تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 5

دىل يېرىم (مەرھۇم ئۇستاز يازغۇچى نۇر روزىغا مەرسيە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئادەمنى تاغ پۇتل

UID
2986
يازما
25
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
756
تىزىملاتقان
2010-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دىل يېرىم



چىمەنگۈل ئاۋۇت
(مەرھۇم ئۇستاز يازغۇچى نۇر روزىغا بېغىشلىدىم)



ۋىدالىق تۈنلەرنىڭ يۇلتۇزى ئىدىڭ،
ئاۋازىڭ ئىچىڭدە كۆيەتتى تىمتاس.
ئاسماننىڭ قىيانى،يەرنىڭ پايانى،
ئاھ،سەندەك قەلەمدە ئالالماس قىساس!


ياشاڭغۇ كۆزلىرىڭگە قارىسام كۈلۈپ،
مەندىكى چىدامنى سەنلا سىزەتتىڭ.
قولۇمنى كۈچەپ -كۈچەپ قويغاندا سىقىپ،
دېمەكچى بولغانلىرىڭنى مەنمۇ بىلەتتىم...

ھەي يەنە كۈن چىقىدۇ ئەتە قەشقەردە،
بەلكىم تۇرۇپ قالارمەن ئاشۇ دوقمۇشتا.
دىل يېرىم... ۋەلېكىن ماڭا تاڭ ئاتماس  ،
ھەسرەتلىرىمنى يۇيۇپ بولالماسمەن كۆز ياشتا.

كۈن بىلەن تۈن تەڭلىشىپتۇ سەن كەتكەن كۈندە،
چۈنكى بىزنىڭ دەردىمىزمۇ تەڭلىشىپ قالغان.
مەزلۇم بولغاچ جىنازاڭنى كۆتۈرەلمەيمەن،
روھىڭغا  ئاراملىق  تىلەي   قەدىردان !



2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
334
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10107
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت« سەۋىر قىلىڭ »لا دىيەلەيمىز قېرىندىشىم .توۋا دەيمەن ،ئوخشاش بىر كۈندە ئاللانىڭ ئىزنىسى بىلەن نۇرغۇن  ئوخشىمىغان ئىشلار بولدىكەن .تېخى تۈنۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەردە ناھايىتى داغىدۇغۇلۇق بىر توي بولغان ئىدى ،.ئاجايىپ دۇنيا دە ....

UID
47265
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەغمە-ناۋاسىز توي بولماس، سۈكۈتسىز ئۈلۈم. ئۈلۈمسىز ھايات بولماس

UID
37030
يازما
54
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىراق ئىدىڭ ئەزەلدىنلا ئۆز _ ئۆزەڭنى ماختاشلاردىن ،
يىراق ئەمەس ئىدىڭ ئەلنىڭ قەلبىدە نۇر بوپ چاقناشلاردىن .
ئامراق ئىدىڭ قېرىنداشقا يىراق تۇرۇپ ياتلاشلاردىن ،
شۇڭا سالام دەيتتى ساڭا ھەر يەر, ھەر جاي يۇرتداشلاردىن ،


شائىرلىقتا ئەل قەلبىگە نۇرلۇق چىراغ ياققان ئىدىڭ ،
يېزىقچىلىق يولىغا سەن ئۆز جىنىڭنى ئاتقان ئىدىڭ .
شۇ قەلەمكەش يوللىرىدا نى رىيازەت تاتقان ئىدىڭ ،
ھايات نېمە؟ ياشاش نېمە ؟ خىتابىڭدا ئىتقان ئىدىڭ ،


ئەمدى ياسىن  ئوقۇماقتىن نە چارە بار ئاللاھىمغا ،
دۇئا بىلەن تاپشۇرۋەتتۇق سېنى ئۇلۇغ خۇدايىمغا .
يۇمۇۋالدىڭ كۆزلىرىڭنى بىزنى ئالماي پەرۋايىڭغا ،
قىزىل گۈللەر ئۈنسۇن دىدۇق سېنىڭ ياتقان دەرگايىڭغا ،



ئەسلى  جىقراق يازاي دىگەنتىم ، لېكىن ماۋۇ  قاپاقباش كاللامغا ئىلھام كەلمىدى . مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى يېرى جەننەت بولسۇن ئاللاھىم !!

UID
46454
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم تۆھپىكارئۇستاز يازغۇچى نۇر روزىنىڭ ۋاپاتىغا  تولىمۇ قايغۇردۇم .مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىجەننەت بولسۇن  !!  تاۋاباتلىرىغا سەبر تىلەيمەن!   

UID
47343
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-9-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەرسىيە شۇنداق تەسىرلىك چىقىپتۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش