- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 164
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5489
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-5
- UID
- 2132
- يازما
- 164
- تېما
- 29
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5489
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-5
- توردا
- 2 سائەت
|
1. سۇنىڭ ئىزدەيدىغىنى يەرنىڭ يوچۇقى ، ئادەمنى ئەزىزلەيدىغىنى يۇرتنىڭ قۇچىقى .
2.كىشى يۇرتىدا ئامبال بولغۇچە ،ئۆز يۇرتۇڭدا ئابدال بول .
3.ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈل ،يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆل .
4.كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .
5.ئاڭلىماس دەپ پىتنە قىلما ،بىلمەس دەپ ئوغرىلىق قىلما.
6.توغرىلىق تۆرگە ،ئوغرىلىق گۆرگە .
7.توغرا بولساڭ كېلەر ئامىتىڭ ، ئەگرى بولساڭ سۇنار قانىتىڭ .
8.ياخشى بىلەن يۈرسەڭ ياشنايسەن، ئەسكى بىلەن يۈرسەڭ قاقشايسەن .
9.سەۋەنلىكنى ئىنكار قىلىش- قايتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىك .
10.دەرەخ ھۆسنى ياپراق ،ئادەم ھۆسنى ئەخلاق .
11.ھوسۇلى بار يەر ياخشى ،ئەخلاقى بار ئەر ياخشى .
12.گۈزەل ئەخلاق ئادەمنى بىزەر ، بايلىق پەقەت ئۆينىلا بىزەر .
13.ئىدىيىسى گۈزەللىك كۆرۈنۈشى گۈزەللىكتىن ياخشى .
14.بىلىملىك بولاي دېسەڭ ئالغىن ساۋاق ، ئەخلاقسىز بولاي دېسەڭ ئىزدە قاۋاق .
15.بىر ئەرنى تەربىيىلىسەڭ ، بىر ئادەمنى تەربىيىلىگەن بولىسەن .
بىر ئايالنى تەربىيىلىسەڭ ،پۈتۈن بىر ئائىلىنى تەربىيلىگەن بولىسەن .
16.يالغانچىغا قوشۇلما ،راست سۆزۈڭنى يوشۇرما .
17.تۈز دەرەخنىڭ پايدىسى كۆپ ،سەمىمىي ئادەمنىڭ دوستى كۆپ .
18.دوست-يارىڭنى يىغلاتما ،دۈشمىنىڭنى كۈلدۈرمە .
19.بىر ئادەمنى بىلەي دېسەڭ ،ئاۋال ئۇنىڭ دوستلىرىنى بىل.
20.باتۇرلۇق مەيداندا بىلىنەر ، پاراسەت تىرىكلىكتە بىلىنەر ، دوست نامراتلىقتا بىلىنەر .
مەنبە : "ئەدەپ دېڭىزىدىن مارجان سۆزلەر" دىن . |
|