ھەجەپمۇ جېنى بار گەپ قىلىسىز! بارىكاللا! مەنمۇ باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتىگە ئۆز سۈتىنى بەرمىگەن ئانىلارنى ئانا ئەمەس بەلكى باشقا بىر نىمە دىگۈم كېلىدۇ، چۈنكى ھايۋانمۇ ئۆز بالىلىرىنى تولۇق ئېمىتىدۇ!
ئۆز بالىسىدىن سۈتىنى ئايىغان، ئۆز بالىسىدىن ئۆزىنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى ئۈستۈن كۆرگەن ئانىلارنى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ.
مەن بالامنى ئىككى يېرىم ياشقىچە ئېمىتكەن، بوپتۇ ئەمگىن بالام دىسەم ھازىرغىچە يەنى ئالتە ياشقىچە ئەمگەن بولاتتى.


بىراق مىڭ تەستە ئايرىدىم ئۇ بالىنى، سۈت چىقمىدى دىگەن گەپكە زادىلا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ، ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ بالىنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئانا سۈتىنى ياراتقان تۇرسا، نىمىشقا سۈت چىقمۇغۇدەك ، تېما ئىگىسى دىگەندەك ۋاقتى قەرەلىدە ئىمىتىپ بەرسە، تاماقلارنى ياخشى يەپ بەرسە نىمىشقا سۈت كەلمىگۈدەك. ۋاقىتىدا ئىمىتمەي، سېسىپ قالغان سۈتنى بالا ئەممەي، مۇشۇنداق بولىدۇ شۇ!
بالىنى ئېمىتىپ باقسا قانداق ياخشى، ھەم ئاسان، ئىسسىق ھەم قۇۋەتلىك ھالال سۈتنى ئىمىپ چوڭ بولغان بالا ئاسان ئاغىرىپ قالمايدۇ، تاماق بېرىپ باقسا، ئاسان ئاغىرىپ قىلىش ئېھتىمالى بار تېخى.ئۇ تاماق يىگۈزۈشنىڭ تەسلىكى، سۈت ياخشى چىقسا، بالا ئالتە ئايلىق بولغۇچە قوشۇمچە تاماق بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئوقۇغان ئىدىم بىر كىتاپتا، تاماق بېرىش، باشقا سۈتلەرنى ئىچۈرۈش قانچىلىك تەس، شۇ بالىنى يىغلىتىپ، قىقىلدۇرۇپ يىگۈزگۈچە، شۇ ئانىغا نىمە كۈن؟
ئوبدان دەپسىز! يارايسىز! ھەممە قىز ئاياللارنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!