- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-9-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-24
- UID
- 47143
- يازما
- 6
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-9-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-24
- توردا
- 2 سائەت
|
 بۇ بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس!
ئىس - تۈتەك قاپلىغان كوچا، ئۆرىۋىتىلگەن ئاپتوموبىل، يۈز - كۆزى تاياق زەربىسىدە قانغا بويالغان ئادەملەر.... بۇ ھازىرقى مەدەنىيەتلىك جەمىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ئىش بولماستىن، بەلكى قاباھەت قاپلىغان جاھالەتلىك جەمىيەتكە خاس كۆرۈنۈش. شۇنداقلا بۇ بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئەمەس! چۈنكى ھەقىقىي بىر ۋەتەنپەرۋەر شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
دىياۋيۇ ئارىلى ۋەقەسى بارغانسىرى كۈچىيىپ كەتتى، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز تەكشۈرۈش فىلۇتى چارلاپ قانۇن ئىجرا قىلىشقا كىرىشتى، دۆلىتىمىزنىڭ ياپونىيە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىرازىنى قوبۇل قىلمدى.... كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۈكى دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ئاتالمىش رادىكال كۈچلەر دىياۋيۇ ئارىلى مەسلىسىنى باھەنە قىلىپ ۋەقە تۇغدۇرۇش بىلەن بولاپ كەتتى. 15-سىنتەبىر شىئەن، چاڭشا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى سودا سارايلار، دۇكانلار چېقىلدى ۋە بۇلاندى، يولدا كېتىۋاتقان ياكى توختىتىپ قويۇلغان ياپونىيەدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار يانجىۋىتىلدى.
مەيلى قانداق روھىي ھالەت ئاساس قىلىنىغان بولۇشتىن قەتئىي نەزەر پۇقرارلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى خۇسۇسىي ماللارغا زورلۇق ۋاستىسى بىلەن زىيان سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى سېپى ئۆزىدىن قانۇنسىز ھەرىكەت! ئەلۋەتتە بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دېگەن مۇقەددەس نام بىلەن پەردازلاپ، ۋەتەنگە زىيان سالىدىغان ۋەتەننىڭ ئابرويىنى تۆكىدىغان ھەرىكەتلەردە بولدى! بۇ خىل چىكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەر ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات كۈچلىرىگە قىلچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بەلكى گۇناھسىز مال مۈلكىگە زىيان سالىدۇ. ئاشۇ قولىغا كالتەك - توقماق ئېلىۋالغان ھەرخىل نىيەتتىكى زوراۋانلار جىنايەت قورالىنى ئوينىتىپ چاققان بىلەن كىيىن ھامان مەسخىرە قىلىشىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى قانوننىڭ جازاسى كۈتۈپ تۇرماقتا!
دىياۋيۇ ئارىلى ئىختىلاپى بىر مۇرەككەپ شاھمات ئويۇنى بەلكىم بۇ ئويۇن خېلى ئۇزاق ئوينالغاندىن كىيىن، ئىككى تەرەپ ئاندىن مۇۋاپىق ھەل قىلىش يولىنى تېپىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى مۇھىم ھالقا خەلىقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى توغرا، قايىل قىلارلىق ئۇسۇلدا ئىپادىلىشى ، ئىش - ھەرىكەتلەرنى قانون-تۈزۈم رامكسى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلىشى ھەرگىزمۇ يېنىكتەكلىك قىلماسلىقى كېرەك.
ئىس - تۈتەك قاپلىغان كوچا، ئۆرىۋىتىلگەن ئاپتوموبىل، يۈز - كۆزى تاياق زەربىسىدە قانغا بويالغان ئادەملەر.... ۋەتەنپەرۋەرلىكنى نىقاپ قىلىپ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىغان ئۇنسۇرلارنىڭ يولسىزلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا داۋاملىق يول قويىدىغان بولسا، دىياۋيۇ ئارىلى مەسلىسى كۆڭۈلدىكىدەك ھەل بولماي ئەكىسچە خەلىقنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولماي قالىدۇ! ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش بۇ بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس! ئەكىسچە ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئابرويىنى تۆكىدىغان ھەرىكەت! شۇڭا ئۇنىڭغا يول قويماسلىق ئۇزاق مەزگىلىك تەدبىر، شۇنداق تەدبىر قوللىنىشقا دەرھال ئاتلىنىش كېرەك.
"بېيجىڭ ياشلار گېزىتى"دىن ئېلىندى
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئاخباراتچى007 خەۋەر قىلدى |
|