تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 5896|ئىنكاس: 20

دىياۋيۈ ماجراسىىدا ياپونىيەدە كۆرگەنلىرىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
12776
يازما
20
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
410
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دىياۋيۈ ئارىلى ماجراسى ھەققىدە ياپونىيەدە كۆرگەن – بىلگەنلىرىم



ئاپتورى: 最爱地沟油

شياڭگاڭ ئارال قوغدىغۇچىلار پاراخوتىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلى تەۋەسىگە يېتىپ كەلگىنىگە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىر ئاي بوپقالدى. مۇشۇ بىر ئاي مابەينىدە، يەنى 18- سىنتەبىرگىچە جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى دېيىشكە بولىدۇ.
ياپونىيە ساقچىلىرى شياڭگاڭ ئارال قوغدىغۇچىلار پاراخوتىدىكى خادىملارنى كۆتەك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ توشقان تۇتقاندەك بىر- بىرلەپ تۇتۇپ ناھاغا يالاپ ئېلىپ كەتتى، ئاندىن مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتتى. مەن شۇ پەيىتلەردە ئەتراپىمدىكى كۆپ قىسىم ياپونىيەلىكلەر ياكى ياپونىيەدىكى جۇڭگولۇقلارغا ئوخشاشلا تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ يۈردۈم، لېكىن بۇ توغرىسىدا ھېچكىمگە بىر نېمە دەپ باقمىدىم، ئەمما كەيپىياتىم ئىككى يىل ئىلگىرىكى پاراخوت سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن چاغدىكىگە ئوخشاپ قالىدۇ. راستىنلا ئىچىم سىقىلىپ كەتتى، بىر ئوبدان كېتىۋېتىپ قانداقلارچە بۇ ئىش يۈز بېرىدۇ؟
ۋاھالەنكى بۇ قېتىمقى ۋەقە ئىككى يىل ئاۋالقىغا ئوخشىمايدۇ، توكيو شەھىرىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى ئىشىخارا بوۋاينىڭ ئارالنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئوچۇق- ئاشكارە ئېيتقان سۆزى ياپونىيەدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى، ھەتتا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىمۇ تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە دادىسىدىن نارازى بولۇپ: «دادام نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغاندۇ» دەيدۇ. بىراق بۇ بوۋاينىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان گېپى ئەمەس ئىدى، ئۇ دەرۋەقە ئەل ئارىسىدىن 1 مىليارد 400 مىليون يىن ئىئانە توپلىدى (بۇنىڭدىن مىللەتچىلىكنىڭ ياپونىيەدە مۇئەييەن بازىرى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ). بەزىلەر بۇ قېتىمقى دىياۋيۈ ئارىلى ۋەقەسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇزاقتىن بېرى پىلانلاپ كەلگەن سۈيقەست، دەيدۇ. مەن بۇنىڭ راست شۇنداقلىقىنى بىلەلمىدىم، يەنە كېلىپ كۈندىلىك ۋەزىيەتكە قاراپ بېقىپ، بۇ قېتىم دېمۇكراتلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى باشقىلارنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ قالدىمىكىن، دەپ قالدىم. دېمۇكراتلار پارتىيىسى راستىنلا ئەركىن دېمۇكراتلار پارتىيىسىدەك ئىش قىلىشتا قۇۋلۇق - شۇملۇق قىلىشنى بىلمەيدۇ، ئەكسىچە ھۆكۈمەت ساددىلىقىدىن ھە دېگەندە گۈدەكلەرچە ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ ئاخىرىنى يىغىشتۇرالماي قالىدۇ. ئەمىسە ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن ئارالنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ؟
دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدىكى تالاش- تارتىشنىڭ جەريانىنى ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 1972- يىلىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇندىن ئىلگىرى مەن جۇڭگودا ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ توغرىدىكى تالاش- تارتىشتىن ئازراقمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى، ھەتتا دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ نامىنىمۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ پىشقەدەم سىياسىيۇنلىرى ئارىسىدىكى «تالاش- تارتىشنى كېيىنگە قالدۇرۇش» ئۇسۇلىدا ياپونىيە تەرەپ قارىماققا جۇڭگونىڭ پىكىرىگە ئىنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ياپونىيە تەرەپ جۇڭگوغا ئىزچىل سۈكۈت ئىچىدە ماسلىشىپ كەلدى، بۇ ھەقتە ھەر ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ يۈزىنى ئاياشتى، قارشى تەرەپنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ئىشلارمۇ بولمىدى. شۇندىن كېيىنكى 30 نەچچە يىلدا دىياۋ ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تىپ- تىنچ بولدى، دېيىشكە بولمىسىمۇ، ئاساسەن چوڭ ئىش يۈز بەرمىدى.  
ئۇنداقتا ياپونىيە بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ قالىدۇ؟ مېنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇپ كۈزىتىشىمچە، ئەگەر ياپونىيەنى ئۆزگىرىپ قالدى، دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇنىڭ سەۋەبىنى پەقەتلا نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېمۇكراتلار پارتىيىسىنىڭ (ئەركىن دېمۇكراتلار پارتىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا) نىسبەتەن گۈدەكلىكىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەينى يىلى ياپونىيەنىڭ ئېنىق پوزۇتسىيە بىلدۈرۈپ تالاش- تارتىشنى كېيىنگە قالدۇرۇشقا ماقۇللۇق بىلدۈرمەسلىكى ياپونىيەنىڭ بۇ ئارالغا رەسمى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئىدى. ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇش ئەلۋەتتە ياپونىيە ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، ياپونىيەنىڭ يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىنى كونكىرتلاشتۇرۇشقا ئالدىراپ كېتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. شۇڭا ياپونىيەنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ «تالاش – تارتىشنى كېيىنگە قالدۇرۇش» لايىھىسىگە سۈكۈت ئىچىدە ماسلىشىشى كۆپ خىل ئېھتىماللىقلارنى نەزەردە تۇتقانلىقنىڭ نەتىجىسى (يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ شەخسى ئالاقىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ئەپسۇس ھازىر ھەر ئىككىلا دۆلەتتە بۇنداق ئىختىساس ئىگىلىرى يوقتەك قىلىدۇ). ئەلۋەتتە، «كۆپ خىل ئېھتىماللىقلارنى نەزەردە تۇتۇش» مۇ يايونىيەنىڭ پىشقەدەم سىياسىيونلىرىنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ تارىختىكى نۇرغۇن سەۋەنلىك (ياكى كەتكۈزۈپ قويۇش) لىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان.
ياپونىيە ھازىرقى زامان مىللەتچىلىكىنىڭ بايراقدارى، توكيۇنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارى ئىشىخارانىڭ ئالدى بىلەن ئارالنى سېتىۋېلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئارالنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى ھەقىقى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەرقانچە ئەخمەق بولسىمۇ، بۇنداق ئىشلارنى شامالغا ئەگىشىپ قىلىپ سالمايدۇ، چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ تەلۋىلەرچە ھەرىكىتىنى توسۇپ، بۈگۈنكىدەك جۇڭگو- ياپونىيە كىرىزىسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدا ياپونىيەدىكى قايسىلا پارتىيە بولمىسۇن شۇنداق قىلىدۇ.  
لېكىن ياپونىيەنىڭ دېمۇكراتىك جەمئىيىتىدە باش ۋەزىرنىڭ قالايمىقان ھەرىكەتلەرنى توسۇشنىڭ بىر خىل تەدبىرى سۈپىتىدە: «مەندەك باش ۋەزىرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ نېمىشقا بۇنداق گەپ قىلىسەن؟» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشىمۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ياپونىيە ھۆكۈمىتى پەقەتلا ئىشىخاراغا باشقىلاردىن بۇرۇن بۇ سودىنى قىلغۇزۇشتەك ئۇسۇلنى قوللاندى. مۇشۇ باسقۇچتا ئەگەر بىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقى مەقسىتىنى چۈشەنگەن بولساق، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كىرىرىسنى دېپلوماتىيە قاتلىمىدىلا بېسىقتۇرۇۋالغىلى بولاتتى، جۇڭگونىڭ زور خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ ئاۋامنىڭ ھېسسىياتىنى  كۈشكۈرتىپ يۈرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى (ئەكسىچە، ياپونىيە جەمئىيىتىمۇ ئاۋامنى كۈشكۈرتۈپ بولالمايدۇ، سەۋەبى قانۇن ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىل تۇرىدۇ).
ئىككى دۆلەتنىڭ ئىدىئولوگىيەسى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدىكى پەرقلەر، يەنە كېلىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىززىققانلىقى، دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ تالاش - تارتىش ئۈستىدىكى ئارال ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقىدەك پاكىتمۇ بار. شۇڭا ئىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئېيتقاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپتىكى مەقسىتى ئارالنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش (يەنى ئارالنى ئاچماسلىق، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئارالغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق. ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئارالغا يوشۇرۇنچە چىققان ياپونىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قانۇنسىز قىلمىش سادىر قىلغان، دەپ قاراپ توختۇتۇپ قويدى ياكى قولغا ئالدى، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق قىلىۋاتىدۇ). لېكىن دېمۇكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئورۇنسىز گەپ قىلىپ قويۇشى، يەنە كېلىپ جۇڭگودىن كېڭىشىش، چۈشىنىش ھاسىل قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر ئالمىغانلىقى، دېمۇكراتلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقىل بىلەن ئىش كۆرمىگەنلىكى، ھەم بۇ ھەقتە جۇڭگوغا ۋاقتىدا، توغرا ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى، ياپونىيەنىڭ تالاش – تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان ئارالنى ئۆز ئالدىغا سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى جۇڭگو تەرەپنىڭ چۈشىنەلمەسلىكى قاتارلىقلار ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كىرىزىس يۈز بېرىشىنىڭ ھەقىقى سەۋەبىدۇر.
بۇنداق ئوسال ۋەزىيەتتە ياپونىيە سىياسىي ساھەسىدىكىلەر بىرەر ياخشى چارە تېپىشقا ئامالسىز قالغاندەك قىلاتتى. ئەركىن دېمۇكراتلار پارتىيىسىدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىشىخارانىڭ ئوغلى دەرۋەقە ئالدىنقى كۈنى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە سەمىمىيلىك بىلەن «جۇڭگو دىياۋيۈ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ، چۈنكى ئارالدا ھېچكىم ئولتۇراقلاشمىدى» دەيدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭلاركى، ئىشىخارانىڭ ئوغلىنىڭ كۆز قارىشى ئوڭچىل دادىسىنىڭكى بىلەن بىردەك ئەمەس. ئۇندىن باشقا، دەسلەپتە دەپ ئۆتكىنىمىدەك نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېمۇكراتلار پارتىيىسى سىياسى جەھەتتە تېخى پىشمىغان، دېپلوماتىيە ئىشلىرىدىمۇ پاسسىپ، ئالاقە يوللىرى ئەركىن دېمۇكراتلار پارتىيىسىدەك ئۇنداق كۆپ ئەمەس بولۇپ، جۇڭگودىكى بارغانچە ئەدەپ كېتىۋاتقان ياپونغا قارشى تۇرۇش دولقۇنىغا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلەتكىنىچە قاراپ تۇرماقتا. بۇ يەردە مەن ھازىرچە جۇڭگودىكى ئەھۋاللارنىڭ سەلبى تەرەپلىرى ھەققىدە توختالمايمەن، دۆلەت ئىچىدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئىشلاردا مۇستەقىل ھۆكۈم ۋە قاراشتا بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمدى مەن ياپونىيەدىكى ئەھۋالىم ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي.
كۆپچىلىككە ئايان، ئۆتكەن يىلى 11- مارت ياپونىيە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياردو ئېلېكتر ئىستانسىدىن يادرو چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۇندىن سەل ئاۋۋال خەلقئارادا يۈز بەرگەن لېيمان پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ياپونىيە يىنىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتتى، نېفىت قاتارلىق ئېنىرگىيە بايلىقلىرىنىڭ باھاسى ئۆستى، ياپونىيەنىڭ كىرىستال يېرىم ئۆتكۈزگۈزچنى ئاساس قىلغان ياساش كەسپى خەلقئارا رىقابەت تەسىرىدە زور زەربىگە ئۇچرىدى. ياپونىيە ھازىر كۆپ خىل تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەر داۋامىدا ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ، يېڭى بازار، يېڭى كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە رىقابەت كۈچلىرىنى ئېچىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى ئاۋام ئارال ھەققىدىكى ماجرانى بەك بولسا ھۆكۈمەت ۋە دىپلوماتىيە كاتىگورىيەسىدە ھەل بولىدىغان ئىش، پۇقرالارنىڭ شىرە مۇشتلاپ، گۈرەن كۆپتۈرۈپ تۇرۇپ ئۆلۈم - كۆرۈم تەرىقىسىدە ئېلىپ بارىدىغان سودا ئىشى ئەمەس، دەپ قارايدۇ.
ئۆتكەن بىر ئايدىكى تىنچسىز كۈنلەردە ياپونىيىدىكى ئاۋام ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى مەسىلىسى.
2. ئىستېمال بېجىنىڭ ئۆسۈش مەسىلىسى.
3. دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ئاراللارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى.
4. پارلامىت سايلام مەسىلىسى
5. ئامېرىكىنىڭ «بېلىقچى بۈركۈت» ناملىق ئۇرۇش ئاپروپىلانىنىڭ سەپىلىمە بىخەتەرلىك مەسىلىسى.
لېكىن بۇ مەسىلىلەر ھەر كۈنى تاماق يىگەن، چاي ئىچكەندە مۇنداقلا كۆرۈپ قويۇلىدىغان خەۋەرلەر بولۇپ، ياپونىيە پۇقرالىرى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ئاۋامنىڭ بىلىم ساپاسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەم 70- يىللاردا زىيادە قىزىققانلىق قىلغان ياپونلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پىشىپ يېتىلگەن دېمۇكراتىك جەمئىيەتكە قەدەم قويغانلىقىدىن بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىك ئادەم يەڭگىلتەكلىك قىلىپ باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن چەكتىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى ئەخمىقانلىق دەپ بىلىدۇ.
مەن ئۆتكەن يىلى 11- مارت كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىكى بارلىق جەريانلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. يەر تەۋرىگەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە مەن تۇرۇۋاتقان توكيو شەھىرىنىڭ ھەممە يېرىدە توك توختاپ قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى (ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسمى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالمىدى، پەقەتلا كىشىلەرنىڭ قالدۇق يەر تەۋرەپ بىخەتەرلىككە جەزىم قىلالماسلىقى تۈپەيلى يەڭگىللىك بىلەن قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان پالەچلىك كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ)، شۇ پەيىتتىكى توكيۇدا كىشىلەر جىمجىت يول يۈرەتتى، تېلېفون بوتكىلىرى ئالدىدا سۈكۈت بىلەن ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئۇچۇر بېرەتتى. ئەكسىچە جۇڭگودا بەزىلەر تۇز ئارقىلىق يادرو تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىپ، بۇلاڭ- تالاڭ كەبى تۇز سېتىۋېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپتۇ. بۇنىڭدىن بىز ھەيرانۇ- ھەس قېلىشتۇق.
بۇ قېتىم جۇڭگودىكى ياپونغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۇدا بىر قانچە كۈن داۋام ئەتتى. ياپونىيەدە ھازىرغىچە پەقەت بىرلا ۋەقە يۈز بەردى، يەنى 30 نەچچە ياشلىق ياپونلۇق بىرەيلەن جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىغا ئىككى تال تۈتەك قويۇپ بېرىش كالتىكى تاشلىغان (ماشىنىلاردا زاپاس ساقلىنىپ، ماشىنىدا كاشىلا كۆرۈلگەندە كەينىدىكى ماشىنىلارغا سىگىنال بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قىزىل تۈتەك قويۇپ بېرىدىغان كالتەك) بولۇپ، بۇ ئەر جۇڭگو توغرىسىدا قانداقتۇ بىر نېمىلەرنى دەپ ۋاقىرايىتتى. ئىشتىن كېيىن ياپونىيە ساقچىلىرى بۇ ئەرنى قولغا ئالدى ھەمدە ئۇنىڭ قىلمىشىنى جۇڭگودىكى ياپونغا قارشى تۇرۇش نامايىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆچ ئىلىش قىلمىشى، دەپ بېكىتتى. ئۇندىن باشقا ياپونلار ئارال توغرىسىدا نامايىش ياكى قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارمىدى، مۇھىمى ياپونىيەدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ كارخانا- دۇكانلىرىغا ياكى شەخسلەرگە ھۇجۇم قىلىشتەك قىلمىشلارنى ئەسلا سادىر قىلمىدى.
ياپونىيە باش ۋەزىرى 16- سىنتەبىردىكى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئارال توغرىسىدىكى تالاش- تارتىش داۋامىدا، جۇڭگودىكى يايونىيە پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆردۈم. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، ياپونىيەلىكلەر جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرمەيدۇ، جۇڭگو دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆرىتىنى يىرتمايدۇ، ياكى ياپونىيەدىكى جۇڭگولۇقلارغا ھۇجۇم قىلمايدۇ، بۇ بىز ياپونلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان تەرەپىمىز (بۇ سۆزلەر ياپون تىلىدا ئۇنىڭ مىكرو بىلوگىغىمۇ بېرىلدى)». مېنىڭ ياپونلار بىلەن ئۇزاق ۋاقىت بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئالاقە قىلىش تەجرىبەمدىن ھېس قىلىشىمچە، بۇ ھەرگىزمۇ ياسالما گەپ بولماستىن ئىنتايىن ئىشەنچىلىك گەپ بولۇپ، ھەم ياپونىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ياپونىيە جەمئىيىتىمۇ شەخسلەر جەمئىيىتى، ئادەملا بولىدىكەن ئۇنىڭ كاللىسىدا تۈرلۈك ئوي ۋە قاراشلار بولىدۇ، ئۇچۇر ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى شارائىتىدا، قالايمىقانچىلىق بولماسلىققا يۈزدە- يۈز كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ جەمئىيەت ھەققىدىكى تونۇشى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى ئىنتايىن ئەقلىي رەۋىشتە بولۇپ، ئۇلار دۆلەتلەر ئارا كۆرۈلگەن ماجرا بىلەن شەخىسلەر ئارىسىدىكى ماجرانىڭ پەرقىنى تامامەن ئېنىق ئايرىيالايدۇ. ياپونىيەدە ئۆتكەن 20 نەچچە يىللىق تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ماڭا بۇ يەردە بىر ئادەمنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە قاراپ باھا بېرىلمەيدىغانلىقىنى، شەخىسنىڭ تىرىشچانلىق ۋە سەمىمىيىتىنىڭ ھامان باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
تېخى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىلا ماڭا شاڭخەيدىكى بىر نەچچە تۇغقىنىمدىن ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون كەلگەنىدى. ئۇ چاغدا ئۆزۈم ماشىنا ھەيدەپ سىرتتا ساياھەتتە بولۇۋاتاتتىم، قايتىپ كېلىپ تېلېفون خاتىرىسىنى كۆرۈپلا ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدۇم. ئۆتكەن يىلى 11- مارتتىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى تۇغقانلىرىم تېلېفون قىلىپ ماڭا قايتىپ كېلىش ھەققىدە بىر مۇنچە ۋەز- نەسىھەتلەرنى قىلىشتى، گەپ – سۆزلىرىدىن بەئەينى يەر تەۋرەش بۇ يەردە ئەمەس، دەل ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەردە يۈز بەرگەندەك پۇراق كېلەتتى. مەن تېلېفوندا ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: « تور، تېلېۋىزور ئارقىلىق جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ تېلېۋىزورىڭلار ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىدىن خەۋەر بەرمەيدۇ، بىزنىڭ بۇ يەر تىنچ بولغاچ، بەزىلەر بۇنىڭدىن بەكلا ھەيران قېلىشىۋاتىدۇ، ياپونىيەنى سىلەر تەرەپتىكى ئەھۋاللار بويىچە تەسەۋۋۇر قىلسام، كۆڭلىڭلارنى توغرا چۈشىنىمەن. مۇھىمى مەن تۇرۇۋاتقان يەردە سىلەرگە دەپ بەرگۈدەك ئۆزگىرىش يوق، كىشىلەر تاماق يېيىش كېرەك بولسا تاماق يەۋاتىدۇ، ئىشقا بېرىش كېرەك بولسا ئىشىغا كېتىۋاتىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ساياھەتكە بارىدىغانلار ئوخشاشلا ساياھەتكە بېرىۋاتىدۇ».
مېنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، يەنە كېلىپ مەن ئىشلەۋاتقان ئورۇندا جۇڭگولۇقلار يالغۇز مەنلا ئەمەس، بىز ياپونىيەلىك خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن بىرگە ئىشلەپلا قالماي، يەنە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىرگە ھاراق ئىچكەچ پاراڭلىشىمىز. تېخى يېقىندىلا جۇڭگوغا كاماندىروپكىغا چىقىپ قايتىپ كەلگەن ياپونىيەلىك خىزمەتدىشىمىز شاڭخەيدىكى يېمەك- ئىچمەك، ئويون- تاماشىغا دائىر نەرسىلەرنىڭ باھاسىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئالدىنقى ھەپتە شىركەت مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بىزنى جۇڭگودىكى ياپونغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن بولۇۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ، جۇڭگوغا كاماندۇروپكىغا چىقىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ھەم ياپونىيىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزدى.
ھازىر ھەر كۈنى ياپونىيە تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدىن جۇڭگودا بولۇۋاتقان جىددىچىلىكلەردىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن، جۇڭگولۇقلار ئۆز ئادەملىرىنىڭ دۇكانلىرىنى، زاۋۇتلىرىنى، مال- مۈلۈكلىرىنى غەزەپ بىلەن چاقماقتا، كۆيدۈرمەكتە، ئۇلار بەئەينى ئۇرۇش بولغاندەك بولۇپ كېتىشتى. ياپونلار تېلېۋىزوردىن بۇلارنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ ھېچ نېمە دېمەيىتتى، ئۇلار جۇڭگولۇقلارنىڭ غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلگەندىن باشقا، نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە زىيان سېلىش ھېسابىغا ئاچچىقىنى چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيىتتى. ئىككى مىللەتنىڭ مىجەز- خۇلقى ۋە ئۇنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا ھەقىقەت زور پەرق بار ئىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئادەتتىكى ياپونىيىلىكلەرنىڭ، ھېچ بولمىغاندا مەن ئۇچراتقان ياپونىيىلىكلەرنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ جۇڭگولۇقلارنى قەستەن ياكى قارىغۇلارچە تەنقىد قىلغىنىنى ئاڭلىمىدىم. مەن جۇڭگولۇق بولغاچقىمۇ ياشتا مەندىن كچىك ياپونىيىلىكلەر مەرتىۋە قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك ماڭا ئىچ گېپىنى دېيىشكە پېتىنالمايدۇ دېگەندىمۇ، مەن بىلەن تەڭ ياشتىكلەر ياكى مېنىڭ ئۈستۈمدىكىلەر، ئىشقىلىپ مەن ئۇچراتقان ياپونىيىلىكلەر تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار جۇڭگودا بولۇۋاتقان بىنورمال ئەھۋاللار ھەققىدە ئىمكان بار سۆز ئاچمايىتتى، بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغىنىدىن بولسا كېرەك. پەرىزىمچە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش بىلەن بولۇۋاتقان جۇڭگولۇق ياشلار ئادەم بولۇشتىكى بۇنداق ئەدەپ- قائىدىلەرنى يەنە بىرەر- ئىككى ئەۋلادقىچىمۇ چۈشىنىپ بولالماسلىقى مۇمكىن.
يىغىپ ئېيتسام، ياپونىيىدىكى بىزلەرگە كۆڭۈل بۆلگەن جۇڭگولۇق دوستلارغا رەھمەت، بىز بۇ يەردە بۇرۇنقىدەكلا بىر ئوبدان ياشاپ كېتىۋاتىمىز. ياپونىيىدىكى جۇڭگولۇق بىر تونۇشۇمنىڭ ئاپىسى تېخى يېقىندىلا ياپونىيىگە تۇغقان يوقلىغىلى كېلىپ، بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، تېلېفون ئارقىلىق توكيودىكى قىزىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈپتۇ، نەتىجە يەنىلا مېنىڭ ھېس قىلغىنىمدەك بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكىلەر بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەپتۇ. نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ياپونلارنى ھايۋان، دەپ بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار قېرىنداشلىرىنىڭ ئاغزىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك شۇئارىنى توۋلاپ، ئەمەلىيىتىدە گۇناھسىزلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك ھايۋان كەبى قىلىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرغاچقا، ھايۋاننىڭ كۆزىگە كۆرۈندىغىنىمۇ ئەلۋەتتە ھايۋان بولىدىكەن.
مۇشۇ يازمىنى يېزىۋاتقىنىمدىمۇ ئېلخەت ساندۇقىمغا سۇجۇدىكى بىر ئاغىنەمدىن خەت كەلدى، ئۇ خېتىدە سۇجۇدا ياپونلار ئاچقان نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ چېقىلغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن چېقىپ تاشلانغان دۇكانلارنىڭ زادى ياپونلارنىڭ دۇكىنى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىدىم. ياپونلارنىڭ دۇكىنى بولغان ھالەتتىمۇ، ماجرا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ماجرا. ياپونلار شەخىس مۇستەقىللىقنى تەكىتلەيدىغان خەلق، مەسىلىلەر ھەققىدە مۇستەقىل تەشەببۇس ۋە قاراشقا ئىگە. يېقىندا تېلېۋىزىيەدە ئېلان قىلىنغان ستاتىستېكىلارغا ئاساسلانغاندا، ياپون پۇقرالىرىدىن ئىشىخارانىڭ دىياۋيۈ ئارىلىغا قارىتا قوللانغان تەدبىرىنى قوللايدىغانلار تەخمىنەن ٪70 ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات گەرچە پۈتكۈل ياپونلارنىڭ ئىرادىسىنى دەل توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ، لېكىن مەلۇم جەھەتتىن ھېچ بولمىغاندا ٪30 ياپونلۇقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى قوللىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، جۇڭگولۇقلار يەنە نېمە ئۈچۈن بارلىق ياپونلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ياۋايىلەرچە دەپسەندە قىلىدۇ؟ مەن دىياۋيۈ ئارىلى ھەققىدىكى تالاش- تارتىشتا كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ بولالمايمەن، دېمەكچى بولغىنىم ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ سۆز- ھەرىكىتىدىكى پەرق ھەقىقەت زور ئىكەن.
ھېلىقى سۇجۇلۇق ئاغىنەم خېتىدە ئېيتقان ئەھۋاللارنى بەلكىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگە، ھەقىقى ئەھۋالنى ماڭا ئۇقتۇرۇپ قويغۇسى كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەن تۈنۆگۈن ياپونىيە تېلېۋىزىسىيىدىن سۇجۇنىڭ خۇەيخەي كوچىسىنىڭ ھەممە يېرىگە لوزۇنكىلار ئېسىلغانلىقىنى، دۇكانلارنىڭ تاقالغانلىقىنى، يەنە بەزى دۇكانلارنىڭ زوراۋانلارچە چېقىلغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ سۇجۇلۇق ئاغىنەمگە مۇنداق جاۋاب خەت يازدىم: «سىرتتىكىلەر جۇڭگودا بولغان ھەننىۋا ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، لېكىن جۇڭگولۇقلار سىرتقى دۇنيانى كۆرەلمەيدۇ. نەق 100 يىل بولدى، جۇڭگولۇقلار باشقىلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەي كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۆزىنىڭمۇ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس».
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مەيلى نېمىنىڭ داۋاسىنى قىلماڭ، گۇناھسىز پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلماڭ، شۇنىڭدا ئۆز قەۋمىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە يېقىنلاشتۇرالايسىز. جۇڭگو ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىگە مەسئۇل ئەمەلدار خۇڭ لېي: «جۇڭگو قانۇنچىلىق جەمئىيىتى» دەپ ئېيتقانىدى. مەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقى تۈردە قانچىلىق جەمئىيىتىگە ئايلىنىشىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈلكىسىگە قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنداق بولمايدىكەن سىزنىڭ ھەرقانچە يوللۇق بولغان تەغدىردىمۇ، ھامان بارلىق 3- تەرەپنى دۈشمەن قاتارىغا چىقىرىپ قويۇشىڭىز، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىمايدىغان ٪30 ئادەمنىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. ئۇلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ قېلىشىنى خالىمايدىغان ئادەملەر بار، مۇھىمى بەزى ياپونلارنىڭ جۇڭگونى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جۇڭگولۇقلارغا شەخسىيەتسىز ياردەملەرنى قىلغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تامامەن بىردەك بولماسلىقى، ياپونلارنىڭ جۇڭگولۇقلارغا باققاندا مەسىلىلەرگە ئەقىل كۆزى بىلەن قارىشى بەلكىم ئوبيېكتىپ شارائىتنىڭ شاپائىتىدىن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شەخىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭگولۇقلار ئەجىبا ئۆزىمىزنى مۇشۇنداق ياۋايىلارچە، پەسكەش ئۇسۇلدا ئىپادىلەيمىزمۇ؟ بۇنداق مىللەت ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەسىرەتكە سالىدۇ، بۇنداق مىللەتنى ھېچكىم ھۆرمەتلىمەيدۇ.
مەنبە:http://bbs.ifeng.com/viewthread.php?tid=14026514

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
20408
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز تولا ۋىجدانى بار ئىكەن ، ھەق گەپ قىلىپتۇ~~

UID
17057
يازما
363
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1473
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-23
توردا
85 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.
ئېسىمگە ماۋدۇن ئەپەندىنىڭ « باھار پىلىسى» دېگەن ھېكايىسى كەچتى.

UID
4288
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3657
تىزىملاتقان
2010-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققەتەن تۇغىرا ئىيىتپتۇ، ياپۇنلار ھەققەتەن مەدەنيەتلىك مىللەت جۇمۇ!!!

UID
20154
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەچچە كۈندىكى قىلىدىغان ئىشىمغا تورغا كېرىپ دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئىزدەپ يۈرۈشكە ئايلاندى. تېمىنى ئوقۇپ ياپۇنىيە جەمىئىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاندەك بولدۇم. قارىماققا ياپۇنىيە خەلقى شۇنداق سالماق،ئېغىر بىسىق ھالەتتىدەك تۇرىدۇ.
ئەمما ، تەتۈرسىگە ئويلاپ كۆرەيلى، ناۋادا دىياۋيۈ ئارىلىنى جۇڭگو باشتا ئىگەللەپ ، ئارمىيە قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ياپۇنىيەنىڭ پاراخۇتلىرى كەلسە قەستەن سوقۇپ ئۆرۈپ يولسىزلىقنى ئاۋال قىلغان بولسا ياپۇن پۇقرالىرى ياپۇنىيەدە تۇرۇپ ھەرقانچە قارشىلىق نامايىشى قىلسىمۇ ئەلۋەتتە جۇڭگۇ  ھۆكۈمىتى شۇنداقلا پۇقرالىرى ھازىرقى ياپۇن پۇقرالىرىدىنمۇ بەكرەك ئېغىر بىسىق،سالماق ھالەتتە تۇرغان بولاتتى.
دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ بىرقىسىم ماتىرياللىرىنى ئىزدەنسىڭىزمۇ ئۇشبۇ ئارالنىڭ جۇڭگۇغا تەۋەلىكىنى بىلەلەيسىز ،ئەمەلىيەتتە  بۇ نۇقتا ياپۇن پۇقرالىرىغىمۇ بەش قولدەك ئايان.
ماقالە بىرتەرەپلىمىلىك بىلەنلا يېزىلىپتۇ.

باھا سۆز

rushangull  مەنمۇ شۇنداق دەپ قارايمەن.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:44

UID
47173
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ياپونلارنى ھايۋان، دەپ بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار قېرىنداشلىرىنىڭ ئاغزىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك شۇئارىنى توۋلاپ، ئەمەلىيىتىدە گۇناھسىزلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك ھايۋان كەبى قىلىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرغاچقا، ھايۋاننىڭ كۆزىگە كۆرۈندىغىنىمۇ ئەلۋەتتە ھايۋان بولىدىكەن.
   ماۋۇ يەرلىرى ئىسىل گەپ بوپتۇ مانا

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
336
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
8357
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياپۇنيەدە دىڭىز تاشقىنى بولۇپ ئاپەت بولغاندا. كىشىلەرنىڭ ياردەم بۇيۇملىرىنى تەرتىپ بىلەن ئالغىنىنى كۆرگەن.تەرەققىي قىلغان دۆلەت دىگەن قائىدە يۇسۇن ئىشلىرىدىمۇ باشقىچە بۇلىدىكەن.بىزدەك ھىسياتقا تايىنىپ بىھۇدە ئىش قىلىشىتىن ساقلىنالايدىكەن.

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
333
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10106
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بالىلار ،دىياۋيۈ  ئارلىنى ياپۇنلۇقلار زادى كىمدىن سېتىۋالغان ؟قايسى كۈنىغۇ خەۋەردىن« ئاتالمىش دىياۋيۈ ئارىلى  ئىگسىدىن »دەپ ئاڭلىدىم بىراق ھېچ چۈشىنەلمىدىم .

تىرىشچان ئەزا

مەن بىر ساۋاتسىز

UID
10594
يازما
46
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
676
تىزىملاتقان
2011-4-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-23
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ماقالىدىن دائىرىلەرنىڭ ئاخباراتنى قاتتىق مونوپۇل قىلىۋېلىپ ، ئادەتتىكى ئاۋامنىڭ جاھاننى بىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى ھىس قىلدىم .

UID
20154
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-24
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akattrgvl يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 11:59
ھەي بالىلار ،دىياۋيۈ  ئارلىنى ياپۇنلۇقلار زادى كىمدىن  ...

مېنىڭ بىلىشىمچە دىياۋيۈ ئارىلىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان،ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز بىشىمچىلىق قىلىپ ياپۇنىيىگە باشقۇرۇشقا بەرگەن، ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى باشقۇرسا بىرەر گەپ بوپ قالمىسۇن دىدىمۇ ئۇنى ياپۇنىيىدىكى تاتسۇشىرو ئىسىملىك ئوقەتچى كىشىنىڭ جەمەتىگە بېرىپتىكەن. تاتسۇشىرو جەمەتى «ئاتالمىش ئارال ئىگىلىرى»دەپ ئاتىلىۋاتقانلار شۇلار.ياپۇنىيەنىڭ دىياۋيۈ ئارىلىنى باشقۇرۇشىغا جۇڭگۇ تەرەپ قارشى چىقماي كەلگەن،ئەمما ئۆزىگە تەۋە ئەمەس ئارالنى ‹‹سېتىۋىلىش›› شەكلى ئارقلىق ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىشى ھەرقايسى جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا خاتا ھەرىكەت. قالغىنىنى سىلەر ئويلىغىنىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار بولىدۇ. ئارال ئىگىسى توغرىسىدا ئوخشىمىغان جاۋاب بولسا تۈزەتكەيسىلەر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش