كۆرۈش: 157233|ئىنكاس: 626

قۇربانلىق ئايال (1-2-قىسىملىرى تولۇق)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
45398
يازما
131
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
131
تىزىملاتقان
2012-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-8
توردا
116 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 22:38:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قۇربانلىق ئايال
رومان
بىرىنجى بۆلۈم



‹‹ بۇ  تۇرمۇشتا بولغان ھەقىقى تىراگىدىيە بولغاچ ، تورداشلارنىڭ ھوزورىغا ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى.››
قايسىدۇر بىر كۈنى روزى سايىتنىڭ ‹دىھقان بۇلماق تەس › دىگەن شىېرنى ئاڭلاپ چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا چۈكۈپ كەتكەن ئىدىم ،ئۇيلاپ باقسام دۇنيادا ھەممىدىن ئايال كىشى بولماق تەس ئىكەن،
ئاللا ھەممە بەندىسىنى ئوخشاش يارتىدۇ ،ھەرگىزمۇ بىرنى خار، بىرنى ئەزىز قىلىپ ياراتمايدۇ ،ئەمما بۇلارنىڭ ئوخشاشمايدىغان بىرلا ئالاھىدىلىگى شۇكى، بۇلارنىڭ بىرى ئەركەك-بىرى چىشى خالاس،
نىكاھ ناھايىتىمۇ مۇقەددەس ،شۇ بىچچارە ئايال بولغىچى نىكاھ خۇتبىسىدە ‹ قۇبۇل قىلدىم › دىگەن بىر ئېغىز سۆزنىڭ ھۆرمىتىدىن، ئائىلىنىڭ ،ئىرىنىڭ ،تۇرمۇشنىڭ، يۈكىنى جۆرىسى بىلەن تەڭ كۈتۈرۈپ، شۇ ئائىلە ئۈچۈن كۈيۈپ كۈل بۇلىدۇ ،ئەمما بىر قىسىم ئاتالمىش ‹ئەرلىرىمىز›، دەل شۇ بىر ئېغىز ‹ئالدىم› دىگەن سۆزنى تۈگەتكەندىن كىيىن، ئاياللارنى ماددى بۇيۇمغا ئايلاندۇر ۋىلىپ، ئۇلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ ،ئىشەكنى دۇمبالىغاندەك ئۇرۇپ ،بۇدۇنياغا تۆرەلگىنىگە ،تۇيغۇزىدۇ ،ئاياللار ئۇيدە ئانىلىق ،ئاياللاق بۇرچىنى ئادا قىلىپلا قالماي يەنە سىرىتتا ئائىلىنىڭ چىقىملىرىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىپ ،بۇ ئائىلىنىڭ پارچىلىنىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىسىمۇ ،ئاخىردا يەنە نىمىگە ئېرشىدۇ،
بىر تامچە سۇدىن يارلىپ قان بۇلدۇڭ، كىيىن ساڭا جان كىردى. بۇ يۇرۇق، ئۆتكۈنچى دۇنياغا يىگىت-قىز بۇلۇپ تۇغۇلۇپ كۆز ئاچتىڭ ، سىنى ياراتقان جانابى ‹اللە›نى. بۇدۇنياغا ئاپرىدە قىلغان ئاتا-ئاناڭنى ئۇنۇتما، ئاجىز -يىتىملارنى بوزەك قىلما ، كىشىلەرگە خەيرى -ئىھسان قىل، ‹اللە› ئەجرىڭنى بىردۇ، چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم ، ئىنساندەك، پاك ۋىجدان- غۇرۇر بىلەن، ئىنساپلىق ياشا، ئىمانلىق بۇل ،سەنمۇ ئاتا-ئانا بۇلىسەن قىرىندىشىم،


مەن بۇ تەڭسىزلىكنىڭ ،بالىلىقتىكى دۇستۇم ساۋاغدىشىم ھەم قىيامەتلىك خۇشنامنىڭ بىشىغا كەلگىنىنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغاندا بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ ،شۇنچە قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلۇپمۇ ياشاش ئستىكىدە جەميەتنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا قىقىلىپ-سۇقۇلۇپ ئۈمۈت بىلەن ياشاۋاتقان ،ئائىلىسى يولدىشى جەميەت تەرپىدىن خارلىنىپ دەپسەندە بۇلغان، دۇستۇم مۇبارەككە قول قويماي تۇرالمىدىم، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلغان ھۈزى تىتىرەك ئارلاش ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىسى .ئاخىر مىنى كۇمپىيۇتىر ئالدىغا كىلىشكە ،بۇ ئىشنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرقىلدى.
ئىھ... تۇرمۇش ... ئاھ رەزىللىك ...ئاھ ئپلاسلىققا تولغان جەمئيەت ،سەن يەنە قانچىلىغان مۇبارەكلەرنى ۋەيران-سەرسان قىلارسەن؟ ئىھ... ئاچكۆزلۇك....ئىھ شەھۋانىلىققا تۇلغان ئادەملەر، سىلەر يەنە قانچىلىغان قەيسەرلەرنى يىتىم قىلارسىلەر؟
                                                بىر ئانا، بىر قىزنى تۇغۇپ، ئۇنىڭ جاپاسىنى تارتىپ ،بىقىپ چۇڭ قىلىپ، بىرە ئىشقا يارغىدەك بۇلغاندا ،ئەمدى يەمەن، ئەمدى كىيەمەن ،ئەمدى ئىچەمەن ،ئەمدى ئۇينامەن دەپ ،جاپادىن قۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرسا، بىرلىرى كىلىپلا ئۇقىزنى نىكالاپ ئالدىكەن، ئالغان تۇيلۇقنىڭ تاينى يۇق، بىر ئىغىز تەگدىم دىگەن گۇناغا ،قىزنى شۇ ئانىنىڭ يۇرەك پارىسىنى. يەنى ئۇزىنىڭ ئىككى دۇنيالىق ھالال جۇپتى بۇلغان ئايالىنى .خالىغانچە دەپسەندە ،ئاياغ -ئاستى قىلىپ خۇرلاپ، ئازاپلاپ، ئۇرۇپ -دۇمبالاپ مىجىقىنى چىقىرۋىتىدىكەن ،يەنە شۇ ئايال بۇلغۇچى .كىريۇيۇش ،تاماق ئىتىش، ئۇي تازلاش، بالا تۇغۇش ،ئۇنى بىقىپ قاتارغا قۇشۇش، ئىرىنى كۇتۇش ،خىزمەت قىلىش ،دىگەندەك ئىشلارغا ئۇزىنى ئاتاپ ،ئائىلنىڭ يۇكىنى يەڭگىللىتىپ ،ئىرىنىڭ ئازاپلىرىنى تەڭ تارتىدىكەن ،يەنە شۇنداقتىمۇ ،ئەر تەرەپنىڭ تۇققانلىرىنى رازى قىلماق تۇلىمۇ مۇشكۇل -قىيىن ئىكەن ،ئاتا بۇلماق سىلەرگە تەس بۇلغىنىدەك، ئانا بۇلماقمۇ  ئاسان ئەمەس،  ئاللانىڭ قاغىشىغا كەتكەن ،ئاللا سۇل كۇزىدە قارغان ئىنسان ،قىز بۇلۇپ تۇغۇلىدىكەن ، يەنە كىلىپ بۇ قىسمەتلەرگە ئانا بۇلغىچىنىمۇ سۇرەپ كىردىكەن ،ئاھ خۇدا ،دۇنيادا ئايال بۇلۇش نىمانچە تەس.........؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!


                                             مۇقەددىمە
يانفۇننىڭ يوقىرى ئاۋازدا سايرىشىدىن خىيالغا پىتىپ نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ ئولتۇرغان مۇبارەك چۈچۈپ كەتتى.
ئۇ يانفۇننى ئېلىپ نۇمۇرغا قاراپ سەل قورقۇپراق تىتىرەك ئارلاش ئاۋازدا،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دىگەن سۆزنى ئارانلا ئاغزىدىن چىقرالىدى. قارشى تەرەپتىن بىر ئەرنىڭ بۇم ئاۋازى كەلدى.
-ھە دۇدۇقلاپ كەتتىڭڭغۇ؟ نەدە سەن؟ قىشىڭدا بىرە ئاشنا-چۇتكاڭ بارمىتى بۇزۇق؟
سالامغا جاۋاپمۇ بەرمەستىن تىلفۇندىن يامغۇردەك يىغۋاتقان سۇئاللار-سەت گەپلەرپ بىچچارە ئايالنى سەل گاڭگىرتىپ قۇيدى بۇلغاي ،نەچچە مىنۇت جىمىپ كەتتى. قارشى تەرەپتىن يەنە
-گەپ قىلە قانجۇق! ئاغزىڭغا بىرەسىنىڭ .................. كىرىپ قالدىما ؟
شۇچاغدىلا مۇبارەك سەل ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ،
-گەپ قىلىشقا پۇرسەت بۇلسا قىلارمەن! دىگەن گەپنى ئاران دىيەلىدى. ھەم ئەتراپىغا چۇچىگەندەك قاراپ قۇيدى.
-مەن ھازىر بارمەن ،مىنى ھېلىقى ئاشخاندا ساقلاپ تۇر...................؟!
تەھدىت ئارلاشقان سەت گەپلەردىن مۇبارەكنىڭ تىنى شۇركىنىپ ئۇنسىز تىلفۇننى قۇيدى.
يولدا كىتىۋاتقان مۇبارەككە ھەممە ئادەم قارغاندەك ،ئۇنى زاڭلىق قىلغاندەك ،كىملەردۇ ھازىرلا يىنىدا پەيدا بۇلۇپ ئۇرۇپ كىتىدىغاندەك تۇيلاتتى.
مۇبارەك ياشلىرىنى سۈرتۈپ بايا كەلگەن تېلفۇننى ئويلىدى .
تۇۋا ماڭا نەدىن كەلگەن جۈرئەتتۇ بۇ ؟ئەگەر يىنىدا بۇلغان بۇلسام گەپ ياندۇرۇپ جۇۋاپلاشتىڭ دەپ ئاغزى -بۇرنۇم تۇزلىنىپ كىتەتتى .قاپىغىم تۇختىماي تارتىۋاتىدۇ ،يەنە نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن؟
مۇبارەك شۇ خىياللار بىلەن ئاشخانىغا قانداق كىلىپ قالغىنىنى سەزمەي قالدى.
شۈكرى بۈگۈن ئاشخاندا ھەنىم بولسا ئادەم يوق دىيەرلىك ئىدى .
بولمىسا بۈگۈنمۇ ئۆتكەنكىدەك، ئادەم بار، يوق دىمەي ئۇرۇپ كەتسە توۋا !
-ئاپسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلار ماڭا ئۇچرايدۇ جۇما؟!
بۇ دەل بايا مۇبارەككە تەھدىت سىلىپ  تېلفۇن ئارقىلىق مۇبارەكنى ئاشخانىغا چاقىرغان مۇبارەكنىڭ بىر يىرىم يىللىق ھالال جۈپتى ‹ئىككىنجى يۇلدىشى› شىر ئەلى ئىدى.
مۇبارەك يولدىشىغا ئەگىشىپ مىڭىشىغا، باياتىننىڭ ياقى ئاققۇشقاچتەك ۋىچچىرلاپ سۆزلەپ يۈرگەن ئاشخانا خۇجايىنى  ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ، ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلەپ نىمە يەيدىغانلىغىنى سورىدى  .مۇبارەك ئۈنسىز ئۆرە تۇردى.  شىرئەلى زەھەر خەندىلىك بىلەن  ئوروندۇقتىن بىرنى مۇبارەككە ئىما قىلىپ  ،
-ئوتتۇراپ بەمەملا خان ،بىرە مابەتلىرى ئىسىلىرىگە كىلىپ قىلۋاتامدۇ يا؟
-نىمانداق قالايمىقان سۆزلەيسىز؟ توۋا خۇدايىم!
-ۋوي ...ئۆزلىرىگە گەپ تىك كەتكەن ئوخشىمامدا؟
-بولدى قىلىڭ ،بۇ دىگەن ئاشخانا گەپ بولسا ئۆيگە بارغاندا چىرايلىقچە دىيىشمەمدۇق!
-پاھ ...ما نىمىنىڭ گىپىنى. گەپ چوڭغۇ بۈگۈن، بىرە ئاشناڭ قۇلىقىڭنى بۇرغان ئوخشىمامدا ؟
-مەن خاتا گەپ قىلدىمما؟
-ۋاي ئۆزلىرى ئەۋلىيا بۇلغاندىكىن توغرا گەپ قىلىلا خىنىم،
-مۇشۇ كۈنلەردە نىمانداق تەتۇر بۇلۇپ كەتتىڭىز؟
-ساڭا بىقىپ مەن ،ئىشىككە بىقىپ دەم دەپتىكەن ،بىلدىڭما رەسۋا!
-مەن شۇ ئالدىڭىزدا نىمە گۇنا قىلدىم ؟دىمەمسىز؟
مۇبارەكنىڭ سۆزىنىڭ ئايىغى چىقمايلا ،شىر ئەلى چامباشچىلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ،ئۇنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە ئۇرۇپ -تىپپ ،مۇبارەكنىڭ ئاغزى- بۇرنىنى بىردەمدىلا قان قىلۋەتتى.
ئاشخانىدا سەي تىزىملاپ ،تاماق تۇشۇپ يۇرگەن ئايال خۇجايىن ،
-ھىي.. بالاڭزا ،سەن شۇۋزىما ؟بىكار خۇتۇن ئۇرامدا ؟ئۇ پۇل بەرسە سەن تاماق يەيدۇ ،قىزبالانى جېياڭ ئۇرامدۇ؟ مۇبالا سەن شۇۋزا؟ ئەمدى ئۇنىغڭا پۇل بەمەيدۇ، تا بۇسى رىن ،سىڭكۇ تامادى گۈن،
يۇلدىن ئۆتكەنلەر ئاشخانىغا بۇيۇنداپ قارىشاتتى. جۇدۇنى تۇتقان شىرئەلى تەتەيگە كۆزىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ سەت بىرنى ئالىيىۋىتىپ ،
-ئۆزەڭ شۇزا !ئۇرسام ئۆزەمنىڭ خوتنىنى ئۇردۇم ،سىنىڭ نىمە كارىڭ !سىنىڭمۇ ئازراق تېتېپ باققاڭ بار ئۇخشىمامدۇ؟
-چۈ نىمادى ،مەن سەندىن قوقمايدۇ ،ۋو بۇشى مۇبارەك بىلدىما؟
-ما يۇندا پۇرۇشنىڭ گىپىنى تېخې.............
شىرئەلى تەتەينىڭ ئالدىغا مېڭىشىغا تەتەي ئاشخانىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئاللا كىملارنىدۇ چاقىردى. ئۇنىڭغىچىمۇ ئاشخانىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلىغان تەمبەل بىر ئەر چىقىپ،
-نى گەنسا چىۋەنلا مىييۇ؟ بۇياۋ سوجا ،
دەپ شىر ئەلىنىڭ مۇرىسىدىن قاماللىغىنىچە سىرىتقا سۆرىدى.
شىر ئەلى خۇددى بۆرىنىڭ چاڭغىلىغا چۈشۈپ قالغان قوزىدەك تىپىرلاپ،
-ھىلى باكا جۇما ھىلى يامان قىلمەن،
دەپ تەمبەل خۇيزۇ ئەرگە ھەيۋە قىلاتتى.
سىرىتتا بۇلارنى كۈزتۇپ تۇرغان ياشانغان ئاپپاق ساقاللىق كىشى گەپكە ئارلاشتى.
-بالام  ئۇ چوكان ئايالىڭ بۇلامدۇ؟ كىشىنىڭ بالىسىنى ئۇنداق خارلىما، سەنمۇ بالىلىق بۇلىسەن ،ئۆتنىسى يىنىپ قالىدۇ ،ئاللا بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى كەچۈرمەيدۇ،
-مىنىڭ ئىششىمغا ئارلاشماي ئۆيەڭگە بىرىپ قىزىڭنى باشقۇرەۋا ئاكا،
-ھۇ رەسۋا ،پاسىنا بۇزۇق، بۇلار ھەجەپ سىنىڭ كەتمىنىڭنى چېپپ كەتتا ؟قارغاندا تەرەققى قىلىپ مىللەت-ياش ئايرىمايدىغان بۇلۇپ كىتىپسەندە؟ ئالدىرماي تۇر، بۇنىڭ سورىغىنىمۇ ھىلى ئالمەن،
بۇۋاي ياقىسىنى تۇتۇپ ئاللا نىمىلەرنى دەپ غۇدۇراپ كىتىپ قالدى.
ئۇنىڭغىچىمۇ  بايامقى تەتەي بىرچۆمۈش سۇ بىلەن لۇڭگە تەييارلاپ مۇبارەككە ئۇزاتتى .مۇبارەك شىر ئەلىدىن رۇخسەت سورىغاندەك ئۇنىڭغا قاردى.
-بۇلەۋا تىز ئەزمەڭنى ئەزمەي چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئەسكى سىۋەتتەك ئادەمنىڭ كۇزىگە سەت كۆرۈنمەي، مىڭ ياسانساڭمۇ يەنە سەن شۇ سىنى يا بىرە رىستۇران يا  دىباغا ئاپپامايمەن ،
مۇبارەك ھۈزىدىكى قانلارنى يۇيۇپ ئەمدى لۈڭگىگە قول ئۇزتىشىغا شىرئىلى مۇبارەكنى سىلكىگىنىچە سىرىتقا سۆردى .
بۈگۇن يەكشەنبە بولغاچقا يولدا ماشىنىلارمۇ ئادەتتىكىدىن كۆپ ئىدى.شىرئەلى مۇبارەكنى ھىچ ئىش بولمىغاندەك بىلىدىن قۇچاغلاپلا سۆرەپ دىگۇدەك ئېلىپ ماڭدى.
مۇبارەك يولدىكى ماشىنىدىنمۇ ياكى يىنىدىكى قانخوردىن قوقتىمۇ ئەيتاۋۇر سەل كەينىگە داجىشىغىلا شىرئەلىنىڭ يەنە بىر قۇلىمۇ مۇبارەكنىڭ بىقىنىغا نۇقۇلدى شۇ ھامانلا مۇبارەكنىڭ بىقىنى <چىم> قىلغاندەك بۇلۇپ بىر ئەغرىق مىڭىسىگە چىقىپ كەتتى.
مۇبارەك يولدىشىنىڭ قۇلىغا قاراپلا ھەممىنى سەزدى.
شىر ئەلىنىڭ قۇلىدا پىچاق ئەمەس ئەرلەر ساقال ئالغاندا ئىشلىتىدىغان ساپسىز تىغنىڭ بىر ئۇچى كۆرنۈپ تۇراتتى. ئۈڭى ئۆچكەن مۇبارەك يولدىشىغا يىلىنىشقا باشلىدى.
-ئۈتنۈپ قالاي خۇدا ھەققى بولسىمۇ كۇچىدا سەتلەشمەڭ گەپ بۇلسا ئۆيگە بىرىپ دىيشەيلى؟!
-جان تاتلىقمىكەن خىنىم؟ خاتىرجەم بول سىنى ئۇنداق ئاسان ئۆلتۈرمەيمەن!
-بارلىق سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تىپپ بۇلۇپ ئاندىن ئالدىرماي گال پىچاقتا گۇشۇڭنى ئاز-ئازدىن توغراپ ئاچچىغىمنى چىقىرمەن! ھامان ئۈلىدىغان جاھانغا قورقۇپ نىمە كەپتۇ ئەركەكتەك ياشاش كىرەك،
مۇبارەكنىڭ كۇز ئالدىغا 80 دىن ئاشقان قېرى ئاپىسى بىلەن ئەمدىلا تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بالىسى كەلدى.شىرئەلى مۇبارەكنىڭ كۆزىدىكى ياش تامچىلىرىنى كۆرۆپ چىرايىنى تۈرۈپ سەت ۋاقىردى ،
-ئۈچرە زۇۋانىڭنى يەنە يۇنداڭنى ئېىقىتىپ خەقكە ئۇيۇن قۇيدىغان بولساڭ ........قالغىنىنى ئۆزەڭ بىل ؟!
مۇبارەك كۆزىدىكى ياشنى زورىغا يۇقۇتۇشقا تىرشىپ لىۋىنى قاتتىق چىشلىدى.
بىچچارە ئايالنىڭ بۇلاقتەك قوي كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىققان ئىككى تامچە ياشنى ئۇزۇن كىرپىكلىرىمۇ يۇشۇرۇپ قالالماستىن نىپىز لەۋلىرى دىن چىققان قانغا ئالىشىپ ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ بوينىغا ئېقىپ چۈشتى.
-كىمگە چىدىماي لەۋرىرىڭنى چىشلەپ قانتىۋەتتىڭ گۈزىلىم؟
مۇبارەك ئۈن چىقارمىدى ئەمما ئۇ پۈتۈن دەردىنى ئىچىگە يۈتۈشكە مەجبۇر ئىدى
                                 بىتالاي قىز

بۇئايشەمخان ئاچا يولدىشى تاھىر ئاكا تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن چۈچۈرىدەك 7 بالا بىلەن قالدى باللانىڭ چۇڭى  قىز بۇھەجەر،تاھىر ئاكا ھايات چىغىدىلا تالالىق قىلىنغان  ئىككىنجىسى تالىپ ئاي-يىللاپ ئۆيگە كىرمەيدىغان ھاراقكەش ئۈچىنجىسى بۇسارە كىسەلچان تۆتىنجىسى بۇلبۇل چوڭ ئاچىسى بۇھەجەرنىڭ يىنىدا بەشەنجىسى تاش تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگەن بولسىمۇ كۇنا جەمئيەت قارشى كۈچلۈك پۇرسەت پەرەس مەنمەنچى ئالتىنچىسى مەرھابا قوزىدەك مۇلايىم ئشچان كەمسۆز يەتتىنجىسى مۇبارەك شوخ- ئەقىللىق
تاھىر ئاكا تۈگەپ كەتكەندە مۇبارەك ئەمدىلا بىر يىرىم ياشتا ئىدى.
بۇ ئايشەم ئاچا خىلى يەرلەردىن ئەلچى كەلگەن بۇلسىمۇ < باللىرىم چوڭ بۇلۇپ قالدى باللارنى ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدابۇيۇن قىستۇرۇپ قۇيغۇم يوق> دەپ ، ئەلچىلەرنى رەت قىلدى .
باللارنىڭ ئۇقۇغىنىمۇ شۇ تاش بولدى قالغانلىرى ئۇقۇشسىز قالدى
ئەزەلدىن تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئايشەم ئاچا بۇ باللارنى چۇڭ قىلىپ بولغىچە ياشلىق گۈزەللىك مەزگىلىدىن خۇشلۇشۇپ تىقىمىغا چۇشكەن توم قارا ئىككى ئۆرىمە چىچىغا ئاق كىردى ھۈزلىردېمۇ قورۇقلار كۈنسايىن كۆپەيدى.
بۇ جاپاكەش ئانا كەينى-كەينىدىنلا ئۈچ بالىنى تالالىق قىلىپ جاپادىن خىلىلا يىنىكلىشىگە مۇبارەككە <ئاق ئانام> يارسى چىقىپ ئانىنى جىددىلەشتۇرۋەتتى.
يۈزلىرى يۇملاق كۆزلىرى يوغان قاڭشارلىق قۇشۇمقاش كىرپىكلىرى ئۇزۇن توختىماي سۇئال سورايدىغان سەل ئوغۇل بالا مىجەزرەك كىچىكلىكىگە باقماي شۇنچە جاسارەتلىك بۇ ئۇماق قىزىغا ئۇزۇندىن -ئۇزۇن قاراپ ئىچىسىرىلىپ كىتەتتى.
ئانىنىڭ تۈگىمەس خىياللىرىنى مۇبارەكنىڭ تاتلىق ئاۋازى بۇلدى.
-ئاپا مەلىدىكى ھەممە باللا مەكتەپكە بەردىكەن نىمىشكە مەن بارمايمەن؟ يا ،مىنى قۇلىدا يارا بار دەپ مەكتەپكە ئاممامدۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس قىزىم ھازىر مەندە پۇل يق ئاكاڭ ئۆيلىنىدىكەن !
-نەگە ئۆيلىنىدىكەن مەكتەپكىما؟ ئاكىسى ئۆيلەنسە  سىڭلىسى ئۇقۇسا ئۇنمامدا ئاپا؟
-ياق بالام بىزدە ھازىر پۇل يوق شۇ!
-ئەمسە نەچچە پۇل بۇلسا مەكتەپكە بارغىلى بۇلىدۇ؟
-بۇنى بىلمەيدىكەنمەن ئاداشلىرىڭدىن سوراپ باق؟!
ئەتىسى مۇبارەك ئادەتتىكىدىن بالدۇر تۇردى. بارلىق ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ،
-ئاپا مەن مەكتەپكە ماڭدىم ؟
-بالام ئەمدى بامدات ناماز ۋاقتى بولدى........!
-ياق سائەت خاتا ئىكەن سىز ۋاققاپسىز بالدۇر بارمىسام مالىم تىللايدۇ,
-مەيلى بىرىپ باق ئەمسە!
مۇبارەك مەكتەپكە1سائەت بالدۇركەلگەن ئىدى. خىلى ۋاقىتلاردىن كىيىن مەكتەپ دەرۋازىسى ئىچىلدى. باللار بىر-بىرلەپ كىلىپ ئۆز سىنىپلىرىغا كىرىپ كەتتى مەيداندا پەقەت مۇبارەك يالغۇز قالغان ئىدى.
-ھەي قىز نىمىشكە سىنىپقا كىرمەي بۇيەردە تۇرسىز؟
تۇيۇقسىز كەينىدىن ئاڭلانغان بىر ئەرنىڭ ئاۋازى مۇبارەكنىڭ خىيالىنى بىلۋەتتى.
-سىنىپ ؟ قايسى سىنىپقا كىرمەن؟،
ياندۇرۇپ سۇرالغان بۇ سۇئال بۇ ئوتتۇر ياش مۇئەللىمنى سەل ھەيران قالدۇردى.
-سىز ئۇقۇمامسىز؟
-ئۇقۇيمەن!
قايسى سىنىپتا ئۇقۇيسىز؟
-مەن ئۇقمايمەن!
-ئەمسە كىم ئۇقىدۇ ؟
-ھىچكىم!
مۇئەللىم ھەممىنى چۈشەندى بولغاي تۇرۇپ كىتىپ ،
-جۈرۇڭ قىزىم ،ئىشخانىغا كىرىپ پاراڭلىشايلى!.
-مۇئەللىم مۇبارەكنىڭ قۇلىدىن يىتىلەپ ماڭماقچى بۇلىۋىدى. مۇبارەك قۇللىرىنى كىچىككىنە كۆينەكنىڭ ئىتىكىگە يۇشۇرۇپ ،
- سىز مالىمما؟
-مالىم ئەمەس مۇئەللىم دەڭ! نىمىشكە قۇلىڭىزنى بەرمەيسىز؟
- قۇلۇمدا يارا بار ئاپام باشقىلارغا يۇقۇپ قالىدۇ دىگەن سىزگىمۇ يۇقۇپ قالمىسۇن دەپ شۇ!
مۇئەللىم مۇبارەكنىڭ گىپىدىن ئۇنىڭ پۇت-قۇل بارماقلىرىنىڭ ئارلىرىدا ئۇششاق جاراھەت قاپارتمىلەرنى كۆرۈپ تەئەججۇپلەنگەن دەك،
- بۇ قانداق يارا؟
-بۇ دىگەن <ئاق ئانام>  سىزگە چىقىپ باقمىغانما شاپاققا سىيىپ قويسام چىقىپ قالدى سىز سىمەڭ جۇمۇ؟
مۇئەللىم بۇ سەبى كۇزلىرىدىن گۈدەكلىك ئەقىل نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان سۇزمەن تارتىنماس قىزنىڭ سۆزلىرىگە كۈلگىسى كەلسىمۇ ئۆزىنى زورىغا بىسىپ قىزچاقنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى.
مۇبارەك ئىشخانىغا كىرىپلا 5-6 مۇئەللىملەرنى كۆرۈپ ،
-ۋاھ بۇ ئاكاش-ئاچاشلارنىڭ ھەممىسى مۇئەللىمما ؟
-ھەئە قانداق جىقمىكەن !؟
-ھىم لىكىن مىنى ھىچكىم ئۇقۇتمايدۇ؟
-نىمىشقا ؟ دەسلەپ ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنىت بۇلۇپ ئولتۇرغان بەزى ئۇقۇتقۇچىلار ، بۇ ئۇماقنى چۆرىدەپ ئۇتتۇرغا ئىلۋىلىپ گەپكە سىلىۋاتاتتى. شۇ ئارلىقتا كىمدۇر بىرى.
-مەكتەپ مۇدىرى كىردى . دىدى
ئۇقۇتقۇچىلار دەرھال ئۆز ئورۇنلىرىغا بىرىپ ئۇلتۇرۇشىشىغا بايا مۇبارەكنى بىللە ئىلىپ كىرگەن مۇئەللىم  قۇلىدا نەچچىتال پىرەنىكنى كۇتۇرۇپ مۇبارەكنىڭ ئالدىغا كىلىپ،
-كىلىڭە قىزىم بۇيەردە ئولتۇرۇڭ؟نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
-6 ياشتىن ئاشتىم !
-ئىسمىڭىز نىمە ؟
-مۇبارەك !
-ئۈيۈڭلار قايەردە؟
-مەن باشتىن دەپ بىرەي ھە مالىم ؟
مۇئەللىملەر بۇ قىز نىڭ سۆزىگە قىزىقسىنىپ قاراشتى.
بىز مۇشۇ شەھەرلىك  ئۆيۈم يول بۇيدىلا دادام مەن بۇۋاق ۋاقتىمدا ئۆلەپ قاپتۇ ئاپام تاۋۇز ساتىدۇ ئۈچ ئاچام توي قىلدى بىر ئاكام توي قىلدى يەنە بىر ئاكام ئەمدى توي قىلدۇ،
مەن ئۇقاي دىسەم پۇل يوقكەن يەنە بىر ئاچام ئۇقۇمايدىكەن، نەچچە پۇل بۇلسا ئۇقۇغىلى بۇلىدۇ؟
باياقى ئەر مۇئەللىم ئېغىر بىر تىنۋەتكەندىن كىيىن،
-قىزىم ھازىر ئۇقۇش باشلانغىلى خېلى بولدى ھازىر باللانى قۇبۇل قىلمايمىز 9- ئايدا كىلىڭ بۇلامدۇ؟،
-ئاكام سەندەك يارا بىسىپ كەتكەن قاسماقنى مەكتەپ قۇبۇل قىلمايدۇ دىگەنتى راسما؟
-ياق مەن دىگەن چاغدا كەلسىڭىز سىزنى ئۆزەم ئۇقۇتىمەن بۇلامدۇ؟ ئاۋۋال كىسىلىڭىز ساقايسۇن قانداق؟
-لىكىن شۇ پۇل يوق قانداق ساقىيىدۇ؟
-بۇ نىڭغا پۇل كەتمەيدۇ مەن سىزگە بىرنەرسە يىزىپ بىرەي شۇ بۇيۇنچە قىلسىڭىز مەكتەپكە كىلىشتىن بۇرۇن ساقىيىپ كىتىسىز! لىكىن بەك ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ،
-مەيلى مەكتەپكە ئالسىلا مەن چىدايمەن،
مۇئەللىم بىرۋاراق قەغەزگە نىمىلەرنىدۇ يىزىپ مۇبارەككە تەڭلىدى.
-بۇنى ئاپىڭىزغا بەرسىڭىز مۇشۇ بۇيىنچە قىلسا تىزلا ساقىيىسىز،
-ئاپام خەت ئۇقامايدۇ،
-ئاكىڭىز ئۇقۇيدۇغۇ؟
-ئۇ دىگەن چەتئەلچە<يىڭى يىزىق> خەت ئۇقۇيدۇ،
-مەلىڭىزدە مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان ئاداشلىرىڭىز بارمۇ؟
-بار گۇلناز ئادىشىم ئۇقۇيدۇ،!
شۇ ئاردا سىنىپ مەسئۇلىنىڭ تاپشۇرىشى بىلەن ئىشخانغا مۇبارەكتىن سەل چۇڭراق بىرقىز بىرمۇنچە ۋاراقلارنى كۇترۇپ ئىشىكنى بۇشقىنا چىكىپ كىردى. بۇ دەل بايا مۇبارەك گىپىنى قىلغان گۇلنازئىدى. مۇبارەكنىڭ كۆزلىرى چاقناپ خۇشال ئاۋازدا،
-مانا ئادشىم شۇ، ماڭا خەت ئۈگتىپ ساناق سانىتىدۇ،
-سىز بۇ قىز بىلەن بىر مەھەللىمۇ؟
-ھەئە !
-قايسى سىنىپتا ئۇقۇيسىز؟
-1-يىللىق 2-سىنىپتا!
-خەت ئۇقۇيالامسىز ساۋادىڭىز چىقتىمۇ؟
-ئەركىن شوجاڭ ،بۇ قىز ئۇقۇش يىزىشتا تۇۋەن يىللىقلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردۇ،
بۇمۇشۇ مەكتەپنىڭ  قۇشۇمچە ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى ھەسەنجان ، ئىدى
-ئۇنداقتا ياخشى كەچتە بۇ خەتنى بۇ قىزنىڭ ئاپىسىغا ئۇقۇپ بىرىڭ مۇشۇ بۇيىنچە داۋالانسۇن تىزلا ساقىيىدۇ كىلەركى مەۋسۇمدە بىللە ئۇقۇيسىلەر بۇلامدۇ؟
گۇلناز بىشىنى لىڭشىتىپ مۇبارەككە خۇشال قاراپ قويدى.
بۇئايشەم ئاچا خۇشنىسىنىڭ قىزى گۇلناز ئېلىپ كىرگەن كىچىككىنە باغاقچىغا بىرقۇر-قاراپ چىقىپ ،
-قىزىم بۇنىڭغا نىمىلەر يىزىلىپتۇ،
-بۇ دۇرا قەغىزى مۇشۇ بۇيىنچە قىلسا مۇبارەك ساقىيىدىكەن.9- ئايدا بىللە مەكتەپكە باردىكەنمىز مۇئەللىم شۇنداق دەيدۇ،
قەغەزدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرغان بىچچارە ئانا خۇددى ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خۇش بۇلۇپ كەتتى.
-ئۇقىڭە ئالتۇن قىزىم، تىزرەك ئۇقۇڭ!.
گۇلنازنىڭ قۇلىدا يىزىلغىنى. مىللى تىبابەتتە ئىشلىتىدىغان تۇخۇم مىيى بۇلۇپ، بۇنى مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن تەييارلىغان، تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
كەچتە بۇئايشەم ئاچا،تاماقتىن كىيىنلا بۇ دۇرىغا تۇتۇش قىلىپ بالدۇرلا ياساپ چىقتى.
-ئاپا پۇتۇمنى ئىسسىق سۇدا پاكىز يۇيۇپ بۇلدۇم دورىنى سۈرۈيمۇ؟
-بالام سەل سۇۋىسۇن قىززىق پۇتۇڭ كۈيۈپ قالىدۇ!
-ياق مۇئەللىم داداش قىززىق بۇلسا ئىتتىك ساقىيىدۇ دىگەن!
مۇبارەك دۇرىنى پۇت-قۇللىرىغا ئالا قۇيماي سۈردى.بەش مىنۇتلاردىن كىيىن دۇرا تەسىر قىلدىمۇ، مۇبارەكنىڭ پۇت-قۇللىرى كۈيۈشۈپ ئىچىششقا باشلىدى.
مۇبارەكنىڭ يەردە يالاڭ ئاياغ سەكرەۋاتقىنىنى كۆرگەن ئىككىنجى ئاكىسى تاش،
-ھەي جىن تىپپەتكەن ساراڭ، كەچ بولغاندا ئۇيقۇڭنى ئۇخلىماي قورودا نىمە سەكرەپ يۈرسەن؟
-پۇتۇمغا دۇرا قىلغان بەك ئىچىشىپ ئاغرىۋاتىدۇ!
-بالام تاش ئۇكاڭنىڭ پۇتىغا دۇرا قىلغان سەن كىرىپ ئۇخلاۋەر،
-ئاپا سەن دائىم مۇشۇ شۇم بىلەنلا قالدىكەنسەن، مىنىڭ ئىششىم بىلەن كارىڭ يۇقما؟
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە بالام نىمىلا دىگەن بىلەن بۇمۇ ئۆز قېرىندىشىڭغۇ؟ مەن نەدە سىنىڭ ئېششىڭغا كارىم يوق دىدىم
-بىزار مەن بۇنداق قېرىنداشتىن، سەنلا شۇنداق دەيدىكەنسە، نەرى بىزگە ئوخشايدۇ بۇ ساقلاندىنىڭ؟
-تاش گەپنى ئۇيلاپ قىل بالام ،
-بولدى قىلە،............. بۇ بىزنىڭ پۇشتىمىز ئەمەس ، بىلمەيدىغاندەك، ئادەمنى تۇلا قاپاققا سىلىپ كولدۇرلاتمىغىنە،
-قاچانمۇ چۈشنەرسە، قاچانمۇ ئىشنەرسە ............؟!
بۇئايشەم ئاچىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى تاش قەستەن ئاڭلىماسقا سىلىپ بىرنىمىلەرنى غۇدۇرغىنىچە ھىچ ئىشتىن خەۋەرسىز بۇ سەبى سىڭلىسىنى ئىتتىرۋىتىپ ئىشىكنى قاتتىق ياپقىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ئانا يىقىلىپ چۈشكەن مۇبارەكنى يۆلەپ كىيىملىرىنى قاققاچ،
-ئاغرىۋاتامدۇ قىزىم،
-ياق ئاپا ساقايسام مەكتەپكە بارمەنغۇ؟ شۇڭا ئاغرىمىدى.ئاكام سىزنى تىللىدىما خاپا بۇلماڭ جۇمۇ ئاكام خاپا بۇلۇپ قاپتۇ،
-ياق قىزىم خاپا بولمۇدۇم،
ئانا شۇنداق دەپ قويغىنى بىلەن. كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش ،يۈزىنى بويلاپ ئىېقىۋاتاتتى.
-ئاپا بىر سائەت بوپتۇ دۇرىنى يۇيىۋىتەيمۇ؟
-ماقۇل يۇيۇپ بۇلۇپ تىزراق ئۇخلاڭ!
-سىزچۈ؟ ئۇخلىمامسىز ؟ ئۇخلىغىڭىز كەلمىدىما؟ ھارمىدىڭىزما؟
- ياق  بالام ئانىنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ ھەم ھارمايدۇ بۇنى چوڭ بولغاندا بىلسەن قىزىم،
ئانا ئويچان كۆزلىرىنى مۇبارەكتىن ئەپ قېچىپ قاياقلارغىدۇ تىكىپ ئاللا قانداق تىگى يۇق جىياللارغا پاتتى.
-ھەي مىكى جىن ئۇخلامسە يا تاياق يەمسە؟.........
مۇبارەك تاشنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئانىغا قاردى .بۇئايشەم ئاچا قىزىنى. ‹كىرىپ كەت› دەپ ئىما قىلغاندىلا مۇبارەك ،ئانسىغا قىيمىغاندەك قاراپ قۇيۇپ ئۇيگە ئاستا كىرىپ كەتتى.
كىچە. بۇئايشەم ئاچا بۈگۈن شۇنچە ھارغان بولسىمۇ، ئۇيان-بۇيان ئۆرلۈپ قەتئى ئوخلىيالمىدى.
بۇ باللار نىمىشكە مۇبارەكنى چەتكە قاقىدىغاندۇ، يا بۇ قىز ئۇگەي بولمىسا ،مۇنداق بۇلارىنى بىلگەن بۇلسام ،مۇبارەكنى ئەكەلمەي شۇلارغا بىرېۋىتسەم بوپتىكەن.
ئانىنىڭ كۇڭۇل ئىكرانىدا مۇندىن بەش يىل بۇرۇنقى ئىشلاركىنۇ لىنتىسىدەك كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
مۇبارەك ، تۇغۇلۇپ 6ئايلىق بۇلغان مەزگىلدە ،ئايشەم ئاچا بىلەن تايىر ئاكا، 7 بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتى. بۇئايشەم ئاچا كىسەلچان قىزى بۇسارە بىلەن قۇچاقتىكى مۇبارەكنىلا ئېلىپ، كارغا كەلگىدەكلىرىنى يولدىشىغا قالدۇرغان ،
مۇبارەك 1يىرىم ياشقا كىرگەندە، تايىر ئاكا بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۇلۇك خۇشلاشقان ئىدى .
باللارنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، بۇ ئايشەم ئاچا باللىرىنى يىنىغا ئەپكەۋالدى.
تاش بولسا ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشش، تۈگەپ كىتىش سەۋەبىنى. مۇبارەكنىڭ ئايغى ياراشماسلىقتىن دەپ قارايتى.
بۇ ئايشەم ئاچا بۇلسا، يولدىشى تۇلا تالاغا قارغانلىقتىن ئاجراشقان، تايىر ئاكا كىسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەن ئىدى،
تاش سەل چوڭ بولغاندىن كىيىن، بۇ ئىشلارنى تەتۇر چۈشنىپ،‹ مۇبارەك خەقنىڭ بالىسى بولغاچقا، دادام- ئاپامنى قۇيۋەتتى.› دەپ مۇبارەككە ئۆچمەنلىك قىلاتتى.
مۇبارەك ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى. ئىشىك ئالدىدىن يۇقۇلۇپ كەتتى.
ئانا شۇنچە چوڭ شەھەردىن كىچىككىنە قىزىنى قانداق تاپالىسۇن، ئۇنىڭ بارمىغان ساقچىخانا، سورمىغان تۇنۇشلىرى قالمىدى.
بىركۇنى ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ،دائىم سەدىقە تىلەپ كىلىدىغان بۇۋاي يەنە كەلدى.ئانا كۆزلىرى نەم ھالدا بىر موچەننى ئۇزاتتى،
-نىم بوللا قىزىم؟ كۆڭۇللىرى يىرىممۇ نىمە؟ مىنى ‹چوڭ دادام › دەيدىغان قىزلىرى كۇرۇنمەيدىغۇ؟
يىرىلالماي ئاران تۇرغان ئانا ،خۇددى كىچىك بالىدەك، ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى.
-بۈگۈن بىر ئاي بولدى. ئىشىك ئالدىدا ئويناۋىتىپ يۇقاپ كەتتى.
-كۆڭۇللىرىنى بۇزمىسىلا! مەن تۈنۈگۈن كۈمۈركانغا چىققان، بىر ئۆيگە كىرىپ‹ قۇرئان› تىلاۋەت قىلۋاتسام، بىر بالا بەكلا يىغلاپ كىتىپتۇ، ئۆي ئىگىسىدىن سورسام ،‹مىجەزى يوق ›دەيدۇ،
دەم سىلىپ قۇياي دىسەم ،بالىنى ئەپچىققانتى. كۆزۇمگە شۇ سىلنىڭ قىز كۆرۆندى .بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۇقۇپ باقاي دەپ كىلشىم.
سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان ئانا،ئەندىكىپ سوردى.
-قارىم خۇدايىم خۇش بۇلار، مىنى باشلاپ ئاپارسىلا، سىلىنى ئوبدان رازى قىلاي!
-قىزىم بۈگۈن بولمايدۇ ئەتە بولسۇن!
-ئوبدان قارىم سىلىدىن ئۆتنەي!
قارىم، كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ،ياش تۆكىلىۋاتقان ئانىغا، ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە، بىردەم  قاراپ تۇرۋەتكەندىن كىيىن ،
-ئەمسە مەن باشلاپ باراي، ئۆينى كۆرسىتىپ قۇيمەن ،ئۆزلىرى كىرىپ كۆرسىلە، باشقىلارنىڭ ئۆيگە، ئۈسسۈپلا كىرگىلى بولمايدۇ، بالىنى خاتا تۇنۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، سىلىمۇ يۈزلىرىنى يۆگەپ، ساھىل سۈپىتىدە كىرىپ باقسىلا، دۇنيادا ئوخشايدىغانلار كۆپ،
-ماقۇل !جىندەك تۇرۇپ تۇرسىلا، ئوبدان قارىم، مەن ئۆيگە كىرىپلا چىقاي،
ئانا ھىچنىمىگە پەرۋامۇ قىلماستىن، ئۆيگە قۇيۇندەك كىرىپ كەتتى،
بۇ ئايشەم ئاچا، خۇددى ئۇستا كىنو ئارتىسىدەك، بىردەمدىلا ئۇچسىغا تۇلا يۇيۇلۇپ ئۇڭۇپ كەتكەن كۇنا كۇينەك بىلەن قارا ياغلىقتا يۈزىنى يۆگەپ، كونا ئۇن خالتىسىنى كۆتۈرۇپ چىقتى.
بۇلار كۆمۆر كانغا كەلگەندە ،كۈن ناماز پىشىنگە ئاز قالغان ئىدى.قارىم يىراقتىن ھىلىقى ئۆينى كۆرسەتتى.
ئانا بىردەم تۇرۋەتكەندىن كىيىن، نىشان قىلغان ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ قۇلىغىنى ئىشىككە يىقىپ تىڭشىدى.
ئۆيدىن راسلا كىچىك بالىنىڭ يىغا ئاۋازى يەنە بىر ئايالنىڭ بالىنى بەزلىگەن ئاۋازى كىلۋاتاتتى.
ئانا ئىشىكنى بىرنەچچە قىتىم چەككەندىن كىيىن، ئۆيدىن بىر ئايالنىڭ، ‹كىرىڭ› دىگەن زىل ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئەسسالام قىزىم، ناماز ۋاقتى بۇلۇپ قاپتۇ ،ئۆيلىرىدە پىشىن ئۇقىۋالسام بوپتىكەن تەرىتىمغۇ باتتى.
بۇلىدۇ ئۇقىۋالسىلا، ئۆيگە كىرسىلە،
ئانا شۇ گەپنى كۈتىۋاتاتتى.ئۇ، ئۆيگە كىرىپ دۇئا قىلغاندىن كىيىن، رومال ئارسىدىن ئۆيگە سەپسالدى،يەنىلا  شۇ تۇنۇش يىغا ئاۋازى.
-قىزىم باللىرى ساقسىزمۇ نىمە؟
-ھەئە سەل مىجەزى يۇق !
-مەن كۆرۆپ باقايمۇ؟
-بولدى! دادىسى كەلسە دوختۇرغا ئاپرىپ باقارمىز،
قىقىراپ يىغلاۋاتقان بالا، خۇددى ئۆز ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى تۇنغاندەك، يىغدىن توختاپ قالدى.
ئانا ئۆي ئىگىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك، يىغا ئاۋازى كەلگەن ئۆيگە ئىتىلىپ كىردى.
ياتاق ئۆي بولسا كىرەك، چوڭ يۇمشاق كارۋات ئۇستىگە دۇۋلەپ قۇيۇلغان ،بىرمۇنچە ھەرخىل ئۇيۇنچۇق-يىمەكلىك ئارسىدا، يىغلاپ كۆزلىرى قىزارغان مۇبارەك ،ئىشىككە قاراپ  ، تەلمۇرۇپ ئولتۇراتتى.
-قانداق يولسىز، ئايالسىز؟نىمش قىلۋاتىسىز.............................؟
-جىنىم قىزىم بارمۇسەن؟ مىنى ئەجەپ ئەنسىرەتتىڭ....با...لا ...م
ئۆي ئىگىسى ئايال، دەماللىققا تۇرۇپ قالدى ،بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك چۈچۈپ كەتتى.
-ئەكىلىڭ بالامنى! ناماز ئۇقۇۋالاي دەيسىز ،ماقۇل دىسەم نىمە بالامنى چاڭگاللاپ يۈرۈيسىز؟1
بۇئايشەم ئاچا ،شۇ ھامان يۈزىدىكى رۇمالنى ئىلۋەتتى.
باياتىندىن بىرى. بىر ئۇنىڭغا بىر بۇنىڭغا قاراپ يىغدىن توختاپ قالغان مۇبارەك ،ئاپىسىنى كۆرۆپلا يىغىنى قايتىدىن باشلىۋەتتى.
ئانا مۇبارەكنى باغرىغا چىڭ تىڭىپ ئىسەدەپ يىغلاۋاتاتتى. قىزچاقمۇ ھىلىلا ئانسىدىن قايتا ئايرىلىپ قالدىغاندەك، ئانىسىغا چىڭ چاپلىشىۋالغان ئىدى.
بۇ كۈتۈلمىگەن ئىش ئۈستىگە ،ئۆي ئىگسىنىڭ يولدىشى كىرىپ تۇرۇپلا قالدى.
-ئاچا سىز كىم بۇلسىز ؟
بۇئايشەم ئاچا بولغان ۋەقەلەرنى قىسقىچىلا سۆزلەپ بەردى.
ئۆي ئىگىسى تۇرۇپ كىتىپ، ئايالىغا بىرقارۋەتكەندىن كىيىن،
-بالىنى مىنىڭ دەيدىغان قانداق ئىسپاتىڭىز بار ؟
ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن خۇشنىلارمۇ بىر-بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى.
بەزىلەر بۇئايشەم ئاچىنى ئالدامچى دىسە ،بەزىلەر بۇ ياش ئەر -ئايالنى ئەيىپلەيتى.كىملەردۇ ساقچىغا خەۋەر قىلىپمۇ، ئۈلگۈرگەن ئىدى.
ساقچىلارنىڭ تەكشۈرىشىچە ،بۇ ياش ئەر-ئايال كۈمۈركاننىڭ خىلى چوڭ ئەمەلدارى. توي قىلىپ خىلى ئۇزۇنغىچە پەرزەنتلىك بۇلالمىغان، ھەم بالا بىقىۋىلىشنى ئويلىشىپ يۈرگەندە،
بىر دوستىنىڭ تۇنۇشتۇرشى بۇيىنچە، نامرات بىر كىشى. ئايالى تۈگەپ كىتىپ، تۇرمۇشتا قىيلىنىپ بالسىنى بىرىۋەتمەكچى بولغانلىغىنى بىلىپ، يۇتۇپ كەتكەن مۇبارەكنى، 1000 كويغا سىتىۋالغان، بالىنى ساتقۇچى. ئەتىسىلا دىرەكسىز يۇقۇلۇپ كەتكەن،
ساقچىلار تۇلۇق ئسپاتقا ئىرىشكەندىن كىيىن ،ھەر ئىككىلى تەرەپنى زىيانلانغۇچى دەپ ،مۇبارەكنى ئاپىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەن،
كىيىن بۇ ئەر-ئايال ،بۇئايشەم ئاچىغا كۆپ قىتىم مۇبارەكنى، ئۆزلىرىنىڭ بىقىۋىلىشىغا بىرىشنى ئۆتۈنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئانا قۇشۇلمىغان ئىدى.
ئانا شۇلارنى ئويلاپ، تاڭ يۇرۇپ بامدات نامزىغا ئەزان چىققانلىغىنىمۇ، سەزمەي قالغان ئىدى.
مۇبارەك بۇ نەس كىسەلدىن قۇتۇلدى. ئۇنىڭ كىچىككىنە قەلبىدە، تىزراق مەكتەپكە بىرىش ئارزۇسى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە ئىدى.
باللارمۇ تەتىلگە قۇيۇپ بىرىلدى. مۇبارەك ئويلايتى.‹پۇلنى قانداق قىلارمەن، نەدىن تاپارمەن›،
-ئاپا مەكتەپكە باردىغان چاغدا، سۇمكا    دەپتەر.......................... قەلەم..........يەنە........................................؟
-ھە سەندىگەن كىچىك خىنىم تۇرساڭ، ئاسماندىكى ئاينى- يۇلتۇزنى ئەپ بىرىدۇ ساڭا ،مىليۇنىرنىڭ ئەۋلادى بولغاندىكىن،
-تاش بالام، كىچىك بالغا نىمانداق گەپ قىلسە؟ ھە دەپ قويساڭ تۈگمەمدۇ؟!
-خان مەكتەپكە پۇل بۇلسا بارغىلى بۇلىدۇ، بىكارغا مۇشۇك ئاپتاپقا چىقمايدۇ،
-ئاكا مەن پۇل تاپسامچۇ؟ ئۆزەڭ ئەپ بىرەمسە؟
-نەدىن ؟قانداق قىلىپ تاپماقچى.؟ ئوغۇرلۇق قىلامتىڭ شۇم؟
-ياق ئوغۇرلۇقنى ئەسكى ئادەم قىلدۇ ھە ئاپا ؟لىكىن مەن چۇقۇم پۇل تاپمەن قاراپ تۇر؟
ئەتىسىدىن باشلاپ مۇبارەك كۆرۈپ قويغىنى بۇيۇنچە، ئىشىك ئالدىدىكى زاۋۇتتىن، تۈمۇرنىڭ كىرەكسىز سۇنۇقلىرىنى تىرىپ ئەپچىقىپ ساتتى .بۇنىڭدىن  5 كوي كىرىم قىلدى. ئىككىنجى كۈنى باغچىدىن بۇتۇلكا يىغدى. ئۈچۇنجى كۈنى كونا ئاياق تىرىپ، يىرتىقلىرىنى موزدوزغا يامىتىپ مايلاپ، ئۆينىڭ قىيپاش دۇقمۇشىدىكى .بازارغا ئەپچىقىپ تىزىپ قۇيدى. ھال كۇنى تۆۋەن كىشلەر، بۇ ئەرزان ئاياققا ئولۇشۇپ، مۇبارەكنى يىگىرمە نەچچە كويلۇق قىلىپ قويدى،
-ھەي شۇم ،نەدىن تاپتىڭ بۇنچىۋالا پۇلنى. ئەكىلە ساناپ باقاي؟
-تىجارەت قىلدىم !
-قىزىم ئەمدى بۇنداق نەرسىلەرنى تەرمەڭ، پۇلىڭىز مەكتەپكە يىتىدۇ بۇلامدۇ؟
شۇنىڭدىن كىيىن مۇبارەك ئاپىسىغا ياردەملىشىپ كۆتتات-مىۋە ساتتى.
-مۇبارەك ئۇينامدۇق ،
گۇلناز،كىرىپلا شۇنداق دەپ مۇبارەككە كۆزىنى چىمچىقلاتتى. مۇبارەكمۇ بىرنىمىنى چۈشەنگەندەك بۇلۇپ دەرھال تالاغا ماڭدى.
-نىم بولدى ئاداش؟
مەلىدىكى باللا ،‹بۈگۈن گىزىتخانغا بىرىپ ،گىزىت ئەپكىلىپ ساتىمىز›دەيدۇ، مەنمۇ بارمەن بارامدۇق ،مەكتەپكە بارغاندا كىيدىغان چۇخەي ئالمىز،
-ماقۇل مەن پۇل ئەپچىقىۋالاي ،ساقلاپ تۇرۇڭلا ھە؟،
مۇبارەك پۇل قويغان يىرىنى شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ پۇلنى تاپالمىدى،پۇلنى ئاكىسى
خەشلىۋەتكەن بۇلۇپ، مۇبارەكنىڭ پۇل ئىزدەۋاتقىنىنى كۆرۇپ. تاش غىپپىدە تىكىۋەتكەنتى.
-ئاداش پۇلۇم يۇق قانداق قىلارمەن؟
-بەك كەچ بۇلۇپ كىتىدۇ، كىيىن ئىزدەيلى .مەن 5 مو بىرىپ تۇراي!
مۇبارەك گىزىتخانغا بىرىپ بىرچەتتە تۇردى .باللار ئېلىپ بۇلغاندا يىنىدىن پۇلنى ئىلىپ گىزىتچى ئاكاشقا سۇندى.
-قىزىم بۇ پۇلغا 10  تال كىلىدۇ،
-پۇلۇمنى تاپالمىدىم مەيلى نەچچىسى كەلسە !.
-ئەمسە بۇ گىزىتتىن بىرەي!
ئاكاش شىنجاڭ گىزىتىدىن بىر قۇچاقنى مۇبارەككە چاڭگاللىتىپ پۇلمۇ ئالمىدى.
باللارنىڭ ئەكەلگىنى بىردەمدىلا تۇگدى .مۇبارەكنىڭ گىزىتىنى خەق كۆرۆپلا ئالمايتى.
بىرچەتتە مۇخۇركا سىتىپ ئۇلتۇرغان چوڭ  بىر ئەر، مۇبارەكنى چاقىرىپ قالدى.
-نىمىش قىلۋاتىسىز قىزىم، سىز ئايشەمنىڭ قىزىغۇ؟
-بۇنى ساتسام خەقلە رئالمىدى. باللارنىڭكىنى ئالدى. مىنىڭمۇ يىڭى تۇرسا؟!
-ئۇلارنىڭ ساتقىنى كەچلىك گىزىت، بۇ شىنجاڭ گىزىتى .بۇنى بىزدەك تاماكا ساتىدىغانلارغا كىلۇلاپ ساتسىز!
-ئەمسە سىز ئېلڭە؟
مۇبارەك بۇ يۇكتىنمۇ قۇتۇلۇپ 3كۇيلۇق بۇلدى.
تەتىل تۇشۇپ باللار مەكتەپ قۇينىغا قايتىپ كەلدى.بۇ قاتاردا مۇبارەكمۇ بار ئىدى.
دەرىس باشلانغىلى ھەپتە بۇلغان بۇلسىمۇ، مۇبارەك كىتاپلىرىنى باش ياغلىققا چىگىپ يۇرەتتى.
ھەممە باللا  تەنەپۇستا خۇشال ئوينىسا ،مۇبارەك مەكتەپنىڭ ئەخلەتخانسىدىن، باللار يىرىم ئشلىتىپ تاشلىۋەتكەن ،قەلەم، ئۈچۇرگۇچ ،ئاجراپ كەتكەن دەپتەر ۋاراقلىرىنى تىرىپ يۈرەتتى . ئۆيگە بارغاندىن كىيىنكى بىرىنجى ئىششى .قول يۇيۇپلا تاپشۇرۇققا تۇتۇش قىلاتتى.، ئاندىن تاماق يەپ بۇلۇپ تىرىپ كەلگەن دەپتەر ۋاراقلىرىنى. بىر-بىرگە جۈپلەپ دەپتەر تىكەتتى.شۇنداق قىلىپ بۇ تەلەيسىز قىزنىڭ خۇشال كۈنلىرىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.قىشلىق تەتىلگە قۇيۇپ بىرىلگەندىن كىيىن، بۇ ئايشەم ئاچا قاتتىق ئاغرىپ قالدى.
مۇبارەك نىم قىلارىنى بىلمەي تىتىلداپ يۇرەتتى.
-ئۇكام مۇبارەك ئاپامنى ساقايتساق بۇلاتتى.
تاش ناھايىتى مۇلايىم قىياپەتتە مۇبارەكنىڭ بىشىنى سىلىدى. مۇبارەكمۇ بۇ تۈلكە ئاكىسىغا ئىشنىپ، يىغلامسىراپ ئاكىسىنى قۇچاغلىدى.
-ئەتە جۈمە ،مەن سىنى مەسچىتنىڭ ئالدىغا ئاپراي، سەن ناخشىنى ياخشى ئىيتقاندىكىن كىشلار جۈمەدىن يانغاندا، مىچىتنىڭ ئالدىدا ناخشا ئىيىت ،كىشلەر پۇل بىردۇ، ئاپامنى داۋالىتىمىز ،ماقۇلمۇ ئۇكام؟
ئەمەلىيەتتە تاشنىڭ دەۋاتقىنى .مەسچىت ئالدىدا ناخشا ئىيتىش ئەمەس، مۇبارەكنى تىلەمچىلىك قىلدۇرۇش ئىدى.
ساددا مۇبارەك ماقۇل دەپ، بىشىنى لىڭشىتتى.
-لىكىن ئاپام بىلمىسۇن،  ئۇقسا بارغىلى قۇيمايدۇ!
شۇنداق قىلىپ بىچچارە قىز تىلەمچىلىك كۇچىسىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى .بۇ ئىشنىڭ كىرىمى يۇقرى بۇلۇپ ،كۇنىگە 50-60  كوي تاپالايتى.  بىر كۈنى ئانا تۇيۇقسىز سوراپ قالدى.
-بالام كۈندە مۇبارەكنى ئېلىپ چىقىپ كىتىسەن نىمىش قىلۋاتىسىلەر،
-ئاپا مۇبارەكنىڭ ئاۋازى ياخشى. ئۇنى بىرە سەنئەت ئۆمەككە بىرەيمىكىن دەپ، مەشىق قىلدۇرغاچ ئۇقىشىۋاتىمەن،
-ھە بۇپتۇ بالام، تۇققان دىگەن مانداق بۇلمامدۇ، ئەمدى ئەقلىڭنى تىپىپسەن،
شۇنداق كۇۈنلەرنىڭ بىردە ،مۇبارەكنىڭ سىنىپ مەسئۇلى .بۇ ئايشەم ئاچىنى ئىزدەپ كەلدى.
-ئاچا بىرمۇنچە باللارنى قاتارغا قۇشمەن دەپ جاپا تاتىىپسىز! شۇنداقتىمۇ مۇبارەكنى پۇل تىپىشقا سالمىسىڭىز! تەتىل تۇشسا مەكتەپكە قايتقاندا ساۋاغداشلىرى ئارسىدا يۈزى قالمايدۇ،
-نىمە دەۋاتىسىز مۇئەللىم؟ بىز نەدە يۇرۇپ مۇبارەكنى پۇل تىپىشقا ساپتىمىز؟
-ئىشەنمىسىڭىز ئەتە كەينىدىن بىرىپ بىقىڭ! مەنمۇ ئۇز كۆزۇم بىلەن كۆرمىسەم ئىشەنمەيتىم،
بۇ ئايشەم ئاچا جايىدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى مۇئەللىمنىڭ ‹خۇش› دىگەن سۇزىمۇ ئۇنىڭ قۇلىغىغا كىرمىدى
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇخلاۋاتقان مۇبارەكنى، تاش نۇقۇپ ئۇيغاتتى.
-تۇرە ئۇكام،
-ئۇخلىغىلى قويساڭ بولمامدۇ تەتىل بولغاندىكىن؟،
تاش ئۈندىمىدى. بۇئايشەم ئاچىمۇ بىلمىگەن قىياپەتتە ئۆزئىششىغا كىرىشتى.
تاش مۇبارەكنى ئۆيدىن خىلىلا يىراق بىر بازارغا ئاپرىپ قۇيۇپلا كۆزدىن غايىپ بولدى .مۇبارەك كۆپكۆك مۇز ئۇستىگە بىر قەغەز ساندۇقنى سالدىدە ناخشىنى باشلىۋەتتى.
مەشرەپ سىنى دەپ كەچتى جاھاندىن
باشىنى قويدى ئاستانالەرگە
ئاستانىلەرنىڭ يوقتۇرماكانى
ھەرجايغا بارسا ۋەيرانا خانى
ۋەيرانە قىلغان ئايدەك ئۆزەڭدۇر
مەستانە قىلغان شىرىن سۇزۇڭدۇر
يولدىن ئۆتكەنلەر بۇ قىزغا پۇل بەرمەي كەتمەيتى. يىراقتىن ھەممىنى كۈزتۈپ تۇرغان ئانا ئەمدى چۇشەندى.
-مۇبارەك تۇرە ئورنۇڭدىن؟
ئانا شۇنداق دىگىنىچە مۇبارەكنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ سۆرەپ تۇرغۇزدى.
-كىم سىنى بۇنداق قىل دىدى ئاكاڭ قىنى؟
بىردەمدىلا يىغىلغان جامائەت ئۇيۇن كۆرۈپ تۇراتتى .بۇ ئايشەم ئاچا نۇمۇستىن ئۆلگىدەك بۇلۇپ قىزىنى سۆرەيتى.
شۇ ئاردا توپنى يېرىپ تاش ئىتىلىپ كەلدى. ۋە ئانىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدى.
ئانا ئۆيگە كىرىپلا قايناپ كەتتى.
-بۇ نىمە قىلغىنىڭ، قىزبالىنىمۇ مۇشۇنداق ئىشقا سالامدا ،نىمەڭ كام سىنىڭ، نىمە لازىم ساڭا ئىېيتە،؟
-ئاپا سەنمۇ قىززىق ئىكەنسەن، تۇرمۇش ئۆگەنسۇن ،جان بىقىشنى پۇلنىڭ نەدىن كىلدىغىنى بىلسۇن دىدىم، بۇنىڭ نەرى يامان؟!
-سەن تۇرمۇشنى مۇشۇنداق ئۈگىتەمسە، ياخشى ئۇگىتىدىكەنسە، بۇندىن كىيىن سەن  مۇبارەككە كۇڭۇل بۇلمىسەڭمۇ بۇلىدۇ، سىڭلىڭغا يىقىن يۇلۇققۇچى بۇلما يۇقال ھۇ ناكەس،
-ھەي بەز گەپ قىلە، بىرەسى پۇق يە دىسە يەمسە؟ نىمىشقا ماڭا دىمەيسە؟ بۇندىن كىيىن يەنە مۇشۇنداق قىلامسە؟ قۇلۇڭنى سۇندۇرۋىتىپ باقىمەن ،يەنە قىلىپ باقە قىنى؟
مۇبارەك خۇددى ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قۇيغاندەك، بىشىنى تۇۋەن سىلىپ  تۇراتتى.
ئەتىسى تاش  ئاپىسىغا .يۇرت كۆرۈپ كىلەي، دىگەن مەزمۇندا خەت قالدۇرۇپ قۇيۇپلا، مۇبارەك تاپقان پۇللارنى بىرسىنىتمۇ قويماي سۈپۈرۇپلا يۇقىدى.
ئەتىياز كىرۋاتاتتى. تاش يەنە پەيدا بۇلدى .بۇقىتىم ئۇ خىلى ئادام بۇلۇپ قالغانتى. تاش يىراق بىر بازاردىكى قىرى ناۋاي ئۇستامغا ،شاگىرت كىرىپ بىر تەرەپتىن ھۇنەر، ئۈگەنسە بىر تەرەپتىن ‹قۇرئان› ئۈگىنەتتى. ئۆيگىمۇ ھەپتىدە كىلىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپلا كىتەتتى.
مۇبارەكنىڭمۇ ئۇقۇشى ئالاھىدە ياخشى، مەكتەپتىكى مۇئەللىملەر ئارسىدا ئۇنى ماختىمايدىغىنى يۇق، باللار بىلەنمۇ ئىناق ئۆتەتتى،
مۇشۇنداق كۈنلەردە مەكتەپ قۇرلىشى باشلىنىپ، سىنىپلارنى قايتا رەتلەپ سىلىش توغۇرلۇق مەكتەپ ئۇختۇرۇش تاپشۇرۋالدى.
مۇنداق بولغاندا باللار يىرىم سەئەت يولنى پىيادە بىسىپ ،باشقا مەكتەپتە ۋاقتىنچە قاتناپ يىرىم كۈنلا ئۇقۇيتى.
ناچچە كۈن بولدى. بۇ ئايشەم ئاچىنىڭ كۆڭلى بىرقىسما قاپىغى تارتىپ تۇردۇ،
بۈگۈن چارشەنبە ،مۇبارەك چۈشتىن بۇرۇن ئۇقىغان بولسىمۇ، چۈشتىن كىيىن مەكتەپتىكى ماتىماتىكا زىھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى. ئۇ چايمۇ ئىچمەستىن چالا قالغان تاپشۇرۇقنى بالدۇراق تۈگىتىش ئۈچۇن تۇتۇش قىلدى. سىرىتتا تاراق-تۇرۇق ئاۋاز چىقىپ خۇشنىسى  ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئۆيدە قايسىڭلار بار ياردەملىشىڭلار؟! ھارۋىنى ئەپكىرۋالاي،
بۇ ئايشەم ئاچا مۇبارەككە قاردى.
مۇبارەك بۇۋاينىڭ نەۋرىسى گۇلمىرە بىلەن بىللە ئۇقۇغاچقا، دائىم دىگۇدەك بۇ بۇۋايغا ياردەملىشەتتى .
مۇبارەك ئىرىنچەكلىك بىلەن ئولتۇردى.
-قىزىم نىم بولدى بۇلۇڭ بۇۋىڭىزغا ياردەملىشىڭ!
-ئاپا تاپشۇرقۇم تۈگمىدى،
-كىرىپ يېزىڭ ئاپپاق قىزىم بۇلىڭە،
مۇبارەك چىقىپ ھە-ھۇ داۋاتقاندا تۇساتتىنلا ،يەر تەۋرىگەندەك قورونىڭ تاملىرى سىلكىنىپ،‹ گۇلدۇر -قاراس›، قىلغان ئاۋاز بىلەن ئەتراپ جىمىپ كەتتى.
سەي ئاقلاپ ئولتۇرغان بۇئايشەم ،ئاچا يۈرگى بىرنىمىنى سەزگەندەك، قۇلىدىكىنى تاشلاپ سەل تۇرۇپ كىتىپ سىرىتقا چىقتى.
سىرىتتا نە ئادەم، نە ھارۋا كۆرۈنمەيتى . ئوتتۇر ياشلىق بىر خۇيزۇ، مۇبارەكنى كۆتۈرۋالغان بۇلۇپ، مۇبارەكنىڭ كۆزىنىڭ قارسى كەينىگە كەتكەن ،كىيىملىرى تىتىلغان، پۇتۇن بەدىنى قان ،ھۇشسىز ياتاتتى. بۇئايشەم ئاچا ،قىزىغا قايتا قاراشقا پىتىنالمىدى. ھەم جايىدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
ئۆيدىن ئەخلەتلەرنى كۆتۈرۇپ چىققان ئايشەم ئاچىنىڭ ئوڭ- تام خۇشنىسى ھۆرىگۇل ئايشەم ئاچىنىڭ قىشىغا كىلىپ ئاللا نىمىلەرنى داۋاتاتتى
ئايشەم ئاچا بۇلسا مۇردىدەك قىتىپ قالغان ئىدى.
-ۋاي ئايشەمخان نىم بۇلدى سىلىگە نىماندا.........ق؟
ھۇرىگۇل شۇندىلا مۇبارەكنى كۆتۈرۋالغان خۇيزۇ ئەرنى كۇرۇپ ، توۋلاپ كەتتى.
-ۋاي ئادەم بارمۇ! ئادەم ئۆلدى. تىز كىلىڭلار قۇتقۇزۇ...ڭلا......رررررررر!!!!!!!!!!
ئەزەلدىن تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلىپ، سۆزلەيدىغان بۇ جاۋىلداق ئايالنىڭ، مەھەللىنى بىشىغا كىيىپ ۋاقىرشى تۇنجى قىتىم بۇلمىغاچ، كىشلەر ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى.
-ۋاي خالايىق تىز بۇلۇڭلا ،ئايشەمخاننىڭ  قىزى ئۈلۈپ قاپتۇ، ما تۇڭگان ئۆلتۇرۋىتىپتۇ،
‹ئادەم ئۆلدى›. دىگەن سۆز بىلەن ،خۇلۇم -خۇشنىلار ئۆي-ئۆيلەردىن يۈگۇرۇپ كىلىشتى.
-نىم بوپتۇ قىنى؟
-كىم ئۈلۇپتۇ كىمكەن؟
-كىم ئۆلتۈرۋىتىپتۇ قاچان؟
-ۋاي ئىسسىت ئۇماق-ئەقىللىقمۇ قىزتى بۇ.قايسى ناكەسنىڭ كۆزى تەككەندۇ،
-ۋاي بالام ،ئۇماق قىزىم، چىرايلىق شاتۇتۇم ،ئەقىللىق مەلىكەم ،ھۇ...ھۇ  ھۇ،
ھۆرىگۇل ئاچا بىردەمدىلا ھازا ئېچىپ ئادەم يىغدى .شۇ ئەسنادا ھۆرىگۇلنىڭ يولدىشى ئابلىمىت توپنى يېرىپ ئالدىغا ئۆتتى.
-ئۈچرە ئۈنۇڭنى. يىغە زۇۋانىڭنى. شۇم ئېغىز خۇتۇن، ياخشى گەپ چىقمامدۇ سىنىڭ ئاغزىڭدىن؟
ھۇرىگۇل يۇلدىشىغا بىرقارىۋىتىپ ،مۇبارەكنى ئىما قىلىپ،
-كۆرمىدىلىمۇ، تۇرمامدۇ ئەنە،
-كۆپچىلىك، قىزىمىزنى ماشنا سۇقۇپتۇ ،تىز ھەركەتلىنەيلى. قۇتقۇزۋالايلى .بۇلۇڭلا تىز،
-ۋۇي بۇيەردە ماشنا تۇردىغۇ؟ ئاستىدا ئادەم بارمۇ نىمە؟
-ماشنا ئاستىدا ئادەم بارمۇ ...ئادەم بارمۇ؟؟
شۇ چاغدا ئابدىرىم بۇۋاي ،ماشىننىڭ يەنە بىر تەرەپىدىن ئىنجىقلاپ تۇرۋاتقاندا، ماشىنا ئاستىدىن، ‹ۋايجان› دىگەن يەنە بىر قىزنىڭ ساداسى ئاڭلاندى.
نەچچە ئۇن كىشى. ئۆيدىن گۈرجەك كۆترۇپ چىقىپ، ماشىننى كۆتۈرۇشكە ،ھەركەت قىلاتتى.
ئايشەم ئاچا بولسا ،بىرنىمىسى كەمدەك، قىزى بىلەن ماشىنا ھەم ئۆي ئوتتۇرسىدا يىغلاپ چىپپ يۈرەتتى.
ئابلىمىت ئاكا بىلەن ھۇرىگۇل ،كۆپچىلىككە باش بۇلۇپ، ماشىنا بىلەن بۇلۋاتقان چاغدا ،تۇيۇقسىز ئايشەم ئاچا،
-مۇبارەكنىڭ ئاچىسى. مەرھابا يۇق تۇردۇ ،بايام قۇرۇدىن ئىككىسى بىللە چىكەتكەن ،دىدى.
كۇپچىلىك ھە-ھۇ بىلەن ماشىننى  ئازراق  كۆتۈردى. بىرمۇنچە تاش-كىسەك ئاستىدا، مەرھابامۇ  بادىندىن چىققان قان ،بىلەن تۇپادىن ھاسىل بولغان ،لايغا مىنىپ ياتاتتى.
مەرھابا ماشىنا ئاستىدىن تارتىپ چىقىرىلغىچە بايا مۇبارەكنى كۆترۇپ تۇرغان خۇيزۇ كىملەرگىدۇ تىلفۇن قىلىپ ئۈلگۈردى
-ۋاي بىششىڭنى يەيدىغان، مىنىڭ  بىرجۇپ قانتىمنى نىمە قىلىپ قويدۇڭ ؟سەن قانداق ھايدايسەن ماشىننى.
ئايشەم ئاچا يامغۇردەك تۆكۆلۇپ، ئۆيدىن بىر كالتەكنى ئېلىپ كەلگەنچە، ھېلىقى خۇيزۇنىڭ بىشىغا ئۇردى.
-ئايشەمخاچا ،قاننى -قان بىلەن يۇغىلى بۇلمايدۇ، ئاۋۋال باللارنى دۇختۇرغا ئىلىپ بارىلى، بۇ بىر كۇنلۇك ئىش ئەمەس،
ئايشەمخاننىڭ كالتەك كۈتۇرگەن قۇلىنى .مەھەللە تۇكچىسى ئادىل تۇتىۋالدى.
شۇ ئارلىقتا قۇلاقنى يىرىۋەتكىدەك چىقىراپ ،قۇتقۇزۇش-قاتناش ساقچىلىرى يىغىپ كەتتى.
قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئايشەم ئاچىنى قۇشقاندا ،تۇت ئادەمنى ماشىنىغا سىلىپ دۇختۇرخانىغا قاراپ يۇل ئالدى.
..................................................
ئەسلى ۋەقە مۇنداق بۇلغان،
مۇبارەكلەرنىڭ ئۈيى .دۆلەت تاش يۈلىنىڭ بۇيىدا بۇلۇپ ،يوللار ناھايىتى ئىگىز-پەس، يول قۇرلىشىمۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان تاشلىنىپ قالغان،
ئايشەم ئاچا يولدىشى تۈگەپ كەتكەندىن ،كىيىن تىجارەتكە قۇلاي بۇلسۇن ئۈچۈن ، يول بۇيىغا جايلاشقان ئىككىلا ئېغىز ئۈيى بار بۇ قورونى مىڭ تەستە سىتىۋالغان،
قۇرۇ ئالدىدا يۇندا ئىرىقى بۇلسىمۇ، كىشلەر مەينەت سۇلارنى يۇلغا چىچىۋىتەتتى.
كىيىن مەھەللىدىكىلەر ،بۇ تاشلاندۇق تار ئېرىقنى .كەڭەيتىپ ،ھەركىم ئۆز ئالدىغا، ئېرىق ئىچىگە گۇل-تاللارنى تىكىۋالغان ،كۇن نۇرى ياخشى چۇشكەچ گۇللەرمۇ تىز ئاينىيتى.،
قىش كۆپ ياز ئەتىۋارلىق ،ئاۋات شەھەرنىڭ بۇ كىچىككىنە مەھەللىسدە، قۇرۇق ماشىنىلارمۇ، 1-خوتتا قورقۇپ ھىلىلا ئۆرلۇپ چۈشىدىغاندەك، ئۆردەككە ئوخشاش ئىرغاڭلاپ، ئاران ماڭاتتى.
2-يىنىك -سانائەت ئىدارىسىنىڭ شۇپۇرى شوما ،بۇگۇن ماشىنىنىڭ كەينىگە لاي ئىتىش ماشىنىسىنى چىتىپ ،بۇيرۇققا بىنائەن قۇرلۇش بۇلىۋاتقان ئۇرۇنغا ،ئاپرىپ بىرىشى كىرەك ئىدى.
شوما لاي ئېتىش ماشىنىسىنى  ماشىنا كەينىگە چېتىپ يولغا چىقتى.
شەھەر ئىچىدە چوڭ ماشىنلارنىڭ يۈرشى چەكلەنگەچ، پەقەت مۇشۇ يۇلدىلا ماڭغىلى بۇلاتتى.
ماشىنا مۇبارەكلەرنىڭ مەھەللىسىگە كەلگەندە،  شۇنچە ئاستا ماڭسىمۇ قاتتىق سىلكىنىپ تۇراتتى. شۇپۇر بۇنداق يوللارغا كۈنۈك بۇلغاچ قانداقتۇر بىر ئاھاڭغا  غىڭشىپ كىتىپ باراتتى .شۇپۇر پەسكە قاراپ ماڭغاچقا ،ماي بىرىشنىڭمۇ ھاجىتى يۇق ،پەقەت تۇرمۇزغا دىققەت قىلسىلا بۇلىدۇ،
تۇيۇقسىز ماشنا يىنىكلەپ قالغاندەك بۇلدى. شۇپۇرنىڭمۇ يۇرگى بىرنىمىنى سەزگەندەك، ماشىننىڭ كەينىنى كۆرۇش ئەينىكىگە قاردە، يۇرگى ‹قارت› قىلغاندەك تىز سۇقۇپ كەتتى.
شۇپۇر كاپىنگىدىن بىشىنى چىقىرىپ قاردى. ئۇنىڭ كۆزلىرى خاتا كۆرمىگەن ئىدى.
چۈنكى، ماشىننىڭ كەينىگە چاتقان لاي ئىتىش ماشىنىسى. خۇددى باغلاقتىن بۇشانغان ئىتتەك ،بىرى باشقۇرمىسىمۇ، ئوڭ-تەرەپتىن سول تەرەپكە، غىمىدە يۇق كىتىۋاتاتتى.
شۇپۇر ماشىننى ئىتتىكلا تۇرمۇز قىلدى. ماشىنا قاتتىق  سىلكىنىپ تۇختىدى.شۇپۇر ماشىنىدىن سەكرەپ چۇشۇپ بولغىچە، لاي ئىتىش ماشىنىسى قورۇغا ھارۋىنى ئىتتىرىشىپ بىرىۋاتقان مۇبارەكنى، سۇقۇپلا يۇل ياقىسىغا تاشلىۋىتىپ ، ئابدىرىم بۇۋاي بىلەن ھارۋىنى، ئىرىقنىڭ يان تەرپىگە تاشلاپ ،مەرھابانى ئىرىق ئىچىگە تىقىۋىتىپ ،قۇرۇ تىمىغا ئۇسسۇپ ئىرىققا كەپلىشىپ قالغان، شۇپۇر كۆزنى يۇمۇپ -ئاچقىچە ئارلىقتا يۇز بەرگەن بۇۋەقەدىن، خۇدىنى يۇقۇتۇپ قۇيماي، مۇبارەكنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن كۆتۇرۋالغان،
قالغان ئىككەيلەننى. تىخى كۇرمىگەن ئىدى..
..................................
دۇختۇرخاندا ئالدىراش يۇرگەن، دۇختۇر-سىستىرالار، قىييا-چىييا،  نالە- پەرياتلار، بۇيەرنى بىر ئالغان،
ئايشەم ئاچا جىددى قۇتقۇزۇش بۇلۇمى ئالدىدا تەقەززالىق بىلەن كۇتمەكتە ،يىنىدا بىرقانچە سىستىرا، ئۇنى -بۇنى سۇراپ بىر نىملەرنى خاتىرلەپ گەپكە تۇتۇپ تۇراتتى.
ئايشەم ئاچا نىرىۋىسىدىن ئاداشقاندەك، تاققا-تۇققۇ جاۋاپ بىرەتتى .يىنىدا گەپ تىڭشاپ تۇرغانلار، بۇ بىچچارە ئانىغا ئىچ ئاغرىتىشاتتى.
-تۇۋا بىر ئۆيدىن ئىككى ئاچا-سىڭىلنى بىرلا ۋاقىتتا بىرماشنا سۇقۇۋىتىپتۇ،
-شۇپۇرمەسمىكەن؟
-تازا ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋەتمەي ئۇ گۇينى!
-بۇ باللارغىمۇ نىم بار تالادا؟، يول ياقسىدا ئوينىمىسىمۇ باشقا يەر تىپىلماسمىدى!.
-بۇ خۇتۇنمۇ باللىرىغا قارماي نەگە بارغان بولغىيتى؟
-ئۇنداقمۇ دىمەڭلار، بالا -قازانىڭ كۆزى يۇق، ساڭا كەلدى. ماڭە كەلدى. دىگىلى بولمايدۇ، ھەممىمىزنى خۇدايىم پاناھىدا ساقلىغاي،
-شۇ ھازىر چوڭ گەپ قىلدىغان جاھان ئەمەس تۇۋا دەيلى.
-ئۆز باللىرىمىزغا ئوبدانراق قارايلى،
-كۆپچىلىك ،شۇ نارىسىدىلەرنىڭ سالامەتلىگىنىڭ بالدۇراق ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن، قىنى ،بىر‹ دۇئا› بىرەيلى. ‹ئامىن›،
قۇتقۇزۇش بۇلۇمىنىڭ ئىشكى ئىچىلىشىغا، ھەممە جىمىپ كەتتى.
- ئىككى قىز بىمارنىڭ، ئۆيدىكىلەر كىمۇ؟
چىرايلىق كەلگەن مۇڭغۇل سىستىرا، تۇلۇق ئۇيغۇر تەلەپپۇزىدا سۇرىدى.
-مە....مەن
-بۇياققا كىلىڭ
سىستىرا باللار نىڭ ياش -ئىسىم فامىلىسىنى تۇلۇق ئادرىسىنى سۇراپ بۇلۇپ
-ئاچا قۇرقۇپ كەتمەڭ باللىرىڭىز سالامەت -ھايات لىكىن ................. دەپ تۇرۇپ قالدى
ئايشەم ئاچا سىستىرانىڭ سۇزلىرىنى چۈشەنمىگەندەك، كۆزلىرىنى ھەيرانلىقتا سىستىراغا تىكتى.
-شۇنداق ،باللارنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قىلىنغان بۇلسىمۇ ،لىكىن ئۆمۇرلۇك مىيىپ بۇلۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى، ناھايىتى يۇقرى. ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قۇيۇڭ
ئايشەم ئاچا  تۇرغان جايىدىلا ھۇشسىزلىنىپ يىقىلدى. سىستىرالار يەنە بىر قىتىم ،پاتپاراق بۇلشۇپ كەتتى . بىچچارە ئانا ،ئىشلار نىڭ مۇنداق بۇلشىنى كۇتمىگەن ئىدى.
-ئانا كۆزىنى ئىچىپلا ئۇزىنىڭ ئاپپاق كارۋات ئۇستىدە ياتقانلىغىنى بىلىپ ،بىلىكىدىكى ئاسما ئۇكۇلنى يۇلۇپ تاشلاپ ئۆزىنى كارىدۇرغا ئاتتى. كەينىدىن قوغلاپ چىققان سىستىرانىڭ  چاقىرىشى .ئۇنىڭ قۇلىغىغا كىرمەيتى .ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا پەقەت، قان ئىچىدە ياتقان مەرھابا بىلەن ،كۆزى يېرىم ئۇچۇق ئۈلۇك-تىرىكلىكى نامەلۇم مۇبارەكلا كىلەتتى.
-مۇبارەك، مەرھابا، نەدە سىلەر قۇزۇلۇرۇم، ئاناڭلار كەلدى.تېز چىقىڭلار، مىنى قۇرقاتماڭلار ،
ئانىنىڭ سەۋدايىلارچە قالايمىقان يۈگۈرۇپ باللىرىنى ئىزدىشى. كىشلەرگە ئۇرۇلۇپ-سۇقۇلۇشلار ،بىلمىگەنلەرنىڭ غەزىپىنى قۇزغىسا، بىلگەنلەر كۆزلىرىگە ياش ئالاتتى.
-قانداق ساراڭ خۇتۇن بۇ؟
-كۆزۇڭ بارمۇ سىنىڭ قاراپ ماڭ؟
-بۇ دۇختۇرخانا ئۈيۈڭ ئەمەس ھېي....
-ساراڭنى -ساراڭلار دوختۇرخانسىغا ئاپارماي، بۇيەرگە كىم ئەكەلدىكىنە قايدىسىز؟،
-ۋاي بىچچارە ئانا ئەمەسمۇ ئانا ھە،
تۇيۇقسىز ئاسماندىن چۇشكەندەكلا ، ئىككى تەمبەل ئادەم كىلىپ ،ئايشەمىخاننى تۇتىۋالدى.
-بىچچارە ئانا كىملەردىندۇ ياردەم تىلىگەندەك، ھەممە تەرەپكە تەلمۇرەتتى. كۆزلىرى كىملەرنىدۇ ئىزلەيتى.
-كۆپچىلىك ياردەم قىلساڭلارچۇ؟ باللىرىمنى تىپىشىپ بەرسەڭلار؟ مىنىڭ قىزلىرىم نەدە؟
بايا ئايشەم ئاچىنى تۇتىۋالغان بىر ئەر بۇغۇق ئاۋازدا،
-گىپىمنى ئاڭلاڭ، چوڭ قىزىڭىز نى دۇختۇرلار قۇتقۇزۇپ بولدى.14-ئۆي 12- كارۋاتتا ،كىچىك قىزىڭىزنى جىددى قۇتقۇزۋاتىدۇ ،سىز مۇنداق قالايمىقانچىلىق چىقارسىڭىز ،دۇختۇرلارنىڭ خىزمىتى. ھەم دۇختۇرخانىنىڭ  تىنىچلىقىغا تەسىر يىتىدۇ ،ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ ،بىلدىڭىزمۇ، دوختۇرلارمۇ تىرشىۋاتىدۇ ،بىزگە ماسلىشىپ بىرىڭ بۇلامدۇ؟ خالىسىڭىز كىچىك قىزىڭىز ،قۇتقۇزۇش ئۈيدىن چىقىپ بولغىچە ،چوڭ قىزىڭىزنىڭ يىنىدا ئۇنۇڭغا ھەمرا بۇلۇڭ ،ھازىر بۇ باللار سىزگە تەسەللىگە مۇھتاج،
ئايشەم ئاچا سەل ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ، بىشىنى ئاستا لىڭشىتتى. كۆز ياشلىرىنى سۈرتۇپ ،بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن ،مەرھابا ياتقان ياتاققا كىردى.
ياتاقنىڭ قاتار قىلىپ قۇيۇلغان تۇت كارۋاتنىڭ ھەممىسىدە  ،ئاللا  قانداق كىسەل بىلەن كىرگەنلەر بۇلۇپ، ياتاق ئىشكى مەھكەم يىپىقلىق ،يەرگە يىڭنە چۇشسە ئاڭلانغىدەك دەرىجىدە جىمجىت ئىدى.ئايشەم ئاچا مەرھابانىڭ يىنىغا كىلىپ ئاستا ئىڭىشتى.
-قىزىم قانداقراق تۇرسىز، نەرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ؟
كارۋات يىنىدا قىزنىڭ قىزىتمىسىنى ئۇلچەۋاتقان سىستىرا ،
-گەپ قىلماڭ، مەس قىلىش ئۇكۇلىنىڭ تەسىرى تىخى كەتمىدى. ھىلى ئۇكۇل كۈچىدىن قالسا كىسەلنىڭ ئاغرىشى قوزغۇلۇپ كىتىدۇ، بىر ئاز ئارام ئېلۋالسۇن،
ئانا باش قىسمى پۇتۇنلەي ئاق داكا بىلەن يۈگىۋىتىلىگەن، يۈز-كۆزلىرى كۈپتەپ ئىششىپ كەتكەن ،تىزىنىڭ تۇۋەنرەك تەرپىگە تۈشۈك تىشلىپ چۇكىدەك توملۇقتىكى تۈمۇرگە ،
نەچچە يۇز كىلۇ ئىغىرلىقتىكى جىڭ تىشىنى باغلاپ ،غەلىتە بىر تۈمۈرجازىغا ئوڭ پۇتى ئېسىپ ،بەل سۆڭگەچ قۇللىرىغىچە بىت بىلەن قاتۇرۋىتىلگەن، مۇلايىم بۇقىزنىڭ، خۇدىنى بىلمەي ئۇخلاپ ياتقان ھالىتىگە قاراپ ،ئاغزىنى قۇلى بىلەن  ئەتكىنىچە سىرىتقا  چىقىپ كەتتى.
-ۋاي بىچچارە مۇشۇ ئايالنىڭ قىزى ئىكەندە؟
-يەنە بىر قىزىمۇ بارمىش ئىككى ئىكەن!
-ئۇنى تىخى جىددى بۇلۇمدىن ئەپچىقماپتۇ،
سىستىرانىڭ<پاراڭ سالماڭلار> ،دىگەن سۇزى بىلەن ھەممەيلەن جىمىپ كەتتى.
ئانا قۇتقۇزۇش بۇلۇمى ئالدىدا يىغلاپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز مۇبارەكنىڭ، < ۋايجان ئاپا>، دەپ چىقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئايشەم ئاچا شۇ ھامان ئىشىك تەرەپكە ئۆزىنى ئۇردى.
-مۇبارەك جىنىم بالام، ھاياتمۇ سەن مانا مەن كىردىم،
ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئىككى سىستىرا، ئانىنى كىرگۇزمەي تۇسۋالدى.
-سىز كىرسىڭىز بۇلمايدۇ
-جىنىم ئۇكام خۇش بۇلاي مەن يىنىدا تۇراي مىنى كىرگۇزۋىتىڭ ئۇتنەي
-ياق ئاچا  بۇنىڭغا رۇخسەت قىلالمايمىز ھازىر تۇگەيدۇ
ئىشىك ئىچىلىپ باشتىكى مۇڭغۇل سىستىرا يەنە كۆرۇندى
-بۇ قىزىڭىزغا بۇرۇن ھاراقتەك، ئىسپىرت تەركىۋى بار، بىرنىمىلەر نى  ئىچۇرۇپ باققانمۇ ؟
-تۇۋا دەڭ ئۇكام تۇۋا ،ياق نىم بولدى قانداق دەيسىز؟ ئانا جىددىلشىپ سوردى.
ھەيرانمەن، چوڭ ئادەملەرگىمۇ بىرتال ناركوز  ئۇكۇلى ئۇرسا، بەش مىنۇتتا ئۇنۇمى بۇلىدۇ، بۇ قىزغا 3  دانە سالدۇق ئۇنۇمى بولمايۋاتىدۇ،
سېستىرا كەينگە يىنىپ كىرىپ كەتتى. بەلكىم بىرە سائەت ۋاقىت ئۆتتى بولغاي، مۇبارەكمۇ ئاچىسىغا ئوخشاش جازىغا تىڭىلىپ ، ناسۇلكىىدا ياتقۇزۇلۇپ چىقتى.
مەرھاباغا قارغاندا ،مۇبارەكنىڭ يارسى ئانچە ئېغىر ئەمەستى.
مۇبارەك بىلەن مەرھابانىڭ ياتىغى قارمۇ قارشى بۇلغاچ ،ئانا ھىلى ئۇياتاققا ،ھىلى بۇياتاققا چىپپ ھالىدىن كەتتى.
ئاردىن بىر ئاي ئۆتكەن بۇلسىمۇ بۇلارنىڭ كىسىلىدە ئانچە ئۇزگىرىش بۇلمىدى .پەقەت باش-قول قىسمىدىكى تىڭىقلار يىشىۋىتىلدى. بىركۈنى بۇلارنىڭ مەسئۇل دۇختۇرى ئايشەم ئاچىنى ئىشخانىغا چاقىرىپ،
-ئاچا باللار نىڭ كىسەل ئەھۋالى سىلىگىمۇ ئايان ،بىزمۇ كۇپ تىرىشتۇق ،مانا بۇ باللارنىڭ كىسەللىك تارىخى ،بۇ سۇنغان ئۇرۇننىڭ رەسمى. ئۆزلىرى كۇرۇپ باقسىلا ،دىدى.
مەرھابانىڭ  پىشاينەسۇڭكى يىرىلىپ ،قىىشىغا 10 يىپلىق تارتۇق چۇشكەن ،ئۇڭ پۇتنىڭ چۇڭ يۇتا سۇڭكى سۇنۇپ ،بەل قىسمىغىچە يارلانغان ،ئۇڭ بىلاكمۇ خىلى زەخمە يىگەن ئىدى.
مۇبارەكنىڭ بۇلسا پەقەت، سۇل پۇتىنىڭ چوڭ يۇتا سۇڭكى سۇنۇپ، سۇنغان سۇڭەك گۇشنى خىلى يەرگىچە تىشىپ چىققان،
ئانا رەسىملەرنى  كۇرۇپ بۇلۇپ، دۇختۇرغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى.
-راستىنى ئىيتسام مىنىڭمۇ بۇ باللارغا بەكلا ئىچىم ئاغرىدى. ئامال قانچە بۇمۇ تەغدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشىدۇ، چۇڭ قىزلىرى چۇڭ بۇلۇپ ياتلىق قىلىنسا ،پەرزەنىت كۇرەلمەسلىكى مۇمكىن، كىچىكىدە مەسلە يۇق ،لىكىن پۇتنى يۇتىدىن كىسىۋىتىمىز ،بۇلمىسا باللارنىڭ ھاياتىغا كىپىللىك قىلغىلى بۇلمايدۇ،
ئايشەم ئاچا  ئۇرۇندۇقتىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى .ۋە يىلىنىش ئاھاڭىدا،
-دۇختۇر بۇنىڭدىن باشقا ياخشىراق ئامال يۇقمۇ ؟باللار تىخى كىچىك، لىكىن چۇڭ بۇلسا قانداق قىلدۇ ؟مەڭگۇ باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراپ ئۇتمەمدۇ !كىيىنكى تۇرمۇشىنى قانداق قامدايدۇ؟
-بىزمۇ كۇپ ئۇيلاشتۇق ،بۇنىڭدىن باشقا ياخشىراق چارە يۇق، بۇ قەغەزگە قۇل قۇيۋەتسىلە!
-ياق مەن قۇشۇلمايمەن، قۇل قۇيمايمەن،
-قانداق جاھىل ئايالسىز ؟گەپ چۇشەنمەيدىغان ،
-ياق دىدىمغۇ ياق! پۇتنى كەسكىلى قويمايمەن،
-ئەمسە بۇ قەغەزگە، باللىرىم بىرە ئىش بۇلسا ،ئۇزەم ئىگە دەپ ھۇججەت بىرىڭ،
-نىمىشقا ھۇججەت بىردىكەنمەن ؟مەن بۇيەرگە باللىرىمنىڭ پۇتىنى كەستۇرۇپ، مىيىپ -يىرىم ئادەم قىلغىلى ئەمەس، داۋالاتقىلى ئېلىپ كەلگەن،
-قاراڭ ئاچا ،بۇ باللارنىڭ ساق قالغىنىنىڭ ئۇزىمۇ بىر چۇڭ ئىش ،يەيدىغان رىسقى بار ئىكەن .شۇنىڭغا شۇكرى دەڭ ،تەغدىر بىلەن قارشىلاشماڭ،
-باللىرىمنى قۇتقۇزغىنىڭلارغا رەھمەت، سىلەرمۇ كۇپ جاپا چەكتىڭلار، بۇنىڭدىن تانمايمەن، لىكىن پۇتنى كىسىمىز دىسەڭلار، ھاياتلا بۇلسام بۇنىڭغا يۇل قۇيمايمەن،
- ھازىر ياز - ۋاقتى. ئەگەر پۇتنى كىسىشكە قۇشۇلمىسىڭىز، پۇت سىسىپ كىتىدۇ ،باللارنىڭ ھاياتىمۇ خەۋىپ ئاستىدا قالىدۇ  بىلۋاتامسىز،
دۇختۇر  ئايشەم ئاچىغا چۇشەندۇرۇپ بۇلالماي سۇزلەپ قىزرىپ كەتتى.
شۇنداق تالاش-تارتىشلار بىرەر ئايچە سۇزۇلۇدى. ئايشەم ئاچا <ياق> سۇزىدە چىڭ تۇرغاچ ،دۇختۇرلارمۇ ئامال قىلالمىدى.
كۇن بارغانچە ئىسسىپ ،ئادەمنىڭ دىمى سىقىلاتتى .شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىردە، بۇ دۇختۇرخانغا ئامرىكىدا بىلىم ئاشرۇپ كەلگەن ،<ئۆمەرجان> ئىسىملىك ،ئۇتتۇر ياش ئۇيغۇر دۇختۇرنىڭ سۇڭەك كىسەللىكلىرى بۇلۇمىگە بۇلۇنىشى .ئايشەم ئاچىغا يىڭى ئۇمۇت ئىلىپ كەلدى.
ئىگىز بۇي، بۇغداي ئۇڭ، چىرايىدىن دائىم  كەسكىنلىك، جىددىلىك چىقىپ تۇرسىمۇ،  ئەمما سىلىق كۇلۇپ، يۇمشاق گەپ قىلىشقا ئۇرنىدىغان، بۇ تۇرگۇن، كەسىپچان دۇختۇر ،كەلگەن كۇنىلا بۇ باللارغا مەسئۇل بۇلۇپ، داۋالاشنى ئۇستىگە ئېلىپ، ئۇگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشقا سىلىشنى باشلىۋەتتى.
-ئاچا باللار بەك كىچىككەن، ھىلىمۇ رۇھى زەربىگە بەرداشلىق بىرەلەپتۇ ،بۇ قەيسەر قىزلارنى. <اللە> خالىسا ئۆزەم بىر قۇللۇق ساقايتىمەن ،سىلى خاتىرجەم بۇلسىلا ،
-بۇلسا شۇنداق قىلسىلا جىنىم ئۇكام، بىزدىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانا ،
ئانا شۇنداق دىگىنىچە مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
-كۇڭۇللىرىنى بۇزمىسىلا ، ئاۋۋال <اللە>غا ،ئۇندىن قالسا بىز دۇختۇرلارغا ئىشەنسىلە، بىز سەۋەپچى. <اللە> شەپقەتچى .
ئانا بۇ قىزلار ۋەقەگە ئۇچرىغاندىن بۇيان ،بۇگۇن تۇنجى قىتىم ئۇزىدە ئىشەنچ پەيدا بۇلغانلىقىنى سەزدى.
ئايشەم ئاچا ياتاقتا  كۇندە نەچچە مىھماننى كۇتىۋالاتتى .بۇلارنىڭ بەزىسى خۇشنىلار -مەلىدىكىلەر- ياتاقداشلار، ۋەقە چىقارغان ئۇرۇننىڭ رەھبەرلىرى .مەسچىت جامائەتلىرى. دىگەندەك بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بۇلغانلىكى كىشلەر بۇ يەرگە كىرىپ ،كۇندە دىگۇدەك باللارنى يۇقلايتى. بۇگۇنمۇ ھۇرىگۇل باللارنى كۇرگىلى كىلىپ، ئىشىكتىن سۇزلەپلا كىردى.
-تۇۋا خۇدايىم ،مەلىمىزگە جىن تەگدىمۇ ، ئاجايىپ ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ ،
-كەلسىلا خۇشنام نىم بۇللا ؟
-ۋاي نىم بۇلاتتىم ئايشەمخان ،ھېلىقى بىزنىڭ مەھەللىدىكى تۇكچى ئادىل، تۇنۇگۇن  باللا نى ماشىنا سۇققان يەردىن، ئۇتۇپ كىتىۋىتىپ ھېلىقى پات-پات سۇپەك بىلەنلا ،دۇڭدىن يۇمۇلاپ ئېرىققا چۇشۇپ كىتىپتۇ، رىسقى بار ئىكەن. ھىچ يەرى بىرنىمە بۇلماپتۇ، بەك قۇرقۇپ كەتكەن چىغى. شۇ چاغدا ، يەنە تىخى مۇبارەك بىلەن بىللە ئۇينايدىغان، يۇقارقى مەھەللىدىكى .ئامانگۇل، پاتىگۇل، مىلىكىزاتلار، كەينى -كەينىدىن، زۇكامداپ قالغان باھانىدا تۇگەپ كەتتى. رىزىۋانەمنىڭ قىزى بىلقىز، سۇغا چۇشۇپ كىتىپ تۇنجىقىپ قاپتۇ، پاشاخاننىڭ ئۇغلى ئۇرايىمنى، خەقلەر ئۇرۇپ ئۇلتۇرۇپ قۇيۇپتۇ،
ئۇسمىىناخۇننىڭ ئۇغلىنى ،نىمىش قىلدىكىن بىلمىدۇق ،7-يىل كىسىپتىمىش، مەلىدە كىچىك باللار يۇق دىيەرلىك ،ياشلارمۇ تۇگەپ بۇلدى. بىر-بىردىن ئىسىل باللار ئىدى. تۇۋا قايسى تۇزكۇرنىڭ كۇزى تەگدى. كىممۇ قاغىۋەتكەندۇ، قايسى مەينەتنىڭ دۇمىلىسى بۇ دەيمىنا؟ مەھەللە جىمىپلا قالدى.
-ئۇنداقمۇ دىمىسلە، خۇدادىن بىتەغدىر قىل تەۋرىمەس دەپتىكەن . بىلگىچى ئاللا ،
بۇ جاۋىلداق ئايال بۇ قىتىم راس سۇزلىگەن ،مەھەللىدە شۇنداق ئىشلارنىڭ بۇلغىنى راس ئىدى.
سىستىرانىڭ <ئايشەم ئاچا>، دىگەن ئاۋازى بۇلارنىڭ سۇزىنى بۇلۇپ قۇيدى. دوختۇر ئۆمەرجان  سىستىرا بىلەن بىللە كىرگەن ئىدى ئايشەم ئاچا ئۇرنىدىن تۇرۇپ
-كەلسىلە، قىنى ئۇلتۇرسىلا ،
ئۇمەرجان دۇختۇر كەسكىن  قىلىپ سۇزلىدى،
-مۇنداق گەپ باللارنى ئۇپراسسىيە قىلىشنى ئۇيلىشىۋاتىمىز ،بۇنداق بۇلغاندا باللارنىڭ پۇتى كىسىلمەيدۇ ، تۇلۇق ساقىيىشىدا  85 پىرسەنەت ئۇمۇت، بار سىلىنىڭ پىكىرلىرى بارمۇ؟
-پۇتنى كەسمەيدىغان ئىش بۇلسا باشقا پىكرىم يۇق  !
-ئۇنداقتا ياخشى قىنى بۇ قەغەزگە قۇل قۇيسىلا!
-ئۇكام ئۇپراسسىيەنى ئۆزلىرى قىلدىغانلا؟
-ئەلۋەتتە !مەسئۇل دۇختۇر مەن تۇرۇپ، باشقىلار قۇل تىقمايدۇ ،خاتىرجەم بۇلسىلا !
ئايشەم ئاچا قىزىل سۇرۇققا بارمىقىنى چىلاپ، بىرمۇنچە خەنزۇچە خەت يىزىلغان قەغەز ئۇستىگە باستى.
ئۇمەرجاننىڭ ياردىمى بىلەن، بۇ بىرجۇپ ئاچا- سىڭىللار، بىر ياتاققا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى. ئايشەمخاننىڭ جاپايىمۇ خىلى يىنىكلەپ قالدى.
ئۇمەرجان ھەر قىتىم باللارنىڭ قىشىغا كىرسە، مۇبارەككە ھەرخىل رەسىملىك  باللاركىتاپلىرىنى ئالغاچ كىرەتتى .كىتاپ خۇمار مۇبارەك ،كىتاپتىكى پىرسۇناجلارنىڭ ئۇبرازىنى دۇراپ ،كىتاپنى ئۇنلۇك ئۇقۇيتى .مەرھابا بۇلسا جىمجىت تىڭشايتى .
بۇگۇنمۇ دۇختۇر قۇلىدا كىتاپ كۇترۇپ كىردى
-ھە مۇبارەك قىزىم نىمىش قىلۋاتىسەن؟
-كىتاپ ئۇقىۋاتىمەن
-نىمەكىتاپ ئۇ
-باشمالتاققىز
-ياخشى  بۇ نىمە
-ۋاھ  رەسىملىك كىتاپ
كىتاپ ئۇستىدە<خۇيۇەنجىيا> دىگەن  ،چۇڭ خەتلەر كۇزگە ئالاھىدە چىلقىپ تۇراتتى.
مۇبارەك كىتاپقا ئىسلىشىغا ئۇمەرجان كىتاپنى چاققانلىق بىلەن ئىلىپ قاچتى ۋە
-سۇ ئالىمغا جاۋاپ بىرىپ بۇلساڭ بىرمەن قانداق دەپ چىرايىنى غەلىتە پۇرۇشتۇرۇپ ئۇيۇن قىلدى
- نىمە سۇ ئال ئالىلىرى؟! قىنى مەرھەمەت جاناپلىرى پىقىر تەييار!
مۇبارەكمۇ ئىككى كۇزىنىڭ قارچۇغىنى بىر يەرگە ،يىغىپ ئالغاينى دۇراپ، تىلىنى چىقىرىپ ھەييارلىق قىلدى.
ئۇمەرجان ئۇزىنى تۇتىۋالالماي كۇلۇپ كەتتى ھەم مۇبارەكنىڭ بۇرنىنى چىمدىپ قۇيۇپ
-ھۇ شەيتان قىز، ئىيتە ئۇپراسسىيەدىن قۇرقامسەن؟
-نىمە ئۇپراسسىيە ئۇ؟
-نىمە ئۇپراسسىيە بۇلاتتى .پۇتۇڭنى ئۇپراسسىيە قىلمىز ،سىنى ساقايتىدىغان ئۇپراسسىيە ،قانداق قۇرقامسەن؟
-ياق قۇقمايمەن، لىكىن  بەك ئاغرىيدۇ شۇ،
مۇبارەك ئۇمچەيدى .ئۇنىڭ يۇغان بۇلاقتەق جۇپ كۇزلىرىگە ياش كەلدى.
دۇختۇر چۇڭ بىرنى تىنىۋىلىپ
-ئەقماق قىز ،ئاغرىمىسا قانداق ساقىيىسەن؟ ئۇمەر داداڭ ئاغرىرتمايدۇ ،ماڭا ئىشەنمەمسەن؟
-ئىشنىمەن ئەمسە قاچان قىلىسىز ؟
- نەچچە كۇندىن كىيىن، لىكىن ماڭا ماسلىشىپ بەر ،قۇرقما ،قۇرقساق ئۇپراسسىيە قىلالمايمىز ،بۇلامدۇ بالام؟
-ماقۇل ئۇپراسسىيە قىلىپ بۇلسا يەنە ماڭالايمەن ،مەكتەپكىمۇ بارمەن شۇنداققۇ ؟
-ئەلۋەتتە، ئەمسە ئىككىمىز باغلىشايلى .ماڭا قۇقمايمەن دەپ ،ۋەدە بەر قانداق؟
مۇبارەك بىشىنى لىڭشىتىپ يىقىملىق كۇلدى دۇختۇر ئۇنىڭ چىكە چاچلىرىنى قايرىپ پىشانىسىگە سۇيۇپ قۇيۇپ مەرھابانىڭ قىشىغا كەلدى
- ھە سەن قانداقراق بالام؟ سىڭلىڭغا دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانسە. سىنىڭ پىكرىڭ بارمۇ ؟
مەرھابا بىشىنى ئاللا بۇرۇن يۇتقانغا يۇگەپ، مىشىلداپ يىغلاشنى باشلىۋەتكەن ئىدى.
دۇختۇرنىڭ شۇ ھامان تەرى تۇرۇلدى
-نىم بۇلدى مىجەزىڭ يۇقما نەرىڭ ئاغرىيدۇ
مەرھابا بىشىنى <ياق> ،دەپ مىدراتتى.
-ئەمسە قۇرقۇپسەندە ؟قارا بۇ قىز نى، سىڭلىڭچىلىك بۇلالمامسە ؟چۇڭ تۇرۇپ سەن يىغلىساڭ، سىڭلىڭ قانداق قىلىدۇ؟
-ئۇمەرجان دۇختۇر ،مەن..... مىنىڭ ھىلىقى ئاغرىقنى. تىخى ئۇنتۇپ قالغىنىم يۇق ،
-قۇقما قىزىم ،جۇرئەتلىك بۇل !ساقىيىپ بۇلۇپ بىر غىرىچ پاشنىسى بار ئاياقنى كىيىپ، تاراسلاپ ئالدىمدىن ئۇتكەندە، چاقىرساممۇ  تۇنۇماسقا سىلىپ ، پۇتۇمنى ئاغرىتقان ئۇغرى مۇشۇ دەپ ،مىنى ئىچىڭدە تىللاپ، قارماسسەن ھەقاچان!
دۇختۇر پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ،پاشنىلىق ئاياق كىيگەن قىزلارنى دۇراپ، سۇمكا ئاسقان  قىياپەتنى شەكىللەندۇرۇپ، سۇڭگۇچىنى تۇلغاپ مىڭىپ، ياتاقتىكى ھەممەيلەننى كۇلدۇرۋەتتى.
-ئەمسە شۇنداق بۇلسۇن، كىلەر چارشەنبە مەرھابا، جۇمە مۇبارەكنى ئۇپراسسىيە قىلمىز، ئىدىيە تەييارلىق قىلىپ قۇيۇڭلار!
دۇختۇر قۇلىدىكى كىتاپنى مۇبارەككە بىرىپ چىقىپ كەتتى.
ئۇپراسسىيەدىن بۇرۇنقى ھەرخىل تەكشۇرۇش تۇگەپ چارشەنبىگىمۇ ئاز قالدى .
سەيشەنبە كۇنى كەچ سىستىرا قىز ، مەرھابانىڭ دۇرىسىنى ئىچكۇزۇپ ، ئەتتگەنلىككە تاماق تىمەسلىكنى تاپىلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
ئەتتىگەن 7 يىرىمدا ئۇپراسسىيەگە كىرىپ كىتىلگەن مەرھابانى ،بەش سائەتتىن ئۇشۇغراق ئۇپراسسىيە قىلغاندىن كىيىن، ئىلىپ چىقىلدى. ئۇپراسسىيە مۇۋاپىققىيەتلىك بۇلغان بۇلۇپ، مەرھابانىڭ پۇتىدىكى .ھىلىقى ئاجايىپ-غارايىپ جازىلار ئىلىۋىتىلىپ، پۇتنىڭ ئۇچىدىن .بەلگىچە بىنىت بىلەن قاتۇرۇلغان، قىزچاق بۇلسا  ناركۇزنىڭ تەسىرىدە ناھايىتى خاتىرجەم ئۇخلاۋاتاتتى.
ئۇمەرجان بەكلا چارچىغان ھالدا  چىقىپ ،مۇبارەكنىڭ يىنىغا كەلدى.
-قارا قىزىم ئۇپراسسىيە ناھايىتى مۇۋاپپىقىيەتلىك بۇلدى
-ئەمسە ئاچام نىمىشقا گەپ قىلمايدۇ
مۇبارەك كۇزىگە ياش ئىلىپ، سۇئال نەزىرىدە دۇختۇرغا تىكىلدى.
-ئۇخلاۋاتىدۇ، <اللە> خالىسا پات ئاردا ساقىيىپ كىتىدۇ ،خۇش بۇلدۇڭمۇ بالام؟
مۇبارەك كۇلۇمسىرەپ بىشىنى لىڭشىتتى.
دۇختۇر ئىشخانىسىغا كىرىپلا، ئۇزىنى ئۇرۇندۇققا تاشلاپ ئۇلتۇردى. دىمىسىمۇ 5-6- سائەت ئۆرە تۇرۇش ئاسان ئەمەستە؟
جۇمە كۇنى مۇبارەكمۇ ئۇپراسسىيەگە كىرىپ كەتتى سىستىرا مۇبارەككە ئاسما سىلىپ قۇيۇپ مەيدە تەرەپكە ئۇزۇن ئۇرۇندۇقتەك بىر تۇمۇر جازىنى  قۇيۇپ ئۇستىگە رەخت يىپپ قۇيدى مۇنداق بۇلغاندا مۇبارەك مەيدىسىنىڭ تۇۋەن تەرپىدىكى ئىشلارنى كۇرەلمەيتى بىر سىستىرا پات-پاتلا مۇبارەكنىڭ قۇرساق مەيدىلىرىگە ئۇكۇل يىڭنىسىنىڭ ئۇچىنى تىقىپ ناركۇزنىڭ تەسىر قىلغان قىلمىقىنىنى تەكشۇرۇپ <ئاغرىدىمۇ > دەپ سۇرايتى
مۇبارەكمۇ <ھەئە >دەپ  جاۋاپ بىرەتتى  مۇڭغۇل سىستىرا قىز
-بۇ قىزغا ناركۇز تەسىرقىلمايدۇ راس قانداق قىلمىز دۇختۇر ، دەپ سۇرىدى
-نىمىشقا تەسىر قىلمىغىدەك قىلىدۇ
ئۇمەرجان شۇنداق دەپلا مۇبارەكنى يىنىغا ئاۋايلاپ ئۇرۇپ، بەل بىلەن سۇڭگەچنىڭ تۇتاش قىسمىدىكى ئۇمۇرتقىىغا بىر تال ئۇكۇل سالدى. كىيىن يەنە ئاسما ئۇكۇلغا ئىككى تال ناركۇز ئۇكۇلى قۇشۋەتتى .ھەم< باشلايلى> ،دەپلا قۇلىغا ئۇتكۇر ئۇپراسسىيە پىچىغىنى ئىلىپ ، چۇڭ يۇتا سۇڭەكنىڭ سۇنغان يەردىن باشلاپ، گۇشكە پىچاق سىلىپ، گۇشنى 20  سانتا ئۇزۇنلىقتا تىلىشقا باشلىدى.
باش تەرەپتە مۇبارەكنى كۇزتۇپ ئۇلتۇرغان سىستىرا ،مۇبارەكنىڭ كۇز چانغىدىن ئېقىپ چۇشكەن ياشنى كۇرۇپ،<نىم بۇلدى ئۇكام>، دەپ سۇردى.
-ئاچا پۇتۇم ئىچىشىپ ئاغرىۋاتىدۇ،
سىستىرا دەرھال يانا ناركۇز سۇيۇقلىغىنى ئاسمىغا قۇشتى.
-ئاچا كۇڭلۇم ئىلشىپ كەتتى ياندۇرمەن،
سىستىرا كىچىك قاچىدىن بىرنى مۇبارەككە تۇتۇپ بەردى. مۇبارەك قۇرۇق ھۇ قىلاتتى.
جىددى ئۇپراسسىيە قىلۋاتقان ئۇمەرجاننىڭ  يۇزىگە، مۇبارەكنىڭ <ھۇ >دىيشى بىلەن ، مۇبارەكنىڭ يۇتىسىدىن بىرمۇنچە قىپ-قىزىل قان ، ئېتىلىپ چىقىپ چاچرىدى.
ئۇمەرجاننىڭ  يۈزىدىكى قانلارنى ياندىكى ياردەمچى سۋستىرا سۇرتۈپ قۇيدى ئۆمەرجان ئىتتىك مۇبارەكنىڭ  يىنىغا كىلىپ چۇچۇپ كەتتى.
-قىزىم ئۇخلىماپسەنغۇ ؟ئۇخلا بىز كىلىشكەنغۇ ،نىمىشقا ماڭا ماسلىشىپ بەرمەيسەن؟
-ئۇيقۇم كەممىدى.
-ھىم ياق، ئۇنداق دىسەڭ بۇلمايدۇ، چۇقۇم ئۇخلىشىڭ كىرەك ،مەجبۇرى ئۇخلا ھە؟ بۇلامدۇ ؟باتۇر قىزىم، ئاي قىزىم،
مۇبارەك <ماقۇل> ،دەپ سىستىراغا قاردى. سىستىرا قىزچاققا قاراپ كۇلۇپ قۇيدى.
-ئۇكام سىزگە كىتاپ ئۇقۇپ بىرەي  بۇلامدۇ؟
مۇبارەك كۇلۇپ قۇيدى. سىستىرا قايسىدۇر بىر ھىكايىنى ئۇقۇشقا كىرىشتى. مۇبارەك كۇزىنى ئاستا-ئاستا يۇمۇپ ئۇيقىغا كەتتى.
مۇبارەك بەك ئۇزۇن چۇش كۇردى. چۇشدە تۇگەپ كەتكەن دادىسىنى كۇردى. دادىسى بىرجۇپ ئاياقنى يىپقا باقلاپ، مۇرسىگە ئىسىۋالغان ،بىر قەۋرىستانلىقنىڭ گۇمبىزىدە،
كىملەرگىدۇر سۇزلەۋاتاتتى،  مۇبارەك دادىسىنىڭ يىنىغا كىلىپ قۇلىنى تۇتتى.
-ساڭا نىم بار بۇيەردە ؟ماڭ ئاپاڭنى يالغۇز قۇيما كەت ،بۇ سەن كىلىدىغان يەر ئەمەس، ماڭە مەن ئەپ چىقىپ قۇياي بالام،
بۇۋاي شۇنداق دەپ مۇبارەكنى يىتىلەپ، گۇمبەزنىڭ تىشىغا ئەپ چىقىپ قۇيۇپلا، كۇزدىن غايىپ بۇلدى. مۇبارەك
-دادا ،مەن سىز بىلەن قالايچۇ ؟دادا ، دادا ،
يىراقتىن سادا كىلەتتى
-ياق بالام ھازىر بالدۇر، قايتىپ كەت، تىخى ۋاختى ئەمەس ، كەتتتتتتتتتتتتتت......................كەتتتتتتتتتتتتتتتت ،
شۇ چاغدا كىملەردۇر بىرى <ھۇشىغا كەلدى> دىگەندەك قىلدى .مۇبارەك كۇزىنى تەستە ئىچىپ ئۇزىگە تىكىلپ ئۇلتۇرغان ئاپىسى بىلەن، يىنىدا ھارغىن تۇرغان ئۇمەرجان ئاكا، ۋە يەنە بىر سىستىرانى كۇردى .بۇلار مۇبارەكنىنىڭ كۇزىنى ئاچقىنىنى كۇرۇپ يىنىك تىنىپ قۇيدى. مۇبارەك ئۇمەرجان ئاكىغا كۇلۇمسىرەپ قۇيۇپلا ،يەنە كۇزى يۇمۇلۇپ كەتتى.
ئەزەلدىن تىنى ئاجىز مۇبارككە،ماس كىلدىغان قان تەستە تىپلغاننىڭ ئۇستىگە ، يىتەرلىك ئەمەس، ئۇپراسسىيەنى كۇتۇرەلمىگەننى ئازدەپ ،بۇرۇن يەكلىمىگەن ئۇكۇل- دۇرىلار يەكلەپ، ماس كەلمىگەن،
ئۇپراسسىيە ئۇڭۇشلۇق بۇلغان بۇلسىمۇ  ،بۇ ئەھۋالدا مۇبارەكنىڭ ھاياتى، يانىلا خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۇتۇپ كەتمىگەن ئىدى.
چىرايى تامدەك تاتارغان، يۇزىدە قان دىدارى يۇق مۇبارەك، جانسىز مۇردىنىلا ئەسلىتەتتى .
ئۇمەرجان ئايشەمخانغا مۇنۇلارنى تاپىلىدى.
-پۇت -قۇلنىڭ تىرنىغىنى .پات-پات بىسىپ بىرىڭ ،قان ئۇتۇشمىگەن ھامان بۇ قۇڭغۇراقنى بىسىڭ ،گىرىلكىغا سۇ ئېلىپ قۇرسىقىغا قۇيۇپ قۇيۇڭ،
-ئانا دۇختۇرنىڭ دىگىنى بۇيىنچە قىلدى. قايناق سۇنى مۇبارەكنىڭ قۇرسىغىغا قۇيۇپ تۇرشىغا مەرھابا،
-ئاپا كىچىك تەرەت قىلمەن، دەپ قالدى.
ئايشەم ئاچا مەرھاباغا قاچا تۇتۇپ بىرىپ، تەرەتنى تۇكۇپ قاچىنى تازلاپ بۇلۇپ قايتىپ كىرىپ ،قاچىنى جايىغا قۇيۇپ قۇيۇپ مۇبارەكنىڭ يىنىغا كىلىپ قاردى .ئانا بايا گىرىلكىغا ئېلىپ مۇبارەكنىڭ قۇرسىغىغا قۇيۇپ قۇيغان سۇ، گىرىلكىنىڭ ئاغزى بۇش ئىتىلىپ قالغاچقا ،مۇبارەكنڭ يىڭىدىن بىتلانغان پۇتى. ھەم كىيىمسىز بەدىنىگە تۇكۇلۇپ بۇلغان،
بىراق قىزدىن ھىچ قانداق سادايۇق ئىدى.
ئانا دەرھال قۇڭغۇراقنى باستى. ئۇمەرجان شۇھامانلا يۇگۇرۇپ دىگۇدەك كىرىپ كەلدى. ئەھۋالنى بىلىپ مۇبارەكنىڭ تىرناقلىرىنى بىسىپ باقتى. ئنكاس يۇق، قىزىتمىسىمۇ يۇق، كۇزىنى قايرىپ قاردى.كۇز قارچۇغۇ كەينىگە تارتىشىپ كەتكەن ،دۇختۇر جىددىلىشىپ ۋاقىراپ كەتتى .
-سىستىرا ، .....سىستىرا.،..تىز.....تىز بۇلۇڭلار!!
   مۇبارەكنىڭ قىنى ، كەم ئۇچرايدىغان بۇلغاچ ، دۇختۇرلار بۇ جەھەتتە، ياردەمگە مۇھتاج بۇلىۋاتاتتى.  ئاسما ئۇكۇل سۇيۇقلىغى چۇشۋاتقان، ئۇزۇن سۇلياۋ شىلەنكىدىنمۇ ،  سۇزۇك سۇيۇقلۇق تۇۋەنگە قاراپ چۇشۇشتىن تۇختاپ ،قىزنىڭ تۇمۇرىدىكى قانلار، يۇقىرغا بۇتۇلكا ئىچىگە چىقىۋاتاتتى. سىستىرالار باشلىقى بىرنەچچە سىستىرانى ئەگەشتۇرۇپ كىرىپلا، خەنزۇچى بىرنىملەرنى كۇلدۇرلاپ ،سۇزلەپ كەتتى.  قىزچاقنىڭ نەپسى بار- يۇقنىڭ ئارلىغىدا ،ئۇمەرجان دەرھال مۇبارەككە، سۇنئى نەپەسلەندۇرگۇچ ،<ياڭچى> قۇيدى. سىستىرالارمۇ ئۇكۇل سۇيۇقلىغىنى ئالماشتۇرۇپ، قىزچاقنىڭ يۇرەك رىتىمىنى .قىزىتما، نەپەس قاتارلىقلارنى. خاتىرلاپ ماڭدى .خىلى ئۇزۇندىن كىيىن ،مۇبارەكنىڭ نەپەس ئىلىشى تۇراقلاشتى .ئەسلى بۇ قىزغا سالغان ،يىڭى قان يەكلەپ، ئۇكۇل ماس كەلمىگەن، ناركۇزمۇ  ئېغىر  كىلىپ ،ئاجىز بەدىنى كۇترەلمىگەن ،
ئانا كىچىنچە كىرپىك قاقمىدى. مۇبارەكمۇ جۇيلۇپ ئاللا نىملەرنى دەپ، ياتاقتىكىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزاتتى. مۇبارەك كۇزىنى ئاچقاندا ،ئاللا قاچان تاڭ يۇرىغان ،ئانا  ئۇرۇندۇقتا ،كارۋاتقا يۇلەنگەنچە ئۇخلاپ قالغان ،ياتاق ئىشكىنىڭ ئىچىلىشى .بىلەن ئايشەم ئاچا بىشىنى ئىتتىك كۇتەردى. ياتاققا كۇزلىرى ئۇيقۇسىزلىق، چارچاشتىن قىزارغان، بىر كىچىدىلا ئۇرۇخلاپ كەتكەن، ئۇمەرجان دۇختۇر كىردى.
-ھە جىنتەك قىزىم، قانداغراق تۇرسەن ،ياخشى بۇلۇپ قالدىڭمۇ ؟قارا باتۇر قىز، ئەمدى ئىتتىك ساقىيىسەن، جازىنى ئىلۋەتتۇق !
مۇبارەك ئۇماققىنا كۇلۇپ قۇيدى.
-ئايشەم ئاچا، باللارنى ئۇپراسسىيە قىلىپ، ئۇۋۇلۇپ كەتكەن يۇتا سۇڭەكلەرنى ئىلۋىتىپ، ئارلىققا  قاماق تۇمۇر <گاڭبەن> قۇيدۇق، بۇ سۇڭەك ئۇستۇردىغان دۇرا ،ۋاقتىدا يىسۇن ،،جىق يىسە باشقا ئەزالارغا، غەيرى سۇڭەك ئۇسۇپ قالىدۇ، يىتىشتىمۇ دىققەت قىلسۇن ،بۇلمىسا پۇتمۇ ئۇزۇن -قىسقا بۇلۇپ، ساقايغاندا ماڭسا ئاخسايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ، باللار 6 ئايغىچە ئۇرۇلۇپ ياتسا بۇلمايدۇ،
-خەتەردىن ئۇتۇپ كەتتى مىنىمۇ بۇ جىن بەك قۇرقىتىۋەتتى ھا  ........ھا ھا
دۇختۇر مەننۇنلۇق بىلەن كۇلدى.
-رەھمەت ئۇكام ،  سىلىمۇ كۇپ جاپا چەكتىلە،خۇدايىم بىرجانلىرىغا ، مىڭ جان بىرە ،مىڭ ياشقا كىرەلا ،بىزدىن يانمىسا خۇدادىن يانا ،
-بۇلدى ئايشەمخاچا ،مىنىڭمۇ باللىرىم بار، بىز پەقەت سەۋەپ قىلغۇچى. بۇمۇ <اللە> نىڭ قۇدرىتى .رىسقى بار تەلەيلىك قىزلار ئىكەن بۇ،  پۇتىغا قۇيغان تۇمۇرنى، 6 ئايدىن كىيىن ئالمىز ،
-ۋاي ئۇكام ئۇنىڭغىچە سىسىپ كەتمەمدۇ باللانىڭ پۇتى ،تۇمۇر دىگەن داتلىشىدىغان تۇرسا؟
-ياق بۇ ئالاھىدە ياسالغان ،داتلاشماس بىرخىل مىتالنىڭ قىتىشمىسىدىن ياسالغان ،سىلى ئەنسىرمىسلىمۇ بۇلىدۇ،
-ئۇنداق بۇلسىغۇ مەيلى.
شۇنداق قىلىپ بۇلار بىرە ئايدىن كىيىن ،ياتاق قىس ،كىسەل كۇپ بۇلۇش ،سەۋەپلىك ئائىلە كارۋىتى قىلىپ ئۇيگە قايتۇرۇلدى. ۋەقەچىققان ئىدارىدىنمۇ  دەسلەپ ،ھەر ھەپتىدە باللارنى دۇختۇرغا ئاپرىپ تەكشۇرتۇپ تۇردى. ئانىنىڭ كۇينىشى. دۇختۇرلارنىڭ ئىنچىكە كۇزتۇپ داۋالاش ئاستىدا، بۇ ئىككى، قىز قۇلتۇق تاياق بىلەن ،ماڭالايدىغان بۇلدى. پۇتىغا سالغان تۇمۇرنى ئالدۇردىغان ۋاقىتتىن ئۇتۇپ كەتكەن ئىدى. بۇگۇن ئايشەم ئاچا مۇشۇ ئىشنى مەسلىھەت قىلىش ئۇچۇن ، ۋەقە چىقارغان ئىىدارىغا كەلدى .ئىدارىدا نەچچە ئۇنلا خىزمەتچى ئالدىراش ئىشلاۋاتاتتى. ئايشەم ئاچىنى كۇرۇپلا ھەممىسى قۇلىدىكى ئىشلىرىنى تاشلاپ ،ئۇي-ئۇيلەرگە كىرىپ كەتتى. ئايشەم ئاچا سەل غەيرىلىك ھىس قىلىپ ،ئاخىرقى بىر ئىشچىنىڭ قۇلىدىن كاپلا قىلىپ تۇتىۋالدى.
-ھەي ئۇكام ،مەندىن نىمانداق قاچىسىلە؟ مەن ئادەم يەمدىكەنمەن؟
-ئاچا سىلنىڭ قىزلىرىنى مەن باستۇرۋەتمىدىم ،مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يۇق، بىرىپ باشلىقنى ،ياكى شۇ شۇپۇرنى ئىزدىسىلە،
-بۇلىدۇ باشلىقىڭلار قىنى ؟
-بىلمەيمىز يۇتكىلىپ كەتتى!
- نىمە؟ ئەمسە شۇپۇر دىگەن، دەيۇز قىنى ؟
-....................
ئىشچى قۇلىنى سىلكىپلا بۇشنۇپ ،يۇگۇرگەندەك مىڭىپ ئىككىنجى قەۋەتكە چىقىپ ،كۇزدىن غايىپ بۇلدى.
ئايشەم ئاچا ئىشچىنىڭ كەينىدىنلا  يۇقۇرغا چىقتى .ئەپسۇس ھەممە ئۇيلەر نىڭ ئىشكى ئىچىدىن ھىم ئىتىكلىك. جىمجىت قايسى ئۇيدە ئادەم بارلىغىنى بىلمەك تەس ئىدى.
تۇساتتىنلا دەرۋازىدىن بىر ماشنا كىرىپ، ئىدارە  قۇرۇسىنىڭ ئۇتتۇردا تۇختاپ ،شۇپۇر پەسكە چۇشۇپ، ئىشخانا تەرەپكە ماڭدى. بۇ دەل قىزلارنى سۇققان ماشىننى ھەيدىگەن شۇپۇر شوما ئىدى.
ئايشەم ئاچا تىزلا كەينىگە يىنىپ پەلەمپەيگە يۇگۇردى.  ئىككىسى پەلەمپەينىڭ ئايلانمىسىدا دۇقۇرۇشۇپ قالدى، شۇپۇر ئايشەمخاننى كۇرۇپ دەقىقە ھۇدۇقتى .ھەم دەرھاللا ئۇزىنى ئۇڭشاپ، ھىچ ئىش بۇلمىغاندەك ئانىنى يانداپ ئۇتۇپ كەتمەكچى بۇلدى.
-تۇختا ،نەگە بارسەن ؟مەن سىنى تاپالماي ئىزدەپ يۇرەتتىم يۇرە!
شۇپۇر ئانىنى تۇنجى كۇرىۋاتقاندەك تۇختاپ كۇزىنىڭ پاختىسىنى چىقاردى ھەم خەنزۇ تەلەپپۇزىدا
-نى شۇ سا ؟ۋۇ تىڭ بۇدۇڭ ،
-سەن تىڭ بۇدۇڭما ؟مانا مەن تىڭ دۇڭ زۇ ؟
شۇپۇر غىمىدە يۇق ئىسقىرتىپ، قۇلىنى يانچۇغىغا سىلىپ تاماكىدىن بىرتال تۇتاشتۇرۇپ ،ئاغزىدا قىڭغىر چىشلەپ ،ئانىغا سىنچى كۇزلىرى بىلەن قاردى.
ئانا غەزەپ بىلەن شۇپۇرنىڭ ياقىسىغا ئىسىلىپ
-زۇ سىڭكۇ ،زۇ ،دىدى.
شۇندىلا شۇپۇر، ئانىنىڭ ئۇزىنى تۇنۋالغىنىنى پەملەپ، چىرايىغا كۇلكە يۇگۇرتۇپ،  يىرىم ئۇيغۇرچە، يىرىم خەنزۇچە، سۇزلەشكە باشلىدى.
-ئايلاڭزا ،مەن ئەمەس، مەن بۇلسىمۇ  ،بۇسى گۇيىدې .سەن سۇ رىنلا، شۇپۇر تۇرمىدە، بۇياۋ سوجىيا ،گەپ بۇلسا ،مەمەر تەنما ،سەن خاپا يۇق، شىڭما؟
ئاچچىقتىن يىرلاي دەپ قالغان ئانا ،شۇپۇرنى قۇلدىن سۇرەشكە باشلىدى.
-مەن سىنى تۇنمامدىم، شۇ كۇنى مۇبارەكنى كۇترۇپ تۇرغاندا ،مۇنۇ يۇغان پۇلتاي كۇزۇڭ بىلەن، داپتەك يۇزۇڭنى كۇرمىسەمكەن كاشكى .يۇزى قىلىن ،ماڭە يالغانچى كاززاپ،
بۇلارنىڭ ۋاقىرىشىدىن بايا تۇشۇك-تۇشۇكلەرگە كىپەك ئۇغۇرلاپ قاچقان چاچقانلاردەك يۇشۇرۇنغانلار ئۇغۇر چاشقانلاردەك كامارلاردىن ئاستا بىشىنى چىقىرىپ ماراپ بىر -ئىككىدىن تۇپلىشپ ئۇيۇن كۇرۇشكە باشلىدى بايا <يۇتكىلىپ كەتكەن> ئىدارە باشلىقىمۇ بىردەمدە ئۇز ۋەزىپىسىگە قايتا ئۇلتۇردىمۇ كىلىپ ئايشەمخاننى چەتكە تارتىپ
-ئەييا ئايلاڭزا ،سىز خاۋما، باردۇ دىسە مەن ماشنا ئىۋەتىدۇ سىزگە ،يۇ شىما شى . بالا خاۋما  ، دەپ تۇلكىلىك قىلغىلى تۇردى.
ئانا شۇنچە ئاچچىقلانغان بۇلسىمۇ ، بۇ تۇلكە باشلىق، ساددا ئايالنى ئاسانلا ئالداپ كىتەتتى.
ئۇلار ئىشخانىغا كىرگەندىن كىيىن ،باشلىق ئانىغا قايناق سۇ ئىلىپ كىلىپ، سىرىتقا قاراپ <ماجىڭخۇا> دەپ چاقىردى. ئىگىز بۇي، بۇدۇر چاچ ،ئۇرۇق ،ئاق يۇز ،كەلگەن چىرايلىق ، بىر خۇيزۇ قىز ،<شىما شى ما جىڭلى> دەپ، ئىشىك تۇۋدە پەيدا بۇلدى.
باشلىق ئانىنى كۇرسىتىپ، نىڭشا تەلەپپۇزىدا كۇلدۇرلاپ، خىلى ئۇزۇن سۇزلىدى. بۇلار، بەزى سۇزلەرنى سۇزۇپ، بەزىسىنى تىز ،تەلەپپۇز قىلغاچ ، گەپلارنى ئانچە چۇشنىپ كىتەلمىدى.
باشلىق ئانىغا قاراپ قۇيۇپ، <تۇرسۇن ،تۇرسۇن  ، بۇيەگە كىرە> ،
سىمىز ،چاچ -ساقاللىرى ئۇسۇك، تەمبەل كەلگەن ئۇيغۇر بالا، قاپىغىدىن مۇزياغدۇرۇپ كىردى.
-نى گىتا فەييىڭ!  تالەي گاما ،يۇشى ۋۇ  زىجى گۇچۇ ،بۇياۋ گىڭ ۋۇمىن مافەن، ۋۇمىن شەن ماڭدېخىڭ،
ئانا بۇ سۇزلەر نى چۇشەندى ھەم ،
-ماجىڭلى ،سەن ئالدىراش بۇلساڭ ،مەن بىكار مىكەنمەن ،مىنىڭ ئىششىم يۇقمىكەن ،بۇ يەرەگە ئىچىم پۇشۇپ كەلگىنىم يۇق ،باللا نىڭ پۇتىدىكى تۇمۇر نى ئالدۇرامىز مىكىن دەپ كەلدىم، بۇلمىسا چىللىساڭمۇ كەلمەيمەن بۇنداق يىرىڭگە ،ماڭا تەرجىماننىڭ لازىمى يۇق ،سەن مىنىڭ گىپىمنى چۇشەنمىگىنىڭ بىلەن، مەن سىنىڭ زۇۋانىڭنى چۇشىنىمەن، قىنى ھىلىقى دەييۇز شۇپۇر ئۇزەم سۇزلىشەي
ئانىنىڭ خەنزۇچىنى بۇنچە راۋان سۇز لىگنىنى كۇرگەن باشلىق نىم قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ كەتتى
-ئاچا سەن خاتا چۇشەنمە، شۇپۇرنى نىم قىلسە بۇندىن كىيىن بۇ ئىشلارنى ، مەن ئەمەس  باياقى قىز بىجىردۇ ،مەن ھازىر باشقا ۋەزىپىگە يۇتكەلدىم، ئىدارىدا ھازىر مەبلەغ كەمچىل، ۋاقتى كەلسە بىز بۇ ئىشى ھەرگىز كەينىگە سۇرمەيمىز ،سەن خاتىرجەم ئىششىڭنى قىلىۋەر،
-نىمە قىلاتتىم ،مىنىڭ قىزلىرىمنى. ئۇ نىمە قىلغان بۇلسا ،مەنمۇ شۇنى قىلمەن، ئىككى پۇتىنى كەلتەك بىلەن ئۇرۇپ سۇندۇرۋىتىپ،  ناكا قىلمەن، ئاغرىقنى ئۇمۇ ھىس قىلىپ باقسۇن ،مەنمۇ سىلەرنى ئىزلىمەي، تۇگىشەيلى .قانداق ؟باللىرىمنىمۇ ئۇزەم داۋالىتىۋالاي،
ئانا ئاچچىق كۇلۇمسىردى. ئىشخاندىكىلەر بىر-بىرگە مەنىلىك قارشىۋىلىپ جىمىپ كەتتى .شۇندىن باشلاپ ئانىنىڭ ئالدىدا ھىچقايسى گەپ قىلمىدى.< شۇپۇرمۇ قۇيرىغىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتكەن ئىدى. >گەپ بۇلسا تالاغا شەرەتلىشىپ پىچچىرلىشىپلا تۇگتەتتى.
بۇلار نىڭ سۇھبىتى شۇنىڭ بىلان ئاياغلاشتى. بۇ تۇلكە باشلىق ،شۇ ئىككى ئىغىز سۇز بىلەن، ئانىنى ئالداپ يۇلغا سىلىۋىتىپ، قارسىنىمۇ كۇرسەتمىدى.
بۇ ئىشنىڭ بۇلغىنىغىمۇ ئىككى يىل بۇلدى. ئانىنىڭ ئىچى پۇشاتتى. قۇلتۇق تاياقتا مىڭىۋاتقان بىچچارە قىزلىرىغا قاراپ ئىچىناتتى.
بىر كۇنى ئانا سەيگە چىقىپ، شۇ ئىدارىنىڭ بىر خادىمىنى كۇرۇپ قالدى.
-راخمان دۇيجاڭ، تىشلىقمۇ ؟
خىلىلا قىرىغان ، چاچلىرى ئاقارغان ،ئۇرۇق بۇ كىشى كەينىگە قاراپ تۇرۇپ كىتىپ،
-ۋۇي ئايشەممۇ سىز ؟قانداق باللا ياخشىمۇ ؟
-ياخشى !بۇيەردە نىمىش قىلۋاتىلا؟
-نىمىش قىلاتتۇق، ئىچىم سىقىلىپ، چۇگلەپ كىلەي دەپ چىققان،
-جۇرسىلە ،ياخشى ئۇچرىشىپ قالدۇق ئۇيگە باشلاي ،
راخمان دۇيجاڭ ئۇنسىز ئانىغا ئەگەشتى .ئۇيگە كىلىپ بۇلغىچە ئانىنىڭ ئۇنمىغىنىغا قارىماي ئازراق مىۋە ئالدى .ئۇلار ئۇيگە كەلگەندە. مۇبارەك ھىكايە كىتاپنى ئاچىسىغا ئۇقۇپ بىرىۋاتاتتى.
-ئەسسالام قىزچاقلار! قانداق ياخشى بۇلۇپ قالدىڭلارمۇ؟
قىزلار ھاسىغا تاينىپ، تەستە ئۇرە بۇلۇپ،  مىھماننى قارشى ئالدى.
-ئايشەمخان، بۇ قىزلار تىخىچە قۇلتۇق تايغىدا مىڭۋىتىپتىغۇ ،تۇلۇق ساقايمىدىمۇ نىمە؟
-تىخىچە پۇتىدىكى تۇمۇر نى ئالغۇزمىدى. ئۇتكەندە بارسام...................
ئانا بۇلغان گەپلەرنى بىرە قۇر دەپ بەردى. راخمان دۇيجاڭ بىر دەم ئۇيلۇنۇپ تۇرۇپ كىتىپ،
-بۇ بۇمماپتۇ ،ۋاقىت ئۇزارسا قاملاشمىغان ئىشلار يۇز بىر دۇ، مىنى دىدى دىمىسىلە، شۇپۇر شوما ، ما جىڭلىنىڭ ئۇغلى .ماجىڭخۇا ،كىلىنى.  ھازىر بۇ ئىشنى بىلدىغان، ئىدارىدىكى ئىشچىلارنى. شاگاڭنى باھانە قىلىپ، ھەممىسىنى ئىشتىن بۇشاتتى . بۇ ئىشقا ۋىجدانىم چىدىماي ھەق گەپ قىلغان ،مەنمۇ شۇ قاتاردا، پىنسىيە مۇئاشىممۇ تۇختىتىلدى. يىقىندا ئىدارىنىمۇ كۇچىدىكەن دىگەن گەپ بار، جۇتۇڭ دادۇيدىمۇ بۇ باللارنىڭ ئىششىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ،لاتتىنىڭ ئاغزىنى ياغلاپ ئاچۇرماس قىلۋەتكەنمىش،  ۋەزىيەت سىلىگە پايدىسىز ،تىز تۇتۇش قىلسىلا ،باللار مىيىپ بۇلۇپ قالمىسۇن،
مىھمان كەتكەندىن كىيىن، ئايشەم ئاچا نىمە قىلارىنى بىلمەي بىر كىچە ئۇيلاندى.
باللار ئۇيگە قايتۇرۇپ كىلىنگەندىن كىينمۇ ،ئۇمەرجان دۇختۇر بۇ باللار نى يۇقلاپ تۇراتتى. بۇگۇنمۇ يەنە كەلدى. ئانا بۇلغان گەپلەرنى .ئۇمەرجانغا تۇلۇق ئىيتتى .دۇختۇر قۇشۇلما قاشلىرىنى تۇرۇپ ،
-ئەبلەخلەر ،قارا ھىلىگەرلىكىنى. كىچىككىنە نارىسىدىلەرگە قىلتاق قۇرغىننى كۇرمەمدىغان ،بۇپتۇ بىزمۇ ،ئۇنداق قازانغا ،مۇنداق چۇمۇش قىلايلى. مەن سىلىگە بىرپارچە قەغەز يىزىپ بىرەي، ئەتىلا ئىدارىغا ئاپرىپ بەرسىلە، باللار نى چۇقۇم تەكشۇرتۇشكە ئىلىپ باردۇ ،شۇ چاغدا سىلىمۇ باغرىلىرىنى تاش قىلىپ،  باللار نى دۇختۇر خانغا تاشلاپ قۇيۇپ كەتسىلە، بۇلار ئامال قىلالماي ،يا ئۇپراسسىيە قىلدۇردۇ ،يا باللارنى ئېلىپ كىتىدۇ ،
-ئۇنداق بۇلماي قالسىچۇ  ؟مەن قانداقمۇ بۇ كىسەل باللار نى تاشلاپ كىتەلەيمەن ،ئۇلارمۇ تاشلاپ كەتسىچۇ؟
-سىلى ئۇنداق دىگەن بىلەن، شۇنداق قىلمىساق باللار مەڭگۇ ھاسىدا ماڭدۇ، ئەگەر شۇنداقلا قىلسا ،بىز مۇ باللانى ئىدارىغا ئاپرىپ قۇيمىز ،ئۇلارمۇ جاپا تارتىپ باقسۇندە؟
ئەتىسى ئانا ،دۇختۇر يىزىپ بەرگەن قەغەزنى .ئىدارىغا ئاپرىپ، باشقا بىر كىچىك بالىدىن كىرگۇزۇپ بىرىپ قايتىپ كەلدى.
ئىشلار دەل دۇختۇر دىگەندەك  بۇلدى . ئەتىسىلا ئىدارىدىن تۇنمايدىغان ئىككى ئادەم ،ما جىڭلى بىلەن كىلىپ باللارنى تەكشۇرتۇشكە ئىلىپ ماڭدى.
   دۇختۇرخاندا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئادەم كۇپ، كىشلەر ئۇچۇرەت ساقلاۋاتاتتى.
ئىككى ئىشچى قىزلارنى كۇترۇپ ،تەكشۇرۇش ئۇيىگە ئىلىپ كىردى. باشلىق بۇلسا ھىلىقى قەغەزنى .دۇختۇرلارغا كۇرسىتىپ ،بىرنىمىلەرنى دىيشىۋاتاتتى.
ئانا دەرھال ئۇمەرجانغا قاردى. دۇختۇر بىشىنى ئىشىك تەرەپكە ئىما قىلدى .ئانىمۇ ماقۇللۇق بىلدۇرۇپ باللارنى .ئاخىرقى قىتىم كۇرىۋاتقاندەك ،بىر قارۋىتىپ، كۇزىگە ياش ئالغىنىچە چىقىپ كەتتى.
تەكشۇرۇش ئاياغلىشىپ ،باللارنى ماشىنىغا سالدىغان چاغدا، ئىدارە باشلىقى ئانىنى تاپالماي، ئاللا نىملەرنى دەپ چالۋاقاپلا كەتتى .ئۇ، تۇرۇپ بىللە كەلگەن ئىشچىلارنى تىللىسا ،بىردەم قىزلارغا ئالىيىپ ،يەۋىتىدىغاندەك قارايتى. تۇرۇپلا  يەنە ،دۇختۇرلار بىلەن تاكاللىشاتتى. بۇ ئىشلارنىڭ ھىچ قايسىسى ئۇنۇم بەرمىگەچ، باشلىق كالدىرلىغانچە، ئىككى ئىشچىنى ئالدىغا سىلىپ چىقىپ كەتتى.
كۇن ئۇلتۇرۇپ ،قاراڭغۇ چۇشۇشكە باشلىدى. يا ئانا، يا باشلىقىنڭ قارسى يۇق، قىزلا ئەتتىگەن تاماق يىگەنچە، قۇرسىغى ئىچىپ  ئۇتۇپ كەتتى .مۇبارەك،
-ئاچا، قۇسغۇم ئىچىپ كەتتى. ئاپام نىمىشقا كەلمەيدۇ؟
-ئۇكام بىردەم چىدا ،مەنمۇ بىلمىدىم !
لىكىن مەرھابا بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلەتتى. ئانا بىلەن ئۇمەرجان دۇختۇر نىڭ سۇھبىتىدىن ، تۇلۇق خەۋرى بۇلغاچ ،بۇ ئۇيۇندا رۇلىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشنى. ئاللا بۇرۇن كۇڭلىگە پۇكۇپ قۇيغان ئىدى. لىكىن ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز مۇبارەك، ئاچىسىنى جىلى قىلغىلى تۇردى.
-سەن شۇ، ئاپامنى يىغلىتىپ، شۇڭا كەممىدى. بىز نى تاشلىۋىتىپ كەتتى .ئەمدى كىم بىزگە تاماق بىردۇ؟ قۇسقۇم ئاشتى. گەپ قىلە ،قانداق قىلمىز؟
-سىنىڭ ئاچسا ،مىنىڭ ئاچمىدىما ،مەن قانداق قىلمەن، يا ھاسسىنى ئىلۋاماپتۇق ،
بۇ بىچچارىلەر ئاچ قۇرساق ئۇلتۇراتتى .خىلى ۋاقىتلاردىن كىيىن ئۇمەرجان كىرىپ كەلدى.
-ھە ،قىزلار قانداقراق؟ باشلىق كەلمىدىما؟
-ياق !ھىچكىم كەلمىدى .قۇسىغىمىز ئىچىپ كەتتى .
مۇبارەك شۇنداق دەپلا ئۇمچەيدى.
-بۇلدى .يىغلىما قىزىم ،بۇگۇن ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم ،ھازىرچە بۇنى يەپ تۇرۇڭلار،
دۇختۇر شۇنداق دەپ ،ئۇزىنىڭ كەچلىك تامىغىنى باللارغا بەردى .تاماق قاچىسىدا ئۇخشۇتۇپ ئىتىلگەن گۇش پۇلۇ ،تۇراتتى،
ئەتىسىدىن باشلاپ ،بۇ باللارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرتاپقان  كىسەللەر، دۇختۇرلار ،بۇلارنىڭ يىنىغا يىمەكلىكنى دۇگلىۋەتتى.
باللار بۇيەردە بىرھەپتە تۇرغاندىن كىيىن، دۇختۇر خانا رەھپەرلىرى مەسلىھەتلىشىپ، باللارنى ۋەقە چىقارغان ئىدارىغا، دۇختۇر ماشىنىسىدا ھەقسىز ئەكەلدى.
ماشنا ئىدارە قۇراسىغا كىرشىگە ،باشلىق يەردىن ئۇنگەندەك پەيدا بۇلۇپ ،چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ جىىددى تەلەپپۇزدا ،
-كىم سىلەر نى بۇ باللار نى بۇيەرگە ئەپكىلىڭلاردىدى. ئۇزىمىزنىڭ ئاۋارىچىلىغى يەتمىگەندەك ،بۇ يىتىملارنى باقىدىغان ساناتۇرىيە ئەمەس ، باللارنى ئۇيگە ئاپرىپ بىرىڭلار دىدى.
-ئەمسە بىزنىڭ دۇختۇرخانمۇ خەيرى -ساخاۋەت ئۇرنىمىكەن؟ ھىلىمۇ بىرھەپتە باقتۇق، نىمانداق ئۇزەڭلارنى بىلمەيسىلەر؟ بۇلارنىڭ ئۇيىنى سىلەر بىلمىسەڭلار بىز قانداق بىلمىز ما ئەپەندى،
ئۇمەرجان كىنايە ئارلاش سۇزلىدى
- بۇ......بۇ......ھەي.......نىم قىلۋاتىسىلەر............بۇنداق قىلغىنىڭلار بۇلمىدى.............بۇ قانۇنغا خىلاپ!
-ئەپەندى ،قانۇننى بىزمۇ ، سىزدىن ياخشى بىلمىز ، بۇيەرلەرنى سۇرۇشتۇرسەك ،سىز زىيان تارتىپ قالارسىزمىكىن؟ ۋەقەنى بىز چىقارمىدۇق! سىلەر چىقاردىڭلار ،كىسەلگە ئىگە بۇلماي، يەنە نىمە دىمەكچى سىز؟
باشلىق گىلىغا سۇڭەك تۇرۇپ قالغان ئىتتەك، بىردە قارداپ-بىردە قىزرىپ ،ئۇزىنى قۇيدىغانغا يەرتاپالماي قالدى .ئۇمەرجاننىڭ ،<باللارنى چۇشۇرۇڭلار ،ئاۋايلاڭلار> ،دىگەن سۇزى بىلەن، ئىككى ئەر دۇختۇر قىزلارنى كۇترۇپ ماشىنىدىن چۇشتى. ھەم <نەگە قۇيمىز > دىگەندەك ،باشلىققا قاردى .باشلىق بىردەم ئاسمانغا، بىردەم باللارغا قاراپ، تۇرۇپ كىتىپ، ئالدىدا يۇل باشلاپ ماڭدى.
بىرىنجى ئىشىكنى ئاچقاندا ،بۇيەرنىڭ ئىشچىلارنىڭ دەم ئىلىش ئۇيى. ئىكەنلىگىنى كۇرىۋالغىلى بۇلاتتى. ئىككىنجى ئىشىك كىرەكسىز ماللار ئامبىرى بۇلسا كىرەك ،ناھايىتى رەتسىز ،
باشلىق سىرىتقا قاراپ، <ھەبىبۇل، پاتىگۇل > دەپ چاقىردى .سىرىتتىن ئىككى ئۇيغۇر كىرىپ، <نىمىش> دىيشىگە،
-بۇ ئۇينى كۇرۇشمىدىڭمۇ؟ تىز تازلا ، بۇلە چاققان ، دەپلا ،چىقىپ كەتتى.
باللار دەم ئىلىش ئۇيدە بىرە سەئەتچە ئۇلتۇرغاندىن كىيىن، باياقى ئىككەيلەن ئۇستى باشلىرى تۇپا ،يىنىپ چىقتى .ئۇينىڭ دەرىزىسى يىنىغا قۇشلاپ كارۋات قۇيۇلغان، ئۇستىگە كىگىز سىلىپلا ،ئۇينى بىرە قۇر سۇ سىپپ سۇپۇرگەن، بىر بۇلۇڭدا گۇرجەك-جۇتۇ قاتارلىق، سايمانلار دۇلىنىپ تۇراتتى.
باللار بۇ زەي ئۇيگە ئۇرۇنلاشتى. باللارغا مەخسۇس تاماق ئىتىپ ،تەرىتىنى تۇكىدىغانغا ،پاتىگۇل مەسئۇل بۇلدى.
پاتىگۇل ئىسىملىك بۇ ئايال، مۇشۇ ئىدارىنىڭ ئىشچىسى. يۇلدىشىمۇ شۇنداق، لىكىن تۇغماسلىقىغا قارماي بالا بىلەن خۇشى يۇق، تەرسا ، ئۇسال مىجەز ،تازلىغى ناچار ،تۇشىگىنىڭمۇ تاينى يۇق، قاچانلا قارسا ، ئۇسمىنى دەمدەك قۇيۇپ ،گىرىمنى بۇلشىغا قىلىپ، قۇرۇق گەپ سىتىپ ئۇلتۇراتتى .
مۇبارەك بىلەن مەرھابا قۇي مىيى، بۇلۇپمۇ گۇشنىڭ مىيىنى يىمەيتى .بۇ ئايال بۇلسا ،ھە دىسلا قۇي مىيىدا سەي قۇرۇپ ،ئۇيدىن كىلىپ بۇلغىچە، سۇۋۇپ قىتىپ قالغان تاماقنى باللارغا مەجبۇرلايتى.
بۇگۇنمۇ شۇنداق بۇلدى. ئەكەلگەن لەغمىنى ئاللا بۇرۇن سەيلەر بىلەنلا قىتىپ قالغان. گۇشمۇ پۇراپ قالغان. تاماقتىن مىزلىك پۇراق چىقماستىن، ئادامنىڭ كۇڭلىنى ئاينىتىدىغان پۇراق چىقاتتى.
مەرھابا تاماقنى قۇلىغا ئىلىپلا يىغلاپ كەتتى.
-نىم بۇلۇشلا خانلىرىم ،ئەتكەن تامغىم يارمىغان ئۇخشىمامدۇ؟
-بۇنداق بۇراپ قالغان گۇشتە ئەتكەن لەغمەننى ئۇزىڭىز يىۋىلىڭ؟
ئاغزى ئىتتىك مۇبارەك ،شۇنداق دەپلا تاماقنى كاۋاتقا قۇيۇپ، نىرىغا ئىتتىرىپ قۇيدى .
-ۋاي ئانىمەي، خانغا يارغان بىشىم ،تازغا يارماپتۇ دەپ، دەپ كەتكەن گىپىنى ،ما سىسىق تۇكۇرنىڭ ،بۇنداق تاماقنى چۇ ،خىلى يەردىن تىپشالمايسەن، مەھەللىدە خىلى ئادەملەر ماختايدۇ مىنى ،شۇ ڭا، ئىرىممۇ قۇلى تاتلىق دەپ ئالغان مىنى، نىمە جىنىمنى چىقىردۇ ماشۇم،
پاتىگۇل شۇنداق دەپ مۇبارەككە دىۋەيلەپ كەلدى.
-ئۇرماقچىما؟ ئۇرڭە قىنى !ئىرىڭىزنىڭ كۇزى كۇر ئۇخشايدۇ  ،تىلىمۇ تەم تىتىيالمايدىكەن. ئىسىت. شۇ ئاكاشنىڭ ھالىغا ۋاي ،مەن بۇلسام ،ئۇيۇمدە بىركۇنمۇ تۇرغۇزماي، كۇتىڭىزگە تىپپ ،قۇغلاپ چىقىرمەن،
-ھەي شۇمتەك ،بىر بەلەن تاماق قىلىپ، پۇق-سۇيدۇكۇڭنى تۇكىۋاتسام ،رەخمىتىڭ يۇق، جاۋاپ ياندۇرۋاتىسىنا ،مانا ئەمسە،
پاتىگۇل شۇنداق دەپلا مۇبارەكنى بىر كاچات ئۇردى .چىداپ تۇرالمىغان مەرھابا،
-نىمىشقا ئادەم ئۇرسىز، تۇكسىڭىز بىكارغا ئەمەس، پۇلغا تۇكىۋاتىسىز ،
-سەنمۇ بارمىتىڭ ئىتنىڭ بالسى. ھىلى چىشىڭدىن ئايرىلىپ قالما جۇمۇ؟
پاتىگۇل ئەمدى مەرھاباغا قۇل سالاي دىيشىگە ،مۇبارەك ئاۋازىنى قۇيۋىتىپ، <ئاپا....ئاپا> دەپ تۇلىدى.
شۇ ھامان ئىشىك ئىچىلىپ باشلىق كىردى. ھەم
-نىم بۇلدى ۋاقىرما، دىدى.
-بۇ خۇتۇن ئادەم ئۇرۋاتىدۇ ،يەنە بىزنى تۇكۇ دەپ تىللىدى.
باشلىق پاتىگۇلگە قارىدى. پاتىگۇلمۇ بۇش كەلمەي باللارنى بىرمۇنچە يامانلاپ بەردى.
-ھەي بالا، كىچىك بالمۇ چۇڭ ئادەم بىلەن تەڭ تۇرامدا ؟بۇ مۇ سىلەرگە كۇينىدۇ، تاماق ئىتىدۇ ،ئاپاڭلارغا ئۇخشاش، ياخشى ئۇتۇڭلار، ۋۇي نىمە بۇرايدۇ؟
باشلىق ئۇڭ-سۇل تەرەپكە قاردى .مۇبارەك دەرھال.
-مانا بۇ بىزنىڭ ھازىر يىمەكچى بۇلغان تامقىمىز پۇرايدۇ .يەنە كارۋات ئاستىدىكى چۇڭ تەرەت. كىگىزدىكى سۇيدۇك بۇرايدۇ.
باشلىقنىڭ قاپغى شۇھامان تۇرلۇپ ،ئاۋۋال تاماقنى قۇلىغا ئىلىپ بۇرنىغا ئەكەلدى. كىيىن ئارلاشتۇرۇپ كۇرۇپ دەرىزىگە قۇيۇپ قۇيدى. ئاندىن كارۋاتنىڭ ئاستىغا قاراپ سەسكىنىپ كەتتى.
ئۇستىدىكى كىگىزنى تۇتۇپ كۇرىۋىدى. قۇلىغا مىچچىدە سۇ چىقتى. پاتىگۇل چۇڭ تەرەتنى تۇكۇشتىن يىرگىنىپ، سۇليا خالتىغا قاچىلاپلا كارۋات ئاستىغا ئىتىۋەتكەن، كىچىك تەرىتى قىستاپ كەتكەندە باللار بىلەن كارى بۇلمىغاچ، قىزلار كىگىز ئۇستىگىلا قۇيۋەتكەن ئىدى. باشلىق پاتىگۇلگە بىرقارۋىتىپ،
-گىڭ ۋۇ زۇ ،دىدى.
شۇندىن كىيىن قىزلار ،بۇ تەرى سۇرۇن ئايالنى قايتا كۇرمىدى. كىيىن كەلگەن سىمىز ئۇتتۇرياش ئايال ،تۇلىمۇ كۇيۇمچان، پاكىز، ئىشچان، كۇندە باللاردىن بۇگۇن قانداق تاماق يىگىسى بارلىغىنى سۇراپ ،شۇ بۇيىنچە تاماق ئىتەتتى. خۇشى يۇق كۇكتالارنى ئارلاشتۇرمايتى. تامىغىمۇ ئۇخشايتى .باللار بۇ،مۇڭداشقاق، مىھرى ئىسسىق ئايالنى ياختۇرۇپ قالدى.
بۇگۇن باللىرى كۇزىدىن ئۇچۇپ كەتكەن ئايشەم ئانا ،باللارنى يۇقلاپ كەلدى .بۇ دەل جۇتۇڭ دادۇيدىن ،باللارنىڭ ئىششىنى بىر تەرەپ قىلغىلى ئادەم كەلگەن ۋاقىت بۇلۇپ، تۇلىمۇ تۇڭ، قاپقارا يۇزلىرى چۇقۇر ،خەنزۇ چىراي ،ئىگىز بۇي ئۇرۇق،  <ئەنۋەر>  ئىسىملىك ئۇيغۇر بالا ،ما جىڭلى بىلەن خەنزۇچى سۇزلىشىپ تۇراتتى .
ئەنۋەر قاتناش -ساقچى ئۇفىتسىرلار مەكتىۋىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇپ، بۇ شەھەرگە خىزمەتكە تەقسىم  قىلىنىپ ئۇزۇن ئۇتمەيلا ،كۇزگەكۇرنىپ تىزلا ئۇستى. ئۇزىمۇ خەنزۇچى ئۇقىغان بۇلغاچ ،ھىچنىمىدىن قىينالمايتى. ئەمما پارا- مىھماندارچىلىق دىسە، ئۇخلاۋاتقان ئۇرنىدىن تۇرۇپ باراتتى .
بۇ بىچچارىلەرنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىشى. ئەنۋەرنىڭ يانچۇغىنى خىلىلا تۇشقۇزدى. ئۇمۇ ،بۇ تەييار ئۇلجىنى قۇلدىن بەرگۇسى يۇق، ما جىڭلىنىڭ دىگىنى بۇيىنچە  ئىش تۇتتى.
باشلىق ئانىغا قاراپ قۇيۇپ ،گەپ- سۇزسىزلا ، باللانىڭ يىنىغا كىرىپ تۇلكىدەك ھىجىيىپ تۇرۇپ،
-باللا ئەگەر ئاپاڭلار كەلسە كىتەمسىلار؟
مەرھابا بىرنىمىنى سەزگەندەك  تۇرۇپ كىتىپ ،مۇرىسىنى چىقىرىپ قۇيدى.
-سەنچۇ مۇبارەك؟
مۇبارەكمۇ <بىلمەيمەن> دىگەندەك ،بىشىنى چايقىدى.
بۇگۇن ئاپاڭلار كەپتۇ، سىلەر <ئاپا بىز سىنى سىغىندۇق كىتىمىز> دەپ يىغلاڭلار ،شۇنداق قىلساڭلار سىلەرنى ئىلىپ كىتىدۇ ،دىدى.
باشلىق چىقىپ كىتىشىگە مەرھابا، سىڭلىسىنىڭ يۇمۇلاق يۇزىنى ئالقانلىرى ئارسىغا ئىلىپ،
-ئۇكام ھەرگىز يىغلىما، ئاپاممۇ بىزنى دەپ شۇنداق قىلۋاتىدۇ، يىغلىساق ئاپامنىڭ كۇڭلى يىرىم بۇلىدۇ، ماقۇلمۇ ؟دىدى.
مۇبارەك كۇزىدىن سىرغىپ چىققان ياشنى سۇرتۇپ، ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى قىقىپ، بىشىنى لىڭشىتتى. مەرھابا شۇنداق دىگەن بىلەن ئۇزىمۇ ئىقىپ كەتكەن ئىدى.
تاماق ئىتىدىغان ئايال كىرىپ، تاماقنى كارۋاتقا قۇيۇپ داسقاننى سىلۋىتىپ قىزلارنىڭ كۇزىدىكى ياشنى كۇرۇپ قالدى،
-نىم بۇلدى باللىرىم يىغلاپسىلەرغۇ؟
-ئاپام...........ئاپام.................،
ئىككى قىز  تەڭلا شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى. ئايال بىردەم تۇرۇپ كىتىپ،- بۇلدى باللار يىغلىماڭلار ،ئاپاڭلارنى مەنمۇ كۇردۇم، تىز تاماق يەڭلار ،بەلكىم بۇگۇن ئۇيۇڭلارغا كىتىشىڭلار مۇمكىن، ھە  راس  مەرھابا ،سىزگە كۇكباش پۇشۇرغاچ ،مۇبارەككە پەمدۇر ئالغاچ كەلدىم ،ئاۋۋال يۇزۇڭلارنى يۇيۇپ قۇياي، تاماق يەپ بۇلۇپ بۇلارنى ئىسسىغىدا يەۋىلىڭلار بالىرىم،
ئايال داسقا سۇ قۇيۇپ، باللارنىڭ يۇز-قۇللىرىنى.  بىر-بىرلەپ سۇپۇنلاپ  يۇيۇپ ،سۇرتۇپ بۇلۇپ تامىغىنى يىگۇزدى.
قىزلار تاماقنىمۇ تۇگۇتۇپ يىمەستىن ،سىرىتتا ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىكەتتى. ھايال ئۆتمەيلا ئايشەم ئاچا ئىشىكنى زەردە بىلەن ئىتتىرىپ كىردى .
-ئۆزەمنىڭ بالسىنى نىمدەپ كۇرمىگىدەكمەن، قارا بۇلارنى؟!
-ئاپا.......ئاپا......
قىزلار تەڭلا چۇقۇرۇشۇپ ،سۇڭگۇچىنى سۇرەپ كارۋاتنىڭ لىۋىگە كىلىپ قۇللىرىنى ئۇزتۇشتى.
-جىنىم باللىرىم.............................
ئانا شۇنداق دەپ قىزلىرىغا يىقىنلىشىشىغا ،كۇچلۇك بىر بىلەك، ئانىنى قۇل بىغىشىدىن قاتتىق تارتىپ تۇختاتتى .ئانا ئەجەپلىنىش، ھەيرانلىق بىلەن يىنىغا قارىدى. ئۇڭ تەرەپتە جۇتۇڭ دادۇينىڭ ساقچىسى ئەنۋەر ، سۇل تەرەپتە ما جىڭلى سۇغۇق كۇلۇپ قاراپ تۇراتتى .
- باللاغا يىقىنلاشماڭ !بۇ سىز نىڭ باللىرىڭىز ئەمەس، يۇقلۇڭ بۇيەردىن،
-نىمە دەۋاتىسىز ئۇكام؟ نەگە يۇقلىمەن ؟مىنىڭ بۇلمىسا كىمنىڭ باللىرى؟ ئىلشىپ قالمىغانسىز؟
-ھەي ساراڭ خۇتۇن ، كىم سىنىڭ ئۇكاڭ ئىكەن ؟ سەن ئىلشىپ قاپسەن! بۇلمىسا ئۇز باللىرىڭنى تاشلىۋىتىپ كىتەمتىڭ ؟بىز نى يىتىملار ساناتۇريىسى ئاچتىمىكىن دىگەنما؟ بىز قۇتقۇزۇش ئۇرنى ئەمەس ،خالىساڭ كىلىپ باللانى كۇرسەن ،خا لىمىساڭ كىتسەن ،بىز نى نىمە كۇرۇپ قالدىڭ ؟بۇگۇن باللارنى كۇرىمەن دىسەڭ، ئۇيۇڭگە ئىلىپ كىتىپ كۇر، ئىلىپ كەتمەيمەن دىسەڭ ،بۇگۇندىن باشلاپ باللارنى ئىزدىگۇچى بۇلما ،باللىرىم يۇق دەپ تىلىڭدىن ھۇججەت بەر،
-نىمىشقا ھۇججەت بەرگىدەكمەن، سىلەر شۇنداق قىلمىساڭلار ،مەن باللىرىمنى تاشلاپ كىتەرمىدىم ؟
-...........................
ئانىنىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى.
قانداق قىلىش كىرەك؟ باللارنى ئىلىپ كىتەيمۇ؟ شۇنچە جاپاسىنى تارتىپ ،ئەمدى بۇنچىلىك بۇلغاندا ،كىسەل باللارنى تاشلاپ كەتسەم ،ئاللامۇ راۋا كۇرمەس ، ئايشەم ئاچىنى جاۋاپسىز ، ھەرخىل سۇئاللار قىينايتى. بىر پىكىرگە كىلەلمىگەن ئانا باللارغا قاردى.
قىزلارنىڭ مىسكىن چىرايى. ئانىنىڭ باغرىنى ئۆرتەپ يۇرگىنى ئىزۋەتكەن ئىدى.
ئىدارىدىكى  ئىشچىلارنىڭ ئەيىپلەشلىرى. ۋەز-نەسھەتلەر، ئانىنى خۇددى گۇنالىق ئىش قىلىپ قۇيۇپ، باللارغا يۇز كىلەلمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۇرۇپ، باللارنى ئىلىپ كىتىش قارارىغا كەلدى.
-بۇلىدۇ ،ئۇنداق بۇلسا مەن ئۇيگە بىرىپ، باللارنىڭ ئۇرنىنى راسلاپ، چۇشتىن كىيىن كىلەي ،لىكىن چۇقۇم باللارنى ۋاقتىدا ئۇپراسسىيە قىلدۇرۇشقا كاپالەت بىرىڭلار،
باشلىق بىلەن ئەنۋەر، بىر-بىرگە مەنىلىك قارشىۋىلىپ، مىيغىدا كۇلۇپ قۇيدى. ئۇلار غەلبە قىلغان ، ئانا مەغلۇپ بۇلغان ئىدى.
ئايشەمخان كىتىشىگە ماجىڭلى. <ماجىڭخۇا> دەپ چاقىردى. بۇغالتىر ماجىڭخۇا، ئىشىكتىن  گىزىت قەغىزىگە ئۇرالغان بىر بۇلاقنى باشلىققا سۇندى. باشلىق بۇلاقنى ئىلىپ ئەنۋەرگە رەھمەت ئېيتقاچ ئۇنىڭغا ئۇزاتتى .ئەنۋەر تەكەللۇپسىزلا بۇلاقنى ئىلىپ، چىقىر كۇزلىرىنى ئۇيان-بۇيان ئۇينىتىپ، ئىشتاننىڭ يان -يانچۇقىغا سالماقچى بۇلىۋىدى. بۇلاق تۇم بۇلغاچ پاتمىدى. ئەنۋەر كۇچەپ ئىتتىرگەندە گىزىتنىڭ بۇرجىگى. <جىرت> قىلىپ يىرتىلىپ بىركاللاك پۇلنىڭ بۇرجىگى كۇرنۇپ قالدى.
قىزلار ئۇيىگە قايتىپ بىرە ئايدىن كىيىن ،باللارنى ئۇپرەسسىيە قىلدۇرمىز دەپ، باشقا بىر دۇختۇرخانغا ئىلىپ كىلىشتى. بۇيەردىكى دۇختۇرلار، باللارنى ئىككى ھەپتە بالنىستا  ياتقۇزۇپلا ئۇپراسسىيەمۇ قىلماي يۇلغا سەپ قۇيدى.
بۇ ئىش نەچچە قىتىم تەكرارلاندى . ئاخىرى يانىلا  باشتا ئۇپراسسىيە قىلغان دۇختۇرخانغا ئىلىپ كىلىندى.
بۇ چاغدا ئۇمەرجان ،ئىشكىرگە ئۇگىنىشكە كەتكەن ئىدى.
ئۇپراسسىيەدىن بىركۇن بۇرۇن ،ئەنۋەر بىلەن ئىدارە رەھپەرلىرى كىلىپ ، ئانىنىڭ قۇلىغا بىرپارچە خەنزۇچە  خەت  تامغا بىسىلغان قەغەزنى ئۇزۇتۇپ قۇل قۇيۇشنى ئىيتتى.
-بۇ نىمە؟ نىمىگە قۇل قۇيمەن؟
-بۇ باللارنى ئىككىنجى قىتىم ئۇپراسسىيە قىلدۇرۇش تۇغرىسىدا .جۇتۇڭدىن چۇشۇرگەن بۇيرۇق. قۇشۇلسىڭىز قۇل قۇيۇڭ. ئۇپراسسىيە قىلدۇرمايمەن، دىسىڭىز قۇيمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،
ئەنۋەر پەرۋاسىزلا قەغەزنى ئانىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ كۇزنىڭ قۇيرىغىدا قاردى.
ساۋاتسىز ئانا بارمىغىنى بىسىپ بەردى. ئەنۋەر خۇددى بىرنىڭ كۇرۇپ قىلشىدىن قۇرۇققاندەك، قەغەزنى ئىتتىك ئىلىپلا ،قاتلاپ مەيدە يانچۇغىغا سىلىپ چىقىپ كەتتى.
باللاردۇختۇردىنمۇ چىقتى. تىڭىقمۇ يىشىلدى. لىكىن بۇ ۋەقەنىڭ سىرى تىخى يىشىلمىدى.
مۇبارەكنىڭ تىراگىدىيىسى. ئەمدى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.
قىزلار ساقىيىپ ماڭغىدەك بۇلغاندا، باللارنىڭ ئككىنجىسى .ئۇغۇلنىڭ چۇڭى تالىپ  ،ئايالىنى ئىلىپ ئىشكىردىن قايتىپ كەلدى. تاش بۇلسا تىخچە ئۇيلەنمىگەن، ئالتايدا ناۋايخانا  ئىچىۋاتاتتى،
تالىپ باشقىلار ئارقىلىق بۇ خەۋەرنى ئىنسىغا يەتكۇزدى. تاشنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋرى بۇلسىمۇ، ئاۋارچىلىقتىن قىچىپ كەلمىگەن ئىدى.
ئاكىسى تالىپ كىلىپ، ھەپتە ئۆتمەي تاشمۇ كەلدى .ئىككى ئۇغۇل ئۆيدە ئادەم يۇق چاغدا، دائىم سىرلىق كۇسۇرلىشاتتى. بۇگۇنمۇ تالىپتىن بۇرۇن ،تاش ئېغىز ئاچتى.
-ئاكا قانداق قىلمىز ؟جۇتۇڭنىڭ بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى بىلسەك ياخشى بۇلاتتى.
-مىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئىچىم پۇشىدۇ! بۇ ماڭقىلاردىن سۇرسام بىلمەيدىكەن.
-ئاپاممۇ بۇش ئايال ئەمەس، ئىشلارنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلۋەتمىسلا بۇلاتتىغۇ!
-گىپىڭمۇ ئۇرۇنلۇق !لىكىن ئۇنداقمۇ قىلماس؟ سەن بەك گۇمانخۇر جۇمۇ، ھا.......ھا......
ئايشەمخاننىڭ ئاياق تىۋىشى .بۇلارنىڭ ئۇنىنى ئۇچۇرۇپ قۇيدى.
-ئاپا سىزگە بىر ئىشنى مەسلىھەت سالايلى دىگەن، تاش ئاكىسىغا كۇز قىستى. تالىپ ئىتتىكلا ،
_جۇتۇڭدىن باللارنىڭ ئىششىنى .قانداق بىر تەرەپ قىلدى .سىزنى تۇلا خۇتۇن دەپ بۇزەك ئەتمىسۇن يەنە،
-ۋاي بالام ،ئۇكاڭلار ئەمدى بۇنچىلىك بۇلدى. دەۋا قىرىماس دەپتىكەن، ئۇتەرەپلەرگە ئۇتۇشكە چۇلام  تەگمىدى،
تاش ئاكسىغا بىرقارۋىتىپ،
-بۇ ئادەم مەسلىسى جۇمۇ؟ ئۇيناشقىلى بۇلمايدۇ،  ۋاقىت ئۇتۇپ كەتسە ئىگە بۇلماي تۇرۋالمىسۇن ،دىدى.
-ئەمسە ئەتە بىرىپ باقاي!
ئەتىسى ئايشەم ئاچا ،جۇتۇڭ دادۇيگە بىرىپ، ئەنۋەرنىڭ ئىشخانىسىنى مىڭ تەستە تاپتى.
ئەنۋەر كىملەر بىلەندۇ، جىددى سۇزلىشىۋاتاتتى. ئۇ ،تۇرۇپ قىرى ئۇچكىدەك ،كارنىيى يىرتىلغىچە ۋاقىرسا، تۇرۇپ ئۇستەلگە مۇشلايتى. خىلى ۋاقىتتىن كىيىن ،تىلفۇن تۇرۇپكىسىنى زەردە بىلەن جاققىدە قۇيۇپ، ئۇزىنى ئۇرۇندۇققۇ تاشلاپ چىكىسىنى ئۇۋىلىدى. ئاندىن تۇرۇپ ،بىرئستاكان سۇۋۇتىلغان قايناق سۇنى. كالىدەك بىر كۇترۇپ ئىچىۋىتىپ، تاماكا تۇتاشتۇرماقچى بۇلۇۋىتىپ ،ئايشەم ئاچىغا كۇزى چۇشتى.
-ئەسسالام، ئۇكام تىشلىقمۇ ؟،
ئانا ئىگىلىپ سالام قىلدى . ئەنۋەر مۇزدەك تەلەتىدىن قار ياغدۇرۇپ ئانىغا ھۇمايدى.
-سالىمىڭ قۇرۇپ كەتسۇن !ھە نىمەگەپ ؟نىمىگە كەلدۇق ؟زادى قۇتۇلغىلى بۇلمامدۇ سەن خەقتىن؟
-باللانىڭ ئىششىنى. بىر تەرەپ قىلىپ بىرەمىكىن دەپ، .................
ئانىنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى تۇگمەيلا، ئەنۋەر گەپنىڭ بىلىگە تەپتى.
-يانا نىمە ئىششىنى ؟قانداق تۇگمەيدىغان ئىش ئىكەن ئۇ، مىنى خىزمەت قىلىغلى قۇيشامسەن يا، بۇ ئۇستەلنى ھەرقايسىڭغا تاشلاپ بىرەيمۇ؟
ئەنۋەرنىڭ پەيلىىدىن ،ئۇرنىدىن تۇرۇپلا ئانىنى ئۇردىغاندەك قىلاتتى.
-ئۇكام چىرايلىق گەپ قىلسام ، ئادەمگە سۇغۇق تىگىپ ،نىمانداق ھۇرپىيسىز؟
-ھۇرپەيسەم قانداق قىلاتتىڭ؟
ئەنۋەر ئۇرنىدىن تۇرشىغا ئىشىك يىنىك چىكىلىپ فۇرما كەيگەن بىر ياش بالا كىردى
-ئەنۋەرئاكا خۇتەن كۇچىسىدا قاتناش ۋەقەسى چىقىپتۇ، باشلىق سىزنى دەرھال بارسۇن دەيدۇ،
-مانا ھازىر! بۇ ساراڭ خۇتۇننى . ئىشخاندىن قۇغلاپ چىقىرۋىتىپ، ئىشىكنى ئىتىۋەت ،مەن ماڭدىم،
ئەنۋەر ماڭدى. ئانا بۇ پارخۇر ئەبلەخنىڭ ،تىل ئاھانىتىگە كۇزياشلىرى بىلەن سۇكۇتتە ،كەينىدىن بىچچارىلەرچە قاراپ قالدى .
-ئاچا، بىرە ئىش بىلەن كەلگەنمىدىلە؟
ئانا بۇلغان ئەھۋالنى قىسقىچە سۇزلەپ بەردى .
-بۇ ئىشنى مەنمۇ ئاڭلىغان، لىكىن ئۇزۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ بۇپتىكەنغۇ ؟
ئەمدى بۇ بالىنىڭمۇ مۇئامىلىسى ئۇزگىرىپ ،ئانىنى. جىنايەتچىنى كۇرىۋاتقاندەك ، مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قاراپ كەتتى.
- بۇ ۋەقەگە ،شۇ ئىدارىدىن80 مىڭنى بىرىپتۇغۇ ؟ئۇزلىرىمۇ رازى بۇلۇپ، قۇللىرىدىن ھۇججەپ بىرىپلا  ،ئۇنداق نائىنساپلىق قىلساڭلارمۇ بۇلماس ،
-قاچان بىرىپتۇ ؟كىمگە بىرىپتۇ؟نەدە بىرىپتۇ؟ قىنى شۇ ھۇججەت، مەن بىر كۇرەي؟
-بۇ نى مەن بىلمەيمەن ،بىز ھازىر ئالدىراش، دۇشەنبە كۇنى كىلىپ ،ئۇزلىرى ئەنۋەرئاكامدىن ئالدىرماي سۇرىۋالسىلا ،بۇ ئىشنى ،شۇ بىر تەرەپ قىپتىكەن،
ئانا يۇلدا كىتىۋىتىپ ،بۇلۇنغان گەپلەرنى ئۇيلايتى. -ئۇيلىغانسىرى ئىچى ئاچچىق بۇلاتتى. ئۇيگە كىلشىگە تاش يۇگۇرۇپ كىرىپ،
-ئاپا كەلدىڭىزما؟ نىم دەيدۇ ؟قانداق بىر تەرەپ قىلدىكەن؟
ئايشەم ئاچا بىردەم تۇرۇپ كىتىپ ،ئۇنسىلىپ يىغلاپ كەتتى.
-نىم بۇلدى يىغلىماي دىمەمسىز؟
تالىپمۇ تەقەززالىق بىلەن سۇرايتى .ئانا بۇلغان گەپلەرنى تۇلۇق ئېيتتى .شۇ ھامان تاش نىڭ چىرايى ئۇزگىرىپ ،بىر قارا ئىككى بۇلۇپ كەتتى.
-قانداق ئاكا؟ مەن نىم دىگەن ،بىز دىگەن دادىمىزغا قالغان بالا، مىڭ قىلساقمۇ ھىلىقى ساقلاندىغا تەڭ بۇلالمايمىز ،ئاپامنىڭ ھۇنرى تۇلا، ھەقاچان، ۋەقەگە ئۇ ،ئۇچرىسا پۇلنى ساڭا بىرەمتىم ،كىيىن ئۇزىگە ئەز قاتىدۇ دەپ، شۇ شۇمغا ساقلاپ قۇيغاندۇ ؟بەك ھىلىگەر، نىيىتى يامان خۇتۇن جۇمۇ؟ بۇ ،
تاش ئاغزىدىن كۇپۇك قاينىتىپ، تۇكۇرۇكلىرىنى چاچرىتىپ، شۇزلىگەنچە قايناپ كىتىۋاتاتتى.
بۇ گەپلەر بىلەن تالىپ ئۇيلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ،
-ئاپا، بىز يات ئادەم ئەمەس ،بىز گە راس گەپ قىلىڭ ،ئەگەر شۇنداق ئۇيلىغان بۇلسىڭىز ،بۇمۇ خاتا ئەمەس، قىز بالا ،ئۇنىڭ ئۇستىگە يىرىم بۇلۇپ قالدى. تاشقا مەن چۇشەندۇرەي ،بىكار سىز يالغان سۇزلەپ ،بىز جۇتۇڭغا بىرىپ سەتلەشسەك ياخشى بۇلمايدۇ،
بۇ سۇزلەر نىڭ ئارسىغا، ئازراق تەھدىت ئارلاشقاندەك قىلاتتى.
-بالام، ماڭا ئشەنمىسەڭلار، دۇشەنبە كۇنى ئۆزەڭلار بىرىپ ،ئۇقۇپ كىلىڭلار،
-بىزنى باراممايدۇ دەمسەن؟ جۇتۇڭنى سەندىن ئۇبدان بىلمىز ،بىزگە تۇلا ئۇيۇن كۇرسەتمە،
تاش ئەمدى رەسمى ئۆڭدى. ئۇ ئانىنى سىزلەشتىن ،سەنلەشكە ئۇتكەن ئىدى. ئايشەمخانمۇ بۇش كەممىدى.
-بارساڭ بارمامسە ،مەن تۇسىۋالمىدىم سىنىڭ يۇلۇڭنى.< قۇرئان >تۇتقۇزامتىڭ يا ؟
-سەن، قەسەمدىن  قۇرقامسە ؟<قۇرئان > نىڭ گىپىنى قىلىپ كەتكىنىنى. شۇڭا خۇدايىم، ساڭا كۇرسىتىپ، بىلدۇرۇپ-بىلدۇرمەي جاجاڭنى بىردۇ ،پۇلدا ئۆزەڭڭە <گۇەنسەي> ياستىپ ،ئاشقىننى گۇرۇڭگە ئىلىپ كىتەمتىڭ؟ ئۇلمەيدىغان  قىرى،
-نىمە دەۋاتىسەن؟ ئاغزىڭغا بىقىپ سۇزلە،
-دىمىسىمۇ راسقۇ !بىز دادامدىن كىچىك قىلىپ، كۇرمىگەننى كۇردۇق، بىزنى تۇغۇپ قۇيۇپلا، كارىڭ بۇلمىدى. بىزگە نىمىش قىلىپ بەردىڭ ؟ئىشەك تەخىيىگە ئىگە بۇلمىغاندەك ،ئىگە بۇلمۇدۇڭ ،بىز قانچىلىك ئانا مىھرى كۇردۇق ؟دادا مىھرىگە قىنىپ بۇلغىچە ،دادام سىنىڭ سالغان كۇلپەتلىرىڭگە چىدىماي تۇگەپ كەتتى..............................................................
-بىششىڭنى يەيدىغان ،ساڭا ھەممە ئىشنى دەپ بەرسەم بۇلامتى؟ بۇ نى داداڭدىن كۇر! داداڭنىڭ گىلىنى مەن سىقىپ ئۇلتۇرۇپ قۇيمۇدۇم ،ئاللاغا ياراپتىكەن ئالىدىغان ئامانەتنى ئىلىپ كەتتى.
-سەن تۇلا ئۇشۇق گەپ قىلما، سەن مۇبارەكنى تالادىن تىپپ كەلگەچكە ،دادام بىلىپ قىلىپ، سەن بىلەن ئاجراشتى. كىيىن بۇ ئىشلارنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ،ئاچچىقتا كىتىپ قالدى .بىزنى كىچىك ،ھىچ ئىشتىن خەۋرى يۇق، بۇلمەيدۇ دەمسەن؟ ھەممىنى بىلمىز!
-بىلسەڭ يۇغان ئىش! خۇدايىمغا ئاق مەن ،سەن نىمە دىسەڭ دەۋەر،
تالىپ بىرچەتتە ئۇنسىز گەپ تىڭشاپ ئۇلتۇراتتى .ئايشەم ئاچا ئاچچىقتا يىرىلاي. دەپ قالدى.
ئىشىكتىن ئايشەمنىڭ ئانا بىر ،دادا باشقا ئىنسى سادىق كىرىپلا سۇزلەپ كەتىتى.
-نىمە قىلغىنىڭ بۇ تاش؟ كۇترەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دىگەندەك ،ئەمدى كىلىپلا، نىمە جۇدا بۇ ؟بىرە كۇن قۇلاق ساق تۇر سا بۇلمامدا ؟سەنمۇ گۇشيىپ ئۇلتۇر غىچە ئۇكاڭنى تۇسساڭ بۇلمامدۇ ؟نىمانداق بىلىمسىز ، بۇلشى يۇق باللار سىلەر؟ ئۇيدە .ئىش چىقسا ھىچ قايسىڭنى تاپقىلى بۇلمايدۇ، سەنلەر ئۇغۇل بالىمۇ نىمە؟ ئادەممۇ سەندەك بۇلامدۇ؟ ئىسىت، ئاچامنىڭ ھالىغا ۋاي، سەندەك نىملارنى بالام دەپ باققىچە، كۇتىگە بۇسرۇپ ،ئۇلتۇرۇپ قۇيغان بۇلسىچۇ ،مەن كىرمىگەن بۇلسام ،ئىككىڭ بىر بۇلۇپ، ئۇلتۇرۇپ، گۇشنى يەمتىڭ ئاچامنىڭ؟
-باھار ،كىرىپ دىمىگەن بۇلسا، خىلى ئىش بارئىكەنمۇ دەيمەن، باھار تالىپنىڭ 4-قىتىملىق ئالغان ئايالى ئىدى.
سادىق، بىر دەم قايناپ -سۇزلەپ بۇلۇپ، باللارنى  ئىلىپ چىكەتتى. ئايشەم ئاچا ،ئىچىدىن ئىتىلىپ چىقىۋاتقان يىغىنى زۇرىغا بىسىپ ،ئۇرنىدىن تۇرۇپ، قۇرۇنىڭ ئىشكىنى ئىچىدىن ئىلۋىتىپ،
كۇمۇرخانغا كىرىپ، تۇرۇسىنى خىلى ئاقتۇرۇپ ،تۇملۇقى باش بارماقتەك كىلىدىغان، ئۇزۇن ئارغامچىنى تاپتى. ئارغامچا خىلى ئۇزۇن بۇلغاچ، ئىككى قات قىلىپ ، ئۇرۇندۇققا دەسسەپ تۇرۇپ، تۇرۇسنىڭ چۇڭ لىم ياغچىغا ،مەھكەم باغلاپ ،ئارغامچىنى بۇينىغا سالدىدە ،ئۇرۇندۇقنى تىپپ ئۇرىۋەتتى.
ئانىنىڭ ئۇرۇق ۋىجىك گەۋدىسى بۇشلۇقتا لەيلەپ قالدى.
تاش بىلەن تالىپ قايتىپ كەلگەندە ،ئۇلارنىڭ قۇرۇسىنىڭ ئىچى-تىشى ئادەملار بىلەن تۇلغان ،نىمىش بۇلغىنىنى بىلەلمىگەنلەر،ياكى قۇرۇ-ئۇي ئىچىگە كىرەلمىگەنلەر ،بىر-بىردىن ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى بىلىشكە قىزقىپ، بىر-بىردىن سۇرىشاتتى.
-نىم بۇپتۇ زادى؟
-تۇۋا ،بۇ ئايشەمخانغا ئىسلىپ ئۇلۋالغىدەك نىمە ئىش تەسىر قىلغان بۇلغىيتى؟
-ئۇنى-بۇنى دەيمىز ،بالا دەردى يامان جۇمۇ،
-ھاياتمىكەن يە؟
ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن ،ئازراقلا خەۋرى بارلىرىنىڭ بەزىلىرى.<تۇۋا> دەپ ياقىسىنى چىشلىسە ،يەنە بەزىلىرى كۇپتۇرۇپ سۇزلەيتى.
مۇنداق پۇرسەتنى قۇلدىن بەرمەيدىغان ،ھۇرىگۇلمۇ بۇگۇن سۇرۇندا، ئۇز رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇلگۇردى.
-تاماققا تۇتۇش قىلاي دەپ تۇرسام، ئايشەمخاننىڭ كىلىنى باھار كىرىپتۇ،<قىينانام قۇرۇنىڭ ئىشكىنى ئىچىدىن تاقىۋاپتۇ ،شۇنچە ئۇرساممۇ ئاچمىدى. بايا ئىككى ئۇغلى بىلەن قىزرىشىپ قالغان، بىرە ئىش بۇلدىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم> دەيدۇ ،ئارا-تام خۇشنا بۇلغاندىكىن ،مەنمۇ سەل ۋاراڭ -چۇرۇڭنى ئاڭلىغانتىم ، گۇمانلىنىپ چىقىپ ئىشىكنى ئۇرسام ئاچمىدى. شۇنىڭ بىلەن باللىنى چاقىرىپ ،شۇتا قۇيۇپ ئايشەمخاننىڭ ئۇيگە سەكرەپ چۇشۇپ قارسام، ئايشەمخان ئۇينىڭ ئۇتتۇرغا ئاغامچىنى سىرىتماق سىلىپ ئىسىلۋاپتۇ، مىڭ تەستە چۇشۇرۋالدۇق، سەللا كىچىككەن بۇلساق يۇق ئىكەن. باشقىسىغۇ مەيلى. ئەگەر بىرە ئىش بۇلۇپ قالسا ،كەگۇلۇكنىڭ ھەممىسى .ماشىنا بىسىۋالغان  شۇ ئىككى بىچچارە قىزغا كىلەتتى ئەمەسمۇ !
ئايشەم ئاچىنىڭ ئىككى ئۇغلى كىرگەندە ،مۇبارەك بىلەن مەرھابا ئاپىسىنىڭ باش تەرپىدە يىغلاپ ئۇلتۇراتتى.
كىلىنى باھار ،نىمە قىلشىنى بىلمەي، تەمتىرەپ ئۇي ئىچىدە يۇگرۇپ يۇرەتتى.
ئايشەم ئاچىنىڭ باشقا -يىشى چۇڭراق ئىككى خۇشنىسىنىڭ بىرى. ئايشەم ئاچىنىڭ يۇزىنى ھۇل لۇڭگە بىلەن سۇرۇتسە ،بىرى سۇ ئىچكۇزۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
-ئاپا، نىم بۇلدىڭىز ؟ئاپا، بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ گەپ بۇلسا چىرايلىق قىلىشساق بۇلىدىغۇ!
تالىپ شۇ سۇزنى قىلىپلا ئاپىسىنىڭ ئالدىدا يۇكۇنۇپ ئۇلتۇردى تاش بىردەم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ كىتىپ
-ۋاي بىر ئەينۇلۇق قىلمىيە ئاپا شۇمۇنداق قىلىپ بىزنى قۇرقۇتۇپ مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلماقچىما ئارتىس بۇلساڭ بۇلغىدەك رۇلنى ياخشى ئالىدىكە..................................
تۇيۇقسىز يۇزىگە تەككەن مۇشنىڭ زەربىسىدىن كەينىگە ئۇچۇپ كەتكەن تاش نىمە بۇلغىنىنى بىلىپ بۇلغىچە قۇرساق-كاسىلىرىغا نەچچە تىپىك يىدى
-بۇلدى سادىق ئۇزەڭنى بىسۋال
ھۇرىگۇلنىڭ يۇلدىشى ئايشەمخاننىڭ ئىنسى سادىقنى قۇچاغلاپ تۇتىۋالدى تاش چاققانلىق بىلەن ئۇرنىدىن تۇرۇپ سادىققا تاشلاندى
-مىنى نىمىشقا ئۇرسەن ؟ھۇ پالاندى ئۇغرى،
-ھايۋان ،مۇناپىق، نۇمۇس قىلماي مەندىن سۇراۋاتامسەن؟ نىمىگە ئۇرغۇنۇم ئۇزەڭگە ئايان! بۇنى ۋىجدانىڭدىن سۇراپ باق،
-بۇلدىقىلە تاش ،بۇلۋاتقان ئىشلار يەتمىگندەك، سەنمۇ ئۇيۇن قۇيماي،
تالىپ، ئۇرنىدىن قۇزغالماي تۇرۇپ، تاشنى گەپتىن تۇستى. ئايشەم ئاچىنىڭ بۇغۇلۇپ يۇتىلىشى. ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تاتتى.
-ئاچا، قانداقراق تۇرسىز ؟،سادىق شۇنداق دىگىنىچە يىغلىۋەتتى.
ئايشەمخان، يىنىدىكىلەرگە بىرقارۋىتىپ، تاشقا كۇزى چۇشىشى بىلەنلا ،كۇزىنى يۇمىۋالدى.
-بالام ،ئايشەمنى بۇ ھالغا چۇشۇرۇپ قۇيغىدەك ،زادى نىمىش بۇلغانتى؟
بايا ئايشەمخاننىڭ يۇزىنى .لۇڭگە بىلەن سۇرتكەن ئايال كۇچىلاپ سۇراپ قالدى .ئۇزىنى ئاقلاش ئۇچۇن نۇۋەت كۇتۇپ تۇرغان تاش ،گەپ قىلىش ئۇچۇن ئەمدى ئاغزىنى ئاچقان ئاكىسىنىڭ ئالدىغا ئۇتۇپ، خۇددى ئىت قۇغلىغاندەك، تىنىقمۇ ئالماستىن ،جاۋغايلىرىدىن كۇپۇك قاينىتىپ سۇزلەپ ، كىشلەرگە چۇشەنچە بىرىشكە ئالدىرايتى. شۇنچە قىلغىنىغا يارشا ،.ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ يىرىمى يا ئاغزىدا قىپ قالاتتى. ياكى يىرىمى چۇشۇپ قىلىپ، باشقىلار ئانچە چۇشنەلمىدى.
تاش بىردەمدە ،ئۇن ئاي ،ئۇن كۇن، قۇساق كۇترۇپ، ئاچچىق تۇلغاق يەپ تۇغۇپ، مىڭ جاپادا چۇڭ قىلغان ،جاپا كەش ئاپىسىنى. ئاچكۇز ،پۇل-پەرەس، يالغانچى. خىيانەتچى. قاپقارا قىلىپ، سۇرەتلەپ ئۇلگۇردى. بىچچارە ئانا بۇلۋاتقان گەپلەرنى ئاڭلاپ، كۇزلىرىدىن مۇنچاق-مۇنچاق ياش تۇكۇپ ياتاتتى.
-ھەي ئىنساپسىز ،ئىنسان قىلپىدىن چىققان ئىمانسىز ، نىملەرنى جۇيلىۋاتىسەن؟ ھۇ تۇيمىغۇر، ھىلىغۇ، سەكسەنمىڭ كۇي پۇلنى ئالماپتۇ، ئالسىمۇ، سەن ،ئاچامغا بالا تۇغۇشۇپ بەرگەنمىتىڭ؟ ئىزا تاتماي داۋاتقان گىپىنى بۇ دەيۇزنىڭ! باللانىڭ ئاغرىغىنى تارتىشىپ، يا تەرىتىنى تۇكۇپ بەرگنمۇ سەن ؟مۇشۇنداق گەپنى قىلغۇچە، ئىشتان بىغىڭغا ئىسلىپ ئۇلۋالساڭچۇ ! ھىي ئىسىت.....
تالىپ، ئەھۋالنىڭ ئۇزىلىرىگە پايدىسىز ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ ھەرھال گەپ قىستۇردى.
-دىمىسىمۇ راس، دادىمىزدىن كىچىك قىلىپ ، ئاپام ،بىزنى باقىمەن دەپ كۇپ جاپا چەكتى. سىڭىللىرىم ۋەقەگە يۇلۇققاندا ،مەنمۇ يۇرتتا بۇلالمىدىم، ئىشلاردىن تۇلۇق خەرۋاردار ئەمەسمەن، قارغاندا ئاپامنى باشقىلار بۇزەك قىلغان گەپ ،ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ قارار چىقارما ئۇكام،
كۇپچىلىك تالىپنىڭ پىكرىنى بىردەك قۇللاشتى. تاش ئاكىسىغا ھۇمۇيۇپ قاراپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
ئايشەم ئاچىمۇ ئۇرۇق گەۋدىسىنى تەستە قۇزغاپ ئۇرنىدىن تۇردى. خۇشنىلارمۇ تارقىلىپ كەتتى.
تالىپ بىلەن تاشمۇ بۇ ئىشنى خىلى ئۇزۇنغىچە ئاغزىغا ئالمىدى.
قىزلارمۇ ھاسىنى تاشلاپ ماڭدى. لىكىن شۇخ مۇبارەكنىڭ  يىتىش ئۇسۇلى تۇغرا بۇلمىغاچقا ،سۇنغان پۇتى .ساق پۇتىدىن ،بىرسانتا ئۇزۇن بۇلۇپ قالغان، ئاستا ماڭسا چانمىغان بىلەن، يۇگۇرسە ئاقسايتى .
مۇبارەك ئاپىسىغا قايتا مەكتەپكە بىرىش تەلۋىنى ئۇتتۇرغا قۇيدى. ئانىمۇ رازى بۇلدى. مۇبارەكنىڭ بۇيى خىلىلا ئۇسۇپ قالغاچقا ،ئۇقۇتقۇچىلار ئۇنى 3-يىللىققا قۇبۇل قىلدى.
ھەپتىدىن بىرى .مەكتەپكە بىرىپ ئۇقۇۋاتقان مۇبارەكنىڭ سىنىپىغا تاش ئۇسسۇپلا كىردى .دەرىس سۇزلەۋاتقان راھىلە مۇئەللىم، بۇ بىمەھەل، كالىدەكلا كىرگەن، يا ئۇقۇغۇچىغا، يا ئۇقۇتقۇچىغا ئۇخشىمايدىغان ، بالىغا سۇ ئال نەزىرىدە تىكىلدى. ئۇقۇغۇچىلارنىڭمۇ دىققەت -ئىنتىزامى چىچىلغان  ئىدى.
-كىمنى ئىزدەيسىز ؟ھازىر دەرىس ۋاقتى. ئىششىڭىز بۇلسا دەرىستىن چۇشكەندە..............................،
مۇئەللىمنىڭ سۇزى تۇگمەيلا تاش ،
-كىمنى ئىزدەيتىم! باللانىڭ ئاپىسىدەك تۇرۇپ ئۇقۇيمەن دەپ كەلسە، مەكتەپكە قۇبۇل قىلغان، سىزدەك دەلتى مۇئەللىمنى ئىزدەيمەن !
-بۇ، نىمە دىگىنىڭىز ؟سىز كىمنى دىمەكچى؟
-نىمە دىگىنىم ! كىمنى دىگىنىم بۇلاتتى. مۇبارەك دىگەن ئىشەكنى دەۋاتىمەن،
-مەكتەپتە باللارنى ئۇنداق ھاقارەتلىمەڭ!
-ۋاي مىنى باشقۇرماي، ما دۇت شۇملىرىڭىزنى باشقۇرۋىلىڭە خىنىم !
مۇئەللىم بۇ تەتۇر ئاداشقا گەپ قىلىشتىن زىرىكتىمۇ. ئەيتاۋۇر زۇۋان سۇرمىدى.
-قۇپە چۇشقا ،ئۇيالماستىن مۇشۇ ماڭقىلار بىلەن بىللە ئۇقۇماقچىمۇ سەن؟
-ماڭا قاراڭ، بۇ قىزنى ئەپ كەتمەڭ !ئۇقۇشقا قىزقىش ياخشى ئىش،
-ماڭا دەرىس ئۇتمىسىڭىزمۇ ، سەككىزيىل ئۇقۇپ بۇلغانمەن ،
-ھازىر دەۋىر ئۇخشىمايدۇ،
-قۇرۇپ كەتسۇن شۇ، دەۋىر-پەۋىرلىرىڭىز ،بىز ئۇقۇپ نىمىش قىلالىدۇق؟ يۇرمەمدۇق كەشىمىزنى مايماق دەسسەپ، پايتىمىمىزنى تەتۇريۇگەپ، قىزبالا دىگەن، ئەرنىڭ ئادىمى. تۇي قىلسا ئۇقىغىنى نىمىگە ئەزقاتىدۇ؟
-نىمانداق گەپ چۇشەنمەيدىغان ئادەمسىز !
-سىز ،جىگدە ياغچى بادىر بۇلماس، دىققان بالسى كادىر بۇلماس ،دىگەننى ئاڭلىمىغانما؟
-ئاڭلىغان ،ئامما گىپىمنى ئاڭلاڭ ،ماڭا قاراڭ،
-مانا، مانا ،قاردىم ،بۇلدىما؟ كۇردۇم سىز نى. كۇرۋاتىمەن، كۇزۇم قارغۇ ئەمەس، سىڭلىمدىن باشقا باللانى ئۇقۇتسىڭىز ،ھۇكۇمەت ماشىڭىزنى بەرمەمدا؟
تاش ،مۇئەللىمنىڭ، تۇرۇش-سۇزلەش ھالىتىنى. غەلىتە بىرخىل قىلىق چىقىرىپ دۇرىدى. باللار پاراققىدە كۇلۈشۇپ كەتتى. مۇئەللىم خىجىللىقتا- قىزرىپ ،كۇزىگە ياش ئالدى.
-قۇپە لەخۋا، كۇتۇڭنى چاپلاپ كەچكىچە ئۇتتاماي ،ھىلى بىكار...........،
مۇبارەك مۇئەللىمدىن ياردەم تىلگەندەك يىغلامسىراپ قاردى .مۇئەللىمنىڭمۇ بۇ تىرىشچان ئۇقۇغۇچىسىدىن ئايرىلغۇسى يۇق ، تاش مۇبارەكنىڭ دۇلىسىنى ئىتتىرگىنىچە سىنىپتىن ئىلىپ چىقتى.
مەكتەپتىن ئىككىنجى قىتىم ئايرىلىپ قالغان مۇبارەكنىڭ دىمى ئىچىگە چۇشۇپ كەتكەن ئىدى.
ئىككى ئاكسىمۇ بىرنىمىلەرنى دەپ يۇرۇپ ،ئايشەم ئاچىنى قايىل قىلغان تۇرسا، مۇبارەككە نىمە ئامال!
ئاردىن بىرە ھەپتە ئۇتۇپ مۇبارەكنى سەيپۇڭلۇققا ھۇنەرگە بەردى. زىھنى ئۇچۇق مۇبارەك ،ئۇستا-شاگىرتلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىۋالدى .
بۇگۇن بارلىق شاگىرتلار كۇنا دۇكاندىن يىڭى دۇكانغا كۇچىۋاتاتتى.
چۇڭ ئۇستامنىڭ 22 ياشلىق ئىنسى ئەيساجان ئۇستام،<ئاساسەن مۇشۇ بالا مۇبارەككە ھۇنەر ئۇگىتەتتى>  بىلەن چۇڭ شاگىرت قىز خەلىچە، مۇبارەكلەر، قۇل ھارۋىسىغا بىسىلغان ئىككى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى. كۇچەپ ئىتتىرىپ كىتىپ باراتتى. يىڭى دۇكانغا ئاز قالغاندا، كەينىدىن بىرنىڭ مۇبارەكنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ھىرىپ- تەرلەپ ،ئاپتاپتا قىزىرىپ كەتكەن مۇبارەك ،كەينىگە قاراپ كىچىك ئاكىسى تاشنى كۇرۇپ كۇلۇمسىرشىگىلا ،
-ھە، ھۇنرۇڭنى ئۇگەنمەي نىمە خەققە غالچىلىق قىلىپ يۇرىيسەن، كىملەر بۇ، ئېيتە؟
-ئاكا، بۇ مىنىڭ ئۇستام ئەيساجان، بۇ چۇڭ شاگىرت خەلىچە مەن..............................،
-قارا بۇ شۇمنىڭ گەپتانلىغىنى. ماڭە گۇي ئۇيگە ،  قالغان ھىساپنى ئۇيدە ئالمەن، سەن پاسكىندىن،

تاش شۇنداق دىگىنىچە ،مۇبارەكنىڭ چۇشەندۇرشىگە قۇلاقمۇ سالماي، قىزنىڭ بىلەكتەك تۇم، قاپقارا ،بىلىگە چۇشۇپ تۇرغان، بىرتال ئۇرىۋالغان چىچىنى تۇتۇپلا قۇلىغا يۇگەپ تاتتى.

-نىمە قىلۋاتىسىز ؟بۇ مىنىڭ شاگىرتىم چىچىنى قۇيۋىتىڭ!
-ئۇتەپ بارەۋا لاتا قاسقاس ھىلى بىكار سىنىڭمۇ كۇرگۇلۇگۇڭنى كۇرسىتىمەن بۇ گەپنى سىنىڭدىن مەن سۇرسام بۇلا؟
تاش شۇنداق دىگىنىچە مۇبارەكنى سۇرىدى. مۇبارەك يەردىكى خىش پارچىسىغا پۇتلۇشۇپ يىقىلدى .ئەمما تاش يۇرەك تاش ،ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن سىڭلىسىنىڭ ئۇرنىدىن تۇرشىغا ئىمكانىيەت بەرمەستىن،  چىچىدىن داقىرتىپ سۇرگىنىچە ئۇي تەرەپكە يۇرۇپ كەتتى.
   تاش مۇبارەكنىڭ يىقىلىپ چۇشكىنىگە قارماستىن ،گاھ يەردە خۇددى ئىتنىڭ ئۇلكىنى سۇرىگەندەك سۇرىسە، گاھىدا چاچتىن تۇتۇپ ئۇرنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئۇدۇل كەلگەن يىرىگە رەھىمسىزلەرچە ئۇراتتى. كىچىككىنە مۇبارەك ئاكىسىنىڭ تايىقىغا بەرداشلىق بىرەلمەي ،ھەر بىر تىپىك- مۇشلارغا بىر قىتىم يىقىلاتتى.
-تۇرە ئۇرنۇڭدىن،  ھۇ ئۇزىنى بىلمەيدىغان رەسۋا ، كىچىك بۇزۇق ،
تاشنىڭ مۇبارەكنى ئۇرۇش ئۇچۇن قايتا كۇتەرگەن قۇلىنى .تۇيۇقسىز پەيدا بۇلغان خۇشنىسى ئابلا ئاكا تۇتىۋالدى.
-ئۇكام، نىمانداق تاش يۇرەك بالا سىز! كىچىككىنە قىزنىمۇ كۇچىدا سەتلىشىپ شۇنچە ئۇرغان بارمۇ ؟ئىسمى- جىسمىڭىزغا لايىق تاش ئىكەنسىز!
-ئۇ ھۇش، نىمە كارىلىرى سىلنىڭ، نىمىش بۇلسا چات كىرىۋىلىپ، قىزبالا دىگەن باشقۇرمىسا بۇلمايدۇ ،ئۇرسام ئۇزەمنىڭ ئۇكىسىنى ئۇردۇم، سىلنىڭ باللىرى بۇلمىغاندىكىن ئىشلىرىنى قىلسىلا ،
-مىنىڭ كارىم يۇق ،سىزمۇ ،قارى، قۇرئان ،بالا بۇلغاندىكىن،  كىشلەرنىڭ دىلغا قالايمىقان ئازار بەرمەڭ! مۇنداق ئىشلار بىزنىڭ ئىسلام دىندىمۇ چەكلانگەن ئۇكام ،
-تاپتىن چىققان ئايال زاتىنى باشقۇرۇش گۇنا ھىساپلانمايدۇ ،بەلكىم ساۋاپ بۇلىدۇ ،ماڭا ئىش ئۇگەتمىسىلىمۇ بۇلىدۇ ،يۇللىرىدىن قالمىسىلا ، خۇش، يۇل بۇلسۇن ،مەرھەمەت ،
-ماڭا بىر دەڭە! ئاغزىدىن ئانا سۇتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن ،بۇ كىچىككىنە قىز زادى نىمە گۇنا قىلدى سىزگە ؟
تاش ،يەنە ئۇڭ-تەتۇر جۇيلىگىلى تۇردى. ئابلا ئاكا ياقسىنى تۇتۇپ ،
-تۇۋا دەڭ ئۇكام، بۇ كىچىككىنە قىز قانداقمۇ ،بۇيغا يەتكەن ئۇغۇللارغا، قاش-كۇز ئۇينۇتۇپ ،چۇڭ كۇچىدا چاقچاقلىشىپ تۇرسۇن، بۇ ،مۇمكىنمۇ ؟
-سىلى كۇزلىرى بىلەن كۇرمىگەندىكىن ئىشەنمەيلا ،مانا مەن كۇرگەن، بۇلمىسا بىكاردىن ئۇرۇپ، بىشىم ئىششىپ قالمىدى.
ئەتراپتا تاماشا كۇرۇپ تۇرغانلار تاشنىڭ بۇ ،يالغان -ياۋىداق سۇزلىرىگە ئىشەنمەستىن ئۇنى ئەيىپلىدى.
-كىچىككىنە قىزنىمۇ شۇنچە ئۇرغان بارمۇ؟ ئىچىڭلىمۇ ئاغرىمىدىما ؟نىمۇ ،بۇ قىزنىڭ يۇز- كۇزلىرى. كۇكرىپ- ئىششىپ كىتىپتۇ ،بەدەنلىرىمۇ، سۇرلۇپ، كىيىملىرى يىرتىلىپ، ھەي تۇۋا ؟!مۇشۇنداقمۇ ئاكا بۇلامدۇ؟دۇنيادا ،
-بۇلدى كۇپچىلىك ،ئارلاشمايلى. بۇ بالا بەك تەتۇر، بىكار ئۇزىمىزگە ئىش تىپىۋالىمىز ، كىتەيلى .جۇرۇڭلا ،
ئابلا ئاكا تاشقا نىسھەت قىلغاچ، مۇبارەكنى يۇلەپ ،ئۇي تەرەپكە يۇل ئالدى.
مەھەللىدىكى پۇتۇن خۇشنىلار ،تاشنىڭ تەرسا مىجەزىنى بىلگەچ ،ئايشەم ئاچا بىلەنمۇ ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيتى. تاشنىڭ تاماقتىن قىزغىنىدىغان، ئۇزەمنىڭ راس  دەيدىغان سەت مىجەزى. خۇشنىلارغا بەش قۇلدەك ئايان ئىدى . تاش نەچچە قىتىم مۇبارەكنى ئۇرغاندا ،ئابلا ئاكا قاتتىق-يۇمشاق گەپلەر بىلەن ئاجراتقان،
تاشنىڭ مەنمەنچى .مىجەزىنى ئۇبدان بىلدىغان بۇ ئادەم  ،يۇلۋاسنىڭ تۇكىنى يىتىشىغا سىلاپ، تاشنى ماختاپ تۇرۇپ  ئىشنى بىسىقتۇراتتى.
ئايشەم ئاچا ئۇيگە كىرىپلا ،مۇبارەكنىڭ چىرايىنى كۇرۇپ چۇچۇپ كەتتى.
-ۋاي بالام، نىم بۇلدى ساڭا ئاي قىزىم؟
-نىم بۇلاتتى. بۇ شۇمنىڭ ئەرگە تەككىسى كەپتۇ ،ئەتە-ئۇگۇن رۇشەننىڭ قىزىدەك ،بىرە بۇينى يۇغاننىڭ كەينىدىن قىچىپ كىتىپ، ئىش تىپپ بىردىغان ئۇخشايدۇ ،ھىلىتتىن ئۇغۇل باللار بىلەن ئىغىز-بۇرۇن يالاشقىدەك بۇپتۇ، بۇ ئەتىۋارلىغىڭىز !
-نىمانداق ئاغزىڭ بىزەپ سىنىڭ ؟رۇشەننىڭ قىزى دىگەن 19  دىن ئاشتى .بۇنىڭ بىلەن سىلىشتۇرغىلى بۇلامدۇ؟
-ھە، قىشىدا بەكرەك كەتمىنىنى چاپ، خانىش ئايىمنىڭ،
-بۇلدى ئايشەمخان ،تاشمۇ سىڭلىسىغا ياخشى بۇلسۇن دەيدۇ،
ئابلا ئاكا ،ئايشەمخاننى گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلىپ قۇيدى.
-ئاپام مۇشۇنداق ئۇگتۇپ قۇيغان ،خەپ ..........ئادەم خۇنىنى ئالمايدىغان ئىش بۇلسا ،نىمىلەر نى قىلۋىتەتتىم، سەن شۇمنى؟
مۇبارەك تامنىڭ بۇلىڭىدا ،ئىششىپ يۇمۇلۇپ كەتكەن كۇزلىرىنى تۇتۇپ مىشىلداپ ئۇلتۇردى .
تاش ئاپسىغا بىر ئالىيىپ قۇيۇپ ،مۇبارەككەنىڭ يۇزىگە شالاققىدە تۇكۇرۇپ، ئىشىكنى زەردە بىلەن يىپپ چىقىپ كەتتى .
كۇنلەر بىر- بىرنى قۇغلاپ ئۇتمەكتە، مەرھابا تاماق ئىتىش-كىر يۇيۇش بىلەن بەنىت، بىكار بۇلسا ئىڭىكىنى تۇتۇپ ،نىمىنىدۇر خىيال قىلغىنىچە ئۇلتۇرۇپ كىتىدۇ ،
بۇگۇن مۇبارەك نىمىگىدۇر تىتلداپ يۇرەتتى.
-ئاچا، نىمىنى خىيال قىلۋاتىسەن؟
-ھىچنىمە ،سەن ئۇقۇپ بەرگەن كىتاپتىكى ھىكايىلارنى!
-قايسى ھىكايىنى؟
-باشمالتاق قىزنى. بىز نىڭمۇ شۇ قىزدەك قانتىمىز بۇلغان بۇلسا ،ئۇچۇپ شۇلار بار يەرگە كەتسەك ،ئاكاملارنىڭ تىل-تايغىدىن قۇتلۇپ قالاتتۇق،
-ماڭاۋا ،بىز كەتسەك ئاپام قانداق قىلدۇ؟ ئۇچاغدا قىزلىرىڭنى تاپ ،دەپ ئاكام ئاپامنى يىغلىتار يەنە!
-ھەي دۇت، ئاپامنىمۇ دۇمبىمىزگە مىندۇرۇپ ئىلىپ كەتمەمتۇق،
-ئۇزەڭ دۇت، ئۇ دىگەن باش مالتاق قىز، باش مالتاق دىگەن، باش بارماق دىگەن گەپ ،ئاپام چۇڭ تۇرسا بىز قانداق كۇترىمىز؟
-يا بۇلمىسا< نىلىسنىڭ غاز ئۇستىدىكى ساياھىتى> ،دىگەن كىتاپتىكىدەك ،بىزنىڭمۇ ئەپسۇن ئۇقۇيالايدىغان تۇلكىمىز بۇلسا ھە؟
-ۋاي ئاللا ، خانقىز، ئۇلار دىگەن رىۋايەت ،رىئال تۇرمۇشتا مەۋجۇت ئەمەس نەرسىلەر ،سەن نىمانداق خىيالى. مەندىنمۇ كىچىك ئىكەنسەن،
-ھە، سەن بىلىملىك، مەن قارا قۇساق ،ئەمدى بۇلغاندۇ؟
مەرھابا يالغاندىن خاپا بۇلۇپ  دۇمسايدى .
-خاپا بۇلمىيە  تاتلىق ئاچا ،ئۇيناپ دەپ قۇيدۇم ،ساڭا مەسلىھەتىم بار ئاڭلامسە؟
مۇبارەك شەيتانلىق قىلىپ ،ئاچىسىنى قىچىقلاپ كۇلدۇردى.
-نىمە گەپ ؟دىگىنە قىنى؟
-ئاچا ،ئاپام بەك قىيلىنىپ كەتتى. بىرە ئىش تىپپ قىلىپ ،ئاپامغا ياردەم قىلساق بۇلاتتى.
-نىمىش قىلمىز ؟ نەدە بالا ئىشچى ئالىدۇ ؟ سىنىڭ ياخشاراق مەسلىھەتىڭ بارمۇ؟
-تۇنۇگۇن چىنىلەرنى يۇيۇپ بۇلۇپ، يۇندا تۇككىلى چىقسام، ئابلا ئاكاش بىلەن بىر ئاچاش ، مىنى كۇرسىتىپ بىرنىمىلەرنى داۋاتىدۇ ،يىنىغا بارسام ،ئاپىڭىزغا دەپ بىقىڭ، بۇياقنىڭ باقتۇردىغان بالسى بار ئىكەن. قۇشۇلسا بىقىپ بىرىڭلار دەيدۇ، ئۇيلاپ باقسام بۇمۇ بۇلدىغان ئىش، ئاپاممۇ پۇلدىن قىينالمايدۇ، بىزمۇ تاياقتىن قۇتۇلىمىز، سنىڭچە قانداق؟
-بۇنىڭغا تاشاخۇن ئۇنامدۇ ؟
-ۋاي سەن ئۇنى بىلمەمسە؟پۇل دىسە، گۇردىكى ئۇلۇكنى كۇلاپ ساتىدىغىنى ئۇ ،
-پەسرەك گەپ قىل ،ھارام تاياق يىمەيلى يەنە!
ئىككى قىز بۇ ئىشلارنى مەسلىھەت قىلشىۋاتقاندا، تاش ئاللا بۇرۇن ئىشلارنى پۇتتۇرۇپ ،ئاپىسىنىمۇ قايىل قىلىپ، ئىككى سىڭلىسىنى .ئىككى ئائىلىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بۇلغان ئىدى.
ئايشەم ئاچىمۇ ،قىزلىرىنى تاياقتىن قۇتۇلسۇن دەپ ،بىرىشقا قۇشۇلدى.
ئىشلار ئايشەم ئاچا ئۇيلىغاندەك بۇلماي قالدى. مەرھابا ئۇي ئىشلىرىغا پىششىق ،يۇۋاش ،مۇلايىم، كەمسۇز ، بۇلغاچ ،ئۇي ئىگىسىنىڭ دىگەن يىرىدىن چىقتى. مۇبارەك كىر يۇيۇشقا چالا ،تاماق ئىتىشنى بىلمەيتى .بارغان ئۇيدىكى ئايال خۇجايىن، يىڭى تۇغۇتلۇق بۇلغاچ ،ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھۇددىسىدىن چىقالماي، بىر ھەپتىدىلا قايتىپ كەلدى.
كىچىك سىڭلىسىنى كۇرۇپلا، تاشنىڭ يەنە كەيپى ئۇچتى.
-ئۇزىنىڭ ئەسكىلىگىدىن، ھىچ يەرگە پاتمايدۇ بۇ ،
-بۇلدى بالام ، تۇشۇككە سالمىغان گۇنا مەندە ،ئۇنى ئەيىپلەۋەرمە!
ئەتىسىدىن باشلاپ مۇبارەك تاماق ئىتىشنى ئۇگىنىشكە باشلىدى. بۇ ئىشقا دۇستى گۇلناز ئالاھىدە ياردەم قىلدى .گۇلناز  ئۇز ئۇيدىكى كىتاپ جازىسىنى ئاختۇرۇپ، ئاپىسى دائىم ئىشلىتىدىغان، <ئۇيغۇر تائاملىرى> دىگەن كىتاپنى ئەكىرىپ بەردى. مۇبارەك كىتاپتا يىزىلغىنى بۇيىنچە ،تۇنجى كۇنى سۇيقاش ئەتتى. تاماق خىلى ئۇخشىدى .تاش ئىككى چىنە ئاشنى تەرلەپ ئۇلتۇرۇپ ئىچىۋىتىپ، سەت كىكىرىپ ،
-ئاپا ، تاماق ئۇخشاپتۇ جۇمۇ !بارمۇ ؟دىدى.
-بۇگۇن تاماقنى مۇبارەك ئەتكەن، خىمىرنى ئاز يۇغرۇپ قۇيۇپتۇ بالام ،
-ھە، نىمانداق لاۋزا ،بەتتام  تۇزسىز ،ئاشكىن دىسەم ،ئەسلى بۇ مەينەت ئىتىپتىكەندە، قۇلۇڭنى يۇدۇڭمۇيا ؟بىزنى ساراڭ قىلىپ قۇيما يەنە،
-بالام، مەن بىشىدا قاراپ تۇرۇپ ئەتكۇزدۇم ،
مۇبارەك نىمىلا قىلسا ،تاش ياراتماي قۇسۇر چىقىراتتى

ئىككى يىلدىن كىيىن، مەرھابامۇ بالا بىقىشتىن يىنىپ كەلدى. ئەمدى ئىككىلىسى خىلى چۇڭ بۇلۇپ قالغان بۇلغاچ ،قۇل ھارۋىسىنى سۇرەپ مىۋە سىتىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا ، ئايشەم ئاچا يىقىلىپ چۇشۇپ، قۇل بىغىشىنى سۇندۇرۋالدى .تاش ئۇيلەندى. بىر قىزلىقمۇ بۇلدى .بۇلارنىڭ ئائىلە ئىختىسادى ياخشى بۇلمىغاچ ،جاپا كەش ئانا كىچىك كىلىنىنى ئۇزى، ئۇيدە تۇغدۇردى. بالىغا <دىلرابا> دەپ ،چىرايلىق ئىسىم قۇيۇلدى .
بۇگۇن كىچىك دىلرابانىڭ تۇغۇلغىنىغا ئۇن كۇن بۇلدى. مەرھابا بازاردا تىجارەت قىلۋاتاتتى .مۇبارەك ئۇيگە  كىرىپ كىچىك يەڭگىسىدىن،
-ئاسىيە ئاچا، بۇگۇن نىمە تاماق يەيسىز؟ دەپ سۇردى.
-تۇنۇگۇنكىدەك ئۇخشۇتۇپ بىر لەغمەن ئىتىڭە،
مۇبارەك گەپ قىلماي كۇكتاتلارنى ئادالاپ بۇلۇپ، خىمىر يۇغۇرۋاتاتتى. ئاسىيە،
-مۇبارەك ئۇسساپ كەتتىم ،سۇغۇق چاي بۇلسا قۇيۇپ بىرىڭە،
مۇبارەك خېمىر يۇقى قۇلىنى چالا سۇرتۇپلا ،ئۇرنىدىن تۇرۇپ چىنە چەينەكتىن ، سۇغۇق چاي قۇيۇپ ئاسىيەگە ئۇزاتتى .ئاسىيە گۇپۇلدۇتۇپ بىر پىيالە سۇغۇق چاينى ئىچىۋىتىپ، پىيالىنى قايتۇرۇپ بەردى. مۇبارەك چەينەك بىلەن پىيالىنى ئىلىپ ،كەينىگە يىنىشىغا ئاسىيە،
-يەنە بىر پىيالە ئىچەي، دەپ قالدى.
مۇبارەك چەينەكتىن چاي قۇيماقچى بۇلۇپ كۇتەرگەنتى. چاي تۇگىگەن ،مۇبارەك پەسكە چۇشۇپ چەينەككە چاي لىقلاپ ،سۇپىغا چىقىشىغا قۇلىدىكى چەينەكنىڭ تۇتقۇچى ئاجراپ قۇلىدىن چۇشۇپ كەتتى. مۇبارەك چەينەكنى تۇتىۋىلىشقا ھەركەت قىلۋىتىپ، ئۇزىمۇ بىرمىتىر ئىگىزلىكتىكى سۇپىدىن يەرگە يىقىلىپ چۇشتى.
پىيالە بىلەن چەينەك چىقىلىپ ، كۇكۇم-تالقان بۇلۇپ كەتتى .ئايشەم ئاچا جىددىلىشىپ ،
-ۋاي بالام نىم بۇلدى ؟
-نىمانداق ئىچىۋالغان ئادەمدەك يىقىلىپ يۇرسىز ؟،
ئاسىيە چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ كۇلدى .مۇبارەك زۇۋانمۇ سۇرمەي سۇنۇپ كەتكەن پۇتىنى تۇتۇپ، چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ ئۇلتۇرۇپ قالدى. ئايشەم ئاچىنىڭ كۇڭلى بىر نىمىنى سەزگەندەك دەرھاللا كىلىپ ،يەنە بىر قۇلىدا مۇبارەكنى يۇلىدى. ئەمما مۇبارەك ئۇرنىدىن تۇرالمىدى.
   ئىشىك يىنىك چىكىلىپ ئابلا ئاكىنىڭ ئايالى. مەرەمنىسا كىردى.
-ئايشەمخان، ئۇيدە سەرەڭگە قالماپتۇ، تاماق قىلاي دىگەن ،ئۇت ياقاي دىسەم تۇگەپتۇ ،چۇڭ نەرسىلەر كۇزگە كۇرۇنگەن بىلەن، كىچىك نەرسىلەر كۇرۇنمەيدىكەن، بۇلسا بىرىپ تۇرسىلا ،ئۇت يىقىپ بۇلۇپلا ئەكىرىپ بىرەي ،
ئايشەم ئاچا گەپ قىلمىدى.
-ۋىيەي، چىقىلىپ كەتكەن نەرسىنى قۇل بىلەن تەرمەڭ،  سۇپۇرۋەتسىڭىز بۇلىدۇ، بۇلمىسا قۇلڭىزنى كىسۋالسىز ،
-يىقىلىپ چۇشۇپ ئۇرنىدىن تۇرالمايۋاتىدۇ ،
ئايشەم ئاچا شۇنداق دىگەچ ،يەنە مۇبارەكنى يۇلەشكە تىرىشتى.
-مۇنداق قىلسىلا  ،مەن قاراپ باقاي،
مەرەمنىسا مۇبارەكنىڭ يىنىدا ئۇلتۇرۇپ، ئۇيەر بۇيەرلىرىگە سەپسىلىپ قاراپ ،
-ۋاي خۇدايىم، نىمانچە پالاكەت، بالا-قازاغا يىقىن ،نەس باسقان قىز بۇ ،تىزى ئىششىپ كىتىپتۇ، قاراپ ماڭسىڭىز بۇلمامدۇ، چۇڭ چاتاق يۇق، ئۇڭشىلىپ قالدۇ ،ئەنسىرەپ كەتمەڭلا ،
مەرەمنىسا گەپنى ئۇدۇللا قىلدىغان، كىشلەرگە يامانلىغى يۇق، تۇز كۇڭۇل، ساددا، كۇڭۇل ئاياشنى بىلمەيدىغان ،راسچىل، كۇپنى كۇرگەن، سەل تۇڭراق ئايال بۇلغاچ ، خۇشنىلارمۇ ،بۇ مەزلۇمدىن ئانچە رەنجىپ كەتمەيتى.
ئايشەمخان بىشىنى چايقات تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىشىنى نىمىشكە، قىزنىڭ كاج تەلىيىگە، ياكى مەرەمنىسانىڭ سۇزىگە قايىل بۇلماي چايقىغانلىقى نامەلۇم ،
مۇبارەك ئۇزى ماڭالمىسا ،ئايشەم ئاچىنىڭ قۇلى سۇنۇق، يەڭگىسى تۇغۇتلۇق ،مارھابا بازاردا تىجارەت بىلەن ئالدىراش ،
شۇسۇزدىن كىيىن ،مۇبارەك ئۇيدە ئۇن نەچچە كۇن  يىتىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە مۇبارەكنىڭ تىزى چىقىپ كەتكەن، تاڭدۇرمىغاچقا شۇ پىتى تۇتۇپ قالغان ،ئائىلە ئەزالىرى بۇ ئىشقا سەل قارغان ،ئىدى.
بىچچارە مۇبارەك تىخىمۇ يىرىم بۇلۇپ قالدى. يەڭگىسىمۇ تۇغۇتتىن كۇتۇرۇلدى .مۇبارەك بارغانچە چۇڭ بۇلۇپ ،ئائىلە بىسمىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى.
ئۇيدە تىل-تاياقتىن زىرىككەن مۇبارەك، ئۇيدىن ئانچە يىراق بۇلمىغان ،بىر تىز تاماق خاندا كۇتكۇچى بۇلۇپ ئىشلىدى.
لىكىن بۇ كۇنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى .مۇبارەكنىڭ ئۇچۇنجى ئاچىسى بۇلبۇلنىڭ ئىرى تۇرسۇن ،مۇبارەككە بىرقىسما چاقچاقلارنى قىلاتتى. مۇبارەك قاپغىنى ئاچماي سىلكىيتى. دىمىسىمۇ ئەمدىلا 14 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان، مۇبارەك خىلى يىگىتلەرنىڭ يۇركىگە ئۇت ياققىدەك قىز بۇلۇپ ئۇسكەن،
مۇبارەكنىڭ غۇنچە بۇيى. سۇڭگەچكە چۇشكەن ،قاپقارا قۇيۇق ئىككى ئۇرىمە چىچى. بۇغداي ئۇڭ يۇمۇلاق يۇزى. بۇلاقتەك قاپقارا شەھلا كۇزىگە سايە تاشلاپ تۇرغان، ئۇزۇن تال-تال كىرپىكلىرى. قاڭشارلىڭ بۇرنىنىڭ يىنىدىكى كىچىككىنە قەپقارا مىڭى. ئۇيماقتەك ئىغىز، بۇ قىزنى باشقىچە ئۇماق، مەھەللە قىزلىرىنىڭ ئالدى قىلىپ كۇرسىتەتتى.
يىقىن-يىراقتىكىلەر، قىزنىڭ كىچىكلىكى بىلەن كارى يۇق، ئەلچىلەرنىڭ ئايغى ئۇزۇلمەيتى .مۇبارەكنىڭ يىراقتىن قارسىنى كۇرگەن ئۇغۇللارمۇ ، ئۇرۇنلىرىدىن تۇرشۇپ كىيىملىرىنى تۇزەپ ،
-ھەي باللار، مەھەللىمىزنىڭ گۇلى كىلۋاتىدۇ، كاساپەت كىمگەنىسىپ بۇلاركىن، ھىندىستانلىق چۇلپانلاردىن قىلىشمايدۇ ،ئۇيغۇر گۇزىلى بۇلۇشقا مۇناسىپ قىزدە بۇ  ،
-ھىندىستاننىڭ< بۇزۇلماس ۋەدە> دىگەن ،كىنۇسىدىكى سۇنىتتاغىلا ئۇخشايدۇ، نەق ئۇزى.
-ماڭاۋا ،نەدە ، سەن ئۇخشىتالمىدىڭ ،بۇ قىزچۇ، ئۇزبەكلەر ئىشلىگەن،<سىھىرلىك ئالما> دىگەن، فىلىمدىكى رەيھانغا ئۇخشايدۇ،
-ياق ،ناخشىچى باھارگۇل ئىمىنغا ئۇخشايدۇ،
-پۇق يەپسەن، بۇ گۇزەل جانان ئۇسسۇل ئارتىسى. دىلنار ئابدۇللاغا مەڭلىرىدىن تارتىپ ئۇخشايدۇ، قاراپ تۇرۇڭلا ،بۇ چۇقۇم مىنىڭ بۇلىدۇ، جان چىقىپ  قانچىلىك تۇيلۇق كەتسىمۇ مەن ئالماي قۇيمايمەن ،
-ئاتە پۇنى .ساڭا چۇشۇپ قالغان مۇبارەك يۇق ،
-مۇرات، مۇبارەكنى ئالىدۇ ،مۇبارەكمۇ، مۇراتقا تىگدۇ دەپ ،جۇڭياڭدىن ئۇختۇرۇش چۇشۇپتىما ،
-نىمە قىلدۇ سەندەك نىمىنى . پۇتىغا پايتىما قىلمايداۋا ،مانا بىزدەكلەرگە قانداق بۇلاركىن ؟
-ھىلىقى تاش يۇرەك ،رەھىمسىز ،تاشۋاي، بۇقىزنى ساڭا تۇتقۇزۇپ قۇيمىسۇن يەنە، ئۇنىڭ ئاكىسىنى بىلمەيدىغاندەك گەپ قىلدىكەنسىنا ؟
تاشنىڭ ئسمى چىقىش بىلەن ھەممەيلەننىڭ جىمىپ قالاتتى .بىزەڭرەكلىرى بۇلسا ،
-ئۇھۇي مۇبارەك خىنىم، مۇبارەك جامالىڭىزنى كۇرۇش نىمانچە تەس، بىزگىمۇ قاراپ قۇيۇڭ، ئۇتىمىز تۇتۇپ قالمىسۇن يەنە ،دەپ چاقچاق قىلاتتى.
ئىش ئۇقىدىغانلىرى بۇلسا ،
-جىم تۇرە، بۇ بىچچارىنى يەنە تاياققا قۇياي دەمسەن ؟ دەپ جىملەيتى .
مۇبارەك بۇلسا، يەردىن ئۇستۇن قارماي كىتىپ قالاتتى. قىزغا ھەقىقى كۇيگەن يىگىتلەر، ھەسرەتلىك تىنىپ كەينىدىن قاراپ قالاتتى.
ھەپتىدىن بۇيان مۇبارەك، <نۇرمەمەت> ئىسىملىك بىر بالنىڭ، ئۇن نەچچە پارچە مۇھەببەت مەكتۇبىنى. خۇشنىسىنىڭ بەش ياشلىق قىزى. خەيرىگۇل ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالدى.
-خەيرىگۇل، بۇندىن كىيىن ئاكاشلار سىزگە خەت بىرىپ، ئاچىڭىزغا ئەكىرىپ بىرىڭ دىسە ئۇنماڭ بۇلامدۇ؟
كىچىك قىز ماقۇل دەپ بىشىنى لىڭشىتپ چىقىپ كەتتى .ۋە ھايال بۇلمايلا يەنە بىر پارچە خەتنى كۇترۇپ كىردى.
-مەن سىزگە نىم دىگەن ؟
-شۇ مەن ،ئاچام  خەتنى ئاممايمەن دەيدۇ  دىشەم ،بۇ خەت ئەمەس ،قەغەز دەپ بەدى يانا ،ماڭا پۇل كەمپۇت بەدى. كالاڭ ئاچا مانا،
قىزنىڭ چۇچۇك تىلى بىلەن سۇنغان خەتنى .مۇبارەك ئىلىشغا سىرىتتىن بۇلبۇلنىڭ ئىرى كىردى.
-ھە كالا كۇز، كىمنىڭ مۇھەببەت خىتى بۇ ،مانداق قىلە كۇرەي؟
مۇبارەك قاپغىنى دەرھال تۇرۇپ،
-نىمۇ ئۇ، مۇھەببەت خىتى دىگەن؟ نەدىكى قاملاشمىغان گەپنى قىلماڭە، دەپلا خەتنى يۇشۇردى. ئەمما تۇرسۇن مۇبارەكنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ،بارماقلىرىنى قايرىپ يۇرۇپ خەتنى ئىلۋالدى.
-خەيرىخان، مە ساڭا  چۇڭ پۇل بىرىمەن ،بۇ خەتنى كىم بەردى.
خەيرىگۇل بىر پۇلغا، بىر مۇبارەككە قاردى. مۇبارەك خەيرىگۇلگە گەپ قىلما دەپ ئىشارەت قىلماقچى بۇلغاندا، تۇرسۇن مۇبارەككە قادىلىپ تۇرۋالدى ،ئامالسىز قالغان مۇبارەك سۇپۇرگىنى ئىلىپ ئۇي سۇپۇرگەن قىياپەتكە كىرۋالدى.
-شۇ بى ئاكاش بەگەن ،ئاچام ئەمدى بەسە ئامما دىگەنتى .ئاكاش بۇ دىگەن خەت ئەمەش كەگەز دەپ بەدى.
-نەچچە قىتىم بەردى؟
-جىك قىتىم بەدى!
-ئاچاڭ قانداق قىلدى؟
-بەزىشىنى يىتىپ تاشۋەتتى. بەزىشىنى كۇيدۇيۋەتتى .
-قەغەزنى كۇرمىدىما؟
-ئۇخمايمەن، كۇدىمىكىن!
-ئۇ ئاكاشنى تۇنامسەن؟
-ياق ،.........كۇشەم تۇنامەن!
-مۇباخان، چۇڭ بۇپسەن ھە؟ يىگىتلەر ساڭا مۇھەببەت -تەلەپ خىتى يازغىدەك بۇپتۇ ، دىگىنە نەچچە مۇھەببىتىڭ بار؟ بۇ نەچچىنجىسى؟
-نىرى بىرىڭە، كۇزۇمگە كىرشىۋالماي ..........،
گەپ ئۇستىگە تاش قىزىنى كۇتۇرۇپ ئۇينۇتۇپ كىردى. تۇرسۇن دەرھال گەپنىڭ تىمىسىنى يۇتكەپ،
-بىرە قىتىم يۇيۇپ بەرسەڭ نىمە بۇلىدۇ، دىدى.
-نىمىنى دەيسەن تۇرسۇن ئاكا؟
-مۇبارەكنى ئىككى كۇينىگىم بار ،،يۇيۇپ بەر دىسەم بۇگۇن كىر يۇمايمەن دەپ ،ئۇنمايۋاتىدۇ ئەكىلە قىزىڭنى؟
مۇبارەكمۇ  يىنىك تىندى .تۇرسۇن تاشنىڭ قۇلىدىن دىلرابانى ئىلشىغا ،بايا خەيرىگۇل كۇترۇپ كىرگەن قەغەز چۇشۇپ كەتتى .مۇبارەك تىزلا قەغەزنى سۇپۇرگىگە ئىلىندۇرۇپ ئەخلەتكە قۇشىشىغا ،
-نىمە خەت بۇ ؟دەپ  تاش يەردىن قەغەزنى ئالدى.
-ئەكىلە، بۇ مىنىڭ خىتىم،
تۇرسۇن خەتكە قۇل ئۇزتىشىغا ،تاش چاققانلىق بىلەن خەتنى ئەپ قاچتى.
تاش خەتنى ئۇزى ئۇگنىۋالغان كۇنا يىزىقنى ھەجىلەپ ئۇقۇپ چىرايى قارداپ كەتتى.
-مۇبارەك............ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
تاش بەكلا غەزەپلەنگەن، تىتىرەك ئارلاش قاتتىق ۋاقىردى.
-نىمە ئاكا ،
-ھۇ جۇۋاينىمەك، بۇ نىمە؟
-مەن بىلمەيمەن، كۇرۇپمۇ باقمىدىم ،راسلا خۇدايىم بۇيرىسا بىلمەيمەن، بۇ يەردە ،مۇبارەكنى قانداق تىل-تاياقنىڭ كۇتۇپ تۇرغىنى .ئەزىز ئۇقۇرمەنلەرگە بەش قۇلدەك ئايان ،
شۇ تاياق بىلەن مۇبارەك نەچچە كۇن سىرىتقا چىقالمىدى. تاش ئاجرىتىشقا كىرگەن خۇلۇم-خۇشنىلارنىڭ كۇزىگە، ھىلىقى خەتنى تىقىپ ،مۇبارەكنى يۇشۇرۇن مۇھەببەتلەشتى دەپ قارلىدى. ئانىمۇ پۇلاتتەك پاكىت ئالدىدا ئىغىز ئاچالمىدى .تۇرۇسقا چاچتىن ئىسىپ قۇيۇلغان مۇبارەكنىڭ چاچلىرى يۇلۇنۇپ، بىشىنىڭ تىگىنىڭ بەزيەرلىرى كۇرنۇپ تازغىلا ئۇخشاپ قالدى.
تاش نەچچە كۇن ھۇشۇرۇن مارلاپ يۇرۇپ ،مۇبارەككە مۇھەببەت خىتى يازغان بالىنى تۇتۇپ قاتتىق ئۇردى .
نۇرمەمەت  ئىسىملىك بۇ بالا ،ئەدەپ- قائىدىلىك ،ھال كۇنى خىلى ياخشى بىر ئائىلىنىڭ بالسى. دادىسى رەخىت سۇدىگىرى. ئاكىسى ئاشخانا ئاچىدۇ، ئىنسى ساقچى .ئۇزىنىڭ كىچىك ماشنىسى بار شۇپۇر، سىڭلىسى تۇلۇقسىز دا ئۇقۇيدۇ، باشقا مەھەللىلىك، بۇ مەھەللىگە تۇي كۇچۇرۇشكە كىلىپ ،ئەپكەشتە سۇ كۇترۇپ كىتىپ بارغان مۇبارەكنى بىر كۇرۇپلا ياخشى كۇرۇپ قالغان، كىيىن باشقىلاردىن ئىنىقلاپ يۇرۇپ بۇقىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلگەن، مۇبارەك قۇشۇلسا ھازىرچە چاي ئچكۇزۇپ، تۇينى كىيىن ھەشەمەتلىك قىلىپ بەرمەكچى ئىدى.
تاشنىڭ قاتتىق قۇللۇق قىلشى .سىڭلىسىنىڭ بەختىنى تۇسۇپ قۇيغان ،شۇ ئىشتىن كىيىن ،نۇرمەمەت بۇ مەھەللىگە بىرنەچچە قىتىم كىلىپلا يۇقاپ كەتتى.
مۇبارەكنىڭ كىچىك ئاچىسى .مەرھابامۇ تۇي قىلىپ چىكەتتى. بۇجەرياندا تالىپ ئايالى باھارنى قۇيۋىتىپ، ھەقىقى ئەپتى -بەشرىسىنى ئاشكارلاپ، كۈندە ھاراقنى بۇلشىغا ئىچىپ، ئايشەم ئاچا بىلەن مۇبارەككە ‹پۇل بەر› دەپ، ئارام بەرمىدى. ئانا كۈندىن -كۈنگە قېرىپ ماغدۇرىدىن كەتتى .مۇبارەكمۇ كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئۆينىڭ غېمىنى قىلاتتى. توي قىلغانلىرى بولسا ھېيىت -ئايەمدىن باشقا چاغدا، ئانىغا <مەرھابادىن باشقىسى> موچەن ياردەم قىلمايتى .كەلسىمۇ مىھمان بۇلۇپ يەپ، ئازغىنە ھېيتلىقنى ئانىغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپلا ،ئالدىراش ئۆيلىرىگە كىتەتتى.
مۇبارەكنىڭ ئىشلىمىگەن ئاشخانا-رىستۇران، ساتمىغان لەڭپۇڭلىرى قالمىدى.  ئاخىردا بىر ئائىللىكلەر قوروسىنىڭ تازلىغىنى قىلدى. بو چاغدا تاش ناۋايلىق دۇكىنى ئېچىۋاتقان بۇلۇپ، سودىسى ياخشى ئادىمى كەمچىل ئىدى. بۈگۈن تاش دىلرابانى ئەگەشتۇرۇپ خۇشال كىردى.
-مۇبارەك سەن نۇرغۇن يەرلەردە ئىشلەپ باقتىڭ ،بىرە ناۋاي ئۇچراپ قالسا ھايىت دەۋىتە،
-ماقۇل ،مەن ئۇقۇشۇپ باقاي ،
-بالام سىڭلىڭنى ئۆتكەندە ئىشلەۋاتقان رىستۇراندىن، نىمىشقا ياندۇرۇپ كەلدىڭ؟
-تۇلا ئوغامنى قايناتماڭ ھە، ئاپا ؟!
-بالام سىڭلىڭ ئۇيەردە بىر ئوبدان ئىشلاۋاتقانتىغۇ؟ نىمىش بولغان زادى؟ بىزمۇ گۆشسىز قالمىغانتۇق بالام،
-بۇ خېنىم، كۈندۇزى ئۇيەردە كۈتكۈچى. كەچتە ناخشىچى. قايتاشىدا خەقتىن ئاشقان گۈش -تاماقلارنى. خالتىغا تۈكۈپ كىلدىكەن،  بىلەمسىز شۇنى؟
-مۇبارەك، بۇ نىمە گەپ قىزىم؟
-ئاپا ئاكام خاتا چۈشنىپ قاپتۇ، كۈندۇزى 12دىن 7يىرىمغىچە كۈتكۇۈچىلىك قىلدىم،
ناخشىچىمىز ئاغرىپ قاپتىكەن، مەريەم ھەدەم ‹ئاۋازىڭىز ياخشىكەن، مۇزىكا سىزىمىڭىزمۇ بۇلىدىكەن ،نەچچە كۈن مەردان ئاكىڭىزغا ياردەملىشىپ ،ناخشىچى تېپىپ بولغىچە قارشىپ بىرىڭ، پۇل قۇشۇپ بىرەي ›دىگەن، مەنمۇ ئۇنغانتىم ،ئۇ تاماقلارنى كىشلەر بۇيرۇتۇپ، تېخى چۇكا تەككۈزمىگەن نەرسىلەر، بىكار ئىسراپ قىلىپ تۆكىۋەتكەندىن دەپ ،ئالغاچ كەلگەن ،ئاكام كۆرۈپ قىلىپ خاپا بۇلۇپ ياندۇرۇپ كەلدى شۇ ،
-بۇ خاپا بۇلۇپ كەتكىدەكمۇ ئىش ئەمەسكەنغۇ، بۇپتۇ بالام ،تاماقتىن قىينالساڭمۇ ھازىرقى ئىدارەڭمۇ بۇلىدۇ،
كۇزنىڭ ئاخىرقى كۇنلىرى ئىدى .مۇبارەكنىڭ كاللىسىدا قانداق قىلساق كۈمۇرنى بالدۇراق چۈشۈرۈپ، قىشتىن سالامەت چىقىۋالامىز، دىگەن غەمدىن باشقىسى يۇق،
مۇبارەك بۈگۈن كەچ قالدى. سىرىتتا ئاللا بۇرۇن تۇن پەردىسىنى يىېيپ بولغان، چارچاپ كەتكەن مۇبارەك ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ كىتىپ باراتتى. كۇچىنىڭ غۇۋا چىراق نۇرى ئاستىدا پىيادە-ۋەلىسپىت بىلەن ،ئاللا قاياقلارغا ئالدىراپ كىتىپ بارغان كىشلەر، مۇبارەك خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ يىگىرمە مىنۇتلار ماڭدى بولغاي، تۇيۇقسىز چالامەس بىرى ئالدىنى تۇستى.
-خانقىز ،كەچ قاپسىزغۇ ؟ئاپرىپ قۇيايمۇ؟
مەس شۇنداق دەپلا ،مۇبارەكنىڭ قۇلىدىن تۇتتى.
-قۇيۋەت مىنى .ئەبلەخ ،  ئادەم بارمۇ! قۇتقۇزۇڭلار!
- ۋاقىرما !مىنى تىللاۋاتامسنا ؟ھۇ پاسكىنا بۇزۇق، مانا ئەمسە ،
مەس شۇنداق دەپلا مۇبارەككە مۇش ئاتتى، لىكىن ئۇنىڭ قۇلىنى كۇچلۇك بىر قۇل تۇتۇپلا
كەينىگە قايرىدى، مۇبارەك دائىم نان ئالدىغان ،ناۋايخاندىكى  ناۋاي بالا  ئۇنىڭ ئالدىدا  تۇراتتى.
-قىزلارغا ئەدەپسىزلىك قىلما ،بۇ قىزنى بۇزۇق دەيدىغان قانداق ئىسپاتىڭ بار؟
-بۇزۇق بۇلمىسا كىچىدە تالادا نىم بار !يىگىت ئىزدەپ يۇرگەندۇ تايىنلىق ،
-سىنىڭ ئايال تۇققانلىرىڭ كىچىسى ھاجەتكىمۇ  چىقمامدا؟
-سەن بۇنىڭ نىمسى؟ ئارلىشىدىغان نىمە ھەققىڭ بار؟
-مەن بۇنىڭ لايىقى! قانداق گەپ بارما ؟ياخشىسى يۇلۇڭغا ماڭ ،بولمىسا ساقچى چاقىرمەن،
مەس قۇلىنى ناۋاينىڭ قۇلىدىن تەستە ئاجرىتىپ، غودۇڭشۇپ كىتىپ قالدى.
-بۇگۇن كەچ قاپسىزغۇ ؟
-ھەئە، ئەتە تەكشۇرۇش باتتى شۇڭا!
-ئۈيڭىز يىراقمۇ ؟ئاپرىپ قۇياي،
-ياق بولدى. ئانچە يىراق ئەمەس ،ئۆزۇم كىتەلەيمەن،
-باياقىدەك نىمىلەرنى يەنە يۇلۇقمايدۇ دىگىلى بۇلمايدۇ ،جاھىللىق قىلماڭ، مەندىن قۇرقىۋاتامسىزيا؟
-ياقەي شۇ.....................،
مۇبارەك تاشنىڭ كۆرۈپ قېلشىدىن قورقاتتى.
يولدا ماڭغىچە مۇبارەك پەقەت سورالغان سۇئالغىلا جاۋاپ بىرىپ ماڭدى. ئۆيگە ئاز قالغاندا ،
-رەھمەت ،سىزنى ئاۋارە قىلدم ئاكا ،دىدى. ئۇ <ئاكا> سۆزىنى ئالاھىدە سوزۇپ دىگەچ، ناۋاي بالا كۈلۈپ كەتتى.
كىيىنكى كۈنلەردە مۇبارەك نان ئالسا بۇ بالا پۇل ئالمايدىغان بۇلۋالغاچقا، مۇبارەك بۇ
ناۋايخانغا كەلمەس بولدى.
بۈگۈن مۇبارەك ئىشقا ئالدىراپ ،پۇل ئېلۋىلىشنى ئۇنتىغان ئىدى .چۈشمۇ بولدى ناشتىسىز مۇبارەكنىڭ قۇرسىغى ئېچىپ بىشى ئاغرىشقا باشلىدى.
-مۇبارەك ،تىشلىقمۇ؟
قىز كەينىگە ئۆرۈلۇپ ، ئۆزىگە كۈلۈپ قاراپ تۇرغان، ئۆتكەندە مەستىن قۇتقۇزۇپ قالغان ناۋاي بالىنى كۆردى.
-سىز ئىكەنسىزغۇ ؟!بۇيەردە نىمىش قىلسىز ؟
-بۈگۈن دەم ئالغان، نەچچە كۈن بولدى نان ئالغىلى بارمىدىڭىز ،سىزنى بارمۇ -يۇق دەپ كەلگەن،
-بولسا بۇندىن كىيىن كەلمەڭ، تەسىرى ياخشى بولمايدۇ،
-سىز نىملەرنى خىيال قىلىپ كەتتىڭىز ،مەن سىز نى سىڭلىم قاتارىدا كۆرۈپ ئىزدەپ كەلدىم ،ئۆتكەندە مىنى ئاكا دىدىڭىزغۇ؟
مۇبارەك شۇندىلا خاتىرجەم بۇلدى .
بۇ بالا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ،
-ئىسمم ئەلى، ئۆزەم 22 ياش، مايتاغلىق، بۇيەردە قانۇن -پاكۇلتىتىدا ئۇقۇۋاتقان، ئازراق ئىش بىلەن مەكتەپتىن قۇغلۇنۇپ ،يۇرتقا  خىجىل بۇلۇپ بارالمىدىم، ناۋايلىقنى ئانچە-مۇنچە بىلمەن، شۇنىڭ بىلەن كۈن ئېلىپ كىتىپ بارمىز، ئۈيۈمدىكىلەر  مىنى ئۇقىۋاتىدۇ دەپ بىلىدۇ، ھەي ئۇيۇن !، دەپ قۇيدى.
-ئۈيىڭىزدە كىملەربار؟

بۇگۇن مۇبارەك ئىشقا ئالدىراپ ،پۇل ئىلۋىلىشنى ئۇنتىغان ئىدى .چۇشمۇ بۇلدى ناشتىسىز مۇبارەكنىڭ قۇرسىغى ئىچىپ بىشى ئاغرىشقا باشلىدى.
-مۇبارەك ،تىشلىقمۇ؟
قىز كەينىگە ئۆرۇلۇپ ، ئۆزىگە كۈلۇپ قاراپ تۇرغان، ئۆتكەندە ئۆزىنى مەستىن قۇتقۇزۇپ قالغان ناۋاي بالىنى كۆردى.
-سىز ئىكەنسىزغۇ !بۇيەردە نىمىش قىلسىز ؟
-بۈگۈن دەم ئالغان، نەچچە كۈن بۇلدى نان ئالغىلى بارمىدىڭىز ،سىزنى بارمۇ -يۇق دەپ كەلگەن،
-بولسا بۇندىن كىيىن كەلمەڭ، تەسىرى ياخشى بولمايدۇ،
-سىز نىملەرنى خىيال قىلىپ كەتتىڭىز ،مەن سىز نى سىڭلىم قاتارىدا كۆرۈپ ئىزدەپ كەلدىم ،ئۆتكەندە مىنى ئاكا دىدىڭىزغۇ؟
-ئۆيىڭىزدە كىملەربار؟
-ئاتا-ئانام، ئىككى ئاكام، ئىككى سىڭلىم ،ئىككى ئىنىم ،
-ھە ،ئىشلەۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟
-قانداق دەيسىز؟!
-سوراپ باقتىم، ئاكاممۇ ناۋايخانا ئاچىدۇ ،ئادەم ئىزدەۋاتقانتى. شۇڭا دەيمەن،
-ھازىر ئىشلىتىۋاتقانلار ،ئايلىقنى ۋاقتىدا بەرمەي، ئىچىمنى سىقىۋەتتى. پۇلنى ۋاقتىدا بەرسە ،ماڭا نە بۇلسا ئۇخشاش ئىشلەۋىرىمەن،
-ئەمسە، كۆرشۈپ باقامسىز؟
-قاچانلىققا؟
-ھازىرلا!
-چۈشتىن كىيىن ئىشلىمەمسىز؟
-ئىششم تۈگدى. كەممىسەممۇ بۇلىدۇ،
-ماقۇل ،ئەمسە ماڭايلى.

                                                                        كۇتۇلمىگەن توي
مۇبارەك باشلاپ كەلگەن ئەلى ئىسىملىك بۇ بالا، ھۈنىرىنىڭ چالىلىغىنى ھىساپقا ئالمىغاندا خىلى بۇپ قالاتتى .
ئۆزى يۇۋاش، ئارتۇق گىپى يوق، ئىچىملىك ئۇيۇن- تاماشىدىن  خېلىلا خالى .ئۇرۇق ،ئىگىز بوي، بۇغداي ئۆڭ، قۇشۇلماقاش،  لىكىن ئۇيقۇغا ئامراق ،ئۇرۇقلىغىغا باقماي بىر ئولتۇرىشىدا ،تۆت چىنە لەغمەننى كۆرمۈدۇم دەپ سۇقىۋىتىدىغان، تارتىنماس، ئەمما ھەرقانداق ئىشقا كەلسە ،ئېغىر -يىنىك پاكىز-مەينەت دەپ ئولتۇرمايدىغان، كىم گەپ قىلسا ھە دەيدىغان ماقۇلجان ،تاشقا يېقىپ قالدىمۇ ،ئەلىنى رەسمى شاگىرت قىلىپ ھۆنەر ئۈگىتىشكە باشلىدى .ئەلىمۇ ئالتە ئاي ئىچىدىلا ھەر تۈرلۈك نان -سامسا -پەرمۇدە دىگەنلەرنى گۈل كەلتۈرۋەتتى. لىكىن بۇ ھۆنەرنى ئۈگنىپ بولغىچە ئەلىمۇ كۆرمىگەننى كۆرۈپ، مۇبارەك يىگەن تاياقلاردىنمۇ ئانچە-مۇنچە تېتىپ ئۈلگۈردى .‹ئۇستا دىگەن شۇنداق بۇلىدۇ› ،دەپ ئۆزىگە ھاي بىرىپ كۈنلەرنى لىۋىنى چىشلەپ  ئۆتكۈزەتتى. بۈگۈن تاش ئەلىنى تۇيۇقسىز چاقىرىپ قالدى.
-ئەلى ئۇكا ،مىنىڭ تايىغىمنىمۇ يىدىڭ ،تىلىمنىمۇ ئىشتتىڭ ،ھۆنەرنىمۇ ۋايىغا يەتكۈچە ياخشى ئۈگنىپ ئۆز ئالدىڭغا دۇكان ئاچقىدەك بولدۇڭ، ھۆنەر دىگەننى شۇنداق ئۈگەتمىسەك بولمايدۇ ،بوش قۇيۋەتسەك ئۈگنەلمەيسىلەر ، گەپنىڭ ئۇچىغىنىلا دەي ،سەن بۇرۇن ئۆيلەنگەنمۇ ؟يا يۇرتۇڭدا لايىقىڭ بارمۇ ؟تارتىنماي ئۇچۇغىنى دەۋەر،
-ياق ،ئۇستام مەن تېخى ئۆيلەنمىدىم ،لايىقىممۇ يوق،
ئەلى شۇنداق دەپ قۇلاقلىرىغىچە قىزرىپ كۈلدى.
-مانا ئەمەسمۇ ،راستىنى دىسەم ،مىنىڭ سەندەك ياخشى شاگىرتنى قولدىن بەرگىم ،سەندىن ئايرىلىپ قالغىم يۇق ،سىنىڭچە مۇبارەك قانداقراق؟
-نىمە ؟........... مۇ.........با..........رەك..............قانداق.........راق..........دە.........مسىز.....؟
-نىم بولدۇڭ ھوي؟ نىمە گېلىڭغا بىرنىمە تۈرۈپ قالغاندەك دۇدۇقلايسەن؟ گىپىمنى چۇشەنمىدىڭما؟
-يا........ياق.........چۈشەنمىدىم، مۇبارەك ياخشىغۇ، نىم بولدى؟
-ھەي بالا ،ساڭا مۇبارەكنى ئېلىپ بەرسەم قانداق قارايسەن دەۋاتىمەن؟،
-توۋا دەڭە ئۇستام، سىڭلىمدەك ئادەمنى مەن............مەن قانداق خۇتۇنۇم دەيمەن،
-ۋاي كالۋا ،ياراتمايۋاتامسەن؟
-ياقەي !
-ئەمسە پۈتۈشتۇق ،سەن پۇلنىڭ ئامالىنى قىل ،ھەپتە ئىچىدە توينى قىلمىز،
-لىكىن ئايشەم ئاپام ئۇنامدۇ؟
-بۇنى ماڭا قۇيۇپ بەر،
تاشنىڭ مۇبارەكنى ئەلىگە بىرىمەن دىيىشىدە ،مەلۇم سەۋەپ بۇلۇپ ،ئەلى ئۇتتۇز مىڭ كۇينىڭ بىرپارچە چىكىنى تىپىۋالغان ،چەكتىكى ئىسىممۇ ئوخشاش ئەلى ئىدى .بۇ ئەقماق بالا چاقچاق قىلىپ ،بۇ پۇلنى <مىنىڭ يىققان پۇلۇم، قەرەلىك قۇيۋەتكەن ۋاقتى تۇشسا ئالمەن، > دەپ پۇ ئىتىپ قۇيغان ،ئەمەلىيەتتە مەخپى نۇمۇرىنى بىلمەيتى. شۇ چاغلاردا  بانكىلارقەغەز چەك ئىشلەتكەچكە، تاش چەككە يىزىلغان ئۇتتۇزمىڭ دىگەن ساننىلا كۆرۈپ ،ئىشنىپ قىلىپ مۇبارەكنى ئەلىگە بىرىش ئارقىلىق ،پۇلنى ئۆزىنىڭ قىلۋىلىش ،يەنە بىر تەرەپتىن ئەلىنى ئىچ كۈيئوغۇل قىلىپ بىكارلىق ئىشلەپ بېردىغان ناۋايغا ئىگە بۇلۇش  ئىدى.

-كاللاڭ جايىدىمۇ تاش سىنىڭ؟، كىچىككىنە قىزنى ئۆزىدىن يەتتە ياش چوڭ ئادەمگە ، تىگى-تەكتى ئىنىق بولمىغان  باشقا يۇرتلۇق ئادەمگە بىرمىزما؟
-ئاپا ،مىنىڭ كاللام جايىدا بولماي بىرەر يەرگە ساياھەتكە كىتىپتىما ؟تۇرمامدۇ مانا،
-قۇيە ئۇنداق چاقچىغىڭنى،
-چاقچاق قىلمىدىم، بۇ ئىش پىشىپ قالسا كىيىنچە ماڭا رەھمەت ئيتىسىز تىخى،
- رەھمەت ئېيتامىشمەن تېخى ! ياق مەن قۇشۇلمايمەن ،بۇلمايدۇ،
-ئاپا، مەنمۇ ئۇنىڭغا ياخشى بولسۇن دەيمەن ، مۇبارەكنىڭ تەغدىرى كىمگە باغلاغلىق بۇنىسى بىزگە نامەلۇم ،مەسلەن بىرەسىگە ياتلىق قىلساق مۇبارەكنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىدۇ، بۇ بولسا ئىچ كۈيئوغۇل ،ئۇنداق قىلالمايدۇ ،سىڭلىممۇ كۆزئالدىمىزدا تۇردۇ، بىزدىن ئايرىلمايدۇ ئەمەسمۇ! بۇيەرلىرىنىمۇ ئويلاڭ ،مەنمۇ سىزنى دەپ شۇنداق قىلۋاتىمەن،
تاشنىڭ  ھىلىگەرلىكى -جايىللىغى بىلەن بۇ ئىش ئاخىر ماقۇللاندى.
بۈگۈن ئايشەم ئاچا ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى. ئۇ ئۆيلەرنى رەتلەپ -تازلاپ ،مۇبارەكنى زۇرمۇ-زۇر مۇنچىغا ئىۋەتتى. مۇبارەك كىلشىگە ئۇنىڭغا، يىڭى ياغلىق، يوپكا - چاپان كەيدۈرۈپ، ئۇزۇن پايپاق تارتىپ ،يىڭى بىر ئاياقنى كىيدۈرۈپ قويدى.
-ئاپا مىنى ياساپ نىمە قىلسىز ؟چۇڭلاردەك ئۇزۇن پايپاق تارتىپ قويدىڭىزغۇ؟
-ئاكاڭ تاش ئەكەپتۇ ،سىنى ھازىرلا كەيسۇن دەيدۇ، ئۆيگە مىھمان كىلىدۇ ،
-كىمكەن ئۇ، شۇنچە ياسنىپ ئالدىغا چىقمىسا بولمايدىغان ،شەھەر باشلىغى ئەمەستۇ؟
-مۇبارەك جىق گەپ قىلماي ماڭە،  بۈگۈن ئۇيگە قارىملارنى چاقىرىپ مۇۋلۇت ئۆتكۈزىمىز ،مەن چاقىرمىغىچە كىرمە، سىرىتتا ئويناپ تۇر ،خاسىيەت ئادىشىڭ ساقلاپ قالدى.
مۇبارەكنىڭ بۇيى ئۆسكەن بىلەن بالىلىغىدىن قالمىغان ،ئۇ ھىچنىمىنى چۈشنەلمەي تېشىغا چىقىپ گۈلناز -خاسىيەتلەر بىلەن تەپكۈچ تىپپ ئويناشقا باشلىدى.
بۇ ئۇيۇننىڭ ئۇنىڭ بالىلىغىدا ئوينالغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇيۇن، بالىلىق مەزگىلى بىلەن خۇشلۇشۇش ئۇيۇنى ئىكەنلىگى ئۇنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمەيتى.
تاشنىڭ دەرىزىدىن <مۇبارەك> دەپ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن، قىزلار دەرھال ئۇيۇنلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مۇبارەك بىلەن بىللە ئۆيگە كىردى. مۇبارەكنىڭ ئاچىسى مەرھابا، مۇبارەكنىڭ يۈزىگە بىر ئاق گىجىم چوڭ رومالنى يىپپ قويدى. مۇبارەك رومالنى قايرىپ ئېلۋەتمەكچى بۇلۋىدى تاش،
-قارىملارنىڭ ئالدىغا ئايال زاتى يۈزى ئۇچۇق كىرسە بولمايدۇ، ھىلى قارىم گەپ سورىغاندا <قۇبۇل قىلدىم> دەپ جاۋاپ، بەر بىلدىڭمۇ؟ دىدى.
-نىمىنى قۇبۇل قىلمەن؟ چۈشەنمىدىم ئاكا،
-مەن دىگەندەك قىلساڭ بۇلىدى. قالغىنىنى ھىلى ئاپام بىلەن ئاچاڭ چۈشەندۇرۇپ قۇيدۇ،
گەپ ئاياغلىشىشىغا بىر قارىم ئاۋازىنى سوزۇپ قىرائەت قىلدى. كىيىن خىلى جىق گەپلارنى قىلىپ <قۇبۇل قىلدىڭىزمۇ> دەپ سوردى.
مۇبارەك تاشنىڭ ئۈگەتكىنى بۇيىنچە <قۇبۇل قىلدىم> دەپ جاۋاپ بەردى. كۆپچىلىك دۇئاغا قول كۆتۈردى. مۇبارەك ئۆيدىن چىقىپ يەنە ئۇينىنى ئويناشقا باشلىدى.
كۈنلەر ئۆتمەكتە مۇبارەك يەنىلا ئايشەم ئاچىنىڭ ئىچىدە ،ئەلى ناۋايخاندا يىتىپ يۈرىۋەردى. بۈگۈن مۇبارەك تاشقا نان سىتىشىپ بىرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇرۇن قىزىرىشىپ قالغان دوستى نۇرگۇل، دۇكانغا نان ئالغىلى كىرىپ،
-ئوھوي، ئاشىق-مەشىقلار بىللە ئىشلىسە ئەجەپ رومانتىك بۇلىدىكىنا ،مۇبارەك توي قىلسا قانداق بۇلىدىكەن ؟بەك يۈزسىز ئىكەنسەن ،كىچككىنە ئىشنى باھانە قىلىپ، نەچچە يىللىق دوسلۇقنى يەرگە ئۇرۇپ، ئوغۇرلۇقچە توي قىلىپ، مىنى تۇيۇڭغۇمۇ چاقىرماپسەن ھە؟، قۇرۇق كىرمەستۇق ، بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن، سىنىمۇ كۆرۈپ قويدۇم ،سەن چاقىرمىساڭ مەن چاقىرمەن ،كىلەر يەكشەنبە مىنىڭ تۇيۇم، ئەر-خۇتۇن بىللە باراسىلەر ،
مۇبارەك نۇرگۇلنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ كىتىپ،
-نىمە دەۋاتىسەن؟ نىمە توي ؟ كىم توي قىپتۇ ؟قاچان ؟كىم بىلەن ؟
-ۋاي بولدى .تۇلا خۇپسەنلىك قىلمىيە! ئاداش
-چۈشنەلمىدىم ،ئۇچۇغراق دىمەمسە؟
بۇ ئاغزى ئىتتىك قىز ،دوسلىرىدىن ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى . نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا تۇلۇق دەپ بۇلۇپلا ،دۇكاندىن چىقىپ كەتتى.
مۇبارەك  ئۆتكەن ئىشلارنى خىيال قىلىپ ،بىردەم تۇرۋەتكەندىن كىيىن ئەلىگە قاردى.
-ئەلى ئاكا ،بۇ گەپ راسما؟
ئەلىمۇ لام-جىم دىمىدى.
مۇبارەك يۈزىنى تۇتۇپ يىغلىغىنىچە دۇكاندىن سىرىتقا قاراپ يۈگۈردى ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىدە نۇرگۇلنىڭ <توي قىلسا قانداق بۇلىدىكەن><ئەر-خۇتۇن بىللە باراسىلەر ><ئوغۇرلۇقچە توي قىلىپ، >
دىگەن سۆزلىرى. قايتا -قايتا جاراڭلايتى.
بۇ ئىشقا تېخى نەچچە كۈن بولغاچقا ،بىلگەنلەردىن -بىلمىگەنلەر جىق ئىدى.
ئۆيدىكىلەرمۇ ،ئەلىمۇ بۇ ئىشنى ۋاقتىنچە مۇبارەكتىن سىر تۇتتى. بىراق تۈمۈر ‹ئىشتاننىڭ ئىچىدە ئۇسۇرسا، پۇرغى ئالەمگە تارقىلار ›دىگەندەك، بۇئىش تاشنىڭ ئۇيلىغىنىدىنمۇ تىز ئاشكارلىنىپ كەتتى.راستىنى ئېيتقاندا مۇبارەكنىڭ ساددا قەلبى بۇ ئىشنى قۇبۇل قىلالمىغان ئىدى.
مۇبارەك خۇددى ساراڭدەك ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ يۈگرەيتى يىغلايتى
-ئەلى ...........ئاكام ................مىنىڭ......... ئېرىم......... ئىكەن.......... ئەلى ............ئاكام........................
         
                                                                                       كىچىك ئانا
مۇبارەك يۈگۈرۇپ كىتىۋىتىپ يول ياقىسىدىكى رىمۇنىت خانا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان كىچىك مىنبۇسقا سۇقۇلۇپ يىقىلدى، مىنبۇس شۇپىرى پەستە تاماكا چىكىپ تۇراتتى.
-ھەي!ساراڭمۇ سىز ؟چوڭلا  قىز تۇرۇپ كۈندۈزدىمۇ ئۇسسۇپ يۈرگىنىنى. ئىچىۋالمىغانسىز؟
شۇندىلا مۇبارەك ئۆزىنىڭ دۇكاندىن خىلىلا يىراقلاپ كەتكىنىنى بىلدى.
-خا.... خاپابولماڭ........ئۇستام ، مۇبارەكنىڭ كەينىدىن قۇغلاپ كەلگەن يەڭگىسى ئاسىيە، شۇ گەپلەرنى ھاسىراپ تۇرۇپ دىدى.
-مۇبارەك يۈرۈڭ كىتەيلى! ئۇنداق قىلماڭ بولغۇلۇق بولدى ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ
-ياق ،ئاچا مەن...........،
مۇبارەك گىپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي ،يەڭگىسىگە ئىسلىپ ئۈن سىلىپ  يىغلىۋەتتى.
مىنبۇس شۇپىرى مۇبارەك بىلەن ئاسىيەگە بىر قارۋىتىپ، بىشىنى چايقاپ قۇيۇپ،
-سىلەرگە بىرەر ياردىمىم كىرەكمۇ ؟
-بولدى .رەھمەت ،ئاسىيە مۇبارەكنى يۈلەپ دىگۈدەك ئېلىپ ماڭدى .
ئاسىيە ئايشەم ئاچىنىڭ ،دادا بىر ، ئانا باشقا سىڭلىسىنىڭ قىزى. يىراق يېزىدىن ئەپكەلگەن، بۇ ئائىلىگە كىلىن بۇلۇپ  كەلگەندىن بىرى، كىمنىڭ قانداقلىغىنى چۈشنىپ يەتكەن، ئۈيدىكى ناھەقچىلىققا، مۇبارەكنىڭ خورلىنىشىغا چىدىمىغان تاشقا خۇتۇن بۇلۇپ كەلگىنىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ،ئاجرىشىپ كىتىشنى قانچە رەت ئويلىغان بولسىمۇ، ئىككىنجى قىتىم تۇغۇلغان بالسى تۇركىزات يۇلىنى تۇسۇپ قويغان ئىككى بالىنى يىتىم قىلغىچە دەپ ،چىشىنى چىشلەپ كۇرمەسكە -ئاڭلىماسقا سىلىپ ئۈتۈپ كىتىۋاتاتتى.
مۇبارەكلەر ئۆيگە كىرگەندە ،تاش قاپىغىدىن مۇز بىلەن تۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇراتتى.
-مۇبارەك ئىشلار ئۆزەڭگىمۇ ئايدىڭ بوپتۇ، ئىشلار مۇشۇنداق ،بۇ تەغدىر. بىزنىڭ ئىسلام دىندا قىزلارنى 15 ياشتىن بۇرۇن ،ئەرلىك قىلىش دەيدىغان گەپ بار. مەن شۇ بۇيىنچە ئىش قىلدىم ،ئۆيدىكى قىزلارنىڭ قايسى بىرى 14 ياشتىن ئىشىپ توي قىلدى؟ قۇل تەككۇزەي دىسەم ،سەن ھازىر خەقنىڭ ئادىمى بۇلۇپ بولدۇڭ .نەدىكى يۇقىلاڭ خىياللارنى قىلماي، چىرايلىق ئۆيۈڭلارنى تۇتۇڭلار ئەگەر ،ئۇنداق بولمايدىكەن سىنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن! مىنى بىلسەنغۇ؟
تاش گەپ تۈگدى دىگەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى . ئىشلارمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.
مۇبارەكنىڭ توي قىلغىنىغا، ھەش-پەش دىگىچە 3 ئايدىن ئاشتى. تاش مەھەللىدىن خىلى يىراق بىر بازادىن، ئەلى بىلەن شىرىكلىشىپ ناۋايلىق دۇككىنى ئاچتى . ئەلىنىڭ چالغان گىتتىرى، ئىيتقان ناخشىسى سەنئەت خۇمار مۇبارەكنى ئاستا-ئاستا بۇ تۇرمۇشقا كۆندۇردى. ئىككىسىنىڭ ياتىغى ئايرىم بولسىمۇ ،تامىغى چوڭ ئۆيدە  ئىدى .بۈگۈن نان سىتىپ ھېرىپ قۇرسىغى ئېچىپ كەتكەن مۇبارەك ئۆيگە كىرىپلا
-ئاپا! نىمە تاماق ئەتتىڭىز؟
-پولوغا ئامراقتىڭ بالام ،پولو ئەتتىم ! سوۋۇپ قالدى بەلكىم، قازاندىن ئۆزەڭ ئۇسسۇپ يىگىن.
مۇبارەكنىڭ ئاغزىغا سىېرىق سۇ يىغىلدى ئۇ دەرھال قازاننىڭ تۇۋىغىنى كۆتۈرۇپ ،سۇۋۇپ كەتكەن بۇلسىمۇ مىزلىك پۇراپ تۇرغان پولونى چىنىگە ئۇسسۇپ ،ئىككى قۇشۇق يىيىشىگىلا كۆڭلى  ئاينىپ، بىرقىسمىلا بۇلۇپ كەتتى .
-ئاپا! نىمە سالغان بۇ تاماققا بىرقىسمىلىغۇ؟
-ھىچنىمە سالمىدىم ،ئادەتتىكىدەكقۇ ؟
ئايشەم ئاچا مۇبارەككە سەپ- سىلىپ قاراپ كەتتى، مۇبارەك يەنە بىرقۇشۇق تاماقنى ئاغزىغا ئاپرىشىغا، بىرسى ئۈچەي باغرىنى سۇغۇرۋەتكەندەك ئولتۇرغان يىرىگىلا ياندۇرۇپ، قەي قىلىشقا باشلىدى.
-ۋاي بالام ،نىمە بولدۇڭ ؟
مۇبارەك گەپمۇ قىلماي بىشىنى چايقاپ قۇرۇق ھۆ قىلاتتى .  ئەتىسى ئايشەم ئاچا
-بالام ئەلى ،مۇبارەكنىڭ سەل مىجەزى يوقمۇ نىمە ؟دوختۇرغا كۆرسىتىپ باقساق بوپتىكەن.
-مۇبارەك تېخى ئۇخلاۋاتىدۇ، ئورنىدىن تۇرمىدى.
-نىمە؟ تېخىچە ئۇخلاۋاتامدا ؟نىم بولغاندۇ بۇ بالىغا ،مۇنداق ئۇزۇن ئۇخلىمايتى.
-بەلكىم ، چارچاپ قالدىمىكىن ئاخشام مىجەزىم يوق دەۋاتقان، شۇڭا مەنمۇ  ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىدىم .ئورنىدىن تۇرسا تاش ئاكامدىن پۇل ئېلىپ ،دوختۇرغا بېرىپ باقارمىز .
-ئاكا ،مۇبارەكنىڭ سەل مىجەزى يوق .دوختۇرغا ئاپرىپ باقاي دىگەن.....................
- نىم بوپتۇ يەنە ئۇنىڭغا ،بۈگۈن دۇكانغا ئۇن ،گۇش ،ماتىريال ئالمىز. كۈمۈرنىڭ پۇلى بار تېخى،  ئەتىگىچە بىرگەپ بۇلار. ھازىرچە بېشىمنى ئاغرىتما، تازىمۇ ئىششى تۈگمەيدىغان ئىنجىمارۇق نىمىكەن بۇ مۇبارەك،
بىر ئېغىز گەپ بىلەن مۇبارەكمۇ دوختۇرغا بارالماي يۈرىۋەردى. ئاردىن يەنە ئىككى ئاي ئۆتتى ،مۇبارەكنىڭ يۈزى ئۇرۇقلاپ، قۇرسىغى سەمرىپ كىتىۋاتاتتى.
-ئاپا، قۇرسۇغۇمنىڭ ئىچىدە بىرنىمە مىدىرلاۋاتىدۇ.
ئۆيدىكىلەر كۈلشىپ كەتتى .ئايشەم ئاچا قىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەردىن ، مۇبارەكنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىگىنى بىلىپ يەتكەن شۇڭا كۈلگەن ئىدى.
-قۇرسۇغۇڭغا قۇرۇت كىرۋالغان ئۇخشايدۇ.
-.................................................
بۇگۇن تاشنىڭ ئىنسابى كىلىپ ،ئەلىگە 200 كوي بەردى. ئەلى پۇلنى ئېلىپلا مۇبارەكنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى .مۇبارەك پۇلنى ئىلىپ دۇختۇرغا چاپتى .يېشى  سەل چوڭراق ،كۆزەينەكلىك ئايال دوختۇر مۇبارەككە باشتىن- ئاياق بىر قارۋىتىپ،
-قىزىم، نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
-15 ياشقا.
-توي قىلدىڭىزمۇ ؟ يولدىشىڭىز بارمۇ؟
مۇبارەك ۋىللىدە قىزرىپ كىتىپ ،بىشىنى لىڭشىتتى. دۇختۇر
-توي قىلغىلى قانچىلىك بۇلدى؟
-5 ئايدىن ئاشتى.
-چۈشەندىم قىزىم، سىز ھامىلدار بۇلۇپ قاپسىز مۇبارەك بۇلسۇن، ئانا بۇپسىز ! 3 ئايلىقتىن ئىشىپتۇ ئوغۇلدەك قىلىدۇ،
مۇبارەك دوختۇرنىڭ نىمىلەرنىدۇ دەپ، قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قۇيغان، قەغەزنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە  دۇختۇرخاندىن چىقىپ كەتتى.
قىزنىڭ كاللىسى گاراڭ پىكىر يۈرگۈزەلمەيتى.  ۋاقىت خۇددى بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك بىلنەتتى. مۇبارەك ئۈيىگە كەلدى، ئۇ ئېغىرلاشقان قەدىمىنى تەستە  يۆتكەيتى.
-قىزىم .دوختۇر نىمە دەيدۇ ؟ئانا قەستەن سورىدى، مۇبارەك جاۋاپ بەرمىدى.
-دوختۇرغا كۆرۈندۇڭمۇ ؟ نىمە دەيدۇ ؟ئەلىمۇ مۇبارەكنىڭ ،بى نۇرمال چىرايىغا قاراپ چۇچۇپ سۇردى.
چىرايى تاترىپ كەتكەن مۇبارەك جاۋاپنىڭ ئۇرنىغا ،قۇلىدىكى مەھكەم سىقىمدىۋالغان دوختۇر يېزىپ بەرگەن قەغەزنى ئەلىگە ئۇزاتتى.
ئەلى قەغەزگە سىنچىلاپ قاراپ ئارتۇق گەپ قىلماي كۈلۈپ قويدى.
كىچە، ئۇيقۇسى قاچقان مۇبارەك ئىككى يىنىغا ئۆرلۇپ تۈزۇك ئۇخلىيالمىدى.
-نىم بولدۇڭ خۇتۇن ؟يەنە بىئارام بۇلۋاتامسەن؟
-پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ ،يا تۈزۇك پۇلمىز ،يا ئۈيمىز بولمىسا بۇ بالىنى قانداق باقىمىز زادى؟
- غەم قىلمىغىن ،رىسقىنى خۇدايىم بىردۇ، ئېغىرنى يەر كۆتىرىدۇ ، بۇ نىڭمۇ بىر ئامالى بۇلۇپ قالار،
ئەلى  شۇنداق دىگىنى بىلەن ،دادا بۇلىدىغانلىغىدىن بىر تەرەپتىن  خۇشال بۇلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن مۇبارەكتىنمۇ بەك غەم قىلۋاتاتتى. ئۇ مۇبارەككە تەسەللى بىرىپ قۇيۇپلا تۇرۇسقا قاراپ خۇرەككە چۇشۇپ كەتتى.
مۇبارەكنىڭ قۇرسىغىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يوغىنىشىغا ئەگىشىپ ئەندىشىسىمۇ كۈپۇيىۋاتاتتى .بۇ ئارلىقتا ئۇ يولدىشى ۋە ئۈيدىكىلەردىن يۇشۇرۇن باشقىلاردىن ئاڭلىغىنى بۇيىنچە ،نەچچە قىتىم دوختۇرغا بىرىپ بالىنى چۇشۇرۋەتمەكچى بولدى. ئەمما دوختۇرلار، <  بالا يۇغۇناپ كىتىپتۇ ، چۇشۇرۇش ۋاقتىدىن ئۇتۇپ كىتىپتۇ> دەپ ،مۇبارەكنىڭ تەلۋىنى رەت قىلۋەتتى. ئامال قىلالمىغان مۇبارەك يەرلىك ئۇسۇلنى قۇللۇنۇپ بالىنى چۇشۇرۇش ئۇچۇن ھەر ئاماللارنى ئىشلەتتى .بۇۋاقنىڭ يەيدىغان رىسقى بارمۇ ، ھىچقايسىسى ئۇنۇم بەرمەي ،مۇبارەكنى زاڭلىق قىلغاندەك قۇرساقتا بەش مىنۇتتا بىر ئۇزىنىڭ ھايات  -مەۋجۇتلىغىنى ئەسكەرتكەندەك، قاتتىق-قاتتىق مىدىراپ قۇياتتى .مۇبارەكمۇ بەزىدە تىخى دۇنياغا كۇز ئاچمىغان بالىسىغا ئىچى كۆيگەندەك قۇرسىغىنى سىلايتى.      
                                                                                 سىر
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەردى. مۇبارەكنىڭ يەڭگىشىگىمۇ ئاز قالدى. مۇشۇ كۈنلەردە بىچچارە مۇبارەك  كۇن ئارلاپ، بامدات نامزىنى تۈگىتىشىگە تاش ئۇنى ئالغىلى كىلەتتىدە ،كەينىگە سىلىپ دۇكانغا ئېلىپ كىتەتتى .مۇبارەك دۇكانغا كىلىپلا دۇكاننى بىر قۇر تازلاپ، پىياز چاناش، گۇش قىيما قىلىش، ئۇندىن قالسا دۇكاندىكى 3 ئەركەكنىڭ چۇشلۇك تامىقىنى ئىتىپ، چىنىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ بۇلۇپ ،نان ،سامسا سېتىپ كەچ سائەت 7لەر ئەتراپىدا ،ئۆزى يالغۇز ئۆيگە قايتىپ كىلەتتى. يىقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئەلىمۇ مۇبارەككە بىرقىسما قارايدىغان بۇلۋالدى. بۇنىڭ سەۋەبى  مۇبارەكنىڭ قۇرسىغىغا بەش ئاي بولغاندا، ئەلى ئۆيىگە خەت يازدى. جاۋاپ خەت كەلگەندە ئەلىنىڭ ھەممە ئىششى ئاشكارلىنىپ قالدى.
ئەسلى ئەلى ئىسىملىك بۇ بالا، مايتاغلىق ئەمەس، خوتەن قارقاشنىڭ نۇرلۇق گۇڭشى پەڭسە 7-كەنىتلىك< ھازىرقى باش قايغۇلۇق> ،ھاۋاخان بىلەن ياسىن توڭكاي  ئىسىملىك بەشتە كاپالەتلىك نامرات ئائىلىنىڭ 3-ئۇغلى نەبى ياسىن ئىدى .  نەبى ئۇقۇش ،ھۈنەر ،خۇش ياقماي، تۇلۇقسىزنى پۈتتۇرۇپلا نامراتچىلىق دەردىدە يۇرتتىن بىشىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، نەدە كۈن كەچ بولسا شۇيەردە يىېتپ ،كىم بىرچىنە تاماق بەرسە شۇنىڭغا ئىشلەپ، يۈرگەن بىكارچى .كىيىن جان باقماق تەس كىلىپ ناۋايلىقنى چالا ئۈگنىپ ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ يۈرگەن ، مۇقىم ئادرىسىنىڭ تاينى يوق، مايتاغدىكى ئۆي بۇلسا داداسى ياسىناخۇننىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۈيى .ئۇلار خېلى ھاللىق ئائىلە بولغاچ ، مۇبارەكلەرگە شۇلارنى ساتقان ئىدى.
ئەلى ئۈيىگە <ئۆيلەندىم> دىگەن مەزمۇندا خەت يازغاندا ،ئانىسىدىن يۇرتقا قايتىپ كەل دىگەن، <ئايالىم ئېغىر بوي> دىسە، <كىچىك سىڭلىڭ تۈگەپ كەتتى. ئۈلۇم ئىششىغا ھۇكۇمەتمۇ كۇڭۇل بۇلىدۇ، قانداق خۇتۇن ئۇ، سىنى قۇيۇپ بەرمەيدىغان>، دىگەندەك پەلە-پەتىش سۆزلەرنى يازغان، بۇ خەتنى مۇبارەك ئۆزى ئۇقۇغان، ئەلىنى يۇرتقا بىرىپ كىلىشكە زۇرلىسىمۇ ئەلى،<مەن بارغانغا تىرلىپ قالامتى> دەپ بارمىغان، ھەم تۇزۇك ئىختىسادمۇ يۇق ئىدى.
مۇشۇ ئىش تۇپەيلى مۇبارەك ئەلىنى، <ماڭا راس سۆزلىمەپسەن> دەپ رەنجىپ قىيداپ يۇرەتتى.
بۈگۈن ئايشەم ئاچا مۇبارەك بىلەن ئەلىنى ئېلىپ بازار ئايلانغاچ ،ئىككىسىگە خىزمەت ئىشلەپ كىلۋاتاتتى . ئۇيگە 200 يۈزمىتىر ئارلىق قالغاندا كىمدۇر بىرى ئىسقىرتتى. كەينىدىن ياقاقتەك چوڭلۇقتا بىر تاش مۇبارەكنىڭ پۇتىغا تەگدى. مۇبارەك ئۇڭ تەرەپكە بۇرلۇپ قۇرلۇش بانكىسىنىڭ ئالدىدا رەتلىك كىينىپ ئۆزىنى شەپكىسى بىلەن يەلپۇپ ئولتۇرغان، 30 ياشلار ئەتراپىدا بىر ئەرنىڭ ئۆزىگە ھىجىيىپ قاراپ تۇرغانلىغىنى كۆردى، مۇبارەك بۇ ئادەمنى تۇنۇمايتى. ئانا قىزىنى ئاستا تارتتى مۇبارەكمۇ گەپ قىلماي مىڭىشىغا باياقى ئادەم يەنە ئىسقىرتىپ قالدى، مۇبارەكنىڭ شۇھامانلا ئاچچىغى كىلىپ ،بىشىنى كۆتىرۇپ قارشىغا باياقى بىزەڭ كۆزىنى قىسىپ مۇبارەكنى شەرەتلىدى.
-مىنى خاتا تۇنۇپ بىرەسىگە ئوخشۇتۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟مۇبارەكنىڭ ئاچچىق ئارلاش گىپىنى ھىلىقى ئادەم چۈشەنمىگەندەك ،
-كىلىشمەملە مىھمان قىلاي خانلىرىم ،  دەپ يەنە كۆزىنى قىستى.
-بېرىپ ئاچاڭنى مىھمان قىلۋال ،ۋۇي ئىمانسىز مۇناپىق ،كىمگە ئوخشۇتۇپ قالدىڭ بىزنى ،نۇمۇس قىلمايدىغان..................................
مۇبارەك بىرمۇنچە قايناپ تىللاپ يىنىغا قاردى. ئەلىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۇنمەيتى. قاتتىق ئاچچىغى كەلگەن مۇبارەك ئەلىنى ئىزلەپ ئىككى بىنانىڭ  ئوتتۇردىكى ،پىيادىلەر ئۆتۇشىدىغان تار يۇلدا مارلاپ تۇرغان يىردىن تىپىۋالدى.
-نىمە قىلىق بۇ ئەلى ؟مەن خەق بىلەن سوقۇشىۋاتسام مۈكىۋاپسەنغۇ؟
-مەنمۇ ساڭا بۇلشۇپ سۇقۇشۇپ ،ياقا سىقىشسام بۇلامتى؟
-ھەي ،مەن دىگەن سىنىڭ ئايالىڭ جۇمۇ؟
-شۇڭا سەتلىشىپ يۈرمەي دەپ مۇكىۋالدىم، قانداق بولماپتىما ؟
- ما لاۋزىنىڭ گىپىنى ،سەنمۇ ئوغۇل بالىما؟
-خۇتۇن كىشى دىگەن قانجۇق ئىت، <قانجۇق ئىتنى ئىت تالماس> دىگەننى بىلمەمسە؟
-ھە مۇنداق دە، ئەسلى مۇشۇنداق ئادەممىتىڭ؟
-بولدى بالام ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ ،خىجىل بولغاندۇ قۇيە بۇلدى،
ئايشەم ئاچا مۇبارەكنى جىملەپ ئۆيگە ئىلىپ كىرىپ كەتتى.
مۇبارەكنىڭ يىشى كىچىك بولغاچ ئۆيدە تۇغشى مۇمكىن ئەمەس، دوختۇرغا بارسا تۇغۇت كىنىشكىسى يوق، ئۆيدە تۇغسا بالىسى قارا نۇپۇس بۇلۇپ قالىدۇ ،ئايشەم ئاچا تۇنۇش بىلىشلەرنى ئىزلەپ خىلى ماڭدى .بۇ ئىشمۇ ھەل بۇلاي دەپ قالدى. بۇگۇن مەرھابالار  مۇبارەكنى ئۆيگە چاقىردى. ئارلىق خىلى بولغاچ، كۇچا ئاپتۇبۇس بىلەن بېرىشقا توغرا كىلەتتى، سىرىت دىمىق بولغاچ ئاپتۇبۇستىمۇ ئادەم ئاز ،
مۇبارەك ئاپتۇبۇستىن چۈشىدىغانغا بىربىكەت قالغاندا ،ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى. بايا مۇبارەكنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرغان يىشى خىلى چوڭ بىر ئەرمۇ ،مۇبارەكنى ياندىشىپ ئىشىك ئالدىدا تۇردى. مۇبارەك سىرىتقا قاراپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ جەينىگى مۇبارەكنىڭ سول كۆكسىگە تەگدى. ئاپتۇبۇس سىلكىنمىگەن يولمۇ تۈز ئاسفالىت .مۇبارەك يېنىغا قاراپ قېشىدا ئۆرە تۇرغان ئەرگە ھۇمۇيۇپ، بىشىنى ئالدىغا بۇرشىغا ھىلىقى ئەر جەينىگىنى تېخىمۇ قاتتىق تەككۇزۇپ، كەينىدىنلا ئالدىغا بىر قەدەم ماڭغان بۇلۇپ قىزنىڭ كۆكسىنى بوشقىنا سىلاپ قويدى.
مۇباركنىڭ جىنى چىقىپ كەتكەندەك بۇلۇپ تىنى شۈركەندىدە ئەرنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كەتتى.
ئەلى بۇلسا غىمىدا يوق تۇراتتى. ئاپتۇبۇس توختاپ ئىشىك ئېچىلدى. ئەلى ئالدىراپ ئاپتۇبۇستىن چۈشتى. ھىلىقى ئەر، بىر ئېغىز زۇۋان سۇرمەستىن ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچى تەرەپكە يۆتكەلدى. مۇبارەك ئاپتۇبۇستىن چۈشۇپ،
-ئەلى توختا ،مەن زادى سىنىڭ نىمەڭ ئىيتە؟
-بولدى قىلە خۇتۇن، دائىم ئادەم جىق يەردە ئۇرشىمەن دەپلا يۇر دىكەنسەن،
-ھە مەن ئورۇنسىز ئۇرشۇپتىمەندە ؟ سىنىڭ زادى نىمە مەخسىدىڭ بار؟
بۇلار مەرھابانىڭ ئۈيگە كىرگىچە گەپ تەگەشتى. ئەلى بۇلسا كۇلۇپلا تۇرۋالاتتى. مۇبارەك بۇلغان گەپنى ئاچىسى بىلەن قىينى ئاكىسىغا  يىغلاپ تۇرۇپ دەپ بەردى.
-ئەلى بۇ قىلغىنىڭ بۇلماپتۇ ،ئايال كىشى دىگەن ئاجىز، شۇڭا بىز ئەرلەرگە ياراتقان، بۇنداق ئىشلارنى مەن يەنە ئاڭلاپ قالماي، بىر ئەركىشى ئۇچۇن سەت ئىش بۇ ،
شۇنىڭدىن كىيىن مۇبارەك بىلەن ئەلى بىللە بىرەر يەرگە بېرىپ باقمىدى.
بۇگۇن مۇبارەكنىڭ مىجەزى يۇق.< ئانگىنا> دىگەن بۇ گال ئاغرىغى كىسەل قىزنى بىرنەرسە يىگۇزمەيتى. دورا ئىچىشكە تېخى بولمايتى. ئۇ ئادىتى بۇيىنچە تۇرۇپ يەنە پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىغا يۇل ئالدى. مۇبارەك يىتىپ كەلگەندە سائەت 9 دىن ئاشقان، تۇغۇت كىنىشكىسى بىجىردىغان رىزىۋانگۇل مۇبارەكنى كۆرۇپ ،
-مەن سىزگە ئىېيتتمغۇ ،يىشىڭىز  تۇغۇش ئەمەس، توي قىلىش يىشىغىمۇ توشمايدۇ، بىزنىڭ ئامالىمىز يوق دەپ ،
مۇبارەك ئاغزىنى ئۆمەللىتىشىگە قۇرسىغى شۇنچىلىك قاتتىق ئاغرىدى .مۇبارەك <ۋاي> دەپلا قۇرسىغىنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى، سىرىتتىن كىرگەن بىر خەنزۇ ئايال مۇبارەكنىڭ ئۇلتۇرۇپ قالغىنىنى كۆرۇپلا، كالدىرلاپ بىرنىمىلەرنى دەپ جىددىلىشىپ كەتتى،
رىزىۋانگۇل گەپمۇ قىلماستىن مۇبارەكنى يۆلەپ ئۇرۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ،مۇبارەكنىڭ قۇلىدىكى نۇپۇس  قاتارلىقلارنى ئېلىپ ،تۇغۇت كىنىشكىسىنى بىردەمدىلا بىجرىپ بەردى.
ھېلىقى خەنزۇ ئايال مۇبارەككە بىر ئىستاكان قايناقسۇنى تۇتقۇزۇپ خەنزۇچە،
-قانداقراق تۇرسىز ؟دوختۇرغا ئاپرايلىمۇ؟ يا ماشنا چاقىرىپ بىرەيلىمۇ ؟دەپ سوردى،
-رەھمەت، ئۆزەم كىتەي ،دىدى قىز.
مۇبارەك ئۆيگە كىلىشىگە ئۇنى ئۇيقۇ باستى.
-ئاپا كىنىشكىنىمۇ ئالدۇق، بەك ھېرىپ كەتتىم بىردەم ئۇخلىۋالاي؟
-ماقۇل ، مەن تاماق قىلاي ئەمسە،
مۇبارەك بىشىنى ياستۇققۇ قۇيۇپلا ئۇيقۇغا كەتتى.
- قىزىم تاماق پىشتى، مۇبارەك تۇرە بالام،
مۇبارەك كۇزىنى ئېچىپ بىردەم تۇرۇپ كىتىپ،
-ئاپا ئاجايىپ چۇش كۆرۇپتىمەن ،چۈشۇمدە كىر يۇيىۋاتقىدەكمىشمەن ،بىركەمدە قۇرسۇغۇم ئاغرىپ تۇغىمەن  دەپ دۇختۇرخانا ئىزلەپ چۇشەپ قاپتىمەن،
-ۋاي بالام سىنىڭ چۈشۇڭ توغرا چىقىدۇ ، ھەر ئھتىمالغا قارشى كىرلىرىڭنى يۇيىۋالغىن،
مۇبارەك دۇختۇرخاندا كىيىش ئۇچۇن ئالدىن تەييارلاپ قويغان كىيىملىرىنى يۇيۇپ قۇرتۇپ قاتلىدى. ئەلىمۇ ئىشتىن چۇشۇپ قايتىپ كەلدى.
-بالام ئەلى .نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مۇبارەكمۇ ،سىز مۇ ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىڭلار، بۇگۇن مەرھابانىڭ ئۈيگە بېرىپ كەلگەچ مۇبارەكنى ئايلاندۇرۇپ كىلڭە،
-ماقۇل ئاپا، جۈرە خۇتۇن، سىنىڭ تولغۇقۇڭنى پىشۇرغاچ ماڭدۇرۇپ ئاپراي بولامدۇ؟
مۇبارەك ئۈنسىز ئەلىگە ئەگەشتى. مەرھابامۇ سىڭلىسىنى ياخشى قارشى ئالدى. بۇلارنىڭ پارڭى تازا قىزىغاندا مۇبارەكنىڭ قۇرسىغى بىر ئاغرىپ توختاپ قالدى. بۇ ئىش يىرىم سەئەتنىڭ ئىچىدە نەچچە تەكرارلاندى .مۇبارەك سەل قۇدۇقتىمۇ،
-ئاچا، جۈرە ئۇبۇرنىغا بىرىپ كىلەيلى.
ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن مۇڭدۇشۇپ ئۇبۇرنىغا باردى. مۇبارەك قۇرسىغىنىڭ ئاغرىغىنى ئاچىسىدىن يۇشۇرۇپ  ئۇبۇرنىدا خىلى ئۇلتۇردى،
-مۇبارەك تۇرە، ئۇبۇرنىغا تۇغۇپ قۇيما يەنە ،ئۇبۇرنىدىن بالا سۇزىمىز دەپ يۇرمەيلى،
ئىككىسى تەڭلا كۈلۇشۇپ ئۆيگە كىرگەندە، ئەلى بىلەن مەرھابانىڭ ئىرى قانداقتۇر بىر ئىش ئۇستىدە قىزغىن مۇنازىرلىشىۋاتاتتى ،
ئۆيگە كىرىپ بىردەمدىن كىيىن مۇبارەكنىڭ قۇرسىغى يەنە ئاغرىدى ،بۇقىتىم ئاغرىقنىڭ ۋاختى ئۇزراپ كەتتىمۇ مۇبارەكنىڭ چىرايى پۇرۇشۇپ كەتتى ،ئۆيدىكىلەر بولسا ئۆزگىپى بىلەن مۇبارەككە دىققەت قىلمىغان، ئاخىر تاقىتى- تاق بۇلغان مۇبارەك ئەلىگە،
-ئەلى، تۇرە كىتىمىز ،كەچ بۇلۇپ كەتتى. ئولتۇرىۋىرەمسەن كەچكىچە، ھىلى كىتىپ بۇلالمايمىز،
شۇندىلا ئەلى ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئەزمىلىك بىلەن ئۇزۇن خۇشلاشتى،
مەرھابا بىلەن يولدىشى قىيالمىقاندەك، تېخىچە ئۆيىگە كىرىپ كەتمەي بۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇراتتى،
-نىمانداق گىپىڭ تۈگمەيدۇ  سىنىڭ ؟
-نىم بولدى خۇتۇن، ئاستىراق گەپ قىل ئاڭلاپ قالىدۇ،
-ھىچنىمە،
مۇبارەك ئالدىغا نەچچە قەدەم ماڭلايلا ،قۇرسىغىنىڭ مۇجۇپ ئاغرىشى بىلەن ئەلىگە ئىسىلغىنىچە،«ۋايجان قۇرسۇغۇم»دەپلا ئولتۇرۇپ قالدى.

  دۇختۇرخانىدا

تۇغۇت ئۆزى بىرجەڭ،
غەلبە قىلساڭ ئانا بۇلىسەن،
مەغلۇپ بۇلساڭ ھالاك بۇلىسەن،
<دانالار ھىكمەتلىرىدىن>.

مۇبارەكنىڭ ئولتۇرۇپ قالغىنىنى كۆرگەن ،مەرھابا  تىزلا يۈگۈرۇپ كىلىپ مۇبارەكنى يۈلىدى. يولدىشى ئىشىك يىنىغا توختۇتۇپ قۇيغان 3 چاقلىق <سەنلۇڭ> ۋىلىسپىتنى
يىتىلەپ كەلدى. مەھەللە سەل چەترەك  يول تار بولغاچ بۇيەرگە كىرا ماشنىسى كىلەلمەيتى. ئەلى نىمە قىلشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ تۇراتتى .  مەرھابانىڭ  يولىدىشى،
-تىز  بۇلە خۇتۇن، كۆرپە بىلەن ياستۇقنى ئېلىپ چىق، ئەدىيال ئىلۋىلىشنى ئۇنۇتما ،دىدى.
مەرھابا ئۆيگە كىرىپ تىزلا يولدىشىنىڭ تاپشۇرقىنى ئۇرۇنلاپ، 3 چاقلىق ۋىلىسپىتكە سىلىپ مۇبارەكنى يۆلەپ چىقاردى.
-بول ئەلى ،مۇبارەكنى دوختۇرغا ئېلىپ بار، چاققان بول ،بىزمۇ كەينىڭدىن يىتىمىز،
ئەلى سۆزسىزلا ۋىلىسپىتكە مىنىپ پىدالنى كۆچەپ تىپىشكە باشلىدى. يولدا بارغىچە مۇبارەك مىڭ ئۈلۇپ- تىرىلدى .ئەلى مۇبارەكنى ئۇددۇل ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. بىچچارە مۇبارەك ئىنجىقلاپ يۇرۇپ تەييارلاپ قۇيغان نەرسىلىرى بىلەن ئايشەم ئاچىنى ئېلىپ دوختۇرخانغا يول ئالدى.
بۇلار دوختۇرخانغا كەلگەندە ،دوختۇرلار ئىشتىن چۇشكەن ،چىراقلار ئۈچۇرۇلگەن، پەقەت بىر نەچچە دىجۇرنى سىستىرا-دوختۇرلار قالغان بولۇپ ،ئەينەك ئىشىك قىيا ئۇچۇق ،يىغىلما تۇمۇر  ئىشىك ئىچىدىن مەھكەم تاقاقلىق  ئىدى .مۇبارەك تولغاققا بەرداشلىق بىرەلمەي زەئىپ ئاۋازدا ئىڭرايتى. ئايشەم ئانا بولسا  دۇرۇت ئۇقۇپ مۇبارەككە دەم سىلىپ دۇئا قىلاتتى .ئەلى دۇختۇرخاننىڭ ئىشكىنى ئاچتۇرالماي تىت-تىت بۇلۇپ جىنىنىڭ بىرىچە ئىشىكنى مۇشلاپ چاقىراتتى.
بۇ ئىش بىرنەچچە قىتىم  تەكرارلانغاندىن كىيىن بىر سىستىرا چىراقنى ياندۇرۇپ، كىرىلىپ كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ، ئاغزىنى تۇتۇپ ئەسنىگىنىچە غوتۇلداپ چىقىپ كەلدى.
-كىمۇ ؟ ئىشىكنى شۇنداقمۇ  قاتتىق ئۇرغان بارمۇ؟ يىرىم كىچىدە ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ ،قانداق نىمىلەربۇ ،بالدۇراق كەلمەي،
-مەن...ياق، بىز،  رەنجىمەي ئىشىكنى ئىچىۋەتسىڭىز ،ئايالىم يەڭگىمەكچىتى.
-كۈندۇزى نىمىش قىلغان؟ كەپلەشكەندە كەلدىڭلارما؟
-قىزىم ،خاپا بۇلماي ئىشىكنى ئىچىۋەتسىڭىز ،قىزىم بەك قىيلىنىپ كەتتى .
-تازىمۇ بىر خەقكەن بۇ، ئەجەپ بىزار قىلدى ئادەمنى ، سىستىرا غۇدۇڭشىغىنىچە ئىشىكنى ئاچتى. ئانا بىلەن ئەلى مۇبارەكنى يۇلەپ دۇختۇرخانىغا ئېلىپ كىردى.
-تۇغۇت كىنىشكىسى قىنى ؟ سىستىرا قۇپاللىق بىلەن ئانىنىڭ قۇلىدىن كىنىشكىنى ئالدىدە بىرقۇر قارۋىتىپ،
-كىم تۇغدۇ؟ بۇ قىزما؟ ھەيران بۇلۇپ سورىدى. ئانا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۇپ بىشىنى لىڭشىتتى .
-قانداق تۇغدۇ ؟بۇ ئەمدى 15 ياشقا كىرىپ.......؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئارلىقتا دوختۇر بۇلسا كىرەك ،يەنە بىر  خەنزۇ ئايال كىرىپ مۇبارەكنى تەكشۇرۇش ئۈيگە ئېلىپ كىرىپ  كىتىپ-يىرىم سائەتلەردىن كىيىن ئۆزى يىنىپ چىقپ ئايشەم ئانىغا،
-قىزىڭىزنىڭ يەڭگىشگە تىخى بار ئىكەن .ۋاقتى توشماپتۇ، ئەپ كىتەمسىلەر ياكى ياتاقتا ياتقۇزامسىلەر ئىختىيارىڭلار،
-ياق دوختۇر، قىزىم بۇگۇن چۇقۇم يەڭگىيدۇ...........
-ۋاي سىز بىلەمتىڭىز ،دوختۇردەك نىمانداق گەپ قىلدۇ، بىلسىڭىز ئۆزىڭىز تۇغدۇرسىڭىز بۇلمامدۇ ،بۇيەرگە ئىلىپ كەلگىچە ئەمسە،جىق گەپ قىلماي ئاۋۋال ئىككى مىڭ كوي  تاپشۇرۇڭلار،
سىستىرا ئۇيقۇنىڭ ئاچچىغىنى ئانىدىن ئالدى. تۇيۇقسىز مۇباركنىڭ چىقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بايقى سىستىرا بىلەن دۇختۇر دەرھال مۇبارەك بار ئۆيگە يۈگۇردى،
-نىمىگە چىقىرايسىز ؟ياتسىڭىز جىم يىتىڭ ،بۇلمىسا چىقىپ كىتىڭ ،بۇيەردە سىزدىن باشقا بىمارلارمۇ بار، ئەرگە تىگىشكە ئالدىرغاندا بۇلارنى ئويلاشمىغانما ؟ يۇغان نىمە تۇغىدىغاندەك ،
سىستىرا قۇپاللىق بىلەن مۇبارەككە ۋاقىراپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .يەنە بىر دۇختۇر بۇلسا مۇبارەكنى قايتا تەكشۇرۇپ سىرىتقا قاراپ كىمنىدۇر چاقىردى.
سىرىتتىن ئۇرۇق ،زىلۋا ،چىرايلىق بىر خەنزۇ سىستىرا قىز كىرىپ،
-سىزگە ياردىمىم كىرەكمۇ ؟دەپ سۇردى،
-بەك مۇزلاپ كەتتىم، مۇمكىن بۇلسا ئۈستۇمگە بىرنىمە يىپپ قۇيسىڭىز!
-بۇلىدۇ ،سىستىرا ،كىچىك، نىپىز بىر كۆرپىنى مۇبارەكنىڭ ئۈستىگە يىپپ قۇيۇپ،
-يەنە قانچىلىك ساقلايمىز بىلمەيمەن، دوختۇرشۇنداق دەيدۇ ،چىداڭ ، غەيرەتلىك بۇلۇڭ، بىر ئاز ئارام ئېلۋىلىڭ ، مەن سەل تۇرۇپ كىرەي، دەپ چىقىپ كەتتى.
يازنىڭ تۇمۇز كۇنلىرى .ھاۋانىڭ تىنجىق-دىمىقلىقىغا قارماي مۇبارەك مۇزلاپ تىتىرەپ كىتىۋاتاتتى. ئۇستىگە يۇتقان يىپىلغاندىن كىيىن سەل ئىسسىغان مۇبارەكنى ئۇيقۇ باستى. دىمىسىمۇ كىچە بىريەرگە بارغان، مۇبارەكنىڭ كۇزى ئۇيقۇغا ئىلنىشىغا ئۇنى قارا باستى. قۇرسىغىمۇ چىدىغۇسىز ئاغىرىپ ئۇيغۇنۇپ كەتتى.
ئايشەم ئاچا بىلەن ئەلى قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ تەكشۇرۇش ئۇيى ئالدىدا ئۇياندىن -بۇيانغا مىڭىپ يۇرەتتى .مۇبارەكنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى. بۇ قىتىم ئۇ ۋاقىراپ -جاقىرماي، خەنزۇچى -ئۇيغۇرچى< دۇختۇر-سىستىرا ئادەم بارمۇ> دەپ تۇۋلاۋاتاتتى.
بىرنەچچە دۇختۇر سىستىرا كىرىپ، ھايال بۇلمايلا مۇبارەكنى ناسۇلكىغا سىلىپ لىفىت ئارقىلىق ئۇستىگە ئىلىپ چىقىپ كەتتى.
بىرە سائەتلەردىن كىيىن باياقى قۇپال سىستىرا، ئايشەم ئانىنىڭ يىنىغا كىلىپ،
-بالا تەتۇر ئىكەن ،ئۇپراسسىيە قىلمىز، بۇنىڭغا قول قۇيۇڭ  ، دەپ بىر قەغەزنى ئۇزاتتى.
-بالام، ئۇپراسسىيە قىلماي بىر ئىش قىلساق بۇلماسمۇ؟
-ئۇنداق قىلمىساق ئانا-بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بۇلمايدۇ، قىزلىرىنىڭ ئۇلۇمىنى كۇرگىلىرى بارمۇيا ،بۇلسىلا ۋاقتىمنى ئالماي، مىنىڭ يەنە بىرمۇنچە ئىششىم بار ،
ئانا ئەلىگە قاردى .ئەلى ھىچ ئككىلەنمەستىنلا قەغەزگە قول قويدى. سىستىرامۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ ،پەسكە قانداق تىز چۇشكەن بۇلسا ،يەنە شۇنداق تىز چىقىپ كەتتى.
سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى 3 تىن 45 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. لىفىتنىڭ ئىشگى ئىچىلىپ، چىرايى سارغايغان مۇبارەكنى ناسۇلكىدا ياتقۇزۇپ، ئۇماققىنە بىر سىستىرا ئىتتىرىپ چىقتى .ئايشەم ئانا بىلەن ئەلى دەرھال مۇبارەكنىڭ يىنىغا كىلىپ،
-قانداقراق؟ سالامەت چىقتىڭمۇ؟
-مۇبارەك بۇلسۇن ،ئايالىڭىز ئۇڭۇشلۇق يەڭگىدى. ئانا-بالا ساق-سالامەت، بالىڭىز ئۇغۇل،  
مۇبارەك ئۇنسىز تۇرۇسقا تىكىلىپ ياتاتتى. دوختۇر ،
-بۇ قىزنىڭ تىنى بەك ئاجىز، قۇۋۋەت يوق، ۋىتامىن كەمچىل، بايا قانمۇ بەك كۆپ چىقىپ كەتتى.  كىچىك بولغىنى بىلەن ئۇزىمۇ بەك غەيرەتلىك قىز ئىكەن ،
ئەلى يىنىك تىنىۋىلىپ،
-دۇختۇر ،بالامنى كۇرۇپ باقسام بۇلامدۇ؟
-ھازىرچە بۇلمايدۇ ،تاڭ ئىتىشقا ئاز قالدى. ئەتتىگەنلىككە كۆرۇڭ ،سىلەر چىقىپ بىمارغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىلىڭلار، قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكنى كۆپرەك ئىستىمال قىلسۇن ،دىدى.
ئەلى تىشىغا چىقىپ كىتىپ بىر بۇلاق تازلىق قەغىزىنىلا كۇتىرۇپ كىردى .مۇبارەككە ئاسما ئۇكۇل سىلىۋاتقان باياقى تۇڭ سىستىرا،
-ھەي ،كاللىڭىز جايىدىمۇ سىزنىڭ؟ بۇ بىر بۇلاق نىمىڭىز نىمىگە يىتىدۇ؟ تازىمۇ پىششىق ئادەممۇ بۇ ؟قايتا چىقىپ بىرتوپ قەغەز ،سۇت، شىكەر ،تۇخۇم قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىلىپ كىرىڭ، دەپ ئالايدى.
ئەلى  سىستىراغا قاراپ كۇلۇپ قۇيدى.سىستىرا،
-ئادەم زاڭلىق قىلۋاتامسىز ؟ھەراس، بىمارنىڭ بالنىسىدا يىىتىش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ پۇلنى ۋاقتىدا تۆلىۋىتىڭ ،
-بايا بەك جىددىلىشىپ كەتكەچكە پۇل ئىلۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، رەسمىيەتلەرنى ئەتتىگەنلىككە ئۇتىۋىتەي،
-ئىسىت ،مۇشۇنداق ئادەمگىمۇ بالا بىردىكەن تۇۋا،
ئەلى گەپ قىلمايلا ئايالىغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئىزلەپ چىقىپ، تاپالىغىنى ئىلىپ قايتىپ كىردى.
-ئاپا ،تاڭمۇ ئىتىپتۇ ،مەنمۇ دۇكانغا باراي، بۇلمىسا تاش ئاكام خاپا بۇلۇپ كەتمىسۇن ،مۇبارەكنىڭ يىنىدا ھازىرچە سىلى بۇلغاندىكىن، بىكار بۇلۇپلا كىلمەن، دەپ چىقىپ كەتتى.

      قارشى ئېلىنمىغان كېلىن
ئەلى دۇكانغا كەلگەندە تاڭ ئېتىپ كۇنمۇ خىلى كۇتۇرۇلگەن، باشقىلارمۇ ئەتتىگەنلىك بازار بۇگۇنكى سودا ئۈچۇن ئالدىراپ تەييارلىققا كىرىشكەن، خىمىرلار يۇغۇرلۇپ گۇش پىيازلار تەييار بۇلغان، تۇنۇرمۇ قىزىپ كەتكەن ئىدى.  بۇگۇن  ئاسىيە دۇكاندا ئالدىراش يۇرەتتىى. ئۇنىڭ قاپاقلىرى چۇشۇپ كەتكەن ،كۇزلىرىمۇ كۆك، قارغاندا تاش ئۇنى خىلى ئۇرغاندەك قىلاتتى. دۇكاندىكى يەنە بىر شاگىرت بالا مەمەت  ئەلىدىن سوردى.
-ئەلىجان ،بۇگۇن كىچىكىپ قالدىڭلىغۇ؟ ئۇخلاپ قالمىغانسىلەر؟ سىلىنى تىخى كەلمەسمىكىن دىگەنتىم،
مەمەت  مەنىلىك ھىجىيىپ كەينىدىنلا ئاسىيەنى ئىما قىلدى. ئەلى ئاسىيەگە كۆزنىڭ قۇيرىغىدا قاراپ قۇيۇپ،
-ئاسيە ئاچا ،تاش ئاكام بىلەن قىزرىشىپ قالدىڭلارما؟
تىرىكىپ ئاران تۇرغان ئاسىيە،
-ھەئە ،قىنى ھېلىقى چىرايلىق خۇتنىڭىز؟ نىمانداق تاڭ سەھەردىمۇ ئۆيدە ئۇلتۇرمايدىغان خەق سىلەر ، دەپلا مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
-ئازراق ئىششى چىقىپ قىلىپ كىلەلمىدى.
ئاسىيەنىڭ دىيىشىچە، بۇگۇن دۇكانغا مۇبارەك كىلەتتى .تاش مۇبارەكنى ئالغىلى بارسا ئىشىك قۇلۇپلاغلىق، كىتىپ بۇلغان ئۇخشايدۇ دەپ كەلسە دۇكاندىمۇ يۇق، كەينىگە يىنىپ ئاسىيەنى دۇكانغا بارمىز دىسە تۇركىزاتنىڭ مىجەزى يۇق  دەپ ئۇنمىغان ،تاش دۇكانغا ۋاق قىلىپ ئاچچىغىنى ئاسىيەدىن ئالغان ،
چۇشتىن سەل قايرىلغاندا تاش دۇكانغا خاپا كىرىپ كەلدى .بۇ چاغدا باللار ھەممە ئىشنى قىلىپ بۇلۇپ، تۇنۇرغا قايتا ئۇت سىلىپ قىزىغىچە ئارام ئىلىپ ئۇلتۇرغان، كىچىدىن ئۇيقۇسىز ئەلى پەشخۇنغا يۇلىنىپ ئۇلتۇرۇپلا ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.
-قۇپە ھوي لاتا،  كالىدەك ئۇخلاۋىردىغان نىمىكەنسە، ئەتتىگەندە نەگە بىرىشتڭ؟، قىنى ھىلىقى پاسكىنا قانجۇقۇڭ ؟تۇرە ئۇرنۇڭدىن ،دۇكاننى دومىلە باستۇرۇپ ئۇخلىماي،  ھۇ ماز ،لاتا خۇتەنلىك،
تاش شۇنداق دەپلا نىمىش بولغىنىنى بىلەلمەي ،كۇزىنىڭ چاپىغىنى ئۇگىلاپ ئۇلتۇرغان ئەلىنىڭ گەدىنىگە بىرنى سالدى .
ئەلى چۇچۇپ ئۇرنىدىن تۇرۇپ بىر ئۇڭۇپ تۇختاپ قالدى.
-ھە، ئۇڭىسەنغۇ ؟گىپىڭ بار ئوخشىمامدۇ ؟كىچىسى ئۇخلىماي تام تەشكەنما ؟بۇيەرنى ياتاققا ئۇخشۇتۇپ قالدىڭما ؟پۇل تاپىدىغان يەربۇ، پۇل،
تاش ئەلىگە ھىچ گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمەيتى .ئەلىنىڭ بۇنىڭغا كۇزى يىتىپ جىملا تۇرۋالدى .تاش بىر دەم قايناپ بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ ئاچچىق بىلەن شۇراپ،
-ئەمدى گەپ قىلە، مۇبارەك قىنى ؟ ئەتتىگەندە نەگە باردىڭلار ؟ دەپ سۇردى.
تاش بۇلغان ئىشلارنى ئەزمىلىك بىلەن ،يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۇزلەپ بۇلۇپ تاشنىڭ تاماكىسىغا قۇل ئۇزاتتى. تاش ئەلىگە بىرتال تاماكا سۇنۇپ تۇرۇپ ،
-شۇنداق قىلىپ سالامەت يەڭگىدىمۇ ؟بايا نىمىشقا ئۇچۇغىنى بۇرۇنراق ئىيتمايسەن؟ ھەراس ،نىمە تۇغدى ؟قايسى دۇختۇرخاندا؟
-تاش ئاكا، خۇتۇن خەق دىگەن نىمە تۇغدۇ؟ ئادەم تۇغمامدۇ! گەپ قىستۇردى مەمەت
-سەن جىم ئۇتتا ساڭاگەپ يۇق
-ئۇغۇل تۇغدى،
-ماڭاۋا ،ئاتتىڭ ھە پونى ،ئاشۇ ئاۋاق ئۇغۇل تۇغالامدا؟
-راس دەۋاتىمەن ئاكا،
- مۇبارەك دىگەن بۇ شۇم خىلى يامان ئىكەن ھە؟ ئۇغۇلدە ، بۇمۇ بۇلغىنى .ئۇغلۇم تۇركىزات چۇڭ بۇلسا بىرەسى بۇزەك قىلالمايدۇ ، ئىككىسى تەڭ چۇڭ بۇلىدۇ ،بىر تۇققاننىڭ باللىرى ئەمەسمۇ ؟ ھا  ھا  ھا،
ئەلى دۇختۇرخانا ئادرىسىنى ئىيتىپ بىرىپ تۇنۇر بىشىغا چىقىپ كەتتى،
تاشمۇ ئەلىنىڭ كەينىدىنلا چىقىپ،
- سەن بۇ بىر پارچە ناننى يىقىپ بۇلۇپ بىرىپ بالاڭنى كۇرۇپ كەل ،بۇگۇن چۇشتىن كىيىن ئارام ئالمىز ،مەنمۇ ھازىرلا مۇبارەكنى يوقلاپ كەلگەچ ،دوختۇرنىڭ پۇلنى تۆلىۋىتىپ كىلەي، خۇتۇن سەن ئۇغلىمىزنى دۇختۇرغا ئاپرىپ كۇرسىتىپ بىقىپ ،ئۇيدە تاماق قىلىپ تۇر،
ئاسىيە ماقۇللۇق بىلدۇرۇپ ئۇز ئىششىغا تۇتۇشتى،
تاش مۇبارەك ياتقان دۇختۇرخانغا  ماڭدى. باردىمۇ يۇق تاپالمىدىم دەپ  قايتىپ كەلدى.
ئەلى ئىششىنى تۇگتۇپ دوختۇرخانىغا كەلگەندە ،مۇبارەكنىڭ يىنىدا كىچىك ئەلى يىنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى .بۇۋاقنىڭ چۇشەكەپ كۈلشى ،چىراي- شەكلى ،يۇز قۇرلىشى .ئەلىنىڭ ئۆزىلا ئىدى.
-ئەلى بالام ،مانا بالىڭىز ،قۇلڭىزغا ئىلڭە بالىنى  ، ئايشەم ئانا بۇۋاقنى يۆگەكتىن يىشىپ يالىڭاچلا ئەلىنىڭ قۇلىغا بەردى.
كىچىككىنە بۇۋاق يۇگەكتىن چىقىپلا تىتىرەپ ئىڭڭەلەپ يىغلىدى.
-ئاپا ،بۇ بالا نىمانداق قىپقىزىل ؟خام گۇشنىڭ ئۆزىغۇ ،بەدەنلىرىمۇ بەكلا  ئۇرۇق يۇمشاق ئىكەن .قۇللۇرۇم بىرە يىرىنى تىشىپ قۇيمىسۇن ،بۇلدى تۇتماي قۇرقىدىكەنمەن ،بالا تۇغۇشنى بىلمەيدىغان خۇتۇن ئىكەن بۇ، بالا دىگەن ئاپپاق، بەدىنى چىڭ  سىمىز بولمامدۇ، كۆزىنى يۇمۇپلا ياتسا ،قارغىمۇ بۇ بالا،
ياتاقتىكىلەر پاراققىدى كۇلشۇپ كەتتى.
-بالام، يىڭى تۇغۇلغان بالا دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدۇ، بادىنىگە سۇت سىڭگەندە ئاقرىدۇ ،تىخى گۇش بۇلمىسا بەدىنىدە ھەممىسى تىرە ،
-تۇغۇشنى بىلگەندىكىن ئۆزەڭ تۇغساڭ بۇلمامدۇ ؟ تۇغۇپ بەرسەم خۇش بۇلماي دەۋاتقان گىپىنى ، سەن بىر تۇغۇپ باقە ،قانچىلىك قىينالغىنىمنى بىلەمتىڭ سەن،
مۇبارەكمۇ بۇش كەلمەي ئەلىنىڭ دەككىسىنى بىرىپ تەتۇر قاراپ ياتتى.
مۇبارەك دۇختۇردا ھەپتە يىتىپ  رەسمىيەتلەرنى تۇگتۇپ ئۆيگە يىنىپ چىقتى. تاشمۇ مۇبارەكنى بەش يۇزكۇيغا  قارا ساناپ پۇلنى تىقىۋالدى دەپ، ئەلى بىلەن شىرىك دۇكان ئىچىشتىن ۋاز كىچىپ باشقا تىجارەتكە چۇشتى .ئەلىمۇ باشقا دۇكاندىن ئىش تاپتى. كۇنلەر ھەپتىنى. ئايلار يىلنى قۇغلاپ مۇبارەكنىڭ بالىسى قەيسەر بىر ياشتىن ئاشتى .بۇ جەرياندا ئەلى يۇرتىغا بىر قىتىم بىرىپ كەلدى. قىشنىڭ جاندىن ئۇتىدىغان سۇغى باشلىنىپ ،مانا مەن دىگەن نۇچىنى دۇگدەيتىپ ،تۇكۇرسە ،تۇكۇرۇك مۇز بۇلۇپ يەرگە چۇشىدىغان كۇنلەرنىڭ بىردە ،ئەلىنىڭ  ئۇيدىن ،ئەلىنىڭ  ئىككىنجى ئاكىسى ئالىمجان بىلەن ئانىسى ھاۋاخاننڭ ،مۇبارەكلەر تۇرۇشلۇق شەھەرگە قاراپ يۇلغا چىققانلىق خەۋرى كەلدى، مۇبارەك بىلەن ئەلى ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ ئۇزۇن يۇللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتىدە قىينى ئاپىسى بىلەن قىينى ئاكىسىنى كۇتتى .
ئاپتۇبۇس توختىشىغا بىرىنجى بۇلۇپ چۈشكىنى .50-55 ياشلار ئەتراپىدا ، چىچىنى قاپقارا بۇيتىۋالغان<چاچلىرى ياغلىقتىن چىقىپ قالغان> ، بىشىغا ئاددى كۇنا ياغلىق ،ئۇچسىغا كىرلىشىپ كەتكەن ئىككى تۇگمىلىك يىشىل كاستۇم سارجى چاپان، ئىچىگە نىپىزرەك قىزىل قىشلىق گۇللۇك مايكا ،شاپتۇل چىچىگى سارجىدىن تىكىلگەن كەينىدە چىكى بار تار يۇپكا، ئاستىغا پۇشقىغى خىلى كەڭ قارا ئىشتان، پۇتىغا ئىگىز پاشنىلىق يازلىق تۇپلەي كەيگەن، بۇيى ئىگىز ،ئۇرۇق، قارامتۇل، قارماققا ياشلىغىدا خىلى گۇزەللەردىن قىلىشمايدىغان، ئەلىگە قۇيۇپ قۇيغاندەك ئۇخشايدىغان بىر ئايالنى،30-35 ياشلار چاممىسىدا ،چاچلىرىغا ئاق كىرگەن ،كۇزلىرى يۇغان، تۇرقىدىنلا يىزىدىن كەلگىنى چىقىپلا تۇردىغان، سىرىتمىلىق خۇما رەڭ چاپان ،كۇلرەڭ ئىشتان، پۇتىغا ھەربىچە پاختىلىق چۇخەي ،كەيگەن ئۇغۇر چىراي، قۇلىدا يۇغان سەپەر سۇمكىسى كۇتۇرگەن ئىككەيلەن چۇششىگە ،ئەلى يۇگۇرۇپ دىگىدەك ئالدىغا بىرىپ ئاۋۋال ئايالنى ،كىيىن ئەرنى قۇچاغلاپ كۇرۇشتى .مۇبارەكمۇ قايدە بۇيىنچە ئالدىغا بىرىپ، ئاۋۋال قۇلىنى كۇكرىگگە قۇيۇپ، بىلىنى ئىگىپ بىشىنى تۇۋەن قىلىپ ئىككىسىگە  سالام  قىلىپ بۇلۇپ، قىينى ئانىسىنى قۇچاغلاپ ،يۇزىنى يۇزىگە يىقىپ كۇرۇشتى.
ئايال مۇبارەكنى ياراتمىدىمۇ ئەيتاۋۇر ،ئەلى بىلەنلا بۇلۇپ مۇبارەك بىلەن مۇنداقلا كۇرۇشۇپلا بۇلدى قىلدى،
ماشىنىدىكى نەرسىلەر چۇشۇرۇلۇپ، ئەلى ئاكىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇلارنىڭ يۇك-تاقلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭغىچىمۇ مۇبارەك ماشىنا تۇسۇپ ئۇلگۇردى.
-بالام ،ئابدان تۇرۇپسىلە ئاينا، بىزمۇ سىلىنى كۇدۇك ، ئەمدى ئەركىننىڭ ئۇيىگە بىرىپ شۇيەردە تۇرلى، كۇگۇڭ كەلسە ئەركىننىڭ ئۆيسىنى بىلگەنكىدىن باراسە ماخما؟
-ئانا، نىمانداق كىلىپلا ،مىنىڭ ئۇيۇمگە بارماي نەۋرە تۇققىنىڭنىكىگە بارمەن دەيسە ؟ ئەلى سەل خاپا بۇلغان قىياپەتتە مۇبارەككە قاردى.
-راس دەيدۇ ئانا ، يۇرسىلە ئاۋۋال بىزنىڭكىگە بارايلى، ئۇيەرگىمۇ كىيىنچە زىرىكىپ قالغاندا بارامىز ،مەن ئاپىرىمەن،  مۇبارەك گىپىنى تۇگەتكىچە ماشىنىمۇ كەلدى. قىز ماشنا بىلەن بۇلۇپ كىتىپ ئايالنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلمىغان ئىدى. ئايال بۇلسا مۇبارەككە بىردەم-بىردەم ئاليىپ قارايتى. ئەلىنىڭ بۇلسا باش -كۇزلىرىنى سىلاپ ،مەڭزىلىرىگە سۇيۇپ ،كۇزىگە ياش ئىلىپ قۇللىرىنى تۇتۇپ ئۇلتۇراتتى، ئۇيگىمۇ كەلدى ،مۇبارەكنىڭ  مەشكە سىلىپ قۇيغان كۇمۇرى ئۇينى تۇنۇردەك ئىستىۋەتكەن، قەيسەر ئۇيناپ ئۇلتۇراتتى، ئايشەم ئانا سەي تۇغراۋاتاتتى،
بۇلار ئۇيگە كىرشىگە قەيسەر چۇچۇك تىللىرى بىلەن يىرىم ياتا گەپ قىلىپ مۇبارەككە ئىسىلدى،
-ئاپا، كۇشاك ئاشە ،مەن نان ھام ئىتە ،شەن ئاش پىش ھە،
-ماقۇل قۇزام ، قارا بۇ كىمۇ ؟بۇ ئاناش ،بۇ داداش، ئانا ،دادا دىگىنە ئۇمقۇم،
ئەلىنىڭ ئانىسى ھاۋاخان ئايشەم ئاچا بىلەنمۇ مۇنداقلا سالاملىشىپ  تۇرگە چىقىپ كۇرپە ئۇستىدە بۇتتەك قىتىپ ئۇلتۇرۇپ قەيسەرنى كۇرمەسكە سالدى. ئەلىنىڭ ئاكىسى ئالىم 4 خۇتۇندىن 3 باللىق بۇلۇپ ئاجرىشىپ كەتكەن، بالا خۇمار بويتاق ئىدى. ئالىم ئۇماق قەيسەرنى تۇتىۋىلىپ،
-بالام، مەن كىما ؟دادا دىگىنە، بىنى سۇيۇپ قۇيە، كەمپۇت بىرىتمەن ،دەپ قەيسەرگە كىرشىپلا قالدى.  قەيسەر بۇلسا بىردەم مۇبارەككە، بىردەم ئايشەم ئانىغا ،بىردەم ئەلى تەرەپكە يۇلقۇنۇپ، بۇ مىھمانلاردىن ھىتىرقاپ يىغلاشقا باشلىدى .ئالىمجان
-ھاي مۇبارەكخان ،نىمدا قىتتا بۇ بالا، بىزنى يات كۇدىيا ،ھاي نەبى ، گەپ قىلغىنا بۇنىڭغا،  دەپ قەيسەرنى قۇيۇپ بەرمەيتى.
-سىلەرنى بۇرۇن كۇرۇپ باقمىغاندىكىن شۇڭا سەل ھىتىرقاپ قاپتۇ، كۇنۇپ قالدۇ، بالام بۇمۇ داداش ئاناش قاچماڭ بالام ،
ئايشەم ئانا مۇبارەك دەملىگەن چاينى مىھمانلارغا ئۇزتۇپ تۇرۇپ ئەسكەرتىش بەردى،
-قىنى قۇدام، سىرىت سۇغۇق، ئىسسىق چاي ئالسىلا ،ناۋات سىلىپ قۇياي ،تاماقمۇ ھازىر پىشدۇ،
ھاۋاخان مۇبارەككە بىردەم قاراپ تۇرۇپ كىتىپ، كۇتىگە ئىسسىق ئۇتكەن بۇلسا كىرەك تىشىدىكى چاپىنىنى سىلىپ قۇيۇپ چاينى ئالدى.
-قىزىم ،سەن بالاڭنى بىقىپ تۇر، مەن تاماق قىلىپ كىرەي،
ئايشەم ئانا شۇنداق دەپ تۇغرالغان سەينى كۇترۇپ چىقىپ كەتتى.
-نەبىي، ئاشنى نەدە ئىتىتتا؟ ئا خۇتۇن تاماق قىلاي دەپ كۇكتاتنى ئىلىپ چىكەتتىيا، كىما ئا خۇتۇن؟
ھاۋاخان مۇبارەكنى  ئاڭلىسۇن دىگەندەك، قەستەن ئاۋازىنى كۇترۇپ سۇردى، ئەلى
-ئانا، نىمانداق گەپ قىلسەن ؟ئۇ، مۇبارەكنىڭ ئاپىسى. <قىينى ئاپام> ،يانتام قىينى ئاپامنىڭ ئۇيى. سىلەرنى< سەي قۇرىسام بۇستا ئۇلتۇرالماي قالمىسۇن >دەپ، تاماقنى نىرىقى ئۇيدە ئەتمەكچى.
ئەلى گەپ قىلۋىتىپ مۇبارەكنى ھاۋاخانغا شەرەتلەپ كۇزىنى قىسىپ قۇيدى. ئەمما بۇ ئايال <مەيلى> دىگەندەك بىشىنى سىلكىپ ،ئەلىگە ھۇمۇيۇپ مۇبارەككە ئالايدى. بۇنى مۇبارەك كۇرۇپ قالدى.
-ھە ئەلى سىلەر پاراڭلىشىپ ئۇلتۇرۇڭلار ،مەن ئاپامغا ياردەملىشىپ تاماقنى تىزراق پۇشرايلى، قەيسەرنى ئىلىپ چىقىپ كىتەيمۇ؟
-كىمائۇ ئەلى دىگەن؟ ئۇغلامنىڭ ئىسمىچا نەبى جان، بالىڭىزنى ئەپ چىقىپ كىتىڭ ،بالا باققىدەك ھالىمىز يۇق ،گەپنى -گەپ قۇشمىيتتۇ،
مۇبارەك قەيسەرنى كۇترۇپ چىقىپ كىتىشىگە ھاۋاخان ئاغزىنى قۇيۋەتتى.
-ھاي، بالاماي، نەدىن تاپتىڭا بۇ بۇراغنى ؟خۇتەندە نى قىزلا تۇسا ،ئۇنۇ، قالىغاندا سىنى ئىسىتقۇ قىلۋاپتۇ بۇ جۇۋاينىمەك تەلە، كاللاڭنى ئىشلىتىپ ۋاختىدا يۇلغا  سىلىپ خىتىنى بە ماقما؟
-ئانا ،نىمانداق گەپ قىلسەن؟ پەسرەك سۇزلىگىنە، خەقنىڭمۇ قۇلقى بار، ئاڭلايدۇ ،سەن بىلمىگەندىكىن مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئارلاشما ،ئۇنىڭ ئۇستىگە بىر ئۇغلۇم بار تۇرسا، سەنمۇ قىززىق ئىكەنسەن،
-ھاي ،ئەگەر مۇشۇ بۇرالقى بۇراغ بىلەن ئۇي تۇتىدىغان بۇلساڭ  قالا ،ئۇلسەممۇ  كۇزۇم ئۇچۇق كىتىتتۇ ، گۇرۇمدە تىك ئۇلتۇرمەن،  رازى ئەمەسمەن بۇ ھىشىققا ماخما؟ بالىسىنى ئۇزى باقسۇن، بىسى تۇغۇڭ خىنىم دەپ زۇلاپمىتىكىنا؟ ئاران تۇغان بۇراغكەن بۇ،سەن< بالا بەلدە، خۇتۇن يۇلدا،> دەپ ئاڭلىمىغانما شۇۋا ،مىڭ بالاڭ بۇلسىمۇ  ئاجراش، بۇممىسا ساڭا مۇشۇ يەردىلا ئۇلەپ  بىرىتمەن بىلدىڭما ؟ھۇ  ئازگالچى ئۇغرە،
بۇلارنىڭ يۇقرى ئاۋازدا قىلىشقان گىپىنى .ئىسسىق سۇيقاشنى پەتنۇسقا سىلىپ كۇترۇپ كىرۋاتقان مۇبارەك ئاڭلاپ، ئىشىك تۇۋىدە نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.
  ......................................................................................................................................................                                                                                           كۆپۈك
مۇبارەك قەستەن يۇتىلىپ قۇيۇپ قۇلىدىكى پەتنۇسنى كۇتىرىپ ئۆيگە كىردى ھاۋاخان پىتىنى بۇزماي ئۇلتۇردى ئەلى چىنلەردىكى ھۇرى كۇتۇرلۇپ تۇرغان  مىزلىك سۇيقاشنى ئانىسى بىلەن ئاكىسىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ
-قىنى ئانا  كەلگىچە قۇرسۇغۇڭلارمۇ ئاچقاندۇ بۇ ھاردۇق ئېىشى تارتىنماي ئالە
ئەلى ئۇزىمۇ بىر چىنە ئاشنى ئالدىغا تارتىپ
-ئاپام قىنى خۇتۇن سەنمۇ كىلە
گەپنىڭ ئايغى ئۇزۇلمەيلا ئايشەم ئاچا ئاشنى قازان بىلەنلا كۇتىرۇپ كىرىپ قازاننى مەشكە ئىسىپ قۇيدى
-قىنى قۇدام ئالسىلا سۇۋۇپ قالمىسۇن سىلەرنى ئىسسىغىدا ئىچسۇن دەپ قازاننى كۇتۇرۇپلا كىردىم مۇبارەك قەيسەر يالغۇز قالدى چىقىپ ئەكىرۋىلىڭ قىزىم بىللە ئۇلتۇرۇپ تاماق يەيلى
مۇبارەك قەيسەرنى كۇتىرۇپ كىرگەندە ئۇي ئىچىنى قۇشۇقنىڭ چىنىگە تىرىڭ-تىرىڭ قىلىپ تەككەن ئاۋازلىرى بىلەن تاماق يىگەندىكى شالاپ -شۇلۇپ ئاۋازلار بىر ئالغان قەيسەرنى سۇپىغا قۇيۇپ بىرشىگە ئۇمىلەپ ئەلىنىڭ يىنىغا كىلىپ
-دادا مەن گۇش ھام جىك  ھام ھە  دەپ چىنىگە ئىسىلدى
-بالام جىم تۇر قۇلۇڭنى كۇيدۇرۋالسەن مانا مەن ئىلىپ بىرەي  ئەلى چىنسىدىن نەچچە تال گۇشنى ئىلىپ تاماقنى بۇلۇپ سۇۋۇتۇش ئۇچۇن قۇيۇپ قۇيۇلغان بىر پىيالىگە سىلىپ قەيسەرگە بەردى قۇرسىغى ئېىچىپ كەتكەن قەيسەر پىيالىنى ئىلىپلا قۇلىنى تىقىتى قىززىق گۇش قۇلنى كۇيدۇردىىمۇ يىغلاشقا باشلىدى ھاۋاخان قەيسەرگە بىر قارۋىتىپ
-ئۇنۇ،نىماندا ئاچ بالا بۇ ھەجەپ غەللىسى تۇلىكەنيا بۇنىڭ ھاي باشنى بى ئاغرىتمىغىنا دەپ كۇزلىرىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ ۋاقىردى بۇ نى كۇرۇپ بالا تىخىمۇ ئەدەپ كەتتى
ئەمدىلا بىر قۇشۇق ئاشنى ئاغزىغا ئاپارغان ئايشەم ئاچا تاماقنى  جايىدىلا قۇيۇپ قەيسەرنى قۇچىغىغا ئىلىپ بەزلىگەچ ئۆز ئۇيگە ئىلىپ چىكەتتى مۇبارەكمۇ كەينىدىنلا چىقىپ
-ئاپا تاماق يىمەمسىز ئەكىلىڭ مەن ئالاي كىلە بالام يىغلىما ھە مەن جىق گۇش ئىلىپ بىرمەن دىدى ئايشەم ئانا بىر دەم تۇرۋىتىپ
-بۇلدى بالام مىنىڭ قۇرسۇغۇم تۇق سەن ئېىشىڭنى ئىچۋال قارغاندا  ئەلى ئىككىڭلارنىڭ ئۇيۇڭلار-ئۆي بۇلمايدىغاندەك تۇردۇ بۇ ئايال بىزنى ياختۇرمىغان ئۇخشايدۇ سەن سەل ئىغىرراق بۇل كىلىن بۇلماق ئاسان ئەمەس بالام قەيسەرنى بۇلسىمۇ ئۇيلاڭلار ئىككى ئىغىز گەپتىن قالساڭ سىنى گاچا دىمەيدۇ مۇمكىن قەدەر قىينى ئاناڭنى خاپا قىلما دىگىنىنى قىل ئايغىڭ ئىتتىك قۇلۇڭ چاققان قۇلاق دىڭ  كۇزۇڭ كۇر تىلىڭ سۇزسىز بۇلسۇن بىكار بۇلساڭ مۇڭداش گىپىنى ئاڭلا بەدەنلىرىنى تۇتۇپ قۇي ئادەم قىرىغاندا مىجەزى چۇس بۇلۇپ قالىدۇ ئاللا يامان كۇنلەردىن ساقلاپ كۈيئۇغلۇم بىلەن قىزىمغا نۇسرەت ئاتا قىلغايسەن  دىدى
-ئاپا مەنمۇ بىلىپ تۇرۋاتىمەن قىينى ئاپام ئۇيگە كەلگندىن باشلاپلا ماڭا بىر قىسما قارغانتى دەپ ئاڭلىغان كۇگەنلىرىنى ئايشەم ئاچىغا ئىيتىپ بەردى
-بۇلدى سەن چىقىپ چىنلەر بىكار بۇلغان بۇلسا ئاش ئۇسسۇپ بەرگەچ تامىقىڭنى يەۋال ئامال بار قىينى ئاپاڭنىڭ چىرايىغا بۇلۇپمۇ كۇزىگە تىكىلىپ قارما
مۇبارەك چىققاندا ھاۋاخان بۇشىغان چىنلارگە ئۇزى ئاش ئۇسۋاتاتتى
ئاردىن ئىككى كۇن ئۇتتى ئەلى ئىشقا كەتكەن ئايشەم ئانا مەرھابانى يۇقلاپ كەتكەن  كەچلىك تاماققا سەيمۇ تۇگىگەن ئەلىنىڭ ئاكىسى ئالىمجان بازار ئارلاپ چىقىپ كەتكەن ئۇيدە ھاۋاخان قەيسەر مۇبارەك ئۇچىلا قالغانتى ھاۋاخان پىشىن نامىزىنى ئۇقۇپ بۇلۇپلا يۇتقانغا شۇڭغۇپ ئۇيقۇغا چۇشكەن مۇبارەك ئىشلىرىنى تۇگتۇپ بۇلۇپ
-ئانا مەشكە كۇمۇر سىلىپ قۇيدۇم ئىس ئىلىپ كەتمىسۇن دەرىزىنى ئازراق ئىچىپ قۇيدۇم مەشنىڭ ئالدىدىكى گۇرجەكتە كۇمۇربار ئۇتمۇ ئۇچۇپ قالماس مەن سەي ئىلىپ كىلەي قەيسەرنى بىللە ئەپ كتەي دىسەم ئۇخلاپ قالدى ھەم سىرىتمۇ سۇغۇق ئۇزىنىڭمۇ مىجەزى يۇق ئىچى سۇرۇپ قاپتۇ خاپا بۇلماي بالىغا قاراپ قۇيسىلا  ئۇ ئۇيغۇنۇپ بۇلغىچە كىلىپ بۇلمەن
ھاۋاخان بىشىنى يۇتقاندىن چىقىرىپ ماقۇل دىگەندەك لىڭشىتىپ قۇيۇپ يەنە ئۇيقۇغا تەگدى  مۇبارەك ئىشىكنى ھىم يىپپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى
ئەلىنىڭ ئانىسى كەلگەندىن بىرى مۇبارەككە گەپ قىلىش تۇرسۇن چىرايمۇ ئىچىپ باقمىدى بۇ ئايالنىڭ قىىينى ئانىلىغى كۇچلۇك مىجەزى ئۇسال بۇلغاچ مۇبارەكمۇ گەپ قىلىشتىن ئەيمنەتتى
مۇبارەك سۇدىلىغىنى تۇگتۇپ ھايال بۇلمايلا قايتىپ كەلدى ئۇ ئۆيگە كىرگەندە مەشتىكى ئۇت ئاللا بۇرۇن ئۇچۇپ ئۆي مۇزلاپ كەتكەن قەيسەرنىڭ ئىچى سۇرۇپ ياتقان ئۇرنىدىن قۇزغۇلۇپ سۇپا ئۇستىگە سېلىنغان كىگىزگە قۇيۋىتىپ مۇبارەكتىن قۇرقۇپ ئۇمىلەپ يەرگە چۇشۇپ سۇپا ياقىلاپ يۇرۇپ مەشتىكى كۇلنى كىچىك گۇرجەك بىلەن تەرەت ئۇستىگە قالايمىقان تۇكۇپ ئۇينى بۇلغىۋەتكەن
ھاۋاخان بۇلسا يۇتقانغا چىڭ چۇمكىنىپ تىخچە غىمىدە يۇق ئۇخلاۋاتقان ئىدى
سىرىتتىن مۇزلاپ كىرگەن  مۇبارەك ئۆيگە كىرىپلا بۇ ئىشلارنى كۇرۇپ شۇنچىلىك ئاچچىغى كەلگەن بۇلسىمۇ ئۇشۇقچە گەپ قىلماي ئۆي تازلاپ ئۇت قالىدى ھاۋاخان بىشىنى يىرىم كۇترۇپ
-كەلدىڭىزما بالا تەرەت قىلۋەتتى ئۇتمۇ ئۇچتى بۇلىڭە بەك مۇزلاپ كەتتىم  دىدى بۇ ھاۋاخاننىڭ تۇنجى قىتىم ئۆزىنىڭ  مۇبارەككە گەپ قىلشى ئىدى
بۇلار كىلىپ ھەپتىدىن كىيىن رۇزا باشلىنىپ كەتتى ھاۋاخاننىڭمۇ مۇبارەككە زۇلمى بارغانچە كۇچەيدى
بۇگۇن مۇبارەك كىر يۇيۇشقا تۇتۇنۇپ ئۇلتۇراتتى ئەلىنىڭ ئاكىسى ئالىمجان
-ھاي مۇبارەك بۇگۇن كىر يۇيامسىززا
-ھەئە كىيىملىرىڭىزبارمۇ قۇشۇپ يۇيىۋىتەي!
ئالىمجان سۇمكىلاردىن ئۆزىنىڭ ھەم ئانسىنىڭ بىرمۇنچە كىر كىيملەرنى ئىلىپ تاشلىغاچ،
-سىز كىر يۇيۇڭ ،مەن بالىغا قالاي ،بالدۇراق بىكا بۇلۇپ ئىپتاغا ئۇلگۇتۇپ بى لەڭمەن ئىتىڭا ماخما؟
مۇبارەك كۇلۇپ قۇيۇپ، كىرگە تۇتۇش قىلدى .ئالىمجاننىڭ تاشلىغان كىيىملىرى. سارج ،سۇكنەي ،قىشلىق مايكا ،قۇلدا تۇقۇلغان يۇڭ ئىشتان، دىگەندەكلاردىن ئىبارەت ئىدى.
مۇبارەك قۇلدا يۇيۇشقا بۇلمايدىغان قاتتىق تالالىق بۇ كىيىملەرگە قاراپ تۇراتتى .ئالىمجان
-ھاي ،نىم بۇلدە؟ ئۇيلۇنۇپ تۇرۇپ كەتتىڭىزيا؟
-ئالىمجان ئاكا، بۇ كىيىملەرنى قۇلدا يۇسا بۇزۇلۇپ كىتىدۇ ، شۇڭا تۇرۇپ قالدىم،
-ھىچنىم بۇمىييتۇ، يۇيىۋىرىڭ، ئاناممۇ مۇشۇنداق قىتتۇ،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي سۇ تەڭشەپ بۇلۇپ ئەمدى كىرنى سالاي دىيشىگە ھاۋاخان،
-ھاي خىنماي ،ماڭا قالاڭ ،ھەممىنى بىر قۇشاپ يۇماي ،ئەركىشنىڭ ئىچ كىيمىنى باشتا ،كىين مىنىڭكىنى، ئاندىن ئۇزىڭىز بىلەن بالڭىزنىڭكىنى يۇيۇڭ ماخما ؟دىدى. مۇبارەك ئۇنسىزلا باشتا ئالىمجاننىڭ كىر بۇلۇپ رەڭگىنى پەرىق ئەتكىلى بۇلمايدىغان ئىچ مايكىسىنى سۇغا سىلىپ سۇپۇن  چىچىپ ئەمدى ئۇگىلاشقا ،مۇبارەكنىڭ قۇللىرى ئۇستىگە بۇغدايدەك چۇڭلۇقتا نەرسىلەر ئۇمىلەپ بارغانچە جىقلاپ چىقىشقا باشلىدى. مۇبارەك قۇلىغا قاراپ بۇنىڭ نىمىلىكىنى چۇشەندى،
ئۇ  كىرلەرنى يۇيۇپ ،قايناقسۇ غا بىسىپ ،تۇڭغا سىلىپ دىگەندەك خىلى ھەپىلىشىپ ئاخىر يۇيۇپ بۇلدى. قاراپ ئۇلتۇرغان ھاۋاخان بۇلسا مۇبارەكنى ھىلىدىن- ھىلىغا ئىپتارلىق لەغمەنگە ئالدىرتاتتى. ئەلى ئىشتىن چۇشۇپ كىرىپ،
-ۋاي-ۋۇي ،نىمانچە جىق كىر يۇدۇڭ؟ ئاز-ئازدىن يۇساڭ بۇلمامدۇ ؟تۇڭ قىشتا كىممۇ بۇنداق جىق كىيىم يۇيدۇ ،ئاغرىپ قالما ئەمدى، دىدى.
-ھۇي نەبىي. خۇتنۇڭغا خىلى كۇيدىسەنسەن ھە؟ مەنچا ،بۇنداق كىردىن نەچچىنى يۇيۇپ چۇڭ قىلغانيا بالام سىنى ، مىس-مىس خۇتنۇڭ كىچىككىنە كىر بىلەن ئالەمنى كەش قىلدىيا، مانا ئىپتارغا ئۇلگۇرمەيدىغان بۇلدى. ھاۋاخان غۇڭشىغىنىچە تەتۇر قاراپ ياتتى.
-خاپا بۇلما ئانا، مەن ساڭا ئىپتارلىق ئىلىپ كىرەي ،  ئەلى شۇنداق دەپلا ئۆيدىن تاماق قاچىسىنى ئىلىپ كەينىگە ئۇرلۇپ چىقىپ كەتتى .
ئالىمجان قەيسەرنى قىچىقلاپ ئۇينۇتۇپ ئۇلتۇراتتى. قەيسەرمۇ ئالىمجانغا كۇنۇپ قالغان بۇلسىمۇ چۇڭ ئانىسى ھاۋاخانغا يىقىن يۇلمايتى .ھاۋاخاننى كۇرسىلا بىرى ئۇگتۇپ قۇيغاندەك.
-پۇفە ئاناش. ھۇ  ئاناش .ئەلەخ ئاناش .دەپ قاچاتتى.  ئەلى ئاشخانىدىن لەغمەننى ئىلىپ كىرگەندە ھاۋاخان ئىپتارغا ئۇلتۇرغان ،ئايال ئىپتارنى قىلىپ بۇلۇپ تاماقنى ئىشتاھا بىلەن يىدى.
-بالام نەبىي، زۇلۇققا قانداق قىتمىزا؟ خۇتۇنۇڭ ھەقاچان ئالەمچە ئىش قىلغاندەك ھىرىپ كەتتىم دەپ كالىدەك ئۇخلىيتۇ ،
-ۋاي غەم قىممىيە ،نىمە يەيسە؟ زۇلۇققا ساڭا ئىسىل تاماق ئىلىپ كىلمەن ، شۇ پاراڭدىن كىيىن بۇلار ئۇخلاش ئۇچۇن ياتتى.
دىمىسىمۇ بۇ نامرات ئائىلىدە ئۇچاغلاردا نەدىمۇ كىر ئالغۇ بۇلسۇن، بىرمۇنچە قىلىن- قاتتىق  نەرسىلەرنى يۇيۇش خىلى ئادەمگە تەس كىلىدۇ ،مۇبارەك ھەقىقەتەن ھىرىپ-چارچىغان،  بەللىرى ئاغرىپ پۇتلىرى تىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا يىتىپ ھايال ئۆتمەيلا ئۇيقۇغا كەتتى .
تاڭ سەھەردە ھاۋاخاننىڭ تاراق-تۇرۇققىدىن ئۇيغۇنۇپ كەتكەن مۇبارەك مەشكە ئۇت يىقىپ بۇلۇپ،
-ئانا ،نىمىگە كۇڭۇللىرى تارتىدۇ ؟دەپ سۇردى.
-بۇلدى. نەبىي بالام تاماق ئالغىلى كەتتى. بۇ بىچچارە ئۇغلام بۇلمىغان بۇلسا رۇزىمۇ تۇتالماي ئاچ قالدىكەنمىز ،ھاۋاخان مۇبارەكنىڭ ناشتىلىق دەككىسىنى بىرىپ قۇيۇپ مەشنىڭ ئالدىدا ئۇلتۇردى. ئۇنىڭغىچىمۇ ئەلى گۇش بىسىلغان پۇلۇنى كۇتىرۇپ كىرىپ،
-تۇرۋاپسەنغۇ خۇتۇن؟ سەن يىتىۋەر ،ھاردۇغۇڭمۇ چىقمىدى ھە قاچان ،مەنمۇ ھازىر ئىشقا ماڭمەن،  دىدى.
مۇبارەك چاي قاينىتىپ بۇ ئەزىز مىھمانلارنىڭ قۇرسىغىنى تۇيدۇرۇپ بۇلۇپ ،چىنلەرنى يىغىشتۇرۋىتىپ چىنىدە بىر پىيەلە كەلگىدەك ئاشنىڭ ئىشىپ قالغىنىنى كۇرۇپ ئاشنى پىيالىگە تۇكۇپ ئىشكاپ ئىچىگە سىلىپ قۇيۇپ ياتتى.
مۇبارەك قەيسەرنىڭ<ئاپا  جۇجۇ با>. دىگەن سۇزىدىن ئۇيغۇنۇپ بالىسىنى تۇسۇپ بۇلۇپ مەشكە كۇمۇر سىلۋاتقاندا ئەلى ئىشىكتىن كىردى.
-قايتىپ كەپسەنغۇ ؟نىم بۇلدى ئەلى؟
-ھە، لۇبەننىڭ مىجەزى يۇق ،دۇختۇرغا كەتتى. بۇگۇن ئارام ئالدىغان بۇلدۇق،
ھاۋاخان ئەلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇرنىدىن تۇرۇپ،
-بالام تالا سۇغما؟ تۇڭدۇڭما ؟كىلە بالام يۇتقانغا كىشىپ ئىسسىۋال،
-بۇلدى ئانچە تۇڭمۇدۇم، كىچىك بالا بۇممىسام يا ،سىنىڭ يۇتقىنىڭغا كىرىپ ياتىدىغان، مىنى تىخىچە كىچىك بالا كۇردىكەنسەن ھە؟  بىر بالىغا دادا بۇلدۇق ئەمدى،
-بالام، بالادىگەن ئانا ئۇچۇن ھەر دائىم كىچىك بۇتتۇ، ھەراس ،مۇبارەك خان ساي قىپ قالغان ئاشنى ئىلڭا ،نەبىي ئۇغلام يىۋالسۇن،
مۇبارەك بالىنى قۇيۇپ پىيالىدىكى ئاشنى ئىلىپ ئەلىگە بەردى، پۇلۇغا ئامراق قەيسەر دادىسىنىڭ قۇلدىكى ئاشنى كۇرۇپلا دادىسىغا ئەكىلەپ ئەلىنى سۇيۇپ تۇرۇپ،
-دادا، پۇ ئاش ،مەن ھام ئىتە ھە؟ دەپ كەتتى .ئەلىمۇ
-ماقۇل، ماقۇل ،ئاپاڭ يىدۇرۇپ قۇيسۇن ،سەن چىچىۋىتىسەن، دەپ ئاشنى مۇبارەككە تەڭلىدى. بۇ ئىشنى كۇرۇپ تۇرغان ھاۋاخان ئۇرنىدىن تۇرۇپ پىيالىنى مۇبارەكنىڭ قۇلدىن يۇلۇپ ئالدىدە ئەلىگە تەڭلەپ،
-بۇ ئاشنى چا، يىسەم يەپ بۇتتۇم گىلىمدىن ساڭا سۇغرۇپ ئىلىپ قۇيغانيا، بۇ شۇمۇڭ چۇڭ بۇلغىچە مۇنداق ئاشتىن نەچچىنى يىيتۇ ، يىگىنا ئۇزەڭ بالاڭغا سىقىنماي، <مەن كۇيەمەن بالامغا ،بالام كۇيە بالسىغا ،>دەپ نىم بۇلۇپ كاتتا بۇ؟ دىدى،
ئاشقا قاراپ ئىغىزىنى تامشىتىپ تۇرغان قەيسەر ھاۋاخاننىڭ ئاشنى تارتىۋالغىنىنى كۇرۇپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.
-ئانا ،نىمداق قىلسىنا؟ بۇمۇ سىنىڭ نەۋرەڭيا؟ كىچىك تۇسا ،ئۇنۇ ،بەك ئاشۇرۋەتمە ماخما؟ ئالىمجان ئەمدى چىدىماي قايناپ كەتتى.
-ھۇي، ساڭا نىمە دەز كەتتا؟ بىلمىگەنكىدىن ئىششىڭنى قىل ،  ئاشپەزگە گەپ قىسام ،ناۋاي ئۆزىگە ئاممىسىمۇ بۇتتۇ ماقما؟
بۇلار گەپ تەگىشىۋاتقاننىڭ ئۇستىگە ئايشەم ئانا كىرىپ كەلدى.
-ئەسسالام ،سالامەت تۇرۇشلىمۇ ؟مۇبارەك نىم بۇلدى بالام؟ قەيسەر نىمىگە يىغلايدۇ  ؟ ئايشەم ئانا قەيسەرنى قۇلىغا ئىلشىغا قەيسەر ھاۋاخاننى كۇرسىتىپ،
-مەن پۇ ئاش ھام ،دادام ھە ،ئا پۇفە ئاناش ياك ،  دەپ يىغلاشقا باشلىدى. بالىنىڭ يىرىم ياتا سۇزلىرىنى چۇشەنگەن ئايشەم ئانا،
-يىغلىما بالام ،مەن ساڭا ھازىرلا پۇ ئاش ئىتىپ بىرەي، جىق گۇش ئەكەلدىم ،تاتلىق بالام، ئالتۇن قۇزام ،دەپ قەيسەرنى بەزلىگەچ ئۇيىگە ئىلىپ چىكەتتى.
مۇبارەك نىمە قىلارىنى بىلمەي كۇزلىرىگە ياش ئالغانچە ئايشەمخانغا ئەگەشتى .ئەلىمۇ مۇبارەكنىڭ كەينىدىن يۇگرۇپ دىگۇدەك چىقىپ،
-خۇتۇن، ئاپامنىڭ مىجەزى سەل شۇنداغراق، نەچچە كۇندىن كىيىن ئۇڭشىلىپ قالدۇ ،كۇڭلۇڭگە ئىلىپ كەتمە، بۇلارمۇ بىزگە نەچچە كۇنلۇك مىھمان، ئۇبدان خۇتۇن چاندۇرمىغىن ھە؟ دىدى.
مۇبارەك ئەلىگە كۇلۇمسىرەپ بىشىنى لىڭشىتقان بىلەن كۇزىدىن ياش چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئايشەم ئانا قەيسەرنىڭ قۇسىغىنى تۇيغۇزۇپ بۇلۇپ،
-بالام، قىينى ئاناڭ كەلگىلىمۇ خىلى كۇنلەر بۇلۇپ قالدى. زىرىككەندۇ، ئەتە بازار ئايلاندۇرغاچ ئۇستى بىشىنى ئۇڭشاپ قۇيۇڭلار، كەلگەن پىتى كەتمىسۇن ،مەھەللە كۇينىڭ ئالدىدا سەت تۇردۇ بالام،  كۇڭلىمۇ ئىچىلىپ ،ئۇڭشىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، دىدى.
مۇبارەك بۇ گەپنى ئەلىگە ئىيتقاندا ئۇمۇ قۇللىدى. ئەتىسى ئەلىمۇ يەنە بىركۇن دەم ئىلىپ تۇققانلار بىلەن بىللە بازار ئايلانماقچى بۇلدى.
بۇگۇن يىڭى يىل كۇنى بۇلغاچ يۇللاردا ماشىنىنىمۇ تاپقىلى بۇلمايتى .مۇبارەك ئۇيدە بار پۇللار نى ئىلىپ ئەلىنىڭ ھەمرالىغىدا بازارغا ماڭدى. بۇلار خىلى ساقلىسىمۇ ماشىنا كەلمىگەچ ھاۋاخان،
-ھاي، نىمىگە قالاپ تۇرتمىزا بۇيەدە؟ ماڭمامدۇقا دىدى ئەلى
-ئاپا سىنى ھىرىپ قالمسۇن دەپ ماشىنا تۇسۇپ ماڭايلى دەيمىزغۇ،
- ئا  قۇيە بالام،  بازا كۇگەچ ماڭمامتىمىزا ؟ماڭغىنا ھاي ئالىم قىنى سەن؟
بۇلار ئالدىغا يۇز مىتىرچە ماڭغاندىن كىيىن يۇلنىڭ قارشى تەرپىگە ئۇتۇشكە تەييارلانغاندا ھاۋاخان يەرگە ئىڭشىپ پۇتىدىكى يازلىق ئايغىنى سىلىپ قۇلتىغىغا قىستۇرۇپ قىلىن قار  ئۇستىدە پايپاق بىلەنلا كىيىكتەك يۇرغلاپ يۇلنىڭ قارشى تەرپىگە ئۇتۇپ كەتتى .ھەممىنىڭ كەينىدە تۇرغان مۇبارەك بۇنى ئىنىق كۇرگەچ ئىتتىكلا ئاغزىنى تۇتۇپ تۆت ئەتراپقا خۇدىكسىراپ قاراپ قۇيۇپ ئەلىنى نۇقۇپ ،ھاۋاخاننى ئىما قىلدى. قەيسەرنى كۇترۇپ كىتىۋاتقان ئەلى بۇ  ئىشنى كۇرۇپلا،
-ئانا، نىمە قىلۋاتىسەن؟ ئايغىڭنى تىز كىيۋال، بىرەسى كۇرسە نىمە سەتچىلىك بۇ، دىدى.،
-بالام، پۇتۇمغا سىڭلىڭنىڭ كەشىنى كىيۋاپتىكەنمەن، يۇل قار-مۇز بۇلغانكىدىن تىيلىپ يىقىلىپ چۇشمەي دەپ سىلۋەتتىم ئاينىكا ،مىنىڭدىن ئىزا تاتىۋاتامسىنا ؟بەك ئۇزگەرتىۋىتىپتۇ سىنى بۇ تەلە ،دەپ مۇبارەكنى كۇرسەتتى. مۇبارەك بۇلارنىڭ تىلنى چۇشەنمىگەچ كۇلۇپلا تۇراتتى
-ئۇزەڭنىڭكىنى كەيسەڭ بۇلمامدۇ سەنمۇ ؟ دىدى ئەلى
-بۇسا كىيىتتۇ، ھەممە ئادەم باغا باتۇر،
-بۇلدى. بۇلدى.
بۇلار بازارغىمۇ كەلدى .بازارقىززىپ ئالارمەندىن ساتارمەن كۇپىيىپ كەتكەن، ھاۋاخاننىڭ نىمىنى كۇرسە ئالغۇسى كىلەتتى. مۇبارەك قىينى ئانسىغا مەيسە كالاچ ،ئۇزۇن كەڭ يۇڭ يۇپكا، مايكا چوڭ يۇڭ رۇمال، چاپان،  ئالىمجانغا بىر ئاياق، مايكا، ئىشتان- چاپان ،قاتارلىقلارنى ئېلۋاتقاندا ھاۋاخان پالانى بالام ،پۇستانى قىزىم دەپ بىرمۇنچە سۇۋغا -سالاملارنى ئالدۇرۇپ ،ئاخىردا بىر دۇخاۋا ئايالچە قارا پەلتۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ماڭغىلى ئۇنماي تۇرۋالدى .مۇبارەك ھەر ئىھتىمالغا قارشى دەپ ئېلۋالغان پۇلغا بۇنىمۇ ئىلىپ ،ئاخىردا ئەلى بىلەن ئۇزىگە بىردىن پايپاق ئۇيگە ئىككى يىرىم كۇيغا بەش تەخسە ئالدى .دەل شۇ چاغدا قەيسەر <ئاپا ئۆ ئۆ با > دەپ مۇبارەككە تەرەت قىلسۇسى بارلىغىنى ئىيتتى، ئەلى بىلەن ئالىمجان ئۇزلىرىمۇ بارغاچ ئۇلارنى ئادەم شالاڭراق بىر ئالتۇن جابدۇق ياساپ ساتىدىغان زەگەخاننىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ كەتتى .ھاۋاخان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى كۇرگەچ مۇبارەككە،
-ھاي خىنىماي ،بۇ جامۇ يا جىڭمۇ؟ دەپ ئەينەك رامكا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۇرسەتتى.
-ھەممىسى جىڭ ،چىرايلىق ئىكەن ھە ئانا ؟مۇبارەك رامكا ئىچىدىكى نەرسىلەرگە زۇقمەنلىك بىلەن قاراپ قۇيدى.
-نەبىي سىزگە قانچىلىك ئالتۇن، كىيىم -كىچەك تۇيلۇق ئالدى. تۇيۇقسىز سۇرالغان بۇ سۇ ئالدىن مۇبارەك سۇغۇق كۇلۇپ،
-قايسى پۇلغا ئالتۇن تۇيلۇق ئالدۇ، كۇنىمىز مۇشۇ تۇرسا ،ئۇزلىرىمۇ كۇرىۋاتىلىغۇ  ؟دىدى. گەپ تۇگەپ ھەر ئىككىلىسى سۇكۇتكە چۇمدى. ئەلىلەر قايتىپ كىلىپ ئۇيگە كەلگىچە ھاۋاخاننىڭ قاپىغى ئىچىلمىدى .ئەلى پات-پات ئانىسى بىلەن مۇبارەككە قاراپ مۇبارەكتىن نىم بۇلدى دىگەندەك ئىما قىلاتتى. مۇبارەك بۇينىنى قىسىپ مۇرىسىنى كۇترۇپ  ئۇقمايدىغانلىغىنى بىلدۇرەتتى.
ئەتىسى مۇبارەكنىڭ ئاچىسى مەرھابانىڭ قىينى سىڭلىسىنىڭ نىكا چىيى بۇلدى. مۇبارەك ئىشلىرىنى تۇگتۇپ قىينى ئاپىسىغا،
-ئانا ،تۇققانلارنىڭ تۇيى باتتى بىللە بىرىپ كىلەيلىمۇ ؟دەپ سۇردى. ھاۋاخان تەتۇر قاراپ يىتىپ بىشىنى ياق دىگەن مەنىدى لىڭشىتتى.
-ئەمسەمەن قەيسەرنى ئىلىپ بىرىپ كىلەي، ئاپاممۇ شۇ يەردە، بەك كەچ قالمايمەن، رەنجىمەي يىتىپ تۇرسىلا ،مۇبارەك بالسىنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى.
ئاردىن ئىككى سائەتتىن كۇپرەك ۋاقىت ئۇتتى بۇلغاي مۇبارەك ئۇيگە قايتىپ كىلىپ ھەيران قالدى .چۇنكى ئىشىكلەر ئۇلۇغ-ئۇچۇق ،ئۇتمۇ ئۇچكەن، قىينى ئانىسى بىلەن قىينى ئاكىسى يۇق، ئۇلارنىڭ يۇك- تاقلىرىمۇ يوق،

                                                                     ماجرا
مۇبارەك ئۇيگە كىرىپ ھاڭۋىقىپ تۇرغاندا، خۇشنىسى نۇرنىساخاننىڭ ئۇغلى قاھار چۇلاق سىرىتتىن سۇزلىگىنىچە كىردى.
-يائاللا بارمۇ سەن بۇدۇنيادا؟  بۇگۇن يا ئاپاڭنى، يا سىنى تاپقىلى بۇلمايدۇ ،سۇغۇقتا بالاڭنى قۇچاغلاپ نەلەردە يۇرسەن ئۇيۇڭدە ئۇلتۇرماي؟ نەچچە قىتىم كىرگەندىمەن، يا ئىشىككە قۇلۇپ سالماپسەن!
-نىم بۇلدى، بۇگۇن تۇققانلارنىڭ تۇيى باتتى. ئاپام ئىككىمىز شۇيەرگە بارغان. مىنى بىرە ئىش بىلەن ئىزلىگەنما؟
-قىينى ئاپاڭ بىلەن بىرە نەرسە دىيشىپ قالغانمىتىڭ؟
-ياق، قانداق دەيسەن ؟  مۇبارەك قۇشۇمىسىنى تۇرۇپ سۇردى.
-بايا ئىشىك ئالدىدىكى قارنى تازلاۋاتسام، خۇرجۇنلىرىنى كۇتىرۇپ كىتىپ باردۇ .سىنى سۇرسام جاۋاپ بەرمەي يىغلاپ كەتتى.
-يىغلىغىدەك نىمە ئىش بۇپتىكەن ؟  
-نىمىش بۇلغىنىنى سەن بىلمىسەڭ مەن قانداق بىلمەن؟
-ئەمسە قاياققا ماڭغىنىنى كۇردۇڭمۇ ؟بىلەمسەن ؟ نەگە كەتكەندۇ ئۇلار ۋاي خۇدايىم!
-ھىچنەگە كەتمىدى، مەن يۇلىنى تۇسۇپ بىزنىڭكىگە ئەكىردىم .
-سىلەرنىڭ ئۇيدىما؟
-ھە ،ھەيران قىلۋاتامسەن؟  مۇبارەك ئىككىمىز كىچىگىمىزدىن بىرگە چۇڭ بۇلدۇق .مەنمۇ سەندىن چۇڭ ،بىر-بىرمىزنى ئۇبدان بىلشىمىز، قارغاندا مۇماي سەندىن رەنجىپ قالغان ئۇخشايدۇ. تۇت كۇنلۇك مىھمان بۇلغاندىكىن ،بۇلسا كۇڭلىنى ئاغرىتماڭلا . سەنغۇ ئۇنداق قىلمايسەن ،يۇرە بىزنىڭكىگە چىقىپ چىرايلىق ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن مۇماينى ياندۇرۇپ كىرگىن،
قاھار بايا ئىيتقىنىدەك مۇبارەك بىلەن بىرمەھەللە ھەم مەكتەپداش ،مۇبارەكنى سىڭلىم دەپ ھىچكىمگە بۇزەك قىلدۇرمايتى. كىيىنچە ھەر ئىككىسى چۇڭ بۇلۇپ قاھار مۇبارەكنى ياخشى كۇرۇپ قالغان ،ئەلچى كىرگۇزگەن بۇلسىمۇ مۇبارەك ئائىلىسىدىكىلەر قىزنى كىچىك دەپ ئۇنمىغان، قاھار مەھەللىدىكى باللار ئالدىدا مۇبارەكنى ئالمەن دەپ قەسەم ئىچكەن، كىيىن قاھار تىجارەت بىلەن باشقا شەھەرگە كەتكەن، قايتىپ كەلگەندە مۇبارەك ئىغىر بۇي بۇلغاچ، ئائىلىسى ۋە مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئالدىدىلا ،ئۆزى چىمچىلاق بارمىغىنى چەيدۇدا چاناپ ئۇزۋەتكەن، شۇندىن باشلاپ كىشلار ئۇنى قاھار چۇلاق دەپ ئاتايتى.
مۇبارەك ئالدىراپلا قاھارلارنىڭ ئۇيگە كىردى. ھاۋاخان تاۋا كۇرپە ئۇستىدە باداشقاننى قۇرۇپ ئۇلتۇرۇپ دەرت تۇكىۋاتاتتى.
-ئەسسالام نۇرنىساخان ئاچا ،تىشلىقمۇ؟
-ۋەئەلەيكۇم ، كىلە قىزىم، ئۇتنىڭ يىنغا كەل، بالاڭ ئۇخلاۋاتامدا؟ قاھار بالىنى كۇرپىگە ياتقۇزۇپ قۇيە، قىنى قىزىققنا بىرپىيالە چاي ئىچە ئىسسىپ قالسەن،
-رەھمەت، بۇلدى ئاۋارە بۇلمىسلا ،
-ئەمسە ياندىكى ئۇيگە چىققىنە ،ساڭا ئىككى ئىغىز گىپىم بار،
مۇبارەك ياندىكى ياتاق ئۇيگە كىرىپ سۇپىنىڭ لىۋىدىلا ئۇلتۇردى.
-قىينى ئاپاڭ بىلەن ئاراڭلاردا نىمىش بۇلغان بالام؟
-بىر ئىش بۇلغىنى يۇققۇ ،
-بايا قاھار باشلاپ كىرىپتۇ ،مەنمۇ تازا ئىنىق بىلمىدىم كىتىمىز دەيدۇ، قارغاندا سەندىن سەل خاپا بۇلۇپ قالغان ئۇخشايدۇ ،مەنغۇ ساڭا ئىشنىمەن ،ئاللا سىنى بىزگە نىسىپ قىلمىدى .تەڭشەلمىگەن جاھاندە بۇ ھەي...............
-تۇۋا ، تۇنۇگۇن بىر ئۇبدان بازار ئايلىنىپ كەلدۇق ،كۇڭلىگە كەلگىدەك گەپ بۇلمىغان،
-ئالتۇن -جابدۇق تۇغۇرلۇق نىمە دىگەنتىڭ؟
مۇبارەك ئۇيلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ ،بۇلۇنغان پاراڭلارنى نۇرنىساخانغا بىرنى قۇيماي دەپ بەردى. نۇرنىساخان ياقىسىنى تۇتۇپ ،
-تۇۋا قىلدىم خۇدايىم تۇۋا، ئەمسە ماڭا باشقىچە گەپ قىلغانغۇ،
-سىلىگە نىمە دىدى.
-سەندىن يۇشۇرمايمەن  قىزىم ،قىينى ئاپاڭنىڭ دىيىشىچە تۇنۇگۇن زەگا بازىرىدا مۇماينى تىللاپسەن،
-نىمە .تىللاپسەن؟  نىم دەپ تىللاپتىمەن؟
-ئۇغۇللىرىنىڭ تاپقان پۇلسىنىڭ تاينى يۇق ،تۇزۇك تۇيلۇقمۇ ئالمىدى. بىكارغا تەگدىم ،تالاغا چىقىپ ئامىن دىگىدەك ھالغا چۇشۇپ قالدۇق، ئالتۇن جابدۇق ماڭىمۇ يارشاتتى .دىۋانىدەك كۇن كۇچۇرۋاتىمىز، بالامنىڭ يۇزنى دىمىسەم بىرمىنۇتمۇ تۇرمايتىم. ئۇغۇللىرىغا تەككەنگە خۇش بۇلسىلا دىگەندەك گەپلەر بارمىش، يۇلدۇشۇڭ ئاپىسىغا بىر پەلتۇنى تۇتسا خۇيۇڭ تۇتۇپ قاپتۇ ،مۇماينىڭ شۇنىڭغا ئاچچىغى كىلىپ تۇرسا ،ئەتتىگەن گەپمۇ قىلماي بالاڭنى ئىلىپ ئۇيگە ئۇتمۇ ياقماي كىتىپ قاپسەن ، نەگە باردىغىنىڭنى بىلمەي ساقلاپ ئۇلتۇرۇپ تۇڭلاپ ئاخىر كىتىش قارارىغا كەپتۇ ، بۇلۇنغان گەپلەر شۇ، ئەمدى ئۇيىگە ئۇلسەممۇ كىرمەيمەن دەيدۇ،
مۇبارەك بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يا كۇلشىنى يا يىغلىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى،
-قىزىم، مىنىڭچە  مۇماي گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس، سەن بىرىپ يۇلدۇشۇڭنى چاقىرىپ كەل، شۇ گەپ قىلىپ باقسۇن سىنىڭچە قانداق؟
مۇبارەك گەپ قىلماي ئۇرنىدىن تۇرۇپ يۇلدىشىنىڭ يىنىغا يۇل ئالدى .
مۇبارەك بىلەن ئەلى كەلگەندە ھاۋاخان نۇرنىساخان ئاچىغا  ئۇزىنىڭ ياشلىق چاغلىرىنى سۇزلەپ ئۇلتۇراتتى.
-ئانا ،يۇرە ئۇيگە چىقىپ كىتەيلى،
-نەگە؟ مىنىڭ ئۇيۇم خۇتەندە قالغان ،
-مىنىڭ ئۇيۇممۇ سىنىڭ ئۇيۇڭغۇ ئانا،
-بۇلدى بامىيتمىز ،سەنچا ئۇبدان خۇتنۇڭ بىلەن ئۆت ماقما؟
-ئانا، نىم بۇلغىننى دىمەمسەن؟
-ھاي، ئۇز خۇتنۇڭ دىمىدىما؟
-يىنىمغا بىرىپ ئاناملار كىتمىزدەيدۇ دىدى. نىمىشقا دىسەم بىلمىدىم دەيدۇ، زادى نىم بۇلدى ساڭا؟ تۇيۇقسىزلا كىتىدىغان بۇلۇپ قاپسەنغۇ؟
-نىم بۇلغىننى ئۆزدىن سۇرا ،گۇنا ئۇزىدە بۇلغاندىكىن دىمىيتۇ شۇنداق،
-ماڭە بۇلدى ،نىم گەپ بۇلسا ئۇيگە كىرىپ دىيشەيلى خۇشنىلارنىڭ ئۇيدە سەت تۇردۇ،
-شۇنداق قىلسىلا ،باللامۇ ئۇزىدىن ئۇتكەن خاتالىقنى بۇينىغا ئالار،
-نىمىنى ئاتتۇ بۇ ،بۇينى يۇغان تەلە،
-ھاي . نەبىي ماڭ دىگەنكىدىن ماڭغىنا، ئۇنۇ ئەجەپ كاجكەنسىنا ئانا ، خۇشنىلارنىڭ ،ئالىمجاننىڭ تۇرۇتكىسىدە ھاۋاخان ئاخىر ئۇيگە كىردى.
مۇبارەك مەشكە ئۇت يىقىپ بۇلۇپ تاماققا تۇتۇش قىلۋاتقاندا ئەلى،
-ھە نىم بۇلۇشقان ھەرقايسىڭلار غا ؟دەپ سۇردى. ھاۋاخان بىردەمدە مۇبارەكنى قاپقارا قىلۋەتتى، گەپ تىڭشاپ ئۇلتۇرغان ئالىمجان،
-ھاي قاچىنا؟ بىز يۇقمىتۇك ؟سەن پەلتۇنى تۇتقاندا نەبىي گەپ قىلماي ماڭدى. مۇبارەك نەبىينىڭ پىشنى تاتىپ بىرنىمىلەرنى دەپ ئىچ يانچۇغىدىن پۇل ئىلىپ بەدىيا ،5 كۇي كاملاپتى كەلنىڭ چاپانچىغا يالۋۇرۇپ كەتتىيا ،ئۇنۇ، سەنمۇ قارا يۇز كەنسەن ماقما ؟سىنى نەدە يۇرۇپ تىللايتۇ ؟نەدە قاپىغىنى تۇرۋالىتۇ ؟ سەن نىم دىمەكچى؟ ئانا ھەممە كەلنىڭگە سۇز قۇيۇپ باللىرىمىزنى يىتىم قىلدىڭيا؟ ئەمدى نۇۋەت نەبىيگە كەلدىما ؟ دەپ سۇزلىدى. ھاۋاخان يالغىقنىڭ ئۇچى بىلەن كۇزلىرىنى سۇرتۇپ،
-ھە، مەن يامان ،ئابدان ئايالدىن بىرنى داداڭغا ئىلىپ بىرىپ ئانا قىلۋال ماقما ؟ھاي خىنماي، خۇش بۇلدىڭىزما؟ ئاچىڭىز بۇلسا ،ما گادايغا ئىلىپ بىرىپ بىللە ئۇتمەمسىلە؟  دەپ تەنە قىلدى.
مۇبارەك ئارتۇق  گەپ قىلالماي  تىشىغا چىقىپ ئىشىك ئالدىدا ئۇلتۇردى .ئەلىمۇ مۇبارەكنىڭ يىنىدا ئۇلتۇرپ،
-نىمىش بۇلغىنىنى ماڭا تۇلۇق دەپ بىرە خۇتۇن دىدى،
-ئاپام دەپ بەردىغۇ ،يەنە نىمىسىنى سۇرايسەن،
-شۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى راسمۇ ؟مەن ئىشەنمەيمەن، سەن ئۇنداق قىلمايسەن؟
مۇبارەك ئەلىنىڭ سۇزلىرىنى ئاڭلاپ ئەلەم بىلەن يىغلىۋەتتى، ھەم بۇلغان ئىش ،گەپ- سۇزلەرنى تۇلۇق ئىيتىپ بىرىپ ئاخىردا .
-بۇلدى ئەلى. بىزمۇ ئانامنى  نارازى قىلماي ئاجرىشىپ كىتەيلى. پىشانىمىزگە پۇتۇلگىنى شۇ ئۇخشايدۇ ،ئۇن بالا ئەمەس  بىر بالمىزمۇ ئاللا ئۇمرىنى بەرسە چۇڭ بۇلغاندا بىزنى ئىزلەپ تاپار دىيشىگە مۇبارەكلەرنىڭ كەينىدە گەپ تىڭشاپ تۇرغان ھاۋاخان،
-ھاي خنماي، كىمگە قىيداپ بىرسىزا ؟نەبىيگە ئاجرىشىمەن دەپ قۇقاق سىلۋاتامسىز؟ <ئۇغلاڭ بۇلسا خۇتۇن كەممۇ، پالتاڭ بۇلسا ئۇتۇن> دەپ ئاڭلىمىغانما ؟سىز بۇلمىسىڭىزمۇ ئۇغلامنىڭ پاللىكىنى بۇرە يىمىيتۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇغلامنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلنى بىسىپ يىتىۋىلىپ، ئاسان قۇتۇلماقچىما ؟چىقىرىڭ شۇ پۇلنى! ئۇغلامغا ئالتۇندەك خۇتۇن تىگىتتۇ . بىزنى بۇش چاغلىماڭ ماقما! سىزگە بۇزەك بۇلدىغان ھاۋاخان تىخى ئانىسىنىڭ قۇسىغىدىن تۇغۇلمىدى. ئىززىتىنى قىلسا بىلمىيتقان نىمىكىنا بۇ! دەپ ئاۋازىنى قۇيۋەتتى.
-بۇلدى ئاپا !تىشىدا ئۇيۇن قۇيماڭلا .سەنلا رازى بۇلساڭ ئاجرىشاي . ئەلى ئەلەم بىلەن مۇبارەككە قاراپ قۇيدى.
-ھۇي، شۇنداق قىلغۇلۇق! بۇلارنىڭ تۇي خىتى بۇلمىغاندىكىن ،ئاجرىشش دىگەن بىردەملىك ئىش .ئانامغا ئەمدى ئانىسى يۇق يەنە بىر نەۋرە قۇشۇلىدىغان يىتىمدىن بىرى كۇپۇيىدىغان بۇلدى. ئانام خۇش بۇلسۇن قاندىغا .ئانا!
ئالىمجاننىڭ تەنە ئارلاش كۇلۇپ زاڭلىق قىلغان گىپى، ھاۋاخاننىڭ نىرىۋىسىنى ئۇرلۇتۇپ چىرايىنى تىقىمۇ قاردىتىۋەتتى.
.....................................................................................................................................................
                                                            
مۇبارەك بۇ جىدەلنىڭ، ئۇزىنىڭ سەۋەبىدىن بۇلۇنغانلىغىدىن ئنتايىن ئازاپلاندى. ئايشەم ئانا تۇيغا بىرىپ ئۇزىگە سۇغۇق تەككۇزۋىلىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغاچ، مۇبارەكنىڭ ئاچىسى مەرھابا ئاپىسىنى كەتكۇزمەي تۇتۇپ قالدى. ئۇيدە  جىدەل بۇلۇپ ھاۋاخان ئەلىنى بىللە ئىلىپ كىتىمەن دەپ تۇرۋالدى، ئىككى كۇندىن كىيىن مۇبارەكنىڭ چۇڭ ئاكىسى تالىپ، سىمىزغىنە گۇزەلنۇر ئىسىملىك بىر قىزنى ئالمەن دەپ مۇبارەكلەرنىڭ يىنغا كەلدى.
-ئاپام كۇرۇنمەيدۇغۇ ئۇكام؟
-ئاپامنىڭ مىجەزى يۇق مارھابانىڭ ئۇيدە،
-سىنىڭ بالاڭنى باقمەن دەپ ئاغرىپ قالغاندۇ؟
مۇبارەك ئۇيدىكىلەرنىڭ ياخشى ئىش بۇلسا ئۇزلىرىدىن، يامان ئىش بۇلسا باشقىلاردىن كۇردىغان مىجەزىنى بىلگەچ ئارتۇق تالاشمىدى، بۇنىڭلىقمۇ مۇبارەكنىڭ دەردى يىتىپ ئاشاتتى.
تالىپ بۇ سىمىز بۇدەكنى مۇبارەكنىڭ ئۇيگە تاشلاپ قۇيۇپ ئۇزى قاياققىدۇر يۇقالدى، بۇ بۇدەكمۇ مۇبارەككە ئۇبدانلا ياردەملىشىپ بىرەتتى .بۇگۇن ھاۋاخان گۇزەلنۇر مۇبارەكلەر يالغۇز قالدى، ھاۋاخان
-ھاي مۇبارەكخان، بۇيىل نەچچى ياشقا كىرگەنسىزا خىنىم ؟
-ئاللا خالىسا 17 كىرىپ قالغىلى تۇردۇم ،
-نىمە؟ ھۇنۇ،  مىنىڭ ئۇغلامدىن 3ياش چۇڭكىناۋا،    قەيسەرنى ئۇينۇتۇپ ئۇلتۇرغان گۇزەلنۇر گەپكە ئارلاشتى،
-ئۇيەي، مۇبارەك ئەلىدىن 3ياش چۇڭمىكەن  تېخى؟تۇۋا دىسلە ھا....ھا...ھا..
-ھاي نىمىگە كۇلسىزا ؟راس دىيتمەن ،
-ئەمسە سىلنىڭ بۇ ئۇغۇللىرى 11 ياشتا تۇي قىلىپ 12يىشىدا بالىلىق بۇلغانما ؟ئەلى مۇبارەكتىن 7 ياش چۇڭ ئىكەنغۇ؟
-كىم شۇنداق دىيتۇ ؟ئۇزىنىڭ يىشىنى بىلەمدىكىنا ؟ئۇ تەلە ،تۇققان ئادەم مەنيا ئۇنى،
-ئەقىلگە سىققۇدەك گەپ قىلماملا ،باشقىلار ئاڭلىسا كۇلۇپ ئۇچىيى ئۇزلۇپ كىتەر، ھا....ھا....ھا...
مۇبارەكنى كۇلكە قىستاپ بىر ئىشنى باھانە قىلىپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ھاۋاخان، گۈزەلنۇرغا
- مۇبارەك دىگەن بۇ تەلە ئۇغلامنى ئۇزىگە ئىسىتقۇ قىلۋاپتۇ ، بۇممىسا مىش <مۇشۇك> پۇقىدا ئىسرىق سالسىمۇ كەمىيتۇ بۇنداق شەگە ،مەنمۇ ئىششىمنى قىلماي قاسى كادىرنىڭ قىزىكىن دەپ سەگ <ئىت> پۇقىدا ئىسرىغداپ چىللىغاندەك بىرمۇنچە پۇلنى بۇزۇپ سۇغا-سالام ئىلىپ  كەپتىمەنكەن ئاينا ،ئۇنىڭغا لايىق ئەمەسكەن بۇ مەنەت بۇراغ، دىدى .ھەممىلا ئىشقا قىزقىدىغان بۇ بۇدەك قىز،
-قانداق ئىسىل سۇغا -سالامتى ئۇ ؟مانداق قىلسىلا كۇرەي قىنى ؟ دەپ قالدى،
-ھازىر بۇمىيتۇ، ھىلى ما تەلە سەيگە كەتكەندە كۇرەڭ ماقما ؟  گۇزەلنۇر ئارتۇق گەپ قىلماي سىرىتتا قار تازلاۋاتقان مۇبارەكنىڭ يىنىغا چىقىپ،
-ياردەملىشەيمۇ مۇبارەك ؟ دىدى،
-بۇلدى ،تۇگەپمۇ قالدى، ئۇزەملا قىلۋىتەي، سىز ئانامغا ھامرا بۇلۇڭ ،ھىلى تاماققا ياردەملىشەرسىز،
-بۇلىدۇ ئەمسە ،ھەقاچان قەيسەرنى ئۇخلۇتۇپ قۇيۇپ سەيگە بارسىز، ئۇنىڭغىچە مەن قىمىر قىلغاچ تۇرايمۇ؟
-ياق، ئۇيدە ئۇن تۇگەپتىكەن بۇگۇن گاڭپەن ئىتەيلى.
مۇبارەك سۇزىنى تۇگتۇپ گۇرجەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ كىرىپ قەيسەرنى ئەللەيلەپ ئۇخلاتتى ،ئاندىن سەيگە ماڭدى .ئۇيدە ئۇن تۇگىگىلى ئىككى كۇن بۇلدى، كۇمۇرمۇ مايمۇ ئاياغلىشاي دەۋاتىدۇ،
ئەلى ئىشلەۋاتقان دۇكاننىڭ خۇجايىنى بالنىسقا كىرىپ قالغاچ پۇل سۇراش ئەپسىز ،مىھمان كەلدى دەپ ھاپتە بۇرۇن خىلى پۇل ئالغان ،بازارغا بىرىپلا ئۇ پۇلنىڭمۇ پەخشىگى چىقىپ كەتتى، يانچۇقتا بارى ئاران 30 كۇي ، بۇ پۇلمۇ تۇگەيدۇ ،تۇڭ قىشتا قانداق قىلىش كىرەك، مۇبارەك خىيال بىلەن سەي بازىرىغا كىلىپ قايسى ئەرزان بۇلسا شۇنى تاللاپ ئىككى كۇن يەتكىدەك سەينى ئۇننەچچە كۇيغا ئالدى، ئۇ پۇلنى بىرىپ ئاشقىنىنى يانچۇقىغا سىلشىغا، يىنىدىن 12ياشلار ئەتراپىدا چاچرىلى ئۇسۇك ئۇستىمۇ يىلىڭ بىر بالا مۇبارەككە سۇگۇشۇپ-قىستاپ يۇرۇپ ئۇتۇپ كەتتى ،مۇبارەك ناۋايخاننىڭ يىنىدىن ئۇتۇپ كىتىۋىتىپ ، قىينى ئانىسى بىلەن قەيسەرگە ئاتاپ5 مۇلۇق سامسىدىن 4 نى ئىلىپ پۇل تۇلەش ئۇچۇن يانچۇغىنى ئاختۇرۇپ پۇلنى تاپالمىدى ،ئۇ خىجىل بۇلۇپ سامسىنى جايىغا قۇيۇپ سەي بازارغا قايتا باردى. بايقى بالا مۇبارەكنى كۇرۇپلا ئالدى- كەينىگە قاراپ ھۇدۇقۇپ يۇگۇرگەن پىتى قىچىپ كەتتى، دىمەك پۇلنى ئۇ بالا ئۇغۇرلىۋالغان، مۇبارەك بالىنىڭ كەينىدىن قۇغلاۋىتىپ مۇزدا تىيلىپ يىقىلىپ كەتتى، ئۇرنىدىن تۇرغاندا بالا ئاللا قاچان كۇزدىن غايىپ بۇلغان، مۇبارەك چىچىلىپ كەتكەن سەيلەرنى تىرىپ خالتىغا سىلىپ ئۇيگە قايتىپ كىرگەندە ھاۋاخان كۇترۇپ كەلگەن شىڭلىلىرىنى چىگىۋاتاتتى،
-نىمىش قىلۋاتىسلەر ؟ گۇزەلنۇر بۇگۇن گۇشى بۇلمىسىمۇ بىرنەچچە خىل سەي قۇرۇپ ئانامنى بىر خۇش قىلۋىتەيلى كىلڭە،
-قانداق ئىسىل سەيلەرنى ئىلىپ كەلدىڭىز قىنى؟ گۇزەلنۇر چاقچاق قىلدى.
-ئۇزىڭىز كۇرۇپ بىقىڭ تەستىقىڭىزدىن ئۇتەمدىكىن؟ مۇبارەكمۇ كۇلۇپ سەيلەرنى خالتىدىن ئالغاندا ھاۋاخان بۇيۇنداپ قاراپ،
-ھاي نىمەۋا؟ كۇرەپ باقمىغان نىملەرنى ئەكەپسىزيا؟
-بۇ مۇگۇ ، بۇ دۇفۇ ، بۇ  دۇيا، بۇ ياڭيۇ، بۇ بەسەي، بۇ پەمدۇرقىيامى،
-ھاي خىنىماي، بۇ مۇگۇدىگىنىڭىز قۇمچاق يۇتقىنىيا، قانداق يىگىلى بۇتتۇ بۇنى ،ئۇنۇ خاڭسۇما سىز ؟ھاراميا بۇ ،بىزنىڭ يۇتتا يىمىيتۇ بۇنى، ئادەمنى زەخەرلىيتۇ ۋاي ئاللا، دەپ قاخشاپ كەتتى .گۇزەلنۇر ئاغزىنى تۇتۇپ كۇلۇپ،
-ھاۋاخاچا ،سىلىنىڭ دىگەنلىرى ياۋا مۇگۇ، تۇغرا ئۇ زەھەرلىك يىگىلى بۇلمايدۇ ،راس ھارام، بۇ دىگەن سىۋەتكە تىرىغىنى .ھەرە كىپىكى بارغۇ ؟ياغاچنىڭ ئۇۋىندىسى، شۇنىڭ ئۇستىگە تىرىيدۇ ،ھارام ئەمەس ،ئۇخشۇتۇپ قۇرىيالىسا بەك تەملىك گۇشتەكلا ئۇنىڭدىنمۇ پەيزى بۇلىدۇ، دىدى. ھاۋاخان ياقىسىنى تۇتۇپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ،
-ئەدەم كۇرمىگەننى كۇردىكەن، مەن بۇ نىمىگە ھەددىس <بەك> ئۇچ ،دىدى گۇزەلنۇر.
-مۇبارەك مەن بۇلارنى قۇرۇشنى بىلمەيمەن، سىز بىلەمسىز؟
-ھەئە بىلمەن، بىلمىسەم ئىلىپ نىمە قىلمەن بۇلارنى، دىدى.
گۇزەلنۇر سەيلەرنى ئاقلاپ بۇلغىچە مۇبارەك گۇرۇشنى دۇملەپ قۇيدى، سەيمۇ قۇرۇلدى. بۇگۇن ھاۋاخان رۇزا تۇتمىغاچ ئۇدۇل قۇرۇلغان سەيگە ئۇدۇللۇق قۇلىنى تىقىپ تىتىپ باقاتتى ،تاماق تارلىتىپ ھەممەيلەن تاماققا تۇتۇش قىلدى. مۇبارەك ئەلىگە سەيلەردىن، ئاشتىن ئىلىپ قۇيۇپ ئۇلتۇرۇشىغا ھاۋاخان سۇراپ قالدى.
-مۇبارەك بۇ نىما ؟
-يەڭيۇ  سەي،
-ئۇنۇ .نىمانچە ئىنجىك. نىپىز تۇغرىدىڭىززا بۇنى؟ بىزنىڭ يۇتتا بىرتالنى تۇت پارچە قىلىپ قازانغا سالساقمۇ ئىزلىپ ھىچنىمىسى قامىيتۇ. سىز نىمە سالدىڭىزا؟ دۇرىسى باما بۇنىڭمۇ؟
-ياق، ھىچنىمە سالمىدىم ،يەڭيۇنى تۇغراپ بۇلۇپ سۇغا چىلاپ يۇيۇپ ئۇمچىنى چىقىرۋىتىپ تۇكىۋىتىپ ،يەڭيۇنى قازانغا سىلىپ قۇرۇپ پىشاي دىگەندە ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۋەتسە ئىزلىپ كەتمەي تىرىك چىقىدۇ ،سەيگىمۇ تەم -رەڭ كىردۇ،
ھاۋاخان ئارتۇق گەپ قىلماي تامىقىنى يىدى. گۇزەلنۇر،
-مۇبارەك، قۇرىغان مۇگۇ قىنى ؟كۇرۇنمەيدۇغۇ؟ ئىلڭە ئازراق تىتىپ باقاي ،
-بارغۇ ئۇستەلدە،
مۇگۇ سەي ئىلىنغان تەخسە ھاۋاخاننىڭ ئالدىغا تۇغرا كىلىپ قالغاچ ،بۇ تەقۋادار ئايال ھەممىدىن بۇرۇن ئۇخشۇتۇپ قۇرۇلغان بۇ سەينى قۇرۇغداپ قۇيغانتى. گۇزەلنۇر،
-ھاۋاخاچا، بايا ھارام ،بىرنىمە يۇتقىنى، دەۋاتقانتىلە بىرىنجى بۇلۇپ شۇ ھارام سەينى بىر تەرەپ قىلۋىتىپلا ،بىزنى زەھەرلىنىپ قالمىسۇن دەپلا ھە؟
-قىنە؟ مەن يىمىدىميا ئۇنى .
-ئالدىلىرىدىكى تەخسە شۇ سەينىڭ تەخسىسى ،
-ۋۇي شۇندا بۇپتىما ؟ئاللا ،رەڭگىمۇ بەك ئۇز، تەمىمۇ بەك ئۇبدان بۇپتىكەن، گۇش چىغىۋا دەپ يەپ قۇيۇپتىمەن ،ئەجەپ ئابدان نىمىكىنا ۋا، يانا باما؟
مۇبارەك يۇلدىشىغا ئىلىپ قۇيغان سەيدىن ئازراق ئىلىپ بەردى. گۇزەلنۇر بىلەن ھاۋاخان بۇسەينى تالشىپ دىگۇدەك يىيىشتى .
يەنە ئىككى كۇن ئۇتتى .ھاۋاخان ئەلىنى كىتىشكە قىستايتى. قىرىشقاندەك لۇبەنمۇ ياتاقتىن چىقمىغاچ بۇلارنىڭ سەپىرى تۇختاپ قىلۋاتاتتى.
بۇگۇن ئۇيدە ھەممە نەرسە بىراقلا تۇگدى .مۇبارەك ئاخىرقى بىر گۇرجەك كۇمۇرنى سىلىپ بۇلۇپ گۇزەلنۇرغا قاراپ پەس ئاۋازدا،
-قانداق قىلارمىز؟ ئۇيدە ھەممە نەرسە تۇگەپتۇ ؟يا ئاكاممۇ كەلمىدى-، دىدى. بۇ گەپنى يۇتقانغا چۇمكىنىپ يىتىۋالغان ھاۋاخان ئاڭلاپ قالدى.
-تۇگىگەن بۇلسا ئالغۇلۇق ،شۇڭا  <ئۇينىڭ ئۇيچىگى ئۇتتۇردا چۇچىگى بار > دىيتۇ ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇغلام تاپقان پۇل باتۇ ؟ئىلىڭ شۇنىڭغا،
-ھاۋاخاچا سىلى قىززىق گەپ قىلدىكەنلا ،بۇشەھەرنىڭ سۇغىنى سىلىمۇ كۇرلە، باللىرىنىڭ نەچچە پۇل ئايلىق ئالدىغىنىنى بىلىلا ،ئۇي ئىجارىسى، تۇك ،سۇ ،بۇ قىش تۇرسا ،يا ئۇتنى ئۇچرۇپ قۇيغىلى بۇلمىسا ،ئۇنىڭ ئۇستىگە قەيسەر كىچىك، سىلىمۇ قىينى ئانا بۇلغاندىكىن باللىرى بىلەن، كىلىن نەۋرىلەرنىڭ قىيلىنىپ قالغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ  قۇرۇق كەلمىگەنلا ؟ياردەم قىلسىلا 100 كۇيغا تاغ بىسۋالمايدۇ، بالا بىلەن يا بۇ قىز ئىشلىيەلمىسە ،دەپ ئۇچۇقلا دەۋەتتى. ھاۋاخان ،
-ھاي ،مەن بۇ خەخنى باققىلى كەممىگەنيا، ئۇغلامنى كۇگىلى كەگەن، ئەمدى سىز قۇپتىڭىزما؟ ماڭا قىينى ئانىلىق قىلدىغانغا، باكالىق نان قۇساقنى ئسىۋاتامتا دىدى. گۇزەلنۇرمۇ بۇش كەلمەي،
-مەنچۇ ،يىسەم ئىشلەپ يەۋاتىمەن، قىرىغاندا نىمانداق بىششەم خۇتۇن سىلى؟ قىلغاننى بىلمەيدىغان ئايالكەنلا، مەن مۇبارەكنىڭ ئۇرنىدا بۇلسام  ياغاچتا قىسسىپ پۇقمۇ بەرمىگىدەكمەن سىلىگە، ئىسىت ،مۇبارەكنىڭ جىنىغا ۋاي، دەپ سالدى . مۇبارەك،
-گۇزەلنۇر بۇلدى. قىلىڭلار، دىيشىگە ھاۋاخاننىڭ ئاغزى ئىچىلى كەتتى.
-مەنمۇ چا، ئادەم بىلەن ئادەم ،بىلىپ قۇياڭ ماخما ؟مانا كۇرەڭ بۇ 2800  كۇي نەخ پۇل، بۇ پالاسنى خۇتەندە ئاتايەن ئۇزەم تۇقۇغان، بۇ ياتقان -كۇرپە ياستۇقنى ئىززىتىنى قىلاي دەپ ئەكەلسەم ،شۇنىڭغا لايىق ئىش قىلمىدىيا ۋا ،نىمىشقا بىرىتكەنمەن ياندۇرۇپ خۇتەنگە ئەپ كىتىتمەن ،دىدى.  گۇزەلنۇر،
-ۋاييەي ،ئىشۇ 8  كۇيلۇق يۇتقان تىشىدا ئەتكەن مىر-مىر يۇتقان-كۇرپە بىلەن، ئەسكى پالاسلىرىنى ماختاۋاتاملا؟ بىرسى سىزىك ئەمەس ئۇنداق نەرسىلەرگە ،خۇتەنگە ئاپرىپ باشلىرىغا پۇركىۋالسىلا ، دىدى.
-ھاي مىنىڭ كەلنىم سىزمۇيا ؟مۇبارەكمۇ؟ ئۇ خىنىم گەپ قىلمىسا سىز نىمە قۇشۇق سالسىزا ؟سىزگە نىمە دەزكەتتا؟
-سىلدەك ئىنساپسىز، پىششىق خۇتۇنغا شۇنداق گەپ لازىم،
گۇزەلنۇر دەيدىغاننى دەۋىلىپ، سۇمكىسىنى ئىلىپ ئۇيدىن چىقىپ كەتتى. ھاۋاخان خىلى ئۇزۇن قايناپ، ئەلى كەلگەندە بىرنى ئىككى قىلىپ دەرت تۇكتى. ئانىسىنىڭ خۇيىنى بىلدىغان ئەلى ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇي مۇزلاپ، سۇغۇق بۇلارنى قىيناشقا باشلىدى .كەچتىن باشلاپ قەيسەر قاتتىق يۇتۇلۇپ، قىزىپ ياتالمىدى.
بۇ ئەھۋاللارنى كۇرۇپ تۇرغان ھاۋاخان ئەلىنى ئالدىرتىشقا باشلاپتى، ئالىمجان،
-ھاي ئانا ،يىنىڭدىكىنى ئالغىنا، قەيسەرنى دۇختۇرغا كۇسۇتۇپ باقىلى،
-مىڭ كۇسەتسەڭمۇ بىكا، سىڭلىڭنىمۇ كۇسەتكەنيا، كەتتىيا ، ئاللا غا يارىسا ئەپ كىتىتتۇ ،يەيدىغان رىسقى بۇلسا ساقىيىتتۇ ،دەپ پۇل بەرگىلى ئۇنمىدى.
-يا ئانا، باغرىڭ بەك تاشكەنيا سىنىڭ ،كىچىگيا بالا ،ئىچىڭمۇ ئاغرىمامتا؟
-قۇرۇغ گەپ قىلغىچە بىكەتكە كىشىپ 3 دانە بىلەت ئىلىپ كىشە، بۇسا بۇگۇنلا ماڭىتمىز ، مۇبارەك  بالنىڭ ئانىسى بۇلغانكىدىن بىر ئىش قىتتۇ،
-نىمە 3 بىلەتكىنا ئۇ ؟سەن نەبىنىمۇ ئىلىپ كەتمەكچىما؟ ئۇنىڭ بالسى ئاغرىغىق بەك ئۇنمىساڭ بالا سەل ساقايغاندا باسۇن قاندىغا؟
بۇلار ئۇياققا تارتىشىپ بۇياققا-ياققا تارتىشىپ، ئاخىر ھاۋاخان بىلەن ئالىمجان بىللە خۇتەنگە ماڭدى.
مۇبارەكنىڭ ئەس-يادى بىچچارە قەيسەردە ،بالا مانا بۇگۇن كۇزىنى ئاچماي، تاماقتىنمۇ قالغىلى ئۇچ كۇن بۇلدى. تەلىيىگە ئايشەم ئانا قايتىپ كىلىپ ،يىنىدا بار75  كۇينى مۇبارەككە بىرىپ، قەيسەرنى تىزدىن دۇختۇرغا ئىلىپ بىرىشنى ئىييتى. مۇبارەك بالىنى كۇترۇپ مەھەللىدىكى بەزى كىچىك دۇختۇرخانلارغا ئىلىپ كىرگەندە ،بالىنى كۇرگەنلىكى دۇختۇر بىشىنى چايقاپ چۇڭ دۇختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىشنى ئىيتاتتى .مۇبارەك قەيسەرنى يۇگەككە يۇگەپ باغرىغا مەھكەم تىڭىپ ،كۇزلىرىدىن تارام-تارام ياش تۇكۇپ، بىردىن- بىر باللار كىسەللىكلىرىنى كۇرىدىغان، چۇڭ دۇختۇرخانىغا قاراپ يۇگۇردى.
...........................................................................................................................................................
                                                   ئاشنا
ئەر بۇزۇلسا ئەل بۇزۇلار
<دانالار ھىكمەتلىرىدىن>

مۇبارەك باللار دۇختۇرخانىسىغا كىلىپ نۇمۇر ئىلىش ئۇچۇن ئۇچرەتتە تۇرغاندا ،ئالدىدا ئۇچرەت تۇرغان بىر نەچچە كىشى مۇبارەكنىڭ بالىنى چىڭ قۇچاغلاپ يىغلىشىغا قاراپ ئۇزلىرىنىڭ ئۇچرەتلىرىنى مۇبارەككە ئۇتۇندى. مۇبارەك يۇگۇرەپ يۇرۇپ بالىنى جىددى قۇتقۇزۇش بۇلۇمىگە ئىلىپ كىردى. ئۇتتۇر ياشلىق ئۇيغۇر دۇختۇر ئايال قەيسەرنى تەكشۇرگەچ سىپايىلىك بىلەن،
-قىزچاق، بۇ  بالا نىمىڭىز بۇلىدۇ؟
-بالام،
-نەچچىگە كىردىگىز؟
-17 ياشقا،
-بالا نەچچى ياش؟
-2  ياشقا كىرەي دەپ قالدى،
- بالىغا نىمە بەرگەن؟
-بالام تۇغۇلۇپ 6ئايلىقتىن باشلاپ سۇتۇم تۇختاپ كەتتى. شۇندىن باشلاپ تاماقتا بىقىۋاتىمەن ،
-چۇشەندىم ،بالىنىڭ ئۆپكىسىگە قاتتىق سۇغۇق تىگىپتۇ، ئۇپكە ياللۇغى <فىييەن> بۇلۇپ قاپتۇ ،بىرىپ قان تەكشۇرتۇڭ،
مۇبارەك قان تەكشۇرتۇش ئۇچۇن نۇۋەت كۇتتى. سىستىرا قەيسەرنىڭ بارمىغىغا يىڭنە سانجىغاندا بالىدا ھىچقانداق ئىنكاس بۇلمىدى. مۇبارەك چىققان دىئانۇزگىنى ئىلىپ باياقى  ئۇيگە كىردى دۇختۇر قەغەزنى كۇرۇپ بىرمۇنچە دۇرىلارنى يىزىپ بىرىپ،
-بۇ دۇرىلارنى ۋاختىدا ئىچكۇزۇڭ ،ئەگەر 3 كۇنگىچە بالىدا بىرە ئۇزگىرىش بۇلسا تىزدىن كىلىڭ، بالىنىڭ تىنى ئاجىز، ئۇكۇل كۇترەلمەيدۇ ، دىدى.
مۇبارەك باھا قۇيۇش ئۇرنىغا بىرىپ دۇرىلارنى باھالىتىپ بۇلۇپ، يىزىلغان ساننى كۇرۇپ چۇچۇپ كەتتى .قەغەز يۇزدە 486  يۇئەن دىگەن خەت تۇراتتى. مۇبارەك،
-سىستىرا، خاپا بۇلماي قايتا ھىساپلاپ باقسىڭىز ،خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟
سىستىرا قايتا ھىساپلاپ كۇرۇپ،
-خاتا ئەمەس ،بالىنىڭ كىسىلى ئادەتتىكى كىسەل ئەمەس ،بۇ ھەممىسى ئالاھىدە دۇرىلار ،دىدى.
مۇبارەكنىڭ بىشىغا يەنە بىر تاغ يىقىلغاندەك بۇلۇپ، بىر قەغەزگە بىردە بالىغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. مۇبارەكنىڭ كەينىدىلا دۇرىنى باھالىتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال،
-قىزىم، قارغاندا پۇلىڭىز يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ چۇڭ دۇختۇرخانا بۇلغاچ دورىلىرىمۇ قىممەت، سىز دۇختۇر يىزىپ بەرگەن بۇ قەغەزنى ئىلىپ چۇڭراق دورا دۇكانلىرىدىن ئالسىڭىز ،50-60 كۇيلارغا كىلىدۇ، مەنمۇ شۇنداق قىلمەن ،دىدى .  مۇبارەك  ئۇيلاپ  بۇ ئۇسسۇلنىڭ بۇلىدىغانلىغىغا كۇزى يىتىپ دۇختۇرخاندىن چىقتى.
مۇبارەك ھىلىقى ئايال دىگەندەك دورىخانغا كىرىۋىدى باياقى 486  كۇي دىگەن دۇرىنى 53 كۇيغا سىتىۋالدى، ئايشەم ئانا ئەلىنى، قىزى بىلەن نەۋرىسىنى< ئايلىقنى ئالغىچە بۇيەردە تۇرۇڭلار> دەپ ئۇيگە ئەپچىقىۋالدى ،  قەيسەر دورىنى ئىچىپ ئىككىنجى كۇنى چۇشتە < ئاپا نان ھام ئىتە > دىدى. بالىمۇ كۇندىن -كۇنگە ياخشىلنىپ قالدى.
زىمىستان قىش ئاياغلىشىپ، تەبىئەتنىڭ نامراتلارغا ئىچى ئاغرىغاندەك ئىللىق باھارمۇ يىتىپ كەلدى. مۇبارەكلەرنىڭ كۇنىمۇ كۇندىن -كۇنگە ياخشىلنىپ ،ئازتۇلا پۇلمۇ يىغۋالدى. قەيسەرمۇ ساقايدى.
بىر كۇنى ئايشەم ئانا ئۇيدە تاماق ئىتىۋىتىپ مۇبارەككە،
-بالام نىرىقى مەھەللىدىكى ياسناخۇنلار ئۇينى سىتىپ يۇرتقا كىتەمىش، ئۇينى ئەرزانلا بىر نىمە دەيدۇ ،مۇنداق ئىجارە ئۇلتۇرىۋەرگىچە ئۆتنە-يىرىم قىلىپ بۇلسىمۇ شۇ ئۇينى ئىلۋالساڭلار قەرزمۇ تۇگەپ كىتەر،ئۇي ئۇزەڭلارغا ئەزقاتىدۇ، قەيسەرمۇ چۇڭ بۇلۋاتىدۇ بالام، ئەلىگە ئىيتىپ باقامسەن؟ مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلمىدى .كەچتە ئەلى ئىشتىن چۇشۇپ كەلگەندە ئىككىسى بۇتۇغۇرلۇق مەسلەتلىشىپ، ئەتىسى مۇبارەك ئۇينى سۇزلەشتى. ئۇي بىرلا ئىغىز ھىچقانداق رەسمىيىتى بۇلمىغاچ 2000  كۇي بۇلدى. مۇبارەك ئۇيدە بار پۇلنى يىغدى. ئەلىمۇ لۇبەندىن ئالدىن پۇل ئالدى. ئەمما يەنە 700 كۇي كاملايتى. مۇبارەك كىچىك ئاكىسى تاشقا يالۋۇرۇپ يۇرۇپ، قەرىز سۇراپ بۇ ئۇينى ئالدى. ئەمما تاش ھەپتە ئۇتمەي، <ئايالىمنى يۇرتىغا ئاپىرمەن> دەپ باھانە تىپپ قەرىزنى سۇيلەپ نەچچە قىتىم كەلدى، مۇبارەكلەر تىخى بۇ ئۇيگە كۇچمىگەچكە ،ئۇينى باشقا بىرىگە 200 كۇي پايدىسىغا سىتىۋىتىپ ئىجارە ئۇيدە ئۇلتۇرىۋەردى.
يىقىندىن بۇيان ئەلى ئۇيگە تۇلىمۇ كەچ قايتىدىغان، ئۇيگە كىلىپلا يەنە سىرىتقا قاچىدىغان ،ياكى گىتتارنى قۇچاغلاپ ئۇزۇندىن -ئۇزۇن  خىيال سۇرۇپ ئۇلتۇرۇپ كىتىدىغان ،قەيسەر ئەركىلەپ يىنىغا كەلسە ئىتترۋىتىپ، مۇبارەككىمۇ تۇڭ تىگدىغان بۇلۋالدى. ساددا مۇبارەك بۇنى. ئەلىنىڭ ئۇيدىكىلەرنى سىغىنغىنىدىن دەپ چۇشنۇپ كۇڭلىگە ئالماي بالىسىنى بەزلەپ يۇرىۋەردى .
بۇگۇن ئەلىنى مۇبارەك شۇنچە ئۇيغۇتۇپمۇ تۇرغۇزالمىدى. مۇبارەك.
-ئەلى، ئىشقا بارمامسەن؟ تۇرە .ۋاخ بۇلۇپ كەتتى.
-ۋاي نىرى تۇرە كۇزۇمگە كىرۋالماي. بىرە كۇن ئارام ئالسام بۇممامدىكەن؟
-ئەمسە لۇبەنگە دەپ قۇي ، يا تىلفۇن قىلۋەت،
-ئىششىڭنى قىلىپ بالاڭنى بىقىشنى بىلە سەن،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي قەيسەرنى ئىلىپ سىرىتتا خۇشنىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلتۇردى .سائەت10 لار ئەتراپىدا ئەلى ئۇرنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقتى.
-ھوي، تاماق قىلمامسەن؟ ئىشەكتەك بۇيرىمىسا ئۆزئششىڭنى ئۆزەڭ تىپىپ قىلالمايدىغان بۇلۇپ قاپسىنا؟
- ئاۋۋال سەي قۇرۇپ بىرەي چاي ئىچىپ تۇر، تاماقنىمۇ بىردەمدە تەييار قىلمەن ، نىمە يىگۇڭ بار؟
ئەلى مۇبارەكنىڭ سۇ ئالىغا جاۋاپمۇ بەرمەستىن ئۇيگە كىرىپ كەتتى. مۇبارەكمۇ كەينىدىن كىرىپ جۇسەي بىلەن تۇخۇمدا  سەي قۇرۇپ ئەلىنىڭ ئالدىغا نان- چايلارنى كەلتۇرشىگە ئىشىك يىنىك چىكلىپ، مۇبارەك كۇرۇپمۇ باقمىغان، 25 ياشلار ئەتراپىدا، قىنىق گىرىم قىلىپ مۇدا كىينىۋالغان بىر قىز يالغان كۇلۇپ ،
-ئەسسالام، ئەلىنىڭ ئۇيى مۇشۇمۇ ؟دەپ كىرىپ كەلدى . مۇبارەك گەپ قىلىپ بۇلغىچە ئەلى،
-ۋاي كىرە، ئايشەممۇ سەن؟ يۇقاپ كەتتىڭغۇ؟ ھە نىم بۇلسا تىپ كىرەلەپسەن ،يۇقرى ئۇتە، چاي قۇيە ھۇي، بۇتتەك قاراپ تۇرماي ،دەپ مۇبارەككە ئالايدى.
مۇبارەك سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇپ چاي قۇيدى. ئايشەم ئىسىملىك بۇ قىز مۇبارەككە سۇغۇقلا قاراپ قۇيۇپ ئەلىنىڭ يىنىغا قىسلىپ ئۇلتۇردى.  ئەلى،
-ھە، ئايشەم، ما خۇتۇن تاماققا تۇرغان، نىمە يىگۇڭ بار؟ تارتىنماي دىگىنە؟
-ۋىييەي بۇلدى. ئاۋارە بۇلمىسۇن. ئۇزۇن ئۇلتۇرمايمەن، بۇگۇن سەن تەرەپكە ئۇتكەن، قارسام سىنى كەلمىدى دەيدۇ،  ئىچىم پۇشۇپ، زىرىكىپ ،بىردەم مۇڭدىشاي دەپ كىلشىم ،سەن دەپ بەرگەن بۇينچە كىلىپ ئۇيۇڭنى ئاران تاپتىم، ھا....ھا....ھا....
-ياخشى قىپسەن ، مەنمۇ ھىرىپ قاپتىمەن ،بىرە كۇن ئارام ئالاي دىسەم ،ما  بىرنىمە ئىشقا بار دەپ ئۇيغۇتۇپ ئۇيقۇمنى ھارام قىلدى
-ئادەم دىگەن ئىشلەشنىمۇ ،ئارام ئىلىشنىمۇ بىلشى كىرەك ،ئات-ئىشەك ئۇرنىدا ئىشلىسىمۇ شۇ، تۇت كۇنلۇك ئالەمدە ئۇيناپ-كۇلۇپ ياشغانغا يىتەمدۇ؟ قانداق دىدىم ئەلى؟
-شۇ ،  بىلەمدۇ ئۇنى، بۇنداق خۇتۇنلار ،سىنى ئالغان ئادەمنىڭ جىنى يايراپ كىتىدۇ دە ،ئالتۇندەك چۇكانغۇ سەن،
-ئو ،  ئوش، قىز دىگىنە ئادەمنىڭ سۇپىتىنى چۇشۇرمەي،
-بۇلدى. نىمە يەيسەن؟ نەق گەپنى قىلە؟
-ئەمسە تارتىنمىدىم .جۇسەي بىلەن گۇشتە جۇۋاۋا قىلسۇن. لازا دىگەننى سامساقنى جىقراپ چاناپ ئەتسە  جۇۋاۋىنى لازا- ئاچچىقسۇغا مىلاپ يىسە .بۇنىڭ تەمىگە نىمە يىتىدۇ ھە؟
-ماڭە يىنىمدا گۇشيىپ تۇرماي، بىرىپ جاۋاۋىنىڭ تەييارلىغىنى قىلىپ كەل ،قەيسەرگە بىز قاراپ تۇرمىز، تىز بىرىپ تىز قايت مىسىلدىماي،
مۇبارەك ئەلىنىڭ دىگەنلىرىنى بىجا كەلتۇرۇپ، تاماقنىمۇ پىشۇردى .تاماق ئۇستەلگە قۇيۇلىشىغا ئايشەم ،
-تىتىپ باقايچۇ ،ئەلى، سەنغۇ  خۇتنۇڭنى تاماققا ،ئانداق ئۇستا-مۇنداق ئۇستا دەيسەن ،    دەپ ،بىرتال جۇۋاۋىنى لازىغا مىلاپ پۇدىمەيلا ئاغزىغا سالدىدە، ئاغزى كۇيدىمۇ چاينىمايلا تۇكۇرۋەتتى.
-نىم بۇلدۇڭ ؟تاماق تىتىمىدىما؟ تۇكۇرۋەتتىڭغۇ؟
-ۋىييەي، مۇشۇمۇ تاماق بۇلدىمۇ ،تۇزى يۇق تاماقنى قانداق يەيدۇ ئادەم ،مۇشۇنداق خۇتۇن بىلەنمۇ جىنىڭنى قىيناپ بىر ئۇيدە ئۇتتۇڭما ؟ئىسىت سىنىڭ چىرايىڭ؟ بۇ خۇتۇنغا زايا كىتىپسەن ئەلى،
مۇبارەك بۇ غەلىتە قىزغا قاراپ تۇرۋىتىپ،
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟ تاماق يارمىسا يىمىسىڭىز بۇلىدۇ، نىمىشكە ئارمىزغا ئاداۋەت سالىسىز ؟ باياتىننڭ ياقى گەپ قىلمىسام مىنى گاچچا دەپ قالدىڭىزما ؟سىز نىمىسى ئەلىنىڭ؟ بۇ ئۇيدە نىمە ئىششىڭىز بار؟ چىقە ئۆيۇمدىن .
-مەنما ؟  مەن ئەلىنىڭ نىمىسى بۇلسام سىزنىڭ نىمە كارىڭىز ،سىز نەنىڭ ساقچىسىتىڭىز؟ بۇنداق سۇرايدىغانغا نىمە سالاھىتىڭىز بار؟ كۇللىگىڭىز كىلۋاتامدا؟
-مىنىڭ ئەلۋەتتە سالاھىيتىم بار، مەن ئەلىنىڭ ئايالى ،بالامنىڭ ئاپىسى بىلدىڭىزما ؟ مەن كۇنلەشنى بىلمەيمەن،
-ھا....ھا....ھا... ئايالى؟ قانۇنسىز، تۇي خىتى يۇق، ئايالى شۇنداقما؟ ۋاي بىچچارە بايقۇش،  ھا...ھا...ھا...
-تۇي خىتى دىگەن مانا ،شۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق بۇلماس،  مۇبارەك قەيسەرنى كۇرسەتتى .ھىلىقى قىز  بىشەملەرچە.
-قىنى؟ بۇ تۇي خىتىنىڭ ھىچ نەرىدە تامغىسى يا خىتى يۇق ئىكەنغۇ ؟ مەن ئەجەپ كۇرەلمىدىما؟ دەپ ،مۇبارەكنى زاڭلىق قىلدى،
-ئەلى، ئىيتە بۇ كىمۇ؟ ھەجەپ گەپ قىلمىسام مىنى ياتلا بىرسىگە بۇزۇك قىلدۇرۋاتىسەنغۇ  ؟
-ئەلىدىن سۇراش ھاجەتسىز ،بۇ سۇئالغا مەنلا جاۋاپ بىرەي ،مەن ئەلىنىڭ ھازىرقى مۇھەببىتى. كىيىنكى لايىقى. كەلگۇسىدىكى ئايالى. بىلۋىلىڭ،
مۇبارەك قايناپ تىشىپ كەتكەن قازاننى ئۇچاقتىن چۇشۇرۋىتىپ،
-مۇھەببىتى، لايىقى ،ئايالى دەپ كەتكىنىنى، ئاشنىسى، ئۇيۇڭنى بۇزغىلى كەلدىملا دىگىنە؟ بۇزۇق-پاسكىنا رەسۋا ، دىدى . بۇ قىزمۇ بۇش كەلمەي،
-ئەينەككە قاراپ باق، شۇ سەت تەلەتىڭ بىلەن ئەلىگە خۇتۇن بۇلۇشقا لايىقمۇ سەن ؟بۇ ئۇينى تۇتۇشقا سالاھىتىڭ تۇشامدۇ؟
-ۋاي شەرمەندە ،ئۇيۇمگە كىرىپ نۇمۇس قىلماي شۇ گەپلارنى قىلۋاتامسەن؟
-قىلسام قانداق قىلاتتىڭ ؟-بۇزىمەن قانداق !مەن ئەلىنى .ئەلى مىنى ياخشى كۇردۇ، ئىشەنمىسەڭ ئۇزىدىن  سۇراپ باق. ئەنە ئەلى تۇرۇپتۇ .بۇلمىسا ئۇيۇڭنى مەن نىم بىلەي؟ چىللىمىسا كىلەتتىممۇ؟
-ئەلى! بۇ راسما ؟گەپ قىلە ! مۇبارەك ئاچچىقتىن تىترەپ ئاۋازىمۇ بۇغۇلۇپ كەتتى .ئەلى چۇكىنى ئۇستەل ئۇستىگە تاراققىدە قۇيۇپ ئۇرنىدىن تۇرۇپ،
-ئىككىلەڭ كۇزۇمدىن يۇقال!!! دەپ ۋاقىراپ مۇبارەكنى ئىتترۋەتتى. مۇبارەك نىمىگىدۇر پۇتلۇشۇپ ،ھىلىلا ئۇزى چۇشۇرۇپ قۇيغان قازاندىكى ئىسسىق <مەنتەڭ> ئاش سۇيىگە ئۇلتۇرۇپ قالدى.

..........................................................................................................................................................
                                                                              قىلتاق

كىشىگە سانىساڭ ئۇزگە
قاشقا سانساڭ كۇزگە
<ئۇيغۇر-خەلىق ماقال-تەمسىللىرىدىن>

ئۇينىڭ ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتقان پاراڭ ئاۋازىنى  ئىشىك ئالدىدا  پاراڭلىشىپ ئۇلتۇرغان خۇشنىلار ئاڭلاپ ،
-ھەجەپ ۋاقىرشىپ كەتتا؟ ئۇرشۇپ قالدىمۇ نىمە؟
-بۇلار شۇنداق ئىجىل ئۇتىدىغان تۇرسا، ئۇنداقمۇ بۇلماس،
-بىرنىمە دىگىلى بۇلمەيدۇ، بايا چاڭچىلىدەك ياسنىۋالغان بىر ئايال كىرىپ كىتىۋاتقان،
-قاراپ ئۇلتۇرغىچە كىرىپ ئاجرىتىپ قۇيايلى،
بىرنەچچە ئەر-ئايال ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇپ مۇبارەكنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىشىگە، ئەلى قاپىغىنى تۇرۇپ ئۇيدىن چىقىپ كۇنا ۋىلىسپىتكە مىنگنىچە قاياققىدۇر كەتتى. كەينىدىن چىققان ئايشەم <ئەلى نەگە بارسەن مەنچۇ> دەپ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ قالدى. مۇبارەك ئۇرنىدىن تىزلا تۇرۇپ ئىشتىنىنى ئالماشتۇرۇپ بۇلغىچە ئايشەممۇ كۇزدىن غايىپ بۇلدى.
مۇبارەك بۇ جىدەلدىن قۇرقۇپ قىقىراپ يىغلاۋاتقان قەيسەرنى قۇچىغىغا ئىلىپ بەزلىگەچ خىيالغا پاتتى.
<قانداق قىلاي؟ ئاپامنىڭ ئۇيگە چىقىپ كىتەيمۇ ؟ياكى ئاجرىشىپلا بالىنى تاشلاپ بىرىپ قۇتلايمۇ ؟ياق، بۇ ئۇينى ئاران مۇشۇنچىلىك قىلىپ قاراپ تۇرۇپ بالامنى يىتىم قىلىپ ئەلىنى ئۇ نىمىگە تاشلاپ بىرەمدىم، چىدا مۇبارەك، يۇرەك پارەڭ قەيسەر ئۇچۇن بۇلسىمۇ چىدا، بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتەر ،>
مۇبارەك شۇلارنى خىيال قىلىپ ،ئۇزىنىڭ قۇچىغىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قەيسەرنى مىھرى بىلەن سۇيۇپ، ياتقۇزۇپ قۇيۇپ ئۇيلەرنى تازلاپ-يىغىشتۇردى.
تۇن نىسبىدىن ئاشقاندا ئەلى ھاراقنى بۇلشىغا ئىچىپ ئۇيگە غىققىدە مەس كەلدى، ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيدىغان ئىرىنىڭ مەس كىلشى مۇبارەككە غەلىتە تۇيۇلدى .مۇبارەك گەپ قىلماي قەيسەرنى قۇچاغلاپ ئۇخلىغان بۇلۇپ يىتىۋالدى، ئەلى ،
-مۇبارەك، جىنىم خۇتۇن ،ساڭا يۇز كىلەلمەيمەن، مىنى كەچۇر؟ مەن ئېزىپتىمەن ،دەپ خىتىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.  مۇبارەك،
-بۇلدى. ئەتە پاراڭلىشايلى ،بالا ئۇيغۇنۇپ كىتىدۇ، ئۇخلىغىلى قۇيغىن ،  ئەلى بىردەم مىشىلداپ كىيىملىرىنىمۇ سالماي ئۇخلاپ قالدى ،ئەتىسى ئەلى <بىشىم ئاغرىۋاتىدۇ> دەپ ئۇرنىدىن تۇرالماي يەنە ئىشقا بارمىدى. مۇبارەك ئاچچىق-چۇچۇك سۇيقاشنى ئەلىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ،
-بۇنى ئىچە، ئۇڭشۇلۇپ قالسەن، ئەلى كۇزلىرىنى مۇبارەكتىن ئەپ قىچىپ تۇراتتى.
-مۇبارەك ،ئىككىمىز ئۇي تۇتقىلى خىلى بۇلدى. مەن ياخشى قىلمىدىم، ئۇغلىمىزنىڭ يۇزىنى قىلىپ بۇلسىمۇ يامانلاپ كىتىمەن ،-ئاجرىشىمەن دىگەن گەپلەرنى قىلما، بۇ ئىشلارنى ئۇيدىكىلەرمۇ بىلمىسۇن، ئىچىمىزدە سىسىپ كەتسۇن سەندىن ئۇتنەي  بۇلامدۇ؟
-مەن نەدە ئۇنداق دەپتىمەن ؟بۇلدى ئۇتكەن ئىشنى تەگىمىگىنە، ئادەمنىڭ كۇڭلىنى يىرىم قىلىپ ،سىنى ئۇنداق ئاسان تاتقۇزۇپ قۇيمايمەن، مەن ئاسان يامانلىمايمەن، يامانلىسام ئاجرىشىپلا كىتىمەن ،بۇ بىز نىڭ ئائىلىنىڭ قايدىسى، شۇڭا بىزنىڭ ئائىلدە ئىككى قىتىم نىكالانغان ئايال زاتى يۇق، بۇنى ئۇبدان بىلۋال،
-ناۋاتتەك گەپ قىلدىڭ خۇتۇن ،
-بۇندىن كىيىن بۇنداق ئىشلار قايتا سادىر بۇلمىسىلا بۇلدى،
-خاتىرجەم بۇل ،ئەمدى ئۇنداق بۇلمايدۇ،  يۇرە سىنى بازارغا ئاپراي، بۇلدى بۇگۇن سەمەت ئاغىنەمنىڭ تۇغۇلغان كۇنى بىللە بارايلى قانداق؟
-مەن بارماي ،ئۇيدە ئازراق كىر باتتى شۇنى يۇيۋىتەي،
-مەن يۇيۇشۇپ بىرمەن، ھە دىگىنە،
-ئەمسە قەيسەرنى قانداق قىلمىز؟
-ئاپام قاراپ تۇردۇ، بۇلە ، تىز تەييارلىق قىلىپ چىرايلىق ياسان،
-ۋاي بۇلدىلا ،نىۋاققا ياسنىپ بۇلاي، بارمايمەن،
-جىنىم خۇتۇن، دۇسلۇرۇم ئۇيلەنگىنىمنى بىلىدۇ ،لىكىن سىنى كۇرمىگەن، ھەممىسى خۇتۇن-مابەتلىرىنى ياساپ -كىيىندۇرۇپ ئىلىپ باردۇ، شۇ مايماقلاردىن نەرىڭ كەم سىنىڭ ؟گىپىمگە كىرە،
مۇبارەك تۇرۇپ كىتىپ ئاخشامقى ئايشەمنىڭ سۇزلىرىنى ئىسىگە ئىلىپ مىيقىدا كۇلۇپ قۇيدىدە، مەرھابا بۇلتۇر مۇبارەكنىڭ تۇغۇلغان كۇنىدە سۇۋغا قىلغان ،سۇڭگەچنى يىپپ تۇردىغان، ئۇيما ياقا، ئالدى پۇتۇنلەي تۇگمىلىك، ئۇزۇن يەڭ، قىزىل كۇپتا بىلەن ئاپپاق تۇز پۇشقاقلىق ،تار ئىشتان ،پاكار پاشنىلىق بۇقۇچلۇق قارا تۇپلەينى كىيىپ بەلدىن ئاشىدىغان قاپقارا ئۇزۇن چىنى رەتلىك تاراپ بۇغۋالدى، ئەلى مۇبارەككە قاراپ تۇرۋىتىپ،
-خۇتۇن ،چىچىڭنى بۇغماي قۇيۋەت ،ھازىر ھەممە قىزلار شۇنداق قىلدۇ ،ساڭىمۇ بەك يارشىدۇ ، دىدى .مۇبارەك ئەلىنىڭ دىگىنى بۇيىنچە قىلىپ، چاچلىرىنى كەينىگە تاراپ ئاق مارجان چازىنى قىسۋالدى.  
-ۋاھ ،  مانا پەرىنىڭ ئۇزىلا بۇلدۇڭ ،خۇتۇن يۇرە قەيسەرنى ئاپامنىڭ قىشىغا ئەپچىقىپ قۇيۇپ تىزراق ماڭايلى،
مۇبارەك قايسەرنى ئايشەم ئانىنىڭ يىنىغا ئەچىققاندا ،ئانا پىشىن ناماز ئۇچۇن تاھارەتكە تەييارلىق قىلۋاتاتتى .ئانا
-بىرە يەرگە بارامسىلە بالام؟ نىمانداق چىچىڭنى ئالۋاستىدەك چۇگىۋەتتىڭ ؟قىنى ياغلىق ؟ئەلى تىزلىك بىلەن،
-ياغلىقى مەندە، قەيسەر تارتىپ ئىلۋەتتى، دەپ مۇبارەككە كۇز قىستى.  مۇبارەك،
-ئاپا بۇگۇن ئەلىنىڭ دۇستىنىڭ مەرىكىسى باركەن ،بىللە بىرىپ كىلەيلى دىگەن ،قەيسەرگە قاراپ بەرسىڭىز؟
-قانداق مەرىكە ئىكەن ئۇ ؟سەن بىللە بارمىساڭ بۇلمايدىغان، بالام ئەلى، ئايال كىشىنى سۇرۇنغا ئىلىپ بىرىش ياخشى ئىش ئەمەس ،بۇلسا ئۇزىڭىزلا بىرىڭ، دىدى.
-دۇستۇمنىڭ تۇيى ئىدى. بىللە بارايلى دىگەن،
-مەن نامزىمنى ئۇقۇپ بۇلغىچە چىچىڭنى ئۇڭشىۋال ، مەيلى ئەمسە ،تىزراق كلەرسىلە،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي چىچىنى  قايتا  بۇغۇپ ياغلىغىنى چىگدى . ئايشەم ئانا نامىزىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ قەيسەرنى ئۇخلاتماقچى بۇلۇپ قىپ قالدى، ئەلى بىلەن مۇبارەك ئۇيدىن چىقىپ سەل ماڭغاندىن كىيىن ، ئەلى  مۇبارەكنىڭ بىشىدىكى ياغلىقى بىلەن چاچ بۇققۇچنى تارتىپ ئىلىپ يەنچۇقىغا پۇرلەپ سالدىدە ،باياقى مارجان چازىنى قىستۇرۇپ قۇيدى.  ئۇلار بىردەم بازار ئايلىنىپ بازارنىڭ چىتىگىراق جايلاشقان، ئىككى ئىغىزلىق كۇنا بىر كەپە ئۇيگە كىردى .ئۇيگە چۇرۇلدۇرۇپ ئىككى قەۋەتلىك سىم كارۋات قۇيۇلغان، ئۇتتۇردا كىچىك بىر يۇمۇلاق ئۇستەل ،ئۇستىدە گازىر  ،خاسىڭ مىغىزى ،دادۇر ، بىرچۇگۇن ،بىرنەچچە پىيالە ،ئىككى بۇتۇلكا ئاق ھاراق،< بىربۇتۇلكىسىدىكى يىرىملاشقان> بىرمۇنچە مۇخۇركا، <نىشە> قاپلىق تاماكا ،<شاڭ يەن> قاتارلىقلار، دەرىزىدە كۇنىراپ كەتكەن بىر ئۇنئالغۇ ،ئۇستەلنى ئەتراپىنى چۇرىدەپ 4-5 ئۇغۇل بالا پاراڭلىشىپ ئۇلتۇراتتى. ئۇيدە نە ئايال كىشى ،نە ئۇي سەرەمجانلىرى يۇق ،بىر قاراشتىلا بۇيتاقلار ياتىغى ئىكەنلىگىنى كۇرىۋىلىش تەس ئەمەس ،يەرمۇ شۇنچىلىك مەينەت، تاماكا قالدۇقلىرى گازىر شۇپۇكلىرى بىلەن كۇرگۇسىز بۇلۇپ كەتكەن، مۇبارەك ئەلىگە يەر تىگىدىن قاراپ قۇيدى. بۇ باللار نىڭ ئىككىسىنى مۇبارەكمۇ تۇنۇيتى. بۇلار دائىىم  ئەلىنى ئىزلەپ باردىغان باللار،
ئەلىلەر ئىشىكتىن كىرشىگە ئۇتتۇردا ساقىلىق قىلىپ يۇرگەن ئىگىز ئۇرۇق بالا،
-مانا  ،مانا ،كەلدى. كىمنىڭ گىپىنى قىلسا شۇ كەپتۇ دەپ، ھازىر تىخى گىپىڭلارنى قىلشىۋاتقان، قىنى  بۇياققا ،  دەپ باللارنى باشقا كارۋاتقا يۇتكەپ مۇبارەكلەرگە ئۇرۇن بۇشاتتى.
ئەلى مۇبارەكنى ئۇلتۇرۇشقا شەرەتلەپ ئۇزىمۇ ئۇلتۇردى.
-ھە ،ئەلى ئاداش، بۇياق يەڭگىمىز ئۇخشىمامدۇ ؟  ئەلى ھە  دىگەندە بىشىنى لىڭشىتتى .  ساقى بالا،
-قايسى كۇندىكى قىزلىرىڭنى ئۇسەيگە چىقىرۋەتتىڭما؟
-ھىزى بۇلۇڭ جۇمۇ ،بۇ ئەلى يامان نىمە، قۇلدىن چىقىرىپ قۇيماڭ يەنە،
-كۇندە قىز يەڭگىشلەپ يۇردۇ دىگىنە،
-پەرىزاتتەت خۇتنۇڭ تۇرۇپ، شۇ سەتلەر بىلەن سۇرەشكەندىكىن سەنمۇ تايىنلىق ئىكەنسەن،
-ھەممىنى چۇرىۋەتكىچە، بىزگىمۇ بىرەنى ئېشىنساڭ بۇلمامدۇ؟
-بۇلدى باللار، چاقچاق لايىغىدا بۇلسۇن ،يەڭگەم راس دەپ ئىشنىپ قالمىسۇن،
-دىمىسىمۇ راسقۇ ،رىزىۋان، رۇزىگۇل، ئايشەم ،يالغانما؟
مۇبارەك كۇلۇپ قۇيۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى، ئۇنئالغۇدىن تاڭسا مۇزىكىسى ياڭراپ تۇراتتى. ساقى بالا،
-ئەلى ئاداش ،بۇ بىر رۇمكىنى ھۇرمىتىڭ ئۇچۇن، قىنى خۇشە كۇتۇرۋىتىپ بىزلەرنى ئايالىڭغا بىر تۇنۇشتۇرۋەتمەمسەن،
-مەن ئىچمەي بۇرادەرلە،
-قۇيەۋا ئۇنداق گەپنى ،ئالە قۇلۇڭغا ،  ئەلى ئامالسىز قالغاندەك مۇبارەككە قاراپ قۇيۇپ رۇمكىنى قۇلىغا ئىلىپ ئاغزىغا ئاپاردى. رۇمكىدىكى سۇزۇك سۇيۇقلىقتىن كۇتۇرلىۋاتقان قاڭسىق سىسىق پۇراق، مۇبارەكنىڭ كۇڭلىنى ئىلەشتۇرۋەتتى. ئەلى رۇمكىنى بۇشتۇپ ساقىنىڭ قۇلىغا بىرشىگە ساقى يەنە،
-بۇ ، سۇرۇنغا كىچىكىپ كەلگىنىڭنىڭ جازاسى، ئاخىرقىسى بۇلسا نۇۋىتىڭ،  3  رۇمكا بىلەن تۇگەيدۇ دەپ ،يەنە تۇتقۇزۇپ قۇيدى،
-مەن ھاراق كۇترەلمەيمەن بىلىسىلەر،
-3  رۇمكىدىن كىيىن ئىچىمەن دەپ يالۋۇرساڭمۇ يۇق، پۇلغا كەلگەن نىمە بۇ ،ساڭا بىكارلىق ھاراق يۇق ،
-تالاشقاندىن ئىتائەت قىلغان ئەلا دەپتىكەن، بۇلدى قىلە ئاداش،
ئەلى ئارتۇق گەپ قىلماي 3 -رۇمكىنىمۇ بۇشاتتى .دەل شۇچاغدا باياقى ساقى  مۇبارەكنى تاڭسىغا تارتىپ قالدى . مۇبارەك،
-مەن ئۇينىيالمەيمەن ،خاپا بۇلماڭ ،راسلا ئۇقمايمەن ، دەپ رەت قىلدى. ئەمما ھىلىقى بالا مۇبارەككە جۇبۇدەك چاپلىشىپ،
-ۋاي يەڭگە تارتىنماڭ ،شۇنچە چۇڭ شەھەردە تۇرۇپ بىلمەيمەن دىسىڭىز قانداق بۇلىدۇ ،گەپ قىلە ئەلى ئاداش ،بىلمىسە مانا بىز ئۇگتۇپ قۇيمىز دەپ، مۇبارەكنىڭ كۇزىنىڭ ئىچىگە تىكىلدى.  ئەلى،
-قۇپە خۇتۇن، ئادەمنىڭ يۇزىنى چۇشۇرمەي ،شەھەرلىك خۇتۇن ئالدىم دەپ پۇ ئاتسام ،تۇلا مەتۇلۇق قىلما دەپ، مۇبارەكنىڭ قۇلىغىغا پىچىرلىدى .
مۇبارەك مىڭ تەستە ئامالسىز ئۇرنىدىن تۇرۇپ ساقى بىلەن تانسا ئۇيناشقا باشلىدى. بىر قۇل تانسا تۇگەپ بۇلغىچە مۇبارەك تەرلەپ كەتتى.  ساقى،
-بىلمەيمەن دەۋاتاتتىڭىز ئۇستىكەنسىزغۇ ؟دەپ ئىككىنجى مۇزىكىنىمۇ قۇلدىن بەرمىدى. ساقى مۇبارەكنىڭ كۇزىگە تىكىلىپ مۇبارەكنىڭ بىلىنى تۇتقان قۇللىرى دەسلاپ قىزنىڭ تۇن پەردىسىدەك يىيىلىپ تۇرغان، قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىنى سىلاپ ئۇزىگە ئاستا تارتتى. مۇبارەك ساقىنى ئۇزىدىن نىرى ئىتتىرىشقا ھەركەت قىلاتتى. ساقى مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ مۇبارەكنىڭ بىلىنى چىڭ تۇتۇپ چۇگىلەتكەن بۇلۇپ ئۇزىگە تارتىپ مۇبارەكنىڭ مەڭزىگە چۇككىدە بىرنى سۇيىۋالدى. غەزەپلەنگەن مۇبارەك ساقىنىڭ مۇرىسىنى تۇتقان قۇلى بىلەن ساقىنىڭ يۇزىگە چاڭڭىدە بىر كاچات سالدى. بۇ ئىشنى ھەممە كۇرگەن بۇلۇپ ئەلىنى قانداق ئىنكاس قايتۇراكىن دىگەندەك ئەلىگە قاردى. ئەلى ئۇرنىدىن تۇرۇپ بىرتال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ ،يالغاندىن دەلدەڭشىپ سىرىتقا ماڭدى . مۇبارەك،
-نەگە بارسەن ؟مىنى  ياساپ -جابدۇپ ئەكەلگەن ئىسىل سۇرۇنۇڭ مۇشۇما؟ ھۇ ۋىژدانىنى ئىت يەپكەتكەن،  دىدى . ئەلى،  
-ئۇبۇرنىغىمۇ چىققىلى قۇيمامسەن ؟كىرگەندە پاراڭلىشايلى. ئۇلتۇرۇپتۇر دىدى.  مۇبارەك،
-ياق ،مەنمۇ چىقىمەن ،ماڭە كىتىمىز ، دەپ ئىككىسى چىقىپ كەتتى. ھىلىقى ساقى،  
-ئەلىدەك دەللالارغا زايا كىتىپتۇ بۇ شاتۇت ، خام يۇتكىدەك قىزكەن ئەمەسمۇ ، ھەجەپ تەلىيى باركىنا بۇسۇلتەكنىڭ، ئىسىت ،لىكىن ئاچچىغى بەك يامان  ئىكەن.  ئەمما  بىر ئەمەس مىڭ كاچات يىسەممۇ ئەرزىيدۇ كاساپەت ،  دەپ غەلىتە كۇلدى.
مۇبارەكنى تۇنۇيدىغان ئىككى بالا باشلىرىنى چايقاپ ،
-ئاداش سەن ياخشى قىلمىدىڭ، بۇ قىز ئەلى باشلاپ كەلگەن باشقا چىمەنلەرگە ئۇخشىمايدۇ ، دىدى يەنە بىرى،
- خۇتۇن خەق دىگەن باشتا ناز قىلىدۇ، كىيىن ئۇزى كىلدۇ ھا.....ھا....ھا....،
مۇبارەك ئاياللار ئۇبۇرنىسىدىن چىقىپ ئەلىنى خىلى ساقلىدى. چاقىردى. ئەمما ئەلىدىن سادا يۇق، مۇبارەك <ئاپلا ،بايا گەپ قىلدىم دەپ ،بەك ئاشۇرۋەتتىممۇ نىمە ؟يەنە شۇ ئۇيدە ھىلىقى ماز بىلەن مۇشلىشىۋاتامدىغاندۇ؟ > دەپ ئۇيلاپ گۇمان بىلەن ئۇ ئۇيگە يەنە كىردى. بۇ نۇۋەت ئەلى خىيالىدا يۇق، ئالمىدا ياسالغان ئۇزۇن سۇلياۋ نايچىسى بار بىرنىمىڭ تۇشكىگە كىچىككىنە تاماكىنى قۇيۇپ، چۇكىگە ئۇت يىقىپ تۇتاشتۇرۇپ، قاتتىق شۇراۋاتاتتى . مۇبارەك ،
-نىم قىلۋاتىسەن ئەلى؟ تۇرە قايتىمىز ،
-نىشە چىكىۋاتىمەن،
- نىمە ؟ سەن تېخى نىشىمۇ چىكەمسەن ؟
-چەكسەم نىم بوپتۇ؟ ئەرلەرنىڭ نوچىسى  ئەركىگى چىكىدىغان نىمە بۇ بىلىپ قۇي!
- شۇنداقمۇ؟ ئەمسە مەن خاتا گەپ قىپتىمەن، كەچۈرگىن ،سەن چىكىۋەر، مەن كىتىۋىرەي،
-نەگە؟ بالدۇرغۇ تىخى. بىردەم ئۇلتۇر ھازىر تۇگەيدۇ، بىللە كىتىمىز ،ئەلى خۇمارلىشىپ كەتكەن كۇزلىرىنى قىسىپ مۇبارەككە تىكلدى.
مۇبارەك ئۇستەل ئۇستىدىكى پىيالىگە قۇيۇلغان چاينى قۇلغا ئىلشىغا ،مۇبارەكنى تۇنۇيدىغان بىر بالا مۇبارەككە قاراپ،  بىشىنى <ياق ئچمە>  دىگەن مەنىدە چايقىدى. مۇبارەك نىم بۇلغىنىنى چۇشەنمەي ئەلىگە قارشىغا ئەلى،
-ئىچىۋەر، سىنىڭ پىيالەڭ شۇ ، دىدى .ئۇينىڭ ئىسسىقلىغى ،نىشىنىڭ بۇسى، ھاراق پۇرقى،  ئادەمنىڭ  كۇڭلىنى ئىلىشتۇراتتى. ئاچچىغى كىلىپ ئاران تۇرغان مۇبارەك، يىرىم پىيالە سۇغۇق چاينى بىركۇترۇپلا ئىچۋەتتيۇ كەينىدىنلا مەيدىسى قىزىپ كۇيۇپ، كۇڭلى ئىلشىپ، قاتتىق يۇتىلىپ، كۇزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.  قاراپ تۇرغان ئەلى.
-ھا...ھا...ھا... تەمى قانداغراق ئىكەن؟ مەلىكەم ئىچىشلىكمىكەن؟ دەپ سۇردى.
-ماڭا...  ماڭا نىمە بەردىڭ...........؟
-نىمىدەك تۇردۇ،  بىلمەي ئىچتىڭما ؟خىلى كۇترۇشلۇك ئىكەنسەن ھە؟  يەنە بىرەنى قۇيۇپ بىرەيمۇ؟
شۇ سۇرۇندا ئۇلتۇرغان  مۇبارەكنى تۇنۇيدىغان ئىككىسى. تەڭلا
-ئەلى ، سەن راسلا ئادەم ئەمەسكەنسەن، ئۇزەڭنىڭ خۇتۇنىنىمۇ قەسلەمسەن ؟خۇمسى گۇي ، دەپ ئەلىنىڭ ئالدىغا يۇگۇردى.  ئەلى،
-بەسەم ئۇزەمنىڭ خۇتنىغا بەردىم، سىنىڭ نىمە كارىڭ؟
-نىمىلا بۇلسا بالاڭنىڭ ئاپىسى، بۇ قىز ساڭا نىمە يامانلىق قىلدى؟  مۇبارەك نىم بۇلغىنىنى بىلمەي  ،
-نىم بۇلدى ئىسمايىل  ؟
-ھىچنىمە، ئەلىنىڭ سىزگە چاي دەپ ئىچكۇزگىنىنىڭ نىمىلىگىنى بىلەمسىز؟
-ياق؟ نىمۇ تەمىمۇ ئاجايىپلا ،
-سىزگە  تىېتىتقۇ، <ۋىيجىڭ> تاماكىنىڭ كۇلى، سىلىنغان ئاق ھاراقنى چايغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچۇرۋەتتى. ساقى  بالا،
- ئاداش، سەن نىمانداق جىق ئىشلارغا ئارلىشىۋالىسەن؟ ئەلىنىڭ ئۇيلىغىنى باردۇ ، ئۇنىڭ ئايالىنى ياخشى كۇرۇپ قالدىڭمۇ يا ؟
-ئىششڭنى قىلەۋا لاتا ، بۇنداق ماز ئىشلار ھەرقايسىڭنىڭ قۇلىدىن كىلىدۇ ،مەن بۇنداق ئىشلاردىن خىلى يىراق، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇيلاشتىڭمۇ؟ ئەگەر بۇقىزنىڭ تىنى بۇنەرسىلەرنى قۇبۇل قىلالمىسا، <ۋېيجىڭ بىلەن ئاق ھاراقنى تاماكىنىڭ كۇلىگە قۇشۇپ ئىچسە >يىنىك بۇلسا ئاشقازان بىلەن نىرىۋىنى كاردىن چىقىردۇ ،ئىغىر بۇلسا ئۇلىدۇ، بىلىشەمسەن؟
مۇبارەكنىڭ قۇلىغىغا بۇگەپلەر يىراقتىن ئاڭلانغاندەك بۇلۇپ، ئەلىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ كىتىپ  تۇيۇقسىز قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدىن ئۇيدىكى ھەممەيلەن قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتتى . مۇبارەك ئەلىگە يەنە بىر قارۋىتىپ،
-ئەلى ،مەندىن قۇتلالماي قالغانمىتىڭ؟ قىينالغىچە ئۇچۇقلا دىسەڭ بۇلمامدۇ؟ تىلىگىڭ شۇ بۇلسا سىنى مۇرادىڭغا يەتكۇزەي،  دەپلا ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئۇستەل ئۇستىدىكى يىرىم بۇتۇلكا ئاق ھاراقنى قۇلىغا ئىلىپ، بۇتۇلكا بىلەنلا كۇترۇپ گۇپۇلدىتىپ بىردەمدە ئىچىپ بۇلۇپ، بۇتۇلكىنى يەرگە ئۇرۇپ چىقىۋەتتى.
-ئەمدى خۇش بۇلغانسەن؟ قانداق ھاراق كۇترەلەمدىكەنمەن ؟ ھا.....ھا.....ھا.....  مۇبارەك ساراڭلارچە كۇلەتتى. ئىسمايىل ئىسىملىك بالا،
-قانداق ئەلى ؟خۇش بۇلۋاتامسەن ؟ مانا كۇردۇڭمۇ؟ خۇدادىنمۇ قۇرقمامسەن؟ بىر پاك بەندىنى بۇلغۇدۇق، ئەلى  ئىسمايىلغا قاراپ، تۇنۇگۇن ئايشەم بىلەن بۇلغان ئىشلارنى دەپ كىلىپ ئاخىردا،
-خۇتۇن كىشى دىگەن ئىشەنچىسىز، بۇ ئىشلار ھامان ئاشكارە بۇلىدۇ ،مەنمۇ بۇنىڭدىن ۋاختىدا جۇدا بۇلمىسام ئانامنىڭ تەنىسىگە قالمەن، ھازىرچە بۇ خۇتۇندىن ھىچ بىر سەۋەنلىك كۇرۇلمىدى. قۇسۇر تاپالماي بۇ ئۇيۇننى ئۇينىدۇق، ئەمدى بۇنىڭ مەس ھالىتىنى ئاپىسى كۇرسە ماڭا ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ ،
مۇبارەك ئۇينىڭ ئىچىدە ساراڭدەك كۇلۇپ، ئۇزى بىلەن ئۇزى غىڭشىپ ناخشا ئىيتىپ ئۇسسۇلغا چۇشتى. ۋە،
-قىنى، كىم مەن بىلەن تانسا -ئۇسسۇل ئۇينايدۇ؟  دەپ ئىلىنى تارتقۇشلىدى .ئەلى مۇبارەكتىن قۇلىنى تەستە سىلكىپ بۇشتۇپ ،مۇبارەكنى ئىتتىرۋەتتى. مۇبارەك يەرگە پالاققىدە يىقىلىپ ھۇڭرەپ يىغلاپ ئۇرنىدىن تۇرشىغا ،يەنە دەلدەڭشىپ يەرگە گۇپپىدە چۇشتىدە ئىغىز بۇر نىدىن ئۇقتەك قان كەتتى.
............................................................................................................................................................

                                          رەزىللىكنىڭ باشلىنىشى

يەردە ياتقان مۇبارەكنىڭ بۇ ھالىغا  قاراپ بەزىلەرنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.  ئىسمايىل،
-ھە ئەلى نۇچى، مانا كۇردۇڭمۇ ؟يەنە قانداق ئۇيۇنلىرىڭ بار؟  دىدى . ئەلى،
-چۇچۇپ كەتمەيمەن، خىلى جىنى پىششىق نىمە بۇ ،سىلەر قاراپ تۇرۇڭلارھە؟
-ئاداش ،بۇئىشقا سەل قارغىلى بۇلمايدۇ، تىز ئۇينىڭ كەينىدىكى دۇختۇر خانىغا كۇرسىتىپ باقايلى،
بىرنەچچەيلەن مۇبارەكنى كۇترۇپ دۇختۇرخانىغا ئىلىپ چىقتى ،دۇختۇر مۇبارەكتىن كىلۋاتقان بەتبۇي -سىسىق ھاراق پۇرقىدىن سەسكىنىپ تۇرۇپ تەكشۇرۇپ،
-ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپتۇ ، كىچىككىنە تۇرۇپ شۇنچە ئىچكەن بارمۇ؟ بۇ كەمنىڭ ياشلىرىنىزە!
دۇختۇر مۇبارەكنىڭ ئىغىزىدىن نەيچە <شىلاڭكا >تىقىپ ئاشقازىنىنى سۇپۇن سۇيى بىلەن يۇيۇپ  تازلىدى ،
ئايشەم ئانا  قىزىنى بىركىچە ساقلاپ كىرپىك قاقماي تاڭ سەھەرگە يىقىن ئۇيقۇغا كەتتى ،  ئەلى ئۇيگە ئۇغۇرمۇشۇكتەك كىرىپ بالىسىغا بىر قارۋىتىپ كەينىگە يىنىشىغا ئانا ئۇيغۇنۇپ،
-ئەلى قاچان كەلدىڭلار بالام؟ مىنى بىر كىچە ئەنسىرتىپ چىقتىڭلارغۇ ؟مۇبارەك قىنى؟
- ھە...  مۇبارەك تۇي كۇچرۇپ كۇيتۇڭگە كەتتى.
-نىمە؟  خۇتۇننى دۇستىڭىز ئالسا ،تۇينى مۇبارەك كۇچۇرۇپ كەتتىما؟ نىمانداق قاملاشمىغان  تاققا-تۇققۇ گەپ قىلسىز ؟
ئەلى يالغان گپنىڭ ئاقمىغىنىنى سىزىپ دەرھال چىرايىنى ئۇزگەرتىپ بىچچارە قىياپەتتە،
-ئاپا سىلدىن يۇشۇرمايمەن، تۇنۇگۇن تۇيدا مەن ئۇغۇللار بىلەن ،ئۇ قىزلار بىلەن بىللە ئۇلتۇرغان، قايسى كالۋانىڭ قىلغىكىن ، پىيالىگە چاشقان دارىسى سىلىپ ،ئۇستىگە سۇ قۇيۇپ- قۇيۇپتىكەن، مۇبارەك سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇمىكىن دەپ بىلمەي ئىچىپ ساپتۇ  شۇ ،دۇختۇرخاندا قالدى،
ئانا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىشنىڭ تىگىنى سۇرۇشتۇرۇشكە ئۇلگۇرمەيلا دەرھال نەۋرىسىنى ئىلىپ قىزى تەرەپكە جاندۇندى، ئەلى ،دۇختۇر ۋە باللار بىلەن ئىشنى پۇتتۇرۇپ بۇلغاچ ئۇلارمۇ ئەلى دىگەندەك دىدى ،ئەمما سەزگۇر ئانا،
-ياق، مۇبارەكتىن سىسىق پۇراق كلىۋاتىدۇ، بۇ چاشقان دۇرىسىنىڭ پۇرقى ئەمەس، ماڭا راس گەپ قىلىڭلار؟ دەپ كۇزىگە ياش ئالدى. ئەلىنىڭ يەنە بىر دۇستى.
-ئاچا، راستىنى ئىيتسام تۇنۇگۇن ئەر-خۇتۇن ئىككىسى تۇيدا قىزرىشىپ قالغان، مۇبارەك ئاچچىغىدا  ئۇلۋىلىش ئۇچۇن بىرنىمە ئىچۋالغان ئۇخشايدۇ،  بىزمۇ ئىنىق بىلمەيمىز ،دەپ ئەلىگە كۇز قىسۋەتتى . ئايشەم ئانا،
-مۇبارەك بىرنىمە ئىچىۋالغىچە  ئەلى نەدىتى؟  ئىچىۋالمەن -ئۇلۋالمەن دىسە سىلەر قاراپ تۇر دۇڭلارما ؟ يالغان ئىيتساڭلارمۇ قاملاشتۇرۇپ ئىيتمامسىلەر  ؟ماقۇل ،ئاۋۋال قىزىم ساقايسۇن، قالغىنى كىيىن ئاشكارە بۇلىدۇ ، دەپ ياغلىغىنىڭ ئۇچى بىلەن كۇزىدىكى ياشنى سۇرۇتتى . ئۇغۇللار بىر- بىرگە قاراپ قۇيۇپ ئاستا تارقىلىشتى . ئانا بۇ بەخىتسىز قىزنىڭ بىشىدا ئۇلتۇراتتى،  دۇختۇر كىرىپ،
-بۇ سىز نىڭ قىزڭىز بۇلامدۇ؟
-ھەئە ، قىزىم زادى نىمە بۇپتۇ؟
-ھىچنىمە ،دۇرىدىن زەھەرلىنىپ قاپتۇ، بۇ قىز ھامىلدار ئىكەن،
-نىمە؟ ھامىلدار... بۇ .......  ماڭا دىمىگەنتىغۇ.........
-شۇنداق 3ئايدىن ئىشىپتۇ ،
-ئەنسىرەپ كەتمەڭ، قىزىڭىزمۇ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۇتۇپ كەتتى، دىدى.
مۇبارەك ساقىيىپ چىقتى. ئەمما ئۇمۇرلۇك ئاشقازان كىسىلىنى ئۇزىگە ھەمرا قىلۋالدى .مۇبارەك بارغانچە يالغۇزلۇقنى خالايدىغان .كەمسۇز -خىيالچان بۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ نىملەرنى خىيال قىلۋاتقىنىنى ھىچكىم بىلمەيتى .ئەلى ۋاختىنچە مۇبارەككە ياخشى قارغان بۇلدى. مۇبارەك دۇختۇرخاندىن چىقىپ بىرە ئاي بۇلغاندا ئەلى يەنە ئۇزگەردى.
مانا ئىككى-ئۇچ كۇندىن بىرى ئەلى ئۇيگە دەسسەپمۇ قۇيمىدى. قەيسەرئاغرىق، مۇبارەكنىڭمۇ مىجەزى يۇق ،قىز يۇلدىشىنىڭ ئىش ئۇرنىغا نەچچە بارغان بۇلسىمۇ ئەلىنى ئۇچرىتالمىدى، بۇگۇن مۇبارەك تىگى يۇق خىياللارغا چۇكۇپ قەيسەرنى ئۇخلىتىۋاتاتتى .ئىشىك ئىچىلىپ  كىيىملىرى مەينەت، ئۇستى- بىشى كىردىن تۇنغىسىز بۇلۇپ كەتكەن ئەلى كىردى ،مۇبارەك ئۇرنىدىن چاچراپ تۇرۇپ،
-نەگە باردىڭ ئىيتە؟ بۇ ئۇي بىلەن بالا ساڭا كىرەكمۇ يۇق ؟مەن ئىككى قات تۇرسام ،زادى ئۇي تۇتامسەن يا ئاجرىشامدۇق؟
ئەلى مۇبارەكنى تۇنجى كۇرىۋاتقاندەك بىشىدىن ئايىغىغىچە بىر قارۋىتىپ گەپ قىلماي يىشىنىپ ياتتى،  ئۇينىڭ ئىچىنى سىسىق پايپاقنىڭ تەر پۇرغى قاپلىدى.
-مەن سەندىن گەپ سۇراۋاتىمەن ؟مىنى قاچانغىچە قىينىماقچىسەن ؟گەپ قىلە  ؟مۇبارەك ئەلىنىڭ قۇلىدىن تارتىپ تۇرغۇزدى ،ئەلى مۇبارەككە مەسخىرە ئارلاش كۇلۇپ قۇيدى ، مۇبارەك ئەلىنىڭ چىرايىغا قاراۋىتىپ ئەلىنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇستىگە سۇگشۇپ قالغان ئاپپاق ئۇپا <گىرىم>بىلەن، كۇينەكنىڭ ياقىسىدىكى سۇس قىزىل لەۋسۇرۇخنى<كۇخۇڭ> كۇرۇپ قالدى،
-ئاپامنى چاقىرمىسام سەندىن زۇۋان چىقمىغىدەك خەپ تۇختا ! مۇبارەك ئۇرنىدىن تۇرشىغا ئەلى مۇبارەكنىڭ قۇلىغا ئىسلىۋالدى،
-خۇتۇن ،بىرھارغانغا تەگمە بىر ئاشقانغا دەپتىكەن، بەك ھىرىپ كەتتىم ،ئەتە دىيشەيلى بۇلامدۇ؟
- ئۇيناپ بۇلالماي ھىرىپ كەتتىڭما ؟ياق، ھازىر دەيسەن ،  ئەلى بىر دەم ئۇيلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ،
-ساڭا راس گەپ قىلسام ، قايسى كۇنى باللار بىلەن يىغلىپ ئۇلتۇرغان، تۇيۇقسىزلا ساقچى كىرىپ ھەممىمىزنى ئەپچىكەتتى ، سىلەردىن بەك ئەنسىردىم،  تىخى بايام قۇيۇپ بەردى ، مۇبارەك مەسخىرە ئارلاش،
-سىنى قۇيۇپ بەرگەن ئايال ساقچى ،سەن بىلەن يىغلاپ خۇشلۇشۇپ، سۇيۇپ ئۇزتۇپ قۇيۇپتۇدە؟
-راس گەپ قىلسا مۇشۇنداق ئىشەنمەيسەن ئەمەسمۇ؟
-ھەي قار يۇز كاززاپ، كىمىڭنى ئالدايسەن؟ بۇرنۇڭنۇڭ ئۇستىدىكى كۇينەكنىڭ ياقىسىدىكى نىمۇ  ئەمسە؟
-ۋاي... بۇ، شۇ تۇتۇلغان كۇنى بىرسى بىلەن تانسا ئۇيناۋاتسام پىقىرغاندا تىگىپ قاپتۇ، بۇلدى ئۇخلىغىنە،ئەتە تۇلۇق دەپ بىرمەن،
-نەچچە كۇنگىچە يۇتۇپ كەتمەي ،ساقلىنىپ تۇردىغان گىرىم ئىكەن ھە بۇ؟ قارغاندا سەنمۇ بۇ نى خاتىرە قىلىپ ساقلاي دەپ يۇزۇڭنى نەچچە كۇنگىچە يۇماپسەندە؟  چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ،
..................................................................
مۇبارەك جىلى بۇلۇپ تۇن تەڭدىن ئاشقاندا ئۇخلاپ قالدى.
-ئاپا، ئاش بامۇ ؟قۇشاق ئاشتى، قەيسەرنىڭ مۇبارەكنىڭ مەڭزىگە سۇيۇپ تۇرۇپ دىگەن سۇزى مۇبارەكنى ئۇيقۇدىن ئۇيغاتتى ،مۇبارەك ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ ئۇرنىغا قاردى ،ئەلىنىڭ قارسىمۇ يۇق، كىر كىيىملەر ئاخشام قۇيغان يىرىدە تۇراتتى ، مۇبارەك قەيسەرنىڭ قۇسغىنى تۇيغۇزۇپ قۇيۇپ تاماق قىلىپ ئەلىنىڭ كىلشىنى ساقلىدى،
<قاق سەھەردە يەنە نەگە كەتكەندۇ؟  بەلكىم ئاخشام ئىيتقانلىرى راس بۇلسا، مۇنچىغا ياكى ئىشقا كەتكەندۇ ،بۇلدى ئارتۇقچە خىيالدا بۇلماي،>
كۇن پىشىندىن قايرىلدى، مۇبارەك تاقەتسىزلىنىپ ئەلىنىڭ ئىش ئۇرنىغا يەنە باردى ،يەنە يۇق ،ئاردىن ھەپتىمۇ ئۇتتى ،مۇبارەكنىڭ ئەلىنى ئىزلاپ بارمىغان يىرى قالمىدى، بىركۇنى خىيال سۇرۇپ ئۇلتۇرغان مۇبارەكنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز ئەلىنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئەركىن كەلدى ،مۇبارەك ئۇ ئۇيگە بۇرۇن ئەلى بىلەن نەچچە قىتىم داسقان قىلىپ كەلگەن ئىدى. مۇبارەك قەيسەرنى چۇڭ ئۇيگە قۇيۇپ- قۇيۇپ ،ئۇزى شۇتەرەپكە يۇل ئالدى، مۇبارەك ئاممىۋى ئاپتۇبۇسنىڭ ئاخىرقى بىكىتىدە چۇشۇپ ئالدىغا خىلى مىڭىپ ئۇزىگە تۇنۇشلۇق دۇڭدىن ئۇتتى، ئۇيگە ئاز قالغاندا مۇبارەكنىڭ يۇركى ئىغىپ بىرقىسمىلا بۇلۇپ كەتتى ،مۇبارەك كىچىككىنە قاراڭغۇ زەي ھۇيلىغا كىرىپ بۇلۇڭدىكى ئۇينىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ،ئۇيدىن بىرنەچچە ئەر-ئايالنىڭ پاراڭلىشىپ كۇلگەن ئاۋازى ئىنىق ئاڭلاندى، ئۇينىڭ ئىشكى تۇلۇق ئۇچۇق ،ئىشىككە تارتىلغان قىزىل نىپىز تاۋا پەردە چۇشۇرۇكلۇك تۇراتتى ،مۇبارەك ئۇيگە سالام بىلەن كىردى.  ئۇينىڭ تۇرىگە تاۋا كۇرپە سىلىنغان ،چۇڭ كۇك گۇللۇك داستىخان ئۇستىدە ھەرخىل ھۇل-قۇرۇق يىمىشلەر، قەن-ناۋات نان- كاۋاپ -سامسا قۇرۇغلۇق سەي، كۇنا مىس چەينەكتە قىنىق  دەملەنگەن چاي ،بىر نەچچە پىيالىگە تۇلدۇرۇپ قۇيۇلغان،<مۇبارەك كەلگەندە بۇلار بۇنداق كۇتۇپ باقمىغان> كۇرپە ئۇستىدە باداشقاننى پۇلۇ يەيدىغان مۇللامدەك قۇرۇپ، قىززىق يۇمۇرغا چۇشكەن ئەلى ، يىنىدا يىشىغا ماس كەلمىگەن مۇدا خىنىم ،ياسىنىپ-تارنىشى. سۇز- تۇرقىدىنلا مۇشۇ شەھەرلىكلىگى چىقىپ تۇردىغان، قۇرساق-مەيدىلىرى ئالاھىدە ئۇچۇق كىيىم كىيىپ، قىنىق گىرىم قىلۋالغان، سىرىق يۇز ،خام سىمىز ،ساپسىرىق بۇيۋالغان بۇدۇر چاچلىرىنى ئاجايىپ پۇسۇن چىقىرىپ ياسۋالغان ، خەنزۇ خاپاق ، كىچىك چىقىر كۇزلىرىگە يالغان كىرپىك چاپلاپ، كۇزىنىڭ ئاستىغا  قىنىق قارا قەلەمدە سىزىۋالغان، قاڭشىردىن ئاپتۇبىۇس قاتنىغىدەك دەرىجىدە پاناق ،بۇرۇن تۇشۇكلىرى ئەرلەرنىڭكىدەك يۇغان ،لەۋلىرىنى قان يالغان ئىتنىڭ تۇمشىغىدەك قىپ-قىزىل بۇيىۋالغان، كالپۇكلىرى قىلىن كالاچ ئىغىز ، مۇبارەكلا ئەمەس ئەلىدىنمۇ نەچچە ياش چۇڭ بىر  قىز، ئەلىنىڭ ئىيتقان يۇمۇرلىرىغا سۇز قىستۇرۇپ ،گەپكە قۇشۇق سىلىپ ،سەت ھىجىيىپ ئۇلتۇراتتى،
مۇبارەك ئۇيگە كىرشىگە ھەممەيلەن قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتتى، بىرىنجى بۇلۇپ ئەلىنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئەركىن پۇكانچى<مەن قۇشخانىغا چىقىپ كىرەي> دەپ چىقىپ كەتتى. كەينىدىن ئايالىمۇ سەينى باھانە قىلىپ چىكەتتى، ئەلى  
-مۇبارەك ،باياققا كىلە !،  مۇبارەكنى سىرىتقا چاقىردى مۇبارەك ئۈنسىز  ئەلىگە ئەگىشىپ چىقىپ  سوغوق قاردى.
-بۇ قىز مەن بىلەن بىر يۇرت، ھىلى يەنە ئۇڭ -تەتۇر گەپ قىلىپ يۇرمە جۇمۇ ؟ مۇبارەك  ئۇنسىز ئۇيگە قايتىپ كىرىپ ،
-تىشلىقمۇ ؟ مەن ئەلىنىڭ ئايالى، ئىسمم مۇبارەك، تۇنشۇپ قالايلى، مۇشۇ شەھەردىن بۇلمەن ،دىدى . ھىلىقى سەت قىز
-ئىسمم رىزىۋان، مەنمۇ مۇشۇ شەھەردىن ،نىفىت مىھمانخانىسىنىڭ كۇتكۇچىسى، ئەلىنىڭ دۇستى،  بۇگۇن ئەلى ئىككىمىز بۇلار نى ئالاھىتەن يۇقلاپ كەلگەن ................
گەپ ئاخىرلاشمايلا ئەركىننىڭ خۇتۇنى بىرتۇپ بەسەينى كۇترۇپ  كىردى،  مۇبارەك
-يەڭگە ،بۇياققا چىقىڭە ، دىدى. ئەركىننىڭ ئايالى ئۇڭسىلى ئۇچكەن ھالدا چىقىپ مۇبارەككە قاردى . مۇبارەك
-بۇ ئايال كىم بۇلۇلىدۇ؟
-ھە.... بۇما.... بىزنىڭ بىر خۇشنىمىزنىڭ قىزى، داشۇدە ئۇقۇيتى، ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ خۇتەنگە ماڭماقچىكەن، ئىۋەتىدىغان نەرسەڭلار بارمۇ دەپ كەپتۇ، سىز ھەرگىز خاتا چۇشەنمەڭ ، مۇبارەك بۇ يالغانچى ئايالغا لەپپىدە قاراپ قۇيۇپ ،
-ھە  ،مۇنداق دەڭ ، نىمىشقا خاتا چۇشنىمەن، دەپ ھۇيلىنىڭ سىرتىغا ماڭدى.
-نەگە بارسىز مۇبارەكخان؟
-ئۇبۇرنىغا، ھازىرلا كىرمەن،
بۇ 9-ئاينىڭ ئۇتتۇرلىرى  بۇلغاچ، ئۇقۇغۇچىلار يازلىق تەتىل تۇشۇپ سىتۇدىنتلار ئۇيلىرىدىن مەكتەپ قۇينىغا قايتىپ كىلىپ، ئۇقۇشنىمۇ باشلاپ  بۇلغان ،بۇ دۇت ئايال  ئۇزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تەمتىرەپ قىلىپ گەپنى خاتا قىلغان ئىدى،  ئەقىللىق مۇبارەك  بۇ نۇقتىنى ئاللا بۇرۇن چۇشنىپ يەتكەن ،
ئەركىننىڭ ئايالىنىڭ چىرايىغا كۇلكە يۇگۇرۇپ ئۇيگە كىرىپ كەتتى .مۇبارەك دۇڭدىن -پەسكە ئۇچقاندەك چۇشۇپ يۇل بۇيدىكى ماگزىندىن بىر تال ساقال تىغىنى ئالدىدە ،دۇڭدىن قانداق تىز چۇشكەن بۇلسا ،يەنە شۇنداق تىز چىقىپ ئۇيگە كىردى.
...........................................................................................................................................................

                                                      بىپەرۋا


ئۇزەڭنى ئەرچاغلىساڭ كىشىنى شىر چاغلا
                     <ئۇيغۇر-خەلىق ماقالىسى>

               مۇبارەك ئۇيگە كىرگەندە بايا داستىخاندىكى نازۇ -نىمەتلەرنىڭ تۇلىسى يۇغۇشتۇرۇپ بۇلۇنغان، ئەلى تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ ئۇلتۇراتتى.
-كىلىڭە، ئۇستىگە چىقىڭ بىللە ئۇلتۇرايلى، رىزىۋان شۇنداق دەپ ئەلىنى بىقىنداپ كۇلدى . مۇبارەك
-بۇلدى ھاجىتى يۇق، مەن ھازىر قايتىمەن سىلەرگە دەخلى قىلماي ،مۇبارەكنىڭ يۇغان شەھلا قارا كۇزلىرىدىن ئادەمنى ئەيمىندۇرگىدەك دەرىجىدە بىر خىل سۇغۇق نۇر چاقناپ تۇراتتى .
-رىزىۋانگۇل، سىلەر ئەلى بىلەن تۇنۇشقىلى قانچىلىك بۇلدى؟
-پەرزىمچە 6-7-يىللار بۇلدىغۇ دەيمەن، شۇنداقمۇ ئەلى؟
-سىز نىڭمۇ ئەسلى يۇرتىڭىز خۇتەندىنمۇ؟
-ياقەي،  دىدىمغۇ ، مەن بۇشەھەرگە يەرلىك، مۇشۇ يەردە تۇغلۇپ -چۇڭ بۇلغان ،داداملار قۇمۇللۇق ، رىزىۋان مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە<تۇغلۇپ -چۇڭ بۇلغان > دىگەن سۇز نى ئالاھىدە ئىيتتى. ھەم مۇبارەككە بىر خىل مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قاراپ قۇيدى .ئۇچسىغا ئاددى كىيىملارنى كىيىپ ساپما كەش بىلەنلا چىققان مۇبارەك رىزىۋاننىڭ قارشىدىن تۇرۇپ ئاچچىغى كەلسە ،تۇرۇپ ئۇزىنىڭ شۇنداقلا كىلىپ قالغىنىدىن نۇمۇس قىلدى.
-ئۇنداقتا ئەلى بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار خىلى يىقىنكەن ھە؟
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتكىلى بۇلمايدۇ، بۇرۇن يىقىنتۇق، كىيىن ئانچە-مۇنچە ئىزدىشىپ يۇردۇق شۇ ،
-شۇنداقمۇ ؟ئەمسە بۇگۇنكى بۇ ئالاھىدە يۇقلاشنى مەن قانداق چۇشەنسەم بۇلىدۇ؟
-سىز نىمە دىمەكچى؟
-بۇ سۇ ئالنى مەن سۇرسام تۇغرا بۇلىدۇغۇ دەيمەن، ئەلىنىڭ ئايالى ،بالسى، ئائىلىسى بارلىغىنى بىلمەمسىز؟
-بىلسەم -بىلمىسەم ماڭا بەر-بىر ،
-ئۇنداقتا ئەلى نەچچە كۇندىن بىرى نەگە باردى ؟
-غەم قىلماڭ ،ئاش قالمىدى، مەن ئىشلىگەن ياتاقتا ياتتى ، مەن باختىم،
-ئۇھۇي، نىمانداق ياخشى، ساخاۋەتچى قىز سىز ،  شاپائەتچى جىگۇڭ كەپ قالمىغاندۇ ؟ئەمسە ئەلىنىڭ بالىسىنىمۇ قۇشۇپ باقمامسىز؟
-بۇ نى سىز ئەسكەرتمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، بىز دەل مۇشۇ ئىش ئۇستىدە مەسلىھەتلىششكە كەلگەن،
-ھە ئىلاخۇن، ئەمدى دىگىنە، بايا بىز بىر يۇرتلۇق داۋاتاتتىڭغۇ ؟يەڭگە سىزمۇ دەڭە ئەمدى،
-نىمىنى دەيمەن ، كىم سىنى چىللاپ كەلدى ،يۇقلەۋا بۇرالقى، ئەلىنىڭ مۇبارەكنى تۇنجى قىتىم ئادەم بار يەردە تىللىشى بۇلغاچ، ئۇزىنى ئاران بىسۋىلىپ تۇرغان مۇبارەككە بەكمۇ ئىغىر كەلدىدە كۇزىگە ھىچنىمە كۇرىنمەستىن بىر سەكرەپلا سۇپىغا چىقىپ ئەلىگە ئىتىلدى ،رېزىۋان چاققانلىق بىلەن ئۇرنىدىن تۇرۇپ مۇبارەكنى قۇچاغلاپ تۇتىۋالدى، ئۇيدە قىييا- چىييا كۇتۇرۇلدى .مۇ بارەك تىغ تۇتقان قۇلىنى ھەدەپ ئەلى تەرەپكە شىلتىيتى .  شۇ ئاردا ئەركىن بىرە كىلۇچە  خام جىگەرنى كۇتۇرۇپ كىردى.
-ھاي-ھاي مۇبارەكخان. بۇيەگە جىدەل قىلغىلى كەگەنما ؟قۇيڭا قۇلڭىزدىكىنى، قان تۇكەلسە ئوبدان بۇمىيتۇ ماخما ؟ئۇنۇ، ئەددىس قانخۇركەنيا ۋا،
مۇبارەكنىڭ قۇلغىغا گەپ كىرمىدى، ئۇ بار كۇچىنى چىقىرىپ بىر يۇلقۇنۇپلا رىزىۋاننىڭ قۇلدىن بۇشنۇپ ئەلىگە يەنە تاشلاندى، ئەلىمۇ ئۇزىنى سۇپىدىن پەسكە ئىتىپ ئۇلگۇردى، مۇبارەك قانغا تۇلغان كۇزلىرى بىلەن ھەر تەرەپكە قاراپ، ئۇلجا ئىزلەۋاتقان يىلپىزدەك ئەمدى رىزىۋانغا ئىتىلدى ،رىزىۋانمۇ ئاستىدىكى كۇرپىنى تىزلىكتە ئىلىپ يۇگىنىۋالدى، مۇبارەك قۇلىدىكى تىغنى قالايمىقان شىلتىپ كۇرپىنىڭمۇ ئۇدۇل كەلگەن خىلى جىق يىرىنى كىسۋەتتى، ئەلى، ئەركىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى مۇبارەكنىڭ قۇللىرىنى قايرىپ تۇرۇپ تىغنى ئىلۋالدى، ئەركىن
-ھاي، ماڭا  غەللە تىپپ بەمەي چىقڭا خىنىم ئۇيدىن ،ئەركىننىڭ بۇ سۇزى مۇبارەكنىڭ قۇلقىغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ يانغا قارشىغا كۇزى يۇغان سۇ تۇڭى <ئىدىش> ئۇستىگە قۇيۇپ قۇيۇلغان سۇ چۇمۇچى<نۇگاي> غا چۇشتى، مۇبارەك چۇمۇشنى ئىلىپ خۇددى قىلىچۋازدەك قىزلاردەك ئۇينۇتۇپ ئەلىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يىرىگە ئۇردى، چۇمۇش ھەر-بىر تەككەندە چۇمۇشتىن<ۋايجان> دىگەندەك تاڭ-تاڭ قىلغان ئاۋاز چىقاتتى، رىزىۋانمۇ نەچچە چۇمۇش يەپ بۇلۇپ مۇبارەكنىڭ ئالدىدا گۇناھكاردەك يۇكۇنۇپ ئۇلتۇرۇپ مۇبارەكنىڭ پۇتىغا ئىسلىپ يالۋىرىشكە باشلىدى،
-ئۇتنۇپ قالاي، بۇلدى قىلىڭ ،بىز خاتا قىپتۇق ،كەچۇرۇم سۇراي،
-نىمىگە كەچرۇم سۇرايسەن پاسكىنا؟ ئىيتە ،ئەلى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭ بار؟ بۇگۇن ھەممەڭ  قۇلۇمدىن ساق چىقىمەن دەپ ئۇيلاشما .يا ھە قاسىڭ ئۇلسەن، يا مەن ئۇلمەن، تۇيدۇم بۇنداق جاندىن، خۇتەندىن مىنى ئەخمەق قىلىشقا كەلگەنما؟ كىمىڭنى ياراتماي كۇزگە ئىلمايسەن؟ مەن مۇشۇ قىرى بۇزۇقتىنمۇ بەتتەرمىكەنمەن؟ بۇرالقى دەيسىنا ،مىنى خۇتۇن قىلغاننىڭ ياقى ماڭا قانچىلىك كۇينۇپ كەتتىڭ؟ ماڭا نىمىش قىلىپ بەردىڭ ؟قانچىلىك خۇشاللىق ئاتا قىلدىڭ؟ ئىشەككە ئۇخشاش بالىنى تىپپ قۇيۇپ ئىگە بۇلمايدىغان ھالىڭغا خۇتۇن ئالغىچە ئىشەك بالا تاپقىچە تەخەي تاپساڭ بۇلمامدۇ؟ ھۇ دەللال كۇڭلى قارا مۇناپىق ،بىرە خىتىمنى، بۇزەك قىلىۋەرسەم گەپ قىلمايدىغان ساراڭ ئىكەن بۇ دەپ قالدىڭما؟ ئەمدى ساڭا بۇزەك بۇلدىغان مۇبارەك يۇق، ساڭا تىتىمىغان جاننى ئىتقا تاشلاپ بىرمەن، تۇققانلىرىڭدىن تارتىپ بۇزەك قىلدىغانغا كۇتۇڭنى تەتۇر ئۇرىۋەتتىمما ؟ ئەمدى قاراپ تۇر، ساڭا قانداق تىتىيدىكەنمەن ،ھۇ خۇتۇن پۇرۇش بۇزۇق ،دۇمىلە مەينەت ،دىگىنە، بىرنى قۇيماي دە، بىر ئىغىز يالغان گەپ قىلساڭ مۇشۇيەردە ئۇزەمنى ئۇلتۇرۇپ ھەممەڭنى قاتىل قىلمەن،
مۇبارەك بۇ قىتىم ھەممە دەردىنى بىرلا ئالماقچى بۇلغاندەك، ئىشىكنى تۇسۇپ قۇلىنى بىلىگە تىرەپ تۇرۇپ سۇزلەيتى ،يىغلايتى، ئۇدۇل كەلگەن نەرسىنى يەرگە ئىتىپ چاقاتتى، ئەلى بۇ قىتىم مۇبارەكتىن قۇتۇلالمايدىغانلىغىغا كۇزى يىتىپ رىزىۋانغا قاردى، مۇبارەك
-ھە، قارايسەنغۇ ؟ئۇتە بۇياققا ،نۇمۇسنى بىلمەيدىغان قىرى پاشۋاز ،گەپ قىلە سەن ھەي سىرىق مۇشۇك ،  دەپ رىزىۋانغا قاردى ،  رىزىۋان
-شۇ ، ئۇتكەندە بىرمەھەللىلىك دۇس، ھەم خىزمەتدىشىم رۇزىگۇل بىلەن بازار ئايلىنىپ يۇرۇپ  ئەلىنى ئۇچۇرتۇپ قالدۇق ،بىللە تاماق يىيىش جەريانىدا تۇي قىلىپ بالىلىق بۇلغىنىنى بىلدىم ، ئەمما ئەلى ئاپىسىنىڭ بۇ تۇيغا نارازى ئىكەنلىگىنى، ئۇزىنىڭمۇ بىر قارارغا كىلەلمەيۋاتقىنىنى ئىيتتى ،مەن بۇرۇن ئەلى بىلەن ئىككى يىل يۇرگەن ،تۇي قىلمىز داۋاتقاندا ئەلى يۇقاپ كەتكەنتى ، ئەلى مىنىڭ تۇنجى يۇرگىنىم، ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتقىنىم يۇق ، رۇزىگۇل مىنى ئەلىنى ئىزلىمەسلىككە دەۋەت قىلدى، ئەمما ئۇمۇ ئەلىنى ياخشى كۇرەتتى، بۇنى مەنلا ئەمەس ئەلىمۇ بىلىدۇ ،مەن رۇزىگۇل ئەلىنى مەندىن تارتىۋالماقچى. قىزغىنىپ شۇنداق قىلۋاتىدۇ دەپ، قانداق بۇلۇشتىن قەتئىنەزەر ئەلىنى قۇلدىن چىقارماسلىقنى قارارقىلدىم، ئەمما سىزنىڭ بۇيىڭىزدا بارلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئەلى  نەۋرە ئاكام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقايلى، ئۇ  ئانامنى ئۇناتسا تۇينى قىلىپ خۇتەنگە كىتىمىز ،لىكىن بالنى ئىلىپ كىتىمەن دىدى ، مەنمۇ كىچىك بالىغا ئامراق بۇلغاچ  قۇشۇلدۇم، كىيىن بۇئىشلار بۇلدى، ئىشلارنىڭ بۇنچىلىك مۇرەككەپ ئىكەنلىگەنى ئۇيلىماپتىمەن، بۇلدى مىنى كەچرۇڭ، ئىككىڭلار بەخىتلىك بۇلۇڭلار، بۇندىن كىيىن ئەلىنى ھەرگىزمۇ ئىزلەپ كەلمەيمەن ،  رىزىۋان مىشىلداپ يىغلاپ مۇبارەكنىڭ قۇلىغا ئىسىلدى،  مۇبارەك قۇلىنى سىلكىپ تارتىۋىلىپ  ئەلىگە قاردى ، ئەلى بۇرۇنقىدەك تۇلىمۇ بىچچارە ھالدا،
-خۇتۇن، بۇلغان ئىشلار ئىككىمىزگە ئايان ،بۇيەردە ھەممە ئىشنى سۇزلەپ ئۇلتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يۇق ،ئۇينى ئىككىمىز تۇتمىز ،ئانام نىم دىسە دەر، سەنمۇ بۇلدى قىل  ، ئەلى سۇز ئارسىدا  مۇبارەكنىڭ باشقا ياققا قارغىنىدىن پايدىلنىپ رىزىۋانغا كۇزىنى قىسۋەتتى، لىكىن كۇزنىڭ قۇيرىغىدا قاراپ تۇرغان مۇبارەك بۇنى كۇرۇپ قالدى،
- كۇزلە ئىتتىك قىسلىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ، قۇم كىرىپ كەتمىگەندۇ؟ ھۇ  ھايۋان،  قىنى ئىيتە؟مەن بۇلدى قىلمىغانما ؟بۇ نەچچىنجى قىتىم بۇلدى قىلشىم ؟ بىر-بىرلەپ سۇزلەپ ساناپ بىرەيمۇ يا ؟ ئىسىت ،  ساڭا قىلغانلىرىم  ،سەندەك نىمىگە ئەقىدە قىلغىچە  ئىتقا قىلسامچۇ ؟دىيشىگە ئەركىن
-ھاي، بۇلدى دىگەندىكىن سۇز تۇگدىيا، ئۇنۇ ،نىماندا كاجيا سىز؟
-ئو  ئوش،  بىرىپ ئۇمچىڭىزنى ئىچڭە، سىزمۇ ئەلىنىڭ ئايالى، بالسى بارلىغىنى بۇلمەمتىڭىز؟ بىر چىرايلىق مىھمان قىلىپ ئۇلتۇرۇپ كەتكىنىنى، مىنى بىرە قىتىم شۇنداق كۇتۇپ باقتىڭلارمۇ؟ ئىشكىڭىزگىمۇ قىزىل مىلاڭزا<پەردە> ئىسىپسىز، ئەمدى< دەللال خانا تىپىشتۇرۇش ئۇرنى> دىگەن خەتلا كام قاپتۇ ،  ئىرىنمىسىڭىز ئۇنىمۇ قىلۋىلىڭ ، پۇكانچىلىق قىلىپ ئاۋارە بۇلمايسىز، قۇش تىجارەت، جىقاراق پۇل تىپپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس، شۇ بانىدا دۇكاننمۇ كەڭرىتىۋالاسىز ،ياخۇتەندە تارماق دۇكان ئاچامسىز ،ئاكىسىكەن دەپ گەپ قىلمىسام قىلىپ يۇرگەن ئىششىنى ،
-ھاي، ئۇكاماي، ئۇز گەپ قىلىڭا ، يامان زۇۋاندا كەنسىزيا؟  ئەركىننىڭ ئايالى مۇبارەككە ھۇمايدى، مۇبارەك
-ئۇزگەپ قىلغىدەك قىلىق قىلسىڭىز ئۇزگەپ قىلارمەن دەللال  خانىش ، دىدى ھەممەيلەن جىمىپ قالدى  رىزىۋان سائىتىگە قاراپ قۇيۇپ ،
-مەنمۇ ماڭاي ،ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ، سىلەرمۇ تەگەشمەڭلار ،رەنجىمەڭ، ئىككى قات ئىكەنسىز بالىغا تەسىرى بۇلىدۇ، خۇش ئەمسە دەپ، ئۇرنىدىن تۇردى،
-ماقۇل، ئەمسە بىزنىڭ تۇققانداچىلىغىمىز مۇشۇيەرگىچە بۇلسۇن ئەركىن ئەپەندى، مەنمۇ قايتاي ،مۇبارەك رىزىۋاننىڭ كەينىدىنلا چىقتى، ئەلىمۇ مۇبارەككە ئەگەشتى ،بۇلارنىڭ باردىغان يۇلى ،ئۇلتۇردىغان ئاممىۋى ئاپتۇبۇسنىڭ مۇساپىسى بىر بۇلغاچ ئۇچەيلەن بىر ئاپتۇبۇستا ،مۇبارەك ئالدىداراق ئۇلتۇردى، ئەلى مۇبارەكنىڭ سەل نىردا ئۇرە تۇردى، رىزىۋان بۇلارنىڭ قارشى تەرپىدە يەنى مۇبارەك- ئەلىلەرنىڭ كەينىدە ئۇلتۇردى ،ئاپتۇبۇس قۇزغۇلۇپ مۇبارەك خىيال سۇرۇپ ئۇلتۇراتتى، ئەلى مۇبارەككە قاراپ قۇيۇپ رىزىۋانغا بىر نىمىلەرنى ئىشارەت قىلىپ كۇزىنى قىسىپ كۇلدى ،بۇنى مۇبارەك كۇرمىدى، ئەلىلەر ئاپتۇبۇس ئالمىشش ئۇچۇن قايناق بازاردا چۇشۇپ قالدى، رىزىۋان شۇ ئاپتۇبۇستا كەتتى، ئەمما ئاپتۇبۇس قۇزغالغاندا ئەلىنىڭ<تىلفۇن قىلمەن> دىگەن ئىشارىتىنى مۇبارەك ئىنىق كۇردى، ئەلى ئاپتۇبۇس كەتكەن تەرەپكە قىيمىغاندەك قاراپ تۇراتتى،
-ماڭمامسەن، كۇزۇڭ قىيمايۋاتامدۇيا؟  ئەلى چۇچۇپ مۇبارەكنىڭ يىنىغا كىلىپ زۇۋان سۇرمەي ماڭدى، مۇبارەك شەھەر بۇيىنچە ئەڭ چۇڭ قايناق بازارنىڭ ئۇتتۇرغا جايلاشقان ، كۇزنى قاماشتۇردىغان  ئىگىز  تۇرلۇك -ماللار سۇدا سارىيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سەل ئۇيلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ،
-ئەلى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇر، مەن دۇكاندىن بىر نىمە ئىلىپ چىقاي دەپ كىرىپ كەتتى  ،
مۇبارەك  سۇداسارىيىنىڭ بىرىنجى قەۋىتىگە جايلاشقان، دۇرا گۇتىيىنىڭ ئىچىدىكى دۇرىلارنى كۇرىۋاتقاندا، بىر ئاق خالات كىيگەن قىز،
-ياخشىمۇ سىز ؟قانداق  دۇرا لازىمتى ؟ دەپ سۇردى ، مۇبارەك قىزغا قاراپ ،
-سىلەردە <ئەندىڭ> دىگەن دۇرا بارمۇ؟  قىز تۇت ئەتراپقا  قارۋىتىپ
-بار نەچچىلىك لازىم؟
-بىرقاپ نەچچە پۇل؟
-5 يۇئەن 8 مۇ،
-ئىچىدىن نەچچىتال چىقىدۇ؟
-100  تال، لىكىن جىق يىسە ئادەم قىتىپ قالدۇ ،ئۇنىڭدىنمۇ ئىغىر بۇلشى مۇمكىن دىققەت قىلىڭ،
-بۇلىدۇ رەھمەت سىزگە، ماڭا ھازىرچە 3 قاپ بىرىڭ،
<ئەندىڭ> ئەسلى ئاق تاماكا چىكىدىغانلار پۇلسى قالمىغاندا خۇمىرىنى بىسىش ئۇچۇن يەيدىغان بىر خىل زەھەرلىك دۇرا بۇلۇپ، بۇنى دائىم ئىستىمال قىلدىغانلار نۇرمال ئىستىمال قىلسا ئادەمنى ئاسانلا دۇرىغا خۇمار قىلىپ قۇيدۇ ،كۇپ ئىستىمال قىلسا بايا دىگەندەك ئادەم قىتىپ قىلىش ،نەپەس تۇختاش، ھەتتا ئۇلۇپ قىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىراتتى ،بۇ چۇڭ شەھەر دە مۇنداق گەپلەرنى كۇندە دىگۇدەك ئاڭلاپ ھەم كۇرۇپ تۇرغىلى بۇلاتتى.
مۇبارەك بۇ دۇرىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بىلگەچ ئۇلۋىلىش مەخسىتىدە سىتىۋالغان، دۇرىگەر قىز بۇلسا .مۇبارەكنىڭ كۇز- بۇرۇنلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى ئەكسىچە چۇشنىپ قالغان،
مۇبارەك دۇرىنى يانچۇقىغا سىلىپ ئەلىنىڭ يىنىغا چىقتى، ئەلى ئۇتكەن-كۇچكەنلەرگە قاراپ تاماكا چىكىپ تۇراتتى،
ئىككىسى ئالدىغا ئۇن مىتىر ماڭغاندا مۇبارەك دۇرا بۇتۇلكىسىنى چىقىرىپ، ئاغزىنى ئاچتى ھەم 300 تالدەك دۇرىنى يانچۇغىدىكى قۇل ياغلىققا تۇكۇپ ئۇراپ دۇرا بۇتۇلكىسىنى چۇرىۋەتتى ،مۇبارەكلەر چۇڭ يۇلدا كىتىۋاتقاندا ئالدى تەرەپتىن بىر ياش بالا ئىككى چىلەك سۇنى ئەپكەشكە ئىسىپ كۇتۇرۇپ كەلدى ،مۇبارەك دەرھال
-ئۇكام، بەل ئۇسساپ كەتتىم سۇيىڭىزدىن ئازراق ئىچىۋالايچۇ ؟ بالا بىشىنى لىڭشىتتى ، مۇبارەك قۇل ياغلىقنى چىقىرىپ دۇرىنى بۇلۇپ ئاغزىغا سىلىپ چىلەكنىڭ بۇرجىگىدىن سۇ ئىچىپ دۇرىنى يۇتىۋەتتى، بۇ ئىش مىنۇت ئىچىدە 3 قىتىم تەكرارلاندى ،سۇچى بالا نىرىدا ئايىغى ئاستىدىكى بىرنىمىنى چىقىرالماي ئاۋارە ئىدى، ئەلىى مۇبارەكنىڭ يىنىدا مۇبارەككە پەرۋاسىز قاراپ تۇراتتى، مۇبارەك بارلىق دۇرىنى سۇ  بىلەن پاك-پاكىز يەپ بۇلۇپ ،ئاغزىنى سۇرتۇپ بالىغا رەھمەت ئىيتىپ يۇلىنى داۋاملاشتۇردى، بۇلار بەلكىم ئۇن مىتىرمۇ ماڭمىدى بۇلغاي، مۇبارەك كىتىۋىتىپ خۇددى بىرى ئىتتىرۋەتكەندەك چۇڭ يۇلغىلا گۇپپىدە قىلىپ يىقىلدى،
.........................................................................................................................................................
                                                يۇقالغان بۇۋاق


ئۆتمە نامەرت كۇۋرىكىدىن سۇ سىنى ئاختۇرسىمۇ
      يىمە نامەرت ئاشىنى ئاشلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ
<ئۇيغۇر-خەلىق قۇشاقلىرىدىن

ئىنسان ھاياتلا بۇلىدىكەن ئۇنىڭ بىشىغا ھەرخىل قىسمەتلەر كىلىدۇ ،ئەمما ئەجەل دەرۋازىسى ئىچىلمىسا ھامان ياشايدۇ، ھاياتنىڭ لەززىتىنى تىتىشنى بىلىدىغانلار ھايات ئۇچۇن تىرىشسا ،تەغدىرنىڭ قارا قىسمەتلىرىگە دائىم دۇچ كىلىپ ،ياش تۇرۇپلا ھايات سىناقلىرىنى بىشىدىن ئۇتكۇزۇپ بالام ،ئۇيۇم، ئىرىم، دەپ جاھاننىڭ ھىچقانداق ھالاۋىتىنى كۇرەلمەي بىر ئۇمۇر ئازاپ چىكىدىغانلارنى بۇ رىئال تۇرمۇشتا ئاز دەمسىز ؟ ھايات شۇنچە قىسقا، گۇزەل بۇلسىمۇ بەزىلەر بۇ گۇزەل ھاياتتىن بىزار ،چۇنكى ئۇلارنىڭ بۇدۇنيادا مەۋجۇتلىكىنى تەغدىر ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ،ئازراقمۇ ئىللىقلىق بەرمەستىن قۇلىنىڭ كەينىدە ئىتتىرىپ  تۇلىمۇ  ئىغىر چاقچاق قىلىدۇ ، بەلكىم ئۇلار ياشاشقا تىگىشلىك بۇلمىغانمۇ ؟يا خاتا تۇرلۇپ ئارتۇقچە يارلىپ قالغانمۇ؟ بىلگىچى ئاللا !
مۇبارەك يەردە ئۇلۇكتەك ياتاتتى ، بىردەمدىلا ئەتراپقا ئادەملەر تۇپلۇشۇپ ھەر خىل مۇلاھىزىلەرنى قىلىشقا باشلىدى،
-تۇۋا، ياشلا قىز كەن تۇتقاق كىسلى بار ئۇخشايدۇ؟
-بىرچىرايلىق قىز  تۇرۇپ كۇندۇزدىمۇ ئىچەمدۇ؟
-تىزراق دۇختۇرغا ئاپىرىڭلا ،ئىسسىق ئۇتۇپ قالدىمۇ بۇقىزغا،
ئەتراپتا تۇر غانلاردىن بىرى تاكسى ماشىنىدىن بىرنى تۇسۇپ ئەلىگە ياردەملەشتى ،ئەلى مۇبارەكنى ماشىنىغا سىلىپ مەرھابانىڭ ئۇيىنىڭ ئالدىغا كەلدى، چۇنكى يىنىدا تاكسىغا بەرگىدەك پۇل يۇق،
ئۇيدە  تالىپ بىلەن مەرھابانىڭ يۇلدىشى پاراڭلىشىپ ئۇلتۇراتتى، ئايشەم ئانا ھەپتە بۇرۇن چۇڭ قىزى بۇھەجەرنىڭ. قىزىنىڭ تۇيغا كەتكەن، <قەيسەرگە مۇبارەكنىڭ دۇستى رەشىدە قاراپ قالغان>  ئەلى مۇبارەكنى كۇترۇپ مەرھابا نىڭ ئۇيگە ئىلىپ كىردى، تالىپ
-نىم بۇپتۇ بۇنىڭغا؟ ئۇلۇكتەكلا ياتىدىغۇ؟
-نىم بۇلغىنىنى مەنمۇ بىلمىدىم ،ئىشلاۋاتسام بىرىپتىكەن ،بىردەم ئۇلتۇرۇپلا كىتىمەن دەپ ئۇرنىدىن تۇرۇپ يىقىلىپ چۇشتى، ئىسسىق ئۇتۇپ كەتكەن ئۇخشايدۇ،
-چۇش- پىشىنگىچە ئۇخلاپ، تاماق يىمىگەندىكىن شۇنداق بۇلمامدۇ ،تالىپ مۇبارەكنىڭ يىنىغا كىلىپ بۇرنىغا قۇلىنى ئاپرىپ تىنىقىنى تەكشۇرۇپ باقتى، مەرھابا تۇربىدىن مۇزدەك سۇ ئىلىپ كىلىپ سىڭلىسىنىڭ يۇزىگە سەپتى، ئەمما مۇبارەك بىرخىللا ياتاتتى، تالىپ
-قۇپە ھۇي، ئۇلۇك كالدەك ياتماي، بىز نى قۇرقاتماقچىما ؟ دەپ مۇبارەكنى تۇرۇتتى، ئەمما ئۇنۇم بۇلمىغاچ مۇبارەكنىڭ يۇزىگە <چاڭ> قىلىپ بىر كاچات سالدى، يەنە ئۇخشاش
-قۇپە لامزەللە دۇختۇرغا كۇرسىتىپ باق، ئاپامنىڭ يۇقلىغىدا بىزگە ئىش تىپپ بەرمىسۇن بۇ،
ئەلى سىرىتقا چىقىپ يەنە تاكسىدىن بىرنى تىپپ مۇبارەكنى سىلىپ دۇختۇرخانىغا ئەمەس ئۇددۇل ئۇيگە ياندۇرۇپ كەلدى ،ئەلى قەيسەرنى مۇبارەكنىڭ يىنىغا ئەپ چىقىپ قۇيۇپ مەرھابا <دۇختۇرغا كۇرسىتىڭ> دەپ بەرگەن 100  كۇينى يانچۇققا مەھكەم سىلىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇيدىن غىپپىدە يۇقالدى،
بۇ ئارلىقتا مۇبارەكنىڭ دۇسلىرى، خۇشلىنىرى، ئانچە -مۇنچە تاماق سۇنۇپ يۇقلاپ تۇردى، قەيسەرمۇ 3 ياشتىن ئىشىپ خىلى چۇڭ بۇلۇپ قالغان ،ئۇ  بىردەم- بىردەم
-ئاپا ، جىنىم ئاپا ، كۇزۇڭنى ئاچە ،مەن كۇكاي، كۇشاق ئاشتى ،ئاش بامۇ ؟ دەپ مۇبارەكنى تۇرتۇپ، بۇ بەخىتسىز قىزنى مەجبۇرى ئەجەل چاڭگىلىدىن تارتىپ تۇراتتى، ۋاقىتنىڭ ئۇتىشىگە ئەگىشىپ جەبرائىلغا يارمىغان بۇ قىز ئازراق ساقىيىپ قالدى، ئايشەم ئانىمۇ قايتىپ كەلدى ،ئانا قىزىنىڭ ھالىغا ئىچىنىپ  يىغلايتى، ئەمما نىم بۇلغىنىنى بىلمەيتى ،
بۇگۇن مۇبارەك ئەلەڭ-سەلەڭ ئۇرنىدىن تۇرۇپ، قىتىپ كەتكەن قاتتىق ناننى غاجاپ ئۇلتۇرغان قەيسەرگە قاراپ ئۇلتۇرۇپ كەتتى، بازاردىن سەي ئىلىپ كىرگەن ئايشەم ئانا مۇبارەككە قاراپ،
-بالام قانداغراق؟ ياخشى بۇلۇپ قالدىڭمۇ ؟نىمىش بۇلدى بالام ؟مەن ئۇز ئاناڭغۇ ؟مەندىنمۇ سىر يۇشرامسە ؟دىگىنە، ئىدىيەڭدىن ئۇتمىگەن نىمە ئىش بار ؟ئەلى نەگە كەتتى؟ قەيسەر <دادام جىق كۇن بۇلدى كەلمىدى> دەيدىغۇ ؟يەنە پۇق يەپ يۇرمىگەندۇ؟ خۇشنىلارمۇ كۇرمەپتۇ .ئىشلىگەن يىرىدىمۇ يۇق،
مۇبارەك ئاپىسىنىڭ سۇزلىرىنى ئاڭلاپ كۇزىنى يۇمۇپ يەنە يىتىۋالدى، ئانا
-تۇرە، يىتىۋەرمە ،شامالداپ كىر ئۇڭشىلىپ قالسەن ،مۇبارەك
-بۇلىدى، ئاپا ئەنسىرگەدەك ئىش يۇق ،
-نىمىشقا ئەنسىرمەيمەن ،سەن دىگەن مىنىڭ قىزىم ،سەن چۇقۇم يەنە  دۇرا يەپسەن شۇنداقمۇ؟ نىمىشكە مىنى ئۇيلىمايسەن ؟سىلەرنى ماشىنا سۇقىۋەتكەندە جاپايىڭلارنى ئازتارتتىممۇ؟ مەنغۇ مەيلى قەيسەر كىچىك تۇرسا ئۇنىڭدا نىمەگۇنا ،بالنى بۇلسىمۇ ئۇيلاپ قۇيساڭ بۇلمامدۇ؟ ئانا سۇزلەۋىتىپ يىغلىۋەتتى، مۇبارەك بىردە ئانسىغا، بىردە قاتتىق ناننى غاجىلاپ غەمسىز ئۇلتۇرغان ئۇماق ئۇغلىغا قاراپ،
-ئاپا ،مىنى نىمىشكە تۇققان بۇلغىيتىڭ، مىنى ئىمىتكەندە كۇكسۇڭنى قاتتىق چىشلەپ سالغان بۇلسام ،بەرگەن ئاق سۇتۇڭڭە رازى بۇل، مىنى تۇققىچە كۇتۇڭگە باستۇرۇپ ئۆلتۇرۇپلا قۇيساڭ بۇلمامتى ئاپا؟
-نىمانداق گەپ قىلسەن ؟ يىغلىما بالام ،بىزگىمۇ خۇدايىم بار، بۇلمىغۇر خىياللارنى قىلما يامان بۇلىدۇ، بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتەر ،دەپ مۇبارەكنىڭ يىغىسىغا جۇر بۇلۇپ بۇينىغا ئىسلىپ يىغلىدى،
ئانا قىزغا تاسەللى بىرىپ قۇيۇپ تاماق تەييارلاۋاتاتتى ،مۇبارەك قەيسەرنى باغرىغا بىسىپ ياتقاچ
〈مەن ياشىشىم كىرەك، بالام ئۇچۇن بۇلسىمۇ ياشىشىم كىرەك ،خەپ ئەلى ئۇيۇن ئۇيناشنى سەن باشلىدىڭ ئەمدى ئاخىرىنى مەن چۇشرەي، ئۇيۇن دىگەننى قانداق ئۇينايدۇ ساڭا ئۇگتۇپ قۇيمەن، ئالدىرمايتۇر بىر كۇزۇڭدىن قان ،بىر كۇزۇڭدىن ياش ئىلىپ ھەر بىر قەدىمىڭدە مىنىڭ ئىسممنى بىر قىتىم زىكرى قىلىپ، ماڭىدىغان قىلىپ قۇيمىسام ھىساپ ئەمەس ،مۇبارەك دىگەن ئىسممنى يۆتكىۋىتىمەن ،
مۇبارەك شۇلارنى خىيال قىلىپ ئۇخلاپ قالغان قەيسەرنى ئاۋايلاپ ياتقۇزدى، كىيىن ئۇرنىدىن تۇرۇپ كىچىك تاتمىنى ئىچىپ ئەلىنىڭ ساقال ئالغۇچىدىكى كۇنا تىغنى چىقىرىپ ئىككى قۇلنىڭ بىغىشىنى نەچچە ئۇن يەردىن كەستى ،مۇبارەك قۇل بىغىشىدىن چىقىۋاتقان قىپ-قىزىل قانلارنى سۇرتۇپ تۇرشىغا ئانا تاماق كۇتۇرۇپ كىرىپ كەلدى،
-  ھۇ ..... ۋاي ئاللا،  نىمانداق گەپ يىمەيدىغان قىز سەن، ساڭا نىمە دىدىم ؟نىم قىلغىنىڭ بۇ ؟ ئانا مۇبارەكنىڭ قۇل بىغىشدىن چىقىۋاتقان قاننى كۇرۇپ قۇلىدىكى تاماق ئىلىپ كىرگەن چىنىنى يەرگە تاشلىۋەتتى،
-ھىچقىسى يۇق ئاپا، بۇ سىز گە بۇندىن كىيىن قالايمىقان خىياللاردا بۇلمايمەن دەپ ئىچكەن قەسمىم،
ئانا نەلەردىندۇ ئاق داكا تىپپ، < قاچانلاردىن ئۇيدە ساقلاپ قۇيدىكىن> ئىسپىرت بىلەن يارا ئىغىزىنى تازلاپ، ئۇنغا ئۇخشاش بىر دۇرىنى سىپپ قۇلنى ياخشىلاپ تاڭدى،
ئىككى-ئۇچ كۇندىن كىيىن مۇبارەك خىلىلا ئۇڭشىلىپ قالدى، ئۇ ،ئۇرنىدىن تۇرۇپ بىرىنجى بۇلۇپ قىلغان ئىششى، رىزىۋاننىڭ ئىدارىسىنى ئىزدەش بۇلدى ،
مۇبارەك ھەشەمەتلىك بۇ بىناغا كىرىپ بىرىنجى قەۋىتىدىن رىزىۋاننى سۇتۇشتە قىلدى، سۇرۇشتۇرۇش ئۇرنىدىن مەلۇم بۇلشىچە رىزىۋان 6-قەۋەتكە مەسئۇل بۇلۇپ، بۇگۇن ئەتتىگەن ئىشلەپتۇ ،چۇشتىن كىيىن دەم ئالدىكەن، مۇبارەك چۇڭ زالدىكى تام سەئىتىگە قاردى، رىزىۋاننىڭ ئىشتىن چۇشۇشىگە يەنە 45  مىنۇت بار،
مۇبارەك مۇلازىمەت سۇپىسىدىكىلەرنىڭ كۇرسەتمىسى بۇيىنچە لىفىتقا  ئۇلتۇرۇپ  يۇقۇرغا چىقىشقا باشلىدى، لىفىت4-قەۋەتكە كەلگەندە، ئۇتتۇر ياش ،تۇلىمۇ سالاپەتلىك بىر خەنزۇ  ئەر قۇلىدا سۇزلىشش ئاپپاراتى،<دۇيجاڭجى> قۇلتىغىغا بىر ماتىريال سۇمكىسى قىستۇرۇپ  چىقىپ 12- قەۋەتنى باستى، مۇبارەكنىڭ كۇزىدىن تۇختىماي تۇكىلۋاتقان ياش ئەرنىڭ ھىسداشلىغىنى قۇزغاپقالدىمۇ ،
-سىڭلىم ،بىرە ئىش بۇلدىمۇ؟ ياردىمم كىرەكمۇ ؟ بىرە سىنى ئىزدەمسىز؟ ئىش بۇلسا ماڭا دەڭ ،مەن بۇ مىھمانخاننىڭ مەسئۇلى ، دىدى  مۇبارەك
-رىزىۋانگۇل بىلەن رۇزىگۇلنى ئىزدەيمەن ،بەك مۇھىم ئالدىراش ئىششىم باتتى،
-ھە ، ئۇلارنىڭ ئۇيدە مۇھىم ئىش چىقىپ قاپتىكەن، يىرىم سائەتنىڭ ئالدىدا مەندىن رۇخسەت ئىلىپ چىقىپ كەتكەن،
مۇبارەك لاسسىدە بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى،
-بەك مۇھىم بۇلسا ماڭا دەڭ ،مەن دەپ قۇياي ،ئالدىراش دەيسىز، ئىككى قات ئىكەنسىز ،بەلكىم ئۇيىگە بىرىپ بۇلالمايسىز  ، مۇبارەك  يىغلاپ تۇكۇلۇپ كەتتى،
-يۇرۇڭ، ئىشخانىغا چىقايلى، يىغلىماڭ ،ياخشى پاراڭلىشايلى، بەلكىم ياردىمم تىگىپ قالار ، مۇبارەك ئارتۇقچە قارشىلىق بىلدۇرمەي بۇ ئادەمنىڭ كەينىدىن ئىشخانىغا كىردى، باشلىق كىچىك تۇڭلاتقۇدىن مۇزلىتىلغان بىر بۇتۇلكا مىنرال سۇنى ئىلىپ مۇبارەكنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ ،
-قىنى ئۇلتۇرۇپ سۇزلەڭ، ھاۋا ئىسسىق ئۇسساپ كەتكەنسىز ئىچكەچ ئۇلتۇرۇڭ ،دىدى
مۇبارەك يۇمشاق كىرىسلۇ <سافا> ئۇستىدە قۇرنۇپ ئۇلتۇرۇپ، رىزىۋانغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىلا چۇشنۇشلۇك ئاددى قىسقىلا قىلىپ سۇزلەپ بەردى ،باشلىق بىردەم ئۇلتۇرۇپ كىتىپ،
-سىز دىگەن  بالا مۇشۇ ؟  دەپ تاتمىسىدىن گۇنۇس تارتىلغان بىرپارچە سۇرەتنى چىقاردى، سۇرەتتە ئەلى كۇلۇمسىراپ ئۇلتۇراتتى، ئۇنىڭ يىنىدە رىزىۋان قىسىق كۇزلىرى يۇمۇلۇپ كەتكىچە كۇلۇپ ئەلىنىڭ بۇينىغا مەھكەم گىرە سىلۋالغان، كەينىدە كۇزلىرى يۇغان خىلى كىلىشكەن بىر قىز مەيۇس تۇراتتى،
-ھەئە، مۇشۇ شۇ، بۇ قاچان تەرتىلغان سۇرەت؟
-ئىككى كۇن ئاۋال، رىزىۋاننىڭ تۇغۇلغان كۇندە تارتىلغان، بۇ قىز خىلى ئەستايىدىل، ئۇزىمۇ ئۇقۇغان، خىزمەت نەمۇنىچىسى ئىدى، قانداق بۇلۇپ بۇ ئىشقا يۇلۇققاندۇ؟  باشلىق بىردەم تۇرۇپ كىتىپ،
-مۇنداق بۇلسۇن ،سىز ھازىرچە ئۇيڭىزگە قايتىپ تۇرۇڭ ،يۇلدىشىڭىزمۇ پات ئاردا باردۇ، قالغان ئىشلارنى ماڭا قۇيۇپ بىرىڭ، بۇ مىنىڭ ئىسىم كارتۇچكام ،بىرە ئىشقا ياردىمم كىرەك بۇلسا تېلىفۇن قىلارسىز ،ئاز بۇلسىمۇ بۇ 50 كۇينى كىرا قىلىپ كىتىۋىلىڭ ،
مۇبارەك ئۇيگە قايتىپ كىلىپ 3-كۇنى ئەلى سالپىيىپ قايتىپ كەلدى، ئايشەم ئانا قىزغا چىدىماي ئۇغۇللىرىغا ،بۇلۇپمۇ تاشقا بەكرەك دۇق قىلدى، ئىشلاردىن يىرىم ياتا خەۋەردار بۇلغان تاش بىلەن تالىپ، ئەلى قايتىپ كەلگەننىڭ ئەتىسى قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ كىردى،
<ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، يامان تۇققان ئۇلگەندە> دىگەندەك بىرىنجى بۇلۇپ گەپنى تالىپ باشلىدى،
-ھە، قاپاق نۇچى، كۇرۇنمەيسەنغۇ ؟نەلەردە ئۇۋ ئۇلاپ يۇرىيسەن ؟ ئەلى شۇھامانلا چىرايىغا يالغان  كۇلكە يۇگۇرتۇپ،
-تۇۋا دەڭە تالىپ ئاكا، ئۇۋلار بىزدەك بالىلىق، ئائىلىسى بار ئادەملەرگە ياراشمايدۇ،
-شۇنداقمۇ؟ ئەمسە قايسى كۇنى خەلىق باغچىسىنىڭ ئالدىدا تۆتۇڭلارنى كۇرۇپ قانداق قىلاركىن دەپ كەينىڭگە چۇشسەم باققا كىرىپ كەتتىڭ ،كىيىن سەن چۇپلۇكتە بىشىڭغا چاپاننى يۇگەپ ئۇخلۇدۇڭ، ھىلىقى قىزلار بىلەن يەنە بىر بالا قۇيۇق ئۇرمانلىق ئارسىغا كىرىپ كىتىپ خىلى ئۇزۇندا چىقتى، ئاندىن.................... قارسام مەس ئىكەنسەن، بۇ نى قانداق چۇشەندۇرسەن؟ قىلمىدىم دىگىنە قىنى ؟ئەسلى شۇ كۇنىلا سالماقچىتىم سىنى،  ئەمدى ئۇزەڭ سۇزلە،
گەپكە قۇلاق سىلىپ تۇرغان تاش ،ئۇرنىدىن تۇرۇپلا ئەلىنىنىڭ چىرايىغا بىرنى تەپتى ،ئەلى ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئۇزىنى ئۇڭشاپ بۇلغىچە ،تاش ئۇرۇپ-دەسسەپ ئەلىنى تاياققا كۇمۋەتتى،
ئاقكۇڭۇل ئايشەم ئانا بىلەن، مۇبارەك يەنە چىدىماي ئارغا چۇشۇپ ئاجىرتىۋالدى، تاش
-پۇق يەيدىغان ئەخلى يۇق گۇي ،ساڭا بىر قىز نى چۇڭ قىلىپ بىكارغا بۇزەك قىلسۇن دەپ  بەردۇقما؟ مىنى ھەجەپ ئۇسال قىلدىڭا؟ ئاكاملا ئەمەس ،مىنىڭ ئاغىنىلىرىممۇ نەچچە قىتىم كۇرۇپتىكەن سەن لاتا  مازنى ، ئازمايدىغان ئىنسان يۇق، بۇپتۇ دەپ كۇمەسكە سالساق بىز نى بىلمىدى دەپ ساراڭ كۇرۇپ قالدىڭما ؟ئۇي تۇتساڭ تۇزۇك تۇت، بۇلمىسا بىرىپ تەخىيىڭنى ھايدا ،بالسى بار ئىششىغا ئارلاشماي دىسە نىمانچە ھەددىڭدىن ئاشسەن ،ئىيتە ئادەم بۇلۇپ، تۇزلۇپ ،ئۇيۇڭنى تۇتامسە يا گىپىڭ بارمۇ؟
ئەلىگە گەپ ئۇتتىمۇ ،يا تاياقتىن قۇقتىمۇ ئەيتاۋۇر ئېغىز بۇرۇنلىرىدىكى قاننى سۇرۇتكەچ پەس ئاۋازدا<ئۇيۇمنى تۇتاي> دىدى،  تالىپ
-ئۇينى قانداق تۇتماقچى ؟مۇبارەكنى بۇزەك قىلىپ شاپاق غاجاپما؟
ئەلى بىشىنى ياق دىگەندەك چايقىدى. تاش
-بۇپتۇ، ساڭا بىر پۇرسەت بىرەيلى ،ئاپام بىلەن بالاڭنىڭ يۇزى، يەنە شۇنداق ئىشلارنى كۇرۇپ ،يا ئاڭلاپ قالسام ،سىنى بۇش قۇيۋەتمەيمەن بىلىپ قۇي، دەپ تالىپنى باشلاپ چىقىپ كەتتى،
مەلۇم بۇلدىكى، ھىلىقى مىھمانخاننىڭ باشلىغى ئەتىسىلا رۇزىگۇل بىلەن رىزىۋاننىڭ مۇئاشى بىلەن يىرىم يىللىق مۇكاپات پۇلىنى تۇتۇپ قىلىپ، بۇلارنى قاتتىق تەنقىت قىلىپ، خىزمەتتىن ھايدىۋەتكەن،  ئەلى ياتىدىغان يەرنىڭ تاينى يۇق، ئاچ قىلىپ ئۇيگە  قايتىپ كەلگەن،
شۇنىڭدىن كىيىن ئەلى قۇينىڭ قۇزىسىدەك يۇۋاشلاپ كەتتى، ئىشقا ۋاقتىدا بىرىپ ۋاقتىدا كىلىپ ئىچىگە تىنىپ يۇردى،
بۇگۇن مۇبارەك كىر يۇيىۋىتىپ ئەلىنىڭ ئىشتىنىنىڭ سۇڭگەچ يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى تىپىۋالدى ، خەت ئەلىنىڭ ئاپىسى تەرپىدىن يىزىلغان بۇلۇپ قىسقىچە مەزمۇنى تۇۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى،
   كۇزۇمنىڭ نۇرى ئۇغلۇم نەبىجان،
يازغان خىتىڭنى كۇرۇپ كۇڭلۇم تۇلمۇ يىرىم بۇلدى ،بىز نى قاچانغىچە ساقلاتماقچىسەن؟
بالىسىنى تاشلاپ بىرىپ تىزراق يىنىپ كەل ،قۇساقتىكىنى قانداق قىلسا قىلسۇن،
بۇيەردە ئىشلار ئاساسەن پۇتۇپ قالدى، پەقەت ساڭلا قاراشلىق،
ۋاقىتنى چىڭ تۇت، بۇزەك بۇلما، مەن سىنى ئۇغۇل بالا دەپ تۇققان،
سىنى سىغىنىپ ئاناڭ ھاۋاخان،
خەت مۇبارەكنىڭ ئەمەس ئەلى ئىشلەۋاتقان دۇكاننىڭ ئادرىسىغا كەلگەن ، مۇبارەك خەتنى ئىلىپ قۇيۇپ ئىششىنى قىلدى ،كەچتە ئەلى قايتىپ كەلگەندە مۇبارەك ئۇنسىزلا خەتنى ئەلىگە سۇندى ،ئەلى چۇچۇپ خەتنى ئىلىپ كۇرۇپ،
-بۇخەت نەچچە ئاي بۇرۇن كەلگەن ،ئارتۇق ئۇيلاپ كەتمە ،ئەمدى ھەممە ئىش تۇگدى ،مەنمۇ ئادەم بۇلدۇم دىدى،
-شۇنداقلا بۇلۇپ، خۇدايىم كۇڭلۇڭگە ئىنساپ بەرسىلا مەيلىغۇ،  ئەلى مۇبارەككە قاراپ
-ھەراس،  بىزنىڭ دۇكاننىڭ يىندا بىرخەنزۇ بار، ئايالى تۇغماسكەن، ئۇزى بەك باي،  قەيسەرنى بەرسەڭ 50مىڭ كۇي بىرمەن دەيدۇ ،بىرەمدۇق خۇتۇن؟ سىنىڭمۇ يەنە بۇيۇڭدا بۇلغاندىكىن،
-بالاڭنى باقالماي ساتاي دەمسە؟ تايىنلىق ئۆلتۇرۇپ گۇشىنى يە،
-نىمانچە خاپا بۇلسەن ؟ساڭا مەسلىھەت سىلىپ باقتىم ،
-مەن تىخى ئۇ ھالغا چۇشۇپ قالمىدىم، ئاللا بەندىلىرىنى رىسقى بىلەن يارتىدۇ،
-بىزنىڭمۇ ھال كۇنمىز ياخشى ئەمەس، ئىككى بالنى بىقىپ كىتەلمەيمىز ،يا قۇرساقتىكىنى بىرەمىز،
-شۇ ۋاقتى كىلىپ باقسۇن، ئاۋۋال سالامەت تۇغاي، كىيىن بىر گەپ بۇلار ،
ياز -كۇز ھەتتا قىشمۇ ئاياغلىشىپ ئەتىياز باشلاندى، بۇ جەرياندا ئەلىدە ھىچ ئۇزگىرىش بۇلمىدى، ئۇ ، نۇرمال بازار بۇلدىغان كىچىك دۇكاندىن بىرنى ئۇز ئالدىغا ئاچتى،
مۇبارەك بۇرۇنقىدەك دۇكاننىڭ يۇگۇر- يىتىم ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ يۇردى،  بىركۇنى كىچىدە تۇيۇقسىز مۇبارەكنىڭ تۇلغىقى تۇتۇپ دۇختۇرخانىدا يەنە بىر ئۇغۇل تۇغدى، مۇبارەك بۇشنۇپ 3-كۇنىلا دۇختۇرخاندىن چىقتى، بۇۋاققا < قەھرىمان>  دەپ ئىسىم قۇيۇلدى، بالا تۇلىمۇ ساغلام، تىتىك ،ئۇماق ئىدى، ئەمما قىرىشقاندەك بۇقىتىم مۇبارەكنىڭ كۇكسى ئاغرىپ بۇلالمىدى ،مۇبارەك ئاغرىققا چىدىماي دۇختۇرغا كۇرنىپ بىقىشنى قارار قىلىپ،  ئۇزىگە تاماق ئۇسسۇپ بىرۋاتقان ئەلىگە،
-كۇكسۇم ئاغرىپ كىتىۋاتىدى، دۇختۇرغا كۇرنۇپ باقاي دىگەن، قەيسەرغۇ ئۇيناپ تۇردۇ قەھرىماننى قانداق قىلارمەن؟
-قىززىق گەپ قىلدىكەنسە، مەن قاراپ تۇرمامدىم،
-سەن بىللە بارمەمسە؟
-ئاياللار بۇلۇمىگە مىنى كىرگۇز مەيدۇ ،بارساممۇ نىمە قىلالايمەن، ياخشىسى ئاپام بىلەن بىرىپ كەل ،تۇتە 100 كۇي يىتەر،
-ئۇنچىلىكمۇ كەتمەس ،ھەراس  ئۇيدە پەقەت كۇمۇر قالماپتۇ، بۇلسا100 كىلۇ < 15كۇيلۇق>  كۈمۈرئىلىپ بەر ،پەقەت بۇلمىسا دۇكاندىن بىرە خالتا بۇلسىمۇ ئەكەپ قۇيغىن ئۇن-مايمۇ يۇقكەن ،
شۇگەپ بۇلنىۋاتقاندا مۇبارەكنىڭ 3-ئاچىسى بۇلبۇل مۇبارەكنى يۇقلاپ كىرىپ، بۇلىۋاتقان  گەپلەردىن خەۋەرتىپپ،
-بۇلدى ئىككى ئۇينىڭ ئارلىغى500 مىتىر كەلمەيدۇ، مەن بىللە باراي دىسەم ھىلى يۇلدۇشۇم  كەلسە تاماق قىلمىسام بۇلمايدۇ، قەيسەرنى مەن ئىلىپ چىكىتەي، قەھرىماننىڭ قۇرسىغىنى تۇقلاپ قۇيساڭ سەن كەپ بۇلغىچە ئۇخلايدۇ، يىنىدا دادىسى بۇلغاندىكىن قاراپ تۇرا ، ئۇنىڭغىچىمۇ ئايشەم ئانا كىردى،
بۇلبۇل قەيسەرنى يىتىلەپ چىكەتتى، مۇبارەك قەھرىماننىڭ ئاستىنى قۇرۇغداش ئۇچۇن يىشىپ قۇلىغا ئىلشىغا بالا كۇزىنى ئىچىپ مۇبارەككە تىكىلىپ قاراپ قەھقەھلەپ كۇلۇپ، كۇينىدىنلا ئاچچىق قىقىراپ خىلى ئۇزۇن يىغلىدى ، مۇبارەك
-ئاپا ،40  كۇن بۇلمىغان بالا كۇزىنى ئىچىپ مىنى تۇنغاندەك قاراپ، ئاۋۋال كۇلۇپ كىيىن ھەجەپ قاتتىق يىغلىۋەتتا ،قاراڭ كىچىك بالنىڭ كۇزىدىنمۇ شۇنداق جىق ياش چىقامدۇ تۇۋا؟
-ئاخىرزاماننىڭ باللىرى بالام، بىلگىچى ئاللا ،
مۇبارەك بالىنى ئۇبدان يۇگەپ ئەلىگە تاپشۇرۇپ، ئاپىسى بىلەن دۇختۇرغا كەتتى ،ئۇلار ئالا-ھەزەل يىرىم كۇن ئاۋارە بۇلۇپ دۇختۇرنىڭ بەرگەن نەرسىلىرىنى ئىلىپ ئۇيگە ئالدىراپ يىنىپ كەلدى،
ئۇلار ئۇيگە كىرگەندە ئىشىك يىپىغلىق ،ئۇيدە ھىچكىم يۇق ،مەشتىكى ئۇت ئاللا بۇرۇن ئۇچۇپ ئۇي مۇزلاپ كەتكەن ئىدى،  مۇبارەك
-ئەجەپ ئۇلتۇرالمايدىغان نىمىكەن بۇ ئادەم مۇزلاپ كەلگەندە،
-بۇلدى بالام چىچىلما، يا دۇكانغا چىقىپ كەتكەندۇ كىرىپ قالا،
مۇبارەك ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كۇتكەن بۇلسىمۇ ئەلىنىڭ سايىسىنى كۇرمىدى، ئىچى تىتىلداپ كەتكەن مۇبارەك ئاپىسىنى تۇنۇش -بىلىش تۇققانلارنىڭكىگە ماڭدۇردى، ئەمما ھىچ يەردىن تاپالمىدى ، بۇ ئىشتىن خەۋەرتاپقان بۇلبۇل،
-بايام دۇكانغا چىقسام ئەلى بالنى كۇترۇپ كىتىۋاتقان ،نەگە دىسەم، كەينىدىن بىرىپ باقاي ،خاتىرجەم بۇلالمايدىكەنمەن دىگەنتى ،سىلەر كىتىپ يىرىم سائەتمۇ ئۇتمىدىغۇ دەيمەن، سىلەرنى ئىزلەپ يۇرەمدۇ يا ؟بۇلدى ئىچىڭنى پۇشۇرما، ھىلى سىلەرنى تاپالماي كىلىپ قالار،
ئەمما مۇبارەك بالنىڭ قۇرسىغى ئىچىپ  كەتكىنىنى ئۇيلىسىلا كۇزىگە يىغا يامىشاتتى، قاراڭغۇمۇ چۇشۇپ تاڭمۇ ئاتتى ،لىكىن ئەلى خۇددى يەر شارىدىن مارىسقا بالا بىلەن بىراقلا ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەندەك ئىزدىرەكسىز  يۇقالغان ئىدى،
..........................................................................................................................................................

كۇلىۋەرمە كۇلكىنى سۇرىغى بار بىر كۇنى                                  ئۇزۇن سەپەر
تۇخۇ يىگەن تۇلكىنى بۇرە يەيدۇ بىر كۇنى
<خەلىق قۇشاقلىرىدىن>
كۇنىلار ئىيتقاندەك ،ئېرىقتا سۇ ئازمۇ ئاقىدۇ ،كۇپمۇ ئاقىدۇ ،كۇلگەنلەر مەڭگۇ كۇلۇپ، يىغلىغانلار يىغلاپ ئۇتىۋەرمەيدۇ ،پەلەكنىڭ چاقى گاھى ئۇڭ چۇگلىسە، گاھى تەتۇر چۇگلەيدۇ، ياراتقۇچى ھەممىنى بىلىپ ،كۇرۇپ تۇردۇ ،
بىچچارە مۇبارەك  يەڭگىپ 8-كۇندىن باشلاپ بالسىنى ئىزلەپ چىقىپ كەتتى ،ئۇنىڭ  كىرمىگەن تۇشىگى، سۇرىمىغان بۇشىگى قالمىدى، ئىچىلۋاتقان دۇكانمۇ تىشىدىن قۇلۇپلانغان، مۇبارەك ئۇيلىغانسىرى  ئىچى سىقىلاتتى، يىغلايتى، ئاللاغا نالە قىلاتتى ،مانا رۇزى ھىيتقىمۇ ئىككى ھەپتە قالدى ،ئۇيدە نە ئۇن -ماي، نە بىر قالام كۇمۇر بۇلسۇن، ئۇي ئىچىدىنمۇ بۇران ئۇچۇپ تۇردۇ ،مۇبارەك پۇتلىرى تىلىپ، بەللىرى ئۇزۇلگىچە ماڭدى ،ئەمما ھىچ بىر نەتىجىسىز قايتىپ ،ئۇيگە كىرىپ كىچىك ئۇغلى قەھرىماننىڭ ياتقان يەرلىرىگە، قايسى كۇنى ئۇز قۇلى بىلەن ئالماشتۇرغان سۇدۇك لاتتىسىغا قاراپ كۇزىگە ئەلەملىك ياش ئالدى، شۇ ئاردا ئايشەم ئانا قەيسەرنى يىتىلەپ كىرىپ،
-بالام قانداق بۇلدى؟ بىرە خەۋرى بارمۇ ؟ مۇبارەك مەڭزىنى بۇيلاپ ئىقىۋاتقان يىشىنى سۇرتۇپ زۇرىغا كۇلۇپ بىشىنى چايقىدى، قەيسەر
-ئاپا ،دادام كىنى؟ چۇمۇلە ئۇكام <قەھرىماننى شۇنداق چاقىراتتى> يۇككۇ ؟بۇ دەينى كۇيە ئاپا ، دەپ مۇبارەككە قىپى ئىچىلمىغان بىر ئۇنئالغۇ لىنتىسىنى ئۇزاتتى، مۇبارەك لىنتىنى قۇلىغا ئىلىپ سىنچىلاپ قاراپ،
-بالام نەدىن ئالدىڭ ؟بىزنىڭ ئۇيدە بۇنداق لىنتا يۇقتىغۇ؟
-نىمە لىنتىكەن بالام بۇ؟
-ئۇنئالغۇ لىنتىسى ،مۇمىنجان ئابلىكىمنڭ< خۇش-كىتىمەن> دىگەن يىڭى چىققان لىنتىسى،
-ئىچىدىن بىرە نەرسە چىقىپ قالار قۇيۇپ باقە ،ئاڭلاپ باقىلى،
مۇبارەك لىنتىنى قاپقىغى سۇنۇپ كەتكەن كۇنا ئۇنئالغۇغا سىلىپ كۇنۇپكىنى باستى، لىنتىدا پەقەت ئىجادى ناخشىلاردىن باشقا ھىچنىمە يۇق، مۇبارەك
-بالام، ئۇزەڭ يىڭى تۇغۇتلۇق تۇرۇپ بالا ئىزلايمەن دەپ بەك مىڭىپ كەتتىڭ، بۇلدى، خۇدايىم كۇڭلىگە ئىنساپ بەرسە باللىرىغا ئىچى ئاغرىپ بۇلسىمۇ كىلە، بۇلمىسا خۇدايىم جاجىسىنى بىرە ، تەغدىرسىز قىل تەۋرىمەس دەپتىكەن، پىشانەڭگە پۇتۇلگىنىنى كۇرمەكتىن باشقا چارە يۇق، بەندىنىڭ قۇلدىن نىمە كىلىدۇ ، بىز نىمىمۇ قىلالايتۇق قىزىم ، سەبرە قىل،
ئايشەم ئانا قىزىغا تەسەللى بىرىپ قەيسەر بىلەن مۇبارەكنى ئۇزئۇيگە ئىلىپ چىقىپ كەتتى،
مۇبارەك ئەتىسى ئەلى بۇرۇن ئىشلىگەن لۇبەننىڭ يىنىغا بىرىپ ئەلىنى سۇرۇشتۇردى ،ئەمما بۇلارمۇ ئىنىق جاۋاپ بىرەلمەي مۇبارەككە ئەلىنىڭ ئائىلىسىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تۇتقۇزۇپ قۇيدى ،مۇبارەك خەتنى ئىچىپ ئۇقۇپ ھىچنىمىنى چۇشنەلمىدى، پەقەت ئاخىرقى بىر نەچچە قۇر سەل غەلىتە، خەتتە
ئۇغلۇم، بىز ھەر جۇمە كۇنى نۇرلۇقنىڭ بازىرىغا كىرمىز، ئەگەر بىزنى سىغىنساڭ جۇمە كۇنلۇكتە سەئەت 2 بىلەن بۇ نۇمۇرغا تىلفۇن قىلساڭ بۇلىدۇ ، دەپ بىر تىلفۇن نۇمۇرى بىلەن دۇكان ئىگىسىنىڭ ئىسمى يىزىلغان ئىدى،
مۇبارەك خەتنى ئىلىپ ھىلىقى نۇمۇرغا تىلفۇن قىلدى، تىلفۇن ئۇلۇنۇپ قارشى تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،
-ۋەي، چىما؟
-ۋەي، ياخشىمۇ سىز ؟مەن ئۇرۇمچىدىن ئۇرۋاتىمەن،
-كىمنى ئىزدەيسىز؟
-پاڭسە دىكى ياسىناخۇنلارنىڭ ئۇيدىكىلەر بۇگۇن كەلدىمۇ؟
-پاڭسەدە  ياسىناخۇن ئىسىملىك ئادەم جىق، قايسىسىنى دەيسىز؟
-ئايالىنىڭ ئىسمى ھاۋاخان ئىكەن ،ياسىن تۇڭكاي دەيدىكەنغۇ؟
-ھە ، ياق بۇگۇن كىرمىدى، ئۇرۇمچىدىن ئۇغلى نەبى كەپتىكەن ،تۇنۇگۇن ھەممىسى بىللە بازار چۇگلەپ يۇرگەن ،سىز كىما ؟ نىمىسى بۇلسىز؟
-مەن مايتاغدىكى تۇققىننىڭ قىزى ،نەبى  ياكى باشقىسىنىڭ قۇلىدا بىرە كىچىك بۇۋاق بالا بارمۇ ؟كۇتۇرۇپ يۇرگىنىنى كۇردىڭىزمۇ؟
-ياق، كۇرمىدۇم، قانداق بىرە ئىش بۇلدىما ؟.......مۇبارەك سۇئالغا جاۋاپ بەرمەيلا تىلفۇننى ئۇزۋەتتى ،دىمەك ئەلى دىگەن بۇ مۇناپىق قەھرىماننى سىتىۋەتكىنى ئىنىق ،ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك خەپ ئەلى ،
مۇبارەك ئەلى ئاچقان دۇكانغا يەنە كەلدى، دۇكان ئۇخشاشلا قۇلۇپلاقلىق، ئىشىك ئالدىدا دۇكان ئىگىسى ئۇمەرجان تۇراتتى ،بۇ ئۇتتۇرياش چىقىر كۇز تەمبەل ئادەم مۇبارەكنى كۇرۇپلا سۇزلەپ كەتتى،
-  ۋۇي، سىز يەڭگىگەن ئەمەسمىدىڭىز ؟  بۇيەردە نىم قىلىپ يۇرۇيسىز ؟ئىرىڭىزنى نىم قىلغىنى بۇ ئۇكامۇي؟ بىر ئۇبدان دۇكاننى كىچىك باللىرى باركەن دەپ ئىچىم ئاغرىپ بەرسەم، مانا-ئەنە دەپ ، دۇكاننىڭ 3-ئايلىق پۇلىنى گەدىنىگە ئارتىۋىلىپ ھىچ بىرەي دىمەيدا ؟بۇگۇن ئۇن مايچى بىلەن كۇمەچى مىنى ئىزدەپ كەپتۇ ،  ئۇلارنىڭمۇ بىرمۇنچە پۇلسىنى بەرمەپتۇ، سىلەرگە دۇكان بەرگەن گۇناغا بۇ قەزنى مەن تۇلەمدىم،  قانداق گەپ بۇ، سىزمۇ ياخشى كەپسىز ،دۇكاننىڭ قۇلپىسىنى چىقىپ قاراپ باقايلى،
ئۇمەرجان دۇكاننىڭ قۇلپىسىنى خىلى تەستە چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى ،دۇكاندا نە ئۇن،  نە كۇمۇر، ھىچنىمە يۇق قۇرۇق ئىدى، تاراق-تۇرۇقنى ئاقلىغان خۇشنا دۇكاندىكى كالاگۇشى ئۇگرىسى،<نىيۇرۇمىيەن> ساتىدىغان خۇيزۇ ئايال ئۇمەرجانغا خەنزۇچە،
-بۇ بالا دۇكاننى ئۇتكۇزۋىتىدىغان بۇلدۇم دەپ، 4 خالتا ئۇن 15 كىلۇ ماي 250 كىلۇ كۇمۇرنى ماڭا سىتىپ پۇلنى نەق ئىلىپ كەتكەنتى، كىيىن كەلمىدى دىدى ، مۇبارەك بۇگەپنى ئاڭلاپ  ئۇمەرجانغا،
- بۇگۇن، نەچچە كۇن بۇلدى، ئۇيگىمۇ بارمىدى، مەنمۇ تۇغۇتلۇق ئىدىم، ئەنسىرەپ كىلشىم، خاپا بۇلمىسىلا ،خەۋرى بۇلسىلا مەن چۇقۇم سىلگە خەۋەر قىلمەن، دەپ ھۇزۇر-خالىق ئىيتىپ قايتتى،
مۇبارەك ئۇيگە قايتىپ كىلىپ بۇ ئىشنى ئايشەم ئانىغا قار-يامغۇر يىغلاپ تۇرۇپ سۇزلەپ بەردى، بۇ ئىشلارنى مۇبارەكنىڭ ئايال قىرىنداشلىرىدىن باشقا ھىچ كىشى بىلمىدى،
مۇبارەك يىغلاپ -قاخشاۋەرگەچكە، قىزنىڭ نالىسىگە چىدىمىغان ئانا ئۇز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ ،ئازراقتىن پۇل يىغىپ  يەڭگىگىلى ئەمدى 17 كۇن بۇلغان مۇبارەكنى خۇتەن دىيارىغا يۇلغا سالدى،
مۇبارەكنىڭ ئىككىنجى ئاچىسى بۇسارە قاغىلىقتا ئاشخانا ئاچقاچ، مۇبارەك ئاۋۋال شۇيەرگە بىرىپ ئاندىن قالدى ئىشنى بىجىرىشنى ئۇيلاشتى ،ئۇنداق بۇلمىغاندا يىنىدىكى ئازغىنە پۇل نىمىگە يىتىدۇ دەيسىز ؟مۇبارەكنىڭ كۇزىگە ئۇيقۇ كەلمەيتى، گىلىدىنمۇ ھىچنىمە ئۇتمەيتى، رۇزا ھىيتمۇ سەپەر دە ئۇتۇپ كەتتى ،ئۇ مىڭىشتىن بۇرۇن ئاچىسى بۇسارە بىلەن ئالاقىلىشىپ يۇلغا چىقتى،
مۇبارەك مەنزىلگە يىتىپ كىلىپ  ئاپتۇبۇستىن چۇشىشىگە ،سىڭلىسىنى ساقلاپ تۇرغان بۇسارە يۇگۇرۇپ كىلىپ سىڭلىسىنى قۇچاغلىدى، پىغانى ئۇرلەپ تۇرغان مۇبارەك ئاچىسىغا ئىسلىپ خىلى ئۇزۇن يىغلىدى، بۇسارەنىڭ بۇئىشلاردىن خەۋرى بۇلمىغاچ سىڭلىسىنى بەزلەپ ئاشخانىغا باشلىدى ،مۇبارەكنىڭ كۇڭلى تاماق تاتمىغاچ ھەم بۇسارەنى ئازاپلاشنى خالىمىغاچ ،ئاچىسىغا يالغان ئىيتىشقا مەجبۇر بۇلدى، مۇبارەك بارلىق ئەلمىنى ئىچىگە يۇتۇپ <قىيانام قاتتىق ئاغرىپ قاپتىكەن ئەلى ئالدىمدا كەتكەن مەن ئەمدى كەلدىم>دىدى،
مۇبارەك كىلىپ ئىككىنجى كۇنى خۇتەنگە يۇلغا چىقماقچى بۇلدى، ئەمما  بۇسارەنىڭ يۇلدىشى كىرىم قەتئى قۇشۇلماي تۇرۋالدى ، مۇبارەك ئامال قىلالماي بىر ھەپتىنى ئۇتكۇزۇپ بۇلۇپ يۇلغا چىقتى ،ئۇ مىڭىشتىن بۇرۇن ھىلىقى نۇمۇر بىلەن يەنە بىر ئالاقىلاشتى، قارشى تەرەپ
-ۋەي،  سىز كىم؟
-مەن ياسىن تۇڭكاينىڭ ئۇغلى نەبىنىڭ ئايالى مۇبارەك،
-تىلفۇننى نەدىن ئۇرۋاتىسىز؟
-قاغىلىقتىن، مەن ئەتە خۇتەنگە يۇلغا چىقىمەن ،ئىغىر كۇرمەي نەبىنى كۇرسىڭىز دەپ قۇيسىڭىز،
-بۇلىدۇ ،بايام باتتى تىخى، مەن دەپ قۇياي ،
مۇبارەك تىلفۇننى قۇيۋىتىپ تىلفۇنغا پۇل تۇلەۋاتقاندا تىلفۇن سايراپ كەتتى، دۇكان ئىگىسى تىلفۇننى ئىلىپ،
-سىزگە كەلگەن ئۇخشايدۇ ھازىر تىلفۇن قىلغان قىزنى چاقىرىپ قۇيۇڭ دەيدۇ،
مۇبارەك تىلفۇننى ئالدى، تىلفۇندىن ئەلىنىڭ ئىغىر ھەسرەتلىك ئاۋازى ئاڭلاندى،
-ۋەي، كىمۇ؟
-ۋەي، بۇ مەن ئەلى ،مۇبارەكمۇ سەن؟
-  ھەئە ،مەن مۇبارەك ،
قارشى تەرەپتىن خىرتىلداپ يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، پۇتۇن ۋۇجۇدىنى بالىسىغا بۇلغان مىھرى-مۇھەببەت ،يۇلدىشىغا بۇلغان غەزەپ-نەپرەت ،چىرمىغان مۇبارەك تەنە ئارلاش،
-نىم بۇلدى؟ خۇتۇن كىشدەك يىغلىماي گەپ قىلە ؟بىز نى بەك سىغىنىپ كەتكەن ئۇخشىمامسەن؟
-ھەئە، ئەمما سىلەرگە قارىغىدەك يۇزۇم يۇق،
-  مىنىڭ بالام ، ئۇغلۇم قەھرىمانچۇ ؟
-ئۇ..... ئۇ....
-تىلىڭنى چاينىماي گەپ قىلە،
-ئۇ ، تۇگەپ كەتتى،
-نىمە..........؟
مۇبارەكنىڭ بىشى پىررىدە قايدىدە تىلفۇن تۇرۇپكىسى قۇلىدىن چۇشۇپ ئۇزىمۇ ئاستا سىرلىپ ئۇلتۇرۇپ قالدى، تىلفۇندىن
-ۋەي..ۋەي ، مۇبارەك ، نىم بۇلدۇڭ ؟ گەپ قىلە  ، بارمۇسەن  ؟ جىنىم خۇتۇن،
-قاچان تۇگەپ كەتتى،
-يىنىمدا پۇل ئاز ،سەن ئەتە كىلەمسەن ؟مەن  ئالدىڭغا چىقىپ تۇراي، قالغان گەپنى سەن كەلگەندە دىيشەيلى ،
-تۇختا ئەلى ،  تىلفۇن تۇرۇپكىسىدىن قارشى تەرەپ تىلفۇننى قۇيۋەتكەندە چىقىدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى،
بۇ كىچە مۇبارەككە شۇنچە ئۇزۇن بىلىندى، تاڭمۇ بەك تەستە ئاتتى، باش تۇخۇ چىللىشىغا مۇبارەك ئۇرنىدىن تۇرۇپ تەييارلىققا چۇشتى ،ئۇ ئىشلىرىنى تۇگتۇپ ئاكا-ئاچىلىرىنىڭ ھەمرالىغىدا ، ئۇزۇن يۇللۇق قاتناشقا بارغاندا، قىرىشقاندەك ئاپتۇبۇسقا ئادەم تۇشماي چۇشتىن كىيىنگە قالدى، ئاخىر ۋاقىتمۇ تۇشۇپ ئاپتۇبۇس قۇزغالدى، مۇبارەك خىيال بىلەن قانچىلىك ۋاقىت ئۇتكىنىنىمۇ سەزمىدى، بىلەتچىنىڭ
-قارقاشقا كەلدۇق، چۇشدىغانلار بارمۇ  ؟ دەپ چاقىرشى مۇبارەكنىڭ خىيالىنى بۇلدى، مۇبارەك ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ تۇت ئەتراپقا كۇز يۇگۇرتتى ، ئەتراپنى تۇن پەردىسى قاپلىغان، ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ماللىرىغا خىرىدار چاقىرىپ تۇلاشلىرى ،ئۇيەر -بۇيەرلەردىكى كىچىك غۇۋا چىراق نۇرى، كەچ بۇلغىنىغا قارماي تۇنۇرنىڭ تەپتىدەك دىمىق ئىسسىق، تىخى تەرەققى قىلمىغان بۇ كىچىك ناھيە بازىرىنى خىلىلا جانلاندۇرغان ئىدى ، مۇبارەك  ئەلىنى ئىزلەپ ئەتراپىغا قاراپ تۇرغاندا ،يىنىدىن چاچلىرى ئەمدىلەتىن ئۇسۇپ چىققان ،كىيىملىرى كىر ،ئالا-بۇلىماچ قىسقا بۇغماق چاپان ،قارا ئىشتان، پۇتىغا لاتا ئاياق كەيگەن ئەلى ، مۇبارەكنىڭ ئالدىدىن ئۇتۇپ ئۇزىنىڭ خۇتۇنىنى تۇنمىدى ، مۇبارەك
-ئەلى ، نەگە ماڭدىڭ  ؟  ئەلى كەينىگە ئۇرلۇپ ،پۇتۇنلەي يىڭىچە ئۇسلۇپتا چۇڭ سۇپەت ياراشتۇرۇپ كىينىپ سۇس گىرىم قىلۋالغان مۇبارەككە قاراپ ئاغزىنى ئىچىپ تۇرۇپلا قالدى، چۇنكى ئۇنىڭ بۇرۇن كۇرگەن ئىككى بالسىنىڭ ئاپىسى ،ئاددى-ساددا كىيىپ بىشىدىن ياغلىق چۇشمەيدىغان، گىرىمسىز  مۇبارەكنىڭ ئۇبرازى خۇنىكلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇرنىدا ئۇزىنى تاشلاپ تۇردىغان قارا-كۇك ئىشتان، ئىچىگە تىك ياقىلىق ئاپپاق كۇپتا ،يىڭىچە پاسۇنلۇق پارقىراق قارا چاپان ،ئىگىز پاشنىلىق قارا ئاياق كىيىپ، بىلىنى چاپاننىڭ تاسمىسى بىلەن باغلىۋالغان ،چىچىنى كەينىگە تاراپ يۇملاق تۇگۇپ، ئىككى تەرەپتىكى چىكە چاچلىرى دۇلقۇنسىمان چۇشۇپ تۇرغان مۇبارەك تۇراتتى ،
-نىم بۇلدى؟ ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتىڭغۇ؟ تۇنمايۋاتامسەن؟
-بۇ ... خۇتۇن ،سەن  شۇما؟
-ھە، نىمە ؟ئەمەستەك قىلامدىم؟ مەن بۇلماي خۇشناڭنىڭ قىزىمىكەن؟
-تۇۋا، ئەجەپ ئۇزگىرىپ كىتىپسىنا ؟تۇنيالماپتىمەن جۇمۇ؟
-نەرىم ئۇزگىرىپتۇ؟
-تاشقى قىياپىتىڭ بەكلا ئۇزگىرىپتۇ ، مۇبارەك مىيقىدا كۇلۇپ قۇيۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى، ئىچىدە بۇلسا< ئىچكى قىياپىتىمنىڭ قانداق ئۇزگەرگىنىنى كىيىن بىلىپ قالسەن خۇمسى ئالدىرماي تۇر،>
-نىملەر نى خىيال قىلۋاتىسەن خۇتۇن؟ قۇسغۇڭ قانداق؟
-ھىچنىمە ،قۇسغۇم تۇق،
بۇلار كۇچىنى كىسىپ ئۇتكەندە ھەممە كىشلەر بۇلارغا بۇيۇنداپ قارىشاتتى ،ئۇلار كىچىك بىر مۇتۇنى كىرا قىلىپ  ئەلىنىڭ ئۇيگە باردى ،كۇچىدا نە چىراغ ،ئەتراپ ئادەم ئەيمەنگۇدەك قاپقاراڭغۇ ، مۇبارەك مۇتۇدىن چۇشۇپ ئەلىنى ساقلىدى، ئەلى
-مۇتۇنىڭ پۇلسىنى بىرىۋىتە،
-يىنىڭدا پۇل يۇقمىتى؟
ئەلى ئۇنسىز ئالدىدا مىڭىپ، يۇغان بىر ياغاچ دەرۋازىنى غاچىلدىتىپ ئاچتى ،مۇبارەك ھۇيلىغا كىرىپ ئالدىغا ئىككى قەدەم مىڭىپلا نىمىگىدۇر پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ چۇشتى،
.........................................................................................................................................................
                                             ئانداق قازانغا مانداق چۇمۇش
مۇبارەك قۇرۇغا كىرىپ بىر نىمىگە پۇتلۇشۇپ يىقىلدى ،ئۇ ، ئۇرنىدىن تۇرۇپ بۇلغىچە يىقىلغان يىرىدىن <كىما> دىگەن ئاۋاز چىقتى، مۇبارەك چۇچۇپ كەينىگە داجىشىغا ئەلى قۇرۇنىڭ چىرغىنى ياندۇردى ،مۇبارەك  قۇرۇنىڭ ئىچىدە يەردىلا ياتقان ئاپپاق ساقاللىق بۇۋاينىڭ پۇتغا پۇتلۇشۇپ يىقىلغان ئىدى ،مۇبارەك تىزلا ئۇزىنى رۇسلاپ بۇۋايغا سالام قىلدى، بۇۋايمۇ سالامنى ئىلىك ئىلىپ قايتا ياتتى ،مۇبارەك ئەلىنىڭ باشلىشى بىلەن بىر ئۇيگە كىردى، ئۇيدە ھاۋاخان گىدىيىپ ئۇلتۇراتتى ،مۇبارەك
-ئەسسالام ئانا، تىشلىقمۇ ؟ باللا ياخشى تۇردىمۇ؟
-كەلدىڭىزما خىنماي، ئەر تاتلىغمىكىنا؟
مۇبارەك زۇۋان سۇرمىدى ،ھاۋاخان  يۇتقان- كۇرپەلەرنى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى ،چارچاپ كەتكەن مۇبارەك يىتىپلا ئۇخلاپ قالدى،
-ئۇرۇنلىرىدىن قۇپسىلا خىنىم، بۇ سىلنىڭ چۇڭ شەلىرى ئەمەس كۇن چۇشكىچە ئۇخلايدىغان، يىزا بۇ، ئىتىزغا چىقىمىز ،ئىتىزغا چىقمىسا بۇغداي بۇمىيتۇ، بۇغداي بۇمىسا قۇساق تۇيمىيتۇ ،تاماق تەييا بۇغىلى نەكەم، بۇسىلا ئىتتىگرەك ئۇزخىنىم،
مۇبارەك كىيىملىرى بىلەنلا ياتقاچ ئۇرنىدىن تۇرۇپ يۇزىنى چالا يۇيۇپلا چايغا ئۇلتۇردى، ئەتتىگنلىك تاماق  ياڭاقتەك چۇڭلۇقتا ،ئىچى كاۋاك سىرىق قۇناقنىڭ ئۇنىدا قىلىنغان مۇنەكلا بىر نەرسەنى قۇرۇق سۇغا سىلىپ،  نەچچە تال بىدە بىلەنلا چىنىگە ئۇسۇپ داستىخانغا قۇيدى،
مۇبارەك مۇنداق تاماقنى ئۇمرىدە كۇرۇش ئەمەس ئاڭلاپمۇ باقمىغان ،قىز تاماقنى قۇشۇق بىلەن ئىلەشتۇرۇپ بىرتالنى ئاغزىغا سىلىۋىدى ئاغزى تۇشۇپ قالدى،  مۇبارەك تاماقنى چاينىغانچە تاماق ئاغزىدا جىقلاپ كىتىۋاتاتتى ،
-قاندا گالدىن ئۇتمىيۋاتامتا ؟ يارمىدىما؟
- ئانا ماڭلى،
-ئۇنداق ئەمەس، تاماق يىگىم يۇق،
مۇبارەك بۇلارغا ئەگىشىپ خىلى ماڭغاندىن كىيىن، ئىگىز لىگى بىرغىرىچ كەلگىدەك كۇپكۇك، قارماققا پالەككە ئۇخشاپ كىتىدىغان بىرخىل ئۇسۇملۇك ئۇسكەن چۇڭ بىر ئىتىزلىقتا تۇختىدى،
ھەممەيلەن بىردىن قىر بىشىدا ئۇلتۇرۇپ ھىلىقى ئۇسۇملۇكنى يۇلىۋاتاتتى، مۇبارەك ئىچىدە< ساراڭ خەقمۇ بۇ ،ئاران تىرىغان نەرسىلىرىنى يۇلىۋىتىدىكىنا ،تۇۋا  يۇلۇشقا مەندىن ئۇستا ئادەم يۇق، ئۇزەمنى بىر كۇر سىتىپ قۇيمىسام>، مۇبارەك شۇلارنى خىيال قىلىپ يەنە بىر قىر بىشىغا ئۇتۇپ ھىلىقى ئۇسۇملۇكنى يۇلۇشقا باشلىدى، مۇبارەكنىڭ ھەقىقەتەن سۇرتى تىز بۇلغاچ بىردەمدىلە قىرنىڭ ئۇ بىشىدىن بۇ بىشىغا چىقىپ بۇلدى ، ھاۋاخان بىلىگە مۇشلاپ مۇبارەك تۇرغان يەرگە قاراپ چۇچۇپ كەتتى، چۇنكى مۇبارەك  ئۇسۇملۇكنىڭ ھەممىسىنى يۇلۇپ قىرنى تاقىر قىلىپ قۇيغانتى،
-ھۇي نەبى، قىنى سەن ،ما پەسەندە نىمە قىلۋەتتا كىپەزنى، ۋاي ئانام، ھۇي تەلە بىلمىگەن ھالىڭغا شۇك تۇساڭ بۇممامتا،
ھاۋاخان قىرنىڭ بىشىدا تۇرۇپ ھەدەپ قۇلىنى جۇنۇپ مۇبارەكنى تىللاشقا باشلىدى، باشقا ئائىلە ئەزارىرىمۇ مۇبارەك تۇرغان قىر بىشىغا يۇگۇرۇپ كىلىپ،
-ھاي نىم قىلىق بۇ؟
-سىلەرگە ياردەملىشەي دىدىم،
-مۇشۇندا ياردەملىشەمتا؟
-ئەمسە....يا بىلمىسەم....دەپ بەرمىگەندىكىن شۇنداق قىلدىغان ئۇخشايدۇ دەپتىمەن، باشقىلار دەسلەپ خاپا بۇلۇپ، كىين  پاراققىدە كۇلشۇپ كەتتى،
ئاخشامقى ساقاللىق بۇۋاي ھە دەپ ۋاتىلداپ سۇزلەۋاتقان ھاۋاخاننى، خۇتەنچى بىرنىمىلەرنى دەپ جىملىدى، مۇبارەك بۇلارنىڭ پەقەت <ھاي-ھاي> دىيىشكىنىنىلا بىلەلىدى، بۇۋاي مۇبارەكنىڭ يىنىغا كىلىپ، قىر بىشىدا ئۇلتۇرۇپ مىھرى بىلەن مۇبارەكنىڭ بىشىنى تۇپا قۇللىرىدا سىلاپ،
-قىزىم، سىز بۇرۇن مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ كۇنمىگەن قىلالمايسىز، ئانىڭىزنىڭ گىپىگە خاپا بۇلماڭ، ئادەم قىرىغاندا تىرىككەك بۇلۇپ قالىدۇ ، بىلگىڭىز بارمۇ ؟مەن چۇشەندۇرۇپ قۇياي،
مۇبارەك بۇ ئاقكۇڭۇل بۇۋاينىڭ مىھرىبانلىقىدىن دىلى ۋاللىدە يۇرۇپ خۇددى ئۇز دادىسىنى تاپقاندەك باغرىغا ئۇزىنى ئىتىپ قانغىدەك يىغلىۋالغۇسى، بارلىق دەتلىرىنى تۇككىسى كىلپ كەتتى ، ئەمما ئۇزىنىڭ بۇ ئائىلىگە كىلىن ئىكەنلىگىنى ئۇيلاپ ئۇزىنى تۇتىۋالدى، بۇۋاي گىلىنى قىرىپ قۇيۇپ گەپ باشلىدى،
-بۇنى كىۋەز <پاختا> دەيدۇ، يۇغناپ چىچىەكلەپ غۇزا بۇلۇپ ئاندىن پاختىغا ئايلىنىدۇ، كىيىملەرنى شۇنىڭدىن قىلدۇ، بىزنىڭ ھازىر قىلۋاتقىنىمىز كىۋەز تاخلاش دەپ ئاتىلىدۇ،  بۇنى سىزدەك بىراقلا ھەممىنى يۇلۋەتمەي، سىمىز يۇغانلىرىنى قۇيۇپ ئىنچىكە ئۇرۇق-جانسىزلىرىنى يۇلىۋىتىمىز، مۇنداق بۇلغاندا يەرنىڭ كۇچى قۇراپ كەتمەيدۇ ،ھۇسۇلنىمۇ ياخشى ئالغىلى بۇلىدۇ ،چۇشەندىڭىزمۇ؟
مۇبارەك قىرغا قاراپ بىردە خىجىل بۇلسا، بىردە كۇلگىسى كىلەتتى بۇۋاي،
-بالام ،سىز نەبى بىلەن قايتىپ ئارام ئىلىڭ ، مۇبارەك بىلەن ئەلى قايتىپ كەلدى، بۇ مۇبارەك ئۇچۇن سۇئال سۇراشنىڭ پۇرسىتى ئىدى ،
-ئەلى، سەن بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن،
-بىلمەن ،يۇرە سىنى بىزنىڭ ساتمىغا <قۇغۇنلۇق> باشلاپ باراي ،  ئىككىسى كۇنا ئەبجەق ۋىلىسپىتتىن بىرنى مىنىپ ،خىلى يىراق بىر قۇملۇققا كەلدى، قۇملۇقتا بىر ئەسكى -تۇسكى بىلەن ئاپتاپتىن دالدىلنىش ئۇچۇن ياسۋالغان كەپە تۇراتتى،
-گەپ قىلە ؟بالا قاچان قانداق بۇلۇپ ئۇلۇپ كەتتى؟ مىنىڭ كۇڭلۇم تۇيۇپ تۇر دۇ، ئۇ ھايات شۇنداقمۇ؟ ئۇ .ئۇلمىدى ؟ماڭا راس گەپ قىل؟  ئەلى خىلى ئۇزۇن تاماكا چىكىپ تۇرۇپ كىتىپ ،
-گەپنى باشتىن باشلاي،  لىكىن سەن نىمە دىسەڭ مەيلى، ئىشەنمىسەڭمۇ ئىختىيارىڭ ، ئەمما قىلغىنىمغا قاتتىق پۇشمان قىلمەن، ئۇزەمگە ئەمەس ،ساڭا ئىچىنىمەن ،سىنى ياخشى كۇردىغىنىم راس ،ئاللا گۇۋا تانمايمەن ،مەن نۇرغۇن قىزلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ،ئەمما سەندەك ئاقكۇڭۇل ،ساددا ،كۇكسى قارنى كەڭ ،چىداملىق قىزنى تۇنجى ھەم ئاخىرقى قىتىم ئۇچرۇتۇشۇم،
ئەلىنىڭ چىرايىنى ئەمدى ھەقىقى ھەسرەت -پۇشايمان قاپلىغاندەك ئىككى تامچە ياش مەڭزىنى بۇيلاپ ئىقىپ چۇشتى،
                                                         ئەلىنىڭ كەچۇرمىشى
ئەلىنىڭ ئەسلى ئىسمى نەبىجان، ئۇقۇرمەنلىرىمىزگە 1-قىسمىدا ئايان بۇلغىنىدەك يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن ،سەرگەردانلىق كۇچىسىدا تەمتىرەپ يۇرۇپ، ئۇچرىسا ئاق ،بۇلمىسا نىشە ،تاپالمىسا مۇخۇرەك چىكىپ يامان باللارغا قۇشۇلۇپ ئۇغۇرلۇق قىلىپ ،پۇل تاپسا ئالى مىھمانخانىدا ،بۇلمىسا ناۋاينىڭ تۇنۇردا تۇنەپ يۇرگەندە بىرسىنىڭ ئىچى ئاغرىپ چالا بۇلسىمۇ ھۇنەر ئۇگەتكەن، بۇ جەرياندا ئەلى ئۇزىنىڭ چىرايىغا ئىشنىپ نۇرغۇن قىزلارنى ئالداپ دەپسەندە قىلغان، كىيىن خىلى چۇڭ بىر باشلىقنىڭ قىزىنى كەلتۇرۇپ ئۇنىمۇ دەپسەندە قىلىش ئۇچۇن ئۇرۇنغاندا، ئادەم كىرىپ قىلىپ ئەلى دەرىزىدىن سەكرەپ قىچىپ كەتكەن، كىيىن ئۇزىنىڭ سايىسىدىن قۇرقۇپ ناۋايخاندا ئىشلەۋاتقاندا مۇبارەككە يۇلۇققان ،ئانىسى كىلىپ مۇبارەكنى ئىتىز-ئىرىققا يارمايدۇ دەپ ئەلى بىلەن يۇشرۇن سۇقۇشقان، ئەلى ئانىسىنى يۇلغا سىلىۋىتىپ ئۇزى ئىشلىگەن دۇكاننىڭ ئادرىسىدا كەچرۇم سۇراپ خەت يازغان، ئەمما ئانىسى قەتئى قارشىلىق بىلدۇرۇپ ئەلىنى قايتىپ كىلىشكە قىستىغان، ئەلىنىڭ مۇبارەكنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ مىڭىشقا كۇزى قىيماي ،مۇبارەك ئۇزى مەندىن نەپرەتلەنسۇن دەپ، ئۇيگىمۇ كەلمەي ،ئايشەم رىزىۋانلارنى سۇرەپ يۇرگەن، كىيىن بۇ ئىش چىڭغا چىقىپ رېزىۋان ئەلىگە تىگمەن دەپ تۇرۋالغان، كىيىن مۇبارەك كىلىپ بىرمۇنچە ئىش چىقىپ رىزىۋان ئىدارىدىن قۇغلۇنۇپ، مۇبارەك ئىككىنجى بالسىغا قۇساق كۇتۇرگەندە ئەلىنىڭ ئانىسى بالىنىڭ بىرنى ئىلىپ قايتىپ كىلىشنى ئىيتقان ،ئەلى ئانسىنى رازى قىلىپ دۇئاسىنى ئىلىش ئۇچۇن ،دۇكاندىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىتىپ ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، كىيىن كىچىك ئۇغلىنىمۇ تۇرپانلىق قۇل ئىلكىدە بار باي بىر ئەر-ئايالغا 1700 كۇيغا سىتىپ شۇ كۇنىلا مۇبارەكنىڭ يىندىن يۇقالغان، ئەمما خۇتەنگە چۇشكەن كۇنىلا قاتتىق نۇپۇس تەكشۇرۇش بۇلۇپ، ئەلىنى تۇتۇپ كىملىك يۇق بۇلغاچ سالاھىتى ئىنىق ئەمەس دەپ  سۇلاپ قۇيغان، ئەلى يىنىدىكى پۇلنى تاتقۇزۇپ قۇيغاننى ئازدەپ ھىيتنىمۇ سۇلاقتا ئۇتكۇزگەن، شۇنداق قىلىپ بالدىنمۇ، پۇلدىنمۇ بىراقلا ئايرىلغان،
ئەلى سۇزلەپ شۇيەرگە كەلگەندە ياشتىن ھۇل بۇلۇپ كەتكەن يۇزىنى سۇرتۇپ مۇبارەككە قاردى ،ساددا مۇبارەك ئەلىنىڭ سەرگۇزەشتىسىنى ئاڭلاپ ئۇزىنىڭ ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ شامدەك ئىرىپ يىغلاپ ئىقىپ كەتكەن ،ئۇنىڭدا نە ئىرىگە نەپرەتلىنىش، نە ئۇزىنىڭ قايغۇلىرىدىن ئەسەرمۇ يۇق،
-خۇتۇن، ئىككىلىمىز ياش ئاللا خالىسا سەن ماقۇل كۇرسەڭ يەنە بالىلىق بۇلارمىز ،باللىق بۇلدۇق دەپ ،ئۇلارنى قىيناپ باققاندىن ،راھەت كۇرسىتىدىغان بىرىگە بەرگىنىمىز تۇزۇك ،مەن بەر-بىر يۇرتتا تۇرمايمەن، ئۇيدىكىلەرمۇ مىنى ماڭغۇز مايدۇ ،ياخشىسى قەيسەرنى بۇلسىمۇ يىتىم قىلمايلى ،سەن ئۇيدىكىلەر نىم دىسە ھە دەپ قۇي، ئىككىمىز قىچىپ كىتەيلى، مەن ئۇلسەم سەن كۇم، سەن ئۇلسەڭ مەن كۇمەي، بۇلدى ھەممىنى كۇرۇپ قۇيدۇم ، ھازىر ھەممە ئادەمگە پۇل بۇلسا بۇلىدىكەن،
مۇبارەك نىمە دىيشىنى، قانداق قىلشىنى بىلمەيتى ،ئىككىسى كەپىدىن چىقىپ ئۇيگە كەلدى ،ئۇيدە ئەلىنىڭ سىڭلىسى  ئۇسما قۇيۇپ ئۇلتۇراتتى،
-ھە تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي ،دادام ئاناملارنى ئالىمنىمۇ تۇنۇيسەن ،بۇ سىڭلىم گۇلنايىپ 19 ياشقا كىردى 3 قىتىم تۇي قىلىپ ئاجراشتى ،ھازىر بىز بىلەن بىللە، بۇ ئىنىم ئابدۇلجان17 ياش گىتتارچى كىچىگىدە قارا بىسىپ قىلىپ  پالەچ بۇلۇپ قالغان ،بۇ كىچىگى ئابدۇراخمان 11 ياش باشلانغۇچتا ئۇقۇيدۇ،
شۇ ئاردە سىرىتتىن ئۇماق بىر قىز كىرىپ،
-ھاي نەبىجان ئاكا ،ئانام سىنى خۇتنىنى ئىلىپ چىقسۇن دىيتۇ، تاماق پىشتى  دىدى،
-ھە بۇ قىز ئانامنىڭ سىڭلىسىنىڭ قىزى ئىسمى مىھراي،
ئەلى مۇبارەكنى باشلاپ كىچىك قىزنىڭ كەينىدىن ماڭدى ،ئۇلار چاققانغىنا بىر قۇرۇدىن ئۇتۇپ ،ئاددى ئۇي-سەرەمجانلىرى بىلەن پاكىز- رەتلىك جايلاشتۇرۇلغان ئۇيگە كىردى ، ئەلى
-بۇ ياق ،بايا ساڭا دىگەندەك ئانامنىڭ سىڭلىسى، ئىسمى گۇلخۇمار ،مۇشۇ يىزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىم ،يۇلدىشى يىزا كادىرى، بۇ ئايالىم مۇبارەك ، بۇلار ئۇز- ئارا سالاملىشىپ سۇپىغا چىقىپ ئۇلتۇردى ،گۇلخۇمار ئىسىملىك بۇ ئايال كىلىشكەن مىھرى ئىسسىق ،چاقچاقچى خۇش-خۇي ،ئىككى قىز نىڭ ئانسى يىزىلىق بۇلسىمۇ پاكىز رەتلىك يۇرەتتى،
-نەبى، چاي قۇيۇپ قۇيغىنا ئۇكام خۇتنۇڭغا ،مەن تاماققا تەييارلىق قىلغاچ سىلەرگە گەپ قىلىپ بىرەي، زىرىكىپ قاللىسىلەر،
-ئاچامنىڭ سەل خۇيى يامان ،مەنمۇ تۇي قىلدىغان چاغدا ئاچام قۇشالماي مىنى ئۇرۇپ مەتقۇربان بىلەن قىچىپ يۇرۇپ جاڭگاللىقتا تۇي قىلغانيا بىز ،ئاچامنىڭ ئاغزىغا باقسام  مۇبارەك بىلەن ئىككىڭلار نى ئارىۋەتكۇدەك ،نىمە قىلىق بۇ ،باللا ئابدان ئۇتسە نىم بۇتتا ، تۇۋا، سىلى چا ئاچامغا ھە دەپ قۇيۇپ قىچىپ كىتىڭلار، بۇلمىسا كىيىن ھەر ئىككىڭلا پۇشمان قىلدىغان ئىش چىقىتتۇ ،مەن كەينىڭلىدىن خۇڭشى<تۇي خىتى> ئالدىغانغا خەت چىقاتىمەن ماقىما؟ خۇڭشى بۇلسا ھىچكىم ئارلىشامايتۇ قاندىغا نەبى؟
تاماقمۇ پىشتى، مۇبارەك چامغۇرنىڭ كۇكىدە قىلغان لەغمەننى ئىشتىھا بىلەن يىدى، ئەلى
-ئاچا بىز كىتەيلى ،كەچ قالساق ئانامنى بىلسەن،
-مەيلى ئۇكام، يەنە كىلەسىلەر ، مۇبارەكلەر ئۇزاپ چىقىپ ئۇيگە كەلگەندە ،گۇلنايىپ يۇغان بىر ئاليۇمىن داستا بىر مۇنچە كىرنى يۇيۇپ ئۇلتۇراتتى، مۇبارەك
-ياردەملىشەيمۇ  ؟
-يىڭى تۇغۇتلۇق تۇرساڭ ،قانداق بۇلىدۇ ،ياق، ئۇتە  ، دىدى ئەلى ،ئەلىنىڭ دادىسى چىقىپ
-مۇبارەك بالام، بالىخاندا بىر مۇنچە كەپتە بار، نەبى بۇغۇزلاپ بەرسۇن، قىنىنى بەل پۇتلىرىڭىزغا سۇۋاڭ ،پايدا قىلىدۇ ،ھەراس نىمە يىگۇڭلا كەلسە تاتىنماي ئىتىپ يەڭلا ،تۇخىمۇ بار ،گۇرۇچ ئۇن ھەممىسى تەييا ماقما ، نەبى تۇغرا دىيتۇ ،سۇغا قۇل تىقماڭ، سىز تىخى كىچىك ،جاپاسىنى كىيىن تارتىپ قالسىز،
-بۇلىدۇ  دادا ،  شۇئاردا  دەرىستىن چۇشۇپ كەلگەن راخمان  بۇقچىسىنى تاشلاپلا ،
-ئاچا، قۇسقام ئىچىپ كەتتى ،يىگۇدەك نىم با ، گۇلنايىپ ئىنسىنى بىللە باشلاپ ئىچىدىكى ئۇيگە كىرىپ كەتتى ، گۇلنايىپ قايتىپ چىقىشىغا ھاۋاخانلار قۇرۇغا كىردى، ئۇلار نىڭ يىندا ياتلا بىرى تۇراتتى، ھاۋاخان مۇبارەككە بىر نى ئاليىپ قۇيۇپ،
-قىنى كۇپىگە سىكىلتار،    دىدى ھىلىقى يۇچۇن ئادەم مۇبارەككە بىر قارۋىتىپ،
- بۇ سىكىلەك شۇما ؟  دەپ قۇشۇمىسىنى تۇردى ،ھاۋاخان ئىككى پۇكلىنىپ تازىم قىلىپ ، كۇزلىرىگە ياش ئىلىپ ،
-ھەئە ، بى ئادىل سۇراپ قۇيسىلا ،ئۇزلىرىمۇ بىلىلا ،ئۇيدە ئەمگەك كۇچى يۇق، تۇسۇنجان ئۇغلام سىرىتتا ،گۇلنايىپ ئەرنىڭ ئادىمى ،ئالىمنىڭ ئۇيى باشقا باللىرى با ،ئابدۇل مىيىپ، راخمان كىچىك ،دادىسى بىلەن مەن ياشنىپ قالدىم، ئۇيدە تۇزۇك ئەمگەك كۇچى يۇقيا ، بۇ تەلە مۇت <چۇقۇم> ياخشى ئىش بىلەن كەمىيتۇ ،نەبىينى ئىلىپ كەتمەكچى،
ھاۋاخان سۇزلەپ شۇيەرگە كەلگەندە ،ئاتالمىش<سۇتچى> سىكىلتار قۇلىنى كۇترۇپ بۇلدى دىگەننى بىلدۇرۇپ مۇبارەككە قاردى،
-ھاي خىنماي ،بۇيەگە نىمىگە كەگىنا سىز  ؟  مۇبارەك ئۇن دىمىدى سىكىلتار سۇراقنى داۋام قىلدۇردى،
-جاۋاپ بىرىڭ، ئانىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلىدىڭىزما ؟بۇلار سىزگە نارازىكەن ،ۋاختىدا چاپىنىڭىزنى ئۇشنىڭىزگە<مۇرىڭىز> ئاتىپ، يۇقۇلۇڭ بۇيەدىن، نەبىنىڭ پىيدە بۇلغۇچى بۇلماڭ ماقما،
-ئاڭلىساق نەبىينى يۇتىڭىزدا ئىشلىتىپ خىلى جىق پۇل تاپقۇزۇپسىز ،بۇلا نىڭ تۇرمۇشىنى كۇرگەندىكىن پىتكى <ئازراق>  بەگۈلۈك يا ئالغاچ كەلسىڭىز بۇمامتا ،ئىنساپ ئىمان بارمۇ سىزدە...................
گەپ تىڭشاپ تۇرغان مۇبارەكنىڭ غۇژژىدە ئاچچىغى كەلدىدە، بۇلارنى دۇراپ خۇتەن شىۋىسىدە سۇزلەشكە باشلىدى،
-مەندە ئىمان ،ئىنساپ يۇقمىكەن، ئەمسە بۇلار دا جىق ئۇخشىمامدۇ؟ بۇرۇن بالسى تالادا سۇڭەك غاجاپ ،ئاچ-تۇق يۇرگەندە ئەجەپ ئىگە بۇلدىغان ئادەم چىقماپتىكىنا ؟مەن پۇل تاپتۇرۇپ بىسۋاپتىمەنما ؟ئىيتە ئەلى ماڭا قانچىلىك پۇل تىپ دۇگلەپ بەردىڭ ؟دىگنە؟
-ھۇي، نىمانداق دۇمبۇ چۇگۇندەك قاينايسىز خىنماي ، ئالىم ئۇرنىدىن چاچراپ تۇردى،
-قاينىسام قانداق قىلاتتىڭ ؟سەن دەۋالغۇچى مەن دەۋالاي ،تاز دىگەچە بەز دىگەندەك ،نىمە ئىمانىمنى ئۇچۇردۇ ما خەق، ھە قاسىڭغا بۇزەكما مەن ،ئنىڭمۇ چۇ يۇرۇپتىكەن كۇچىدە بەز تىرىپ يەپ ،مىنىڭ قۇلۇم دا خىلى ئادەم بۇلۇپ قالدى ،ئۇلتۇرەمسەن- چاپامسەم  مانا ئالدىڭدا تۇرۇپتىمەن، قىلە قىلدىغىنىڭنى،  مۇبارەك قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇردى،
ئالىم يۇگۇرۇپ ئۇيگە كىرىپ يۇغان بىر پىچاقنى كۇتۇرۇپ چىقىپ مۇبارەككە ئىتىلدى، مۇبارەك
-مىنى كىچىككىنە بەكەڭدە قۇرقۇتاي دەمسەم؟ مىنى بۇغۇزلايمەن دىگۇچە، قۇچقاچنى بىر بۇغۇزلاپ باقە قىنى؟ ھازىرچۇ بىرچاشقان ئۇلسىمۇ سۇرغى بار جاھان بۇ ئىشەك ئۇلسە تىرىسىنى سۇيدىغان ئادەم چىقىدۇ ھەرقايسىڭنىڭ ماڭا قىلىشقانلىرىڭ ئازما؟
-شۇنىڭ سۇرغىنى ئالاي دەپ كەلگەنما؟
ئۇتتۇرغا ئەلى بىلەن سىكىلتار چۇشۇپ ئاجراتقان بۇلدى سىكىلتار
-نەبى سىز بىلەن ماڭمىيتۇ، بۇ ئۇينىڭ جاپاسىمۇ خىلى بار، كۇرەپ تۇرۇپسىز ئۇزىڭىز گەپ قىلىڭ؟
-مەنمۇ بۇ غۇجامنى ئەپ كىتىمەن دەپ كەلگىنىم يۇق ،بالامنى ئىزلەپ كەلدىم،
ئەلى بالىنىڭ گىپى چىقىشىغا يۇگۇرۇپ كىلىپ مۇبارەكنىڭ ئاغزىنى تۇسىۋالدى، باشقىلارمۇ جم بۇلۇشتى  سىكىلتار
-نىمانداق گەپ يىمەيدىغان جۇۋان سىز  ؟
-گەپنى يىمەيدۇ قىلىدۇ ،مەن جاپانى ئۇلگىدەك تاتقاندا جانابى ھەرقايسىڭلار نەدە قالغان؟  تۇلا ماڭا دەرىس بىرىمەن دىمەي، سىكىلتارلىغىڭىزنى قىلڭە بىرىپ، بىشىمغا كىلىپ راۋاپ چامماي،
سوتچىمىتىڭىزيا ؟
-ھاي، بۇ ،بۇممىدە ، مىنى خىلى ئادەم ھۇرمەتلىيتۇ ،بۇ ساراڭ مىنى بىر پەشۋاغا كالاتمىدىيا ،مەن كىتىي،  ئۇنۇ، قانداق قىلساڭلا قىلىڭلا ، مەن ئارلىشالمىغۇدەكمەن،
سىكىلتار غۇدۇڭشىغىنىچە چىقىپ كەتتى،
مۇبارەكنىڭ ئۇيلىغانچە ئىچى سىقىلاتتى، تىرىكەتتى، ئەسلى مۇبارەك ئۇزى يالغۇز قايتىپ  بالىسىنى ئىزلەشنى قارار قىلغان، بۇلارنىڭ ئاخشامقى قىلقىنى كۇرۇپ ئەلىنى قانداقلا بۇلمىسۇن قەتئى بىللە ئەپكىتىشنى ئۇيلاپ قالدى،  مۇبارەك ئىچىدە ئۇيلايتى ،<خەپ ئەلى دىگەن مۇناپىق ،كاززاپ، ماڭا سالغان كۇنلىرىڭ ئازما ؟نۇرغۇن ئىشلىرىڭنى بۇپتۇ دەپ كەچۇرۋەتسەم ،مىنى ئەخمەق كۇرۇپ قالدىڭما؟ بالامدىنمۇ ئايرىدىڭ ،ئەمدى مەنمۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۇمۇش قىلىپ، قىيىشقاننىڭ ئانسىنى ئالمىسام، قانداق قىلمەنكى قىنى كۇرۇپ تۇر بالامنى تاپقۇزماي قۇيمايمەن  ئۈچۈمنى قانداق ئالمەنكى قاراپ تۇر>،
مۇبارەك شۇ خىياللار بىلەن يىتىپ تاڭنىڭمۇ قانداق يۇرۇپ كەتكىنىنى بىلمەي قالدى ،مۇبارەك ئۇرنىدىن تۇرۇپ سەپەر تەييارلىقىغا چۇشتى ،ئۇ ،نەرسىلىرىنى تەقلەپ بۇلۇپ كىچىك سۇمكىنىڭ ئەستىرىنى سۇكۇپ سىلىپ قۇيغان، بۇسارە بەرگەن 400 كۇي پۇلنى ئىزلىدى، ئەمما پۇل قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كەتكەندەك ھىچ يەردىن تىپىلمىدى، مۇبارەك تىت-تىت بۇلۇپ كىيىملىرىنىڭ قاتلىرىدىن يانچىقلىرىغىچە ئاختۇردى، ئەمما يەنىلا تاپالمىدى،
-نىم قىلۋاتىسەن خۇتۇن؟  بىر نىمەڭ يۇق تۇرامدا ؟ئەلى مۇبارەكنىڭ نىمىنىدۇر ئىزدەۋاتقىنىنى كۇرۇپ  سۇردى،
-ھەئە،  پۇل يۇق تۇردۇ ،
-قانچى پۇلتى؟ نەگە قۇيغان؟
- 400 كۇي ،سەن ئالمىغانسەن ھە؟
-تۇۋە دىگىنە ،مەن ئىلىپ نىم قىلمەن،
مۇبارەك قىزىرىپ يىغلىغىدەك بۇلۇپ تۇر غاندا  ئەلىنىڭ سىڭلىسى گۇلنايىپ  كىرىپ  تاماققا چاقىردى،  مۇبارەك چىقمىسا يەنە تىل ئاڭلايدىغانلىغىنى بىلىپ ئاستا چىقتى،
-قىزىم ،مىجەزىڭىز يۇقمۇ ؟ چىرايڭىز باشقىچىلىغۇ؟
-ھىچنىمە بۇلمۇدۇم دادا ، ئەلى  مۇبارەكنىڭ چىرايىغا  قاراپ قۇيۇپ  سىڭلىسىدىن سۇردى،
-گۇلنايىپ ،مۇبارەكنىڭ سۇمكىدىن پۇلى يۇقاپ كىتىپتۇ ، بىرەسىنىڭ ئالغىنىنى كۇردۇڭمۇ ؟ گۇلنايىپ ئاكىسىنىڭ گپى تۇگىمەيلا  ،
-ھۇي ، نىم دىگىنىڭ ئۇ  ؟مەن مۇشۇ خىنىمنىڭ تۇت تەڭگىسىگە قاراشلىق مىكەنمەن، ئاغزىڭغا بىقىپ سۇزلە،
-مەن سىنى ئالدى دىدىمما ؟كۇردۇڭمۇ دىدىمغۇ؟
- بۇ .ئۇغۇر تۇتقانلىق بۇلماي نىمە  ؟
-ھاي نەبىي ، مۇشۇ مايماق خۇتۇننىڭ گىپىگە كىشىپ سىڭلىڭنى ئۇغۇر تۇتىۋاتامسە؟ ئانداق قىلشىپ كەتمەيلى ئۇكام ماقما ؟
-بۇنداق تەتۇر خۇتۇننى مەھكەم باغرىڭغا بىسىۋالماي سۇزنى بىرە ،تىپىلماسنىڭ خۇمىسى بۇلمىغاندىكىن بۇ، قاچان بالنى باقالمىسا ئەكەپ بەسۇن بىز باقىتمىز،
-ھاي، بىسى سىزنى سەگ <ئىت> پۇقىدا ئىسرىق سىلىپ چىللاپ كەمىگەنكىدىن كەتسىڭىز بۇمامتا يۇتىڭىزغا، ئارمىزغا غەللە<جىدەل>تىرغىلى كەگەنما؟
بۇلارنىڭ ۋاقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قۇيلارغا يەم بىرىۋاتقان ھاۋاخان يۇگۇرۇپ كەلدى،
-نىم بۇلاشتىڭلا قاغا پۇق يىمەستە، نىمە غەللە بۇ؟
گۇلنايىپنىڭ كۇتۇلداشلىرىدىن ھاۋاخان بىرنىمىنى چۇشەنگەندەك بۇلۇپ مىيقىدا كۇلۇپ قۇيۇپ،  يىغلاپ تۇرغان مۇبارەككە قاراپ،
-بۇلدى، غەللە قىمماڭلا ،تۇنگۇن ئۇينى سۇپۇرۋاتسام خاشۇدا بىنىمە تۇرۇپتىكەن، ئاچسام پۇلكەن، ئۇيدە ئاشلىق تۇگەپ قاپتى بازادىن ئۇن-ياغ گۇش گۇرۇچ ئىلۋەتتىم ،ھىچنىمە بۇمىيتۇ، كەلنىمنىڭ مىنىڭ ئۇخشاشيا ،
ھاۋاخاننىڭ سۇزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلتۇرغان ياسىن بۇۋاي،
-ھەي خۇتۇن ،ئۇيدىكى نەرسىنىمۇ تىپىۋالامدۇ؟ نىمە بۇلشىدىن قەتئى كىمنىڭ دەپ سۇراپ ئىشلىتىش كىرەك ئەمەسمۇ؟ سەن قاچانمۇ پۇلغا تۇيارسەن  ؟  نەدە تۇنۇگۇن بازارغا بادىڭ ؟ ئۇيدە ھەممە نەرسە تەليا ،دەپ ئاچچىقلانغىنىچە ساقىلىنى تۇتاملاپ گۇس-گۇس دەسسەپ باققا كىرىپ كەتتى ، مۇبارەك ئەتتىگەنلىك تاماقنىمۇ يىمەي ئۇيگە كىرىپ ئۇينىڭ ھەممە يىرىگە كۇز يۇگۇرتتى،
سۇپىغا سىلىنغان قارا كىگىز ،<ئاياق بىلەن چىقىۋەرگەچ > تۇپىدىن ئاقىرىپ سۇپىدا بىرنىمە بارلىغىنى پەرىق ئەتكىلى بۇلماس بۇلۇپ قالغان ،بىر بۇلۇڭغا  قالايمىقان دۇگلەپ قۇيۇلغان ئەستىرى قارداپ كەتكەن يۇتقان- كۇرپە، سامان تەكىي<ياستۇق> ،ئۇينىڭ بۇلۇڭىغا ئاغامچا تارتىپ كىريايغاندەك ئىسىپ قۇيۇلغان ،پاكىز-مەينەت كىيىملەر، ئىستا قارداپ كەتكەن ئاقارتىلمىغان تام ،بۇرىلىرى چۇۋۇلۇپ چۇشۇشكە باشلىغان تۇرۇس ،خىلى ئۇزۇندىن بۇيان سۇپۇرۇلمىگەن مەينەت يەر، ئۇي- ئىچىدە غۇيۇلداپ ئۇچۇپ يۇرگەن تىرناقتەك چۇڭلۇقتىكى يۇغان چىۋىن ، مۇبارەكنىڭ كۇڭلىنى ئىلەشتۇرۋەتتى، ئۇ ئۇيدە ئۇلتۇرغىسى كەلمەي قۇرۇغا چىقتى، قۇرۇدىنمۇ ھايۋانلارنىڭ گەندە پۇرغى دىماققا كۇچلۇك ئۇرلاتتى،
گۇلنايىپ قايسى كۇنى كىر يۇغان ھىلىقى چۇڭ ئاليۇمىن داستا بىرمۇنچە خىمىر يۇغۇرۋاتاتتى ، مۇبارەك
-گۇلنايىپ بۇ داس ئىككىما؟
-ياق، بىر قاندىغا؟
-قايسى كۇنى بۇنىڭدا كىر يۇغاندەك قىلۋاتاتتىڭىزغۇ ؟ بۇگۇن خىمىر قىلۋاتىسىز،
-ھە ،نان ياقاي دەپ، ئۇيدە مۇشۇ بىرلا چۇڭ داس با ،
-كىردىسىدا خىمىر قىلسا قانداق بۇلىدۇ ؟
-ھىچنىمە بۇمىيتۇ ،يۇيىۋىتىپ قىلسا بۇتىيا، سۇ دىگەن نىمىنى ئىرىتمايتۇ ،بىز سىلە شەلىكتەك يىىنجىكە ئەمەس، ئانچە ئىلغاپ كەتمەيمىز ،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي قۇرۇ سىرتىغا چىقتى، قۇرۇنىڭ دەرۋازىسىنىڭ بىشىغا قەلەي تاختىغا يۇغان قىلىپ،<بەشتە كىپىللىك ئائىلە> دىگەن خەت ئۇيۇلغان تاختا چاپلاغلىق ،كۇندۇز بۇلسىمۇ ئەتراپتا ئىنسان كۇرۇنمەيتى، بىرنەچچە تۇخۇ چۇجىلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ نىرىدا دانلاپ يۇرەتتى، يۇلنىڭ قارشى تەرپىدىكى دەرەخ سايىسىدا بىر لالما ئىت ، ئىرىنچەكلىك بىلەن قۇيرىغىدا چىۋىن قۇرۇپ ھۇرۇنلۇق بىلەن ياتاتتى، مۇبارەكنىڭ بۇ مەنزىرلەردىن كۇڭلى شۇنچىلىك يىرىم بۇلدى ،نىمە ئامال تۇيۇقسىز باغ تەرەپتىن ئاڭلانغان مۇڭلۇق نەي ئاۋازى مۇبارەكنىڭ قەدەملىرىنى شۇ ياققا يۇتكەشكە مەجبۇر قىلدى،
مۇبارەك پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ نەي ئاۋازى كەلگەن تەرەپكە كەلدى، بىلى مۇكچەيگەن ،ئاپپاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۇشكەن ،قارامتۇل ، ۋىجىك ياسىن بۇۋاي كۇزلىرىنى مەھكەم يۇمۇپ پۇتۇن زىھنى بىلەن نەي چىلۋاتاتتى، مۇبارەك شەپە چىقارماي بۇۋاينىڭ يىنىدا ئۇلتۇردى، ئەمما سەزگۇر بۇۋاي كۇزىنى ئىچىپ ،
-قىزىم ،نەبىدىن ئاڭلىسام ناخشىنى ياخشى ئىيتىدىكەنسىز، مەن چىلىپ بىرەي سىز ئىيتىڭ بۇلامدۇ؟
-بۇ... قانداق بۇلا ئاۋازىم....
-بۇلدى، ھىچنىمە بۇلمايدۇ، ئادەم يىنىكلەپ قالىدۇ، قىنى باشلاڭ ، بۇۋاي شۇنداق دەپلا  نەينى مۇڭلۇق <ئادارىگۇل> پەدىسگە پۇلىدى،  مۇبارەكمۇ مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ ناخشىسىنى باشلىدى،

لاچىن سۇققان تۇشقاننى ،  دۇس ئادارىگۇل
جاڭگالدا نىمەسى بار ۋاي . ئادارىگۇل
مەن غىرىپ مۇساپىرنىڭ ، دادەي جان ئادارىگۇل
بۇيۇرتتا نىمەسى بار . ئەجەپ قىينالدى بۇجانلار

ئاتامغا نىمە دەپ يىغلاي ،
ئانامغا نىمە دەپ يىغلاي .
ئىتىمنىڭ ئالدىدىن ئاشقان ،
ساماندەك سارغىيىپ يىغلاي  . ئەجەپ قىينالدى بۇجانلار

مۇبارەك ناخشىنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىنى ئىيتىۋاتقاندا كۇزىدىن تاراملاپ ياش چىقىپ ئاۋازىمۇ تىترەپ ناخشىنى تۇختىتىۋالدى، بۇۋايمۇ نەينى تۇختۇتۇپ مۇبارەكنى يىغلىۋالسۇن دىگەندەك كۇزلىرىنى يىراققا تىكىپ ئىغىر خۇرسىندى ، مۇبارەك يىغىدىن تۇختاپ بۇۋايغا قاراپ،
-كۇڭۇللىرىنى يىرىم قىلىپ قۇيدۇم ھە دادا ؟ بۇۋاي مۇبارەككە بىر ھازا تىكلىپ تۇرۇپ كىتىپ ،
-ياق بالام، ناخشىنى بەك ئابدان ئىيتتىڭىز، سىلەرنىڭ ئىششىڭلاردىن مىنىڭ تۇلۇق خەۋرىم يۇق ،ئەمما ناخشىڭىزدىن ناھايىتى ئىغىر دەت-ئەلەم تاتقىنىڭىز كۇرنۇپ تۇردۇ، بىزمۇ سىز گە ياخشى قاريالمىدۇق، ئانىڭىز ياخشى قىلمىدى، ھامان تارتىپ قالىدۇ ، بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتەر، ئىغىر بۇلۇڭ بالام ، مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي قىينى ئاتىسىنىڭ سۇزىنى كۇڭۇل قۇيۇپ ئاڭلاپ ئۇلتۇراتتى،
ئەلى كىلىپ،
-سىنى ئەجەپ ئىزدەپ كەتتىم ،بۇيەرگە كىلۋاپسەنغۇ ؟باغدىن سىنىڭ ناخشا ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ كىلشىم  دىدى ، بۇۋاي
-سىلەر باغدا بىردەم سەگىدەڭلا ،مەن بىرىپ ئۇلاغلىغا قاراپ باقاي ، دەپ بۇلارنى يالغۇز قۇيۇپ ماڭدى، مۇبارەك بۇۋاينىڭ كەينىدىن چۇڭقۇرھۇرمەت تۇيغۇسىدا قاراپ خىيالغا پاتتى،
-ھۇي خۇتۇن ،ساڭا گەپ قىلۋاتىمەن، نىمىنى خىيال قىلىپ كەتتىڭ ؟ مۇبارەك چۇچۇپ
-ھە، ھىچنمە، گەپ بامىتى؟
-قارا ،ئەتە داداملار بامداتقا كەتكەندە ،سەنمۇ بىكەتكە ماڭ ،مەن سىنى يۇلغا سەپ قۇيمەن دەپ بىللە بارمەن ،ئىككىمىز بىللە كىتىمىز بىلدىڭمۇ؟
-پۇل بۇلمىسا قانداق ماڭمىز؟
-سەن ھە دىگىنە؟
-ھە ، بۇلدىما؟
ئەلى مۇبارەككە قاراپ كۇلۇپ قۇيۇپ، مۇبارەكنىڭ ئىڭىكىنى تۇتۇپ ئۇزىگە تارتىشىغا مۇبارەك ئەلىنىڭ قۇلدىن يۇلقۇنۇپ ئۇي تەرەپكە قىچىپ كەتتى ،ئەلى مۇبارەكنىڭ كەينىدىن قۇغلاۋىتىپ ئانسى ھاۋاخان بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدى،  ھاۋاخان ئەلىگە قاراپ،
-ھاي نەبىي، نۇمۇس قىممامسە ؟كۇندۇزدىمۇ قۇغلىشىپ يۇرەمتا ؟ ئەلى ۋىللىدە قىزرىپ گەپنى يۇتكىدى،
-ئەتتىگەنلىككە مۇبارەك ماڭدىكەن ئانا، پۇلنى سەن خەشلىۋاپسەن ئەمدى قانداق قىلمىز؟
-تۇمىغان مىماننىڭ كەتكىنى تۇزۇك ،كىراغا چۇشلۇق چىقىپ قالا،
شۇنداق قىلىپ كەچمۇ بۇلدى، <مۇبارەك كىتىدىكەن> دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان گۇلخۇمار خۇشلاشقىلى كىلىپ ،بىرمۇنچە ئۇزرە سۇزلىرىنى ئىيتىپ مۇبارەكنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ بىرنىمىنى تۇتقۇزۇپ قۇيدى، مۇبارەكمۇ چاندۇرماي خۇشلۇشۇپ  بۇينىنى تاتلىغان بۇلۇپ پۇلنى ئىچىگە تاشلىۋەتتى، مۇبارەكتىن كۇزىنى ئۇزمەي قاراپ تۇرغان ھاۋاخان گۇلخۇمار كىتىشىگە،
-گۇلخۇمار سىزگە نىمە بەردى ؟دەپ سۇردى،
-ھىچنىمە،
-يالغان ئىيتماڭ، قۇلىڭىزنى تۇتۇپ بىرنىمىنى تۇتقۇزۇپ قۇيدىغۇ؟
-ئىشەنمىسەڭلار ئاختۇرۇڭلا ،    ھاۋاخان مۇبارەكنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ تاپالمىغاندىن كىيىن بۇلدى قىلدى ،
-يىنىمدا بىرى شۇكەن ،بۇ پۇل بىلەن قاغىلىققا بارالايسىز ،ئەتە ماڭسىڭىز خۇش، ھاۋاخان مۇبارەككە 30 كۇينى تۇتقۇزۇپ كىرىپ كەتتى ،مۇبارەك ئۇبۇرنىغا كىرىپ گۇلخۇمار بەرگەن پۇلنى ئالدى، بۇمۇ 20 كۇي ئىدى ،مۇبارەك پۇلنى ئۇبدان جايلاشتۇرۇپ كىرىپ ياتتى، ئەتىسى مۇبارەك بامدات بىلەن تۇرۇپ مىڭىشقا تەييارلاندى، ئەلى ئەبجەق ۋەلىسپىتنى قۇرۇ تىشىغا ئەپ چىقىشىغا ھاۋاخان،
-سەن  نەگە بارسەن نەبى؟
-مۇبارەكنى يۇلغا سەپ قۇيۇپ كىرەي ،
-ئۇزى كەلگەندىكىن ئۇزى كەتسۇن، كەلگەندە قانداق كەپتىكىنا؟
-ۋاي ئانا، بۇ يۇلنى بۇلمەيدۇ ،كەلگەندە مەن ئالدىغا چىقمىدىممۇ،
-بۇ خىنىم، كەلسە -كەتسە بىر ئادەم بۇلمىسا ماڭالمايدىغان كىچىك بالمىكەن؟
-بۇلدى قىلە ئانا ،
-ئەمسە، تىز بىرىپ تىز كەل ماقىما؟
مۇبارەك بىلەن ئەلى ۋىلىسپىت بىلەن ئۇن مىنۇتچە ماڭغاندىن كىيىن كەينىدىن بىرىنىڭ<نەبى  ھاي نەبى>  دەپ چاقىرغان ئاۋازى كەلدى، مۇبارەك كەينىگە قاراپ ۋىلىسپىت بىلەن قۇيۇندەك تىزلىكتە  كەيندىن كىلۋاتقان بىر قارا كۇلەڭگىنى كۇردى،
-ئەلى، ئالىم كىلۋاتىدۇ ،ئەمدى قانداق قىلمىز؟
-ھۇدۇقما ،خاتىرجەم ئۇلتۇرىۋەر، قالغىنىنى ئۇزەم جايلايمەن،
كەينىدىكى ئادەم راسلا ئالىم بۇلۇپ ئىتتىك ماڭمەن دەپ تەرلەپ قارا تەرگە چۇمۇپ كەتكەن ئىدى ،ئەلى ئاكىسىغا قاراپ
-سەن نىم دەپ كەلدىڭ ئەمدى؟
-ھاي ئۇكام، بۇ كەلنىمىز شۇنچە يىراقتىن بىز نى دەپ كەلسە، ئۇزتۇپ قۇيمىسام قانداق بۇتتۇ،
ئەلى ئارتۇق گەپ قىلمىدى، مۇبارەكنىڭمۇ دىمى ئىچىگە چۇشۇپ كەتتى ،بۇلار خىلى مىڭىپ قارقاش بىكەتكە كەلدى ،ئۇلار خىلى ساقلىسىمۇ ئاپتۇبۇس كەلمىگەچ ئالىم،
-ھاي مۇبارەك ،يىنڭىزدا ئۇشۇق پۇل بۇلسا ئىلىڭا، قۇساق يامان ئىچىپ كاتتىيا، بەشمۇغا بىر تەخسە سەي بىلەن تۇت مۇما بىرتۇ يىۋالىلى،
-مەندە نەدىمۇ ئارتۇق پۇل بۇلسۇن ،كىرايىمغا ئاران يىتىدۇ،
-ئەمسە مەن بى ئاغىنەمنى تىپپ ئازراق پۇل ئىلىپ كىلەي، سىزمۇ ئاچ قۇساق ماڭماڭ، تۇپ تۇرۇڭ ماقىما ؟ماڭغىنا ھەي نەبىي،
-ۋاي، ئىسسىقتا قۇيەۋا ،مەن بارمايمەن ،ئۇزەڭ بار ، ئالىم كەتتى ،شۇ ئانلا چۇڭ بىر ئاپتۇبۇس مۇبارەكلەرنىڭ ئالدىدا تۇختىدى،  مۇبارەك
-ئەلى، تىز بۇل ماشىنا كەلدى،
-ۋىلىسپىتنى قانداق قلمەن؟
- قۇيە بۇلدى ،جەپپىر بىرنىمىنى، ئاۋۇ ئىستۇلبىغا يۇلەپ قۇي ،تىز بۇل،
ئەلى ۋىلىسپىتنى ئىستۇلبىغا يۇلەپ قۇيۇپ مۇبارەك بىلەن بىللە ئاپتۇبۇسقا چىقتى، ماشىنىمۇ شۇ ھامانلا قۇزغالدى ،ئاپتۇبۇس بۇ قەدىمى شەھەرنى كەينىدە قالدۇرۇپ ،چاڭ- تۇزۇڭ كۇتۇرۇپ يۇقرى سۇرئەتلىك چۇڭ يۇلغا چىققاندىلا ئەلى بىلەن مۇبارەك باشلىرىنى كۇتۇرۇپ ئۇرۇندۇق ئاستىدىن چىقتى،
سۈت بىلەن كىرگەن خۇي- جان بىلەن چىقار
(ئۇيغۇر- خەلىق ماقاللىرىدىن)

مۇبارەكلەر قاغىلىققا كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئەلى قاتتىق ئاغرىپ  45  كۇن ئۇرۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى، ئەلىنىڭ بۆرىكىگە سۇغۇق ئۆتكەن ھەتتا ھاجەتكىمۇ چىقالماي قىينىلاتتى ،
مۇبارەك ئاچىسىنىڭ ياردىمىدە  ئەلىنى بار كۇچى بىلەن داۋالىتىپ ئەلى سەل ياخشىلانغاندا مۇبارەكنىڭ يۇر تىغا قاراپ يۇلغا چىقتى،
بۇلار يۇرتقا كەلگەندە گۇلخۇمارمۇ تۇي خىتى ئۇچۇن خۇتەندىن ئىسپات ئىلىپ ئەۋەتىپ بۇلغان، بۇلارمۇ تىزلا تۇتۇش قىلىپ تۇي خىتى ئىلۋالدى، ھەم قەيسەرنىمۇ نۇپۇسقا ئۇرۇنلاشتۇردى،
ئەلى كىلىپ نەچچە كۇندىن كىيىن باشقا بىر دۇكانغا ئىشقا چۇشتى، مۇبارەكمۇ بىر مىھمانخانىدا مۇلازىمەتچى بۇلۇپ ئىشلىدى، بۇيەردە تۇخسۇندىن كەلگەن گۇلبىرە ئىسىملىك خۇددى ھىندىستان كىنۇسىدىكى <كاجۇل>غىلا ئۇخشايدىغان بىر قىزمۇ قاتناپ يۇرۇپ ئىشلەيتى، بۇ قىز نىڭمۇ ئائىلە ئىختىسادى ناچار  ئۈيى يىراق بۇلغاچ ئاقكۇڭۇل مۇبارەك بۇقىزنى ئۇيدە قۇندۇرۋالاتتى، بۇ ئىش خىلى مەزگىل داۋام قىلدى ، بىر كۇنى ئايشەم ئانا ئۆي يۇغۇشتۇرۋاتقان مۇبارەككە،
-بالام، ھىلىقى قىز قىنى؟
-بۇگۇن دەم ئالغان ئۆيگە كەتتى، ئەتە چۇشتىن كىيىن ئىشلەيدۇ،
-قىزىم ،دۇس دىگەن تالادا بۇلىدۇ ئۇيدە ئەمەس، خۇتۇن كىشىنىڭ دۇستى ئىرىگە ،ئەركىشىنىڭ دۇستى خۇتىنىغا دۇس، بۇلسا ئۇ قىز نى ئۇيدە قۇندۇرما،
-ئاپا ،گۇلبىرە شۇنداق يۇۋاش تۇرسا ،يۇق گۇمانلارنى قىلماڭە،
-مەيلى بالام ،مەن دەپ قۇيدۇم، كىيىن ئەسكەرتمىدى دەپ مەندىن يامانلىما،
-نىمە ،بۇ قىز نىڭ بىرە ئىششىنى سەزدىڭىزما؟
-ياق بالام، قارسام تازا دۇرۇس قىز ئەمەستەك تۇردۇ ،
ئانا گەپ قىلىشقا ئىغىزىنى مىدىرتىپ تۇختاپ قالدى، چۇنكى ئۇ ،بۇ، دەتمەن، شۇرپىشانە ،قىزىنى يەنە ئازاپلاشنى خالىمايتى، ئانا قانداقمۇ ئەلى ئىككىسىنىڭ مۇبارەك يۇق چاغدا قۇچاغلىشىپ تانسا ئۇيناۋاتقىنىنى ،بىر-بىرنىڭ بۇينىغا گىرە سىلىپ يالشىپ ئۇلتۇرغىنىنى، بىللە ياتقاندا ئۇستىگە كىرىپ قالغىنىنى،  قىزغا ئىيتالىسۇن؟
مۇبارەك ئەتىسى يىغىۋاتقان يامغۇرغا قارماي بازاردىن كۇكتات ئىلىپ كەلدى، كىچىككىنە قەيسەر يامغۇردا دىرىلداپ تىترەپ ئىشىك تۇۋىدە يىغلاپ تۇراتتى، مۇبارەك
-نىم بۇلدى قۇزام ؟نىمىشكە يامغۇردا  ئۇيگە كىرمەي تالادا تۇرسەن؟ داداڭ قىنى ؟  قەيسەر ئۇمچەرەپ،
-دادام ئۇيدا ئاچاش بىلەن با ،مىنى ماڭ تالادا ئۇينا دەپ چىقىيۋەتتى، يامگۇ باكەن دىشەم چىكە شۇم دىدى،  مۇبارەك نىم بۇلغىنىنى بىلمەي ئىشىكنى كۇچەپ ئىتتىردى، ئەمما ئىشىك ئىچىدىن ئىتىۋىتىلگەن ،ئۇي ئىچىدىن ئۇنئالغۇنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك يۇقىرى مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، مۇبارەك ئىشىكنى مۇشلاپ ۋاقىراپ خىلى تۇر دى، ئاخىر بۇلماي كىچىككىنە تاشتىن بىر نى ئىلىپ دەرىزىگە كۇچەپ ئاتتى، دەرىزە ئەينىكى <جاراڭ> قىلىپ چىقىلىپ بىردەمدىن كىيىن ئەلى يۇگۇرۇپ چىقتى،
-قايسىڭ سەن؟ ئاچاڭنى................
-ھە. ئاچامنى نىم قىلاتتىڭ؟ ئىشىكنى ئىچىدىن  تاقاپ نىمانچە چىڭ قۇيغان ناخشا بۇ، كىم بار ئۇيدە؟
-ھىچ....ھىچ كىم ، شۇ خىزمەتدىشىڭ كەپتىكەن ،يامغۇردا قىلىپ مۇزلاپ كىتىپتۇ بىردەم ئارام ئىلۋالسۇن دەپ، باشقا ئىش يۇق،
-باشقا ئىش بۇلمىسا قەيسەر نى نىمىشكە يامغۇردا تالاغا چىقىرۋەتتىڭ ؟ مۇبارەك سۇزلىگەنىچە ئۇيگە كىردى، كارۋاتتا گۇلبىرە يۇتقانغا چۇمكىنىپ ياتاتتى ،ئەلى
-سەن بۇلمىساڭ خاپ قىلىپ ئارام بەرمەيدىكەن، ئاپام دەپ ئۇزى چىقىۋالدى، كىرىپ-چىقىپ ئىچىمنى پۇشۇرۋەتتى بۇ بىرنىمە، قۇرقۇتۇپ قۇياي دەپ تاقاپ قۇيغان،
-يا ئاللا ئەلى ،يالغانغىمۇ ئۇستا بۇلۇپ كىتىپسەن، بالنىڭ كىسلى بارلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ سەنمۇ دادا ھە؟ تۇۋا خۇدايىم،
-بۇلدى، خاپا بۇلمىغىنا ،سۇزلىمىگىنە خۇتۇن  ،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلمىدى، دىمىسىمۇ يىقىندىن بىرى مۇبارەك تازا ئالدىراش بۇلۋاتقاندا گۇلبىرە تۇيۇقسىز يۇقاپ كىتەتتى ، بۇگۇن دەم ئىلىش مۇبارەككە كەلدى ،ئۇ، قەيسەرنى يىتىلەپ بازارغا كەم قالغان سۇدا- سىتىقلىرىنى تۇلۇقلاپ قايتاشىدا قەيسەر< قۇسغۇم ئاشتى> دەپ  جىدەل قىلدى، ئۇدۇلدا بىر سامساخانا تۇراتتى، مۇبارەك شۇيەرگەكىرىپ 5سامسىنى ئىلىپ بالىغا يىگۇزۋاتقاندا بۇرۇن ئەلى بىلەن ئىشلىگەن بىر بالا مۇبارەكنى تۇنۇپ قالدى،
-ھۇي، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ بۇ شاكىچىكمۇ چۇڭ بۇلۇپ قاپتۇ ھە ؟
-ھە، تىشلىقمۇ ؟مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتامسىز؟
-ھە ، تۇۋا سىلەرگە كۇزتەككەندەكلا بىر ئىش بۇلدى جۇمۇ،
-نىمىنى دەيسىز ؟
-ئەلى بىلەن ئىككىڭلار نىڭ ئىششىنى دەيمەن، قاراپ تۇرۇپ بىر چىرايلىق ئايالى بىلەن بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجراشقىنىڭلارنىمىسى؟
-نىمە .........  كىم ئاجرىشىپتۇ ؟  كىم شۇنداق دەيدۇ؟
-بۇلدى، يۇشۇرماڭ يەڭگە ،ھەممىنى بىلىپ بۇلدۇم،
-كىمدىن ئاڭلىدىڭىز ؟ مۇبارەك بۇئىشنىڭ تىگىدە بىر سىرنىڭ بارلىغىنى بىلىپ چاندۇرماي كۇچىلاپ سۇردى،
-ئەلى ئۇز ئاغزى بىلەن دىدى، تۇنۇگۇن كەچ كەلگۇسىدىكى ئايالىم دەپ ئۇزۇن چاچ چىرايلىق بىر قىز نى بىللە ئىلىپ كەپتىكەن، تۇيغىمۇ ئاز قالدى دەيدۇغۇ ، راسمۇ يا؟
-ھەئە،  كىلشەلمەي شۇ ،ئامال قانچە ،  مۇبارەك ئەمدى چىشلىگەن سامسىنى تەخسىگە سىلىپ قۇيۇپ قايتىشقا تەرەددۇ قىلدى،
-كىپ تۇراسىز، ئۇنداقلارغا ئۇزىڭىز نى زايا قىلماڭ ،ئەلىمۇ كەچتە كىلەمىكىن،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇيگە كىلىپ ئەلىگە چاقىرغۇ قىلىپ< مىجەزىم يۇق تاماق ئەتمەيمەن ئاچامنىڭ ئۇيگە بىرىپ كىلەي> دىدى،
مۇبارەك كىيىملىرىنى يەڭگۇشلەپ ئاۋۋال گۇلبىرەنىڭ نامىدا ئەلىنىڭ چاقىرغۇسىغا ، كىيىن ئەلىنىڭ نامىدا گۇلبىرەنىڭ چاقىرغۇسىغا <سىنى  پالانى گۇللۇكنىڭ يىنىدا ساقلايمەن تىز كەل>  دەپ سۇز قالدۇردى، كىيىن ئەلىنىڭ چاقىرغۇسىنى تىلفۇن كەلسە  ئۇزىنىڭ چاقىرغۇسىغا كىلدىغان قىلىپ<مەخپى شىپىرنى بىلەتتى> قۇيۇپ ئۇزى ئالدىن كىلىپ مۇكۇپ تۇردى،
ئەيتاۋۇر يىرىم سائەتلەر ئۇتتى بۇلغاي ئاۋۋال گۇلبىرە ،كىيىن كىيىملىرى ئۇن ئەلى يىتىپ كەلدى، ئۇلار ئاۋۋال كۇنا قەدىناسلاردەك قۇچاغلىشىپ كۇرۇشتى ،كىيىن ئۇلتۇرۇپ
-نىمىشتى، شۇنچە جىددى چاقىرغىدەك، كۇندۇزدە مۇبارەكنى كۇرۇپ قالار دىمىدىڭما؟  سۇردى ئەلى
بۇلارنىڭ سۇھبىتىنى يۇلغۇننىڭ كەينىگە مۇكۇپ تۇر غان مۇبارەك ئىنىق ئاڭلاپ تۇراتتى،
-نىمە ؟كىم سىنى چاقىرىپتۇ؟ ئۇزەڭ كۇرگۇم كەلدى تىز كەل دەپ سۇز قالدۇرۇپسەنغۇ ؟
بۇلار سۇ ئاللىرىغا جاۋاپ تىپپ بۇلغىچە مۇبارەك يۇلغۇننىڭ كەينىدىن چىقىپ ئىككىسىگە بىر قارۋىتىپ،
-بۇلدى، ئاشىق-مەشىقلار بۇ ئۇيۇننى مەن ئۇينىغان، قانداق بۇمماپتىما؟
ئەلى بىلەن گۇلبىرە نىمە قىلشىنى، نمە دىيشىنى بىلمەي كۇزلىرى چانغىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك تۇرۇپ قىلىشتى ، مۇبارەك
-مىڭشە ،ھۇ رەسۋالار، ئىسىت، سىنىمۇ دۇستۇم ،سىنى ئىرىم دەپ يۇرۇپتىمەن ، ئەسلى مۇنداقمۇ ئىش بار دىيشە؟
بۇلار ئىش بۇلدى، ئەمدى بۇ ئىككى مۇناپىقلار نىممۇ دىيەلىسۇن ، مۇبارەك ناھايىتى سالماقلىق بىلەن،
-ئاڭلىسام تۇيغا ئازقاپتۇ ،مىنى چاقىرىشنى ئۇنۇتما ،
-مۇبارەك ،ئاداش، سەن خاتا چۇشنىپ قالما ،مەن ئۇنداق قىز ئەمەس ،جىلى بۇلۇپ ئاران تۇرغان مۇبارەك كەينىگە بۇرلۇپلا گۇلبىرەنىڭ يۇزىگە بىر كاچات سالدى، ئەلى بىشىنى يەردىن كۇتۇرمەي باغلاقتىكى ئىتتەك بۇ لار نىڭ كەينىدىن سۇكۇلداپ كىتىپ باراتتى ، مۇبارەك بۇلارنى  ئۇددۇل ئۇيگە ئىلىپ كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ  سۇراققا چۇشتى،
مەلۇم بۇلدىكى بۇلار نىڭ مۇناسىۋىتىگە خىلى بۇلغان، قۇيۇق <ئەر-ئاياللىق> مۇناسىۋەتتە ،گۇلبىرە بەزىدە چۇڭ مىھمانخانلارغا بىرىپ 3 ھەمرا بۇلۇپ  قۇشۇمچە كىرىم قىلدۇ ،ئۇيدە بالىسىنى قۇشقاندا 6 ئادەم بار، ئۇينىڭ پۇتۇن چىقىملىرى گۇلبىرەنىڭ ئۇستىدە ،بۇ ئىككىسى <ئەگەر مۇبارەك قۇشۇلسا >تۇي قىلماقچى، گۇلبىرە كىچىك خۇتۇن <تۇقال>بۇلماقچى ،
مۇبارەك بۇلارنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى بىلەلمىدى ، جىمجىت ئۇلتۇرغان ئەلى گۇلبىرەگە سىرىتنى شەرەتلىدى، گۇلبىرە چاققانلىق بىلەن تۇرۇپ ئىشىكنى ئىچىپ چىقىپ ھايال بۇلمايلا قايتىپ كىر دى، ئۇنىڭ قۇلىدا چۇڭ بىر قارا سۇلياۋ خالتا بۇلۇپ، خالتىنى ئىچىپ ئىچىدىن بىر بۇتۇلكا <شۇربۇلاق> ماركىلىق ئاق ھاراق ، چىلغان سەي، تاۋۇز ،سامسا ،ئىككى قاپ تاماكا ،گازىر -خاسىڭ، قاتارلىقلارنى  جۇزىغا قۇيدى،
مۇبارەك قىتىپ قالغاندەك ئۇلتۇراتتى،  ئەلى مۇبارەككە قاراپ تۇرۇپ كىتىپ بۇتۇلكىنىڭ ئاشتى،
-ئەسلى مىنىڭمۇ ئۇنداق نىيتىم يۇقتى، شۇ قەيسەرنى داۋالاتمىساق بۇلمايدۇ ،سەن -مەن يالغۇز نىمىگە يىتىشىمىز خۇتۇن، سەنمۇ خاپا بۇلۇپ كەتمە،
-شۇنداقمۇ ؟سەن ئۇزەڭنىڭ بىر خۇتۇننىڭ ھۇددىسىدىن چىقالماي تۇرۇپ تىخى تۇقال ئالماقچىمىتىڭ؟ قايسى ھالىڭغا ئىككى خۇتۇن ئالسەن ؟بۇنىمۇ تۇغدۇرۇپ يەنە بالا سۇدىسى قىلاي دىگەنما؟ ساڭا پۇل بۇلسىلا بۇلىدۇ شۇنداقمۇ ؟باھانەڭ قەيسەرنى داۋالىتىش ، ياخشى مەن ساڭا پۇل تىپپ بىرەي، ئەزەلدىن خۇتۇن كىشىنىڭ كۇكىنى سىتىشقا ئۇستىغۇ سەن ، خىرىدا تاپە ھازىرلا پۇللۇق بۇلسەن،
-نىمانداق گەپ قىلسەن؟ بىر چىرايلىق چۇشەندۇرۋاتىمەنغۇ مانا ، مۇبارەك بىر قىشىنى كۇترۇپ گۇلبىرەگە قاراپ،
-ھەي ،دىگىنە 3 ھەمرا بۇلۇش دىگىنىڭ نىمۇ ؟راس گەپ قىل ، گۇلبىرە ئەلى سۇنغان بىر رۇمكا ھاراقنى كۇتۇرۋىتىپ ،
-بىرىنجى، ھاراقتا ھەمرا بۇلۇش ،ئىككىنجى ،تاڭسىدا ھەمرا بۇلۇش، ئۇچۇنجى ..........  دەپ تۇرۇپ قالدى،
-ئۇچۇنجى نىمە ئىيتە؟
-ئەمسە، بۇ بىر رۇمكىنى كۇتۇرۋەت، ھەممىنى تەپسىلى دەپ بىرەي، گۇلبىرە  شۇنداق دەپ بىرتال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ پۇقۇرۇتۇپ چىكىشكە باشلىدى،
-سىنىڭ مۇنداقمۇ ئۇيۇنلىرىڭ باردىگىنە تىخى ،
-ئىچە خۇتۇن، ئىچىپ باققانغۇ سەن ؟ ئىچىڭ بۇشاپ كۇڭلۇڭ ئىچىلىپ قالىدۇ، خۇتۇن كىشى دىگەن ھەممىدە بۇلشى كىرەك، مانا بۇنى، قەھرىمۇ-زەھرىمۇ بار گاڭ-گۇڭ ئايال دەيمىز ،سەنمۇ شۇنداق بۇلالامسەن؟ لۇكچەكتەك ياشا ،ئارمىنىڭ قالمايدۇ،
مۇبارەك گەپ قىلماي ئۇرنىدىن تۇرۇپ چۇڭراق چاي ئىستىكاننى ئىلىپ ھاراقنى تۇشقۇزۇپ قۇيۇپ تىنمايلا ئىچىۋەتتى ، ئەلى گۇلبىرەگە قاراپ قۇيۇپ
-قانداق؟ ئىچەلەمدىكەن ؟  لۇكچەك ، ئىسىل خۇتۇن، يارايسەن، خۇ ،تاۋۇز يىگىنە ،
-بۇمۇ ئۇزۋاقتىدا سىنىڭ ئىلتىپاتىڭتىغۇ؟ ئۇنتۇپ قالغىنىم يۇق،
بۇلار بىردەم ئۇلتۇر غاندىن كىيىن مۇبارەك مەس بۇلۇپ سۇرايدىغانلىرىنى ئۇنتۇپ ئۇخلاپ قالدى، ئەلى قەيسەرنى تىزلا ئۇخلۇتۇپ بۇ كىچىنى گۇلبىرە بىلەن بايرام قىلدى.
بىشى چىڭقىلىپ ئاغرىپ قاتتىق ئوسساپ ئويغانغان موبارەك ئۇزىنىڭ كىيىملىرى بىلەنلا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلىپ ئۇرنۇدىن تەستە تۇردى
سىرىتتىن مەزىننىڭ بامدات نامزىغا سۇزۇپ تۇۋلىغان ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى
مۇبارەك ئاخشام نىمە ئىشلار بۇلغىنىنى بىلمەكچى بۇلغاندەك بىشىنى ئالقىنى بىلەن ئۇۋلاپ ئۇلتۇرۇپ ئۇيلاشقا باشلىدى ئۇنىڭ كۇڭۇل ئىكرانىدىن ئاخشام بۇلغان ئىشلار خىرە -شىرە ئۇتتىدە چۇچۇپ ئۇرنىدىن تۇرۇپ قەيسەر ياتقان ئۇرۇنغا قاردى
قەيسەرمۇ كىيىملىرى بىلەنلا ئۇخلاۋاتاتتى  <مۇبارەكنىڭ ساۋاغدىشى گۇلنازلار يۇرقا تۇققان يۇقلاشقا كەتكەچ ئۇچۇنجى قەۋەتتىكى بىر يۇرۇش ئۇينى مۇبارەكلەر قاراپ بەرگەچ ھەقسىز ۋاقىتلىق ئۇلتۇرۇپ تۇرۋاتاتتى>
مۇبارەك ئۇرنىدىن تۇرۇپ مىھمانخانىغا قاراپ ماڭدى مىھمانخانا ئىشكى ئىچىدىن تاقاقلىق مۇبارەك پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كەينىگە يىنىپ ياتاق ئۇيدىن قۇل سۇمكىسىنىڭ ئىچىگە سىلىپ قۇيغان مىھمانخائۇينىڭ ئاچقۇچىنى تاپتى ئاچقۇچنىڭ قۇلۇپقا چۇشكەن ئىشىكنىڭ ئىچىلغان ئاۋازىدىن چۇچۇپ ئۇيغانغان ئەلى بىشىنى كۇترۇپ ئىشىك تەرەپكە قاردى
ئىشىك ئالدىدا كۇزلىرى چەكچەيگەن چىرايى تاترىپ ئاچچىقتىن كالپۇكلىرى كۇكۇرۇپ تىتىرەپ كەتكەن مۇبارەك تۇراتتى
ئەلى دەماللىققا نىمە قىلشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى
-تۇرە ئۇرنۇڭدىن ھۇ رەسۋا ئەمدى بۇلغىمىغان مىنىڭ ئۇيۇم قالغانمىتى................
مۇبارەك شۇ سۇزلارنى ئارانلا دىيەلىدى
تىخىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغانمىغان ئەلىنىڭ قۇينىدا ئەلىنىڭ بۇينىغا گىرە سىلىپ ياتقان گۇلبىرە ئۇيقۇلۇق كۇزلىرىنى تەستە ئېچىپ  مۇبارەككە قاراپ چۇچۇپ ئۇرنىدىن تۇرۇشقا ئۇرۇندىيۇ-ئۇچسىداكىيىم بۇلمىغاچ تۇرالمىدى
-خۇتۇن ماگەپنى ئاڭلا بۇ پۇتۇنلەي ئۇقۇشماسلىق مەن مەس بۇلۇپ قاپتىمەن بۇ...بۇ...قانداق بۇلغىنى ئەمدى ئەستا ما پىشكەللىكنى
-ھەي گۇرۇز ھاراقنى كۇزۇڭگە ئىچكەنما.....................؟
-بۇ.........بۇ.........ھەي قانجۇق قاچان ئىچىمگە كىرۋالدىڭ  بۇراسلا.............
-بۇلدى تۇلا گەپ ئۇيناتما  قارغاندا مەن ئىككىڭگە پۇتلۇشۇپ قاپتىمەن مەنلا يۇقالسام ھەرقايسىڭ ئازادە ياشۋال
مۇبارەك شۇنداق دەپلا دەرىزىگە چىقىپ ئۇزىنى پەسكە تاشلاشقا تەييارلاندى
ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئۇيغۇنۇپ كەتكەن قەيسەر كۇزىنى ئۇۋلاپ يىغلىغىنىچە مىھمانخانىغا كىرىپ
-ئاپا جىنىم ئاپا مەن خۇش بۇلاي ۋايەي بۇلدۇ چۇشە ئاپا.................
ئۇنۇڭغىچىمۇ گۇلبىرە ئەلى كىيىملىرىنى ئالمان-تالمان كىيىپ مۇبارەككە ئىسىلۋالدى مۇبارەك ئۇزكۇزى بىلەن كۇرگەن مەنزىرىدىن تەنلىرى شۇركۇنۇپ قار-يامغۇر تۇكۇلۇپ يىغلاۋاتاتتى
-خۇتۇن بۇلدى سىنىمۇ بەك ئازاپلىدىم سەن نىمە دىسەڭ شۇ بۇلسۇن ساڭا قارغىدەك يۇزۇم يۇق قەيسەرنى دەپ بۇلسىمۇ يىنىپ چۇش
ئەلى خۇتۇن كىشىدەك مىشىلداپ يىغلاپ قەيسەرنى كۇترۇپ مۇبارەككە سۇندى قەيسەرمۇ ئاپىسىغا ئىسىلىپ يىغلاۋاتاتتى
مۇبارەك بالسىغا قاراپ تۇرۇپ كىتىپ دەرىزىدىن يىنىپ چۇشۇپ قەيسەرنى مەيدىسىگە چىڭڭدە تاڭغىنىچە ئاخشام يىغىشتۇرمىغان ئۇستەل ئالدىغا كىلىپ ئۇلتۇرۇپ ئىشىپ قالغان يىرىم بۇتۇلكا ئاق ھاراقنى  سۇ ئىچكەندەك سۇمۇرۇپ ئىچۋەتتى
-ئاپا ئچمە مەش بۇپ قالشە ماكۇلما تاتتىق ئاپا
مۇبارەك قۇرۇغدالغان بۇتۇلكىنى يەرگە زەردە بىلەن ئۇرۇپ چىقىۋىتىپ قەيسەرنى يىتىلەپ سىرىتقا قاراپ ماڭدى
مۇبارەك بىنادىن چۇشۇپ ئالدىغا نەچچە قەدەم ماڭمايلا ئەلى بىلەن گۇلبىرە كەلدى يۇلدا نامدات نامزىغا ماڭغان چۇڭلار خىلى كۇپ
مۇبارەك قەدەملىرىنى ھىچ باشقۇرالمايتى گۇلبىرە ئىتتىك كىلىپ ئۇنى يۇلىدى
-نەگە بارسەن ئاداش مەن ئاپرىپ قۇياي
-ئاداش ؟ كىم سىنىڭ ئادشىڭكەن يۇقال ھۇ ئەر سالدىسى بۇلۇپ كەتكەن بۇزۇق رەسۋا كۇزۇمگە كۇرۇنگىچە بۇلما يۇقال
مۇبارەك شۇنداق دەپلا گۇلبىرەنىڭ قۇلىنى سىلكىپ ئىتتىرۋەتتى ئەمما ئۇزىمۇ كۇنتۇرۇللىغىنى يۇقۇتۇپ يىقىلىپ چۇشتى بەلكىم بامداتقا ماڭغان بۇلسا كىرەك 22 ياشلار ئەتراپىدا بىر يىگىت كىلىپ گۇلبىرەگە ياردەملىشىپ مۇبارەكنى يۇلىدى مۇبارەكتىن كىلۋاتقان بەتبۇي ھاراق ھىددى بۇ يىگىتنى سەسكەندۇردى بۇلغاي بۇرنىنى ئىتىپ مۇبارەكنى يۇلنىڭ سەل چىتىغا ئەپچىقىپ ئۇلتۇرغۇزۇپ  قۇيماقچى بۇلدى دەل شۇچاغدا  سەل نىردا كىتىۋاتقان 3 ئەركىشىنىڭ بىرى
-ھەي تالىپ ئاداش ئا قىز مەسمۇ نىمە سىلنىڭ كىچىك سىڭلىڭلار مۇبارەككە ئەجەپ ئۇخشايدىكىنا  ؟ دىدى
پاراڭ بىلەن بۇلۇپ كەتكەن تالىپ بۇرلۇپ قاراپ مۇبارەكنى ئىنىق كۇردى
بىنانىڭ بۇرجىگىدە قەيسەرنى بەزلىگەچ ئەھۋالنى كۇزتۇپ تۇرغان ئەلى ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى سىزىپ غىپپدە بالسىنى كۇتۇرگىنىچە ئۇيگە قاچتى
نۇمۇستىن يىرىلغىدەك بۇلغان تالىپ بازغاندەك مۇشتىنى تەڭلىگىنىچە مۇبارەككە قاراپ ئىتىلىپ كىلۋاتاتتى
بۇچاغدا تاڭمۇ خىلىلا سۇزۇلۇپ قالغان ئىدى

مال ئىگىسىدىن ئۇغۇر كۇچلۇك                                                          تۇھمەت
<ئۇيغۇر-خەلىق ماقاللىرى>
تالىپ ئېتىلىپ كەلگەنچە مۇبارەكنى قۇناق سۇققاندەك ئۇرۇشقا باشلىدى. مۇبارەك يەردە ئۇنسىز تۇگۇلۇپ ياتاتتى.
بايا گۇلبىرەگە ياردەملىشىپ مۇبارەكنى يۇلەشتۇرگەن ھىلىقى بالا بۇلسا، تالىپنىڭ قۇللىرىنى تۇتىۋىلىشقا ئۇرناتتىيۇ  لىكىن كۇچى يەتمەيتى.
-ئاكا بۇلدى قىل، نىمىش  بۇلسا چىرايلىق ھەل قىلىڭلا ، بۇقىزنىڭ نىم بۇلغىنىنى مەنمۇ بۇلمەيمەن، لىكىن قىز بالىنى بۇنچىلىك ئۇرۇش تۇغرا ئەمەس،
مۇبارەكتىن ئاچچىغىنى تۇلۇق ئالالمىغان تالىپ، بۇرۇلۇپ بايامقى يىگىتكە كۇزلىرىنى چاكچەيتىتى.
-ھۇ لامزەللە، يۇلدىشى بار ئايالنى بۇزۇپ، كىچىنچە ئىچكۇزۇپ سىرىتتا سۇرەپ يۇردۇڭما ؟يەنە تىخى ماڭا ھۇتۇت-پۇتۇت دەيسىنا؟ مانا ساڭا  ،
تالىپ ئۇ بالىنىمۇ نەچچىنى ئۇرۋەتتى. گۇلبىرە چەتتە گۇشيۇپ قاراپ تۇراتتى .ئەلىمۇ ئۇينىڭ ئىچىگە كىرۋىلىپ دەرىزە پەردىسىنىڭ كەينىدىن بۇلغان ئىشلارنى تەپسىلى كۇزتۇپ تۇراتتى.
مۇبارەكنىڭمۇ مەسلىگى نەچچە شاپلاق بىلەن يىشلىپ كەتكەن. مۇبارەك ئۇرنىدىن تەستە تۇرۇپ تالىپنىڭ قۇلىغا ئىسلىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
-جىنىم ئاكا، بۇ بالنىڭ بۇ ئىش بىلەن ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى يۇق ،سىزدىن ئۇتىنەي، گۇناسىز ئادەمنى ئۇرماڭ،
-يۇقىلە پاسكىنا، ھۇ ئىززىتىنى بۇلمەيدىغان بۇزۇق شۇم، مۇناسىۋىتى بار يۇقلىغىنى بىردەمدە ئايرىيمەن،
تالىپ شۇنداق دەپ مۇبارەكنى ئىتترۋەتتى.
-ھېي، قانداق ئاداشسەن ؟بۇ بىرنىمەڭنى كىم تۇنۇيدۇ ؟قارسام ئايال كىشىكەن قاق سەھەر ئىت پۇق يىمەستە نامازغا ماڭغانلارنىڭ ئالدىدا سەت بۇلمىسۇن، كىشلەرنىڭ نەزىرىدىن چۇشۇپ كەتمىسۇن دەپ ياخشى كۇڭلۇم بىلەن يۇلەپ قۇيسام نىمانداق تەتۇر ئادەمسەن؟ ئىشەنمىسەڭ بۇ قىزدىن سۇرا، تۇنۇشلۇغۇم بارمىكەن ؟ ئۇزىمۇ داۋاتىدۇ، سەن گەپ چۇشنەمسەنيا؟
يىگىت سۇزىنى تۇگتۇپ بۇلغىچە يەنە نەچچە مۇش يەۋالدى. ئالدىدىكى بۇ ياۋۇز ئادەمنىڭ گەپ چۇشەنمەيدىغانلىغىغا كۇزى يىتىپ .ئاخىر يىقىلغان ئۇرنىدىن تۇرۇپ قاچتى.
تالىپ ئۇ بالىنى يەنە ئۇرۇش ئۇچۇن كەينىدىن قۇغلىدى. ئاكىسىنىڭ ئۇسال مىجەزىنى- پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن مۇبارەك، دەرھال ئۇرنىدىن تۇرۇپ يۇل ياقىسىغا چىقتى .دەل شۇ چاغدا كەينى تەرەپتىن قىزىل رەڭلىك بىر تاكسى كەلدى. مۇبارەك دەرھال قۇلنى كۇتۇردى ماشىنىمۇ شۇنى كۇتكەندەك مۇبارەكنىڭ ئالدىدا تۇختىدى .مۇبارەك ماشىنىغا چىقىپ شۇپۇرغا<تىز ھەيدە> دىدى.
ماشىنا قۇزغالدى .مۇبارەك ماشىنىدا ئۇلتۇرۇپ ئۇيى تەرەپكە قاردى ئەلى يەنىلا پەردە كەينىدە سىرىتقا قاراپ تاماشا كۇرۇپ تۇراتتى گۇلبىرە بۇلسا ئۇيگە كىرىپ كىتىۋاتاتتى.
مۇبارەك ماشىنىنى خىلى ئايلاندۇرۇپ يەنە مەھەللىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ يانچۇغىنى ئاختۇرۇپ پۇل سالمىغىنى ئىسىگە كەلدى .ھەم ماشىنىنى ياندۇرۇپ ئايشەم ھەدىنىڭ ئۇيى ئالدىدا تۇختاتتى.
شۇپۇرغا سەل ساقلاشنى ئىيتىپ ئۇيگە كىردى. ئايشەم ئانا ئەتتىگەنلىك ناشتىغا تۇرغان. لىكىن ناشتاقىلمىغان. ناشتىلىق داستىرخان ئۇستىدە شۇپىتى تۇراتتى .دەملەپ قۇيغان چايمۇ ئاللاقاچان سۇۋۇپ كەتكەن. قۇشۇملىرى تۇرلۇپ كۇزلىرى يىغىدىن قىزارغان، قاپاقلىرى ئىششغان  ئانىنى كۇرگەن مۇبارەك ،ئاپىسىغا بىر قاراپلا  بۇلغان ئىشلاردىن ئانىنىڭمۇ خەۋەر تاپقانلىغىنى سەزدى.
-ئاپا ،يىنىمغا پۇل سامماپتىمەن، پۇل بۇلسا 20 كۇي بىرىڭگە؟
ئانا ئۇنسىز پۇلنى بەردى. مۇبارەك ماشىنىنىڭ پۇلىنى تۇلەپ قايتىپ كىردى.
-قىزىم، مىنى نىمە بۇلسۇن دەيسەن؟ مىنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بىرە گۇنا ئۇتكۇزگەن يىرىم بارمۇ؟ شۇ تۇققانلىرىڭ ئالدىدا مىنىڭ سۇزلىگىدەك يىرىمنى قۇيساڭ بۇلمامدۇ ؟ بالا تۇققانغا تۇيغۇزۇپ ئۇلتۇرەي دىگەنمىتىڭلا ؟  مىنىڭدىن شۇنچە قۇتۇلالماي قالدىڭلارما بالام؟
ئانا شۇسۇزلەرنى ئاران دىيەلىدى ھەم ھۇڭرەپ يىغلاپ كەتتى . يۇرگى ئىزىلىپ پىغانى ئۇرلەپ تۇرغان مۇبارەكمۇ بۇ يىغىغا جۇر بۇلدى.
ئانا -بالا ئىككەيلەن بىردەم يىغلاشقاندىن كىيىن ئايشەم ئانا،
-مۇبارەك ،ئىيتە بالام ،ئايال كىشمۇ ھاراق ئىچەمدۇ؟ مىنىڭچە بۇنداق قىلشىڭغا چۇقۇم بىر ئىش سەۋەپ بۇلدى. شۇنداقمۇ ؟نەچچە كۇندىن بىرى بىنۇرمال كۇرۇنگەنتىڭ ،سۇراي دەپ يۇرگىنى زىدە قىلماي دەپتىكەنمەن ،نىمىش بۇلدى ئۇچىغىنى راستىنى ئىيتە؟
-ھىچ ئىش بۇلغىنى يۇق ئانا، تۇنۇگۇن بىردۇستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۇندە ئۇلتۇرغان، ئۇسساپ كىتىپ پىيالىدىكى ھاراقنى سۇ ئۇخشايدۇ دەپ ئىچىۋىتىپتىمەن....................،
مۇبارەك ئاغزىدا شۇنداق دىدىيۇ ئەمما گەپنىڭ ئاخىرىنى ئۇزۇپ بۇلالمايلا يىغلاپ كەتتى.
سەزگۇز ئانا مۇبارەكنى چۇشنەتتى. ئۇنىڭ ئىچى كۇچلۇك، باشقا كۇڭۇلسىزلىكلەرنى ئۇيگە سۇرەپ كىرمەيدىغان ،ئانىنىڭ، ئائىلىنىڭ كەيپىياتىنى بۇزمايدىغان، ئانسىنىڭ كۇڭلىنى ئاياپ ،  قىزنىڭ يالغان ئىيتقىنى بىلىپ ئېغىر ئۇھسىنىپ ،
-سەن راس سۇزلىمەيۋاتىسەن ،نەچچە كۇندىن بىرى يۇرگىم ئېغىپ ، قاپىغىم تارتىپ تۇردۇ ،ئىيتە قىزىم زادى نىمىش بۇلدى؟ مەن ئۇز ئاپاڭغىمۇ دىمىگەن دەرتلىرىڭنى كىمگە دەيتىڭ؟
مۇبارەك ئىسەدەپ تۇرۇپ بۇلغان ئىشلارنى چالا قۇيماي دەپ بەردى .ئانا قۇلاق سىلىپ ئاڭلاپ بۇلۇپ،
-بۇ جۇۋاينىمەكنىڭ يەرتىگىدىن ئىش تەۋرىتىپ يۇرگىنىنى خىلى بۇرۇنلا سەزگەنتىم، بۇنچىلىك ئىشلار بۇلار دىمەپتىمەن ،كۇڭلۇڭنى يىرىم قىلما بالام ،بىزلەرگىمۇ خۇدايىم بار ،تۇلا خۇتۇن ،يىتىم -يىسىرلارنى بۇزەك ئەتسە جاجىسىنى ئىگەم ئۇزى بىردۇ ، قانداق قىلمىز؟ بىز ئايال كىشى ئاجىز، قۇلمىزدىن نىمىمۇ كەلسۇن؟ ئۇزەڭنى ئۇيلىمىساڭمۇ قەيسەرنى ئۇيلا ،غەيرەتلىك بۇل، ئاللا كۇڭلىگە ئىنساپ بىرە بالام ،لىكىن بالاڭنى يىتىم قىلدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلما،
ئايشەم ئانا ئاغزىدا شۇنداق دىگەن بىلەن كۇڭلىدە ،< بۇ ئىككىسىنىڭمۇ ئەمدى چامغۇرى پىشمىغىدەك، كەگۇلۇكنىڭ ھەممىسى شۇ بىچچارە، نارىسىدە قەيسەرگە بۇلدىغان بۇلدى.> دەپ ئۇيلىدى.
-ئاپا ، سىز نىمىگە يىغلىدىڭىز ؟ بىرەسى بىرنىمە دىدىما؟
-تالىپ ئەتتىگەندە ئىشىكتىن كىرىپلا سۇزلەپ ،تىللاپ كەتتى .
-نىمىشقا ؟ نىمدەپ سىزنى تىللايدىكەن؟  ئۇ  نىم دەيدۇ ؟
-قىزىڭنى باشقۇرماي، مىنى ھاراقكەش دەيسەن ،مەنغۇ ئۇغۇل بالا، قىزىڭمۇ ئىچىپتۇ بۇنىڭغا نىم دەيسەن؟ مەن ئىچسەم ئۇزەم تاپقان پۇلغا ئىچتىم ،ساڭا ئۇخشاش قىزىڭنىڭ شۇۋىسىنى ئىچمىدىم . بىلىپ قۇي ،بۇ نۇۋەت ئىچسەم ھاراق ئۇرنىغا شۇ ئەتىۋارلىق قىزىڭنىڭ قىنىنى ئىچمەن ،دەللال قىرى، قىزىڭنىڭ ئىرى تۇرۇپ ئۇيناپ يۇرۇپ كىچىنچە ئۇيگە كىرمەپتۇ ،يىنىدا يەنە بىر ئۇغۇل بالىمۇ بار، مىنى يالغان گەپ قىلدى دىسەڭ قىزىڭنىڭ بۇ دۇستىدىن سۇرا ، دەپ ھىلىقى گۇلبىرە دىگەن داپ يۇزنى سۇرەپ كىرىپتۇ ،گۇلبىرەدىن سۇرىسام <مەن ئەتتىگەن ئىشقا كەلگەن ،مۇبارەكنى چاقىرۋالاي دەپ ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ،مۇبارەك باشقا بىر ئۇغۇل بالا بىلەن مەس ئۇلتۇرۇپتۇ، مەن گەپ سۇراپ بۇلغىچە تالىپ ئاكام كىلىپ قالدى. ھىلىقى بالا تالىپ ئاكامنى كۇرۇپ قىچىپ كەتتى. باشقا ئىشنى بىلمەيمەن> دەيدۇ ،  گەپ جىق  بالام  قايسىغا ئىشنىشىمنى بىلمىدىم ،
-ئۇ بىلمەمدىكەن............؟
مۇبارەك شۇنداق دىيشىگە ئىشىك ئېچىلىپ تالىپ، ئەلى ،قەيسەرلەر كىردى .ئەلى كىرىپلا قاپىغىنى تۇرۇپ ئۇددۇللا كىلىپ مۇبارەكنى بىر كاچات سالدى.
-تار قۇلۇڭنى ،ھۇ ئىپلاس ،بار بۇزۇقچىلىنى ئۇزەڭ قىلىپ يەنە قىزىمنى ئۇرۋاتامسەن؟
ئايشەم ئانا شۇنداق دىگىنىچە ئەلىنى ئتتىرۋەتتى .ئەلى ئانىغا ھۇمۇيۇپ،
-نىم دىگەنلىرى بۇ؟ مەن قانداق بۇزۇقچىلىق قىپتىمەن؟ ماگەپنى كۇرۇڭ، بىر كىچە ئۇيگە كىرمەي، مەس بۇلۇپ سىرىتتا ئۇغۇللار بىلەن سۇرۇشۇپ يۇرسە يەنە مەن بۇزۇقچىلىق قىپتىمەنما؟  گەپنى ئۇيلاپ قىلسىلا  ئاپا ،
<بايا تالىپ ھىلىقى ئاقكۇڭۇل بالىنى ئۇرۇش ئۇچۇن خىلى يەرگىچە قۇغلاپ كەتكەندە، گۇلبىرە ئەلىىنىڭ قىشىغا كىرىپ ئەلىگە بۇ مەسلىھەتنى كۇرسەتكەن، شۇڭا ئىككىسىنىڭ گىپى بىر يەردىن چىقىپ، ئەلى بىلەن گۇلبىرە ئاپپاق، مۇبارەك قاپقارا بۇلغانتى.>
ئايشەم ئانا ئاچچىقتىن يىرىلغۇدەك بۇلۇپ تالىپقا قاراپ ۋاقىردى.
-ھەي دەيۇز ،مەن ئاناڭمۇ نىمەڭ ؟خەقنىڭ گىپىگە ئىشنىپ مۇشۇ بىچچارىنى قارلاۋاتامسەن؟ مەنمۇ ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ باقاي،
تالىپ ئەلىگە كۇز قىسىپ قۇيۇپ مەسخىرە ئارلاش،
-ھە ،قىنى ،خان ئانابىلەن خانىش ئايىمنىڭ قانداق ئەمىر-پەرمان ،يالغان-ياۋداقلىرى باركىن دىدى.
ئانا، مۇبارەكنىڭ ئىيتقانلىرى بىلەن ئۇزى كۇرگەنلىرىنى تۇلۇق سۇزلەپ بەردى. ئەمما گەپ ئارلىغىدا تالىپ نەچچە قىتىم قۇرسىغىنى تۇتۇپ تىلىقىپ كۇلۇپ كەتتى. ئەلى بۇلسا بىردە قىزرىپ بىردەتاترىپ تۇرسىمۇ، چاندۇرماسلىق ئۇچۇن تالىپقا ئەگىشىپ يالغان كۇلۇپ، بىشىنى چايقاپ ياقىسىنى تۇتاتتى.
-گەپ تۇگدىمۇ؟ قاغىمۇ ئۇزىنى ئاق ،ساراڭ ئۇزىنى ساق دەيدۇ ،ئاپا يالغاننى تۇقۇساڭلارمۇ قاملاشقۇدەك تۇقۇساڭلار بۇلمامدۇ؟ ئەلىنىڭ يۇۋاشلىغىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ،باشقىلار ئاڭلىسىمۇ  سىلەرچە ئىشنەمۇ ؟ئاغزىدا ئەمەس كۇتىدە كۇلىدۇ، ھىلىغىۇ قىلماپتۇ ھەم قىلمايدۇ ، قىلسىمۇ ئەلى بەر-بىر ئۇغۇل بالا ،ئەلىنىڭ ئۇنداق قىلشىغا مەن ئەسلا ئىشەنمەيمەن ،مەن ئىشەنمىگەن يەردە باشقىلار ئىشنەما؟
-بالام ،نىمىشقا ئۇز تۇققانلىرىڭغا ،ھەتتا ئاناڭغىمۇ ئىشەنمەمسەن ؟
-سەن ئانا بۇلۇشقا  مۇناسىپما ؟ئانا دىگەن سەندەك بۇلامدا ؟ بىر قىزنى باشقۇرالمىغان ئادەمنى ئانا دىمەيمىز ،سەن ئانا دىگەن بۇ ئۇلۇق ئىسىمغا مۇناسىپ ئەمەس، سەن بىر جادىگەر،
ئايشەم ئانا ئارتۇق گەپ قىلمىدى .ئۇ ئىغىر قەدەملىرىنى تەستە يۇتكەپ ئىشىكنى ئىچىپ،
-ھەممەڭ كۇزۇمدىن يۇقۇلۇش ،مىنىڭمۇ سەندەك بالام يۇق ،مەنمۇ سەندەك نىملەردىن بىزار ،ئىككىنجى بۇسۇغامغا دەسسىگىچە بۇلما، يۇقۇلۇش..........................،
ئايشەم ئانا شۇنداق دەپلا  يۇرگىنى مۇجۇپ تۇتقىنىچە كەينىگە بۇرلۇپ ،يەرگە گۇپپىدە  يىقىلدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن قان ئارلاش كۇپۇك يىنىۋاتاتتى.

تالىپ ئانىسىنىڭ يىقىلىپ چۇشكىنىنى كۇرگەن بۇلسىمۇ ، مۇبارەككە بىر ھۇمۇيۇپ قۇيۇپ پەرۋا قىلماستىن ئەلىنى ئىلىپ گۇس-گۇس دەسسەپ ئۇيدىن چىقىپ كەتتى .ئەلى كەينىگە قاراپ قۇيۇپ،
-تالىپ ئاكا، بەك ئاشۇرۋەتتۇقمۇ نىمە؟ ئاپامغا بىرە ئىش بۇلۇپ قالماس ھە ؟
-ۋاي........ خاتىرجەم بۇلە،ئۇ ئىككىسى ئۇيۇن ئۇيناۋاتىدۇ، جۇرە بىر پەيزى قىلىپ كىلەيلى.
ئەلى سەل ئەندىشە بىلەن كەينىگە قاراپ قۇيۇپ ماڭدى . بۇچاغدا مۇبارەك بىلەن قەيسەر ئايشەم ئانىنىڭ يىنىدائانىنى يۇلەپ، ئىغىز -بۇرۇنلىرىنى سۇرتۇپ يىغلاۋاتاتتى.
-ئانا، كۇزۇڭنى ئاشە،ماڭا كالا ،مەن كەلدىم ، شىنى شۇيۇپ كۇيايمۇ ؟مەن كۇكاي بۇلدى،
-ئاپا، جىنىم ئاپا ،مىنى كەچرۇڭ ؟مىنى قۇرقۇتماڭ، سىزگە نىم بۇلدى؟ كۇزىڭىزنى ئىچىڭە،
مۇبارەك نىمە قىلارىنى بىلمەي ئۇينىڭ ئىچىدە يىغلاۋاتقاندا ئايشەم ئانا كۇزىنى ئاچتى. قەيسەر چۇچۇك تىللىرى بىلەن،
-ئانا، شۇ ئشەمشە ؟مە، شۇ ئىشە،
ئانا نەۋرىسىنىڭ قۇلدىكى ئەتتىگەن ئۇزى دەملەپ سۇۋۇپ كەتكەن ،تۇكۇلۇپ بىريۇتۇم قالغان سۇغۇق چاينى ئىلىپ ئىچتى.
-ئانا، نان يەمشە؟
-بۇلدى قۇزام، رەھمەت،
-ئاپا، قانداغراق؟ ياخشى بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ؟ دۇختۇرغا ئاپرايمۇ؟
-ياق بالام ھاجىتى يۇق،
ئانا ئىغىر  ئۇھسىنىپ نەۋرىسىگە قاردى.
-ئانا، ئاش ئىتە،
-بۇلدى بالام، ئاناڭغا جاپا سالما ،
ئانا- بالا گاللىرىنى نەمدەپ، بىر-بىرگە تەسەللى بىرىپ، بەلكىم بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۇتتى بۇلغاي، سىرىتتىن تالىپنىڭ سەت ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-مۇ...با...رەك... بۇياققا...چىقە..سەن بىلەن ...ھىساپلىشىمەن جۇۋاينىمەك.  شەرمەندە،
تالىپ غىققىدەس مەس ، ئەلىمۇ دەلدەڭشىپ قالغان،
ئانا يۇگۇرۇپ دىگىدەك چىقىپ،
-يۇقال ،مەن سىنى ئىككىنجى بۇسۇغامغا دەسسىمە دىگەن،
-قارا ئەلى...ما  قىرىنىڭ ھىلىگەرلىگىنى... كۇردۇڭمۇ...مەن ساڭا دىدىمغۇ...بۇنىڭ ھەممىسى....ساختا بۇگۇن يا  سىنىڭ........يا قىزىڭنىڭ جىنىنى ئالمەن،
-ھۇ زاباي، يۇقال بۇيەردىن، ئىشەك سۇدىگىنى ئىچىۋىلىپ دەۋاتقان گىپىنى،
-ھۇيييييييي.........مەن ئىشەك سۇيدىگى ئىچسەم قىزىڭ .......زەم-زەم .....ئىچكەن ئۇخشىمامدۇ ......ھۇ  قىرى دەللە؟،
مۇبارەك  ئاكىسىنىڭ ئانىسىنى ھاقارەتلىشىگە چىدىماي يۇگرۇپ چىقتى.
-ئاكا ،كەيىپ بۇپ قاپسىز ،بۇلدى قىلىڭ، ھىلىمۇ مۇشۇنچىلىك تىللىغىنىڭىز يىتەر،
مۇبارەكنىڭ سۇزى تۇگمەيلا ،تالىپ مۇبارەكنىڭ چىچىدىن كاپپىدە تۇتقان پىتى سۇرىدى، قەيسەر بۇلسا قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى .ئەلى قەيسەرنى كۇتۇرۇپ بەزلىدى. ئەمما كىچىككىنە بۇ نارىسىدە قارنىيەت ئەبلەخ دادىدىن ئۇزىنى قاچۇرۇپ مۇبارەككە قاراپ تىپچەكلەيتى. تالىپقا قاراپ نالە قىلاتتى .
-چۇم دادا، جىنىم چۇم دادا، ئاپامنى ئۇيماڭ ،شىزنى سۇيۇپ كۇياي ،شىز بىلەن ئۇخ ئىتەي،
ئايشەم ئانا يەنە چىدىماي، بۇ دەرتمەن قىزىغا يانبىسىپ تالىپنىڭ قۇلدىن مۇبارەكنىڭ چىچىنى بۇشتۇشقا ئۇرناتتى.
تاش يۇرەك تالىپ، نە ئانسىنىڭ، نە كىچىك قەيسەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايتى. قەيسەر ئاخىر ئەلىنىڭ قۇلدىن بۇشنۇپ يەرگە چۇشۇپ ،كىچىك قۇللىرى بىلەن تالىپنى ئىتتىرىپ ئۇرۇشقا باشلىدى.
تالىپنىڭ ،مۇبارەكنىڭ چىچىنى قۇيۇپ بەرمەي سۇرەپ، تىپىپ ئۇرۋاتقىنىغا چىدىمىغان قەيسەر ،ئاخىر تالىپنىڭ پۇتىنى قاتتىق چىشلىدى.
-ۋايجان ،ما ساقلاندىنى. كىچىككىنە تۇرۇپ ئاپسىغا يان بىسىپ مىنى چىشلەۋاتىدا،
تالىپ مۇبارەكنى قۇيۋىتىپ قەيسەرنى ئۇرۇش ئۇچۇن قۇلىنى كۇتۇردى.
-تالىپ ئاكا، بۇلدى قىلىڭ ،كىچىك بالا ئەمەسمۇ ،خاپا بۇلماڭ،
چەتتە تاماشا كۇرۇپ تۇرغان ئەلى ،قەيسەرنى تالىپنىڭ قۇلدىن ئىلۋالدى. ئۇنىڭغىچە ئايشەم ئانا مۇبارەكنى ئىشارەت بىلەن قاچۇرۋەتتى.
مۇبارەك ئاپىسىنىڭ قەدىناس دۇستى رۇقيەمنىڭ ئۇيگە كەلدى. ئەمما ئۇيدە ئادەم يۇق ،مۇبارەك ھۇيلىنىڭ پاكار تېمدىن ئاسانلا چۇشۇپ قۇرۇق سۇپىغا  كىلىپ ياتتى.
تالىپ قەيسەرنى ئەلىگە بىرىپ ئانىغا بۇرۇلدى.
-ھە، ئەمدى قىزىڭنى قاچۇرۋەتتىڭ ،ھىساپ- كىتاپنى ئىككىمىز سۇقامدۇق؟
-نىمە ھىساپ كىتاپكەن ؟ئۇنىڭ نەگە كەتكىنىنى مەن نىم بىلەي ،سەن نۇچى بۇلغاندىكىن ئۇزۇڭ ئىزدەپ تاپ،
- ما گەپنى تىخى ،تۇلا خۇپسەنلىك قىلما، يە قىزىڭنى تاپ ،يا قىزىڭنىڭ ئۇرنىغا سەن ئۇلسەن ،ئەلى سەن ھازىرلا بالاڭنى ئىلىپ خۇتنۇڭنى ئىزلە، بۇلمىسا سىنى يەنە گۇشۋاش كۇرۇپ يۇمشاقباش قىلدۇ،
ئەلى بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ قەيسەرنى كۇترۇپ ئۇددۇل ئۇيگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قەيسەرنى بەزلىگەچ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى.
بۇلارنىڭ جۇداسىنى كۇرۇپ بىر-ئىككىدىن يىغىلغان خۇشنىلار ،تالىپنى ئالداپ يۇلغا سىلۋىتىپ ئانىنى ئۇيگە ئەكىرىپ قۇيدى.
ئايشەم ئانا ئۇيگە كىرىپ بىردەم ئۇلتۇرۇپ، مۇبارەكتىن ئەنسىرەپ ئەمدى تىشىغا چىقاي دىيشىگە يەنە تالىپنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ھە، قىرى قاقۋاش،  چىقە بۇياققە، ھىلى كۇرگۇلۇگۇڭنى كۇرسىتىمەن ،ئۇيگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالسام ھەممە ئىش تۇگەيدۇ دەپ ئۇيلاپ قالدىڭما ؟ئۇنداق ساددا ئاسان بەل قۇيۋىتىدىغان تالىپ تىخى دۇنياغا تۇرەلمىدى. ئاغىنىلىرىمنىڭ ئالدىدا يۇزۇمنى تۇكۇپ ئىناۋەتنى مەنتەڭ قىلىشتىڭ ،ئەمدى مەن قانداق قىلدىكەنمەن، چىقە ئۇلمەيدىغان قىرى ،بىكار ئۇيۇڭ بىلەن قۇشۇپ كۇيدۇرۋىتىمەن سەن دەلجانى،
تالىپ بارغانچە ئەدەپ سۇزلەپ ئىشىكنى تىپپ، ئاللا قانداق نەرسە بىلەن ئىشىكنى ئۇرۇشقا باشلىدى .كۇنا ئۇي، بۇشاپ كەتكەن ياغاچ ئىشىك ،تالىپنىڭ ئۇرۇشلىرىغا چىدىماي ئاخىر يىرىمى سۇنۇپ يەرگە چۇشتى . خۇشنىلار يەنە كەلدى .ئەمما بۇ قىتىم تالىپ بىرگە ئىككىنى قۇشۇپ، مۇبارەكنى ئۇز قۇلى بىلەن باشقا ئەر بىلەن تۇتىۋالغانلىغىنى .تەربىيە قىلسا ئانىنىڭ چاپان يىپپ يىقىن كەلتۇرمىگىنىنى. كۇپتۇرۇپ سۇزلەپ بەردى .بۇ سۇزلەرنى ئاڭلىغان خۇشنىلار مۇ ئاستا تاراپ كىتىشتى .نۇمۇسقا چىدىمىغان ئانا ئۇيدىن ئىتىلىپ چىقىپ،
-مىنى نىمە قىلساڭ قىل، بالا تۇققان گۇناھكار مانا مەن ،  دەپلا يىغلاپ كەتتى.
-ھە ،گۇناھىڭنى بۇينۇڭغا ئالدىڭما ؟ئىيتە، ھىلىقى جالاپ  قىزىڭ نەدە؟
ھاقارەتكە چىدىمىغان ئانا، كۇزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ ئۇنسىز جىملا تۇراتتى.ئۇنىڭ نە قۇلقىغا گەپ-نەتىلىغا زۇۋا ن كەلمەيتى.
-گەپ قىل؟ قىزىڭ قىنى؟ دىمەيسەن شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ پاسكىنا، دۇمىلە، مەينەت ،بۇزۇق، قىزىڭنىڭ ئۇرنىغا سەن ئۇل، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھلىرىڭ ئازلاپ قالا ،ماڭا قىرى دەللال ھۇ جادىگەر،
تالىپنىڭ كۇزلىرى قانغا تۇلۇپ قىزارغان، كۇزلىرىدىن ئادەم ئەيمىنگىدەك سۇغۇق نۇر چاقنايتى .ئۇ راسلا ئادەم ئۇلتۇردىغان قاتىلغا ئۇخشاپ قالغان،  ئانا تالىپقا بۇرلۇپ،
-تۇختا ،مەن ساڭا پىچاق ئەپچىقىپ بىرەي، مىنى بۇنداق ھاقارەتلىگچە  جان يىرىمگە گاچچىدى پىچاق تىقىپ ئۇلتۇرۋەت،
-نىمە ؟سەن شۇنداق ئاسانلا ئۇلۇپ قۇتۇلماقچىمۇ ؟ئۇنداق ئىش يۇق ، ئۇخلاپ چۇشەكەپ قاپسەن ،مەن سىنى ئالدىرماي، گال پىچاقتا تۇغراپ ،قىيناپ جىنىڭنى ئىلىپ قىنىڭنى ئىچىمەن ،تۇلا كاپشىماي ماڭا قىرى،
تالىپ يىنىدىن بىرمىتىر ئۇزۇنلۇقتا ئارغامچىنى چىقىرىپ، كىچىك ئارغامچىدا ئانىنىڭ قۇلنى ئالدىدىن باغلاپ، ئۇيدىن يىگىرمە مىتىرمۇ كەلمەيدىغان يەردىكى سۇيى خىلىلا چۇڭقۇر، تىز ئاقىدىغان 6مىتىر كەڭلىكتىكى ئۇستەڭ تەرەپكە سۇرىدى ،ئانىمۇ بىشى باغلاغلىق قۇيدەك تالىپقا ئەگىشىپ كۇزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ يۇۋاشلىق بىلەن ئۇن-تىنسىز كىتىۋاتاتتى.

قاغا پۇق يىمىسە كۇنى ئۇتمەس                           
<ئۇيغۇر-خەلىق ماقالىسى>

تالىپ ئانىنى يۇلدا ماڭغىچە تىللاپ ماڭدى. ئۇنىڭغا بەكرەك قارىغانلار ،ياكى ئۇنى ئىما -ئىشارەت قىلغانلار نى بۇلسا ئاغزىغا كەلگەن سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ پۇسكايتىۋىتەتتى.
ئايشەم ئانا بۇلسا نۇمۇستىن يىرىلغىدەك بۇلۇپ، خۇددى گۇناھكاردەك بىشىنى تۇۋەن سالغىنىچە، تالىپقا ئەگىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇلار ئۇستەڭنىڭ بۇيغا كەلگەندە تالىپ ئانسىغا  بۇيروق تەلەپپۇزدا،
- قىنى مەن ياردەم قىلامدىم ياكى.................. دىدى .
ئۇستەڭنىڭ ئەتراپىغا 1 مىتىر ئىگىزلىكتە تۇمۇر رىشاتكا بىكىتىلگەچكە ،ئۇستەڭگە
بىۋاستە سەكرەش مۇمكىن ئەمەس ،ئارتىلىپ چۇشۇشكە تۇغرا كىلەتتى. ئانا ئۇستەڭدىكى سۇغا قاراپ، تۇنجى قىتىم تالىپنى قۇچىغىغا ئىلىپ كۇتەرگەن چاغدىكى خۇشاللىغىنى ئەسلەپ تالىپقا قاردى. تالىپ
-ھە، جان تاتلىقمىكەن؟ ياكى ھىلىقى پەرىشتىدەك پاك قىزىڭغا تارتىشىۋاتامسەن؟ دەپ دۇق قىلدى.
ئايشەم ئانا رىشاتكىدىن ئارتىلىشىغا تالىپ بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر خەنزۇ ئەر كىلىپ تالىپقا ،
- ئۇكا، بىرە نىمەڭلەر چۇشۇپ كەتتىما؟ بۇ ياشانغان مۇماينى ئاۋارە قىلغىچە سەن چۇشۇپ تىپپ بەرسەڭ بۇلمامدۇ؟
-ھەئە، بۇ ئۇستەڭنىڭ ئىچىگە ئاپامنىڭ ۋىجدانى چۇشۇپ كىتىپتۇ ،شۇنى ئۇزى ئىزلىمەكچى،
خەنزۇ ئەر دەماللىققا بۇ سۇز نىڭ تىگىگە يىتەلمەي تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى .ئۇنىڭغىچىمۇ تالىپ ئانسىنى خەنزۇ تەلاپپۇزىدا سەتلەپ تىللاشقا باشلىدى.
-يىگىت، بۇ مۇماي سىز نىڭ ئاپىڭىز بۇلامدۇ؟
-شۇنداق دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ،
-ئاراڭلاردا بىرە كۇڭۇلسىزلىك بۇلغان ئۇخشىمامدۇ؟
تالىپ بۇلغان ئىشلارنى ئۇڭ-تەتۇر قىلىپ خەنزۇغا چۇشەندۇردى.  خەنزۇ بىر دەم تۇرۇپ كىتىپ،
-بىزنىڭ قايدىمىزدە ،ئانىمىز قارا نەرسىنى ئاق دىسە، بىز ياندۇرۇپ ھەرگىز قارا دىمەيمىز، ھەتتا قىشتا قار ياغسىمۇ ئاتا-ئانىمىز تۇرغان ئۇينىڭ ئۇگزىسىگە ئۇلار بار چاغدا  چىقمايمىز ،ئەسلى ئۇيغۇرلار نى ناھايىتى كەڭ قۇرساق، مەرت-سېخى ،ئاقكۇڭۇل، مىھمان دۇس دەپ يۇرەتتىم، ئۇزەممۇ شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۇستۇم ، ئۇزكۇزۇم بىلەنمۇ كۇرگەن ،ئەپسۇس.......................،
خەنزۇ بىشىنى چايقاپ تالىپقا يىڭى باشتىن سەپسىلىپ قاراپ كەتتى.
-سەن گىپمنى چۇشەنمىدىڭ .قارا..............
-چۇشەندىم ،سەن سىڭلىڭنىڭ سەۋەنلىكى ئۇچۇن ئاناڭنى ئۇلتۇرمەكچى .بۇ ئىشنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئىلىپ كىلدىغىنىنى بىلەمسەن؟ سەن ئۇز ئاپاڭنى ئۇلتۇرسەڭ سەنمۇ ساق قالمايسەن، سىنىمۇ ئاتىدۇ، جۇڭگۇدا، قان قەرزى ،جان قەرزى ،دەيدىغان قانۇن بار ،سەنمۇ كىچىككىنە ئاچچىقنى دەپ كىيىن ئۇمۇرلۇك پۇشايماندا قالسەن ،سىلەر تۇققان بۇلغاندىكىن ئىناق ئۇتسەڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟
سىلەردە <پىتنىڭ ئاچچىغىدا چاپاننى ئۇتقا سالما > <يۇلۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر > دەيدىغان مىساللار كۇپقۇ ،نىمىلا بۇلمىسا بۇ سىنىڭ ئاناڭ، سەن ياخشى قىلماپسەن،
ئاناڭ سىنى چۇڭ قىلغىچە ئاز جاپا چەكمىگەندۇ، بۇگۇن كەيپىياتىڭ ناچار ئىكەن، بۇ ئىشنى كەيپىياتىڭ سەل ئۇڭشالغاندا ئۇيلاشساڭمۇ كىچىكمەيسەن،
خەنزۇ ، ھەدەپ تالىپنى قايىل قىلىشقا ئۇرناتتى .سەل نىردا مىۋە سىتىۋاتقان بىر نەچچە تىجارەتچىلەر تالىپنىڭ بايا يۇقرى ئاۋازدىكى سۇزلىرىنى ئاڭلىغاچ بۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ سۇزگە ئارلاشتى.
-ئۇكام، بۇمۇ يامان دىمىدى. بۇلسا شۇنداق قىل، ئاتا-ئانا رازى ،خۇدا رازى ئەمەسمۇ ،
بۇچاغدا مۇبارەك ئاپىسىنىڭ دۇستى رۇقيەم ئانىنى  ئىلىپ ئۇيگە كەلدى .ئەلى كالىدەك يۇقرى ئاۋازدا خۇرەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. خۇرەك تىشىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى .مۇبارەك ئىشىكنى بار كۇچى بىلەن ئۇردى. ئۇيدىن قەيسەرنىڭ  ئاۋازى ئاڭلاندى.
-دادا ،ئۇينۇڭدىن كۇپە، ئۇيگە ئادەم كەلدى. ئىشىكنى تاك-تاك كىلۋاتىدۇ، ئاپاممىكىن يا ئاناممىكىن، كۇپە  ،
ئەلى خىلى ئۇزۇندا ئۇرنىدىن تۇرۇپ چىقىپ < كىمۇ > دىدى .< مەن > مۇبارەك زەردە بىلەن جاۋاپ بەردى. ئەلى ئىشىكىن ئىچىپ تۇلكىدەك ھىجىيىپ تۇرۇپ،
-كەلدىڭما خۇتۇن؟ نەگە باردىڭ ؟ئىزدىمىگەن يىرىم قالمىدى سىنى ،تاپالماي ھىرىپ كىتىپ ئۇيدە بىردەم ئۇلتۇرۇپ كۇزۇم ئەمدى ئۇيقۇغا بىرىپتىكەن ،ئۇھ كۇڭلۇم ئەمدى تىندى. ھەجەپ ئەنسىرەتتىڭا مىنى.....................،؟  دىيشىگە ئەقىللىق قەيسەر،
-دادام ياغان دەيدۇ ،ئاباي، چۇم دادام شىنى ئۇگاندا دادم مىنى ئۇيگە ئەكەلدى ،مەن ئۇخ ئەتمەيمەن دىشەم، دادام مىنى ئۇخ ئەت دەپ ئۇدى .كالا ئاپا، مايە ۋايەي بۇلدى،  دەپ ئۇمچەيدى.
مۇبارەك بالسىنى قۇچىغىغا ئىلىپ  قەيسەردىن گەپ سۇراشقا باشلىدى.
-قۇزام ،ئاناڭ قىنى ؟چۇڭ داداڭچۇ؟
-چۇم دادام ئانامگا شىنى تاپ دەپ تىللىدى .  رۇقيەم ئانا ئەلىگە  ئالىيىپ قۇيۇپ،
-ئايشەمخان نەدە قالدى؟ تالىپىچۇ  ؟ ئەلى دۇدۇقلاپ تىلىنى چايناشقا باشلىدى.
-بۇلدى رۇقيەم ئانا ،بۇ چۇشقا -ھايۋاندىن گەپ سۇرماي ئاپامنىڭ قىشىغا بارايلى.
مۇبارەك كىيىملىرىنى يۇتكەپ قەيسەرنى يىتىلەپ مىڭىش ئالدىدا رۇقيەم ئانا،
-<يىتىمغا ئاتا بۇلسا بۇكى لاتا بۇپتۇ >دەپ بۇ پاك ،غۇبارسىز بىر گۇلنى چەيلەپ مۇشۇ كۇنگە قۇيغان شۇ ئىت ۋىجدانىڭ قۇرۇپ كەتسۇن ،ئىسىت ،بىچچارىلارنىڭ بىشىغا خىلى كۇنلەرنى ساپسەن، تۇل -خۇتۇنلارغا شۇنچە يامانلق قىلغىدەك بۇلار سىنىڭ ئۇمچۇڭنى ئۇرىۋەتكەنما ؟خەپ ئالدىرما ،ئاللا جاجاڭنى بىردۇ تىخى سەن ئىپلاسنىڭ ،يۇرە قىزىم ئاپاڭنى ئىزدەپ باقايلى .
رۇقيەم ئانا مۇبارەكنى باشلاپ ئىشىكنى زەردە بىلەن يىپپ چىقىپ كەتتى. ئەلى ئۇيلۇنۇپ تۇرۇپ قالدى.
مۇبارەك مەھەللىگە يەنە كىلىپ، ئىشىكنىڭ يىرىمى چىقىق قۇلۇپ سىلىنمىغان پىتى تۇرغىنىنى كۇرۇپ، ئۇينىڭ ئۇدۇلدىكى ماشىنا رىمۇنت قىلدىغان دۇكانغا كىرىپ، بالۇن قاچىلاپ كەلگەن چۇڭ بىر قەغەز يىشىكنى سۇراپ ئەپكىلىپ، ئىشىكنڭ چىقىلىپ كىتكەن جايلىرىنى مىخلاش ئۇچۇن تۇتۇندى.  باياتىن بۇ جىدەلدىن ئانچە -مۇنچە خەۋرى بار رىمۇنتچىمۇ كىلىپ ياردەملەشكەچ ئايشەم ئانىنىڭ بايا تالىپ بىلەن بىللە كەتكەن تەرەپنى كۇرسىتىپ قۇيدى .مۇبارەك ئىششىنى تىزلا پۇتتۇرۇپ ئىشىككە قۇلۇپ سىلىپ ئانسىنى ئىزدەپ ماڭدى.
ئۇلار ئايشەم ئانا بىلەن تالىپ ۋە نەچچە كىشىنىڭ ئۇستەڭ بۇيدا تۇر غىنىنى كۇرۇپ رۇقيەم ئانا، مۇبارەككە
-قىزىم ،سەن بارما ،بالىنى ئىلىپ ئۇيۇڭگە بىرىپ تۇر ،مەن تالىپ دىگەن جۇۋاينىمەكنى بىر ئاماللار بىلەن يۇلغا سىلۋىتىپ، ئاپاڭنى ئېلىپ كەينىڭدىن ھايال بۇلمايلا  بارمەن، بىز سەن بىلەن ئۇيۇڭدە كۇرشەيلى .بىز بارغىچە بىر يەرگە چىقما ،قالغان گەپنى  بارغاندا مەسلىھەتلىشەمىز، تىز بۇل ،سىنى كۇرۇپ قالمىسۇن،  دىدى.
مۇبارەك قەيسەرنى ئىلىپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئەلى تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ پەلامپەيدىن چۇشتى.
-كەلدىڭما ؟سىلەرنى ئىزدەپ ماڭغان تىخى،
-بىزنىمۇ ياكى قانجۇقلىرىڭنىمۇ؟
-ئا..ئاي،  بۇلدىقىلە خۇتۇن ،چاقچاق قىلمىغىنا،
ئەلى ئىشىكنى ئىچىپ بىرىپ ئۇزى ئاشخانىغا چىقىپ چاي دەملىدى كىردى.
-كىلە، خاپىلىقتا بىرنىمە يىمىدىڭ ،ئازراق چاي ئىچۋال،
-ھۇي، ھەجەپ كۇيۇمچان بۇلۇپ كىتىپسىنا؟ قىنى بايامقى ھەيۋەڭ ؟<بارچى گۇنا ئۇزەمدە تۇرسا، قاپ كۇترۇپ نەگە باراي >دەپ ،بايام مىنى ئۇرىۋاتمامتىڭ؟ ئەمدى ئۇرە، ...ئۇرمامسە ؟  ئادەم يۇق  يەردە قانچىلىك ئۇرساڭ كۇتۇرمەن،
-بۇلدى .مىنى ئازاپلانمىدى دەمسەن؟ سەن نىمە دىسەڭ شۇ، بۇندىن كىيىن  بۇ ئىشنى تىلغا ئالمىساڭ قانداق؟
-ئىيتقىنىڭ راسمۇ؟ سۇزۇڭدە تۇرامسەن؟
-راس ئىللا-بىللا ،
-ئۇنداقتا ياخشى ،ئەمسە  بالام قەھرىماننى ماڭا تېپپ بەر ،ئاندىن بىز ئاجرىشايلى ،سەنمۇ شۇ چىرايلىقنى ئېلىپ بەخىتلىك بۇل ، بۇشەرتىمگە كۇنسەڭ بۇئىشنى مەنمۇ تىلغا ئالمايمەن ،شۇ چاغدىلا ھەر ئىككىمىز ئۇزيۇلمىزغا ماڭمىز قانداق؟
-نىمە؟....سەن ،راس دەۋاتامسەن....بۇ....قانداق شەرت ئەمدى. ئىلشىپ قالمىغانسە؟
-ئەگەر ،شەرتىمگە كۇنمىسەڭ مەن بۇ ئىشنى قانۇن ئۇرۇنلىرغا ئىيتىپ، ئۇستۇڭدىن سۇتقا ئەرىز سۇنۇپ ئاجرىشىمەن،
-سەن  خىلى ئىشلارغا چىدىغانغۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قەھرىماننى نەگە ئەپ كەتكىنىنى بىلمىسەم! بۇقىتىم...........،
-بۇقىتىمقىسى ئۇخشاشمايدۇ، قانداق ؟ سۇتتا كىشلەر ئالدىدا رەسۋا بۇلۇپ ئاجرىشامسە ؟ياكى يىپىق قازان يىپىغلىق پىتىمۇ ؟ئۇزەڭ ئۇيلاش،
ئەلى بىشىنى سەڭگىلتىپ  ئۇنسىز خىلى ئۇزۇن  ئۇلتۇرۇپ تۇيۇقسىزلا مۇبارەكنىڭ ئالدىدا يەرگە گۇپپىدە تىزلىنىپ تۇلكە يىشىنى تۇكۇپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
-جىنىم خۇتۇن، سەندىن ئۇتنەي، مىنى ئۇيلىمىساڭمۇ بالىنى ئۇيلا............،
-كۇتە ئۇنداق گىپىڭنى ،سەن بالىنى ئۇيلىغانما؟  تۇغۇلغىنىغا ئەمدى نەچچە كۈنلۈك بولغان قەھرىماننى ئويلىغانما ؟مىنى ئۇيلىغانما؟ سەن كىچىك بالما؟ ئىككىمىزنىڭ قايسىمىز چۇڭ؟ مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قىتىم بۇلدى ؟سەن يىيىشىڭگە پۇق يەمسە؟
-خۇتۇن ، ساڭا قەسەم قىلىپ بىرمەن ،بۇقىتىمقىسى راس ،مەن ئادەم بۇلاي،
-بۇ گەپنى مەن تۇلا ئاڭلاپ كەتتىم ،نەچچە قىتىم ۋەدە بەردىڭ؟ سەن ئەمدى ئادەم بۇلمايسەن ،<گۇداڭ يالاپ كۇنگەن ئىت ،قان يالمىسا قارنى تۇيماس> دەپ ،كۇنىلار بىكار ئىيتمىغان ،
ئەلى مۇبارەكنىڭ ئەمدى ئىرىمەيدىغىنىنى بىلىپ يەتتىمۇ قانداق ،ئۇرنىدىن دەس تۇردى. ئۇنىڭ باياقى بىچچارە ھالىتىدىن قىلچە ئەسەرمۇ يۇق، خۇددى يۇلۋاسنىڭ ئۇزى بۇلدى.
-شۇنداقمۇ تىخى ؟مەن بىرە ئايال زاتىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ،يالۋۇرۇپ باقمىغان، ئەزەلدىن ئايال زاتىنى تىزلاندۇرۇپ كەلگەن مەن ، ئەگەر راسلا ئاجرىشمەن دىسەڭ قەسەم قىلمەنكى سىنى ھازىرلا بۇغۇزلىۋىتىمەن ،سەنمۇ -مەنمۇ تەڭ ياشمايمىز  تۇگشىمىز ،چىرايلىق بالمىزنى باقايلى. بۇپتۇ ئۇتكەن ئىشلارغا سالۋات دىسەڭ ،ئىككىلىمىز تا ئۇلگىچە تەڭ قىرىپ ،تەڭ ياشايمىز ،سەنمۇ بىر نى تاللىۋال بۇمۇ مىنىڭ شەرتىم ،
-بىرىپ ئىششىڭنى قىل، سىنىڭ شۇ قۇرقۇتۇشلىرىڭدىن ،مەن قۇرقۇپ كىتەمەنما؟ ئىشەك ئۇلسە تىرىسىنى سۇيىۋالدىغان ئادەم چىقىدۇ، بۇنداق خارلىنىپ، دەپسەندە بۇلۇپ ياشغاندىن ،ئۇلۇم مىڭ ئەۋزەل، نۇچى بۇلساڭ مىنى ھازىرلا ئۇلتۇرۋەت، نىمە قاراپ تۇرسەن، قىنى بۇلە، مانا مەن تەييار ،مۇبارەك ئەلىنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى.
ئەلىنىڭ قۇشۇمۇسى تۇرۇلگەن، چىرايى تاتارغان ھالدا كەينىگە شارتتىدە ئۇرلۇپ ئاشخانىغا كىرىپ سەي تۇغرايدىغان چەيدۇنى قۇلىغا ئالدى.
ئىشىكنىڭ يىنىك چىكىلىشى ئەلىنى قۇلىدىكى چەيدۇنى تاتمىغا سىلىشقا مەجبۇر قىلدى.
مۇبارەك ئىشىكنى ئىچىپ ئايشەم ئانا بىلەن، رۇقيەم ئانىنى ئۇيگە باشلاپ كىردى.
ئەلى كەينىگە بىر قارۋىتىپ، دەرھاللا چاي راسلاشقا تۇتۇندى.
ئۇچەيلەن ئۇنسىز سۇكۇتتە، ئاللا قانداق خىياللار بىلەن بەنىت ،ئايشەم ئانىنڭ چىرايىنى ئىيتىپ تۇگەتكۇسىز ئىغىر ھەسرەت قاپلىغان ،رۇقىيەم ئانىنڭ چىرايىدىن نەپرەت  چىقىپ تۇراتتى.
مۇبارەك چۇشۇنۇكسىز بىركەيپىياتتا ، خۇددى بىر قاباھەتلىك چۇش كۇرىۋاتقاندەك، بۇ چۇشتىن ئۇيغانسىلا ھەممە ئىش نۇرمال ئەسلىگە كىلدىغاندەك ،
ئۇيدىكى جىمجىتلىقنى ئەلىنىڭ پەتنۇس كۇترۇپ كىرگەن ئاياق تىۋىشى بۇزدى.
-ھە...ئاپا...ئەتتىگەندىن بىرى بىرە نەرسە يىمىدىڭلار تايىنلىق ،قىنى، ئىسسىققىنا بىر پىيالىدىن چاي ئىچكەچ ئۇلتۇرۇڭلار ، مەن سىرىتتىن شاققىدە بىرنىمە ئەپكىرەي،  كۇڭۇللىرى نىمە تارتىدۇ؟ ياكى مۇبارەك ئىغىزغا تىتىغىدەك بىرنىمە قىلسۇنمۇ؟
تىرىكىپ ئاران تۇرغان رۇقيەم ئانا ،
-ۋاي ئەقىللىق ،چىرايلىق غۇجام ،كۇڭلىمىز ھەرقايسىلىرىنىڭ دەردىنى تارتىدۇ،< مۇشۇككە ئۇيۇن چاشقانغا قىيىن >دىگەندەك،  بۇ ئىشلارسەن نا ئەھلىگە ئۇيۇن بۇلۇپتۇدە؟..........
رۇقىيەم ئانا يەنە سۇزلىمەكچى بۇلۇپ تۇراتتى ئايشەم ئانا<گەپ قىلما> دەپ جەينىگى بىلەن رۇقيەم ئانىنى نۇقۇپ قۇيدى.
ئەلىنىڭ چىرايى تاترىپ كەتتى .ئۇ گەپ قىلىشقا ئاغزىنى ئۇمەللەتتىيۇ لىكىن ئىغىز ئىچىشقا جۇرئەت قىلالمىدى.
-بۇلدى. ئاۋارە بۇلماڭلار ،.........
-ھازىرقى ئاۋارچىلىقمۇ يىتەر، يەنە نىمىش قىلاي دىگەنتىڭ؟ ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان تىگى پەس ساقلاندى. ئايدەك چىرايى. گۇلدەك ئۇستىقىنى بار ئاقكۇڭۇل بىر غۇنچىنى خازان، مىھرىبان ئانىنى بىسەرەمجان، ئىناق ئائىلىنى ۋەيران قىلغان  شۇ پەس كۇڭلۇڭگە لەنەت ،سەندەك نىجىسنى خۇدامۇ كەچۇرمەيدۇ، ئالدىرماي تۇر، تىخى كۇرگۇلۇگۇڭ بارسىنىڭ، بۇ ئالەمدە كۇرمىسەڭ ئۇ ئالەمدە كۇرسەن،
-بۇلدى رۇقيەم، بۇلدى. ئۇزىدىن گەپ ئاڭلايلى. ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسىلەر بالام؟
ئەلى ئۇيدىكىلەرگە يەرتىگىدىن قاراپ قۇيۇپ ئۇن چىقارمىدى.
-يەنە سۇرىغىدەك نىمىسى بار ئاپا ؟ ئىشلار بۇدەرىجىگە بىرىپ يەتتى. مىنىڭمۇ تارتىشقىدەك ھىچ يىرىم قالمىدى.
-نىم دەۋاتىسەن خۇتۇن؟ مەنغۇ مەيلى بالمىزچۇ ؟ ئۇ قانداق قىلدۇ؟
- بالمىز؟سەن قايسى بالنىڭ گىپىنى قىلۋاتىسەن؟
-بۇلدى خۇتۇن تۇلا چاقچاق قىلما...............؟،
-كىم سىنىڭ خۇتنۇڭكەن؟ سىنىڭ خۇتنۇڭ كۇچىدىكى يۇزىنى ئالا بۇلماچ  بۇيۋالغان سەتەڭلەر ،
- مۇبارەك ئەلى تۇغرا دەيدۇ ،قارسىغا ھۇكۇم چىقارما، <يەتتە ئۇلچەپ بىركەس> دەيدىغان گەپ بار، ئىمكان بۇلسا بالاڭلارنى يىتىم قىلماي چىرايلىق ئۇيۇڭلارنى تۇتۇڭلار،
-ئايشەم ،سەن نىمانداق ئۇز قىزىڭنى ئۇتقا ئىتتىرسەن.............؟
-ئەرخۇتۇننىڭ ئىششىغا ئارلاشقىلى بۇلمايدۇ رۇقيەم ،
ئەلى شۇنچىلىك بىچچارە،  مىسكىن ئۇلتۇرۇپ كەتتىكى. ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلمەيدىغانلار بۇ ئۇيگە كىرىپ قالسا، ئۇچ ئايال بىر ئەرنى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ بۇزەك قىپتۇ دەپ، ئەلىگە ئىچ ئەغرىتاتتى. ئەلى ئايشەم ئانىدىن ياردەم سۇرىغاندەك ،كۇزلىرىگە ياش ئىلىپ ئانىغا تەلمۇرۇپ قاردى. مۇبارەك قۇشۇمىسىنى تۇرۇپ،
-ئاپا، سىز مىنى نىمە دىسىڭىز مەيلى. مەن بىر قارارغا كەپ بۇلدۇم ، مەن بۇ ناكەس بىلەن ئاجرىشىمەن،
-بالام ،تىلنىڭ سۇڭكى يۇق، دىمەككە ئاسان ،كىيىن ھەر ئىككىڭلار پۇشمان قىلدىغان ئىش چىقىپ قالمىسۇن،
-ئاپام راس دەيدۇ ،مەن ئەمدى باشقىدىن ئادەم بۇلاي ،تۇۋە قىلاي ،تۇزتەي، ئىشەنمىسەڭلار قەسەم قىلىپ بىرەي،  ئاخىرقى قىتىم ماڭا بىر پۇرسەت بىرىڭلار؟
-  قەسەم ؟ سەن قانچە قىتىم قەسەم قىلدىڭ ؟ ساناپ بىرەلەمسە؟مەن ساڭا قانچىلىغان پۇرسەتلەرنى بەرگەن ؟ مىنى يەنە قاپاققا سىلىپ كۇلدۇرلاتماقچىمۇ؟ ئەمدى ئۇ قەسەملىرىڭنى ھىلىقى چىرايلىغىڭغا قىلىپ بەر،پۇل بۇلسا ياتاق جىق ،سەن قىز كەلتۇرۇشكە خىلى ئۇستىغۇ؟ ئامىتىڭ ئۇڭ كىلىپ ئۇشۇغۇڭ ئالچا پۇشسە مەندەك ئەخمەقتىن بىرنى ئىلىپلا تۇغدۇرۇپ يەنە بۇرۇنقىدەك ئۇنىمۇ سىتىپ پۇل تاپمامسەن؟ بۇنداق ئىشلارغا خىلى ئىپىڭ بارغۇ سىنىڭ؟
-خۇتۇن بەك ئاشۇرۋەتتىڭ ،كۇنا خاماننى سۇرۇپ نىم قىلسەن؟ ئادەمنىڭ كۇڭلىنى غەش قىلىپ،
-كۇڭلۇڭ غەش بۇلۋاتامدا؟ ئۇز پۇشتۇڭدىن بۇلغان بالاڭنى ساتقان پۇلنى خەشلىگەندە كۇڭلۇڭ غەش بۇلماي تۇق تۇرغانما ؟شۇ پۇلنى تۇتقان قۇلۇڭ تىترىمەي پۇلغا نەرسە ئىلىپ ،بالاڭنىڭ گۇشىنى يىگەندەك يىگەن بۇلغۇيتۇڭ ؟قانخۇر ئادەم سۇدىگىرى،
-مۇبارەك ،  نىم دەۋاتىسەن قىزىم؟ سەن قەيسەرنىڭ ئىنسىنى دەۋاتمايدىغانسەن؟ قۇلاقلىرىم خاتا ئاڭلىمىغاندۇ؟ سەن ئۇنى يۇلدا تۇگەپ كىتىپتۇ دىگەنتىڭغۇ؟
-شۇنداق ئاپا، خاتا ئاڭلىمىدىڭىز ،مەن بۇ نامەرتنىڭ ساختا كۇز ياشلىرىغا ئالدىنىپ، چالغان سەنىمىگە ئۇسسۇل ئۇيناپ، سىزنىمۇ ئالداپ كىشنىڭ يۇرتىدا سەرگەردان بۇلۇپ يۇرگەن نارىسىدە يۇرەك پارەمنىمۇ ئۇلدىگە چىقىرۋەتكەن ،ئىشلار بۇ يەرگە يەتكەندە سىزنى يەنە ئالداشنى خالىمايمەن، .........
مۇبارەك قەھرى بىلەن سۇزلەپ شۇيەرگە كەلگەندە ئايشەم ئانا چىرايى تاتارغان ھالدا يۇرگىنى چىڭ سىقىمدىۋالدى ،رۇقيەم ئانا پىيالىدىكى چاينى ئايشەم ئانىغا سۇندى
ئايشەم ئانا چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ بىشىنى كىرىسلۇنىڭ يۇلەنچىكىگە قۇيىۋالغان بۇلسىمۇ ،بىشى بارغانچە يان تەرەپكە قىيسىيىپ چۇشۇپ كىتىۋاتاتتى .رۇقىيەم مۇبارەكلەر بۇ ئەھۋالنى كۇرۇپ جىددلىشىپ قالدى.
ئەلى قەيسەرنى كۇتۇرۇپ بىرچەتتە خۇدۇكسىرەپ قاراپ تۇراتتى.
-ئايشەمخان، ئۇزەڭنى بىسۋال دۇستۇم،
-ئاپا... نىم بۇلدىڭىز ؟گەپ قىلڭە؟
بىرچەتتە ئۇمچەرەپ قاراپ تۇرغان قەيسەر ،دەرھاللا ئەلىنىڭ قۇلىدىن چۇشۇپ يۇگۇرۇپ كەلدى.
-ئانا، تاتتىك ئانا، يىم بۇدى شاڭا ؟كۇزۇڭنى ئاشە ، مەن كۇكاي بۇدى.
قەيسەر پاڭڭىدە ئىتىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئەلى
-قۇقما بالام، ئاناڭ ھىچنىمە بۇلمىدى. كىلە، بۇياققا كەل،
-ياك ... شەن ئەشكى ،شىنى دادام دىمەيمەن، شەن ئاپامنى ئۇدۇڭ، ئانام ۋايەي بۇدى. شەن شەت،
قەيسەر گەپ قىلغاچ كىلىپ ئايشەم ئانىنىڭ يۇزىگە يىنىك سۇيدى. ھەم رۇقيەم ئانىنىڭ قۇلدىكى چاينى ئىلىپ ئايشەم ئانىنىڭ ئاغزىغا ئاپاردى.
ئايشەم ئانا ئاستا كۇزىنى ئىچىپ، نەۋرىسىنىڭ قۇلىدىكى پىيالىنى ئالدى.
-بۇ كۇمشا ئاخىر مۇشۇ ئائىلدىكى بىرىنىڭ بىشىنى يەيدىغان بۇلدى.  رۇقيەم ئانا ئەلىگە زەردە بىلەن ئالىيىپ قۇيدى.
ئايشەم ئانا ئۇيدىكىلەرگە تەكشى قارۋىتىپ، نەۋرىسىنىڭ بىشىنى سىلاپ خىيالچان كۇزلىرىنى ئاللا قاياقلارغا تىكىپ،
-رۇقيەم جۇر  بىز قايتايلى. قالغىنىنى باللار ئۇزى مەسلىھەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلار ،
ئايشەم ئانا ئۇرنىدىن تۇرشىغا قەيسەر ئۇنىڭدىن ئەگەشتى. ئايشەم ئانا قەيسەرنىڭ قۇلدىن يىتىلەپ مۇبارەككە مەنىلىك بىر قاراپ ئىغىر ئۇھسىنىپ ئۇيدىن چىقىپ كەتتى.
ئەلى بىشىنى يەردىن كۇتۇرمەي، نىمە قىلشىنى، نىمە دىيىشىنى بىلمەي ئۇلتۇرۇپ كەتتى.
مۇبارەك دىرىزە پەردىلىرىنى قايرىپ، دىرىزىنى ئاچتى. ئۇ ئەلىگە قاراپ
-مەن دەيدىغاننىڭ ھەممىسىنى دىدىم ، بىر قارارغىمۇ كىلىپ بۇلدۇم، سىنىڭدىن جاۋاپمۇ كۇتمەيمەن، ئۇيلىنىش پۇرسىتىمۇ بەرمەيمەن، بۇگۇن ئۇلگۇرمەيدۇ، ئەتە ئەتتىگەن مەن بىلەن سۇتقا بىللە  بارسەن بىلدىڭمۇ؟
ئەلى زۇۋان سۇرمەي جىملا ئۇلتۇردى.
كەچمۇ بۇلدى قەيسەر ئايشەم ئانىنىڭ ئۇيدە قۇنۇپ قالدى. مۇبارەك ئەلىگە مىھمانخانىغا ئۇرۇن راسلاپ ئۇزى ياتاق ئۇيدە ياتتى.
ئەتىسى مۇبارەك ئەلىنى ئىلىپ ھچنىمىگە قارماي سۇتقا باردى. ياشانغان بىر ئۇيغۇر ئاكاش ئۇلارنىڭ نىمە مەخسەتتە كەلگىنىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇيلۇنۇپ تۇرۇپ كىتىپ،
-قىزىم ،بىر بالاڭلار بارئىكەن. بۇلسا چىرايلىق ئۇيۇڭلارنى تۇتۇپ قىلىڭلار ،ئۇنىڭ ئۇستىگە يۇلدىشىڭىزنىڭ ئاجراشقۇسى يۇق ئىكەن. ئاجرىشش كىلشىم نامىسىگە ھەر ئىككىلى تەرەپ ئۇرتاق رازى بۇلمىسا ،بىشىڭىزنى تاشقا ئۇرغان بىلەنمۇ بىكار، ياخشىسى قايتىپ كىتىڭلار ،ياكى مۇرەسسە ئىشخانىسىغا بىرىڭلار، دىدى.
مۇبارەك ئەلىگە شۇنداق بىر ئالايدىكى. ئەلىنى تىتىرەك بىسىپ پۇت-قۇلدا جان قالمىدى. مۇبارەك ئىشىكتىن چىقىپلا ،
-ھۇ بىششىنى يەيدىغان ، چاۋاڭنى چىتقا يايمىغىچە بۇلدى قىلمىغىدەكسەن ھە؟ ئالدىرما ،ئۇ ئارزۇيۇڭمۇ ئەمەلگە ئىشىپ قالار،
-جىنىم خۇتۇن، بىر قىتىم كەچۇرۋەتسەڭ نىم بۇلىدۇ؟ ئەلۋەتتە ،
-يۇم ئىت زۇۋانىڭنى ،<ئەرزان گۇشنىڭ شۇرپىسى يۇق> دەپ ،مىنى بۇزەك كۇرۇپ قالغانمىتىڭ ؟مەن تىتىمىغان بىلەن قانۇن تىتىيدۇ سەندەك نىمىگە،
مۇبارەك ئۇيگە كىلىپلا قەيسەرنى ئەپكىلىش ئۇچۇن ئايشەم ئانىنىڭ يىنىغا ماڭدى.
ئىشىك ئالدىدا رۇقىيەمنىڭ قىزى رۇشەنگۇل ،قەيسەرنى ئۇينىۋىتىپ ئۇلتۇراتتى.
-رۇشەن تىشلىقمۇ؟ ئاپاملار ئۇيدىمۇ؟
-ھۇي مۇبارەك ھەدە تىشلىقمۇ ؟ھەئە ئۇيدە، لىكىن ئايشەم ئاپامنىڭ تازا مىجەزى يۇق ،كىچىدىن قىزىپ ،جۇيلۇپ، پەقەت ئۇخلىيالمىدى.
مۇبارەك قەدەملىرىنى تىز-تىز يۇتكەپ ئۇيگە كىردى. ئايشەم ئانا كۇزلىرىنى مەھكەم يۇمۇپ كارۋاتتا تۇگۇلۇپ ياتاتتى .ئۇنىڭ بۇھالىتى كىچىدىن تالادا قىلىپ مۇزلاپ كەتكەن يىتىم بالنىڭ ھالىتىنى ئەسلىتەتتى.
-ئاپا  قانداغراق تۇرسىز ؟ دۇختۇرغا ئاپرايمۇ؟
ئانا بىشنى چايقاپ كۇزلىرىنى تەستە ئېچىپ ،
-كەلدىڭمۇ بالام ؟ يۇر مىنى ئۇز ئۇيۇمگە ئاپرىپ قۇي ،
-نەگە بارسەن ئايشەم ؟بۇمۇ ئۇز ۇيۇڭغۇ؟
چاي كۇترۇپ كىرگەن رۇقيەم ئانا سەل نارازى قىياپەتتە دىدى.
-بۇلدى رۇقيەم، ھىلىمۇ سىنى يەتكىچە ئاۋارە قىلدىم، ئۇيگە باراي،
تالىپ يەنە كىلىپ ئىلەشتۇرمىسۇن، سەل ياخشى بۇلغاندا بارغىن قانداق؟
-رەھمەت  بۇلدى .
مۇبارەك ئانىسىنى يۇلەشتۇرۇپ سىرىتقا ئەپچىقىپ ئۇلتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ماشىنا تۇسۇپ كەلدى .رۇقىيەم ئانا بىلەن رۇشەنگۇل ئايشەم ئانىنى يۇلەپ ماشىنىغا سالدى ماشنا قۇزغۇلۇشتىن بۇرۇن رۇقيەم
-مۇبارەك ئەگەر بىرە ئىش بۇلسا دەرھال يىنىپ كىلىڭلار، قاچانلا بۇلسا سىلەر ئۇچۇن ئىشگىم ئۇچۇق، بىلدىڭمۇ قىزىم ؟دىدى.
مۇبارەك ماقۇللىغىنى بىلدۇرۇپ ئاپىسى بىلەن بالسىنى ئىلىپ ماشىنا بىلەن ئۇيگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى.
مۇبارەكلەر ئۇيگە يىنىپ كەلگەندە ،ئەلى ئىشك ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى.
-ئاپا تىشلىقمۇ ؟
ئايشەم ئانا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئۇيگە كىرىپ كەتتى .ئەلىمۇ كەينىدىنلا كىرىپ ئايشەم ئانىغا دەرت تۇكۇشكە باشلىدى.
-ئاپا، مۇبارەككە گەپ قىلغان بۇلسىلا ،ئاجرىشىمەن دەپ چىڭ تۇرۋىلىپ باردۇ.......................،
-مىنى ئاراممدا قۇيۇڭلار ،مىنىڭ ئەمدى ئارتۇقچە خاپىلىق كۇتۇرگىچىلىگىم يۇق ،سىلەر كىچىك بالا ئەمەس ،بىر بالنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ ئىگىسى .ئۇزەڭلار قاراپ بىر ئىش قىلاسىلەر...........،
-ئاپامنى يەنە نىمە بۇلسۇن دەيسەن ؟ ئارتۇق ئاۋارە بۇلما؟
مۇبارەك گەپنى كەسكىنلا ئۇزۋەتتى. ئەلى يەنە ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئۇرنى يۇقلىغىنى ھىس قىلىپ ئاستا چىقىپ كەتتى.
مۇبارەك ئاجرىششقا ئىلتىماس سۇنۇپ قۇيغىلى بىر ئايدىن ئاشقان بۇلسىمۇ سۇتتىن ھىچ سادا يۇق،
بۇگۇن مۇبارەك چامداندىكى كىيىملەرنى  رەتلەۋىتىپ ئەلىنىڭ كىيىملىرىنى ئايرىۋەتتى مۇبارەكنى كۇزتۇپ ئۇلتۇرغان ئەلى
-نىمە؟ ئەمدى مىنىڭ كىيمم پاتماس بۇلۇپ قالدىما؟ ھەرقانچە بۇلسىمۇ تىخى ئاجراشمىدۇققۇ؟ ئۇنداق ئايرىمىچىلىق قىلىپ كەتمە،
-جىق گەپ قىلمىغنە، سىنى كۇرسەم، ئاۋازىڭنى ئاڭلىساملا بىشىم ئاغرىيدۇ مىنىڭ، ئاپام چىڭ تۇرۋالمىغان بۇلسا ،بۇ ئۇيدىن ئاللا قاچان قۇغلاپ چىقىراتتىم سەندەك نىمىنى،
مۇبارەك ئەلىنى زەردە بىلەن سىلكىۋەتتى.
-ئو... ماگەپنى، ئۇيۇڭدە يىتىۋالغىنىمغا خۇش بۇلسام بۇلدىكەندە؟
ئەلى مەسخىرە ئارلاش كۇلكە يۇگۇرگەن چىرايىنى دەرھاللا ئۇزگەرتىپ يالۋۇرۇش ئاھاڭىدا ،
-بۇلدى خۇتۇن، خاپا بۇلما، ماقۇل سىنىڭ دىگىنىڭدەك بۇلسۇن، ئاجرىشىپمۇ كۇرۇپ باقارسەن قىنى ،  لىكىن شۇ قەيسەردىن تازا خاتىرجەم بۇلالمايۋاتىمەن،
-قاچاننىڭ ياقى بالنى ئۇيلايدىغان بۇلۇپ قالدىڭ؟ يىڭىلىققۇ بۇ، نىمىگە خاتىرجەم بۇلالمايسەن؟
مۇبارەك قىزىقىش ، ھەم ئەجەپلىنىش ئىلكىدە سۇرىدى.
ئەلى تاماكىسىغا ئۇت تۇتاشتۇرغاچ خىيالچان جاۋاپ بەردى،
كۇنىلاردا < خۇتۇن كىشى ئەردە ياخشى بۇلمىسا يەردە > دەيدىغان ماقال بار ، ئۇزەمگە ئايان، سەن مەن بىلەن ئۇيلۇك-ئۇچاقلىق بۇلۇپ تۇزۇك ھالاۋەت كۇرمىدىڭ ،مەنمۇ بەكلا بالىلىق قىلدىم، جاپايىمنىمۇ بەك تارتتىڭ ، سەنمۇ ئاجراشقاندىن كىيىن مەڭگۇ بۇيتاق ئۇتىۋەرمەيسەن، ياخشىراق ئادەمگە ئۇچرىساڭغۇ تەلىيىڭ، ماڭا ئۇخشاش ناچار ئادەمگە ئۇچراپ قالساڭ قەيسەر قانداق قىلار دەيمىنا؟
ئەلى شۇ سۇزلەرنى قىلۋىتىپ ئۇزىمۇ تۇيماي ياش بىلەن نەملەنگەن كۇزلىرىنى مۇبارەكتىن يۇشۇرۇپ تەتۇر قارۋالدى.
-ئۇزەڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىڭنى بىلدىكەنسەن ھە ؟ خاتىرجەم بۇل، ئەركىشى دىگەن سەندەك بۇلسا ئەر بار كۇچىغىمۇ كىرمەسمەن، ئۇمرۇمنىڭ ئاخىرغىچە بۇيتاق ئۇتۇپ كىتىشكە رازىمەن،
-ئۇنداق دىمە، تۇرمۇش دىگەن ئادەمنى ھەر كۇيغا سالىدۇ، يا بۇلمىسا قەيسەرنى ماڭا بىرەمسەن يا ؟
-نىمىنى؟ ئۇنداق ئىش يۇق ، سەن تۇلا چۇچۇرىنى خام سانما ،
-خۇتۇن، مەنمۇ سىنى ئۇيلاپ شۇنداق دەۋاتىمەن، <تەخەيلىك ئىشەككە ئىغىر تار كىلەر > دەيدىغان گەپ بار، كىشنىڭ بالسى كىشنىڭ كۇزىگە چىرايلىق كۇرۇنمەيدۇ،
-سەنمۇ ئاڭلىمىغانما ؟< ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغىچە ،پاخپاخباش ئاناڭ بىلەن قال> دىگەننى. چۇمۇش دىگەن خۇتۇن كىشىنىڭ قۇلىدا، ئۇزى يىمىسىمۇ  بالسىغا بىرىپ قانداقلا قىلمىسا بىر بالىنى سىغدۇرۇپ كىتەلەيدۇ ،مىنىڭغۇ تۇي قىلشىم يۇق،  ئەگەر شۇنداق كۇنلەر كىلىپ قالسا ئاۋۋال بالامنىڭ مەسلىسىنى ئۇيلىشىمەن، سەن بۇنىڭغا باش قاتتۇرمىساڭمۇ بۇلىدۇ،
ئەلى تاماكىنى قاتتىق-قاتتىق شۇراپ، ئاغزىدىن چىققان چەمبەرسىمان ئىسقا قاراپ خىيالغا كەتتى.
كۇنلەر ئۇتمەكتە، ئەلى بىلەن مۇبارەكنىڭ ئىششدا ھىچقانداق ئىلگىرلەش يۇق ،
شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىردە مۇبارەك، دۇستى پەرىدە تەرپىدىن ئىيتىلغان تۇغۇلغان كۇن ئۇلتۇرۇشىغا قاتناشتى .زىياپەت رىستۇرانغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، ئىككى ئۇستەلدە قىز-ئۇغۇللار ئارلاش ئۇلتۇراتتى.زىياپەت باشلىنىپ تاماق تارتىلدى . مۇبارەك كۇڭلىنىڭ ئارامى يۇق، خىلى ۋاقىتلاردىن بىرى بىرە مەرىكىگە قاتناشمىغاچقىمۇ قۇرۇنۇپ رۇھى چۇشكۇن ئۇلتۇراتتى .
مۇبارەكنىڭ ئۇدۇلدا ئۇلتۇرغان بىر بالا، خىلىدىن بىرى مۇبارەككە دىققەت قىلۋاتاتتى. شۇخ ئۇسسۇل مۇزىكىسى باشلىنىپ، سۇرۇننىڭ كەيپىياتى بىردىنلا كۇتۇرلۇپ بىر-بىرنى ئۇسسۇلغا تارتىشلار باشلىنىپ كەتتى.
-قۇپە ئاداش ئۇسسۇل ئۇينايمىز ،
-ئاداش مىنىڭ تازا كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس بۇلدى .
-ۋايجان بۇلدىقىلە، شۇ ئەلى دىگەن نامەرتنىڭ ئىششىغۇ ؟ ئاڭلىدۇق ،مۇشۇنداق سۇرۇندا ئۇينىمىغان ئۇسسۇلنى نەدە ئۇينايسەن ؟قۇپە تۇلا نازلانماي،
-پەرىدە ،رەنجىمىگىن ئۇزەمنىڭمۇ تازا مىجەزىم يۇق ،
پەرىدە دۇمسۇيۇپ ئۇزى يالغۇز ئۇسسۇلغا چۇشتى. بىر مەيدان ئۇسسۇل تۇگەپ لەرزان تانسا مۇزىكىسى چىقىشىغىلا كۇپچىلىك يەنە <گۇررىدە> ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. بۇ قاتاردا ھىلىقى بالىمۇ باتتى.
-ياخشىمۇ سىز ؟سىز بىلەن بىر مەيدان تانسا ئۇيناشقا رۇخسەتمىكىن؟
يىگىت ئەدەپ بىلەن بىشىنى ئىگىپ قۇلىنى مۇبارەككە سۇندى.
-كەچۇرۇڭ مەن تانسا ئۇيناشنى بىلمەيمەن،
-ھىچقىسى يۇق، مەنمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن،  ئاستا-ئاستا كۇنۇپ قالسىز،
-مەن راسلا .... ئۇينۇغۇم يۇق ،
-قارسام كەيپىياتىڭىز بەكلا تۇۋەن، تۇرڭە كۇڭلىڭىز ئىچىلىپ قالىدۇ، مىنى خىجىل قىلماڭ ، ھەممىسى بىزگە قاراۋاتىدۇ ،مۇشۇ بىر نۇۋەتلا ،سىز دىن ئۇتنەي؟
يىگىتنىڭ مۇبارەكنى تانسىغا تارتىپ يالۋۇرىشى، بىر مۇزىكا تۇگەپ ،ئىككىنجى مۇزىكا باشلانغىچە بۇلدى . بۇلارغا دىققەت قىلىپ تۇرغان پەرىدە ،
-يا ئاللا ئاي خىنىم، ئۇزەڭنى ھەجەپ كۇرسەتتىڭغۇ بۇگۇن، بىرە قۇل تانسا ئۇينىغانغا ئۇلۇپ قالمايسەن، -دەپ مۇبارەككە تەنە قىلدى. يىگىتمۇ قىستاپ تۇرۋالغاچ مۇبارەك ئامالسىز ئۇرنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇر بۇلدى.
ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىر قۇل تانسا بىلەن باشلاندى. رىستۇراننىڭ ئىچىدە يىراقتىن مۇبارەكنىڭ كۇزتۇپ تۇرغان ئەلى، قەدەملىرىنى چۇڭ ئىلىپ مۇبارەك تەرەپكە قاراپ ئىتتىك كەلدى.

بىر قىتىم يىلان چاققان كىشى                                                       تاكتىكا
ئۇن يىل ئارغامچىدىن قۇرقار

<ئۇيغۇر -خەلىق ماقالىسى>

ئەلى مۇبارەكنىڭ يىنىغا كىلىپلا  چىرايىنى ئۇزگەرتىپ ناھايىتى مۇلاھىم ئاۋازدا ،
-مۇبارەك بۇيەردە ئىكەنسەندە؟ سىنى بەك ئىزدەپ كەتتىم سىڭلىم ، ئەمدى خاتىرجەم بۇلدۇم ،ياخشى ئۇينا، مەن سەل تۇرۇپ سىنى ئالغىلى كىلمەن، ئەگەر كىلەلمەي قالسام بۇ دۇستۇڭ سىنى ئۇيگە ئاپرىپ قۇيسۇن، ئازراق ئىششىم باتتى. ماقۇل ئامسە ،سىلەرگە دەخلى قىلماي ، مەن ماڭاي ، خۇش ،كەچ قالمىغىن ،
ئەلى ھىلىقى بالغا كۇلۇمسىرەپ قاراپ قۇيۇپ، مۇبارەككە كۇزىنى مەنىلىك قىسىپ زالدىن ئىتتىك چىقىپ كەتتى .مۇبارەكنىڭ چىرايى تاترىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قاققان قۇزۇقتەك جايىدا تۇرۇپلا قالدى.
ئۇنىڭ كۇڭلى ئاللا قانداقتۇر شۇملۇقنى سىزىپ تۇراتتى.
تانسىغا زۇرلىغان بالا بۇلسا ھىچ ئىشتىن خەۋرى يۇق ،مۇبارەكنىڭ قۇلىنى تارتىپ تانسا ئۇيناشقا باشلىدى.
مۇبارەكنىڭ پىكرى چىچىلىپ خىيالىدىن ئاللا قانداق ئىشلارنى ئۇتكۇزەتتى. < بۇ مۇناپىق بۇيەرگە نىمىگە كەلگەندۇ ،مىنى سىڭلىم دەيدۇغۇ ؟ يەنە نىمە شۇملۇقنى كۇڭلىگە پۇكىۋاتىدىغاندۇ؟ ۋاي خۇدايىم ،بۇ سۇرۇنغا نىمە دەپ كىلەر بۇغۇيتۇم، ئەجبا بۇ يەرگە كىلشىمنى ئەلىمۇ بىلەتتى .يەنە قانداق ھىلە-مىكىر ئۇيلاۋاتىدىغاندۇ ؟>
مۇبارەكنىڭ خىيالى بۇلۇنۇپ تانسىنىمۇ تۇزۇك ئۇينىيالمىدى.
-ئىسمڭىز مۇبارەكمۇ ؟بەك چىرايلىق ئىسىم ئىكەن. بايىقى بالا ئاكىڭىز بۇلامدۇ ...........؟
مۇبارەك يىگىتكە قاراپ جاۋابەن سۇلغۇن كۇلۇپ قۇيدى.
-ھەي مۇبارەك بۇياققا كىلە...،
پەرىدە مۇبارەكنى چەتكە تارتىپ ،
-ئەلى دىگەن قۇڭالتاق بۇيەرگە نىمىگە كەپتۇ ؟ساڭا باشقا گەپ قىلمىغاندۇ؟
-ياق، لىكىن ماڭا غەيرى بىلنىۋاتىدۇ ،بايا ئۇ مىنى ئاۋۇ بالنىڭ يىنىدا سىڭلىم دەيدۇ..........،
-نىمە  ؟سىڭلىم ،  تۇۋا  نىملەرنى جۇيلۇپ يۇردۇ ئۇ كاللىدىن كەتكەن ،
-بىلمىدىم، شۇنداق سەت بىر كۇلدى . بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى .يەنە نىمە شۇملۇق ئۇيلاۋاتىدىكىن ئۇ،
-بۇ يەرگە كىلشىڭدىن ئەلىنىڭ خەۋرى بارمىتى؟
-بار، سەن ئىۋەتكەن باغاقنى ئۇ  ئۇزى ئەكىرىپ ،مىنى بىرىشقىمۇ ئۇزى زۇرلىغان،
-ئو...ئوش  خىنىم ،شۇنداق بۇلغاندىكىن يەنە نىمىگە ئەنسىرەيسەن ؟بۇ يا  ئىككىڭلارلا بار پىنھان سۇرۇن بۇلمىسا ،بىرە قۇل تانسا ئۇينىغانغا نىم بۇلماقچى، قۇقما، يامىنى كەلسە ئۇنىڭغا ئۇزۇم تىتىيمەن،
-سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن ...............،
-ۋاي بۇلدىلا ،بايا ئۇزى سىنى سىڭلىم دەپتىغۇ ؟ سەنمۇ ئۇنىڭ قىلتىقىغا چۇشىۋەرمەي، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ  داپ چال، ئۇسسۇلنى ئۇمۇ ئۇيناپ باقسۇن، تاماشىسىنى بىزمۇ كۇرۇپ باقايلى ئاداش،
-ئاداش ..........،
-بۇلدى . سەن جىق ئۇيلاپ كىتىپسەن ،ئۇ، ئۇيۇن قۇيماقچى. رىجىسۇرلۇقنى مەن قىلمەن، سەن خاتىرجەم بۇل،  مەن دىگەندەك قىل ،ئۇزى رەسۋا بۇلىدۇ،
-مەن قانداق قىلمەن ؟دىگىنە قىنى ؟
-ئەلى پەردە ئارقىسىدا ئۇيۇن قۇيماقچى .بۇنى سەندەك جەميەت كۇرمىگەن نادان قىزلار چۇشەنمەيدۇ، ئۇ ئاۋۇ بالىغا سىنى ئاپرىپ قۇيۇشنى تاپىلاپتىغۇ ؟ئۇنى ئارمىنىغا يەتكۇزەيلى .سەنمۇ بەر-بىر ئاجرىشىمەن دەيسەن ،شۇنداق بۇلغاندىكىن پۇقنى -ئۇسرۇق بىلەن ياپىمىز ،ھە دىگىنە ئۇيۇننىڭ قىزىغى ئالدىمىزدا،
-ئاداش ،خەقنىڭ ئۇيۇنىنى كۇرىمىز دەپ ئۇزىمىز ئۇيۇن قۇيۇپ يۇرمەيلى ...........،
-ۋاي-ۋۇي بىلەرمەن خىنىم بۇلدى ............،
سۇھبەت مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بايا مۇبارەكنى تانسىغا تارتقان بالا، بۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ ئىككەيلەننىڭ پارىڭىنى بۆلدى.
-پەرىدە ،دۇستۇڭ بىلەن تانسا ئۇينىسام بۇلامدۇ؟
-ۋاي بۇممامتىكى تازا بۇلىدۇ  ...ھى ھى  ھى ،  
پەرىدە شۇخلۇق بىلەن كۇلدى.
-مىنى دۇستۇڭغا تۇنۇشتۇرۇپ قۇيمامسەن؟
-چاتاق يۇق، بۇياقنىڭ ئىسمى پەرھات، ھازىرچە بىكار، بىر تۇي قىلىپ ئاجراشقان، بۇيتاقلار جەميىتىنىڭ پەخرى رەيىسى. مىنىڭ بۇرۇنقى لايىقىمنىڭ ئىنسى .بۇياق مۇبارەك، بۇيتاق ،مىنىڭ يىقىن دۇستۇم ،ھازىرچە شۇنچىلىك تۇنۇشتۇراي، قالغىنىنى ئۇزەڭلار ئاستا تۇنشىۋالارسىلەر ،مەن بىرىپ باشقا مىھمانلارنى كۇتەي،
پەرىدە شۇنداق دىگىنىچە مۇبارەككە كۇزىنى  قىسىپ قۇيۇپ، ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىڭ پاشنىسىدىن قاس چىقارغانچە يىنىك دەسسەپ ئۇستەلنىڭ يىنىغا كەتتى.
مۇبارەك ھەرقانچە ئۇزىنى يىنىك تۇتۇشقا تىرىشسىمۇ كۇڭلىگە ئەندىشە كىرۋىلىپ سۇرۇندا تۇزۇك ئۇلتۇرالمىدى.
سۇرۇن يىرىملىشىشىغا مۇبارەك پەرىدەگە يالۋۇرۇپ مىڭ تەستە زالدىن چىقىپ يىنىك تىندى.
-مۇبارەك....مۇبارەك  تۇختاپ تۇرۇڭ،
مۇبارەك كەينىگە ئۇرۇلۇپ ئىككى پەلەمپەينى بىردەسسەپ يۇگۇرۇپ دىگىدەك كىلۋاتقان پەرھاتنى كۇرۇپ ئەجەپلەندى.
-ئىششىڭىز بارمىدى؟
-ھە...ياق ، كۇچىدا يالغۇزماڭسىڭىز بىخەتەر بۇلمايدۇ، قايتسىڭىز مەن ئاپرىپ قۇياي،
-بۇلدى ئاۋارە بۇلماڭ، ھاجىتى يۇق  كىتەلەيمەن..........،
-جاھىللىق قىلماڭ ، نىمىگە ئاۋارە بۇلۇشكەن ئۇ؟ بايا ئاكىڭىزمۇ ماڭا ئالاھىدە تاپىلاپ قۇيۇپ كەتكەن، ئۇنۇڭ ئۇستىگە كەچ چۇشۇپ كىتىۋاتىدۇ ،يۇرۇڭ،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇزخاھىشى بۇيىنچە ماڭدى.
يۇلدا ماڭغىچە مۇبارەك بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
-مىنى بايا پەرىدە بىرە قۇر تۇنۇشتۇردى. ئىسمم پەرھات. بۇ يىل 24 ياشقا كىردىم .بىر قىتىم ئۇيلىنىپ كىلشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەن، ئۇيدە بىر ئىنىم بىلەن ئانام بار، دادام كىچىگىمدە تۇگەپ كىتىپ ئاپام قايتا ياتلىق بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن، ئۇگەي دادامدىن ئىككى سىڭلىم بار، لىكىن ئۇلار بىز بىلەن بىرگە تۇرمايدۇ ،بىر يىل بۇرۇن ئۇگەي داداممۇ قازا قىلدى. مەن ھەپتىدە بىرە قىتىم بىرىپ ئۇلارنىڭ يىرىقىنى يىقىن قىلىپ بىرىپ قايتىمەن، سىز دىن يۇشۇرمايمەن ،مىنىڭ خىز مىتىم  ياكى مۇقۇم كىرمم يۇق، شۇڭا سىزگە گەپنىڭ راستىنى دىسەم، قۇلۇمدا نەچچە باللار بار، ئەتتىگەن- كەچتە ئانچە-مۇنچە بازار ئۇيناپ تىرىكچىلىك قىلىپ كىتىۋاتىمىز،
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مۇبارەك يىنىدىكى بۇ بالىغا تۇختاپ قايتىدىن سەپ سىلىپ قاراپ،
-مۇشۇ گەپنى قىلىشتىن نۇمۇس قىلمامسىز ؟ياش تۇرۇپلا خەقنىڭ يانچۇقىغا قۇل ئۇزتۇش ياخشى ئىشما؟ ئۇغۇل بالا بۇلغاندىكىن ھالال كۇچىڭىز گە تاينىپ بىرە ئىش قىلسىڭىز بۇلمامدۇ؟
-دىگىنىڭىزمۇ تۇغرا ،بەزىدە مەنمۇ ئازاپلىنىمەن، لىكىن نىمە ئامال؟ بۇرۇن ئۇقۇماپتىكەنمىز ،بىزدەك چالا ساۋات ئادەمنى ئاسان ئىشقا قۇبۇل قىلمايدىكەن،
-جەميەتتە قىلاي دىسە ئىش ئازما؟ سىلەردەك باللار تەييارغا كۇنۇپ قالغان، شۇڭا خۇش ياقمايدۇ،
پەرھات تۇيۇقسىز ئىيتىلغان بۇسۇزدىن قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى.
ئۇنىڭغىچىمۇ مۇبارەك مەھەللە دۇقمۇشىغا قايرىلدى .
ئەلى مۇبارەكلەرنىڭ ئۇيىگە كىرىپ كىتىدىغان كۇچىندىن 100 مىتىر نىردا  تاماكا چەككەچ مۇبارەكنىڭ يۇلىغا قاراپ تۇراتتى .
.................................................................................................................................................
                                                            رەزىللىكنىڭ ئاشكارلىنىشى
بۇدۇنيادا ئاياغلاشمايدىغان سۇرۇن
ئۇلتۇرمايدىغان كۇن يۇق
ئىچىلمايدىغان سىر يوق

مۇبارەك مەھەللە دۇقمۇشىدا تاماكىنى قاتتىق شۇراپ ئاغزىدىن چەمبەر سىمان ئىس چىقىرىپ ئاللا قانداق خىيالغا چۇكۇپ مۇبارەكنى ساقلاپ تۇرغان ئەلىنى كۇرۇپ ئۇزىمۇ سەزمەيلا ئەلىنىڭ ئالدىغا كەلدى
-تۇرۇپ كىتىپسەنغۇ
ئەلى تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازدىن چۇچۇپ ئىتتىك بىشىنى كۇتۇردى
-ھە  .. شۇ سىلەر نى ساقلاپ ....
ئەلى مۇبارەككە جاۋاپ بەرگەچ پەرھاتقا قاراپ ھىجايدى ئەلىنىڭ سىرلىق ھىجىيىشدىن مۇبارەكنىڭ تىنى شۇركۇنۇپ كەتتى ئەلى مۇبارەككە مەنىلىك قاراپ
-قانداق خان ياخشى ئۇيناپ كەلدىڭلارمۇ كۇڭلۇڭ ئىچىلىپ قالغاندۇ ئانچە -مۇنچە سۇرۇنلارغا قاتنىشىپ تۇرمىساڭ خەق سىنى ئارغا ئالمايدۇ قانداق دىدىم بۇرادەر
پەرھات ئىتتىكلا جاۋاپ بەردى
-تۇغرا سۇرۇنداچىلىغى يۇق پۇلدىن قۇقتى دىگەندەك تۇھمەتلەرگە قالدىغان گەپ
-ھۇي گەپ بىلەن بۇلۇپ كىتىپ سىلەرنى ئۇيگە باشلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن قىنى ئۇيگە كىرىپ پاراڭلىشايلى دىدى ئەلى
-بۇلدى رەھمەت كىيىن كىلەمەن يەنە پۇرسەت چىقىپ قالار
-ۋاي ئاغىنە سەن بىلەن ئۇبدان تۇنشۇپ قالدۇق ئاران كەلگەندە كىرمەي كەتسەڭ رەنجىيمەن جۇمۇ جۇرە
پەرھات مۇبارەككە قاراپ مۇرىسىنى چىقىرىپ ئامالسىز ئىكەنلىگىنى بىلدۇردى مۇبارەكنىڭ بۇلسا بارغانسىرى قاپىغى تۇرلۇپ چىرايى تۇتۇلۇپ ھازىرلا بىرە پاجىئە يۇز بىردىغاندەك ھىس تۇيغۇدا ئىدى
ئۇلار ئۇيگە كىرىشىگە ئەلى مۇبارەككە سىپايىلىك بىلەن
-مۇبارەك سىڭلىم مىھمانغا چاي دەملەپ كىرە دىدى
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي چاي دەملەپ پىيالىلەرنى ئۇستەلگە قۇيۇپ ياتاق ئۇيگە چىقىپ كەتتى
ئەلى بىلەن پەرھات چاي ئىچكەچ تاغدىن -باغدىن پاراڭلىشىپ ئۇلتۇراتتى بۇ ئىككەيلەننىڭ سۇزلىرى مۇبارەككە ئاڭلىنىپ تۇراتتى
ئەلى پەرھاتنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بۇلغاندىن كىيىن ئاۋازىنى كۇتىرۇپ
-ھەي مۇبارەك نىمىشكە ياتىغىڭغا كىرۋالسەن بۇياققا چىقىپ بىز بىلەن بىللە ئۇلتۇرە
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي ياتىغىدىن چىقىپ ئەلىنىڭ يىنىدا ئۇلتۇردى ئەلى
-بۇ  ئۇينىڭ شۇنداقلا بالنىڭ كىچىگى مىجەزى سەل چۇس ئۇيدىكى چۇڭلار يۇرتقا تۇققان يۇقلاشقا كەتتى ئايالىم ئاپىسىنىڭكىدە يامانلاقتا، ئىشقا كەتسەم بالىغا قارايدىغان ئادەم يۇق سىڭلىم قارايدۇ مەن تەۋەلىكىمىزدىكى ساقچىخانىدا جىنايى ئىشلار ساقچىسى ھازىر ۋەزىپە ئىغىر فۇرما كەيمەي ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتىمىز  
پارھات ساقچى دىگەننى ئاڭلاپلا
-ئەلى ئاكا ۋەزىپەڭنى تۇشقۇزالماي مىنى قۇغلاپ يۇرمە جۇمۇ  
ئەلى بىلەن پەرھات تەڭلا كۇلدى مۇبارەك بۇلسا ئۇز ئىرىنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۇزلەۋاتقىنىنى بىلىپ ئەلىگە شۇنداق قادىلىپ قاردىكى ئەلى مۇبارەكنىڭ كۇزىدىكى نەپرەت-كەمسىتىش ئۇچقۇنلىرى چىقىپ تۇرغان كۇزلىرىگە قاراشقا پىتىنالماي تاماكا تۇتاشتۇرغان بۇلۇپ كۇزىنى مۇبارەكتىن ئەپ قاچتى
ئەلى سۇزنىڭ تىمىسىنى دەرھال يۇتكەپ
-ھە پەرھات سىڭلىمىزنى سالامەت ئەپكىلىپ قۇيغىنىڭغا رەھمەت .......................
پەرھاتمۇ ئۇرنىدىن قۇزغالدى
-ئەمسە ئىش بۇلسا ئىزلەرسەن قۇلۇمدىن كىلشىچە ياردەم بۇلسا ئايمايمەن ئۇي مۇشۇ پات-پات كەپتۇر ياخشى تۇنشۇپ قالدۇق ئارلىشىپ ئۇتلى
پەرھات چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مۇبارەك ئەلىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۇلتۇرۇپ
-ئەلى، سەن يەنە قانداق ئۇيۇن ئۇيناۋاتىسەن ؟يەنە نىمە قىلماقچى سەن ئىيتە ؟نۇمۇس قىلماي مىنى سىڭلىم دەيسىنا!
بۇ نىمە دىگىنىڭ  ؟
ئەلى پىتىنى بۇزماي مۇبارەككە قاراپ
-ھەي خۇتۇن ،بالادە سەن ،ئىش ئۇقمايدىغان نادان خۇتۇن .........دەپ كۇلدى.
-ھە سەن ئىش ئۇقىسەن! ساقچىمىش تىخى! ناۋايخاننىڭ مۇھاپىزەتچىسى دىسەڭ بىر قاملاشقاي! ئەلى كۇلۇپ قۇيۇپ،
-مىنىڭ كاللامنىڭ ئىشلىگەن يىرى دەل شۇيەردە، قارغاندا بۇ ئاداش سىنى ياختۇرۇپ قالغاندەك قىلدۇ، دىمەك بىلىق قارماققا ئىلىندى دىگەن گەپ،
-مۇشۇنداق قىلىشتىن نۇمۇس قىلمامسەن ؟قىلغانلىرىڭ يەتمىگەندەك خەقنىمۇ قىلتاققا چۇشۇرمەكچىمۇ؟ بىلىق قانداق قارماققا ئېلندى؟ مىنى قۇربان قىلماقچى شۇنداقمۇ؟
-ياق! خاتىرجەم بۇل ھەرگىز ئۇنداق بۇلمايدۇ !ئۇ خەقنىڭ پۇلنى خالىغانچە ئىلىپ خەشلىسە بۇلدىكەن ،بىز ئۇنىڭدىن پايدىلانساق بۇلمامدىكەن؟ ياكى ئۇ پۇلنى ھالال تاپمىسا ،سەن نىمە غەم يەيسەن؟ سەنمۇ ئۇنى ياختۇرۇپ قالمىغانسەن؟ راس گەپ قىلە؟
-ئۇنداق ئالاھىدە ئىشلار سىنىڭ قۇلۇڭدىن كىلىدۇ، پىقىر ئۇنداق ئىشلاردىن خىلى يىراق،
-ئۇنداقتا ياخشى .سەن بۇ ئىشلارغا ئارلاشما،
-ياق، قاراپ تۇرۇپ خەقنى ئاقماق قىلساڭ بۇلمايدۇ،
-ئەمسە سەندىن سۇراپ باقاي! سەن نىمە قىلماقچى؟ مىنى نىمە قىل دەيسەن؟
-خەقنىڭ ھارام نەرسىسىنى تۇتما، ئەگەر سۇزۇمگە كىرمىسەڭ ‹مەن ئەلىنىڭ ئايالى.........................› دەپ ھەممىنى دەيمەن،
-ھەي خۇتۇن، مەنمۇ ساڭا ياخشى بۇلسۇن دەيمەنغۇ !پەرھاتنىڭ شۇ ئىشلىرىنى دىمىگەندە ،ياخشى بالىدەك قىلىدۇ ،مۇشۇنداغراق ئادەمگە ياتلىق بۇلساڭ يامان كۇنگە قالمايسەن ،جىنىم ماڭا ئىشەن،
-نىمە سەن ماڭا ئەرتاپماقچىمۇ..............؟
-ۋاي چۇچۇپ كەتتىڭغۇ ؟بەر-بىر ئاجرىشىمىز ،بۇ گەپنى سەن دىگەن ،ئەگەر ئىشلىرىمنى بۇزدىغان بۇلساڭ ،مەن مۇمكىن ئەمەس ئاجراشمايمەن، سىنىمۇ بۇش قۇيمايمەن بىلىپ قۇي،قەھرىماننىمۇ مەڭگۈ كۆرەلمەيسەن!
ئەلى مۇبارەككە ھۇمۇيۇپ قۇيۇپ، ئۇيدىن چىقىپ كەتتى. مۇبارەكنىڭ پۇت-قۇللىرى بۇشۇشۇپ كىرىسلۇدا ئۇلتۇرۇپ قالدى.
كۇنلەر بىر خىلدا ئۇتىۋەردى .پەرھات كۇندە دىگۇدەك مۇبارەكلەرنىڭ ئۇيگە بىر نەرسىلەرنى كۇتىرۇپ  كىلەتتى. ئەلىمۇ پەرھات بىلەن بىللە يۇرەتتى .مۇبارەكنىڭ بۇلسا بۇ ئىشلارغا ئىچى تىتىلداپ يۇرەتتى .بۇلار تۇنۇشقىلى بىر ئاي بۇلمايلا پەرھات بەش مىڭ كۇينى بۇلارغا خەشلىۋەتتى. بۇجەرياندا ئۇيدىن گۇش ئۇزۇلمىدى.  ئەلىنىڭ ئۇچسىدىمۇ نۇرغۇن ئۇزگىرىشلەر بۇلۇپ، قىممەت بالالىق كىيىملەر، تىلفۇن دىگەندەك نەرسىلەر چىقتى.
دىمەك پەرھات مۇبارەكنى رەسمى ياخشى كۇرۇپ قالغان، ئەمما شۇنچە ئۇزۇننىڭ ياقى ئەلىنىڭ ئايالىنى بىرە قىتىم بۇلسىمۇ كۇرمىگەچ كۇڭلىگە گۇمان چۇشۇپ يۇرەتتى.
بۇگۇن ئەلى بىلەن پەرھات مۇبارەكلەرنىڭ مەھەللىسىدىكى سەي بازىرىدا كىشلەرنىڭ يانچۇغىنى مارلاپ يۇرەتتى .چۇشكە يىقىن بۇلار ئۇيگە  قايتىپ قۇرساقنىڭ غىمىنى قىلىش ئۇچۇن ماڭماقچى بۇلغاندا پەرھات ،مۇبارەككە تىلفۇن قىلىپ لازىملىق نەرسىلەرنىڭ بار-يۇقلىغىنى سۇردى.
مۇبارەك ناندىن باشقا نەرسىلەرنىڭ تۇلۇق ئكەنلىگىنى ئىيتىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. ئەلىنىڭ تەرىتى قىستاپ ئۇبۇرنى ئىزدەپ كەتتى .
پەرھات نان ئىلىش ئۇچۇن ناۋايخانىغا كىلىپ يىنىدىن پۇل چىقارغاچ،
-ئۇستام قارسام ئەلى بىلەن خىلى يىقىن ئىكەنسىز، ئۇنىڭ ئايالى كۇرۇنمەيدۇغۇ؟ ئەلىمۇ نەچچە كۇن بۇلدى ئىشقىمۇ چىقمىدى .ئۇ قايسى ساقچىخانىدا ئىشلەيدۇ؟
ناۋاي ئۇستام پەرھاتقا  بىر قاراپ قۇيۇپ،
-ئۇكام سىز بىلەن بىللە يۇردىغان ئەلىنى دەمسىز ؟ئۇ قاچاننىڭ ياقى ساقچى بۇلىۋاپتۇ ؟بىز بىر مەھەللىلىك تۇرۇپ بىلمەيدىكەنمىزا ؟بۇرۇن بىز بىللە ئىشلەيتۇق، ئۇنىڭ كەسپى ناۋاي ،ئەلىنىڭ ئايالى كۇندە دىگۇدەك سىلەر بىلەن بىللىغۇ! تۇۋا ما بالىنى............!
-نىمە....  ئاكا.... سىز... كىمنى.... دەۋاتىسىز....  مۇبارەكما.....مۇبارەك....  ئۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
-شۇنداق ئۇكا، سىز تىخىچە بىلمەمسىز؟ ئىشەنمىسىڭىز باشقىلاردىن سۇراپ بىقىڭ! بۇ قىزنى ھەممىسى تۇنۇيدۇ ،مەھەللىمىزنىڭ گۇلىدەڭە ،گۇلى ،ئەلى دىگەن بۇ كاساپەتنىڭ خۇتۇندىن تۇلىمۇ تەلىيى بار جۇمۇ !مۇبارەك بۇ كاساپەت ھەي................،
ناۋاينىڭ ئاخىرقى سۇزلىرى پەرھاتنىڭ قۇلىغىغا كىرمىدى .ئۇنىڭ كۇز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ،بىشىغى زىڭىلداپ ئاغرىپ ،خۇددى بىرى چۇگۇلتۇپ قۇيۇپ بەرگەندەك ، بىشى قىيىپ  قۇلىدىكى سۇلياۋ خالتىغا سىلىنغان نانلار يەرگە چۇشۇپ چىچىلىپ كەتتى .
ئەلى ئۇبۇرنىدىن قايتىپ كىلىپ پەرھاتنى ئىزلىدى. پەرھات ناۋايخانا يىنىدىكى ئىستۇلبىغا يۇلىنىپ ،ئىككى قۇلدا بىشىنى مەھكەم قاماللىغىنىچە ئۇلتۇرۇپ قالغان ئىدى.
-ھەي پەرھات، نىم بۇلدى ساڭا ؟مىجەزىڭ يۇقمۇ نىمە؟ نىم بۇلدۇڭ؟ تۇرە،
پەرھاتنىڭ شۇ تاپنىڭ ئۇزىدىلا ئۇرنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنى راسا بىر ئۇرغىسى كەلدى. ئۇ بىشىنى ئاستا كۇتىرۇپ ئەلىنىڭ چىرايىغا، يىرگىنىشلىك چىرايىغا نەپرەت بىلەن قاردى.
تۇرۇپلا مۇبارەكتىنمۇ شۇنچىلىك نەپرەتلەندى. پەرھاتنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋالغان ھەرخىل خىياللار، مىڭىسىنى قۇچۇپ تەپەككۇر ئىختىدارىنىمۇ  قالايمىقانلاشتۇرۋەتكەن ئىدى.
بايامقى ناۋاينىڭ ئاۋازى. پەرھاتنىڭ خىيالىنى بۇلدى. ناۋاي قەشقەر تەلەپپۇزىنى تۇلۇق چىقىرىپ،
-ھە ئېلاخۇن، قاچاننىڭ ياقى ساقچىخاندا ئىشلەۋاتىسىلەر؟ بىر مەھەللىك تۇرۇپ بىزنىڭ  ھەجەپ خەۋرىمىز يۇقكىنا؟ ئۇبدان ئىش بۇلسا بىزنىمۇ ھايت دەڭلا ،بىزمۇ قايلاپ ئۇتتامايمىزدەيمەن، ‹قۇينۇڭدىن تۇكۇلسە قۇنجۇڭغا› دەيدىغان گەپ بار، ھە بۇگۇن خۇتنۇڭلا مۇبارەك كۇرەنمەيدىيا ...............؟
ئەلى ناۋايغا قۇل ئىشارىسى قىلىپ گەپ قىلماسلىقنى چۇشەندۇردى. ناۋايمۇ بىر ئىشلارنى سەزگەندەك .بىردە ئەلىگە .بىردە پەرھاتقا قاراپ قۇيۇپ ئارتۇق سۇزلىمىدى.
پەرھات ئۇرنىدىن تۇرۇپ نانلارنى تىرىۋاتقان ئەلىگە ياردەملەشكەچ ،مۇبارەكنىڭ ئۇيگە بىرىش -بارماسلىق تۇغرىسىدا ئۇيلىنىۋاتاتتى.
-نىم بۇلدۇڭ؟ بىرە يىرىڭ ئاغرىۋاتامدا؟ دۇختۇرغا ئاپرايمۇ ؟
پەرھات نىم دىيىشنى بىلمەي بىشىنى چايقىدى .پەرھاتنى ئەلى يۇلۋالدى .پەرھات خۇددى ئىچىۋالغان ئادەمدەك يۇلنى ئىگىز-پەس دەسسەپ كىتىۋاتاتتى.
ئىشىكنىڭ يىنىك چىكىلىشى .قازانغا ئاش سىلۋاتقان مۇبارەكنىڭ دىققىتىنى بۇلدى. مۇبارەك ئىشىكنى ئىچىپ چىرايى ئۇن يىل كىسەل تارتقان ئادەمدەك سارغىيىپ كەتكەن پەرھاتنى كۇرۇپ چۇچۇپ  سۇرىدى.
-نىم بۇلدى پەرھات؟ بىرە ئىش بۇلدىما ؟
پەرھات مۇبارەكنىڭ بۇلاقتەك يۇغان ،خىيالچان خۇمار كۇزلىرى .سۇلغۇن -مىسكىن چىرايىغا لەپپىدە بىر قاردىيۇ ،شۇ ھامانلا ئۇزىنىڭ كۇزلىرىگە يىغا ياماشتى.
ئۇ جەميەتتە شۇنچە ئۇزۇن يىل يۇرۇپ ھازىرغىچە بىرەسىنىڭ ئۇزىنى بۇنچىلىك ئالداپ باقمىغىنىنى بىلەتتى . بۇ ئىش ئۇنىڭغا ھار كىلىپ خۇرلۇق ھىس قىلغان پەرھات ،مۇبارەككە جاۋاپمۇ بەرمەستىن ئۇيگە كىردى. ئەلى
-پەرھاتنىڭ تۇرۇپلا مىجەزى يۇق بۇلۇپ قالدى .نىمە بۇلغىنىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم ،ھە  راس نىمە تاماق ئەتتىڭ ؟قۇساق بەك ئىچىپ كەتتى .بۇلە تىز،
مۇبارەك گەپ قىلمايلا  ئۇخشۇتۇپ ئىتىلگەن لەغمەننى تەخسىگە سىلىپ ،پەتنۇسقا قۇيۇپ ئەپچىقتى. ھۇرى كۇتۇرلۇپ  ئۇستىگە قىزارتىپ قۇرۇلغان سەي قۇيۇلغان تاماق ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قۇزغايتى. ئەلى تەخسىنى قۇلىغا ئىلىپ ئىككى تارتىپلا تەخسىنى قۇرۇغداپ قۇيدى.
-ۋاھ...تازىمۇ ئۇخشاپتۇ بۇ ئاش، بۇلە ئاشنى جىقراق سال ، ھۇي پەرھات سەن تىخى يىمەپسەنغۇ؟ ھىلى بۇنىمۇ يىۋىتىمەن جۇمۇ؟ بۇلە تەخسىنى قۇلۇڭغا ئال سۇۋۇپ قالمىسۇن ،قىنى قىزىغدا ھە ،بۇ تاماقنى يىمىگەن ئادەمنىڭ ئۇزى ساراڭ،
پەرھات تەخسىنى كۇتۇرگەن بۇلسىمۇ تاماققا ئىشتىھاسى يۇق ،مۇبارەك ئەلىگە قايتا تاماق ئەپكىرىپ تەخسىنى ئۇستەلگە قۇيىۋىتىپ پەرھاتنىڭ تەخسە تۇتقان قۇلنىڭ بىلنەر-بىلىنمەس تىتىرەۋاتقىنىنى كۇردى. مۇبارەك ئەلىگە قاراپ پەرھاتنى ئىما قىلدى. بۇنى ئەلىمۇ سەزگەن ،ئەلى مۇبارەككە ‹كارىڭ بۇلمىسۇن› دىگەن مەنىدە ئىشارەت قىلىپ ،چاندۇرماي تاماققا تۇتۇش قىلدى.
-ئەلى ئاكا ،مەن قايتاي، ئۇزەمنىڭ تازا مىجەزىم يۇق ،ئۇيگە بارمىغىلىمۇ نەچچە كۇن بۇپتۇ، ئۇيدىكىلەر نىمە بۇلۇپ كەتتى ................
-تاماقنىمۇ يىمىدىڭ، نىمانداق تىزلا قايتىسەن ؟سەل كەچىرەك ماڭساڭمۇ بۇلىدىغۇ ؟ ئەمسە قاچان كىلسەن؟
-ئۇينى بىلگەندىكىن كىلىمەن، ئەمما قاچان كىلشىم ئىنىق ئەمەس،
-بۇ نىم دىگىنىڭ ئەمدى............؟
دەل شۇ چاغدا پەرھاتنىڭ تىلفۇنى سايراپ قالدى. پەرھات ئادەتتە مۇھىم تىلفۇن بۇلمىسا ئالمايتى. پەرھات نۇمۇرغا قارمايلا تىلفۇننى ئالدى. قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ  نازۇك ،زىل، ئۇماق ئەركىلەپرەك سۇزلىگەن  ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ۋەي پەرھاتما؟ قانداق جىنىم مەن مىھراي، نەدە سەن؟ سىنى كۇرگۇم  كەلدى .سىغىندىم ،بىز كۇرۇشسەك بۇلامدۇ ؟ئەمسە بۇرۇنقى يەردە بۇلسا قانداق ؟ۋاقتىدا باراسەن ،سىنى ساقلايمەن جۇمۇ ،ئۇتكەنكىدەك ئالداپ قۇيما ھە؟ ئەمسە ھىلى كۇرشەيلى. خۇش جىنىم باي-باي ھى...ھى...ھى..
پەرھات تىلفۇننى قۇيۇشىغا ئەلىنىڭ چىرايى قارداپ كەتتى .شۇنداقتىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرشىپ،
- ئۇھۇي پەرھىتاخۇن، تىشلىقتۇ ؟ شاشقۇ سەن، ھە يىگىت بىرە ئاق تۇشقاننى ئۇۋلاپ يۇرگەن ئۇخشىمامسەن؟ ئۇۋچىلىققا خىلى ئىپىڭ بار ئىكەن جۇمۇ سىنىڭ ؟سىڭلىمنى ئەخماق قىلماقچىمۇ..................؟
-ئەلى جىق گەپ قىلماي تەخسىنى ئىلۋىتە،
مۇبارەك ئەلىنىڭ ئەپتىنى كۇرۇپ دەرھال ۋەزىيەتنى ئۇڭشاشقا تىرىشتى. پەرھات ئەلىنىڭ كۇزىگە قادىلىپ قاراپ تۇراتتى .پەرھات سالماق ئاۋازدا
-ئەلى بۇ نىمە دىگىنىڭ؟ گەپكە سەل دىققەت قىل ، بۇ قىز مىنىڭ بۇرۇنقى ئايالىم بۇلىدۇ ،بۇنى سەنمۇ -مۇبارەكمۇ بىلىسىلەرغۇ ؟مەن ئۇغۇل بالا، قىلغان ئىششىمغا ئۇزەم ئىگە، باشقىلاردەك ۋىجدانىمنى ئىت يەپكەتكىنى يۇق تىخى...........،
ئەلى ئەمدى ئۇنچىقىرالماي قالدى، ئۇ پەرھاتتىن دەككىسىنى يەپ كىرىسلۇدا سۇغا چۇشكەن مۇشۇكتەك شۇمشەرەپ ئۇلتۇراتتى، پەرھات سۇزىنى تۇگتۇپ ئىشىك تۇۋىگە كەلدىدە، مۇبارەككە خۇددى ئاخىرقى قىتىم ۋىدالاشماقچى بۇلغاندەك بۇرۇلۇپ قاراپ چۇڭقۇر تىنىپ قۇيۇپ ئۇيدىن چىقىپ كەتتى.
مۇبارەكنىڭ كۇڭلى تۇيۇپ تۇراتتى .مۇبارەك ئەلىنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ سۇردى.
-ئەلى بىرە ئىش ھەركەت بۇلدىما؟
ئەلى ئۇستەلگە قاتتىق بىرنى مۇشلاپ.
-ھىلىقى ئابلىز دىگەن ناۋاي گۇينىڭ ئىششى بۇلمامدۇ........................... ،
-مەن، پەرھات ئىشىكتىن كىرگەندە چىرايىغا قاراپلا سەزگەن، ساڭىمۇ بۇرۇنلا ئەسكەرتكەن، نىمە دىگەن سەتچىلىك بۇ ، بىرەسى ئاڭلىسىمۇ .......ھەي ، سىنىڭ شۇ  پۇلغا تۇيمايدىغان كۇزۇڭ، بۇ ئىش ئەسلىدىلا ۋىجدانىمىزغىمۇ- دىنىمىزغىمۇ تۇغرا كەلمەيدىغان ئىش  ،
-بۇلدى جىق گەپ قىلما ، مىنى ئۇيلانغىلى قۇي، بۇ ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك، بۇلمىسا چاتاق چىقىدۇ ،بەلكىم بىز خاتا پەرەز قىلۋاتقاندىمىز ،پەرھاتنىڭ  بۇ ئىشلاردىن خەۋرى يۇقتۇر بەلكىم ، ئىلاھىم شۇنداق بۇلغاي ،ھىلىقى ئاجرىشىپ كەتكەن خۇتۇن پەرھاتنى يەنە نىمىگە ئىزلىگەندۇ ؟ قارغاندا تەييار ئۇلجىدىن ئۇنۇڭمۇ ۋاز كەچكىسى كەلمەپتۇ ،  چاتاق ،قاراپ تۇرۇپ پەرھاتنى ئۇنىڭغا تاتقۇزۇپ قۇيساق بۇلمايدۇ ،بۇلمىسا بىر ئۇبدان تەييار پۇلدىن قۇرۇق قالمىز،
ئەلى ئىلشىپ قالغان ئادەمدەك ئۇزىگە ئۇزى سۇزلەپ، ئۇي- ئىچىدە ئۇياقتىن -بۇياققا مىڭىشقا باشلىدى.
مۇبارەك ئەلىنىڭ سۇز ھەركىتىگە قاراپ ئۇلتۇرۇپ، قىستاپ كەلگەن كۇلكىسىنى زۇرغا بىسىپ،
-ھەي پۇل مەستانىسى. پەلە-پەتىش ساراڭ ،ئۇلتۇرە ،نىمە ئۇيان- بۇيان مىڭىپ يۇرسە ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشرۇپ.........،
-سەن جىم تۇر خۇتۇن .........  ، مانداق قىلايلى. سەن يارشىملىق ئىسىل كىيىملىرىڭنى كىيىپ، پەچەت گىرىم قىلىپ، پەرھاتنى ياندۇرۇپ كەل ،بار ئامالنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەت ،بىلدىڭمۇ؟  جنىم خۇتۇن ،بۇلە تىز،
-نىمە........؟مەنما...........؟بىرىپ ئىششىڭنى قىل ،بۇرۇن شىرىك بۇلغىنىم يىتەر، ئەمدى سىنىڭ گۇناھىڭغا شىرىك بۇلمايمەن ،
-جىنىم خۇتۇن ،مۇشۇ بىر قىتىم گىپىمنى ئاڭلا،
-ياق ،....بارمايمەن دىدىممۇ ؟بارمايمەن،
-مۇبارەك.........؟
-نىمە..،
-تاياق يىگۇڭ كەپتۇدە سىنىڭ؟
-ئۇرە قىنى.........،
ئەلى مۇبارەكنى ئۇرۇش ئۇچۇن ئېتىلىپ كەلگەن پىتى .بىر قۇلىدا مۇبارەكنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىنى قاماللاپ تۇتۇپ، يەنە بىر قۇلىنى ئىگىز كۇتۇردى .بىچچارە مۇبارەك مۇشۇكنىڭ چاڭگىلىغا چۇشۇپ قالغان چاشقاندەك،  تۈگۈلۈپ ئەلىنىڭ چاڭگىلىدا تىپىرلايتى.
ئەلى قۇلىنى كۇتۇرۇپ مۇبارەكنىڭ ئۇددۇل كەلگەن يىرىگە ئۇرۇشقا باشلىدى .مۇبارەك ئۇزىنىڭ گىلاستەك  قىزىل نىپىز لەۋلىرىنى چىشلەپ قانىتىۋەتتى. ئۇي-ئىچىدە كىچىك ماشىنىنى يىپ بىلەن سۇرەپ ئۇيناۋاتقان قەيسەر، مۇبارەكنىڭ ئۇن چىقارمىغىنىدىن بۇ ئىككىسىنى ‹  چاقچاق قىلۋاتىدۇ›دەپ ئۇيلاپ قالدىمۇ ،دەسلەپتە ئانچە دىققەت قىلمىدى. كىيىن ئەلىنىڭ ئاغزىنى بۇزۇپ مۇبارەكنى تىللىشىدىن،  بۇنىڭ ئۇيۇن ئەمەسلىگىنى ھىس قىلدى .
-ھۇ  بۇزۇق  پاسكىنا، سىنىڭ راس دەپ قۇيسام مىنى نىمە كۇرۇپ قالدىڭ؟ بارماي باقە قىنى...........،
مۇبارەك لەۋلىرىدىن ئىقىپ چىققان قاننى سۇرتكەچ قەيسەرگە قاردى.
-ئاپا دادام شىنى لاش ئۇدىما ؟
-ياق بالام  چاقچاق قىلۋاتىمىز!
-ئەمشە ئاجىڭ قان بۇپتۇگۇ؟
-چىشلىۋالدىم ،ھىچقىسى يۇق،
ئەلىمۇ دەرھاللا چىرايىنى ئۇزگەرتىپ، قەيسەرنى قۇچىغىغا ئىلىپ،
-ئاپاڭنى ئۇرمۇدۇم بالام ،ئۇيۇن قىلۋاتىمىز ،نىمىشكە ئۇرمەن بىكار، شۇنداقمۇ قۇزام؟
-ئەمدى ئاپامنى ئۇشاڭ چۇم ئانامغا دەيمەن جۇمۇ؟
-ئۇنداق بۇلمايدۇ ،خاتىرجەم بۇل،
قەيسەر يەنە ئۇز ئۇينىغا تۇتۇش قىلدى . ئەلى
-بالىنىمۇ قۇرقۇتۇپ ،ئۇزەڭمۇ جاھىللىق قىلىپ قانداق ياخشىلىققا ئىرشەسەن؟
مۇبارەك ئاشخانىغا چىقىپ يۇزىنى يۇيىۋىتىپ، كىرىسلۇدا نىمىنىدۇر خىيال قىلىپ مىيغىدا كۇلۇپ قۇيدى.
-قانداق بىرىپ باقامسەن ؟
-بۇگۇن كەتكەن تۇرسا ،كەينىدىنلا بارسام قانداق بۇلىدۇ،
-خۇتۇن پۇرسەتنى كەتكۇزۇپ قۇيساق بۇلمايدۇ ،ھە دىگىنە، مۇشۇ بىر قىتىملا،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي كىيمىنى ئالماشتۇرۇپ ،چىچىنى تاراپ سۇمكىسىنى كۇتۇرۇپ سىرىتقا چىقتى .
مۇبارەك يانفۇندا پەرھاتقا بىرنەچچە قىتىم تىلفۇن ئۇرغان بۇلسىمۇ ،قارشى تەرەپنىڭ سۇزلىشىۋاتقىنى چىقتى. ئاخىرقى قىتىم ئۇرغاندا تىلفۇن ئۇلاندى. ئەمما پەرھات تىلفۇننى ئالمىدى. مۇبارەك يىنىشلاپ ئۇرىۋەردى .تىلفۇن ئىلىندى .ئەمما تىلفۇننى پەرھات ئەمەس بىر قىز ئالدى.
-ۋەي كىمۇ ؟ نىمانداق بىزەڭ بىرنىمە سەن ،تىلفۇننى ئالمىسا ئۇرىۋىردىغان...........،
-كەچۇرۇڭ، تىلفۇننى پەرھاتقا بەرسىڭىز، مۇھىم ئىككى ئىغىز گىپىم باتتى .سىز دىن ئۇتنەي،
مۇبارەكنىڭ يىغا ئارلاش ئاۋازى. قىزنىڭ يۇر كىنى ئەزدىمۇ، قارشى تەرەپ بىردەم تۇرۇپ كىتىپ تىلفۇننى پەرھات ئالدى. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچە قۇپال،
- ھە گەپ قىلڭە ،يەنە قانداق تۇزاقلارنى قۇرۇپ تىلفۇن قىلدىڭىز ماڭا ؟تىلفۇن قىلىشقا يۇزىڭىز قانداق چىدىدى؟
-مەنمۇ دەل شۇ ئىش تۇغۇرلۇق سىز بىلەن سۇزلەشمەكچى .بىز كۇرۇشسەك بۇلامدۇ؟
-ئەمدى مىنى قىلتاققا دەسسىتىمەن دەپ خىيال قىلماڭ ئەزىزەم!
-ئۇنداق ئەمەس، سۇزۇمگە ئىشنىڭ ،ئەڭ ئاخىرقى قىتىم،
پەرھات بىر پەس ئۇيلۇنۇپ تۇرۇپ كىتىپ ،ئۇچرىشىدىغان يەرنى ئىيتىپلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى.
مۇبارەك پەرھاتنىڭ دەپ بەرگەن ئادرىسى بۇيۇنچە ،تۇمۇر يۇلدىكى  كىچىك ئاشخاندا ئۇنى ساقلىدى. پەرھاتنىڭ قاپاقلىرى تۇرۇلگەن، چىرايى ئەلەملىك كىرىپ مۇبارەكنىڭ ئۇدۇلىدا ئۇلتۇردى. ئۇ تاماكىنى ئۇزمەي چىكەتتى.
-ھە گەپ قىلڭە، مىنى نىمگە ئىزدىگەن ،نىمە ئىششىڭىز باتتى شۇنچە مۇھىم؟
مۇبارەك بىرپەس جىمجىتلىقتىن كىيىن پەرھاتنىڭ چىرايىغا قاردى .پەرھاتمۇ مۇبارەكنىڭ چىرايىغا ئاشىقانە، ئەمما نەپرەت  نەزىرى بىلەن ،مۇبارەكنىڭ كۇكەرگەن خۇمار كۇزلىرىگە، ئىششىغان يۇزلىرىگە قاراپ ئىچى سىيرىلغاندەك بۇلۇپ،
-ئۇ  ئۇردىما؟
مۇبارەك بىشىنى لىڭشىتتى.
-خەپ ئىتنىڭ بالسى ...  سىز نىمدەپ ئۇنىڭغا ماسلىشىسىز ؟نىمىدىن قۇرقىسىز ؟نىمە دەپ قانۇن ئارقىلىق ئۇزىڭىز نى قۇغدىمايسىز؟ نىمىشكە ئۇزىڭىزنى قەدىرلىمەيسىز ؟نىمە دەپ ئۇزىڭىزنى ئۇئىتنىڭ بالسىغا تۇتقۇزۇپ قۇيسىز ؟نىمە دەپ زادى نىمە دەپ ....................؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
پەرھات بارغانچە ئاۋازىنى يۇقرى كۇتۇرۇپ سۇزلەشكە باشلىدى. ئاشخاندا تاماق يەۋاتقانلار نىڭ ھەممىسى بۇ ئىككىسىگە قاراپ قىلىشقان، مۇبارەك  بىئەپ ھىس قىلىپ پەرھاتقا قاراپ سىرىتنى ئىما قىلدى. پەرھاتمۇ  تارتىشىپ ئۇلتۇرمايلا مۇبارەككە ئەگەشتى.
مۇبارەك پەرھاتقا ئەلىنىڭ ئۇزىگە سالغان زۇلمىنى بىرنى قالدۇرماي يىغلاپ تۇرۇپ سۇزلەپ، ئۇزىنىڭ نىمشكە كەلگەنلىگىنى ئىيتتى. ئەمما قەھرىماننىڭ ئىششىنى دىمىدى.
پەرھات مۇبارەكنىڭ بىشىنى مىھرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ ،
-بۇ ھارام تاماق تىخىچە پۇلغا تۇيماپتۇدە ،ئالدىرماي تۇر، مەن سىنى قانداق تۇيغۇزمەنكى. بۇ ئىشلارنى نىمىشكە ماڭا ۋاقتىدا دىمەيسىز؟
-مەن نەچچە قىتىم سىزگە ئىيتىشنى ئۇيلىغان ،ئامما قۇرقتۇم،
-نىمىدىن قۇقتىڭىز ؟مەندىنمۇ ياكى ئاشۇ ئىپلاستىنمۇ؟
-سىز بىلمەيسىز ،ئۇنىڭ قۇلدىن ھەر بالا كىلىدۇ ،پەرھات مىنى كەچرۇڭ ،سىزنىڭ ھىسياتىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزنى ئالدىدۇق ،سىزگە يۇز كىلەلمەيمەن،
مۇبارەك سۇزىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
-بۇلدى مۇبارەك ،باشقىلارغا ئۇرا كۇلىغان ئادەم، ئاۋۋال ئۇرىنىڭ ئىچىگە ئۇزى چۇشۇپ تۇرۇپ كۇلايدۇ ، ئۇ قۇيغان ئۇيۇننىڭ ئاخىرىنى بىز داۋاملاشتۇرايلى. سىزمۇ ماڭا ماسلىشىپ بىرىڭ ،قىنى ،ئۇ ئەمدى قانداق قىلدىكىن، بىر كۇرەي،
-سىز نىمە قىلماقچى؟
-مەن دىگەندەك قىلىڭ ،ئاۋۋال ئۇنىڭغا بىزمۇ تۇزاق قۇرۇپ، سىزنى ئۇ مۇدھىش زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن ،ئاندىن خالىسىڭىز تۇي قىلمىز ،قالغىنىنى ئاللا بىلدۇ  ،
-ئەمما قەيسەر ئۇ ....،
-بۇلدى سۇزلىمەڭ ،ھەممىسى ماڭا ئايان ، سىز بىر ياخشى ئايال ،تىپىلغۇسىز ياخشى ئايال ،ئەمما باشقىلار سىزدىن پايدىلىنىپ كەتتى .باشقىلارنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتتىڭىز، بۇلدى كۇڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ،  ھەممە ئىشلار ئۇڭشىلىپ كىتىدۇ، ھەممىگە خۇدايىم بار، يۇرۇڭ ماڭايلى. بىزنى يەنە نىمە ئۇيۇنلار كۇتۇپ تۇردۇ،
مۇبارەك پەرھاتقا ئەگەشتى .ئۇ دەردىنى پەرھاتقا تۇكۇپ خىلى يىنىكلەپ قالغانتى .ئەمما ئۇنىڭ تەغدىرىدە يەنە قانداق قىسمەتلەر ئۇنى كۇتۇپ تۇرغاندۇ ؟.

                                                               خۇتۇن سودىسى

پەرھات مۇبارەكنى  ئېلىپ ئەلىنىڭ يىنىغا كەلگەندە، ئەلى بىلەن قەيسەر ئۇيدە يوق بۇلۇپ چىقتى.  مۇبارەك ئەلىگە تىلفۇن قىلىپ يىرىم سەئەتلەردىن كىيىن ئۇلارمۇ پەيدا بۇلدى .ئەلىنى كۇرۇش بىلەن پەرھاتنىڭ ئۇڭى ئۇچۇپ، مۇشتۇملىرى تۇگۇلۇپ كەتتى .ئەمما مۇبارەكنىڭ كۇز ئىشارىسى بىلەن پەرھات ئۇزىنى بىسىۋىلىپ، زۇرغا كۇلۇمسىرەپ،
- ھە ئەلى بايۋەتچە نەگە كەتتىڭ؟
-سىرىتتا ئازراق ئىششىم باتتى .قەيسەرنى ئۇيناتقاچ بىجىرىپ كەلدىم، ئۇزەڭچۇ؟
-ئۇيدىكىلەرنى يۇقلاپ كەلدىم،
-مىھراينىڭ يىنىغا بارمىدىڭما؟
-ئۇيەردە ماڭا نىمە بار؟ سەنمۇ قىززىق ئىكەنسە،
-جۇرە ئۇيگە كىرەيلى،
ئۇلار ئۇيگە كىرىپ كىرىسلۇدا ئۇتتادى .مۇبارەك ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. پەرھات ئەلىگە قاراپ،
-ئەلى، ساڭا بىر ئىشنى مەسلىھەت سالاي دىگەن،
-قىنى قۇلقۇم سەندە،
-مۇبارەك بىلەن تۇي قىلاي دەيمەن ،سەن قانداق قارايسەن؟
-مانا ،نەق يۇرگۇمدىكى گەپنى دىدىڭ ئۇكا، قاچانراق تۇتۇش قىلاي دەيسەن؟
-ئۇيدىكىلەرگە  تىخى مەسلىھەت سالمىدىم، مىنىڭچە ئۇلارمۇ ياق دىمەيدۇ،
-ئەمسە تىزراق مەسلىھەت سالمامسە،
-ئەمما سىلەر نىڭ ئۇيدىكىلەر نىم دەر ...........،؟
-بۇيەرلىرىدىن سەن خاتىرجەم بۇل، ھەممىنى ئۇزەم تۇغۇرلايمەن،
ئەلى خۇشاللىقىدا ئالقانلىرىنى بىر-بىرگە سۇركەپ، نىمە دىيشىنى بىلەلمەي قالدى .ھەممە گەپنى ئاشخانىدا ئاڭلاپ تۇرغان مۇبارەك ئىچىدە،‹ ھۇ تۇز كۇر مۇناپىق، بىششىڭنى يەپ ئۇلەرسەن ئىلاھىم ،پۇلغا تۇيمىغان قارنىڭ ئىتىلىپ كىتەر، گۇرۇڭدىن تۇڭگۇز قۇپار،› دەپ قاغىدى .پەرھات بۇلسا،‹ نۇمۇسنى بۇلمەيدىغان ئەبلەخ ،خۇتۇننىڭ سايىسىدا جان باقىدىغان دەللال ،ئالدىراپ خۇش بۇلما ،كۇرگۇلۇگۇڭنى قانداق كۇرسىتىمەنكى قىنى،› دەپ ئەلىگە نەپرەتلىك كۇزلىرى بىلەن قاراپ ئۇنى گەپكە سىلىپ ئۇلتۇراتتى.
-پەرھات ،بۇگۇن ماڭا غەيرىلا قارايسىنا؟
-مەنما ؟ئۇنداق ئەمەسقۇ، ساڭا شۇنداق تۇيلۇپ قاپتۇ،
ئاشخانىدىن چاي كۇترۇپ چىققان  مۇبارەك گەپنى بۇلدى.
-خۇدىگى بارنىڭ مۇنىگى بار دەپ ،ئۇزۇڭچە نىمىگە شۇبىھىلىنىپ كەتتىڭ؟
-ماڭا بۇگۇن پەرھات باشقىچىلا كۇرنىدۇغۇ تاڭ،
-بۇ ئۇزەڭنىڭ خىيالى، نەق گەپكە كىلەيلى .چۇڭ- كىچىك چاي ،ئۇچى -بۇچى تۇي دەپ ،سىنىڭچە جەمى قانچە پۇللار كىتەر؟
-ھە ،مەنغۇ تەپسىلى ھىساپلاپ كۇرمىدىم ،پەرزىمچە30 مىڭ كىتەرمىكىن،
-نىمە..؟نىم دەۋاتىسەن ئەلى؟
مۇبارەك قۇلدىكى چاي قۇيۇلغان پىيالىنى ئۇستەلگە قۇيۇپ ،نۇمۇستىن يىرىلغىدەك بۇلۇپ، بىشىنى چايقاپ يۇزىنى ئاقانلىرى بىلەن تۇسىغىنىچە ياتاق ئۇيگە يۇگۇرۇپ كىرىپ كەتتى.
-قىز بالا ئەمەسمۇ؟ خىجىل بۇلۋاتىدۇ،
ئەلى مۇبارەكنىڭ كەينىدىن مەننۇنلۇق بىلەن قاراپ كۇلدى.
پەرھات ئىچىدە،‹ ئىسىت، شۇ بىچچارە قىزدا بار نۇمۇس، ۋىژداننىڭ يۇزدە بىر پىرسەنتى سەندە بۇلسىچۇ كاشكى .نەرىڭ ئۇيغۇر ئۇغلى، نەرىڭ مۇسۇلمان بالىسى، › دەپ بىشىنى چايقىدى .بۇنى ئەلى كۇرۇپ،
-نىم بۇلدى؟ بىشىڭنى چايقاپ كەتتىڭغۇ؟ بۇ نۇرمال ئەھۋال ،سىنىڭ مۇبارەككە يۇلۇققۇنۇڭ ئامىتىڭنىڭ كەلگىنى جۇمۇ؟
-بىلمەن، ھەممە قىزلىرىمىز مۇبارەكتەك بۇلسىچۇ دەپ، بەزىلەرگە ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن،
-ھە بۇلدى ،بۇ گەپلەر نى قۇيۇپ تۇرايلى .پۇلنى قاچان ئەپ كىلسەن؟
-پۇلنى نىم قىلسەن ھازىر؟
-ماگەپنى، تۇينىڭ ئالدى -كەينىدە ئىشلەتمەمدۇ،
-ئاۋۋال سىلەرنىڭ چۇڭلار كەلسۇن، بىر مەسلىھەت سال مىنىمۇ كۇرسۇن،
-بۇنىڭ ھاجىتى يۇق، دىدىمغۇ؟ ماڭا قۇيۇپ بەر،
-سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن ،چۇڭلار قۇشۇلمىسا بىكار،
-نىمانداق ماڭا ئىشەنمەيسەن؟
-ئىشەنمىگەنلىك ئەمەس،
-ئەمسە ،مۇبارەكنى ياخشى كۇرمەيدىكەنسەندە؟
-نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسەن،
-ئۇنداقتا ،پۇلۇمنى ئەپ قىچىپ كىتەرمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلۋىتىپسەن ئەمسە،
-بۇ ئۇزەڭنىڭ خىيالى،
-ئەمسە سىنىڭچە قانداق قىلسام بۇلىدۇ؟
- بۇ مانداق گەپ ،ھازىر نىكا ئەركىنلىگى دىگەن گەپ بار، بىز ئاۋۋال مۇبارەك بىلەن ئۇز- رازىلىغىمىز بۇيۇنچە تۇي خىتى ئالمىز، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇيدىكىلەرنىڭ قۇشۇلماي ئىلاجى يۇق ،يامىنى كەلسە يەنە ئازراق پۇلنىڭ كۇزىگە ياغاچ تىقساق ئىش پۇتىدۇ ،سىنىڭچە قانداق؟
ئەلى پەرھاتنىڭ گىپىنىڭ ئاساسى بار لىغىنى ھىس قىلىپ ئۇيلۇنۇپ تۇرۇپ كەتتى.
-ئەمسە پۇلنى قاچان بىرسەن؟
-تۇي خىتىنى ئىلىپ بۇلغان كۇننىڭ ئەتىسىلا ئالسەن، قانداق؟
-نەق بىرەمسەن؟
-نىسىسىمۇ بارمىتى؟
-ھىساپ پۇتۇشتۇق ئەمسە،
ئەلى بىلەن پەرھات قۇل ئىلشىپ كۇرشىۋىتىپ ،ئىككىسىنىڭ كۇزلىرى ئۇچرۇشۇپ قالدى. بىر كۇزدىن قۇۋلۇق- شۇملۇق ياغسا ،يەنە بىر كۇزدىن غەزەپ -نەپرەت ياغاتتى.
مۇبارەك بۇلسا ياتاق ئۇيدە نۇمۇستىن ئۇلگىدەك بۇلۇپ ئۇلتۇراتتى.
-ئەمسە ئەتىلا تۇتۇش قىلايلى.
-ياق ،ئەتە مىنىڭ ئىششىم بار، مۇبارەك بالىغا قارايدۇ 15  كۇندىن كىيىن بۇلسۇن قانداق؟
-نىمە ئىششىڭ باتتى؟ كىيىن قىلە بۇلدى.
-بىزمۇ ئازراق تەييارلىق قىلۋالايلى.
-تەييارلىق دىگەن تۇيدا بۇلمامدۇ؟
-بۇدىگەن باشقا تەييارلىق،
-مەن بىلسەم بۇلمامدا؟
-بۇلمايدىغان ئىش يۇق، ئەتتىگەن مۇبارەكنىڭ بىشى قىيىپ يىقىلىپ چۇشۇپتۇ، قارا بىچچارىنىڭ يۇز -كۇزلىرىگە ،ئۇنى دۇختۇرغا ئاپرىپ ساقايتىلى. بۇلمىسا سىنى مەجبۇر ئۇرۇپ ئەكەلگەن ئۇخشايدۇ، تۇي خىتى ئالغىلى دەپ قالمىسۇن يەنە، گىپىم خاتامۇ يا؟
-ھە ،مۇنداق دە ،مەيلى ئەمسە، سەن دىگەندەك بۇلسۇن،
-مانا ،ما گىپىڭ جايىدا،
-لىكىن كىچىككىنە ئىشقا 15 كۇن كەتمەس،
-ئىدىيەدىمۇ تەييارلىق بۇلۇش كىرەكتە،
-بۇلىدۇ ،شۇنداق بۇلسۇن،
-ئەمسە سەنمۇ دەرھال بىرىپ ئۇيۇڭدىكىلەرگە بۇ خۇش خەۋەر نى ئېيتقىن، ئۇلارمۇ ئىدىيەدە تەييارلىق كۇرۇپ قۇيسۇن، مەنمۇ چۇڭلارغا تىلفۇن قىلاي ،ئۇلارمۇ قايتىپ كەلسۇن، سىنىڭچە قانداق؟ مۇشۇنداق قىلساق بۇلامدۇ؟
-بۇلىدۇ، ئەمسە مەنمۇ ھازىر قايتاي ،تىلفۇن بۇلغاندىكىن ئالاقىلىشىپ تۇرامىز،
-ماقۇل، ئاللاغا ئامانەت،  ئىشلىرىڭ ئاسان بۇلسۇن،
-ھە راس ئەلى ،ئەمدى دىققەت قىل ،مۇبارەك مۇ دىققەت قىلسۇن، ئۇنىڭ بىرە يىرى ئىششىق ،ياكى كۇك ھالەتتە كۇرسەم ،سەندىن رەنجىپ قالمەن جۇمۇ؟
-بۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇل،
پەرھات ئەلى بىلەن خۇشلۇشۇپ بۇلۇپ، ياتاق ئۇيگە كىرىشتىن نۇمۇس قىلدى .مۇبارەكمۇ خىجىل بۇلۇپ پەرھاتنى ئۇزتۇپ چىقمىدى. پەرھات ئىشىكتىن چىقىپلا تاكسىدىن بىرنى تۇساپ يۇلىغا راۋان بۇلدى.
پەرھات سۇزىنى تۇگۇتۇپ ئۇيدىن چىقىپ كەتتى .مۇبارەك قەيسەرنى يىتىلەپ ياتاقتىن چىقىپ،
-ئەلى ،سەن نۇمۇس دىگەننى بىلەمسەن؟ مىنى پەرھاتقا ساتماقچىمۇ..........؟
-گەپ چۇشەنمىگندىكىن بىرىپ ئىششڭنى قىلە،
-سىنىڭ گەپ چۇشەنگىنىڭ شۇمۇ؟ ئۇزەڭنىڭ خۇتۇنۇڭنى بىراۋغا ساتقىچە ،ئىشتان بىغىڭغا بۇغۇلۇپ ئۇلۋالساڭچۇ،
-ھەي كالۋا ،مەن سىنى ،مەندىن كىيىن قالسا ياخشى تۇرمۇش كەچۇر سۇن داۋاتىمەن ،چۇشەندىڭمۇ؟
-ئەلى ،ساڭا دەپ قۇياي ،بۇ رەزىل پىلانىڭنى مەن ھەرگىز ئەمەلگە ئاشقۇزمايمەن بىلىپ قۇي،
-مەنمۇ ساڭا دەپ قۇياي ،ئەگەر سەن پىلانىمنى يۇققا چىقارساڭ ،مەڭگۇ مەندىن قۇتۇلالمايسەن،
-ماڭا تەھدىت سىلۋاتامسەن؟
ئەلى ئارتۇق گەپ قىلماي، تاماكا چىكىشكە باشلىدى.
مۇبارەك ئۇز گۇشىنى ئۇزى يىگۇدەك بۇلۇپ، قەيسەرنى يىتىلەپ سىرىتقا چىقتى. ئۇ نىمىش قىلىشنى .نەگە بىرىشنى بىلمەيتى. تۇيۇقسىز كەينىدىن كەلگەن قۇل، مۇبارەكنىڭ كۇزىنى تۇسىۋالدى.
-نەگە ماڭدىم جانىم؟
-كىمۇ ؟قۇيۋىتە كۇزۇم، ئاغرىپ كەتتى.
-تاغاقمۇ -سۇزگۇچ؟
-ۋاي قۇيە شۇ سۇزگۇچلىرىڭنى، ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرماي،
-يەنە نىم بۇلدۇڭ خان ئاچا؟
-ھىچنىمە ،كەيپىياتىم بەك ناچار ئاداش،
مۇبارەكنىڭ پىشىگە ئىسلىپ ئۇيناۋاتقان قەيسەر ،
-پەيىدە ئاپا نەگە بايسىز........؟
-نەگە باراتتىم قۇزام ،سىنى كۇرگۇم كىلىپ ،ئاپاڭنى سىغىنىپ كەلدىم ،مە ، ساڭا ئالغاچ كەلدىم،
پەرىدە قۇلىدىكى مارۇژنىنى قەيسەرگە سۇندى .قەيسەر بىشىنى چايقاپ مارۇژنىنى ئالغىلى ئۇنمىدى.
-نىم بۇلدى ئالە؟،
-ياك ئاپام تىللايدۇ،
- مەن بەرگەندىكىن تىللىمايدۇ ئۇمۇغۇم.....،
-پەرىدە ،قەيسەرگە مارۇژنىنى بەرمە ،
-نىمىشقا؟
-ئۇنىڭ ئەزەلدىن تىنى ئاجىز ،بۇنى سەنمۇ بىلسەن، يىقىننىڭ ياقى  ئۇنىڭ تازا مىجەزى يۇق ،يەنە قىززىپ ،يۇتىلىپ قاپتۇ،
-ھە ،ئۇزەڭ نەگە ماڭغان؟ ئەلى بىلەن يەنە قىزرىشىپ قاپسەندە؟
- بىز قاچان خۇشال ئۇتۇپ باققان ؟ئۇ  مىنى پەرھاتقا ياتلىق قىلماقچى ئىكەن ،
- ۋاي خان ئاچا ،مەنمۇ دەل مۇشۇ ئىش ئۇچۇن يىنىڭغا كەلدىم ،
-نىمە ؟بۇ ئىشتىن سىنىڭمۇ خەۋرىڭ بارما؟ بۇنى سەن نەدىن بىلدىڭ؟
-مىنى پەرھات ئەۋەتتى.
-ئۇ ئۇزى قىنى؟
-بۇيەر پاراڭلىششقا ئەپسىز، جۇرە،
پەرىدە قەيسەرنى كۇتىرۇپ مۇبارەك بىلەن ئۇينىڭ سەل نىرىسىدىكى كىچىك ئاشخانىغا كىردى.
پەرىدە مۇبارەككە يىقىن ئۇلتۇرۇپ،
-ئەلىنىڭ نىيتىنى پەرھات بىلىپ بۇپتۇ ،پەرھاتنىڭ دىيىشىچە ،ئەلىنىڭ پۇلغا ئامراقلىغىدىن پايدىلىنىپ ،سىنى‹ ئالمەن ›دەپ تۇيغا ئالدىرتىپ ،ئەلىدىن ئاجراشتۇرۇپ بۇزىنداندىن قۇتقۇزماقچىكەن،
-ئاداش ،سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن، ۋاقتى كەلسە ئەلى پەرھاتقا پۇلنى چىقار دىسىچۇ؟
-ئۇلار دىيىشىپتۇغۇ،‹ پۇلنى تۇي خىتى ئىلىپ بۇلغاندىن كىيىن بىرمەن› دەپ ،سەن نىمىگە ئەنسىرەيسەن ؟پەرھاتمۇ ئەقمەق ئەمەس، ئۇنىڭغا تەييار پۇلنى تۇتقۇزۇپ قۇيدىغان، ئۇنىڭدا نەدە ئۇنچىلىك كۇپ پۇل،
-ئەمسە ........سىنىڭ دىمەكچى بۇلغىنىڭ؟
-ھەي دۇت ،ئاجرىشش قەغىزى بۇلمىسا تۇي خىتى ئالغىلى بۇلمايدۇ ،شۇنىمۇ بىلمەمسەن؟
- ھە ... تۇغرا .. بىلدىم..........چۇشەندىم،
-مەن ساڭا دىگەنغۇ؟ ئۇيۇننىڭ ئاخىرىنى ئەمدى بىز قۇيمىز دەپ،
- ئاداش ئۇنداق دىگەن بىلەن ئەلىمۇ بۇش ئەمەس ،بەك ھىلىگەر، قاقۋاش نىمە ئۇ ،ئەگەرچىنىپ قالسىچۇ؟
-تازىمۇ بىر، يىيىشىڭگە پۇق يەمسە؟ سەنمۇ پەرھاتقا ماسلىشىپ بەرمەمسەن،
-سەن شۇنداق دىگەن بىلەن، پەرھاتنى ھەر قىتىم كۇر سەم نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بۇلىمەن،
-ئەسلى نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىگە سەن ئەمەس ئەلى،
-دىگىنىڭ تۇغرا ،
-مەن مۇشۇ گەپنى ساڭا دەپ قۇيغىلى كەلگەن، قەتتى چاندۇرۇپ قۇيما،
-سەن پەرھات بىلەن قاچان كۇرۇشتۇڭ؟
-نىمە كۇللۇگۇڭ كىلۋاتامدا؟؟
-يۇق گەپنى قىلمىيە،
-ئەمسىچۇ..........؟
-مانداقلا سۇراپ باقتىم شۇ،
-قارغاندا پەرھاتقا نىسبەتەن سەندىمۇ تۇيغۇ پەيدا بۇپتۇ دە،
-نىمىلەر نى دەۋاتىسەن.........؟
مۇبارەك شۇنداق دەپلا قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى.
-بۇلدى مەلىكەم ،مەندىن  ھىچنىمىنى ھۇشۇرالمايسەن،
-بۇلدى قىلە،
-بۇگۇن بازار ئايلانغىلى چىققان، بايىلا پەرھات ماڭا تىلفۇن قىپتىكەن ،
-نىم دەپ؟
-نىم دەپ بۇلاتتى. جىددى كۇرشەيلى .ياردەم قىل، دەپ بۇممامدۇ،
-كىيىنچۇ؟
- مىنى گەپ قىلغىلى قۇيامسەنيا ؟ ھەممىنى تۇلۇق دەپ بىرۋاتىمەنغۇ مانا؟ نىمىگە ئالدىرايسەن؟
-ھە گەپ قىلمىدىم ،دىگىنە بۇلدى.
- بىز تىلفۇندىلا كۇرۇشتۇق، بۇلغان گەپلەرنى دەپ بەردى. ئۇ ساڭا بەكمۇ ھىسداشلىق قىلدىكەن. ئۇ سىنىڭ چاندۇرۇپ ئىشنى بۇزۇپ قۇيشۇڭدىن ئەنسىرەپ، مىنى چۇشەندۇرۇپ قۇيۇش ،ھەم ئۇزىنىڭ پىلاننى ساڭا يەتكۇزۇش ئۇچۇن ،مەندەك پىشقان رازۋىتچىكىنى جاسۇسلۇققا تەكلىپ قىلدى. مەنمۇ ساڭا ياردەم قىلاي دەپ، بۇخىزمەتنى جان پىدالىق ھەم خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدىم، بۇمماپتىما؟
-ياخشى بۇپتۇ ئاداش ، رەھمەت ساڭا،
-بۇلدى تۇزۇت قىلما ،رەھمەتنى كىيىن ئىيتىۋالارسەن،
پەرىدە شۇنداق دەپ ئۇرنىدىن تۇرۇپ ،سىرىق ئاشنىڭ پۇلىنى تۇلەشكە تەمشەلدى.
-بۇلدى مەندە بار،
-بۇلدىقىلە،
پەرىدە ئۇنماي پۇلنى  ئۇزى تۇلەپ بۇلۇپ،
-ئاداش ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى. مەنمۇ قايتاي، ئەمسە شۇنداق بۇلسۇن، دىققەت قىل،
-ماقۇل، سىنى كۇپ ئاۋارە قىلدىم ،ئاداش ۋاقتىڭ بۇلسا كەپ تۇر،
ئۇلار پاراڭلاشقاچ ئاشقاندىن چىقىشىغا ،ئىشىك ئالدىدا مۇغەمبەرلەرچە ھىجىيىپ ،تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ تۇرغان ئەلىنى كۇرۇپ ئىككىلىسىنىڭ ئۇڭى ئۇچتى.
پەرىدە ئەلىنىڭ شۇملۇق يىغىپ تۇرغان چىرايىنى كۇرۇپ ،دەرھال ئۇزىنى ئۇڭشاپ چىرايىغا كۇلكە يۇگۇرتتى.
-ھۇي بالاڭزا بۇدۇنيادا بامۇيا، ئالتىنجى ئاينىڭ پاقىسىدەك يۇقاپ كەتتىڭغۇ؟
-بار بىز خىلى ئەرزانچىلىق،
-شۇنداقمۇ ؟ئەمسە دەپ باقە بىركىلۇيۇڭ قانچە پۇل؟
-ھا...ھا..ھا.. قىززىق گەپ قىلسىزدە پەرىدە، ھە بۇياققا ئۇتۇپ قاپسىزغۇ؟
پەرىدە ئىتتىكلا  گەپنى ياساپ،
-ھە بۇ تەرەپتە گۇزەلنۇر دەپ بىر دۇستۇم باتتى .مىجەزى يۇق ئىكەن .شۇنى يۇقلاپ كەلگەن ،بۇيەردە مۇبارەك بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدىم،
-ياخشى بۇپتۇ، يۇرۇڭ ئۇيگە كىرەيلى،
-بۇلدى كىيىن كىلەمەن ،
-بۇيەرگە كىلىپ ئۇيگە كىرمەي كەتسىڭىز، مۇبارەكنىڭ يۇزنى قىلمىغان بۇلسىز جۇمۇ،
پەرىدە مۇبارەكنىڭ چىرايىغا قاراپ قۇيۇپ،
-ھە ئۇزەڭ بۇيەردە نىمىش قىلسەن؟ يەنە داڭگال تىرىپ يۇردۇڭما؟
-ۋاي تۇۋا دەڭە ،مەندەك مۇمىن ئادەمگە قاراپ تۇرۇپ قارا چاپلىماڭ ،قۇينىڭ قۇزىسىدەك يۇۋاش باللاغۇ بىز،
-سىنى يۇۋاش دىسە، گۇردىكى ئۇلۇكمۇ ئاغزىدا ئەمەس كۇتىدە كۇلۇپ كىتەر،
-ئۇيدە ئۇلتۇرۇپ زىرىكىپ قارسام بۇ ئىككىسى يۇق، شۇڭا ئىزدەپ چىققان، قارسام بۇيەر دە ئۇلتۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كىتىپسىلەر،
-شۇ گۇزەلنۇر تۇغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتقانتۇق،
-ھە... بىزمۇ يۇقلاپ قۇيساق بۇلغىدەك ئۇقىزنى.
-ئەلى چاقچاقمۇ قىلىشتۇق ،بۇگۇن راسلا جىددى ئىششىم بار، ئۇيۇڭلارغا كىيىن ئايرىم كىلەي قانداق ؟رەنجىمەڭلار،
-ئەمسە مەيلى .چۇقۇم كىلىڭ،
-بۇلىدۇ،
پەرىدە كەتتى .ئەلى بىلەن مۇبارەك پەرىدەنى يۇلدىلا ئۇزتۇپ قۇيۇپ ئۇيلىرىگە كىرىپ كەتتى.
-مۇبارەك نىمە يىگۇڭ بار؟
-نىمە، تاماقنى سەن ئىتەمسەن؟
-ياقەي ،مەن ئەتكەن تاماقنى ياراتمايسەن ،سىرىتتىن ئەكىرمەندە ئەلۋەتتە،
-ئەمدى ماڭا ئارقا ئىشىك قىلاي دەۋاتامسە؟
-بۇلدىلا خۇتۇن، ئارمىزدا تالاشقىدەك نىمە بار ،ھەممىسى شۇ تۇرمۇش ئۇچۇنغۇ ،كۇڭلۇڭنى چىچىپ يۇرگۇڭنى زىدە قىلمىغىنە،
-كۇڭۇلنى چاچقان مەن ئەمەس ،سەن،
-ئۇزۇڭنى ئۇپرۇتۇپ نىمە قىلسەن ،بىركۇنۇم ئۇتسە بىركۇنۇم ھىساپ دەپ، خۇشال يۇرە،
-سەن ئۇنداق قىلغان بىلەن ،مەن ئۇنداق قىلالمايمەن،
-سىنىڭ دۇتلۇكۇڭ مۇشۇ يەردە ئەمەسمۇ،
-سەنمۇ ئەقىللىك بۇلۇپ ياشاۋەر، مەنمۇ دۇتلۇك بىلەن ياشاۋىرەي،ئىككىمىزنىڭ ياشاش مىزانىمىز ئوخشاشمايدۇ،
-پەقەت گەپ يىمەيسەندە سەن،نەرى ئۇخشىمايدۇ دەپ باقە قىنى؟
-سەن ھارامغا ئامراق ،جاپا تارتىشنى خالىمايسەن، ياخشى -ياماننى پەرىق قىلمايسەن ،مىنىڭ ھارام بىلەن خۇشام يۇق، ئىلغايمەن ،پەرقىمىزشۇ،
-ھەي دۇت خۇتۇن ،سەن ھارام بىر دەم بۇلسىمۇ جانغا ئارام، سامان قۇشماي لاي بۇلماس ،ھارام قۇشماي باي، دىگەننى بىلمەمسەن؟
-ئىسىت .چىرايىڭغا بىقىپ كىچىككىنە ۋىژدانىڭ بۇلغان بۇلسىچۇ كاشكى،
-ۋىژدانغا قۇساق تۇيامدىكەن؟
-بۇلدى سەن بىلەن تالاشقىم يۇق،
-ما گىپىڭ بۇلدى .ئەتە چارشەنبە سۇتقا بىرىپ باقامدۇق،
-نىمىگە بارمىز،
-سەن ئۇنتۇپ قالمىغانسەن؟
-نىمىنى؟
-مەن بىلەن ئاجراشماقچى ئەمەسمىتىڭ؟
- ۋوي كۈن قاياقتىن چىقتى بۈگۈن ؟سەن پەرھات بىردىغان پۇلنى كۇزدە تۇتۇپ شۇنداق داۋاتىسەن تۇغرىمۇ؟
-خاتىرجەم بۇل ،ئۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلۋالمايمەن ،تەڭ بۇلشىمىز ،قەيسەرنى ئۇيلىمىساق بۇلماس،
-ماقۇل ئۇنداقمۇ قىلارسەن، ئۇيدىكىلەرگە نىمە دەيسەن؟
-ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭغىمۇ بىر باھانە تىپىلىدۇ، سەن بىشىڭنى قاترۇپ كەتمىسەڭمۇ بۇلىدۇ،
-سىنىڭغۇ باھانەڭ جىق ،جىننى ئۇسسۇلغا سالدىغان ئاماللىرىڭ بىلەن ، باھانە تىپىلماسما  ساڭا،
- جىڭ گەپ قىلدىڭ ،  بىلسەڭلا بولدى .ئىرىڭغا ئىشەن،
ئەلى شۇنداق دەپ ،مۇبارەكنى قۇچاغلاپ ئىڭىكىنى كۇتۇرۇپ ئۇزىگە قاراتتى. مۇبارەك ئەلىنى سىلكىپ ئۇنىڭ باغرىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتى.
-يەنە جىنىڭ تۇتىۋاتامدا خۇتۇن، نىم بۇلدى؟
-ماڭا يىقىن يۇلغۇچى بۇلما ،تاتە مەينەت قۇلۇڭنى. مەن سىنىڭ ئۇيۇنچۇقۇڭ ئەمەس ،خالىساڭ ئىش پۇشقۇڭنى چىقىردىغان، خالىساڭ تاشلىۋىتىدىغان،
-مەن سىنى قاچان تاشلىۋىتىپتىمەن؟ سەن قەلبىمدە مەڭگۇ بىر ئابىدە جۇمۇ؟
-شۇنداقمۇ ؟بايلىق ئىلاھى دىگىنە!
-قانداققىسىگە ئۇنداق بۇلغىدەك؟
-خۇتۇنۇڭنى ئەرگە بىرىپ پۇل تاپاي دەۋاتىسەنغۇ؟
-مۇبارەك مىنىڭ چىشىمغا بۇشراق تىگىپ ،تۇلا جۇدۇنۇمنى ئۇرلەتمە،
-نىم بۇلدى. كۇمۇلۇپ قالغان ۋىژدانىڭ قۇداڭشىپ كىتىۋاتامدا؟
-جىق گەپ قىمماي كىيمىڭنى كىيە،
-نەگە؟
-تاماق يىگىلى چىقىمىز ،ئۇزۇن بۇپتۇ، ئىككىمىز بىللە سىرىتقا چىقىپ ياخشىراق تاماق يىمىگىلى ،ئايلانغاچ پاراڭلىشىپ كىلەمىز،
-تاماق يىيش ئۇچۇنمۇ ياسىنىپ -جاندۇنۇش كىتەمدا؟
-ئالماشتۇر دىگەندىكىن، ئالماشتۇرمامسە، چىرايلىقراق ياسانغىن ،ھەراس قەيسەرنى ئاپامنىڭ يىنىغا ئەكىرىپ قۇي،
-نىمىشقا ؟ئۇمۇ بىللە بارسۇن ،بىز بىلەن تاماق يەپ كەلسۇن،
-خاتىرجەم بۇل ئۇلارغىمۇ ئالغاچ كىلىمىز،
-ئەمىسە ياق،  سەن بۇرۇنقى ئۇيۇننى يەنە بىر قىتىم ئۇينىماقچىمۇ؟
-ئا...ئاي ، بىرە قىتىم بۇلسىمۇ ئىشنىپ باقە ئادەمگە،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ،ئەلى بىلەن بىللە بالىسىنى ئاپىسىنىڭ يىنىغا قۇيۇپ ماشىنىغا ئۇلتۇرۇپ ماڭدى.
مۇبارەك تاماقتىن  قايتىپ ئۇيگە كىلىپ سەل بىئارام بۇلدى .ئەلى ئاشخانىدا چاي دەملەپ يانچوقىدىن كىچىككىنە بىر بۇلاقنى چىقىرىپ پىيالىگە تۇكۇپ ،ئۇستىدىن چاي قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ ئەكىرىپ مۇبارەككە سۇندى.
-بۇنى ئىچە خۇتۇن ،چاي دارىسى سالدىم ،ئاشقازاندىكى يەلنى ھەيدەيدۇ،
مۇبارەك ئۇيلۇنۇپ تۇرۇپ كىتىپ، پىيالىنى قۇلىغا ئىلىپ چاينى گۇمان بىلەن ئىچىشكە باشلىدى .ئەلى
-سەن چىيىڭنى ئىچكەچ تۇر، مەن قەيسەرنى ياندۇرۇپ كىرەي،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي قۇلىدىكى پىيالە بىلەن بەنىت ئىدى .بۇ چاي ئۇنىڭغا شۇنداق تىتىپ كىتىۋاتاتتىكى .ئۇ ئۇمرىدە بۇنداق ئىچىشلىك چاينى ئىچىپ باقمىغاندەك ،
ئۇ چاينى ئىچىپ تۇگەتمەيلا ئۇنى ئاجايىپ بىر تاتلىق ئۇيقۇ باستى .ئۇ كۇزىنى شۇنچە ئاچسىمۇ كۇزلىرى ئۇزىگە بۇي سۇنماي ،ئاخىر كىرىسلۇدا قىڭغىيىپ ئۇلتۇرۇپلا ئۇخلاپ قالدى .ئۇنىڭ قۇلدىكى پىيالىمۇ ئىچىنىشلىق پاجىئە يۇز بىرىشنى ئالدىن بىلىپ ،كۇرۇشنى خالىمىغاندەك، يەرگە چۇشۇپ نەچچە پارچە بۇلۇپ چىقىلىپ كەتتى.
ئەلى پىيالىنىڭ يەرگە چۇشۇپ سۇنغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كەينىگە يىنىپ كىرىپ ئاللا كىملەرگىدۇ تىلفۇن قىلدى .يىرىم سائەتلەر ئۇتۇپ 25 ياشلاردىن سەل ھالقىغان ، ئىككى ئۇغۇل بىر قىز خەنزۇ، ئىشىكنى يىنىك چەكتى. ئەلى تىزلا چىقىپ ئۇلارغا ئىشىكنى ئىچىپ بىرىپ، خۇشنا ئۇيلەرگە خۇدۇكسىراپ قاراپ قۇيۇپ ،ئىشىكنى ياپتى.
كەلگەنلەر ئەلىگە ئاللا نىمىلەرنى دەپ، ئاۋۋال 500 كۇي نەق پۇلنى بىرىپ بۇلۇپ ،كىيىن ئۇي پۇلى دەپ ،80 تاما چەك دەپ 50 كۇي بەردى. ئەلى رازىمەنلىك بىلەن پۇلنى ئىلىپ ئۇلارغا خۇش دەپ چىقىپ ،كىتىشۋاقتىدا ئىشىكىنى ئىتىۋىتىشنى. ئۇنۇتماسلىقنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ ، ئۇيدىن  چىقىپ كەتتى.
ئەلى ئۇيدىن چىقىپلا يانفۇندا بىر قىزغا تىلفۇن بەردى.
-ياخشىمۇسىز ؟ئاق بۇزئات رىستۇرانىمۇ ؟خاپا بۇلماي مىھرىنىسانى چاقىرىپ قۇيسىڭىز ، مەن ئەلى،
قارشى تەرەپ بىرنىمىلەرنى دىدى. ئەلى
-ئىشلىرىم پۇتۇپمۇ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتىدۇ، نەدە كۇرشىمىز؟ سىنى ئالغىلى بارايمۇ؟ ئەمسە ھىلىقى مۇنچىنىڭ ئالدىدا سىنى ساقلاپ تۇراي ،تىزرەك چىقارسەن، ماقۇل خۇش.

ئەلى ئىشلىرىنى تۇگتۇپ ئۇيگە يىرىم كىچىدىن ئاشقاندا قايتىپ كەلدى.
ئۇ ئاۋۋال ياتاق ئۇيگە كىردى مۇبارەك كارۋاتتا  خۇدىنى بىلمەي ئۇخلاۋاتاتتى.
ئەلى مۇبارەككە قاراپ كۇلۇپ قۇيۇپ، مىھمانخانىغا چىقىپ بىر تال تاماكا چىكىپ ئۇلتۇرۇپ سەئىتىگە قاردى .سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى 3 دىگەن ساننى كۇرسىتىپ تۇراتتى .ئەلى نىمىنىدۇر ھىساپلاپ دەرھال ئۇرنىدىن تۇرۇپ ياتاق ئۇيگە قايتا كىرىپ يەرگە قالايمىقان تاشلاپ قۇيۇلغان تازلىق قەغىزى گاندۇن قاتارلىق ئىشلىتىپ بۇلۇنغان نەرسىلەرنى سۇپۇرۇپ ئىلىپ ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىدى ئاندىن مۇبارەكنىڭ ئۇچسىدا قالغان كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۇخلاش كىيمى كىيدۇردى ئۇزىمۇ چاندۇرماي كىيىملىرىنى سىلىپ كارۋاتقا چىقىپ مۇبارەكنىڭ يىنىدا يىتىپ ئۇيقۇغا كەتتى
تاڭ يۇرۇپ خىلى ۋاقىتتىن كىيىن ئەلىنىڭ تەرىتى قىستاپ ئۇيغاندى ئۇ ئىرىنچەكلىك بىلەن ئۇرنىدىن تۇرۇپ تېخىچە ئۇخلاۋاتقان مۇبارەككە قاراپ ئۇنى تۇرتۇپ ئۇيغۇتۇشقا باشلىدى
-تۇرە ھۇي ئۇخلا دىسە ئىشەككە ئۇخشاش كۇن چۇش بۇلغىنىنى بىلمەي ياتىدىغان نىمىكەن ماۋۇ تۇرە ئۇرنۇڭدىن
مۇبارەك كۇزلىرىنى تەستە ئىچىپ ئەلىگە قاراپ
-نىم بۇلدى ئەتتىگەندە نىمانداق سەت ۋاقىرايسەن
-قۇساق ئاچتى خىنىم
-نىم بۇلغاندىمەن ئۇزەمنى شۇنداق بىنۇرمال ھىس قىلۋاتىمەن پۇتۇن بەدىنىم ئاغرىپ كىتىپتۇ،
-تۇنۇگۇنكى تاماق ئىغىر كەلگەن ئۇخشايدۇ ئەجەپ ئۇخلاپ كەتتىڭ
- مەن نىم بۇلدۇم سەن قاچاننىڭ ياقى مىنىڭ ياتىغىمغا كىرۋالدىڭ قەيسەر قىنى
-ئاخشام قايتىپ كىلىپ قەيسەرنى ئەكىرەي دەپ چىقسام ئاپام ئۇنى ئۇخلۇتۇپ قۇيۇپتۇ قايتىپ كىرسەم سەنمۇ كىرىسلۇدا ئۇخلاپ قاپسەن ئۇيغاتمايلا كۇترۇپ ئەكىرىپ كىيمىڭنى ئالماشتۇرۇپ ياتقۇزۇپ قۇيدۇم قانداق ئىرىڭ ياخشىمىكەن ساڭا كۇينەمدىكەن خۇتۇن
-ئۇنچىلىك قىممىغىيتىڭ ئەمدى بىرە قىتىم قىلىپ قۇيغان ئىششىغا مىننەت قىلىپ كەتكىنىنى بالىنى ئەكىرمەمسە
-بۇلدى ئۇ ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ ھىلى بىللە چىقامىز ھازىر ئۇرنۇڭدىن تۇرۇپ ئاخشام ئەكەلگن نەرسىلەر نى ئىسىتقىنە ناشتا قىلايلى
مۇبارەك ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا چىقتى ئۇ نەرسىلەرنى ئىستىپ ئەكىرىپ بىللە ناشتا قىلدى ئۇلار تامىغىنى يەپ بۇلۇپ مۇبارەك چىنىلەرنى يۇيىۋىتىپ ئاشقان سۇڭەكلەرنى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلاش جاريانىدا ئۇنىڭ كۇزىگە ئىشلىتىپ تاشلىۋەتكەن گاندۇن چىلىقتى
-ئەلى بۇياققا چىقە
-نىم دەيسەن گىپىڭ بۇلسا كىرە ئۇزەڭ ئادەمنى ماڭدۇرماي
-چىق دىگەندىكىن چىقە
ئەلى ئىرىنچەكلىك بىلەن ئۇرنىدىن تۇرۇپ مۇبارەكنىڭ يىنىغا كىردى
-بۇنىمۇ
-نىمىكەن
-بۇ نەدىن كەلدى
-مەن نىم بىلەي
- ئۇيدە ئەزەلدىن بۇنداق نەرسە يۇقتىغۇ
-بۇنى مەن دىن سۇرساڭ مەن كىمدىن سۇرايمەن
-مەن تىخى سەندىن سۇرغىنى ئالمىدىم جۇمۇ ئۇغۇل بالا بۇلساڭ ماڭا راسچىللىق بىلەن جاۋاپ بەر
-نىمىگە جاۋاپ بىرمەن نىمانداق ئادەم چۇشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلسەن خۇتۇن
-ئاخشام ماڭا نىمە بەردىڭ
-نىم بىرىپتىمەن
-چايغا نىمە سالغان
-سەن ساراڭمۇ يا نىمە ساپتىمەن ئاشقازنىم ئاغرىدى دىگەنتىڭ چاي دارىسى سىلىپ چاي دەملەپ بەردىم يامان قىپتىمەنما
-مەن سىنى يامان قىلدى دىمىدىم گەپنى ئەپ قاچما مەندىن نىمىنى يۇشۇرۋاتىسەن راس گەپ قىل
-سەندىن نىمىنى يۇشۇرۇپتىمەن ئادەمگە نىمانداق قارا سۇركەيسەن
-ئەلى بىز ئەزەلدىن بۇنداق نەرسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان تۇغرىمۇ دىگىنە بۇ نەدىن كەلدى
-ئەمسە خاپا بۇلمايسەن ھە
-راس سۇزلىسەڭ خاپا بۇلمايمەن
-مۇنداق گەپ خۇتۇن نىمىلا دىگەن بىلەن سەن ماڭا قىز تەككەن شۇنداقمۇ بەزى ئىشلار تۇپەيلى ئارمىز يىراقلىشىپ كەتتى شۇڭا ساڭا بىۋاستە دىسەم سەن ئۇنمايتىڭ چايدارىسىغا ئازراق ئۇيقۇ دۇرىسى ئارلاشتۇرۋەتكەن بالىنىمۇ شۇڭا ئەپچىقمىغان سىنى سىغىندىم بىر ئۇيدە تۇرۇپ يۇرەك سۇزلىرىمنى ساڭا ئىيتالمىسام سىنى كۇرۇپ تۇرۇپ سىنى باغرىمغا باسالمىسام مەن نىمىگە ھىساپ شۇڭا سىنى ئۇخلۇتۇپ قۇيۇپ سەن بىلەن بىللە.........................
مۇبارەك ئەلىنىڭ ئاخىرقى سۇزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي ئۇنىڭغا چالۋاقاپ كەتتى
-سەن ئادەممۇ ئىشەكمۇ نىمىلا دىگەن بىلەن مەن سىنىڭ خۇتۇنۇڭغۇ...........
ئەلى ئارتۇق گەپ قىلماي چىرايىنى ئۇزگەرتىپ ئۇزىنى شۇنچە مىسكىن بىچچارە قىلىپ كۇرسىتىشكە تىرشتى مۇبارەكنىڭ تۇرۇپلا ئەلىگە ئىچى ئاغرىپ قالدى ئۇ ئەلىگە يەرتىگىدىن  قاراپ قۇيۇپ ئارتۇق گەپ قىلماي ئاشخانىغا كىرىپ سۇ ئىسىتىپ ئۇبۇرنىدا ئاۋۋال ئۇزى كىيىن ئەلىنى يۇيۇندۇرۇپ كىيىملىرىنى يۇتكىدى ئەلى قەيسەرنى ئەپكىلىش ئۇچۇن ئايشەم ئانىنىڭ مۇبارەك سەي ئەپكىلىش ئۇچۇن بازارغا ماڭدى
مۇبارەك سەيلىرىنى ئىلىپ يىنىشىدا شۇ بازاردا خىلى داڭقى  بار يەرلىك  ‹خىۋا› دەپ ئاتىلىدىغان بىرتۇپ باللارغا ئۇچرىدى ئۇلار مۇبارەكنى كۇرۇپلا ئەتراپىغا ئۇلۇشۇپ خەنزۇچە
-يەڭگە ياخشىمۇسىز ياردەملىشەيلىمۇ
-بۇلدى رەھمەت ياردەملەشكىدەك ئىش يۇق
-بۇلدى تۇزۇت قىلماڭ خىۋا ئاكىمىزنىڭ يۇزى
-ئەكىلىڭ بىز كۇتىرۇشۇپ بىرەيلى
-نىمانداق ئاز سەي ئالدىڭىز جىقراق ئىلىڭ
-سىزدە پۇل بۇلمىسا بىز دە بار
مۇبارەك بۇ كۇچا لۇكچەكلىرىنىڭ قۇلاق مىڭىسىنى يەپ كۇتۇلداپ ئارىغا ئىلۋىلىشىدىن جىلى بۇلۇپ ۋاقىردى
-يۇلۇمنى تۇسماي بىرىپ ئىششىڭلارنى قىلىڭلار مەندە نىمە ئىششىڭلاربار
ئارسىدا چالا مەسرەك بىرى
-ھىي  قارا بۇ ياخشىلقنى بۇلمەيدىغان نۇمۇسسىز نىڭ گىپىنى ئاكىمىزنىڭ يۇزنى قىلمىساق بىكاردىن ساڭا گەپ قىلىپ يۇرمەيمىز جۇمۇ ئۇزۇڭچە بىر كىچە خىۋانىڭ قۇينىدا يىتىپ جاھاندا مىنىڭچىلىك ئادەم يۇق دەپ قالدىڭما
تۇيۇقسىز ئىيتىلغان بۇسۇزدىن مۇبارەكنىڭ بىشىغا چاقماق چۇشكەندەك بۇلدى
-ھەي نىم دەۋاتىسەن..............
-نىم دەپتىمەن دىمىسىمۇ يالغانمىتى ئاخشام سەن ئۇيۇڭدە سىسىق ئۇسرۇپ ئۇخلاۋاتقاندا خىۋا ئاكام مەن مىنىڭ مابىتىم شاۋ بەي بىلەن سىنىڭ ئۇيۇڭگە كىرىپ ئىرىڭگە 650 كۇي بىرىپ سىنىڭ بىركىچىلىكىڭنى سىتىۋالغان  ئىرىڭ پۇلنى ئىلىپ سىنى بىزگە تاشلاپ بىرىپ ئاشنىسىنىڭ يىنغا كەتتى بىز ئىشنى تۇگتۇپ يىنىپ چىققان سەن تىخى بىلمەمسەن؟ ياكى  خىجىل بۇلۇپ قەستەنگە بىلمەسكە سېلىۋالدىڭمۇ گۇزلۇم ؟ئىشەنمىسەڭ ئىرىڭدىن سۇرا قانداق  ھا.....ھا....ھا....
-سەن.....سەن..... بۇ گىپىڭگە ئىگە بۇلالامسەن........
-نىمە مەن نىم بۇپتىمەن ئىگە بۇلماي نىم بۇپتىكەن دىمىسىمۇ راس تۇرسا........
مەسنىڭ گىپى تۇگمەيلا ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىگە تەككەن مۇش ئۇنى كەينىگە ئۇچرۇرۋەتتى
مۇبارەك نىم دىيىشىنى نىم قىلشىنى بىلمەي كۇز ياپرىغىدەك تىتىرەپ يامغۇردەك تۇكۇلۇپ يىغلاۋاتاتتى ئۇ نۇمۇستىن، ئىزادىن ،قەلبى ئۇرتەنسە، ئادەم قىلىپىدىن چىققان يالماۋۇز ئەلى، ئۇنىڭغا قاراپ قاقاقلاپ كۇلگەندەك تۇيلۇپ ،بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ شۇركىنەتتى. خىۋا مۇبارەكنىڭ يىنىغا كىلىپ،
-مۇبارەك ئۇ مەس بۇلۇپ قاپتۇ، بۇ گەپلەرنى كۇڭلۇڭگە ئالما ،
مۇبارەك خىۋاغا يىغىدىن قىزارغان بۇلاقتەك كۇزلىرى بىلەن  قاراپ،
-خىۋا ئاكا، سەن مىنى ياخشى بىلسەن ،مەن ئالدىڭدا چۇڭ بۇلغان ،ماڭا راس گەپ قىل ،سەندىن ئۇتنەي،
خىۋا مۇبارەككە قاراپ بىشىنى ماقۇل دىگەن مەنىدە لىڭشىتىپ قۇيۇپ،
-يۇر بۇ ئاشخاننى مەن بىلمەن خىلى ياخشى. بۇيەردە پاراڭلىشايلى .مەن ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ساڭا دەپ بىرەي،
مۇبارەك ياندىكى ئاشخانىغا بۇرۇلدى .خىۋا باللار نى تارقىتىۋىتىپ ئۇزىمۇ ئاشخانغا كىرىپ بىر ئايرىم خانغا ئۇرۇنلاشتى.
-مۇبارەك بىرە نەرسە يەمسەن؟
-ياق سۇزۇڭنى دىگىنە؟
-مۇبارەك مەن سىنى ئىزچىل ياخشى كۇرۇپ كەلگەن، سىنىڭ چۇڭ بۇلشۇڭنى تۇت كۇز بىلەن كۇتكەن ،مەن ،سەن ئۈچۈن ،مۇللاملارنىڭ قىشىغا بىرىپ ئىسلام دىنغىمۇ كىرگەن، ئەمما تەغدىر، سىنى ماڭا نىسىپ قىلمىدى. كىيىن باللار دىن بىلسەم ،ئىرىڭنى پۇلغا بەك ئامراق ، خۇتۇنغا تۇيمايدۇ دەپ ئاڭلىدىم ،چىكىپ باقاي دەپ ئىرىڭنى گەپكە سالسام ئۇ ،ئۇناپ قالدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە مەلۇم رىستۇراندا ئۇنىڭ قىز دۇستى بارئىكەن. بۇ نى نەچچە قىتىم باللارمۇ كۇرۇپتىكەن. ھازىر ئۇ قىز نىڭ بۇيدا بار ئىكەن. بالىنى ئالدۇراي دىسە پۇل يۇق ئىختىسادتىن قىيلىنىپ قاپتۇ ،ئاخشامقى تاماقنىمۇ مەن ئۇرۇنلاشتۇرغان ،كىيىن ئەلى ماڭا تىلفۇن قىلدى .كىرسەك سەن بىھۇش ئۇخلاۋىتىپسەن ، ساڭا چىقىلمىدىم ،ساڭا ئىچىم ئاغرىدى. يىنىڭدا ساڭا قاراپ ئۇلتۇرۇپ ئۇزەممۇ يىغلاپ كىتىپتىمەن ، سەن ئۇ ھالەتتە ياتساڭ ،مەن ئۇزەمنىڭ ھايۋانى نەپسىنى قاندۇرۇپ چىقىپ كەتسەم ،بۇ ئىنسانداچىلىققا تۇغرا كەلمەيدىكەن ،
-ئەمسە ھىلىقى گاندۇننى سەن ئەكىرگەنمۇ
-ھەئە ،دىدىمغۇ ساڭا چىقىلمىدىم ،ئەلى ئۇ، ھايۋان كەن ،ھايۋانمۇ ئۇز جۇرىسىگە بىرەسى چىقىلىمەن دىسە خىرىس قىلىدۇ، ھەي............
خىۋا چۇڭقۇر تىنىپ قۇيدى .مۇبارەك ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئىشىككە ماڭدى.
-ھەي مۇبارەك، ساڭا نەسھىتىم ،بۇ سۇلتەكتىن ئاجرىشىپ كەت ،ئۇ سىنى ھامىنى سىتىۋىتىدۇ، بىرە ئىشقا ھاجىتىڭ چۇشسە مىنى ئىزلە، قەسەم قىلمەنكى. سىنى سىڭلىم ئۇرنىدا كۇرۇپ ياردەم قىلمەن،
مۇبارەك غەزەپتىن، نۇمۇستىن ،يىرىلغۇدەك بۇلۇپ خىۋاغا جاۋاپمۇ بەرمەي ئاشخانىدىن چىقىپ ئۇددۇل ئۇيگە كەلدى .ئۇيدە ئەلى قەيسەرنى گەپكە سىلىپ ئۇلتۇراتتى. ئەلى مۇبارەكنىڭ كىرگىنىنى كۇرۇپ ئىتتىك ئۇرنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا كىلىپ قۇلىدىكى سەيگە قۇلىنى ئۇزاتتى .مۇبارەك ئەلىنى ئىتتىرۋىتىپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى،
ئەلى كەينىگە يىنىپ كىرىپ كىرىسلۇدا قايتا ئۇلتۇردى، قەيسەر ماشىنىسىنى سۇرەپ ياتاق ئۇيگە نىمىنىدۇر ئىزلەپ كىرىپ كەتتى، مۇبارەك ئاشخانا ئۇيدىن سەي تۇغرايدىغان چەيدۇنى ئىلىپ چىقىپ، ئەلىنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ ئۇنىڭ كۇزلىرىگە مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ،
-ھۇ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان مۇناپىق، ئەسلى سىنىڭ ئەجىلىڭ بۇرۇنلا تۇشقان، سىنى مۇرادىڭغا يەتكۇزەي،
-يەنە نىم بۇلدى؟ جىنىڭ تۇتتىما ساراڭ، نىمانداق ئۇڭ- تەتۇر گەپ قىلسەن ،ئەزرائىلدىن ماڭا خەت كەپتىما؟
- خەت بۇرۇنلا كەپ بولغان ،نىم بۇلغىنىنى ھازىر بىلسەن ............
مۇبارەك شۇنداق دەپلا قۇلىدىكى چەيدۇنى ئىگىز كۇتۇردى .ئۇنىڭ يۇغان كۇزلىرى قانغا تۇلۇپ، تىخىمۇ يۇغىناپ كەتكەن ئىدى. ئەلى بۇ قىتىم بۇ كۇزلەردىن ئۇزىگە رەھىم -شەپقەت تىلەشنىڭ ئۇرنىغا ئۇزىنى دالدىغا ئىلىشنى لايىق كۇرۇپ، ئۇرنىدىن تۇرۇپ مۇبارەكنى ئىتتىرۋەتمەكچى بۇلدى. ئەمما جاندىن تۇيغان، نۇمۇستىن يىرىلغىدەك بۇلغان مۇبارەك، ئەلىنىڭ جان يىرىگە كىلىشتۇرۇپ بىرنى تەپتى. ئەلى
-ۋايجان........ خۇتۇن نىمە قىلۋاتىسەن؟ ساراڭ بۇلدڭمۇ؟ ئۆزەڭنى بىسۋال! سەندىن ئۇتنەي ،مەن ئىزىپتىمەن ،مىنى كەچۇر مەن دەي.....
ئەلى يەردە تۇگۇلۇپ ئۇلتۇرۇپ خۇددى ئەسىرگە چۇشكەن ئەسكەردەك ، دەيدىغانغا گەپ، قىلدىغانغا قىلىق تاپالمايۋاتاتتى.
-ھۇ مۇناپىق پەس ،ئەمدى ئۇ گىپىڭنى .ئىككى قات ئاشناڭغا، ئىشەك بازىرىغا بىرىپ دەپ بەر،
مۇبارەك شۇنداق دىگىنىچە چەيدۇنى ئىگىز كۇترۇپ ئەلىگە قارتىپ چاپتى .ئەلىنىڭ
-ۋايجان..
دىگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ ،ئاپپاق كىرىسلۇ ياپقۇچقا چاچرىغان قىپ-قىزىل قان ئۇستەل ۋە يەرلەرنىمۇ ئۇخشاشلا قىزىل رەڭدە بۇيدى.
مۇبارەك ئۇزىنىڭ نىمىش قىلۋاتقىنىنى بىلمەيتى. ئۇنىڭ كاللىسىنى ئەلىگە بۇلغان غەزەپ-نەپرەت ئىگەللەپ ،خىيالىنى ئۇچ ئىلىشتىن ئىبارەت تىل بىلەن تەسۋىرلىگۇسىز ئازاپ چىرمىۋالغان،
ياتاق ئۇيدىن ماشىنىسىنى يىپقا باغلاپ سۇرەپ چىققان قەيسەر ،دادىسىنىڭ يەردە تىزىنى قۇچاغلاپ ئىڭراۋاتقان ،ئاپىسىنىڭ قانغا تۇلغان كۇزلىرى بىلەن چەيدۇ تۇتۇپ تۇرغان ھالىتىنى كۇرۇپ، قۇرقۇپ چىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
مۇبارەك شۇندىلا سەل ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ، قەيسەرگە قاردى. قەيسەر چۇچۇك تىللىرى بىلەن مۇبارەكنىڭ پۇتىغا مەھكەم يىپىشىپ،
-ئاپا ،جىنىم ئاپا ، يىم بۇدى شاڭا ،گەپ كىلە ،دادامنىڭ پۇتى قان بۇپتۇ ،جۇ دۇختۇيگا بىيىپ دادامنى پۇش ئىتەيلى.
مۇبارەك قەيسەرنىڭ نىم دىمەكچى بۇلغىنىنى چۇشەندى. ئۇ قۇلىدىكى چەيدۇنى بىريانغا چۇرىۋىتىپ ،بىشىدىكى ياغلىقنى ئالدى. ھەم قاننى تۇختۇتۇش ئۇچۇن، ئەلىنىڭ قان تەپچىرەپ تۇرغان يارسىغا ئازراق ئۇن سىپپ پۇتىنى ياخشىلاپ تاڭدى .ئەلى ئۇنسىز مۇبارەكنىڭ چىرايىغا، ئۇنىڭ قىلۋاتقان ھەركىتىگە قاراپ تۇراتتى .ئۇ خۇددى مۇبارەكنى تۇنجى قىتىم كۇرۋاتقاندەك ،نىم دىيىشىنى .نىم قىلشىنى بىلمەيتى .مۇبارەكمۇ بىر ئىغىز زۇۋان سۇرمەي، قەيسەرنى كۇتەرگەن پىتى ئۇيدىن چىقتى.
مۇبارەك تاكسىغا چىققاندىلا نەگە بىرىش كىرەك دىگەننى ئۇيلاشتى .
ئۇ ئاۋۋال كىچىك ئاچىسى مەرھابانىڭ ئۇيگە بىرىپ ،نەچچە كۇن پاناھلىنىشنى ئۇيلاپ شۇپۇرغا ئاچىسىنىڭ ئۇينىڭ ئادرىسىنى ئىيتىپ بەردى.
كەچ كىرەي دەپ قالغان ،ئاسمان كىشىنىڭ تىنى شۇركەنگىدەك دەرىجىدە قاپ-قارا ،خۇددى مۇبارەكنىڭ مىسكىن كۇڭلىدەك بۇلۇتلۇق، مۇبارەك ئاچىسىنىڭ ئۇيگە ئازقالغاندا ئاسمان بۇ گۇناھكار زىمىننى يۇيۇپ تازلىماقچى بۇلغاندەك يامغۇر چىلەكلەپ قۇيۋەتتى.
مۇبارەك يامغۇرغا قاراپ خىيال سۇرەتتى. ‹ئاھ خۇدا ،مەندەك بىر گۇناغا پاتقان، بەخىتسىز بەندەڭنى ،خۇددى مۇشۇ يامغۇر سۇيدەك ئىقىتىپ كەتسەڭ نىم بۇلا، مۇشۇ زۇلمەتلىك دۇنيادىن، ئەبەدى خۇشلاشسام ،بۇ مەينەتچىلىك، رەزىللىك بىلەن تۇلغان زىمىندىن مەڭگۇ ۋىدالاشسام........›
مۇبارەكنىڭ خىياللىرى تۇگمەي تۇرۇپلا ،شۇپۇرنىڭ ‹كەلدۇق› دىگەن بۇم ئاۋازى مۇبارەكنىڭ خىياللىرىنى بۇلدى.
مۇبارەك  يىنىغا پۇل سالمىغاچ، ماشىنىدىن چۇشۇپ مەرھابادىن پۇل ئىلىپ چىقىپ شۇپۇرغا بەردى .مۇبارەكنىڭ ئۇسال چىرايىنى كۇرگەن مەرھابا،
ھەي نىم بۇلدى ساڭا، سۇغا چۇشكەن مۇشۇكتەك بۇلۇپ كىتىپسەنغۇ ؟يەنە سۇقۇشۇپ قالدىڭما؟
مۇبارەك ئۇنچىقارماي ئاچىسىنىڭ بۇينىغا گىرە سىلىپ ئاۋازىنى قۇيۋىتىپ يىغلاپ كەتتى.
-بۇلدى يىغلىما ،زادى نىم بۇلدى دىگىنە؟
-ھىچ....ھىچنىمە...سۇرىما..بۇنداق كۇننى كۇرگىچە ئۇلۇپلا كەتسەم بۇلماسمىدى.
مۇبارەك ھەممە دەردىنى بىرلا قىتىم يىغلاپ تۇگىتىدىغاندەك ،ناھايىتى ئۇزۇن ،ئىچىنىشلىق يىغلىدى.
مەرھابانىڭ قىينى ئاپىسى بىلەن ئىشكى ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل بۇلغاچ چىڭراق يۇتەلسىمۇ بۇ ئۇيگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى .مۇماي ئۇيدىكى يىغا- زارنى ئاڭلاپ يۇگۇرۇپ دىگۇدەك چىقىپ ،
-قىزىم نىم بۇلدى ؟يەنە بىرە پىشكەللىك بۇلمىغاندۇ؟
مەرھابا مۇمايغا قاراپ،
-يەنە شۇ ئەلى دىگەن قاريۇز بىرە بالا تىرىغان گەپ، بۇ ئىچى كۇچلۇك قىز دىگىلى ئۇنمايۋاتىدۇ ،بۇلدى ئاپا، سىلى كىرىپ ئۇخلاۋەرسىلە ،بىر دەمگىچە ئۇڭشۇلۇپ قالدۇ،
-بالام، ئۇيدە يا ئۇنداق ،يا مۇنداق، ئۇرۇش- جىدەل بۇلۇپ تۇردۇ ،كۇڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئىچىڭىز نى پۇشۇرماي يۇرۇڭ ،بىزنىڭكىگە چىقىپ تىلۋىزۇر كۇرەيلى .كەپ قالسا ئۇبدان نىسھەت قىلىپ قۇشۇپ قۇيمىز ،ئەنسىرمەڭ ،ياش باللا، ياخشى ياماننى ئاسان پەرىق قىلالمايدۇ ،ئاللا كۇڭلىگە ئىنساپ بەرسە، ئۇڭشۇلۇپمۇ قالا ،ھەييييييي خۇدايىم ،قىزبالىنىڭ چىرايىنى بەرگەن بىلەن ،تەلىيىنى بەرمىسە بىكار، مىنىڭمۇ تۇي قىلمىغان يەنە ئىككى قىزىم بار ،خۇدا شۇنداق كۇنلەردىن ئامان قىلغايسەن ،كىچىككىنە تۇرۇپ نىمە كەلگۇلۇك بۇ ئەمدى سىزگە ،تۇۋا دىمىسە بىكار جۇمۇ ،ھەي بىچچارە ،خۇتۇن كىشى دىگەن ئاشۇنداق جاپاغا يارتىلغان ئىكەنمىز بالام ،ئاللا سىز نىڭمۇ بەختىڭىز نى بىرە،
مۇماي مۇبارەككە بىرمۇنچە تەسەللى سۇزلىرىنى قىلىپ، مەرھابا بىلەن بىللە، مۇبارەكنى ئۇز ئۇيگە  ئەپ چىقىپ كەتتى.
مۇبارەكنىڭ بۇلغان ئىشلارنى ئاچىسىغا دەپ ،تازا بىر ئىچىنى بۇشتۇپ يىغلىۋالغۇسى باتتى .ئەمما ئۇ تۇرۇپلا بۇ خىيالىدىن يالتىيىپ قالدى.
دىمىسىمۇ مارھابانىڭمۇ تۇرمۇش قىتىنچىلىغى خىلى بار، ئۇزىنىڭ دەردىنى تارتالمايۋاتسا ،ئۇنۇڭغا دەت تۇكۇپ، ئۇنىڭمۇ ئىچىنى ئاچچىق قىلسۇنمۇ ،ياق، بۇ ئىشلار نى ئۇ قانداق دەيدۇ ،ئاچىسىغۇ تۇغرا چۇشنە ،ئەمما ئۇنىڭ قىينى سىڭىللىرىچۇ ؟قىينى ئاپىسى ،قىيىن ئىنىلىرىچۇ ؟بەس مۇبارەك ،بۇ دەتلەر ئۇزەڭ بىلەنلا كەتسۇن ،بۇ مەڭگۇلۇك سىر ، سىر پىتى قىلىۋەرسۇن،
مۇبارەك مەرھابا قۇيغان چاينى ئەمدى ئىككى ئۇتلىشىغا، ئىشىك يىنىك چىكىلدى .مەرھابا مۇبارەككە بىر قارۋىتىپ ،ئىشىكنىڭ يۇچۇغىدىن مارلاپ قاردى .ئىشىك تۇۋىدە ئۇستى بىشى چىلىق -چىلىق ھۇل بۇلۇپ كەتكەن ئەلى .دۇگدەرەپ تۇراتتى. مەرھابا كەينىگە يىنىپ كىرىپ مۇبارەكنى يان تەرەپتىكى ئۇيگە يۇشۇرنۇشقا شەرەتلەپ قۇيدى. مۇبارەك قەيسەرنى سۇرەشتۇرۇپ ياندىكى ئۇيگە يۇشۇرنۇپ بۇلغاندىن كىيىن ،مەرھابا ئىشىكنى ئاچتى .ئەلى سالام بىلەن ئىشىكتىن تۇلكىدەك ھىجىيىپ كىرىپ، ئۇيدىكىلەر بىلەن تىشلىق سۇراشقاندىن كىيىن ،ئۇينىڭ ھەممە يەرلىرىگە قاراپ ،مۇبارەكنى ئىزلىدى. ئۇنىڭ كۇزى قەيسەرنىڭ يىپقا باغلاپ سۇرەپ ئۇينايدىغان ماشىنىسىنىڭ ئۇستە ئۇستىدە تۇرغىنىنى كۇرۇپ ،كۇڭلى سەل ئارامىغا چۇشكەندەك بۇلۇپ، مەرھابا تەرەپكە بۇرۇلۇپ سۇرىدى.
-ئاچا مۇبارەك بۇيەرگە كەلدىما؟
مەرھابا چىرايىنى ئۇزگەرمەيلا ،
-ياق، نىم بۇلدى. يەنە ئۇرۇشتۇڭلارما؟
-ياقەي، مۇنداقلا چاقچاق قىلىپ قۇيسام ،ئېغىر ئىلىپ كەتتىمۇ ،بالنى ئىلىپ چىقىپ كىتىپتۇ،
-سىز تىخى مۇنداقلا چاقچاق قىلامسىز ؟مەن سىز نى بىلمەمدىم؟
-ۋاي ئىشەنمىسڭىز ئۇزىدىن سۇراڭ،
-بۇلمىسا كىمدىن سۇرايمەن،
-ئەمسە ئۇغلۇمنىڭ بۇماشنىسى ئۇزى كەپقاپتۇدە؟
-ھۇيتتت  غۇجام ،سىز نىڭ بالڭىزغا ساتقاننى. ماگزىندا باشقا ئادەمگە ساتمامدىكەن؟
-بۇ ماشىننىڭ يىپىنى مەن باغلاپ بەرگەن ،يىپىدىنمۇ تۇنماسمەنمۇ ؟بۇلدى قىلڭە ئاچا،
-گىپىڭىز ئەجەپ چىرايلىقكەن ھە.......،
مۇماي مارھابا نى گەپ قىلما، دىگەندەك ئىشارەت قىلىپ قۇيۇپ،
-بالام ئەلى، سىزمۇ مىنىڭ ئۇز بالامدەك ،ئاراڭلاردا نىمە ئىش بۇلغىنى ئۇزەڭلارغا ئايان ،نىمىلىكەن بۇلسا بىر بالاڭلار بار ،سىلە ركىچىك بالا ئەمەس، بىچچارە قۇداممۇ سىلەر نى دەپ، تۇققانلارغا يامان ئاتلىق بۇلۇپ قالدى. ئۇزەڭلارنى ئايمىساڭلارمۇ ،شۇ ئايالنى ئايساڭلار بۇلاتتى .ئۇچقان ئادەم ،چۇشۇشنىمۇ ئۇيلاش كىرەك بالام، يەنىمۇ ئارتۇق گەپ قىلاي دىسەم ،تۇرمۇشۇڭلارغا ئارلاشقاندەك بۇلۇپ قالمەن ،مۇمكىن بۇلسا چىرايلىق ئۇتۇپ كىتىڭلار ،مۇبارەكنىڭ قۇدامنىڭ ئۇيگە بارماي بۇيەرگە كىلشىدىمۇ مەلۇم سەۋەپ بار، بۇنىسى بىر ئاللاغا ئايان، ئايال كىشى ئاجىز كىلىدۇ ،خارلاۋەرسەكمۇ ئاللا راۋا كۇرمەيدۇ،
مۇماي سۇزلەپ شۇيەرگە كەلگەندە قاتتىق يۇتۇلۇپ كەتتى .ئەلى خۇددى مۇڭلۇق قىرائەت ئاڭلاۋاتقان ئىتائەتمەن تالىپتەك، مۇماينىڭ ھەر-بىر سۇزىنى بىشىنى لىڭشىتىپ، تەستىقلاپ ،پۇتۇن دىققىتى بىلەن ئاڭلاپ ئۇلتۇراتتى .مۇماي يۇتەلدىن تۇختاپ يان ئىشىككە قاراپ،
-مۇبارەك، بۇياققا چىقىڭ قىزىم،
مۇبارەك تۇلىمۇ تەستە ،ئىغىر قەدەملىرىنى يۇتكەپ ،خۇددى بىرى. ئۇنى مەجبۇرى بۇينىدىن باغلاپ سۇرەۋاتقاندەك، بالسىنى يىتىلگىنىچە چىقتى. مۇماي
-نىمىلا دىگەن بىلەن ،ئىككىڭلار بىر ئۇينىڭ مۇرىسىدىن تۇتۇن چىقىرىپ، بىر ئۇينىڭ ئاش- تۇزنى تەڭ يەپ ،جاپاسىنى تارتىپ ،شۇنچە يىل بىللە ئۇتتۇڭلار ،ئەمدى بالاڭلار چۇڭ بۇلۋاتقاندا ،دۇس- دۇشمەنلەرگە ئۇيۇن قۇيۇپ بەرسەڭلار ،مەھەللە -كۇي ئىچىدە سەت ئەمەسمۇ  ؟قىزىم سىز مۇ گەپ چۇشنىسىز، خىلى گەپ يەيسىز ،شۇ بىچچارە قۇدامنى ئاياپ، مۇشۇ نارىسىدە ئۇچۇن بۇلسىمۇ ،چىرايلىق ئەپلىشىپ قىلىڭلار بالام،
ئەلى مۇبارەككە يەر تىگىدىن قاراپ قۇيدى. غەزىپى تىشىپ سۇزلىيەلمەي تۇرغان مۇبارەك بىراقلا پارتىلدى.
-ئاپا دىگەنلىرى تۇغرا ،ئەمما مەن ئۇنىڭغا نەچچە قىتىم يۇل قۇيدۇم ،لىكىن ئۇ قىلغاننى بىلمىدى .مەنمۇ ئادەمغۇ ؟مىنى ئۇ نەچچە پۇلغا سىتىۋاپتىكەن؟ تەگدىم دەپ قۇيغان گۇناغا ،ئادەمنى شۇنداق بۇزەك ئەتسە بۇلامدا ؟مىنىڭدە ئالامىغان نىمە ئۇچى بار بۇنىڭ ؟مەن يا بۇنىڭ ئارپىسىنى خام ئۇرۇپتىمەنما.............؟
مۇبارەك يەنە نىمىلارنى دىمەكچى بۇلدىيۇ ،كۇزلىرىگە ياماشقان يىغا بىلەن بۇرنى ئىچىشىپ گەپ قىلالماي يىغلاپ كەتتى.
-بۇلدى قىزىم ،ئەلى ئۇچۇنمۇ مەن ناماقۇل ،مىنىڭ يۇزۇمنى قىلىپ بۇلسىمۇ بۇ قىتىم قايتىپ كىتىڭ ،ئەلىگىمۇ گەپ قىلدۇق ،ئەمدى يەنە سىزنى بۇزەك قىلسا بىز مۇقاراپ تۇرمايمىز،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلمىدى .ئۇ، ئىچىدىكى دەتلىرىنى شۇ پىتى ئىلىپ كەتمەكچى بۇلدى.
-جۇرۇ خۇتۇن، مەنمۇ خاتا قىپتىمەن، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلماي ،قەيسەرنى ئەگەشتۇرۇپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
مۇبارەك ئۇيدىن چىققاندا يامغۇر ئاللاقاچان تۇختاپ بۇلغان ،
ئەلى قەيسەرنى كۇترىۋالدى. ئەمما ئۇ ئاخساپ ھىچ تۇزۇك ماڭالمايتى. مۇبارەك ئەلىنىڭ قۇلدىن قەيسەرنى يۇلۇپ ئالدى.
مۇبارەك ئائىللكلەر قۇراسىدىن چۇڭ يۇلغا چىقىپ ماشىنا تۇسماقچى بۇلدى .ئەلى مۇبارەكنىڭ كەينىدىن دىڭگۇسلاپ كىلىپ،
-نىمانچە ئىتتىك ماڭسەن ؟يىتىش بۇلالمايلا قالدىم، ئالدىرمايراق ماڭە،
-ماڭا گەپ قىلغۇچى بۇلما ،سىنى كۇرە كۇزۇم يۇق،
-تىخىچە ئاچچىغىڭ يانمىدىما؟
مۇبارەك ئۇن چىقارمىدى .چۇنكى يامغۇردا قىلىپ ماشىنا تۇسۋاتقانلار خىلى جىق بۇلۇپ ،چاققانراق بۇلمىسا كۇزيامغۇرنىڭ سۇغى قەيسەرگە ئۇتۇپ قالاتتى.
ئۇلار تاكسىغا چىقىپ يانمۇ -يان ئۇلتۇرۇشتى. شۇپۇر ئۇلارنىڭ نەگە باردىغىنىنى سۇرىغاندا ئەلى ئىتتىكلا جاۋاپ بەردى.
مۇبارەك ئۇيگە كىرىپ رۇھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك كىرىسلۇغا ئۇزىنى تاشلاپ ئۇلتۇردى. قەيسەر تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى .ئەلى يانچۇقىدىن تاماكا چىقىرىپ چىكىشكە باشلىدى.
مۇبارەك بۇ ئىغىر سۇكۇتتىن بىرە شۇملۇقنى سەزگەندەك، ئاردىكى جىملىقنى بۇزدى.
-ئەلى ئىيتە ،مەن ئالدىڭدا بىرە ئىشنى خاتا قىلدىممۇ ؟ياكى مەندە ئالالمىغان ئۇچۇڭ بارمۇ ؟مىنى نىمانچە بۇزەك قىلسەن؟ سەن خۇدادىن قۇقمامسەن؟ بەندىدىن ئۇيالمامسەن؟ بۇ ئالەم بىزگە بەخشەندىما؟ كىچىككىنە راھەت، كۇڭۇل خۇشلىقى. بايلىق ئۇچۇن، بىرمەزلۇمەنى شۇنداق قىينىساڭ ئاللا راۋا كۇرەمدۇ...........؟
مۇبارەك سۇزىنى داۋاملاشتۇرالماي. كۇزىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن يىغا لەشكىرىنى تۇسۇپ قىلىشقا ئامالسىز قالدى. ئۇ، يۇرگىنىڭ چۇڭقۇرقاتلاملىرىدىن ئۇخچۇپ چىقىۋاتقان ئەلەملىك ياشلىرىنى سۇرتۇپ ئۇلگۇرمەيتى .ئۇنىڭ بۇلاقتەك خۇمار كۇزلىرىدىن چىققان مەرۋايىتلار ،يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك تۇكۇلەتتى.
ئەلى ئىغىر سۇكۇت ،پۇشايمان، ئەلەم ،قاپلىغان كۇزلىرىنى مۇبارەككە تىكىپ،
-مىنى كەچۇر دىيىشكە ئاغزىم بارمايدۇ ،بۇگۇن نىمە گىپىڭ بۇلسا دەۋال...،
ئەلىمۇ شۇ گەپلەرنى ئاران ئىيتالىدى .ئۇنىڭمۇ بۇرنىنىڭ ئۇچى ئىچىشىپ ،ئاغزىغا بىرنىمە كەپلىشىپ قالغاندەك، زۇۋانى چىقماي ،ئاۋازى ئۇزگىرىپ، تىتىرەپ چىكەتتى.
مۇبارەك كىرىسلۇنىڭ يۇلەنچىكىگە ئارتىپ قۇيغان لۇڭگىنى ئىلىپ ياشلىرىنى سۇرتۇپ تۇرۇپ سۇزىنى داۋاملاشتۇردى،
-بىر ئانا، بىر قىزنى تۇغۇپ، ئۇنىڭ جاپاسىنى تارتىپ ،بىقىپ چۇڭ قىلىپ، بىرە ئىشقا يارغىدەك بۇلغاندا ،ئەمدى يەمەن، ئەمدى كىيەمەن ،ئەمدى ئىچەمەن ،ئەمدى ئۇينامەن دەپ ،جاپادىن قۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرسا، بىرلىرى كىلىپلا ئۇقىزنى نىكالاپ ئالدىكەن، ئالغان تۇيلۇقنىڭ تاينى يۇق، بىر ئىغىز تەگدىم دىگەن گۇناغا ،قىزنى شۇ ئانىنىڭ يۇرەك پارىسىنى. يەنى ئۇزىنىڭ ئىككى دۇنيالىق ھالال جۇپتى بۇلغان ئايالىنى .خالىغانچە دەپسەندە ،ئاياغ -ئاستى قىلىپ خۇرلاپ، ئازاپلاپ، ئۇرۇپ -دۇمبالاپ مىجىقىنى چىقىرۋىتىدىكەن ،يەنە شۇ ئايال بۇلغۇچى .كىريۇيۇش ،تاماق ئىتىش، ئۇي تازلاش، بالا تۇغۇش ،ئۇنى بىقىپ قاتارغا قۇشۇش، ئىرىنى كۇتۇش ،خىزمەت قىلىش ،دىگەندەك ئىشلارغا ئۇزىنى ئاتاپ ،ئائىلنىڭ يۇكىنى يەڭگىللىتىپ ،ئىرىنىڭ ئازاپلىرىنى تەڭ تارتىدىكەن ،يەنە شۇنداقتىمۇ ،ئەر تەرەپنىڭ تۇققانلىرىنى رازى قىلماق تۇلىمۇ مۇشكۇل -قىيىن ئىكەن ،ئاتا بۇلماق سىلەرگە تەس بۇلغىنىدەك، ئانا بۇلماقمۇ بىزگە ئاسان ئەمەس، خۇدايىم تۇۋا، ئاللانىڭ قاغىشىغا كەتكەن ،ئاللا سۇل كۇزىدە قارغان ئىنسان ،قىز بۇلۇپ تۇغۇلىدىكەن ،ئاپامنىڭ كۇكسىنى قاتتىق چىشلەپ سالغان بۇلغىيمىتىم، مىنىڭ تارتقان كۇنلىرىم ئازدەك ،بۇ قىسمەتلەرگە ئانا بۇلغىچىنىمۇ سۇرەپ كىردىكەنمىز ،ئاھ خۇدا ،دۇنيادا ئايال بۇلۇش نىمانچە تەس.........؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!
مۇبارەك ئۇكسۇپ-ئۇكسۇپ يىغلايتى .ئۇنىڭ ناللىرىدىن پۇتۇن دۇنيا تەۋرەنگەندەك، دۇنيا لەرزىگە كەلگەندەك ،باياتىن تۇختاپ قالغان يامغۇر، قايتىدىن، دەھشەتلىك چاقماق بىلەن، يەنە قۇيۋەتتى.
مۇبارەك بالكۇنغا چىقىپ دەرىزىنى ئىچىپ يۇزىنى يامغۇرغا تۇتۇپ تۇردى. ئاسماندىن تاراسلاپ چۇشۋاتقان يامغۇر مۇبارەكنىڭ كۇزيىشى بىلەن بىللە يۇغۇرلۇپ ،يۇزلىرىنى يۇيۇپ، بۇيۇنلىرىنى سۇيۇپ ئۇتۇپ، كىيىملىرىگە قاراپ ئاقاتتى.
ئەلى ئۇرنىدىن تۇرۇپ ياتاق ئۇيدىن كچىككىنە بىر ئەدىيالنى ئىلىپ چىقىپ ،مۇبارەككە ئۇراپ ئۇنى ئاستا ئۇزىگە باغرىغا تاتتى. مۇبارەك باشتا ئەلىنى سىلكىپ قۇلنى ئىتتىرۋەتتى .ئەمما ئەلىنىڭ كۇچلۇك بىلەكلىرىنىڭ كۇچەپ تارتىشى بىلەن، مۇبارەكمۇ ئارتۇق قارشىلىق قىلماي، ئەلىنىڭ مەيدىسىگە بىشىنى قۇيۇپ ھۇڭرەپ يىغلاپ كەتتى .
ئەلى مۇبارەكنىڭ ھۇل بۇلۇپ كەتكەن چىچىنى سىلاپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرەتتى.
-يىغلا خۇتۇن ،پۇتۇن ئاۋازىڭنى قۇيۋىتىپ يىغلا، شۇندىلا ئىچىڭدىكى پىغانلىرىڭ يىغاڭ بىلەن چىقىپ، يىنىكلەپ قالسەن،
مۇبارەك خىلى ئۇزۇن يىغلاپ بىشىنىڭ زىڭىلداپ ئاغرىۋاتقىنىنى سىزىپ ،كەينىگە ئۇرلۇپ مىھمانخانىغا يىنىپ كىرىپ كىرىسلۇدا ئۇلتۇردى .ئەلى دىڭگۇسلاپ يۇرۇپ ئاشخانىدىن چاي دەملەپ كىردى .ئاندىن ئۇنى پىيالىلەرگە قۇيۇپ مۇبارەكنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قۇيدى. مۇبارەك قۇلىغا پىيالىنى ئىلىپ لىۋىگە تەككۇزۇپ بۇلۇپ ئەلىگگە گۇمان بىلەن لاپپىدە بىر قارۋىتىپ پىيالىنى يەنە جايىغا قۇيۇپ قۇيدى .
ئەلى مۇبارەكنىڭ مەخسىدىنى چۇشەنگەندەك بۇلۇپ، پىيالىنى قۇلىغا ئىلىپ چاينى بىرئاز پۇۋلەپ سۇۋۇتقاندىن كىيىن ،ئۇزى ئىككى ئۇتلاپ مۇبارەككە بەردى .مۇبارەك شۇندىلا خاتىرجەم چاينى ئىچىشكە باشلىدى .مۇبارەكنىڭ ھەركىتىنى كۇزتۇپ تۇرغان ئەلى مۇبارەككە قاراپ كۇلۇپ كەتتى.
- نىم بۇلدۇڭ؟ نىمە سەت ھىجىيىسەن ؟كۇلگىدەك نىمىش بۇلدى؟
-قىززىق خۇتۇندە سەن، نىمە بۇ چاينى ئىچمەي ماڭا غەلىتە قارايسەن ؟مەن ئىچكەندىن كىيىن ئاندىن ئىچتىڭغۇ؟
-ئۇزەڭ شۇنداق گۇمانلىق ئىشلارنى تۇلا قىلىپ ،ھەممە ئادەمنى گۇمانخۇرقىلىپ قۇيدۇڭ،
-بۇلدى بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى .قۇساق قانداق؟
-بىرنىمە يىگىم يۇق، بۇلدى. ھە راس ئاچاملارنىڭكىگە قانداق بىرىپ قالدىڭ؟ مىنىڭ ئۇ يەردىلىگىمنى ساڭا كىم دىدى؟
-بىرەسى دىمىدى. ئۇزەم پەرەز قىلىپ چىقتىم،
-سەن شۇنچە ئەقىللىقما؟
-تىخىچە بىلەمسە ئىرىڭنىڭ ئەقىللىقلىغىنى؟
-بىلمەن ،سىنىڭ كاللاڭ ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن رەزىل ئىشلار ئۇچۇن بەك ئىشلەيدۇ،
-يەنە شۇ گەپمۇ؟ تەگىسەڭ تىرىق بۇلار، تەگىمىسەڭ ئىرىق دەپتىكەن، كۇنا خاماننى سۇرىۋەرمىگىنە ،بۇغدىيى چىقمايدۇ،
-ئەمسە راس گەپ قىلە؟
-شۇ ئاپامنىڭ يىنىغا كىرسەم ئۇزى يالغۇزكەن ،سىنى سۇرغانتى ئۇيدە قالدى دەپ قۇيدۇم ،كىيىن شۇ يەردىن ماشنا تۇساپلا ئاچاڭنىڭكىگە، قارسىغا بارغان ،قەيسەرنىڭ ماشنىسىنى كۇرۇپ قىلىپ سىنىڭ شۇيەردە ئىكەنلىگىڭنى جەزىملەشتۇردۇم ،كىيىن بىللە يىنىپ كەلدۇق شۇ، ئۇندىن باشقا نەگىمۇ بارالايتىڭ؟
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئەمما ئەلى.
-خۇتۇن، بەك قارامكەنسەن جۇمۇ ،سىنى بۇنداق جۇرئەتلىك ،دەپ ئۇيلىماپتىكەنمەن، شۇنچە باغرى يۇمشاق ئادەممۇ، گىزى كەلسە يۇلۋاسقا ئايلىنىپ قالدىكەن، سەندىن قۇرقسام بۇلغىدەك،
-شۇنداقمۇ؟ زىققىمۇ كاۋاپنى ئۇتكۇزىۋەرسە تۇشۇپ قالدۇ، ئىگىزچىقسام دۇڭ دىمەڭ ،گەپ قىلمىسام مۇڭ دىمەڭ ،دىگەننى ئاڭلىمىغانمۇ سەن؟
-ئىشقىلىپ بەك قارامكەنسەن، ماڭا ئىچىڭمۇ ئاغرىمىدى،
-سەن قايسى ئىچ ئاغرىتىشنىڭ گىپىنى قىلۋاتىسەن، سىنىڭ قىلغانلىرىڭغا سىنى قىيما-چىيما قىلۋەتسەممۇ ئازلىق قىلدۇ ،قىلغانلىرىڭنى بىر-مۇ بىر ئۇبدان ئۇيلاپ باقە،
-نىمە ؟مىنى قىيما قىلىپ مانتا تۇگۇپ بازارغا ئەپچىقىپ ساتاي دىگەنما؟
-ۋىييەي ،كىم ئالدۇ سەندەك ئىچى تىشى ھىلە-مىكىر بىلەن تۇشۇپ كەتكەن نىمىنىڭ گۇشىدە قىلغان مانتىنى. گۇشۇڭنىڭ ئىچىدىنمۇ ھىلە-مىكىر چىقار ھەقاچان، يىگىلىمۇ بۇلامدۇ سىنىڭ گۇشۇڭنى. ئاچچىق-سىسىق پۇراپمۇ كەتكەندۇ؟
ئەلى بۇ چاقچاقتىن ھۇزۇرلۇنۇپ كۇلدى. مۇبارەكمۇ قىستاپ كەلگەن كۇلكىسىنى بىسىۋىلىپ يانغا قارۋالدى.
-بۇلدى. نازلىنىپ يانغا قاراپ ئۇغۇرلۇقچە كۇلمەي ،ئۇچۇق-ئاشكارە ئەركىن كۇلگىن،
-دۇستۇڭ قاغا بۇلسا يىيىشىڭ پۇق، دەپ مەنمۇ سەندىن ئۇگەنگەن ئۇخشايمەن ،ئۇغۇرلۇقچە ئىش قىلىشنى.
ئەلىنىڭ قۇل تىلفۇنى  ‹ئۆزۋاقتىدا پەرھات بەرگەن ›سايراپ گەپنىڭ بىلگە تەپتى. ئەلى تىلفۇنغا بىر قارۋىتىپ ئالاقزادىلىك بىلەن تىلفۇننى بىسۋەتتى.
-نىمە ئالماي بىسۋىتىسەن ؟كىمدىن كەپتۇ؟
-ئالمايدىغان تىلفۇن كەن ،دۇستۇمدىن كەپتۇ،
-مەن بىلمەيدىغان، مەندىن يۇشۇردىغان قايسى دۇستۇڭكەن ئۇ؟
-سەن تۇنمايسەن ،بۇلدى قىلە ،سۇراۋەرمەي، سەنمۇ بىر ئىشنى بىلمىسەڭ ياخشى، بىلسەڭ يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۇراپ ئادەمنى ئاۋارا قىلدىكەنسەن،
مۇبارەكنىڭ ئەمدى قىلدىغان باشقا گىپى قالماي ئۇرنىدىن تۇردى.
-نەگگە بارسەن،
-ئۇخلايمەن ،بەك چارچاپ كەتتىم،
-مەن تىخى دۇختۇرخانغا بىللە چىقارمىكىن دىگەن ،پۇتۇمنى تاڭدۇرغىلى .بەك ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ،
-ئەمسە ئۇلتۇرۇپ تۇر كىيممنى يۇتكىۋالاي ،بەك تۇڭلاپ كەتتىم، ھۇل بۇلۇپ كىتىپتىمەن،
-ماقۇل ئەمسە تىزرەك بۇلارسەن.......
ئەلىنىڭ گىپى تۇگمەستىن تىلفۇنى يەنە سايراپ كەتتى .بۇ قىتىم مۇبارەك ئەلىگە ئارتۇق گەپ قىلماي ياتاق ئۇيگە كىرىپ كەتتى.
مۇبارەك كىرىپ كىتىشىگە ئەلى پۇتىنى سۇرەپ تازلىق ئۇيگە كىرىپ تىلفۇننى ئىلشىغا قارشى تەرەپ تىلفۇننى قۇيۋەتتى. ئەلى كەلگەن نۇمۇرنى ئىزدەپ قارشى تەرەپكە تىلفۇن قىلدى. تىلفۇندىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-نىمانداق تىلفۇننى قۇيۋىتىسەن؟
-جىنىم خۇتۇن ،ئۇيدە خۇتۇن باتتى .شۇڭا ئالالمىدىم،
-ئەمسە ھىلىقى ئىشلار قانداق بۇلۇپ كەتتى.
-ۋاي مەن ساڭا كىيىنچە تىلفۇن قىلاي،
قارشى تەرەپ تىلفۇننى قۇيۋەتمەي ئەلىنى يەنە گەپكە تۇتتى.
مۇبارەك كىيىملىرىنى يۇتكەپ بۇلۇپ مىھمانخانىغا كىردى .ئەلى يۇق تۇراتتى. مۇبارەكنىڭ قۇلىغىغا يەرتىگىدىن چىققاندەك گۇدۇڭ-گۇدۇڭ ئاۋاز ئاڭلاندى. مۇبارەك ئاۋاز چىققان تەرەپنى نىشانلاپ تازلىق ئۇينىڭ ئالدىغا كەلدى. ئاۋاز شۇ يەردىن چىقۋاتاتتى.
مۇبارەك قۇلقىنى ئىشىككە يىقىپ تىڭشاۋاتقاندا ،ئەلى ئىشىكنى ئىچىپ تازلىق ئۇيدىن چىقىپ مۇبارەكنى كۇرۇپ نىمە دىيشىنى. نىمە قىلشىنى بىلمەي جايىدا تۇرۇپلا قالدى.
مۇبارەكنىڭ تۇرۇلگەن قۇشۇملىرى . ئەلىنىڭ چىرايىنى ئۇن يىل كىسەل تاتقان ئادەمدەك سارغايتىۋەتتى.
ئەلى مۇبارەكنى كۇرۇپ ھۇدۇقۇپ كەتتى. ئۇ گەپنى بۇراپ،
-نىمانداق ئادەمنى قۇرقۇتۇپ، تىمىسقىلاپ يۇرىيسەن؟
-قۇرقۇپ كەتتىڭما؟ سەنمۇ نىمە تازلىق ئۇيگە كىرىپ ئۇغۇرلۇقچە سۇزلىشىپ كەتتىڭ؟
-ۋاي ئۇغۇرلۇقچە سۇزلەشمىدىم، تازلىق ئۇيگە كىرسەم سەمەتتىن تىلفۇن كىلىپ قالدى. شۇ، نىمانداق گۇمان قىلىپ يۇرسەن؟
-قۇرسىقىڭنىڭ ئاغرىغى بۇلمىسا ،تاۋۇز يىيىشتىن قۇرقما دىگەن گەپ بار،
-ھە، سەن قانداق ئۇيلىساڭ شۇ، بۇلدىما؟
-ماڭا بەر-بىر،
مۇبارەك ئەلىگە ‹ماڭامدۇق›، دىگەندەك سۇئال نەزىرىدە قاراپ قۇيدى.
-راس خۇتۇن، بىز دۇختۇرغا چىقىپ كەتسەك قەيسەر قانداق قىلدۇ؟ ئۇ ئۇخلاپ قالغان ئەمەسمۇ،
-ئەمسە قانداق قلمىز؟
-بۇلدى. سەن ئۇيدە ئۇلتۇرۇپ ئارام ئالغاچ ئۇنىڭغا قارا ،دۇختۇرغا ئۇزەملا چىقاي، سىنى ئاۋارە قىلىپ يۇرگىچە،
-كۇڭلۇڭ
مۇبارەك پەرۋاسىزلا جاۋاپ بەردى.
ئەلى قۇلىنى يۇيىۋىتىپ، قايتىدىن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى.
-دۇختۇرخانغا ياسنىپ چىقمىساڭ، سىنى ئىشىكتىن كىرغۇزمەمدىكەن؟
-كىيىملىرىم ھۇل تۇرسا ،مۇشۇنداق چىقامدىم؟
-سىرىتتىمۇ يامغۇر تۇختىغىنى يۇققۇ؟ ئالماشتۇرساڭمۇ بەر-بىر ھۇل بۇلىدۇ، يا بۇلمىسا ئەتە بىراقلاچىق،
-شۇنداق بۇلسىمۇ ئالماشتۇرۋالاي، سەن ئۇزەڭنىلا ئۇيلايدىكەنسەن، ئۇنداق دىگىنىڭ بىلەن، پۇتۇم ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئەلى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بۇلغىچە، ئۇنىڭ تىلفۇنى نەچچە قىتىم سايراپ بۇلدى.
ئەلى ئالدىراپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.مۇبارەكنىڭ كۇڭلى تۇيۇپ تۇراتتى. ئەلىنىڭ نەگە بىرىشى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى.
مۇبارەك قەيسەرنىڭ يىنىغا كىلىپ ياتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان، ئەلى چىقىپ كىتىپ تاڭغا يىقىن پەيدا بۇلدى. ئۇ مۇبارەكنى تۇيۇپ قالمىسۇن دىگەندەك پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مىھمانخاندا ياتتى.
ئەتىسى مۇبارەك سۇتقا يەنە باردى.باشقا بىر سۇتچىنىڭ ئىيتىشىچە، بۇ دىلۇغا مەسئۇل سۇتچى كاماندىرۇپكىغا چىقىپ كىتىپ قايتىپ كەلمىگەن، قاچان كىلشى نامەلۇم ئىكەن.
مۇبارەككە بۇ ئىشلار قەستەن قىلنىۋاتقاندەك بىلىنىپ، ئۇزىنىڭ گۇشىنى ئۇزى يىگۇدەك بۇلدى.
كۇنلەر ھەپتىنى. ھەپتىلەر ئاينى قۇغلاپ، قىش كىرىشكىمۇ باشلىدى.
بۇگۇن مۇبارەك قەيسەر بىلەن ئەلىنى قالدۇرۇپ ئۇزى ئايشەم ئانىنى كۇرۇپ كىلىش ئۇچۇن ماڭدى. بىچچارە ئانا ئۇرۇقلاپ كىچىككىنە بۇلۇپ قالغان ئىدى.
-قىزىم، ئىشلىرىڭ قانداق بۇلۋاتىدۇ؟ ئەلى بىلەن قەيسەر قىنى؟ ياخشى ئۇتۋاتقانسىلەر بالام؟
-ھەرھالدا ئۇتۇپ كىتىۋاتىمىزغۇ دىۋانىنىڭ خۇرجۇندەك سۇرۇشۇپ،
-بۇ نىم دىگىنىڭ؟ چۇشەنمىدىمغۇ؟
-سۇتقا ئىلتىماس سۇنۇپ قۇيغان، ھىچ چاقىرىق كەلمەيۋاتىدۇ،
-ئاجرىشش تۇغۇرلۇقمۇ؟
-ھەئە، تەستىقلانمىغان ئۇخشايدۇ،
-ھەي ئىسسىت، ئاخىر شۇ بىچچارە قەيسەرنى يىتىم قىلدىغان بۇلدۇڭلاردە؟
-ئەگەر ئاجراشمىسام بىرەسىمىزنىڭ بىشىنى يەيدىغان ئۇخشايدۇ بۇ مۇناپىق،
-ئۇنداق دىمە يامان بۇلىدۇ بالام،
مۇبارەك ئانىسىنىڭ قىشىدا خىلى ئۇزۇن ئۇلتۇرۇپ، ئۇزئۇيگە قايتىپ كەلدى. ئەمما ئىشىك تاقاغلىق، مۇبارەك ئاچقۇچنى ئىلۋالمىغاچقا ئەلى بىلەن قەيسەرنى ئىزدەشكە مەجبۇر بۇلدى.
مۇبارەك سۇغۇقتىن تۇڭلاپ، قىزرىپ كەتكەن قوللىرىنى بىر- بىرگە سۇركەپ ئىسستقاچ مىڭىپ ،سەي بازىرىدىن كىسىپ ئۇتۇپ، ئۇدۇلدىكى تىلفۇن بۇتكىسىغا  كىرىپ، ئەلىگە تىلفۇن قىلماقچى بۇلۇپ، قۇلىنى تىلفۇن تۇرۇپكىسىغا ئۇزتىشىغا ،ماگزىنچى ئايال مۇبارككە خەنزۇ تەلەپپۇزىدا ، ئەلىنىڭ ئۇتۇپ كىتىۋاتقىنىنى ئىيتتى. مۇبارەك كەينىگە بۇرلۇپ قەيسەرنى كۇترىۋالغان بىر ئايال بىلەن، ئەلىنىڭ قىزغىن پاراڭلىشىپ بىللە كىتىۋاتقىنىنى كۇردى.
مۇبارەك ماگزىندىن يۇگۇرۇپ چىقىپ ئەلىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەلى مۇبارەكنى كۇرۇپ ئالاقزادە بۇلۇپ ،بىر مۇبارەككە، بىردە ھىلىقى ئايالغا قاراپ نىمە قىلارىنى بىلمەي،
-مۇ...مۇبارەك...سەن...سەن بۇيەردە...يۇرسەنغۇ نىمىش قىلۋاتقانتىڭ ؟
-بۇنى مەن سەندىن سۇرسام بۇلا؟
ئەلىنىڭ يىنىدىكى بۇ ئايال ،مۇبارەكتىن سەل ئىگىزرەك، ئاقسىرىق، ئۇستىخانلىق، ياپىلاق، سەپكۇن يۇز،كۇزلىرى كىچىك ، ياپما قاپاق، پاناق ،بۇرنىنىڭ تۇشۇكلىرى ئادەمنىڭ مۇشتى پاتقىدەك چۇڭ ،لەۋلىرى نىپىز بۇلسىمۇ، ئاغزى قۇلىقىغا يەتكىدەك كالاچ ئىغىز،پىشانىلىرى كەڭ، شالاڭ چاچلىرىنى. كەينىگە تۇپتۇز تاراپ، بىرتال قىلىپ بۇغۋالغان، قارىماققا ئەلىدىن خىلىلا چۇڭدەك كۇرنىدىغان، خام سىمىز چۇكان ئىدى، مۇبارەك قەيسەرنى ئايالنىڭ قۇلدىن يۇلۇپ دىگۇدەك ئالدى.
ئايال مۇبارەكنىڭ كىملىگىنى بىلمىدىمۇ، ياكى بۇلسىمۇ قەستەن بىلمەسكە سالدىمۇ، ئەتەي ئەلىگە قاراپ،
-ھەي ئەلى، كىمۇ بۇ؟ نىمانداق قۇپال بىرنىمە بۇ؟
-كىملىگىڭنى مەن سۇرماي، تىخى سەن سۇراۋاتامسەن؟
-مىنىڭ كىملىگىمنى بىلمەكچىمىتىڭ؟ مەن ئەلىنىڭ بۇلغۇسى خۇتۇنى. ئەمدى بىلگەنسەن؟ ئۇزەڭ كىم؟
-ھە  شۇنداقمۇ، مەن تىخى سىنى،‹ غەرىپكە ساياھات› فىلمىدىكى سۇنھۇكۇڭ ،ياق ھۇسۇڭنىڭ كىنۇسىدىكى. ۋاڭ دەللالمىكىن دەپتىمەن، ئۇزەڭمۇ قىلىشمىغىدەك دەرىجىدە ، بەكلا ئۇخشايدىكەنسەن،مىنىڭ كىملىكىمنى بىلمەكچى بۇلساڭ، بىرىپ بىز تۇرۇشلۇق پەيچۇسۇنىڭ ئارخىپ بۇلۇمىگە كىرىپ ،نۇپۇس تىزىملىكىنى ئاختۇرساڭ چىقىدۇ، يالغان ساقچى يىنىڭدا تۇرۇپتۇ مانا،ساڭا ماسلىشىپ بىردۇ،
مۇبارەكنىڭ بۇ خۇتۇننى ئۇخشىتىشىدىن بۇ ئايال بىلەن ئەلى بىر قىزرىپ بىر تاترىپ نىمە دىيىشىنى بىلمەي قالدى، مۇبارەك پۇرسەتنى يەنە قۇلدىن بەرمەي داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۇتتى.
-ئەلى، سىسىپ كەتكەن ئۇبۇرنىدا ،كۇسسۇرلۇشۇپ سۇزلىشىپ، تاڭ ئاتارغىچە ھەمرا بۇلغىنىڭ،مۇشۇ دىۋە سۇپەت، پاقا چىراي، كالاچ ئىغىز، پەرىزاتىڭ شۇمىتى ھا.ھا.ھا.ھا.ھا
مۇبارەكنىڭ ئۇخشىتىشىدىن تىرىككەن چۇكان ئەلىگە قاراپ،
-ما بىرنىمەڭنىڭ زۇۋانىنى يىغامسەن، يا ئۇزەم شامىلىنى يىغىپ قۇيامدىمەن؟
ئەلى ئىتتىك ئارغا چۇشۇپ، يۇزبىرىش ئالدىدا تۇرغان جىدەلنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تىرىشتى.
-ھە مەن تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي، بۇ مىھرىنىسا ،بۇ قەيسەرنىڭ ئاپىسى بۇلىدۇ،
ئايال ئەلىگە چۇڭ بىرنى ئالىيىپ قۇيۇپ ،
-مەنمۇ سىزنى نەنىڭ مەلىكىسىكىن دىسەم، ئەسلى بىر ناۋاينىڭ خۇتۇنىكەنسىزغۇ؟
-شۇ ياراتمىغان ناۋاينىڭ يىندا ماڭغىچە، بىرە جۇشىنىڭ يىندا ماڭسىڭىز بۇلمامدۇ؟
-نەدە ماڭسام ئۇزەمنىڭ ئىششى، سىزنىڭ نىمە كارىڭىز؟
-نىمىشقا كارىم بۇلمىغىدەك؟ بۇبالا مىنىڭ، بۇياق مىنڭ يۇلدۇشۇم تۇرسا؟
-شۇنداقمۇ؟ كەچۇرۇڭ، خاتا گەپ قىلىپ قۇيۇپتىمەن، سىلەر ئاجراشماقچى بۇپتىكەنسىلەرغۇ؟
-لىكىن ئەپسۇس، تەلىيىڭىزگە تىخى ئاجراشمىدۇق ئەمەسمۇ،
-ئۇزىڭىز چىدىماي ،ئاجراشمايمەن ،دەپ تۇرۋالغانسىز؟
-بۇنى چۇ، ئا يىنىڭىزدىكى يىگىتتىن سۇراپ بىقىڭ جۇمۇ؟
-سىز دىن سۇرسام بۇممامدىكەن؟
مۇبارەك بۇ بىزەڭ ئايالنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىشتىن زىرىكىپ،
-ساڭا دەپ قۇياي، بۇندىن كىيىن بۇلامغا يىقىنلاشقىچە بۇلما؟
-ۋاي خۇش بۇلە، بۇ ماڭقاڭنى كۇترۇپ قۇيغانغا،پۇل بەرسەڭمۇ كۇتەرمەيتىم ،ئەلىنىڭ كۇڭلىنى ئاياپ كۇترۇپ قۇيسام، دەپ كەتكەن گىپىنى،ما سەت ئىسكەتى يۇقنىڭ،
-ۋاي ئىسكەتى بار چىرايلىق ،سۇلەتلىك ،دۇلەتلىك خىنىم،
يۇلدىن ئۇتكەنلەر، سۇغۇقتا بۇ ئىككىسىنىڭ گەپ تاكاللىشىپ تۇرغىنىغا قاراپ، ئىچىدە نىمىلەرنىدۇ دەپ كۇلۇشۇپ ئۇتۇپ كىتەتتى،مۇبارەك
-ساراڭ بىلەن تەڭ بۇلغاندىن، كىيىن مەنمۇ ساراڭ، ئەكىلە ئاداش ئاچقۇچنى بىرىپ ، بۇ بىرنىمەڭ بىلەن، نەگە بارساڭ بار، سىنى كۇرە كۇزۇم يۇق، ئۆيگىمۇ دەسسىگۈچى بۇلما،
مۇبارەك ئاچچىغىدا قەيسەرنى كۇتۇرگەنچە كىتىپ قالدى،
مۇبارەكنىڭ جۇدۇنى تۇتۇپ ئۇددۇل يەنە ئانسىنىڭ ئۇيگە كەتتى. ئۇ كەچكىچە ئۇلتۇرغان بۇلسىمۇ، ئەلىنىڭ سايىسىمۇ كۇرۇنمىدى.
كەچكەيىقىن مۇبارەك بالسىنى ئىلىپ ئۇيگە قايتىپ كەلدى .ئەمما ئەلى بۇ كىچە قايتىپ كەلمىدى.
مۇبارەك ئەتىسى قايتىدىن سۇتقا يەنە ئاجرىشش ئەرزى سۇندى. بۇقىتىم ئۇنىڭ ئامىتى ئۇڭدىن كەلدىمۇ ئەيتاۋۇر، ھەممە ئىشلار تىزلا بىجىرىلدى.لىكىن سۇتتىن ‹ جاۋاپكار چۇقۇم ئاجرىشش كىلشىمىگە قۇل قۇيشى كىرەك، بۇلمىسا ئىناۋەتسىز ›،دەپ تۇرۋالغاچقا، مۇبارەك يەنە ئەلىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بۇلدى.
مۇبارەكنىڭ ئەلىنى ئىزلەپ بارمىغان يىرى. كىرمىگەن تۇشگى قالمىدى.
مۇبارەك تىت-تىت بۇلۇپ يۇرگەن كۇنلەرنىڭ بىردە ،ئۇنىڭ دۇستى تۇرسۇنئاي ئۇچرۇشۇپ قالدى. غەلىتە- چۇس مىجەزلىك بۇ قىز، ئاقسۇ تەلەپپۇزىنى تازا ۋايىغا يەتكۇزۇپ سۇزلەيتى. ئۇ مۇبارەكنى كۇرۇپلا سالام- سائەتمۇ قىلىشماستىن ،جاۋىلداپ سۇزلاپلا كەتتى.
-ئۇيەي سىلە بۇ يەردە يۇرسىلىغۇ ئاداش؟ ئىرىڭلىچۇ بىرسەت مايماقنى كەينىگە سىلىپ ئەگەشتۇرۇپ يۇردۇ، ۋاي قۇغام، سەتلىگى ئۇ پاسكىنىنىڭ، سىلە كەچكىچە ئاشۇ سۇلتەك ناۋايغا بۇزەك بۇلۇپ، بالسىنى بىقىپ، يۇندىسىنى تۇكۇپ يۇرەمسىلە؟ قۇيۇڭلا سىلنى، تۇۋا خۇدايىم، مەندەك ئادەم بۇلدىغان بۇلسام، ئۇ رەسۋانىڭ چىچىنى يۇلۇپ قۇلغا تۇتقۇزۇپ يىشۇغا ئۇخشاش تاز قىلىپ قۇيمەن ،سىلىچۇ بۇش كەپ قاپسىلە ،قۇيۇڭلا ئۇنداق بۇلا-بۇلماس ئەرنى، مۇشۇ چىرايىڭلار بىلەن كىم خۇتۇن قىلمايدۇ سىلنى، شۇمۇ كۇنمۇ سىلگە؟مەن بۇلسام تازا بىر تىتىپ، ئەدىۋىنى بىرىپ ،ئۇزەمنى كۇرسۇتۇپ قۇياتتىم، ئاشۇ بىرنىمىگە تەڭ كىلەلمىدىڭلىما؟ ئىسىت، نەچچە يىل ئۇي تۇتۇپ، ياشلىق باھارىڭلارنى ئىسراپ قىلىپ، بىر بالغا ئانا بۇلۇپ ، چېچىڭلىنى سۈپۈرگە، قۇلۇڭلىنى كۆسەي قىلىپ تۇتقان ئۆينى. خانى-ۋەيران قىلدى .مانا ئەمدى قاراپ تۇرۇپ ئىرىڭلىنى ئاشۇ نىمىگە تاتقۇزۇپ قۇيامسىلەر؟ مەنچۇ ئۇزەم ئىرشەلمىگەن نەرسىگە ،باشقىلارنىمۇ ئىرىشتۇرمەيمەن، مانا بۇنى ھەقىقى تۇرمۇش دەيمىز،
مۇبارەك بۇ جاۋىلداق دۇستىنىڭ سۇزلىرىنى ئاڭلاپ، بىردە كۇلگىسى كەلسە، بىر دە تۇرۇپلا قۇرسىغى كۇپەتتى. ئۇ تۇرسۇنئاينىڭ سۇزلىرىنى تۇرۇپلا ئۇرۇنلۇقتەك ھىس قىلىپ قالدى .مۇبارەك تۇرسۇنئايغا قاراپ، ئۇزىنى تۇتىۋىلىپ تەمكىن ئاۋازدا،
-بۇلدى. قالدى گەپلەرنى كىيىن ساڭا ئايرىم دەپ بىرمەن ،ئەلىنى يىقىننىڭ ياقى كۇردۇڭمۇ؟
-ئۇيەي، ما ئاداشنى، سىلگە نىم دەۋاتىمەن؟ ماياقتىن گەپ قىلسا، ئاياقتىن جاۋاپ بىردىغان بۇلۇپ قاپسىلە ھە ؟كاللىدىن كىتىپتۇ ما ئاداش ،ھا...ھا...ھا..
تۇرسۇنئاي ئۇزى بىلەن ئۇزى بىر ھازا كۇلگەندىن كىيىن، مۇبارەككە يىقىنراق كىلىپ،
-ئاداش ئۇ خۇتۇننى چۇ مەن تۇنۇيمەن، ئىسمى مىھرىنىسا، ئاقسۇ نىڭ كۇنا جام دىگەن يىزىسىدىن، تىپىك سەھرالىق ،دادىسىنىڭ ئىسمى مەمىتاخۇن، كىسەلچان ئانسى بار، ئائىلىسى بەكلا نامرات ،يەنە كىلىپ كۇك نامرات دەڭلا، بىزئۇنى مىنسا دەپ چاقىرمىز، ئۇ  خۇتۇن ئەلىدىن خىلىلا چۇڭ ، مىنىساخانمۇ بۇرۇن، باشقا شاۋدۇيلۇك ئۇزىدىن خىلىلا چۇڭ دادىسىدەك بىرگە  تۇي قىلغان، 3 يىل ئۇي تۇتۇپ ئاجرىشىپ كەتتى . نىمىشقا دىسەڭلار ،ئۇلار ھەر بازار كۇنى جامنىڭ بازىرىدا خۇشاڭ تۇگۇپ ساتاتتى. مىنىسا ئەر-خۇتۇن خۇشاڭچىلىق قىلىپ ئازراق پۇل تىپپتىكەن، مىنىسانىڭ ئىنسى ياسىن كۆككۆز ،زاباي، بىركۇنى مىنىسانىڭ ئۇيگە ئۇغۇرلۇققا كىرىپتۇ،ئۇ كىچىگىدىن باشلاپلا ئۇغۇرلۇققا كۇنۇپ قالغان، بىكار تەلەت بىرنىمە، كىيىن ئۇنى مەلىدىكىلەر تۇتىۋالدىمۇ، ياكى مىنىسانىڭ ئىرى تۇتىۋالدىمۇ، ئىشقىلىپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە مىنىسا قارا تۇغماس ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ ئاچچىغى كىلىپ ،مىنىسانىڭ يىغلاپ -يالۋۇرۇپ- يىلنىشىغا قارماي ئاجرىشىپ، خىتىنى بىرىۋەتتى تازا، كىيىن مىنىسا ئەلەمگە چىدىماي جامنى تاشلاپ بۇ شەھەرگە يىنىپ چىقىپ، بىر يۇرتلۇق بىرنىڭ ئاشخانىسىدا دەسلەپ چىنە- قاچا يۇيۇپ ئىشلەپتىكەن، ئۇ يەردە كىرىم ئىسىملىك بىرسى بىلەن تىپىشىۋىلىپ، كىچىسى ياتاققا كىرمەي جىرىم غاجىلاپ يۇرۇپتىكەن، لۇبەننىڭ ئاچچىغى كىلىپ مىنىسانى قۇغلىۋىتىشكە باھانە تاپالماي تۇرسا، كىيىن قانداق بۇلغان ئىرىڭلا ئۇ دۇكاننىڭ ناۋايخانسىغا ئىشلىگىلى بىرىپتۇ، مىنىسا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كىرەمنى تاشلاپ، ۋاققىدە ئەلىنى تىپىۋاپتۇ، لۇبەننىڭ ئايالى ،بۇ سۇيۇق، مەنتەڭ قۇساق ساراڭنى ئاچچىغىدا،‹ دۇكاندىكى ھەممە ئەرلەرنى ئازدۇرۇپ، دۇكاننى بۇلغاپ بۇلدۇڭ،دۇمىلا باستۇردۇڭ، يۇرتۇڭغا يۇلغا سەپ قۇيمىز› دىسە، مىنىسا قۇرقۇپ كىتىپ بىركىچىدىلا كۇدە- كۇرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۇزدىن غايىپ بۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ مىنىسا ،ئۇيەر-بۇيەردە كىم بىر چىنە ئاش ئىلىپ بەرسە ،شۇنىڭغا خۇتۇن بۇلۇپ يۇرگەن، كىيىن بىلسەك ‹ئاق بۇزئات رىستۇرانى›دا ئىشلەۋىتىپتۇ، ئۇ تۇلۇقسىزغىچە ئۇقۇغان، خەنزۇچە خەتنى خىلى ئۇبدان يازدۇ، لىكىن سۇزلىيەلمەيدۇ ، سۇزلىسە چۇشنىدۇ، ھازىر ئۇ قاسماق ئەلى بىلەن ئۇي تۇتىۋاپتۇ، مەنلا كۇرسەم ئىكىكسى بىللەتاماققا چىقىدۇ، ئەلى ھازىر ئىييەدىكى ھىلىقى، ‹ئەلرازى-سۇلايمان قۇۋۋەت نانلىرى›دا ئىشلەۋىتىپتىغۇ، مىنسا بىلەن ئىككىسى دايىم ئاۋۇ بىنادىن چىقىدۇ، راستىنى دىسەم ئاداش، ئەگەر ئۇغۇل بالا بۇلغان بۇلسام، سىلنى ئۆزەملا ئالاتتىم، سىلدەك ئۇبدان، چىداملىق خۇتۇننى قۇلدىن چىقىرىپ قۇيغاندىكىن، ئەلىنىڭ كۆزىمۇ مال تۇنمايدىغان نىمىكەن، سىلدەك چىرايلىق شەھەرلىك خۇتۇننى تاشلاپ، يا چىرىيىنىڭ، يا ئۇستىخىنىنىڭ تاينى يۇق ،بىرنىمىنى كەينىگە سىلىپ يۇرگەندىكىن، ئۇنىڭمۇ كۆڭلى بەك پەسكەن، مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، ئاجرىشىپلا بىرقۇتلۇڭلا ئاداش بۇنداق مۇناپىقتىن، ئۇ، ئۇش، ئايدەك چىراي ،گۇلدەك ئۇستىقان بىلەن، سىلىگە ئەرچىقماي قالامتى، بىزدە تۇشۇك مۇنچاق يەردە قالماس ،يەردە قالسىمۇ تۇپا باسماس، بىرگە تەگ، كىلشەلمىسەڭ مىڭغا دەيدىغان گەپ بارغۇ ؟سىلىگە بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ ئادىشىم، ئۇمۇ كۇرۇپ باقسۇن، قەدرىڭلار ئۇتۇپ باقسۇن، خۇدايىم سىلنىڭمۇ بەختىڭلارنى بىرە ،كەچ قۇيغان خۇدايىم، ئاچ قۇيماپتۇ دەپتىكەن، بۇلا بىرگەپ، ئۇزەڭلانى قىيناپ نىمىش قىلسىلە ؟ھازىر بىركۇن ئۇتسە، بىركۇن ھىساپ دەيدىغان جاھان بۇلۇپ قالدى .جۇمۇ؟
تۇرسۇنئاي بىر تىنىقتىلا ئىچىدىكى ھەممە گەپلىرىنى مىھرىنىسانىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى چۇگۇپ تاشلىدى مۇبارەك تۇرسۇنئاينىڭ ئاغزىغا قاراپ نىمە دىيىشىنى بىلمەي ئارانلا
-سەن ئۇ مىنىسا دىگەننى تۇلۇق تۇنۇيدىكەنسەن، ھازىرمۇ پاراڭلىشامسەن؟
-ۋىييەي تۇۋا دەڭلا، ئۇنداق نەس باسقان، خەخنىڭ بەختىگە چاڭ سالدىغان، نىمىگە گەپ قىلغان ئادەمنىمۇ نەچچە يىل نەس باسا ھەقاچان،
-گىپىمنى ئاڭلا تۇرسۇنئاي، مەن بىرىپ بىرنىمە دىسەم قاملاشمايدۇ، سەن ئۇ ناۋايخاندىن ئۇقۇشۇپ باق، ئەلى راسلا شۇيەردە ئىشلەۋاتامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇيى نەدە ؟بۇنىسى بەك مۇھىم،
-نىمە؟ يەنە شۇ ئىرىڭلىغا چىدىمايۋاتامسىلەر؟
-ئۇنداق ئىش يۇق، مەن سۇتقا ئاجرىشش تۇغۇرلۇق ئەرىز سۇنغان ،بۇ نىڭغا ئەلى قۇل قۇيمىسا بۇلمايدىكەن، ھىلىمۇ بەكلا كەينىگە سۇرلۇپ كەتتى. ئەلىنى تىپپ قۇل قۇيدۇرۋالمىسام بۇ ئىش يەنە كىيىنگە قالىدۇ، چۇشىنىۋاتامسەن؟ خاپا بۇلماي بىر ياردەم قىلە، بۇمۇ ئەلىدىن ئاجرىششنىڭ ئۇبدان باھانىسى بۇلغىدەك ،بۇ جۇبۇدىن ئاخىر قۇتۇلدىغان بۇلدۇم شۇكرى، خۇدايىم،تىلىگىمگە يەتكۇزگەيسەن،
مۇبارەك تۇرسۇنئايغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى. تۇرسۇنئاي
-ۋاي ئادىشىم گپىڭ راسما؟راسلا ئاجرىشىدىغانلا ئىششىڭ بۇلسا، مانا ھازىردىن باشلاپلا ياردەمنى باشلىۋەتتىم، ئەمسە سەن بۇيەردە 10 مىنۇت تۇرۇپ تۇر، ھازىرلا كىلمەن،
تۇرسۇنئاي گىپىنى تۇگتۇپ، تۇشقاندەك سەكرەپ يۇگۇرگەن پىتى بىر تار كۇچىغا كىرىپ كۇزدىن غايىپ بۇلدى.
مۇبارەك قەيسەرنى مەيدىسىگە مەھكەم تىڭىپ ،يۇلدىن ئۇتكەن كىشلەرگە پەرۋاسىز قاراپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ، ‹مۇبارەك› دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئۇنى كەينىگە ئۇرلۇپ قاراشقا مەجبۇر قىلدى. مۇبارەك كەينىگە قاراپ، بۇرۇن ئەلى بىلەن بىللە ئىشلىگەن، ئەلىنىڭ دۇستى. قاغىلقلىق ئۇبۇلقاسىمنى كۇردى.
- ياخشىمۇسىز ؟بۇيەردە نىمىش قىلۋاتىسىز ؟
-ھە ھىچ..ھىچ نىمە ،بىرسىنى ساقلاۋاتاتتىم،
-ساقلاۋاتقىنىڭىز ئەلى ئەمەستۇ؟
-قانداق دەيسىز؟
-ئۇ مازگۇيدىن ئاڭلىسام، ئاجرىشىپ كىتىپسىلەرھە؟
مۇبارەك نىمە دىيىشىنى بىلمەي داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇبۇلقاسىم مۇبارەكنىڭ چىرايىدىكى ئۇزگۇرۇشكە سەپسالمىدى بۇلغاي، پىتىنى بۇزماي گىپىنى داۋاملاشتۇردى.
-خۇتۇنۇم دەيدۇ، نەدىكى كۇچىدا قالغان  سەت بىرنىمىنى كەينىگە سىلۋاپتۇ، ئەلىدە چىراي بۇلغان بىلەن، ئازراقمۇ ئەقلى يۇق، پۇق يەپ كەتكەن نىمىكەن،
-ئالغان خۇتۇننى سىزمۇ كۇردىڭىزما؟ ئۇ خۇتۇننى سىزمۇ تۇنۇمسىز؟
-كۇرمەي ، ئەلۋەتتە تۇنۇيمەن، ئۇنىڭغا يۇلۇقمىغان بۇشەھەرنىڭ ھۇنەرۋەن -كاسىپ ،ئۇغرى-ھاراقكەشلىرى يۇق دىيەرلىك،ئۇيغۇر- خەنزۇ دەپ مىللەت ئايرىمايدىغان، پاسكىنا مەينەت ،بۇزۇق بىرنىمە ئۇ، مەن جىنىمدا نەچچە كىچە قۇرسىغىنى تۇقلاپ قۇيۇپ، بىكارغا خۇتۇن قىلغان ،شۇنداق بۇدۇشقاق ،جوبو قارغاندا ئەلىنى خۇدايىم ئۇرۇپتۇ، نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بىشەملا خۇتۇنغۇ ئۇ،
مۇبارەك ئۇبۇلقاسىمغا مىيقىدا كۇلۇپ قۇيۇپ، ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
-نىمە بۇلۇپ ئاجرىشىپ كەتتىڭلار؟
-چىقىشالمىدۇق،
-يەتتە يىلنىڭ ياقى چىقىشىپ ئۇي تۇتۇپ، ئەمدى ئۇغلۇڭلار چۇپ-چۇڭ بۇلۇپ قالغاندا، ھەي بۇ ئەلىنىمۇ زە،
-بۇنداق ئىشلار بۇلۇپ تۇردىغۇ؟ ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بۇلمايدىكەن ،ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە ،ھايۋاننىڭ ئالىسى تىشىدا دەپ، كۇنىلا تۇغرا دەپتىكەن،
-راس دەيسىز، ھەممە ئادەم بىشىغا كەلمىسە بىلمەيدۇ، بۇپتۇ، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ،
ئۇلارنىڭ سۇھبىتى تۇگمەيلا مۇبارەكنىڭ قۇچىغىدا ئۇخلاۋاتقان قەيسەر، تەرەت قىلغىسى بارلىغىنى ئىيتىپ مۇبارەكنىڭ يۇزگە يىنىك سۇيۇپ قۇيدى. مۇبارەكمۇ قەيسەرنى سۇيۇپ قۇيۇپ، بالىنى ھاجەت قىلدۇرۇش بىلەن مەشغۇل بۇلدى. ئۇبۇلقاسىم قەيسەرگە ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە قاراپ قۇيۇپ،
-مۇبارەك تاماق يىدىڭلارمۇ؟ بالنىڭمۇ قۇرسىغى ئاچقاندەك قىلدۇ، بىللە تاماق يەيلىمۇ؟
-بۇلدى رەھمەت، بىز ھىلىلا تاماق يەۋالغان،ئۇنىڭ ئۇستىگە دۇستۇم كىلىپ قالسا بىزنى تاپالماي ئىزدەپ قالىدۇ،
-ساقلاۋاتقىنىڭىز قىزبالىمۇ ؟ياكى ئەلىمۇ؟
-بۇ نىم دىگىنىڭىز؟
مۇبارەك ئۇبۇلقاسىمغا قاراپ سەل ئۇڭدى. ئۇبۇلقاسىم
-نىمىلا بۇلمىسا يەتتە يىل ئۇي تۇتتۇڭلار ئەمەسمۇ؟ بىر-بىرىڭلارغا ئازراق بۇلسىمۇ مىھرىڭلارباردۇ؟ ئۇزى ئاجرىشىپ، كۆڭلى ئاجراشمىغانلارنى جىق ئۇچراتتىم ، شۇڭا دەيمىنا؟
-مىنى خاتا تۇنۇپ قاپسىز، مەن ئۇنداقلارغا ئەسلا ئۇخشىمايمەن، تۇكۇرگەن تۇكرۇكنى ئىغىزغا ئالغىلى بۇلمايدۇ، بۇنى دىمىسەممۇ بىلدىغانسىز؟
ئۇبۇل قاسىم مۇبارەككە قاراپ كۇلۇپ قۇيۇپ،
-تاماق يەيلى دىسەم ئۇنمىدىڭىز، سىزگە چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم، مەن سىزنىڭ قەيسەرلىكىڭىزگە تۇلىمۇ قايىل، بۇلدى كۇڭلىڭىزنى بۇزماڭ، مەنمۇ قايتاي، بۇنى بالىغا ئۇششاق-چۇششەك يىمەكلىك ئەپ بىرەسىز، يىنىمدا بارى مۇشۇكەن ، بۇلسىغۇ جىقاراق ياردەم قىلسام بۇلاتتى . سىزگىمۇ ئەمدى بالا بىلەن تەس بۇلدىغان بۇلدىدە ،بۇپتۇ رىسقىنى ئاللا بىرە ،ئىغىرنى يەركۇترە، بۇ يىگىتمۇ چۇڭ بۇلۇپ، جاپايىڭىزنى چۇشەنگەندە، سىزنىڭ قۇلڭىزغا قۇل ،پۇتىڭىزغا پۇت بۇلىدۇ، ئەمما نەپرەتكە قالدىغىنى. خۇتۇنغا تۇيمايدىغان، ياخشى-ياماننى ئىلغىمايدىغان، ئىمانسىز-ۋىجدانسىز شۇ ئەلى بۇپ قالىدۇ،
ئۇبۇلقاسىم گەپ قىلغاچ قەيسەرنىڭ قۇلىغا 50 كۇيلۇق پۇلدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قۇيدى. مۇبارەك پۇلنى ئالغىلى ئۇنمىدى. ئەمما ئۇبۇلقاسىممۇ گىپىدە چىڭ تۇرۇپ پۇلنى قەيسەرنىڭ كىچىك يانچۇغىغا سىلىۋاتقاندا، يىراقتىن تۇرسۇنئاينىڭ، ‹مۇبارەك، ھەي مۇبارەك› دەپ، چاقىرىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ، ئۆزىمۇ يۇگۇرۇپ كەلدى. ئۇبۇلقاسىم تۇرسۇنئاينى كۇرۇپ ،مۇبارەك بىلەن خۇشلۇشۇپ كىتىپ قالدى.
ئۇبۇلقاسىم كىتىشىگە تۇرسۇنئاي، يىراقتىنلا مۇبارەككە قاراپ ۋاقىرغىنىچە، خۇددى كەينىدىن ئانسى قۇغلاپ كىلىۋاتقان كىچىك بالىدەك، جىنىنىڭ بارىچە يۇگۇرۇپ كەلدى.
مۇبارەكنىمۇ سەل سۇر باستى.ئۇ تۇرسۇنئايغا قاراپ،
-نىم بۇلدۇڭ؟ نىمانچە ۋاقىرايسەن؟بىرەسى كەينىڭدىن قۇغلاپ كىلۋاتامدا؟
تۇرسۇنئاي قۇلى بىلەن مەيدىسىنى تۇتۇپ يۇرگىگە مۇشلىغانچە ھاسىراپ بىشىنى چايقىدى. ئۇ سەل دىمىنى ئىلۋالغاندىن كىيىن، قەددىنى رۇسلاپ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك، بىر تىنىقتا سۇزىنى تۇگەتمەكچى بۇلۇپ، ئالدىراپ سۇزلەشكە باشلىدى.
-ئاداش ئىششىڭلا چاتاق، ھىلىمۇ كىچىكمەيسىلە،ئەلى دىگەن ئۇ تۇز كۇر مۇناپىقچۇ،؟ ھىلىقى مىنىسا دىگەن پاسكىنا، مەينەت قانجۇق ، ئىسكەتى يۇق سەت، بەدرەڭ چىراي مايماق، تۇمپاي سەھرالىق ئەرسارىڭى. بىلەن  ئۇي تۇتىۋاپتۇ،قاراڭلا،؟
مۇبارەك تۇرسۇنئاينىڭ سۇزىنى ئاڭلاپ، ئاغزىنى تۇتۇپ كۇلۇپ كەتتى.
-نىمىگە كۇلسىلەر؟ مەن تىخى سىلەرنى. يىغلاپ- ئىقىپ كىتەرمۇ دەپ ئۇيلىسام،سىلە ھىچ ئىش بۇلمىغاندەك، خىيالىڭلىدا يۇق كۇلىۋاتىسىلەرغۇ؟ كاللىدىن كەتمىگەنسىلەر؟
-كاللىدىن مەن ئەمەس، سەن كىتىپ قالغاندەك تۇرسەن، نىمىگە ئۇنچىۋالا جىددىلىشىپ كىتىسەن؟ قارا مەن غەزەپلەنمەي، سىنىڭ غەزەپتىن كۇكرۇپ كەتكىنىڭنى؟
-ئۇنداق ئەمەستۇ؟ چىرايىمغا چىقىپ كىتىپتىما؟ئەمدى ئاداش، سىلنىڭ ئىششىڭلا ،مىنىڭ ئىششىمغا ئۇخشاش، راسلا بەك ئاچچىغىم كەلدى. دەيمەن،
-دۇكانغا راس باردىڭما؟ دۇكاندا كىملەر بار ئىكەن؟ ئۇلار نىمە دەيدۇ؟ ئالدىرماي، ھۇدۇقماي دىگىنە؟ ئۇلارنىڭ ئۇيى نەدىكەن؟ كۇرىۋالدىڭمۇ؟
تۇرسۇنئاي مۇبارەكنىڭ ئۈستى-ئۈستلەپ ياغدۇرۋەتكەن سۇئالىنىڭ قايسىسىغا جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي،سەل گاڭگىراپ قالدى. ئۇ سەل شۇخلۇق ئارلاشتۇرۇپراق، كۇزىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ، چىرايىنى غەلىتە بىرخىل پۇرۇشتۇرۇپ، بىشىنى يانتۇ قىلىپ، تۇمشۇغىنى ئۇچلاپ، خاپا بۇلغان شەكىلدە، كىچىك بالىدەك ئەركىلەپ تۇرۇپ،
-ماشىنا ئادەمدەك، كەينى-كەينىدىن گەپ قىلماي ،بىر-بىرلەپ سۇرىمامسەن؟ مىنىمۇ ئىزىقتۇرۋەتتىڭ، ئالدىرما ھەممىنى دەپ بىرىمەن، نىمە دەۋاتاتتىم ؟ھە تۇغرا تاپتىم،
مۇبارەك تۇرسۇنئاينىڭ قەستەن شۇنداق قىلۋاتقىنىنى بىلىپ، مىيغىدا كۇلۇپ قۇيدى. تۇرسۇنئاي مۇبارەككە يىقىنراق كىلىپ،ئاپىسىنىڭ قۇچىغىدا، سەبى كۆزلىرىنى بۇ زۇلمەتلىك ۋاپاسىزدۇنياغا تىكىپ، پات ئاردا يىتىملىك، غىرىپلىق ،دادىسىزلىق كۇچىسىغا تاشلىنىش ئالدىدا تۇرغان، قەيسەرنىڭ يۇمشاق قۇللىرىنى تۇتۇپ، ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە قاراپ،
-دۇكانغا باردىم، دۇكاندا خىلى كۇپ ئادەم ئىشلەيدىكەن، دۇكاننىڭ بازىرىمۇ شۇنداق ياخشىكەن، دىگىنىمدەك ،ئەلىمۇ شۇ دۇكاندىكەن ،ئىرىڭلار ھىلىقى بۇزۇق خۇتۇننى، ‹مىنىڭ ئايالىم› دەپ، يالغان سۇزلەپ دۇكانغا ئەكەپتۇ،
دۇكان خۇجايىنىمۇ ئىشنىپ قالغان ئۇخشايدۇ، بۇ ئىككى جۇۋاينىمەككە ئايرىم ياتاق ئاجرىتىپ بىرىپتۇ، بۇ پاھىشىۋاز مەينەتلەر دۇكاندىمۇ تاپ تارتماستىن، ‹ئىرىم-خۇتۇن› دىيىشىپ
ھىجارىشىپ يۇرەمىش ،دۇكاندىكىلەرئۇ ئىككىسىنى ‹بەك ئىناق›، مىنىسانى. ‹تۇرمۇشقا پىششىق ئىشچان چىۋەر ئايال› دەپ، تەرىپلىشىپ كىتىپتۇ، تىخى قۇغامنى ئىگىپ ،ھەپتە ئۇن كۇندە كۇزىمىز ئۇنىڭ ئىشچانلىغىنى. ئەلىنىڭ‹ بۇرنىدىن بۇلاق، كۇتىدىن قۇمۇلاق› چىقىرۋەتمىسە، قۇلىقىمنى تۇۋىدىن كىسىپ قۇلۇڭغا تۇتقۇزمەن، يۇرتىدا پۇل كۇرمەي، مۇچەننىڭ تۇشىگىدىن مىڭ قىتىم ئۆتكەندىكىن، ئەلىنى شىلاپ ئىشلىتىپ يىنىنى تۇملايدۇ ،ئەلىمۇ ‹مانتا كۇرمىگەن قەلەندەر، قاسقانغا دۇم چۇشتى›. دىگەندەك ئىشقىپتۇ دىسە، ئادەمنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۇرۇپ ،‹دىدەك مۇنچاق سالسا كىرمىگەن ئۆي قالماپتۇ، قەلەندەر ئات مىنسە چىقمىغان دۇڭ› دەپ، جىنىنى باقالماي، ئۇيەر- بۇيەردە قاڭقىپ يۇرگەندە ،ئەلىگە ئۇچراپ ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خۇش بۇلۇپ كەتكەندۇ؟ شۇڭا نەگە بارسا ئەلىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئۇنى سۇرەپ يۇرگەن نىمە ئۇ، كۇچىدا ئۇزۇن مەزگىل يۇرۇپ، قاۋاقلارنىڭ يۇندىسىنى يالاپ ،قاۋاپ يۇرۇپ، خەقنىڭ ئاغزىغا خىلىلا چىقىپ قالغان ئۇ گىزەندى. مۇشۇ ئىش بىلەن يۇزىنى ئىچىۋالاي دىگەندۇ؟ كۈنلەر تىخى ئۇزۇن،‹ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن›، بۇپتۇ ئاداش، ‹ بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتەر›، لىكىن ساڭا بىر مەسلىھىتىم بار، قۇلىغىڭغا خۇش ياقامدۇ بىلمەيمەن، ئاۋۋال دەپ باقاي، ئىدىيەڭدىن ئۆتسە قىلارمىز، بۇلمىسا مەيلى قانداق ؟
-سەن  تۇلا ئاخماقلىق قىلماي، ‹ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۇمۇش› قىلىپ، ئۇ قانجۇقنى مۇرادىغا يەتكۇزمە ،سىلەر تىخى ئاجرىشىپ بۇلالمىدىڭلار، ھىساپتا سەن ھىلىمۇ ئۇنىڭ قانۇنلۇق خۇتۇنى .سەنچۇ؟ ئۇ بىرنىمىگە بۇش كەلمەي،دۇكانغا بىرىپ، تازا بىر كۆكەمىلىك قىلىپ، بالاڭنى ئالدىغا ئات، دۇكان خۇجايىنىنىمۇ، ئاغزىڭغا كەلگەنچە راسا تىللاپ، ئۇنىمىلەرنىڭ
ياقىسىدىن سۇرەپ ،بىرىپ ئەلى دىگەن نىمىنىڭ، ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۇرسىتىپ، ھىلىقى مىنىسا دىگەن پاسكىنىنىمۇ، تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۇپ، تازا سازايى قىچقارتىپ ،رەسۋاسىنى چۇگۇپ، شەرمەندە قىلۋىتىڭلار، يامىنى كەلسە ،‹سەن ئارمىزغا ئۈچىنجى شەخىس بۇلۇپ، قىسلىپ كىرىپ، ئائىلەمنى ۋەيران، بالامنى يىتىم قىلماقچىمۇ؟ يۇر سۇتقا بارمىز، ئۈستۈڭدىن ئەرىز قىلمەن،› دەيدىغان بۇلساڭلار، ئۇ قانجۇق، بۇرۇنقىدەك دەرھاللا  قۇيرىغىنى خادا قىلىپ تىكىۋىتىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاجراشساڭمۇ كىچىكمەيسەن، سىنىڭمۇ ئارامىڭنى بۇزغاندىكىن، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىچى ئاچچىق قىل،ئازاپلانسا قانداق بۇلدىكەن، بۇنى، ئۇ نىمىلەرمۇ ھىس قىلىپ باقسۇن، سىنىڭچە قانداق ئادىشىم؟ بۇلغىدەكمۇ؟
مۇبارەك تۇرسۇنئاينىڭ سۇزلىرىنى تۇپۇن زىھنى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، مۇبارەك بىشىنى ئىتتىك كۇتىرىپ تۇرسۇنئايغا قاردى.تۇرسۇنئاي سۇئال نەزىرىدە، مۇبارەككە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. مۇبارەك بىشىنى چايقىدى. تۇرسۇنئاي كۇزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، ھەيران بۇلغانچە تۇرۇپ قالدى.
- نىمە بۇ پىلانىم بۇلمامدىكەن ؟ ساڭا يارمىدىما ؟
-بۇلشىغۇ، بۇلىدىكەن، ئەمما ئۇنداق قىلسام بۇلمايدۇ؟
-بۇلمايدىغان نىمىسى بار ؟
-سەن ئۇيلاپ باقتىڭمۇ ؟ئەگەر مەن شۇنداق قىلسام، ئەلىدىن يەنە قۇتىلالامەنمۇ؟
-قانداققىسىگە دەيسەن؟ ئىنىقراق دىگىنە؟ چۇشنەلمىدىم،
-ئاڭلا دۇستۇم،ئەلى يالغۇزلۇقتىن بەكلا قۇرقۇدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ،ھازىر قىش كەپ قالدى. ئەلىمۇ بىر ئۇبدان ئىشلەۋىتىپتۇ،ئەگەر مەن ،سەن دىگەندەك قىلسام، مىنىسا كەتسە ،ئەلىمۇ ئىشلىمەيدۇ، ئۇچۇق ئىيتسام، ئۇنىڭغا ئىش خۇش ياقمايدۇ، ئىشلىمىگەن ئادەمگە كىممۇ ياتىدىغان يەربىردۇ ؟ ‹بۇپتۇ، شۇلار بۇلسىمۇ مۇرادىغا يەتكەي، مىنىڭ بىشىم ساقايسا بۇلدى ›.پانالانغىدەك يىرى بۇلمىغاندىكىن، يەنە مىنى ئىزلەپ كىلىپ ئاۋارە قىلدۇ، خەقنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى سەتلەشتۇرۇپ ،ماڭا نىمە كەپتۇ ، بىلگەنلەرغۇ ئەلەمگە چىدىماي قىپتۇ دە، بىلمىگەنلەرچۇ؟ ھەجەپ پەس، چۇپەي، بىزاڭ نىمىكەن ، بىر ئەرنى تالشىپ ،قىلىپ يۇرگەن ئىششىنى. دەپ، گۇنانى يەنە ماڭا قۇيار؟ ‹ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۇت بار› دەپتىكەن، خۇدايىم ماڭىمۇ بىر كۇن ئىيتار ، بالامنىڭمۇ رىسقىنى خۇدايىم بىرە، ئىغىرنى يەركۇترە، بۇمۇ چۇڭ بۇلۇپ ،ئاق-قارنى پەرىق قىلغىدەك بۇلار، شۇ چاغدا كىمنىڭ خاتا، كىمنىڭ تۇغرا ،چۇشنەر،
بىشىمغا پىت سىلىپ، ئۆزەمنى-ئۆزەم  قىينىغىچە ،مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىراقلا قۇتۇلمايمەنمۇ؟ بۇنداق ئۇبدان پۇرسەت ھەمىشە كىلىۋەرمەيدۇ، ئۆزەڭمۇ ئۇيلاپ باق؟ دىگىنىم خاتامۇ يا؟ ئاجرىشش بۇرۇندىنلا ،چۇڭلاردىن قاپتىكەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە، ئاجراشقانلار، يالغۇز مەنلا ئەمەسقۇ؟ پىشانىمىزگە شۇنداق پۇتۇلگەن ئۇخشايدۇ، تەغدىرگە تەن بەرمەي بۇلمايدۇ،
تۇرسۇنئاي بىردەم ئۇيلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ، بىشىنى يىنىك لىڭشىتىپ قۇيدى. ھەم
-ئاداش، سەن يەنىلا رەھىمدىل ئىكەنسەن، ئۇ بىر نىمە،ساڭا شۇنچە ئۇساللىقلارنى قىلسا، قارا يەنە ئۇنىڭ غىمىنى يەۋاتقىنىڭنى. ‹بىركۇنلۇك خۇتۇننىڭ،ئۇن كۇنلۇك مىھرى بار،› دىگەن گەپ راس جۇمۇ؟ مىڭ قىممىغان بىلەن، بىر بالغا ئاتا-ئانا بۇلدۇڭلار، نەچچە يىلنى بىر ئۇيدە، بىللە ئۆتكۇزدۇڭلار ئەمەسمۇ؟ ئەمما ،ئەلى بۇلارنى ھەجەپ ئۇيلاپمۇ قۇيمىدى دىسە،
ھەممە ئادەم سەندەك بۇلسا، دۇنيا بۇنداق رەزىللىشىپ كەتمىگەن، مىھرى -مۇھەببەتكە تۇلغان بۇلاتتى. ھەي............ ‹سۇيى بار يەرنىڭ ئۇتى يۇق،› دىگەن شۇدە،
-ئۇلارنىڭ ئۇتتاغان ئۇيىنى كۆرىۋالدىم دەۋاتاتتىڭ؟ يىراقمىكەن؟ ئەلى دۇكاندا بارمىكەن؟ ھىلىقى پاسكىناچۇ؟
-ھەئە كۆرىۋالدىم، يىراق ئەمەس، دۇكاننىڭ قارشى تەرپىدە، ئۇ ئىككى بۇزۇقلارنى.‹ مۇنچىغا كەتتى› دەمدۇ خۇدايىم، مۇنچا دىگەن، ئەتتىگەندە چۇشمەي، كۇن پىشىن بۇلغاندا چۇشكىننى. قىززىق نىمىلەركىنا ئۇ، كىچە-كۇندۇزنىڭ پەرقى يۇق، تۇخۇدەك، تۇۋا ،
-چۇش بۇلسىمۇ مۇنچىغا چۇشكىنىگە رەھمەت دىسە بۇلىدۇ، ئادەتتە ئەلى، قانداق ئىش بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر، ئالدىراپ مۇنچىغا كىرمەيدۇ،قانداق ناماز بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر، ئالدىراپ مىچىتكىمۇ چىقمايدۇ، بۇرۇن بىللە تۇرغان ۋاختىمىزدا، دائىم ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ،قاچان تۇنۇرغا يىقىلىپ چۇشەر دەپ يۇرەتتىم ،دۇمىلا تۇرۇپمۇ، نان -سامسىلارنى يىقىۋىرەتتى. ئۇنىڭغا مەينەتچىلىك يارشىدىكەن، ھىچنىمە بۇلمىدى.
-ۋىييەي تۇۋا شۇنىمىنىڭ قۇلىدىن چىققان نان-سامسىلارنىمۇ خەق ئالدىكىنا تۇۋا ئۇنداق ئادەمنى ئاخىر بىركۇن نەس باسىدۇ تۇفى...تۇفى...تۇفى سەن گەپ قىلمامتىڭ؟
-گەپ قىلمايدىغان ئىش بۇلامدۇ؟ دەيتىم، ئەمما ئۇ،‹ئىشلەيدىغان يىرىمگە بىرىپ، تۇنۇر قىزىغىچە يۇيۇنۇپ بۇلمەن،› دەپ تۇرۋالاتتى. چىڭراق گەپ قىلسام مىنى سىسىق گەپ بىلەن چېقىۋالاتتى. شۇڭا مەنمۇ، ‹ئۆزەڭڭە قىلسەن، مىنىڭ نىمە كارىم، ›دەپ چاتتىغىم بۇلمايدىغان بۇلدى. ئەمما بالام كىسەلچان بۇلۇپ قالدى. چۇڭلار كۇتەرگەن بىلەن، نارىسىدە بالا ،دۇمىلچىلىقنى كۇترەلمەيدىكەن،ئۆزەڭمۇ بىلسەن، ناۋايلىقنىڭ پىرى ھايات ،ئۇلۇق كەسىپ ئۇ، شۇڭا ئۈيمىز بۇزلۇپ، تۇزۇپ كەتتىمىكىن دەيمەن ئاداش،
تۇرسۇنئاي ئۇڭ قۇلى بىلەن، چاپىنىنىڭ ياقىسىنى مەھكەم تۇتۇپ، ھەيرانلىق بىلەن چىرايىنى پۇرۇشتۇردى.
-تۇرسۇنئاي، سەن دۇكاندىكى باللارغا نىمە دىدىڭ؟ سىنىڭ ئەلىنى نىمە سەۋەپتىن ئىزلەپ كەلگىنىڭنى. ئۇلار سۇرىمىدىما ؟
-مەن ئۇلارغا ئۆزەمنى.‹مەن ئەلىنىڭ يۇرۇتلىغى. ئەلى ماڭا، مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن، دىگەن، مۇھىم گىپىم باتتى.› دىدىم، شۇڭا ئۇلار، ئەلىنىڭ ئۈيىنىمۇ كۇرسىتىپ قۇيدى.
-ئەمسە، مىنىسا بىلەن بىللە تۇرۋاتقىنىنى. قانداق بىلدىڭ؟ قالايمىقان گەپ قىلىپ سۇرىمىغانسەن؟ مىنىڭ ئىسممنى چىقاردىڭمۇ؟
-ياقەي، چىقارمىدىم، ساراڭمۇ مەن؟ئۇلار ئۆزلىرى.‹خۇتۇنى بىلەن بىللە، مۇنچىغا كەتتىمىكىن ،يا ئۆيدىمىكىن،› دەپ زاڭلىق قىلغاندەك كۇلدى.مەن‹ ئۆيى نەدە دىسەم›، بىر بالا بىللە
چىقىپ، بىر بىنانىڭ ئالدىغا كىلىپ، يەرئاستى ئۈيىمىكىن، تۇرمە كامىرىنىڭ دىرىزىسىدەك، كىچىك بىردىرىزىگە قاراپ چاقىردى .دىرىزىگە باش ياغلىقىدەك بىر نىمىنى پەردە قىلىپ تارتىپ قۇيۇپتۇ، شۇ ئۆيدىلىگى ئىنىق ئىكەن، ئۆيدىن سادا چىقمىغاندىكىن يۇق بۇلىدۇ ،شۇ ئۇلار ،‹خۇتۇنى بىلەن مۇنچىغا كەتتى.› دىگەندە تاس قالدىم،‹ ئۇنىڭ خۇتۇنى- بالىسى بىلەن ئاۋۇ يەردە مىنى
ساقلاۋاتسا ،يەنە نەدىن كەلگەن خۇتۇن ئىكەن ئۇ،› دەپ ۋاقىرۋەتكىلى. ئۆزەمنى تۇتىۋىلىپ، مەنمۇ چاندۇرماي ،‹ئەلى تۇي قىلدىما؟ قاچان قىپتۇ؟› دىسەم  ئۇلار،‹دۇكانغا كەلگەندىلا، ئايالىم بار،› دىگەن، شۇڭا ئۇلارغا بىر ئىغىز ئۆينى بىكارلاپ بەردۇق، ئايالىنىڭ ئىسمى مىھرىنىسا ئىكەن، كۆرۇمسىز سەت بۇلغىنى بىلەن، بىزگە ئانچە-مۇنچە ياردەملىشىپ نان-سامسىلارغا زۇۋۇلا تاۋلىشىپ ،نان سىتىشىپ،
دۇكان تازلىشىپ ،بەزى تاماققىمۇ ياردەملىشىدۇ،› دەيدۇ، شۇنىڭغا قارغاندا، مىنىسا‹ بۇ بىكارلىق ئۆيدىن قۇرۇق قالمايلى› دىگەن گەپ ،
-شۇنداق دەيسەن ئاداش، يىزا ئاياللىرى. بىز شەھەر ئاياللىرىغا قارغاندا، جاپاغا چىداشلىق، ئىشچان كىلىدۇ، ئۇلار كىچىگىدىن باشلاپلا، ئىتىز-ئىرىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەچ، خىلى ئىشلارغا ۋايسىمايدۇ، بىزلەر بۇلساق، ئۇلار قىلغان ئىشنىڭ، ئۇننىڭ بىرىنىمۇ قىلالمايمىز، ئادەتتە بىر قازان تاماقنىمۇ ئۇڭلاپ ئىتەلمەيدىغان، ھازىرغىچە سۇپۇرگە تۇتۇپ باقمىغان قىزلارمۇ جىق ،مەسلەن ئۆزەمنى مىسال قىلىپ ئىيتسام، ئىتىزنىڭ ئىششىنىڭ بىرنىمۇ چۇشەنمەيمەن، مىنىسا ئۇچۇن ئۇ ئىشلار ھىچقانچە گەپ ئەمەس، بىزگە بۇلسا شۇنداق جىق تۇيىلىدۇ،
-قارا سىنى، ئەمدى مىنىساغا ھىسداشلىغىڭ تۇتقىلى تۇردىغۇ سىنىڭ ؟ئەمدى دۇشمىنىڭگمۇ ئىچ ئاغرىتىپ، ۋىژدان ئازابى تارتىپ يۇرمە ،سەن بەك غۇرۇرلۇق ئەمەسمۇ؟
تۇرسۇنئاي مۇبارەككە خاپا بۇلغاندەك قىلىپ، ئالىيىپ قۇيۇپ، ئىچىدە نىمىلەرنىدۇ غۇدۇراپ قۇيدى. مۇبارەك تۇرسۇنئاينىڭ مۇرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قۇيۇپ كۇلۇمسىرگىنىچە
-ئاداش، ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلغىنىم يۇق ،ئىچىممۇ ئاغرىمىدى. مەن ھەق گەپنى دەۋاتىمەن، ئۇنداق ئەمەس، يىزا ئاياللىرى بىلەن ،شەھەر ئاياللىرىنىڭ پەرقى يۇق، دىيەلەمسەن؟
-بۇلدى قىلە ئۇ گەپلەرنى. ئۇلارنىڭ قىشىغا بارامدۇق؟ قانداق قىلمىز؟
-بارمىز، نىمە خاپا بۇلدۇڭما؟
-ياق، ئەمسە ماڭايلى ،بۇيەردە تۇرىۋەرسەك، ۋاقىتمۇ ئۆتىدۇ، بالاڭمۇ مۇزلاپ كەتتى ھە قاچان، سۇغۇق ئۆتكۇزۋالمىغىن يەنە،
مۇبارەك ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلماي، تۇرسۇنئايغا ئەگىشىپ ماڭدى. تۇرسۇنئاي قەدەملىرىنى ئەركىشىدەك، چۇڭ-چۇڭ ئىلىپ، ئالدىراپ مىڭىپ، كۇنىراق بىر بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇختاپ، مۇبارەككە بۇرۇلدى.
-مۇشۇ بىنا شۇ، قىيپاش ئۇدۇلدىكى ئاۋۇ ناۋايخاننى كۆردۇڭمۇ؟ ئەلى شۇ يەردە ئىشلەيدىكەن، سەن ئۆزەڭنى دالدىغا ئىلىپراق تۇر، مەن دۇكانغا بىرىپ باقاي،ئەلى كەلدىمۇ- يۇق،
تۇرسۇنئاي مىڭىشقا تەمشەلگەندە، مۇبارەك ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتىۋالدى .تۇرسۇنئاي ئەجەپلىنىش نەزىرىدە ئۇنىڭ تىكىلدى.
-بۇلدى ئاداش، دۇكانغا بىرىشنىڭ ھاجىتى يۇق، ئەلى ئالدىراپ مۇنچىغا بارمايدۇ، بارسا بىرمۇنچە نىمىلەرنى كۇترۇپ باردۇ، ئۇ نەرسىلەرنى دۇكانغا ئەكىرسە بىئەپ بۇلىدۇ ،
شۇڭا ئۇ ئاۋۋال، نەرسىلەرنى  كۆتىرىپ ئۆيگە كىردۇ،ئۇلارنى قۇيۇپ، دۇكانغا ئاندىن چىقىدۇ، مەن ئۇنىڭ خۇيىنى ئۇبدان بىلمەن،
-ئەگەر، سىنىڭ دىگىنىڭدەك بۇلماي ،ئۇددۇل دۇكانغا كەتسىچۇ؟ ئۇچاغدا قانداق قىلسەن؟
-جەزىملەشتۇرەلەيمەن، چۇقۇم ئۆيگە كىلىدۇ ،سەن ئاۋۋال ئۇنىڭ دىرىزىسىگە قاراپ باق، ئۆيدە ئادەم بارمۇ -يۇق، ئىلاھىم، سىنىڭ دۇكانغا بارغىنىڭنى. ئۇلار ئەلىگە دەپ قۇيمىسىتى.
-دەپ قۇيسا نىم بۇلىدۇ؟ سەنمۇ قىززىقكەنسەن، كىشلەر، قىلمايمەن دەپ، قىلىشقا، دىمەيمەن دەپ، دىيىشكە ئامراق ،بۇنى بىلمەمسەن؟
-ئەلى بەك ھىلىگەر، بۇيەرگە كەلگىنىمىزنى بىلىپلا قالسا، مىنىسانى قاچۇرۋىتىدۇ، ئۇچاغدا گىپىمىز ئۆتمەيدۇ، ھەممىگە پاكىت كىرەك ھازىر،
-قاچۇرۋەتسە مەيلى ئەمەسمۇ، دۇكاندىكىلەر ئىسپات بۇلىدۇ، ئاددىسى مەنمۇ بارغۇ؟
-سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن، قۇل ھامىنى ئىچىگە ئىگىلىدۇ، ھەممە ئادەم ئاۋارچىلىقتىن قاچىدۇ، ئۇلار ئەلىگە يان باسماي ،بىزگە ئىسپات بۇلۇپ بىرەما؟ ئۇنداق قىلسا ئەلىمۇ ئۇلارغا ئىشلەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن مىنىڭ دۇستۇم، سەن سۇتتا گۇۋالىقتىن ئۆتسەڭ بۇلمايدۇ، سۇت بۇنى ئىتراپ قىلمايدۇ، گۇۋاچى چۇقۇم ناتۇنۇش ئادەم بۇلشى شەرت،
-ۋاي خۇدايىم ، سۇت دىگەن بۇ يەرنىڭمۇ، ھەجەپ ئىششى تۇلىكىنا، سەن تۇرۇپ تۇر، مەن ئاۋۇدەرىزىگە قاراپ باقاي،
مۇبارەك ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. تۇرسۇنئاي بىر دىرىزىنىڭ ئالدىدا زۇڭزۇيۇپ ئۇلتۇرۇپ ،بىرنەچچە قىتىم دىرىزىنى چەكتى، ئەمما دىرىزىدىن سادا كەلمىگەچ، كەينىگە يىنىپ كەلدى.
مۇبارەك بىلەن تۇرسۇنئاي ،ئەپلىك بىر جاينى تىپپ ،جايلىشىۋىلىپ، تاغدىن -باغدىن پاراڭلىشىپ ئۇلتۇردى.بەلكىم يىرىم سەئەتتىن كۇپرەك ۋاقىت ئۆتتى بۇلغاي، چۇڭ دەرۋازا تەرەپتىن
ئەلى بىلەن مىنىسا، بىر-بىرىگە مەھكەم يىپىشقىنىچە، ئۆيى تەرەپكە قاراپ كەلدى. ئەلى خۇددى مىنىسانى بىرى ئەپ قاچىدىغاندەك، بىلىدىن مەھكەم قۇچاغلىۋالغان بۇلۇپ، تۇرۇپ-تۇرۇپ مىنىسانى ئۆزىگە تارتىپ، يىنىك قۇچاغلاپ، بەزى داپتەك يۇغان داغ-سەپكۇن باسقان قۇرۇق يۇزىگە، بەزى كالاچتەك ئىغىزىغا سۇيۇپ قۇياتتى .مۇبارەك بىلەن تۇرسۇنئاي، بۇنى ئىنىق كۇرۇپ تۇردى.مۇھەببەت دىڭىزىغا غەرىق بۇلغان، بۇ قىرى پاھىشىۋاز ئاشىق-مەشىقلار، سۇيگۇ شارابىدىن مەس-ئەلەس بۇلۇپ، خۇمارلاشقان پىت كۇزلىرىنى يىرىم يۇمۇپ، ئاللا قانداق سۇزلەرگە كۇلشۇپ ،ياپما قاپاقلىرىنى تەستە كۇترۇپ، ئۆزلىرىنى ئاران تۇتۇپ  كىلىۋاتاتتى.
ئەلى مىنىسانىڭ يۇزىگە چۇككىدە بىرنى سۇيۇپ قۇيۇپ،
-جىنىم خۇتۇن، جىندەك تۇرۇپ تۇرە، ئۈيىمىزنىڭ ئاچىقۇچىنى نەدە قۇيدۇم؟ تاپالمايۋاتىمەن، ئىشىكنى ئىچىۋالاي بۇلامدۇ؟
-ۋايجان ئەلىجان، بۇلىڭە تىز مۇزلاپ كەتتىم، ئۇبدانراق قارڭە، بايا نەگە قۇيغانتىڭىز جىنىم،
مىنىسا ئاۋازىنى مۇمكىنقەدەر ئىنچىك چىقىرىشقا تىرشىپ، ئەلىگە ئەركىلەپ سۇركەلدى.
-ھە مانا تاپتىم، بىر مىنۇت تەخىر قىل تاتلىق خۇتۇن، مانا ھازىرلا، ئۆزەم ئىستىمەنغۇ سىنى.
-ۋىييەي قىلىنلىغىنى. بايا مۇنچىدىمۇ پاكىز يۇيۇنغىلى قۇيماي، بۇزەك قىلىپ تۇيمىدىڭىزما؟ ئەسكى.
-مەن قاچان ساڭا تۇيۇپ باققان، ساڭا مەڭگۇ تۇيمايمەن جىنىم، مۇنچىدا بىرەسى كىرىپ قالارمىكىن دەپ، ئەنسىرەپ ..........ئىشلارئۆيدىكىدەك جايىدا بۇلمايدىكەن،
-ھازىر يۇيۇنۇپ چىققان تۇرساق، يەنە مۇنچىغا كىرمىزما ؟بۇلدىلا ،ئۇ مۇنچا بەك قىممەتكەن، 15 كۇيغىمۇ سۇغا چۇشەمدۇ؟ يا ئۆيدە چۇشكىلى بۇلمىسا؟ سۇغۇقتا ،
-مەن چۇشمەيمەن، سەن قۇرقساڭ، كچىك تاھارەت ئىلۋەتسەڭ بۇلىدۇ،
-چۇشمىسىڭىز قانداق بۇلىدۇ؟
-ھىچنىمە بۇلمايدۇ ،ماڭا يارشىدۇ، بۇرۇنمۇ شۇنداقتىم،
-ھە نىمە؟ ھەجەپ بۇرۇن دەپ كەتتىڭىزغۇ؟ ئىسىڭىزگە كەپ قىلۋاتامدا؟ ئەسلى مەينەتلىكنى شۇ ئۈگىتىپتىكەندە؟
-ۋاي ياق، بۇلدى خاپا بۇلمىيە، نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسەن، ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچرۇپ، ئۇنىمىنى ئۇيلايدىغانغا نەدىكى چۇلام مىنىڭ، ئۇيلىغان بۇلسام شۇنچە كۇندىن بىرى ئۆيگە باراتتىم،
سەندىن بىرمىنۇتمۇ ئايرىلماي يۇرمەمدىمەن مانا ؟ ئەلى شۇنداق دىگەچ، مىنىسانى ئالداپ بىرنەچچىنى ئارتۇق سۇيۇپ قۇيۇپ ،ئىشىكنى ئاچتى. ئۇلار ئەمدى پۇتىنى بۇسۇغىغا قۇيشىغا،
ئۆزىنى بىسىۋالالماي ئاران تۇرغان تۇرسۇنئاي، ئۇتتاغان جايىدىن لىككىدە تۇرۇپ، پۇتۇن ئاۋازىنى قۇيۋىتىپ، غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى.
-تۇختاش، ھۇ قىرى بۇزۇق، پاھىشىۋاز ،مۇناپىق ، نامەرت ئەبلەخ، مازلار، رەسۋالار، ھايانى، بىلمەيدىغان ھايۋانلار، نۇمۇسسىزلار،
ئەلى بىلەن مىنىسا، تۇيۇقسىز يان تەرەپتىن كەلگەن ئاۋازدىن چۇچۇپ،بۇرلۇپ قاردى. ئۇنىڭغىچىمۇ تۇرسۇنئاي ئالدىغا نەچچە قەدەم مىڭىپ بۇلغان، مۇبارەك بۇلسا ئەمدىلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ
مىڭىش ئالدىدا تۇراتتى. ئەلى چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان مىنىساغا قاردى، مىنىسا خۇددى قاترۇپ قۇيغان ھەيكەلدەك، جايىدا قىمىرلىماي، مۇبارەككە تىكىلگىنىچە تۇرۇپ قالغان،
تۇرسۇنئاي مۇبارەكتىن چاققان چىقتى .
ئۇ سۆزلىگەچ ئۇددۇل كەلگەنچە ،مىنىسانىڭ چىچىدىن كاپپىدە تۇتۇپ، يۇزىگە ئىككى كاچات سالدى .تەييارلىقسىز تۇرغان مىنىسا ئۆزىنى ئوڭشاپ
تۇرسۇنئايغا قۇل ياندۇرغىچىمۇ، تۇرسۇنئاي ئاغزىنى ئاپتۇماتتەك قۇيۋەتتى.
-ھۇ ئادەم بۇلمايدىغان رەسۋا پاسكىنا بۇزۇق، كىشىنىڭ يۇرتىدا مۇساپىر بۇلۇپ تۇرۇغلۇقمۇ جىم يۈرمەي خەخنىڭ ئۈيىنى بۇزۇپ
بالسىنى يىتىم قىلىشقا قانداق كۆڭلۆڭ كۈتەردى؟ نۇمۇس دىگەننى بىلەمسەن ئەر سارىڭى؟
مىنىسا يىقىنلاپ قالغان مۇبارەكنى كۆرۈپ ،دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ھۇجۇمغا ئۈتۈشكە تەييارلاندى.
-ياخشى نەرسە يەردە قالمايدۇ، ياخشى خۇتۇن كۇچىدا دەپ، ئۇنىڭ ئۈيىنى مەن بۇزۇپتىمەنما ؟قارغاندا سىنىڭمۇ ئەلىدىن تامايىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟
-ۋاييەي كىشىنىڭ ئىرىنى تالىشىدىغان، ئاشقان-تاشقان ئادەم مەن ئەمەس ،ئۆزەڭگە ئەپ قىلىپ گەپ قىل،
بۇلار بىر-بىردىن ياندىغاندەك ئەمەس ،ھاڭۋىقىپ تۇرغان ئەلى مۇبارەكنى كۆرۇپ،
-ئۇيۇن كۆرۇپ تۇرماي، ماشكاڭغا سۇڭەك تاشلاپ زەنجىرنى تاتمامسەن،
تۇرسۇنئاينىڭ ئەلىنى ئۆزىنى ‹ماشكا ئىت› دىگىنىنى ئاڭلاپ باشقىدىن جۇدۇنى ئۆرلىدى.
-ھەي لاتا ئاغزىڭغا بىقىپ سۆزلە جۇمۇ، مىنى ئۇزەڭگە ئوخشاش كىم بىر پارچە سۇڭەك تاشلىسا ماڭدىغان كۆرۇپ قالدىڭما؟ خۇمسى.
ئۇنىڭغىچىمۇ مۇبارەك قەيسەرنى يەرگە قۇيۇپ بۇلارنى ئاجرىتىشقا تۇتۇندى.
-بۇلدى ئاداش، بايا دىگەنتىمغۇ سەن ئارلاشما دەپ، ئۆزەم بىر تەرەپ قىلالايمەن،
-مۇبارەك مەن ساڭا ئۇخشاش بۇش ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چۈپرەندە بىرنىمىلىگە تىتىيالمىسام، ئىسممنى تەتۇر يازمەن،
-بۇلدى ئۆزەڭنى بىسۋال ،ئەر-خۇتۇننىڭ ئىششىنى ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلايلى.
مۇبارەك تۇرسۇنئاينى تارتىپ بىر چەتكە ئەپ چىقتى.
پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن مىنىسا بىلەن ئەلى، ئۆيلىرىگىمۇ كىرمەستىن كەينىگە ياندى. ئەمما مۇبارەك بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان ئىدى.
-مۇبارەك ئاۋۇ ئىككى شەرمەندە سىرىتقا قاراپ قاچتى. تىز بۇل ،مۇھىم ئىششىڭغا تەسەر يەتمىسۇن،
مۇبارەك قەيسەرنى تۇرسۇنئايغا تاپىلاپ قۇيۇپ، ئۆزى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى .
مىنىسا ناۋايخانىنىڭ يىنىغا كەلگەندە كەينىگە ئۆرلۆپ، مۇبارەكنىڭ كىلۋاتقىنىنى كۆردىدە ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى.
مىنىسا كەلگەنچە مۇبارەكنى نەچچە كاچات سالدى .مۇبارەك ئەمدى قۇل ياندۇراي دىيىشىگە تۇيۇقسىز ئەلى
كەينىدىن كىلىپ ئۇنىڭ ئىككى قۇلىنى قايرىپ تۇتىۋالدى.
كۇچىدىن ئۆتكەنلەر جىدەل كۆرۈپ تۇراتتى. قەيسەرنى كۆتۇرۇپ  ئەرلەردەك چوڭ قەدەم بىلەن كىلۋاتقان تۇرسۇنئاي، قەيسەرنى يەرگە قۇيۇپ
يۈگۈرۈپ كىلىپ مۇبارەكنى ئەلىنىڭ قۇلدىن ئاجراتتى .ئەمما ئەلى مۇبارەكنى قۇچاغلاپ تۇتىۋالغاچ، ئەلىنىڭ قۇلىنى ئاجرىتالمىدى .تىرىككەن تۇرسۇنئاي
ئەلىنىڭ كەينىدىن كىلىپ ئۇنىڭ دۇلىسىنى چىشلىدى. شۇندىلا ئاغرىققا چىدىمىغان ئەلى مۇبارەكنى قۇيۇپ بەردى.
-ئىككىڭ بىر بۇلۇپ مۇبارەكنىڭ گۇشىنى يىمەكچىمىتىڭ ھۇ خۇمسىلار؟
كىملەرنىڭدۇر تىلفۇن قىلشى بىلەن بىردەمدىلا ساقچى ماشنىسىنىڭ چىقىرغان ئاۋازى ئاڭلىنپ، ئۇزۇن ئۇتمەيلا بىر ساقچى ماشنىسى ئۇلارنىڭ يىنىدا تۇختاپ
ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر، ئىككى خەنزۇ ساقچى چۇشتى .
ئۇلار ئاللا نىمىلارنى دەپ ،بۇ تۆتىنى ماشىنىغا سىلىپ ساقچى ئىدارىسىغا ئىلىپ كەتتى.
ساقچى ئەركىن مىنىسا بىلەن ئەلىدىن سۇراق خاتىرىسى ئېلىپ بۇلغاندىن كىيىن ،مۇبارەكنى چاقىردى.
-قارغاندا بىزنى بىكار قالدى دەپ ئويلاپ قالىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ نىم بۇلۇشتۇڭلار؟
مۇبارەك جاۋاپ بىرىپ بۇلغىچە ،ئاغزى ئىتتىك تۇرسۇنئاي گەپ ئارلىدى.
-بۇ ماز ئۆزىنىڭ خۇتۇن باللىرى بىلەن كارى يۇق، ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ بىزنى ئۇرۋاتىدۇ،
ساقچى شۇ ھامان قاپىغىنى تۈرۈپ،
-سەندىن سۇرىمۇدۇم !گەپ سۆزگە دىققەت قىل ،سەن بۇلارنىڭ نىمىسى؟
مۇبارەك ئىتتىكلا تۇرسۇنئاينى نۇقۇپ قۇيۇپ،
-بۇ ئەر مىنىڭ قانۇنلۇق ئىرىم ،بۇ ئىككىمىزنىڭ ئۇغلى. بۇ قىز مىنىڭ دۇستۇم، بۇ ئايال بۇلسا ئىرىمنى ئازدۇرغان خۇتۇن،
-نىمە ئىككىڭلار تىخى ئاجراشمىغانما؟
-ياق ،مەن ئاجرىشش كىلشىمنامىسىنى ئېلىپ ئۇنى ئىزدىگىلى ئۇزۇن بۇلدى. ئۇ ئىزچىل ماڭا تۇتۇق بەرمەي قىچىپ يۇردى.
يەنە تېخى بۇ خۇتۇن بىلەن بىرلىشىپ مىنى بۇزەك قىلىپ، ئۇچرىغانلا يەردە تىللاپ، ئۇرۇپ يۇردى.
-ئۇ نىمىشكە ئۇنداق قىلىدۇ؟
-بۇنى مەنمۇ بىلمىدىم !يا تۇزۇك ئۇينى تۇتمايدۇ، يا ئاجراشقىلى ئۇنمايدۇ،
-ئەلى بۇياققا كىرە،
ئەلى سۇغا چۇشكەن مۇشۇكتەك سالپىيىپ كىردى. ساقچى
-سەن بايا ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىم دەۋاتمامتىڭ؟ قانۇن دىگەننى بىلەمسەن يۇق؟
ئەلى بىر ئىغىز گەپ قىلمىدى .ساقچى
-ئەگەر ئۇي تۇتمىساڭ سۇتقا بىرىپ رەسمىيەت بىجىرۋەت ،بۇلمىسا نەدىكى بۇلمىغۇر ئىشلارنى قىلما، ئۇنىڭ ئۇستىگە بالاڭ ئۇغۇلكەن،
ساقچىنىڭ سۇزى تۇگىمەيلا كىچىك قەيسەر،
-دادام ئاپامنى ئۇدى ،ئاۋۇ ئاچاشمۇ ئۇدى ،ئۇ سەت ، دادام ئەسكى ،مەن ئۆچ،
ساقچى كىچىك قەيسەرنىڭ بىشىنى سىلاپ قۇيۇپ ئەلىگە،
-ئاڭلىدىڭمۇ؟ كىچىك بالا يالغان ئېيتمايدۇ، ئۇمۇ سەندىن نەپرەتلىنىدىكەن ،سىلەر ئائىلە، نىكا -بالا دىگەننى زادى نىمە كۆرىسىلەر؟
ئەلى قەيسەرگە قاراپ قۇيۇپ لام -جىم دىمىدى. ساقچى
-مىنىسا سىز كىرىڭ،
مىنىسا خۇددى ئەسىرگە چۈشكەن دۈشمەندەك بىشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئىشىكتىن كىردى. ساقچى
-بۇ ئىككىڭلارنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار زادى ؟سىز بۇنىڭ نىمىسى؟
-بىز يىقىندا تۇي قىلماقچى ،لىكىن بۇ خۇتۇن ھە دىسە بىششەملىك قىلىپ بىزنىڭ ئىششىمىزغا تۇسالغۇ بۇلۋاتىدۇ،
-سىز خۇتۇنى بار ئادەمگە تەگمەكچىمۇ ؟قانۇن دىگەننى بىلەمسىز؟ ئۇلار تىخى ئاجراشمىغان ئىكەن، بۇ ئىككىڭلارنىڭ بىر ئۆيدە تۇرشىمۇ
نىكا قانۇنىغا قىلاپ ،جاۋاپكارلىقنى سۇرۇشتۇرسە قۇش نىكالىنىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، سىز ئۈچۈنچى شەخىس بۇلىسىز، بۇ بىلەمسىز؟
-بۇلارنىڭ ئاجراشمىغانلىغىدىن مىنىڭ خەۋرىم يۇق ئىكەن ،
ساقچى تۇرسۇنئايغا بۇرلۇپ،
-سەنچۇ نىمىشكە ئەر-خۇتۇننىڭ ئىششىغا ئارلىشىسەن؟
-ئۇلار بىرلىشىپ دۇستۇمنى ئۇردى. شۇڭا چىدىماي دۇستۇمغا بۇلۇشۇپ بەردىم،
-زادى كىم- كىمنى ئۇردى؟
ئۇلار تەڭلا بىر- بىرنى كۆرسەتتى .مۇبارەك
-مىنى بۇ خۇتۇن ئۇردى .مەن ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى باشقىلار ئارقىلىق بىلىپ،  ئاجرىشش كىلشىم نامىسىگە ئەلىنى قول قۇيدۇرۇش ئۈچۈن ،ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ،بىزنى كۆرۈپلا قاشتى .
قەغەزنى ئىلىپ كەينىدىن بارسام بۇ خۇتۇن مىنى ئۇردى.
مىنى  بۇ خۇتۇن ئۇرۋاتسا ،ئەلى تۇتۇپ بەردى .دۇستۇم كىلىپ ئاجراتتى. بۇلغان ئىشلارشۇ،
ئىشەنمىسىڭىز يۇلدىكى تازلىق قىلۋاتقانلاردىن سۇراڭ،
ساقچى ئەلىگە نەپرەت بىلەن قاراپ قۇيۇپ،
-بىر خۇتۇن كىشىنى ئىككىڭ ئۇرۇشتۇڭما ؟يەنە كىلىپ سەن تۇتۇپ بەردىڭ ؟ياخشى ئۇغۇل بالا ئەركەك!
چىدىماي قالغان مىنىسا ،
-ئۇلارمۇ بۇش ئەمەسكەن، ئەلىنىڭ دۇمبىسىنى بۇ مەينەت چىشلىۋاپتۇ مانا،
-ئىككىڭ بىر بۇلۇپ ئۇرساڭ ،ئاجرىتالمىغاندىكىن ،كۇچۇم يەتمىسە چىشلىمەي قانداق قىلمەن؟
-بۇلدى بەس ،بۇندىن كىيىن بۇ ئىككىڭلار ئەر-خۇتۇن ئىككىسىنىڭ ئىششىغا ئارلاشماڭلار ،
بۇلار قانداق قىلسا ئۆزىنىڭ ئىششى .بۇندىكىن يەنە مۇشۇنداق ئىش چىقىرىشىدىغان بۇلساڭ  15 كۈنلۈكتىن سۇلايمەن ، ئۇنىڭدىن سىرىت جەرىمانە تۆلىشىسەن ،چۇشەندىڭمۇ؟
ھىچكىمدىن سادا چىقمىدى .ساقچى بۇلارنى قايتىشقا بۇيرۇپ بۇلۇپ ئەلىنى چاقىردى.
-بالاڭ ئۇغۇلكەن ،قارسام تازا مىجەزى يۇقتەك تۇردۇ ،قىززىپ كىتىپتۇ، چۇڭ بۇلسا يەنىلا ئۆزەڭگە ئەزقاتىدۇ،
كۇچا خۇتۇنلىرىنى قۇيۇپ ،ئۆزەڭگە پۇختا بۇل، ئائىلەڭنى. بالاڭنى .ئايالىڭنى .قەدىرلە، بىكار كىيىن ئۆزەڭ پۇشايمان قىلىپ قالسەن بىلدىڭمۇ؟
ئەلى ئارتۇق گەپ قىلماي ساقچى ئىدارىسىدىن چىقتى .يۇلدا ئۇنى يەنە شۇ ئۈچ ئايال ساقلاپ تۇراتتى.
ئەلى  دەرۋازىدىن چىقىپلا  ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان  بۇ ئاياللارنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئاۋۋال مىنىسا كىيىن مۇبارەككە قاردى. مىنىسا  مۇبارەككە سەت بىرنى ئالىيىپ قۇيۇپ ،
-ئەلىجان ،بۈگۈن گەپلەرنى ئايرىمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ،  سىز زادى كىمگە تۇرسىز ؟راس گەپ قىلڭە؟
باياتىننىڭ ياقى جىلى بۇلۇپ ئاران تۇرغان تۇرسۇنئاي، مۇبارەكنىڭ جىملىشىگىمۇ پىسەنىت قىلماي يەنە جاۋىلداپ سۆزلەپ كەتتى.
-يەنە نۇمۇس قىلماي كىمگە تۇرسىز دەيسىنا ساقچىنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ قۇيۇندا قىلىپ جىن تىپپەتكەن ساراڭ كاللىسىنى ھەرە چىقىۋالغان نىمىمۇ بۇ تۇۋا....تۇۋا
-بۇلدى ئاداش، سەن بىردەم جىم تۇرە ! ئۆزەمنىڭ ئىششىنى .ئۆزەم دەي،
-مۇبارەك ،سەنمۇ قىپ-قىزىل بىر پارچە ساراڭ نىمىكەنسەن ،بايا ساقچىنىڭ ئالدىدا جاندىن ئۆتكىدەك ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ ،بۇ نىمىلەرنىڭ ئەپتى -بەشرىسىنى ئاشكارلىۋەتمەي، تىلىڭنى چايناپ تۇرسەن، قۇيەۋە سىنى. ئەسلى ئۆزەڭدە بار ئوخشايدۇ ،ئادەمنى تالا قىلىپ، يەنە مىنى تۇسايسەن تېخى. بۇلدى مەن ئارلاشمىدىم، قانداق قىلساڭ قىلىش..........،
تۇرسۇنئاي يەرنى زەردە بىلەن ئۇيىۋىتىدىغاندەك دەسسەپ كىتىپ قالدى.
مىنىسا خۇددى ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان گىنرالدەك، سوغوق كۈلۈپ ،مۇبارەككە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى.
-يۇرە مۇبارەك ،ئىشلار ئۇچۇق بۇلۇپ كەتسۇن، بەر-بىر بۇلدىغان ئىشلار بۇلدى.ئەمدى كەينىگە سۆرىگننىڭ پايدىسى يوق ،
ئەلى سۆزىنى تۈگۈتۈپ، مۇبارەك بىلەن مىنىسانى باشلاپ ماڭدى .
بىچچارە قەيسەر بىردەم-بىردەم چۈشكۈرۈپ كىتىۋاتاتتى.
ئۇلار ئەلىنىڭ تۇرالغۇسىغا كىلىپ،  كىچىككىنە  تەستە ئىشىكتىن كىردى.
قاراڭغۇ زەي ئۆي، ئۆزلىرى قۇرىۋالغان ياغاچ سۇپا ،بىر يۇتقان -كۆرپە، كىر  كىيىملەر ئۆينىڭ بۇلىڭىغا قالايمىقان تاشلانغان ،كەڭلىگى ئادەمنىڭ چۇڭ يۇتىسىدەك كىلىدىغان ئەۋرەز تۇمۇرى.‹ ئۇستىدىكىلەرنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەت ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردۇ،› يەرگە تاشلانغان تاماكا قالدۇقلىرى. قۇرۇغدالغان قىزىل ھاراق بۇتۇلكىسى. ئۆينى كۆرگىسىز قىلۋەتكەن، ئۆيدىنمۇ كىشىنى سەسكەندۈردىغان بىر خىل تەر ئارلاش بەد-بۇي پۇراق كۆتۇرلۈپ تۇراتتى.
مۇبارەك ئۆيگە كىرىپلا بۇ سېسىمچىلىقتىن بۇرنىنى ئەتتى.
مىنىسا سۇپىنىڭ بۇرجىگىدە پۇتىنى ئالماپ ، ئەلىنى ‹گەپ قىلمامسەن› دىگەندەك ئولتۇراتتى .
-مىنى شۇنچە جىددى نىمىگە ئىزلىگەن؟ ماڭا زادى ئارامچىلىق بەرمەمسەن ئېيتە؟
-ماڭا دورا بۇلۇپ قالغىنىڭ يوق، سوتنىڭ بۇ كىلىشىم نامىسىگە قول قۇيۇپ، سىنى ئازاتلىققا چىقىۋالسۇنمىكىن دەپ ئىزلىگەن، قانداق بۇمماپتىما؟
-ۋاي بۇپتۇ خىنىم ،بۇممامدىغان ،ئۆزلىرى قىلغان ئىش قاچان بۇممىغان، ئەزەلدىن بۇلدىغان ئىش قىلدىغان تۇرسىلا ،
-ئەلىجان، سىزمۇ كەينىگە سۆرىۋەتمەي قول قۇيۋەتسىڭىزلا بۇلدىكەنغۇ؟ يەنە نىمىگە تارتىشىسىز؟
-سەن جىم ئولتىرە ! جىق ئىشلار بار بىلمەيسەن،
مىنىسا دىمىقىنى قىقىپ قۇيۇپ مايتارتىپ ئولتۇردى.
-بۇلىدۇ ، مەن قول قۇياي، ئەمما شەرتىمگە كۆنىسەن ، شۇندىلا ئازاتلىققا چىقالايسەن، قانداق؟
-قىنى شەرتىڭنى دىگىنە؟
-بىرىنجى شەرت شۇكى .بۇندىن كىيىن قەيسەرنى تىلغا ئالمايسەن،
-نىمە؟ نىم دەۋاتىسەن؟ كاللاڭ جايىدىمۇ؟
-گىپىم تىخى تۈگىمىدى. ئىككىنجى شەرت ،سەن پەرھات بىلەن تۇي قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ بەرگەن 30 مىڭ كۇينى ماڭا ئەكەپ بىرىسەن، ئۈچۈنچى شەرت ،سوتقا بارغاندا ئارمىزدا بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلانىڭ ھىچقايسىنى ئىنسى-جىنغا تىنمايسەن، مۇشۇلارغا قۇشۇلساڭ مەن بۇ كىلشىمگە قول قۇيمەن،
-ئەگەر قۇشۇلمىسامچۇ؟
-قۇشۇلمىساڭ، ئارمىزدىكى نىكا توختامى تۇرىۋىردۇ، مەنمۇ ئۆزەم بىلگەننى قىلىپ يۈرىۋىرمەن،
-قالتىس پىلان تۈزۈپسەن ھە؟ مەن بۇ ئىشلارنى  ئائىلەمدىكىلەرگە-قانۇنغا دەيمەن، قىنى قانداق قىلسەنكى!
ئەلى  قىززىق بىر ئىشتىن ھوزۇرلانغاندەك قاقاقلاپ خىلى ئۇزۇن كۈلدى. بۇ رەزىل كۈلكىدىن مۇبارەكنىڭ تىنى شۇركىنىپ ،بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ كەتتى.
-قانۇنغا دەرمىش، نىمىنى دەيسەن؟
-سىنىڭ رەزىللىكىڭنى .پەسلىكىڭنى .ۋىجدانسىزلىقىڭنى .ئىپلاسلىقىڭنى. قانداق؟
-شۇنداقمۇ ؟سەن سەرگەردان فىلىمىدىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئۇنتۇپقالدىڭما؟‹قانۇن ۋىجداننى ئىتىراپ قىلمايدۇ، ۋىجدانمۇ قانۇننى ئىتراپ قىلمايدۇ،› بۇ بەك تۇغرا ئېيتىلغان سۆز ،ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ مەسلىسىگە كەلسەك ،ئۇلار ساڭا ئىشەنمەيدۇ ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سەن بىر بۇزۇق پاھىشە ،بىلدىڭمۇ ؟ئۈيۈڭدىكىلەر مانا مۇشۇنى ئىتراپ قىلىدۇ، بەلكىم ‹ئاپام -ئاچام مەن تەرەپتە تۇردۇ،› دەپ ئۇيلىغان بۇلۇشۇڭ مۇمكىن ،ئەمما سوت ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭنىڭ گۇۋالىق سۆزىگە ئىشنەرما ؟قەھرىمانغا كەلسەك ،ئۇنى سىنىڭ تۇققىنىڭ راس ،ئەمما ئۇنى مىنىڭ بىرىۋەتكىنىم توغۇرلۇق قۇلۇڭدا ئىسپات بارمۇ ؟ياكى كۆرگەن گۇۋاچىڭ بارمۇ ؟قانۇن ئەمەلى پاكىتقا ئىشنىدۇ ،گۇۋاچىنى ئاساس قىلىدۇ قەدىرلىگىم ،ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىڭنى زايا قىلماي، سەنمۇ بەختىڭنى تاپ، ئۇنىڭ ئۇستىگە سىنىڭ قانۇن ساۋادىڭ يوق، ئاراە بۇلىسەن باشلانغۇچ سەۋيىسىگە ئىگە تۇرساڭ ،سۇتچىلارنىڭ سۇرىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلمەي، كۈتۈڭگە تىپىك يەپ ، سۇتتىن ماڭقاڭنى ئىقىتىپ مىشىلداپ كىتەرسەنمىكىن،
مۇبارەك ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى ئەلىنىڭ ئالدىن پىلانلاپ قۇيغىنىغا بەكلا ھەيران قالدى.
-ۋاھ، قالتىس ئەقىللىققۇ سەن، ئادەم ئويلاپ باقمىغان ئىشلارغىمۇ ئالدىن پىكىر يۈرگىزەلەيدىكەنسەن ھە؟
-ئەگەر ئىشلار سەن دىگەندەك بولماي قالسىچۇ؟
ئەلى بىشىنى چايقاپ، مىنىساغا قاراپ كۈلۈپ كۇيۇپ،
-چۇقۇم مەن دىگەندەك بۇلىدۇ، بۇ نىڭغا ئىشەنچىم كامىل، سەن خىيالىڭدا مىنى ئاشۇ پو  گەپلىرىڭدىن قۇرقۇپ قالىدۇ دەپ ئۇيلامسەن؟ ئۇنداق ئاسان تەييار ئۇلجىنى قۇلدىن بىرىپ قۇيدىغان ئەقماق ئەلى تىخى ئانسىنىڭ قۇسىغىدىن دۇنياغا تۆرەلمىدى.
شۇ چاغدا مۇبارەكنىڭ كاللىسىدىن چاقماق تىزلىگىدە بىر خىيال ئۆتتى. ئۇ ئەلىگە سۇغ قاراپ
-ئىسىت بىچچارە، ئەپسۇس ،پىلانلىرىڭنىڭ ھەممىسى سۇغا چىلاشتى.
-قانداققىسىگە؟
-سەن تېخى بىلمەمسەن ؟پەرھات قول ئاستىدىكى باللار بىلەن تۇتۇلۇپ 5يىللىق كىسىلىپ كىتىپتۇ، ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىپتۇ، سەن ساقچى بۇلغاندىكىن ئۇنى كىپىللىككە ئەپ چىقىۋالساڭ بۇلمامدۇ؟
مۇبارەك بۇ يالغانلارنى ئۆزىنىڭ تۇقۇپ چىقىرالىغىنىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.
ئەلى مۇبارەككە بىردەم قارۋەتكەندىن كىيىن ئىشەنمىگەندەك گۇمان بىلەن سورىدى.
-بۇگەپ راسما ؟چاقچاق قىممايۋاتقانسەن؟ بۇ ئىشلارنى سەن نەدىن بىلدىڭ ؟بۇ قاچان بۇلغان ئىش ئىكەن؟ نىمە جىنايەت بىلەن تۇتۇپتۇ ؟ئەجەپ مەن بىلمەيدىكەنمىنا؟
-سەن مۇھەببەتلىشىش بىلەن ئالدىراش يۇرسەڭ، بۇ ئىشلارنى بىلىشكە نەدىكى ۋاقتىڭ،
-مۇنداقدە ،مەن تېخى پەرھات دىگەن بۇ مازنى نىمىشكە تىلفۇنىنى ئاچىمىغاندۇ دەپتىمەن ،مەنمۇ سەل گۇمان قىلغان ،پەرزىم توغرا چىقىپتۇ، ھەممە ئىشنى يوق قىلدى.  ما گۇينىڭ بالىسى. خەپ ھەجەپ ئاچچىغىم كەلدا،
مىنىسا دەرھال بۇلۇڭدىكى چىلەكتىن بىر چۈمۈش سۇ ئېلىپ، ئەلىگە ئۇزاتتى.
-بۇلدى ئەلىجان ،ئاچچىقلانماڭ ،ئاچچىقلىنىش تەن سالامەتلىككە زىيانلىق، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،
-ئىسىت ،بىرمۇنچە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ تۈزگەن پىلانىم يوققا چىقتى.
مۇبارەكنىڭ بۇ ئىككىسىگە قاراپ كۈلگىسى كىلىپ كەتتى .ئەمما چاندۇرمىدى. ئۇ،
-ئەلى تىزراق بۇلە ،قەيسەرنىڭ مىجەزى يوق، تىزراق قول قۇيۋەت،
-مۇنداق بۇلسۇن، مەن كىچىنچە ئوبدانراق ئۇيلىشاي، سەن ئەتە كەلگىن بۇلامدۇ ؟ھازىر قەيسەرنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ باق، سەل قىززىپ قاپتۇ،
-ما گەپنى ئەمدى. نەچچە كۈننىڭ ياقى سىنى  ئىزدەپ تاپالمىدىم ،ئىككى ئىغىز ياغلىما قۇرۇق گەپ بىلەن مىنى يولغا سالاي دەۋاتامسەن ؟ئەتە نەدىن تاپىمەن سىنى. بۇلدىلا، ۋاقىتنى سوزماي ھازىرلا قول قۇيۋەتسەڭ تۈگىمىدىمۇ،
-ۋاي ئەتە مەن بىر ئۆلگىلى كەتمەيمەن بار ، ئۆيدە بۇلمىسام دۇكاندا، نىمانداق قىلدۇ ماۋۇ،ساڭا  قەيسەرمۇھىممۇ، يا كىلشىمنامىمۇ؟
-يىڭىلىققۇ بۇ، قاچاننىڭ ياقى بالىغا كۆڭۈل بۈلىدىغان بۇلۇپ كەتتىڭ؟
-جىق گەپ قىلماي ئەتە كىلە، چىقە ماڭ، كەچ چۈشۈپ كەتتى. ئۈلگۈرمەيدۇ ،سوتتىكىلەرمۇ دەم ئالىدۇ كالۋا، نىمانداق گەپ چۈشەنمەيدىغان تەتۈر بىرنىمە بۇ؟
مۇبارەك قەيسەرگە قاراپ يەنە تارتىشىپ ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇشنى خالىمىدى.
دىمىسىمۇ قەيسەر يۆتىلىپ بەكلا بىئارام بۇلىۋاتاتتى.
مىنىسا دەرھاللا گەپ قىستۇرۇپ،
-بىزدە ھازىر پۇل يۇق ،ئەلىجانمۇ يىڭىدىن ئىشقا پۈشتى. لوبەندىنمۇ پۇل سۇرىماق قىيىن، بۇ بالىمۇ ئادەتتىكى زۇكام ئوخشايدۇ، ھىچقىسى يوق ،ئوڭشىلىپ قالىدۇ ،ئەنسىرمىسىڭىزمۇ  بۇلغىدەك ،ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئامال قىلىڭ، كۆردىڭىز ،بىزنىڭمۇ ھال كۈنىمىز مۇشۇ،
-خاتىرجەم بۇلۇڭ ،بالام ئۈلۈپ قالاي دىسىمۇ، سىلەردىن ھەرگىز ياردەم سورىمايمەن، ئۆز بالامغا ئۆزەم ئىگە بۇلالايمەن، بىر بالىنى تۇغۇپ ،مۇشۇنچىلىك چۇڭ قىلالىغان ئادەم ،قانداق قىلىشنى بىلىدۇ، ئارتۇقچە ئۇيلاپ ئاۋارە بۇلماڭ، كۆڭۈل بۈلگىنىڭىزگە رەھمەت،
مىنىسا يەنە نىمىلەرنىدۇ دىيىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللىتىشىگە، ئەلى ئۇنى تۇساپ قۇيدى.
مۇبارەك قەيسەرنى كۆتۇرۇپ چىقىپ كەتتى.
......................................................................................................................................
مۇبارەك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن تاڭ ئاخىر ئاتتى.
ئۇ ئالدىراش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەيسەرنى ئاپىسىنىڭ يىنىغا قۇيۇپ،  ئىچكۈزدىغان دۇرىلىرىنى ئاپىسىغا چۈشەندۇرۇپ ، ئەلى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.
بۇ قىتىم ئەلى راسلا گىپىدە تۇرۇپ ،مۇبارەكنى ئالاھىدە ساقلاۋاتاتتى.
مۇبارەك كىلىشىگە ئەلى.
-يۈر، قولنىمۇ سۇتتا قۇياي، بىراقلا بىر تەرەپ بۇلۇپ كىتەيلى.
مۇبارەك سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
-نىمىگە ھاڭۋىقىپ تۇرسەن ؟ماڭمامسەن!
-ئالدىرما، مىنىڭمۇ ساڭا شەرتىم بار،
-نىمە...سىنىڭ ماڭا شەرتىڭ باما تىخى؟ ئاجرىشش كىلشىم نامىسىگە قۇل قوياي دىگىنىمنىڭ ئۆزى. سەن ئۈچۈن چوڭ گەپ جۇمۇ گىزەندى.
-بىرىپ ئۇمۇچۇڭنى ئىچ ،مىنى تىللاۋاتامسەن تىخى؟ تۈنۈگۈن گۈلنازدىن سورودوم ،مەنمۇ قانۇن ئورۇنلىرىدىن ئۆزەمنىڭ، بالامنىڭ كىشىلىك ھوقوق -مەنپەتىمنى قوغداشنى تەلەپ قىلسام ،قانۇن ئورۇنلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسام بۇلىدىكەن ،ئەمدى مىنى بوزەك قىلمەن دەپ خام خىيال قىلما،
ئەلى چۈچۈپ بىشىنى كۆتۈردى.
-بۇ ئەقىلنى ساڭا يەنە شۇ گۈلنازدىگەن جۇۋاينىمەك كۆرسىتىپتۇدە ،خەپ، ئۇ پاسكىنىمۇ ئالدىرماي تۇرسۇن ،ئۇنىڭمۇ ياخشى كۈنلىرى ساناقلىقلا قالدى.
-بۇنداق قۇرۇق گىپىڭنى ئەمدى. ھىلىقى مىنىسا دىگەن كالاچ ئىغىز ،داپ يۈز پەرىزاتىڭغا دەپ بەر، سىنىڭ قۇرۇق سەپ-سەپەلىرىڭنى ئاڭلايدىغانغا ئەمدى ۋاقتىم يوق،
-ئەمىسە يىنىمغا پوق يىگىلى كەلدىڭما ؟ئاجرىشىمەن دەپ ئىزلىگەن ئادەم مەن ئەمەس، ئۆزەڭ،
-تۇغرا ،مەن  ئاجرىشىمەن دەپ سىنى ئىزلەپ كەلدىم، بۇنىڭغا مەن ئىقرار، ئەمما شەرتىم شۇكى .قەھرىماننىڭ نەدىلىكىنى ماڭا ئېنىق دەپ بەر، ئاندىن يىپىق قازان يىپىغلىق پىتى قالىدۇ، بۇلمىسا.....
-ھە، بۇلمىسا قانداق قىلسەن؟ ماقۇل، دەپ بەرگەنمۇ بۇلاي، دەپ بەرسەم ساڭا نىمە پايدىسى. ئۇنى ئەپ كىلىۋالالىغىدەك پۇلۇڭ بارمۇ؟ ئۇ ھازىر تىرىكمۇ-ئۈلۈكمۇ بۇمۇ بىر مەسلە،
-شۇم زۇۋانىڭنى يىغ، ئىلاھىم ،بالام قەھرىماننى. خۇددى ئوغلۇم قەيسەرنى سالامەت قىلغاندەك سالامەت قىلار، دۈشمەننىڭ دىگىنىدەك بۇلماس، ئۇنى ئەپ كىلىۋىلىشقا قۇربۇم يەتمىسىمۇ ،ئۇنى بىر كۆرىۋالسام ماڭا شۇ كۇپايە بىلدىڭمۇ ؟
ئەلى ئىشلارنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك بولماي يامان تەرەپكە يۈزلىنىۋاتقىنىنى بىلىپ ،بىردەم سۈكۈت قىلغاندىن كىيىن، مۇبارەككە قاراپ تولىمۇ پەس ئاۋازدا،
-قەھرىماننىڭ ھازىرقى دادىسىنىڭ ئىسمى ئۆمەر، ئاپىسىنىڭ روشەن، ئۆزى تۇرپاننىڭ كارىزدىن ئىكەن .بىلدىغىنىم شۇنچىلىكلا،
-تۇرپاندا شۇنچە جىق كارىز بارتۇرسا، ئىنىقراق دىمەمسە؟
-لەمجىن كارىز، ئۇ ئايال تۇغماسكەن .بۇرۇن بىر قىز بىقىۋاپتىكەن . بىلدىغىنىم شۇ،
مۇبارەك  ئارتۇق گەپ قىلماي ،ئەلىگە نەپرەت بىلەن قاراپ قۇيۇپ كەينىگە ئۆرۇلۇپ ماڭدى .ئەلىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
.......................................................................................................................................
ئۇلار سوت زالىغا كىرگەندە كۆز ئەينىكىنى بۇرنىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۋالغان ،چاچلىرىغا ئاق كىرگەن بىر كىشى ماتىريال رەتلەپ ئۇلتۇراتتى،
-قىزىم نىمە ئىششىڭىز بار؟
-ياخشىمۇسىز تاغا؟ بىز ئاجرىشش رەسمىيىتى بىجىرگىلى كەلگەن،
-ئەمسە 3-نۇمۇرلۇق ئۆيگە كىرىڭ!
ئەلى زالدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. مۇبارەك كۆرسىتىلگەن ئۆيگە كىرىپ، ھايال بۇلمايلا يىنىپ چىقىپ ئەلىنى چاقىردى.
50  ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئەر كىشى بۇ ئىككىسىگە قاراپ قۇيۇپ  ،
-سىلەر بىرگە ياشىغىلى قانچىلىك بولدى؟ ئۇتتۇراڭلاردا بالا بارمۇ؟  نىمە سەۋەپتىن ئاجراشماقچى؟ بىر تەرەپ قىلىنمىغان يەنە قانداق مال مۈلۈك بار؟ بالىنى كىم باقىدۇ ؟ ئۇ قانچە ياشتا ؟بالىغا بىرىلدىغان راسخۇد  قاتارلىقلارنى ئۇيلاشتىڭلارمۇ باللىرىم،
مۇبارەك گەپ قىلىپ بۇلغىچە ئەلى چاققانلىق بىلەن،
-ئۆي تۇتقىلى 8 يىل بۇلدى.بىرلا ئۇغلۇم بار، مەكتەپ يىشىغا تۇشۇپ قالدى .مىنىڭ مۇقۇم كىرمم بۇلمىغاچ ،ھەم بالنىڭ نۇپۇسىمۇ ئاپىسى بىلەن بىللە، شۇڭا بالىنى ئاپىسىغا بەردىم، بالىنى بىقىپ، چىقىملىرىنى كۆتۈرەلمەيمەن ،ئۇتتۇرمىزدا تالاشقىدەك مۇلۇك يوق، مەن يىزا نۇپۇس ،ئايالىم شەھەرلىك ، ئىككىمىز كىلشەلمىدۇق ، شۇڭا ئاجراشماقچى.
سوتچى بىردەم ئويلۇنۇپ تۇرۇپ كىتىپ،
-ئۇكام 8 يىلنىڭ ياقى كىلىشىپ ئۇلتۇرۇپ، بالاڭلار چوڭ بۇلغاندا كىلشەلمىدىڭلارما، بىر بالىنى باقالمەيمەن دەپ ئايال كىشىگە ئىتتىرىپ قۇيۇش، بۇ ئەركىشى قىلدىغان ئىش ئەمەس، ئەسلى ئايالىڭىز بالىنى بەرمەيمەن دىسە ،سىز تالىشىپ كەتسىڭىز توغرا بۇلاتتى. يەنە كىلىپ ئۇغۇل بالىكەن ئەمەسمۇ، ئىسىت، سىلەرنىڭ ئاجرىشىشىڭلارغا باشقا بىرە ئىش سەۋەپ بۇلمىغاندۇ؟ مۇرەسسە ئىشخانىسىغا باردىڭلارمۇ؟  بۇ ئىشقا سىز قانداق قارايسىز سىڭلىم؟
-بىز باردۇق، مەنمۇ بىر قارارغا كىلىپ بۇلدۇم، بالىنى ئۆزەم باقىمەن، ئۇنىڭ دىگىنى توغرا،
سوتچى بىشىنى چايقاپ قۇيۇپ يىنىدىكى قىزغا،
-بۇ ئىككىسىنى يىرىم سائەتتىن كىين 5-نۇمۇرلۇق سۇتخانىغا باشلاپ كىرىڭ ،ئۇنىڭغىچە بۇرۇن بۇ قىز كەلگەندە تەييارلاپ قۇيغان ماتىريالنى ئىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ، ئۇنىڭدىكى چىسلانىلا ئۆزگەرتسىڭىز بۇلىدۇ ،
يىرىم سائەتتىن كىيىن ئۇلارغا سوت ئىچىلدى .سوت خاتىرىسىمۇ ماشىنكىدا ئۇرۇلۇپ تامغا بىسىلغان ئىككى پارچە قەغەز بۇلارنىڭ قۇلىغا بىرىلدى.
مۇبارەك سىرىتقا چىقىپ مۇزدەك ساپ ھاۋادىن قىنىپ نەپەس ئىلىپ ،ئېغىر بىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك يىنىك تىندى. ئەلى بولسا سالپىيىپ كەتكەن ئىدى .
ئەلى مۇبارەككە قاراپ،
-خۇش بۇلغانسەن ؟مۇرادىڭغا يەتتىڭ شۇنداقمۇ؟
-ئەلۋەتتە خوش بۇلمەن دە !
مۇبارەك شۇنداق يىقىملىق كۈلدىكى ،ئەلى مۇبارەك بىلەن ئۆي تۇتقان سەككىز يىلدىن بىرى ئايالىنىڭ مۇنداق يىقىملىق كۈلگىنىنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
-مۇبارەك بىز خاتا قىلدۇق بىلەمسەن ؟بىز قەيسەرگە ئۇۋال قىلدۇق،
-بۇنى ئەمدى ھىس قىلدىڭما ؟ئەپسۇس تۇلىمۇ كىچىكىپ ھىس قىپسەن،
-ياق خۇتۇن ،ھىلىمۇ كىچىكمەيمىز ،مەن تۆۋە قىلىمەن،
-كۆتە ئۇنداق تۆۋەڭنى.  بىرىپ مىنىساغا قىلىپ بەر، بۇندىن كىيىن مىنى خۇتۇن دىگۇچى بولما،
-سەن ئەمدى قانداق قىلماقچى؟ نىمىش قىلىشنى ئۇيلاۋاتىسەن؟
-ئەتىلا تۇرپانغا قاراپ يۇلغا چىقىمەن،
-ئۇيەردە نىم بار ساڭا؟
-بىرىپ قەھرىماننى ئىزلەيمەن،
-ئادەم ئىزدەشكە پۇل كىتىدۇ، سىنىڭدە نەدىمۇ ئۇنچىلىك جىق پۇل بۇلسۇن،
-پەرھاتتىن ياردەم سورايمەن ،ئۇ ماڭا ياردەم قىلىدۇ،
-سۇلاقتىكى ئادەم قانداقمۇ ساڭا ياردەم قىلالايدۇ؟
-يالغانچىنىڭمۇ يالغان گەپكە ئىشىنىدىغان ۋاقىتلىرى بۇلىدىكەن ھە ؟توۋا..........،
-تۇلا ئادەمنى قاپاققا سىلىپ كولدۇرلاتمىغىنە، شۇ گەپلىرىڭگە ئىشنەمەنما؟
-ئەمسە 10 مىنۇت مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ تۇر، ھىلى كۆرىسەن،
مۇبارەك سۆزىنى تۈگىتىپ ئۇدۇلدىكى ئاممىۋى تىلفۇن بۇتكىسىغا كىرىپ، بىردەمدىن كىيىن قايتىپ چىقتى.
-نىمىش قىلىپ كەلدىڭ؟
-پەرھاتقا تىلفۇن قىلدىم ،ئۇ ھازىرلا مىنى ئالغىلى كىلىدۇ،
-ئۇنىڭ توختاپ قالغان نۇمۇرىغىما؟
-ئۇ تىلفۇن نۇمۇرىنى ئالماشتۇرۋەتكەن،
-نىمىشقا؟
- ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈش ، بۇنى بىلمەمسە ؟سىنى ئاۋارە قىلىسۇن دەپ..........
گەپنىڭ ئايىغى تۈگىمەيلا، قىزىل رەڭلىك بىر تاكسى ماشىنىسى .رايۇنلۇق سۇتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختاپ ،رەتلىك كىينىۋالغان پەرھات ماشىنىدىن چۈشتى.
ئەلى خۇددى كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك قاراپ تۇرۇپ كىتىپ ،يەنە شۇ تۇلكىدەك ھىجايغانچە پارھاتنىڭ ئالدىغا كىلىپ قۇلىنى سۇندى.
پەرھات ئەلىگە ئۈنسىز قاراپ تۇرۇپ كىتىپ ،كىلىشتۇرۇپ بىر مۇش سالدى.
ئەلى تۇيۇقسىز تەككەن مۇشنىڭ زەربىسىدىن كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى.
پەرھات ئەلىگە غەزەپ بىلەن قاراپ،
-ئاۋۋال ئىشلىرىم تۈگىسۇن ،ئاندىن سەن بىلەن ھىساپلىشىمەن، ئالدىرماي تۇر خۇمسى، تۈففى ..........
ئەلى ئۆزىنى ئوڭشاپ ئورنىدىن تۇرۇپ بۇلغىچە، پەرھات مۇبارەكنى تاكسىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى.قۇربانلىق-ئايال ‹2- بۆلۈم›

مۇبارەك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا ،چوڭقۇر سىغىنىش -ئازاپ ،يەنە كاللىسىغا كەلگەن ئاللا قانداق تىگى يوق خىياللار قاينىمىغا غەرىق بۇلۇپ، دىرىزىدىن سىرىتقا قارىغانچە ئۇلتۇراتتى.
ئۇنىڭ يىنىدىن كىملەر ئۆتتى .نىمىلەرنى دىيىشىۋاتىدۇ، ئۇ ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز ،
ئۇ خۇددى كۆزى ئۇچۇق چۈش كۆرىۋاتقاندەك ،كۆز ئالدىدىكى بۇ  مەنزىرگە تىكىلگىنىچە ،ئۆزىگە ناتۇنۇش بۇلغان بۇ شەھەرگە ئىپادىسىز كۆزلىرىنى بىر نۇختىغا تىككەنچە ھاڭۋىقىپ قالغان،
كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ بىرنىمە دىگەندەك قىلدى.
لىكىن ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى مۇبارەك چۈشنەلمىدى.
-ھېي ئايلا ‹ئاچا، ھەدە› ،تۇرپانغا كەلدۇق، ئۆزلەگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟
ئالدىدىكى ئادەم مۇبارەكنى تۇرۇتكەندىلا ،مۇبارەك ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ، ئالدىدىكى كىشىگە قاردى.
-ھە ، كەلدۇقما؟ كەچۈرۈڭ ئۇستام، بىر ئىشنى خىيال قىلىپ قاپتىمەن،  سەت بۇلدى.
شۇپۇر مۇبارەكنىڭ سۇلغۇن ،ئەلەملىك، تاتارغان چىرايىغا قاراپ،
-قارسام ئۆزلە بۇيەرلىكتەك قىلمايلا ،ياردىمم كىرەكمۇ ئۆزلەگە؟
-بۇلدى رەھمەت ، ھە راس ،لەمجىن كارىزغا  مۇشۇ بىكەتتىن ئاپتۇبۇس ماڭامدۇ؟
-ھەئە، دا  ‹ئاۋۇ › يەردىن ماڭىدۇ، تۇققانلار بارمىدى .دا ئاپتۇبۇس شۇ،
-بىلەتنى نەدىن ساتىدۇ؟
-دا  دامىڭدىن‹ ئىشىك › كىرىپ ئالىلا ،ياكى ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئولتۇرسىلا ھىلى بىلەت كىسىدىغانلار ئۆزى كىلدۇ،
-رەھمەت ئاۋارە قىلدىم،
مۇبارەك ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ،ماشىنىنىڭ ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تۇشۇپ كەتتى.
ئاپتۇبۇس ئىچىدىكى قىييا-چىييا ،ۋاراڭ-چۇرۇڭ، يەنە بەزى ياش، ئۇتتۇر ياش بۇلغان ئەرلەرنىڭ ،ئېغىزىدىن كىلىۋاتقان بەد-بۇي  سېسىق ھاراق ،ئاچچىق مۇخۇركا ھىدى. بىر-بىرىنى گۈيتۇزا، پوخۋاش دەپ ،سەت تىللار بىلەن تىلىىشىپ چاقچاق قىلىشلىرى .
كىچىك باللارنىڭ يىغىلىرى. قۇپال ئاۋازلار ،گەپ خالىماس بۇ قىزنىڭ  نىرىۋىسىنى چارچىتىۋەتتى.
ئاپتۇبۇس ئاخىر قۇزغالدى. ئاۋازلارمۇ بارا-بارا پەسلەشكە باشلىدى.
تۇيۇقسىز 30  ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايالنىڭ 3 ياشلارچامىسىدىكى بىر كىچىك  قىز بالىسى چىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
ئايال قۇچىغىدىكى بالىنى كۆتۈرۈپ ئۆرە تۇراتتى.
ئايال قىزىنى بەزلەپ بۇلالماي تىرىكتى بۇلغاي، قىزىنىڭ بىشىغا نۇقۇپ تىللاشقا باشلىدى.
كىچىك قىز تىخىمۇ ئەدەپ يىغلاپ كەتتى.
نۇرغۇن  ياش ئەرلەر ھەممىسى دىگۈدەك ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇراتتى. ئۇرە تۇرغانلارنىڭ كۈپۈنچىسى ئاياللار، ئۇششاق بالىلار ،ياشانغانلار،
مۇبارەك ھىلىقى ئايالنى چاقىرىپ ئۇزى ئۇرنىنى بىكارلاپ بەردى. ئەمما ئايال ئۇرۇندا ئۇزى ئۇلتۇرماي، 17-18 ياشلار دىكى بىر ئۇغۇل بالىنى ئۇلتۇرغۇزۇپ قۇيدى.
مۇبارەكنىڭ تۇرۇپلا بۇ ئايالغا ئاچچىغى كەلدى.
‹بۇ خۇتۇننىڭ كاللىسىنىڭ دەردى بارمۇ نىمە؟ تەييار ئۇرۇننى بىكارلاپ بەرسەم، بالىسى بىلەن ئۇزى ئولتۇرماي باشقىلارغا ئۈتۈنۈپ بىرىۋەتتا! بۇ بالا كىسەلمۇ يا؟ بۇلمىسا بالا بىلەن قىيلىنىپ ئۇزى ئۇلتۇرماي باشقىلارغا بىرىۋەتمەسى!  بۇپتۇ، ئۇرۇننى بەدىم، نىم قىلسا مىنىڭ نىمە كارىم،›
مۇبارەك ئۇيلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ،مۇبارەكنىڭ ئۇرنىدا ئۇلتۇرغا ھىلىقى بالا  تۇيۇقسىزلا، ‹ھۆ› دەپلا  ياندۇرۇپ. يان تارەپتە ئۆرە تۇرغان مۇبارەكنىڭ كىيىملىرىنى  بۇلغىدى.
بالا مەس ئىدى. مۇبارەكنىڭ شۇنداق ئاچچىغى كەلگەن بۇلسىمۇ، ئۆزىنى بىسىۋالدى.
كەينى ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرغان زىيالى سۇپەت بىرەيلەن،
-ھېي  پوخۋاش ،دا بىرمىنى يىشىڭغا بىقىپ، جىنىڭغا چۇشلۇق ئچسەڭ بۇلمامدۇ؟ تازىمۇ گۈيتوزىكەنغۇ بۇ ،ھەممە ئادەمنى بۇلغىدىغۇ  مۇنۇ بىرنىمە،
ئۇ كىشى شۇنداق دەپلا يىنىدىكى قۇل ياغلىغىنى مۇبارەككە سۇنۇپ،
- ئۆكەم، ‹ئۇكام› بىينىغا  ‹بۇياققا ›كەپ تۇرسىنا، ئۆزلەنىڭ ئۈستى-باشلىرىنى بۇلغىۋەتتىغۇ  مۇنۇ بىرنىمە،
باياقى بالا كۆتىرۋالغان ئايال كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ،
-ھېي، مۇنۇ ئۆكەم گەپ قىلمىسا، ئۆزلەگە نىم قويدى. ئاتىسى چىش يىرىپ ،مەن كىرپىك كۆتىرىپ قاراپ باققان بالا ئەمەس جۇمۇسلا بۇ، بۇشراق كاناي كىرىسىلە،  ‹ۋاقىرسىلا›
-خەقنىڭ ئۈىستى-بىشىنى بۇلغاپ، بىر ئېغىز خاپا بۇلما دىگەن گەپ يۇق، يەنە نىمىگە كاكىرايلا؟
بۇلارنىڭ ئەپتىدىن بىر-بىرىدىن ياندىغاندەك ئەمەس،
مۇبارەك ئاخىر بۇلارنىڭ ئارسىغا چۈشتى.
-بۇلدى. ھىچقىسى يۇق،  سۇقۇشماڭلار  بۇلدى.
ھەر ئىككىلى تەرەپ پەسىيىپ قىلىشتى. ئاپتۇبۇسمۇ يالقۇنتاغ يۇل ئېغىزىدا تۇختاپ ،چۈشىدىغانلار ۋە چىقىدىغانلار ئالماشتى.
ئاپتۇبۇس قانچىلىك ماڭدىكىن ئاخىر لەمجىن بازىرىغا يىتىپ كەلدى. ئەمما كارىزغا قانداق بىرىش ،قاتناشنى نەدىن تېپىش بۇ بىر مەسلە،
مۇبارەك قانداق قىلشىنى بىلەلمەيتى .كىمدىن ياردەم سۇراشنىمۇ ئۇقماي، گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى.
پاكار سىلىنغان ئۆيلەر، تۇلۇق ياسىلىپ بۇلالمىغان، تۇپىنىڭ ئاستىدا قالغان ئاسفالىت تاشيۇل، بىرە ئىشەك ھارۋىسى ئۆتسىمۇ پۇرقىراپ كۆتىرلىۋاتقان تۇپا، ئەتراپتىكى كۆزگە چىلىقىپ تۇردىغان بىرنەچچىلا كىچىك ئاشخانا، ماگىزىن، يۇلدىن مۇبارەككە قىزىقسىنپ قاراپ قۇيۇپ ئۈتۈپ كىتىۋاتقان ناتۇنۇش كىشلەر، ئاشخانا ئالدىدا ئۇيناپ ئۇلتۇرغان بىر نەچچە كىچىك بالىلار،
مۇبارەك بۇ ناتۇنۇش يېزا بازىرىرىغا كىلىپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئەتراپتا  نە مىھمانخانا، ياتاق دىگەن ۋىۋىسكا كۆرۈنمەيتى. بارغانچە كەچ كىرىشكە باشلىدى.
مۇبارەك ئاخىر غەيرەتكە كىلىپ ،يۇل بۇيدىكى ئاددىلا ‹ئۆي تائاملىرى › دەپ ۋىۋىسكا ئىسىلغان ئاشخانىغا سالام بىلەن كىردى.
ئاشخانا ئىچىگە تۆتلا ئۈستەل قۇيۇلغان بۇلۇپ، ئىشىككە يىقىن بىر ئۇستەلدە، ئۇچ ئەركىشى ھاراق ئىچكەش قىززىق پاراڭغا چۈشكەن ئىدى.
مۇبارەك ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، قارشى تەرپىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇردى. يشى مۇبارەكتىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان، ئەمما كىلەڭسىز سىمىز بىر ئايال، پىيالە بىلەن بىر چەينەك چاينى كۆتۈرۈپ  مۇبارەكنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-ئۆزلە نىمە يەيلا؟
-ماڭا  يىرىم لەغمەن سەپ بەرسىڭىز!
-يىرىم ،پۈتۇن دەپ يۇق ،تاماقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش،
ئايال تۇلىمۇ تۇڭ ،ئاۋازىمۇ ئەرلەرنىڭكىدەك چىقاتتى.
-ئەمسە مەيلى .لىكىن چۈپىنى ئىنچىكىرەك ئازراق سىلىڭ،
ئايال مۇبارەكنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغاندەك، پەرۋاسىزلا ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
شۇ ئاردا بايامقى ئىچىشىپ ئولتۇرغان ئەرلەر،  بىر-بىرىگە كۆز قىسىشىپ مۇبارەكنى شەرەتلەپ ئاللا نىمىلەرنى دەپ كۇلۇشتى.
مۇبارەك ئالدىدىكى ھۇرى چىقىپ تۇرغان كۈدە بىلەن قۇرۇلغان ئاشنىڭ سىيىنى ئارلاشتۇرۋاتقاندا بەكەرەك مەس بۇلغان بىر ئەر دەلدەڭشىپ كىلىپ مۇبارەك ئۇلتۇرغان ئۇستەلدە مۇبارەككە ئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل ئۇلتۇرۇپ
-يۈرسىڭىزا خان قىز، دا جۇزىدا بىللە ئۇلتۇرلى. لەمجىنگە يىڭىدىن كەلگەن ئوخشىمامسىز؟
-بۇلدى رەھمەت ، سىلەر ئۇلتۇرۇڭلار،
-بىر كىمنى ئىزدەپ كەلگەنمۇ؟ تۇققانلىرىڭىز بارمىدى؟
-ھەئە، ھەدەم بار! ھىلىلا مىنى ئالغىلى كىلىدۇ، ئۇ كەپ بۇلغىچە دەپ ،مۇشۇ يەردە ساقلاۋاتىمەن،
-ھېييييييييي دا ئايلىڭىز كەپ بۇلغىچە بىردەم پاراڭ سىلىشمامدۇق،
مەس ئەمدى تۇزۇت قىلمايلا مۇبارەكنىڭ قۇلىغا ئىسىلىپ ،ئۇنى سۇرىمەكچى بۇلدى.
دەل شۇ چاغدا باياقى تۇڭ ئايال ئىچىدىن چىقىپ،
-ھېي  پۇخۋاش ، نىم قىلۋاتىسەن ؟سەن نىمىلەرنىڭ دەستىگە ئاشخانىغا كىرگەن بىرە خىرىدار خاتىرجەم تاماق يىيەلمەمدۇ ؟دا ئىشەك سۇدىكىنى ئىچىپ بۇلۇشقان بۇلساڭ ھىساۋاتنى قىلىپ يۇقۇلۇش بۇيەردىن ،قانداق بىرنىمىلەربۇ، ھىي  غۇپۇر بىينىغا چىقىپ باقسىنا، گەپ قىلىپ باقا دا ئىشەكلەرگە،
ئىچىدىن، ئايالدىنمۇ تەمبەل بىر ئەركىشى چىقىپ، مەسنىڭ ئالدىغا كەلگەنچە ئۇنىڭ پۇكىنىدىن تۇتۇپ ئىتترۋەتتى.
مەسنىڭ باشقا ئۈلپەتلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى.
-ھېي ئېغىنا ، بولدى قىپ باقسىنا ،دا ئېغىنىمىز مەس بۇپ قاپتۇ ،
-بىر پىڭزا بىرنىمىنى ئۈچ ئادەم ئىچەلمىگەن ھالىڭغا، ئۈيۈڭگە بىرىپ بالاڭنى باقساڭ بۇلمامدۇ گۈيتوزىلار، بىر يەردىكى ئادەملەر دەپ گەپ قىممىسا ساخوي تىپپاتامسەن ئادەمنى پوخۋاشلار،
مەسلەرنىڭ ئارسىدىن گەپ  چۈشەنمەيدىغان تەتۈررەك بىرى ئالدىغا  چىقىپ ئاشپەزگە ئىتىلدى
- ھېي پوخۋاش گۈيتوزا ، بىز پاراڭ سالساق ،دا ئايالغا پاراڭ سالدۇق، سىنىڭ نىمە كارىڭ ؟
ئاشپەزمۇ بۇش كەلمەي، كاكىرىغان مەسنىڭ گىلىغا بىرنى سىلىپ ،ياقىسىدىن جۈجىنى قاماللىغاندەك قاماللاپ، سىرىتقا سۆرىدى. ئۇنىڭغىچە باياقى ئايال يوغان بىر چەيدۇنى كۆتىرىپ چىقىپ مەسلەرگە ھەيۋە قىلدى.
مەسلەر ئاشپەزدىن قۇقتىمۇ ،ياكى چەيدۇدىنمۇ، ئىشقىلىپ ئالدى- كەينىگە قارماي بەدەر تىكىۋىتىشتى.
ئايال يىنىپ كىرىپ مۇبارەك ئۇلتۇرغان ئۈستەلدە ئۇلتۇرۇپ، بىر پىيالە چاينى غۇرتۇلدۇتۇپ ئىچىۋەتكەندىن كىيىن سەل تىنىۋىلىپ،
-ئۆزلە نەدىن كەللە ؟لەمجىنگە تۇنجى كىلىشلىرىمۇ؟  بىرە ئىش بىلەن كەلگەنمۇ يا تۇققان يۇقلاپمۇ؟
مۇبارەك باياقى جىدەلنىڭ سەۋەپچىسى بۇلۇپ قالغىنىدىن خىجىل بۇلۇپ ئۇلتۇرالمايلا قالغانتى .ئايالنىڭ سۇئاللىرى مۇبارەكنى بۇ بىئارامچىلىقتىن ئازراق يىنىكلەتتى.
-ئۈرۈمچىدىن كەلدىم ،بۇيەرگە تۇنجى كىلشىم ،بىر تۇققۇنۇمنى ئىزدەيتىم،
-تۇققانلىرىنىڭ، سىلىنڭ كىلىشلىرىدىن خەۋرى يۇق ئۇخشىمامدۇ؟
-ھەئە،
مۇبارەك ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدى.
-تۇققانلىرى نەدە تۇردۇ ؟ئىسمى نىمە؟ ياردىمىمىز تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،
-ئۇ تۇققۇنۇم كارىزدا ،يۇلدىشىنىڭ ئىسمى ئۆمەر، ئايالىنىڭ ئىسمى رۇشەن،
ئايال سەل ئۇيلانغاندىن كىيىن،
-بىزنىڭ بۇ تەرەپتە ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن تەڭ چاقىرمىز، كارىزدا رۇشەن، ئۆمەردىن  نەچچە ئونى بار، سىلى قايسىسىنى دەيلا،
مۇبارەك ئەمدى جاۋاپ بىرەلمىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئىڭڭەلەپ يىغلاۋاتقان قەھرىمان ،قاقاقلاپ كۈلۈپ پۇل ساناۋاتقان ئەلى كىلىشىگە بۇرنىنىڭ ئۇچى ئېچىشىپ كۆزىگە ياش كەلدى.
ئايال نىمىنىدۇر چۈشەنگەندەك قىلىپ ،ئارتۇق سۇئال سۇرىماي ،مۇبارەكنىڭ پىيالىسىدىكى چاينى يەڭگۇشلەپ قۇيۇپ،
-دىمەك سىلى ئۇ تۇققانلىرىنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان ،ھەم تۇنىمايلا  شۇنداقمۇ؟
مۇبارەك بىشىنى لىڭشىتىپ تەستىقلىدى.
-بىرە يەرگە ئۇرۇنشتىلامۇ؟
-ياق ، كۈننىڭ يۇرىقىدا بىرە قۇنالغۇ تىپىۋالسام ياخشى بۇلاتتى.
-يالغۇزنىڭ يارى خۇدا ،بۇگۇن بىزنىڭ ئۆيدە قۇنسىلا، كەچ بۇلۇپ كەتتى .ھازىر كارىزغا باردىغان بىرە نەرسىنىمۇ تاپقىلى بۇلمايدۇ، ئەتە سىلىنى ئۆزىمىز يۇلغا سەپ قۇيايلى .بۇيەردە ياتاق تاپماقمۇ مۇشكۇل ،بىزمۇ دۇكاننى ھازىر تاقايمىز ،
ئايال مۇبارەكنىڭ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ،
-سىلى بىلمەيلا، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بەك ئەسكى. سىرىتتىن كەلگەنلەر ئىتتىكلا چىنىپ قالىدۇ ، بايا ئۆزلىرىمۇ كۆردىلە ،كىيىملىرىمۇ ھاراق پۇراپ كىتىپتۇ، بىزنىڭكىدە يۇيۇنۇپ، كىيىملىرىنى يۇيىۋالسىلا،
مۇبارەك قىزىرىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلماي، ئايالغا ئىتا ئەتمەنلىك بىلەن بۇيسۇندى.
دۇكانمۇ يۇغۇشتۇرۇلۇپ تاقالدى. بۇ  ئۈچەيلەن ھارغىن ،ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ،ئاشخانا خۇجايىنىنىڭ ئۈيىگە قاراپ يۇل ئالدى.
  
ئۇلار بەلكىم يىرىم سائەتتىن كۆپرەك ماڭدى بۇلغاي، ئايال ئىككى قاناتلىق يۇغان بىر قىزىل تۇمۇر دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇختىدى .
ئەر قۇلىدىكى نەرسىلەرنى ئايالغا تۇتقۇزۇپ، ئۆزى دەرۋازىنى ئاچتى .ناماز شام ۋاقتى بۇلغاچ نەرسىلەرنى ئىنىق كۆرگىلى بۇلمايتى.
-قىنى يۇرسىلە  سىڭلىم تارتىنمىسلا ئۆزلەرىنى بىزگە خۇدا يەتكۈزگەن
ئەر سۆزىنى تۈگىتىپ ،ئايالنىڭ قۇلدىكى نەرسىلەرنى ئىلىپ، مۇبارەكنى قۇرۇغا باشلىدى.
ئايالمۇ ئۆزىگە ماس كەلمىگەن چەبدەسلىك بىلەن قۇرۇغا كىرىپ ،ھۇيلىغا قۇيۇلغان ياغاچ سۇپىغا كۆرپە سالدى.
-ئۆكەم ،قارساق تۇلىمۇ دەتمەن كۆرنىلا، بۇمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىدەك ،كۆڭۈللىرى  بىرە نىمە تارتامدۇ؟ تارتىنمىسلا جۇمۇسلا؟
مۇبارەك بۇ ئاقكۇڭۈل كىشىلەرگە ئىچىدە شۇنچىلىك قايىل بۇلۇپ رەھمەتلەرنى ئىيتتى.
ئايال مۇبارەكنىڭ ئالدىغا قايتىدىن داسقان سىلىپ، ھۆل-قۇرۇق ئۈزۈم دىگەندەك بىرمۇنچە يەرلىك مەھسۇلاتلار بىلەن چاي قۇيدى.
-سىڭلىم، رەنجىمىسلە بۇ يەرگە نىمە سەۋەپتىن كەپ قالغانلىقلىرىنى بىلسەك بۇلامدۇ؟ باشقىچە ئۇيلاپ قالمىسلا يەنە، ئەپسىز بۇلسا دىمىسلىمۇ بۇلىدۇ،
مۇبارەك نىم دەپ جاۋاپ بەرسۇن ؟ئەلىنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى دىسۇنمۇ؟ دىگەن تەقدىردىمۇ قايسى بىرىنى دەيدۇ؟ قايسى ھۈزى بىلەن دەيدۇ؟ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان بۇ مۇناپىقنىڭ شۇ شەرمەندىچىلىكلىرىگە، بىر ئاللا  ئۆزى گۇۋا،مۇبارەكنىڭ دىلىدىن، تىلىدىن، كۇڭلىدىن، ‹ئەلى ›دىگەن بۇ ئىسىم ئاللا بۇرۇن غايىپ بۇلغان ،يۇقالغان ،ئۈچۈرۈلگەن ،ئۇ  بۇ ئىسمنى تىلغا ئىلىپ ئەشۇ قۇرقۇنۇشلۇق كەچۈرمىشىنى قايتا ئەسلەشنى ئەسلا خالىمايدۇ ،ئۇ مۇناپىق، خائىن، ‹ئەلى› دىگەن بۇ ئۇلۇغ ئىسمنىڭ شەنىگە داغ كەلتۇردى. ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ بۇيۇك ئىسمىنى ئاياغ-ئاستى قىلدى. ياق مۇبارەك، ئەمدى سەن ئەلىدىن قۇتۇلدۇڭ ،سەن ئۇنى تۇنىمايسەن، ئۇنداق بىر ئادەم سەن ئۈچۈن ئەمدى ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس ، ئۇ ئاللا بۇرۇن سىنىڭ قەلبىڭدە ئۆلگەن ،كەچمىشلىرىڭ بىر قۇرقۇنۇچلۇق چۈش خالاس، ئەمدى ئۇنى قايتا تىلغا ئىلىپ ئۆزەڭنى ئازاپلىما، بەس، ئەمدى يىتەر،
مۇبارەكنىڭ مىسكىنلىك چىقىپ تۇرغان چىرايى. بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىققان ئىككى تامچە ياش ،سىمىز ئايالنىڭمۇ كۇڭلىنى يىرىم قىلۋەتتى.
ئايال دەرھال گەپنىڭ تىمىسىنى يۆتكەپ،-ھە ئۆكەم ، مەن تۇنۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بۇ مىنىڭ يۇلدۇشۇم غۇپۇر ئاكىڭىز ،مىنىڭ ئىسمم ھاۋاخان، مىنى بۇيەردىكىلەر ھاۋا دەپ چاقىردۇ، بىز تۇي قىلغىلى بەش يىل بۇلدى. بۇ جەرياندا ئۇچ قىتىم قۇرساق كۆتۈرۈپ ئاجراپ كەتتى .بالىلىق بۇلۇش بىزگە نىسىپ بۇلمىغان ئۇخشايدۇ ،ئامال قانچە؟ بىزمۇ تەغدىرگە تەن بەردۇق، مەن لۇكچۈندىن ،ئاكىڭىز خاندۇدىن، لەمجىنگە تۇققانلارنىڭ تۇيغا كىلىپ، ئىككىمىز چىقىشىپ قىلىپ ،ئۇيدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرشىغا قارماي تۇي قىلغان ،يازدا دىققانچىلىق، كۈزدە ،قىشتا، تىجارەت بىلەن كۈنىمىزنى ئەپ كىتىۋاتىمىز،دا باي سىز كىرگەن ئاشخانا ئىككىمىزنىڭ ،كىچىك بۇلسىمۇ رىسقىمىزغا چۇشلۇق سۇدا بۇلىدۇ ،دۇكان كىچىك بۇلغاندىكىن ئادەم سالمىدۇق ،ئىككىمىزمۇ يىتىشىدىكەنمىز ،ھەرھالدا شۇكرى ئاللا،
ئايال‹ گەپ تۇگدى. نۇۋەت ساڭا كەلدى.› دىگەندەك سۇئال نەزىرى بىلەن مۇبارەككە قاردى.
-مەن ..بايا دىدىمغۇ ، شۇ ئۈرۈمچىدىن ئازراق ئىچىم پۇشۇپ قىلىپ چىققان،
-ئانداق ئەمەستەك تۇردۇغۇ؟سىز  تۇي قىلغانمۇ؟
غۇپۇر ئاخۇن سىنچى كۆزلىرىنى مۇبارەككە تىكتى.
-ئەگەر يۇلدىشىڭىز بۇلمىسا، مىنىڭ نەۋرە ئىنىم رىشىتقا چىتىپ قۇيساق،
-ھېي  ساخوي  كانتو ، دا سىڭلىمىز ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدىن بىزنى خەۋەردار قىلسا ،ئەھۋالغا قاراپ پاراڭ سامامسە، تازا بىر پۇخۋاشكەنغۇ بۇ،
مۇبارەك ئەمدى ئېغىز ئاچمىسا بۇلمايدىغانلىغىنى بىلىپ، ئىشلىرىنى قىسقا، ئەمما ،يالغاننى كۆپرەك قۇشۇپ سۇزلىدى.
-مىنىڭ ئىسمم مۇبارەك ،23  ياشقا كىردىم ،مەن تۇي قىلغان، ئىككى ئۇغلۇم بار ،چۇڭى 7 ياشتا، كىچىك بالام 4 ياشتا، قىرقىم تۇشمايلا كۇكسۇم ئاغرىپ دۇختۇرغا كەتسەم ،باللارنىڭ دادىسى كىچىك بالامغا قاراپ قالغان، ئۇمۇ ئىشتىن ھىرىپ قايتىپ كىلىپ ئۇخلاپ قاپتۇ ،ناتۇنۇش بىرى ئۆيگە ئۇغۇرلۇققا كىرىپ ،ئالدىغان نەرسە تاپالماي بالامنى ئەپ چىقىپ كىتىپتۇ ،بالىنى ئەر-ئايال ئىككىمىز ئىزلەپ بارمىغان يىرىمىز قالمىدى. كىيىن يۇلدۇشۇم بالامنى ئىزلەيمەن دەپ قاتناش ۋەقەسىگە يۇلۇقۇپ قازا قىلدى. يىقىندا مەن ئازراق يىپ ئۇچىغا ئىرىشتىم ،شۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بالامنى ئىزدەپ كىلشىمتى.
-يۇلدىشىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە؟  ئۇمۇ ئۈرۈمچىلىكمۇ؟
-ياق ،خۇتەنلىك،  ئىسمى نەبى،
-بالىنى ئۇغۇرلاپ ئەپ كەتكىچە، تۇيماي ئۇخلايدىغان قانداق پۇخۋاش ئۇ؟ ھىلىقى كانتۇمۇ تازا بىر پەس نىمىمۇ؟ ئادەمنىمۇ ئۇغۇرلامدۇ؟
-سىز شۇندىن كىيىن بالىنى كۇرۇپ باقمىدىڭىزمۇ؟
-ياق ئىز دىرىكى بۇلمىدى.
-ئەمسە سىزگە كىم خەۋەر بەردى.
-بىر دۇستۇمنىڭ يۇلدىشى. ئۇ سۇدىگەر ئىدى. بىرى‹ بۇ بالىنى ئۇرۇمچىگە بىرىپ بىقىۋىلىپ ئەپكەلگەن› دەپتۇ،
-ئانداق چوڭ كاتتا شەھەرلەردە بالىسىنى بىرىۋىتىدىغانلار كۆپ تۇرسا ،قانداق ئىشەنچ قىلالىدىڭىز بۇ گەپكە،
-مەن 3-ئاينىڭ 16 كۇنى يەڭگىگەن بالام شۇيىلى 3-ئاينىڭ23 -كۇنى يۇقالغان ھىلىقى بالا بىقىۋالغانلارمۇ بالىنى 23-چىسلا ئۇرۇمچىدىن ئەپ كەپتىكەن،
-بالىنىڭ بىرە يىرىدە، بىرە بەلگىسى بارمۇ؟
-يۇق؟
-ھەي نادان ئۆكەم ،ئۇنداقتا بۇ ئىش، دېڭىزدىن يىڭنە ئىزلىگەندەك ،مۇشكۈل ئىش ئىكەن،
-سىز نى بالىنى تاپتىمۇ دەيلى .باققان ئاتا-ئانىسى ئۇنى سىزگە بىرەمۇ ؟سىزنى ئىتراپ قىلارمۇ ؟ئىشنەرمۇ ؟ گەپ دەل مۇشۇ يەردە،
-بەرمىسىمۇ مەيلى. لىكىن بالامنى بىر كۆرىۋالسام ماڭا شۇ كۇپايە،
-قىنى ،ئەتە مەن دۇكاننىڭ تەييارلىغىنى پۇتتۇرۇپ بۇلغىچە ،ئايلىڭىز سىزگە بىرىشىپ بەرسۇن،
غۇپۇرئاكا  سۇزىنى تۇگىتىپ كىرىلىپ بىرنى ئەسنەپ  قۇيۇپ، ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ھاۋا بۇلسا سۇ ئىستىپ مۇبارەكنى يۇيۇندۇرۇش ئۇچۇن ياندىكى ئۇيگە باشلاپ قۇيۇپ، يەنە بىرئۆيگە كىرىپ مۇبارەككە ئورون راسلىدى.
مۇبارەك يۇيۇنۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن، ئۇستىدىكى كىيىملىرىنى يۇيۇپ قۇرۇ ئىچگە تارتىلغان ئارغامچىغا يېيىپ تۇرشىغا، ھاۋاخان چىقىپ،
-ئۆكەم مۇبارەك، ئۆزلەنىڭ ئورننى نىينىدىكى دا ئۆيگە راسلاپ قۇيدۇم ،كىرپ ئارام ئېلىڭ،
مۇبارەك كۆرسىتىلگەن ئۆيگە كىرىپ ئۇرۇندا ياتتى .ئەمما كۆزىگە ھىچ ئۇيقۇ ئىلنشىدىغاندەك ئەمەس ،ئۇنىڭ چارچىغان نرىۋىلىرىنى يەنە خىيال قۇشلىرى ئىگەللىدى.
ناۋادا تۇنۇگۇن پەرھاتنىڭ ئىششى چىقىپ قالمىغان بۇلسا ،ئېنىقلا بىللە كىلەتتى. سۇتنىڭ ئالدىدا ئەلىنى بىرمۇش بىلەنلا كەينىگە ئۇچۇرۋەتتى. مەن بەك ئاشۇرۋەتتىممۇ قانداق ؟
ھىلىمۇ ياخشى پەرھات بۇپ قاپتىكەن ،بۇلمىسا يىنىم قۇرۇق بۇ يەرگە قانداقمۇ كىلەتتىم ،قارغۇنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ،ھاسىدىن ئايرىماپتۇ ،دىگەن شۇدە،
ئەتە نىمە ئىشلار بۇلۇپ كىتەر، بالامنى تاپالارمەنمۇ؟ ئۇلار نىمە دەر؟ غۇپۇر ئاكامنىڭ سۆزلىرىمۇ تۇغرا؟ ئەگەر ئىشلار غۇپۇر ئاكام دىگەندەك بۇلسا قانداق قىلارمەن؟
ئەمدى پەرھاتقا، ئىختىسات ۋە ئادىمىلىك جەھەتتىن قەرىز بۇلدۇم ،ئاللا خالىسا بۇ پۇلنى چۇقۇم قايتۇرمەن ،پەرھاتنىڭمۇ مۇمىسى كىسەلكەن ،ئۇمۇ پۇلغا تازا ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا مەن بۇ سەپەرگە يول ئالدىم ،ھەي بەك ئالدۇراڭغۇلۇق قىپتىمەن، ئاپامنىمۇ ئالداپ پەرىدەنىڭ سىڭلىسىنىڭ تۇيىغا ،گۇچۇڭغا بارمەن دەپ ،قەيسەرنى تاشلاپ قۇيۇپلا كەلدىم، ۋاقىت قىس ،تىزرەك قايتمىسام يىنىمدىكى پۇل ئۇزاققا بارمەي تۇگەيدۇ، ئاپامنىمۇ ئۆيدىكىلەر سۇراققا تارتىپ ھالىنى قۇيمايدۇ،
مۇبارەك تىگى يۇق خىياللار بىلەن ئاستا ئەللەيلىنىپ ،ئۆزىنىڭ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمىدى.
مۇباركنىڭ ھۈزىنى كىمدۇر بىرى ئاستا سىلىغاندەك ،كىيىن ھۈزىگە چۈشىۋالغان چاچلىرىنى ئىككى تەرەپكە قايرىپ قارغاندەك بۇلدى. سەزگۈر مۇبارەك كۆزىنى يىرىم ئېچىپ ،شەپكە كىيىۋالغان ئۇرۇق ،ئىگىز بىرىنىڭ ئۆزىگە ئىڭشىپ قاراۋاتقىنىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى. مۇبارەك ۋاقىرماقچى بۇلدى .ئەمما ئاۋازى چىقمىدى. قۇلىنى سۇزۇپ چىراق ياندۇرماقچى بۇلدى .ئەمما مىدىريالمىدى .ئۇ،  بىشىدا ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئادەمنىڭ چىرايىنى ئىنىقراق پەرىق ئىتىش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بۇلسىمۇ ،ئۆي ئىچى قاراڭغۇ بۇلغاچ ھىچ نەرسىنى پەرىق قىلالمىدى.
سىرىتتىن مەزىننىڭ كىشلەرنى بامدات نامزىغا چاقىرىپ ،سۇزۇپ تۇلىغان  ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىش بىلەن ،باياقى شەپكە كىيۋالغان كىشى تىۋىش چىقارمايلا ،كەينىچە مىڭىپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.
ئۇ ئادەم چىقىپ كىتىپ ئاردىن ئىككى مىنۇتلار ئۆتكەندە باغلاپ قۇيغاندەك قىتىپ قالغان مۇبارەكمۇ ئەسلىگە كەلدى. ئۇنىڭ پىشانىسىدىن تەر قۇيلاتتى. ئۇ ،ئاخشام ئۆزى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاستىغا سالغان كۆرپىنىڭ بۇرجىگىگە قىستۇرۇپ قۇيغان توكنىڭ يىپىنى ئاسانلا تاپتىدە ئىتتىكلا چىراق ياندۇرۇپ ئۇرنىدىن تۇردى .ئۇ  بايا چىقىپ كەتكەن ئادەمنىڭ كەينىدىن چىقىپ قاراپ باقماقچى بۇلغان ئىدى.
مۇبارەك ئىشىك ئالدىغا كىلىپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ ئاخشام ئىچىدىن ئېلىپ تاقاپ قۇيغان ئىشىك ئۆز پىتىچە تاقاقلىق تۇراتتى. ‹ۋاي خۇدايىم بۇ نىمش بۇپكەتتى ئەمدى .باياقى ئادەم چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەن ئىشىكنى ئەتمىگەن تۇرسام .بۇ ئىشىك قانداققىسىگە تاقاقلىق بۇلىدۇ .ئەجىبا  باياتىنقىسى جىن -ئالۋاستىمىدۇ ؟›
مۇبارەك ئۆزىنىڭ خىيالىدىن چۈچۈپ، قۇرققىنىدىن  پۇتۇن بەدىنىنى تىتىرەك بىسىپ كەتتى .بۇ ئۆينىڭ ئاسىغا كىسەكمۇ بىسىلمىغان ،ئۇنداقتا چۇقۇم ئۇ ئادەمنىڭ ئاياق ئىزى بار، لىكىن ئىشىك ئىچىلمىغان ،بۇ مۇمكىنمۇ؟
ھۇيلىدىكى تاراق-تۇرۇق ئاۋازلاردىن مۇبارەك سەل ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ ئىشىكنى ئاچتى.
قۇرۇدا ھاۋاخان ئاللا قانداق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۋاتاتتى.
غۇپۇرئاكا كىچىك بىر ئىۋرىقنى كۆتۈرۈپ، بامدات نامزىغا تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن كتىۋاتاتتى.
-بالدۇرلا تۇرۋاپلاغۇ ؟نامازغا تۇرغان ئوخشىماملا ئۆكەم؟
-ھەئە ،تاھارەتنى نەدە ئالمىز؟
-تۇختاپ تۇرسىلا ،دا ئادەم تاھارەت ئېلۋالسۇن ، سىلىگە سۇ تەڭشەپ بىرەي،
بۇلار نۈۋەت بۇيىنچە تاھارەت ئىلىپ نامازلىرىنى ئۇقۇپ بۇلغاندىن كىيىن ،ئەتتىگەنلىك ناشتىغا ئۇلتۇردى.
مۇبارەكنىڭ خىيالى تاڭ سەھەردە ئۆزىنىڭ يىنىغا ئوغۇردەك تىمىسقىلاپ كىرگەن ھىلىقى سىرلىق ئادەمدىلا قالدى. ئۇنىڭ سىرىتقى قىياپىتى قارماققا، ئەلىگە ئۇخشاپ كىتەتتى.
ئەلى مىنىڭ تۇرپانغا كىلىشىمنى بىلگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئۆيدە ئىكەنلىگىمنى قانداق بىلىدۇ؟ كەينىمگە چۈشتىمۇيا؟ بۇنداق بۇلشى مۇمكىن ئەمەس ،مىنىسا ئۇنى ھەرگىز يۇلغا سەپ قۇيمايدۇ، ئەمسە ئۇ كىمىدۇ ؟غۇپۇر ئاكام ... ياق  ياق، بۇ ئادەم  قارماققا ئۇنداق پەس ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىككىسىنىڭ بۇي-بەستىمۇ ئوخشىمايدۇ ،غۇپۇر ئاكا سىمىز، قۇرساغلىق ،ئۇتتۇرا بۇي، ئاخشامقى  ئادەم ئۇرۇق، ئىگىز، ئىككىسىنى سىلىشتۇرۇشقا بۇلمايدۇ، بۇ قۇرۇدا باشقا ئادەممۇ بارمۇدۇ ؟بۇلسا بىز بىلەن بىللە ناشتا قىلاتتى.
-ھەي ئۆكەم نىمىنى خيال قىلىپ كەتتىڭىز؟
غۇپۇر ئاكا مۇبارەكنىڭ خىيالىنى بۆلدى.
-ھە  ھىچ...ھىچنىمە ،بۇ قۇرۇدا ئىككىڭلارلا تۇرامسىلە؟
-ھەئە،  ھېيت -بايراملارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىككىمىزلا تۇرمىز،
-قارسام ئامدان ئۇخلىيالمىغاندەك تۇرسىز ،كۆزىڭىزنىڭ چۇرىسى قارداپ قاپتۇ، ئۆكەم يالغۇزنىڭ يارى خۇدا، بىشىڭىزنى قاتۇرماڭ ،بۇ ئىشلارمۇ پۈتۈپ قالۇر ،كەچ قۇيغان خۇدايىم ئاچ قۇيماس دەپتىكەن، ئىشلىرىڭىزنى پۇتتۇرۋالغۇچە مۇنۇ بىزنىڭكىدە تۇرۇڭ ،بارنى تەڭ تالىشىپ يەيمىز، رىسقىڭىزنى ئاللا بىرەر، ئېغىرىڭىزنى يەر كۆتىرەر ،بىزمۇ يالغۇز ،قارسام خىلى ئىمانلىق ئايال ئىكەنسىز ،بەندىنىڭ بىشىغا كۈن چۈشمەيدۇ دىگىلى بۇلمايدۇ، ئىگىسى ئۆزى سالغان كۈننى. ئۆزى ئاسان قىلىدۇ، ئارتۇق غەم يىمەڭ، شۇ نارىسىدىنى ساتقان گۈيتۇزىمۇ بىششىنى يەر بىركۈنى . ساڭا كەلدى .ماڭا كەلدى دەيدىغان جاھان ئەمەس بۇ ،بالىڭىزنى سىزگە نىسىپ قىلغان بۇلسا، ئۇلارمۇ تۇغرا چۈشنەر، بۇلمىسا باشقا كەلگەننى كۆرمەكتىن باشقا چارىمىز يۇق، بەندە ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئۆزىمىزنى ياراتقۇچىغا بىغىشلاپ ،ئۇنىڭدىن ياردەم سۇراشتىن باشقا ئىشلار قۇلىمىزدىن كەلمەيدۇ ئۆكەم،
مۇبارەك، بىر تەرەپتىن بۇ ئىمانلىق -ئىنساپلىق كىشلەردىن دىلى سۇيۇنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخشامقى سىرلىق ئادەمنىڭ كىملىگىدىن گۇمان قىلاتتى.
-غۇپۇر ئاكا، سىزدىن بىر ئىشنى سۇراي دىگەن؟
-قىنى سۇراڭ ،تارتىنماڭ،
-تاڭ سەھەردە شەپكە كەيگەن ،ئۇرۇق ،ئىگىز، بىرى ئۆيگە كىرىپ بىشىمدا قاراپ تۇرۇپ چىقىپ كەتتى .بەك قۇرقۇپ كەتتىم،
-ئىشىكنى ئىچىدىن سۇلىۋەتمىگەنمۇ؟
-تاقىۋەتكەن،
-ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىدىڭىز ،ئۇ كەينىچە مىڭىپ چىقىپ كەتتى شۇنداقمۇ ؟ئۇرنىڭىزدىن تۇرۇپ كەينىدىن چىقماقچى بۇلۇپ ئىشىككە قارسىڭىز ئىشىك ئىچىدىن سۇلاقلىق، ئاۋازىڭىزمۇ چىقمىدى، ئۇزىڭىزمۇ مىدىرلىيالمىدىڭىز تۇغرىمۇ؟
-سىز ئەجەپ تەپسىلى بىلدىكەنسىزغۇ؟
-مەن ئاخشام ئايلىڭىزغا،  ‹بىزنىڭ يىنىمىزدا ياتسۇن› دىسەم، ‹تارتىنىپ قالمىسۇن ›دەپ ، ئۇنماي سىزگە ئۇرۇننى شۇ ئۆيگە راسلاپتۇ، يا بىشىڭىزغا قۇرئان، يا پىچاق قۇيۇپ قۇيماپتۇ،
-دىمەك بۇ ئىش بۇرۇنمۇ بۇپتىكەندە،
-شۇنداق، ئۇ ئۆي خالى ئەمەس،
بۇرۇن بۇ يەر زەرەتكالىقنىڭ ئۇرنى ئىكەن، مەنمۇ بىلمەي سىتىۋىلىپ ئۆي سالغان، كىيىن تۇققانلار كىلىپ قۇنغاندا مۇشۇنداق ئىش بىر نەچچە قىتىم ھۈز بەردى .بۇ ئۆينى سىتىۋىتەي دىسەم ئالدىغان ئادەممۇ چىقمىدى. ئامالسىز ئولتۇرۇپ قالدۇق ،بۇلمىسا پات-پات ياغ  بۇرتۇپ، ئىسرىق سىلىپ، قۇرئان ئوقۇيمىز،
مۇبارەكنىڭ تىنى جۇغۇلداپ كەتتى.
-كەچتە بىز بىلەن بىللە يىتىڭ ،
-بۇلىدۇ،
-ئەمسە سىلەرمۇ ئىششىڭلارغا بۇرۇنراق مىڭىپ، بالدۇراق قايتىپ كىلەرسىلەر، مەنمۇ ئاشخانىغا ماڭاي،
غۇپۇر ئاكا سۆزىنى تۈگىتىپ نەرسىلىرىنى ئىلىپ دۇكانغا، مۇبارەك بىلەن ھاۋاخان  ئىشەك ھارۋىسىنى تەييارلاپ كارىزغا قاراپ ماڭدى.

ئىشەك ھارۋىسى ئۆز رىتىمى بۇيىنچە كىتىۋاتاتتى. ئاردىكى جىملىقنى ھاۋاخان بۇزدى.
-شۇنچە جاپالارنى تارتىپسىز ،يۇلدىشىڭىز تۇگەپ كەتكەندىن كىيىن، قايتا ياتلىق بۇلۇشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟
-ياق، ئۇزى قاتارغا قۇشالمىغان بالىنى باشقىلار قاتارغا قۇشالمايدۇ، كىشىنىڭ بالىسىغا كىشى كۇيۇنمەيدۇ ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىر پۇتۇن خىيالىم قەھرىماننى ئىزدەشتە، ئاللا خالىسا ئۇلارنىڭمۇ مەندەك قارا قۇرساق ،بىلىمسىز ،نادان بۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئۇقۇتۇپ قاتارغا قۇشۇش ئۇمۇدۇم بار،
-مىنىڭچە بىر ئايال ئۈچۈن بۇ ئاسان ئەمەس ،سىز تىخى ياش ،كاتتا ئادەمدىن بىرنى تىپپ ،شۇنىڭ پىشىگە ئىسىلغىنىڭىز تۇزۇك ،
-دىگىنىڭىز تۇغرا ،ئەمما ھازىرچە ئۇيلاشمىدىم،
-ھەراس ،سىزگە دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،بۇگۇن كارىزدا يىراغراق بىر تۇققاننىڭ بالىسىنىڭ مەرىكىسى بار ئىدى. بىللە كىرنى. ئۇيەردە بىرە يىپ ئۇچىغا ئىرشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس ،
-بۇلىدۇ،  لىكىن مەن ئۇلارنى تۇنمىسام،
-بارغاندا بىرگەپ بۇلىدۇ،  ئەنسىرمىسىڭىزا ئۆكەم،
ئۇلار پاراڭ بىلەن بۇلۇپ ،كارىزغا يىتىپ كەلگىنىنىمۇ تۇيماي قىلىشتى .
ھاۋا ئاۋۋال مۇبارەكنى بىر ئۆيگە باشلىدى .ئۇلار بىردەم پاراڭلىشىپ ئۇلتۇرغاندىن كىيىن .ھاۋا كىلىش مەخسىدىنى ئۇلارغا ئۇچۇق ئىيتتى .ئۆي ئىگىسى سەل ئۇيلۇنۇپ تۇرۇپ كىتىپ،
-شۇنداقراق بىرى بۇلىدىغان ،ئەمما تازا ئېنىق بىلپ كەتمەيمەن ،ئەمما تۇيغا چۇقۇم كىلىدۇ، سۇرۇشتۇرۇپ باقايلى. يىپ ئۇچى چىقىپ قالار،
ئۇلار ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇپ مەرىكە بۇلۋاتقان ئۆيگە كەلدى .ئۆي ئىچى مىھمانلار بىلەن لىق تۇشقان،
مۇبارەكلەر ئۆي ئىگىسىنى بىلەن سالاملىشىپ چۇڭ بىرئۆيگە كىرىپ ئۇلتۇرۇشتى .ئاردىن يىرىم سائەتلەر ئۇتتى بۇلغاي، يەنە بىرمۇنچە ئاياللار كىردى .ھاۋا بىلەن مۇبارەكنى باشلاپ كىرگەن ئايال ،
-ھېيييييييي رۇشەنغۇ بۇ، ئامدان تۇردىلامۇ؟
بۇلار بىر قۇر ئەھۋال سۇراشقاندىن كىيىن ، ئالدىغا تاماق تارتىلدى .مۇبارەكنىڭ قۇلىقىغا ‹رۇشەن ›دىگەن ئىسىم ئاڭلىنىش بىلەن، يۇرىگىنىڭ سۇقىشى تىزلەپ ھەلقۇمىغا بىرنىمە كەپلەشكەندەك، نەپەس ئىلىشى قىيىنلىشىپ ،بۇرنىنىڭ ئۇچى ئىچىشىپ ،كۆزىگە ياش كەلدى.
ھە-ھۇ بىلەن تاماقمۇ يىيىلىپ بۇلدى .مىھمانلارنىڭ تارقىشىغا ئەگىشىپ ھاۋا باياقى رۇشەننىڭ كەينىدىنلا سىرىتقا چىقتى . ئۇلار نىمىلەرنىدۇ دىيىشىپ تۇت ئايال رۇشەننىڭ ئۇيىگە كىرىشتى.
ئۆي ئاددى .ئەمما پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، 8 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز ،كىچىك بىر ئۇغۇل بالا بىلەن ئۇيناپ ئۇلتۇراتتى.
مۇبارەك ئۆزىنى تۇتىۋىلىشقا شۇنچە تىرىشسىمۇ ،ئانىلىق مىھرى ئۆزىدىن غالىپ كىلىپ يەردە ئۇلتۇرۇپ ئۇيناۋاتقان بالىغا ئىتىلدى.
بالا قۇرقۇپ يىغلاپ، چىقىراشقا باشلىدى.
مۇبارەك بالىغا سەپ سىلىپ قاردى. بالنىڭ ئۇڭ ھۇزىدە بۇغدايچىلىك قاپقارامەڭ، ياپما قاپاق ،پاناغراق بۇلسىمۇ خىلى ئۇماق بۇ بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىگىگە ئىشەنچ قىلالمىدى.
رۇشەن بالىنى مۇبارەكنىڭ قۇلىدىن ئىلىپ بەزلىگەچ،
-ئۆزلە بۇ بالىنى مىنىڭ دىمەكچىمۇ........؟
-ياق..ياق ، كەچۇرۇڭ ، ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن،
-دا ئايلىمىز دىگەننى ئۆزلەدىن ئاڭلاپ باقسام بۇلامدۇ؟ مەنمۇ تۇغرا چۈشىنىمەن،
مۇبارەك گەپنى سۇزۇپ ئولتۇرمايلا ،قىسقىچە چۇشەندۇردى .رۇشەن ئاڭلاپ بۇلۇپ،
-ئەپسۇس  سىلى كىچىكىپ قاپلا، ئۇ ،مەن ئەمەس ،باشقا رۇشەن ،مىنىڭمۇ يۇلدۇشۇمنىڭ ئىسمى ئۆمەر ،ئەمما سىلى دىگەن رۇشەن، بۇرۇن پەقەتلا بالا ھۇزى كۆرمەي، بىر قىز بىقىۋالغان، كىيىن ئۈرۈمچىدىن سىلىنىڭمۇ -ئەمەسمۇ بىلمەيمەن، بىر ئوغۇلنى بىقىۋالدى .بىلشىمچە 1700  كۇيغا سىتىۋاپتىمىش، بالىنى بىرىۋەتكۇچى.‹ ئايالىم تۇغۇتتا قازا قىلدى. ئۇزەم بەك نامرات .بەيە بىر بالام بار .بۇ ئىمىۋاتقان بالىنى بىقىپ كىتىشكە قۇربۇم يەتمەيدۇ. بالىنى قىيناپ قۇيۇشتىن قۇرقىمەن .بالا نەدە .كىمنىڭ قۇلدا چۇڭ بۇلسا .ياخشاراق كۇن كۆرسە بۇلدى .مەن شۇنىڭغا رازى.› دەپ ،تىلىدىنمۇ ھۆججەت يىزىپ بىرىپتۇ ،
كىيىن رۇشەن ئايلام ئۇ بالىنى بىرە ياشقا كىرگۇزمەي تۇرۇپ، بالىنىڭ ئايىغى ياراشتىمۇ قۇرساق كۆتەردى .ئەمما قىز تۇغدى. لىكىن بەك خۇش بۇلدى .ئۇغلىنى شۇنداق چۇڭ كۆرىدۇ ،بالىنى 3ياشتىلا ھەپتىيەككە سالغان .ھازىر غىچە قۇرئانغىمۇ چىقىپ بۇلدى. ئەمما ئۇلار بۇ مەھەللىدىن خاندۇغا كۇچۇپ كەتكەن ،كىيىن بىلسەك مايتاغ دەمدۇ، گۇچۇڭ دەمدۇ ،بىريەرگە كۈچۈپ كىتىپتۇدەك ،بۇ ئىشقا بىرە يىلچە بۇلۇپ قالدى. شۇندىن كىيىن ئۇلارنىڭ خەۋرى بۇلمىدى.
مۇبارەك بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ جايىدا لاسسىدە ئۇلتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىچ-ئىچىدىن قاپساپ كىلىۋاتقان يىغىسى .پەرزەنت ئىشقىدا باغرى پۇچۇلۇنۇپ كەتكەن بۇ ئايالنى .ئاسانلا ئەسىرگە ئالدى.
مۇبارەك خىلى ئۇزۇن ئىسەدەپ يىغلىغاندىن  كىيىن رۇھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئاستا سىرىتقا قاراپ ماڭدى.
مۇبارەك خۇدىنى يۇقاتقان ئادەمدەك، كۆزلىرىنى بىر نۇختىغا تىكىپ ،ئۆز-ئۆزىگە  پىچىرلاپ ،ئۆزىگە ناتۇنۇش ئەگرى-بۈگرى يىزا يۇللىرىدا ،مەس ئادەمدەك  دەلدەڭشىپ كىتىۋاتاتتى .
-ھەي مۇبارەك.......ھەي ئۆكەم.... تۇختىسىڭىزا........
مۇبارەكنىڭ قۇلىقىغا ھىچقانداق گەپ كىرمەيتى .ھاۋا ھاسىراپ يۈگۈرگىنىچە مۇبارەككە ئاران يىتىشىۋالدى.
-ئۆكەم مۇنداق ئۆزىڭىزنى يۇقۇتۇپ قۇيماڭ.... كۈنلەر تىخى ئۇزۇن
مۇبارەك ھاۋانىڭ ئۆزىگە نىمە دەۋاتقىنىنى چۈشەنمىگەندەك، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ  تۇراتتى.
ھاۋا  مۇبارەككە بىرھازا سۆزلەپ، مۇبارەكنى مەھەللىگە قايتۇرۇپ كىلىپ ،يەنە ئىشەك ھارۋىسى بىلەن لەمجىن بازىرىغا قايتتى.
ئۇلار دۇكانغا كەلگەندە ،غۇپۇر ئاكا  بىر قۇلىنى ئىككى قىلالماي  قالغان،
مۇبارەك ھاۋالار، چۈشلۈك بازارنىڭ ئىتتىك ۋاقتىغا ئۇلگۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
ئۇلار بىردەم پاي-پىتەك بۇلۇشقاندىن كىيىن ،بازارمۇ سەل بۇشاپ قالدى .
غۇپۇرئاكا مۇبارەكنىڭ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ،ھەممىنى چۈشەندى.
-ئەمدى قانداق قىلاي داۋاتىسىز سىڭلىم؟
-قانداق قىلشىمنى ھىچ بىلەلمىدىم!
-ئۇلاردىن بىرە يىپ ئۇچى چىقتىمۇ؟
ھاۋا بۇلۇنغان گەپلەرنى تۇلۇق سۆزلەپ بەردى. تۇيۇقسىز غۇپۇرئاكا،
-ئۇلار ئاۋۋال خاندۇغا كۇچۇپتىكەنما؟ ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىزدىرىكىنى خاندۇغا بىرىپ سۇرۇشتە قىلىپ بىقىڭ ،چۇقۇم بىلىدىغان ئادەم چىقىدۇ،
بۇ پىكىرمۇ بۇلۇپ قالدى. مۇبارەكمۇ شۇنداق ئۇيلاپ تۇراتتى. ئەمما ئۇلارغا ئۇچۇق ئىيتالمىغان،
-ھەي  ھاۋا ، سەن ھازىرلا شاغا ماڭ ،‹خاندۇنىڭ بۇرۇنقى ئاتالغۇسى› دا  پاتەم ئايلام بىلەن كۆرۇشۇپ ،ئىشلارنى شۇنىڭغا تاپشۇر ،ئۇنىڭ قۇلدىن كەلمەيدىغان ،ئۇ بىلمەيدىغان ئىش يۇق جاھاندا ،ئۆزۇڭ تىزرەك قايتىپ كەل،
ھاۋا شۇھامانلا مۇبارەكنى ئىلىپ، كىچىك بىر مۇتۇنى كىرا قىلىپ خاندۇغا ماڭدى.
ئۇلار پاتەم ئىسىملىك ئايالنىڭ ئۈيىگە كىرگەندە، ئايال ئۇينىڭ ئۇتتۇرىسىدا قۇلىنى بىلىگە تىرەپ تۇرۇپ ،كىملەرگىدۇر ۋاقىراپ سۇزلەۋاتاتتى.
-ھە كەلدىڭمۇ ؟بۇ يىراق يەردىن كەلگەن ،بالىسىنى يۇتتۇرگەن ئايالمۇ؟  بىينىقا كىلىپ ئۇلتۇرۇڭلار؟
مۇبارەك چاچلىرى چىگىشلىشىپ كەتكەن ،مەينەت چىراي ،قۇرقۇنۇشلۇق بۇ ئايالغا، تىنى شۇركۇنۇپ قاراپ قۇيدى.
-ھىې قىزىم ،سەن مىنىڭ تاشقى قىياپىتىمگە باھا بەرمە، مەن مايناق ئايالمەن، سىنىڭ نىمە ئۇيلاۋاتقىنىڭنى شۇتاپتا بىلىپ تۇرۇپتىمەن، قۇقما ، سىنىڭ ئىشلىرىڭدىن مەن خەۋەردار،
مۇبارەك بۇ  ئايالنىڭ نىم دەۋاتقىنىنى چۈشەنمىدى.
مۇبارەك ئۆمرىدە ،داخان-باخشى دىگەنلەرگە ئانچە ئىشەنمەيتى .لىكىن تاقا-تۇققا سۇزلەيدىغان بۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىگە نىمىشقىدۇر ئىشنىپ قالدى.
ئايال گىپىنى داۋاملاشتۇردى.
-سىنىڭ ئىششىڭ بەكلا مۇشكۇل، بىلگۈچى ئاللا ،لىكىن سەۋەپ قىلساڭ چارىسى تىپىلىدۇ، سەن ھازىر دا چۈگۇندىكى سۇدا يۇيۇنۇپ چىق ،ھاۋا سەن كىتىۋەر ، بۇنىڭ ئىششىنى ئۆزەم تۇغۇرلايمەن ،ئەمدى ماڭا دەخلى قىلماڭلار، مەن دىگەندەك قىل،
ھاۋا كەتتى. مۇبارەك ئايالنىڭ دىگىنىدەك قىلدى. ئايال كۆزىنى يۇمۇپ ،ئادەم چۈشەنگىلى بۇلمايدىغان يىرىم -ياتا بىرگەپلەرنى قىلىپ ،تۇيۇقسىز كۆزىنى ئىچىپ مۇبارەككە  شۇنداق سەت چەكچىيىپ قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ ئۆزگىرىپ باشقا بىر ئادەمدەك چىقىۋاتاتتى .مۇبارەك قۇرققىنىدىن چىقىرۋەتكىلى تاسلا قالدى.
-سەن قۇقما ،سىنىڭ ئىششىڭنى بىلىدىغان ئادەم سۇبىشىدا ،سەن بىرىپ ئۇسماننى ئىزلە ئۇ كەنىتنىڭ پىنسىيىگە چىققان مۇئەللىمى .ئۇ ياخشى ئادەم ،بىشىڭنى سىلايدۇ ،ئەمما بەك ئىھتىيات قىل، ئالدىڭدا نۇرغۇن تۇسالغۇ، پىشكەللىكلەر بار، لىكىن قاراملىق قىلما، ئالدىراڭغۇلۇق قىلما ،بالاڭنىڭ خەۋرىنى ئالالايسەن، ئەمما تاپالمايسەن، ئۇنى كۆرەلمەيسەن ،ئۇ ساڭا نىسىپ بۇلمايدۇ ،سەن بۇ يەردىن تىز كەت ،بۇلمىسا سىنى پالاكەت باسىدۇ، يۇرتۇڭغا بىرىپ ئارزۇ قىلغان ئىشقا تۇتۇش قىلسەن، ئەمما نەتىجە قازنالمەيسەن ،سەن يەنە تۇي قىلسەن ،لىكىن بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر كۇنلەرگە قالسەن ،شۇكرى قىل ،ئاللادىن ئامانلىق- ئاسانلىق تىلە ،تۇققانلىرىڭدىن ۋاپا يۇق، باللىرىڭمۇ ساڭا خائىنلىق قىلدۇ ،سەن ھىچكىمگە تايانما، ئۇمرۇڭدە خۇشاللىق بۇلمايدۇ، باشقىلارغا يىلىنما ،ماڭ كەت ، ھازىرلا كەت ،چۇڭ بالاڭ ئاغرىق، ئاپاڭمۇ شۇ ،بالاڭنىڭ دادىسى ئۇلارنى بەك پاراكەندە قىلدى .
ساڭا بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ كۆزى چۈشتى. بۇيەردىن كەتمىسەڭ، سەنمۇ بىزنىڭ ئادىمىمىز بۇلۇپ كىتىسەن،
مۇبارەك يا يىغلىشىنى. يا كۈلىشىنى بىلەلمەي، ئۇلتۇرغان ئورنىدا ،قاققان قۇزۇقتەك مىدىرلاشقىمۇ جۇرئەت قىلالماي، ئۇلتۇرۇپ قالدى.
ئايال سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، بىر سىلكىنىپلا ئاغزىدىن كۆپۈك يىنىپ ،ئۇلتۇرغان ئۇرنىغا يىقىلدى.
قۇرقۇپ كەتكەن مۇبارەك چىقىرۋەتتى.
مۇبارەكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىككى ئايال يۈگۈرۈپ كىرىپ ،باخشىنىڭ ھۈزىگە سۇ چېچىپ، ئۇنى ھۇشىغا كەلتۇرۇپ يۇلەپ ئۇلتۇرغۇزدى.
باخشى بىردەم ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن مۇبارەككە قاراپ،
-داباي مىنىڭ نىمە دىگىنىمنى تۇلۇق ئاڭلىدىڭمۇ؟
-ھەئە ئاڭلىدىم!
-ئەسلى سىنى ھاۋا بۇيەرگە بىرنەچچە كۈن تۇردۇ دەپ ئەپكەلگەن، لىكىن ھازىرقى شارائىت ساڭا پايدىسىز، سەن تىز ماڭ، بۇلمىسا ئۈلگىرەلمەيسەن،
مۇبارەك يىنىدىن 100 كۇي پۇلنى چىقىرىپ باخشىغا سۇندى. باخشى
-مەن بۇ ئىشنى خۇدالىق ئۈچۈن قىلدىم ،پۇل ئالسام بۇلمايدۇ، كىتىۋەر مەن رازى،
مۇبارەك قۇرۇدىن چىقىپ يەنە بىر مۇتۇنى كىرا قىلىپ لەمجىنگە كەلدى .ھاۋالار دۇكاننى يىغىشتۇرۋاتاتتى.
-ۋوي يىنىپ كەپسىزغۇ ؟ بىرە ئىش بۇلمىغاندۇ؟  كۆرۈشتىڭىزمۇ ؟پاتەم ئايلام نىم دەيدۇ؟
مۇبارەك بۇلۇنغان گەپلەرنى بىرنى قالدۇرماي دىدى . غۇپۇرئاكا مۇخۇركىسىنى كۈچەپ تارتىپ زەردە بىلەن،
-ۋۇي ، ما پۇخۋاش باخشى ئاغزىغا كەلگەننى جۇيلۇپتىغۇ ئەمدى. ئاناق بىرمىلەرنىڭ سۇزىگە ئىشنىپ كەتكىلى بۇلمايدۇ ئۆكەم.
-ھېي دا ئاغزىڭغا بىقىپ سۆزلە ،پاتەم ئايلام بىلىپ قالىدۇ جۇمۇ؟ئەتە ئاغزىڭ بىينىغا، كۆزۈڭ نىينىغا ،بۇلۇپ قالمىسۇن يەنە،
-سېسىق زاۋانىڭنى يىغىپ باقا ،سىنىڭ ئاغزىقدىنغۇ ياخشى گەپ چىقمايدۇ، ھە راس ئۆكەم، قۇساق قانداق ، تارتىنماڭ ، كىچىككىنە بىر نىمە قىلىپ بىرەيمۇ؟ كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتىدۇ؟
غۇپۇر ئاكا مۇبارەكنىڭ ئۇنمىغىنىغا قارماي، ئاچچىق قىلىپ سۇيقاش ئەتتى.
ئۇلار تاماقلىنىپ بۇلغاندىن كىيىن  بىللە قايتىشتى.
بۇگۇن مۇبارەك ھاۋالار بىلەن بىللە ياتتى. يىرىم كىچە بۇلغاندا غۇپۇر ئاكا جۆيلۈپ، بىئارام بۇلۇپ، ئۆزىمۇ  تۇزۇك ئۇخلىيالمىدى. باشقىلارمۇ ئۇخلىيالمىدى.
ناماز بامداتقا ئەزان ئىيتىلغاندا ھاۋا ئۇرنىدىن تۇرۇپ، بامدات نامىزى ئۈچۈن غۇپۇر ئاكىنى  چاقىردى.
غۇپۇر ئاكا تەستە ئۇيغۇنۇپ بىشىنى كۆتۇردى .ھاۋا نىڭ ئىسسىق سۇ تەڭشەپ كۆتۇرۇپ كىرگەن تاھارەت چۈگىنى. ئۇنىڭ قۇلىدىن چۈشۈپ كەتتى.
-ۋاي ئاللا،  بۇ نىم بۇلغىنى؟ ۋاي ئاتىمەي............،
تاراق- تۇرۇقتىن ئۇيغۇنۇپ كەتكەن مۇبارەكمۇ غۇپۇر ئاكىنى كۆرۇپ چۈچۈپ كەتتى.
چۇنكى ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى ئاسىتغا ،سۇل كۆزى ئۇستىگە تارتىشىپ، ئاغزىمۇ مايماق بۇلۇپ، ھۇزلىرى كۆپتەك ئىششىغان،باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانتى..
ھاۋا  غۇپۇر ئاكىغا قاراپ،
-ھېي  نىم بۇلدى ئۆزلەگە؟  بىرقىسمىلا بۇلۇپ قاپلاغۇ؟
-ماڭا نىم بۇپتۇ؟ بىر ئىش بۇلغىنى يۇققۇ!
ھاۋا  دەرىزە تەكچىسىگە  يۇلەپ قۇيغان ئەينەكنى ئېلىپ ، غۇپۇر ئاكىغا كۆرسەتتى.
-مانا قاراپ باقسىنا،
غۇپۇرئاكا  ئەينەككە قاراپ  كۈلۈپ كەتتى.
-ھېي  ساخوي ‹ساراڭ›، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك ، نىمانداق كۈلىۋىرلا؟
-قورقوپ كەتكىنىڭنى قارا ،سەل شامال دارىپ قاپتۇ،
-ھەئە  شۇنداق بۇلغاندۇ ! ئاخشام پاتەم ئايلامنى ئېغىزىڭغا كەلگەننى دىمە دىسەم ئۇنمايسەن ،
-جىق  گەپ قىمماي باقا ساخۇي
ئۇلار بىردەم بىر-بىرىگە دۇق  قىلىشىپ نامازلىرىنى ئۇقىدى. ھاۋا سىرىتتا ئۈچۈپ يۈرگەن  بىر  قەغەزنى تىرىپ كىرىپ ئىرىنى  ئۈچۈغداپ ،‹ئىسرىقداپ ›ياتقۇزۇپ قۇيدى.
مۇبارەك  خىيال سۇرۇپ ئولتۇراتتى غۇپۇر ئاكا
-ئۆكەم ،پاتەم ئايلاممۇ بىرنىمىنى بىلىپ سۆزلەيدۇ ، سۇۋىشىغا  چىقىپ باقامسىزيا؟ تازا يامان ۋاقىتتا مۇنداق بۇلۇپ قالدىم دىسە، شامالدىسا بۇلمايتى ئەسلى.
-بۇلدى .بۇگۇن دۇكانغا قارشاي، كىيىنچە بىرگەپ بۇلار،
مۇبارەك بىلەن ھاۋا  دۇكانغا كەلدى .ئۇلار دۇكاننى ئىچىپ  بىردەمدىلا چۇشلۇك بازار باشلىنىپ كەتتى.
ئۆيدە يىتىۋىرىپ ئىچى سىقىلغان غۇپۇر ئاكا دۇكانغا كەلدى. ئۇ يەنە شۇپىتى ئېغىز -كۆزلىرى مايماق،
مۇبارەكنىڭ غۇپۇرئاكىغا قارغانچە ئېچى ئاغرىپ،
-ھاۋاخان، غۇپۇر ئاكامنى ھىلىقى پاتەم ئايلامنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقساق بۇلمامدۇ؟
ھاۋا ئىرىگە ‹قانداق قىلمىز ›دىگەندەك قاردى.
-مەيلى  بەر-بىر چۈشتىن كىيىنمۇ تۈزۇك بازار بۇلمايدۇ،
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ،دۇكاننى تاقاپ، يەنە خاندوغا قاراپ يۇل ئالدى.
مۇبارەكلەر ئىشىكتىن كىرشىگە، پاتەم باخشى بۇلارغا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ  قاراپ ،
-ھە  يەنە نىمىگە كىلىشتىڭ ؟مىنى تىللاپ تويمىغان ئوخشىمامسەن؟
-ئايلا  رەنجىمىسىنا ، بۇ ئەقلىنى تەخەي غاجىلىۋەتكەن، پىشانىسىگە مۇزاي تىپىۋەتكەن ،ساخوي ،پوخۋاش، گۈيتوزا ماناقلا چاقچاق پاراڭ سېلىپ دەپ قويغان گەپ ئۇ،
-مەن بىلمەمدىم سىلەرنىڭ نىم دىيىشىۋاتقىنىڭلارنى. ئىشەنمىگەن ئادەم نىمە دەپ ئالدىمغا كەلدىڭلار؟
غۇپۇر ئاكا خۇددى بىر گۇنالىق ئىش قىلىپ قۇيغان كىچىك بالىدەك، بىشىنى تۆۋەن سىلىپ، قۇل باغلاپ ،توختىماستىن كەچۈرۈم سۇراپ  تۇراتتى.
پاتەم باخشى خىلى كايىغاندىن كىيىن ،
-بۇپتۇ  سەنلەر قىلغاننى مەن قىلماي، بۇياققا كەل گۈيتوزا،
باخشى غۇپۇر ئاكىنى بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، بىرە سائەتتىن كىيىن  يىنىپ چىقتى. غۇپۇر ئاكىنىڭ كۆزلىرى. ھۈزلىرى .قىزىرىپ كەتكەن بۇلۇپ، بىرى ئۇنىڭ ھۈزىگە شاپلاغلىغاندەك تۇراتتى.
-ماڭ ئەمدى كەت ، ئەتىگىچە ئۇڭشولوپ قالىدۇ،
باخشى مۇبارەكنى كۆرۈپ،
-سەن تىخىچە ماڭمىدىڭما؟ سەن بىشىڭغا كىلىدىغان ئىشتىن قىچىپ قۇتۇلالمايسەن، مۇشۇ پىشكەللىكتىن قۇتۇلساڭ ،ئاندىن ساڭا يول ئېچىلىدۇ، تىز بار، كىچىكتۈرمە،
-ئايلا، بىز بىللە بارساق قانداق بۇلۇر؟
-ياق،  سىلەر بۇنىڭغا ئاۋارچىلىق تىپپ بىرىسىلەر ، ياخشىسى ئۆزى بارسۇن ،ئىرىڭمۇ ۋاقتىنچە تالا -تۈزگە چىقمىسۇن، ھازىرمۇ بىشىنى يۆگەپ ،يوتقانغا ئوراپ ئېلىپ كەت ، بۇلمىسا قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىكار بۇلىدۇ، تاڭ ئىتىشتىن بۇرۇن سىرىتقا چىقمىسۇن،
مۇبارەكلەر قايتتى  .
مۇبارەك لەمجىن بازىرىغا كىلىپ، بىر مۇتۇنى كىرا قىلىپ ،سۇۋىشى كەنتىگە قاراپ يۇل ئالدى.
مۇتۇ لەمجىندىن چىقىپ بىر سايلىققا كەلگەندە تۇيۇقسىز ئۇتى ئۇچۇپ قايتا ئوت ئالغىلى ئۇنمىدى . شۇپۇرمۇ خىلى ئىچىشىپ چاتاقنىڭ نەدىلىكى تاپالمىدى.
-ئايلا رەنجىمىسىڭىز  باشقا ئامال قىلىڭ ، بۇ گۈيتوزا  پەقەت قاملاشمىدى.
مۇبارەك ئامالسىز مۇتۇدىن چۈشتى، ئۇ، يا ئالدىغا قاراپ مىڭىشنى .يا ،كەينىگە بۇرلۇپ مىڭىشنى بىلمەي  تۇرۇپ قالدى.
-ئايلا، سىز ئالدىڭىزغا قاراپ ئازراق ماڭسىڭىز ، يۇلدا  سۇۋىشىغا ماڭغان بىرە ھارۋا بۇلسىمۇ چىقىپ قالۇر،ياكى مۇنۇ بىرنىمە ئۇڭشىلىپ قالسا، كەينىڭىزدىن يىتىشىۋالارمەن،
مۇبارەك بۇ بالىغا رەھمەت ئىيتىپ سۇۋىشىغا قاراپ ماڭدى.  ئۇ بىرە سائەت ماڭغاندىن كىيىن ،ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈپ مۇھدىش كىچە مۇبارەكنى ئۆز قۇينىغا ئالدى.
مۇبارەك تاش يۇلنى بويلاپ كىتىۋاتاتتى. بارا-بارا ئۇنىڭ قۇلىقىغا خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازى. كىچىك باللارنىڭ چۈلدۇرلاشقان ئۈنى .چوڭلارنىڭ كۈلۈشكەنلىرى ئاڭلىنىپ، ئالدى تەرەپتىن غۇۋا چىراق نۇرى پىلدىرلاپ كۆرنۇشكە، ئۆستەڭدىكى شاقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
شۇندىلا مۇبارەك قۇرسىغىنىڭ ئاچقىنىنى. قاتتىق ئۇسساپ كەتكىنىنى بىلدى.
ئۇ، ئۈمۈت بىلەن چىراق نۇرىنى نىشانلاپ مىڭىۋەردى .ئەمما باياقى ئاۋازلار يا يىقىنلاشمايتى. يا يىراقلاشماي ،بىر خىللا  ئاڭلانغاندىن سىرىت، يەنە ئۇنئالغۇدەك بىر نىمىدىن ناخشا ئاۋازى. كىشلەر چالغان داپنىڭ ئاۋازىغا قۇشۇلۇپ، رىتىملىق چاۋاك ئاۋازى كىلىشكە باشلىدى.  مۇبارەك شۇنچە ئىتتىك ماڭسىمۇ يول يەنىلا ئۇزراپ كىتىۋاتقاندەك بىلىندى .چارچاپ كەتكەن مۇبارەك بىردەم ئارام ئېلىۋىلىشنى ئويلاپ ،كىتىۋاتقان يۇل بۇيىدىلا ياتتى.
‹خۇدا ئۆزەڭگە ئامانەت، ئۆزەمنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئىشلىرىمنى ئاسان قىلغايسەن، مۇشۇ يەردە بىردەم يىتىپ ئارام ئېلۋالاي ،يۇلدىن بىرە نەرسە ئۆتسە تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇسارمەن،›
مۇبارەك شۇلارنى ئويلاپ ،يول بۇيىدىكى كىچىككىنە دۆڭلۈكنىڭ يىنىدىلا ،دۆڭلۈككە يۆلەندى.
‹ھىلىقى باخشى .‹بىشىڭغا كەلگەن ئىشتىن ،قىچىپ قۇتۇلالمايسەن› داۋاتاتتى. يەنە نىمە ئىشلار كىلەر ئەمدى .تەغدىر -قىسمەتتىن ھىچكىم قېچىپ قۇتۇلغان ئەمەس، ئاللا ئۆزى سالغان كۈنلىرىنى. ئۆزى ئاسان قىلىدۇ،›
چارچىغان ،ئاچ  قۇرساق ،ئۇسسۇز مۇبارەك ،خىيال سۇرۇپ  ئۇلتۇرۇپ كۆزى  ئۇيقۇغا كەتتى.
ئۇ كۆزىنى ئەمدى يۇمۇشىغا، كۆز ئالدىغا شۇنداق سەت ،بەد-بەشرە چىرايلار كىلىشكە باشلىدى. قۇلىقىمۇ قانداقتۇر بىر شەپىنى سەزگەندەك ،چۈچۈپ كۆزىنى ئاچتى.
مۇبارەك كۆردىكى .ئىشەكتىن پاكار، ئىتتىن سەل ئىگىز، بىر ئاپپاق مۈشۈك ،مۇبارەككە قاراپ كىلىۋاتاتتى.
مۇشۇكنىڭ پىيالىدەك يۇغان كۆزلىرىدىن ،يىشىل ،قىزىل ،سىرىرىق، ھەر خىل نۇر چاقناپ تۇراتتى.
مۇبارەكنى شۇنداق بىر تىتىرەك بىسىپ ،پۇتۇن بەدىنىدىن تەرقۇيۇلۇپ، يۈرىگى تۇختاپ قالغاندەك بۇلۇپ، لاغىلداپ تىتىرەپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىسىگە نامازدا ئوقىغان ئۇششاق سۈرىلىرى كىلىشىگە، ئىچىدە سۇرە ئۇقۇپ، مۇشۇككە قاراپ ھۈرۈشكە باشلىدى. مۇبارەك بىلەن مۇشۇكنىڭ ئارلىقى بەش مىتىر قالغاندا، يىراقتىن ئىشەك ھارۋىسىنىڭ غىچىرلىغان، يەنە بىر مۇيسىپىتنىڭ بۇغۇق ئاۋازدا قۇرئان ئۇقىۋاتقىنى ئاڭلاندى.
مۇبارەك تىۋىش كەلگەن تەرەپكە كۆزىنى يۆتكىدى. ئۇنىڭ بىشىنى كۆتەرگىدەكمۇ ماجالى قالمىغان ئىدى.
مۇبارەك بۇ قىتىم راسلا بىر قارا نەرسىنىڭ ئۆزى تەرەپكە ئىرغاڭشىپ كىلىۋاتقىنىنى. ئۈستىدە بىر ئاپپاق چاپانلىق كىشىنىڭ ئۇلتۇرغىنىنى كۆردى.
مۇبارەك كۆزىنى يەنە مۇشۇك كىلىۋاتقان تەرەپكە يۆتكىدى. ئەمما نە مۇشۇك، نە ئىشەك، نە ئىت چاڭلىق نەرسىلەر كۆرۈنمەيتى.
مۇبارەك ئۇرنىدىن تەستە تۇرۇپ ھارۋا كىلىۋاتقان تەرەپكە ماڭدى.
مۇبارەك كىتىۋىتىپ بەكلا ھەيران قالدى .بايا ئۇنىڭ بۇيلاپ ماڭغان تاش يۇلى ئاللا قاچان كۆزدىن غايىپ بۇلغان ،ئۆزى بىر ئىگىز يار تۆپىسىگە چىقىپ قالغان ،باياقى چىراق يۇرىقى. ۋاراڭ-چۇرۇڭ، سۇنىڭ ئاۋازى ھەممىسى غايىپ بۇلغان،
مۇبارەكنى سۇر بىسىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ غەيرەتكە كىلىپ ،ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەپ، ھارۋىغا يىقىنلاشتى.
ئىشەك ھارۋىسى ئۈستىدە ئاپپاق ساقاللىق  بىر بۇۋاي، بىشىنى قۇلىدىكى قۇرئان كىتاپتىن كۆتەرمەي ئۇنلۈك ئاۋازدا ئۇقىۋاتاتتى.
-ئەسسالام بۇۋا ، تىشلىقمۇ؟
بۇۋاي تۇيۇقسىز ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ قاتتىق چۈچۈپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇپ
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ،سەن جىنمۇ ،ياكى ئادەممۇ؟
-مەن ئادەم، يۇلدىن ئىزىپ قالدىم،
-ۋاي ئاللا  ما  بالىنى. بۇ يەردەنىم قىلىپ يۈرۈيسەن؟  قارماي يۇل دا نىينىدا قالغان تۇرسا، ھە نەگە ماڭغان؟ ئىرىڭدىن يامانلاپ چىقىپسەندە؟
-مەن سۇۋىشىغا ماڭغان ،يۇلدا مۇتۇ بۇزۇلۇپ قىلىپ، ھىلىغىچە بىرە نەرسە چىقىپ قالاردەپ ، يۇلدىن ئىزىپ قاپتىمەن،
مۇبارەك كۆرگەنلىرىنى بۇۋايغا دەپ بەردى.  بۇۋاي،
-قىزىم، بۇرۇن بۇيەرنى ئالۋاستى جىلغىسى دەپ ئاتايدىكەن، خىلى يۈرىگى بار ئادەملەرمۇ بۇيەردىن ئۈتۈشكە پىتىنالمايدىكەن ، سىنى ئىزىتقۇ ئىزىقتۇرۇپتۇ، خۇدا بىر ساقلاپتۇ، مەن سۇۋىشىغا بارمايمەن، ئەمما شۇ يەرگە يىقىن بىر مەھەللىگە قايرىلىپ كىرىپ كىتىمەن ،سىنى شۇ يەرگىچە ئاپىرىپ قۇياي،
مۇبارەك بۇۋايغا رەھمەت ئىيتىپ، بۇۋاي بەرگەن تۇرپان نىنى بىلەن ،بۇۋاينىڭ يىنىدىكى ھەربىچە سۇداندىكى سۇدىن ئىچتى.
ئۇلار بىردەم ماڭغاندىن كىيىن ، بۇۋاي بىر دۇقمۇشتا مۇبارەكنى ئۇزتۇپ قۇيۇپ، ئۇزى مەھەللە تەرەپكە بۇرۇلۇپ، كۆزدىن غايىپ بۇلدى.
مۇبارەك يۇلنى يەنە پىيادە بىسىشقا مەجبۇر بۇلدى. ئۇ 15 مىنۇتلار ماڭغاندىن كىيىن ،كەينىدىن ئىككى ۋېلىسپىت مىنگەن ،ئىككى ئەر، بىر ئايال كەلدى. بۇلانىڭ ھەممىسى چالا مەس ئىدى.
-ھىي  كىچىدە نىمە كانتودەك ‹ئوغۇر› تىمىسقىلاپ يۈرسە پۇخۋاش؟نەگە ماڭدىڭ؟
-سۇۋىشىغا ماڭغان ،ئۇتتۇر يۇلدا مۇتۇ بۇزۇلۇپ قالدى. شۇڭا پىيادە قالدىم،
-يول ئۇزۇن ،ياياق  ‹پىيادە› مىڭىپ تۇگەتكىلى بۇلمايدۇ، دا ئىنىمنىڭ كەينىگە چىقىۋال، بىزمۇ شۇ ياققا ماڭدۇق، كىمنىڭكىگە بارسەن ؟
-ئۇسمان مۇئەللىمنىڭكىگە،
-قايسى ئۇسمان ئۇ ؟ئاتىسىنىڭ ئىسمى نىمە؟
-پىنسىيىگە چىققان ئۇسمان ؟
-ئاتىسىنىڭ ئسمىنى بىلمەمسە؟
-ياق؟
-ئەمسە سەن ئۇنى قانداق تۇنۇيسەن؟ ئۇنىڭدا نىمە ئىششىڭ بار؟
-بىرسى دەپ بەرگەن، ئۇنىڭدىن بىركىشىنى سۇرۇشتە قىلماقچىتىم،
-سۆزلىرىڭگە قارغاندا يەرلىك ئەمەسكەنسەندە ؟ نەدىن چىقتىڭ؟
-ئۈرۈمچىدىن ؟
-شۇناقمۇ ؟بىز ئۇنىڭ بىلەن بىرمەھەللە، ئۇ نىينىدىكى يۇقارقى مەھەللىدە، بىز بىينىدىكى تۆۋەنكى مەھەللىدە تۇرمىز، كىچىدە خەقنىڭ ئىشكىنى چەكسەڭ ئامدان بۇلمايدۇ ،سۆزۈمنى ئاڭلاپ بىزنىڭكىگە بىرىپ ،تاڭ يۇرىغاندا ماڭ ،قانداق دىمىدىم؟
-شۇنداق قىلسامغۇ ياخشى بۇلاتتى .ئەمما ...........
-نىمە ئىككىلىنىپ قالدىڭغۇ؟  بىزگە ئىشەنمەيۋاتامسەن؟
-ياق ئۇنداق ئەمەس ،
-ئەمسە نىم بۇلدى؟ھازىرغىچە بىرەسى مىنىڭ سۆزۈمنى يىرىپ باققان ئەمەس، ساڭا ئامدان پاراڭ سالدىم ، تۇلا كەيپىمنى ئۇچۇرما پوخۋاش، ئاچچىغىم كىلپ قالسا، مەن ئادەم تۇنغان بىلەن، دا پىخەي ‹لاتا ئاياق› ئادەم تۇنمايدۇ جۇمۇ؟
مۇبارەكنىڭ يۈرىگى ‹قارت ›قىلىپ قالدى . ئۇ ئىچىدە، ‹شىردىن قىچىپ يۇلۋاسقا تۇتۇلدۇم دىگەن شۇدە ،ما پىشكەللىكنى  ئەمدى، ئاللا  ئۆزەڭ ئامان قىلغايسەنم› دەپ نىدا قىلدى،
باياقىلار مۇبارەكنى ۋىلىسپىتنىڭ كەينىگە ئۇلتۇرغۇزۇپ ،قۇيۇندەك مىڭىپ ،ئاۋات بىر مەھەللىگە قايرىلدى.
مەھەللە دۇقمىشىدىكى ئۆي بايقىلارنىڭ ئۈيى بۇلۇپ ،تاملىرى ئىس تارتىپ قارداپ كەتكەن، ئاددىغىنا 3 ئېغىز ئۆيدىن تەركىپ تاپقان،
مۇبارەكنى بايا گەپ قىلغان ئەر دۇلىسىدىن ئىتتىرىپ ئۆيگە ئەپكىردى. ئۇلار بىلەن بىللە كىرگەن ئايال، مەشكە ئۇت يىقىپ چاي قاينىتىش بىلەن بەنىت بۇلدى. يەنە بىرى قۇلىدىقى ھاراقنى بۇتۇلكا بىلەنلا كۆتۇرۇپ ئىچىۋاتاتتى.
-ھېي  دا بىرنىمەڭدىن مۇنۇغىمۇ ئازراق بەرسىنا ، بىردەم پەيزى قىلمايمىزمۇ،
ھاراق ئىچىۋاتقىنى مۇبارەككە ھاراقنى بۇتۇلكىسى بىلەنلا تەڭلىدى.
-مەن ئىچەلمەيمەن،  بۇلدى رەھمەت،
-ھۇ بۇزۇك ،ئەركىلىتىپ قۇيسا كىمگە ئەركىلەۋاتىسەن؟ ئەكىلە پىڭزىنى؟
باياقى مۇبارەككە قۇقاق سالغان ئەر ،بۇتۇلكىنى تارتىۋىلىپ بۇتۇلكىدىكى ھاراقنى مۇبارەكنىڭ ئۇستىگە چىچىشقا باشلىدى.
قۇرقۇپ كەتكەن مۇبارەك، چىقىراپ يالۋۇرۇپ يىغلاپكەتتى.
-كاكىرما پۇخۋاش ،يەنە زۇۋانىڭنى چىقىردىغان بۇلساڭ ،ئۇستۇڭگە ئۇت قۇيۋىتىمەن، سالە كىيمىڭنى .ھەممىنى سىلىپ بىزنى خۇش قىل ،بۇلمىسا بۇ ئۆيدىن تىرىك چىقىپ كىتىمەن دەپ ئاۋارە بۇلما،
مۇبارەك  چاي قاينىتىۋاتقان ئايالدىن ياردەم كۈتكەندەك ئۇنىڭغا تەلمۇردى .ئەمما ئايال ھىچ ئىش بۇلمىغاندەك سىرىتتىكى ئىشىكنى يىپىپ قۇيۇپ ئۆز ئىششى بىلەن مەشغۇل بۇلدى.
-ھىېي  كانتۇ  پۇخۋاش، قۇلۇغۇڭ ساغرۇ ‹گاس› مۇ سىنىڭ؟گۈيتوزا،
ئەر شۇنداق دەپلا مۇبارەككە ئىتىلىپ ،ئۇنى باسماغداپ ئۇرغىلى تۇردى.
چاي قاينىتىۋاتقان ئايال ،
-تاماق پىشى  تاماكاڭنىمۇ ئەككىردىم دەپ ،بىر چىنە  سۇيقاش بىلەن بىر قاپاقنى كۆتۈرۈپ كىردى.
باياقى ئادەم ئىتتىكلا مۇبارەكنى قۇيۇپ بىرىپ، چىنىنى قۇلىغا ئىلىپ چۇشقىغا ئۇخشاش، شالاپ-شۇلۇپ قىلىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. ئۇ  ئادەم
تامىقىنى يەپ سەت كىكىرگەندىن كىيىن ،قاپاقنى ئالدىغا تارتىپ خۇرتۇلدۇتۇپ  نىشە چىكىشكە باشلىدى.
قاپاق قۇلدىن قۇلغا ئۈتۈپ ئۈچ قىتىم ئايلانغاندىن كىيىن، مۇبارەكنى ئۇرغان ھېلىقى ئادەم، ئاستىدىكى كۇرپىنى تارتىپ پۇرلاپ ئەكىلىپ بىشىغا قۇيدى .يەنە بىرىمۇ ئۇلتۇرغان ئۇرنىغىلا يىقىلىپ ھەر ئىككىلىسى ئۇخشاشلا خۇرەككە چۈشتى.
تاماق ئەپكىرگەن ئايال مۇبارەكنى ئاستا ئىشارەت قىلىپ  سىرىتقا چاقىردى.
مۇبارەكمۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ سىرىتقا چىقتى .تاڭ سۇزۇلۇشكە باشلىغان ئىدى.
-ئۆكەم مىنى ئاجراتمىدى دەپ مىنىڭدىن رەنجىمەڭ ،ئۇنىڭ بۇنداق سەت خۇيىنى مەھەللىدىكىلەرمۇ بىلىدۇ، مەن بۇنىڭ بىلەن 20  يىلدىن بىرى بىرگە تۇرۋاتىمەن،  مىنى تۇغمۇدۇڭ دەپ  خارلاپ، كۆزۇمچە ئاياللار بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ، بەزىسى ئۇزى خالاپ كىلىدۇ ، بەزىسى مەجبۇر كىلىدۇ ،ماڭىمۇ ئامال يۇق ،گەپ قىلسام مىنىمۇ نەچچە كۈن ئۇرنۇمدىن تۇرالمىغىدەك ئۇردۇ، ئاجرىشاي دىسەم خىتىمنى بەرمەيدۇ، سىز ھازىر تىزدىن بۇيەردىن كىتىڭ، ھىلى ئۇ ئويغانسا  سىزنى بۇش قۇيمايدۇ ،ئۇددۇل ماڭسىڭىز سىز ئىزلىگەن ئادەم بار جايغا يىتىپ بارسىز، كىشلەردىن سۇرىسىڭىز كۆرسىتىپ قۇيدۇ،
-ئەمما سىز قانداق قىلسىز؟
-بىشىمغا كەلگەننى كۆرىمەن ،بۇلدى مەندىن ئەنسىرمەي تىز بۇلۇڭ،
مۇبارەك ئايالغا رەھمەت ئىيتىپ، بۇ مۇدھىش زىنداندىن قىچىپ، سۇۋىشى مەھەللىسىگە كىرىپ كەتتى.   


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7245
يازما
48
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
1179
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-10
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 01:46:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۆزۇمنى ئۇنتىغان ھالدا ئۇقۇپ كېتىپتىمەن.داۋامىغا تەقەززار.  
قىز بالا بەك ئاجىز جۇمۇ،ئاللا شۇنداق ۋاپاسىز،ئىت مىجەز قېرىنداشتىن ساقلىسۇن.ھەممىمىزگە ئىمان،ئىنساب بەرسۇن.
   

UID
8992
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
411
تىزىملاتقان
2011-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-15
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 17:49:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى... ھەي ،راس بولسا بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك....

UID
44322
يازما
193
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-8
توردا
110 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 09:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى يازغۇڭىز كەلمەيۋاتىدغۇ دەيمەن ،   لىكىن ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ، ئاخىرىنى يىزىپ پۈتتۈرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . غەيرەت قىلىڭ

UID
15655
يازما
211
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
811
تىزىملاتقان
2011-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-8
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:54:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن، مەن بۇ ئەسەرنىڭ بېشىنى بۇرۇن ئوقۇپ، ئاخىرىنى شۇنداق ئىزدىگەن بولساممۇ پەقەت تاپالمىغانتىم، بۇ يەردە كورۇپ، توختىماستىن ئوقۇپ تۇگەتتىم،نەچچە قېتىم يىغلىغىنىمنى ئوزۇممۇ دەپ بىرەلمەيمەن،ئەگەر بۇ راسلا ھەقىقى ۋەقە بولسا،بىزنىڭ ئادەملىرىمىزدە ئىنساپ دىگەن يوقلا بوپتۇ، نىمە دىگەن ھىلىگەر، تاش يۇرەك كىشىلەر بۇ  ؟بىچارە مۇبارەك خېنىم........

UID
37204
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
143
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-4
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:48:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام    بىر چاغ بولغىچە ئوقۇپمۇ تۇگىتەلمەي ، داۋامىنى ئەمدى  تۈگىتىپ قارىسام يۇرىگىم بەك ئاغرىپ كەتتى ، بۇ  دەرىجىدىن تاشقىرى  بىتەلەي قىز كەن ، مۇقەددىمىدە ئىرىدىن تاياق يەپ يۈرەتتى ئەمدى ھىلىقى تاش دىگەن   ھايۋان ...........  . بوپتۇ چىداپ تۇرۇپ داۋامىنى مۇ ئوقۇي   يوللاڭا!

UID
45847
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
55
تىزىملاتقان
2012-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-6
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 13:07:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزمۇ باشقا  يازغۇچى دوسلىرمىزدەك توختاپ قالماسسىز ھە.

UID
26953
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-2
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 13:40:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىۋاپا دۇنيا جاۋاپ بەر ماڭا،
ھەمىمىسى يالغان، يالغان .
ئاللاھ گۇۋا!................

UID
28293
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 13:46:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز شۇنداق چىقىپتۇ،لېكىن ئارلىقتا توختاپ قالماڭ،چوقۇم ئاخىرىغا چىقىرىڭ،تۆنۈگۈن بىر باشلاپتىكەنمەن راستىنى دېسەم تاماق يېمەپتىمەن چۈشتە باشلىقىم كىرىپ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن دەيدۇ ھېچنىمە دېسەم،تاماققىمۇ چىقماي بىر نەرسە ئوقۇغىلى تۇرۇپسەن بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ دەيدۇ سائەتكە قارىسام 3:00 بولۇپ كېتىپتۇ.ئاخىرىغا تەشنامەن

UID
42675
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-8
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:25:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامنى تىزراق يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش