- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 160
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-3
- UID
- 1945
- يازما
- 14
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 160
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-3
- توردا
- 0 سائەت
|
ھەي~ ھەي~ دوستلار ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مۇنبەردىكى ھەممە دوستلارغا مەن زىلتاردىن ئوتلۇق سالام!
بۈگۈن بۇتېمىنى يوللىشىمدىكى مەقسەت دوستلارغا بىر قولايلىق ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش ھەم تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر . بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتسىڭىز يان تېلېفون پۇلىنى توردىلا تۆلەپ ، مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ ئۆچرەت تۇرۇپ پۇل تۆلەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالىسىز .
تۈنۈگۈن ئۆزەمگە پۇل تۆلەش ئۈچۈن تورغا چىقسام، يېڭى پائالىيەت يول قويۇپتۇ. ھازىر توردا يان تېلېفون پۇلىنى تۆلىسە، تۆلىگەن پۇلنىڭ %10 نى مۇكاپات پۇلى قىلىپ تېلېفونىڭىزغا قاچىلاپ بېرىدىكەن (دىققەت بۇ ھەرگىزمۇ ئېلان ئەمەس، ئۆزەم ئىشلەتكەچ ، سىلەرنىمۇ ئىشلىتىپ تېلېفون پۇلىغا ئېرىشۋالسىكەن دەپ يوللىدىم )
بىراق پەقەتلا كۆچمە خەۋەرلىشىش نومۇرىغا پۇل تاپشۇرالايدىكەنسىز،
تور ئادېرىسى:
http://www.xj.chinamobile.com/uyghur/wade-service
(مەن بۇ ئىقتىدار بىلەن 100 يۈەنلىك تېلېفون ھەققى تاپشۇرسام 10 يۈەن تېلېفون ھەققىنى قوشۇپ قاچىلاپتۇ، 10يۈەنلىك سۆزلىشىش ھەققىگە ئىقتىسادچىل بىر ئادەم 10 كۈن تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدۇ ، پۇل تۆلەش جەريانىنىمۇ قولايلىق، بىخەتەر. كۆچمە خەۋەرلىشىشى بىخەتەرلىككە كاپالەت بېرىدىكەن )
جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى،جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، قاتناش بانكىسى، جۇڭگو خەلق تۇرمۇشى بانكىسى ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، شىڭيې بانكىسى، شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، گۇڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى ، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، جۇڭگو گۇاڭدا بانكىسى، شېنجېن تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى قاتارلىق بانكلارنىڭ توردا پۇل تۆلەش كەسپى ئوچۇق كارتىسى بولسىلا توردىن بىۋاستە يان تېلېفونىڭىزغا سۆزلىشىش ھەققى قاچىلىيالايسىز .
يۇقارقى مەزمۇننى شۇ توردىكى خەۋەردىن چاپلاپ يوللاپ قويدۇم، قىززىقىدىغانلار شۇ تور بېتىگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار، باشقا يېڭى پائالىيەتلەرمۇ كۆپكەن. يان تېلېفون بېرىدىغان دىگەندەك ،.
ئادىرىسى: http://www.xj.chinamobile.com/uyghur/app
ئەڭ ئاخىرىدا، سىزگە مېنىڭ تېلېفون پۇلنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلۇمنى ئۈگىتىپ قوياي، كېيىن سىزمۇ ماڭا ئوخشاش ئاسان ئۇسۇل بىلەن تەكشۈرەلەيسىز. خاتالىق بولسا تور ئارقىلىقلا ئەرز قىلسىڭىز بولىدىكەن ، مەن سىناپ باققان.
ئالدى بىلەن يان تېلېفون نومىرىڭىز ۋە مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ تىزىملىتىسىز. ئاندىن بەتنىڭ ئۈستىدىكى شۇ ئايلىق تېلېفون ھەققىنى باسسىڭىز بولىدۇ. بەتنىڭ ئاستىدىمۇ ھەرخىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بار، توغرا پۇل تاپشۇرغاندىمۇ تىزىملىتىپ بولۇپ، بەت ئۈستىدىكى توردا ھەق تاپشۇرۇش دېگەننى باسسىڭىز بولىدۇ، قالغىنىنى ئۆزىڭىز سىناپ بېقىڭ. ئەگەر تېخىمۇ ياخشى جايلىرى بولسا خەت يوللاپ ماڭىمۇ دەپ قويۇڭلار ، ياخشى ئىشتىن ھەممەيلەن تەڭ بەھرىمان بولايلى جۇمۇ~~~
، ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەت، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، مۇشۇنداق يېڭى ئۇچۇرلار بولسا مەن يەنە داۋملىق يوللاپ تۇرىمەن ، سىلەرمۇ يوللاپ قويۇللار، مەنمۇ كۆپرەپ خەۋەردار بولۇپ تۇراي، خەيىر – خوش~~~ |
|