تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2120|ئىنكاس: 16

2012-يىللىق يېڭى دەرس ئۆلچىمى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
332
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
8353
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-7
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 12:09:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشلانغۇچ 1-يىللىق ماتېماتكا



قوش تىل يولغا قويغان مەكتەپلەرنىڭ بىرىنجى يىللىق سىنىپلىرى، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن  خەنزۇچە ماتېماتىكا  كىتابنى ئىشلىتىدۇ.باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا ماتىماتكا دەرسى بېرىدىغان دوستلار بۇ كىتابنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ،بەلكىم بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنى قانداق سۆزلىسەم  بالىلارغا چۈشىنىشلىك بولىدۇ دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىن.مەنمۇ بۇ كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ، بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم .بۇ كىتابتا ئۆزگىرىشلەر خېلى كۆپ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئويۇن ئىچىدە ئۆگىنىش تەرىپىگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن.

مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنىغا جايلاشقان مەكتەپ. كۆچمە نوپۇستىكى ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ ئوقۇيدۇ. بۇ يىل بىرىنجى يىللىققا ئۈچ سىنىپ قوبۇل قىلىمىز دەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغاچقا ،تۆپ سىنىپ قوبۇل قىلدۇق . بىر سىنىپتىكى بالىلار 70كە يېقىنلاشتى. مەن ئىككى سىنىپقا دەرس بېرىشكە بەلگىلەندىم.بۇ بالىلارغا بۇ ماتېماتكا دەرسى ئۆتۈش ئۈچۈن مەن ھەم ئەدەبىىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭمۇ رولىنى ئېلىشىم كېرەك.نېمە ئۈچۈن دېگەندە بۇ ئاپئاق بالىلارغا ئانا تىلدىمۇ دەرسنىڭ مۇھىم جايلىرىنى يەتكۈزۈشىم كېرەك.كىتابخانىغا بېرىپ ئۇيغۇرچە ماتىرىيال ئىزدىسەم تېخى چىقماپتۇ.خەنزۇچە ماتىرىياللارمۇ بەك كۆپ ئەمەس.كەڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ بالىلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق بىلىمگە ئىرىشىشى ئۈچۈن ئىزدەنسەك،پىكىر تەلەپلەر بولسا ئورتاقلاشساق دەيمەن.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 15:12  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
11104
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
376
تىزىملاتقان
2011-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 15:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،يالغانمىدى؟

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
332
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
8353
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-7
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 16:40:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشتىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇ دەيدىغان گەپ يوققۇ!

UID
17990
يازما
22
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
142
تىزىملاتقان
2011-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 17:20:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ تىلىمىز. ئانا تىل بولماستىن بەلكى ‹‹قوش تىل›› بولۇپ ئومۇملىشىدۇ.
گەرچە مەكتەپلەر بۇخىل ئۈگۈتىش ئۇسۇلىنى‹‹ قوش تىل›› دەپ داۋراڭ قىلىۋاتقىنى بىلەن ، قوللىنىۋاتقىنى90% يەككە تىلدۇر. مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولۇدىكى بىزنىڭ مائارىپىمىز قەدەمنى بىسمىللىسىغىلا يالغانچىلىق بىلەن باشلىغان.
بىزدە نىيەت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دېگەن گەپ بار، نىيىتىمىز يالغانچىلىق تۇرسا مائارىپىمىز نىمە بولماقچى.

UID
12776
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
409
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 18:23:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ ئەسلى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە يولغا قويۇلۇشى كېرەكتى. ھازىرقى «قوش تىللىق» مائارىپتا يا ئىنسان بالىسىنىڭ تىل ئۆگىنىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىنمىغان، يا پەرزەنت ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ تاللىشىغا ئىمكانىيەت قالدۇرۇلمىغان.

تىرىشچان ئەزا

توغراقجان

UID
10399
يازما
29
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
629
تىزىملاتقان
2011-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-3
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 21:51:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
»بىر مىللەتنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش كېرەك ؛ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تىلىنى يوقىتىش كېرەك ؛ تىلىنى يوقىتىش ئۈچۈن، مەكتەپلىرىگە قول تىقىش كېرەك.« بۇ گەپنى ھىتلېر دېگەنمۇ؟

UID
35691
يازما
80
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 00:08:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىدىغان يۇۋاش بىر مىللەت ! قوش تىل ئۈگىنىسەن دىدى،ماقۇل دىدۇق.ئەمىلىيەتتە قوش تىل دىگەن مەۋجۇت ئەمەس!
سىلىدىن سوراپ باقاي زىلنۇر مۈئەللىم:‹‹ئۆزى ئۇيغۇر،تىلى ئۇيغۇرچە چىققان،ئانا تىل ئۈگۈنۈش ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇرغان، 1-سىنىپقا ئەمدى كىرگەن بالىلارغا،ماتىماتىكا........دەرسىنى خەنزۇچە كىتاپ بۇيىچە ئۆتۈش قوش تىل ھىساپلىنامدۇ››؟دۇنيانىڭ ھىچ يىرىدە يوقمىكى دەيمەن  بۇنداق مائارىپنى!
دىيارىمىزدىكى چوڭ-چوڭ زىيالىلار،ئالى مەكتەپلەردىكى كاتتا ئوقۇتقۇچىلار،يازغۇچى ئالىملار، شۇلار بىر نىمە دىسۇن!
مىنىڭ پىكىرىم بولسا،بىز ئاتا-ئانىلار بەكرەك كۈچەيلى!ئۇيغۇرچە دەرسلىكنى ئۆزىمىز ئۆيدە ئۆتەيلى.....!بىز چوقۇم قىلالايمىز!

UID
44891
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 11:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنىڭ ھەقىقىي مەقسىدى زادى  نىمە ؟ قوش  تىل  ،  قوش  تىل  !  نىمە  بۇ  زادى ؟!    ئۆز  ئانا  تىلىنى  پۇختا  ئىگەللىمەي  تۇرۇپ   يات  بىر  مىللەتنىڭ  تىلىنى  ئۈگۈنۈش  ،  ئۈگۈنۈشنى  تەلەپ  قىلىش  نىمانچە  ئەخمىقانىلىق  ھە ؟!
ئىلگىرى  قوش  تىل  دىمەيمۇ  مەكتەپلەردە ئالدى  بلەن  ئۆز  ئانا  تىلىمىزنى  ئۈگىنەتتۇق ، ئاندىن خەنزۇتىلىنى ئۈگىنەتتۇق . مانا  بىزمۇ  جەمىيئەت  تەرىپىدىن  شاللىنىپ  كەتمىدۇققۇ ؟  شۇ  ‹‹قوش تىل ›› دەيدىغان گەپ  يوق زامانلاردىمۇ  بىزدىن  نى-نى ئالىملار ، ئىقتىساس ئىگىلىرى چىققانغۇ !  ئەجىبا  ھازىر  شۇ  كىشىلىرىمىزنى  بىرەرسى ‹‹سەن قوش تىلدا ئوقۇماپتىكەنسەن ، سېنىڭ ئالىم  بولۇشقا  سالاھىيتىڭ توشمايدىكەن ! ›› دەۋاتامدا ؟!
دىققەت  قىلىپ  باقسام  ھازىرقى  ياشلاردا  ھەم  كىچىك  بالىلاردىلا  ئەمەس  خېلى  چوڭ  ئادەملەر  ئارىسىدىمۇ  كۆپكەن  بىر  ئوبدان  ئۇيغۇرچە  گەپنى  جايىدا  قىلالماي  ‹‹ ھېلىقى  نىمىتتى ؟ ۋاي  ھېلىقىچۇ !  ۋايجاااان  ماندا  دىمەكچىتتىم  ئەسلى ...›› دەپ  ئۆز  ئانا  تىلىدىن  ئىسىگە  ئالالمىغان  ئىبارىلەرنى  خەقنىڭ  تىلىدىن  تېپىپ   سۆزلەيدىغان  قوش تىل  پىدائىيلىرى ......
‹‹خەنزۇچە  بىلمىسە جەمىيئەتتە پۇت  دەسسەپ  تۇرغىلى  بولمايدۇ ›› دەپ  قويىدىكەن ، ئەجىبا  ئۆز  تىلىنى  بىلمەي  تۇرۇپ  باشقىلارنىڭ  دىپىغا  ئۇسسۇل  ئوينىغانلارلا  جەمىيئەتتە بىر  كىشلىك ئورۇنغا ئېرىشەلەمدا؟!
مەيلى خەنزۇ تىلى  بولسۇن ۋە ياكى  باشقا  تىل بولسۇن  ئۈگەنگەننىڭ  پايدىسى  بولسا  باركىن  ھەرگىزمۇ  زىيىنى  يوق ، لىكىن  شۇنداقتىمۇ  ئاۋۋال  ئۆز تىلىمىزغا  پۇختا  بولغاندىن  كىيىن  باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۈگەنسەكمۇ  كىچىكمەيمىز  قېرىنداشلىرىم !

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-4 11:38):
خېلى چوڭ ئادەملەر ئارىسىدىمۇ كۆپكەن ‹‹  دىمەكچى  ئىدىم .

UID
46137
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-8-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 00:33:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بىز بەك ئاقكۈڭۈل ، يۇۋاش بىر مىللەت ! قوش تىل ئۈگىنىسەن دىدى،ماقۇل دىدۇق.ئەمىلىيەتتە قوش تىل دىگەن مەۋجۇت ئەمەس. ئاۋال ئۆ ز تىلىگە پىششىق بۇلۇپ ، ئاندىن يات مىللەتنىڭ تىلىنى ئوگەنسەك بۇلىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز مەخمۇت قەشقىرىمۇ تىل ئوگۈنىڭلار دىگەن . بىراق بۇلار بىزگە بۇنداق مەجبۇرى تاڭسا بولمايدۇ. بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان .   

UID
37509
يازما
111
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
111
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-6
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 15:28:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
    مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
    ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
    ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
  
  
نەقەدەر ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئېيتىلغان دانالارچە گەپ-ھە بۇ!!...
تارىخىي خاتالىق!...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش