- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 103
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3995
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-15
- UID
- 2080
- يازما
- 103
- تېما
- 23
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3995
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-15
- توردا
- 1 سائەت
|
يېڭى كۈن؛ باھار شادلىقى- نورۇز
ئابدۇقەييۇم مۇھەممەتئىمىن
نورۇز ئاتالغۇسى پارىسچە « نەۋرۇز » سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ ، تىلىمىزدا « يېڭى كۈن ، يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى » دېگەنلىك بولىدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋمىلەرنىڭ مىللىي بايرىمى بولغان « يىلنىڭ بېشى ، يېڭى كۈن » ئاتالمىسىنى ئىرانلىقلار ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلىپ ئېلىپ ، پارىسچە « نەۋرۇز » ( يېڭى كۈن ) دەپ تەرجىمە قىلغان ئىدى . زامانلارنىڭ ئۆتۈشى ۋە ئارىدىكى مەدىنىي ، ئىقتىسادىي ، دىنىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلى ئۆز ئانا تىلىمىز ، ئۆز ئاتالمىمىز بولغان « يېڭى كۈن » نى تاشلاپ پارىسچە « نەۋرۇز » سۆزىنى « نورۇز » دەپ قوبۇل قىلدۇق .
شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىن كىچىك ئاسىياغىچە سوزۇلغان كەڭ رايونلارغا تارقالغان ئەجدادلىرىمىز قەبىلە ، ئايماق بولۇپ كۆچمەنچىلىك ھاياتىنى كەچۈرۈپ يۈرگەن زامانلاردىن باشلاپلا ، نورۇز بايرىمىنى مىللىي بايراملىرى سۈپىتىدە قۇتلۇقلاپ ئۆتكۈزەتتى . ئوۋچىلىق ، كۆچمەن چارۋىچىلىق ۋە قىسمەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سوغۇق ۋە قارلىق شىمالىي قىسمىدا ئەسىرلەردىن بېرى ھەر يىلى جۇت – زىمىستان قىشنى ئۇزىتىپ ، ھاياتبەخش كۆڭۈللۈك باھارنى قارشى ئېلىشاتتى . چارۋا – ماللار يايلاققا كۆچەتتى ، دېھقانچىلىق باشلىناتتى ، خەلق تۇرمۇشى باياشاتلىققا ئېرىشەتتى . باھار ھەرقانداق كىشىلەرگە قارىغاندا دېھقانلار ، چارۋىچىلار ۋە ئوۋچى خەلقلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن باھار ، يەنى كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلەشكەن 21 – مارت ( 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ) تۈركىي قەۋمىلەردە « قۇتلۇق يېڭى كۈن » - يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ ئالاھىدە داغدۇغىلىق خاتىرىلىنىپ كەلگەن .
نورۇز – ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرق خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى . بىزگە مەلۇمكى ، بىر يىل ئىچىدە كېچە بىلەن كۈندۈز ئىككى قېتىم تەڭلىشىدۇ . باھاردىكى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭشەلگەن كۈنى « نورۇز » ، كۈزدىكى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭشەلگەن كۈنى « مېھرىگان » دەپ ئاتىلىدۇ . « مېھرىگان » ( ھوسۇل بايرىمى ) يىغىم – تېرىم تۈگىگەندىن كېيىن ( 21 – سېنتەبىر ) بولىدىغان مول – ھوسۇل بايرىمىدۇر . بۇ خۇددى ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ دېگىنىدەك « ھەر تۈنۈڭ قەدرى بولۇبان ، ھەر كۈنى بولسۇن نورۇز » ، يەنى < ھەر بىر كېچەڭ لەيلى تۇل قەدىر كېچىسى – خەيرلىك ، قۇتلۇق كېچە بولۇپ ، ھەر بىر كۈنۈڭ يېڭى كۈن بولسۇن > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . باھاردا تەبىئەتنىڭ ئانا يەر باغرىدىكى جېمىكى مەخلۇقاتلار ، قۇرۇت – قوڭغۇز ، ئوت – چۆپلەرنىڭ ئويغىنىش ، جانلىنىش ، بىخ سۈرۈش دەۋرىدۇر . شۇنىڭغا ئاساسەن شەمسىيە يىلى ( قۇياش يىلى ) ھېسابىدا 21 – مارتنى ئوتتۇرا ئاسىيا ، يېقىن شەرق خەلقلىرى قەدىمدىن باشلاپ « نورۇز » ( يېڭى كۈن ) دەپ كاتتا بايرام ئۆتكۈزۈپ تەنتەنە قىلىشىدۇ .
نورۇز بايرىمىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ، ئەھمانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغانلىقى مەلۇم . ئەھمانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 558 – 330 – يىللىرى ) ئالىكساندېر ماكىدونىسكى ( ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) ئىستېلاسى بىلەن ئاخىرلاشقان . دېمەك ، نەۋرۇز بايرىمى – مىلادىدىن بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەن ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن . مۇنداقچە ئېيتقاندا نورۇز بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقىنىغا 3000 يىلدىن ئاشقان بولىدۇ .
شەرقنىڭ ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپلىرىدىن بولغان ئۆمەر ھەييام ئۆزىنىڭ « نورۇزنامە » دېگەن ئەسىرىدە نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ تۈرلۈك تەرتىپ – قائىدىلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان . ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە ھويلا – ئارام ، ئۆي – جايلارنى تازىلاش ، ئۆسۈملۈك ۋە گۈللەر بىلەن بېزەش ، ئېرىق – ئۆستەڭ ۋە كۆللەرنى يېڭىلاپ چېپىپ تازىلاش ، ئاتا – ئانا ، ئۇرۇغ – تۇغقانلار ۋە يېقىن كىشىلەر بىلەن دىدارلىشىپ كېلىش ئادەتكە ئايلانغان . خۇددى باشقا ھېيت – ئايەملەردە ئاتا – ئانا ، ئۇرۇغ – تۇغقانلارنى يوقلاپ دىدارلاشقانغا ئوخشاش بولۇپ ، خەلقلەرنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئەنئەنىۋىي بايراملارنىڭ بىرىدۇر ۋە كۆكلەم قوشىقىدۇر .
نۇرغۇن ئالىملىرىمىز نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىش تارىخىي مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان . شۇلار ئىچىدىن « تارىخىي مەنبەلەردە نورۇز بايرىمى » ناملىق ئەسەردە نورۇز بايرىمىنىڭ باشلىنىشى ۋە نېمە ئۈچۈن نورۇز بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى ئالەمنىڭ يارىتىلىشىدىن تارتىپ ئادەم ئەلەيھىسسالام ، نوھ ئەلەيھىسسالام ، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ، تۈركىي قەۋمىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ، جەمشىتكە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرگە ، ئەھمانىيلار ۋە كۇردلارغا ، ئىرانلىقلارغا ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ، ھەزرىتى ئەلىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقە – ھادىسىلەرگە باغلاپ مۇھاكىمە قىلىنغان . شۇ ماقالىسىدە < ھەزرىتى ئەلىنى نورۇز كۈنى تۇغۇلغان ، نورۇز كۈنى ھەزرىتى ئەلى بىلەن پاتىمە نىكاھلانغان ، نورۇز كۈنى ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولغان > دېگەنگە ئوخشاش مەلۇماتلار بىرىلگەن . يۇقارقى تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، نورۇز بايرىمى ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە .
( ئاپتور – باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پېنسىئونېرى )
|
|