تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 369|ئىنكاس: 5

ھاياتقا قايتىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
46853
يازما
2
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 22:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتقا قايتىش
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزدىغان ئاخىرقى يىلىم ئىدى،كۈتۈلمىگەندە كېسەل سەۋەپلىك ئوقۇشتىن توختاپ، ئۆيگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئوقۇشۇم ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ئاخىر لاشتى. ياق ئوقۇش ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىملا ئەمەس،بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىم، جۇشقۇن ياشلىق باھارىم ئاخىر لاشقاندەك بولدى، چۈنكى،ياپيېشىل چىملىقتا تايچاقلاردەك چاپچىپ، باھادىر لاردەك شىجائەت بىلەن توپ تىپىپ يۈرگەن بۇ جىسمىم بىردىنلا چاقلىق ئورۇندۇققا مىخلىنىپ قالدى. شۇڭا ھايات ماڭا مەنىسىز ئىدى، ئۈزۈمنى تىگى يوق ھاڭغا چۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.ھەقىقەتەن ھايات-مامات مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى.‹‹قىينالمايلائۆلۈپكەتسەمچۈ..››دېگەنلەرنى ئويلايتىم. چۈنكى، كېتاب ئوقۇش،تورغا چىقىش،دورا يېيىش...دېگەندەك بىرقېلىپتا ئايلاپ-يىللاپ ياشاش ئاسانمۇ ئاخىر...
   تورغا چىقاتتىم، ئەمما زىنھا ساۋاڭداشلىرىم بىلەن پاراڭلاشمايتىم.پەقەت ناتۇنۇش كىشلەر بىلەنلا ئانچە- مۇنچە پاراڭلىشىپ قۇياتتىم ھەم ئۇلاردىن بىر قىسىملىرى بىلەن خېلىلا ئىچەكىشىپ قالغاندىم. چۈنكى،ئۇلا مېنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتى،بۇ ماڭا نېسبەتەن بىسىم ھېس قىلدۇر مايتتى.بۇلۇپمۇ‹‹توغراق›› ئىسىملىك توردىشىم بىلەن كۆپ سىردىشاتتىم،كومپىيۇتېرنى ياخشى بىلىدىغان ھەم ناھايىتى چىقىشقاق بۇ سىردىشىم قاچانلا قارىسام توردا بۇلاتتى.بۇماڭا ئوخشاش بىر يەرگە مىخلىنىپ قالغۇچى ئۈچۈن ياخشى ئەھۋل ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ سىردىشىپ قالدۇق ۋە ھاياتلىق قىسمەت ھەققىدە كۆڭلىمىزدىكىنى تۆكتۇق. چاقلىق ئورۇندۇققا مىخلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمنى دېمىگەن بىلەن كۆڭلۈمدىكى چۈشكۈنلۈكلىرىم ئازاپلىرىم ئاشكارلىنىپ كەتتى بولغاي،ئۇ تور دىشىم خېلى ئۇزاققىچە جىمىپ كەتتى.ئەتىسى ئۇنىڭدىن بىر پارچە ئېلخەت تاپشۇرۇۋالدىم.
خەت تۈۋەندىكىچە ئىدى:
‹‹ھەي بالا زوۋانىڭغا نېمە بېرىمەن؟››بۇ بىر
قورساق ئاچامنىڭ ئاۋازى،دادام رھمەتلىك ئارزۇلاپ قويغان ئىسمىمنى چاقىرسانېمەبۇلار
-ھە...‹تەييارچۆپ›دەيمەن بۇرۇنقىدەكلا...
.ئۇنىڭ ئاۋازىدىن تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئۆچمەنلىك،بىزارلىق چىقىپ تۇرىدۇ..ئەلۋەتتە،مەندەك بىر تىرىك مۇردىنى بېقىش ئاچامغىمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ –دە!
بىز تۆت بالا ئىدوق، ئېسمنى بىلسەم ماڭالمايدىكەنمەن، باشقىلار ‹بۇ بالىغا نىمە بولدى؟› دەپ سورىسا شۇ جاپاكەش كۆيۇمچان  ئانام كۆزىگە  ياش ئالاتتى. دادام ئۇقۇمۇشلۇق،  ئالىى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالى ئىدى، ئېسمدە قېلىشىچە، مىيىپلىقىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئائىلمىز بەخىتلىك ئىدى.ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ناھايىتى ئامراق ئىدى، كىچىك ئاچام ھەر كۈنى مەكتەپتىن كېلىپ مېنى ھاپاش قىلىپ ئويناتقىلى ئېلىپ چىقاتتى، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى باغچىغا ئاپىراتتى، دادام بەرگەن پۇلغا گۆشنان، كەمپىت ئىلىپ يەيتتۇق، مەھەللىمىزدىكى  بالىلار تانا سەكرەش، ئارغامچائۇچۇش دېگەندەك ئويونلانى ئوينىسا مەن كىچىك غالتەكلىك ھارۋىدا ئولتورۇپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ توۋلايتتىم. ئۆگىزىمىزدە ئىككى-ئۇچ ئادەم ئاران پاتقىدەك كىچىك ياغاچ ئۆي بار ئىدى، ئاچام دوسلىرى بىلەن شۇ يەرگە قىستىلىشىپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى ھەم ماڭا ھىكايە-چۆچەكلەرنى ئوقوپ بىرەتتى.دادام ھەر كۈنى دېگۈدەك ماڭا تۇخۇم، سامسا،مېۋە-چىۋە دېگەندەك نەرسىلەرنە ئالغاچ كېلەتتى ۋە ھەر كۈنى كەچتە مېنى قورسقىغا مىندۈرۈپ ئوينتاتتى،مەن دادامنىڭ مەيدىسىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇپ ئارام بەرمەيتم دادام كۈلۈپ كېتەتتى ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدەدادام يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىزتۈگەپكەتتى.. ئانام رەھمىتى ئىشچان،پاكىز ئايال ئىدى.ئۇ يەتتە يېشىمغىچە زېرىكمەي-تېرىكمەي ساۋادىمنى چىقىرىپ قويدى...
مۇشۇكۇنلەردە ناھايىتى كۆڭۆلسىز مۇھىتتا ياشاۋاتىمەن،ئاچمنىڭ ماڭا بولغان ھەر بىر گەپ-سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن بىزارلىق،قۇپاللىق چىقىپ تۇرىدۇ.بىلىمەن،ئۇ ئىككى ئوغۇلى ئۈچۈن قايغۇرمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ماڭا قاراپ‹سەندىن قاچان قۇتۇلارمەن›،‹خۇدايىم بىلىپ سېنى مۇشۇنداق قىلىۋېتىپ بارامدۇ-ھە؟›دېگەدەك سۆزلىرىنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمەن.لېكىن..
بۇرۇن ئككى كۈندە بىر تەرەت قىلاتتىم،كېيىن تۆت كۈندە بىر قېتىمغا ئوزارتتىم.مانا ئەمدى
قېشلىق ئۆيگە كىرگەندىن بېرى بىرۋاخ،كۆپ
بولغاندا ئىككى ۋاخ تاماق يەۋاتىمەن. مەقسىتىم
ئاچامنى ئاياش ھەم ئۇنىڭ دەشناملىرىنى ئازراق ئاڭلاش.ھازىر ئالتە- يەتتە كۈندە بىر
قېتىم تەرەت قىلىمەن،ھەراست،قايسى كۈنى ساناپ باقسام سەككىز كۈن بوپتۇ،قانچىلىك
بىئارام ياشىغانلىقىمنى ئۆزۈملا بىلىمەن.
مېنىڭ ھالىمنى بىلدىغان يۇرتداشلار ماڭا پات-پات ئۆشرە-زاكات ئەكىلىپ بېرىپ تۇرىدۇ.ئەمما،ئاچامدىن ئاشمايدۇ.ماڭا ئارتۇقچە پۇلنىڭ كېرىكى يوق،پەقەت كومپيۇتېرىم بۇزۇلۇپ قالسا ئوڭشتالىساملا
بۇلاتتى.
مەن ھەرقانداق ئىشتا ئاچامغا ھاجەتمەن. پەقەت پۇلغىلا ھاجىتىم يوق.دادامنىڭ ئىدارىسىدىنمۇ مەلۇم نىسبەتتە نەپىقە پۇلى بېرىپ تۇرىدۇ.شۇنداقتىمۇ...بەك چارچاپ
كەتتىم،ھېرىپ كەتتىم،نەچچە قېتىم ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىدىم.چۈنكى،كۈندىن –كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتىمەن...
كۈنلەر بەك ئۇزاق،مەنزىل بەك،يىراق،
كۆپتۇر تېخى كۆپ،ھاياتتا سىناق.
غەيرەتلىك بولغىن ئۈمىدۋار ياشا،
ئۈمىدسىزلەنمە كۆڭۈل،سەن بىراق.
كىم يازغاندۇ دەيمەن بۇ شېئىرنى...ھەرقېىتم ئوقۇسام يېنىكلەپلاقالىمەن.بەلكىم بۇ شېئىرنىڭ
ئاپتورىمۇ ھاياتنىڭ ئاچچىق قىسمىتىنى چۈشەنسەكىرەك،مەنمۇ ئۈمىدۋاربۇلۇشۇم،ياشىشىم كېرەك...ئەمما كانىيىم قاتلىشىپ قالغان بولغاشقا
تاماق گېلىمدىن بەك تەس ئۆتىدۇ،نەچچە قېتىم
تاماق تۇرۇپ قېلىپ تاس قالدىم بارلىق ئازاپتىن بىراقلاقۇتۇلغىلى.كۈزۈممۇئاجىزلاپكەتتى...بۇدۇنيادا مەندك جېنى سۆرىلىپ،قىينىلىپ ياشاۋاتقان
يەنە بىر ئادەم يوقتۇر،بەلكىم.بەدەنلىرىم مايماق-سايماقلىشىپ،غەلتەمەخلۇققىلا ئوخشاپ قالدىم،ئوڭ بېقىنىم قاتلىشىپ قالدى شۇ
سەۋەپلك ئاشقازىنىم مىجلىپ،تاماق ھەزىم قىلالمايدىغان بۇلۇپ كەتتى.ھېلىمۇ مۇشۇ ھالىتم بىلەن 31ياشقىچە ياشىدىم.راسىتمەندىگەن ئۆمۈر
چولپىنى،يېشى100دىن ئاشقانلارمۇ ماڭا سېلىشتۇرغاندامەندىن ياش...ھاياتىمنىڭ
31-يىلى كېلىۋاتىدۇ،32ياشقا كىرەلەمدىم يوق
بۇنى بىلمەيمەن.....
ئادەمنىڭ ئەجىلى توشقانسېرى بالىلىقىنى ئەسلە –يدىغان گەپ بار ئىكەن.خاتىرسىنى يوقاتقان
ئادەمنىڭ تۇيۇقسىزلا خاتىرسى ئەسلىگە كەلگەندەك بالىلىقىمدىكى بەزى ئېشلار ئېسىمگە
كەپقالدى.سۆزلەپ بېرەيمۇ؟
بىرچاغدا ئانام‹مەن يىراق يەرگە كەتسەم قانداق قىلىسەن بالام؟› دەپ سوراپ قالدى.‹مېنىمۇ
ئېلىپ بايسەن...بومسا ئەگشىپ تۇيۇۋالىمەن..›
دېدىم.‹سېنى ئېلىپ بارالماي دىغان يەرگە كەتسەمچۇ؟›دېدى ئانام يەنە مېنى باغرىغا بېسىپ
تۇرۇپ.‹ئەمسە ماڭا تويدا پولو ئېتىدىغان قازاندىنمۇ يوغان قازاندا لىق پولو ئېتىپ بىيىپ
ئاندىن كەت. سەن كەگىچە شۇ پولونى يەپ سېنى ساقلايمەن...›دېدىم.دېمىسىمۇ ئانام پولونى بەك ئوخشىتىپ ئېتەتتى،دادام ئانام ئەتكەن پولوغا بەك ئامراق ئىدى.ئانام ھەقىقەتەن يىراق يەرگە كەتتى ،مېنى ئېلىپ بارالمايدىغان  يەرگە كەتتى.ئەمما ماڭا پولو ئېتىپ بىرىشكە ئۈلگۈرەلمىدى.رەھمەتلىك ئانامنىڭ پولو ئەتكەن
دەملىرىنى، پولوسىنڭ پۇرقىنى شۇنچىلىك سېغىندىم.ئانام دائىم بېشىغا چىگىۋالىدىغان يۇڭ ياغلىقىنى تاھازىرغىچە بېشىمغا قۇيۇپ ياتىمەن
ئۇياغلىقتىن ئانامنىڭ ھىدى كېلىدۇ...
ئانام:‹سەن كىچىكىڭدە باشقا باللىرىمغا قارغاندا
بەك پاكىر بالا ئىدىڭ.بىرەر قېتىممۇ ئاستىڭنى
ھۆل قىلىپ باقمىغانتىڭ›،دەيتتى.مانا ئەمدى
يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا چىدىماي ئاز-تولا
چىقىپ كېتىپمۇ قالىدۇ.....
دوستۇم،ئىشەنسەڭ سەن مېنڭ بىردىنبىر دوستۇم
تۈنۈگۈن سەندىن چۈشكۈنلۈك پۇراپ تۇرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،تۇرۇپلا ئۈزۈمنىڭ
ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ قويغۇم كەلدى.يەنە بىر جەھەتتىن ئىچىمدىكى دەردىمنى ھېچكىمگە
تۆكەلمەي سىقىلپ ياشاۋاتقاندىم.
   دوستۇم،بۇيىل قىشتىن ساق-سالامەت چىقالامدىم يوق،بىلمەيمەن.ئەگەر15-20كۈنگە
قەدەر تورغا چىقالمىسام،مەن ئۈچۈن دۇئاقىلىپ
قويۇشنى ئۇنۇتمىغىن...››
     خەتنى ئوقۇپ قەلبىم لەرزىگە كەلدى.ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە بىر كومپيوتېر ئۇستىسى ئىدى
نەچچە قېتىم كومپيۇتېرىمنى يىراقتىن باشقۇرۇپ
ئوڭشاپ بەرگەن، ھەرخىل لوغەت،ئىنگىلىزچە
شاھمات دېتاللىرىن قاچىلاپ بەرگەنىدى...توۋا
مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭ مېيىپلىقنى ئويلاپ باقماپتىمەن دېسە......
نەچچە كۈ نگىچە گاراڭلىشىپ كەتتىم.ھاياتلىق،
ئۆلۈم،ئۈمىدۋەئۈمىدسىزلىك ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىم تىنىمسىز ئالمىشىپ تۇردى.ئەلۋەتتە
،مەن نېمىلا بولسۇن قولتۇق تايىغىغا تايىنىپ
بولسىمۇ ماڭالايمەن،بۇ بىر جۈپ پۇتۇم توپ تېىپەلمىسىمۇ،سۈزۈك تەپەككۇرۇم،چېۋەر قوللىرىم بىلەن شاھمات ئوينالايمەن..........
ئۆزۈم كىچىگىمدىن تارتىپ ياخشى كۆرگەن يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللىنالايمەن.رۇسىيە يازغۇچىسى نىكولاي ئوستۇروۋىسكى پۈتۈن بەدىنى مېيىپ،ئىككى كۆزى كۆرمەس ھالەتتە
تۇرۇپمۇ دۇنياغا مەشھۇر‹‹پۇلات قانداق تاۋلاندى››دېگەن رومانىنى يېزىپ چىققانغۇ!
يەنە بىر ئۆمۈرئەماياشىغان خېلىن كېللېر،
مەندەكلا ئۆمۈرلۈك ئورۇندۇققا بەنت بولغان
دۇنياۋى ئالىم سىتېفىن خاۋكېڭ قاتارلىقلارمۇ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماي دۇنياغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى جاكارلاپ ياشىغان،ياشاۋاتىدىغۇ
ئەجەبا مەن نېمىشقا چۈشكۈنلىشىمەن؟نېمىشقا
ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشمايمەن؟ مانا بۇ ئەتىراپىمدا پەرۋانە بۇلۇپ
يۈرگەن ئاتا-ئانام،قان-قېرىنداشلىرىم مەندىن
چۈشكۈنلۈكنى ئەمەس،ئۈمىدۋارلىقنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇپتۇغۇ!
   تۈمەنمىڭ سۇئاللا يۈرىكىمنى شاپىلاقلايتتى،
قانلىرىم ئۇرغۇپ،ۋۇجۇدۇم ئىسيان تۇغلىرىنى
لەپىلدىتەتتى.راست،مەن ئۆزۈمنى قايتىدىن تاپقاندەك،قايتىدىن تۇنۇغاندەك بولغانتىم....

ئالماس نامان (ھەققانىي )شىنجاڭ ياشلىرى2012\5-سان

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3913
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
284
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-26
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 16:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايىقىم يوق دەپ ئاغرىنماڭ!پۇتى يوقلارمۇ ئاز ئەمەس!

UID
4880
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
359
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ھەجەپ ئاۋۇ توغراق نامىدىكى بالىغا ئىچىم ئاغىرىپ قالدا، ئاچىسى نىمىشقا ئۇنداق قىلىدىغاندۇ، ئۇكىسىمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىغا ئوخشاشقۇ! شۇ بالىنى ياخشى باققان بولسا شۇنىڭغا چۇشلۇق ساۋاپ ئالاردى، ئېسىت!

UID
46721
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  بەندىسىنى بەندىگە مۇھتاج قىلمىسۇن...  

UID
47190
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھتاجلىقتىن ئاللا ساقلىسۇن

UID
47190
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش