تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 694|ئىنكاس: 3

ئەجداتلىرىمىز ياشىغان زېمىن(3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
506
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
11767
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
248 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 02:01:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىز ياشىغان زېمىن(3)
- 840-يىلدىن ئىلگىركى ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان تۈرلۈك ئىزنالار -

تۇردى توختى


تارىخ ئادەملەر ياراتقان مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ ئىزى.بۇ ئىزنى ھەرقانداق بوران چاپقۇنلارمۇ ئۆچىرەلمايدۇ،ھەم يوقىتىۋاتالمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىزنى ئەجدادلىرىمىز ئاياغلىرى بىلەن بىر قەدەم-بىر قەدىمدىن مېڭىپ نەچچە مىڭ يىلدا ياراتقان،قالدۇرغان ئىز! بۇ ئىزىنىڭ قانداق مۇشاققەتلەر ئىچىدە قالدۇرۇلغانلىقىنى تارىخ ئارقىلىق ئىسپاتلاپ،بۇ ئىسپاتلارنى تارىخى ھەقىقەتلەرگە ئايلاندۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر بولغان تەخىرسىز خىزمەت.
ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان تارىخلارمۇ يۇقىرىدىكى ھەقىقەت ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ،ھەرقانداق دىشۋارچىلىقلارغا يولۇقسىمۇ يەنىلا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.نۇرىنى يوقاتمايلا قالماي يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن تېخىمۇ جۇلالىنىپ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى نامايان قىلىدۇ.چۈنكى ھازىرقى ئادەملەر،تۈرلۈك ئىدىلوگىيىلەر ،شۇنداقلا ھۆكۈمەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقى ياشاش شاراپىتى،ياشىغان دەۋرى ۋە ياشاش جەريانىدا قالدۇرغان ئىزىنىڭ ھەقىقىسىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.بۇنداق چوڭ يۈزلىنىشكە ئېزىز نەسسىيننىڭ‹‹تارىخ تەكرارلىنىدۇ››دېگەن ئەسىرىنى قوشۇپ چۈشەنسەك تارىخىمىزنىڭ ھەقىقى نۇرلۇق بولىشىغا ئىشەنمەي تۇرالمايمىز.35-40يىلنىڭ ئالدىدا بىز(شۇ دەۋرىدىكى كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلغان، بولۇپمۇ ھازىرقى 40-50ياشلار چامىسىدىكى ئادەملەر) تارىخمىزنى بىلمەيتتۇق،مىللەت چۈشەنچىسىمۇ ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىدى.ھەممە ئادەم بىر كېچىدىلا يارالغاندەك،بىر كۈندىلا مۇشۇ بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى ئاپىرىدا قىلغاندەك...ھىچنىمىنىدىن‹‹غەم››قىلماي ياشايتتۇق،قورسىقىڭىز ئاچ بولسىمۇ روھىمىز ‹‹تېتىك›› ئىدى.شۇنداق ‹‹تېتىك›› روھىمىز بىلەن بىز قانداق يارالغانلىغىمىز ئۈستىدە ،نىمىلەرنى ياراتقانلىغىمىز ئۈستىدە،يانا قانداق ياشىشىمىزنىڭ لازىملىقى ئۈستىدە ئويلانمايتتۇق.شۇنىڭ بىلەن قەلبىمىز قىزىل،تارىخىمىز قارا بولغان(مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى) رېئاللىقنىڭ ئىچىدە ياشايتتۇق.
ھازىرقى چاغقا كەلگەندە دۆلىتىمىزنىڭ مىللى سىياسەتنىڭ توغرىلىقى بىلەن ھەممە مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى،مەدەنىيىتىنى ،ياشىغان زېمىنىنى ...تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق تەتقىق قىلىشلار چوقۇم ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەينەن تارىخىنى روياپقا چىقىرىدۇ،بۇنداق ئاشكارىلانغان ھەقىقەت تارىخىمىزغا تېخىمۇ ئېسىل مەنىلەرنى قوشىدۇ.بۇنداق ھەققى تارىخى مەزمۇن ۋە نوختىلىق ئىسپانلار ئارقىلىقمۇ تارىخمىزنىڭ بارغانچە نۇرانە بولمىغانلىقىغا ئىشەنمەي تۇرالمايمىز.
ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە كۆرسىتىلگەندەك 840-يىلىدىن ئىلگىرى بۇ زېمىندا (شەرقى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭلاردا،جۈملىدىن-ئوتتۇرا ئاسىيادا) ئۇيغۇرلار ياشىمىغان دېگەن بەزى كۆز قاراشلارمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ.بۇ نۇقتىغا نىسبەتەن چۈشەنچە بېرىش مېنىڭچە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يانا بۇ ئەرزىمەس قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم.
ئەجدادلىرىمىز بۇ ئۇلۇغ زېمىندا 840-يىلدىن ئىلگىرىلا دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق،سۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرى،توقۇمىچىلىق...قىسقىسى ياشاشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.بۇ ئىزلار 840-يىلدىن ئىلگىرىلا بۇ زېمىندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ،بىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ تۇرىدۇ.
840-يىلى بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلار ياشىمىغان دېگەن قاراش يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن بىر قىسىم تارىخچىلار ئوتتۇرىغا قويغان قاراش بۇلۇپ،بۇ خىل قاراشنىڭ تارىخى يېڭى،ئاساسى ئاجىز. بۇ ھۈكىمىمىزنى ئاكىدىمېك ساڭ رۇڭنىڭ‹‹مەملىكىتىمىزدىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقاتنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى››دېگەن ماقالىسىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.ئۇ ماقالىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ‹‹840-يىلى ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن،ئۇيغۇرلار شىمالى چۆللۈكىدىن كۆچكەن،ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى جەنۇبقا- خېبېي-شەنشى ئەتراپلىرىغا،قالغان ئۈچ تارمىقى خېشى كارىدورى،تيانشاننىڭ شەرقى قىسىمى ۋە پامىرنىڭ غەربىگە كۆچكەن بۇ ئۈچ تارماق ئۇيغۇر قوۋمى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن –بىر ياكى ئاساسلىق ئېتنىك مەنبەسى بولۇپ قالغان،...بۇ قاراشلارنى ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تارىخچى ئالىملار قۇبۇل قىلغان يەنى فىڭ جىياشېڭ تۈزگەن ‹ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر قىسقىچە ماتېرىياللار ›بىلەن ‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›نىڭ ئاپتورلىرى يۇقىرىقى نۇقتىنى قۇبۇل قىلغان...›› {1} دەپ يېزىپ بۇ خىل قاراشنىڭ يېقىنقى يىللاردا شەكىللەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويسا يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹1959-يىلى ئۈرۈمچىدە ‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›دېگەن كىتابنى مۇھاكىمە قىلغاندا گۇ باۋ ئەپەندى يۇقىرىدىكى قاراشلارغا باشقىچە پىكىر بەرگەن ھەم ئۈچ پارچە ماقالە يېزىپ مىلادىيە 3-ئەسەرلەردە دىڭلىڭلار شىنجاڭغا ماكانلاشقان دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرگەن››{2} دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ يۇقىرىقى قاراشتىكى زددىيەتلىك مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن.
يۇقىرىدىكى نەقىلدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدىكى 840-يىلدىن ئىلگىرى بۇ زېمىندا كىملەرنىڭ ياشىغانلىقىنى ئېنىقلاش بىر مۇھىم بولغان تارىخى بىلىش جەريانى،بۇ مەسىلە تۇلۇقى بىلەن ئېنىقلانغاندىلا مىللىتىمىزنىڭمۇ قەدىمقى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرەلەيمىز ھەم ئۆزىمىزمۇ تارىخىمىز،ئەجدادىمىز،مەدىنىيىتىمىزدىن پەخىرلىنىپ،ئەجدادلار يولىدىن مېڭىپ بۇ ئېزىز زېمىنغا يۈز كېلەلىگۈدەك مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرالايمىز.
تۆۋەندە مەن بىر قىسىم كونكرېتنى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئۇلۇغ زېمىندا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتىمەن.
1.چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى
ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاش جەريانىدا چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىدە ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئۆچمەس مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان.مەيلى چارۋا بېقىش،كۆندۈرۈش،مەيلى ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ئىستىمال قىلىش ،مەيلى چارۋىلارنى چىقىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىكلىرى ،مەيلى تېرىگە ئىش قوشۇپ ئىشلەش جەريانلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيىتى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ياراتقان چارۋىچىلىققا ئائىت مەدىنىيىتىدىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرىدىكى ھەرگىزمۇ كام ئەمەس.چۈنكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى بۇ دېلىللىرىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.مەشھۇر ئارخېئولوگ ئابدۇقەييۇم خوجا مۇنداق دەپ يازىدۇ‹‹ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان قولغا كەلگەن ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ...تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا بېلىقچىلىق ئوۋچىلىقتىن چارۋىچىلىققا،تەبىئەتتىن ئۇزۇقلۇق توپلاش(تەبىئەتتە ئەسلىدىن بار بولغان زىرائەت-كۆكتات قاتارىدىكى يېمەكلىكلەر-ئاپتور)تىن دېھقانچىلىققا ئۆتۈش تەخمىنەن مىلادىيىدىن 5000يىل ئىلگىرى ئوتتورا ئاسىيانىڭ ھەممىگە باپ شەرت-شارائىتىغا مۇناسىپ ھالدا،ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا تەدرىجى بارلىققا كەلگەن››{3}.بۇ ھۆكۈمىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنى ئادەملەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىپلا قالماستىن يانا بارلىق جانلىقلارنىڭ جۈملىدىن ھايۋاناتلارنىڭ ياشاش كۆپىيىشىگىمۇ ناھايىتى ماس كېلىدىغان ئۇلۇغ زېمىن بۇلۇپ بۇ زېمىندا ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تەبىئەتنىڭ باشقا جانلىقلىرى ھەمكارلىشىپ ياشاپ،بۇ زېمىننىڭ ھىممىتى بىلەن بۇگۈنكى كۈنگىچە ئەۋلادلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،مەدەنىيىتىنى دۇنياغا نامايەندە قىلىپ كەلگەن.بۇ قاراشلىرىمىزنى ئەسئەت سۇلايماننىڭ تۆۋەندىكى ھۆكمى ئارقىلىق ئىسپاتلايمىز،ئۇ مۇنداق بىر كەسكىن قاراشنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ‹‹شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى،بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان شىمالدىكى بىپايان يايلاقلاردا بۆرە بولمىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئىپتىدائى ئىشەنچ-ئېتىقاتلىرىمۇ،بۆرە تۇتىمىمۇ مەڭگۈ مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى››{4}دەپ يېزىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ، ھازىرقى زامانغىچە مەدەنىيىتىنى ئۈزۈپ قويماي يىتىپ كەلەلىگەنلىكىدە بۆرىدىن ئىبارەت بىر ھايۋاننىڭ رولىنىڭ نەقەدەر چوڭلىقىنى بىزلەرگە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئەجدادلىرىمىز بىلەن ھايۋانلارنى چەمبەرچاس باغلاپ،ئەجدادلىرىمىز بىلەن تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ ئۇزاق يىللار مابەينىدە بىر-بىرىگە يۆلەك بۇلۇپ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەرياننىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ -  ئۆزىنى يېڭىلاش،ئۆزىنى قوغداش،ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.
يۇقىرىلاردىن شۇنى بىلىش تەس ئەمەسكى ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،بۇنىڭ دەۋرى بېلىقچىلىق،ئوۋچىلىق ،چارۋىچىلىق شەكىلدە تەرەققى قىلغان بۇلۇپ،ئومۇملاشتۇرۇپ چارۋىچىلىق ئىشلىرى دەپ ئېلىشقا تامامەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن،بۇ ماقالىمىزدىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ چارۋىچىلىق دەپ ئېلىندى.
مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخى چارۋىچىلىق بىلەن باشلانغان تارىخ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى تارىختا يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ.ئەجدادلىرىمىز ياشاش جەريانىدا چارۋىلار بىلەن بىرلىكتە ياشاش ،ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى،سۈتلىرىنى ،تېرە-كاللا-پاقانچەكلىرىنى قانداق ئىشلىتىشنى،نېمىگە ئىشلىتىشنى بىلىپ،چارۋا ماللاردىن ھەقىقى رەۋىشتە پايدىلانغان،ئۇلارنىڭ ھېچقانداق نەرسىسىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەي ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان.
ئەجدادلىرىمىز ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن تارتىپلا چارۋا ماللارنىڭ گۆشلىرىنى قاقلاپ ۋە پىشۇرۇپ يېيىشنى بىلگەن‹‹ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىقنى ئاساسى ئىگىلىك قىلىپ ياشىغان زامانلاردا گۆش،گۆش مەھسۇلاتلىرى،گۆشتىن تەييارلانغان تائاملارنى ئاساسى ئۇزۇقلۇق قىلغان.قوي ،كالا ئات قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى پۇشۇرۇپ يەپ،سۈتىنى ئىچىپ،تېرىلىرىنى كىيىم-كېچەك تەييارلاپ كىيگەن››{5}بۇ دەلىللىرىمىز بىلەن يۇقىرىقى ھۈكىمىمىزنى ئىسپاتلاش تامامەن مۇمكىن.ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق چۈشەنچىسىدىمۇ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بۇلۇپ،ئۇلار بىر قىسىم ھايۋانلارنى بولۇپمۇ ئوتخور ھايۋانلارنى ئاساس قىلىپ،ئۇلارنى قولغا كۆندۈرۈشكە يۈزلىنىپ،نۇرغۇن ھايۋانلارنى قولغا كۆندۈرۈپ،ئۆزى بېقىپ ئۆزى ئىستىمال قىلىشتەك ئىشەنچىلىك ئىگىلىك شەكىلگە ئۆتكەن،بۇنداق قىلغاندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتى بىر قەدەر تۇراقلىق بولغان كاپالەتكە ئىگە بولاتتى.ئابدۇقەييۇم خوجىنىڭ گەي شەنلىڭنىڭ‹‹چوغاي تېغى قىيا تاش رەسىملىرى››دېگەن ئەسىرىدىن ئالغان نەقىلىدە مۇنداق مەزمۇنلار بار‹‹ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ كۆندىرىلىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭىيىپ بارغان،بۆرە ئۈزۈنغۇچە قولغا كۆندۈرۈش نەتىجىسىدە،تەخمىنەن ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىدە،ئالدى بىلەن ئائىلە ئىتىغا ئۆزگەرتىلگەن(بەزى ماتېرىياللاردا بۆرىنى قولغا كۆندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىلىپ كەلمەكتە-ئاپتور).ئۆچكە ۋە قوي قاتارلىقلار تەخمىنەن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئۆي ھايۋانلىرى قىلىپ كۆندۈرۈلگەن،ئات ۋە تۆگە قاتارلىقلارنىڭ ئۆي ھايۋانلىرى قىلىپ كۆندۈرۈلگەنلىكى پەقەت 5000يىللىق تارىخقا ئىگە بۇلىشى مۇمكىن،مۈشۈكنىڭ قولغا كۆندۈرۈلۈپ بېقىلىشى 4000يىللىق تارىخىغا ئىگە››{6} بۇلاردىن ئىنسانىيەتنىڭ چارۋا ماللارنى قولغا كۆندۈرۈش تارىخىنىڭمۇ نەقەدەر ئۈزۈن بىر تارىخى جەريان ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەمدى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپانلار ئارقىلىق بۇ زېمىنىنىڭ قەدىمقى ئىگىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئۈستىدە خۇلاسە چىقىرىمىز.
ئارخېئولوگ ئابدۇقەييۇم خوجا ئۆزىنىڭ زور ھەجىملىك ئارخىئولوگىيەلىك ئەسىرى‹‹دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە››دېگەن ئەسىرىدە‹‹70-يىللاردا بارىكۆلدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە ئات،كالا،قوي سۆڭەكلىرى بار ئىدى.بۇ يەردىن تېپىلغان ياغاچ ئەۋرىشكىلىرىنى كاربۇن14ئانالىزى ئارقىلىق تەجرىبە قىلغاندا ئۇنىڭ دەۋرى بۇنىڭدىن 3280يىللار ئىلگىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ››{7}دەپ شەرقى شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بەرسە،‹‹1979-1980-يىللىرىدا لوپنۇر رايوندا قېزىۋېلىنغان قەبرىلەردىن كالا قوي مۈڭگۈزلىرى،ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتەك ۋە كالا تېرىسىدىن قوپال ئىشلەنگەن چورۇق،يۇڭ توقۇلما پالاس...قاتارلىقلار تېپىلدى بۇنى كاربۇن 14ئانالىزى بىلەن تەجرىبە قىلغاندا بۇنىڭدىن 3800يىل بۇرۇنقى مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ››{8} دەپ يېزىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋا ماللاردىن بولدىغان يۈرۈشلۈك بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقارغانلىرىنى يەنى-ئۆتەك،چۇرۇق،يۇڭ پالاس،يۇڭ قالپاق،كىگىز قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىلگەنلىكىنى بىزگە مەلۇم قىلىدۇ.ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىگىن‹‹...ئۇلۇغ خاقان ،خانلارنىڭ خانى،ئۇلۇغ گۇگراماياسا دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ئات سۈرەتلىك خوتەن مىس پۇلى،چەرچەندىن تېپىلغان 2966+-155يىل ئىلگىركى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغان ئاتنىڭ باش سۆڭىكى،پاچىقى،تېرىسى...››{9}غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ شەرقى ۋە جەنۇبى شىنجاڭدا ياشىغان جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئەھۋالىدىن بىزگە دوكلات بەرگەن.
يۇقىرىدىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندىمۇ بۇ ئۇلۇغ زېمىندا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئاتا بوۋىمىز ياشاپ،بىزلەرنىڭ ياشىشىمىزغا قالدۇرغان دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىش تامامەن مۇمكىن.
2.توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتى
ئەجدادلىرىمىز بۇ ئۇلۇغ زېمىندا ياشاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇرۇپ،تۈرلۈك توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى روياپقا چىقىرىپ ئىنسانىيەتنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان.بۇ توقۇلما بۇيۇملارنىڭ دەۋرىنىڭ قەدىمىيلىقى شەكلىنىڭ ھەر خىللىقى ھەرقانداق ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ.بۇ ھەقتە سارتىگىن بىزگە مۇنداق ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ‹‹نۇسخىچىلىق،نەقىشچىلىك ،سۈرەتلىك توقۇلما بۇيۇملار پەقەت خوتەن رايۇنىدىلا زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن بۇلۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىمۇ ھازىرغىچە بۇنداق مۆجىزە ئەۋرىشكىلىرى تېپىلغىنى يوق،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتىنى بۇنىڭدىن 2000مىڭ يىل ئىلگىرى نىيە خەلقنىڭ دۇنيا توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز››{10}بۇنىڭدىن قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل نۇرىنىڭ چاقناپ تۇرغانلىقىنى ھەرقانداق ئادەم ھېس قىلالايدۇ.ئابدۇقەييۇم خوجا ئۆزىنىڭ‹‹چەرچەن ناھىيىسىدىكى قەدىمقى قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان ئېسىل يادىكارلىقلار››دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدا يۇڭ توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ تۆۋەندىكىدەك قىممەتلىك ئۆچۈر بىلەن بىزنى تەمىنلەيدۇ.ئۇ ماقالىسىدا‹‹1985-يىلى 9-ئايدا ئىككىنچى قېتىم چەرچەن ناھىيىسىگە بېرىپ زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقتىكى بەش قەبرىنى قازدۇق...قەبرىلەردىن ئاز ئۇچرايدىغان ئېسىل،رەڭدار،ساپ يۇڭ رەختلەر ۋە ئۇلاردىن تىكىلگەن خىلمۇ خىل كىيىملەر،يۇڭ يىپلاردىن توقۇلغان ھەر خىل كىيىملەر تېپىلدى..بۇ 3000يىللىق تارىخى مەدەنىيەت ئىزناسى چەرچەن خەلقىنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتى ۋە كىيىم كىچىك مەدەنىيىتىنى ئالەمگە نامايان قىلدى››{11}ئۇ يانا تۆۋەندىكىدەك مەلۇماتلار ئارقىلىق تۇقۇمىچىلىقتىكى بوياقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ساپال قاچىلارغىمۇ ئىشلىتىلىپ مەدەنىيەتنىڭ ئۆتۈشىشىنىڭ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر نامايەندە ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا مەدەنىيەت ياراتقان مىللەتنىڭ ياشاش ،زېمىن دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىزلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.ئۇ يۇقىرىقى ماقالىسىدا‹‹قىزىقارلىقى،توقۇلمىلاردىكى رومبا شەكىللىك، 回شەكىللىك ۋە دولقۇنسىمان گۈل نۇسخىلار قۇمۇلدىكى يان بۇلاق،پىچاندىكى سۇ بېشى،توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئارىغول،خېجىڭ ناھىيىسىدىكى چايخا جىلغىسى قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمقى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان(بۇنىڭدىن2500-3000يىللار بۇرۇنقى) رەڭلىك ساپال قاچىلارغىمۇ سىزىلغان.بۇ تېپىلمىلار مۇشۇ خىلدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى،دائىرىسى ۋە بۇ تارىخى مەدەنىيەتنى ياراتقۇچىلارنىڭ ياشىغان ھەركەت قىلغان يەرلىرىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ››{12}دەپ يازغان.يۇقىرىقى نۇقتىنى يانا ‹‹………‹‹ئون ئىككى مۇقام ››،‹‹خوتەن قەغىزى››(م ئى 145يىللار)،‹‹كىروران گۈزىلى››(6412+-117يىللار بۇرۇن)نىڭ ئۇچىسىدىكى سىپتا توقۇلغان يۇڭ رەختلەر،‹‹ئۇيغۇر بىناكارچىلىغى››………..قاتارلىقلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرى بۇلۇپ ،بۇ -ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاجايىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر خەلقلەردىن ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ››{13} ھۆكۈملەردىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىللىق مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ زورلىغىنى شۇنداقلا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەنلىكىنى كىرىۋېلىش تەس ئەمەس
3.باغۋەنچىلىك مەدەنىيىتى
ئەجدادلىرىمىزنىڭ دىيارىمىزدا بەرپا قىلغان باغ-ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى دەلىل قىلىش ئارقىلىقمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ بۈيۈك زېمىندا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىماق تەس ئەمەس.ئەجدادلىرىمىز بۇ بۈيۈك زېمىندا ئاساسلىقى مېۋىلىك دەرەخنى ئاساس قىلىپ باغ ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ، بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك،ئوزۇقلىنىش جەھەتلەردىكى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش بىلەن يەل-يىمىشلەردىن ھۈزۈرلۈنۇشنى بىلىشتەك ئېسىل(يۇقىرى)ئىستىمال قىلىش مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىزنى ئابدۇقەييۇم خوجىنىڭ تۆۋەندىكى قىممەتلىك ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئىسپاتلاپ چىقىمىز.ئۇ‹‹1901-يىلى ئا سىتەيىن تەكلىماكاندىكى نىيە خارابىسى (2000يىل بۇرۇنلا قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن)نى تەكشۈرگەندە خارابە دائىرىسىدە شاپتۇل،ئۈزۈم،ئالما،مېۋە دەرەخلىرىنىڭ قۇرۇپ قاقشال بۇلۇپ كەتكەن مېۋە دەرەخلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى ۋە چۆرىسى چىتلانغان باغلار خارابىسىنى ئۇچراتقان›› {14}دەپ باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنىڭ قەدىمىيلىقى بىزنىڭ سەمىمىزگە سالىدۇ.ئۇ يەنە سىتەيىننىڭ‹‹غەربىي يۇرتتىكى ئارخىئولوگىيە خاتىرىسى››(斯但因西城考古记 )ناملىق كىتابىنىڭ خەنزۇچە نەشرى 8-بىتىدە قەدىمقى نىيە خارابىسى جەنۇبىي قىسىمىنىڭ فۇتۇ سۈرىتى تۇلۇق بىرىلگەن ئەنە شۇ فۇتۇ سۈرەتنىڭ(E  )بۆلىگىدە ئەينى زاماندىكى ئۈزۈملۈك باغنىڭ قالدۇق خارابىسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن دېمەك بۇ بۇنىڭدىن 2000يىللار يىللار ئىلگىرى خارابىلىققا ئايلانغان قەدىمقى ئۈزۈملۈك باغ ھېسابلىنىدۇ››{15}دېيىش ئارقىلىق ئۈزۈمچىلىك تېخنىكىسىنىڭ رايونىمىزدىكى قەدىمىي تېخنىكلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى،ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ زېمىندا ئۈزۈملۈك باغ بەرپا قىلىپ،بەلگىلىك ئۈزۈم مەدەنىيىتى ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.
4.دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى
ئىنسانلارنىڭ دېھقانچىلىقتىن پايدىلىنىشنى بىلىشى،ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە بۇلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ،ئىنسانلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئۆزى ئىگە بۇلۇپ ياشاشنى بىر قەدەر ئاسانلاشتۇرغانلىقنىڭ بەلگىسى ئىدى.ئەجدادلىرىمىز بۇ ئېزىز زېمىندا ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللىنىپ،نەچچە خىل زىرائەتلەرنىڭ رايۇنىمىزدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە يىتىپ بېرىشىغا ئاساس سالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.مۇشۇنداق رىيال ئەھۋالدا بەزىلەر رايونىمىزنىڭ دانلىق زىرائەتلىرى،تالالىق زىرائەتلەر ۋە مېۋە چېۋىلەرنىڭ تارىخىنى بەكلا قىسقا مۆلچەرلەپ،رايونىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ياشاش شارائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى.بۇ مەدىنىيىتىمىزگە قىلىنغان بىر تۆھمەت ئىدى.بىز بۇ ھۈكىمىمىزنى تۆۋەندىكى قۇرلار ئارقىلىق ئىسپاتلايمىز‹‹...ئاشلىق مايلىق دان زىرائەتلىرى،تالالىق زىرائەتلەر،مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئۆستۈرۈلگەن تارىخى 1000-2000يىلدىن ئاشمايدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى،ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى بۇنىڭدىن 4000-5000يىل ئىلگىركى ئاشلىق زىرائەتلىرى،2000-3000يىل بۇرۇنقى مېۋە-چېۋىلەر،پاختا-كەندىر،يىپەك-يۇڭ توقۇلمىلىرى قاتارلىق ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەۋرىشكىلىرى بايقالدى...››{16}بۇنىڭدىن باشقا يانا ئابدۇقەييۇم خوجا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى كونكىرىتىنى ئارخېئولوگىيىلىك نەتىجىسىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈپ تەتقىق قىلىپ،بىزنىڭ بىلىشىمىز بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ قالدۇرغان مەدەنىي مىراسلىرىنى ھازىرقى دەۋرىدە ئۈچراشتۇرغان.بىز بۇ ئارقىلىقمۇ بۇ ئېزىز زېمىنىمىزدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايمىز.
مەسىلەن:ئابدۇقەييۇم خوجا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى كونكىرىتىنى تەھلىل قىلغاندا تۆۋەندىكىدەك قەدىمىيلىكنى ئىسپاتلاپ چىققان‹‹كىروران گۈزىلىنىڭ قەبرىسىدىن چىققان بۇغداي1-قېتىم 6412+ـ117،2-قېتىم 3800يىل دەپ بېكىتىلگەن،بۇ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ بالدۇر ئوستۈرۈلگەن بۇغداي(120-119بەت)3000يىل ئىلگىركى تېرىق قاتلىمىسى(قارا دۆۋىدىن تېپىلغان122-بەت)،ئاق قوناق (2000يىللار ئىلگىرى-124-بەت)،زىغىر (بۇنىڭدىن2000-3000 يىللار ئىلگىرى-125-بەت)،پۇرچاق-ماش(2000-3000يىللار ئىلگىرى-126-بەت)،نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان كېۋەز(بۇنىڭدىن2000يىللار ئىلگىرى-127-بەت››{17}
@@@                     @@@              @@@
بۇلاردىن باشقا يانا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئويمىچىلىق مەدەنىيىتى،ئۇزۇقچىلىق(يەمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى)قاتارلىقلارنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەنمۇ بۇ ئەزىز زېمىندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ باشتىن –ئاخىر ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىماق تەس ئەمەس.مەسىلەن سارتىگىن مۇنداق دەپ يازىدۇ‹‹قەدىمقى نىيە دەۋرىدە ياشاپ،ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 2000يىللار بۇرۇن ياغاچ ئويمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتىدە خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن››{18}،يانا ۋېلى كېرىم كۆكئالىپ ئۇزۇق مەدەنىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ‹‹ئۇيغۇر تائاملىرى مىڭ خىلدىن ئارتۇق بۇلۇپ،ئەجدادلىرىمىز تائاملارنى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ،غىزايى مۇتلەق(ئۇزۇقلۇق تاماقلىرى)،غىزايى داۋا(ھەم ئوزۇقلۇق ھەم دورۇلۇق تائاملار،داۋايى غىزا(كېسەل داۋالاشنى مەقسەت قىلغان،قوشۇمچە ئۇزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان تائاملار››{19}.
يىغىنچاقلىغان يۇقىرىدىكى نەچچە تۈرلۈك مەدىنىيىتىمىزدىكى ئىسپانلار بۇ زېمىنىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىكەنلىكىنى تۇلۇقى بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
{1}{2}‹‹جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى(مەجمۇئە)1998-يىلى 1-سان،32-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
{3}‹‹دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە››، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى(2009-يىلى 5-ئاي)،91-بەت.
{4}‹‹ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى نەشرى .
{6}{19}‹‹ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى››(ۋەلى كېرىم كۆك ئالىپ تۈزگەن)شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى2007-يىلى نەشىرى1- ،12بەتلەر.
{7}{8}‹‹دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە››، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى(2009-يىلى 5-ئاي)97-99-بەتلەر
{9}{10}{18}‹‹يادىكارلىقلىرىمىزدىن مەدىنىيىتىمىزگە نەزەر›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىلى نەشرى،6-،36-،41-بەتلەر
{11}{12}‹‹جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى(مەجمۇئە)1998-يىلى 1-سان ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.148-،185-بەتلەر.
{13}تۇردى توختى‹‹ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى››ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىي جورنىلى 2006-يىللىق ئۇنۋېرسال سانى 1-بەت.
{14}{15}{16}{17}‹‹دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە››، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى(2009-يىلى 5-ئاي)، 130-،133-،134-116-،119ـــــــــ126-بەتلەر.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ ئەسىرىمنى ماڭا ئىلھام بەرگەن دوستۇم ھىدايەتكە بېغىشلايمەن!
ــــــــــــــــــــــــــ تۇردى توختى





تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-17 09:58):
بۇغداي1-قېتىم 6412+ـ117،2-قېتىم 3800يىل ››نى 1-قېتىم6412+-117، 2-قېتىم3800دەپ تۈزۈپ قويساڭلا

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6825
يازما
506
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
11767
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
248 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹كىروران گۈزىلىنىڭ قەبرىسىدىن چىققان بۇغداي1-قېتىم 6412+ـ117،2-قېتىم 3800يىل دەپ بېكىتىلگەن،بۇ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ بالدۇر ئوستۈرۈلگەن بۇغداي(120-119بەت) دىگەن جۈملىنى ‹‹كىروران گۈزىلىنىڭ قەبرىسىدىن چىققان بۇغداي 1-قېتىم 6412+ـ117يىللىق تارىخقا، 2-قېتىم تەكشۈرگەندە3800يىللىق تارىخقا ئىگە ››بۇلۇپ قانداقلا دىمەيلى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ بالدۇر تېرىلغان بۇغداي ئىدى...دەپ تۈزۈتۈپ ئۇقۇڭلار

UID
37459
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 11 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


UID
37459
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 11 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش