تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1313|ئىنكاس: 13

تەرەپ ۋە ئىسىم چۈشەنچىمىزنى توغرىلايلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
43664
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 19:06:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى، مەن  ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت داۋامىدا ھېس قىلغان، ھەممىمىزدە ئومۇملاشقان، تۈزەتمىسەك بولمايدىغان خاتالىق تەرەپ ۋە ئىسىم چۈشەنچىسى توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچىمەن. گەرچە بۇ توغرىدا ماقالە يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، خىزمەت داۋامىدا ئۆزلۈكسىز تۈزىتىپ كەلگەن بولساممۇ بۇ چۈشەنچىلەرنىڭ ئېڭىغا بەك ئورناپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەسىرىم بەك چەكلىك بولۇپ قالدى. بۇ خاتالىق توغرىسىدا مەن ھېچكىمنىڭ ئېغىز ئاچقىنىنى ئاڭلىمىدىم. شۇڭلاشقا قەلەم قۇۋۋىتىم ئاجىز بولسىمۇ تور ئارقىلىق بۇ توغرىدا تورداشلار بىلەن پىكىرلىشىشنى توغرا تاپتىم. قېرىنداشلارنىڭ كەڭ تۈردە ئازادە پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسىلەن:  بىزدە (جەنۇبىي شىنجاڭدا) ئەڭ كەڭ تۈردە خاتا قوللىنىۋاتقان سۆز ئورۇندۇقنىمۇ، شىرەنىمۇ جوزا دېيىش. مەن بىر ئادەم بۇ سۆزنى تۈزىتىمەن دەپ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، لېكىن بۇ سۆزنى خاتا ئىشلىتىش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېڭىغا شۇ قەدەر سىڭىپ كەتكەنكى، سىز بۇ توغرىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز سىزنى غەلىتە ھېس قىلىدۇ.

يەنە مەسىلەن: جەنۇب، شىمال، غەرب، شەرق، ئوڭ، سول، ئاستى، ئۈستى، ئۇدۇلى، قىيپاش ئۇدۇلى، ئالدى، كەينى، ئوڭ يېنى، سول يېنى، مانچە مېتىر، مانچە چامدام، مانچىلىك كەڭلىك، مانچىلىك ئېغىرلىق دېگەننىڭ ئورنىغا كۆرمىسىڭىز چۈشەنگىلى بولمايدىغان كۆرسىتىش ئالماشلار: مەسىلەن، ئا تەرەپ، ما تەرەپ، ئا يەر، ما يەر، ئاۋۇ، ماۋۇ دېگەندەك.ماۋۇنى ئاۋۇ يەرگە يۆتكەپ قوي. توغرىسى: دوستىخان ئۈستىدىكى رادىئونى شىرە ئۈستىگە يۆتكەپ قوي. ماۋۇ كىتابنى ئا ئۆيگە ئەكىرىپ قوي. توغرىسى: خەنزۇ تىلى كىتاپنى مىھمانخانا ئۆيىگە ئەكىرىپ قوي. ئا نەرسىنى ما ئۆيگە ئەكىرىپ قوي. توغرىسى: يوتقان كۆرپىلەرنى ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ قوي. ئا بالا سېنىڭ ھېلىقى دوستۇڭمۇ. توغرىسى: ئىرشاتجان سېنىڭ مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىڭمۇ؟

يۇقارقىلار بىز ئائىلىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان خاتا جۈملىلەر بولۇپ، نەرسە، تەرەپنىڭ كونكىرىتنى ئىسمى بولسىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ھورۇنلىقى تۈپەيلىدىن چۈشىنىكسىز ئالماشلار، قالايمىقان قول ئىشارىلىرى بىلەن ئىپادىلەيمىز. ئەگەر ئاتا-ئانا بالىسىنى توغرا تەربىيلەيمەن دەيدىكەن، مۇشۇنداق خاتالىقلارنىمۇ تۈزىتىش كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 00:08  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
963
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42686
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-18
توردا
192 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:22:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم، ئىملايىڭىز ھەجەپ توغرىكەن، تەھرىرلەشكە پەقەت كۆپ ۋاقىت كەتمىدى. باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ سىزدەك بولسىچۇ-ھە.

مەن مارالبېشىلىق ساۋاقدىشىم ئورۇندۇقنى جوزا دېسە، بۇ چوقۇم قەستەن ئالماشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ دەپلا چۈشىنەتتىم. كىم بىلسۇن ئەسلىدە ئەزەلدىن شۇنداق دەيدىكەن. ئۆزگەرتسەڭلا بولمامدۇ دېسەم، بۇ قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئاتاش ئۇسۇلى تۇرسا، كۆنۈپ قاپتۇق دەيدۇ.

بەزىدە مۇشۇ ئاپاممۇ مەلۇم نەرسىنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىسام، ھېلىقى يەردە، ئاۋۇ ئۆينىڭ ھېلىقى يېرىدە...دەپلا تۇرىۋالىدۇ. ۋاي ئاپا، شۇ ئاۋۇ دېگەن قايسى، ھېلىقى دېگەن قايسى؟ دەپ جىلە بولسام، ئىشىدا يوق كۈلۈپ كېتىشلىرى بار. ئەمىلىيەتتە مەنمۇ شۇنداق دەپ قويىمەن بەزىدە، خۇددى قارشى تەرەپ بىزنىڭ ئاۋۇ، ھېلىقى...دېگەن ئىچىمىزدە ئويلىغان يەرلىرىمىزنى بىزگە ئوخشاش بىلىدۇ دەپ ئويلامدۇقكىن-تاڭ.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
43664
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 12:17:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزىتىش جەريانىدا بالامنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئالاھىدە ھەممە ئۆيگە ئىسىم قويۇپ چىقتىم. مەسىلەن: مىھمانخانا، ياتاق ئۆي، ئاشخانا، كىتابخانا دېگەندەك. شۇ سەۋەپتىنمىكىن ، بەزىدە ئىـختىيارسىز  بالامغا ئەگەر ئا ئۆيگە چىقىپ پالانىنى ئېلىپ چىق، دېسەم، ماڭا:«دادا بىزنىڭ ئۆيدە ئا ئۆي دەپ ئۆي يوق! ھەممە ئۆينىڭ ئىسمى بار.» دەيدۇ. ئەگەر ھەي بالام مەيەرگە كېلە! دېسەم، مېنىڭ ئىسمىم «ھەي» ئەمەس، مېنىڭ ئىسمىم بىلال! دەيدۇ. بالامنى تەربىيلىشىم ئۆزەمنى تەربىيلەشنى ئىلگىرى سۈردى دېسەممۇ بولىدۇ. تەرەپ ۋە ئىسىم چۈشەنچىسى باشقا مىللەتلەردە يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئاساسەن ھەل بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن بىزدە بۇ  مەسىلە بەك ئېغىر. مەسىلەن: قەشقەرنىڭ يېڭى بەرپا بولغان كوچىلىرىنىڭ ئىسمى يوق. پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ نومۇر سېلىپ بېرىشىنى كۈتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئىسمى بولسىمۇ نومۇر بېسىپ قويسا، شۇ بويىچە ئاتايدۇ. مەسىلەن: 2-ئولتۇراق رايون (ئەسلى ئىسمى بويىچە تاختا كۆۋرۈك ئاھالىلەر رايونى دېسىمۇ بولىدۇ.) 1-ئولتۇراق رايۇنى(ھۈكۈمەت باشتا بەخت ئولتۇراق رايۇنى دېگەن، كېيىن بۇنىڭغىمۇ نومۇر سالدى. بۇ يەرنى ئەسلى ئىسمى «زورىخان يار» ئىدى.

UID
43664
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 12:20:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوچىلاردا كىشىلەر يول سورىسا، سىز ئەگەر يول بەلگىلىرىنى دەپ بەرسىڭىز ئاساسەن چۈشەنمەيدۇ. پەقەت كونكىرىتنى ئورۇن ئىسمىنى دېسىڭىز ئاندىن چۈشىنىدۇ. مەسىلەن: قەشقەر شەھەر ئازات شىمالىي يولى(قەشقەر شەھرىدىكى ئاساسلىق يول) دېسىڭىز چۈشەنمەي، پوچتىخانىنىڭ ئالدى دېسىڭىز ئاندىن بىلىدۇ.

UID
43664
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 12:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىلىشىمچە تەرەپ ۋە ئىسىم چۈشەنچىسى بىر ئادەمنىڭ بىلىش دەرىجىسىنىڭ ئىپادىسى. مەسىلەن دىن تەرەپتىن چۈشەندۈرسەكمۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزى ياراتقان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغلىقىنى باشقا پەرىشتىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسمىنى دىگۈزگەنلىكى بۇنىڭ مىسالىدۇر.

UID
43664
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 12:34:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئىسمنى ئۆگەتكەنلىكى بىر تەرەپتىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا بارلىق پەرىشتىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ، كۆپ بىلىم ئىگەللەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەتبۇئاتلاردىن بىلسەك بولىدۇكى، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان يېڭىدىن مەيدانغا چىقىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمىز. ياخشى چۈشەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىسىم قويالمايۋاتىمىز. قويساقمۇ، قېرىنداشلىرىمىز ئۇنى قوللانمايۋاتىدۇ. مەسىلەن: توڭلاتقۇنى مۇتلەپ كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بىڭشاڭ دەيدۇ. بۇ مېنىڭچە كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي ئېڭىنى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەت ئېڭى چۈشەپ قويۇپ، كىرزىس تۇيغۇسى ھېس قىلمىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن دەيمەن.

UID
43664
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 13:17:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزالار توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزمۇ ناھايىتى مۇجىمەل. مەسىلەن: بىرەر يېرىمىز ئاغرىپ دوختۇرنىڭ ئالدىغا كەلگىدەك بولساق، ئاغرىغان يەرنى كۆرسەتمىسەك كۆپ قىسىملىرىمىز ئاغزىمىزدا دەپ بېرەلمەيمىز. ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىزنىڭ ھەممە قىسىملىرىنىڭ كونكىرىتنى ئىسمى بار. بۇ ئىسىملار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتالمايدۇ. مېنىڭچە بالىلارنىڭ تەربىيسىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى تەربىيسىنىڭ ئىنتايىن چولتىلىقى، يەسلى ۋە مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيتىنى ياخشى ئادا قىلمىغانلىقىدىن دەپ قارايمەن.

UID
3770
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2010-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 15:43:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئورۇندۇقنىمۇ، شىرەنىمۇ جوزا دەپ ئاتايدىغان ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. ئەمما سىز دېگەندەك، كۆرسىتىش ئالماشلىرىنىڭ ئورنىغا ئەسلى سۆزنى قوللىنىش---- بۇ تەس گەپ. ھەم مېنىڭچە ھاجىتى يوق! غەرب تەرەپنى ئا تەرەپ دەۋاتقاندا سىز چوقۇم سۆزلىگۈچىنىڭ ئالدىدا ئۇنىغا يۈزمۈ- يۈز تۇرغان ھالەتتە بۇ گەپنىڭ غەرب تەرەپنى كۆرسىتۋاتقانلىقى بىلەلەيسىز... يەنە، ئا يەر ما يەر دىگەندەك گەپلەرنىمۇ ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى قارشى تەرەپ سىزگە «ئا يەر» دىگەندە ئۇ چوقۇم سىزگە ئىشارەت ئارقىلىق كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. «ئا يەر» نىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى سىز سۆزلىگۈچى بىلەن يۈزمۇ- يۈز تۇرغاندا چوقۇم بىلەلەيسىز...ناۋادا سىزنىڭ كۆزىڭىز كۆرمىسە بۇ باشقا گەپ!
مېنىڭچە قېرىندىشىم، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئالماش سۆز تۈركۈمىنى يوقىتۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇنىڭغا ئارتۇق كۈچىمەڭ! ئۆزگەرتىمەن دەپ ئارتۇق ئەۋارە بولۇپمۇ يۈرمەڭ، چۈنكى بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى...

باھا سۆز

adilkanun  قاراتمىلىق، ئىلمي ۋە مۇۋاپىق بوپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 16:17:10
adilkanun  يازارمەننىڭ ئىسىملارنى توغرا ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەشەببۇسىغا قۇشۇلىمەن. بىراق بۇ ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 16:07:31

UID
43664
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 18:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alyar قېرىندىشىم، يازمامنى كۆرۈپ قىممەتلىك پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مېنىڭ يازمامدا دېمەكچى بولغىنىم كۆرسىتىش ئالماشلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش مەسىلىسى، ھەرگىزمۇ كۆرسىتىش ئالماشلارنى يوقىتىش ئەمەس. مەن بۈگۈن باشقىلار بۇ ھەقتە سۆزلىشىۋېتىپ، كۆرسىتىش ئالماشلارنى كۆپ ئىشلىتىشنىڭ تەپەككۇرنىڭ ئاستىلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدىم. سىز بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىپ بېقىڭكى، بىر ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى قانچە يۇقۇرى بولغانسىرى ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى شۈنچە ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىن ئىش يوق ئا

UID
7205
يازما
60
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1860
تىزىملاتقان
2010-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 12:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن ، رەھمەت !!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش