- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 65
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2125
- تىزىملاتقان
- 2010-5-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-19
- UID
- 2316
- يازما
- 65
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2125
- تىزىملاتقان
- 2010-5-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-19
- توردا
- 3 سائەت
|
پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىندىغان بىر پىروفېسوردىن ؛ < بەخىتنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك ؟>دەپ سورىغان ئىدىم . ئاقساقال ماڭا مۇنداق دىدى؛
- ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتلىق سەپىردە مۇنداق ئۈچ خىل ئادەمگە دۈچ كىلىدۇ؛ بىر خىلى ، مىننەتسىز، بەدەلسىز ، تەمەسىز ھالدا ساڭا غەمخورلۇق قىلدىغان، سېنى ياخشى كۆردىغان، ساڭا ياردەم قىلدىغان ئادەملەر ؛ يەنە بىر خىلى سېنى ئازاپلايدىغان ، سېنى ئالدايدىغان ، سەندىن پايدىلىندىغان ئادەملەر؛ ئۈچىنچى خىلى، سېنى ئازاپلىمايدىغان،ئالدىمايدىغان،، شۇنداقلا ساڭا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ، خالىس ياردەممۇ بەرمەيدىغان ئادەملەر.
ئاقساقال ماڭا؛< كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئويلاپ كۆر ، قەلبىڭدىكى 1-،2-،3-، خىلدىكى ئادەملەر كىملەركىن؟>دىدى. ئويلىسام دەمال ئاتا- ئانام ، قېرىنداشلىرىم ، ئايالىم ، بالىلىرىم كاللامغا كەلدى، يەنە ئويلاپ كۆرۈۋېدىم ، ئۇقۇتقۇچۇم يادىمغا كەلدى .
ئاقساقال مەندىن ؛< كۆڭلۈڭدە قايسى خىلدىكى ئادەملەرنىڭ سانى كۆپ نىسبەتنى ، قايسى خىلدىكى ئادەملەرنىڭ سانى ئاز نىسبەتنى ئىگەللەيدىكەن؟> دەپ سورىدى. مەن سالماقلىق بىلەن ھىساپلاپ كۆرۈپ ؛ < 3- خىلدىكى ئادەملەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئىكەن ، سانىنىڭ كۆپلىكىدىن ھېسابلاپمۇ بۇلالمىدىم . 1- خىلدىكى ئادەملەر 40 ئەتىراپىدا ، 2- خىلدىكى ئادەملەر تەخمىنەن 15 ئەتىراپىدا ئىكەن >دەپ جاۋاپ بەردىم . ئاقساقال بېشىنى چايقاپ ، بوش ئاۋازدا دېدى؛ 1- خلدىكى ئادەملەر ساڭا ئەڭ چوڭقۇر مۇھەبىتىنى بەرگەن ، سېنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى سەن ھېچقاچان ھېس قىلىپ يىتەلمىگەن ئادەملەردور؛ 2- خىلدىكى ئادەملەر سېنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىڭگە تۈرتكە بولغان، بىراق دائىم سەندىن ئازار يىگەن ، سەن ئۆچمەنلىك بىلەن قاررايدىغان ئادەملەردور؛ 3-خىلدىكى ئادەملەر ھاياتلىق مۇساپەڭدە كەم بولسا بولمايدىغان، ناتۇنۇش ياكى سەن پىششىق تۇنمايدىغان ئادەملەردور. ئېھتىمال ئۇلار ئىچىدە ھايات مۇساپەڭنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بۇلدىغىنى 1- خىلدىكى ئادەملەر ۋە ياكى 2- خىلدىكى ئادەملەر بۇلۇشىمۇ مۇمكىن . بۇ يەنىلا ئۆز تىرىشچانلىقىڭغا باغلىق...>
< بالام شۇنى ئىسىڭدە مەھكەم تۇتقىن ؛ 1- خىلدىكى ئادەملەرنىڭ قەلبىڭدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئۆزلىكسىز ئىشىپ، ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يىتىشى بىلەن ، 2- خىلدىكى ئادەملەرنىڭ قەلبىڭدە ئىگلەيدىغان سانى تەدرىيجىي ئازلاپ نۆلگە يىقىنلشقان ۋاقتى ، دەل سېنىڭ بەخىتكە بارغانچە يېقىنلاشقانلىقىڭنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ! ئەكسىچە ، قەلبىڭدە 1- خىلدىكى ئادەملەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، 2- خىلدىكى ئادەملەر سانىنىڭ بارغانسېرى ئازايغانلىقىنى ھېس قىلغان ېاقتىڭ ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھايات بىلەن بولغان ئارلىقىڭنىڭ شۇنچىكى يېقىنلشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ!> دىدى.
دەرۋەقە ھەرقانداق ئادەمنىڭ كىشلىك ھايات مۇساپىسىدە ئۈچ خىل ئادەم بولىدۇ.
مەنبە؛ جۇڭگو مىللەتلىرى دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى . |
|