساپاسى ھەققىدە پەقەت مۇلاھىزە ئېلىپ بارمىساق ، بۇ مەدىنىيەت مۇھىتىمىزدىكى نورمالسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. تەپەككۇرى سەزگۈر ، ئىجتىمائىي ئىنكاس ئىقتىدارى كۈچلۈك،ساغلام روھقا ئىگە بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئوخشىمىغان نوختىدىن كۆڭۈل بۆلۈشى ، نەزەر ئاغدۇرىشى كېرەك . بىزدە ئىلمىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىز-تەنقىدىلەرنىمۇ ‹‹چىشلەپ تارتتى›› ،‹‹زىددىيەت تېرىدى ››دەپ چۈشىنىدىغان ، سەمىمىيلىك بىلەن توغرا،ئوبيېكتىپ ،ئىلمىي،ئادىل ھالدا ماختاپ-مەھىيەلەپ مۇئەييەنلەشتۈرسىمۇ ‹‹ئادەم ئادەمنى ماختاش فېئوداللىق كونا قاراشتىن كەلگەن كېسەللىك››دەپ ئەخمىقانە ھالدا پەتىۋا ئوقۇيدىغان بىمەنە چۈشەنچە ساقلانماقتا.بۇنداق چۈشەنچە، بىر بولسا نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدىغان نادانلارنىڭ ، بىر بولسا مەسىلىلەرگە ھەقىقەت نەزىرى بىلەن قاراشقا ئاجىزلىق قىلىدىغان زەئىپ روھنىڭ مەسئۇلى ! ئىلمىي ئاڭغا ئىگە بىر تەبىيە كۆرگەن ئادەم مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلىگە ئاكىجوقا گەپلىرى بىلەن چەكلىمە قۇيۇشقا كۈچىمەي ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇھاكىمىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ يىتەرلىك ياكى يىتەرسىزلىك ئىكەنلىكىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.شۈبھىسىزكى ، ئىلىم ساھاسىدە يېتەرلىك ئاساسقا ئىگە ھەر قانداق كىشى ئۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا ھوقۇقلۇق .‹‹مىللى پىخسىكىمىزدىكى نەغمە-ناۋا،ناخشا ئۇسۇلنى زىيادە ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭغا سەۋدايىلارچە ھېرىسمەنلىك قىلىش چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك››دىگەن تۇنۇشنى بورمۇلاپ ‹‹بىزگە ناخشا ئۇسۇل كېرەك ئەمەس،دەپ ماقالە يازدى ›› دەپ چۈشىنىۋېلىش ھەم ‹‹سەنئەتنىڭ دۈشمىنى›› دەپ قالپاق كېيدۈرۈش مەسىلىگە تەپەككۇر كۆزى بىلەن قارىماي ، كەيپىيات مايىنلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ‹‹گۇمانىتار ئوقۇشلۇق››ناملىق كىتابتا ‹‹دىن،پەن،سەنئەت ئىنساننىڭ ئۇچ چوڭ روھىي تۆرۈكى، بۇ ئۈچ چوڭ تۆرۈك ئىنساننىڭ روھىدىن ئىبارەت داڭقاننى تەڭپۇڭ ھالدا كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇستەھكەم ئۈچ پۇتقا ئوخشايدۇ››دەپ چۈشەندۈرگەن .شۇڭا ئۈچ چوڭ تۆرۈكنىڭ ،ئۈچ مۇستەھكەم پۇتىنىڭ بىرى بولغان سەنئەتكە‹‹كېرەك ئەمەس››دەپ مۇئامىلە قىلىش سېپى ئۆزىدىن نادانلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ ،دەپ قارايمەن . پەن چىنلىققا ۋە ھەقىقەتكە ، دىن ئاق كۆڭۈللۈك ۋە سەمىمىيەتكە،سەنئەت گۈزەللىككە تەلپىنىدۇ . بۇ ئۈچى ئوخشاشلا ئىنسانلارنىڭ روھىي ئىنتىلىشى بولۇپ، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.پەنگە سەل قارىسا ئىنسانلارنىڭ ماددىي تەرەقىياتى توختايدۇ. دىنى ئىتقادقا  سەل قارالسا ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىن گۇمران بولىدۇ. سەنئەتكە سەل قارالسا ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسى قۇرغاقلىشىپ كىتىدۇ.ماددىي قىممەت،روھىي قىممەت ۋە مەنىۋىي قىممەت ئىنسانلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان زۆرغر نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ.سەنئەتكە بولغان سەۋدايىلارچە بولغان ھېرىسمەنلىك بولسا ئۇ باشقا گەپ ! سەنئەتنىڭ رولى ۋە قىممىتىگە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتقان بىر قەلەمكەش،ھەرگىزمۇ‹‹بىزگە قانداق ئارتىسلا كېرەك››دەپ كۆڭۈل بۆلۈپ مۇھاكىمە قىلىپ يۈرمەيدۇ. بىزگە قانداق خاراكتىردىكى سەنئەت كېرەك ،بىزگە قانداق سۈپەت-ساپادىكى ئارتىسلار كېرەك؟ دىگەن مەسىلە بىز مەڭگۈ كۆڭۈل بۆلۈشكە ، مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىللىلەرگە كىرىدۇ !
ئۇنداقتا بىزگە قانداق ئارتىسلار كېرەك ؟
1.بىزگە مىللى ئۆزلۈك ئېڭى كۈچلۈك ئارتىسلار كېرەك.

ى  قارايدىغان بولساق، جەمئيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ ھازىر دۇنيادا ھەر قايسى مىللى مەدىنىيەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۇچرىشىش ۋە سىڭىشىش تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچۈيۈپ كەتتى .مۇشۇنداق شارائىتتا تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر ياكى سانى كۆپ مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتى قار بۇراندەك يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ ئارقىدا قالغان ياكى سانى ئاز مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ رەڭگىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىۋاتىدۇ . ئەمەلىياتچىل روھقا ئىگە ھەر قانداق بىر ئادەم جەمئيەت تەرەقىياتىنىڭ بۇ يۈلىنىشىنى ئېتىراپ قىلماي قالمايدۇ.  ئەمما ،بىز بۇ خىك يۈلىنىش ئادىدا پاسسىپ ھالدا قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىسەك ، كەم-كوتىسىز بوشاڭلىق قىلغان بولىمىز . بىز ئىمكانىيەنىڭ بارىچە مىللى مەدىنىيىتىمىزنىڭ ‹‹ئىممۇنىتېت››كۈچىنى ئاشۇرۇپ،مىللى مەدىنىيىتىمىزنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تېرىشىشىمىز كېرەك. بۇنداق ‹‹ئىممۇنىتېت››كۈچى مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىنى ئاشۇرغاندىلا شەكىللىنىدۇ.مۇشۇ مەندىن ئېيتقاندا ،بېزنىڭ ئارتىسلىرىمىز مىللىي ئۆتمۈش ،مىللىي تۇرمۇش،مىللىي ئادەت،مىللىي روھ،مىللىي ئارزۇ زىمىنىغا يىلتىز تارتقان ساپ مىللىي سەنئەتنىڭ ئىجادچىلىرى ۋە ئىجراچىلىرى بولۇشى شەرەپ ۋە مۇقەددەس بۇرچ،دەپ بىلىشى لازىم . ‹‹پاتىمەنىڭ كۆڭلىكى،سەكسەن يەردە يامىقى››دىگەندەك بىزنىڭ قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ناخشا-ئۇسۇللىرىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ سەنئىتىدىن ئېلىپ كېلىنگەن پۇرۇچلاردىن ياماق سېلىنىپ ئەسلىنى بىلگىلى بولمايدىغان شاغۇت سەنئەتكە ئايلىنىپ قالماسلىكى كېرەك .بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ،لوپنۇرلۇق بىر ئاددىي پادىچىنىڭ بىپايان توغرىقلىق جاڭگالدا ئېيتقان مۇڭلۇق ناخشىسى ياۋرۇپانىڭ ھەشەمەتلىك زاللىرىدا ئۇرۇنلىغان سەلتەنەتلىك سىمفونىيەلەردىن ئەۋزەل! قەشقەرلىك قايماقچى قىزنىڭ بېشىدىكى گىلەم دوپپىسىنىڭ گۈلى ئەنگىلىيە ئەيەل پادىشاھى ئىلزابىتنىڭ بېشىدىكى شاھلىق تاجىغا قوندۇرۇلغان كۆزنى چاقنىتىدىغان بىباھا ئالماستىن ئەۋزەل ! تۇرپانلىق كارىزچى بوۋاينىڭ كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى ئاددىي ھېكايىسى كورېيەنىڭ تالاي تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن ئەۋزەل !  يۈزلىرى ئاپتاپتا قارىيىپ كەتكەن ئىللىق دېھقاننىڭ بىنەمدىكى سوغۇق قارا تاشنىڭ ئۈستىدە ئاچچىق موخوركىسىنى شوراپ ئولتۇرۇپ ،ئۇپۇققا پېتىۋاتقان كەچكى قوياشنىڭ ئاداققى نۇرلىرىغا ئۇزاقتىن-ئۇزاق تىكىپ تۇرغان ئويچان ھالىتى رودىننىڭ دۇنياغا مەشھۇر ‹‹مۇتەپەككۇر››دىگەن ھەيكىلىنىڭ ئوبرازىدىن ئەۋزەل !
  بىز دەۋەتقان ‹‹ئىممۇنىتېت››كۈچى دەل مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ مىللىي مىراسلىرىنى كۆز قارانچۇقىدەك قەدىرلەيدىغان قايناپ تۇرغان مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىدىن كىلىدۇ . ئەگەر خىلمۇ-خىل مەدىنىيەتلەر تىنىمسىز زەرەت تارتىپ تۇرۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا ئارتىسلىرىمىزدا تەرۋەنمەس مىللىي ئۆزلۈك ئېڭى شەكىللەنمەيدىكەن، لاتىن ئۇسسۇلى بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسىلىغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى نۇقۇل ھالدا باشقىلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدىغان ئەھۋال ئۇمۇملىشىپ كىتىدۇ .ئاقىۋەتتە ، خەقلەرنىڭ مودا بۇلۇۋاتقان ناخشا-ئۇسۇللىرى بىزنىڭ ئېڭىمىزدا سەنئەتنىڭ ئالىي نەمۇنىسى بولۇپ قالىدۇ . مىللىي مەدىنىيىتىمىزنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشى مانا مۇشۇنداق پىسخىكىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن تەڭلا باشلىنىدۇ . بۇنداق ئەخۋالدا باشقىلارنىڭ سەنئىتى كۆزىمىزگە نۇرانە كۆرۈنۈپ ، ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتى خۇنۈك كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئاقىۋەتتە ھەر كىم ھېلى ئىرېلاندىيەنىڭ ، ھېلى ئىسپانىيەنىڭ ، ھېلى ھىندىستاننىڭ ، ھېلى ئۆزبىكىستاننىڭ …… سەنئىتىدىن بىر-ئىككىدىن ‹‹ياماق›› ئېلىپ كىلىپ مىللىي سەنئىتىمىزگە ئۆز خاھىشى بويىچە ياماق سېلىپ ئۇنى ‹‹پاتىمەنىڭ كۆڭلىكى››گە ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ.شۇڭا، بىز ئارتىسلىرىمىزغا ھەر قانداق ئەھۋالدا مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىنى بوشاشماي كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز . مىللىي ئۆزلۈك ئېڭى ئاجىزلايدىكەن، مىللىي مەدىنىيەتنىڭ رەڭگى ئۆڭۈشكە باشلايدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇنكى ،بۈگۈنكى دۇنيادا مىللىي مەدىنىيەتلەر شىددەت بىلەن قۇشۇلۇۋاتقان ،بىر-بىرىنى زەرەتلەۋەتقان بولسىمۇ بولسىمۇ،ئەمما زامانىۋى ئىنسانلار يەنىلا رەڭگى ئۆڭمىگەن،خاسلىقىنى يۇقاتمىغان ساپ مىللىي مەدىنىيەتلەرنى كۆرۈشنى،ئۇنىڭدىن زوقلىنىشنى ،ئىلھام ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
2. بىزگە مىللىي كىملىك قارىشى  روشەن ئارتىسلار  كېرەك .

  مىلللىي كىملىك مەسىلىسى بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانماقتا . بىزنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەيىمىز قايسى،ئىرقىي ئالاھىدىلىكىمىز نېمە ، ئانا يۇرتىمىز قەيەر،تېلىمىز،دىنىمىز،ئەخلاقىمىز، گۈزەللىك تۇيغىمىز قانداق ؟ دىگەن ئۇقۇملار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش ۋە ئۇنى چوڭقۇر چۈشىنىش بىزنىڭ مىللىي كىملىك ھەققىدىكى تۇنۇشىمىزنى روشەنلەشتۈرىدۇ . بۇ جەھەتتىكى تۇنۇشى روشەنلەشكەن بىر ئادەمدە ئالىي مىللىي غايە تەبىئىي ھالدا شەكىللىنىدۇ . بۇنداق كىشى كىم ئۈچۈن،نىمە ئۈچۈن، قانداق شەكىلدە ياشىشى كېرەكلىكىنى ناھايتى ئېنىق بىلىدۇ.شۇڭا ،بىز مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئورتاق بولغان ئالىي مىللىي غايىگە ئىگە كىشىنىڭ مىللىي ئەقىدىسى ئىنتايىن ساپ ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، مىللىي كىملىك ھەققىدىكى تۇنۇشى مۇجمەل بولغان بىر ئادەمگە بۇنداق ئېسىل روھىي سۈپەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس !
  مەن بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مىللىي كىملىكىمىز ھەققىدىكى تونۇشىنىڭ دەۋر تەقەززا قىلىۋاتقان دەرىجىدە ئەتراپلىق ۋە روشەن ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايمەن. ئۇلارنىڭ سەھنە-ئىكرانلىرىدىكى،سورۇن-سۆھبەتلىرىدىكى سۆز-بايانلىرىدىن ،كۆپىنچىسىگە بۇ جەھەتتە گۇمان بىلەن قارىماسلىققا ئامالىمىز يوق. ئىسىمىزدە بولسۇنكى،سەھنە ۋە ئىكرانلاردا بادام دوپپىنى كىيىپ بىلىنى باغلىغان،ئەتلەس كۆڭلەكنى كىيىپ لەپەر ئوينىغان ھالدا كۈرۈنگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا،‹‹خەلقىمگە رەھمەت››دەپ ياغلىما ئېغىزلىق قىلىپ مىللەت،خەلىق ھەققىدە ھاياجانلىنىپ بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويغان كىشىدىلا مىللىي كىملىق ھەققىدىكى تۇنۇش بىر مۇكەممەل چۈشەنچە ،ھەرگىزمۇ ىۇرۇق ھاياجان ئەمەس بەلكى شەكلەن قىياپات ئەمەس !
  مەن ئارتىسلىرىمىزنىڭ مىللىي كىملىك ھەققىدىكى تۇنۇشىنى شەكىللەردۈرۈشكە يېتەرلىك زېھىن ۋە ۋاقىت ئاجىرتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.سېستىمىلىق ئىزدەنمىگەن ۋە تەربىيەلەنمىگەن ئەھۋالدا بۇ خىل تۇنۇشنىڭ ئەتراپلىق ۋە روشەن ھالدا شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس ،بۇنداق زۆرۈر تۇنۇش شەكىللەنمىگەن ئارتىس سەھنىدە يۈگۈرۈپ يۈرگەن‹‹بەدىئىي قورچاق››تىن باشقا نەرسە ئەمەس .
3. بىزگە كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى ئەلا بىلىدىغان ئارتىسلار كېرەك.

  شۈبھىسىزكى ، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ئىنساننىڭ شەخسىيىتى نوختىسىدىن ئېيتقاندا، ئەڭ ئالىي بايلىق. .ۇ ھاياتتىنمۇ مۇھىم. ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىش ساپاسى ئەڭ تۈۋەن ئادەملەرنىڭ ئادىتى. كىشىنى ئۆكۈندۈرىدىغىنى شۇكى، ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە سەل قاراش بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك دىگۈدەك ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ئەمەس. گەپ ئارتىسلىرىمىز ئۈستىدە كېلىۋاتقان بولغاچقا، مەن ئارتىسلىرىمىز ئارىسىدا بۇ جەھەتتە كۆرۈلگەن تىپنىڭ مىسال ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ قەدىر قىممەت ئېڭىنى تېخىمۇ ئويغىتىشنى مەقسەت قىلدىم .
كۈنىمىزدىكى داڭلىق يازغۇچى دېڭ گاڭنىڭ بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى يېزىپ ئېلان قىلغان ‹‹يىراق شەرىقتە كۆرگەنلىرىم››ناملىق ئەدىبىي ئاخباراتىدا كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مۇنداق بىر تەپسىلات سۆزلەنگەن .ئاپتۇر 1990-يىللارنىڭ بېشىدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن سىياسىي يەر تەرۋەشتىن كېيىن مۇستەقىل بولغان رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قىلغان-يىرھك شەرق رايۇنىدىكى ساياھىتى جەريانىدا كۆرگەن ، ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلىپ كېلىپ خاربىندىكى بىر كىچىك بەزمىخانىدا كۆرگەن ئەھۋالنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ.ئاپتۇرنىڭ يېزىشىچە، بەزمىخانىدا جوڭگۇلۇق قىزلار بىلەن جوڭگۇغا يول تاپقىلى كەلگەن رۇسىيەلىك قىزلار مودا ناخشىلارنى ئېيتىپ ۋە خىلمۇخىل ئۇسۇللارنى ئويناپ خاربىنلىق بايۋەتچىلەرنىڭ ئەس-ھۇشىنى رام قىلىۋالىدۇ . بۇ بايۋەتچىلەر سېرىق چاچلىرى يالتىراپ تۇرىدىغان بۇ رۇسىيەلىك سايىپجامال نازىنلارنىڭ يېرىم يالىڭاچ بەدەنلىرىگە مەپتۇن بولۇپ ۋە ئىشقىۋاز قىلىقلىرىغا مەست بولۇشۇپ خۇدىنى يۇقىتىدۇ. ھاياجانلانغان بايۋەتچىلەر بۇ قىزلارغا بەس-بەستە گۈل سوۋغا قىلىشىدۇ.ئەجەبلىنەرلىكى ،رۇس قىزلىرى ئۆزلىرىگە تۇتۇلغان گۈللەرنى پوكەيگە ئاپىرىپ پۇلغا تىگىشمەيدۇ. جوڭگۇلۇق قىزلار بولسا پۇلغا تېگىشىۋېتىپ چىقىپ كىتىدۇ. ئاپتۇر پوكەيدىكى خېنىمدىن سەۋەبىنى سورىغاندا ،ئۇ خېنىم ‹‹روس قىزلىرىنىڭ خەق سوۋغا قىلغان گۈللەرنى چامادانغا سېلىپ ئۆز ئېلىگە ئېلىپ كىتىدۇ››غاننلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ‹‹بۇ گۈللەرنىڭ بىر نەچچە كۈندىلا قۇرۇق چۆپكە ئوخشاش قۇرۇپ كىتىشىگە قارىماي ،ئۇلار يەنە گۆھەردەك ئەتىۋارلاپ ساقلايدىكەن››دەپ قۇشۇمچە قىلىدۇ. ئاپتۇر جۇڭگۇلۇق قىزلار بىلەن رۇسىيەلىك قىزلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەقدىم قىلىنغان گۈللەرگە تۇتقان پەرقلىق پوزۇتسىيەسىدىن ئىككى مىللەتنىڭ مەدىنىيەت قاتلىمىنى ۋە گۇمانىتار روھىنى كۆرۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ . ئاپتۇر گېزى كەلسە ئىپپەت سودىسى قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدىغان ئاشۇ رۇسىيەلىك قىزلارنىڭ ۋۇجۇدىدا چاقنىغان ئۆزىنى قەدىرلەش روھىنىڭ ئۇچقۇنىدىن قاتتىق تەسىرلىنىدۇ.
تەقدىم قىلىنغان كۆڭۈلنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان . بىز ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۈل سوۋغا قىلدى دىگەنلىك ، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى قىلدى ،دېگەنلىك. ئادەم دوست،قېرىنداش دەپ بىلىپ ھۆرمەت قىلدى،دىگەنلىك .بىر ئادەم سىزگە مانا مۇشۇنداق ھېسسىياتتا گۈل تەقدىم قىلسا سۆيۈنمەي تۇرالامسىز ؟ ئەگەر نورمال كىشىلىك قەدىر-قىممەت تۇيغۇڭىز بولسىلا چۇقۇم سۆيۈنىسىز . بۇ خىل قىممەتلىك كۆڭۈلنى قەدىرلەيسىز ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىسىز . ئەگەر ئۆزىڭىزگە سوۋغا قىلىنغان گۈلگە ئاچ كۆزلۈك بىلەن باشقىچە مۇئامىلە قىلسىڭىز دەل ئۆزىڭىزنى قەدىرلىمىگەن بولىسىز . خەق سىزنى قەدىرلەپ گۈل سوۋغا قىلسا ،سىز ئۇ گۈلنى پۇلغا تېگىشىۋەتسىڭىز ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزگەن بولىسىز . ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ،ئۆزىڭىزنى قەدىرلىمىگەن ھەم خەقنى ھۆرمەت قىلمىغان بولىسىز !
  ئەمدى بىز سەھنىگە چىقسىلا‹‹ئەزىز خەلقىم››‹‹قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم››دەپ گەپ باشلايدىغان بىر كاززاپ ئارتىسىمىزنىڭ گۈلگە مۇناسىۋەتلىك قىلمىشىغا قاراپ باقايلى : بىزنىڭ خېلىلا نامى بار بۇ ئارتىسىمىز ئۆزىنىڭ سەنئەت كىچىلىكىنى ئۆتكۈزۈپ ،ئايلىنىپ جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىر ناھىيەگە بارغاندا،ئاق-كۆڭۈل خەلقىمىز ئۇنىڭغا بولغان تىلەك ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ ئۇيۇن جەريانىدا ئۇنىڭغا بىر نەچچە دەستە گۈل سوۋغا قىلغان. ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى بىلەن ئەسلا ھېسابلاشمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۋالغان بۇ مەنپەئەتپەرەس ئارتىسىمىز، ئويلىمىغان يەردىن پۇلنى دەپ ئۆزىگە سوۋغا قىلىنغان گۈللەرگە سەھنىنىڭ ئارقىسى بىلەن تۆۋەنگە ئېلىپ چۈشۈپ تاماشىبىنلارغا سېتىشقا ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ ئىش تەكرارلىنىىش جەريانىدا سېزىلىپ قېلىپ ، بۇ ئارتىسىمىز گۈل ئورنىغا چالما-كىسەككە دۇچار بولغان . دېمەك، ئاق-كۆڭۈل تاماشىبىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەخمەق قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئارتىسنى تۈكۈرۈپ تاشلىۋەتكەن . ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئەلا بىلىش ئادىتى يوق ئاخىرقى ھېسابتا مانا مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ. بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن بىر ئىبرەت !
  شۇڭا،بىزگە كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئەلا بىلىدىغان ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ماددىي مەنپەئەتلەردىن ئىككىلەنمەي ۋاز كېچەلەيدىغان، نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك ئارتىسلار كېرەك، دەپ ئېيتىمىز. ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى ئېتراپ قىلىش كېرەككى ،ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن قىلچە يول قويماي كۆرەش قىلىپ ،بەدەل تۆلەپ كىشىلەرنى سۆيۈندۈرگەن ئارتىسلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس . ئەمما، پايدا-مەنپەئەت،ئۇنۋان-مەنسەپ ئالدىدا ئۆزىنى خار قىلىپ نامى بۇلغىنىپ كەتكەن ،سەھنە-ئىكرانلاردا ئايالچە ياسىنىپ قىلمىغىنى قالمايۋاتقان داپ يۈز ئارتىسلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس . ئېسىمىزدە بولسۇنكى ، ئارتىسلىرىمىزدا ئالقىش ياڭرىتىپ تۇرغان خەلقىمىز ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۇلارنىڭ نۇرانە ئوبرازىنى كۆرۈشنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ. خەلقنىڭ ئالدىدا نۇرانە ئوبرازى بىلەن پەيدا بولالايدىغان ئارتىسلار ،شۈبھىسىزكى ، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋىجدانلىق ئارتىسلار ئارىسىدىن چىقىدۇ !
4.بىزگە سەنئەتكارلارغا خاس غۇرۇرغا ئىگە ئارتىسلار كېرەك .

مېنىڭچە ،ھازىر خېلى نۇرغۇن ئارتىسلىرىمىزدا سەنئەتكارغا خاس غورۇر تېخى يىتەرلىك ئەمەس . سەنئەتكارلاردا كۈچلۈك كەسپىي غۇرۇر بولمىسا، ئۇ خىلمۇخىل مۇددىئادىكى كىشىلەرنىڭ قولىدىكى قورچاققا ئايلىنىپ قالىدۇ . سورۇن-سورۇنلاردا سورۇن بېزىكى سۈپىتىدە ئولتۇرۇپ قېلىۋاتقان بەزى ئارتىسلارنى كۆرگەن چېغىمدا ئىچ-ئىچىمدىن ئۆكۈنۈپ كېتىمەن . سەنئەت ساھاسىدە بىتخوۋېننىڭ سەنئەتكارغا خاس ھەققىدىكى ھېكايە 200يىلدىن بۇيان تەرەپلىنىپ كەلمەكتە . بىر كۈنى بىتخوۋېن مەشھۇر ئەدىب گىيوتې بىلەن يولدا سەيلە قىلغان پاراڭلىشىپ كېتىۋاتسا،ئالدى تەرەپتىن كىنەز ۋە ئۇنىڭ شاھزادىلىرى كېلىپ قاپتۇ. ئۇلار بىتخوۋېن بىلەن گىيوتېنىڭ مەشھۇر نامىنى ئاڭلىغان بولغاچقا، ئۇلارنى تۇنۇپ ھۆرمەتلەپ يول بېرىپتۇ . بۇ چاغدا بىتخوۋېن ئۇلارنى پىسەنتىگە ئالماي شىرنىڭكىدەك ھەيۋەتلىك بېشىنى كۆتۈرۈپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ يولىغا مېڭىۋېرىپتۇ . بىتخوۋېننىڭ ھەركىتى قارىماققا سەل ئاشۇرۋەتكەنلىك ھېسابلانسىمۇ ، ئەمما كىنەز، شاھزادىلەرگە ئۇچراپ قالغاندا قۇللارچە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرغان ياكى ھاياجالانغاندىن يۈگۈرۈپ بېرىپ قوللىرىنى مەھكەم سىقىپ،قۇرت يېگەن ئېزىق چىشلىرىدىن تارتىپ كۆرسىتىپ كالچىراپ كۈلۈپ كۆرۈشىدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن مىڭ ئارتۇق. بىتخوۋېننىڭ سەتئەتكارلارغا خاس بۇنداق مەغۇرانە غۇرۇرىدىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
2006-يىلى ئەتىيازدا ئامېركا زۇڭتۇڭى كىچىك بوش ھىندىستانغا زىيارەتكە كەلگەندە، ھېندىستان زۇڭتۇڭى ئابدۇل كالام بىلەن زۇڭلىسى ماممۇخان سىنىگ ئۇنىڭ شەرىپىگە كاتتا زىياپەت ھازىرلاپ، زىياپەتكە ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك داڭلىق كىنو چولپىنى ،‹‹دۇنيا گۈزىلى››دەپ نام ئالغان ئاشۋارىياراينى بوش زۇڭتۇڭغا ھەمراھ بولۇپ زىياپەتكە قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تەكلىپنامە ئەۋەتكەن. سەنئەتكارغا خاس غۇرۇرغا ئىگە بۇ گۈزەل ئارتىس ھېچ ئىككىلەنمەستىن ‹‹ۋاقتىم يوق››دەپ تەكلىپ نامىنى قايتۇرۋەتكەن . ھىندىستاننىڭ ئاخپارات ۋاستىلىرى ئادەمنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك بۇ مەغرۇر پوزىتسىيەنى بەس-بەستە تەشۋىق قىلىشقان . مەن ئويلاپ قالدىم : ئەگەر ئاشۇ سورۇندا بىزنىڭ بىر قىسىم داڭلىق ئارتىسلىرىمىز تەكلىپ قىلىنغان بولسا ، ئەھۋال قانداق بولۇشى مۇمكىن ؟ ئۇلار تەكلىپنى قولغا ئېلىپلا قەشقەرنىڭ چىمەن دوپپىسىدىن بىرنى سوۋغات ئۈچۈن سومكىسىغا قاتلاپ سېلىپ ئالدى-كەينىگە قارىماي دەرھال يولغا چىقارمۇ ياكى بوشنىڭ سىياسىي ئىتىقادىنىڭ بىزگە نىسبەتەن دوستلۇق ياكى دۈشمەنلىك خاراكتىرى بار-يوقلىقىنى ھېسابقا ئېلىپ ، ئويلىنىپ ئاندىن بېرىش-بارماسلىقنى بەلگىلەرمۇ ؟

2006-يىلى 12-دېكابىر ، ئۈرۈمچى ئاپتورى يالقۇن رۇزى

ئىزاھات:   ئەسەرنى كومپيۇتېر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ يازغان جاپايىمغا چۈشلۈق ، ھېچقانداق بىر مۇنبەرگەچاپلىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .  بۇ ئەسەر  ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن باشقا ھەر قانداق مۇنبەرگە تەۋە ئەمەس !!!   

قېنى دوستلار ھەممىمىز مۇنازىرە قىلىپ باقايلى .  ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغان چۈشەنچىلىرىنى دەپ باقساق !        

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
113
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3047
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-21
توردا
67 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 18:43:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇپتىكەنمەن...............ئېسىل تېمىلارنىڭ ھامان چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى،ۋاقتى ئۆتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىم....
ئاشىۋارىيا رايغا مۇناسىۋەتلىك ئاۋۇ ئۇچۇرنى مەنمۇ كۆرگەن....ئەگەر جوڭگودا بولغان بولسا،ئۇ ئارتىس چوقۇم قايتا سەھنىدە كۆرۈنمەي قالاتتى دە...

كۆيۈمچان ئەزا

ئى ئاللا بىزنى ت

UID
2656
يازما
129
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4329
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-21
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 19:08:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىسىل تىمىكەن.ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي.تىمى يوللىغۇچىنى مەن تىخى يالقۇن روزىنىڭ ئۆزىمىكىن دەپ قاپتىمەن.

UID
12511
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2011-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 23:44:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئارتىسلارغا قارىغان  تورلاردا ئادەمنى غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىتالايدىغان ماقالىلەرنى  توختىماي ئەۋەتىپ تۇرىدىغان  كىشىلەر كېرەك ! ياق  ئارتىسلاردىن ئايرىلىش ئانا تىلدىن ئايرىلىشتىنمۇ يامان دەپ قارىسىڭىز  ماڭا ئاق تاماكا چېكىپ ياشلارنىڭ ئاق تاماكا  چېكىش قىزغىنلىقىنى  قوزغايدىغان ! ھاراق ئىچىپ  غاپىللىقنى چىللايدىغان زىنا قىلىپ زۇلۇمنى چىللايدىغان  مەيدىسى بىلەن يوتىسىنى ئېچىپ شەيتاننى چىللايدىغان ئارتىسلار  ئەمەس ! خۇلقى مىجەزىدىن كىشىلەرگە ياخشى ئۈلگە ئېلىپ كېلىدىغان ئارتىسلار كېرەك!  
ئىچكىر ئۆلكىلەردە بىر بىرىنى تىللىمەقچى بولسا پالانى تۇققىنىڭ جوڭگو كوماندىسىدا توپ تېپىدىكەنغۇ دېيىش ئارقىلىق جوڭگو كوماندىسىدىلەرنىڭ خەلىقنىڭ نەزىرىدىن قانچىلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم ! راس بولسۇن يالغان بولسۇن ياخشى گېپىدىن يامان گېپى كۆپرەك ئېقىپ تۇرىۋاتقان ئارتىسلىرىمىزنىڭ  كۆپلىكىدە بىزدىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ‹‹ ۋۇي ئارتىس!.......... سېنىڭ  ئاپاڭ ئارتىس .! .............سېنىڭ داداڭ ئارتىس ! ....  ئىلاھىم ماڭا قىلغانلىرىڭغا ئارتىس بولۇپ كېتەسەن ››  دېگەندەك  يېڭى سۆزلەرنىڭ چىقماسلىقىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ !  

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-28 00:17):
يىغىپ كەلگەندە بىزگە ئىلىم پەن كۆكىدە چاقنىغان ئارتىسلار كېرەك!

UID
14849
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
210
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-20
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 23:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتىس يوق بولسىمۇ مەيلى جۇمۇ ،
ھەممىدىن جەمىيتىمىزگە كىشىلىك ئەخلاق ساپاسى ھەم مەدەنىيەت سەۋىيسى يۇقىرى ، ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەر كىرەك

UID
47416
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 11:38:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە ئۆزىنىڭ ئىجتىمايى ئورنىدىن پايدىلنىپ ، پۇل تېپىشنى ۋاستە قىلىپ توختىماي ئېلانغا چىقدىغان ،ئۆزى بىر مو يەردىن قانچىلىك ھۇسۇل ئالدىغاننى بىلمەي تۇرۇپ ئاغىزدىن بوز كۈيۈك چاچرىتىپ تۇرۇپ مۇشۇ ئۇغۇت بەك ياخشى ئىشلەتسىڭىز بېيىپ كىتسىز دەپ دېھقانلارنى ئالدايدىغان ، ئۆزىنىڭ ئوينىغان ئىتوتىنىڭ ، ئېيىتقان ناخشىسىنىڭ جەميەتتە قانچىلىك سەلبى تەسىر قوزغىغانلىقىنى ئويلاشمايدىغان لاۋزا ئارتىسلار كېرەك ئەمەس .

UID
44014
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 13:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرمىگىلى خېلى بىر مەزگىل بوپتىكەن،،ئەلكۈيىدىكى تىمىلار سەرخىلغۇ،،،،

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى بىزلەرگە خەلىققە ئىجابىي تەسىر بىرەلەيدىغان ئارتىسلار كېرەك.

UID
18785
يازما
51
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-22
توردا
138 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 15:41:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما. بىزگە ھەقىقەتەن كىملىك قارىشى ئېنىق،بۇرچ ۋە مەسۇليىتىنى تونۇپ يەتكەن ئارتىسلار كېرەك.

UID
5242
يازما
92
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1892
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 16:28:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولسا بىزگە بەش ناخشىچى 10 ئېتوتچى،20 سازچى يېتىدۇ.  ناخشىچىمەن دەپ سەھنىگە چىقىۋېلىپ ۋايجــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــان! كۈيۈپ قالدىم. ۋەييەي ئۆلــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەپ كىتىمەن! دەپ چىڭقىلىپ كەتكەنلەرنىڭ كاسسىغا تەپكىم كېلىدۇ.

UID
44618
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 17:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى ئۆزى ئەلكۈيگە كىرگەن ئوىشايدۇ دەپتىمەن . بۇ 2006-يىلنىڭ ماقالسىكەن ئەگەر ھازىر مۇشۇ ماقالنى باشقا مۇنبەرگە يوللايدىغان بوسىڭىزلار ھاي-ھاي مىللەتنىڭ كەمچىللىكىنلام يازامسەن .... ئىشقىلىپ دىمىگەن گەپلىرى قالمايدۇ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش