تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2082|ئىنكاس: 19

ماتېماتىك تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1147
يازما
74
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
644
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




تەبىئىي پەنلەر دوكتورى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك   1961- يىلى 10- ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى ھەم شۇ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم مىللي يېزىقتىكى ماتېماتىكا ماتېرىياللىرىنىڭ ئىنتايىن كەملىكىنى ھېس قىلىپ ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى«ئۆلچەم نەزەرىيىسىدىن مۇقەددىمە»، «ھەقىقىي ئۆزگەرگۈچىنىڭ فۇنكىسىيىلىك نەزەرىيىسى ۋە فۇنكسىئونال ئانالىز يېتەكچىسى» ، «ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا تەھلىلى» ، «ئالىي ماتېماتىكىدىن مۇلاھىزە سوئاللىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردا نەشىر قىلدۇردى. ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن «دىسكرېت ماتېماتىكا»، «IBM-PC ئاسسېمبل تىلىدا پروگرامما لايىھىلەش»، « C تىلدا پروگرامما لايىھىلەش» قاتارلىق كىتابلارنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا «باغلىق بولمىغان توپولوگىيىلىك بوشلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە»، «ۋېۋېللىت ۋە سىگنال» قاتارلىق 23 پارچە ماقالىسى مەملىكەت ئىچى ۋە رايونىمىزدىكى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.

ئۇ يەنە دۆلەت تەبئىي پەن فوندى ياردىمىدىكى تەتقىقات تۈرى «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزلۈكسىز تاۋۇش پەرق ئېتىش سىستېما تەتقىقاتى» ۋە «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرى رەسىم ئۆرنەكلىرى كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇچۇر ئامبىرى سىستېما تەتقىقاتى» غا ئاساسلىق تەتقىقاتچى بولۇپ قاتناشتى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بەن فوندى ياردىمىدىكى تەتقىقات تۈرى «كۆپ ۋاستىچىدە ئۇچۇر قىسىش ئۇسۇلى ۋە قىسقۇچى تەتقىقاتى» قاتارلىق ئىككى تەتقىقات تۈرىگە ئاساسلىق تەتقىقاتچى بولۇپ قاتنىشىۋاتىدۇ.

تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم 1999-يىلى10-ئايدا ياپونىيىنىڭ كيوشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا دۇنياغا كەلگەن يېڭى پەن «ۋېۋېللىت ئانالىزى» ھەققىدە بەزىبىر بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ يېتەكچى پروفىسسورلار تەكلىپى بويىچە ياپۇنيەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان. تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ «ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېۋېللىت نەزەرىيە سىستېمىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يېڭى نەتىجە «شاۋقۇن تازلاش ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېۋېلىتلىرى» دېگەن تېمىدا 2003-يىلى 9-ئايدا ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئېچىلغان «سىگنال بىر تەرەپ قىلىش يىللىق يىغىنى» دا ئوقۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.  بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا «ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش» ، «سىگنال ۋە سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش» ساھەلىرىدە 14 پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىلەرنىڭ تۆت پارچىسى ئىسپانىيە، ئاۋسترالىيە ، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئوقۇلغان ھەم يىغىن توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. يەتتە پارچىسى خەلقئارالىق ئىلمى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۈچ پارچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ 14 پارچە ماقالە خەلقئارا پەن نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشتا 19 قېتىم ئىشلىتىلگەن.

2005-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى ئۇ بەش يىل جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان «ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېۋېللىت نەزەرىيىسى ۋە سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش دولقۇن سۈزگۈچلەرنى لايىھىلەش تەتقىقاتى» ناملىق دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىنى ئۇقۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىپ، تولۇق ئاۋاز بىلەن تەبىئي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

ئۇ ياپونىيە كيوشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزىگە يېتەكچىلىك قىلغان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياپونىيىدە قېلىپ، داۋاملىق ئىشلەش تەكلىپنى ئەدەپ بىلەن رەت قىلىپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماگىستىر ئاسپىرانتلار ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى دەرسلەرنى تەسىس قىلدى ھەمدە مەكتەپ تەبىئىي پەن فوندىنىڭ « تېز سۈرئەتلىك پارامېتىرلىق ۋېۋېللىت ئالگارىزىم بىلەن كومپيوتېرلىق سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش يېڭى تېخنىكىسى» ناملىق تەتقىقات تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ ئاساسىدا دۆلەت تەبىئىي پەن فوندىنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىش تەييارلىقىنى ئىشلەۋاتىدۇ.

تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىمغا 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «80-يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» دېگەن نام بېرىلدى. ئۇ 1997-يىلى يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالاندى. 1996-يىلى رامكا بۇزۇپ ئۆرلەپ دوتسېنت بولدى،  2006-يىلى پروفېسسور بولدى. 2005-يىلى تەبىئي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

http://matimatik.blogbus.com/logs/81663514.html

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46377
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-9-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[b]مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىكلىرىنى يىتىشتۈرىۋاتقان پەخرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا ئاپىرىن !

UID
18792
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۈچۈن  ئەۋلادلار ئۈچۈن  دەپ جاپا چەككەنلەرنىڭ تىنى سالامەت  ئشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن !

UID
28017
يازما
74
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
74
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-29
توردا
204 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاۋزا ئېتوتتىن نەچچىنى ئويناپ قويغان بىرىنى تونۇشتۇرسا ئاھ مىللىتىمىزنىڭ پەخرى يەي، پاھ بىزنىڭ تۈۋرۈكىمىز... دەپ ھالى قالمايدىغانلار ما تېمىدا كۆرۈنمەيدىغۇ؟

UID
18785
يازما
22
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
101 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دوكتۇرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
تېما ئىگىسىگىمۇ كۆپ رەھمەت،تونۇشتۇرۇشقا تېگىشلىك كىشىكەن مانا.

UID
46721
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك ئالىمىمىزنىڭ ئۇزىدەك  ئالىملارنى تەربىيەلىشىگە تىلەكداشمىز!!!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-25 20:12):
ئىشلىرىڭىزغا ئاللاھ ئاسانلىق بەرگەي.

UID
28680
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا تىرشقاندا ھەرقانداق نەتىجە قولغا كىلىدۇ  ،  نۇرغۇن ئادەم ماتىماتېكىغا نىسبەتەن بىرلا شۇئار توۋلايدۇ ، يەنى ‹‹ مەن بەك ئۆچ ! ››  ، تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم ئاكىمىز ھەممە ئادەم ئۆچ بولغان ماتىماتىكىنى تەتقىق قىلىپ تاڭ قالغۇدەك نەتجىلەرنى يارتىپ ھەقىقى مىللەت پەخىرى بوپتۇ ، بىز سەنئەتنىلا سۆيمەستىن تەبىئي پەننىمۇ چىن دىلىمىزدىن سۆيسەك كىشلەر دائىم دەيدىغان ‹‹ ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ، ئەقىللىق ››  دىگەن سۆزنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيمىز .

UID
28017
يازما
74
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
74
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-29
توردا
204 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر قىسىم چاكىنا ھەزىلكەشلەر بىزنى ۋاقىتلىق كۈلدۈرگەندەك قىلغان بىلەن، بىز ئۈچۈن ھەقىقىي كېرەك بولۇۋاتقىنى ئۆتكۈر پىكىرلىك مۇتەپپەككۇر، پەيلاسوپ، جەمئىيەتشۇناس شۇنداقلا تەبىئىي پەن ئالىملىرى. بىز يۇقارقى ساھەدىكى سەركىلەرنىڭ رولىنىڭ ھەقىقىي مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز ۋە كېيىنكىلەرگە بىلدۈرىشىمىز كېرەك.

UID
47338
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-9-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش 20 يىللىق ھارماسلىق زىرىكمەسلىك ھەر قانداق بىر ئىنسانى قايىل قىلىدۇ. ئۇلۇق ئاللادىن دوكتۇرنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئىزىز تىنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

UID
11112
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
62
تىزىملاتقان
2011-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتۇرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش