قەشقەردىكى مۇسابىقە تەھلىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! پۇتبول ئۈچۈن چىملىقلاردا ئۇيغۇرۇمنى نامايەن قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەر ،ياندا ھۇررا توۋلاپ قەلبىدىكى بارلىق ئارزۇ ئارمانلىرىنى مەيداندىكى ئەشۇ ئەزىمەتلەرگە بېغىشلاپ كېلىۋاتقان مۇنەۋۋەر مەستانە قېرىنداشلار ! سېلەرگە ئاللاھنىڭ سالاملىرى بولسۇن !
مەن ئايەم كۈنلىرىدە ئەزىزانە قەشقەردە بىر تېرنىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇسابىقىدە بولۇپ قالدىم ، ئون قانچە كۈن تورلارنى ئارىلاپ بولالمىغانلىقىمدىن ،بىرقىسىم خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا كۆرۈپ پىكىر قاتناشتۇرالمىدىم ، شارائىتىم يار بەرگەن بولسا مۇسابىقە ۋاقتىدىكى خەۋەرلەرنى يوللاپ تۇرسام بەك ياخشى بولاتتى ،ئەپسۇس ، كېچىكىپ بولسىمۇ ماڭا تەسىر قىلغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ سېلەر بىلەن پىكىرلەشكۈم كېلىۋاتىدۇ .
1- بىز نېمىگە تايىنىپ غەلىبە قىلىمىز
مەملىكىتىمىزدە ناھايىتىمۇ ئاز نىسبەتنى ئىگىلىگەن ، ھەتتا چەت ئۆلكە شەھەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ ( ئۇيغۇر ) دېگەن بۇ مىللەتنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنىى ، ئاڭلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بىلىمىز ، مانا مۇشۇنداق ئاز نىسبىتىمىز بىلەن قالتىس تىرىشىۋاتىمىز ، بۇ دۆلىتىمىز سىياسىتىنىڭ نەقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، بولۇپمۇ پوتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنھەركەتنىڭ تاجىسى دەپ ئاتىلىدىغان تۈردە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ چىملىقلاردا پەيدا بولغانلىقىمىز بىزنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ .
مەملىكىتىمىز پوتبول ھەركىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلدى ، بولۇپمۇ پوتبول ھەركىتىنى ياش ئۆسمۈرلەردىن باشلاش كېرەك ، دېگەن چاقىرىق مەملىكەتنىڭ كەڭ بولۇڭلىرىغىچە تارقالدى ، جۈملىدىن بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ شەھەرلەردىن يېزا -قىشلاقلارغىچە جۇش ئۇرۇپ بىزنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىمىزدىكى سەبىيلەرنىڭ غۇبار قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ ئۆزىنىڭ ‹ تاجىلىق › ئورنىنى نامايەن قىلماقتا ، ياپونىيەدىن ئىبارەت تەرەقىي تاپقان دۆلەتلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا پوتبولنى ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۈۋەن يىللىقلىرىدىن باشلاش كېرەك ، دېگەن يەكۈننى چىقارغان ، شۇ بويىچە مۇنتىزىم كوماندىلارنى مەشىقلەندۈرگەن بىز بولساق ئەمدىلەتتىن تەمتىلەپ تۇرۇپتىمىز ، شۇنداقتىمۇ مىڭ شۈكرى ، بىزنىڭ يىگىت-قىزلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى تونۇتۇپ چىملىقلاردا زەپەرلەر قۇچىۋاتىدۇ ، ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەزىمەتلىرى ، غۇلجا 12- باشلانغۇچ مەكتەپ ئەزىمەتلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مىللىتىمىزنى تونۇتتى ، ئۇلار بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ، ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى ! بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئېسىل ئۆرۈپ ئادەتلىرى ، مىھرىبانلىقى ، مېھماندوستلىقى ، چىۋەر پاكىزلىقى ، مۇستەھكەم ئېتىقادلىرى بىلەن داڭلىنىپ كەلگەن مىللەت . ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ خۇلۇم قوشنا ، ئۇرۇق -تۇققانلار ئارا ئازراق زىددىيەت بولسا بۇنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئىناق -ئىتتىپاق گۈللىرىنى ئاۋلادتىن -ئەۋلادقىچە ئېچىلدۇرۇپ كەلگەن ھەم كېلىۋاتىدۇ ، دۇنيادىكى دىنلار ئىچىدىمۇ ئىسلام دىنىلا بىردىن -بىر ھەقىقى گۈزەل دىن بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا ئەللىرى كۈنىگە مىڭلاپ ئىسلام دىنىغا كىرمەكتە ، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ بىر مۇسۇلمان ، ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزدىن ھەر ۋاقىت پەخىرلەنسەك بولىدۇ .
دۇنيادا 100% ئالتۇن بولمىغىنىدەك ئارىمىزدا بىر قىسىم مۇناپىقلارنىڭ بولىشى نورمال ئەھۋال ، چۈنكى شەيئىلەر ھامان زىددىيەت ئىچىدە تەرەقىي قىلىدۇ . رىقابەت ئېڭى بىر قىسىم زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، رىقابەت بولمىغان دۇنيا تەرەقىي قىلالمايدۇ . بىراق خاتا رىقابەت ئۇسولى كىشىنى ھالاك قىلىدۇ ، ئادەم دېگەندە باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشكۈدەك ئاڭ ،سەۋىيە بولمىسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا شاللىنىپ كېتىدۇ ، بىز 21-ئەسىرنى ئىلىم پەن دەۋرى ، رىقابەت دەۋرى دەپ، بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز ، ئۆگۈنىۋاتىمىز ،تەجىربە ئىگىلەۋاتىمىز ، كۈچىمىزنى توپلاپ بىر نىيەت ،بىر مەقسەتتە ئۇيغۇر پوتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالىساق ئاندىن كۆزلىگەن نىشان مەقسەتكە يېتەلەيمىز ، ئىش ئۆملۈكتە ،كۈچ بىرلىكتە ! بۇ جۈملىلەر نۇرغۇن تەجىربىلەردىن يەكۈنلەنگەن ...
2- بىزنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىمىز مۇكەممەلمۇ ؟
مەن بىر جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، جۇڭگونىڭ قانۇن تۈزۈملىرى خېلى مۇكەممەل، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندىمۇ كەڭچىلىك قىلىش سىياسەتلىرى بار دەپ قارايمەن . بۇنى كۆپ تەرەپلىمە چۈشىنىشكە بولىدۇ ، چۈنكى ھەر بىر كەسىپنىڭ قائىدە -تۈزىمى بولغىنىغا ئوخشاش . ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى قەشقەردە ئۆتكۈزىلگەن 2012-يىللىق ياش -ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى توغرىسىدا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا خىلمۇ -خىل پىكىردىكى تېمىلار ۋە خەۋەرلەر كۆپ ، بىز نېمە ئۈچۈن بۇ مۇنبەر يۈزىدە بىر -بىرىمىزنىڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ يۈرىمىز ؟! مانا بۇ مەسىلە نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتىدۇ .
مەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تەرتىپ قوللانمىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى قىسقا قىلىپ ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتەي .
2012-يىللىق ئاپتونۇم رايون بوتىچە ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ پوتبول مۇسابىقە تەرتىپ قوللانمىسى
مۇسابىقىنى تەشكىللىگەن ئورۇن : ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى
مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان ئورۇن : قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى
تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى : 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى
مۇسابىقە ۋاقتى : 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە
مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان مەيدان: ئوغۇللار ئا گۇرۇپپا قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىدە ، ئوغۇللار ب گۇرۇپپا ، قىزلار ب گۇراپپا كونا شەھەر ناھىيىسى ( توققۇزاق ناھىيەسى ) 2-ئوتتۇرا مەكتەپ پوتبول مەيدانىدا .
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئورۇنلار : ئاپتونۇم رايون بويىچە شەھەر ۋىلەيەتلەردىكى تىزىمغا ئالدۇرغان كوماندىلار .
گۇرۇپپىلارنىڭ ياش ئايرىممىسى :
ئوغۇللار ئا گۇرۇپپىسى ( تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ) 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار قاتنىشىدۇ . 11 كىشىلىك مۇسابىقە .20 نەپەر تەنھەركەتچى قاتنىشىدۇ .
ئوغۇللار ب گۇرۇپپا : 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار قاتنىشىدۇ . 9 كىشىلىك مۇسابىقە . 18 نەپەر تەنھەركەتچى قاتنىشىدۇ .
قىزلار ب گۇرۇپپا : 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار 9 كىشىلىك مۇسابىقە . 18 نەپەر تەنھەركەتچى قاتنىشىدۇ .
بۇندىن باشقا مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە نوقتىلىرىغىچە تەپسىلاتلار تەرتىپ قوللانمىسىدا يېزىقلىق قىلچە نوقسان يوق دىسەك بولىدۇ . بۇ قوللانمىنى كۆرگەن ئادەم ئەلۋەتتە ھەممە تەرەپلەردە ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .
3- مۇسابىقە تۈزىملىرى ئىجرا قىلىندىمۇ ؟
يۇقىرىدا دېيىلگەندەك مۇسابىقە رايونلىرى ئىككى مەيداندا بولۇپ ئارىلىقى 15 كېلومېتىر ئەتىراپىدا ئىدى ، 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن شەھەرلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ يېتەكچى ،تېرنىرلىرىغا يىغىن ئېچىلدى .
يىغىن رىياسەتچىلىرى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ھەربىرىمىزگە مۇسابىقە تەرتىپ قوللانمىسىدىن تارقىتىپ باشقا تەپسىلاتلارنى كۆرۈپ بېقىشنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئالدىن سا؛اھىيىتىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىك ئىسپاتلىرى ، بەزى كوماندىلاردىن بىر ياكى ئىككى تەنھەركەتچىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقى توغرىسىدا شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى كوماندا ، ئىسىم -افمىلىسى قاتارلىقلار يېزىلغان ئايرىم بىر ۋاراقچىنى بەردى ، بىزنىڭ كوماندىدىن بىرمۇ تەنھەركەتچىنىڭ ئىسمى يوق ئىدى ، ئەلۋەتتە بىز ئىككى ئاي بۇرۇنلا بۇ نوقتىلارنى ئېنىق قىلىپ تەنھەركەتچىلەرنى تاللاپ مەشىقلەندۈرگەن ئىدۇق .
شۇ ئارىدا ئاپتونۇم رايونلۇق پوتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئولى ،سۇڭچىڭلىڭ پوتبول مەكتىپىنىڭ مەسئولى ئابلەت ئامىسلىم ئاكا يىغىنغا كىرىپ كەلدى ، قىزغىن قارشى ئېلىشلاردىن كېيىن ئۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى ، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : قېرىنداشلار بىز ، ھەر يەر ھەر يەرلەردىن ئورتاق نىشان ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق ، شۇڭا بىز چوقۇم مۇسابىقىنىڭ باشتىن ئاخىر بىخەتەر ،تەرتىپلىك ،يۇقىرى سەۋىيىدە ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا كەپالەتلىك قىلىشىمىز ، ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ پوتبولدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۈرگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈېىشىمىز كېرەك ، مۇسابىقىنىڭ تەرتىپلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىش ، ساقتىلىق قىلماسلىق ، مۇسابىقە جەريانىدا رېپىرلەر توغرا ئادىل بولۇشى ، كىچىك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ پوتبول تەرەقىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك . دېگەندەك ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى . ئۇ ئالدىراش ئادەم بولغاچقا مۇسابىقە ئاياقلاشقانغا قەدەر بىز بىلەن بىللە بولالمايدۇ دە ، ...... شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىخەتەرلىكنى مۇھىم بىلىپ ب گۇرۇپپا تەنھەركەتچىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقى بېكىتىلدى ، ئون قانچە كېلومېتىر ئارىلىق راستىنلا يىراق بولۇپ نەچچە يۈز تەنھەركەتچىنىڭ قاتناش مەسىلىسىمۇ مۇھىم ئىدى .
2012 -يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىدە داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى ئا گۇرۇپپا تەنھەركەتچىلىرىنىڭ ، سەرخىل نۇمۇرلارنى تاييارلىغان كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ ۋە پېشقەدەم مومايلىرىمىزنىڭ يەلپۈگۈچ ئۇسۇللىرى بىلەن باشلاندى ، ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ كۆلىمى خېلى بوڭ بولۇپ ئۆلچەملىك پوتبول مەيدانى ئىكەن ، تاماشىبىنلارمۇ تۇلۇق كەلسە 20 مىڭ ئادەم سىققۇدەك ئورۇن بار ئىكەن ، سەھنىنىڭ يۇقىرى تەرەپلىرىگە مۇسابىقە توغرىلىق ھەر خىل پىلاتالار ئېسىلغان بولۇپ تولۇق خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان ئىدى ،سەھنىنىڭ قارشى تەرپىدىكى پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىكى پىلاتادىلا ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە قىلىپ يېزىلغان ئىدى . مەيداندىكى تەنھەركەتچىلەرنىڭ 97 % ساپ ئۇيغۇر بولسىمۇ مۇراسىمدىكى سۆزلەر ھەممىسىلا خەنزۇچە ،دېمەك قەشقەر خەلقىنىڭ قوش تىل سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن ، ئاددى بىر مىسال ئاشخانىغا كىرىپ چوكىدىن نەچچە تال ئېلىپ بېرەمسىز دېسەم پەقەتلا چۈشىنەلمىدى ، ئاخىرى ، ۋاي ئاللا كۆيزا دېمەمسىز دەپ نەچچە تال چوكىنى ئېلىپ بەردى .......بۇلارغۇ ناھايىتى كىچىك مەسىلە شۇنداقتىمۇ ماڭا تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن قىستۇرۇپ سالدىم .
گۈلدىراس ئالقىشلار بىلەن دادىل قەدەملەر ئېلىپ ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ تەنھەركەتچىلىرى سەھنە ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ تۇرىشتى ، شۇندىلا ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ تەنھەركەتچىلىرىگە بىر -بىرلەپ كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ئۇمومى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياخشى دىيىشكە بولىدۇ ، ئايرىم كوماندىلارنىڭ تەنھەركەتچىلىرى بىر قاراشتىنلا ياش جەھەتتە پەرىقلىنىپ تۇراتتى ، چۈنكى بالىلارنىڭ 14-15 ياش ۋاقتى بىلەن 16-17 ياش ۋاقتى ياكى 18 ياش ۋاقتى بەكلا پەرىقلىق بولىدۇ ، ئۇلار بالاغەتكە يېتىپ بوي جەھەتتىلا ئەمەس ، بۇرۇتلىرى ئۆسۈشكە باشلىغان ، ئاۋازلىرىدا يىگىتلەرگە خاس ئۆزگىرىشلەر بولىدىغان ،سۆز ھەركەتلىرىدىمۇ پەرىقلەر بولىدىغان مەزگىلى .
جامائەت پىكرى جاننى ئالىدۇ ، دېگەن گەپ بار ، مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى كۈندىن باشلاپلا ئەتىراپتىكى تاماشىبىنلار بولسۇن بىرقىسىم تېرنىرلار بولسۇن ، قەشقەر كوماندىسىدىكى 10-نۇمىرلىق تەنھەركەتچى چوڭ ئىكەن ، شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ تېپىدىكەن ، ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ قىزلىرى چوڭ ئىكەن ، ئوغۇللاردىنمۇ چوڭلار باركەن ، دېگەندەك مىش-مىش گەپلەر تارقىلىپ تەنھەركەتچىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىشقا باشلىدى ، بەزى تېرنىرلار بۇ ھەقتە ئوچۇقلا سۆزلەرنى قىلدى ، بىراق بىرەرسى بۇ ھەقتە مۇسابىقە كىسىم ھەيئەتلىرىگە دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ ، مۇسابىقە تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىشنى ياكى مۇسابىقىنى توختىتىپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلالمىدى . بۇ يەردىكى تۈپكى سەۋەپ نەدە ؟ ناھەقچىلىقنى ئەرز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ‹ داۋاگەر › دېگەن نامنى كۆتۈرىشتىن قوۇرققانلىقىدىمۇ ياكى ھەقىقى دەلىل ئىسپاتى يوقمۇ ؟ ۋەياكى شۇ كوماندىلارنىڭ تېرنىرلىرى بىلەن يېقىن دوستمۇ ؟ مەنمۇ بىلەلمىدىم ، ئەگەر مەندە يېتەرلىك دەلىل ئىسپات بولغان بولسا ئىدى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم ئېنىقلاپ چىقاتتىم . مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم مەسىلىلەرنى زادى كىم ھەل قىلىشى كېرەك ! ئابلەتكام ھەل قىلامدۇ ؟ ئۇ باشتىلا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان تۇرسا ، يەنە كېلىپ تەكشۈرۈمدۇ ؟ بۇ مۇسابىقىنىڭ باشتىن ئاخىر ياخشى ئۆتكۈزىلىشىگە قايسى ئورۇن مەسئول بولىدۇ ؟ ساھىپخان ئورۇن نېمىلەرگە مەسئول ؟
4- ساھىپىان مېھماننى قانداق كۈتىشى كېرەك ؟
بۇ يەردە مەن نوقۇل ھالدا ساھىپخان ئورۇنغا بىزنى ئۇنداق كۆتۈڭلار ياكى مۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن ، چۈنكى ئاپتونۇم رايونلۇق تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىدە مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسىگە قارىتا تەنھەركەتچىلەرگە مەخسوس چىقارغان راسخوت بولىدۇ ، بۇنى يەرلىك ئۆزلىرى ئازراق مەبلەغ چىقىرىپ تۇرمۇش ياتاق شارائىتلارنى بار كۈچى بىلەن ياخشىلايدۇ . ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرى قانداق بولدى ؟ بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن مۇنبەرگە بىر تېما يوللىنىپ قەشقار ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ تەنھەركەتچىلەر ياتقان ياتاق ۋە تازلىق ئۆيلىرىنىڭ مۇھىتىنى سۆرەتكە تارتىپ يوللىغانلىقىنى كۆرگەنسىلەر ، شۇڭا مەن تەكرار يوللاپ ئولتۇرمايمەن ، مەقسىدىم : دۆلەت پوتبۈلغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ ؟ دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرۇش .
مەن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قېتىم كوماندا باشلاپ مۇسابىقىلەرگە بارغان ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەر ناھىيىلىرىگە بارغان ،بىر مىسالنى ئالاي ، 2007-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىگە ۋالىبول مۇسابىقىسىگە كوماندا ئېلىپ باردىم ،ئەمەليەتتە ئۈچتۇرپان ئاقسۇدىن 100 كېلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ناھىيە ئىكەن ، ياتاق تاماقلىرىمىزنى پارتىيە مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇردى ،ئۆلچەملىك ئىككى كىشىلىك ياتاق ،شارائىتى بەكلا ياخشى ،كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماقتا كەم دېگەندە بەش ياكى ئالتە خىل تاماق ، بىر ھەپتىدىن ئارتۇق تۇرغان بولساقمۇ قىلچە زىرىكىش ھېس قىلمىغان ئىدۇق ، ئۇندىن باشقا يېقىندىلا ئاخىرلاشقان قۇياش نۇرى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ، ئورنى ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزىلدى ، بىزمۇ كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردۇق ، قەشقەرگە بارغان تېرنىلارنىڭ كۆپرەكى شۇ مۇسابىقىدىمۇ بار ، ياتاق ، تاماق شارائىتلىرىنى دىمەيلا قويۇڭ ، بارلىق تەنھەركەتچىلەر رازى بولدى .
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچقۇرۇن قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىگە يېتىپ كەلدۇق ، بىز چۈشكەن ياتاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەككىز كىشىلىك ياتاقلىرى بولۇپ ئوقۇغۇچىلار لىق سەككىزدىن ئورۇنلاشتى ، تېرنىرلار ئۈچتىن تۆتتىن ئورۇنلاشتى ، ياتاقتا كارۋات ،ئۈستىگە يەكشەنبە كۈنلىرى ساتىدىغان ئون يۈئەنگە ئىككىدىن بېرىدىغان يوتقان ، كىرلىكلەر سېلىنغان ، ساپ نىلوڭ رەخت ، ئۈستىدە ئون مىنۇتلا ياتسىڭىز قىزىپ مەشتەكلا بولۇپ قالىسىز ، ئۇندىن باشقا ھېچقانداق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى يوق ، سوپۇن ،لۈڭگە ،توشې ، تەلەڭگە ھېچقايسىسى يوق ، تازلىق ئويى بولسا كارىدوردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ سۇخانىسى ، ئوبىرنىخانىسى ، توۋۋا دەپ ئولتۇرۇپلا قالدىم ، بۇ نېمە ئىشتۇ ئون قانچە يىل كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقىلەرگە بېرىپ بۇنداق ناچار شارائىتنى تۇنجى كۆرۈشىم ، تەنھەركەتچىلەر مۇشۇ شارائىتتا قانداقمۇ توپ تېپەر ! بۇ بىر كۈندە تۈگەيدىغان مۇسابىقە بولمىسا يا ، ئولتۇرغان جايىمدا ھاڭبېقىپلا قاپتىمەن ، شۇ ئارىدا تەنھەركەتچىلىرىمنىڭ مۇئەللىم بىز ئورۇنلىشىپ بولدۇق ! دېگەن ئاۋازى بىلەن ئەسلىمگە كېلىپ جاۋاپ قايتۇردۇم . كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ياتاققا كىردۇق ئارىدىن 20 مىنۇتلار ئۆتۈپ چىراق ئۆچتا ، بۇ نىېمە ئىشتۇ دەپ سۈرۈشتۈرسەك سائەت 10 دا چىراق ئۆچىدىكەن ،بۇ ئەھۋالنى دەرھال ئۆزگەرتىپ تېرنىرلارنىڭ بولسىمۇ چىراقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولسىكەن دېدۇق ، بىراق ئەمەلگە ئاشمىدى ، شۇنىڭ بىلەن 80-يىللاردىكى ياتاق تۇرمۇشىنى قايتا باشتىن ئۆتكۈزىۋاتقاندەك بولدۇق .... شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىكى غېرىبانە ياتاق تۇرمۇشىمىز باشلاندى ، مۇسابىقە جەريانىدا نۇرغۇن تەنھەركەتچىلەرنىڭ پۇتلىرى تارتىشىپ يىقىلىپ قالدى ، بۇ نېمە سەۋەپتىن ؟ ياتاقلاردا مۇنچا ئىسسىق سۇ يوق ، بالىلار كىچىك بولغاچ مۇسابىقىدىن چۈشۈپلا سوغاق سۇدا يۈز -كۆزلىرىنى يۇيىدۇ ، ھەتتا بەزىلىرى سوغاق سۇنى بېشىدىن قويۇپ يۇيىنىدۇ ، شۇ سەۋەپلىك بالىلارنىڭ پۇتلىرى يىغىلىپ قېلىشتەك ئىشلار كۆرۈلدى ، كەچلىكى چىراق ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ياتاقنىڭ ئىسسىقلىقى ، پاشىنىڭ دەردىدىن ئۇخلاش تېخىمۇ تەس ، نەرسە كېرەك سېتىۋالاي دېسە يېقىن ئەتىراپتا تاللار دۇكانلىرى يوق ، تەلىيىمىزگە مەكتەپ ئىچىدە كىچىككىنە بىر دۇكان بار ئىكەن ، ئۇلار بىزگە تايىنىپ خېلى سودىمۇ قىلغان بولدى . ئاشخانىدىكى ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ مۇئامىلىسى بەكلا ياخشى بولۇپ يەڭلار ، ئىچىڭلار دەپ تۇرىدۇ ، بىراق ياقتۇرۇپ يىگۈدەك تۈزۈك تاماق چىقمايدۇ ، ئۇلارمۇ بەرگەن پۇلغا چۇشلۇق ماتىريال ئېپ كېلىپ تاماق قىلىدۇ دە .. ئايەم كۈنلىرى يېتىپ كېلىپ ئادەمنى تېخىمۇ غېرىپ سۇندۇرغىلى باشلىدى ، ھېيت كۈنىمۇ دەم ئېلىش يوق تۆت مەيدان مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ ، مەيداندىكى مۇسابىقىلەرمۇ شۇنداق غېرىپلىقتا .. كونىلارنىڭ بىر گىپى بارتى : يىغلايدىغان ئادەم يوق ،ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ . دېگەندەك مۇسابىقىلىرىمىزنى كۆرۈدىغان ئادەممۇ يوق دىيەرلىك ، شۇ ۋاقىتلاردا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرى يادىمغا كېلىدۇ ، نېمە دېگەن كۆپ مەستانىلەر ، ھۇررا توۋلىغان سادالار نەچچە كۈنگىچە قولاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرغان ... بەلكىم ھەممە كىشىلەر رامزاننىڭ ھاردۇقلىرىدا ۋاقىت چىقىرالمىغاندۇ ، ھېيتنىڭ تەييارلىقىدا كېلەلمىگەندۇ دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بەردىم ، قەشقەر خەلقى ئەزەلدىنلا مېھمان دوست خەلىق ، بىر ئۆيگە مېھمان كەلسە ئەتىراپتىكى بەش ئون خۇلۇم -قوشنا چاقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق كۆڭلىنى بىلدۈرىدىغان تۇرسا دەپ قەشقەر خەلقىدىن ھېچقانداق ئاغرىنمىدىم ، چۈنكى ئۇلاردا ئەيىپ يوق ! بۇ مۇسابىقىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ، نۇرغۇن مەبلەغمۇ ئاجراتقان ، ئەشۇ مۇبلەغنىلا كەمەيتمەي ئىشلەتسە مۇسابىقىگە كەلگەن 620 دەك تېرنىر ،يېتەكچى ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولاتتى ، مۇشۇ مۇسابىقىگە كەلگەن مۇساپىر تەنھەركەتچىلەرنىڭ راسخوتىدىن پايدا ئالمىسا نېمە بولار دەيمەن ! ھۆكۈمەت چىقارغان پۇل بىلەن ئۆزىمىز چىقارغان پۇلنى قوشسا ئەڭ ياخشى مېھمانخانا كېلەتتىغۇ ، ئەجىبا ئۇلار ھېساباتنى بىلىپ بىز بىلمەمدىغاندىمىز ؟! ئۈرۈمچى ، قارماي قاتارلىق كوماندىلارنىڭ يېتەكچىلىرى ياتاقلارغا قاراپ بېقىپلا شۇ كۈنى سىرتقا چىقىپ مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتى ، بىز يەنىلا جايىمىزدا قالدۇق . ئون كۈن جەريانىدا بىز تەسەللىگە ، ھېسداشلىق قىلىشلارغا مۇھتاج بولدۇق ، ئۆيىمىزگە مېھمان كەلسە ئورۇن كۆرپىنىڭ ياخشىسىنى سېلىپ ، تاماقنىڭ تەملىكىنى ئېتىپ ، يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ چىرايلىق جايلىرىنى كۆرسىتىپ ،تاڭ سەھەردە ، ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ دەپ ئەھۋال سوراپ بار كۈچىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يەنە كېلىشىگە يول ئاچىمىز ، كونىلارنىڭ : بۇغداي نېنىڭ بولمىسا ، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ ! دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرى بار ، بىزمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغان ساھىپخانلاردىن نەچچە كەلىمە بولسىمۇ ياخشى سۆزلەرنى ئاڭلاشنى شۇنداق ئارزۇ قىلغانتۇق ، ئەپسوس !!! بۇ سۆزلەر بەكمۇ قىممەتكە توختاپ بىز باھاسىغا چىقالماي قالدۇق .... شۇ يەردىكى رەھبەرلەرنىڭ بىز بىلەن ئاشخانىلاردا بىرەر قېتىم بولسىمۇ بىللە بولىشىنى ، ناچار شارائىتلاردا سېلەرنى قىيناپ قويدۇق قېرىنداشلار ! بىزنى كەچۈرۈڭلار ! دېگەندەك نەچچە كەلىمە تاتلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىدۇق ، مېھرىبانلىققا تولغان ئەشۇنداق سۆزلەر ھەممە كىشىنىڭ قەلبىنى ئېرىتەلەيدۇ ئەمەسمۇ ! تېخى بەزى تېرنىرلىرىمىز : بىز كەلگىلى نەچچە كۈن بولدى ،قەشقەرنىڭ رەھبەرلىرى بىزنى بىرەر ئاخشام بولسىمۇ چاقىرىپ ئىسسىق چاي قوياي دېمەيدىغۇ دەپ ھەر ئاخشىمى كۈتۈپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى ...
5-دۆلەت پوتبولغا مەبلەغ سالدىمۇ ؟ ئاشكارلاشقا بولامدۇ ؟
2010 -يىلدىن باشلاپ دۆلەت كەڭ كۆلەمدە پوتبولغا مەبلەغ سېلىپ ، پوتبول ھەركىتىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاش دېگەن چاقىرىقىنىڭ روھى بىلەن مانا ئۈچ يىل بولدى مەيداندا يېتىۋاپ دېگۈدەك يۈرۈپتىمىز دۆلەتنىڭ بىر پۇڭچىلىك مەبلىغىنى كۆرمىدۇق ، ناھىيە بويىچە ئۈچ يىل 1-دەرىجە بولۇپ ۋىلايەت كوماندىسىنى بىرلىكتە باشلاپ مۇشۇ مۇسابىقىلەرگىچە قاتناشتۇق ، كىم بىزگە بىر پۇڭ ياردەم قىلدى ؟ مۇسابىقىگە بېرىۋاتقان ياش -ئۆسمۈرلىرىمىز ھەممىسى مەجبورى مائارىپ ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ، مەجبورى مائارىپ يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەر مەۋسۈمدە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كەم دېگەندىمۇ 5-600 يۈز يۈئەن پۇل كېلىدىغۇ ، يۇقىرى تارماقلار مۇسابىقىلەرگە راسخوت چىقىرىپ ئېلىپ بارالمىسا ھوقوقىدىن پايدىللىنىپ مەكتەپلەرگە شۇ مەكتەپتىن تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى تۆلەش توغرىسىدا ھۆجقەت چۈشۈرسە بولاتتىغۇ !
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇپ كېلەلمىگەن كوماندىلار نېمە سەۋەپتىن كېلەلمىدى ؟ ئىقتسادنىڭ يوقلىقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ؟ بۇ ئىشلارنى كىم سۈرۈشتۈرىدۇ ؟ ئەلۋەتتە بۇ يىراقتىكى ئىشلار ... چۈنكى نەق مەيداندىكى ناھەقچىلىقلارنى سۈرۈشتە قىلىپ ، جازالاش كېرەك بولسا جازالاش ، مۇكاپاتلاش بولسا مۇكاپاتلاش كېرەك دەپ ئاق بىلەن قارىنى ئايرىپ ھۆكۈم قىلىدىغان جىگىرى بار بىرەر ئەركەكنى كۆرمىدۇق ، ھەممە ئىشنى يەڭ ئىچىدە ھەل قىلىۋاتقان ...
ئۇندىن باشقا مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن راسخوت ئاجىرتىپ ، كىيىم كېچەك ، توپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىراخۇانىيە ئىشلىرىنى بىر تۇتاش ھەل قىلدىمۇ ؟ ياكى ھېچنىمىنى كۆتەرمەي ، بارساڭ ئەنە يول ، بارمىساڭ ئخىتىيار دەپ جىم تۇرىۋالدىمۇ ؟ مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ؟ بۇ مەسىلە پوتبولنى يا ئۇچقاندەك تەرىقى قىلدۇرىدۇ ياكى بولمىسا ھالاك قىلىدۇ ...
باشقا كوماندىلارنىڭ قانداق يوللار بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن ، بىراق ئۆز كوماندامنىڭ ئىشى ئۆزەمگە ئېنىق ... بىز كوماندا ئەزالىرىنى ئىككى تېرنىر قوللانمىنىڭ تەلىبى بويىچە تاللاپ تۇرپاننىڭ 50 گىرادۇس ئىسسىقلىرىدا توپىلىق مەيدانلاردا جاپالىق مەشىق قىلدۇردۇق ، مەقسىدىمىز : ئۇيغۇر پوتبولچىلىقىنى تەرەقى قىلدۇرۇش . مانا مۇشۇ ئىستەكلەردە ھەر خىل ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ مۇسابىقە ۋاقتى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كۈنلەردە ، كوماندىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە تارماقلىرى بىر پۇڭمۇ چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلدۇق ، سەۋەبى پۇل يوق ! شۇنىڭ بىلەن بىز مۇسابىقىگە قاتناشماسلىقمۇ قارارىغا كەلدۇق ، بىراق بىزغۇ مەيلى ، جاپالىق مەشىق قىلىۋاتقان 20 نەچچە تەنھەركەتچى بۇ گەپنى ئاڭلىسا نېمىمۇ دەر ، بىز ئۇلارغا قانداق جاۋاپ بېرىمىز ؟ بولمايدۇ ، بىز ئۆز يېنىمىزدىن چىقىرىپ بولسىمۇ مۇسابىقىگە قاتنىشسيلى دېيىشتۇق ، شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ئاتا-ئانىلارغا مەسلىھەت سالدۇق ، جەمئىيەتتىن كارخانىچىلارنى ئىزدىدۇق ، ئاق كۆڭۈل ساخاۋەتچىلەر بىزنى قوللىدى ، بىرسى كىيىم كېچەك ئالسا يەنە بىرى باشقا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى ، ھەتتا نەچچە زاپاس تەنھەركەتچىلەر 1000 يۈئەندىن پۇل چىقىرىپ ياردەم قولىنى سۇندى ، بىز تېرنىرلارمۇ 1000 يۈئەندىن چىقىرىپ تەنھەركەتچىلەرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشنى بېكىتتۇق ، جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە مۇسابىقىدىمۇ تۇرپان تارىخىدىكى ياخشى نەتىجىنى ئالدۇق . مەن ئۆزىمىز پۇل چىقىرىپ مۇسابىقىگە ئېلىپ بارغانلىقىم ئۈچۈنلا بۇ سۆزلەرنى دىگىنىم يوق ، ئۇمومىيلىقنى كۆزدە تۇتقاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسابىقىنىڭ چىقىملىرىگە كىمنىڭ مەسئول بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىش ھوقوقىمىز بار دەپ قارايمەن ...
6- تەنھەركەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى داۋاملىق ئۆزگەرتەمدۇق ؟
بۇ مەسىلە ماڭا بەكلا بېسىم بولىۋاتىدۇ ، چەتئەلدىن ،جۇڭگوغىچە ، يۇقىرىدىن تۈۋەنگىچە ، ياشنى ئۆزگەرتىش ، كىملىكنى ئۆزگەرتىش ، باشقىلارنىڭ كىملىكىگە توپ تېپىش ئادەتتىكى بىر ئىش ئوخشايدۇ ، بىز قىلمىساق باشقىلار قىلىدىكەن دەپلا ئۆزگەرتىدىكەن ، دۆلەتلىك تەنھەركەتچى سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېشىدىن نەچچە ياش كىچىكلىتىپ كىملىك ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ، ئۇستىخان تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىقلارنى قىلدۇرشقا يەتتە -سەككىز مىڭ يۈئەنلا پۇل خەجلەيدۇ دەپ ئاڭلىدىم ، بۇ جاھان نېمە بوپ كېتىۋاتىدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن نەق مەيداندىلا تەنھەركەتچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلايدىغان ئۈسكىنە يوقتۇ ؟
چىرايىغا قارىسىڭىز 19-20 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىدىغانلار 13-14 ياش دەپ مەيدانغا چۈشىۋاتقان ، قىزلاردىكى ھۆسنى جامالىنىڭ ، بەدەنلىرىنىڭ تولغانلىقى ، ھەتتا چاچلىرىنى بۈدۈر قىلدۇرۇپ گىرىمنى قىلىپ مۇسابىقىگە چۈشىشى ئۇلارنىڭ 13-12 ياش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ بىز نېمىشقا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالدايمىز ؟ باشقىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بېرىسىلەرغۇ دەيمەن ...بىز ساقتىلىققا تولغان دۇنيادا نىجاسەتلەرگە كۆمۈلۈپ ياشامدۇق ؟ بۇ كىم جاۋاپ بېرىشى كېرەك ؟ ھازىرقى دەۋىرمۇ ؟ ياكى ھوقوقمۇ ، پۇلمۇ ؟ ئەجىبا بۇنىڭ سورىقىنى بەرمەسمىزمۇ ؟ بەرسەك كىمگە بېرىمىز؟
خاتىمە
1- رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىدە ئۆزگەرتىش قىلىش كېرەك . ھەر بىر ئىشنىڭ مەسئول خادىمى ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنلاش .
2- كەڭ ئامما ئىچىدىن نازارەتچىلىككە ئادەم تەكلىپ قىلىش كېرەك .
3- يۇقىرى ئورۇنلار مۇسابىقە ئۇقتۇرىشىنى چىقىرىپ قويۇپلا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالماي ، ئاجراتقان مەبلەغنىڭ تۈۋەنلەرگە بارغان بارمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرىشى كېرەك .
4- مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان تەنھەركەتچىلەردە ساقتىلىق كۆرۈلسە ، تېرنىرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن ئۈچ يىلغىچە مۇنەۋۋەر تېرنىر قىلماسلىق تۈزىمىنى يولغا قويۇش كېرەك .
5- ساقتىلىق قىلغان تەنھەركەتچىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن بارلىق تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىش كېرەك .
6- يۇقىرى ئورۇنلاردىكى رەھبەرلەر مۇسابىقە مەيدانىغا كېلىپ تۇرىشى ، مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىشى كېرەك ، شەكىلگە كېلىپ يىغىنغىلا قاتنىشىپ باشقا ۋاقىتتا يولىغا راۋان بولماسلىقى ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ ياتاق ، تاماقلىرىنىمۇ تېتىپ كۆرۈشى كېرەك .
7- رېپىرلەرنىڭ ئادىل بولىشى بىر كوماندىنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلوپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇڭا ئەڭ ياخشى رېپىرلارنى كوماندىلار باھالاپ چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك .
يەنە قېلىپ قالغان تەرەپلەرنى قېرىنداشلارنىڭ تولۇقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-26 20:01