تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 258|ئىنكاس: 3

تىلىمغا خىتاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
42346
يازما
14
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-6-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:52:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ ئۇيغۇر تىلم ، قەدىناس تىلىم ، سەن ئەجدادلىرىمدىن مىراس قالغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسسەن ،ئەڭگۈشتەرسەن،گۆھەرسەن.بىلەمسەن ، سېنى مەھمۇد قەشقەرىي كەبى ئالەمشۇمۇل ئۇتۇق قازانغان زور ئالىملار ، نەۋائىي كەبى يېتۈك شائىرلار ئىشلەتكەن . ئىشلەتكەندىمۇ قەدىرلەپ ، ئەزىزلەپ ئىشلەتكەن . سەن بۇرۇن مەۋجۇت ئىدىڭ ، ھازىرمۇ مەۋجۇت ، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولىۋېرىسەن ، يوقالمايسەن ، مەڭگۈ سېنى ئىپتىخارلىق ئىلكىدە ئىشلىتىمەن ، ئەجدادلىرىممۇ ئىشلەتكەن ، ئەۋلادلىرىممۇ ئىشلىتىدۇ...
تىلىم ، ئاناتىلىم ، قېرىندىشىم ، جانجىگىرىم . مەن سەندىن زىنھار ئايرىلالمايمەن . گوياكى يەر يۈزى ئىللىق قۇياشنىڭ ھارارەتلىك نۇرىدىن ئايرىلالمىغاندەك . بىزدە <<بېلىق سۇدىن ئايرلسا ئۆلىدۇ >> دەيدىغان گەپ بار ، مەنمۇ سەندىن ئايرىلسام تاتلىق جان ماڭا بىھاجەت . ساڭا بىر ئۆمۈر تېۋىنىشقا رازىمەن ، مەن ساڭا مەڭگۈ قەرزمەن .
سەن بولغاچقا مەن تەپەككۇر قىلالايمەن ، خىيال قۇشلىرىمنى سۆز ئۇپۇقۇڭدىن ئالەم پاسىللىرىغىچە ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرالايمەن . سەن بولغاچقا ، پەقەت سەن بولغاچقىلا...
ئىشقىلىپ ساڭا بولغان ئىشقى مۇھەببىتىمنى  قەلىمىم ئارقىلىق ياكى كەلىمەم ئارقىىلىق ئىپادىلەش ماڭا بەسىي مۈشكۈلدۇر . نىھايەت ، كەم-كوتا مۇھەببىتىمنىڭ ئايىغىنى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ <<ئانا تىل >> ناملىق شېئىرى بىلەن تولۇقلاي .

ئانا تىل بىلگەن كىشنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر ،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر .

بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامرېكايۇ ئافرېقىدا ،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللار ، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر .

ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان ،
سەن بىلەن روھىي زىمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
9900
يازما
27
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2011-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا!!!

UID
46721
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى.

UID
37509
يازما
117
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
117
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇش ئېھتىياجىدا باشقا تىللارنى ئۆگىنىۋىرىپ، تەپەككۇرۇم ۋە تەسەۋۋۇرۇممۇ، ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلاشلىرىممۇ باشقا تىللار بويىچە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ...
ئۇيغۇر تىلىم، ‹‹ساڭا بولغان ئىشقى مۇھەببىتىمنى  قەلىمىم ئارقىلىق ياكى كەلىمەم ئارقىىلىق ئىپادىلەش ماڭا بەسىي مۈشكۈلدۇر !››

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش