تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1406|ئىنكاس: 13

بالىنى ئۇرۇپ تەربىيلەمدۇق     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
31144
يازما
35
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا دوستۇمنىڭ دادىسى تۈگەپ كېتىپ قىزلارنىڭ ھەممىسى پەتىگە باردۇق ،قىزلار ھەممىمىز دېگۈدەك 30نىڭ قارسىنى ئالغان بولغاچقا كۆپ ئىشلارنى ئۇخماي تەمتىرەپ قالدۇق ،ئارىمىزدىن 5ۋاق ناماز ئوقۇيغان چوڭ دادىسى بىز تۇرۇشلۇق يەرنىڭ موللىمى بولغاچقا ئانچە-مۇنچە ئىشلارنى  ئۇقۇدىكەن ،ئۇ بىزگە ھەممىمىز يىنىمىزدا باردىن ئازراقتىىن چىقىرىپ چوڭلار تۇپراق بېشىدىن كەلگۈچە تاماق ،مىۋە-چىۋىلەرنى ئېلىپ تەييارلاپ قويۇشنى ئېيتتى. بىزمۇ ئۇنىڭ گىپىنى توغرا تاپتۇق،ھەم شۇنداق قىلدۇق.بۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم.

شۇ ئارلىقتا قىزلارنىڭ بالا توغۇرلۇق سۆزلەشكىنىنى ئاڭلاپ قالدىم ھەم مەنمۇ ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇم،بىر دوستۇم مۇنداق دەيدۇ:‹قىزىم  ئۇچ ياشقا كىردى، ئۇ نېمە دېسە ماقۇل دەيمەن ،ئۇ مېنى قايىل قىلىۋەتتى(ئەر-ئايال ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتكەن )ياخشى كۆرگىنىنى ئېلىپ بەرمسىەم ئۆزىنى ئاتىدۇ› دەيدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ غۇچچىدە ئاچچىقىم كەلدى شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بالىنى 0-7 ياشقىچە تەربىيلىگىلى بولىدۇ ،ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە تەربىيلمەك تەس بولىدۇ،قىز بالىغا ئانا بولغۇچى بەكرەك كۈچ چىقىرىشى كېرەك.7ياشقا كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تەربىيلەپ  بېرىدۇ، دېگىنىڭ قۇرۇق گەپ. بالىنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى  ئانا ،چوڭلارنىڭ قىز ئالساڭ ئانىىسغا قاراپ ئال دېگىنى بىكار ئەمەس ،ھازىردىن باشلاپ ئۇ ساڭا قايىل بولماي، سەن ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ يۈرسەڭ كېيىن سېنى كۆزگە ئىلماس بولىدۇ .قىزىڭنى ياخشى تەربىيلە، دېدىم. ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ توغرىدەك ھېس قىلدى بولغاي بوينىنى قېقىپ ئولتۇردى. ئارىدىن يەنە بىرسى قوپۇپ مۇنداق دەيدۇ: ‹بالام بەزىدە پەقەت گەپ ئاڭلىمايدۇ، شۇنداق ۋاقىتلاردا تاياقنى يەپ قالىدۇ› دەيدۇ. ئۇنىڭ بالسىمۇ قىز ،ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ،قىز بالىنىمۇ ئۇرامدۇ ،بالا ئۇرۇش دېگەن ئەسلدىنلا خاتا ئىش، ئۇنىڭ ئۇستىگە بالىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇرۇپ ئۆگۈتۈپ قويسىڭىز ئۇ چوڭ بولغاندا نېمە بولا؟ _بەز بولىدۇ بەز! گەپ يىمەيدىغان ،ئالدىڭىزدا ھە، دەپ قويۇپ ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىغان. بالا ئۇرۇش دېگەن بالىغا نىسبەتەن بىر ئادالەتسىزلىك ،سىز نېمىشقا بالىڭىزغا تەربىيە، مېھىر بېرىش ئارقىلىق قايىل قىلماي ئۇرۇش ئارقىلىق سىزگە بولغان نەپرىتىنى قوزغايسىز؟بالنىڭ 3ياش ۋاقىتلىرى تازا خارەكتىرى يېتىلىدىغان ۋاقىتى. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنى  شۇنداق ئۇرامسىز؟يەنە بىرسى مۇنداق دەيدۇ ،تۇنجى بالسىنى تۇغۇپ 1يىل بولمايلا 2-سىگە قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقاندىن كېيىن چوڭ بالىسىنىلا ياخشى كۆرۈپ ئوغلىغا مېھرىنى يىتەرلىك بەرمەپتۇ،ئۇ كۆڭلىدە تۇنجى بالام تۈزۈك ئوينىيالماي ئۇكىسى تۇغۇلۇپ بۇنىڭغا يېتەرلىك مېھرىمىنىى بېرەلمىدىم، دەپ ئويلاپ كىچىك بالىسى تاشلىنىپ قاپتۇ. بۇ قانداق بولغىنى، ئىككىلىسى ئانىسىنىڭ يۈرەك پارسىغۇ؟ 9ئاي قورساق كۆتۈرۈپ ،ئاچچىق تولغاق يەپ مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ تۇغقان بالىىىغۇ ؟بۇنداق قىلساق تەڭپۇڭ بولمايدۇ،بالىدا خاتا كۆز- قاراش پەيدا قىلىپ قويىمىز ،كېيىن سىزدىن ئالالمىغان مىھرىنى تالادىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.بولمىسا مۇشۇ قىزلارنىڭ ھەممسى ئالىي مەلۇماتلىق قىزلار بالا تەربىيلەشكە نېمىشقا سەل قارايدىغاندۇ ؟نېمە ئۈچۈن بالىسىنىڭ خاراكتىرىگە قاراپ مۇئامىلە قىلمايدىغاندۇ ؟نېمە ئۈچۈن بالا تەربىيلەش توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئاختۇرۇپ كۆرمەيدىغاندۇ؟نېمە ئۈچۈن كېيىم كېيىشكە بەك ئۇستا، بالا تەربىيلەشكە چولتا؟!

  بالا بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ،بالا بىزنىڭ ئۈمىدىمىز. بالىنى ياخشى تەربىيلىمىسەك قېرىندىشىم، ئۇ بالا بولمايدۇ «با - لا» بولىدۇ . ئانىلار بالىغا ئىگە بولايلى، بالا مىللەتنىڭ، بالا ۋەتەننىڭ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 17:15  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44322
يازما
50
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بالىنى ئۇرماي ھەم بەك ئۆزرايىغىمۇ قويىۋەتمەي تەربىيەلىگەن ياخشى ، مىنىڭ تاغامنىڭ باللىرىغا ھەم تاغامنىڭ ئايالىغا شۇنداق ھەۋىسىم كىلىدۇ ،چۈنكى تاغامنىڭ ئايالى باللىرىنى كىچىكىدىن ئۇرماي -تىللىماي تەربىيلىگەن ،ئۇلار ئىچىدىكى گەپلىرىنىمۇ قورۇقماي ئاپىسىغا دىيەلەيتى ......لىكىن ھاممام باللىرىنى بەكلا چىڭ تۇتتقاچقا باللىرى  قورقۇپ  دىمەكچى بولغان گىپىنىمۇ  ئوڭشاپ دىيەلمەيتى   كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاپام بىزنى ئۇرغاندا ھاممامنىڭ باللىرى بىلەن ئولتۇرۇپ تاغامنىڭ باللىرىغا قاراپ ئىسىت مەنمۇ مۇشۇ ئۆيدە تۇغۇلۇپ قالسامچۇ دەپ ئولاپ كىتەتتۇق ،مانا ھازىر ھەممەيلەن چوڭ بولدۇق ، ئوخشىمايدىغان يىرى ئۇلار كىچىكىدىن  ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ، يۈرەكلىك ،مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ ئىش قىلالايدىغان ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقتى ،لىكىن بىز دەل ئۇنىڭ ئەكىسىچە .

UID
31144
يازما
35
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىيقىنڭىز ناھايىتى توغرا بولدى ،بالىنى ئۇرماي ،تىللىماي ،سوزلەپ تۇرۇپ قايىل قىلىشىڭىز كېرەك ،بالىلار كىچىكىدىن تۇمۇرچى كىلدۇ ،بالغا چۇقۇم ياخشى تەسر بەرمىسىڭىز سىزنى كېيىن كوزگە ئىلمايدۇ ھەم تېخى سىزگە سۆز سېلىپ قويىشىمۇ مۇمكىن ،مىىنىڭ ئاتا-ئانام مىنى كىچىكىمدىن تىللغنىنى ياكى ئۇرغىنىنى ئۇخمايمەن ،بەلكىم ئۆزەممۇ كىچىك ۋاقتىمدا بەك ياۋاش بولغانلىقىم ئۇچۇنمىكىن،شۇڭا ھازىر مۇستەقىل ھىچنىمىدىن قورقمايمەن ،ئىرادلىك ،قەيسەر ،بىشىمغا ھەر بالا كەلسىمۇ قانداق قىلشىنى بىلىمەن.بىراق سىڭلىم ئۇنداق بولمىدى ،كىچىك ۋاقىتلىرىدا گەپ ئاڭلىماي ئاپامدىن تولا گەپ ئاڭلايتتى ھازىر بەزىدە ئاپام بىلەن تەڭ تۇرۇپ جاۋابلشىدۇ،ھەتتا بەزىدە دادەمغىمۇ گەپ ياندۇرۇپ قۇيىدۇ ،بۇنى كۆرۇپ بەزەندە مەن ئۇنىڭ بىلەن خاپىلشىپ قالىمەن .

UID
28293
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېگەنلىرىڭىز توغرا مەن بىر بالا تېخى،كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئاپام ئىنىڭىزنىڭ تېنى ئاجىز دەپ تىقىپ قويۇپ نەرسە بىرىپ ئىككىمىزگە ئېلىپ بەرگەن ئوخشىماي ھەم ئىنىمنى بەك ئەتىۋارلاپ قىلغان ۋاقىتلار مەن قوپۇپ:مەن ئۆگەيچاقمۇ؟نېمىشقا سىز ئۇكامغىلا ئامراق.دەپ تۇرىۋالاتتىمكەن،شۇ 5 ياش ۋاقىتلىرىم،بەلكىم ئوغۇل بالا بولغانلىقى ئۈچۈن بەكەرەك كۆيىنىشى مۇمكىن،ئوغۇل بالىغا ئانىسى ئامراق دەپ،كىچىك بولسىمۇ شۇنداق بىر ئويلارنى يېتىلدۈرۈپ قويىدىكەن.

دادامنىڭ ئاغىنىلىرى بولىدىغان،ئۆيگە كېلىپ قالسا ۋوي ئاداش بىر ھارۋا كېپەككە تېگىشىۋالغان قىزىڭ شۇمۇ چوڭ بولۇپ قاپتۇ جۇمۇ دېسە،ئۆيگە كىرىپ يىغلايتىم،مېنىڭ كېپەككە تىگىشىۋالغان ئىكەن شۇڭا ماڭا ئامراق ئەمەسكەن دەپ.

UID
44891
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا  تەربىيسىدە  ئاتا-ئانىلارنىڭ  ئوينايدىغان  رولى   ھەقىقەتەنمۇ  چوڭ ، ئەلۋەتتە !
ھازىر  يالغۇز  پەرزەنتلىك  بولۇۋاتقانلار  كۆپ  بولغاچقا  ،  ئۇلار   ئۆز  پەرزەنتلىرىنى  ‹‹ ئەتىۋارلىق ئەڭگۈشتەر ››  سۈپىتىدە  كۆرۈپ ، بالىلىرىنى  ئەتىۋارلاش  بىلەنلا  بولۇپ  كىتىپ ، ئۇلارغا   بېرىدىغان   تەربىيەلەرگە   سەل  قارىماقتا .
  لىكىن  ئەشۇ  خىزمەت  ۋە  باشقا  ئالدىراشچىلىقلار   سەۋەبىدىن   ئۆز   ۋاقتىدە بېرىلمىگەن  ۋە  ياكى  خاتا  ھالدا  سىڭدۈرۈلگەن  پەرزەنت  تەربىيەسىنىڭ   كىيىنكى  بىر  كۈنلەردە  ئاتا- ئانىلارغا  قانچىلىك  پۇشايمانلارنى  ئېلىپ  كىلىشى بىزگە  نامەلۇم .........

ھەر  بىر  ئاتا - ئانىنىڭ  پەرزەنت  تەربىيەسىدە  ئوخشاش  بولمىغان  خاسلىق  ۋە  يىتەرسىزلىكلەر  بولىدۇ .  لىكىن  قانداق  قىلغاندا  ياخشى  ھەم  توغرا   بولغان  ئۇسۇلدا  ياراملىق  پەرزەنتلەرنى  تەربىيەلەپ  چىققىلى  بولىدۇ  ؟  
بۇ  ھەقىقەتەنمۇ  ئاتا - ئانا  بولغۇچىلار ھەم   بولۇش  ئالدىدا  تۇرغانلار  ،  شۇنداقلا  ھەر  بىرىمىز  ئويلۇنۇپ  بېقىشقا  تىگىشلىك   مۇھىم  مەسىلە .
  بۇ  ھەقىقەتەنمۇ   جايىدا  يوللانغان  تىما  بوپتۇ   .  

ئەجرىڭىزگە   رەھمەت !

UID
41967
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
42675
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار مەكتەپ تەربىيەسىدىن ئىلگىىرى ئائىلە تەربىيەسىدە چوڭ بولىدۇ، ئائىلە تەربىيەسى پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ .

UID
45868
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-8-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ 10 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم بار،سەل قورقۇنچاقلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا شوخ،ئەقىللىق،كۆيۈمچان،بالا بولدى،بۇنىڭ قورقۇنچاق مىجەزىنى ھىچ ئۆزگەرتەلمىدىم،قانداق قىلسام بولار؟

UID
35418
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-26
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئۇرسا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى مىنىڭ ئىچ مىجەز بولىشىم شۇ سەۋەپلىك،            كىيىن تاياق ئۆتمەس، كار قىلماس بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ قىزبالىنى ئۇرماسلىق كېرەك. مىنىڭمۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن. ئوغلىڭىزنى تاش مىجەز قىلىشتا مىنىڭچە  بالىلار بىلەن كۆپرەك ئارلاشتۇرۇڭ، دادىسى بىلەن بىرگە ئازادە ئەركىن ھىس قىلىپ پاراڭلاشسا  ( چۈنكى بالىلار بەزى گەپلەرنى خىجىل بولۇپ دېيەلمەيدۇ، ياكى ئۆزىدىن بىر - ئىككى ياش چوڭ بالىلار بىلەن ، يېقىن دوست بۇرادەرلىرى ياكى ئاكا دىمەت تۇققانلارنىڭ بالىلىرى بىلەن  پاراڭلاشسا ،  ). قەتئىي قاتتىق قوللۇق قىلماڭ، بالىلار بىلەن كۆپرەك ئارلىشىپ ئۆتسە ئەڭ ياخشى، بالىڭىز ئۇنىمىسا سىز بىللە تۇرۇپ ئوينىشىپ بېرىڭ، مەنمۇ شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىم.

UID
25197
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ دادامنى بىر ساراڭ دېيىشكە بولىدۇ.ھە دېسىلا ماۋزېدوڭ دەۋرىدە ئانداقتى مانداقتى دەيدۇ.باشقىلار ھەدىسنى كەلتۈرۈپ سۆزلىسە مېنىڭ دادام ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېگەن دەيدۇ.ئاپام بىلەن ئورۇنسىز ئۇرۇشۇپ بىز  ئايرىپ قويساق بالىلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قارىتىۋالدىڭ دەپ يەنە ئۇرۇشىدۇ.توۋا دەيمەن.ئاجايىپ ئادەملەر بولىدىكەن.مەن شۇنداق يىرگىنىشلىك دىنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان مۇناپىق خۇيلۇق بىر ۋىجدانسىزنىڭ ئوغلى.مەن ئۇنىڭدىن مەڭگۈ يىرگىنىمەن.

باھا سۆز

zardap  دادا بولغاندا دادىنىڭ قەدرىگە يىتىسىز .  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:21
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش