تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1831|ئىنكاس: 19

سۇنغان كۆڭۈل (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
43505
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندۈز ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن قورىقتىڭ،كۆزلىرىمدىكى ياشقا،يۈركىمدىكى ئوتقاپەرۋا قىلمىدىڭ.
ھېس قىلغۇسىز بەخىتلەر قوينىدا ئەللەيلەشنىڭ ئورنىغا تۈگىمەس بىر ئازاپقا تاشلاپ قويدۇڭ.ئەمدى بىزگەئائىت ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرمىز!!

                                                                    سۇنغان كۆڭۈل (ھېكايە)


_ۋەي ،دىلزىبامۇسەن؟
-ھە،مەن خالنۇرمۇسەن،قانداق ئەھۋالىڭ ؟ياخشى تۇرۋاتقانسەن ھە؟
-ياخشى ئاداش ،سەنچۇ ؟مەن شۇ توينىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ..
-ھوي ،ياخشىغۇ! شۇ شۇنداق دەپ ئاڭلىغانتىم ،قاچانغا بېكىتتىڭلار ؟
-ئاللا خالىسا 5-ئاينىڭ 13-كۈنىگە ئاداش ،كېلەسەن ھە؟كەلمىسەڭ بەك خاپا بولۇپ كېتمەن،ئېلشاتنىڭ ياخشى ئاغىنلىرى بەك جىق ،سەنمۇ بىرەنى تېپىۋىلىپ تويۇڭنى مەندىن كېيىنلا قىلۋىتەمسەن تېخى -
-قويە ئاداش ،تايىنلىق ھېلقى ھەسەندەك پەسلەردۇ،شۇنىمۇ بەك ماختاپ ھالىڭلار قالمىغان،قىنى تازا بىر پەس ،تۆھمەتخور چىقتغۇ؟ مەنمۇ ئەتە ماڭىمەن ئاداش.
-ۋوي .نىمانداق ياخشى ،ئەمسە كېلىپ تېلفۇن قىلە ،مەن بىلەن بازار ئايلىنىشىپ بەر
-ماقۇل_خۇدا خالسا بېرۋىلىپ تىلفۇن قىلمەن-  ماقۇل ئاداش خۇداغا ئامانەت ئاق يول بولسۇن -
-خۇداغا ئامانەت ئاداش ~~
مانا شۇ تىلفۇندىكى قىلىشقان پاراڭلارنىڭ ئاز ۋاقىت ئۆتمەي راسقا ئايلىنىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئاساستا تېلفۇننى قويۋېتىپ ئەتىدىكى سەپىرىمگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم.
غۇلجىغا يىتىپ كەلدىم ،ئىككى كۈن ئۆيدە دەم ئالغاندىن كېيىن كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە جىيەنىمنى بىزنىڭ ئۆيگە ياندۇرۇپ چىقىش نىيتىدە كىردىم .ھەم بەگزادنى ئىلىپ خالنۇرنىڭ قېشىغا كۆرۈشكىلى باردىم .بىز بىللە ئۇنىڭ ئۆيىدە تاماق يىگەندىن كېيىن بازار ئايلانغىلى ماڭدۇق .يولدا كېتۋىتىپ كۆزۈم تۇيۇقسز يول بويىدىكى بانكىنڭ ئۇدۇلىغا توختىتىپ قويۇلغان كۆك رەڭلىك سېۋىك ماشىنىغا چۈشتى .
-ئاداش ،ئاۋۇ ئۆتكەندە ھىلقى ھەسەن دىگەن بالا مەن بىلەن كۆرۈشكەندە ھەيدەپ چىققان ماشىنا شۇغۇ؟
-نەدە ئۇنىڭ بۇنداق ماشىنىسى بار ،ئۇنىڭ قارا شەندەي ،قارغاندا بىرەسىنىڭكڭنى سوراپ ساڭا مېنىڭ دېگەن ئوخشايدۇ،بىچارە بايقۇش،ھا ھا ھاھ....
-ھوي .گۈزەل خانلار يولۇڭلار قاياققا_
تۇيۇقسىز چاقىرغان بۇ ئاۋازدىن خالنۇر ئىككىلىمىز ئارقىمىزغا ئۆرلۈپ قاردۇق ،بايامقى ماشىنىدىن خالنۇرنىڭ توي قىلدىغان بالىسى ئىلشات چۈشۋاتاتتى .
-ۋىيى،سىز بۇ يەردە نىمە قىلسز ؟
-ھە،  ئىلشاتنىڭ بانكىدا ئىشى باركەنتۇق ،بىللە كەلگەن
-ئۆزىڭىزنى كۆپەيتىۋالمىغانسىز ،يەنە  ئىلشات دەيسىزغۇ؟دېدىم مەن،
-ئاللا دىلزىبا سىزنىزە ،،مۇشۇ ماشىننىڭ ئىگسى مىنىڭ ئاغىنەم ،ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ئلشات ،ھە،نەگە ماڭغانتىڭلار،چىقىڭلارماشىنىغا ؟
بىزمۇ ھېرىپ ئارانلا قالغاچقا گەپ قىلماي ماشىنىغا چىقتۇق،
بىزدىن بەكەرەك ئۇكام ھېرىپ كەتكەن بولسا كېرەك،ماشىنىغا چىقىپلا ئۇخلاپ قالدى ،ئاز ئۆتمەي ھىلقى ئلشات دىگەن بالىمۇ چىقتى،ماشىنىغا چىقىپ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بىز بىلەن كۆرۇشتى.
قارماققائورۇقراق  ،چاچ پاسۇنى ھەم ئۆزىمۇ ئۆزبەكلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ بالا ماڭا ناھايىتى ئىللىق كۆرۈندى .شۇ ھامان كۆڭلۈمدىمۇ(ئېسىت،ھىلقى ھەسەن دىگەن ساراڭ ئاغىنىسىنڭ ئورنىدا مۇشۇ بالا بىلەن تونۇشۇپ قالسامچۇ ؟)دەپمۇ ئويلاپ بولدۇم .
-ھە؟سىلەرنى قاياققا ئاپىرمىزكىن ؟ دىدى خالنۇرنىڭ يىگىتى
-توڭلوۋەنگە -
ماشىنا بىز دىگەن تەرەپكە قاراپ ماڭدى،مەن بەگزادنى ئويغۇتالماي ئاۋارە ئېدىم .
-بولمىسا ئۇكىڭىز ماشىنىدا ئۇخلاۋەرسۇن ھېلى ئويغانغاندا مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەكىلىپ قوياي ،
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارسام ئۇ (ئىلشات)ئەينەكتىن ماڭا قاراپ گەپ قىلۋاتاتتى .كۆزلىرىم ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەنلا يۈركۈم ئاجايىپ بىر خىل تىز سېلىپ كەتتى.
-بولمىسا شۇنداق قىلىڭ دىلزىبا ،ئويغانغاندا ئىلشات يېنڭىلارغا ئاپىرىپ قويىدۇ.-دېدى خالنۇرنىڭ يگىتى
-بولدى،ئويغانسا يىغلىشى مۇمكىن ،دېدىم مەن .ماشىنا بىز دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدى ،خالنۇر ئىككىمىز بەگزادنى كۆتۈرۈپ ماشىندىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ چۈشۈپ قالدۇق...
قارسام ئۇكام ھىچ ئويغىندىغاندەك ئەمەس ،مەن ماشىنا توسۇپ ئۆيۈمگە يېنىپ چىقتىم .
ئۆيگە يىنىپ چىققاندىن كېيىنمۇ نېمىشقىدۇر كۆز ئالدىمغا ئىلشاتنىڭ ھالىتى كىلۋىلىپ مىنى سەل قىيناپ قويۋاتاتتى .
كەچلىك تامىقىمنى يەپ ئولتۇراتتىم ،تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايرىدى ،تېلفۇن خالنۇردىن كەلگەن ئېدى .
-ۋەي ،خالنۇر ؟--ۋەي .دىلزىبا ،ئاداش ،نىمە قىلۋاتسەن،چىقۋالدىڭمۇ؟
-ھە،ئاداش ،چىقۋالدىم،تاماق يەۋەتقان،-
-يامان جۇمۇ ئاداش سەن،سىنى بىر كۆگەن ئوغۇل بالا زادى تۈگشىدۈ،ئىلشات  نەچچە كۈنگىچە ئۈرۈمچىگە ماڭاتتىكەن ،سىنى ماڭسا ئاغاچ كىتەي دەپتۇ،مىنڭ ئىلشىتىم ھازىر ماڭا (دىلزىباغا دەپ باق)دىگەن ،قانداق بىللە ماڭامسەن ؟
-ۋىيى،نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن ،دادامنىڭ ماشىنىسىدا بىللە ماڭماقچى ئىدىم ،ئەگەر دادام ماڭماي قالسا ماڭارمەن بىللە!!
-ھە،مەيلى قاراپ باق .ئەمسە ؟
تىلفۇننى قويۋىتىپ خوش بولغىنىمدىن تاس قالدىم ۋارقىرۋەتكىلى،ئاغزىمدا خالنۇرغا ئۇنداق دەپ قويغىنىم بىلەن ئەمما ئلشات بىلەن مىڭىشقا قارار بىرىپ بولغان ئىدىم ،چۈنكى دادام تاماق ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ جىددى ئىشى چىقىپ ئەتىلا ماڭىدىغانلىقنى مېنىڭ نەچچە كۈندىن كىيىن قاتناش بىلەن مىڭشمنى ئىيىتقان ئىدى.
ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس !ئەنە شۇ قىتىملىق بىللە ئۈرۈمچىگە مىڭىش ئىلشات ھەم مېنىڭ تۇرمىشىمىزغا نۇرغۇن دەرت ئەلەم ئاتا قىلدى .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-21 23:38):
(ئاخىرى داۋاملىق يوللىندۇ)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
43505
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                        سۇنغان كۆڭۇل (داۋامى)
شۇنداق قىلىپ مەن تەققازالىق بىلەن كۈتكەن كۈنلەرگە ئاز قېلۋاتاتتى ،ئۈندىدار(يەنى ۋېيشىن)ئارقىلىق خالنۇرنىڭ يىگىتى بىلەن ئالاقىلشىپ ئىلشات بىلەن يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان بولدۇم .
مانا شەنبە كۈنىمۇ كەلدى ،ئىلشاتتىن ھىچ بىر خەۋەر يوق كاللامدا (مانا تازا ،مىنى ئالماي غىپپىدە تىكۋەتتىمۇ بۇئاداش ،ئەتە ماڭامىزمۇ ياكى ئۆگۈنلۈككىمۇ ؟)دەپ ئويلاپ دەككە دۈككىدە يۈردۈم ، تۇيۇقسىز كەچكە يېقىن ئۈندىدارىمغا قوشىۋىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر كەلدى ،(ئىلشات )لاتىنچە ھەرىپلەر بىلەن يىزىلغان قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ خوشلىقىمدىن دەرھاللا دوسلىرىم قاتارىغا قوشتۇم .
-ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم ،دىلزىبا ،بۇ مەن ئىلشات ،قانداق ئەھۋالىڭىز !!  ئۇنىڭدىن ئاۋازلىق ئۇچۇر كەلگەن ئىدى.
-ۋەلەيكۇم ئەسسالام ،ياخشى ئۆزىڭىزچۇ ؟
-مەنمۇ ياخشى ،ھە ،مىڭىشقا تەييارلىقلار پۈتتىمۇ يا؟
-ھە ،پۈتۈپ قالدى ،قاچان ماڭىدىغان بولدۇق ؟
\ئاللا خالىسا ئەتە چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ماڭايلى ،بولامدۇ ؟
-مەيلى ،
-ئەمسە سىز .ئەتە كىرىپ ماڭا تىلفۇن قىلىڭ ،
-139*********  مىنىڭ نومۇرۇم
-ماقۇل ،ئەمسە ئەتە كۆرشەيلى .
ئاجايىب شىرىن خىياللار ھەم بەخىت ئىلكىدە قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ،يەكشەنبە ئەتىگەندىلا ئىلشاتتىن كەلگەن ئۇچۇر مىنى ئويغاتتى .
ئۇ ئۇچۇردا مىنىڭ 11لەر بىلەن كىرىپ بولشىمنى تاماقنى بىللە يەپ قورغاستىن ئالدىغان ئىككى ئادەم بارلىقىنى ئىيتىپتۇ. سائەتكە قارسام 9 بولۇپ قاپتۇ ،ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ناشتىلىقىمنى قىلىپ ،قىلىپ بولالمىغان تەييارلىقمنى قىلدىم .
ئاپام بىلەن خوشلىشىپ ئۇنىڭ يىنىغا ماڭدىم 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ھاۋا ئوبدانلا سوغۇق ئىدى .
ئاز قالغاندا ئۇنىڭغا ئۈندىداردا گەپ قىلدىم .
-ئىلشات ،مەن كىلەي دىدىم ،نەدە سىز ؟
- ھە ، مەن ئلشات (خالنۇرنىڭ يىگىتى )بىلەن بىر يەرگە كەلگەن ،سىز ماشىندىن چۈشۈپلا شۇيەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ ،مەن ھايال بولمايلا بارمەن .
مەن ماشىندىن چۈشۈپ ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم ،ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئالدىمغا بىر پىرادۇ كىلىپ توختىدى ،
قارسام ئىچىدە 2 ئىلشات ئولتۇرۇپتۇ ،
خالنۇرنىڭ يىگىتى ماشىندىن چۈشۈپ مەن بىلەن كۆرۈشتى ،ئۇنىڭغىچىلىك ئىلشاتمۇ ماشىندىن چۈشتى ،ھەم سومكامنى ئىلىپ ماشىننىڭ ئارقىسىغا كەلدى .
-ساقلىتىپ قويدۇق ھە ؟
-ياقەي ،
-ھە ،دىلزىباخان،تويغا كېلەمىز ھە ؟دىدى ،خالنۇرنىڭ يىگىتى
-ئاللا خالىسا ئەلۋەتتە كىلمەن ،بولمىسا ئەر ئايال ئىككىڭلار ئۆمرۈڭلارنىڭ ئاخىرغىچە قارغاسىلەر مېنى ،،
-ھا ھاھا ،،ئىككى ئىلشات تەڭلا كۈلشىپ كەتتى ،
ماشىنا (ئېلى مىھمانخانىسىنىڭ )ئالدىغا كېلىپ توختىدى ،ئلشات ماڭا قاراپ :
-دىلزىبا ،ماشىندىن چۈشۈڭ ،ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسىغا چىقايلى
مەن ئانچە ئاڭقىرالمىغان ئاساستا ماشىندىن چۇشتۈم ،ئىلشات سومكامنى توختۇتۇلۇپ قويۇلغان ئاق رەڭلىك CR-Vماشىننىڭ ئارقىسىغا سالدى .
كاللامدا (ھەجەپ ماشىنىسى جىقكىنا ،ساپلا ئىسىل ماشىنلاركەن ،خالنۇر ئۆتكەندە يىگىتى ھەيدەپ كەلگەن cemryدىگەن ماشىننىمۇ مۇشۇ ئىلشاتنىڭ دەۋەتقان)دىگەنلەرنى ئويلىغاچ ماشىنىغا چىقتىم .
-ئەمسە ئاق يول بولسۇن ،ئەسلى سىلەر بىلەن تاماق يىسەم بولاتتى ،لىكىن باشلىقم ماشىننى ئىشلىتىدىكەن، يولدا دىققەت قىلىڭلار ،دىلزىبانى ساڭا تاپشۇردۇم ،ساق -سالامەت ئۈرۈمچىگە ئاپىرارسەن ھە ،ئاداش !!!دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ،خالنۇرنىڭ يىگىتى .
-خاتىرجەم بولە ئاداش ،مەن سىنىڭ باشقا ئاغىنلىرىڭگە ئوخشىمايمەن ،
ئەنە شۇنداق چاقچاقلار بىلەن ئلشات بىلەن خوشلىشىپ بىز يولغا چىقتۇق .
- قورساق ئاچقاندۇ ؟نىمە يىگۈڭىز بار ؟
-مەيلى ،نىمە يىسەك ،دىدىممەن ئۆزۈممۈ پەقەت ياقتۇرمايدىغان ساختا تەكەللۇپ بىلەن .
شۇنداق قىلىپ ئلشات ئىككىمىزنىڭ سەپىرى مۇۋەپىقىيەتلىك باشلاندى .ئاتالمىش قورغاستىن ئالدىغان 2ئادەمنىمۇ ئالماي ئىككمىز يالغۇز يۈرۈپ كەتتۇق.يول بويى بىرىمىز توختىساق بىرىمىز ۋاتىلداپ شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ماڭدۇق .
ھەتتا ئىلشات مەندىن ھەسەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسۋىتىنىمۇ سوراپ ئۈلگەردى ،مەن ئۇنىڭغا ھەسەن بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتېمنىڭ يوقلىقىنى ،ئىلشاتقا بەك دەپ تۇرۋالغاچقا تونشۇپ مىجەزىنى پەقەت ياقتۇرماي ئىزدەشمىسەم مىنى ھەممىسىگە يامان قىلىپ بولغانلىقىنىمۇ دەپ بەردىم .ئەمەليەتتە ئۇ بۇ ئىشلارنى ئىلشاتتىن ئاڭلىغان ئىكەن .
شۇ 7سائەتلىك سەپەر ئارقىلىق ئىلشات ئىككىمىز بىر بىرمىزنى ،ئائىلىمىزنى خىلى چۈشنۈپ قالدۇق ،ھەر ئىككلكمىز ئۆينىڭ چوڭى بولغاچقا تويغا ئلدىرتىۋاتقان تەروپلىرمىزمۇ ئوخشاش ئىكەن ،بۇ جەھەتتە بىر بىرمىزنىڭ دەردىگىمۇ يىتىشتۇق.يول بويى كۈلكە چاقچاق بىلەن مېڭىپ ئۈرۈمچىگە قانداق يىتىپ كەلگەنلىكىمىزنىمۇ بىلمەي قاپتۇق .
ئۇ كۈنى مەن ئۇنى خىلىلا ياقتۇرۇپ قالدىم ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ،شۇنچە پۇلدار بولغىنىغا قارىماي كەمتەر ،كىچىك پىئىللىقى مىنى ئۆزىگە ئوبدانلا رام قىلۋالدى .ھەتتا ئۇ ماڭا بۇرۇن يۈرگەن قىزىنىڭ ھازىر توي قىلىپ كەتكەنلىكى ،ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى قىز ئىكەنلىنى،تەقدىرنىڭ بىر بولماي قالغانلىقىنمۇ سۆزلەپ بەردى ،مەنمۇ ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بىر ئاتۇشلۇق بالا بىلەن بىر يۈرگەنلىكىمنى ،كىيىن تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىمىزنىمۇ سۆزلەپ بەردىم.ئەنە شۇنداق كەچمىش ھەم كەلگۈسى ئۈستىدە سۆزلىشىپ ھەتتا كەچلىك تاماقنىمۇ بىللە يەپ ئاندىن ئۇ مىنى ئۆيۈمگە ئەكىلىپ قويدى . ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىمۇ بىزنىڭ شياۋچۈنىڭ ئۈستىدىكى شىياۋچۈدە ئىكەن.ھەر ئىككىلىمىز ئىنتايىن خوشالللىق ئىلكىدە ئەتىلەردىن يەنە كۆرشىدىغان بىللە لەگلەك ئۇچاتىدىغان بولۇپ خوشلاشتۇق .
ئۇلۇغ خۇدا !ئەگەر شۇچاغدا مەن ھەم ئلشات ئىككىمىز بۇندىن كىيىنكى تۇرمىشىمىزدا ئاجايىب رەھىمسىز قىسمەتلەرنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلگەن بولساق ،كېچىنىڭ چاققانراق تاڭ ئېتىشنى تەققازالىق بىلەن كۈتەر ئىدۇقمۇ ؟


        سۇنغان كۆڭۈل (3 -بۆلەك )
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كۈنلىرى بىللە تاماق يىيىش ،بازار ئايلىنىش ،يەنە تېخى خوڭيەنچى كۆلىگە بېرىپ لەگلەك ئۇچۇرۇش دېگەندەك كۆڭۈللۈك ئىشلار بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى . ئىلشاتمۇ تەبىئيلا مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ،كىم بىلەن تېلفۇندا پاراڭلاشتىم ،كىم بىلەن ئۈندىداردا ئالاقە قىلدىم سۈرۈشتۈردىغان ،ھەتتا ئوغۇللار بىلەن ئالاقە قىلسام ئاچچىقلىندىغان بولدى .مەنمۇ ئۆزلىكىمدىن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بولدۇم ،ئىلشاتنى خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان تەرەپكىمۇ ئۆتتۈم . ئەنە شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ماڭا ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى .ئادەتتىكى قىز ئوغۇللاردەك يۈرۈشلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ مەڭگۈ بىللە ئۆتۈشىمنى ئۆتۈندى .مەنمۇ خىلى بۇرۇنلا ئۇنىڭغا تەسلىم بولغان يۈركىمنىڭ نىدالىرىغا بويسۇنغان ئاساستا ئۇنىڭ تەكلىۋىگە قوشۇلدۇم .كۆزلىرىمىز پەقەت ئىككىمىزلا ھېس قىلالايدىغان بەخىت نۇرلىرى بىلەن نۇرلانغان ئىدى.ئۇ چاغلاردا دۇنيادا مەندىنمۇ بەخىتلىك ئادەم بولمىسا كىرەك .ئىلشاتنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى ئاستىدا مەندەك بىر ئۆيىدە تۈزۈك تاماقمۇ ئيتىپ باقمىغان مەلىكىنىڭ ئۇلارنىڭكىدەك بىر چوڭ ھاجىم ئائىلىسىگە چوڭ كېلىن بولۇپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتەك بىسىممۇ ھىچقانچە بىلىنمىدى .چۈنكى مېنىڭ كاللامدا (قىز بالا ياتلىق بولغان ئىكەن ،چوقۇم قىيىنئاتا-ئانىنڭ خىزمىتىدە بولىشى كىرەك)دېگەن خىيال ھەم نىيەت ئەزەلدىن بار ئىدى .شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دادام ،ئاپاملارنىڭ ماڭا كۆڭۈل بولۇپ ئوبدانراق ئويلىنىشىم توغرىسىدا قىلغان نەسىھەتلرىنىمۇ ئاڭلىمىدىم.
ئىلشات مەندىن نەچچە كۈن بۇرۇن غۇلجىغا قايىتتى ،مەن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ ئارقىسىدىن قايىتتىم.
مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ دادىسىنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچى كىرگۈزمەكچى ئىكەنلىكنى ئېيىتتى .خوشلۇقۇمدىن بېشىم كۆككە يىتەي دىگەن بولسىمۇ بىراق كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى .
ھەم شۇ كۈنلەردە ئىلشات ئىككىمىزنىڭ تونۇشىغا ئۇلۇغ خۇدادىن قالسا سەۋەپچى بولۇپ قالغان خالنۇر بىلەن يىگىتىنىڭ ئانچە قايىل ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالدۇق .
مانا بۈگۈن ئەلچى كىردىغان كۈن ،بەلكىم بۇ ھەر قانداق بىر قىز بالا ئۈچۈن ئەڭ بەخىتلىك كۈن ھېساپلانسا كىرەك.
ئۆزۈمنىڭ ياتاق ئۆيىدە خوشاللىق ،بەخىت ،جىددىيلىشىش ئىچىدە ئولتۇردۇم .ئىلشاتمۇ ماڭا ئوخشاش جىددىيلەشكەن بولسا كىرەك ،ماڭا توختىماي تېلفۇن قىلىپ تۇردى.
شۇنداق قىلىپ ئەلچىلەرنىمۇ ئۇزاتتۇق لېكىن دادامنىڭ(مەن قىزىمنى كىچىك دەپ يۈرۈپتىمەن ،مەلىكەم چوڭ بوپتۇ ئەمەسمۇ مانا ،ئاللا بەختىڭىزنى بەرسۇن قىزىم )دەپ پىشانەمگە سۆيگەن ۋاقـتىدا تويغا قوپقۇنۇمغا پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگەردىم .شۇ كۈنى مەن ئىلشات بىلەن تويلۇق سۈرەت چۈشىدىغان يەرگە بىرىپ ئەتىسى چۈشىدىغان بولدۇق ،توي كۆڭلىكىمنىمۇ ئۈرۈمچىدىن ئەكىلدىغان بولۇپ بۇيرۇتۇپ قويدۇق .ئۇ مېنى كىچىك ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ قويۇپ ئۆزى رېستۇران ئۇقۇشقىلى كەتتى . كەچكە يېقىن ماڭا تىلفۇن قىلىپ 6ئاينىڭ *كۈنىگە رېستۇراننى ئالغانلىقنى تويىمىزنىڭ ئاللا خالىسا شۇ كۈنى بولدىغانلىقىنى ئىيىتتى .
چەكسىز بەخىتلەر ئىچىدىكى مەن ئۇخلىيالماي ياتاتتىم ،ئۇنىڭدىن يەنە تېلفۇن كەلدى :
-ۋەي ،جىنىم !!
-ھە ! تىخى ئۇخلىمىدىڭما ؟
-ياق ،سىزچۇ ؟نەدە ؟
-مەن شۇ ئۆيگە قايىتقان ،دىلزىبا سەن مەندىن ھىچ ئىشنى يوشۇرمايسەن ھە؟شۇنداقمۇ ؟
-ئەلۋەتتە ،جىنىم ،نىمە بولدى ،،،،،،،تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالدىن ئەندىكىپ كەتتىم ،
-شۇ بايام ئىلشات بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم ،ئۇ (تويغا ئۇنچە ئالدىراپ كەتمە ،دىلزىبا بۇرۇن ئاتۇشلۇق بالا بىلەن يۈرگەن ،يەنە ھەسەن بىلەن ياتاققىمۇ كىرگەن )دەيدۇ ،مەن ئىشەنمىدىم
-نىمە ؟سىز ئىشەندىڭىزما ؟مەن ئاتۇشلىق بىلەن يۈرگەنلىكىمنى سىزگە دېگەنغۇ ؟مەن ھەسەن بىلەن پەقەت بىر قېتىم تاماق يىگەن ،بىز تاماق يىگەن ئۇ ئاشخانىنىڭ ئۈستى مېھمانخانا ئىكەنتۇق،بۇنىمۇ سىزگە دىگەنغۇ مەن ئىلشات ؟يالغان ،ئۇلۇغ ئاللا گۇۋاھ ،مەن ھىچقاچان ئۆزۈمگە ھەم ئاتا-ئانامغا يۈزكېلەلمەيدىغان ئىش قىلمىدىم .-
-بولدى ،جىنىم ،مەن بىلمەن،سىنى سۆيمەن ،خالنۇر سېنىڭ دۈشمىنىڭكەن ،ئۇ سېنى ئىلشاتقا بەك يامان كۆرسىتىۋىتىپتۇ؟ مەن پەقەت ساڭا ئىشنىمەن جىنىم !!
توۋۋا ما تۆھمەتلەرنى ،بۇ نىمە كۈن ئەمدى ،نىمانداق سەت گەپلەر بۇ ، مەن ئۇلار دىگەن ئىشلارنى قىلىش ئەمەس ئاڭلاپمۇ باقمىغان تۇرسام ، بالىنى مەن ئەمەس خالنۇر ئۆزى چۈشۈرگەنغۇ ؟مەن ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىمغۇ ؟مۇشۇ مېنىڭ 4يىل بىرگە بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغان دوستتوممۇ ؟ كۆزلىرىم يىغىدىن ئىششىپ كەتتى ،ئۆيدىكىلەرنىڭ سورغان سوئاللىرنى جاۋاپسىز قالدۇردۇم ،ئاچام (ئەتە تويلۇق رەسىمگە چۈشىسەن ،كۆزۈڭ ئىششىپ كىتىدۇ)دەپ گەپمۇ قىلدى ،لېكىن ھىچقايسىسى قۇلقۇمغا كىرمەيتى.
قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ،بىر چاغدا تېلفۇنۇم يەنە سايرىدى ،ئۇ ئۇرغان ئىدى ،تىلفۇننى ئالدىم ،ئالدىميۇ تۇرۇپ قالدىم ،ھەسەن ،ئىلشاتلار ئۇنىڭ ئۇنمىغىنىغا قارىماي مەن بىلەن يۈزلەشكىلى ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كەپتۇ،
قورسۇقۇمنىڭ ئاغرىقى بولمىغاچقا كېچىنى كېچە دىمەي چىقتىم .
ھەسەن مېنى كۆرۈپ خىجىل بولدىمۇ ئىشقىلىپ ئۇ گەپنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى ،ھەم بىز تاماق يېگىلى كىرگەن ئۇ ئاشخانا خېلى چوڭ ئاشخانا بولۇپ ئىچىدە كۈزەتكۈچ بار ئىدى ،ئۇ مەن بىلەن كىردىم دېگەن ياتاقتىمۇ كۈزەتكۈچ بار ئىدى ،شۇڭا مەن ئۆزۈمنى تامامەن ئاقلاپ چىقىتىم .
لېكىن بولۇنغان سەت گەپلەرگە پەقەت بەرداشلىق بىرەلمىدىم ،ئەگەر ئىلشات دىگەن ھايۋان تۆھمەتلەرنىڭ بىرى راس بولغان بولسىدى ،مەن قىلغان گۇنايىمنىڭ قىساسىنى تارىتۋاتىمەن دەپ بىلىپ ئەلەھمۆلىللا دىگەن بولاتتىم ،لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تۆھمەت ئىدى .   
ئۇھ يۈركۈم ،ئەگەر شۇ دەقىقىدە مېنى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان تۆھمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولسام بەلكىم ئۇ كېچە ئۇنچىلىك ھەقسىزلىق ھېس قىلمىغان بولارمىدىم ،ياكى شۇ تۆھمەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قارا يەردىن بىر كىشلىك ئورۇن ئالغان بولارمىدىم ؟؟؟؟


    سۇنغان كۆڭۈل (4-بۆلەك)
ئۇ كۈنلەرمۇ ئاستا -ئاستا ئۆتۈپ كەتتى ،لېكىن ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن ئازارلىرى ھىچ ئىسىمدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك ئەمەس ،ئۇ كۈننىڭ ئەتىسى بىز تويلۇق سۈرەتكىمۇ چۈشەلمىدۇق،تۇنجى تويىمىز ئۈچۈن باسقان قەدىمىمىزنىڭ بۇنداق نېشانغا يەتمەي توختاپ قېلشى ئىلشات ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلىنى بەك يېرىم قىلدى.
خالنۇرنىڭ يىگىتى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى ،ئۇنىڭ قايسىمىزدا ئۆچى بارلىقىنى ھىچ بىلەلمىدۇق .
مەن ھەتتا ئۇنى قاچان بۇنچىلىك خاپا قىلىپ قويغانلىقىمنى بىلىش ئۈچۇن ئۇنىڭغا تېلفۇن بەردىم ،ئەمما ئۇنىڭدىن ئىرىشكىنىم (سىز ،ئىلشاتنى ئوقىتىۋاپسىز ،ئۇ بۇنداق ئەمەس ئىدى ،ئۇ سىز بىلەن تونۇشقان ياقى مىنى ئىزدىمەس بولدى ،مەن سىزنىڭ يامان گىپىڭىزنى قىلىپ ئىلشاتنى قايىل قىلالمىدىم ،ھاجىمكامغا (ئىلشاتنىڭ دادىسى )دەيمەن )دېگەندەك بىر مۇنچە گەپلەر بولدى .روھىم چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم ،ئىلشاتقا بۇ گەپلەرنى دىسەم ئۇنىڭ ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى ئىيىتتتى .
شۇنداق قورقىنىچلار ئىچىدە توي تەييارلىقىغا ئۆي بويىچە چۈشۈپ كەتتۇق،شۇ ئارلىقتا ئىلشاتنىڭ 2-ئىنىسى تەنتەربىيەدىن بۇيىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەمەليەتتىن ئىمتىھان بەرگىلى بارماقچى بولۇپ ئىلشات ئىلىپ ماڭدى.
ئىلشات كېتىپ 2 كۈندىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيگە ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرى 2-قېتىم بىزنىڭ جاۋابنى ئالغىلى ھەم توي كۈنىنى بېكىتكىلى كىردى .يۈركۈم ھەم خوشاللىقتىن ھەم ئەنسىزلىكتىن سوقاتتى .
توي كۈنى بىكتىلىپ ئىككى تەرەپ خوشاللىق ئىلكىدە توي تەييارلىقى قىلۋاتقان شۇ كۈنلەردە ئىلشات قايتىپ كەلدى،
ئۇنىڭ بىلەن ئەتە كۆرشىمەن دەپ ئىنتايىن خوشاللىق ئىلكىدە ئۇخلاپ قالدىم ،ئەتىسى سەھەر تۇرۇپلا تەييارلىق قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم .لىكىن ئۇنىڭ تىلفۇنى تاقاق چىقتى .
يۈركىم قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ يەنە ئۆزۈمگە ھېلىغىچە ئىچىپ قالار دەپ تەسەللىي بېرىپ ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدىم .ئاز ئۆتمەي ئۇنىڭدىن تىلفۇن كەلدى ،ئۇھ!!خۇدا چەكسىز شۈكرى !!
ئىككىمىز كۆرشۈپ تاماق يېدۇق ،نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ ماڭا دىيەلمەيۋاتقان بىر گىپى باردەك تۇيۇلدى ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى سەل غەلىتە ئىدى .
ئۇ ئاخىرى مېنىڭ بىلەن يوق ئىشلارنى بانا قىلىپ ئۇرۇشتى ،تونۇشۇپ تاكى مۇشۇ كۈنگە قەدەر كۆزۈمدىن ياش چىقىرىپ باقمىغان ئىلشات كۆز ياشلىرىمغىمۇ پەرۋا قىلماي مىنى ھەدەملەرنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ كەچتە كېلىپ مېنى ئەكىتىدىغانلىقىنى ئىيتىپ كىتىپ قالدى .
ئازاب ،تىڭىرقاش ،ئىچىدە ئوتتا ئولتۇرغاندەك قىلىپ ئاران كەچ قىلىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم .
ئاھ خۇدا ،ئۇنىڭ تېلفۇنى تاقاق ،ساقلىدىم ھىچ ئاچىغاندەك ئەمەس ،ئاخىرى ھەدەملەردىن خىجىل بولۇپ يالغان گەپ قىلىپ ئۆيۈمگە ماڭدىم ،كاللامدا (زادى نېمىشقا بۇنداق قىلدىغاندۇ ؟(دېگەندىن باشقا سوئال يوق ئىدى .
ئۆيگە كىلىپ سىڭلىم ھەم ئاپامنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم. ئۇلار (كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ؟تىلفۇن قىلدۇ ؟)دەپ ماڭا تەسەللىي بەردىيۇ ئەمما ئۆزلىرىمۇ نىمدىندۇر ئەنسىرەپ تۇراتتى .
ئۇنداق قىلماس ،بۇنداقلا يوقاپ كەتمەس دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن .بىر چاغدا چۆچۈپ ئويغاندىم ،قارسام ئاللىقاچان تاڭ ئېتىپ بوپتۇ .تېلفۇنۇمغا قارسام ئۇنىڭدىن ھىچ بىر تىلفۇن كەلمەپتۇ .ئۇردۇم يەنە تاقاق.
ئۈمۈدلىرىم يوقالدى.سىڭلىمى ئېلىپ ئۇنى ئىزدەپ ماڭدىم ،گەرچە قەيەردىن ئىزدىشىمنى بىلمىسەممۇ لېكىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ ساقلىغاندىن مىڭ ياخشى ئىدى .
ئىزدەپ بارمىغان يىرىم قالمىدى ،ھەتتا ئۇ كىردىغان بىليارىتخانىلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ قاراپ تۇرۇپ باقتىم .
ئەپسۇس ئۇيوق .يىغلاپ ھالىم قالمىدى ،سىڭلىم بىلەن كەچكە يېقىن ئۈمۈدلىرمىز تۈگەپ كىتىپ بارساق ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى شۆھرەتنى كۆرۈپ قالدىم .
يۈگۈرۈپ ئالدىغا باردىم .ئۇنىڭدىن ئەھۋالمۇ سورماي ئىلشاتنى سوردىم ،
ئۇ ماڭا قاراپ ئىچى ئاغرىدىمۇ بىلمىدىم ئاجايىپ بىر خىل بولۇپ كېتىپ (دىلزىبا ،ئىلشات ئۈرۈمچىدە ،ئەتىگەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ ،بۇ نومۇرغا ئۇرۇڭ ،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشالايسىز)دەپ ماڭا بىر نومۇرنى بەردى .
ئۇنىڭ دىركىنى ئالالىغانلىقىمدىن خوش بولۇپ تىلفۇن قىلدىم .باشقا بىرسىنىڭ نومۇرى بولسا كېرەك،ئىلشاتنى چاقىرىپ قويدى .
-ۋەي ___ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈركۈم سېلىپ كەتتى .
-ۋەي ،بامۇسىز ئىلشات ،نىمە بولدى زادى ،نىمىشقا بۇنچە يوقاپ كىتىسىز ؟
-مېنىڭ بۇنداق يوقاپ كېتىشىمگە سېنىڭ خالنۇر دىگەن دوستۇڭ ئلشات دىگەن ھايۋان سەۋەپچى ،ئۇ دىگىننى قىلدى دىلزىبا ،ئۇ دادامغا تىلفۇن قىلىپ سىنى بەك سەت گەپلەر بىلەن قارلىۋىتىپتۇ ،ئۆيدىكىلەر توينى توختىتىمىز دەيدۇ،ھەرقانچە قىلىپ چۈشەندۈرەلمىدىم،شۇڭا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم ..............
ئاخىردا نىمە گەپلەرنى دېدى ،بىلمەيمەن ،بېشىمدا چاقماق چاققاندەك ،تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كىتىپ بارغاندەك بولدۇم.
ئاھ مىنىڭ تويۇم ،مەن توي قىلالمامدىم،ئۆزۈممۇ ئۇقمايدىغان تۆھمەتلەر تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك بەختىم مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشارمۇ ؟دادام ئاپاملارغا قانداق قارايمەن ،ئۈستۈمدىن چىققان گەپلەرنى تونۇش بىلىش ئاڭلىماسمۇ ؟بىرەرسى بولسىمۇ ئىشەنمەسمۇ ؟كىممۇ ماڭا ئىشنەر ؟
دادم ئاپامغا قانچىلىك ئېغىر كىلەر ،.........
تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب ئىچىدە شۇ كۈننىڭ ئەتىسى سىڭلىمنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويۇشنى بانا قىلىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدىم .(5-ئاي بايرام مەزگىلى بولغاچقا سىڭلىم كەلگەن).
ئاپام بىلەن سىڭلىمدىن باشقا ھىچكىم ئۇنىڭ يىنىغا ماڭغانلىقىمنى بىلمەيتى.
كىتۋاتىمەن ،تېخى 1 ئاينىڭ ئالدىدا ئىلشات بىلەن ماڭغان بۇ يوللاردا مانا ئەمدىلىكتە ئۆزۈم يالغۇز كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي كېتۋاتىمەن.
شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ بەختلىك بولغان مەن ،مانا ئەمدىلىكتە ئەڭ بىچارە ،ئەڭ بەخىتسىز ئىنسانغا ئايلىنىپ قالدىم.
ئەي ۋاقىت ،ھەقىقەتەن يامانكەنسەن ،تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا مىنى ئەتىۋارلاپ بەخىت بۆشۈكۈدە ئەللەيلىگەن ئەمەسمىدىڭ ،مانا بىر ئايدىن كىيىنكى بۇ كۈندە مىنى ئاجايىپ خار قىلدىڭ ،
ماڭا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن ئاتاپ قويغان يەنە قانداق قىسمەتلىرىڭ باردۇر ،بۇنى ھىچ بىلەلمىدىم ......


ھۆرمەتلىك تورداشلار !!سالام سىلەرگە ؟ مۇنبەردە تۇنجى قىتىم تىما ئىلان قىلشىم ،قوللاپ ،يىتەرسىز يەرلىرىمنى كۆرسىتىپ بىرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن ،داۋامىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يوللاشقا تىرشىمەن !!!

ھۆرمەتلىك ئاپتور سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىشىڭىزنى سورايمىز،داۋامى بار دەپ ھەر بىر بۆلەكنى ئايرىم - ئايرىم يوللىسىڭىز ئايرىم ئايرىم تېما شەكلىدە تەستىقلىيالمايمىز،مۇشۇ تېمىدىن تورداشلار ئۆزى ئوقۇپ چىقالايدۇ.باشقۇرغۇچىدىن

UID
37030
يازما
54
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگىمۇ سالام  ‹‹ئەتىۋا قىز››    قارىغاندا  بۇمۇ بىر ئۇزۇن مۇھەببەت ھېكايىسى ئوخشايدۇ . ئوقۇپلا ئاخىرىغا قىزىقىپ قالدىم . تېخى تۇنجى قېتىم ئەسەر يازغىنىڭىزغا قارىغاندا ئەدىبىياتقا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭىز خېلى يۇقىرىدەك قىلىپ تۇرۇدۇ، داۋاملىق تېرىشىڭ ، بېشىنى مۇشۇنچىلىك ياخشى يازالىغىنىڭىزگە قارىغاندا ئاخىرىمۇ ئەدىبىيات نوختىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياخشى ئەسەر بولۇپ چىقىشىغا گەپ يوق ئوخشايدۇ. غەيرەت قىلىڭ ، ئاخىرىنى تېز-تېز يوللىشىڭىزغا ، ما بىزلەرنى تەزەززا قىلماسلىقىڭىزغا  تىلەكداشمەن !!

يەنە بىر گەپ :  ئەسىرىڭىزدە ئىملا خاتالىقى خېلى بار ئىكەن . شۇڭا ئىملاغا كەلگەندە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز ،  ئەڭ ئاددىسىي ئۇستىدىكى  ئىنكاسىڭىزغا قارىساقمۇ خېلى ئىملا خاتالىقى بار . سىزگە دەپ بېرەي بېلىۋېلىڭ :
قىتىم __ ئەمەس __ قېتىم
تىما __ئەمەس__ تېما
ئىلان__ئەمەس __ئېلان
ئۈمۇت__ئەمەس__ ئۈمىد  

ئۆزىڭىز يىتەرسىزلىك يەلەر بولسا كۆرسىتىپ بېرىڭلار دەپسىز ، مەنمۇ ئۇدۇللا دەۋەدىم .

UID
39299
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭمۇ ئادەمنى قىزىقتۇرۇپ بۇلۇپ   ئاپتۇرنىڭ ئىز دىرەكىسىز يۇقاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.

UID
18792
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭمۇ ئادەمنى قىزىقتۇرۇپ بۇلۇپ   ئاپتۇرنىڭ ئىز دىرەكىسىز يۇقاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.

بۇنداق ئىشلارغا كۈنۇپ كەتكەن  بىز

باھا سۆز

ئۇيغۇرۇم  سەۋېرنىڭ تىگى ئالتۇن ، تۇنجى قېتىمكەن ، مىنىڭچە ئۇنداق بولماس  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

UID
46721
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىغىچە يېزىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن.

UID
46475
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز   ،قىز بالىنىڭ ئاغىنىسى بولمايدۇ ، ھازىر  خاتىرجەم بىرسىگە ئىشەنگىلىمۇ بولمايدىغان بوپ كىتىپتۇ

UID
43505
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تورداشلار › خىزمەت ئىشى بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم ،داۋامىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يوللاشقا تىرشىمەن.

UID
10102
يازما
88
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2008
تىزىملاتقان
2011-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ راست ، بولغان ئىشلارمۇ . .

UID
43804
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئۇ بىچارە قىز راس پاك بولسا ،ئۆزىگە ئاللالا گۇۋاھچى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلسىلا،خىلى تەسەللى تىپىپ قالاتتى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش