mukam يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 15:21 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى مۇنبىرى قۇرغۇچى باشقۇرغۇچ ...
مۇقام قېرىندىشىم، بەك جۇۋاپسىز ھەم بەك قايناپسىز. ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. بۇنداق ئىشقا سىزلا ئەمەس، بىزمۇ خېلى كۆپ ئۇچرىغان. خېلى تېمىلىرىمىز تەستىقلانماي، سەۋەبسىزلا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغان. بىراق سىزدەك بۇنچىۋالا چىچاڭشىپ كەتمىگەن. بۇ گېپىمنى ئېغىر ئالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. ماۋۇ ئىنكاسىڭىز جايىنى تاپالماي قاپتۇ. بۇ مۇنازىرە ئەخلاقىغا خىلاپ، شۇنداقلا تېما ئىگىسىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، سوغۇققان بولۇڭ.
2. سىز ئەلكۈيى بىلەن بۇ دەرىجىدە ئېيتىشىپ زادى قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى؟ بۇ خىل ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلى ئەركەكنىڭ ئىشىمۇ؟ ئويلىنىپ ئىش قىلغايسىز.
3. ئۈمىدۋار بىلەن ئاغىنىدارچىلىقىڭىزنى پاش قىلىپسىز. ئۈمىدۋار بىلەن دوست بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىز دوستنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟ نومۇس قىلمامسىز؟
ئەگەر مۇنبەرگە پىكرىڭىز بولسا ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويۇڭ. شەخسىي پىكرىڭىز بولسا، باشقىلارنى ئاۋارە ھەم كۆڭلىنى بىسەرەمجان قىلماي، شەخسىي سۆھبەتخانىغا كىرىڭ. ئۈمىدۋارنىڭ چ چ نومۇرى: 285688588، مانا بۇ يەرگە كىرىپ دەردىڭىزنى تۆكەرسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۈمىدۋار تور بىكەت ئاچقان بىلەن ئۆزى ناھايىتى ئاز تورغا چىقىدۇ، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالماسلىقى مۇمكىن. سەۋرچان بولۇڭ. ئورۇنسىز باتناش، چىچاڭشىش، ھە دېگەندە ئۆچ ئالىمەن دېيىش ھەقىقىي ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس.
ئەلكۈيى بىزنىڭ ئائىلىمىز، ئائىلىمىزگە كېلىدىغان ھەرقانداق خەۋپ بىزنى قايناشقا مەجبۇر قىلىدۇ. كەچۈرۈڭ قايناپ قالدىم.