ئۇيغۇرلار ئەقلىي كۈچ مىللىتىمۇ ياكى جىسمانىي كۈچ مىللىتىمۇ
ئامېرىكىلىق سىياسەتشۇناس رىچارد روسكېلىس «دۇنيادا جىسمانىي كۈچ دۆلىتى ۋە ئەقلىي كۈچ دۆلىتى دەپ ئىككى تۈرلۈك دۆلەتلا مەۋجۈت»دېگەن (خەنزۇچە «پايدىلىنىش خەۋىرى»، 2007-يىلى 7-ئاينىڭ د11- كۈنىدىكى سانى «كورېيە ئەقلىي كۈچكە تايىنىپ جوڭگۇنىڭ جىسمانىي كۈچىنى يەڭدى» دېگەن ماقالىدىن ئېلىندى). رىچاردنىڭ بۇ گېپى نەقىل ئېلىنغان ماقالىدە جوڭگۇنى جسمانىي كۈچ دۆلىتى ،كورىيەنى ئەقلىي كۈچ دۆلىتى ، دەپ كۆرسەتكەن . جىسمانىي كۈچ دۆلىتى ،ياساش كەسپىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزسە ، ئەقلىي كۈچ دۆلىتى پەن-تېخنىكا تەتقىقادىكى بۆسۈش ، لايىھەلەش ،سېتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشنى نىشان قىلغان بولىدىكەن.
ئۇيغۇر خەلقى جوڭگۇدىكى 56 مىللەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەلۋەتتە جوڭگۇ تەۋە بولغان جىسمانىي كۈچ دۆلىتىگە تەۋە. لېكىن بىز بۇ نۇقتىنى جوڭگۇدىكى مىللەتلەرگە مىللەت نۇقتىسىدىن تەتبىقلىساق قانداق بولار؟ ئەقلىي كۈچ مىللىتى ئەقلىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ،ھەممەئشتا ئەقلىنى يېتەكچى ئورۇنغا قويسا، جىسمانىي كۈچ مىللىتى جىسمانىي كۈچىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ،جان بېقىش نۇقتىسىدا جىسمانىي كۈچكە تايىنىپ قالغان مىللەت بولۇپ چىقىدۇ.
ئاتا-بوۋىلىرىمىز «بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يەڭسە، بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر» دېگەن ھېكمەتلىرى بۈگۈنكى زامان سىياسىيونلىرى ئوتتۇرغا قويغان بۇ قانۇنيەتنى خېلى بۇرۇنلا يەكۈنلىگەن .لېكىن ،تولىمۇ ئەپسۇس ،مىللىتىمىز بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتتىيۇ ،لېكىن تونۇپ يېتىپ تۇرۇپ ئىجرا قىلمىدى ياكى ئىجرا قىلىش مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسگە ئايلىنالمىدى.
مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، ئىقتىساد نۇقتىسىدىن نەزەر سالساق بىزدىكى سودا ھېلىمۇ باشقىلار ئشلەپچىقارغان تاۋارلارنى سېتىش ياكى ئۆزىمىزنىڭ يېزا-ئىگىلىك ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خام پېتى سېتىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بىر پارچە تېرە خوتەندە قانچە پۇل ؟ئۈرۈمچىگە كېلىپ قانچە پۇل بولدى ؟ئىچكىرگە بېرىپ پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قولىدا ئاياغقا ئايلىنىپ ،ئەڭ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ماگزىنلىرىغا سېلىنغاندا قانچە پۇل بولدى؟دېگەن نۇقتىدا پىكىر قىلىپ باققانلار باردۇر،لېكىن مۇشۇ ھالقىلارنى قسقارتىپ تېرىنى ئەڭ بولمىغاندا پىششىقلاپ ئشلەپ يۇرتىنىڭ سىرتىغا چىقىرىش ھەققىدە كۈچەپ باققانلار بامۇ؟
ئەمدى ئانچە-مۇنچە تەقلىد قىلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلار پەيدا بولدى .«ئارمان »، «ئىخلاس» قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى دەل شۇنداق تۈردىكى مەھسۇلاتلاردۇر. كىشىلەر جوڭگۇنى ياساش كەسپىگە تايىندىغانلىقى ئۈچۈن جىسمانىي كۈچ دۆلىتى ،دەپ قارىغان.دېمەك ،«ئارمان قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى تېخى ئاددىي ھالدىكى ياساش . ئىجادچانلىق كەم بولغان ياساش .نۇرغۇن سودىگەرلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقىنى بولسا ياساش ئەمەس.ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن تۇرىدىغان باشقىلار ياسىغان مەھسۇلاتنى سېتىش ،خالاس.
ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى بۇ نۇقتىدا ئاتا-بوۋىمىز لايىھەلىگەن تاماق تۈرلىرىگە تايىنىپ ، شىنجاڭ بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىدۇ.لېكىن ،بۇ پۇت تىرەپ تۇرۇش بىزنىڭ مىللىي ھىسياتىمىز ۋە ئادەتلىنىپ قىلىشىمىزنى تايانچ قىلغان .چەت ئەللەردە ئەخلەت يېمەكلىك،دەپ قارالغان مېك دونالد ، كېنتاككې قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ بازىرىدىكى ئەھۋالى ئۇيغۇر ئاشخانلىرىمىزدىن ياخشى بولسا ياخشىكى ،ناچار ئەمەس.ناۋادا ئۇلار مۇسۇلمانچە يېمەكلىك دېگەن ماركىنى ئاشسا قانداق بازار تېپىپ كېتىدۇ،ئېنىق ئەمەس.
بۈگۈنكىدەك كۆپ خىل مەدەنىيەت ناھايىتى تېز ئۇچرىشۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاشخانلىرى ئاتا- بوۋىسىدىن قالغان ئاشۇ ئەڭگۈشتەرگە تايىنىپ تۇرۇۋېرىشى كېرەكمۇ ؟ لاھىيلەش ۋە پەن-تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش ئەقلىي مىللەتنىڭ بەلگىسى بولغانىكەن ،چوقۇم بىز شۇ نۇقتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك .لېكىن ئاشخانلىرىمىز شۇ نۇقتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتامدۇ؟ئاشخانائىگىلىرى مۇشۇ نىشاننى ئويلىشىپ باقتىمۇ- يوق؟
بىر چاغلاردا «ئەنجۈر» ئىسىملىك زەنجىرسىمان تاماقخانىلار ئۇيغۇر ئاشخانلىرىنىڭ مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى.لېكىن ئاشخانىنى ئاشخانا قىلىپ تۇرىدىغان تاماقلارنىڭ تىزىملىكى ۋە قۇرۇلمىسىدا تۈزۈك ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى . يۈز بەردى دېيىلسە يېزىلىشى ئۇيغۇرچە ،ئاتىلىشى خەنزۇچە نۇرغۇن قورۇما تۈرلىرى تاماق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇرنىڭ پۇلىنى خەجلەپ تەرەققىي قىلۋاتقان ئۇيغۇر ئاشخانلىرى ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ تاماق ۋە قورۇما تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويايلى ،دېگەننى ئويلاپ باقمىدى.ئۇلار مېك ،دونالد ۋە كېنتاكىنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ھەم زەنجىرىسىمان ئاشخانا بازىرى قىلىش ھەققىدە قانچىلىك پىكىر قىلدى، ئېنىق ئەمەس.
يېزا ئىگىلىكىمىزگە نەزەر سالساق ، مىللىتىمىزنىڭ 80نەچچە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ئۇسۇلىدا بىر قىسىم ئۆزگىرىش بولدى.مەن خوتەندە 1980-يىللىرىنىڭ بېشىدا دېھقانلارنى يىپەكچىلىككە تايىنىپ بېيىتىمىز ، دېگەن شوئارلار ئاستىدا ھەممە يەرگە ئۈجمە كۆچىتى تىكىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ،لېكىن بۇ قاينام-تاشقىنلىق ئۈجمە دەرىخى بەرپا قىلىپ پىلە بېقىش - يىپەك ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنى ناھايىتى تېزلا ئاخىرلشتى . يىپەكتىن ئىبارەت خەلقئارادا ناھايىتى قىممەتلىك تاۋار بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ھېچقانداق كۈچ كۆرسىتەلمىدى.كېيىن ،تۇرپان ۋە بوزاقنىڭ ئۈزۈمچىلىكىدىن ئۆگىنىمىز ،دەپ تال تىكىش دولقونى كۆتۈرۈلدى..لېكىن ،خوتەن يەنىلا تۇرپانغا ئايلانمىدى .خوتەننىڭ باشقا يېزىلىرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسىدەك بولالمىدى.بۇلتۇر يۇرتقا قايتسام خوتەندە ياڭاق ۋە چىلان تىكىش دولقۇنغا ئايلىنىپتۇ .ئۇنىڭ ئايىغى قانداق بولىدۇ ؟يەنە قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئاشۇ دېھقانلىرىمىز ئۈستىگە قۇرۇلغان نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رولى بۈگۈنكى كۈندە شۇ يەرنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ۋە باج-سېلىق يىغىپ ھۆكۈمەتنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ.بىرەر يېزا باشلىقىنىڭ كاللىسىدا يېزىمىزنى زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن قانداق قورللاندۇرىمىز ؟ ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك تۈزۈلمىسنى قانداق ئىسلاھ قىلىمىز ؟خەلىقىمىزنى قانداق دېھقانچىلىقنىڭ بۇ ئېغىر جاپاسىدىن قۇتۇلدۇرىمىز ؟دەيدىغان مۇستەقىل ئوي ۋە تۈرۈتكە بارمۇ-يوق ،بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ماڭا گويا پويىزنىڭ نۇرغۇن چاقلىرىنىڭ بىرىدەك كۆرۈنىدۇ.
دەرىسلىك ئىسلاھاتى دەرىسخانىلاردا ئوقۇتقىچىلارغا غايەت زور دەرىجىدە ئىجادچانلىق ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش پۇرسىتى بەردى. ئۇلار ھازىر ئەڭ ئېسىل لاھىيەلەرنى تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بايلىقىنى قازسا ،ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك سۈپىتىنى ئاشۇرسا بولىدۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە مائارىپ تارماقلىرىمىز ھېلىمۇ دەرىسلىك ئىسلاھاتىنى كىتاب ئۆزگەرتىش ۋە مائارىپتا بەزى يېڭى ئىشلارنى قىلىپ بېقىش ،دەپ ناھايىتى ئاددىي چۈشىنىپ ئۆتمۈشتىكى مائارىپ ئەندىزىسىدىن قۇتۇلالمىدى.ھەتتا ئارىمىزدا جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسزلىق ۋە بۇزۇلۇشتىن ،بالىلارنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقىدىن ،ئەمەلدارلارنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن قاقشايدىغان ئوقۇتقۇچىلار بار،لېكىن ئۇلار ئەنە شۇنداق گەپ ئاڭلىماس ۋە چۈشكۈن كىشىلەر، ئوقۇتقۇچىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەيدىغان باشلىقلارنىڭ دەل ھازىرقى مائارىپىمىزنىڭ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ،ئەڭ بولمىغاندا شۇنداق بولۇپ قېلىشنىڭ مائارىپ بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسۋىتى بارلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ.دېمەك ، ئۆزى تەربىيەلەۋاتقان ئادەمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ھۆرمەت پەيدا قىلالمىغان مائارىپ زادى قانداق مائارىپ ؟
ئەدەبىيات-سەنئەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ جىسمانىي كۈچ مىللىتى ئىكەنلىكىمىز تېخىمۇ ئاشكارە بولىدۇ.ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلىرىمىزدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دوراش ۋە تەقىلىد قىلىش،ئوغىرلاش خاھىشى دەل بۇنىڭ ئىسپاتى،ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئېيتساق ،ئەدەبىيات ھەققىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزمەي،ئۆز چەمىبىرىدىكى ئاپتورلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ ،ئۆز چەمبىرىنىڭ تەپەككۇر سېستىمىسىدىن چىقالماسلىق،ئىجاد قىلىش ماھارىتىدىن ئازراق ئۆگىنۋېلىپ ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ھۆنەر دەرىجىسىگەچۈشۈرۈپ قويۇپ ،يازغۇچى -شائىرلارنىڭ ئابرۇيىنى كۈندىن -كۈنگە پاخال قىلىش ،ئۆزىنى قىلمىش-ئەتمىش ۋە ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ،چەت ئەلنىڭ ئەخلەت ئىدىيەلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى كاردىن چىقىرىش .سېرگيى يېسىنىن ئاجايىپ كۆپ مۇھەببەت لېرىكىسى ،يازغان ،نۇرغۇن قىز بالىلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن دېسە ئاق-قارىنى ئايرىماي سېرگېي يېسىننىڭ تۈكۈرۈش ھالىتىدىن تارتىپ ،مازلىقىغىچە دوراش ،يەنە ئاللىكىملەرنىڭ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغان لۈكچەكلەرنىڭ مىجەزىدىكى قىتىغۇرلۇق ۋە ئەسكىلىكنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىۋىلىش دەل بىزنىڭ ئەدەبىيات نۇقتىسىدىنمۇ ئەقلىي مىللەت دەرىجىسگە كىرمىگەنلىكىمىزنىڭ ئىسپاتى.
يەنە بۇ ھەقتە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن ،ئەدەبىي ئىجادىيەت باردەك ،لېكىن كەسكىن بولغان ئەدەبىي تەنقىد يوق. سەنئەت ئىجادىيىتى باردەك ،لېكىن كەسكىن ۋە ئىلمىي بولغان تەتقىقات يوق .يېزا-ئىگىلىك بار، يېزا -ئىگىلىك تەتقىقاتى يوق .نۇرغۇن پىروفېسسور ۋە تەتقىقاتچى ئۇنۋانىدىكى ئادەم بار،لېكىن تەتقىقات ئىقتىدارى يوق .نۇرغۇن رەھبەرلەر بار،لېكىن رەھبەرلىك ئىلمىي يوق .رەھبەر بولۇشقا قىزىقىدىغان ئادەم قۇمدەك، لېكىن رەھبەرلىك ھەققىدە ئىزدىنىپ ھەقىقىي مەنىدىكى رەھبەر بولۇشقا ئىنتىلدىغانلار يوق دېيەرلىك...
ئۇنداقتا، بىز قاچان ئەقلىي كۈچ مىللىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىمىز ؟ يۇقىرىقى مۇھاكىمىمىزدە بۇنىڭغا بەزى جاۋابلار تېپىلىشى مۇمكىن.كۆپچىلىكنىڭ ماقالىنى ئوقۇپ بولغان ھامان بۇ سوئالنى ئۆزىگە قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2007-يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقىي)تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ مۇھاكىمە ماقالى ھەقىقەتەنمۇ تورداشلارغا بىر ئويلىنىش ھەم مۇنازىرە قىلىش روھىغا ئېگە بولغان ئەسەر دەپ قارىغاچقا ، بۇ تېمامنى مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم،ئىجادىي ۋە ئۆزگىچە قاراشلىرىمىزنى ئەسەر بىلەن ئورتاقلاشساق دېگەن ئۈمىدتەمەن.مەزكۇر تېمىنى ئورۇپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشكە كەتكەن ئەجرىم ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ باشقا تور بېكەتلەرگە يوللىماسلىقىڭىزنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 21:16
|