ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ! مۆھتىرەم قېرىنداشلار ئالدى بىلەن كەڭ ئەلكۈيى ئەھلىنىڭ ئالدى بىلەن قۇتلۇق روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن! روزى ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەتە ئەتتىگەن ئۇلۇغ روزا ھېيىت يىتىپ كىلىدۇ،مەن رۇزا ھېيىت ھارپىسىدا كەڭ قېرىنداشلارغا ھېيىتنىڭ خاسىيىتى ۋە ھېيىت نامىزى توغرىلىق ئاز-تۇلا چۈشەنچە بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،قۇتلۇق كۈنلىرىمىزگە تېخىمۇ بەرىكەت ئېلىپ كىلىپ قالسا ئەجرىمگە چۇشلۇق ئىش بولغان بۇلاتتى!
روزا ھېيت نامىزىنىڭ قاچان يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا روزا ھېيت نامىزى، روزىنى ئاچىدىغان كۈندە ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، ھىجرىيىنىڭ بىرىنچى يىلى يولغا قويۇلغان. روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان كۈن، شەۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدۇر.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇيدىغان يەرگە كەلسە، ئەۋۋەل ناماز ئوقۇيتتى. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سەپلىرىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۇلارغا قاراپ ۋەز - نەسىھە ت قىلاتتى، تەۋسىيەدە بۇلاتتى ۋە ئۇلارنى ياخشى ئىشلانى قىلىشقا بۇيرۇيتتى. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر يەرگە قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولسا، ئەۋەتەتتى. ياكى بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇق بەرمەكچى بولسا، بۇيرۇق بېرەتتى. ئاندىن قايتىپ كېلەتتى.([1])
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى ئەۋۋەل نامازنى ئوقۇيتتى، ئاندىن خۇتبە ئوقۇيتتى.([2])
روزا ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى
شەھەرلەردە ياكى چوڭ كەنتىلەردە ئولتۇرۇۋاتقان ۋە نامازغا كېلەلەيدىغان ئادەم ئۈچۈن روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى داۋام قىلغان ۋە كىشىلەرنى بۇ نامازغا چىقىشقا بۇيرىغان. بۇ ھەقتە ئۇممۇ ئەتىيە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىككى ھېيت كۈنلىرى (ناماز ئوقۇلىدىغان يەرگە) چىقىشقا بۇيرۇلدۇق. ھەتتا بىز قىزلارنى ئۇلار پۈركۈنۈپ تۇرىدىغان پەردىلەرنىڭ ئىچىدىن ۋە ھەيزدار ئاياللارنى ئېلىپ چىقاتتۇق. ئۇلار ئۇ كۈننىڭ بەرىكىتىنى ۋە پاكلىقىنى ئۈمىد قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ كىشىلەر ئېيتقان تەكبىرلەرنى ئۇلار بىلەن بىللە ئېيتاتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دۇئانى قىلاتتى.([3])
ئەمما مۇساپىرغا، ئايال كىشىگە، كېسەل ئاجىز كىشىگە، قۇلغا ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىغا روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس.
روزا ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى
روزا ھېيت نامىزى چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. روزا ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن ئۇپۇقتىن نەيزە بۇيى كۆتۈرۈلۈپ ئاقىرىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى كۈن ئىگىلگەنگە قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئەگەر كۈن ناماز ئوقۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا ئېگىلىپ قالسا، ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. يامغۇر ياغقانغا ياكى ئىمامنىڭ كەلمىگىنىگە ياكى ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاينى كۆرەلمەي، ئۇنى كۈن ئىگىلگەندىن كېيىن كۆرگەنگە ئوخشاش بىرەر ئۆزرىنىڭ سەۋەبىدىن روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئىككىنچى كۈنىگە كىچىكتۈرۈشگىمۇ بولىدۇ.
بۇ ھەقتە ئۆمەير ئىبنى ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئەنسارلىق تاغام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا كىشىلەرنىڭ رامىزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىچىسىنىڭ ئاخشىمى يېڭى تۇغقان ئاينى كۆرەلمىگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى، ئەتىسى كۈن ئىگىلىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە يېڭى ئاينى كۆرگەنلىكىدىن گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئېغىزلىرىنى ئېچىۋېتىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا ئەتىسى روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.([4])
ھېچقانداق بىر ئۆزرە بولماي تۇرۇپ روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئىككىنچى كۈنىگە كېچىكتۈرۈش توغرا ئەمەس.
روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى
روزا ھېيت نامىزىمۇ جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكەت بولۇپ، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. لېكىن، روزا ھېيت نامىزىدا ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس ۋ جابىر (اﷲ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دەيدۇ: روزا ھېيت ۋە قۇرئان ھېيت نامازلىرىغا ئەزان ئوقۇلمايتتى.([5])
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى چىقىپ ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇماستىن نامازنى باشلاپ ئوقۇپ بەرگەن.([6])
روزا ھېيت نامىزىنى قازا قىلىۋەتكەن ئادەم ئۇنى ئۆزى يالغۇز ئوقۇمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا باشقا مەسچىتكە بېرىش مۇمكىن بولسا، نامازنى شۇ مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، روزا ھېيت نامىزىنى بىر نەچچە يەردە ئوقۇش توغرا بولىدۇ.
ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى ئېيتىش ۋاجىپتۇر. ئۇ تەكبىرلەر ھەر بىر رەكەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. بىرىنچى رەكەتتە ئىمام تەكبىرلەرنى، نامازنى باشلاپ "سۇبھانەكەللاھۇممە" نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئايەت ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېيتىدۇ. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغانلارمۇ تەكبىرلەرنى ئىمامغا ئەگىشىپ ئېيتىدۇ. ھەر قېتىم تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى قۇلىقىنىڭ يۇمشۇقىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدۇ ۋە تەكبىرنى ئېيتىپ بولۇپ تاشلاپ تۇرىدۇ. ئىمام ھەر ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا ئىقتىدا قىلغان ئادەملەر تەكبىرنى ئېيتىپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا: "سۇبھانەللاھ ۋەلھەمدۇلىللاھ ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋە للاھۇ ئەكبەر" دەپ دېيىش خاتا ئەمەستۇر.
ئىككىنچى رەكەتتىمۇ تەكبىر سۈرە فاتىھە ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سۈرە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. تەكبىرلەرنى بىرىنچى رەكەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋە ئىككىنچى رەكەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئىككى رەكەتتە ئوقۇلغان ئايەتلەرنىڭ ئارىسىغا بىر پاسىل چۈشمىسۇن، دېگەنلىك ئۈچۈندۇر. ئەگەر تەكبىرلەرنى ھەر بىر رەكەتنىڭ بېشىدا ئېيتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئېيتىشتۇر.
مانا تەكبىرنى بىرىنچى رەكەتتە ئۈچ قېتىم ۋە ئىككىنچى رەكەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىپ جەمى ئالتە تەكبىر ئېيتىش بولسا، ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ قىسىمدىكى ساھابىلارنىڭ (اﷲ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) تۇتقان يولىدۇر.
ئەگەر ئىمام ھېيت نامازلىرىدا تەكبىرلەرنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئېيتسا، ئىقتىدا قىلغان ئادەممۇ تەكبىرلەرنى ئىمامغا ئەگىشىپ شۇنچە قېتىم ئېيتىدۇ. چۈنكى، ھېيت نامازلىرىدا تەكبىرلەرنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق دېيىشمۇ بەزى ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ئىشتۇر.
ئەگەر ئىمام بىرىنچى رەكەتتە ئېسىدە يوق تەكبىرلەرنى ئېيتماي ئايەتلەرنى باشلاپ كەتكەن ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تەكبىرلەرنى ئېيتمىغانلىقى ئېسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرلەرنى ئېيتىدۇ ئاندىن ئايەتلەرنى قايتا ئوقۇيدۇ. ئەمما تەكبىرلەرنى ئۇنتۇق قالغانلىقى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرلەرنى ئېيتماستىن نامازنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۋېرىدۇ ۋە نامازنىڭ ئاخىرىدا سەھۋە سەجدىسىنى قىلىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەم بىرىنچى رەكەتتە ئىمامغا، ئىمام تەكبىرلەرنى ئېيتىپ بولۇپ تۇرغاندا يېتىشكەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئىمام ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى تاكى ئىمام رۇكۇ قىلغانغا قەدەر ئېيتمىغان بولسا، ئىمام بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىدۇ ۋە تەكبىرلەرنى قوللىرىنى كۆتۈرمەستىن رۇكۇدا تۇرۇپ ئېيتىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەم نامازنىڭ بىرىنچى رەكەتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئۇ رەكەتنىڭ قازاسىنى قىلغىلى ئورنىدىن تۇرغاندا، ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىدۇ.
روزا ھېيت نامىزىنىڭ خۇتبىسى
ھېيت نامىزىنىڭ كەينىدىن ئىمامنىڭ ئىككى خۇتبە ئوقۇشى سۈننەتتۇر. ئىمام ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىلىقىدا بىر قېتىم يەڭگىل ئولتۇرۇۋالىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ھېيت كۈنلىرى) ئەۋۋەل ناماز ئوقۇدى. ئاندىن كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلىدى. (يەنى تەشۋىق قىلدى.) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىنى سۆزلەپ بولۇپ مۇنبەردىن چۈشۈپ ئاياللارنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇلىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېتىكىنى يېيىپ تۇراتتى. (سەدىقە قىلماقچى بولغان ئاياللار) سەدىقىسىنى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تاشلايتتى.([7])
ئىمام مۇنبەرگە چىققان ۋاقتىدا خۇتبە ئوقۇماستىن ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدە مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىنلا مۇنبەردە ئولتۇرۇش، مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇپ بولىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەمما ھېيت نامازلىرىنىڭ خۇتبىسىدە ئەزان ئوقۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ مۇنبەرگە چىقىپلا خۇتبە ئوقۇماستىن ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشىغا بولمايدۇ.
ئىمامنىڭ بىرىنچى خۇتبىدە خۇتبىنى باشلاشتىن ئىلگىرى توققۇز قېتىم، ئىككىنچى خۇتبىدە خۇتبىنىڭ بېشىدا يەتتە قېتىم، ئاخىرىدا ئون تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىشى مۇستەھەپتۇر.
روزا ھېيت كۈنلىرى قىلىش سۈننەت قىلىنغان ئىشلار
روزا ھېيت كۈنلىرى نامازغا چىقىشتىن ئىلگىرى تاتلىق بىر نەرسە يېيىش سۈننەتتۇر. خورما يېيىش ئەڭ ياخشىدۇر. لېكىن، ئۈچ دانە، بەش دانىگە ئوخشاش تاق بولۇشى لازىمدۇر. بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنى ھەتتا تاق قىلىپ بىر نەچچە تال خورما يىيىۋالمىغۇچە نامازغا چىقمايتتى.([8])
ئۇ كۈندە يۇيۇنۇش، مىسۋاك قىلىش، خوش بوي نەرسە قوللىنىش، چىرايلىق كىيىم كىيىش، نامازغا كەلگىچە يولدا ئىچىدە تەكبىر ئېيتقاچ كېلىش، ئۈستىدىكى پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىش ۋە خۇش چىراي بولۇش سۈننەتتۇر.
بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى قىزىل تون كىيەتتى.([9])
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ھېيت كۈنلىرى ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى، دېدى.([10])
نامازغا ماڭغان ئادەم ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەنگە قەدەر يولدا تەكبىر ئېيتىپ ماڭىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى ھېيت كۈنلىرى تاكى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە كەلگەنگە قەدەر (يولدا) تەكبىرلەرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئېيتىپ كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ تاكى ئىمام كەلگەنگە قەدەر تەكبىر ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.([11])
تەكبىرنىڭ شەكلى مۇنداقتۇر: ئەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر. لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ. ۋەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر. ۋە لىللاھىل ھەمدۇ.
يەنى ئىككى قېتىم "ئەللاھۇ ئەكبەر" دەپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم "لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ" دەپ دېيىلىدۇ ئاندىن يەنە ئىككى قېتىم "ئەللاھۇ ئەكبەر" دەپ دېيىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا "ۋە لىللاھىل ھەمدۇ" دەپ دېيىلىدۇ. بۇ تەكبىرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئېيتىش ۋاجىپتۇر. شۇنداق قىلىشنى سۈننەت دېگەن قاراشمۇ بار. ئەمما ئايال كىشى تەكبىرنى ئىچىدە ئېيتىدۇ.
تەكبىرنى بۇ شەكىلدە ئېيتىش ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.
ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تاكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇزى ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە چىقىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بەردى. بۇ ئىككى رەكەت نامازدىن ئىلگىرى ۋە يا ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىلالمۇ بار ئىدى.([12])
روزا ھېيت كۈنى نامازغا بارغان ئادەم نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول ماڭىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى.([13]) يەنى نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن كېلىشتە باشقا يول بىلەن ماڭاتتى.
____________________________________________
([1]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.
([2]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.
([3]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.
([4]) بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە تەھاۋىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلدى. ھەدىسنىڭ سۆزى تەھاۋىينىڭدۇر.
([5]) بۇ ئەسەرنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.
([6]) بۇ ھەدىسنى نەسائىي رىۋايەت قىلدى.
([7]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.
([8]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.
([9]) بۇ ھەدىسنى تەبراني رىۋايەت قىلدى.
([10]) بۇ ھەدىسنى بەيھەقىي رىۋايەت قىلدى.
([11]) بۇ ئەسەرنى دارى قۇتنىي ۋە بەيھەقىي رىۋايەت قىلدى.
([12]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.
([13]) بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلدى.
جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىدىن يوللىدىم،باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىسىڭىز چوقۇم مەنبە ئەلكۈيى تورى ۋە يوللىغۇچىنى ئەسكەرتىپ ئەسلى تېما ئېگىسىگە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن.
|