يالقۇن رۇزى نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمن ئەسەرلىرى -2(ئۇيغۇرلاردا ئسلام مەدەنىيتى )نامىلىق كىتابتىن ئېلىندى .
ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق ،يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە ،جۇڭگۇنىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىن باشقا قازاقىستان ،قىرغىزىستان ،ئۆزبىكىستان ،تاجىكىستان ،تۈركىمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايۇنى)،ئەرەبىستان ،تۈركىيە ،ئاۋستىرالىيە ،گىرمانىيە ،روسىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرنەرلىك نۇپۇستا ،مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ .
ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىك ،چارۋىچىلىق ھۈنەرۋەنچىلىك ،سودا-سېتىق ،مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان ھازىرقى زامان ئىقتىسادى تۇرمۇشىغا بارغانسىرى ئۆزلەشمەكتە . ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخى تەرەققىياتنىڭ يىڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.
ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان .جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى .ئۇلار مىلادىيدىن 2000-3000يىل ئىلگىرى شىمالى ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-مىنوسېنىك رايۇنلىرىدا ياشىغان ئارى(ئارىيان)قەبىلىلىرى ،سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك )ئەجداتلىرى دەپ قاراشماقتا.قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۈڭەك ئانالىزى،قان تىپى،قەدىمكى ئارىيان-سكتاي-ساك ئەپسانە فولكىلورى،كىينىش ۋە مۇزىكا ،ئۇسۇل ،بايرام ،سەيلە -مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى .ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيتى »بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمى يىلنامىلىردا «ئۇلۇغخور(大胡)»دەپ ئاتالغان ئارىيان -سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى .ئارىيان -سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللاردىن تاكى VI-Vئەسىرلەرگىچە غەرب،جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ ،ئىران ئىگىزلىكى ،ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كىڭەيدى ۋە ئىرنىي خەلقلەر ،ھىندىستان ئارىيان ساكلىرى ،تارىم ساكلىرى ۋە تۇخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى .مىلادىيدىن ئىلگىرىلا ئاسىنا قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللوئىد(مۇڭغۇل ئىرقى )تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسىنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇشۇلدى .نەتىجىدە مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ 2-تۈركۈمى-تۈركلەر مەيدانغا چىقتى .ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان -سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى .تۈركى تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ .
جۇڭگو يىلنامىلىرىدا غەربى جۇ سۇلالىسى زاماندىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي )ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۇيفاڭ (鬼方)،دى-زەي(狄翟)قەبىلىلىرىنى ،كىيىنچە بايقال كۆلى ئەتىراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن)خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنى شەرقىي ۋە غەربىي دىڭىلىڭلارغا ئاپىرىپ ، بايقالدىن يېنسەيگىچە ، يېنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ .يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا ،قەدىمكى تۇرپان ،كىروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې(乌结)،ئۇخۇ(乌护)ۋە قوش قاڭقىل (故师)قەبىلىلىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دىگەن قاراشلارمۇ ئوتتۇرغا چىقتى .
ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت ،ئارىيان سىكتاي-ساك-تۈركىي خەلىقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق .ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيتى ۋە قان ئالاھىدىلكى ،تىل ۋە ئەدەبىيات -سەنئەت ئالاھىدىلىكى ،مىللىي ئېتنوگىرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايتى يىراق تارىىخىي قاتلاملىرىنى ،تارقىلىش ماسشىتابىنى ،مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ،ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكىلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيتىگە تۇلۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيتى ،ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى ، بوستان مەدەنىيتى ،يىپەك يۇلى ئالاقىلىرى ،كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ،نۇقۇل ھالدا ،840-يىلى ئورخۇن ۋادىستىن تارىم ۋادىسىغا كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك،تۇخار ، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن دىگەندە يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسدىكى ساك ، تۇخار ، سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ، ئورتاق ھالدا مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرى بولغان ئارىيان تۈركۈمى ۋە تۈركىي تۈركۈمىگە بولغان تېرەن يتىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كىرەك . بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە «ئات مەدەنىيتى » تۈپەيلىدىن مەركىزى ئاسىيا رايۇنىغا - مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا ،بايقال ۋە مۇڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى . ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى)ئىمپېريىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىميەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنىلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى .ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ ، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كىيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقالار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا ، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قۇچۇ ، كۈسەن ،قەشقەر ،سۇياب -سىر دەرياسى ۋادىسغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ،كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىيلار ھاكىميەتلىرىنى بەرپا قىلدى . خوتەن ياغلاقالار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋتىنى ساقلىدى .بۇ ، ئورخۇن ۋە گەنجۇ ، خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ .
بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى)قاچان كىلىپ چىققانلىقى نامەلۇم .بىرىنچىدىن ،بۇ نامنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بىكتىۋالغىلى بولمايدۇ؛ئىككىنچىدىن ،ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ ،بۇ خاسىيەتلىك نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قۇبۇل قىلىنغان ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىنمۇ گەنجۇ ،ئىدىقۇت ،كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر نامىنى قۇشۇپ ئىشلەتكەن .ھازىرقى يۈگۇ -سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.
«ئۇيغۇر»ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە «ئۇيۇشۇش،ئۇيۇشماق »دېگەن مەنىدە ئىزاھلانماقتا .
داۋامى بار ..........