- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 24
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 438
- تىزىملاتقان
- 2009-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- UID
- 1413
- يازما
- 24
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 438
- تىزىملاتقان
- 2009-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- توردا
- 12 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى ئەھلى!
ئۇزۇندىن بۇيان تور بېكەتلەردە كەسىپلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىش، خاسلىق يارىتىش چاقىرىقى جار سېلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئىزگۈ تىلەكلەرگە ياندىشىپ قۇرۇلغان بېكەتلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى مەزمۇن جەھەتتىكى چۇۋالچاقلىقى بىلەن زىيارەتچىلەرنىڭ ئېسىدە قالماي قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالمىدى، قىسقىسى ئۇلىنىش بەتلىرىنىڭ ياردىمىسىز ئۇ بەتلەرگە كىرىدىغانلار بېكەت ئاتامانى بىلەن دوستلىرىلا بوپ قالدى، ئاخىرىغا كېلىپ ئاساسەن ئۈمىدسىزلىك ۋە گاڭگىراش ئىچىدە تور بېكەتلەر ئېچىلىشتىن قېلىپ قالدى.
بۇ تېمىدا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىكى ئەگرى-بۈگرى يوللار تەھلىل قىلىنمايدۇ، مەن پەقەت يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدىكى ئۆزۈم ياردەملىشىپ قۇرغان شۇنداقلا ئۆزۈممۇ ئەزا بولۇپ تورغا چىقساملا كىرىۋاتقان « ئۇيغۇر كەپتەر ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى» نامىدىكى مەخسۇس كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بېكىتى توغرىسىدا توختىلىمەن.
چۈنكى ھازىر بۇ بېكەت كەپتەر ساھەسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەخسۇس بېكەت بولۇش ئالاھىدىلكى بىلەن تورغا چىقىۋاتقان كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دىگۈدەك بىلىدىغان تور بېكەتكە ئايلاندى، تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى يوقلارمۇ ئىزدەپ سوراپ تېلىفون ئارقىلىق مۇشۇنداق بىر بېكەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
بۇ بېكەت قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى مەن بۇ ساھەگە قىزىقىدىغان بولغاچقا توردىن باشقا يېزىقتىكى ماتېرىياللارنى ئاندا-ساندا كۆرۈپ قوياتتىم، مەلۇم تورداشنىڭ مېنىڭ تور ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان بىر تور بەت ياساش ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىمنى شۇنداقلا كەپتەرگىمۇ قىزىقىدىغىنىمنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن بەرگەن تەكلىپى بىلەن توردا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كەپتەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال بولماسلىق ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىش، كەپتەرچىلىكنى مەدەنىي بولغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ «كەپتەرۋاز...» دېگەندەك سەلبىي تەسىرىنى تۈگىتىش مەقسىتىدە ئالدىنقى يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى بۇ بېكەت رەسمىي قۇرۇلدى: كەپتەر ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىنىڭ ئادرېسى: http://www.izgu.net
ئەمدى گەپ خاسلىقنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۈستىدە بولىدۇ.
1. خاسلىقى بار بېكەت بولغاندا، بولۇپمۇ بۇرۇن باشقىلارنىڭ دىققىتى چۈشمىگەن بوش ساھە بولسا تۇنجى زىيارەتچىلەر ئادرېسنى ئېسىگە ساقلىۋېلىپ ئەتىراپىدىكى ئوخشاش ساھەدىكىلەرگە تەبئىي ھالدا ئۆز-ئارا تەشۋىق قىلىپ زىيارەتچىلەر قوشۇنى ئاۋۇيدىكەن.
2. مەزمۇن ۋە زىيارەتچى جەھەتتىن مەلۇم خاسلىققا ئىگە بولغاچقا مۇقىم بولغان زىيارەتچى ۋە زىيارەت ئېقىمىغا ئىگە بولغىلى بولىدىكەن. ئىختىيارسىز زىيارەت قىلىدىغانلار ئاساسەن كۆرۈلمەيدىكەن، زىيارەتچى مەلۇم مۇددىئادا ئۇدۇل كىرىدىكەن.
3. بېكەت كۆرۈلمە يۈز قۇرۇلمىسى جەھەتتىن قۇراشتۇرۇش، رەتلەپ باشقۇرۇش قولايلىق بولىدىكەن، بەت رامكىلىرىنى خالىغانچە ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىكەن.
...
ۋاقىت ئېھتىياجى تۈپەيلى قالدىسى تورداشلار بىلەن داۋاملىق مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ھەممىمىز بىردىن تور بەت قۇرىۋالماي مەلۇم ساھەدىكىلەر ئويۇشۇپ بىرلەسشەك چوقۇم ئەستە قالغۇدەك نادىر تور بېكەتلەر مەيدانغا كېلەلەيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 17:39
|
|