تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3885|ئىنكاس: 5

نيۇيورك ۋاقتى:ئامېرىكا ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
34576
يازما
14
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 10:40:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نيۇيورك ۋاقتى:ئامېرىكا ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى باش ماقالىسى
ئنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن
(ئاپتورنىڭ كۆز قارشى تەرجىمان بىلەن مۇناسۋەتسز،ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئاڭلاپ بېقىش يامان ئش ئەمەس)

‹ئەرەب باھارى›نىڭ ئويغىنىشى بىلەن ،يېڭىدىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بۇ دۆلەتلەر ئسلامې ئاشقۇنلار،مۆتىدىللەر ۋە دىندىن خالى تەرەپدالارنىڭ ھوقۇق ۋە دىموكراتىك ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا تەسر دائىرسى تالىشدىغان جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى.بۇ كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرى بەزىلەرنىڭ نىمىدەپ ئويلىشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئشلار سياسىتىنىڭ كونتىرول دائىرسىدە ئەمەس.
نۇرغۇن ئسلامى رەھبەلەر ۋە ئەلقائىدە تارماق تەشكىلاتلىرى ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن مالىمانچىلىق تېرىشقا ھىرىسمەن.بىر ئالاھىدە ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولسا ؛لىۋاندىكى ئامېرىكىغا قارشى چوڭ يېغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان ئاللا پارتيسى ھىزبۇللانىڭ باشلىقى ھەسەن نەسرۇللادۇر.شۈبھىسزكى،ئۇ ئۆزىنىڭ زالىم سۈرىيە پىرىزدىنتى باشار ئاساد بىلەن بولغان ئېتتپاقداشلىقى سەۋەپلىك ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان قوللاش نسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشماقتا.
لېۋىيەنىڭ بەنغازىدا باش ئەلچى كىرىستوفىر سىتىۋىنش ۋە ئۇنىڭ ئۈچ خىزمەتدىشىنى ئۆلتۈرگەن ئامېرىكىغا قارشى ئاشقۇنلار ياكى باشقا شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشقان زوراۋانلىقلارنى قىلىۋاتقانلار ئەڭ قورقۇنچلۇق ئش يەنى –مۇسۇلمانلارنى كەڭ قورساق ئەمەس ۋە ئۆچمەنلىككە تولغان دەپ قارايدىغانلارنىڭ قارىشنى تېخىمۇ كۇچەيتىۋەتتى.ئاشقۇنلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئېقتسادىغا،ساياھەتچىلىكىگە ،كارخانىلىرىغا ئىغىر زەربە بېرىشتى.بۇلارنىڭ ئېقتسادى ھەرگىزمۇ قالايمىقانچىلىق ۋە خەتەر ئىچىدە تۇرۇپ تەرەققى قىلالمايتتى.
نامايىشچى مۇسۇلمانلار ئۆز ھۆكۈمەتلىرىدىن ئۆزلىرىگە كىرەكلىك بولغان خىزمەت پۇرسىتى ۋە تۇرالغۇ ئۆي مەسلىسنى ھەل قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىش ئورنىغا ،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئۆچمەنلىك تارقاتقۇچى ساراڭلار چىقارغان بىر سۇپەتسز ۋىدىئوغا مەركەزلەشتى.
ئەرەب دۆلەتلىرىدە كۆپىنچە ئاخبارات ۋاستىلىرى دۆلەت تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنغاچقا ،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئسلامغا قارشى ھاقارەتلىك ماتېريالنى نازارەت قىلىشنى پۇقرالارنىڭ ئەركىن سۆز قىلىش قانۇنى سەۋەبىدىن رەت قىلىشى نۇرغۇن مۇسۇلمانلارغا چۇشەندۇرگىلى بولمايدىغان بىر ئش بولۇپقالدى.چارشەنبە كۈنى،بىر فىرانسيە ژۇرنىلى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋىيلەشتۈرۈلگەن كارتون رەسمىنى ئىلان قىلىپ ،يېڭى بىر غەزەپ ئوتىنى تۇتاشتۇردى.
2009-يىلى ،پىرىزدىنت ئوباما دانالىق بىلەن مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇسۇلى ئۇستىدە ئىزدەندى.ئۇ قاھىرەدە نۇتۇق سۆزلەپ،ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە رادىكاللىققا قارشى ئىككىلىنىپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ ھەرگىز ئسلامغا قارشى ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.ئۇ يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى سايلاپ چىققان ،تىچ ھۆكۈمرانلىق قىلالايدىغان ،بارلىق خەلقلەرنى ھۆرمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەتلەرنى قۇرۇپ چىقىش ئىقتىدارى بار-يوقلۇقىغا سۇئال قويغانىدى.شۇ چاغدا بۇگۇنگە كەلگەندە قانچىلىك ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئاشۇ ئۆلچەمگە يېتىش ئۈچۈن جان تالىشدىغانلىقىنى بەلكىم ناھايتى ئاز كىشى پەرەز قىلالىغان بولسا كىرەك.
بۇلار نۇرغۇن دشۋارچىلىقلارنى ئىلىپ كەلگىنىگە ئوخشاش،بۇ نامايىشلار ئەتراپ مۇھىت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇھاكىمە قىلىنىشى كىرەك.نامايشىچىلار توپىنىڭ كۆپ قسم گۇرۇپپىلىرى نەچچە مىڭ كىشى ئەتراپىدا.
نۇرغۇن رەھبەرلەر –لىۋىيە،تۇنىس بولۇپمۇ تۈركىيە باش منستىرى ،سەئۇدى ئەرەبستاندىكى كاتتا مۇفتى ،كىچىكىپ سۆز قىلغان مىسر رەھبەرلىرى-زوراۋانلىقنى ئەيىپلىدى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنى قوغداش ئۇچۇن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۇچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشتى.ئۇلار كۆپچىلىككە نىمە ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن داۋاملىق مۇناسۋەتنى ساقلاشنىڭ ئەھمىيتنى چۇشەندۇرۇشكە مۇھتاج.ئامېرىكا باش ئەلچىسى سىېتىۋنسنى قوغداشقا تىرىشقان لىۋىيە پۇقرالىرى مۇشۇ مۇناسۋەتنىڭ قىممىتىنى بىلگەنلەر ئىدى.
مىت رومنى (2012-يىللىق ئامېرىكا پىرىزدىنت سايلىمى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسنىڭ نامزاتى-ت)ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئەخمىقانە ئەيىپلەشلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئوباما مۇسۇلمانلارغا ئاجىز ۋە ئەپۇچان سياسەت قوللاندى دەپ بىلجىرلىدى.ئۇلارنىڭ  ئوباما قوللانغان ئىزچىل سياسەت ئورنىغا قويماقچى بولغان سياسىتى بولسا مۇجىمەل ۋە دائىم ئۆز-ئۆزىدىن زىدىدىيەتلىك قارارلاردىن ئىبارەت.ئۇلار تېخىچە ۋاشنگىتوننىڭ ئۆز ئىرادىسنى ئاجىز بولغان ئەرەپ دىموكراتىك دۆلەتلىرىگە مەجبۇرى تاڭمايدىغانلىقى ۋە تاڭسا بولمايدىغانلىقىدەك بىر ئۇچۇردىن خەۋەرسز بولسا كىرەك.
بىراق لىۋىيە،تۇنىس ۋە مسردىكى دىموكراتىك ھۆكۈمەتلەر ۋە قانۇن رولىغا ئاساسلانغان كۆپ قۇتۇپلۇق جەمىيەتلەرنى قۇرۇشقا ئاتلانغان كىشلەرنى قوللاشتىن ۋاز كىچىش توغرا ئەمەس.بۇنىڭغا ئامېرىكا قانۇنىمۇ يول قويمايدۇ.ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بارلىق ئاماللار بىلەن ئۆز يولىدا چىڭ تۇرۇشى كىرەك.

http://www.nytimes.com/2012/09/2 ... e-muslim-world.html

Editorial
The United States and the Muslim World
Published:September 19, 2012

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
45110
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:53:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسەت ئەزەلدىن پايدا زىياننى كۆزدە تۇتقان، ھېچقانداق دەۋىردە دىن ۋە باشقا ئېتقادقا كۆڭۈل بۆلمىگەن

UID
34576
يازما
14
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 12:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                  نيۇيورك ۋاقتى:21-ئەسردىكى ئسلام
                                          ئاپتورى:روگىر كوھىن
                           ئنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن

(ئاپتورنىڭ كۆز قارشى تەرجىمان بىلەن مۇناسۋەتسز،ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئاڭلاپ بېقىش يامان ئش ئەمەس)

مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئشنى قىلسا بولمايدۇ،ئسلامنى بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇنازىرە قىلىشقا  ،مەسخىرە قىلىشقا بولمايدىغان دىن دەپ ئىلان قىلىپ تۇرۇقلۇق يەنە ئسلام دىنىنى سياسي ھاياتنىڭ مەركىزىگە –ئەڭ ئاشقۇن ھالەتتە سياسى زوراۋانلىقنىڭ مەركىزىگە قويسا بولمايدۇ.
ئسلام دىنى دۇنيادىكى بىر ئىلاھلىق ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى.ئسلام دىنى ئۇلار ئىچىدە باشقىلاردىن  نەچچە ئەسرلەپ ياش بولغان بىر دىن،بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كىرەك،ئسلام ئەڭ جىددى ۋە داۋالغۇۋاتقان ھالەتتە تۇرماقتا.ئسلام يەنە ئوخشىمىغان شەكىللەردە،بىر سياسى ھەرىكەت ،قوللانما ۋە ئىلھام مەنبەسى.
سياسى دىگەن بىر ئىگىز-پەس ۋە قالايمىقان ئويۇن.ئەگەر مسردىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلار ۋە تۇنىستىكى ئويغىنىش (ئەننەھدە)گە ئوخشاش ھاكىمىيەت ئۆزگىرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئسلامى پارتىيلەر دىموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قائىدىلىرىنى ھۆرمەت قىلسا،ئۇلار شۇنى ئېتىراپ قىلىشى كىرەككى،ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى مونوپۇل قىلىۋىلىش ھەققى يوق،ئسلام تەلىماتلىرىنى مۇنازىرە ئارقىلىق تاۋلىغىلى ،مۇھاكىمىگە قويغىلى بولىدۇ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جەمئيتىدىكى مۇھىم  گۇرۇپپىلارنىڭ ئوخشمايدىغان ئەقىدىسى ۋە ھەتتا دىنى ئېتىقادى بار.
ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە بولغان ئشلار كىشنى ئۇمۇتسزلەندۇرىدۇ.ھىچكىم بۇ جەمىيەتلەردە ئامېرىكا ئۆلچىمىدىكى ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنىڭ قوللىنىلىش ئىھتىماللىقى بارلىقى –ياكى ھەتتا تولۇق چۇشنىدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىدىن ئۇمىد كۇتمەيدۇ،ئۇلار مەيلى دىنسز ياكى دىندار بولسۇن ھەرقانداق مۇستەبىت ھاكىمىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قوزغالغان كۇچلۇك قىزغىنلىق ئاساسدا ئۆزلىرىنىڭ ئېتقادنى مەركىزى ئورۇنغا قويغان سياسى ۋە مەدەنى رامكىسنى تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ.
بىراق تۇنىس،لىۋىيە ۋە مىسر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ  ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئسلام ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنى كەمستىش سەۋەبىدىن غەزەپلەنگەن  زوراۋان سەلەپلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلالماسلىقى بىر قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان زىدىدىيەتلىك پسخك ھالەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
‹‹يەرشارىدا قانۇننىڭ رولى دىنى غەزەپ-نەپرەتتىن غالىپ كىلىشى كىرەك.››
دۇنيا ئسلامى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقتى.ئەمەلىيەت شۇكى،ئسلامى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز ئىچىدىنلا زىدىديەتلىك.خۇددى ئىراننىڭ رىئاللىقى بىزگە چۈشەندۇرگەندەك،ئسلامى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تۇزۇملىرى كارغا كەلمىدى: ئەر-ئاياللارنىڭ ئازرۇ-ئارمانلىرىنى يۈكلىگەن جۇمھۇرىيەتنىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرى ئاللاھ ياراتقان دەپ قارىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئسلامى ئۈستىقۇرۇلمىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.
ئەرەب باھارىنىڭ بىر چوڭ خىرىسى شۇكى،خۇددى تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش،ئسلامى ئىلھامغا تايانغان پارتىيلەر ئۆز جەميەتلىرىنى ئازاپلىنىش ۋە زىيانلانغۇچى تېپىدىكى مەدەنىيەتتىن ئىجادىيلىق ۋە رەسمى ئورگان تېىپىدىكى مەدەنىيەتكە يتەكلەش ۋە زامانىۋى كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ئسپاتلاشتىن ئىبارەتتۇر.
ئەرەب دۇنياسىدا ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قىلىش،ئېقتسادى چىكىنىش،مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بېسپ كىرىشى،غەرپ بىلەن بولغان ئۇرۇش ۋە ئسرائىلىيە سەۋەبلىك يەنە قانچىلىك ئازاپنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئەڭ روشەن گەۋدىلەندى.ئۆزگىرىشلەر ئاستا بولىدۇ.
بىراق ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ:بۇ جەمىيەتلەر مۇستەبىت تۇزۇمگە قايتمايدۇ.غەرپ دۇنياسىنىڭ ئەرەب دۇنياسى ياشلىرىغا پۇرسەت بېغىشلايدىغان ھاكىمىيەت ئالمىشىشلىرىنى قوللاشتا زور ستراتىگىيلىك مەنپەئىتى بار:مسر ئافغانستاننىڭ ئسلامى ئاشقۇنلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى مۇھىملىقىنىڭ ئۇنچە زور ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.
بىراق غەرپ بۇلارنى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدىن ۋاز كىچىپ تۇرۇپ ۋۇجۇتقا چىقارمايدۇ.ئوتتۇرا شەرقتە غەۋغا قوزغىغان شەھۋانى دەرىجىدىكى ئامېرىكا فىلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئش.قاھىرەدىن بەنغازىغىچە بولغان قانلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بولسا جىنايەتتۇر.فىرانسيەنىڭ ھەجىۋى گېزىتى چارلى ھەبدونىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولغان دىنى ئەسلىيەتچىلىكنى مەسخىرە قىلغان كۇچلۇك تەھرىرات ئىلاۋىسى بۇنى مۇھەممەد(ئەلەيھسالام-ت)نىڭ ھەجىۋى كارتونلىرى ئارقىلىق ئشقا ئاشۇرۇشنى تاللىغان.
چارلى ھەبدۇنىڭ باش مۇھەرىرى گيارد بيارد مۇنداق يازغان:‹‹بىز فىرانسيە قانۇنىنى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر گېزىت.ئەگەر كابۇل ياكى رىيازدا ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بىر قانۇن بولسا،بىز ئۇنى ھۆرمەت قىلىمىز دەپ ئۆزىمىزنى جاپاغا سىلىپ يۇرمەيمىز››
بارلىق زوراۋانلىقلارغا ئشارە قىلغان بيارد مۇنداق سورىغان:بىز شۇنداق خەۋەرلەرنى يازماسلىقىمىز كىرەكمۇ؟
ئۇنىڭ دىگەنلىرى توغرا.ئسلامدا نۇرغۇن ساختا ئالىيجاناپلىقلار بار،ئۆزىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى يەرگە ئۇرىدۇيۇ،يەھۇدى دىنى ۋە خىرىستىئان دىنىغا تىل-ھاقارەت ياغدۇرىدۇ،زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇپ،ئۆزىنى تىچلىق قوغدىغۇچى دەپ داۋراڭ سالىدۇ.شۇڭا كارتونچىلارنىڭ مەسخىرە ئوقلىرىدىن ئامان قالالمايدۇ.
مۇھەممەد (ئەلەيھسالام-ت)نى ھاقارەت قىلغان كىنو ئۇنى يازغۇچىلارنىڭ  ئسلامغا نسبەتەن ئىچكى زەرداپلىرىنى نامايان قىلغان.چارلى ھەبدونى بولسا باشقا بىر مەقسەت قوزغاتقان:ھەددىدىن ئاشقان ئسلامى  دىنى زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇش.
گەرچە مەن ئۇلار ئشلەپچىقارغان فىلىمدىن نەپرەتلەنسەممۇ ئەمما ئۇلارنىڭ  ئۆزى ئشلىگەن فىلىمىنى ئىلان قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايمەن.
1969-يىلى ئامېرىكا ئالى سوتى بىراندىنبۇرگ ۋە ئوخئو قارارىدا  سياسي ئەمەلدارلارغا زوراۋانلىق بىلەن تەھدىت سالغان  ‹كۇ كىلاكىس كىلان›نىڭ رەھبىرىنىڭ جىنايىتىنى‹‹ئاساسى قانۇننىڭ ئەركىن سۆزلەش ۋە ئەركىن ئاخبارات كاپالىتى بىر شتاتلىق ھۆكۈمەتكە پۇقرالارنىڭ  كۈچ ئشلىتىش ھوقۇقىنى چەكلىشگە يول قويمايدۇ.››دەپ بىكار قىلدى .
گىلىن گېرىنۋالد ‹‹مۇھاپىزەتچى››گېزىتىدە يازغاندەك،‹‹روشەنكى،ئەگەر بىر شتات ئوچۇقتىن ئوچۇق زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلىيەلمىسە،ئۇنداقتا ئوچۇقتىن ئوچۇق زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلمايدىغان ئادەتتىكى بىر ۋىدىئو- كىنو نى تېخىمۇ چەكلىيەلمەيدۇ››
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ناھايتى مول ئىدىديە قايناملىرى مانا مۇشۇنداق تۇپ ماھىيەتلىك ئەركىنلىك پىرىنسىپىغا تايانغان.ئۇ پىرىنسىپنى بوشاتقىلى بولمايدۇ.
مىسر،لىۋىيە ۋە تۇنس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى شۇنداقلا دۇنيادىكى مۆتىدىل مۇسۇلمانلار جامائىتىگە كەلسەك،ئۇلار بۈيۈك ئاياتوللا ھۇسەيىن ئالى مونتەزىرىنىڭ 2009-يىلىدىكى ئىراننىڭ ساختا پىرىزدىنتلىق سايلىمى (بۇ سايلام ئاللاھنىڭ نامى بىلەن خەلقنىڭ ئەركىن سايلاش ھوقۇقىنى تارتىۋىلىشقا ئەڭ تېپىك مسالدۇر) ھەققىدىكى مونۇ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى كىرەك:
‹‹بىر كۈچلۈك ۋە قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ،ئۇ مەيلى ئسلامى بولسۇن ياكى ئسلامى بولمىسۇن،ئۇ ئۆزى قوللايدىغان ياكى قارشى تۇرىدىغان بارلىق كۆز-قاراشلارنى ھۆرمەت قىلالايدىغان بولۇشى كىرەك، ھەرقانداق سياسى تۇزۇم جەمىيەتتىكى بارلىق قاتلاملارنى ئۆز قوينىغا ئىلىپ ،ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئشلىرىغا قاتننىششقا ئىلھاملاندۇرۇشى ئۈچۈن،ئۇلارنى سىقىپ چىقارماسلىقى ۋە يات كۆرمەسلىكى لازىم.››
ئايەتوللا مونتەزىرى ئايەتوللا ھومەينى بىلەن ھەمكارلىشالمىدى،چۈنكى ھومەينىنىڭ ئىراندا يولغا قويغان دىنى ھاكىمىيەتنىڭ‹‹بارلىق كۆز-قاراشلارنى ھۆرمەت قىلىش››قا قۇربى يەتمىدى.ئون نەچچە يىللاردىن بىرى ،شۇنداقلا بۇ قېتىملىق ئەرەب باھارىدا سياسى مەزمۇندىكى ئسلام ئۇچۇن بۇ خىل خىرىس داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
ئەسلى مەنبەسى:
http://www.nytimes.com/2012/09/2 ... html?ref=rogercohen
ئاپتور روگىر كوھىن ،ئەنگىلىيەلىك ژۇرنالىست،مۇھەرىر،نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى يازغۇچىسى.ئاپتور ھەققىدە مەلۇماتلار ئۈچۈن:
http://topics.nytimes.com/top/ne ... gercohen/index.html

A 21st-Century Islam
By ROGER COHEN
Published: September 21, 2012
Translated by Tahir Imin in to Uyghur language and

UID
34576
يازما
14
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 10:12:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئسلامنىڭ ئۆزىدە دىموكراتىيە بار،لىكىن ئۇنى تۇزۇملەشتۇرۇپ ئشلىتىش مەسىلىسى مەۋجۇت.
ئەقىدە قانۇن بىلەن تاقاشمايدۇ.ئەقىدە شەخسنى ،قانۇن جامائەتنى باشقۇرىدۇ.

UID
44542
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
96
تىزىملاتقان
2012-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 23:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرانسىيەلىك  ھېلىقىمۇ   ئۆزىگە  ئۆلۈم  تىلەيدىغان   بەدىبەخكەن

UID
12209
يازما
59
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1139
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 14:08:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەرەب ھاكىمىيەتلېرى( خەلقى) بىزنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەىسى رەھبەرلىكىدە ئۆز ئىسلامىي دىنىي ئەقىدىمىزنى ھەر ۋاقىت«تولۇق،ئەركىن ۋە ھەر زامان دەخلىسىز»ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى نەزەرگە ئېلىپ،جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن شۇنداق بىر نامايىشلارنى ئويۇشتۇرغان بولسا ئىدى،بەلكىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل نامايىشلاردىن ئۆزىنىڭ خاتا سىياسەتلېرىنى تونۇپ يېتەر بولغىيدى ئېھتىمالىم!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش