تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 364|ئىنكاس: 4

مويسىپىتنىڭ سوۋغىتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8444
يازما
110
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
2721
تىزىملاتقان
2011-1-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 18:36:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                      مويسىپىتنىڭ سوۋغىتى
                                                         ئەسئەت مەسئۇدى  
                                                     مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى
           2010- يىلى باھار كىرىشى بىلەن تۇشمۇ تۇشتىن ھەرخىل توي، ئادىمىگەرچىلىكلەر قىزىپ كەتتى. رېستۇرانلار ئالدىن قىلىنغان زاكازلار بىلەن تۇلۇپ كەتكەچكە، ھەپتە ئارىلىقلىرىدىمۇ توي ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ھەر قېتىم باغاق تاپشۇرىۋالسام، توي ئىگىلىرىنىڭ مىنى يېقىن بىلىپ تويغا ئېيتقانلىقىدىن خوشال بولساممۇ، قىز ياتلىق قىلىش، ئوغۇل ئۆيلەش مەرىكىلىرىنىڭ باغاقلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا، تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ ياشلىق دەۋرىم بىلەن خوشلىشىپ ئوتتۇرا ياشلىقلار قاتارىغا كىرىپ قالغىنىمدىن مەيۈسلىنىپ قالىدىغان چاغلىرىممۇ بولدى.
          شۇنداق، توي - تۆكۈننىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىگە گەپ كەتمەيتتى. بەزى كۈنلىرى ئىككى - ئۈچ تويغا بېرىشقا توغرا كەلسە، بەزىدە ئىككى - ئۈچ كۈن ئۇدا بىرلا رېستۇرانغا بېرىشقا توغرا كەلدى.بۇ كۈنلەردە تۇنۇش - بىلىشلەر بىلەن كۈندە كۈرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدۇق. مەرىكىلەرنىڭ باشقۇرۇلۇش تەرتىپلىرىمۇ قېلىپلىشىپ كەتكەچكە، رىياسەتچىلەرنىڭ يادلىۋالغان باشلاش نۇتقى ۋە گۈلدۈر - غالاپ ئاۋازلار قۇلاققا ياد بۇلۇپ كەتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يېقىن ئۆتۈدىغان مەلۇم بۇرادىرىم ئوغلىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. تويى بولماقچى بولغان قىز - يىگىت ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان بۇلۇپ، تويدىن كىيىن يەنە ياپونىيەگە چىقىپ كىتەتتى. بۇ تويدا بۇلۇپ ئۆتكەن بىر ئىش مەندە ئالاھىدە تەسىر قالدۇردى. يەنى توي ئەھلى قاتارىدا كەلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى، ئەدىب مىجىت ناسىر ئاكا تويى بۇلۇۋاتقان قىز - يىگىتكە سوۋغا سۈپىتىدە كۆڭۈل سۆزىنى تەييارلىغان ئىكەن. ئۇنىڭ تۇلۇق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
        ‹‹قۇتلۇق تويۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
         كىشىنىڭ ئۆسۈپ - يىتېلىشى، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ئەجدادى ئېرسىي قۇۋۋەت، تەربىيە، بۇلۇپمۇ ئانىنىڭ رولى كۆپرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
       ئوغلۇم: مەرھۇم بوۋاڭ لەۋزى ھالال، قەلىمى ساپ، خەلقىگە سادىق، ئابرويلۇق، مەن ھۆرمەت قىلىدىغان، مەزگىلسىز ئارىمىزدىن كەتكەن تۆھپىكار ئەدىب ئىدى.
       ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئاتىسىنىڭ تەربىيەسى، بۇلۇپمۇ مېھرىبان ئانىسىنىڭ مېھرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن.
       بۇ ئەۋلادمۇ ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپالىق ئىشلەپ، كەسپتە نەتىجە قازانغان، ئۆز ساھەسىدە ھەتتا رايونىمىزدا تۇنۇلغان كىشىلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالالىدى.
       مەن ئۇلار بىلەن تەبىئىي ماسلىشىپ ھەم ئىزدىشىپ دىگەندەك، ئۆز ئىنىم، دوستلىرىمدەك يېقىن ئۆتىمەن.
       سەن شۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلدۇڭ ھەم ياشىدىڭ. ھەمراھلىققا تاللىغان قىزىڭنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشى بىر ئائىلە مۇھىتىدا يېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
       سىلەرنىڭمۇ ھازىرقى نەتىجەڭلارنىڭ قولغا كىلىشىدە ئاق كۆڭۈل مېھرىبان ئاناڭلارنىڭ جاپالىق ئەجرى سىڭگەن. كەلگۈسىدىكى نەتىجە، غايەڭلار بويىچە قارىساق سىلەر بىر ئائىلىنىڭ ئەمەس بەلكى جەمئىيەتنىڭ ياراملىق پەرزەنتى بۇلۇشقا مۇناسىپ ھالدا كېتىۋاتىسىلەر، سىلەردىن پەخىرلىنىمىز.
       سىلەر چاڭچۈندە بىللە چەتئەل تىلى ئۆگىنىپ، ياپونىيە يوكوھاما دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنە بىللە ئوقۇپ، ئوز - ئارا تۇنۇشۇپ، دوستلىشىپ، ئاخىرى بىزنىڭ ئالدىمىزدا - ئۈرۈمچىدە توي قىلدىڭلار. بۇ ئاز ئۇچرايدىغان مەنىلىك تەقدىرىي قىسمەت.
       مانا بۇ دەۋر خاسىيىتىدىن ئىنسانلارغا كېلىۋاتقان پۇرسەتنىڭ ئاددىي ھەم تىپىك مىسالى.
       سىلەرنىڭ ياخشى ئوقۇپ، ئىستىقبالغا يول ئېچىپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كىلىشىڭلارغا، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قۇشۇشۇڭلارغا ئىشىنىمەن ھەم تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
       مەن 1968- يىلى غۇلجىدا توي قىلغان ئىدىم. يېزىمىزدىكى 80 ياشتىن ھالقىغان، ساۋاتسىز، ھەتتا شەھەرنىمۇ كۆرمىگەن دېھقان يۈسۈپ بوۋا: ‹ بالام، سىنىڭ شۇنچە يەرلەرنى ئايلىنىپ كېلىپ، ئاخىرى يۇرتىمىزنىڭ قىزى بىلەن ئالدىمىزدا توي قىلغىنىڭ نىيىتىڭنىڭ دۇرۇسلىقىدىن دېرەك بەردى. ساڭا رەھمەت. بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭنى ياراتقۇچى ئاسان قىلسۇن. ئامىن... › دەپ دۇئا قىلغانىدى.
      مەن شۇ ۋاقىتتىلا توينىڭ يەنە بىر قىممىتىنى چۈشەنگەنىدىم. ئاق كۆڭۈل، ساپ دىل، پەرىشتە سۈپەت يۈسۈپ بوۋىنىڭ 40 يىل ئىلگىرىكى شۇ دۇئا - تىلىكىنى سىلەرگە ئۇلىماقچىمەن، قۇبۇل قىلغايسىلەر!
       تۇرمۇشۇڭلارغا ئىناقلىق، دىلىڭلارغا ئېتىقاد،تىلىڭلارغا رەھمەت، مۇناسىۋىتىڭلارغا سەمىمىيەت، ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت يار بولغاي!
       خالىساڭلار مۇنۇ 100 يۇەننى بولغۇسى پەرزەنتىڭلار ئۈچۈن ئامانەت قۇيۇپ، بانكا ھېساباتى ئېچىپ بەرسەڭلار ھەم سىلەرمۇ ئاز - ئازدىن پۇل قويساڭلار، كىيىنچە نامەلۇم ئىنسان ئۆز تويىدا ئىشلەتسە ئەجەپ ئەمەس! ھۆرمەت بىلەن: مىجىت ناسىر
                                                                             2010 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ››
         ئەلۋەتتە بۇ قىسقا، ئەمما تولىمۇ چوڭقۇر مەنە ۋە ئەھمىيەتكەئىگە بۇ نۇتۇق مەرىكىدە ئاشكارا ئوقۇلمىدى. بۇرادىرىم ئارقىلىق قۇلۇمغا يەتتى. ئۇنى كومپىيۇتېردا ئۇرۇپ بىر قىسىم تۇنۇش - بىلىشلەرگە تارقاتقانمۇ بولدۇم. بۇ جەرياندا مىجىت ناسىر ئاكىنىڭ كەم ئۇچرايدىغان ئەستايىدىل مويسىپىتلاردىن ئىكەنلىكى، ئەۋلادلار تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىشى مەندە چوڭقۇر ھۆرمەت پەيدا قىلدى. بۇنداق سوۋغىنىمۇ تۇنجى ئۇچرىتىشىم ئىدى. دېمەك قانداق سوۋغا قىلىشنى ئويلىشىش باشقا بىر گەپ ئىكەن. كىيىن مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ مىجىت ناسىر ئاكىغا بۇ ھەقتە سۆز ئاچتىم. شۇندىلا بىلدىمكى، ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى سوۋغىسى 400 دىن ئېشىپتۇ.مەن بۇلارنى كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇش ئويىنىڭ بار - يوقلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ :‹‹ شۇنداق قىلساق بۇلارمۇ؟›› دەپ كۈلۈپ قويدى.
       ئويلىنىپ قالدىم. بۇ، توي ساھىبلىرىغا قىلىنغان ھەممىدىن قىممەتلىك سوۋغا بۇلۇشقا مۇناسىپ ئەمەسمۇ!؟ ئەگەر ئۇ كىتاب قىلىنىپ تارقىتىلسا، كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك قوللانما سۈپىتىدە رول ئوينىغان بۇلاتتى......

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46628
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-29
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ كاتتا سوۋغا بوپتۇ

UID
11177
يازما
149
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1679
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-29
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ بىرجۈپلەر ئۈچۈن ناھايىتى كاتتا سوۋغات بوپتۇ.
‹‹‹مانا بۇ دەۋر خاسىيىتىدىن ئىنسانلارغا كېلىۋاتقان پۇرسەتنىڭ ئاددىي ھەم تىپىك مىسالى.
       سىلەرنىڭ ياخشى ئوقۇپ، ئىستىقبالغا يول ئېچىپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كىلىشىڭلارغا، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قۇشۇشۇڭلارغا ئىشىنىمەن ھەم تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن  ›››   بۇ پەقەت ئۇ ئىككەيلەندىلا ئەمەس، ھەر بىر ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرىدىن كۈتىلىۋاتقان ‹‹زور ئۈمىد ››تۇر

UID
47190
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سوغا بوپتۇ

UID
47265
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كاتتا سوۋغا بوپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش