تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4376|ئىنكاس: 28

ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقانلار     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
45398
يازما
38
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2012-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-22
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2011-يىلى 11- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى .
كومپىيۇتىرىمنى قوزغۇتۇپ مۇنبەر ئارلاۋىتىپ كۆزۈم ‹يېڭى تىما› دىگەن يەرگە كەلگەندە ئىختىيارسىز توختاپ، زور قىزقىش ئىچىدە تىما مەزمۇنلىرىغا قاردىم،
‹ۋاھ  بىر-بىردىن ئىسىل تىمىلار ھە !›
تۇيۇقسىز ،‹يېڭى جاپى چىقىپتۇ ›دىگەن خەتنى كۆرشۈم بىلەن، بەدىنىم تىكەنلەشكەندەك بۇلۇپ، تىنىم شۈركۇنۇپ ،بۇلتۇرقى ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
ئىچىمدە ‹ئىلاھىم بۇ قېتىمقىسى ئۇنداق بولمىغىيتى›دەپ، تىلەپ تۇرۇپ شۇمەزمۇننى ئاچتىم،
شۇخ مۇزىكا باشلىنىش بىلەن بىرنەچچە ياش باللار، گىيا ئۈنمەس تاغ باغرىدىكى چىغىر يولدا ،چۆلدە جىن چاپلىشىپ قالغان ساراڭ پىيى تارتىشىپ قالغان ئۆچكىدەك،ئوڭ-تەتۈر، ئىگىز-پەس سەكرىگىلى تۇردى.
بۇنى كۆرۈپ يا كۈلۈشۈمنى .يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم،
مەزمۇن نەچچە قىسىمغا بۆلۈنگەن بۇلۇپ،يەنە بىر قىسمىنىمۇ ئاچتىم،
ئۇنىڭدىمۇ ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇردىغان، 16-17 ياشلار چامىسىدىكى .بېشىغا ياغلىق چەككەن ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۇيغۇر يىگىت ،قاملاشمايدىغان غەلىتە بىر ھەركەتلەرنى قىلۋاتاتتى.
بۇلارنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇلى نەدە ،مۇزىكا نەدە، ھىچكىمنىڭ كارى يوق،
بۇلارغا قاراپ دەپسەندە بۇلىۋاتقان مىللى ئەنئەنىمىزگە، ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزگە، ئىچىم شۇنداق سىيرىلىپ كەتتى.
ئاچچىق ھىس-تۇيغۇلۇرۇم مىنى .بىر يىل ئاۋۋال كۆرگەن، يېڭى-يېڭى جاپىلار قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.
2010-يىلى يازلىق كانىكۇلدا ،بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ئازراق كىرىم قىلىپ ،ئىختىسادى ئۈنۈم يارتىپ ،ئائىلە يۈكۈمنى يىنىكلەتمەكچى بولدۇم،
ئەمما نىمىش قىلىشنى بىلمەيتىم،بۇ ھازىر تۇرۋاتقان يېڭى ئۈيىمىزگە كۈچۈپ كەلمىگەن‹ئۆيىمىز تۇلۇق بىزىلىپ بولالمىغان› چاغلار بولغاچ ،بىزمۇ ۋاقتىنچە ئىجارە ئولتۇراتتۇق،
بىزنىڭ ئۈيىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆيدە ئولتۇردىغان ياش ئەر-ئايال، ئۆينىڭ ئالدىغىلا كىچىك يايما ئېچىپ پىلاستىنكا تىجارىتى قىلاتتى.
شۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيەنىڭ ‹ئاچچىق-ھايات› ،‹ئادانالىق رازۋىتچىك چاكىر› ،‹ئەزەل› ،‹يۈسۈف-زۇلەيخا› ناملىق فىلىملەر، كىشىلەرنىڭ ئالقىشلىق فىلىملىرى ئىدى.
مەن خوشنىمىزنىڭ ئايالىغا ،تىجارەت قىلىش ئۇيۇمنىڭ بارلىغىنى ئېيتتىم،
خوشنام ماڭا پىلاستىنكا تىجارىتىنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپلىگىنى چۈشەندۈرۈپ ،يىنىدىن بىركىشىلىك ئورۇن بەردى.
پىلاستىنكىلارنى ئۇنىڭ يولدىشى ئەپكىلەتتى.
بىز دانىسى 1يۈەن5 مودىن، 1يۈەن 8 موغىچە ئالغان پىلاستىنكىنىڭ دانىسىنى يوقىرىسىنى 10 يۈەن، تۆۋىنىنى 2يۈەن 5موغىچە ساتاتتۇق،
پىلاستىنكىلارنىڭ ياخشى يىرى. چىقمىسا ،ياكى تۇتۇق بولسا ،ئالماشتۇرۇشقا بۇلاتتى.
ئارىسىدا غەيرى مەزمۇنلۇق لىنتىلار يۇق ، يامان يىرى.ئۆزىمىزدە بار، سېتىلىش نىسبىتى تۆۋەن، پىلاستىنكىلارنىمۇ يەنە ئېلىشقا مەجبۇر بۇلاتتۇق،ئەگەر ئۇلارنى ئالمىساق ،يېڭى چىققان ،سېتىلىش نىسبىتى يۇقىرى پىلاستىنكىلارنى بەرمەيتى.
بازىرى ئىتتىك پىلاستىنكىلار ئاز، كىشلەر كۆرمەيدىغان ،تاينى يوق پىلاستىنكىلار بىر قەدەر كۆپرەك ئىدى.
شۇنداقتىمۇ يەنىلا تەڭدىن كۆپرەك پايدا ئالاتتۇق،
بۇنداق ماز دەيلەرنى تۇنۇشلارغا ،ياكى دائىملىق خېرىدارلىرىمىزغا، يېڭى لىنتا بىلەن بىللە قوشۇپ ،بىكارغا بىرىۋىتەتتۇق،
بىز ئولتۇرۋاتقان قورا داۋەن تەرەپتە بولغاچ، بۇيەردە سىرىتتىن كىلىپ ئولتۇراقلاشقانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيتى.
بۇلارنىڭ ئاساسلىق تىجارىتى ئىمانى بارراقلىرىنىڭ، ‹كونا ئۆي-سايمانلىرى›نى ئېلىپ- سېتىش ،ياكى پىچىنە -پىرەنىك، تەييار خام تاماق، ئائىلە تائاملىرى. ناۋاي، دىگەندەكلارمۇ ئوننەچچىدىن ئاشمايتى.
‹دەۋىرگە ماسلاشقان›لىرىنىڭ قىلىۋاتقىنى،ئاتالمىش ‹ھاراق-تاماكا دۇككىنى› دىگەن ئىسىملار بىلەن پەردازلانغان ‹قاۋاق›،دەپ ئاتىلىدىغان ،بىرگە نەچچە باھانى ھەسسىلەپ قۇشۇپ قۇش تىجارەت قىلدىغان، مەس بۇلۇپ يىقىلغانلارنى يۆلەپ قۇيۇش باھانىسىدا ،يانچۇغىنى قۇرۇغداپ، ئىسىل كىيىم يېڭى ئاياغلىرىنى سالدۇرۇپ، تېلفۇن ھەميانلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىپ ،ھىچنىمىنى كۆرمىگەن -بىلمىگەن بۇلىۋىلىپ ،بۇلارنى پاك-پاكىزە تازلاپ ،قۇرۇغداپ ،ئاتالمىش دۇكان ‹قاۋاق›لاردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۇرنى ئىدى.
شۇنداقلىقىغا قارماي، ئادەمنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتى.‹يايمىمىز شۇ ‹قاۋاق›لارنىڭ قارشى تەرپىدە›
بۇرنىغا يىمىگەن ،رەتلىك-چىرايلىق پاكىز كىيىنگەن ياش يىگىتلەر ، ئائىلىسىدە ئايالىنى .باللىرىنى .20 يۈەنلىك  مىھمان قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىماي، مۇشۇنداق ئىپلاس، سېسىق نامى پۇر كەتكەن  يەردە ،پۇلنى سۇدەك خەشلەيدىغان ئىسىل سۈپەت پۇلدار ئاكاشلار ،بۇيەرنىڭ دائىملىق مىھمىنى بۇلۇپ تۇراتتى.
سەگەكرەك مەس بولغىنى. ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنىڭ يوقالغىنىنى. ياكى پۇلنى ئارتۇق ئالغىنىنى بىلىپ غەۋغا قىلسا ،خوجايىنلار ،ئۇلارنىڭ ئاپىسىدەك ياشتىكى ھۈزلىرىنى مايمۇندەك بۇيىۋالغان ھەمرا قېرى خۇتۇنلارنىڭ ئاتالمىش ئەرلىرى.‹بىكار تەلەت زابۇي پىيانچۇكلار›، ياكى ۋىژدانىنى ئىت يەپ كەتكەن، غورورىنى بەش مۇچەنگە سېتىۋەتكەن،‹پۇلدىن باشقىنى بىلمەي، ھەم تۇنمايدىغان ،ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇناپىق›لار،ياكى شۇلارنىڭ بۇيىغا يەتكەن ،ئاغزىدىن ۋىژدان، غورور چۈشمەيدىغان ئوغۇللىرى .دەرھال سۇنھۇكۇڭدەك چاققانلىق بىلەن ،ھۇسۇڭدەك كۈچلۈك بىلەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خويۈەنجيا چامباشچىلىغى. يىشۇدەك ئەقلى بىلەن ،بۇ پۇلدار قاپاق نوچىلارنىڭ ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى تۈزلەپ ، قاق سەنەم قىلىپ يولغا سەپ قوياتتى.
چارلاش ماشىنىلىرى بۇ كۇچىنى كىچىسى نەچچە رەت رازۋىتكا قىلسىمۇ ،بۇنداق ئورۇننىڭ كۆپلىگىدىن ،تېزىنى باسسا مېزى چۇگۇلۇپ چىقاتتى.
ئاخىردا ئۆزىنىڭ-ئۆزىگە، توپىسى كۆزىگە دىگەندەك، زىياننى تارتىدىغانلار يەنىلا شۇ پۇل خەشلگەنلەر بولاتتى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يايمىنى ئېچىپ يىڭى پىلاستىنكىلارنى رەتلەپ ئولتۇرسام ،يېشى 50تىن كەم ئەمەس بىر ئايال كەلدى.
-قىزىم، يېڭى چىققان، شۇخراق، ئۇسسۇللۇق ،ناخشا دەيلىرىڭىز بارمۇ؟
-بار ، مانا بۇ يەردە ،سىزگە قاندىغى كىرەك؟
-مەن خەت تونىمايمەن ،ئۆزىڭىز تاللاپ بىرىڭە،
مەن ئايالغا بىر نەچچە تال پىلاستىنكا تاللاپ بەردىم ،ئايال 35  يۈەننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ،
-ئەگەر بۇ دەيلەر ئۈيۈمدە بار بۇلسا ،ياكى چىقمىسا ، ئەكەلسەم ئالماشتۇرۇپ بېرەمسىز؟
-بولىدۇ ،ھۈزىنى جىجىۋەتمىسىڭىزلا ئالماشتۇرۇپ بېرىمەن،
-مېنىڭ ئۆيۈمدە كىچىك باللار يوق، بۇنى دۇكاندا قۇيىمەن، كىرگەن خېرىدارلار ئۇسسۇللۇق دەي دەپ تۇرۋالىدىكەن،
-ھە سىز ئەسلى دۇكان ئاچىدىكەنسىزدە، تىجارىتىڭىز ياخشىكەندە ، نىمە دۇكان ئاچىسىز؟
-‹قاۋاق›، ئاۋۇ ئۇدۇلىڭىزدىكىسى مىنىڭ دۇكۇنۇم،
بىزدە ‹بولمىساڭ ئىللىق چىراي ،ئاچمىغىن دۇكان ساراي،› دىگەن سۆزگە ئاساسەن، كۈلۈپ تۇرۇپ سۇرىغان سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، خۇددى گېلىمغا بىرنىمە تۈرۈپ قالغاندەك ، غىققىدە بۇلۇپ قالدىم،
مەن بۇ ئۇرۇق، كۆرۈمسىز ئايالنى. بىرەر ئاشخانا، ياكى يولنىڭ تازلىق ئىشچىسىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم،
ئايالنىڭ  يېشىغا باقماي ،پەرۋاسىزلا  كۈتۈلمىگەن جاۋابى. تەنلىرىمنى شۈركەندۈرۋەتتى.
مەن بۇ ‹خوجايىن›نى نەچچە قېتىم كۆرگەن بولساممۇ ئانچەدىققەت قىلماپتىكەنمەن  ،ئايالنىڭ تەپ تارتماستىن قىلغان گىپىمىنى تۇلىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئايال پىلاستىنكىلارنى ئېلىپ كەتتى.
دائىملىق خېرىدارلىرىمدىن بۇلغان، تۈركىيەنىڭ كىنۇ مەستانىلىرى. بىردەمدە يىنىمغا ئولۇشۇپ ،ئۆزلىرى ياختۇرۇپ كۆرىدىغان فىلىملارنى تالاش-تارتىش قىلىپ ئېلىۋاتاتتى. سودىنىڭ قىززىقچىلىغىدا بايامقى كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ ئىسىمدىن كۆتۈرلۈپ قاپتۇ ،ئاردىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى ئىسمدە يوق،
-ياخشىمۇسىز ؟بۇ لىنتىلارنى بايا ئاپام سىزدىن ئاپتىكەن ، مەندە بار ئىدى .رەنجىمەي ئالماشتۇرۇپ بەرسىڭىز،
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىميۇ تۇلىمۇ ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپ قالدىم،چۈنكى ئالدىمدا دائىم مىنىڭدىن پىلاستىنكا ئالىدىغان 22 ياشلار ئەتراپىدىكى تۇلىمۇ كېلىشكەن ئىسىل كىيىنگەن قوش كىزەك ئىككى ‹ئاكا-ئۇكا›تۇراتتى .مەن بۇلاردىن قەستەن ،
-خاتالاشمىسام مەن بۇلارنى سىلەرگە ئەمەس ،ياشانغانراق بىر ئايالغا ساتقانغۇ دەيمەن؟
-ھەئە  توغرا ، ئاۋۇ ئۇدۇلدىكى ‹قاۋاق› دۇكاننى ئاچقان ،بىزنىڭ ئاپىمىز بولىدۇ،
مەن بۇ قوش كىزەك گىزەندى ئاكا-ئۇكىلارغا نەپرەت بىلەن قاراپ،
-پىلاستىنكىلار ئەنە، ئۆزىڭىز خالىغاننى ئېلىڭ،
يىگىتلەر پىلاستىنكىلارنى ئالماشتۇرۇپ بۇلۇپ مەندىن سورىدى.
-سىزدە ‹دۆڭباغ ناۋاسى › دىگەن دەي بارمۇ ؟يەنە dj بۇلسىمۇ بۇلىدۇ،
مەن ئارتۇق گەپ قىلماي ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى ئاختۇردۇم، ‹دۆڭباغ ناۋاسى›، ‹جاپى›دىگەنلەردىن 12  تال بار ئىكەن. ئەمما d j   پىلاستىنكا s d ئىكەن.
-d j دەيلەرنىڭ ھەممىسى s d ئىكەن باشقىسى يوق،
-مەنمۇ دەل مۇشۇندىغىنى ئىزلاۋاتقان،
-بۇ دىگەن سۆرەتسىز ماشىنىدا قۇيىدىغىنى جۇمۇ؟
-مەنمۇ بۇنى ماشىنىدا قۇيىمەن ،خاتىرجەم بۇلۇڭ بۇنى ئالماشتۇرمايمەن، بىرى قانچە پۇل؟
-15  يۈەن،  سىز نىڭ تېىخى ماشىنىڭىز بارما؟
-نىمە ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ھازىر ماشىنا دىگەن بۇ نىمە، قەلەندەردىمۇ بار،
يىگىتلەرنىڭ گىپى تۈگىمەيلا 17،-18  ياشلاردىكى . تۇلىمۇ كىلىشكەن ،چىرايلىق ئىككى ‹مۇدا› ئۇيغۇر قىز، ئۇلارنى چاقىردى. ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىدىن باشقىسى پۇتۇنلەي ئوچۇق،يىگىتلەر- قىزلارنىڭ يىنىغا بىرىپ ،چەتئەلچە قىزغىن  سۇيۇشۇپ كۆرۈشكەندىن كىيىن ،كۈلۈشكىنىچە قولتۇغلۇشۇپ كىتىپ قېلىشتى.
مەن ئۇلارغا قاراپ ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپ قاپتىمەن،يىنىمدىكى كىچىك قىزنىڭ چاقىرىشى.  مىنى ئەسلىمگە ئەكەلدى.
-ئاچا كارتون فىلىم بارمۇ ؟ باللار ناخشىلىرىچۇ؟
مەن قىزچاقنىڭ دىگەن لىنتىلىرىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ بۇلۇپ،‹ئادەم ۋە تەبىئەت›، ‹ھايۋاناتلار دۇنياسى› ،دىگەن ئىككى دانە لىنتىنى بۇ ئۇماق قىزغا سۇغا قىلدىم ،بۇنى نىمە ئۈچۈن بەرگىنىمنى بىلمەيمەن، قىزچاق ماڭا رەھمەت ئېتيقىنىچە يىنىمدىن يۈگۈرۈپ كىتىپ قالدى.
ئاردىن نەچچە كونا-يېڭى خېرىدارلار كىلىپ ،يەنە شۇ ‹دۆڭباغ ناۋاسى› ،‹جاپى›،دىگەن ئىسىملاردىكى لىنتىلارنى ئېلىپ تۈگەتتى.
كەچمۇ كىردى .مەنمۇ يايمامنى يىغىپ ،بىركۈنلۈك  سودامنىڭ ھىساۋاتىنى قىلىپ ،ئەتە ئەكىلىدىغان پىلاستىنكىلارنى تىزىملىغاچ، پىلاستىنكىلارنى رەتلاۋىتىپ ،قۇلۇمغا يەنە بىر دانە ‹دۆڭباغ ناۋاسى ۋە جاپى› دەپ يىزىلغان خېتى بار بىر پىلاستىنكا چىقتى.
‹كىشىلەرنى شۇنچە قىزىقتۇرغان قانداق لىنتىدۇ بۇزادى؟› دىگەن قىزقىش بىلەن بۇ لىنتىنى بىر كۆرۈپ باققۇم كەلدى.
پىلاستىنكىنى dvd  گە سىلىپ، چاي ئىچكەچ ئۇلتۇرۇپ كۆرۈشكە باشلىدىم،
لىنتا قۇيۇلۇپ بېشىدىلا ،چوڭ خەتلىك ‹دۆڭباغ ناۋاسى› دىگەن خەت چىقىپ ،ئارقىدىنلا بىر باغچىدىكى ياپيېشىل چىملىق ئۈستىدە، بىر قىز، بىر ئۇغۇل، شۇخ مۇزىكىغا ئۇسسۇلغا چۈشتى.
بىر كۆرنۈش تۈگەپ ،كەينىدىنلا ئۇلۇنۇپ قايسىدۇر بىر سۇرۇننىڭ قىشلىق ئولتۇرشىدا‹بەلكىم ئۆي بۇلشى مۇمكىن›
ئوينالغان، يا ئۇسسۇل ئەمەس ،يا دىسكۇ ئەمەس ،غەلىتە ھەركەتلەر بىلەن بىر مۇنچە كىشىلەر،ھەرەڭ-سەرەڭ ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. ئەرلەرنىڭ بىشىدا قۇلاقچا، تۇماق، ياقىلىق بۇغما خۇرۇم چاپان ،ئاياللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بىشىدا ياغلىق، بۇغماق-بۇغماق  سىمىز، كىلەڭسىز ،يېشى خېلىلا چوڭ ،قۇرسىغى ئالدىغا، كاسىسى كەينىگە چىقىپ كەتكەن، دۇڭغاق ئاياللار، سىمىز بەدىنىگە ھەددىدىن ئارتۇق تار ،چىڭ ئىشتانلارنى ھىلىلا ‹پوڭ› قىلىپ ئېتىلىپ كىتىدىغاندەك قىستاپ، قىيلىنىپ ،كىيىشىپ، ئىشەك تىپپەتكەندەك چىچاڭشىپ، چالا بۇغۇزلاپ تاشلىۋەتسە جان تالاشقان كالىدەك ،پۈتۈن بەدىنىنى تىتىرىتىپ، شۇنداق ناچار ھەركەتلەر بىلەن ،بەل كاسىلىرىنى تولغاپ، مەيدىلىرىنى ئېتىپ ، بىر-بىرىگە سۈركىلىپ ،تەرلەپ-تەپچىرەپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئىدى.
توۋا،  شۇ ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە ۋاپادار ئاياللىرى. كۈيۈمچان ئەرلىرى. ئۇماق پەرزەنتىلىرى يوقمىدۇ؟
باشقىلار بۇلارنىڭ بىمەنە، تېتىقسىز ھەركەتلىرىنى كۆرسە نۇمۇس قىلىپ ھۈزى قىزارمامدىغاندۇ ؟ سۆز -چۆچەكتىن قۇرقمامدىغاندۇ؟ياكى ئۆزىنى چولپان ساناپ ،قېلىن ھۈزىنى داپتەك قىلىپ ،مەغرۇر كۆتۈرۈپ يۈرەمدىغاندۇ؟
بۇنى ‹دۆڭباغ ناۋاسى› دىگەندىن ‹دۇڭغاق ناۋاسى ›دىگەن تۈزۈك
بۇ فىلىمنى سۆرەتكە ئالغان ئادەممۇ شۇ ناچار ئىشلارنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە ،بۇ ئولتۇرۇشنى سۆرەتكە ئېلىپ، زامانىۋى قالاق ئۇسۇلدىن ھۇزۇرلۇنۇپ، ‹بۇ فىلىمنى مەن ئىشلىگەن› دەپ گىدىيىپ ،كىرىلىپ يۈرەمدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ قانداقمۇ ۋىژدانى يول قۇيغاندۇ؟ قانداقمۇ كۆڭلى كۆتەرگەندۇ؟ كامىرا تۇتقان قۇلى تىترىمىگەنمىدۇ؟ غۇرۇرى ئازاپلانمىغانمىدۇ؟
شۇ سۇرۇننىڭ ئىشتىراكچىلىرىچۇ ؟مەيداندىكى ئۇسسۇلچىلارچۇ؟
ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى ئۇلارنى ئەيىپلىمىگەنمىدۇ؟ياكى بۇ مەشھۇر چۇلپانلاردىن پەخىرلەنگەنمىدۇ؟
ئالتۇننى زەگانىڭ  سۇققىنى تۇزۇك، كۇنىلار، كۈلەلمىسەڭ ھىجايما ،دىگەن گەپنى بىكارغا ئېيتمىغان،
تۇغرا ، بىز ئۇيغۇر خەلقى ناخشا -ئۇسسۇل  سەنئەت خۇمار خەلق، بىز ئايىغىمىز چىقىش بىلەن ئۇسسۇل ئۇيناشنى .تىلىمىز چىقىش بىلەن ناخشا ئېيتىشنى بىلىمىز،
بىزنىڭ ئەبەدىل- ئەبەت ئۆلمەس 12 مۇقامىمىز بار،  بۇنىڭ تىپىك مىسالى بۇلغان تۇرسۇنئاي ئىبراھىم، دىلنار ئابدۇللا، ئامانگۈل سىدىق، ئەسقەر رەقىپتەك ،كۆزگە كۆرۇنگەن ياش، داڭلىق ئۇسسۇلچىلىرىمىز ،ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىنى پۇتكۈل دۇنياغا تۇنۇتقان، قىزغىن ئالقىشلارغا، مەدىيەلەرگە ئېرىشكەن، بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنىكلەشتۈرۈپ، بۇلا-بۇلماس ،‹ئۇ ناۋاسى-بۇ ناۋاسى› دىگەندەك ،كەلسە- كەلمەس ئىسىملارنى قۇيۇپلا، ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتىگە داغ تەككۈزىۋاتىمىز ،ئۇنى دەپسەندە، ئاياغ-ئاستى قىلۋاتىمىز، بىز مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق شان -شەرەپ تاپامدۇق؟ ياق... سەنئەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلمەيدىغان، چۈشەنمەيدىغان ،قىسمەن مىتە قۇرۇتلار، سەنئەتنىڭ، مىللەتنىڭ ھۈزىنى تۈكۈپ ،يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتىدۇ،
بىزنىڭ سەنئەت خۇمار خەلق
ئىكەنلىگىمىز ھەممىگە ئايان، بۇنى پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە نىمىشكە ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتىمىزنى قەدىرلىمەيمىز؟
ئۇنداق قىلمايلى دۇسلۇرۇم،  توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۈم دۇنيانى ،سىز -بىزلا ئەمەس ،پۇتكۈل دۇنيا خەلقى كۆرىدۇ ، زىيارەت قىلىدۇ، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى ئۈگىنىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر، مىللەتلەر، چاكىنا ،تۇتۇرۇقسىز ،ئۇسۇللىرىمىزنى. ئۇيۇن -تاماشىلىرىمىزنى كۆرسە بىزنى نىمە دەپ قالار؟
بىزدىن كىيىنكى ئەۋلاتلارچۇ؟ ئۇلارغا تەسىرى بۇلماسما؟ ئۇلار بىزدىن نەپرەتلەنمەسما؟
‹جاپى› دىگەن بۇ ناخشا ئەسلى ھىندىستاننىڭ ‹پەرزەنىت ئىشقى› ناملىق فىلىمىنىڭ ناخشىسى .بىز ئۇ ناخشىنى ئۆزتىلىمىزغا مۇنداقلا ئۆرۈپ ،ئاغزىمىزغا كەلگەننى جۆيلۈپ ،ئىشەك ھاڭرىغاندەك سەت ۋاقىراپ ئېيتساق،  ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرىمۇ بىرى كۆتىگە مىخ سانچىغان ياكى كۆكۆيۈن چېقىۋالغاندەك ،ئۇينىغان ئۇسسۇلى رىتىمغا چۈشتىمۇ يوق ،قىلىۋاتقىنى ئۇسسۇل ھەركىتىمۇ ياكى كوچا ئۇسسۇلىمۇ ؟ئىككىسىنى ئەبجەش قىلىپ بۇزۇپ ئۇينىسا، مۇزىكا نەدە ،ئۇسسۇل نەدە ،ناخشا نەدە كارى يوق، مەيدانغا چۈشسىلا ھىساپ دەپ ئۇيلىسا ، بۇنى قانداقمۇ سەنئەت دىگىلى بۇلسۇن ،ھەر نەرسىنىڭ ئۆز يارشىغى، ئۇسلۇبى، ئوبرازى ،رىتىمى بۇلىدۇ ،
ئۇسسۇل دىگەن مەلۇم مەنانى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ،ئىچكى ھىسيات يۇغۇرلۇپ كەتكەن، بەدەن شەكلى .قول ھەركىتى. رىتىم .مۇزىكا بىرلەشتۈرۈلگەن جانلىق بىر ئوبراز، نىمە ئۈچۈن تىياتىرخانلاردا ئۇيۇن قۇيسا كىشىلەر بىرمۇنچە پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىپ كىردۇ ؟ئۆيدە ئۆزى ئوينىۋالسا بۇلمامدۇ؟ بۇلارنى ئۇيلاپ باقتىڭلارمۇ؟
سەنئەت كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتىن ئىستىتىك زوق ،رۇھى ئۇزۇق بېغىشلايدىغان دورا،
نىمە ئۈچۈن سەھنىدىكى ئارتىسلار بىرقىتىملىق ئۇيۇن ئۈچۈن نەچچە ئايلاپ مەشىق ئېلىپ باردۇ؟
شۇ ئۇيۇننى مۇۋاپپىقەيەتلىك سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ،كىشىلەرگە جىسمانى جەھەتتىن خۇشاللىق ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟
سەنئەت ئىنىستۇتىدا ئوقوۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ ،ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىنى كىشىلەرگە تۇنۇتۇش ،بۇ قىممەتلىك بايلىقنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن، كىچە-كۈندۈز جاپالىق تىرشىپ ،نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ ئۇقىۋاتىدۇ ، ئەجىبا ئۇلارمۇ ئۆزلىرى مۇشۇنداقلا ئوينىۋالسا بۇلمامدۇ ؟
نىمىشقا جەمئىيەتتىن ئارتىس قۇبۇل قىلمايدۇ؟  چۈنكى ھەممە ئىشنىڭ چىكى بار، سەھرادا ھاڭرىغان ئىشەك ،شەھەردە ھاڭرىيالمايدۇ ،ئۆيدىكى ھىساپ بازارغا توغرا كەلمەيدۇ ، بەك ئاشۇرۋەتسەك باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىمىز،
ئۆزىمىزنى ئايايلى ،باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتمەيلى ،ئىناۋىتىمىزنى ساقلايلى ،ئاتا-ئانىلارمۇ باللارنىڭ بۇنداق چاكىنا ‹جاپى›لىرىنى تۇسۇيلى ، كەلگۈسىمىزنى ئۇيلايلى ،ئەۋلاتلىرىمىزغا ھۈزكىلەلىگىدەك ئىش قىلايلى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۈلەيلى ،قىزلىرىمىز كەلگۇسىنىڭ ئانىسى بۇلغاندەك ،ئوغۇللىرىمىزمۇ كەلگۈسىنىڭ ئاتىسى. ھەممىمىز بىر نىيەت ،بىر مەخسەتتە بۇلساق، يەتكىلى بۇلمايدىغان نىشان يوق ، ئىشنى ئۇزىمىزدىن باشلاپ، تۇققانلىرىمىز-دۇسلىرىمىزغا كۆز -قۇلاق بۇلۇپ، ئۇلارنى بۇنداق ناچار قىلمىشتىن تۇسايلى،
ھەۋەسكار ناخشا-ئۇسسۇلچىلار، سىلەرمۇ نەدىكى خەقنىڭ تاينى يوق ‹جاپى›سىنى ئېيتماي ،ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق ياخشى، ئىسىل ،ئۇسۇللۇق-لىرىك ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان ناخشىلارنى ئېيتايلى، شۇ ئۇسسۇلنى ئۇينىغىچە ،ناخشىنى ئېيتقىچە ھۈزۈڭلار قىزارمىدىما؟
بەلكىم بىزنىڭ بۇ ناچار ئۇسۇللىرىمىز ،مەرھۇم سەنئەت پىشىۋاسى ‹قەمبەرخانىم› ،‹ھاجى راخمان› ،مۇقام پىشىۋاسى ‹ئاماننىساخان›، ‹تۇرداخۇن›ئاكا ، قاتارلىقلارنى ئېچىندۇرغان ،غەزەپلەندۇرگەن بۇلىشى مۇمكىن ،
مەن خىياللىرىمنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئېچىنىش ئىچىدە ،ھىلىقى جىن -شاياتۇنلاردەك ياسىنىپ ‹دۇڭغاق ناۋاسى›نى ئەۋجىگە چىقىرۋاتقانلارغا نەپرەت- يىرگىنىش بىلەن قاراپ قۇيۇپ تېلۋىزۇرنى ئۈچۈرۋەتتىم ،
ئەتىسىدىن باشلاپ بارلىق پىلاستىنكىلارنى ئۆز باھاسىدا خۇشنامغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ تىجارىتىمنى توختاتتىم،
كىيىن ئۈيىمىز پۈتۈپ ئۇيەردىن كۈچۈپ كەتتۇق، ئاڭلىشىمچە ئۇ يەردىكى ‹قاۋاق›لاردا ئىككى قىتىم ئادەم ئۈلۈش، ئىغىر يارلىنىش ۋەقەسى چىقىپ ،ئۇ يەرلەرنى جامەئەت خەۋىپسىزلىك ئۇرگىنى. ج خ ئىدارىسى كىلىپ پىچەتلەپتۇ،
ئەمما ھىلىقى قۇش كىزەك ئۇغلى بار ئايال، بۇرۇنقى دۇكاننى تاقاپ ،يەنە بىر كۇچىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش ‹قاۋاق›تىن بىرنى ئېچىپ ، يەنە بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرەمىش،

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
5257
يازما
100
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2710
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-22
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ناخشىنىمۇ ئاڭلايدىكەن دىسە ، مەن ھەرگىزمۇ بۇنداق پۈچەك ناخشىلارنى ياقتۇرمايمەن ، بىر ئوبدان ناخشا مۇزىكىللىرىمىز تۇرسا  شۇنى ئاڭلىماي

UID
31618
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
75
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-20
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز ....دوڭغاق ناۋاسى ھازىرمۇ بامىكەن؟

UID
11177
يازما
148
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1678
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-23
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان سەنئەت دىگەننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئىپلاسلار،شۇلار ئاشۇ لاۋزا بىرنىمىسىنى  ئىشلىگۈچە  ئازراق ئويلانمامدىغاندۇ؟ ئەجىبا پۇل ئۈچۈن  ھىچنىمىدىن يانمامدىغاندۇ شۇلار، توۋا دىمىسە بولمايديدە!  ئىسىت  ئىسىت  ۋىجدانسىزلار!!!
   تىخى ئاشۇنداق لاۋزا نىمىلەرنى خەقلەر كۆرۈپ كىتىدىكەن ھەيييييييييييي

UID
47086
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تىمىنى كۆرۈپلا ئەلكۈيى مۇنبىرىگە ئەزا بولدۇم... كارامەت ياخشى يىزىپسىز قايىل بولدۇم ....مۇشۇ جاپى دىگەن جەنۇبىي شىنجاڭلىقلاردىلا بار بىرخىل سەنئەتكەنمىش... ئىسىت بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا دەپ جەنۇبلۇقلانىڭ جاپىسى دىيىشىدۇ ھازىر ھەممىسى

باھا سۆز

Gz520  بىر تاياقتا ھەيدەپ سالدىڭىزمۇ قاندا ‹ دوڭغاق ناۋاسى› نى نەلىكلە ئىشلەپتۇ ؟  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:43

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
667
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19719
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-21
توردا
82 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىيە-ھۆكۈمەت بىزگە يارىتىپ بېرىۋاتقان باي-باياشادلىقتىن شۇنچىلىك پاسىقلىقنى قىلىۋاتىمىزما؟

UID
45847
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-21
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز .مەنمۇ ئۇنداق  مەدىنىيەتسىز ،ئۇسسۇلنى،دەسلەپ توردىن كۇرۇپ ھەيران قالغان ئىدىم.قاراشقىلام ئۇلار ،نىمىدىگەن تېتىقسىز،بىز  ئۇيغۇرلارنىڭ يۇزىنى چۇشۇرۇپ،بۇلۇپمۇ بىز جەنۇپلارنىڭ، ئەرۋاھ قىز تىرشىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازغايسىز.

UID
31618
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
75
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-20
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەرچى تورداش، جەنۇپ شىمال دەپ نىمىگە ئايرىۋاتىسىز...جەنۇپلىقلا دىمەي بىزنىڭ ئارىمىزدا دەڭ

UID
47097
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمما ئىنكاستىكى جەنۇپ-شىمال ئايرىمىسىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تولىمۇ غەش بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئايرىش مەزكۇر تېمىدا ئېيتىلىۋاتقان ئىللەتتىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان يامان ئىللەت. مەن مۇشۇ جەنۇبتا تۇغۇلۇپ ياشاۋاتقىلى 40يىل بولاي دېدى، مەن كۆرۈپ باقماپتىمەن، بەلكى باردۇ. مەن مۇشۇنداق يۇرت ئايرىمىچىلىقنى ياقتۇرمىغاچقىمىكىن شىمال تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلسەممۇ ئىچىمدىلا كۈلۈپ قويىمەن. بۇ دېگەن ساپا مەسىلىسى. دىققەت قىلىڭلار قېرىنداشلار.

UID
47100
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتالمىش دۆڭباغ ناۋاسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇلىغا قىلىنغان ھاقارەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش