تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 5

سودا ۋە سودىگەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16194
يازما
8
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
188
تىزىملاتقان
2011-10-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 00:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سودا ۋە سودىگەر

(ئاپتورى:تاشقىنجان)


[ سودا قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكى بىزگە خۇددى مىدىراۋاتقان ھەممە ئادەم سودىگەردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس،بىزدە نۇرغۇن ئادەملەر :پۇل بولسىلا ھەرقانداق سودىنى قىلغىلى بولىدۇ،پۇلنى پۇل تاپىدۇ.شۇڭا ھەرقانداق ئادەم پۇل بولسىلا سودا قىلالايدۇ دېگەنگە ئىشىندۇ. ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلىدۇ دېگەن سۆزلەر ئاشۇنىڭغا تاقاپ چىقىرلغان مەردانە سۆزلەر بولسا كېرەك. ھەقىقەتەن ئادەم قىلالىغاننى ئادەم قىلىدۇ. بۇنداق سۆزنى بىز ‹قىرلىق ئىستاكان›فىلىمىدا ئۇچرتىمىز. بۇ فىلىمنى مسىالغا ئېلىشمدىكى سەۋەب شۇكى بۇ يەردە ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلىدۇ .دېگەن گەپ قارىماققا  بىر خىل ئىرادىنى ئەكس ئەتتۇرىدۇ لىكىن مەن ئۇنىڭ   مۇتلەق  توغرا سۆز ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتمەكچى .
باشقىنى ئەمەس ھەممىمىزگە تونۇش بولغان ‹قىرلىق ئىستاكان › فىلىمنى مسالغا ئالاي ،  ئۇيغۇر جەمئىيتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بۇ قىرلق ئىستاكان پاجىئەسى   › دىكى بارلىق پاجىئە نەدىن باشلىندۇ؟مېنىڭچە  دەل دورامچلقتىن باشلىندۇ. يەنى ھېلىقى خوشنسىنى ئىزدەپ خاتا كىرىپ قالغان بۇرۇتلۇق كىشنىڭ سورۇنغا داخىل بولۇپ قېلىشى بىلەن ئۇ كىشنىڭ قىرلىق ئسىتاكاندا ھاراق ئىچكەنلىكى ،قوي پاچىقىنى كۈچمەيلى قاق ئوتتۇردىن ئوشتىۋەتكەنلىكى ئەتراپتىكى xx تېكە قاتارلىق تۆتەيلەننى ھەيران قالدۇردۇ.ئۇكشى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار سىناپ باقماقچى بولۇپ توساتتىن xx تېكە بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋىتىپ قالىدۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىن xxتىكنىڭ كاللسدا ‹ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ›دېگەن ئىدىيە ئىسپرتنىڭ غىدغلىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچىنى كۆرستىدۇ.شۇنىڭ  بىلەن قىرلىق ئىستاكان پاجىئەسى باشلنىپ كېتىدۇ. ئنسان ھايۋانلىق دەرىجسىگە بىراقلا چۈشىدۇ. مانا بۇ چەكتىن ئاشقان دورامچلىق ،قارىسغا ئىش تۇتۇش،ئۆزنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ھېسابلاشماسلىقتەك ناچار ئىدىيەنىڭ پاجىئەسىدۇر.
سودا ساھەسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خېرىداسى ،ئۆزىگە چۈشلۇق تەلەپ قىلىدىغان ئادەملىرى بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىگەندە ئۆزنى ھەممە ساھەدە نەتىجە قازىنالايمەن دەپ ئويلايدىغان، ھەممىنىلا قىلالايمەن دەيدىغان غەلىتە ئاڭ پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ ياش جەھەتتە قورامغا يەتكەن بالىلاردا بۇ خىل داخىڭگەلىك ئىدىيە خېلىلا كۈچلۈك.
  ئەمدىلا 19-20 ياشقا كىرگەن ئەتىدىن -كەچىكىچە كومپيوتىر ئوينايدىغان بالا  بىر كۈنى ماڭا ئۆزنىڭ‹كومپيوتىر سېتىش ،رېمونت قىلىش ›ئورنى ئاچقانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئېچىشقا 20مىڭ يۈۋەن مەبلەغ سېلىنپۇ. ئۇ  بالا مەن بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا تولىمۇ مەنمەنلىك ۋە كۆرەڭلىك بىلەن ھاياجانلىنىپ كەتتى.  يىڭىدىن ئېچلىش مۇناسىۋتى بىلەن باھادا ئېتباربېرىپ ساتماقچى ئىكەنلىكىنى تېخى دوستلىرىغا نېسىگە مال بېردىغانلىقىنى ئېيتتى..بۇ بالىغا سەمىمى مەسلىھەتىمنى بەردىم.لىكىن ئۇنىڭ مېنىڭ سۆزلىرىمنى پىسەنتىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلپ تۇردۇم. ئۇ ھە دېگەندىلا بازارنى بۇزۇش شەكىلىدە .قانداقتۇر ئېتبار بېرىشنى تېجارەتنى باشلىماقچى بولغان بەلكىم بۇ  ئۇنىڭ سودا پىلانى بولسا كېرەك .مەن ئۇنىڭغا تېجارەت باشلىغان دەسلەپكى كۈندىن باشلاپ  بۇنداق ‹مەردلىك›نى يولغا قويغاندا توغرا بولمايدىغانلىقىنى بۇنداق بولغاندا دەسلەپكى پايدىغا ئېرشمەيلا قالماستىن خېرىدارلىنىڭ ئىشەنچسى  سۇسلاپ،گۇمانلىق تۇيغۇغا ئەكلىپ قويىدىغانلىقىنى قايتا- قايتا چۈشەندۇردۇم. دەسلەپكى قېتىم تېجارەت باشلغان ھامان نېسسى سودا قىلىش سودىگەرلەر ئۈچۈن خەتەرلىك ھال ئىكەنلىكىنى پۇل تېپشقا،مەبلەغنى تېز ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۋىلىشقا ئالدىرماسلىقنى تەۋسيە قىلدىم. شۇنداق دەپ تۇرساممۇ لىكىن ئۆزنىڭ بىر تالاي سۆزنى قىلدى. تېخى:_ناۋادا مال يەتمسە يەنە ئەكلىمەن !دەپ مەرتلەرچە مەيدسىگە ئۇردى. ئۇنىڭغا بەخىت ئامەت تىلەپ يېنىپ چىقتىم.
  ياشلارنىڭ ئىگلىك تىكلىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال،قوللاش كېرەك بولسا ئەڭ ئاۋال ياشلىرىمىزنى بىرەر ئىشنىڭ پېشنى تۇتسام بولاتتى دەپ يۈرگەن ،تېڭرىقاپ قالغان ياشلارنى قوللاش كېرەك.لىكىن ياشلاردا كۆرۇلدىغان بۇ خىل ئۆز بېشمچلىق ۋە ئالدراقسانلىق چوقۇمكى تالاي ياشلىرىمىزنى سودا ساھەسىدە‹موزاينىڭ يۈگۇرۇشى سامانلىققىچە›ئاپىرىپ قويماقتا. نېمشقا مەغلۇپ بولدۇق؟ نېمشقا زىيان چىقىتى دېگەن تالاي سوئاللارغا ئۇلار جاۋاب تاپالمايدۇ.ئاندىن ئۆزىنى كەمستىدۇ  . بازارنى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىپ  سودا ساھەسىدىن چېكىنپ چىقىدۇ.
مەن قولىدا گۈلدەك ھۆنىرى بار تالاي ئادەملەرنى ئۇچراتقان. ئۇلارنىڭ  بەزىسى ھازىر زاۋۇتلاردا ۋاقتلىق ئىشىچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ ياكى بىرەر ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئامانلىق خىزمتىگە ئوخشاش ئاددى خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ. پاراڭ ئارلىقىدا : قولىمزدا ھۆنەر بار ئىدى شۇ پۇل يوق قىلالمىدۇق؟ دەپ ئۆزىدىن ماختىنىش ئارلاش خورسىنىپ قويىدۇ. دېمەك بۇ مىتە قۇرۇتتەك ئىدىيە ياشلىرىمىزدا ئاندىن ئۇلار قېرىىپ ھېچ ئىش قولدىن كەلمەيدىغان ھالغا يەتكۈچە يۇيلىپ كەتمەي ساقلنىپ قالغان.
سودا ساھەسى مەيلى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسدا  بولسۇن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يىراق تولىمۇ يىراق كەلگۇسىدە بولسۇن ئادەمنىڭ خاراكىتىرى، ئەقىل پاراستى،ئەدەپ -ئەخلاقى ۋە بەرىكەتى  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر . بىر مەھەل دەۋرىر سۈرگەن تالاي ياش ئىگلىك تىكلىگۇچىلەر ياكى ئاتالمىش سقىمداپ سىقمداپ پۇل تۇتقان‹لوبەن›لەرنى مىسالغا ئالايلى،ئۇلارجىق بولسا ئىككى ئۈچ يىل بولمىسا بىر ئىككى يىلدىلا موللاق ئاتقان، ئۆز خۇددىنى بىلمەسلىك،ئەخلاقسىزلىق قىلمشلىرى سودىگەرنى شەكسىز بەربات قىلىۋىتىدىغان  تەرەپلەر.
ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، سودا قىلىش ۋە سودىگەر بولۇش مەلۇم جەرياندۇر.ئۇنىڭ مۇساپسى ئازدىن باشلىنىپ ئەقىلدىن ئېزىپ قالغۇچە داۋاملىشىدۇ. تېنىمىز ساغلام بولۇشى بىر گەپ مۇھىمى ئەقىل ،ئۆزىنى بىلش،تەجرىبە ساۋاق يېغىش،كىچىك پېئىللىق بىلەن توختماستىن ئۆگىنىش جەريانىدۇر. دەۋرىر چاقى چۆرگىلەپ تەرەققى قىلغان زامان بىزگە يېنىلىشپ كېلىۋرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىزمۇ تېخىمۇ ئەقىللىق ۋە ئۆزىمىزنى بايقاش، نېملەرنى قىلشقا ماس كېلدىغان كەلمەيدىغانلىقىمىزنى دەڭسەيدىغان ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا دىتلايدىغان بىر دىت بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن بىز خەق نېمنى قىلسا شۇنى قىلىدىغان دورامچىلارغا ئايلنىپ قالىمىز.
مەلۇم يېزىغا ناۋادا كومپيتوتىر پەن تېخنكا مەركىزى ئاچقاندىن كۆرە،بىرەر ناۋايخانا ئېچىش ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغانلىتۇر.  چۈنكى نان شۇ يەرنىڭ ئەمەلىيتىگە ماسلاشقان، زامانغا ماسلىشى دېگەنلىك ماشىنا ئۈسكۈنلىرىنى سېتىش ،سېتىۋلىش دېگەنلىك ئەمەس.شۇنى يۇشۇرۇماي ئېيتىشقا بولىدۇكى   سودا پايدىغا ئېرىشىشىنى مەقسەد قىلدىغان نەرسە، ناۋادا سىز كومپيوتىر بىلمەيدىغان كىشلەر بار ئورۇنغا بۇنداق سودىنى مەجبۇرى قىلمەن دېسىڭىز، ئۇنداقتا يەنىلا ئەقىل بىلەن بىرەر چارە تېپشىڭىز كېرەك. بىز سىزنى خەلق ئۈچۈن خالىس بىر ئىش قىلىڭ دەپ زورلىمايمىز ئەمما سىز كومپيوتىر تەربيلەش ئورنى ئېچىپ ئاۋۋال شۇ يېزدىكى كىشلەرگە كومپيوتىر دېگەننىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ رولى، ئىشلتىشنى بىلدۇرسىڭىز، ئاندىن ئۇلار دەسلەپ قىزىقىدۇ،ئاندىن سىز بىر تەربيلەش كۇرسى ئېچىپ ئۇلارنى ھەقسىز تەربيلىسىڭىز ئۇلار دەسلەپكى ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ. كومپيوتىر ئۇلار ئۈچۈن قىزىقارلىق ھەم قولايلىق تۇيۇلىدۇ. بىلىم سەۋىيسى ئاشقانسىرى ئۇلار ئۆزلىرى سىزدىن كومپيوتىر سېتىۋالىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ سەۋىيىرىڭىزگە يەتكەندە سىز ئۇلارغا توپ تارقىتىدىغان ئورۇن ئېچىپ بولسىز ئەلۋەتتە.دېمەك سودا دېگەن مۇشۇنداق بىر بالداق بىر بالداق ئىلىگرلەش يولى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەقىل بىلەن ئىش تۇتدىغان پۇرسەت  ۋە خرسىلارنى بايقاش ئۈچۈن كۆز ئەمەس ئەقىل كېرەك.


بۇ تېما  2012.9-1 كۈنى يېزىلدى. مەنبە؛ ئەلكۈيى تورى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
622
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
622
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-5
توردا
230 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 22:38:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ياخشى تېما يوللاپسىز ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . يېڭىدىن سودا ساھەسىگە قەدەم قويغانلاردا مەنمەنلىك تۇيغۇسى بولىشى مۇقەررەر بىر ئىش ، يىڭى ئىش باشلىغاندا خۇددى بازاردىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى سۈزىۋالىدىغاندەكلا تۇيغۇدا بولىدۇ . بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئىزىغا چۈشۈپ قالىدۇ .
          ھەممىدىن موھىمى تەجىربە توپلاش ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش . بۇ مېىنىڭ بىر مەزگىللىك تىجارىتىمدىن يەكۈنلىگەن تەجىربەم .

UID
11104
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
376
تىزىملاتقان
2011-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 22:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن سودىغا قىزىقىمەن.كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۇششاق-چۈششەك تىجارەتنى كۆپ قىلغان.تاپاۋىتىممۇ يامان ئەمەس بولغان.ھازىر «خەلق»ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمەن.بەزىدە خىزمەتنى تاشلاپ چىقىپ باشقا ئىش قىلىپ باققۇم كېلىدۇ،لېكىن كەسپىمنى سۆيىمەن،كەسپىمنى تاشلاشقا زادىلا كۆزۈم قىيمايدۇ،سودا قىلىۋاتقانلارغا ھەۋەس قىلىمەن.
    بەزىدە بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ،بىر تەرەپتىن قوشۇمچە پۇل تېپىشنى ئويلايمەن،ھەم شۇنداقمۇ قىلىپ باقتىم.لېكىن ئىككىنى تەڭ ئېلىپ ماڭالمىدىم.پۇلنى ئوبدانراق تاپقاندا ئۆز خىزمىتىمگە ئوبدانلا تەسىر يەتتى،خىزمەتتە نەتىنجىگە ئېرىشكەندە بولسا پۇل تاپالمىدىم(مائاش بۇنىڭ سىرتىدا).ئايال كىشىگە بىر ئىش قىلماق نېمانچە قىيىندۇ دەپ ئويلاپ كەتتىم.ھەر كۈنۈم جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.بەزىدە خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايىتقاندا ئاپتوبۇستىلا ئۇيقۇغا كېتىپ قالىمەن.ھەر كۈنى 24 سائەت يېتىشمەيلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.ئۆزۈم مۇشۇنداق جىددىيچىلىككە كۆنۈپ كەتتىم.ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرنىمۇ كۆرىمەن.ھەجەپ تولا ۋايساپ كەتتىم.ئىشقىلىپ تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن،نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدىم.بەزىدە يولدا كېتىۋېتىپ بەزى بىر ئىشلار كۆزۈمگە چېلىقسا،كاللامغا بىر ئەقىل كېلىدۇ،ھەي،مۇنداقراق بىر تىجارەت قىلىپ باقسام،خەق قىلىپ باقماپتىكەنتۇق دەپ ئويلايمەنۇ،خىزمىتىم خىيالىمغا كېلىپ،كاللامدا يانغان چىراغ شۇ زامان لاپپىدە ئۆچىدۇ.تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن مەن ئۆز-ئۆزۈمگە باھانە كۆرسىتىپ سودا قىلىشتىن قېچىۋاتامدىم دەپ سوئال قويۇپ باقتىم.ھازىرچەجاۋاب يوق.

UID
31618
يازما
73
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-18
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 23:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە توغرا .سودا دىگەن چاخچاق قىلدىغان نەرسە ئەمەس كاللا ئىشلىتىپ ئويلىنىپ قىلىش كىرەك ھەر قانداق سودىنى .بولمىسا پۇل تاپالمايلا قالماستىن ئاسانلا ۋەيران بولۇش گىردابىغا بىرىپ قالىدۇ

UID
46426
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-9-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 21:43:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىېمۇ ئوز  ئالدىمغا ئىگىلك تىكلەش ئويۇم بار ئىدى بۇ تېمىڭزنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ تېخى نۇرغۇن جەھەتتە كام ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم ، سودا مىڭ ئولۇپ مىڭ تىرىلگەندەك جاپالىق ، ئوزىمىزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئوزىمىز ياشىغان مۇھىتقا ئاساسەن ئش تۇتۇش يەنىلا ئالدىنقى شەرت ئىكەن ،باشقىلار قىلغىننى مەنمۇ قىلىمەن دېگەن ئىدىيە بىزنى ئاخىىرىدا زىيانغى باشلايدۇ خالاس.......

UID
9932
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
159
تىزىملاتقان
2011-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 00:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 12ياش ۋاقتىمدا تىجارەتنىڭ كوچىسىغا كىرگەن.مانا بۇگۇنگىچە ھىس قىلغىنىم سودىدا.ئەقىل،پەم ،راسچىللىق ، تەۋەككۇلچىلىك ، سەمىمىلىك............ تەڭ يىتىشكەن  بۇلىشى لازىمكەن .
گەپنىڭ مىغىزى: يول توغرا بولسۇن ،پۇل ھالال دىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش