تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 967|ئىنكاس: 8

‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ›› ۋە قان-تەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
511
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
11772
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
259 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 19:56:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ›› ۋە قان-تەر
  
تۇردى توختى

‹‹ساي ئوتتۇرا›› بۇ-كەلپىن ناھيىسىنىڭ يۈرچى يېزىسىغا جايلاشقان يۈرچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئامىباپ ئىسىمى ، بۇ ئىسىم كەلپىندىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان،كىشىلەر ھېلىھەم سېغىنىش بىلەن پەخىرلىنىپ تىلغا ئېلىشىدىغان، ئەڭ ‹‹مۆتىۋەر››ئىسىملارنىڭ بىرسى.
يۈرچى يېزىسى كەلپىن ناھيىسىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان،نۇپۇسى ئون نەچچە مىڭ كىشى بولغان،تېرىلغۇ يىرى قىس،سۈيى ئاز ئەمما سۇ مەنبەسى تۇراقلىق(كەلپىننىڭ ئىچىملىك ۋە دىھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان بارلىق سۈيى بۇلاق سۈيى بولغانلىغى ئۈچۈن سۇ مەنبەسىدە ئۈزۈلۈش بولۇپ قالمايدۇ)بولغان كىچىكى يېزا.بىراق ئۇنىڭ ئەل ئىچىدىكى شۆھرىتى بولسا شىنجاڭ رايۇنىدىكى ھەرقانداق ئورۇننىڭكىدىن كام ئەمەس،چۈنكى بۇ يۇرتتا ئىنتايىن تىرىشچان،ئىنتايىن نۇمۇسلۇق، مائارىپقا ئۆزىنىڭ بارلىغىنى ئاتاش بىلەن بىرگە،مائارىپنى يۈرچىلىكلەر ئۈزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان قۇرالى قىلىپ كەلگەن .(ئەمىليەتتە كەلپىن خەلقىنىڭ ئۇمۇمى روھى-ھالىتى مائارىپ بىلەن چۇڭقۇر باغلانغان) شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كەلپىن خەلقى،جۈملىدىن يۈرچى خەلقى پۇتۇن ئاپتونوم رايۇننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بەلگۈلۈك تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ ياشاپ كىلىۋاتىدۇ.نۇپۇسىنىڭ ئاز،يىرىنىڭ قىس،سۈيىنىڭ كەمچىل بۇلۇشى بۇ يۇرتتا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ياشاش روھىغا ھېچقاچان تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.بۇ يۇرتتا ياشىۋاتقان خەلىقنىڭ يانا بىر كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكى بولسا-شەخسى تازىلىق ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ،بۇ كەلپىن خەلقىنىڭ ئۆي تۇتۇش ۋە كىيىم كىچەك،يېمەك ئىچمەك مەدىنىيىتىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.بۇ يەردە ئۆسۈپ يىتىلگەن خەلق جۇشقۇن،چېچەن،دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش روھى كۈچلۈك بولۇپ،ھۈكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى راۋان چۈشىنىدۇ.شۇنداقلا قانۇن ئېڭى يۇقىرى بولۇپ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدۇ.ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئېلىپ بارغان ھەركىتىگە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.يۇقىرى دەرجىلىك رەھپەرلەر بىلەن قانۇن-سىياسەتنى چىقىش قىلىپ زۇكۇنلىشالايدۇ.بۇ يۇرتتا ياشاۋاتقان سۇيۇملۇك قېرىداشلىرىمىز مېھماننى ئۇلۇغلايدۇ،ئۆزى يىمىگەننى مىھمانلار ئالدىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرشىدۇ،بىرسىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە خۇلۇم-خوشنىلىرى قىزغىنلىق بىلەن شۇ مىھماننى ئۆيلىرىگە چاقىرۋېلىشقا ئالدىرايدۇ.كەلپىن خەلقى ئىناق خەلق بولۇپ بۇ ھال-ئۇلارنىڭ مۇساپىرچىلىق تۇرمىشىدا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ(سىرتتا ئوقۇش،سودا قىلىش،خىزمەت قىلىش،سەپەرگە چىقىش …قاتارلىقلاردا بۇ خىلدىكى ئىناقلىق ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىپادىلىنىدۇ.)
يىغىنچاقلىغاندا كەلپىن خەلقى –كەلپىننى سۆيىدۇ،ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ،ئۆزىگە ئىشىنىدۇ،يۇقسىزلىق ئالدىدا تەمتىرەپ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالمايدۇ،ياشاشنىڭ تۇرلۇك يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ،ئۈزىگە نومۇس ئېلىپ كەلدىغان ئىشلاردىن يىركىنىدۇ،ھەق-ناھەق قارشى كۈچلۈك،ئىنتايىن ئەپۇچان بولۇپ،ئىنساب-دىيانەت بىلەن ياشايدۇ،بۇ –كەلپىن خەلقىنىڭ ياشاش مىلودىيەسى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ داڭلىق شائېرىمىز ئابدىرېھىم ئابدىلا‹‹داۋانلىق يوللار››دېگەن ئەسىرىدە ‹‹..بۇ يۇرتتىن ئالىممۇ،زالىممۇ چىققان،بىراق دىۋانە،جالاپ،قەللاب چىقمىغان…››دەپ كەسكىنلىك بىلەن بۇ ھۈكۈمنى ئوتتۇرىغا قويالىغان.قىسىقى يۈرچى خەلقىمۇ مۇشۇ خىزىر سۈپەت كەلپىن خەلقىنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمى بولۇپ،يۇقىرىقى سۈپەتلەر بۇ خەلق ئۈچۈنمۇ تولىمۇ ماس كېلىدۇ.
1.‹‹ساي ئوتتۇر مەكتەپ››نىڭ تارىخى
كەلپىن ناھيىسىدىكى تۇنجى مىللى ئوتتۇرا مەكتەپ 1956-يىلى قۇرۇلغان،بۇ مەكتەپ ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى››نىڭ تەتۈر قۇيۇنىنىڭ تەسىرىدە 1971-يىلى يۈرچى يېزىسىنىڭ يۈرچى كەنىتىڭ گەزلىك يېزىسى تەرەپتىكى بىر سايلىق ئورۇنغا يوتكىۋېتىلگەن شۇ چاغدا بۇ مەكتەپنىڭ نامى ‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››دەپ ئاتىلىپ،133ئۇغۇچىغا 13نەپەر ئۇقۇتقۇچىغا ۋە تۆت سىنىپقا ئىگە بولغان تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ،رەسمى قۇرۇلغان.1996-يىلى 8-ئاينىڭ21-كۈندىكى زور كەلۆۈن ئاپىتىدە مەكتەپ تولۇق ۋەيران بولۇپ،شۇ يىلى ئىش باشلىنىپ،كىيىنكى يىلى ئەسلىدىكى ئورنىدىن 250مىتىر ئەتراپىدا گەزلىك يېزىسى تەرەتىكى تۆپىلىككە سېلىنىپ 1997-يىلى 9-ئايدا رەسمى ئوقۇش باشلانغان.مەكتەپ پۈتكۇچە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ بىر بۆلىكى ناھىيىلىك 1ئوتتۇرا مەكتىۋىدە،يەنە بىر بۆلىگى تومىرىق باشلانغۇچ مەكتىۋىدە(چۈشتىن بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكىلەر،چۈشتىن كېيىن يۈرچى ئوتتۇرا مەكتىۋىدىكىلەر ىسىمىنا ئالمىشىپ ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارغان) بۇ مەكتەپنىڭ تازا گۈللىنىپ روناق تاپقان مەزگىللىرىدە ئوقۇغۇچى سانى 1000ئەتراپىغا ئوقۇتقۇچى-ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ سانى67نەپەرگە يەتكەن.مەكتەپ 2011-يىلى 10-ئايدا يۇقىرىنىڭ مەكتەپلەرنى قۇشىۋېتىش سىياسىتىنىڭ روھى بۇيۇچە  ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشىۋېتىلگەن.مەكتەپ 40يىللىق شانلىق تارىخىدا جەمئىيەت ئۈچۈن 6619نەپەر مەدىنىيەتلىك ئەمگەكچى تەربىيلەپ بەرگەن بۇ سان يۈرچى يېزىسىدىكى ئۇمۇمى نۇپۇسىنىڭ %50نى ئىگىلەيدۇ.
2.‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››نىڭ شارايىتى
مەكتەپ 1971-يىلدىكى كۆچۈشتە يۈرچى كېنىت تەۋەسىدىكى گىيا ئۇنمەيدىغان ‹‹غىڭ ساي››غا يېزىدىكى كەڭ دېھقان ئاممىسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ سېلىنغان بولغاچقا شارايىتى بەك ناچار،تۇپراق،سۇ مەسىلى ئىنتايىن قىيىن،كۆكەرتىش ئىشلىرى بەكمۇ جاپالىق بولۇپ،بۇ مەكتەپ ئۈچۈن يۈرچى يېزىسىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈزۈلمەي قان- تەرى سىڭگەن.بۇ مەكتەپنى كۆكەرتىش ئۈچۈن چوقۇم تۇپراق،مۇھىمى سۇ بۇلۇشى كېرەك.بۇ زىمىندا ھەر ئىككىلىسى يوق،قانداق قىلىش كېرەك؟شۇ چاغدىكى مەكتەپ مەسئۇللىرى توپىنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تۇشۇش ئارقىلىق  مەكتەپنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يۈدىسى(ئۇقۇغۇچىلار قاپقا توپىنى ئۇسسۇپ،يۈدۈپ تۇشىيدىغان ئەمگەك)ئارقىلىق توپىنى مەكتەپ ئىچىگە يوتكەپ،مەكتەپتە كۆكەرتكۇدەك ئورننى پەيدا قىلىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن(بۇنداق قىلمىغاندا سۇ بولماسلىق سەۋەبى بىلەن،تىككەن كۆچەتلەرنىڭ ئەي بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس،چۈنكى يېزىلىق ھۈكۈمەتنىڭ سۈيى 20كۈلەر ئەتراپىدا بىر كېلىدۇ،بۇ يىگىرمە كۈنگۈچە تىككەن ،تېىرىغان نەرسىلەر قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالىدۇ،توپا توكۇپ تىكسە توپىنىڭ نەملىك ساقلاش ئىختىدارىدىن پايدىلىنىپ كۆكەرتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ) توپا تۇشۇش ئەمگىگى جەريانىدا(1977-يىلى) مەكتەپنىڭ مۇننەۋەر ئۇقۇغۇچىسى ئادىللا مەپىزنى يار بېسىۋېلىپ،قىممەتلىك ھاياتىنى ‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››نىڭ كۆكەرتىش قۇرلىشى (شۇ مەسۇمنىڭ قېننى ئىچمىسە كۆكەرمەيدىغاندەك) مەڭگۈگە ئېلىپ كېتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۆكەرتىش ئىشنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايتتى،چۈنكى بۇ سايلىقتا ئاپتاب بىلەن قەھرىتان سوغۇقتىن باشقا نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى،نەچچە ئون مۇئەللىم بار ئىدى.بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىمىسا تومۇز ئىسسىقتا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىمۇ قايناپ كېتەتتى،بۇ ھال ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتەتتى…مۇشۇنداق جاپالىق كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە مەكتەپكە تۈرلۈك كۆچەتلەرنى تىكىپ،ئۇنى ئادەمنى پەرۋىش قىلغاندىنمۇ بەكرەك پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق ھاياتلىققا ئىرىشتۈردى.بۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان سۇ بۇ جايدا قان بىلەن ئوخشاش،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھاياتلىقنىڭ ھاياتى كۈچى يوق دىيەرلىك.بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟.بۇ مەسىلىنى يانىلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلمىسا بولمايتتى.شۇ چاغدىكى ئەقىللىق ئۇستازلار ھەر بىر ئوقۇغۇچى كۇنىگە ئىككى بوتۇلكا سۇ ئىلىپ كىلىشنى بىر بوتۇلكا سۇنى ئۆزلىرى ئىچىش،يەنە بىر بوتۇلكا سۇنى كۆچەتلەرگە ئۈچۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئادەم ۋە كۆچەتلەرنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان(بىر بوتۇلكا سۇنى بوتۇلكىغا پىلىك بىكتىپ كۆچەتكە ئېسىپ تېمىتقان،ئۇ بىر-ئىككى كۈندە كۈچەتنىڭ تۈۋىگە تىمىپ بولغان،بىر-ئىككى كۈندە بوتۈلكىلار يەنە باشقا كۈچەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغان) مۇشۇنداق جاپالىق شارايىت ئاستىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھى تاۋلانسا دەل دەرەخلەرنىڭ بەرداشلىق بىرىش كۈچىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان.(بۇ دەل دەرەخلەر بىر يىلدا كېمىدا ئىككى قېتىم،بولمىغاندا ئۈچ قېتىم قايتا غازاڭ چىقىرىشقا مەجبۇر بولسىمۇ زادىلا قۇرۇپ كاتمەيتتى) تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش داۋاملاشماقتا بىر-بىرنىڭ ئىزىنى بېسىپ چىقىۋاتقان ئىزباسارلار ‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ روھى››نى جارى قىلدۇرۇپ،يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.1979-يىلى ماڭىمۇ بۇ مەكتەپكە چىقىپ ئوقۇش نىسىپ بولدى،بۇ دىگەنلىك  ياشاشتىكى يەنە بىر بېسىم كۆپەيدى دىگەنلىك ئىدى.شۇ يىلى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلارغا تايىنىپ بىر كۆل(سۇ ساقلاپ ئىچىدىغان كۆلچەك) چېپىپ،ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولۇپ كۆلنى چاپتۇق.قانداق قىلغاندا بۇ كۆلدە سۇنى سۇپەتلىك ھەم ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىدە ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز باش قاتتۇرۇپ،ئاخىرى ئۆستەڭ بويلىرىغا چىقىدىغان يەرلىك چىمنى كۆل ئىچىگە ياتقۇزۇشنى قارار قىلدى.ئۇقۇتقۇچىلار چىم بار ئورۇندىن چىمنى كەتمەن بىلەن تومىراپ بېرەتتى.بىز بۇ چىملارنى خۇددى گۈھەرنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ قۇچىقىمىز بىلەن كۆتۈرۈپ كۆل بېشىغا ئېلىپ كەلەتتۇق،يانا بىر قىسىم مالىملىرىمىز بۇ چىملارنى كۆل ئىچىگە ئۆيلەرگە خىش ياتقۇزغان شەكىلدە ئاۋايلاپ ياتقۇزاتتى.بىز شۇنداق چارچىساقمۇ خۇشال ئىدۇق،بۇ ئەمگەكتىن زىرىكىپ قېچىپ كەتكەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ يوقلىغىغا ھېلىھەم چۇڭقۇر ئىشىنىمەن.چۈنكى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بۇ كۆل پۈتسە چوقۇم بىز ئىچىدىغا سۇدىن قىينالمايتتۇق.شۇنداق جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بۇ كۆلنىمۇ پۈتكىزىۋالدۇق،ئەمدىكى مەسىلى كۆلگە سۇ باشلاش ئىدى،بىر كۈنى ئەتتىگەن مەكتەپكە كەلسەك بىزنىڭ بۇ كۆلىمىزدە سۈپ-سۈزۈك،لىقمۇ-لىق سۇ تولۇپ تۇرۇپتۇ،بۇ سۇ ماڭا شۇنداق چىرايلىق ھەم يېقىشلىق تۇيۇلۇپ كەتكەنكى ئۇنىڭ سىماسى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا بار.ساۋاقداشلار مۇشۇنداق ھاياجان  ئىچىدە تەنتىنە قىلىۋاتقاندا مەكتەپ مۇدىرىمىز ئوغۇل ئۇقۇغۇچىلارنى كۆلگە چۈشۇپ سۇ ئۈزۈپ ئويناشقا بۇيرىدى،بىزنىڭ بۇ سۇنى پەقەتلا مەينەت قىلغۇمىز يوق ئىدى،شۇنداقتىمۇ ئۇستاز روھىنى مۇقەددەس بىلىپ ئوغۇل ئۇقۇغۇىلار سۇغا چۈشۈپ،كۆل ئىچىدە ئۈزۈپ ئويناشقا باشلىدۇق،ئارىدىن بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندە بىزدىكى سۇغا بولغان ‹‹چۇقۇنۇش›› سۇسلاپ خۇشاللىق بىلەن،قىن-قىنىمىزغا پاتماي سۇ ئۈزۈشتۇق،سۇنىڭ ئىچىدە بىر-بىرىمىزنى بېسىشىپ،سۇرۇشۇپ…ئوينايتتۇق.بۇ ھال بىر ھەپتىدەك داۋاملاشتى،كېيىن چۈشەنسەك مۇشۇنداق سۇ ئۈزۈپ كۆلنىڭ ئاستى-يان قىسىملىرىغا ياتقۇزغان چىمنى دەسسەپ،توپىسىنى ساينىڭ كۆزلىرىگە كىرگۈزۈپ،كۆلنىڭ ‹‹كۆز››لىرىنى ئىتىۋەتسەك كۆلدە سۇ ئۇزاق ساقلىنىدىغان ئىش ئىكەن.كۆل پۈتۈپ سۇ مەسىلىسىنى(ئىچىملىك سۇ)سەل پەسەيتكەن بولسىمۇ بىراق بۇ سۇ مەسىلىسىنى زادىلا ھەل قىلالمىدى.يازنىڭ كۈنلىرى ھەپتە ساقلانغا سۇنىڭ بۇزلۇپ قالىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان،شۇنداق بولسىمۇ بىز بەزىدە بۇ سۇنى كۆل قۇرۇپ كەتكۈچە ئىچەتتۇق…لېكىن روھىمىز يانىلا كۆتىرەڭگۈ ئىدى.كۆل سۈيى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىدىن سۇ ئېلىپ كىلىشتەك تارىخىغىمۇ خاتىمە بېرەلمىدى،چۇنكى كۆل سۈيى يىتىشمىگەندىن سىرت يانا بىز سۇغىرىدىغان كۆچەتلەرمۇ بىزگە قاراشلىق ئىدى.قانداقلا بولمىسۇن بىز ئالغا ئىلگىرلىۋاتاتتاق،كۆچەت تىككەن ئورۇنلارغا تۈرلۈك سەي-كۆكتات ۋە قوغۇن تاۋۇزلارنى تېرىپ،كۆچەتلەرنىڭ ياشاش شارايىتىنى ياخشىلاپ، كۆچەتنىڭ تىزراق چوڭ بولۇپ بۇ قاقاس سايغا سايا تاشلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتۇق.بۇ جەرياندا مەكتەپ‹‹مەكتەپ ئىچىگە چىققان شاپ،قوخاق شىۋىقى،ئاق-كۆك تىكەن،ئادراسمان…قاتارلىق ساي ئۆسۈملىكلىرىنىمۇ ئاسراش،بىرنىمۇ ئېلۋاتماسلىق ››توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.دىمىسىمۇ بۇ ئۆسۈملۈكلەر بۇ سايغا ئۆزگۈچە ‹‹گۈزەللىك›› ئاتا قىلىپ تۇراتتى.1982-يىلى بىزنىڭ بۇ مەكتەپتىكى ھاياتىمىز ئاخىرلىشىپ يۇقىرى ئورلەپ ئۇقۇشقا توغرا كەلدى.بىراق ئارقىمىزدىن چىقىدىغان مەكتەپداشلىرىمىزغا شۇ قىيىنچىلىقلار شۇ پېتى قالدى،ئۇلارمۇ بىزدەك،ۋە بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى قېرىداشلىرىمىزدەكلا ئاشۇ جاپانى چەكمىسە،ئۈزىنىڭ كەلگۈسىنى تاپالمەيتتى.
بۇنىڭدىن باشقا يانا مەكتەپنىڭ يىتىشمىگەن ئۆي ئىمارەتلىرىنىمۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلەتتى.تەتىلدە  مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلار شۇنداقلا بىزنىڭ سۇيۇملۇك ئۇستازلىرىمىز( ھەر يازلىق تەتىلگە قۇيۇپ بىرىشنىڭ ئالدىدا بىر ھەپتە)،كېسەك قۇيۇپ،كېسەكنى تەتىل جاريانىدا يوقلاپ ئۆرۈپ قۇرتۇپ،تەتىلگە يىغىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە مەكتەپ ئىچىگە ئوقۇغۇچى كۈچى بىلەن يوتكەپ،ئۇقۇتقۇچىلار ياتىغى،قىسمەن ئولتۇراق ئۆي ۋە ئۇقۇغۇچىلار ھاجاتخانىسى…قاتارلىقلارنى سېلىپ، مەكتەپ شارايىتىنى ياخشىلاشقا زور تۆپىلەرنى قوشقان.
بىز بىرنەچچىمىز 1985-يىلى7-ئايدا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ،9-ئايدا ئانا مەكتىۋىمىزگە ئىشقا چۈشتۇق.بىز مەكتەپكە كېلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكىمىتىنىڭ  دائىمى رەئىسى،ئاتۇنۇم رايۇننىڭ دائىمى ھەيىتى،يازغۇچى توختى سابىرنىڭ 1984-يىلى مەكتەپكە كېلىپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ  ئىچىملىك سۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن  بىر شەرق شامىلى ماركىلىق بەش توننىلىق ماشىنىدىن بىرنى بەرگەنلىكىنى بىلدۇق،بىراق مەكتەپ كەمبىغال بولغاچ سۇ قاچىلايدىغا چوڭ باك ئېلىشقا قۇربى يەتمەي،ماشىنىنى تۇرمۇشنىڭ باشقا ئېتىياجلىق تەرەپلىرىگە ئىشلىتىشكە مەجبۇ بولغان. بۇ ماشىنىمۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان،1986-يىلى مەكتەپكە ۋادىپورىۋوت تۇرۇپپىلىرى كىردى بىز ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار بەكمۇ خۇش بولدۇق.بىراق بۇ تۇرۇببىلاردىن قىش ۋاختىلىرى ئازراق سۇ چىققاندىن باشقا ۋاقىتتا سۇ چىقمايتتى،مەسىلە يانىلا مەسىلە سۈپىتىدە قېلىۋەردى.1996-يىلدىكى قىيان ئاپىدىىن كېيىن مەكتەپ ئورنىدىن يوتكىلىپ سېلىنغان بولسىمۇ سۇ مەسىلىسىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ھەل قىلالمايلا قالماي بۇنىڭ ئۈستىگە توك مەسىلىسىمۇ يەنە بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى.شارايىت قانچە ناچار بولمىسۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھى شۇنچە كۆتىرەڭگۈ ئىدى.
2000-يىللارنىڭ كىرشى بىلەن زامانىۋى ئۇقۇتۇش ئىشلىرى تەكىتلەندى،مەكتىۋىمىزگە ئىئانى سۈپىتىدە بىر-ئىككى كومپىيۇتېرمۇ كىرگەن بولدى،ئارقىدىنلا كۆمپىيۇتېر سىنىپلىرى قۇرلۇشقا باشلىدى.بۇلار قۇرۇلغان بىلەن توك مەسىلىسى سۇ مەسىلىسىگە ئوخشاشلام ھەل بولمىدى.يېزا توك يوللىرىنى تەرتىپكە سېلىشتەك دۆلەتنىڭ چوڭ قۇرلۇشى يولغا قويۇلغاندا، پۈتۈن يېزىنىڭ توك يوللىرى ئۆلچەملەشتۈرۈلدى.‹‹كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ئېلىشى بامۇ››دىگەندەك مۇشۇنداق چوڭ قۇرلۇشنىڭ خەرتىسىدىن مەكتەپنىڭ خەرتىسى(توك تارتىش پىلان خەرتىسى،سىم يوللىرى خېرىتىسى)تېپىلمىدى.قۇرلۇش قىلغانلار مەكتەپكە قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كەتتى.چوڭ سىم يولىنى بولسا مەكتەپ ھۆيلىسىدىن ئۆتكۈزدى.
توك بىلەن سۇ بۇ مەكتەپنىڭ تەرەقىيادىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ كۈشەندە ئىدى.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي مەكتەپ شارايىتىنى ياخشىلىدۇق دېگەن قۇرۇق گەپكە تەڭ ئىدى.بۇ ئىككى مەسىلىنى چوقۇم ھەل قىلماي بولمايتتى.قانداق قىلىش كېرەك؟
2004-يىلى مەكتەپ رەھبەرلىكى ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسى،ناھىيىلىك مىللىي-دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ(بۇ يەردە مەكتىۋىمىزنىڭ سابىق ئۇقۇغۇچىسى،شۇ چاغدىكى مالىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى مۇسا ئىبرايىمغا ئالاھىدە رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن)،ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات فۇندىدىن 100000يۈئەن ھەل قىلىپ،مەكتەپ ئىچىگە قۇدۇق قاققۇزۇپ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىماقچى بولدۇ،2005-،2006-يىللىرى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئاقسۇدىن قۇدۇق ئەترىتىنى تەكلىپ قىلىپ(بۇ يەردە مەكتىۋىمىزنىڭ سابىق ئۇقۇغۇچىسى ئەينى ۋاقىتتىكى سۇ ئىدارىسىنىڭ باشلىغى غېنى راخمانغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىيمەن) قودۇق كۆلاتقان بولساقمۇ،مۇۋاپىقىيەتلىك كۆلاشقا مۇمكىن بولمىدى.بۇ چاغدا يېزىلىق پارتىكوم ‹‹بۇ پۇلغا باشقا جايغا قۇدۇق كولىتىمىز پۇلنى قايتۇر›› دەپ بېسىم قىلدى.بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات فۇندىنىڭ قاتتىق سىياسەتلىرىنى قالقان قىلىپ،بۇ پۇلنى يېزىغا بەرمىدۇق،ھاتتا يېزىلىق پارتىكومنىڭ سېكرىتارى بىلەن قاتتىق ئازارلاشتۇق.2008-يىلىغا كەلگەندە بۇ پۇلنىڭ دەتالىشى ناھىيىلىك پارتىكومغا يەتتى،ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىدىمۇ نۇرغۇن ‹‹بىچارىلەرچە››كۈننى ئۆتكۈزدۇق،لېكىن پۇلنى بەرمىدۇق،ئاخىردا نەھيىلىك پارتىكوم تەكشۇرۇش ئارقىلىق بۇ پۇلغا مەكتىۋىمىزنىڭ لەنچۇر،پەيچۇر مەيدانلىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇوپ،ئۆلچەملىك ياساپ بەرگەن بولدى.نىمىلا دىمەيلى مەسىلە تېخى مەسىلە پېتىدا ئىدى.
2008-يىلى بىزنىڭ بەختىمىز كەلگەن يىلى بولدى چۈنكى بۇ يىلدا سۇ مەسىلىسىمۇ،توك مەسىلىسىمۇ بىراقلا ھەل بولدى.توك ئىشىنى ئەينى چاغدىكى ۋىلايەتلىك توك ئىدارىسىنىڭ ھەيئىتى،تېخنىك  ئابدىسالام ئادىرېھىم(مەكتىۋىمىزنىڭ سابىق ئۇقۇغۇچىسى،بۇ يەردە ئۇنىڭغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن) ئانا مەكتىۋىدە ھازىرغىچە توك مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل-كىسىل ھەل بولمىغانلىنى ئاڭلاپ 100000يۈئەن مەبلەغ ھەل قىلىپ،يۇقىرى بېسىملىق توكنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىپ بەردى،قالدى ئىشلىرىنى ناھىيىلىك توك كۇچى ئىدارىسىگە ھاۋالە قىلىپ،توكنى راۋانلاشتۇرۇپ بەردى،شۇ يىلى 9-ئايلاردا ناھىيىلىك خەلق ھۈكىمىتىنىڭ ماۋىن ھاكىمى بۇرھان مەھەممەت(ئۈچتۈرپان ناھيىسىدىن) مەكتەپكە خىزمەت تەكشۈرۈپ كىرىپ،ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلۇتتا ئۇقۇغۇچىلارغا سۇ تۇشۇپ بىرىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ سۇ مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى چۈشىنىپ،ئەتىسى ناھىيىلىك ۋادىپورىۋۇت شىركىتىنىڭ جىڭلىسى،سۇ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى ياقۇپجاننى باشلاپ كىرىپ،50000يۇئەن ئەتراپىدا چىقىم قىلىپ،سۇنى ناھيىگە ماڭغان چوڭ تۇرۇپپىدىن ئۇلاپ،مەكتەپنىڭ سۇ ئىشلىرىنى،بۇلۇپمۇ ئىچىملىك سۇ ئىشلىرىنى ئۇمىمى يۈزلۈك ھەل قىلىپ بەردى، ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ئەمدى تارىخقا ئايلاندى(بۇ يەردە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى يولداشقا چىن دىلىمدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن).
3.‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››نى قايتا قۇرۇش
ساي ئوتتۇرا مەكتەپ 1996-يىلى 8-ئايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە پۈتۈنلەي خارابىلىققا ئايلاندى.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنى نەگە سېلىش توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرىلەر مەيدانغا كەلدى.شۇ چاغدىكى مەكتەپ رەھپەرلىرىنىڭ مەقسىدى بولسا،مەكتەپنى كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان رايۇننىڭ ئوترىسىغىراق سېلىش ئىدى.ھۈكۈمەت تېرىلغۇ يەرنىڭ قىسلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ،مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ بۇ پىكىرىنى رەت قىلىپ بۇرۇنقى ئورنىدىن نەچچە يۈز مېتىر نېرسىغا مەكتەپ سېلىشنى قارار قىلدى.ئەسلىدىنلا مەھەللىدىن يىراق مەكتەپ،مەھەللىدىن تېخىمۇ يىراقشىپ كەتتى.سۇنىڭ قىسلىقىغا قارىماي مەكتەپنىڭ دائىرىسى بۇرۇنقىدىن يېرىم ھەسسىدە كۆپىيىپ،ئۇمۇمى كۆلىمى 130موغا يەتتى.ئەسىلىدىنلا شارايىتى ناچار بولغان مەكتەپ ئۈچۈن بۇ بىر يېڭى بېسىمدىن-ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ جاپالىق قان-تەر ئاققۇزۇشىدىن دېرەك بېرەتتى.1996-يىلى 10-ئايلاردا قۇرلۇش قىلىدىغان ئورۇن تۈزلىنىپ،كىيىنكى يىلى ئەتيازدا قۇرلۇش قىلىش باشلاندى،ھۆكۈمەت 1مىليۈدەك مەبلەغ ئاجرىتىپ،دەسلەپكى قەدەمدە 8ئىشخانا،18سىنىپلىق مەكتەپنى سېلىپ بىرىپ،9-ئايدا ئوقۇش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلدى.1998-يىلى يانا خەمىيە،فىزىكا تەجىربىخانىسى ،قىرائەتخانا ۋە تۆت ئۇقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىنى سېلىپ بەردى.بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇتۇش دەسلەپكى قەدەمدە ئىزىغا سېلىنغان بولسىمۇ،مەكتەپ ھۆيلا ئاراملىرىنى رەتلەش،كۆكەرتىش…قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر يانىلا كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ زىممىسىدە قالدى.
2000-يىلىغا كەلگەندە مەكتەپنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرلىشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاش سىياسىتى ئوترىغا قۇيۇلۇپ،مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار،مەكتەپ ھۆيلىسى گۈللۈكلىرى،لىندەي،ئورمان بىنا قىلىشقا تىگىشىلىك باشقا ئورۇنلارغا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ،ئىش باشلىدى.سىياسەت بار،پۇل يوق ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىزمەتلەرگە تۇتۇش قىلدۇق.كەڭ ئۇقۇغۇچىلار ئۆيلىرىدىن ئېشەك ھارۋىسى،قىسمەن قول تەرەكتۈرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ گۈللۈك قىلىدىغان ئورۇننىڭ توپىسىنى(كېيىن سېلىنغان ئورۇندا توپا بار ئىدى)يوتكەشكە باشلىدۇق،ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىدىن قىپقىزىل قانلار ئېقىشقا باشلىدى،ئەمدى ئويۇپ بولۇپ ‹‹ئۇھ››دەپ تۇرىشىمىزغا بۇ ئورۇنلارنى تىندۇرۇش بۇيرىغىنى تاپشۇرۋالدۇق،يوتكىگەن توپىلارنى ئەمدى جايىغا ئېلىپ كېلىش ئەمگىگى باشلاندى،ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار شۇنداق غەيرەت بىلەن بۇ ئىشنىمۇ تامام قىلدۇق.بۇ ئورۇنغا ئەمدى چىم تېرىش كېرەك ئىدى.چىم قىلىسەن دەرەخ تىكمەيسەن دېگەن يوليورۇق بىلەن 2003-يىلغىچە مەكتەپ ھۆيلىسىغا دەرەخ تىكەلمىدۇق،تىككەن نەرسىمىز ئۇ يەر،بۇ يەرنى چەمبەر شەكىللىك ئۆيۇپ،بىرنەچچە تۈپ مەزىرە دەرىخى تىكىش بىلەن قانائەتلىنىش بولدى.2003-يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىدىن ئابدىراخمان پولات مۇئەللىم كېلىپ،كۆچەت تىكىش تەكلىپنى بەرگەندىن كېيىن گۈللۈك چۆرىلىرىگە تۈرلۈك كۆچەتلەرنى تىكتۇق.
مەكتەپنىڭ ئەسلىدىكى سايلىق ئورۇننى شۇ پېتى تاشلىۋېتىشكە بولمايتتى شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرى باشلىنىپ كەتتى.2000-يىلىدىن باشلانغان ئۆزگەرتىش ئىشلىرى 2008-يىللارغىچە داۋام قىلدى نەتىچىدە مەكتەپنىڭ كونا ئورنىغا 60مو ئەتراپىدا(ئىگىركى مەكتەپ بېغىنى قوشقاندا)مىۋىلىك باغ بەرپا قىدۇق،سۇ قويۇش نۆۋىتى كەلگەندە مەكتەپ مۇدىرى ۋە باشقا ئۇقۇتقۇچىلار سۇ تۇتۇپ سۇ قوياتتۇق،بۇنداق قىلمىغاندا سۇنى باشقىلار ئېچىۋالاتتى-دە،ئاران كەلگەن سۇ مەكتەپكە يىتىشمەي،كېيىن سۇ كەلگۈچە بەزى ئورۇنلار قۇرۇپ كېتاتتى.
نىمىلا دىمەيلى ئىگىلمەس ‹‹ساي ئوتتۇرا روھى›› بۇ زىممىنى باش ئەگدۈردى.جاپالىق ئەجرىمىز مېۋە بەردى.مەكتەپ يېشىللىققا پۇركەندى.
ھىچنىمىدىن قورقىمايدىغان ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدىكى 40مو ئەتراپىدىكى بوشلۇققا بىر ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى قۇرۇپ چىقىشنى ئوترىغا قۇيۇپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمىشىنى يانىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ،بېيىتىش مەقسىدىدە بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىدى.بارلىق ئۇقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ شارايىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئەمگەككە قاتناشتى،ئېشەك ھارۋىسى،تەرەكتۈر،ھەتتا مىشىنىلارنى تېپىپ كېلىپ بۇ مەيداننىڭ يۈزىنى توپا بىلەن قاتتۇرۇپ چىقىشقا كىرىشتى،جاپالىق ئەمگەك،قىزغىن ھىسىيات،كۆڭۈللۈك تۇرمۇش بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن توپا تۇشۇش پالىيىتى شۇنداق جانلىق ئېلىپ بېرىلدى،بۇ ئىشتى ھىچكىم ۋايسىمىدى.سىنىپ مەسئۇللىرى ئۇقۇغۇچىلارغا يېنىدىن پۇل چىقىرىپ،ئۇسۇزلۇق، نان قاتارلىقلارنى ئېلىپ بەرسە،ئۇقۇتقۇچىلار يىغىش قىلىپ ماشىنىدا توپا تۇشۇپ كىراسىنى بىرىشەتتى،مەيلى ئەر ئۇقۇتقۇچىلار،مەيلى ئايال ئۇقۇتقۇچىلار،مەيلى ساۋاقداشلار بولمىسۇن شۇنداق قىزغىن ئىدى.بۇ ھال باشقىلارنى بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانىلارنى تەسىرلەندۈردى،قېرىداش مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنى تەسىرلەندۈردى،مائارىپ ئىشخانىسىدىكى يولداشلارنىڭ ھىسىداشلىقىنى قوزغىدى،ئۇلارمۇ بىركىم تەشكىللىمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن قاتنىشىپ،بۇ ئىشقا ياردەم بەردى.(مەن مۇشۇ يەردە ئۆزلىكىدىن بىزگە يەردەم بەرگەن كىشىلەرگە چۇڭقۇر ئېتىرام بىلدۈرۈمەن)،ئىش قىلىپ ھۆكۈمەت راسخودىغا تايانماي(بۇ چاغدا مەكتەپلەردە پۇل يوق،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كاماندىروپكىسىغىمى كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان ۋاقىتلار ئىدى،ئىقدىساتنى مائارىپ ئىشخانىلىرى باشقۇراتتى) بۇ پۇتبول مەيداننىنىمۇ پۈتكىزىۋالدۇق،مەيدان ئاددىي بولسىمۇ ئۆلچەملىك 400مىتىرلىق يىنىك ئاتلىتكا مىيدانى لاھيىلىنىپ،ئوترىسىغا ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى ياسالدى(مەيدان شارايىتى ئۆلچەمگە يەتمىسىمۇ،سان سىپىرلار تولۇق ئۆلچەملىك لايىلەنگەن).بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىلار توپىلىق مەيداندا قانماي پۇتبول ئوينىسا مەكتە بۇ توپلىق مەيداندا ھەر يىلى تەنتەربىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتۇق.بۇ مەيدان بىزگە ھەرقانداق مەيداندىن يېقىشلىق،قولايلىق،ئۆلچەملىك،بىز بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەندەك بىلىنەتتى،ھەرگىزمۇ توپا-چاڭ بېسىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بەرمەيتتى.
2004-يىلى مەكتەپكە يانا بىر تۇركۇم ئۈمۇت قۇرلىشىغا تەۋە بولغان قۇرلۇش قىلىنىدى،بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنى ئۆي-ئىمارەتلىرى تولۇق ئۆلچەمگە يەتتى.مەكتەپنىڭ سىنىپلىرى،ھەر قايسى خانىلىرى،تۈرلۈك پالىيەت ئۆيلىرى ئۆلچەملەشتى،ئەسلىھە ئۇسكىنىلەر دۆلەتنىڭ ‹‹مەجبۇريەت مائارىپىنىڭ تەلىپى››بۇيۇچە سەپلەندى.مەكتەپ قىرائىتخەنىسىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 8مىڭ پارچىدىن ئېشىپ كەتتى.مەكتەپنىڭ ئىچكى ھۆيلىسى قاتتىقلاشتۇرۇلدى.مەكتەپ ئىچى بەئەينى بىر باغچىغا ئايلاندى.ھەرقانداق ئادەم مەكتەپ ھۆيلىسىغا كىرسىلا كۆڭلى خۇش بولدىغان ھالەت شەكىللەندى.بۇ مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق خادىملار ۋە ئۇقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ جاپالىق قان-تەرىنىڭ چىچەك ئاچقانلىغىدىن دېرەك بېرەتتى.81807كۇۋادىرات مىتىرلىق بۇ زېمىن ئۆزىنىڭ پەرزەنتىلىرىنىڭ قولىدا بىر جەننەت كەبىئى باغچىغا ئايلانغان ئىدى.
4.‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››تىكى تۇرمۇش
‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››تىكى تۇرمۇشنى چوڭ جەھەتتىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ.بىرسى ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشى،يەنە بىرسى بولسا ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى تۇرمۇشىدىن ئىبارەت.
1)ئوقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشى- مەكتەپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق،تۇلۇقسىز بىر گەۋىدىلەشكەن مەكتەپ(1979-1981-يىللاردا تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ تەسىس قىلىنغان) بولۇپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ئادەمنى ھەقىقەتەن مەمۇن قىلاتتى.مەكتەپكە ئەتتىگەن كەلگەن ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار چۈش ۋاقىتلاردىمۇ ئۆيلىرىگە قايتىماي ئەتتىگەندە بىر كەلسە كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىيالايتتى،قىسقىسى بىر كۈلۈك پالىيىتىمىز ئۇستازلار بىلەن بىرگە بولاتتى.ئەتتىگە تەرەپتە مەكتەپ ئىچىدە قىزغىن ئۈگىنىش پالىيىتى ئەۋج ئالاتتى.ھەتتا ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلىش ،مەكتەپتىن يېنىش مەزگىلىدە يول ئۈستىدە كىتاپلىرىنى ،كونسىپىك دەپتەرلىرىنى قوللىرىغا ئالپ دەرس تەكرار قىلغاچ ماڭاتتى.كىتاپ كۆتۈرۈپ ماڭغان بۇ ئۇقۇغۇچىلار پۈتۈن زېھنى بىلەن ماتېرىيال كۆرگەچكە يولدىن چىقىپ كېتىدىغان،ياكى قانداقتۇر بىر نەرسىلەرگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىدىغان ئەھۋاللار كۆز ئالدىمىزدىلا يۈز بىرىپ تۇراتتى.بۇ چاغدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولىشى بىلەن بىرگە نىشانى ئېنىق ئىدى.ئۇ بولسىمۇ مائارىپقا تايىنىپ، جاپالىق تۇرمۇش شارايىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىدى.بۇ دەۋرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىنى ئۈگۈنۈش روھى ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈتتى.
چوڭ ئارام دەپ ئاتىلىدىغان چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ جاپالىق يىللاردىكى مەنىۋى تۇرمۇشى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا چىقاتتى.ھەر قايسى سىنىلارنىڭ سىنىپ مۇدىرلىر ھەتتا مەكتەپ مەسئۇللىرىغىچە مەكتەپنىڭ مەيادانىغا چىقىپ(بۇ مەيدانمۇ ئەمىليەتتە بىر سايلىق ئىدى) تۈرلۈك پالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى.بەزى سىنىپلا ۋالىبول ئوينىسا بەزىلىرى ۋاسكىتبو ئوينايتتى،بۇلۇپمۇ ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئوينايدىغان ئۇيغۇر ئويۇنلىرى بەكمۇ قىزىيتتى،چورىدەپ تۇرغان ئۇقۇغۇچىلار قىقاس سۇرەن سېلىشىپ بۇ دۇنيادىكى غەم-غۇسسىلىرىنى شۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنتۇشۇپ كىتىشەتتى.كەلپىندە ئەڭ كۆپ ئوينىلىدىغان ۋاللەي كالتەك،توپ كالتەك،تەپكۈچ تىپىش…قاتارلىق ئويۇنلار ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ ئويناييتى.جازاسىنى ئۇقۇتقۇچىمۇ ئوخشاشلا ئورۇندايتتى،ساختىلىق قىلىشمايتتى.بۇ ئويۇنلار باتۇرلۇقنى،چاققانلىقنى،ئىنكاسنىڭ تىزلىكىنى تەلەپ قىلاتتى،قىسىقىس ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھىنى ۋە جىسىمى تاۋلايدىغان ئويۇنلار ئىدى.ۋاللاي كالتەك ئوينىغاندا كالتەك بىلەن يەردىن ئىلىپ ئۇرۇلغان يۇلغۇن ياكى شىلۋى(تېۋىلىغا)نىڭ ياغىچىدىن ياسالغان، ئادەمنىڭ قولىنىڭ چوڭ بارمىغىدەك توملىقتا،10-12سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ۋاللەينى بىر قولدا تۇتۇش شەرت قىلىناتتى(50-60سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا،دىيامىتىرى4-5سانتىمىتىر ئەتراپىدىكى كالتەك بىلەن ۋاللەينى ئۇرغاندا ۋاللەي ئىنتايىن تېزلىك بىلەن ئۇچاتتى،مۇشۇنداق تىز ئۇچۋاتقان ۋاللەينى بىر قول بىلەن تۇتۇش شەرت قىلىناتتى،تۇتىۋالسا قارشى تەرەپنىڭ بارلىق نۇمۇرلىرى نۆلگە تەڭ بولۇپ ئويۇننى باشلاش تۇتىۋالغان تەرەپكە ئۆتەتتى).قىسمەن ۋاقىتلاردا تىز كەلگەن ۋاللەي ئويۇن ئوينىۋاتقانلارنىڭ قولىنى يېرىۋاتتىتى مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۇلار قىلچىلىك قورقۇپ قالمايتتى.
يۇقارقىدەك ئەنئەنىۋى پالىيەتلەر ۋە كالەنچۈر ۋە باشقا توپ تۈرلىرى كۈندە چۈشتە ئوينىلاتتى.بۇ پالىيەتلەر ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغىتاتتى،ئادەمدە جاسارەت پەيدا قىلاتتى،ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايتتى،ئەڭ يارقىن يىرى ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئارلىقىنى كىچىكلىتىپ بىر-بىرگە ھۆرمەت تۇيغىسى ئاتا قىلاتتى.بۇنداق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئويناش ،ۋە باشقا پالىيەتلەر بىلەن شۇغۇلكلىنىش مەكتىۋىمىز قوشىۋېتىلغۇچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى.
2) ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى مۇناسىۋىتى-دەرستىن سىرتقى پالىيەتلەردە قېرىنداشلارچە شەكىللەنگەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى دەرسخانىدا،ياكى دەرس تەكرار قىلغان چاغلاردا،ئوقۇغۇچى دەرس سورساپ بارغانلاردا دەرھاللا ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۇپ،ئۇقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمەت،ياكى ئۇقۇغۇچىغا قىلىنىدىغان ئىززەت ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى تاپاتتى.ئۇقۇتقۇچىلار ئىنتايىن مەسئۇليەتچان بولۇپ ،دەرس ئۆتۈش،تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۇرۇش …قاتارلىق ئۇقۇتۇشنىڭ ھالقىلىرنى ئىنتايىن چىڭ تۇتاتتى،بۇلۇپمۇ دەرسكە ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ كىرەتتى.تەييارلىق بوش بولۇپ قالسا سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلىرىغا يۈز كېلمەيدىغاندەك ھېس قىلىشاتتى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىچىسى يۇقىرى بولغاچقا سەللە بىخەستە بولۇپ قالسا ئۇقۇغۇچىلار تەرىپىندىن تۇتۇلۇپ قالاتتى.ئۇلار بىلگەننى بىلىمەن،بىلمىگەننى بىلمەيمەن دەيتتى،بۇ سائەتتە ھەل قىلالمىغان مەسىلە بولسا كىيىكى سائەتتە چوقۇم شۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئۇقۇغۇچىلارغا رازى بولغۇدەك چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى،بىلمىگەندىن نومۇس ھېس قىلمايتتى،ئىزدىنەتتى.مەن شۇ چاغلاردا بىر ئۇقۇتقۇچىمىزنىڭ بىر مەسىلىگە نىسپەتەن چۈشىنىشى ئايدىڭ بولمىغاندا ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ كىرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم.
ئۇقۇغۇچىلارمۇ ئۇقۇتقۇچىلارغا شۇنداق ھېرىسمەن ئىدى،قانداق ۋاقىتتا مەسىلىنى ھەل قىلالمىسا ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگىچە ئىزدەپ بېرىپ مەسىلىنى ھەل قىلاتتى،ھەل قىلمىغۇچە بولدى قىلمايتتى.ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدەب بېرىشىدىن خۇش ئىدى،زادىلا بىزارلىق ھېس قىلمايتتى.قىسقىسى ‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››قاينام تاشقىنلىققا چومگەن ھەقىقى ئۈگۈنىش ماكانى ئىدى.
مەكتەپ تۈرلۈك ئۈگىنىش پالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ئىختىدارىنى سىناپ تۇراتتى،بۇلۇپمۇ يېزىقچىلىق ئىشلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ ئېلىپ بېرىلاتتى.نەتىچىدە بىر تۈركۈم بالا شائىر،يازغۇچىلار مەيدانغا كېلىپ،مەكتەپ لاباسىدا شېئىر دىكىلىماتسىيە قىلىش پالىيىتى كۈندە دىگۈدەك بولۇپ تۇراتتى.شۇ چاغدا رومان يازغان،تۈرلۈك جانىردىكى شېئىر قۇشاق ماقالە ئەسەرلەرنى يازغان ساۋاقداشلار بار ئىدى(ئۇ چاغلاردا يازغانلىرىنى مەتبۇئاتلارغا يوللاش قىيىن بولسا كېرەك،مەزمۇنى قاتتىق تەكشۈرۈلەتتى،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەستىقلايتتى-مىنىڭ بىلىشىمچە)
مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ يادۇرۇلۇق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن مەكتەپتىن نۇرغۇن ئىقدىساس ئىگىلىرى يىتىشىپ چىققان.بۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى-غېنى ئابدىرېھىم(دوكتور-ياپۇنىيەدە)،قاھار سامساق(دوكتور-ياپۇنىيەدە ئۇقۇپ،ھازىر شىنجاڭ داشۆدە)،تۇرسۇن قۇربان(دوكتور-ھازىر شىنجاڭ داشۆدە) ئىبرايىم يۈسۈپ(مۇتىخەسىس-ھازىر ئاقسۇ كۆچەتچىلىك مەرگىزىدە…ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى(ھازىر-شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىسىدە…بولۇپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش‹‹ساي ئوتتۇرىدىن چىققان ئەزىمەتلەر››، ئىختىساس ئىگىلىرى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ،جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدا بىجاندىل خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
شۇنىمۇ ئېيتىماي تۇرالمايمىزكى‹‹ ئىككى ئاساسەن››مەزگىلىدىكى بىنورمال مائارىپ سىياسەتلىرى باشقا ئورۇنلارغا ئوخشاشلا ‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››كىمۇ ئەكسى تەسىرلەرنى كۆرسۈتۈپ ئۇقۇتۇش سۈپىتىدە كۆرىنەرلىك تۈۋەنلەشلەر بولدى.بۇنىڭدا يەنە جەمىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مىخانىزىمىنىڭمۇ بەلگۈلۈك تەسىرى بار.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆز تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسۈتۈپ ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 20نەپەر ئەتراپىدىكى ئۇقۇغۇچىنى تەربىلەپ يىتىشتۈرۈپ بەردى.بۇ ئۇقۇغۇچىلار ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ(تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەرنى) دۆلەتنىڭ مۇھىم ساھىلىرىدە ئىشلەۋاتىدۇ.بەزىلىرى ئۇقۇشىنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ.
خاتىمە
‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ›› 40يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق تارىخىنى غەلىبىلىك بېسىپ،بۇ جەرياندا ئاپتونوم رايون،ۋىلايەت،ناھيىلەرنىڭ تۈرلۈك مۇكاپاتلىرىغا ئىرشىپ،شان شەرەپلەرنى قۇچۈپ،2011-يىلى 10-ئايدا يۇقىرىنىڭ مەكتەپلەرنى قوشىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرىتكىسىدە ناھيىمىزدىكى بارلىق تۇلۇقسىز مىللى ئوتترا مەكتەپلەر قاتارىدا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشىۋېتىلدى.بارلىق ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئۇقۇغۇچىلا بۇ يېڭى ئورۇنغا كېلىپ ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرمۇش،ئۆگىنىش پالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ،كەلگۇسىنى يارتىش ئۈچۈن جاپالىق ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.بۇ 40يىل داۋامىدا نەچچىلىگەن ئۇستازلىرىمىز خىزمەت ئورنىدا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى،يانا نەچچىلىگەن ئۇستازلىرىمىز ئارامغا چىققاندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى مەن بۇ يەردە بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئۇستازلارنى چۇڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن،ئۇلارغا مەخبىرەت تىلەيمەن!!!
بىز يېڭى ئورۇنغا يوتكىلىپ چىققان بولساقمۇ بىزنىڭ يۈرەك-باغرىمىز يانىلا ‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان،مەن قېرىداشلارنىڭ يېڭى ئورۇندا ‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىشىغا چۇڭقۇر ئىشىنىمەن!شۇنداقلا بۇ ئانا مەكتەپنىڭ پات يېقىندا ئەسلىگە كىلىشىگىمۇ ئىشنىمەن،چۇنكى ئۇ ھازىرمۇ بىزنىڭ روھىمىزدا بىز بىلەن بىرگە ياشىماقتا!
(ئۆز يازمام)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
13531
يازما
17
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
407
تىزىملاتقان
2011-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 21:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا  مەكتىپىڭىزنى  يەنى  ئۇلۇغ  بىر  مەرىپەت  بۇلىقىنىڭ  بالدۇراق  ئەسلىگە  كېلىشىگە  تىلەكداشمەن  .

UID
6825
يازما
511
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
11772
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
259 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 18:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
keroran~kizi
ياخشىمۇ سىز؟
ياخشى تىلىك تىلىگىنىڭىزگە رەھمەت!

UID
2091
يازما
1530
تېما
52
نادىر
0
جۇغلانما
50484
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 17:57:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turditohti  مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز ! كېلىش ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! سىزگە ئوخشاش مائارىپنىڭ ، ئەۋلادلارنىڭ  كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇستازلار  مەڭگۈ قەدىرلىنىسىلەر . بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ مەكتىپىڭلارغا بارغاندەك بولدۇم . ئالدىنقى يىلى يوللىغان فىلىملىك تېمىڭىز يادىمغا كەلدى ، شۇ تېمىدا مەكتەپ تەپسىلى كۆرسىتىلىپتىكەن .  ئەمدى قوشۇۋېتىلگەن بولساڭلار ئۇلار بىر ئەسلىمىگە ئايلىنىپتۇ .

UID
5475
يازما
41
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1413
تىزىملاتقان
2010-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 19:50:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىنى‹‹كەلپىن ناھىيە ساي ئوتتورا مەكتەپ››دېگەن ئادرىستا ئېۋەتىدىغان بىربالا بار ئىدى،مۇھەممەتجان توختى دەپ ،ئۇبالا ھازىرمۇ شۇ ئادرىسنى ئىشىتىدىغۇ ؟بۇقانداق گەپ...

UID
4425
يازما
18
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
618
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 19:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساي ئۇتتۇرا ھەقىقەتەن تۇنۇشلۇق ئىسىم،،شۇڭا يۈگۈرەپلا بۇ تېمىغا كىرگەن ئىدىم،،چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئانا يۇرتۇم !

UID
6825
يازما
511
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
11772
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
259 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 00:10:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1980 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 19:50
ئەسەرلىرىنى‹‹كەلپىن ناھىيە ساي ئوتتورا مەكتەپ››دېگەن ...

سىز دىگەن قېرىندىشىمىز ھازىر ج خ ئىدارىسىدا،ئۇمۇ ئوخشاشلا ساي ئوتتۇرىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى،ساي ئوتتۇرىنى سويىدۇ،سېغىنىدۇ.
يۇقىرىدا ئىنكاس قالدۇرغان قېرىنداشلارغا تەشەككۈر

UID
5176
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2010-8-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 15:02:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا مەكتىپىمگە مېنىڭمۇ چوڭقۇر مېھرى -مۇھاببىتىم بار . مەنمۇ 80-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. شۇ قان تەرنى مەنمۇ قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرگە تۆككەن ئىدىم. چىدامچانلىق مەنمۇ شۇيەردە ئۈگەنگەن ئىدىم . تۇردى قارى مۇئەللىم ماڭا دەرس بېرەتتى . ئۇستازىم شۇ ۋاقىتتا قىران يىگىت ئىدى. ھازىر ئۇستازىمنىڭ ئاقارغان چاچلىرىغا قاراپ شۇ ۋاقىتتىكى ئەسلىمىلەرنى بىر قېتىم ئەسلىدىم . مەنمۇ مەكتەپنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن. مۇئەللىم ئامان بولۇڭ.سىزگە ئاللادىن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

UID
45872
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 1 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ ئۈچۈن،ئاقارتىش ئۈچۈن جاپالىق مۇھىتتا ئۆزىنى تاۋلاپ،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرگەن ۋە كۆرىۋاتقان ‹‹ئۇستاز››كەبى تۆھپىكارلىرىمىزغا تەشەككۇر.
بىزنىڭ نۆۋەتتە مەمۇرى ۋەزىپىدە ئولتۇرىۋاتقان كىشىلىرىمىز ‹‹ساي ئوترا››روھىدىن ئۆز قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قاراپ باقسا ھەم ئۆزىدىن ھىساپ ئېلىپ باقسا دەپ ئويلايمەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش