
بىز تىلغا ئالماقچى بولغان تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا ئاساسلىق روللارغا چىققان ئارتىسلار
ئەلكۈيى تورى مىزان 13-كۈنى مەخسۇس تەۋسىيەلىك تېمىسى : ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئېنتېرنېتنىڭ يەر-شارىنىڭ بولۇق - پۇچقاقلىرىغىچە ئومۇملىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارمۇ تور دەۋرىگە قەدەم قويۇپ،دۇنيانىڭ ئىلغار تېخنىكىسىدىن بۇ يېڭىچە <تاشيول > ئارقىلىق بەھىرمان بولۇپ كەلدى.كۆزىتىشىمىزچە كۆپلىگەن ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كىشلەر توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلدى ، بولۇپمۇ يېڭى تىخنىكا بىلىملىرى، ئېقىم مەسلىلىرى ، مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى ،ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە ئېنتېرنىت تورى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى بىلىم مەنبەسىگە ئايلاندى.
توردا كىتاب ئوقۇش ، مال سېتىۋىلىش ، ناخشا ئاڭلاش ، كىنو ۋە خەۋەر كۆرۈش قاتارلىقلار كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىىدا مۇھىم پائالىيەتلەرگە ئايلاندى.بولۇپمۇ توردا كىنو كۆرۈش يېقىنقى بىرنەچچە يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى ، توردا كىنو كۆرۈشنىڭ ئەۋزەللىكلىرى بولسا ۋاقىت ھەم ئورۇن چەكلىمىسى يوق ، خالىغان ۋاقىتتا كىنونىڭ خالىغان بۆلىكىنى بىمالال كۆرۈش ئىمكانىيىتى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن ھەممە كىنولار ھەقسىز بولۇپ بەزىدە باشقا دۆلەتلەردە ئەمدىلا كىنوخانىلاردا قويۇلىۋاتقان كىنولارنىمۇ توردىن ھەقسىز كۆرەلەيسىز.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈشكە بولغان قىزىقىشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ چەتئەل تىللىرىدىكى كۆپ قىسىملىق فىلىملارنى كۆرۈش مودىغا ئايلاندى ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن نادىر كىنولاردىن ھوزۇرلىنالايسىز يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىڭىزنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىشىڭىزدىكى مۇھىم بولغان ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز.
ئېسىڭىزدىمىكىن ، 2005-يىللىرىنىڭ 8-ئايلىرىدىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىغان ، ئامېرىكا فوكىس شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمى "تۈرمىدىن قېچىش Prison Break" قويۇلىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ھەمدە "تۈرمىدىن قېچىش" بىلەن تەڭ قەدەمدە خەلقىمىزنىڭ توردىن كىنو كۆرۈش دەۋرى رەسمىي ئوموملاشتى. ئۇندىن باشقا "ئېزىقىش Lost" ، "24 سائەت Hours24" ، "غەيۋەتخور قىزلار Gossip Girl" ۋە يېقىنىقى يىللاردىن بېرى قويۇلىۋاتقان "قانشورىغۇچى خاتېرىسى Vampire Diaries" قاتارلىق فىلىملارمۇ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى.2003-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيە پانا كىنو فىلىم ئىشلەش مەركىزى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ تارقىتىلغان تۈركىيە تىلۋىزىيە تىياتىرى "كۇرتلار ۋادىسى Kurtlar Vadisi"مۇ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ مەزكۇر فىلىم ۋە فىلىمدىكى باش پىروناژ پولات ئالەمدار ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ناھايىتى ياقتۇرىشىغا ئىرىشىپ دىيارىمىزدا تۈركىيە قىزغىنلىقىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى،يۇقارقىلاردىن باشقا بىرقانچە كورىيە تىلۋىزىيە فىلىملىرىمۇ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىپ ئاخىرىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرتىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ تىلۋىزورلاردا قويۇلدى ھەمدە چوڭلارنىڭ يەنى توردا كىنو كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق نۇرۇغۇنلىغان كىشلەرنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى.
دىمەك ، توردا قويۇلىۋاتقان ھەرقانداق بىر كىنو ، تىلۋىزىيە فىلىملىرى تورداشلار تەرىپىدىن تاللىنىدۇ ، باھالىنىدۇ ، ياخشىلىرى ھەممە كىشلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈلۈشىگە ئېرىشىدۇ ، مەزمۇن ۋە ئەھمىيىتى ناچار كىنولار ھىچكىشىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ياخشى كىنولار تورداشلار تەرىپىدىن ئۆز-ئارا تەۋسىيەلىنىدۇ ۋە ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.
ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ، ھىندىستان،ياپونىيە،كورىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ كىنولىرىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات سۈرئىتى،كىنو ئېگىلىگى دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدىغان ۋوللىۋوتنىمۇ بىسىپ چۈشتى.

ئەلكۈيى تورى بۇ يىل 5-ئايدا كورىيەدە قويۇلۇشقا باشلاپ قىسقىغىنا 3 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادا ھەممەيلەننىڭ قىززىقىشى ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن مەزكۇر فىلىمنى كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارغا تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە بۇ ھەقتە ئۈستىدىكى چۈشەنچىلەرنى بىرىش بىلەن بىرگە مەزكۇر تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 20 قىسىملىق تولۇق نۇسخىسىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.
يېقىندا 2012-يىلى ئىشلەنگەن كورىيە SBS تېلۋىزىيە قانىلىدا قويۇلغان "유령 ئەرۋاھ" ناملىق 20 قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى تېلۋىزوردا قويۇلغاندىن كىيىن كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ھەمدە تېز سۈرئەتتە ئېنتېرنېت تورى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تارقاشقا باشلىغان.بۇ فىلىم دۆلىتىمىزدىكى تورداشلارنىڭمۇ ناھايتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ،جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق كىنو تور بېكەتلىرىدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى يۇقىرى بولغان تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىرى بولۇشقا باشلىغان ھەرقايسى تورداشلار ۋە تور بېكەتلەردە بۇ كىنو ھەققىدە تېما ۋە ئىنكاسلار قىززىشقا باشلىغان.

كورىيىنىڭ مەزكور تېلىۋىزىيە تىياتىرى كورىيىنىڭ ھازىرقى ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ ئىشلەنگەن كۆرۈش قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى فىلىم بولۇپ،بۈگۈنكى دەۋىردىكى تور جىنايىتى ۋە تور جىنايى ئىشلار ساقچىلىرىنى ئاساسىينى باشلانما ماتىريال قىلغان ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە بىز كۆرەلەيدىغان نۇسخىلىرىدىن تىلى كورىيىچە، ئېكران خېتى خەنزۇچە نۇسخىسى ئالقىشقا ئېرىشىپ كۆرۈلىۋاتىدۇ.ھەر بىر قىسىمدىكى ئۆزگىچە ۋەقەلىك تۇرمۇشى،ئارتىسلارنىڭ قىيىنچىلىق ، خۇشاللىق ۋە خاپىلىق جەريانىدا ۋەزىيەتكە تۇتقان ئىپادىسى ئادەمنىڭ ئالاھىدە قىززىقىشىنى قوزغايدۇ.

كۆپ قىسىملىق تېلېۋېزىيە –تىياتىرى ‹‹ئەرۋاھ››تا كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور ساقچىسى رولىنى ئىلىپ تىخىمۇداڭ قازانغان كورىيەنىڭ داڭلىق ئەر چولپىنى سۇ جې شىي

كورىيەلىك ئايال تور ساقچىسى رولىنى ئالغان باش ئايال رول
بۇ تېلىۋىزىيە -تىياتىرىدا كورىيە كىنو-تېلېۋىزىيە قىزغىنقىلىنى قوزغىغان تېلېۋىزىيە-تىياتىرىنىڭ بىرى بولغان‹‹سۇبات سەھنىسى››دە داڭلىق مودىل سۇچىڭلىڭنىڭ ئىنىسى دائىم جىلە بولۇپلا تۇرىدىغان ،پۇت-قۇلى گال لىكىن كىلىشكەن مودىل سۇڭچىڭجىنىڭ رولىنى ئالغان ، 2004-يىلى ئىشلەنگەن <كەچۈرۈڭ ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن > ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە <كۈل قىز > ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان ، 2009-يىلى جۇڭگۇ-تەيۋەن ئارتىسلىرى بىلەن بىرىلىشىپ ‹‹مۇتلەق گۈزەللىك››تە رول ئىلىپ داڭ قازانغان ،بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ كورىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئەڭ قارشى ئىلىنغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋېزىيە –تىياتىرى ‹‹ئەرۋاھ››تا رول ئىلىپ تىخىمۇداڭ قازانغان كورىيەنىڭ داڭلىق ئەر چولپىنى سۇ جې شىي ئاساسىي باش رول ئوبرازىنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يارىتىپ چىققان.

باش ئەر رولغا چىققۇچى بورۇن ئىش ئىشلىگەن :كەچۈرۈڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى

ئەرۋاھتىن قىستۇرما رەسىملەر
كومپيۇتېر، يانفۇن، تور قاتارلىقلارنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئورتاقلىقى كۆپىيىپ، تورلارنىڭ چىگراسى قىسقىراپ كېتىۋاتقان چاغدا، ھەر بىر تورداشنىڭ ئەقەللىي ساۋات، زۆرۈر ساۋاتلارنى بىلىۋېلىشى تولىمۇ مۇھىم بولغان كۈندە، مەيلى ئىقتىساد، مەيلى شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، مەيلى سىياسىي بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بىر قىسىم ساۋاتلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا پىيادە سەيلە قىلماسلىقنى بىلگەندەك بىلىۋېلىشى يەنىلا مۇھىملىقىنى مەزكۇر فىلىمدە تېخىمۇ يارقىن نوقتىلار بىلەن كۆرسىتىپ بىرىلگەن.
كورىيەدە 2012-يىلى قويۇلغان 20قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى <<ئەرۋاھ>ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى
1-قىسىم
قالغان قىسىملارنى بۇيەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
http://kino.alkuyi.cn/play.php?mid=1568
ئارتىستلارنىڭ تاللىنىشى ۋە رول ئېلىش ماھارىتى جەھەتتىن، ھەقىقەتەن ھوزورلىنىش دەرىجىسىدىكى سېلېشتۇرما بولالايدۇ، بولۇپمۇ، پىسىخىدىكى چىراي ئىپادىسى، مىكرو چىراي ئىپادىسى جەھەتتىن، رول ئېلىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. كىنودىكى مۇھىت ئارقىلىق، كورىيىنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سېلېشتۇرما قىلىپ كۆرۈش قىممىتى زور دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. بولۇپمۇ، ياشلار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز پىسىخىكىسىنى تۇراقلاشتۇرۇش باسقۇچىدا، ئىختىيارسىز ھالدا چىراي ۋە مىجەزنى دوراش يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سۈپىتى يۇقىرى فىلىملەرنى كۆرۈپ تۇرۇشى ناھايىتى زۆرۈر، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى يالغۇز كىتاپتىنلا ھەل بولمايدۇ، ئۇلار تۇرمۇشنى، ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك، ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى جەمىيەت ۋە ئادەملەردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزىنى قۇراشتۇرۇشى كېرەك.كەڭ تورداشلارنىڭ مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن ھىس قىلغانلىرىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ مۇنازىرە بىلەن بىرگە كۆرۈپ چىقىشىنى ، ئوي - خىياللىرىنى قالدۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.ياخشى مەزمۇنلاردىن باشقىلارنى خەۋەرلەندۈرۈشتە ھەممەيلەننىڭ مەجبۇرىيتى بار.
تورىمىزنىڭ روخسىتىسىز مەزكۇر تېمىنى قالايمىقان ھەرقانداق جايغا يۆتكەشكە بولمايدۇ.