- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 213
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7025
- تىزىملاتقان
- 2010-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-18
- UID
- 2391
- يازما
- 213
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 7025
- تىزىملاتقان
- 2010-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-18
- توردا
- 7 سائەت
|
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كىشىلەر ھامان بېر- بېرى بىلەن دوستلىشىپ ئۆتىدۇ . دوستسىز ھايات خۇددى تۇزسىز تاماققا ئوخشاش مەنىسىزدۇر . دوستلۇق قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەتتىن قالسىلا مۇھىم ئورۇندا تۇردىغان بىر خىل كىشىلىك مۇناسىۋەت . بۇ مۇناسىۋەت قىزغىن ، ئىشەنچلىك راۋاجلانسا ، ئۆگىنىش ، خىزمەت ، تۇرمۇش ۋە ئالغا ئىلگىرلەشكە زور ياردەم بولىدۇ . ئەكسىنچە بولغاندا ، كىشىلەرگە چۈشكۈنلۈك ، ئازاپ ۋە روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ - دە كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ . دوستلۇقتا ياش ۋە جىنىس پەرقى چەكلەنمەيدۇ . پەقەت ئورتاق بىر دۇنيا قاراشقا ئىگە بولغان ، بىر - بىرىگە ئىشەنچلىك بولغان كىشىلەرلا دوستلۇق ئورنىتالايدۇ . ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇق ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ . بىر خىل دوستلۇق ئادەتتىكى دوستلۇق ، يەنە بىر خىل دوستلۇق جانجىگەر دوستلۇق . ئالدىنقىسى پەقەت يېقىنراق ئارلىشالايدىغان ، ئۆز- ئارا مىجەزى قاملىشالايدىغان ، چۈشىنشەلەيدىغان ، پىكىرداشلار ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ، كېيىنكى دوستلۇق بەكمۇ نازۇك ، قىزغىن دوستلۇق بولۇپ ، ئىنتايىن مۇھىم دوستلۇق ھېساپلىنىدۇ .
ئادەتتە ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بىر ياكى ئىككى جانجىگەر دوستى بولىشى كېرەك . بۇنداق دوستلۇق ئىنتايىن ئالىجاناپ بولۇپ ، بۇ دوستلار ھەرقانداق كىشىگە ، ھەتتا ئاتا- ئانىسى ، قېرىنداشلىرغا دىيەلمەيدىغان سىرلىرنى ۋە ئوي- پىكىرلىرنى بىر- بىرىگە ئېيتالايدۇ ۋە بىر - بىرىنى رىغبەتلەندۈرەلەيدۇ . بۇ خىل دوستلۇق بىر- بىرىدىن ھىچنىمىسىنى ئايىمىغان ، بىر- بىرىنى ئەپۇ قىلالايدىغان ، ئېغىر كۈنلەردە بىر- بىرىنى تاشلىۋەتمەيدىغان ، بىر- بىرىنى داۋاملىق سېغىنىدىغان ، بىر- بىرىنىڭ جاپالىق ئىشلىرنى ئۆزىنىڭ دەيدىغان ، ۋاقتى كەلسە بىر- بىرى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغان كىشىلەر ئارىسىدىلا بولىدۇ .
دوستۇم ، بىز ھەقىقىي جان- جىگەر دوستلاردىن بولۇپ قالالامدۇق ؟
ئەلۋەتتە جان -جىگەر دوستلاردىن بولۇپ قالالايمىز . ئالدى بىلەن ھەر كىم دوستلاشماقچى بولغان ئوبىيكىتنى مۇۋاپىق تاللىشى كېرەك . ئەتراپلىق كۈزىتىش ، ئارلىشىش جەريانىدا چۈشىنىش ئارقىلىق كۆڭلىڭىزگە ياقسا ، ئۇنى ھەقىقى دوست بولۇشقا تاللىسىڭىز بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا شۇ دوست بولغۇچى ئىشقا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلامدۇ ؟ ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا قىلامدۇ ؟ دىگەندەك ئىشلار گەرچە ئۇششاق مەسىلە بولسىمۇ لېكىن ھەقىقى دوستلۇقتا ئىنتايىن مۇھىم .
يەنە بىرتەرەپتىن ، بەزىبىر كىشىلەر بىلەن دوستلاشماقچى بولسىڭىز ، ئادەتتە < ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تېگىدە مانتا يەيدىغان > ، نە ۋىجدانى ياكى ئېنىق مەيدانى يوق ، بىرەر كىشىگە ياخشىلىق قىلىشنى ياكى خوش قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ . سىز پەرىشان بولغاندا تەسەللى بېرىشنىمۇ ، نەتىنجە قازانغاندا ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىمۇ بىلمەيدۇ ، سىز ئىزدىمىسىڭىز سىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىمەيدۇ . بۇنداق كىشىلەر ھەقىقى دوستلۇققا ھەرگىز يارىمايدۇ ، ھەم ئۆزىمۇ ھەقىقى دوستلۇققا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ .
دىمەك مەيلى ئادەتتىكى دوستلۇق بولسۇن ياكى جان- جىگەر دوستلۇق بولسۇن چۇقۇم شۇ دوستلۇق ئۈچۈن سەمىمىلىك ، ۋاپادارلىق ، كۈيۈمچانلىق ، پىداكارلىق بولۇش كېرەك .
مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى |
|