ئاياللارغا ‹پىچىر-پىچىر›
شەرىپە
ئاياللار! تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاددى،ئەڭ كۆرۈنمەس نۇقتىسىدا تۇرۇپ قۇلۇقۇڭلارغا پىچىرلىغۇم كەلدى...قېنى قۇلاق سالغايسىلەر پىچىرلاشلىرىمغا...
ئېرىڭىز كاماندىروپكىدىن <سەپەردىن> قايتىپ كەلگەن كۈنى
1.بۇ بىر كۈندە ئۆي سەرەمجانلىرىڭىزنىڭ رەتلىكلىكىگە ۋە ئۆي تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ.
ئۆيىڭىز مەيلى ئالاھىدە بولسۇن ۋە ياكى ئادەتتىكىچە بولسۇن شۇ بىر كۈن ئۆيىڭىزنى ئادەتتىكى كۈنلەردىن ئالاھىدە پاكىز قىلىشقا تىرىشىڭ.
2. ئىشلىتىدىغان ئورۇن-كۆرپىلەرنى قايتىدىن يۇيۇپ تازىلاڭ ،كۆرپە يوتقانلارنى شارا'ئىت يار بەرسە ئاپتاپقا سېلىڭ،خۇشبۇي ئەتىرلەرنى دىماقنى يارغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس، ئاز مىقداردا سېپىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
3.ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈڭ، ئىش قىلدىم دەپ ئۆزىڭىزنى بولۇشىغا تاشلىۋەتمەڭ، ئېرىڭىز ياقتۇرىدىغان كىيىملىرىڭىزنى تاللاپ كىيىۋېلىڭ.
4.بالىلارنىمۇ يۇيۇندۇرۇپ رەتلىك، پاكىزە كىيىندۈرۈڭ.
5.<ئۇ>ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقنى ئېتىڭ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزى ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقنى بار ھۈنىرىڭىزنى ئىشقا سېلىپ تولىمۇ تۈجۈپپىلەپ ئەتكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
6.كەيپىياتىڭىز ھەر قانچە ناچار بولسىمۇ ھەرگىز چاندۇرماڭ، زورلاپ بولسىمۇ كۈلۈپ تۇرۇڭكى ھەرگىزمۇ
قاپىقىڭىزدىن مۇز يېغىپ قالمىسۇن.
7.ئەر ئىشىكتىن بىسمىللا دەپ بۇسۇغا ئاتلىشى بىلەنلا زامان ئاخىر ياغدۇرۇپ، ئۇ كەتكەندىن بېرى
ئىقتىساتتا قىينالغىنىڭىز بارمۇ، تارتقان قىيىنچىلىقلىرىڭىز بارمۇ ، خىزمەت ياكى جەمىيەتتىن كۆڭلىڭىز سۇ
ئىچمىگەن تەرەپلەر بارمۇ ۋە ياكى دوستلار، خىزمەتداشلار، قېيىن ئانا، قېيىن سىڭىللار ئارىسىدا يۈز بەرگەن
كۆڭۈلسىزلىكلەر دىگەندەك كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەپلەرنى ئامال بار ۋاقتىنچە ئېغىزغا ئالماي تۇرۇڭ.
مانا مۇشۇنداق ئۇششاق تەرەپلەرگىمۇ ئېرەنسىزلىك بىلەن قارىماي ھۇشيار بولغاندىلا ئەرنىڭ كاللىسىدا
<<يەنىلا ئۆيۈم ياخشىكەن، ئا'ئىلە نىمە دىگەن ئىللىق >>دىگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.
ئا'ئىلە ئەڭ ئاددى سۆز بىلەن ئېيىتقاندا ئىسسىق ۋە مەززىلىك تاماق، ئىللىق مېھىر، يېقىملىق
تەبەسسۈم ، پاكىزە، ئازادە مۇھىت، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش ، كۆڭۈللۈك پاراڭ قاتارلىقلار بىلەن ئۆز مەناسىنى تاپالايدۇ.
بۇلارنىڭ سىزسىز بارلىققا كېلىشى مۈمكىن ئەمەس.
ئا'ئىلە ئۇ : بىر ئىككى كۈنلۈك ماكان ئەمەس، بەلكى بىر ئۆمۈر ياشايدىغان دەرگاھتۇر.
بەخىتلىك ، مۇككەممەل ئا'ئىلە قۇرۇش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتا يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغاندەك تۇرمۇشنۇڭ
ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۇرمۇشتادائىم دىگۈدەك: <<توۋۋا، پالانى سۆرەتتەك
چىرايلىق ئايالىنى قويۇۋېتىپتۇ ھە؟ نەرى يارىمىغاندۇ...>>،<< پوكۇنى سەت بەتبىشەر ئايالىغا ھەجەپمۇ
ئامراق ھە؟! ئوقۇتىۋالدىمىكىن دەيمەن؟!.....>> دىگەندەك تولىمۇ مۈجىمەل بولغان سواللارغا ئۇچراپ تۇرىمىز،
بەلكىم بۇ سواللارنىڭ جاۋابى تۇرمۇشتىكى ئەنە شۇنداق ئۇششاق ھالقىلاردا بولسا كېرەك...
ئەلشىر نەۋائىي <<مەھبۇبۇل قۇلۇب >>ناملىق ئەسىرىدە <<ياخشى ئايال__ئا'ئىلىنىڭ دولىتى ۋە
بەختى، ئۆينىڭ ئازادىلىكى ، ئۆي ئىگىسىنىڭ خاتىرجەم ئاسايىشلىقى ئۇنىڭغا باغلىق، چىرايلىق بولسا كۆڭۇل كۆركى، خۇش مۇامىلە بولسا جان ئوزۇقىدۇر>> دىيىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئا'ئىلىدىكى رولىغا بەلگىلىك باھا بەرگەن.
ئاياللار! تۇرمۇشتىكى ئەنە شۇنداق ئىنچىكە ھالقىلارغىمۇ سەل قارىمايلى،<<تاما-تاما كۆل بولار>> دىگەندەك
يىغىلىپ-يىغىلىپ ئاقىۋەت ئەر قەلبىدىكى ئوبرازىمىزغا تەسىر يېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالمىسۇن.
پاكىزلىق،ئىشچانلىق،مېھرىبانلىق،خۇش پىچىملىقتەك ئاياللارغىلا خاس بولغان پەزىلەتلەر بىلەن تۇرمۇشىمىز مەڭگۈ داۋام ئەتكۈسى.
2012-9-19
|