تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 507|ئىنكاس: 0

ئارقىمىزغا قاراپ،چۈشۈپ قالغان ئەخلاقىمىزنى تاپايلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1214
يازما
59
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
1968
تىزىملاتقان
2009-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئارقىمىزغا قاراپ،چۈشۈپ قالغان ئەخلاقىمىزنى تاپايلى



گايى شۇنداق بىر ئىنسانلار تۇغۇلىشى بىلەن جىسمانى جەھەتتە ئولچەمگە تۇيۇنغان ھالدا تۇغۇلسا، جەمىيەتتىكى بەزى ۋىروسلار ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يىتىشى ئارلىقىدىكى ئىددىيەسىگە سىغداپ كىرىپ، ئەسلىدىكى ئەخلاقىنى يۇقۇتۇپ، ھازىرقى جەمئيەتتىكى ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرۇپ شىرىن ھاياتلىقى بىلەن قىسقا ۋاقىتتا ئەجەپلىنەرلىك خوشلاشماقتا.
       مىنىڭ يېشىم 40 لارغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ QQ دىكى بۇۋاقلىقىمغا قارىماي مەلۇم بىر تۇردىشىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقىنىمدا بىر قىز قوشۇلۇپ كىرىپ ئەخۋال سۇراپ سۆز ئارلىقىدا ‹‹بىز كۆرشەمدۇق›› دەپ مىنى ئويلىمىغان يەردىن گاڭگىرتىپ قويدى.نىمە دىيشىمنى بىلمەي بۇ نا تۇنۇش تورداشنى QQ رىمدىن ئۆچۇرۇپ بىردەم ئويلۇنۇپ قالدىم. بۇنداق قىزلارغا ئاتا-ئانىسى تەربىيە بەرمەمدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بۇلارغا تەربىيە بەرمەي مۇشۇنداق داغدام يوللاردا توختاۋسىز قاتراپ يۇرشىنى توسۇشقا جۈرئەت قىلمامدىغاندۇ؟.........ياق، باللىرىغا تەربيە بەرمەيدىغان ئاتا-ئانا بولمايدۇ،بەلكىم بۇ ئەتۋارلىق پەرزەنىت ئۆزىگە يۇقتۇرۋالغان جەمئيەت مىكروبىنىڭ تەسىرىدە تەقەززالىق بىلەن ساقلاپتۇرۋاتقان ئەجەل ئوۋچىللىرىنىڭ چاچما ئوقلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىقا ئالدىراپ ئۇلارغا يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىپ ئاتا-ئانىلارنى ئالداپ شىرىن دۇشمىنىنىڭ  سەنىمىگە ئۇسۇل ئوينىشى مۇمكىن دىگەندەك خىياللاربىلەن پاراڭلىشىۋاتقان توردىشىمغا خەت يېزىشنىمۇ ئىسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن. جەمىئيەتتە بۇندق مىساللار كۆپ سالماقى ئىگەنلەيدۇ.بىراق ئۇنداق كۆڭۈل خۇشى قىلىش ئۈچۈن تۇلپار مىنىۋالغان كىشىلەر ھەقىقى ئىنسانلارنى چەكسىز خىيال جەزىرىسىگە باشلاپ بۇزۇلىۋاتقان ئەخلاقىمىز ۋە دۇنياغا پاتماي جار سېلۋاتقان  شەھۋانىلىقلارنىڭ دەردىنى  مۇشتۇمدەك يۇركىگە سىغدۇرۇپ يۇرۇشكە مەجبۇرلىماقتا.
     رىۋايەت قىلىنىشىچە:- 1-قېتىم يەرشارىغا ئادەملەر پەيدا بولغاندا شۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار كۆپۇيىپ كىتىپ ئادەم ئەلەيكى سالام تۇسۇپ بولالماي ئاللا تائالادىن بۇ ئىنسانلارغا بىر بالايى ئاپەت بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئاللا تائالا تۇپان بالاسىنى تارتۇق قىلىش ئارقىلىق بۇلارنى جازالىغان.
دىمەك ھازىر بىزگە بالايى-ئاپەت تىلىگىلى پەيغەمبەر بولمىسىمۇ ئىنسانلار ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز مۇشۇنداق بالايى-ئاپەت تىلەپ قىلىش يولىدا كۆپ ئىزلەندۇق. جاپالىق باسقان قەدەملىرىمىز بىكار كەتمەي  1980-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئەمگەك نەتىجىمىز ئامرىكىدىن ‹‹ئەيدىس››بىلەن تارتۇقلاندى. ئەمدى بىزمۇ بۇ ئەمگەك مىۋىسىدىن تىگىشلىك نىسىۋە ئېلىش ئۈچۈن  تۇمۇز-ئسسىقتا ئۇزۇن مۇساپىلارنى بېسىپ جاپالىق تىرشىشى ئارقىلىق ئېغىر كەلگەن ئەخلاق تونىمىزنى سېلىپ تاشلاپ تىگىشلىك نىسىۋىمىزنى ئالدۇق ۋە  قانداق يوللار بىلەن بۇ تارتۇقنى خەلقىمىز ئارسىغا سىڭدۈرۈش يولىدا ئىزدىنىپ ئەمدىلا داغدام ئىككى يولنى تېپىپ بۇ تىكەن دەسسەپ ئاچقان يوللىرىمىزنى  قېرىنداشلىرىمىزغا ھاياسىزلىق بىلەن كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭمۇ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن بۇ بىركەتلىك مىۋىلەرنى سۇنماقتىمىز.بۇ مىۋىلەر خېلى كۆپ ياشلارنىڭ گۈللەنگەن ئىقتىزادىغا شىپا بولغاندىن سىرىت كەلگۈسنىڭ ئۈمۈتلىك ۋە سۈيۈملىك پەرزەنتلىرىنى بىچچارىلىققا،ئىللىق ئائىلىسىنى ۋەيرانچىلىققا،كۈيۈمچان ئاتا-ئانىسىنى بىتاپ(كىسەلچان)لىق بىلەن تارتۇقلاپ ياش شىرىن جېنىمىزنى ئۆزۈمىز ھۇزۇرلانغان تۇتۇندەك تۇزۇتۇپ ئادەملەر چىدىمايدىغان ھاياتلىق بىلەن خوشلۇشۇپ ئائىلىمىزنى مۇنقەرىز بىلەن مىراسلاندۇرۇپ خەلق ئارسىدىن كىتىپ قالدۇق.‹‹ئادەمدىن ھايا كەتسە ئورنىغا بالا كىلىدۇ›› دەپ بىرقىسىم قىز-ئوغلانلىرىمىزدىن ئەخلاق خېلى يىراقلىشىپ كەتتى.ئۇلار ئۆزىنىڭ ئادەملىك خسلىتىنى ئۇنۇتتى.چىن ئادەملەر تۇسالغۇسىز مېڭىۋاتقان يوللارنى سېسىتتى.
دوسلار، بەلكىم مەن يۇقۇردىكى ئاز بىرقىسىم سۆزلەرنى قىلىپ يولۋاسنىڭ بۇرتۇغا تىگىپ كەتكەن بولشۇم مۈمكىن،لىكىن بو يولۋاسلارنىڭ ھەممىسى يىرتقۇچ قەغەز يولۋاس.بۇلار ئۆز يولىدا ھەرقانچە تىرىشسىمۇ شەيتاندەك لەنەت كۇدى بۇلۇپ ھەسەت ۋە ئەسەبىلىك بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ئاقىللار:-‹‹ئانىلار بىر قولىدا بوشۇك تەۋرەتسە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ›› دىگەن.ئاتىلار دۇنيانى ئۆزگەرتەتى.ئەپسۇس بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار ۋە بۇندىن كىيىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ئەكىسچە بولسىمۇ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش يولىدا مۇشۇنداق ئاز بولمىغان رىيازەتلەرنى چەكمەكتە ۋە ئەخلاق چۈشەنچىسى يىتەرلىك بولمىغان سەبىلەرگە خېلى ئېغىر مىقداردىكى مىراسلارنى قالدۇرۇپ كۆز يۇمماقتا.
ئېزىز قېرىنداشلىرىم، ھەر بىرىمىز ھەقىقى ئىنسانلىق ۆكزلىرىمىزنىڭ سىنچى نۇرلىرى بىلەن جەمئىيەتكە ئەتراپلىق قاراپ ،يۇقارقىدەك نىممەتلەرنى باشقىلاردىن تالىشىپ كۆزىمىزنى قىزارتىپ كىشىلەرنىڭ رىسقىنى تارتىۋالماي ئۆز رىسقىمىزنى ئىزدەپ ئارقىمىزغا قاراپ،چۈشۈپقالغان ئەخلاقىمىزنى ئورتاق ئىزدىشىمىزنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.

2012-يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنى .
(نامەلۇم بىر توردىشىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى..ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى...چۆل يامغۇرى....)


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش