ھېيت قاچان كېلىدۇ
(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
ھېيت قاچان كېلىدۇ
مېنىڭ بالام
ساما سېلىۋاتىدۇ،
چېكىسىدىكى تەر
يۈرىكىمگە تېمىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىر دېڭىز بار،
ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر ئېڭىز بار.
دېڭىزدىكى بېلىقلار يۈرەر يالىڭاچ،
ئېڭىزغا چۈشكەن ئاپتاپ
ئاستا-ئاستا ئىرىيدۇ
يىراقلارغا قارىغاچ....
ئۇ
ساما سېلىۋاتىدۇ.
يەرنىڭ يۈرىكىنى تىلىۋاتىدۇ.
خىياللىرىغا
ھاياجىنىغا قېنىۋاتىدۇ.
ئۇ
قەدەملىرىنى يۆتكەۋاتىدۇ،
مەشرەپ چۆلدە ماڭغاندەك،
مەنسۇر ھەللاجى دار ئالدىدىن ئۆتكەندەك.
ئۇ
توۋلاۋاتىدۇ،
كىشنەۋاتىدۇ،
سامانىڭ خاسىيىتىنى بىلگەندەك
مۇھەببەتنىڭ قىياسىغا ئۆرلەۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ
سېنىڭكىدەك ھېمىرىلگەن قېشى،
لەۋلىرىنى كۈچ بىلەن چىشلىۋالغان چىشى،
تىرىكلەرنى كۆتۈرىدىغان
ئۆلۈكلەرنى يۇپۇرىدىغان
ئۇلۇغ توپىغىلا پۈكۈلگەن تىزى
مېنى كۆيدۈرىۋاتىدۇ،
ئوتلۇق نەپەسلىرىم بىلەن سۆيدۈرۋاتىدۇ.
-ئانا!
ھېيت قاچان كېلىدۇ؟
ھېيتگاھقا بېرىپ ساما سالىمەن،
يىگىت بولغىنىمنى
ئاسمان كۆرىدۇ،يەر بىلىدۇ...
چاقماق چاقتى
ئۇنىڭ گەپلىرىگە ھەيران قالدىم،
ھايات ھېكمەتلىرىنى
بالامنىڭ چۈچۈك تىللىرىدىن ئالدىم!