تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 531|ئىنكاس: 2

ساراڭ((فىلىيەتون)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
46853
يازما
2
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 23:19:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(فىلىيەتون)
مۇشۇ كۈنلەردە يازىدىغان تۈزۈك نەرسە يوق،ئىچىم پۇشۇپلا يۈرىدىغان بوپ قالدى.شۇڭا ئانچە مۇنچە تۇر مۇش ئۈگىنەي
دەپ ئىچەر مەنلەر مەيخانىسىغا بىرىپ چىلاشقىچە بىر ئىچەي دەپ مەيخانىغا قاراپ يول ئالدىم،بۇمەيخانا پۈتۈن شىنجاڭغا
زەنجىر سىمانمۇ ئۇنى بىلمىدىم ئىشقىلىپ ھەممە يەردە تاپقىلى بۇلىدۇ،مەيخانىغا شۇنداقلا كىرىشىمنى بىلىمەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسا قانداق ئەھۋالىڭ ياخشى تۇر دۇڭمادەپلا قۇلامنى ئۈزى كۈتۈرەپ ئىلىپ كۈرۈشۈپ بۇلۇڭدىكى بىر ئۈستەلگە تاتىپ ئەكەپ ئوتتا غۇزۇپ قۇيا ۋا تىدۇ ھوي ھوي ھوي مەن مۇسا ئەمەس ساراڭمۇ سەن دىسەم...ۋاي مەن ئەيسا مىنى تۇنىمىدىڭما ئۇكام...مۇندا قار سام بۇ راسلا ئەيساكەن،كۆپچىلىك دىمىسەممۇ ئۈزەڭلار بىلىسىلەر بۇئەيساخا تۇتۇلغان ئادەم قۇتۇلالمايدۇ شۇمەنمۇ دەرھاللارھوي ئەيساكا ياخشىما ھەمەن مۇسا، ئۇنتۇپ قامماپسەن ھەمىنى دەپلار قايتىدىن ھال ئەھۋال سورۇشۇپ كۆرۈشۈپ كەتتۇق،ئۆزىنىڭ دەپ بىرىشىچە مۇساپىر لار قاۋاق خانىسىدىن كۆتىگە تىپىك يەپ قوغلانغاندىن كىيىن مۇشۇئىچەرمەنلەر مەيخانىسىغا كۈنىۋاپتۇ. چۈنكى بۇمەيخانىدا ئەرئايال دەپ ئايرىماي ھەممىسى كىرىپ ئىچىۋىرىدىغان يەر بولغاندىكىن ئەيساخالىسا ئاي پاتەمنى خالىسا كۈن پاتەمنى،خالىسا باشقا پاتەملەرنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەنگەپ،شۇنداق قىلىپ ئۇ،ئۇكا بۈگۈن ئاپقۇردا مەي ئىچەيلى سەن قىر لىق ئىستا كاندا بەك ئىچىپ قۇيىسەن جۇما سۈزۈپ...دەپ مىنى شىلىغىلى تۇردى چۈنىكى مەن ئەيسا بىلەن ئەزەلدىن تۇنۇشماي دىغان تۇر سام،ئەيسانىڭ بۇ خۇيىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.ئەيساكا بۇئاپقۇردا مەي ئىچىپ نىمە بوپتۇ دىسەم؟ۋاي ئۇكام سەن بىلمەمسەن ھىلىقى ھۇسۇڭ ئىلىداۋىنىدىمۇ تەلكە داۋىنىدىمۇ ئىشقىلىپ بىر داۋاندا مەي ئىچىپ يولۋاس ئۆلتۈرۈپ تۇنۇلۇپ كەتتىغۇ،بىز مۇ يولۋاس ئۆلتۈرمىز دەيدۇ،ئەيساكا يوق گەپنى قىلىدىكەنسە تاغدىكى يولۋاسنىڭ ھەممىنى ھۇسۇڭ پالۋان ئۆلتۈرۈپ بولدى تاغدا يولۋاس يوق،يولۋاس تۇماق چۆپمۇ قالمىدى دىسەم ۋاي ۋۇي كىپەكتەك گەپىقىلىدىكەنسەن شاققىدا بۇيرۇتساڭ ۋاققىدا ئىچىۋەتسەك بولدى ئەمەسما دەپ قىدىغىلى تۇردى ئەيسانىڭ كۆڭلىنى دەپ تۆت جىڭ كالا كۈشى بىلەن ئىككى كوزا مەي بۇيرۇتتۇم شۇ ئىچىشىمىز دە يىگىرمە كوزا مەي ئىچىۋىتىپتۇق مەن ئۈستەلگە بىشىمنى قۇيۇپلا ئۇخلاپتىمەن بىر چاغدا مەي پۇرۇش ئويغۇتدۇ قۇپەھوي!!!دۇكاننى تاقايمىزدەپ، ئەيسادىگەنمۇ قىز زىق ئاداشكەن كىچىچە ئىشكەن مەينى ئازدەپ يەنە ئىككى كومىزەك مەي ئىلىپ مىنى گۆرۆگە قۇياپ  كىتىپ تۇ.
يازغۇچىدا پۇل نىمىش قىلىدۇ دەيسىز، سورۇنغا پۇل يەتمەي تويدا ئالغان كاستومىمنى گۆرۆگە قۇيۇپ كۈزنىڭ ئاچچىق سۇغۇقىدا كۆينەكچان جامائەت مەسجىتكە ماڭسا مەن ئۆيگەقاراپ ماڭىدىم مۈشۈكتەك.ئۆيگە بارسام تىخى كۈن پاتەمدەك ئىككى چىقىدىغان خوتون ساخلاپ تۇرىدۇ دە،شۇئويلار بىلەن شۇنداقلا زالغا كىرىشىمگە ئۈيۈم بىرىنجى قەۋەتتە بولسىمۇ پۇتۇم ۋاششىدە يەر ئاستى ئۆيگە باشلاپ كەتتى مەنغۇ خوتۇندىن قوقمايتىم ئەمدى مۇنۇ پۇتۇم مۇشۇ يەرگە بەشلاپ قويدى بوپتۇ بۇمۇ پۇتۇمنىڭ كۆڭلى ئەسكى سافاغا ئۈزۈمنى گۆپپىدە تاشلىدىمدە ئۇيقۇغا غەرىق بولدۇم،شۇئۇخلىغانچە ئۈچ كۈن ئۇخلاپتىمەن ،ئۈچۈنجى كۈنى110مىنى ئۇخلاۋاتقان يىرىمدىن تىپىۋاپتۇيەنە ئىككى كۈن تىپىلمىغان بولسام خوتۇن نەزىرىمنى قىلىۋىتە كەنتۇق،ئۈزەڭلەمۇ بىلىسىلەر بۇ خوتۇن خەقدىگەن پۇل تاپقانغا ئارانلا تۇرىدۇ، توي قىلىپمۇ پۇل تاپىدۇ نەزىر قىلىپمۇ پۇل تاپىدۇ،ھە دەپ قويساڭ قىزىنىڭ خەتنە تۇيىنىمۇ قىلىدىغان خەق بۇ.
شۇنۇڭدىن تاتىپ ئۈزۈمدىن ئەنسىرەيدىغانلا بۇلۇپ قالدىم ساراڭمىكىن دىسەم ساقتەك ساقمىكىن دىسەم سا راڭدەك ھېىي مەن سىلەرگەدىسەم ھازىر زامان ساراڭنىڭ بۇرۇن تاققا-تۇققا سۆزلىگەنلەرنى چوڭلار خۇدا، ياپياش بالىكەنتۇق ساراڭ بوپ قاپتۇ، سۆزلەپ قاپتۇ دەپ ياقا چىشلەپ ئىچ ئاغىر تىپ كىتەتتى ھازىرقى ئادەملەرقىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندەك مەخسۇز ساراڭلارنى قايسى كەتنىت يىزاقىشلاقلاردىن ئىز دەپ تىپىپ سەھنىگە قۇيۋەتتى سۆزلە مانادەپ،ساراڭ دىگەن ئۆزىنىڭ نىمە دىگىنىنى بىلمەي سۆز لەۋرىدىغان تۇرسا ئۇبىچارەمنىڭ تاققا تۇققا سۆزلىگەن گىپىگە پەستىكى زىيالىلىرىمىز بۇلۇشىغا تىلىقىپ كۈلدى رەھمەتلىك بۇۋام بولغان بولسا بۇنداق ،ساراڭغا كۈلگەن ئادەمنىڭ ئاغزىغا كالىچى بىلەن سالىتى،بۇۋام ساراڭنى كۆرسە ئاللاھ قا كۆرمۈڭ شۈكرى ۋە ھەمدۇ سانا ئىتاتتى،بىزلىنىمۇ ساراڭنى كۆرسەڭ كۈلمە بولمىسا سىلەرمۇ ساراپ بوپ قالىسىلەر دەپ قوقۇتاتتى،ئەسلى بۇۋام راس دەپتىكەن ساراڭغا كۈلگەن ئادەم راس ساراڭ بۇلىدىكەن،شۇساراڭنىڭ سەھنىدە سۆزلىگەن كۆرۈنىشىنى سۈرەتكە ئالغانلار بىرىنجى بۇلۇپ ساراڭ بولدى ئويلاپ باقمامسىلەر ئامىرىكدىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ۋە ياپونىيەدە يىگىرمە ئوتتۇز يىل خىزمەت قىلغان ئالىملىرىمىزنى چەتكە قۇيۇپ قۇيۇپ ساراڭنى مەخسۇس تۇنۇشتۇرۇپ پىروگىرامما ئىشلگەن ئادەم ساراڭ بولماي كىم ساراڭ.شۇنداق قىلىپ ساراڭ تېىلۋوزۇرغاچىقىپ مەركىزى شەھەرگە يۆتكەپ كىلىنگەندىن كىيىن قاراڭغۇ ئۆيگە لاپپىدە توك كەلگەندەك،پۈتۈن ساراڭلارنىڭ ئۆيى چۇگۇلۇپ كەتتى،ياش شائىرلىرىمىز ساراڭ بولدى كۆك ئاسماننى يىشىل ئاسمان دەپ شېئىريىزىپ، ئادىل مىجىت تاققا -تۇققا شېئىر يىزىپ نوبىل مۇكاپاتى ئالغان بىزمۇ ئالىمىز دەپ
تېرەئەپچىقتىم ماي تاغقا،
نىسى ساتتىم بويتاققا.
بەمىسىمۇ بەمىسۇن،
مەن چۈشمەيمەن قىلتاققا.
دىگەن شېئىرنى بايراقدار قىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن شېئىر دىگەننى تۆكمە قىلىۋەتتى.سەندىن بىز قالامدۇق دەپ ياش ناخشىچىلىرمىز چىقتى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سەھنىگە چىققاننىڭ ئورنىغا ئىككى دۇمۇلاپ تۆت پەشۋا ئىتىپ رايىپلار دەك سەكرەپلا چىقىدۇدە تاماشىبىنلارنى كۆرۈپ ساراڭلىقى تۇتۇپ ئۆزى بىلەن ئۆزى گەپ قىلىپ قۇلىنى تۈۋەدىكىلەرگە تەڭلەپ تۇرۇپ تىللاپ ئاخىرى گەپ تاپالماي 1،2،3،دەپلا يەنەدۇمۇلاپ چۈپكىتىدۇ، پەستىكىلەر بولسا ۋا بۇقىززىق ساراڭكەن دەپ بۇلۇشىغا كۈلۈپ چاۋاك چىلىشىدۇ،بۇندا ساراڭلار كۈرمۈڭ ساناپمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،توپچىلىرىمىز چۇ  بىزمۇ ياش چاغلىرىمىزدا ئۇستا توپچىلاردىن ئىدۇق،چاشلىرىمىزنى ئۇزۇن قۇياپ بىرەتتۇق،يا قسقا ياسىتىۋالىتۇق ئىشقىلىپ تەكشىتى، مۇشۇ توپچىلارنىڭ چىچىغا قارساملا كىچىك ۋاقتىمىزدا مەھەلىمىز دە ھايتاڭ دەپ بىر ساراڭ بۇلاتتى مەن ئۇنۇڭدىن بەك قوقۇتۇم شۇئادەم كۆزئالدىمغا كىلىۋالىدۇ. ئۆيدىكىلىر ئۇنى ئالداپ يۈرۈپ ئاران ساتىراش خانىغا ئەكىرسە چىچىنىڭ يىرىمىنى ياسىتىپ يىرىمىنى ياساتماي چالا قىرقىغان ئوغۇلاق تەك قىچىپ چىكىتەتى،شۇڭا مۇشۇ ياش چولپانلىرىمىز غا ئاشۇ ھايتاڭ ساراڭنىڭ مىجەزى يۇقۇپ قالدىمىكىن دەپ كۆڭلۈم بەك يىرىم.توۋا توۋا كۆدۈڭلىما بىكاچى ئادەمدەك سىلەرگە سۆزلەپ كەتكىنىم نى ئاۋۇيەردە كۈن پاتەمدىن ئىككى چىقىدىغا خوتۇنۇم كىلىۋاتىدۇ،شۇڭا مەن ئۇنى يىغىپلا ئاي كۈن پاتەم دەپ ئاتىۋالغان،كاستومۇڭ قىنى دەپ سورىسا نىمە دەمەن    دوپپامغۇ ئاخشامقى شامالدا ئۇچۇپ كەتكەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئايىغىم بارمىدۇ قاراپ باقاي جۇما،،،،،،،،،،،ۋاااااااااااااااااااااااااااااااااااااابىر پاي پايپىقىم يوققۇ...............




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47190
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇپ بولالمىدىم

UID
46721
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-28
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولدا بۇلانچىغا ئۇچرىغان دىمەمسىز سىزمۇ ، ئېتتوتتىكىدەك ،ئايالىڭىزنىڭ ئىچى ئاغرىپ قالا بەلكىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش