- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 103
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3995
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-15
- UID
- 2080
- يازما
- 103
- تېما
- 23
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3995
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-15
- توردا
- 1 سائەت
|
تىلەمچى
(چۆچەك)
توپلىغۇچى: ئابدۇللا توخنىياز
بۇرۇنقى زاماندا تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى كىچىككىنە بىر بوستانلىقتا بىر ئەر – خوتۇن ياشايدىكەن . ئۇلارنىڭ قاسىم ۋە گۈزەلئاي ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى بار ئىكەن . ئۇلارغا ھەر كۈنى ئاسماندىن ئىككى نان چۈشىدىكەن . ئۇلار بۇ ناننى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ يەپ ، كۈنلىرىنى ئاچمۇ ئەمەس ، توقمۇ ئەمەس ئۆتكۈزىدىكەن . كۈنلەر ئۆتۈپ ، يىللار ئۆتۈپ قاسىم 16 ياشقا ، گۈزەلئاي 12 ياشقا كىرىپتۇ . بىر كۈنى كەچتە ئايالى بالىلىرى ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتە ، ئېرىنى ئاستا بىر چەتكە تارتىپ مۇنداق دەپتۇ :
– بالىلار چوڭ بولۇپ ، قورساقمۇ تويمايۋاتىدۇ. تەڭرىم بەرگەن بىر ناننى تۆتىمىز يەپ ، كۈنلىرىمىز بەك تەستە ئۆتۈۋاتىدۇ . شۇڭا بىز بىر ئامال قىلىپ بالىلارنى ئېزىقتۇرىۋېتەيلى . ئۇلار ياش بولغاندىكىن ، ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالسۇن ، بىز قېرىغاندا بولسىمۇ تويۇنۇپ،ئارامخۇدا ياشايلى، - دەپتۇ .
ئېرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، دەسلەپ ئايالىغا غەزىپى كەپتۇ ، ئەمما كېچىچە ئويلىنىپ، ئاخىرى خوتۇنىنىڭ سۆزىنى توغرا تېپىپتۇ ، بالىلارنى ئېزىقتۇرىۋېتىشنىڭ پىلانىنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ .
ئەتىسى ئەتىگەندە بۇ ئەر- خوتۇنلار: « تۇرۇڭلار بالىلىرىم ، سىلەرنى جاڭگالغا جىگدە يىگىلى ئاپىرىمىز » دەپ ئويغىتىپ ، ئۇلارنى جاڭگاللىققا ئېلىپ مېڭىپتۇ . ئۇلار جىگدىلىككە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئايال بالىلىرىغا :
– مەن جىگدىگە چىقىپ ، جىگدە ئىرغىتاي . سىلەر يەردىن ئۈستۈن قارىماي ، جىگدە تىرىڭلار . ئەگەر ئۈستىگە قاراپ ، كۆزۈڭلارغا جىگدە تېگىپ كەتسە ، كور بولۇپ قالىسىلەر ، – دەپتۇ .
بالىلار كور بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، يەردىن ئۈستۈن قارىماي جىگدە تېرىشكە باشلاپتۇ . دەل مۇشۇ پەيتتە، ئايال جىگدىدىن پەم بىلەن چۈشۈپ ، ئېرىنى ئېلىپ ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ قېچىپ كېتىپتۇ . بىر ھازادىن كېيىن ئەتراپ جىمىپ كېتىپتۇ . بالىلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراشقا پېتىنالماي ، بوش توۋلاپتۇ ، ئاتا – ئانىسىدن سادا كەلمىگەندىن كېيىن ، قاسىم غەيرەتكە كېلىپ ، بېشىنى كۆتىرىپ قاراپتىكەن ، ئاتا – ئانىسى ئاقتىمۇ يوق ، كۆكتىمۇ يوق . ئاكا – سىڭىل ئۈنىنىڭ بارىچە توۋلاپتۇ ، ھەر تەرەپكە يۈگرەپ بېقىپتۇ ، لېكىن ئاتا – ئانىسىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەپتۇ . قاسىم بىلەن گۈزەلئاي ئاتا – ئانىسىنى ئىزلەپ ، بېشى قايغان – پۇتى تايغان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ . كەچ كىرىپتۇ . ئەتراپتىن بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ . ئۇلار قورقۇپ يوغان بىر توغراقنىڭ كامىرىغا كىرىپ ، بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپتۇ . تاڭ يورۇشى بىلەن ئۇلار يەنە مېڭىپتۇ ، بىر يەرلەرگە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىچىك ، پاكار زۇمچەك ئۆيلەر ئۇچراپتۇ . ئۇلار خوشاللىقتىن سەكرىشىپ ، ئۆيگە كىرمەكچى بوپتىكەن ، بېشى تاقىشىپ قېلىپ كىرەلمەي ئۆمىلەپ ئاران كىرىپ، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ قېلىشىپتۇ . ئۆي – ئۆيدە ئاشلىقلار تولۇپ تۇرغان ، قۇرۇتۇلغان مېۋە – چېۋىلەر دۆۋىلەپ قويۇلغان ، ئالتۇن – كۈمۈش، زىبۇ – زىننەتلەر ساندۇق – ساندۇققا قاچىلانغان ، لېكىن بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەپتۇ.
ئۇلار بىر ئۆيگە كىرسە قازاندا گۆش قايناۋاتقان ، ئۇلارنىڭ قورساقلىرى تازا ئاچقانىكەن ، گۆشنى يەپ قورساقلىرىنى راسا تويغۇزۇپ تۇرۇشىغا ، توساتتىن سىرتتىن دۆپۈر – دۈپۈر ، قىيا – چىيا ئاۋازلار ئاڭلىنىپتۇ . ئاكا – سىڭىل قورققىنىدىن ، بۇلۇڭدىكى بىر ياغاچ ساندۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ مۆكۈنىۋاپتۇ . ھايال ئۆتمەي ئالا – تاغىل توۋلىشىپ ، بىر توپ مايمۇنلار كىرىپ كەپتۇ . ئۇلار قازاندىكى سۆڭەكلەرنى ئېلىپ غاجىلاشقا باشلاپتۇ . ئارىدىن چوڭراق كەلگەن بىر مايمۇن ئاكا – سىڭىل ئىككەيلەن مۆكۈنىۋالغان ساندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ ، بىر پارچە سۆڭەكنى غاجىلاشقا باشلاپتۇ . بىردەمدىن كېيىن بۇ مايمۇن جايىدا ئولتۇرۇپلا تەرەت قىلىشقا باشلاپتۇ . ھايۋان دېگەن بەرىبىر ھايۋاندە . مايمۇننىڭ تەرىتى ساندۇقنىڭ يوچۇقىدىن ئېقىپ كىرىپ ، قاسىم بىلەن گۈزەلئاينىڭ ئۈستىۋېشىنى بۇلغاپتۇ . سېسىقچىلىق دەستىدىن ئۇلارنىڭ نەپىسى قىسىلىپ ، جايىدە ئولتۇرالماي قاپتۇ . شۇ ئەسنادا قاسىم توساتتىن شۇنداق قاتتىق چۈشكۈرۈپتۇكى ، ساندۇق تىترەپ كېتىپتۇ . قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن مايمۇن ، ئالا – تاغىل توۋلىغىنىچە ، پۈتۈن مايمۇنلارنى باشلاپ ، قېچىپ چىقىپ كېتىپتۇ . شۇ كەتكەنچە بۇ يەرگە قايتا ئاياغ باسماپتۇ . بۇ ئەسلى مايمۇنلار شەھەرى ئىكەن . قاسىم بىلەن گۈزەلئايغا بۇ يەر ئوڭچە قاپتۇ . ئۇلار بۇ جاينى ماكان تۇتۇپ ، تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلاپتۇ . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ جاي بىر گۈزەل بوستانلىققا ئايلىنىپتۇ . ئۇياق – بۇياقتىن كەلگەن سودىگەرلەر ، يولۇچىلار،يىتىم- يېسىر، مۇساپىرلار بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىپتۇ . ئادەملەر كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ ، بۇ جاي ئاۋات بىر شەھەرگە ئايلىنىپتۇ . بۇ يۇرتقا بىر پادىشاھ لازىم بوپتۇ ، پۈتۈن يۇرت ئەھلى قاسىمنى پادىشاھلىققا سايلاپتۇ . قاسىم يۇرتنى ئادىللىق بىلەن سوراپ ، خەلقنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپتۇ .
ئەمدى گەپنى قاسىم پادىشاھنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن ئاڭلايلى ،
ئەر – خوتۇن ئىككىسى بالىلىرىنى ئېزىقتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ، ئاسماندىن چۈشىدىغان نان قايتا چۈشمەپتۇ . ئۇلار تەڭرىمگە توۋا – ئىستىغپار ئېيتىپ ، يىغلاپ قاقشاپتۇ ، لېكىن ئورنىغا كەلمەپتۇ . « ئۆزەم تاپقان بالاغا ، نەگە باراي داۋاغا » دەپ ھاياتلىق ئۈچۈن خالتىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ يۇرتمۇ – يۇرت ، ئۆيمۇ – ئۆي كېزىپ سەدىقە تىلەپ جان بېقىشقا باشلاپتۇ . كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئۇلار يۇرت ئايلىنىپ ، قاسىم پادىشاھنىڭ ئېلىگە كېلىپ قاپتۇ . قاسىم پادىشاھ ناھايىتى ئاقكۆڭۈل بولغاچقا ، بۇ يۇرتقا ھەرقانداق بىر مۇساپىر كەلسە ئوردىغا ئەكەلدۈرۈپ ، ئېسىل كىيىندۈرۈپ ، شاھانە تائاملار بىلەن بىر ھەپتە باقىدىكەن . پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى كوچا چارلاۋېتىپ ، بۇ ئەر – ئايال مۇساپىرنى ئۇچرىتىپ ، دەرھال ئوردىغا ئاپىرىپ ، يۇيۇندۇرۇپ ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپتۇ . قاسىم پادىشاھ ئۇ ئىككىيلەننى بىر كۆرۈپلا تونۇپتۇ ، لېكىن ئاتا – ئانىسى شاھانە تونغا ئورالغان ئوغلىنى تونۇماپتۇ . قاسىم پادىشاھ ئۇلارغا تونۇشلۇق بەرگەندىن كېيىن ، ئۇلار يىغا – زار قىلىشىپ ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ ۋە بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىشىپ مۇڭدىشىپتۇ . ئەر –خوتۇن ئىككىسى پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولۇپ ، كۈنلىرىنى خوشال – خورام ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ ، لېكىن بۇ خوشاللىق ئۇزۇنغا بارماپتۇ .
بىر كۈنى يېرىم كېچىدە قاسىم پادىشاھنىڭ ئانىسى سىرتقا ھاجەت قىلىشقا چىقىپ كېتىپ كىرمىگۈدەك . ئاتىسى ئەنسىرەپ سىرتقا چىقىپ قارىغۇدەك بولسا ، ئايالى ئارقا ھويلىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغىدەك . بۇنى كۆرۈپ دادىنىڭ جۇدۇنى ئۆرلەپتۇ :
– ھوي ئەخمەق خوتۇن ، ئولتۇرىدىغا يەر تېپىلمىغاندەك كۆلدە- مۇزنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىنىڭ نېمىسى ؟ – دەپ ئاچچىقلاپتۇ .
– ۋاي دادىسى ، چاققان بولسىلا ، مېنى مۇزدىن ئاجرىتىۋالسىلا ، – دەپتۇ خوتۇنى توۋلاپ .
ئاتا يۈگرەپ بېرىپ ، ئايالىنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ تارتىپتۇ ، لېكىن ئايالىنى مۇزدىن ئاجرىتىپ ئالالماپتۇ . ئەسلىدە ئايالىنىڭ يانپىشىنى مۇز تۇتۇۋالغان ئىكەن . ئېرى ئايالىنىڭ ئاللا – توۋىسىغا چىداپ بولالماي ، مۇزنى پۈۋلەپ ، ئايالىنى مۇزدىن ئاجراتماقچى بوپتۇ . كىم بىلسۇن ؟ ئاتا ئەمدى ئۈستۈن بولۇشىغا ، ساقاللىرى پاراسلاپ يۇلۇنۇپ ، ئۈستۈن بولالماپتۇ ، ئۇنىڭ ساقىلىمۇ مۇزغا چاپلىشىپ قاپتۇ .
بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتۈپتۇ . مانا كىرەر ، ئەنە كىرەر دەپ ياتقان قاسىم پادىشاھ ئەنسىرەپ ، سىرتقا چىقىپ قارىغۇدەك بولسا دادىسى ئاپىسىغا قاراپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان . بۇنى كۆرۈپ قاسىم پادىشاھنىڭ ئىمانى قىرىق گەز ئۆرلەپتۇ .
– ھوي ، بۇ نېمە قىلىق ئۆزى ؟ – دەپ توۋلاپتۇ .
– بالام ، چاققان بول ، بىزنى مۇز تۇتىۋالدى . قۇتقۇزىۋال ، – دەپ توۋلىشىپتۇ ئاتا – ئانىسى .
قاسىم پادىشاھ ئەھۋالنى چۈشىنىپ ، دەرھال ياساۋۇلغا بىر سوغا قايناق سۇ ئەكەلدۈرۈپ ، سۇنى ئاستا – ئاستا قۇيۇپ مۇزنى ئېرىتىپ ، ئاتا – ئانىسىنى قۇتقۇزىۋاپتۇ . پادىشاھ ئانىسىغا چۈشەندۈرۈپ « بۇندىن كېيىن ھاجەتكە چىقساڭ ، ئارقىدا خاس ھاجەتخانا بار. شۇ يەردە ئولتۇرغىن . كېنىزەكنى ھەمراھ قىلىۋال، ياكى ئاتامنى ئېلىۋال » دەپ جېكىلەپتۇ .
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ، ئانىسىنىڭ يەنە ھاجىتى قىستاپ ، ئېرىنى ئاستا ئويغىتىپ ، بىللە ئېلىپ چىقىپتۇ . ئۇلار قاراڭغۇدا ئارقىدىكى بىر بوش ئۆيگە كىرىپ، ئوي – دۆڭگۈل تۇرغان جايغا چىقىپ ، ئەمدى ئولتۇرۇشىغا « بوف » قىلىپلا بىر نەرسە پولدۇروڭ – سولدۇروڭ قوپۇپلا ، ئۇلارنى ئۈستىگە مىندۈرۈپ ، قېچىپ چىقىپ كېتىپتۇ .
تاڭ يورۇپتۇ . ئەر – خوتۇن ئىككىسى قارىغۇدەك بولسا ، تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ، ئۆزلىرى ئاللىقاچان ئالتە ئايلىق يولنى بېسىپ بولغان . يەنە كەچ كىرىپتۇ . تۆگە ھېرىپ ماغدۇرىدىن كېتىپ ، بىر جاڭگاللىققا بارغاندا ئاران توختاپتۇ . ئەر – ئايال ئىككىسى بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتتىن داد – پەرياد چېكىشىپ « تەقدىر قىسمەت شۇ ئوخشايدۇ » دەپ بىر – بىرىگە تەسەللىي بېرىشىپ ، ئەسكى خالتىسىنى مۈرىسىگە سېلىشىپ ، يەنە ئاۋۋالقىدەك ئۆيمۇ – ئۆي تىلەمچىلىك تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ . شۇندىن باشلاپ بۇ يۇرتتا تىلەمچىلەر بارلىققا كەلگەنمىش .
( ئېيتىپ بەرگۈچى – باي ناھىيە ياتۇر يېزىسىدىن سارەم سېيىت
توپلاپ رەتلىگۈچى –باي ناھىيە ياتۇر يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇللا توخنىياز )
|
|