تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 441|ئىنكاس: 9

مۇئەللىم، سىز بەختلىكمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
43664
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 19:27:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى - ھۆرمەتلىك نام . شۇڭىمۇ بۇ نام توغرىسىدا مەدھىيە يازمىغان ، ھېكمەت پۈتمىگەن مۇتەپەككۇرلار بولمىسا كېرەك . چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل ! ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىنىنى يورۇتقۇچى قۇياش ! مىللەتنىڭ باغۋىنى ، دۆلەتنىڭ مۇرەببى. «ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنجىنېرى»!(ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن)

مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى، مەنمۇ ھەم يۇقارقى مەدھىيەنى ئاڭلاپ، كىچىكىمدىن باشلاپ ئوقوتقۇچى بولۇپ، يۇقارقىدەك مەدھىيگە مۇيەسسەر بولۇپ ياشاشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن. ھالبۇكى، مەن ئون نەچچە يىللىق ئوقوتقۇچىلىق ھاياتىمنى ئويلىسام، مېنىڭ قول ئاستىمدا تەربىيلىنىۋاتقان ئوقوتقۇچىلارنى ئويلىسام قەلبىم ئۆرتىنىدۇ، يۈرۈگۈم مۇجىلىدۇ، خىجىللىق ئىچىدە پۇچىلىنىمەن.

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئالدى بىلەن مۇنبەر ئالدىدا بور توزۇندىلىرىنىڭ ئىچىدە قاراڭغۇ دىللارغا نۇر-زىيا تارقىتىۋاتقان جاپاكەش ئوقوتقۇچىلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن! شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق ئوقوتقۇچىلاردىن بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا كۆڭلىدىكىنى دېيىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 03:09  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
45698
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-8-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 07:32:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم تەربىيىلەش ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىش. لىكىن ھازىر بىز ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مۇدىرى بولۇشتىن قاچىمىز. بۇنىڭ ئاستىدا چوڭقۇر مەنالار بولسا كىرەك...

UID
6825
يازما
511
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
11772
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
259 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 18:12:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇتقۇچى-ھەقىقەتەن ئۇلۇغ كەسىپ،بىراق بۇ ئالدامچى دۇنيادا ئۇنىڭ‹‹نامى ئۇلۇغ،سۇپرىسى قۇرۇق›› بىر كەسىپكە ئايلىپ،كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى شۇئارلا قالدى.

UID
7245
يازما
39
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
1170
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 21:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تېما ئىگىسىگە بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارغا ۋاكالىتەن  رەھمەت  ئېيتىمەن،ھەم بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارغا بايراملىق سالام يوللايمەن.

    مەن  سىنىپ مۇدىرلىقىغا يىڭىدىن تەيىنلەندىم، دەرىسىممۇ كۆپ،شۇڭا ئوقۇش باشلانمايلا ئاغرىنىپ يۈرەتتىم.ئەمما ئۇقۇغۇچىلىرىمنى كۈتىۋالغان بىرىنجى كۈنى،ئۇلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش،ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پىكىرلىشىش جەريانىدا،.  ئۇقۇغۇچىلارسانىنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكى،  شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ،ئۇيغۇر،قازاق ئارىلاش،يىشىمۇ 16ياشلار ئەتراپىدىلىقىنى بايقىدىم.  ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قايتا-قايتا تاپىلشى، تەكىتلىشىدىن كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلدىم .ئۇلانىڭ ئايرىلىش چېغىدىكى ھىجران ياشلىرىچۇ تېخى...ئاللاخالىسا،چوقۇم مەسئۇلىتەتچان ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشقا تىرىشىمەن.ئەگەر مۇمكىن بولسا،باشقائۇقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش،باشقۇرۇش ھەققىدە پىكىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
43782
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 23:04:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۇممۇ بىر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مېھنەتكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى ئالدىن تەبرىكلەيمەن!
ئون نەچچە يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپتىمەن، ئەمما ئەزەلدىن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئېلىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن، ئەلۋەتتە تەلىيىمگە دەرسىم يوق بولۇپ قالسادەم ئالالايمەن، بۇ قېتىم بايرام دۇشەنبە كۈنىگە توغرا كەلگۈدەك، دەم ئېلىش يوق دېگەن گەپ، يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل بولغان ئوقۇغۇچىلار ھەربىي مەشق قىلىدۇ، سىنىپ مەسئۇلىى بولغاندىكىن شۇ بالىلارغا قاراپ تۇرىدىغان گەپ. يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىسام شۇنداق سەبىي، ئامراقلىقىم كېلىپ كېتىدۇ بەزىدە ئۇلارغا. بۇ ئوماقلار ئەمدى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قوينىدىن ئايرىلىپ يېڭى بىر ناتونۇش مۇھىتقا كىردى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ھېلىتىن ياش لىغىلداۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەي، باتۇر بولۇڭلار ئوماقلار! يېنىڭلاردا مېھرىبان ئوقۇتقۇچىڭلار بار.

UID
4470
يازما
188
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3248
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 09:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلار خېلى كۆپكەندە بۇ مۇنبەردە.سۆيۈملۈك ،جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

UID
44891
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 13:00:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلىق  ھەقىقەتەنمۇ  ھەم جاپالىق  ھەم  كۆڭۈللۈك  خىزمەت  دەپ  ئويلايمەن .
مىنىڭمۇ  2 ئاكام 2 ھەدەم ئوقۇتقۇچى . ئۇلارنىڭ  مەكتەپ  ھەققىدىكى  پاراڭلىرىنى ، تۈگىمەس  تەكشۈرۈش ، باھالاشلارنىڭ  كۆپلىكىدىن  زارلىنىۋاتقانلىقىنى  ئاڭلىسام  ئۇلارغا  ، بۈگۈنكى  كۈندىكى  بىلىمىنى  ئايىماستىن  شۇ بىلىم  تەشنالىرىغا  ئاتا  قىلاي  دەپمۇ  قىلالمايۋاتقان  شۇ  جاپاكەشلەرگە  ئىچىم  ئاغرىيدۇ ،  خىزمەت  جەريانىدىكى  بەزى  پاراڭلىرىنى  ئاڭلىغىنىمدا  بولسا  ئۆزۈمنىڭمۇ  ئوقۇتقۇچىلىق  كەسپىنى  تاللىمىغىنىمغا  ئۆكۈنۈپمۇ  قالىمەن

تېرىشچان ، جاپاكەش  باغۋەنلەر ،  بايرىمىڭلارغا  مۇبارەك  بولسۇن !

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-9 13:02):
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى  تاللىمىغىنىمغا  ئۆكۈنۈپمۇ   قالىمەن .

UID
12244
يازما
53
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1343
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 19:46:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئوقۇتقۇچىمەن ،
يىراقتىكى خىلۋەت سەھرادا.
ماڭىمەن ھەر تاڭ ئۈمىدنى يۈدۈپ ،
توپا ھەم شور تاڭ چىغىر يوللاردا .
توپىغا مىلەنگەن دېھقان باللىرى
مېنى ،
ئۈمىد ۋە ھۆرمەتتە ئالىدۇ كۈتۈپ .
مەن ئەنە شۇلارنىڭ قەلىب قۇياشى ،
ئۇلار تەشنا يورۇقلۇققا .
ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا ،
قىزىڭغا ھەر سەھەر
مەدەت تىلە نامىزىڭدا .
ئويلا ئانا ، قالمامدۇ پېتىپ

  قۇياشسىز يەر جاھان قاراڭغۇلۇققا ؟





ئوقۇتقۇچىمەن ،
يىراقتىكى خىلۋەت سەھرادا،
بۇلىقىمەن
دېھقان ئاتام تىككەن كۆچەتنىڭ .
    سۇ بولمىسا تەشنالىق ئۈچۈن
ھاياتلىق قايدا ، كۆچەتلەر قايدا ؟
ئۈمىدىممۇ شۇ ئىدى ئانا ،
  ئارمىنىممۇ شۇ،
تامچە سۇ بولماق تەشنا دىللارغا .
    دېھقان ئاتام كۆچىتى بىر كۈن ،
مېۋە بەرسە ئارمانىم قايدا ؟
ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا ،
ماڭا ھەر دەم بەرگىن سەن مەدەت ،
سەن بولمىساڭ دەرمانىم قايدا ؟
مېھنەتسىز چۆلدە بوستانلىق قايدا ؟





ئوقۇتقۇچىمەن ،
  تاڭ بىلەن تەڭ  ماڭىمەن
سەھرا ئۈچۈن سەھەرنى يۈدۈپ .
  غېچىرلىشى ۋېلسىپىتىمنىڭمۇ
بېرىدۇ ماڭا غايىۋىي مەدەت.
  ئېھ ،سەھرا بالىلىرى
ئاجايىپ قەيسەر بولىدۇ ئانا.
            ئوقۇماپتىكەن كىتابنى ئەجەپ،
     مومام ئېيتقان چۆچەكلەردىكى
    پادىچى بالا .
   بىراق بۇندا دېھقان باللىرى
قوللىرىدىن چۈشمەيدۇ كىتاپ.
   ساددا ،قەيسەر سەھرالىق ئانا
  ئۆگىتەر ئۇلارغا ئەدەپ ۋە ئەخلاق .
  ئوخشىمايدۇ ئۇلار پەقەتلا
   شەھەر بالىلىرىغا ھەرگىزمۇ ئانا .
بىر كېلىپ كۆرسەڭ ئېدىڭ ،
    بالىلىرىمنى .
زېرەك ،قەيسەر ، ئەدەپلىكلىكىگە
ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالماس ئېدىڭ .
بەزى مىشچان شەھەر باللىرىغا ،
بەلكىم قايتىپ ساۋاق بېرەتتىڭ
ئۈلگە قىلىپ سەھرا باللىرىنى .





       ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا ،
بەرگىن ماڭا ئۈمىدۋارلىقنى.   
ئوقۇتقۇچىمەن ،
يىراقتىكى خىلۋەت سەھرادا.
  بار ئۇندا،
دېھقان ئاتام ئەۋلادى -
مېنىڭ ئەۋلادىم.
ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىم،
ئۇلار مېنىڭ شاتلىقىم ،
ئۇلار مېنىڭ كۆز قارچۇقۇم .
سىڭگەن ئۇلارغا مۇھەببىتىم ،
سىڭگەن ئۇلارغا ئەجرىم ،بارلىقىم .
ئۇلارنىڭ شاتلىقى مېنىڭ شاتلىقىم ،
ئۇلارنىڭ بەختى مېنىڭمۇ بەختىم .
  ئۇلار مېنىڭ شانۇ - شۆھرىتىم ،
ئۇلار مېنىڭ تاجۇ - تەختىم.
  مۇبادا
ئۇلار غۇلىسا يەرگە،
  غۇلايدۇ شۇئان قەلىب تەختىم .
مەيلى مەن قالسام قالايكى چۆلدە،
لاچىن كەبى
پەرۋاز قىلىپ ئۇچسۇن  ئاسمانغا ،ئايغا،
  شۇدۇر مېنىڭ ئۈمىد -ئىستىكىم .





ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا ،
  تۇرسا مۇندا ئارامگاھىم .
  بولسىلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى پارلاق،
      تۈگەيدۇ شۇ ئان چارچاشلىرىم .
   ماڭا ھەردەم بەرگىن سەن مەدەت  ،
  ۋە يەنە بەرگىن ئۈمىدۋارلىقنى.
  ئىشەنگىن ،
  مەدىتىڭدە ئەي ئۇلۇغ ئانا
تەشنا چۆللەر قانىدۇ سۇغا .
سەن ئاتا قىلغان ئۈمىدۋارلىقتا،
جەزمەن بىر كۈن
چۆللەرمۇ ئايلىنار چىمەنزارلىققا  !



        بۇ شىئېرىم 1999- يىلى 9- مارت « شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى » گە ئېلان قىلىنغانىدى .

           ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ ، بۇ جەرىياندا نۇرغۇن دىلخەستىلىكلەرگە ، ناھەق ئازار يېيىشلەرگە ئۇچرىغان چاغلىرىممۇ بولدى ، ھەتتا ئۈمىدسىزلىك قايناملىرىمدا تېڭىرقىغان ، ئىچىم ئاچچىق بولغان كۈنلىرىممۇ بولدى . ئەشۇ كۈنلەردىمۇ يۈرىكىمگە قول سېلىپ باقسام   يەنىلا كەسپىمنى سۈيىدىكەنمەن . ئەشۇ غۇبارسىز قارا كۆزلىرىمنى سۆيىدىكەنمەن ، ياخشى كۆرىدىكەنمەن ........ شۇڭا ، ھەر قاچان ، ھەر ۋاقىت  ئەشۇ قارا كۆزلىرىمگە  يۈز كېلەلىگۈدەك ئىشلەشكە تىرىشتىم ھەم شۇنداق قىلدىم ! شۇڭا ھەر ۋاقىت قەلبىم ناھايىتى يورۇق ، چۈنكى مەن بارلىقىنى مائارىپ ئۈچۈن بېغىشلىغان مەرھۇم جاپاكەش  دادامغا ، ھەم ئائىلىدە بىز 6 بالىغا ئانا ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ياشىغان قەيسەر ئانامغا يۈز كېلەلەيمەن ، ئەڭ مۇھىمى خەلققە ، مىللىتىمگە يۈز كېلەلەيمەن ! .................

     دادا ! بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى !..........
  
  مەن سەندىن  چەكسىز پەخىرلىنىمەن ، سەن  ماڭا  ئادىمىيلىكنى ھالال ياشاشنى ، قەيسەرلىكنى ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگەتتىڭ !  

UID
17664
يازما
153
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
723
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 19:52:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      باھارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن،،،،،،،،،،،،،،،،

UID
46713
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 22:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mikman يوللىغان ۋاقتى  2012-9-9 19:52
باھارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن ...



ھەقىقىي بايرام

مۇئەللىم
بايرىمىڭىز
بولسۇن مۇبارەك،
دىدى، گۈلدەك،
سەبىي، بىغۇبار،
ھۆرمەت
ئىپتىخار،
يۈرىكىگە يار،
بىر – بىرىدىن،
سەرخىل گۈل – چېچەك.

داغدۇغىسىز،
تېنچ، شەپىسىز،
شۇنچە سىدام
ھىچبىر خەۋەرسىز،
بىلىندۈرمەي كەلگەندە بايرام،
مۇئەللىم،
ئاڭلىسىڭىز
بۇ خىل تىلەكنى،
قويالامسىز سىز،
ئاشۇ مىنۇتتا
كۆرۈۋاتقان
شۇ تاپشۇرۇقنى،
ياپالامسىز سىز،
تەييارلاۋاتقان
شۇ لايىھەڭىزنى،
ھىچبىر ئويلىماي ھەم
تۇرالامسىز سىز
سىنىپىڭىزدىكى
__ ياق
يۈرىكىڭىزدىكى
سىزنى زادىلا
ئارام تاپقۇزماي،
مىنۇت،
سېكونت،
خىيالىڭىزدىن
ھەم نېرى بولماي،
ئوي – پىكرىڭىز،
روھ دۇنيارىڭىز،
ھەممە، ھەممىنى
ئىگىلەپ ئالغان؛
چىن ئۇستازلىقنى،
قەدىر – قىممەتنى،
ۋە ھەم ھۆرمەتنى،
چوڭقۇر تونۇتقان ؛
بەزى رەنجىتىپ ،
بەزى كۈلدۈرۈپ ،
يۈرىكىڭىزنى
بەكمۇ ئىللىتقان ؛
كەلگۈسىمىزنىڭ
ياراتقۇچىسى ،
يۇرت – خەلقىمىزنىڭ
ئۈمىد – ئاچقۇچى ،
كۆز گۆھىرىمىز -
ئاشۇ ئەۋلادنى.

مۇئەللىم،
بەكمۇ كۆپ سىزنىڭ
ئويلايدىغىنىڭىز،
يازىدىغىنىڭىز،
كۆرىدىغىنىڭىز،
ئاڭلايدىغىنىڭىز؛
شەنبە، يەكشەنبە،
تەتىل – ئايەمدە،
يۇرت – مەھەللىدە،
قاترايدىغىنىڭىز؛
بۇمۇ ئاز كەلسە،
تېخى بەزىدە
ئېتىز – ئېرىقتا
چەت جاڭگاللاردا
«ئالۋان – سېلىق» قا
ئىشلەيدىغىنىڭىز؛
قانائەت،
بولغاچ سىزگە
ئۆمۈرلۈك ھەمراھ،
شۇنچە مەغرۇرسىز
دەرسخانىدا.
مۇھتاج ئەمەسسىز
كىملەرنىڭدۇر
سۈنئىي كەيپىيات،
سورۇن ھازىرلاپ،
بايرىمىڭىزنى
قۇتلۇقلىشىغا.
___ لېكىن
سەبىيلىرىڭىزنىڭ
بولسا يولى داغدام،
شانلىق ئۇتۇقى،
شاتلىق، كۈلكىسى،
بەخت شولىسى،
ئەكس ئەتسە،
ئۇلار چېھرىدە،
ئۆز ئەجرىڭىز بەرگەندە مېۋە،
سىز ئۈچۈن
يوقتۇر بۇنىڭدىن قىممەتلىك سوۋغا،
سوۋغىغا ئېرىشكەن ھەر بىر كۈنىڭىز-
ئېھ، جاپاكەش
مېھرىبان ئۇستاز،
بىلىمەن
مانا بۇ سىز ئۈچۈن
ھەقىقىي بايرام.


   ئەل يۇرۇت ئۈچۈن ،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ پارلاق ئەتىسى ئۈچۈن ئۆزكەسپىنى سۆيۈپ ئىشلەۋاتقان باغرى ئۈمىد ،ۋاپا پاك -ئەقىدە ،ھالاللىق ،مىھرى -مۇھاببەت بىلەن تولغان بارلىق كەسپداشلىرىمنىڭ  بايرىمنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . ھەممىمىزنىڭ قۇتلۇق بايرىمىغا مەرھابا.
،







  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش