تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 445|ئىنكاس: 9

پەرزەنتنى قانداق تەربىيلىسەك بولار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
46666
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 23:46:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  بارلىق ئاتا-ئانا ۋە ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،  ھەممىمىزگە ئاللاھ ئىككىلا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، ئامىن.

  ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، پەرزەنت تەربىيلەش دېگەن ھەقىقەتەنمۇ بىر كىچىك ئىش بولماستىن، شۇ پەرزەنتىمىزنىڭ ۋە ئۆزىمىزنىڭمۇ ئىككى دۇنيالىقىمىزغا تاقىشىدىغان مۇقەددەس بىر ئەمەلدۇر، بۇنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئەلۋەتتە. پەيغەمبىرىمىز ئېيىتقاندەك، بىر ئىسلامىي ئائىلىدە، ئايال كىشىنىڭ رولى ئەر كىشىنىڭكىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ، بولۇپمۇ پەرزەنت تەربىيلەشتە تېخىمۇ شۇنداق دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە بۇ دادىلارنى چەتكە قاققانلىقمۇ ئەمەس، مۇنازىرە قىلىپ يۈرۈشنىڭمۇ ئورنى يوق. قەيەردىدۇر بىر يەردە «ئانا ئاللاھقا يېقىن بولسا، بۇ بالىدا تەبىئىيلا ئەكىس ئېتىدۇ» دەپ ئوقىغىنىم ئېسىمدە، ھەم بۇ سۆز ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بولدۇم. ئەلۋەتتە بۇ، ئانا ئۆزىگە پۇختا بولسىلا بالىنى ھەرخىل جەھەتلەردە تەربىيلەشكە سەل قارىسىمۇ بولىدىكەن، دېگەنلىك ئەمەسقۇ. يەنىلا بالىغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈشكە، ئۇنىڭ قولىدىن مەھكەم تۇتۇپ، ئاساتا-ئاستا رەببىنىڭ يولىغا يىتەكلەپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

        نۇرغۇن كىتابلاردا دېيىلىشىچە، بالىنىڭ نۆل ياشتىن - ئۈچ ياشقىچە بولغاندىكى تەربىيىسى ئۇنىڭ كېيىنكى نۇرغۇن ئەھۋاللىرىنى بەلگىلەشتە  بەكلا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. مانا مېنىڭ قىزىممۇ بىر ياشقا كىرەي دەپ قالدى، بارغانسىرى تاتلىق قىلىقلىرى چىقىپ، چونەلارنى دوراپ ھەرخىل گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۈگىنىش باسقۇچىغا كىردى، شۇنىڭ بىرلىكتە، ئۇنىڭ تەربىيە ئىشىمۇ مېنى سەل جىددىيلەشتۈرۈپ قويماقتا. ئەلۋەتتە ھەرخىل چارە-ئاماللارنى قوللۇنۇپ ھەركەتلىنىش بىزدىن، ئاخىرقى تەربىيە نەتىجىسى يەنىلا ھەممىگە قادىر ئاللاھىمىزدىن.  بىر كاللىدىن كۆپى ياخشى.

       قېنى قېرىنداشلار، ھەممىمىز بىرلىكتە مۇشۇ پەرزەنت تەربىيلەش ئىشىدا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. ھەممىمىزنىڭ بالىنىڭ رەببىنى تونۇتۇش ۋە ئەقىل پاراسىتىنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق ياخشى تەكلىپ-پىكىر، ئۇسۇللىرىمىز ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن ياخشى تەجرىبىلىرىمىز بار بولسا بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويساق، بىرلىكتە ئۆگەنسەك! شۇ ئارقىلىق رەببىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرىشىگە بىللە يەتسەك! ئامىن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-9 14:31  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
25955
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 15:46:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ بولىدىغان پېكىرىم بولسا ئاتا-ئانا ئۆزى ئۈلگە بولۇش .

UID
44891
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 15:49:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنشااللاھ !  بۇ ھەقىقەتەنمۇ  ياخشى تېمىكەن .
مىنىڭچە  پەرزەنتلەرگە  كىچىكىدىن باشلاپ ئۇلۇغ  رەببىمىزنىڭ  پەرىزلىرىنى  قانداق  ئادا  قىلىشنى  ئۆگىتىش  تولىمۇ  زۆرۈر ، ئەلۋەتتە !
بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن  ئۆزىمىز  چوقۇم  پەرزەنتلەرگە ئۈگەتمەكچى بولغان پەرىزلەرنى ۋاقتىدا ،  ياخشى  ئادا  قىلىشىمىز  كىرەك .  بۇنىڭ ئالدىنقى  شەرتى ھەم  ئىناق ، پاكىزە  ئائىلە  مۇھىتىدۇر .
بىر قىتىم  ئاممىۋى  ئاپتۇبۇستا  بىر ئايالنىڭ  2 ياش  ئەتراپىدىكى  قىزىنىڭ ئانىسىغا چىڭ يىپىشىپ تۇرۇپ  ‹‹ اللاھۇ  ئەكبەر ! ››
نى بالارچە  تاتلىق  تىلى  بىلەن  توختىماي  تەكرارلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ  شۇ ئانىدىن  ۋە  شۇ  كىچىك  قىزدىن  ئالەمچە  سۆيۈنگەن ئىدىم .
كىيىن  يەنە  بىر  ماشىنا  بىكىتىدە  4 ياشلار ئەتراپىدىكى  شۇنداق ئوماق بىر  قىزنىڭ  20 ياشلار  ئەتراپىدىكى  ھەدىسىنى  تولىمۇ  سەت  گەپ  بىلەن  ھاقارەتلىگىنىنى ، ئانىسىنىڭ  بولسا  كىچىك  قىزغا  بولىشىپ  ‹‹ خاپا  بولما ئاپپاق قىزىم ، ھەدەڭنى  ئۇرۇپ بىرىمەن ھە ! ›› دەپ  ئۇنىڭغا  تەسەللىي  بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ  ئىچىم  ئاچچىق بولغان ئىدى.
مانا  بۇ ئوخشاش  ئادەم  پۇشتىنىڭ ئوخشىمىغان  ئائىلە تەربىيەسىدىن  يەكۈنلەنگەن  يارقىن  نەتىجە !
بالىلارغا كىچىكىدىن قانداق  تەربىيەنى  سىڭدۈرسە چوڭ  بولغاندىن  كىيىنمۇ  شۇ خىل تەربىيەگە لايىق  ئادەم  بولۇپ يىتىشىپ  چىقىدۇ .
بەلكىم نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار : بالا  تېخى  كىچىك ، سەل ئەقلىنى  تاپقاندىراق ئاندىن  تەربىيەلىسەكمۇ  كېچىكمەيمىز  ، دەپ  ئويلاپ  بالىنىڭ  ئەڭ  ياخشى  تەربىيە  قوبۇل  قىلىدىغان  ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كىتىدۇ .  ئاتا-ئانىلار ، بالىڭىزغا كىچىكىدىن باشلاپ  ياخشى تەربىيە ، ياخشى قائىدىلەرنى ئۈگۈتۈڭ ، ھامان بىر كۈنى  اللاھ قىلغانلىرىڭىزنىڭ  نەتىجىسىنى كۆرۈشكە نىسىپ  قىلىدۇ !

UID
36604
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 17:20:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا پەرزەنىت تەربىيلەش ئىنتايىن ئىنچىكە بىر جەريان،شۇڭا ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ،ۋە بولۇش ئالدىدىكى كىشىلەر كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى دۇنياسى ئۈچۈن تىرىشايلى،

UID
29354
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-2-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 21:09:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ھازىر  بەزى ئاتا -ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ تەربىيلىنىشىگە كۈچەپ ، ياقا -يۇرتلارغا ئوقۇشقا چىقىپ كېتىپ بالىلىرىنى يۇرتتا چوڭلارغا تاشلاپ قويىدىكەن ، ئۆزلىرى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى ياقىلاپ ، ئىلىم ئىلىش يولىدا رىيازەتلەر چىكىدىكەنيۇ ، بالىلىرىمىزچۇ دېگەننى ئويلاپ قويمايدىكەن ، مەن ئويلايمەن ، ئاتا -ئانىنىڭ ئالغان ئىلىمى ئالدى بىلەن پەرزەنت ئۈستىدە يەنە پەرزەنتىنى تەربىيلەش يولىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك  ، قورساققا ئىلىمنى يەتكۈچە سولىۋىلېپ ، ئۆز بالىسىنىڭ تەربىيسى بىلەن كارى بولماي ئۇنى باشقىلارغا تاپىلاپ ،باشقا ئۇستازلارنىڭ قولى ئارقىلىق تەربىيلىسە بۇ نېمىدىگەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ھە !
باشتىن كەچۈرمىگەنلەرنىڭ بەلكىم سۆزلەش ھوقۇقى يوقتۇ ، مەن گەرچە ئانا بولۇپ باقمىغان بولساممۇ  ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي

1.  بالىلارنىڭ تىلى چىقىش مەزگىلىدا بالىلار تىلىدا گەپ قىلىپ ئۆگىتىشتىن ساقلىنىڭ ، بۇنداق بولغاندا بالا چوڭ بولسىمۇ ئۇ بالىلارچە تىلىنى تاشلىيالمايدىكەن ، مەسىلەن سۇ ئىچىمەننى ھۈپ ئىچىمەن دەپ ، بىرىپ دېگەن بىيىپ دېگەندەك كۆنۈپ قالىدىكەن خېلى چوڭ بولغۇچە ئۆزگەرتەلمەي .

2. بالىغا تاماق يىگۈزگەندە ، مانى تىز يە بولمىسا پالانچى يەۋالدىكەن ، ھاي ياق ، مېنىڭ قىزىم ئۆزى يەيدۇ دېگەندەك باشقىلارغا دو تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ ئاندىن بالىڭىزغا يىگۈزۈشتىن ساقلىنىڭ ، كۆپىنچە ئاتا -ئانىلار بالىسى تاماق يىگۈسى كەلمىسە شۇنداق دەپ ئالداپ يىگۈزىدۇ ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاغزىنى ئاچمايۋاتقان بالىلارمۇ ھەم ئۇ گەپنى ئاڭلىسا ئاغزىنى ھاڭياردەك يوغان ئىچىپ يەپ كېتىدۇ .
مانا بۇ بالىلاردا ئىچ يامانلىق ، شەخسىيەتچىلىك پىسخىسىكىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ تۇنجى باسقۇچى ، بۇ بالىلار 2-3 ياشقا كىرىۋالسىلا شۇ يېشىدىلا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىنتايىن شەخسىيەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ .

3.  بالىلار يىقىلسا يۆلىمەسلىك ، ۋاي ئاللا كاللا جېنىم بالام دەپ ئاللا توۋا كۆتۈرمەستىن ، ۋاي بالام يەرنى مىجىۋىتىپسىز يا دېگەندەك گەپلەر ئارقىلىق گۇناھنى بالىغا ئارتىپ يىقىلغان يېرىدىن تىزدىن ئۆزى تۇرۇشنى ئۆگىتىش ۋە بېرەر تالاپەتكە يولۇققاندا سەۋەبنى باشقىلاردىن ئەمەس ئۆزىدىن ئىزدەش پىسخىكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلدۈرۈش .

UID
46666
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 21:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەن ئاۋال ئۆزۈمنى  ئېلىپ ئېيىتسام،  مىنىڭ قىزىمنىڭ ھازىر دەل ھەرخىل تاۋۇشلارنى چىقىرىپ سۆزلەشنى مەشىق قىلىۋاتقان مەزگىلى، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا سۆزلەرنى ئۆگىتىشتە ئامال بار كەمتۈك گەپ قىلماي نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆلچەملىك تىل بىلەن قايتا-قايتا ئېيتىپ بىرىپ ئۆگىتىۋاتىمەن. يەنە ئۇنىڭغا تىل ئۆگىتىشتە بىرىنچى بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ «ئېلىپبە» دىگەن كىتابىمىزنى تەييار قىلدىم، يەنە ئۆزۈم ئامراق بولغاچقا شۇنداق تەستە بىز مەكتەپتە ئوقىغان ۋاقتىمىزدا ئىشلەتكەن كونا «ئېلىپبە» نى تاپتىم. ئىشىنىمەنكى، ئاۋال  ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەندىلا ئاندىن باشقا تىل ۋە كۆپ خىل ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

UID
10102
يازما
68
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1988
تىزىملاتقان
2011-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 21:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالا تەربىيلەشتە ، ‹ ئاتا-ئانا  ئۆزىنىڭ سۆزى ۋە ، ئىش ھەرىكىتىدە ئۈلگە بۇلۇشتىن ئارتۇق ئۇستاز يوق . ›



‹ بالىغا تەربىيە قىلمىسىڭىز قىلماڭكى ، لېكىن ھەرگىزمۇ يامان تەربىيە قىلماڭ ، يامان تەربىيە ، قىلىپ  ،  ياكى بالىنى ئۇرۇپ  ، ئۈلگە بولغاندىن !!  يابا بۇلۇپ گەپ قىلماي جىم ئولتۇرسىڭىز ، ئېغىزدىن يامان تەربىيە چىققاندىن  مىڭ ياخشى !  .  ›  

ئادەمنىڭ ئادەملىكى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلىدىغان چاغدا ، ( يەنى گۇناھىنى تۇنۇيدىغان چاغدىمۇ ، گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋېلىپ ، قەستەن يابا بۇلۇۋېلىشىدا ، ياكى ئۇ گەپكە ( ئۆز گۇناھىغا قارىتا سورالغان سۇئالغا قانداق جاۋاپ  ،  ھەققانىي ، جاۋاب  بېرەلىشىدە  ! ئىپادىلىنىدۇ . )

تۇرمۇشتىن  تەسىرات .

UID
10102
يازما
68
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1988
تىزىملاتقان
2011-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 21:45:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹  بالىغا يامان تەربىيە  قىلىش . بۇ . تەربىيىسىز قېلىشتىنمۇ مىڭ يامان ! . › ................ ئاھ ئاللاھ ! قارام ئاتىدىن ئۆزەڭ ساقلىغىن .

راىيۇدىن ئېلىندى .

UID
44223
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت تەربىيلەش بۇ مۇنبەردە مۇلاھىزە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنت تەربىيسى ناملىق كىتابىنى كۆرسىڭىز ھەممىنى تاپالايسىز، بۇ كىتابنىڭ قانچىلىك زور ئۈنىمى بارلىقىنى تىلىم بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق كىلىمەن، بۇ كىتابتا سىز ئىھتىياجىلىق ھەممە نەرسىە، گەپ سىزنىڭ شۇ كىتابنى ئوقۇپ شۇنىڭدا دېيىلگىنە ئەمەل قىلىشىڭىزدا، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئاۋال ئۆزىنى تەربىيلىشى كېرەك، سىز بۇ كىتابنى ئوقۇپ ئەمەل قىلىپ ئۆزىڭىزنى تەربىيلەپ بولۇپ ئاندىن پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەڭ. پەرزەنت تەربىيەسىنى ئىسلامدىن ئىزدەڭ، ئۇنىڭدىن باشقىسى بىكار،http://adris.cn/

UID
44223
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام شەرىئىتى بىزگە ھەممىنى ئۆگەتتى، ھەتتا قانداق تاماق يېيىش ۋە قانداق ھاجەت قىلىشتىن تارتىپ، پەقەت ئىسلام تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلىگەندىلا بالا ياخشى تەربىيلىنىدۇ، ياۋرۇپالىقلار بالىلىرىنى تەربىيلىگەندە قانداق ياشاشنى ئۆگىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار پەرزەنت تەربىيەسىنى ھايۋانلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرگەن، ئىسلام ئۇنداق ئەمەس، ئىسلام قانداق ياشاشنى، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى، چوڭلارغا قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، بۇزۇقچىلىق، ناشايان، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېيىش، يالغان گەپ قىلىش، جازانىخورلۇق، ئالدامچىلىق، ھارامدىن مال جۇغلاش ۋەھازا ئىشلاردىن قاتتىق چەكلەيدۇ، بۇ يەردە تەپسىلى سۆزلىسەك گەپ تۈگىمەيدۇ، شۇڭلاشقا سىز تۇرمۇشىڭىزدا قانداق ئوڭۇشسىزلىق ياكى مەسىلىگە يۇلۇقسىڭىز دەرھال ئىسلام دىنىدىن ئىزدەڭ، ھەممىنى تاپالايسىز، قانائەتلىنىسىز، شۈكۈر قىلىسىز.http://adris.cn/

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش