تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 428|ئىنكاس: 7

شەھەر ۋە دوست [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
37030
يازما
54
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەھەر ۋە دوست

راس بولغان ۋەقەلىك

ئۆز يۇرۇمدىن نىمە دەپ چىقتىم ؟ بۇ شەھەر ماڭا نىمىلەرنى بەردى ؟ بۇلارنى ئويلاپ ئاخىرغا چىقالمايمەن . لېكىن يىقىندىن بىرى خوجايىننىڭ مىنىڭ ئىش ھەركىتىمگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشلىرى ، شۇنداقلا مىنى ياخشى ئىشلەشكە ، ھۈنەرنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئۆگۈنۈشكە دەۋەت قىلىشلىرى كاللامنى خېلىلا سەگىتىپ قۇياتتى . ‹‹مەمەتنىياز سەن تېخى ياش ،كاللاڭمۇ باشقا بالىلارغا قارىغاندا بەكرەك ئىشلەيدۇ . ئىش ھەققىڭ تۈۋەنراق بولسىمۇ ،قورسۇقۇڭ ئاچ ئۈستىبېشىڭ يالىڭاچ قالمىدى . ئادەم ئارزۇسىغا يىتىمەن دەيدىكەن ، جاپا-مۇشاقەتتىن ، قۇربان بىرىشتىن قورقماسلىقى لازىم ››دەپ ھەر ۋاقىت ماڭا تەلىم بېرەتتى .
ئانامغا چوڭچىلىق قىلغان قاسىم دىگەن ئاشۇ سولتەكنىڭ ئاشخانىسىنى زىمىنى بىلەن سېتىۋېلىش ! شۇڭا بۇ شەھەرگە كىرىپلا ئاشخانىغا ئىشلىگىلى كىرگەن ئىدىم .
بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئويگە تېلىفۇن قىلدىم ،تېلىفۇننى ئانام ئالدى :
ــ قانداق تۇردۇڭ جېنىم بالام ؟ كۆزۇمدىن ئۇشتۇڭغۇ جېگرىم ......ــ دەپ يىغلام كەتتى . مىنىڭمۇ كۆڭلۈم بۇزىلدى ،يىغلىماي دىسەممۇ ئاۋازىم بۇغۇلۇپ ئىسسىق ياشلار مەڭزىمنى ئېغىزىمغا ئېقىپ كىردى .
ــ ياخشى تۇرۋاتىمەن ئانا ئەنسىرمەڭ ...
ــ قاچان قايتىپ كىلىسەن ئۇماق بالام ؟
ــ ئۇزۇنغا بارماي قايتىپ بارىمەن ، ھۈنەرنى ئۈگۈنۈپ بۇلاي دېدىم . قانداق تۇرۋاتىسىز ئانا ؟ دادامچۇ ؟
ــ بىزدىن ئەنسىرمە بالام شۇ .... سىنى كۆرگۈمىز كىلىپ ....
ئانامغا گەپ قىلىپ ھارمايتىم ، ئۇنى بۇنى سۇراپ كۆڭلىنى كۆتۈرۋەتتىم . شۇنداقتىمۇ ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشمىدىم .
مەن ئاشخانىغا كەلگىلى بىر يىل بۇلۇپ قالاي دېدى . بىر يىل جەريان ئىچىدە قاچا يۇيۇشنى ، ئاشخانا تازىلاشنى ، تاماق تۇسۇشنى ئۈگەندىم . خېمىر كىسىشنى ئوغۇرلۇقچە ئۈگۈنىۋاتىمەن . سەي قورىغانلارنىڭ يېنىغا كىلىپ ئازراقلا تۇرسام ئۇلار مىنى تىللايتى ،لېكىن مەن كۈلۈپ قۇيۇپ ئۆز ئىشىمنى قىلىۋىرەتتىم .
ئۇلار مىنى ھەر ۋاقىت ‹‹ ئىش كۆرمىگەن سەھرالىق ›› دەپ تىللايتى . لېكىن مەن ئۇلاردەك تاماكا چىكىشنى ، قىزلار بىلەن ئارلىشىپ ئۈتۈشنى ، ھاراق ئىچىشنى ، ئىش ھەققىنى ئالغان ھامان قىمار ئويناشنى بىلمەيتتىم .
مەن ئىككى ھەپتىدە بىر جۈمە دەم ئالاتتىم دەم ئالغان كۈنلىرىم كىر قاتلىرىمنى يۇيۋالاتتىم ، بازارغا چىقاتتىم ، مۇنچىغا باراتتىم . بازار ئايلىنىۋاتقان ۋاقتىمدا مەن بىلەن بىر يېزىلىق توختى دىگەن بۇرادەر مىنى توۋلىدى :
ــ مەمەتنىياز  ؟  ۋوي مەمەتنىياز .......  مەن بۇ يەردە !  توختى شەھەردە مۇزدوزچىلىق قىلاتتى .
مەن توختىنىڭ يېنىغا باردىم .
ــ نەگە ماڭدىڭ ئاداش ؟__ دىدې توختى .
_ مۇنچىغا !
ــ كەل ،ئايىغىڭنى مايلىۋاتاي ، قاسماقلىشىپ كىتىپتۇ .
مەن توختىغا ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلمايلا ئۇنىڭ ئۇرۇندىقىغا ئۆزۇمنى تاشلىدىم .
ــ تاپاۋىتىڭ قانداقراق ئاداش – دېدىم مەن . ( مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يېزىدىن ئىدىم دەم ئالغان ۋاقىتلىرىمدا ئاساسلىقى توختى بىلەن بىللە ئۆتكۈزەتتىم )
ــ بۇلىدۇ ئىشقىلىپ ، خۇداغا شۇكرى !
ــ چۈشتىن كىيىن بازار ئايلىنىپ كەلمەيلىما ؟
_مەيلى ! ئەمسە مەن بىر ئاز بازار قىلىىۋالاي .
ئايىغىمنى مايلاپ بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم . ئاشخانىدىكى ھۆلچىلىكتە مەينەتلىشىپ ، قورۇلۇپ سۇپىتىدىن چۈشكەن كونا ئايىغىم خېلىلا پاقىراپ قالغان ئىدى .
چۈشتىن كىيىن توختى بىلەن بازار ئايلانغىلى چىقتۇق . ئۇ بۇ شەھەرگە مەندىن بۇرۇن كىرگەن بۇلۇپ ،ئاتا-ئانىسى ئاجىرشىپ كەتكەچكە  خارلىنىپ قالغان ، ئانىسىنىڭ يېنىغا بارسا ئۆگەي دادىسى خارلاپ ، دادىسىنىڭ يېنىغا بارسا ئۆگەي ئانىسى خارلاپ پاتۇرمىغاچقا يۇرتىدىن چىقىپ بۇ شەھەرگە كىرگەن ئىدى .
ــ مەمەتنىياز نىمىشقا بىزنىڭمۇ ئاشۇنداق ئىگىز-ئىگىز ئۆيلىرىمىز بولمايدۇ ئاداش ؟
شۇ چاغدا ئالدىمىزدىكى بەخىت گۈللۈك ئولتىراق رايۇنىنىڭ 24 قەۋەتلىك بىنالىرىغا ئۈشتۇمتۇت قاراپ قالغان ئىدۇق .
ــ ئادەم ئۈستىدە ئادەم ياشايدىغان بۇ قىستاڭچىلىق ئىچىدىكى بۇنداق ئىگىز بىنالاردىن سەھرادىكى ھويلا ئاراملىق ! باغ-بارانلىق ئۆيلىرىمىز ياخشى .ــ مەن گەرچە توختىنى قايىل قىلىشنى ئويلىمىساممۇ ، لېكىن ئۇ ماڭا قاراپ مەنمۇنلۇق بىلەن لىڭىشتتى .بىز يولدا ئۇنى-بۇنى سورۇشۇپ ماڭدۇق . بىر دەمدىن كىيىن توختى :
ــ مەمەتنىياز سىنىڭ كەسگۈسىدە نىمە ئىش قىلغۇڭ بار ئاداش ؟
ــ مىنىڭ كەلگۈسىدە جىق پۇل تېپىپ قاسىم دىگەن سولتەكنىڭ ئاشخانىسىنى زىمىنى بىلەن سېتىۋېلىش ، ئاندىن كىيىن ئۇلۇغ ئاللاھىم خالىسا ئۇقۇيمەن !! ؟ سەنچۇ ؟ نىمە ئارزۇيىڭ بار ؟
ــ مىنىڭ ئارزۇيۇم بەك ئاددى - دېدى توختى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ــ سىڭلىم چوڭ بولغاندا ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇش ، مەن ئۇقىيالمىغاندىكىن سىڭلىمنى ئۇقۇتۇش مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ! ئاداش سىنىڭ ھازىرمۇ ئۇقۇغۇڭ بارمۇ ؟ _ دېدى ئۇ ماڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ تۇرۇپ .
ــ ئەلىۋەتتە ! مىنىڭ راسلا  ئۇقۇغۇم بار ، لېكىن پۇل يوق دە !
ــ ياخشىغۇ ئەمسە ، ئۇنداق بولسا مەن سىنى ئۇقۇتاي بۇلامدۇ ؟
ــ بولدى چاخچاق قىلىغىنە ئاداش ، مۇشۇ گىپىڭدىن بەك تەسىرلەندىم . گەرچە ئۇنىڭ مىنى ئوقۇتقۇدەك ھالى بولمىسىمۇ ، شۇ ۋاقىتتا ئىچ-ئىچىمدىن خوش بولۇپ كەتكەن ئىدىم .
ــ مەن نەدە ساڭا چاخچاق قىلدىم ، راس دەۋاتىمەن ! توختى بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن مەڭا قاراپ ــ سەن ئۇ ئاشخانىدا ئىشلىمەيسەن ، ئۇ يەردىن چىقىپ ئۇقۇيسەن ، كۇرۇسقا قاتنىشىپ چۈشتىن بۇرۇن ئۇقۇيسەن ،  چۈشتىن كىيىن مايلامچىلىق قىلىسەن . ئاڭلىسام كۇرۇس دىگەندە تۇلۇق دەرىس ئوقۇمايدىكەنمىش ،  شۇڭا  مۇشۇ ئۇسۇلدا ئوقىساڭ قوش نەپ ئالغىلى بولىدىكەن  ! __ توختىنىڭ گىپى باغانچە ،ئىشەنچ ، جۇشقۇن ۋە تىتىك چىقىۋاتاتتى.
ــ ھە ! مايلامچى ؟ - دېدىم مەن ھەيران بۇلۇپ .
ــ نىمە ياراتمىدىڭما ؟
ــ ئۇنداقمۇ ئەمەس ئاداش ، مايلامچىلىقنى قىلالامەنمۇ ؟
ــ بىر ئىككى كۈن مەن ساڭا ئۈگۈتىمەن ، قالغان ۋاقىتلاردا چوڭ كۇچا ئېغىزلىرىغا بېرىپ مايلامچىلىق قىلىسەن ، بىرىمىز مۇزدوز يەنە بىرىمىز مايلامچى بولساق بولمامدا ؟
ــ بولىشىغۇ بولۇدۇ ، لېكىن ساڭا قىيىنچىلىقىمنى سېلىپ قويسام قانداق بولۇدۇ ؟ سەن باي بولمىساڭ يا !
ــ بۇ گىپىڭ قاملاشمىدى ئاداش ، ئاغىنە دىگەن مۇشۇنداق ئىشقا ئەسقاتمىسا قانداق ئاغىنە دىگىلى بولسۇن .
بۇ دوستۇمنىڭ گەپلىرى ماڭا ئىنتايىن قاتتىق تەسىر قىلدى . قانداقتۇر بىر كۈچ مىنى ئۇقۇشقا زورلاۋاتاتتى .
ــ گەپ قىلە ئاداش ؟
ــ ھە ...ما...قۇۇل !
ــ‹‹ چاتاق يوق››  دىمەمسە ئۇغۇل بالىدەك ؟
ــ بولىدۇ .
ــ ھەببەللى ، ماۋۇ گىپىڭ بولىدۇ .
شۇنداق قىلىپ مەن ئاشخانىدا ئىشلىمەيدىغان بۇلۇپ قايتىپ چىقتىم . ئاندىن كىيىن ماڭا توختى ماڭا ئاياغ مايلايدىغان جاپتۇقلارنى ۋە بىرمۇنچە مايلارنى ئاتمىش يۇەنگە ئېلىپ بەردى ، ئاخىرى مىنىڭمۇ مۇستاقىل ئىگىلىكىم بار بولدى . ھېچكىمگە چاكار بۇلۇپ ئىشلىمەيتىم ، ئىشلىسەملا ئۆزۇمنىڭ يانچۇقىغا كىرەتتى .
ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى ئون سەككىز كويغا ئىشلەپتىمەن . خۇشاللىقىمدىن توختىنى بىر قاچا پولو بىلەن مېھمان قىلىۋەتتىم .
ــ مەمەتنىياز ئاداش بىز يەنە 200يۇەنگە ئىشلىۋالساق سىنىڭ ئۇقۇش ئىشىڭ ھەل بولۇدۇ ، سەن كىلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئۇقۇيسەن .
ــ رەھمەت ئاداش !
شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە بازار قىلىۋالغاندىن كىيىن مەن كۇرۇسقا قاتناشتىم . كۇرۇستا نۇرغۇن قىز-ئۇغۇللار بار ئىدى . مەن شۇلار بىلەن بىللە ئۇقۇيتتۇم . شۇنداق قىلىپ ئۇقۇشۇمنىمۇ باشلىۋالدىم . چۈشتىن بۇرۇن ئۇقۇيمەن ، چۈشتىن كىيىن بولسا مايلامچىلىق قىلىپ پۇل تاپىمەن . كۈنلۈرۈم شۇ تەرىقىدە ئۆتتى .
كۇرۇسقا قاتناشقىلىمۇ ئىككى ئاي بۇلۇپ قالاي دىگەن ئىدى . مەن سىنىپنىڭ ئالدىدا ئىدىم ، قىز-ئۇغۇللار ماڭا ھەممىسى دىگۈدەك ئامراق ئىدى . ‹‹ ھەي ئابدۇللا بۇ خەتنىڭ ئاتىلىشى نىمە دەپ ئۇقۇيدۇ ؟››دىسە يەنە بىرسى ‹‹ بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى نىمە ؟››ئىشقىلىپ مەن بىلىدىغان سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاپ بىرەتتىم . قىززىق دەيمەن ، بۇ بالىلار ئۆيلىرىگە بارسا بىكا، كۇچا ئايلىنىشقا ، بىكادىن  يولدا قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىغا ، ئۆيىگە بېرىپ ئۆگۈنۈپ قويسا ،ئ.ۇلار مەندىنمۇ ئەقىللىق بولۇپ كەتكەن بولمامتى ؟!
بىر كۈنى كۇرۇستىن قايتىپ بۇرۇنقىدەك مالامچىلىقىمنى قىلىۋەردىم . تۇساتتىن مەن بىلەن بىللە ئۇقۇيدىغان بىر قىز مىنى مىنىڭ مايلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۇپ قالدى .
ئەتىسى كۇرۇسقا بارسام مىنىڭ سۆز چۆچىكىم تارقىلىپ كىتىپتۇ . ‹‹قاراڭلار مەمەتنىياز مايلامچى ئىكەن ›› دىسە ، بەزىلىرى ‹‹ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوقكەن ›› .
لېكىن مىنىڭ ئۇنداق ئىشلار بىلەن كارىم يوق ئىدى . بىردىنلا قىزلار مەندىن قاچىدىغان بولدى دىسە ! توۋۋا قىزبالا دىگەن ئاجايىپكەن ،مىنىڭ مايلامچى ئىكەنلىكىمنى ئۇقۇپ مەندىن ئۆزىنى تارتتى . ھەمدە مىنى ھۆرمەتلىمەيدىغانمۇ  بولدى .
كۈلەر شۇتەرىقىدە ئۈتۈرۋەردى . 4ئايلىق  كۇرۇسمۇ ئاخىرى ئاخىرلاشتى . توختى بىلەن ئىككىمىز خۇشال بۇلۇشۇپ كەتتۇق !
مەن ھاياجىنىمنى باسالماي توختىغا قاراپ :
ــ سەندەك ئاغىنەمنىڭ بولغىنىدىن  خۇداغا مىڭ شۇكرى !
ـــ ئۇنداقمۇ دىمە ، ھازىر نەخ گەپكە كىلەيلى  ، ئەمدى نىمە قىلاي دەيسە ؟
ــ تەرجىمانلىق شىركەتلىرىدە ئىشلەيمىكىن دەيمە !
ــ ياخشى ئويلاپسە خۇدايىم دىگىنىڭدەك بولسۇن ئاداش .
مەن ئەتىسى خىزمەت ئىزدەپ ماڭدىم . دەرۋەقە مەن ئىشلەيدىغان بىر خىزمەت بار ئىكەن . ئۇلار  مىنىڭ سەيۋەمنى كۆرۇپلا خىزمەتكە ئۇرۇنلاشتۇردى . مەن شۇ چاغدا  ئۆزۇمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم دەپ ئۆز ئۆزۇمدىن پەخىرلەندىم .  ئانامغا تېلىفۇن قىلغۇم كىلىپ ، ئۆيگە تېلىفۇن قىلدىم :
ــ جېنىم بالام بارمۇ سەن ؟ - ئانام ئاۋازىمنى ئاڭلاپ يەنە كۆز يېشى قىلىپ كەتتى .
ــ مەن بار ئانا ئەنسىرمەڭ نەچچە كۈن بولدى تېلىفن قىلالمىدىم ، سەل ئالدىراش بوپ قالدىم .
ــ ۋاي تاتلىق بالام داداڭ ئىككىمىز بەك ئەنسىرەپ كەتتۇق ، قانداقراق ئىشلىرىڭ ؟
ــ ياخشى مەندىن ئەنسىرمەڭلار ، مەن خىزمەت تاپتىم ــ شۇ گەپنى ئانامغا  دەپ بولغۇچە يۈرۈكۈمنىڭ قانچىلىك ئېغىر سەپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن !
ــ قانداق خىزمەت تاپتىڭ بالام ؟
ــ تەرجىمانلىق شىركىتىدە ئىشلەيمەن .
ــ يا سەن سەن ئۇقىمىغان تۇرساڭ ، نەدىكى خىزمەتكەن ئۇ ؟
مەن ئانامغا ئۇقۇغانلىقىمنى دىمىگەن ئىدىم ، چۈنكى دادام ،ئاناملارغا دىسەم مىنى دەپ جاپا تارتىپ پۇل ئەۋەتىشىدىن قوققان ئىدىم .
ــ مەن ئۇقىغان ئانا مىنى دەپ سىلەرنىڭ جاپا تارتىپ قېلىشىڭلارنى خالىمىدىم ، مىنىڭمۇ مائاشىم بار  ئەمدى سىلەرنى بىر قوللۇق باقىمەن ! ــ دىيىشىمگە ئانام ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى .
ــ قاچان قايتىپ كىلىسەن بالام ؟
ــ پات ئارىغا قالماي بارىمەن ئانا ، ئەنسىرمەڭ  ،
ــ پات پات تېلىفۇن قىلىپ تۇر
ــ بۇلىدۇ !
شۇ چاغدا تېلىفۇننى قانچىلىك تەستە قويغانلىقىمنى بىلمەيمەن .
خىزمەتكە چىقىپ بىر ئاي بولغاندا مائاشىمنى ئالغىنىمدا قابچىلىك خوش بولغانلىقىمنى ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن ، توختىمۇ شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتى ، شۇ خوشاللىقىمدا توختىنى داپەنجى بىلەن مېھمان قىلىۋەتكەن ئىدىم .
ــ ئاداش ساڭا قانچىلىك رەھمەت ئېيتسام ئەرزىيدۇ جۇمۇ  ! سەن مىنى دەپ بەك جاپا تارتتىڭ !!!!
ــ ئۇنداق  گىپىڭنى قۇيە  ، خۇداغا شۇكرى سەن ئاخىرى خىزمەتچى بولدۇڭ .
ــ ئەمدى سەن نىمە قىلماقچى ئاداش ؟
ــ نىمە قىلاتتۇق بىزنىڭ قولىمىزدىن مۇزدوزچىلىقتىن ، ئاياغ مايلاشتىن يەنە نىمە ئىش قولىمىزدىن كىلىدۇ دەيسە ئاداش ! بولدى ئۇنى دىيىشمەي باشقا گەپ دىيىشەيلى !
بىز ئىككىمىز ئىنتايىن خوشال ئىدۇق . ئۇنى بۇنى دەپ ھارمايتتۇق .
بىر كۈنى خىزمەت قىلىۋاتسام ، بىر خىزمەتدېشىم :
ــ باشلىق ‹‹ ئىدارىغا بىر قوغدىغۇچى تېپىڭلار ›› دېدى دەپ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتى .
مەن خوشاللىقىمدىن باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ :
ــ باشلىق مىنىڭ بىر دوستۇم بار ، شۇ قوغدىغۇچى بولسۇن - دىيىشىمگە  باشلىق :
ــ ئۇنداق بولسا مەن سىزگە ھازىرلا روخسەت بىرەي ، دوستىڭىزنى ئەكىلىڭ بۈگۈن رەسمىيەتنى بىجىرىپ ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشسۇن !
باشلىققا رەھمەت ئېيتىپ بۇلۇپ ئۇدۇل توختىنىڭ يېنىغا باردىم . توختى بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدى ، ھەمدە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇمۇ خىزمەتكە چۈشتى .
مەن ھەر كۈنى توختى بىلەن كۆرىشەلەيدىغان بولدۇم .
بىزنىڭ بۇ يەرگە ئىشلىگىلى بىر يىل بولاي دېدى . توختى خىزمەتنى ياخشى كۆڭۇل قۇيۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ھەم بىكار ۋاقىتلىرىدا خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۈگەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇمۇ مۇشۇ شىركەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانئىدى .
بىز كۆڭۇل قۇيۇپ ئىشلەيتتۇق . ھەممە خىزمەتداشلار بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى ، ھەمدە بىزدىن پەخىرلىنەتتى . بىز باشلىقتىن بىر ئاي روخسەت سوراپ ئويگە قايتتۇق .
ــ قۇلمۇقنى كۆرمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ ھە ! دېدى توختى بىپايان كەتكەن قۇملۇققا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ .
ئىككىمىز قېن-قېىنىمىزغا پاتمىغان خوشال ھالدا  ئۆيگە قاراپ كىتىۋاتىمىز .

مەنبە : ئۆز قەلىمىم




ئىزاھات :  بۇ تېمىنى ئەلكۈيى مۇنبەردىن باشقا ھەر قانداق مۇنبەرلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ .  كۆكلەپ كەتسىمۇ مۇشۇ مۇنبەردە كۆكلەپ كەتسۇن ، سۇلۇشۇپ قۇرۇپ قالسىمۇ مۇشۇ مۇنبەردە قۇرۇپ كەتسۇن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alkuyi.com4 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 14:07  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46475
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-29
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ،ئاخىرى باردەك قىلامدۇ ھە

UID
18785
يازما
22
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
101 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى يېزىپسىز،داۋاملىق تىرشىڭ.
مۇمكىن بولسا سەل تەپسىلىيرەك يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن.


UID
11177
يازما
149
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1679
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-29
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى يېزىپسىز،داۋاملىق تىرشىڭ

UID
19136
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلار دېگەن مانا مۇشۇنداق بولسا ھە! دوسلۇقۇڭلارغا ۋە خىزمىتىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن

UID
44618
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
شۇنداق ياخشى يىزىپسىز سىزنىڭ ئاشخانىدىن چىقىپ ئوقۇشنى تاللىغىنڭىز بەك ياخشى بوپتۇ ، سىزلەردىن ھەقىقەتەن خۇرسەن بولدۇم ئاللاھ بەختىڭلارنى بەرسۇن !!!

UID
44618
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
شۇنداق ياخشى يىزىپسىز سىزنىڭ ئاشخانىدىن چىقىپ ئوقۇشنى تاللىغىنڭىز بەك ياخشى بوپتۇ ، سىزلەردىن ھەقىقەتەن خۇرسەن بولدۇم ئاللاھ بەختىڭلارنى بەرسۇن !!!

UID
45095
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلەندىم.ئالي مەكتەپتە 5 يىل بىر ياتاقتا يېتىپمۇ سىلەردەك بولالايدىغانلار ساناقلىق.كوز تەگمىسۇن.چوقوم قەدىرلەڭلار،توختاپ قالماي تىرشىڭلار،تېخىمۇ گۇزەل ئەتە سىلەرگە مەنسۇپ!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش