تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1093|ئىنكاس: 10

ئۆزگىرىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
35586
يازما
10
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 20:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە
شۇڭقار قادىر
بۇ ھەقىقىي بولغان ۋەقە. تارىخ نۇرغۇن مەدەنىيەت يارتىپ،نۇرغۇن مەدەنىيەتتىن مەھرۇم قىلغىندەك،ئىنسانلار ھەقىقەت يولنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەقىقەت يولدىن چەتنەپ، ئۆزنى ۋە ئۆزگىنى ئازاپ- ئوقۇبەتتە قويۇپ ياشاپ ئوتىدۇ.
مەن بۇ ھىكايەمنى ئۆزنىڭ مەدەنىيتى ۋە دېنىنى قوغداپ ،  ھەق يولدىن ئاداشمىغان قىرىنداشلىرىمغا بېغىشلايمەن.

شاۋ ۋاڭ ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىش ئورنىغا چىققاندىن كىيىن، تۇنجى سائەتلىك دەرسنى پۇختا تەييارلىق قىلىپ، سىنىپقا قەدەم باستى.ئۇ تۇنجى سائەتلىك دەرسىنى ئازراق تەمتىرەش، ھودۇقۇش ئىچىدە باشلىماقتا ئىدى:
-ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىزلەر؟
-مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز!
خەنزۇ تىلدا ئىپادىلەنگەن سالام سائەتتىن كىيىن، ئۇ سىنىپيىكى بارلىق سىتۇدىتلارغا تەكشى نەزەر سالغاچ، سىنىپ ئىچىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقتى  ۋە تېزلا دوسكا ئالدىغا بىرىپ، ئۆزنى تونۇشتۇردى:
-ئىسمىم ۋاڭ جۇن، پادىشاھدىكى ۋاڭ، ئەسكەردىكى جۇن، ئۆتكەن يىل چىڭخۇا ئۇنۋېرسىنتىنىڭ«پىسخۇلۇگىيە» كەسپىنى تاماملاپ، بۇيىل مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش  ئېمتىھانغا قاتنىشىپ، ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئوتۇپ، پىسخۇلۇگىيە كافىدىراسىغا تەقسىم بولغان. بۇندىن كىيىن مىنى «ۋاڭ مۇئەللىم» دەپ چاقىرساڭلار بولىدۇ.
-توغرا، سىنىپتىكى ھەممەيلەن ئازسانلىق مىللەت ئوقوغۇچلارئىكەنسىزلەر، گىپىمنى چۇشەندىڭلارمۇ؟
-چۇشەندۇق مۇئەللىم، ھەممە دەرسلەر خەنزۇ تېلدا بولغاچقا ئاڭلاپ چۇشنەلەيمىز.
-ئوقۇش پۇتتۇرۇشكە يەنە بىر يىل قالدىغۇ دەيمەن؟
-شۇنداق- ئوقوغۇچلار بىردەك جاۋاپ بەردى.
-ناھايىتى ياخشى، چۇشنىكسىز ئورۇنلارنى سەل ئاستىراق سۆزلەي، بىز بىرلىكتە تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بۇ دەرسلىكنى ياخشى ئۈگۈنەيلى؛ بۇگۇن ئوتۇلدىغان دەرس تېمىسى ئىنسانلار مېڭسىنىڭ ئاساسىي تۇزلىشى. ئىنسانلار بارلىق مەخلۇقلار ئىچىدىكى، ئەڭ تەرەققىي قىلغان مەخلۇق. مىڭە تەرەققىياتى ئۇلارنى بېئوسىفرادىكى ياشاش شارائىتىدا  ئەڭ كۈچلۈك قىلىپ ئۆزگەرتكەن....
بىر ماۋسۇم ئاخىرلىشىشقا ئاز كۇن قالغاندا، سىنىپنىڭ بىر قىتىملىق كوللىكتىپ پائالىيتى باشلاندى. ئويۇنغا ھېرىسمەن سىتۇدېنتلار ، ناخشا-مۇزىكنى تەييارلاپ، سىنىپ مەسئۇلى ھامۇت مۇئەللىم باشچىلقىدىكى، بارلىق  دەرس بېرۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ تەكلىپ قىلدى. ئولتۇرۇش رەسمىي باشلىنىپ، سىنىپ باشلىقىنىڭ رىياسەتچىلكىدە تۇنجى قىتىملىق نۇمۇر لەرزان ئۇيغۇر خەلىق ناخشى بىلەن باشلاندى. قىز،ئوغۇل ئوقۇغۇچلار ئۆزلىرى ياقتۇردىغان ساۋاقداشلىرنى ئۇسۇلغا تارتىپ، لەرزان پىقىراشقا باشلىدى.
-سىزلەرنىڭ مۇزىكا، ئۇسۇلىڭلارغا بەك مەسلىگىم كىلىدۇ، ھەقىقەتەن بۇرۇنقى مەدەنىيەتلىك خەلىق ئىكەنلىكىڭلار مۇشۇنىڭدىن ئىپادىلىندىكەن.مەن بۇنداق سەنئەتكە بەكمۇ قىزىقىمەن، مەنمۇ ئۇگەنسەم بولغۇدەك شۇنداقمۇ ھا مۇت مۇئەللىم.-دىدى شاۋ ۋاڭ.
-راس ۋاڭ مۇئەللىم، ئۇگۇنۇش ئاسان. بىر نەچچە نۆۋەت سەھنىگە چۇشكەندە ئۇگۇنەلەيسىز، ئۇقوغۇچلىرىڭىز بىردەمدە ئۇگۇتۇپ قويدۇ-دىدى جۇرئەت مۇئەللىم ۋە زامانىۋىي كىيىنگەن بىلەك،پاچاقلىرى ئوچۇق ئوتتۇرا ياندا ئولتۇرغان قىزنى چاقىردى:
-گۇلنار، بۇياققا كىلىڭ، ۋاڭ مۇئەللىم ئۇسۇل ئۇگەنمەكچى، سىز ياردەم قىلىپ ئۇگۇتۇپ قويۇڭ. بولامدۇ؟
-بولدۇ، چاتاق يوق. ۋاڭ مۇئەللىم خالىسا؟
-نېمە دىيشۋاتسىزلەر؟ مەن چۇشەنمىدىمغۇ؟
-بىز ئانا تېلدا پاراڭلاشتۇق، سىز ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر تېلنىمۇ چۇشنىپ قالسىز؟ گۇلنار سىزگە ئۇسۇل ئۇگۇتۇشكە قوشۇلدى. چۇشۇپ ئويناڭ!
بىر قانچە قىتىملىق ئۇسۇلدا شاۋ ۋاڭ ئۆزنىڭ پۇت-قولنىڭ مۇزىكا رېتىمىغا كىلىپ قالغاندەك ھېسياتقا كەلدى. شۇ كۇنى تېخى گۇلنار بىلەن بىر نەچچە قول تانسا ئويناپ، ھاردۇقى چىققاندەك ھېسياتتا بولدى.
شۇ كۈندىن كىيىن، گۇلنار بىرقانچە قىتىم شاۋ ۋاڭنى ئىزلەپ كىلىپ، ھەرخىل  ئولتۇرۇشلارغا باشلاپ باردى، شۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بارغانچە يېقىنلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇردى. شاۋ ۋاڭمۇ تۇنجى قېتىم يات بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنى ئۇگۇنۇشنى مانا شۇنداق باشلىدى.
-ۋەي گۇلى ما؟ ياخشىمۇ سىز؟ مەن شاۋ ۋاڭ، بۇگۇن بېيجىڭدىن بىرقانچە دوستۇم شىنجاڭغا تەكشۇرۇشكە كەلگەن، سىز مەن بىلەن بىللە بارالامسىز؟ ئۇلار سىزلەر ئۇيغۇر  مېللىتنىڭ تامىقىغا ئامراقكەن، شۇڭا سىز بەلەن بىر جايغا باشلىشىپ بەرسىڭىز، ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ؟
-بولىدۇ، مەنمۇ   ئېمتىھان نەتىجىسنى كۈتۈپ زېركىپ ئولتۇرغان، رىستۇران ئۇقۇشۇپ قويۇپ سىزگە تېلفۇن قىلاي، كەچتە كۆرۇشەيلى. كۆرۇشمىسەك ھېساپ ئەمەس-ھە!؟
مانا شۇنداق قىلىپ، ئىككى ياش بىر-بىر بىلەن چىقىشىپ، ئىزدىشىپ يۇرۇيدىغان بولدى.
ئۇزۇن ئوتمەي گۇلنار مەمۇرلۇق ئىېتىھانسىدىن ئوتۇپ، ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە چۇشتى.گۇلنارنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھاۋۇت، قارمايدىن بولۇپ كىچكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، ئېچكىردىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن، ئۈرۈمچىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق باج ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىپ، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن، ئۆسۇپ باشقارما باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى. ئانسى راھىلە ئۈرۈمچىدە چوڭ بولۇپ، داڭلىق تېببى ئۇنۋېرسىنتنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن، ئۈرۈمچى ۋىلايەتلىك دوختۇرخاندا ۋېراچ ئۈنۋانى بىلەن ئىشلەپ كىلۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ گۇلناردىن نئىبارەت بىرلا بالسى بولۇپ، ئۇلار بۇ قىزنىڭ كۆزگە قاراپ، ئەركە ئوستۇرگەن. شۇڭا بۇ قىز ھەرقانداق مۇھىتقا ماسلىشىش ئېقتىدارنى كىچكىدىن يېتلدۇرگەن ئىدى.
-گۇلى بىزمۇ ئارلاشقىلى بىر قانچە يىل بولدى، بىز توي قىلساق قانداق دەيسىز؟
-مەن بىرنەرسە دىيەلمەيمەن، ئويدىكلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاۋاپ بىرەي، مەن ئوز ئالدىمغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن؟بىز يات ئىككى مىللەتتىن، ئۆيلاشمىسام بولمايدۇ.ئاتا-ئانام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر نىمە دەيلى، بولامدۇ؟
-ھازىر قايسى زامان؟  ئىككىمىز كىلىشكەندىن كىيىن بولدى، ئۇلار قېتىلماي نىمە ئامال؟
-شۇنداقتىمۇ، بىز ئوخشىمىغان ئىككى مىللەت، ئۇلارنىڭ رازىلقىنى ئىلشىم كىرەك. سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ.
-مەن ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۇشتىم، ئۇلار قىتىلدى، يەنە كىلىپ بىز توي قىلساق ھۆكۇمەتنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق سىياسەتلىردىن بەھرىمان بولالايمىز، سىزنىڭچە قانداق؟
-يەنلا مەن ئاتا-ئانامنىڭ پىكىرنى ئالاي. بىز ئۆيلىنىپ ئىش كۆرەيلى.  
-ئۇنداقتا مەن سىزلەرنىڭ ئويگە سالامغا باراي، مىنى باشلاپ بىرىڭ.
-ياق!.بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بىر نەچچە كۇن كۇتۇڭ، ئانام ئارقىلىق، دادامنىڭ پىكىرنى ئالاي، بولامدۇ؟
-مەيلى بولمىسا.
گۇلنار شۇكۇنى ئانسنى ھوجۇرسىغا چاقىرىپ، كۆڭلىدىكىنى بايان قىلدى. راھىلە خانىم سەل ئۆيلىنىپ تۇرۇپ قالدى-دى،بىر خىل مەيۇسلىك ئېچىدە:
-بۇ قانداق بولار قىزىم، سىز ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
-ئويلاندىم ئانا، يات مىللەت بولسا نىمە بولۇپتۇ؟ ھەممەيلەن بىر جۇڭخۇا مىللىتى ئەمەسمۇ؟ سەن ئۇنداق قالاق ئەمەسقۇ؟ ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى خەنزۇ مەدەنىيتىنى قوبۇل قىلىپ، خەنزۇچە ياسنىپ يۇرۋاتمامدۇ؟!
-داداڭ نىمە دەر؟، بولىدۇ! داداڭ بىلەن كورۇشۇپ كىيىن بىر نەرسە دەيلى، سەنمۇ بۇرۇنراق ئارام ئال قىزىم.
راھىلە خانىم ئىرنى خىلى كۇتۇپ كۆزى ئۇيقيغا ئېلنغاندا بىنا ئىشىكى قاتتىق يىپىلىپ، ھارۇن مەس ھالدا ناخشا  سۆيگۈ مۇھەببەت ئىپادە قىلىنغان بىر خەنزۇچە ناخشىنى غېڭشقىنچە، ئۆيگە كىرىپ كەلدى.
-كەلدىڭىزمۇ؟ بىرنەچچە كۇن بولدى، مەسلە كىرۋاتسىز، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق ، بۇنى قانچە قىتىم  دىدىم سىزگە. قىردۇق، بۇنداق ناچار قىلىقنى تاشلاپ، بىرۋاخ بولسىمۇ نامازنى باشلىۋالسىڭىز بولاتتى. ئۇ دۇنياغا....
-بولدى قىلە! كۇندە شۇ ۋات-ۋاتلىقىڭ! قاچان بىسقار دەيمەن، مۇشۇ زۇۋانىڭ؟نىمە ئۇ دوزاق-جەننەت دىگەنلەر؟
-  سىزگە ئامال يوق، ئەسلىنى شۇنداقمۇ يوقتارمۇ كىشى. راس بۈگۈن قىزمىز گەپ قىلدى، توي ئىشنى دەيدۇ. قانداق قىلساق بولار؟
-ياخشىغۇ ئىشكەنغۇ! بولىدۇ ،كىيئوغۇل جايدا بولسا بىز ئارلىشىپ يۇرمەيلى، يېڭى زامان ياشلىرى ئەمەسمۇ؟!....
-ئۇنىڭ تاپقىنى ئالىي مەكتەپتىكى  خەنزۇ يېگىت ئىكەن.
-نىمە؟ بۇ.....
-سەن ئوزۇڭ قاراپ بىر ئىش قىل! مەن ئارلاشماي، بولسا مۇسۇلمان بولسىغۇ مەيلىتى.....ھەي!
بىر نەچچە كۈن ئوتكەندە گۇلنار ئانسىنىڭ گىپىنى ئىلىپ، شاۋ ۋاڭ بىلەن كورۇشتى.
-سىز مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟-دىدى گۇلنار ئەركىلەپ تۇرۇپ.-شۇنداق، بۇنمۇ سوراش كىتەمدۇ؟-دىدى شاۋ ۋاڭ كۇلۇپ چىرايىغا كۇلكە يۇگۇرتۇپ،-ئۇنداقتا سىز ئىسلام دىنىغا كىرىشنى خالامسىز؟
-ئىسلام دىنى،- دىن بىلەن بىزنىڭ توي ئىشمىزنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى؟
-بىزلەردە‹ نىكاھ › دەيدىغان بىر نەرسە بار، داداملار سىزنى ئىسلامغا كىرسۇن، قىزمىنى ئاندىن بىرمىز دەيدۇ؟
-شۇنداق، سىللەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسزلەر، بولىدۇ، مەن قايسى دىندا بولسام بەرىبىرغۇ؟ مەن دىن دىگەنلەرگە زېنھار ئىشەنمەيمەن. شۇنداقتىمۇ ئۇگەنسەم بولدىغۇ؟
شۇ كۈندىن باشلاپ، شاۋ ۋاڭ مۇھەببەتنىڭ تۇرۇتكىسىدە، ئىسلام دىنغا مۇناسىۋاتلىك ماتىرىياللارنى يېغىپ، بىكار ۋاقتى چىقسا كورۇشكە باشلىدى.لىكىن كۆرۇپ تازا دىگەندەك چۇشنىش ھاسىل قىلالماۋاتاتتى. شۇ كۇنلەردە ئۇ بىر جۇمە كۈنلىكى بىر پىسخۇلۇگىيلىك سۇئالنى سوراپ، بىلۋىلىش ئۈچۈن جۇرئەت مۇئەللىمنى ئىزلەپ ماڭدى، جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ ئالدىراپ  بىر پارچە گۈللىك رەخنى قولتىقىغا قېستۇرۇپ سىرىتقا ماڭغانلىقىنى كۆرۇپ، تەئەججۇپ بىلەن سوردى:
-ئالدىراپ نەگە ماڭدىڭىز، جۇ مۇئەللىم؟ ھەر ھەپتىنىڭ بەشى چۇشكە ئاز قالغاندا، سىزنىڭ سىرىتقا ئالدىراش ماڭغانلىقىڭىزنى كۆرمەن، نەگە باردىغاندۇ دەپ گۇمانلىنىپ قالدىم؟
- نامازغا، بىزنىڭ ئىسلام دىندا بۇ كۈنى چۇشتە جۇمە نامىزى ئوقۇلدۇ. بۇنى سىللەر بىلمەيسىلەر، لىكىن خۇيزۇ دوسلىرىڭىز بولسا بىلىدۇ.بۇ خۇددى سىزلەرنىڭ بۇدخانغا كىرىپ، تىلەك تىلگەنگە ئوخشاپ كىتىدۇ.بۇنى بىز" ناماز"دەيمىز،لىكىن، سىللەرنىڭ بۇدخاناڭلاردىن كۆپ پەرىق قىلدۇ. مۇناسىۋاتلىك بىلىمنى كىيىن دىيشىۋالايلى، ۋاقىت ئوتۇپ كەتمىسۇن، مەن ماڭاي.
-بىلدىم!، ئەمدى سىزنى يېڭى بىلىمگە ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلاي؟ رەت قىلماڭ!
چاتاق يوق، جۇمەدىن يىنىپ ئەھۋاللىشايلى.
شۇكۈنى چۇشتىن كىيىن شاۋۋاڭ  جۇرئەت مۇئەللىمنى ئىزلەپ بىرىپ، ئىسلام ھەققىدە نۇرغۇن چىگىش مەسىللەرنى سۆراشقا باشلىدى.شاۋ ۋاڭ جۇرئەتنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ، ئالدى بىلەن جۇمە نامىزىغا  بۇنداق بۇرۇن بىرىش سەۋەبىنى  سوراشتىن باشلىدى:
-سىز جۇمە نامزىغا بۇرۇن  بىرىپ نىمە قىلسىز؟
-مەسچىتتە، نۇرغۇن پىسخۇلۇگىيلىك مەسىللەر ئادەمنى قايىل قىلارلىق ھالدا شەرھىلىندۇ. ئىماملارنى، ئۇستا پىسخولۇگ دىيىشكە بولدۇ. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى، قۇرئاندىن نەقىل كەلتۇرشى ئادەمگە يېڭچە پېسخۇلۇگىيلىك بىلىم ئاتا قىلدۇ، شۇڭا بۇرۇنراق بىرىپ تەپسىر ئاڭلايمەن، كىيىن قالسىڭىز ئورۇنمۇ قالماي، سىرىتتا قالسىز-تېخى!
-مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر  تىل ئۇگەنسەم بولغۇدەك. سىز ماڭغا ئۇگتىشنى خالامسىز؟
-سىزدە ئىرادە بولسا تېزلام ئۈگۈنۇپ كىتەلەيسىز! مەن چوقۇم ياردەم قىلمەن. سىز تىرىشچان، زېھنى ئوتكۇر يېگىت، ئۇگۇنۇڭ، ئۇيغۇر بالىلارغا كۆپ دەرسكە كىرسىز، سىز چوقۇم مۇشۇنداق ئەۋزەللىكتىن پايدىلنىڭ، سىز بىر ياخشى پېسخولۇكقۇ!؟...
ئەتە شەنبە، مەن ئويڭىزگە بىرىپ سىزدىن تەلىم ئالاي دىگەن، نەدىن،قانداق باشلاشنى ئۇگەتكەن بولسىڭىز،سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟
-چىقىدۇ، ھازىرىقى دەۋىردە سىزدەك تىرىشچان كىشلەر ئاز  جىمۇ!
شاۋ ۋاڭ شەنبە چۇشتىن  كىيىن جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ يڭل باشلىشى  بىلەن، بۇ ساپ دىل ئۇستازنىڭ ئويگە كەلدى. ئۇلار جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ ئايالى ئەتكەن مىزلىك لەغمەننى كېكىرىپ يىيشيپ بولغاندىن كىيىن، جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ كىتاپخانسىغا  كىرىپ ساۋاق ئىلىشنى باشلىدى.
-بىرىنجى قىلدىغىنىمىز،-جۇرئەت مۇئەللىم چۇشەندۇرۇشكە باشلىدى.-تاھارەت ئىلىش. ئالدى بىلەن....
ئەمدى بۇ مۇقەددەس كىتاپنى تۇتۇپ ئوقۇيمىز، ئىسلامنىڭ  ئاساسى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان  ئىيىتش.
-قانداق ئىمان ئىيتىمەن. «ئىسلامغا كىردىم» دەپما؟
-ئالدىرماڭ! مۇنداق قىلسىز، چىن قەلبىڭىزدىن«لاھىلاھە ئىللەللاھ ھۇ مۇھەممىدۇ رۇسۇللا» دەپ تەكبىر ئىيتىسىز.
-لا....لا....-ئەجەپ ئاغىزى كەلمەيدىغانلا بىر گەپكەن!؟
-ئاستا-ئاستا كۈنۇپ قالسىز.
-ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچىنى پۇختىلاي.
-ھەر ئىككىسنى تەڭ ئۈگۈنىڭ. زېھنڭىزنى يىغىڭ!
شۇندىن باشلاپ شاۋ ۋاڭ بىر تەرەپتىن كەسپى بىلمىنى ئۇگۇنۇشنى چىڭ تۇتسا، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تېلنى ئۇگۇنۇپ، كۈنلىرنى مەنلىك ئۆتكۇزۋاتاتتى. بىر يىل  كۆزنى يۇمۇت-ئاچقىچە ئوتۇپ كەتتى .بۇخىل جېددىچىلىك ھالەتتە ئۇ تېلفۇننى ئىتىپ، سىرىت بىلەن بولغان ئالاقىغا چەك قويدى.ھەتتا گۇلى بىلەن بۇ بىر يىل ئىچىدە پەقەت ئىككى قىتىملا كۆرۇشۇپ، تاماقلىنالىدى.ئۇ جۇرئەت دائىم بىللە ماتىرىيال تەھلىل قىلاتتى، مۇنازىرلىشەتتى، ھەتتا بەزى كۇنلىرى، يېرىم كىچە بىلەن جۇرئەت مۇئەللىمنىڭ ئويدىن ياناتتى. جۇرئەت مۇئەللىممۇ، زېرىكمەي، شاۋ ۋاڭنىڭ بىلمىگەن جايلىرنى چۇشەندۇرۇپ، ئۇنى قايىل قىلمىغىچە تىركىشەتتى.ئىلاج بار شاۋ ۋاڭغا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، ئۇنىڭ ئاڭلاش ئېقتىدارنى ئۆستۇرۇشكە ياردەمدە بولاتتى. كافىدىرادىكى باشقا ئوقۇتقۇچلار ئۇلارنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتىگە ھەۋەس بىلەن قارايتى. شاۋ ۋاڭنىڭ تېز سۇرئەتتە ئۇيغۇر تېلنى ئۆزلەشتۇرۋىلشى، باشقا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قايىللىقنى قوزغايتى.
- سىز بۇ بىر يىلدىن بىرى ماڭغا كۆپ ئەجىر سېڭدۇردىڭىز، رەھمەت سىزگە!؟ شۇڭلاشقا بۇگۇن سىزنى بىر مېھمان قىلىپ كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلاي دىگەن، ۋاقىت چىقىرالاسزمۇ؟ جۇ مۇئەللىم؟
-بۇنىڭغا ئەرزىمەيمەن، رەھمەت! يەنلا ئويدە ئايالىم ئەتكەن لەغمەن ھەممىدىن تەمېلىك. سىزمۇ بىرىڭ بىرلىكتە تاماقلانغاچ  مۇڭداشمايلىمۇ؟
-بەك ياخشى! بۇ لەغمەن دىگەن تاماقنى يەڭگەم بەك ئوخشىتىدۇ جىمۇ؟
-مانا ئۇيغۇر تېلنى شۇنداق راۋان سۆزلەيدىغان بولدىڭىز. سىزدىن پەخىرلىنۋاتىمەن.
-كەچتە بىللا ماڭايلى، سىزنى كۆپ ساقلاپ كىتەلمەيمەن جىمۇ؟
-ھازىر ئىككىمىزنىڭ دەرسى يوق، سىزدىن بىر نەرسە سورسام كۆڭلىڭىزگە كىلەرمۇ؟
-ياق-ھەي!سۆراڭ، بىلگىنىمچە سىزنى قايىل قىلمەن.
-مەن بۇ بىر يىلدىن بىرى سىزنى كۆزىتىۋاتىمەن، سىز باشقىلاردەك، ھاراق ئىچمەيدىكەنسىز، تاماكا ئېسىدىن قىچىپ تۇردىكەنسىز. ئەڭ مۇھېمى سىز دائىم چۇشتە، ئويگە قايتىپ ئويدىن تاماقلىنىپ كىلسىز. بۇ نىمەئۈچۈن؟
-ھاراق، تاماكا ئادەمنىڭ ئەقلىنى كىسىدۇ، بۇنى بىلسىز. ئويدىن تاماقلىنىشقا كەلسەك، سىزگە بىزنىڭ قەشقەر تەرەپتە ئىقىپ يۇرگەن بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ بەرسەم ئاڭلاشنى خالامسز؟ مۇشۇ ئاساستا سىز سورغان مەسلىگە جاۋاپ بىرمەن.
-مەيلى، يېڭى بىلىم ئالغۇدەكمەن، قىنى باشلاڭ؟
«قەشقەر كوناشەھەر تەرەپتە تايخان غوجام دىگەن بىر كىشى ئوتكەن، بۇكىشى ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەممە خەلىقنىڭ  ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىكەن. بۇ ئادەمنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، كىچىك ئوغلى تولىمۇ ئەقىللىق ئىكەن. بىر كۇنى جۇمە نامزىدىن كىيىن مەزىن ئەرىز ئەيتىپ، خوجامنىڭ يىنغا كىرىپتۇ.
-خوجام، سىلنىڭ كىچىك ئوغۇللىرى بۇگۇن مىنىڭ كۆڭلىمنى بەك غەش قىلدى. مەن ئەرزان ئېيتىپ يىنىپ كىرۋاتسام ئوغۇللىرى جامائەتنىڭ كالچىنى ئىككىگە ئايرىغىلى تۇرۇپتۇ. قاراپ تۇرسام«ماۋۇ داۋزىقى»،«ماۋۇ جەننىتى» دەپ ئايرىدى، كۆرمىگەن بولۇپ مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىشىك يىنىدا قاراپ تۇرسام، مىنىڭ كالچىمنى دوۋزىقى قاتارىغا ئايرىۋاتىدۇ. بۇ نىمە ۋەقە ئۆزى؟....
-مۇنداق ئىشكەن-دە! سىز ئەنسىرمەڭ، مەن ئۆۇم ھەل قىلاي-دەپلا غوجىدارنى چاقىرىپ:
-سەن ئەتە كىچىك ئوغلۇمنى بازارغا ئىلىپ بىرىپ، بازارنىڭ نىنىنى يىدۇرۇپ  كەلگىن- دەپ تاپلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى غوجىدار ئىشنى بېجىرىپ كەلگەنلىكىنى، خەۋەر قىلىپتۇ.
يەنە بىر جۇمە تايغان خوجام، ئوغلىنى .ئەگەشتۇرۇپ مەسچەتكە كىرىشتىن بۇرۇن ئوغلىغا:
-كالاچلارنى ئايرىپ بېقىڭ دەپ ئەمىر قىلىپتۇ. بالا پەقەتلا ئايرىيالماي، مەتۇسلىك بىلەن دادىسىغا بېقىپتۇ.»
-چۇشەندىڭىزمۇ؟
-چۇشەندىم، سىللەر ئىغىز ئەدەبىياتىغا بەكمۇ باي مىللەت ئىكەنسىلەر. ھەممىنى ھىكايە، رىۋايەت شەكلىدە ئىپادىلەپ،ئىبرەت قىلدۇردىكەنسىلەر. بۇ ئىيىتقانلىرڭىز مەسچىتتە ئىماملارنىڭ سۆزلىگىنىگە ئخشايدىكەن.
-دىنى سەۋىيەڭ كۇندىن-كۇنگە ئىشىپ بىرۋىتىپتۇ-ھە!
شۇنداق بولغاچقا بازار تامقىنى ئىلاج بار يىمىگەن تۇزۇك. ئائىلەم يىقىن، ئايالىم چاققان. بىز ئۇچ جان ھازىرغىچە مۇمكىنقەدەر سىرىتتىن تاماق يىيىشتىن، بەك ئىھتىيات قىلمىز. ئائىلە تامقى پاكىز، ھالال بولدۇ.
-چۇشەندىڭىزمۇ؟
ھەممە ئادەم سىزدە ئويلىسا سىزلەرنىڭ جەمئىيەت نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە!
بەش قول تەڭ ئەمەس، بولدى دەرسكە ماڭايلى.-ئۇلار قاقاقلاپ كۇلۇپ ، مۇڭداشقانچە سىنىپلارغا قاراپ يول ئالدى.
بۇ رىۋايەت شاۋ ۋاڭغا بەك تەسىر قىلدى. گغلنارنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرگەندە، جۇرئەت مۇئەللىم ئايالى بىلەن رۇشەن سېلىستۇرما بولۇپ، كۆڭلى بىر قىسما بولاتتى. ئۆزلىكنى يوقتىۋاتقان بۇ قىزغا نىمە دىيشنى ئويلىشىپ، ئاىىر بىر قارارغا كەلدى-يۇ، نىمە دەپ ئىغىز ئىچىشنى بىلىپ بولالماي،ئىككى خىيال بولۇپ يۇرگەن كۈنلەردە، گۈلنار تېلفۇن قىلدى:
-شاۋ ۋاڭ مۇ؟ ياخشى تۇرۋاتامسىز؟‹ سۇغا چۇشكەن تاشتەك ›ئەجەپ كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭىزغۇ؟ نىمەقىلۋاتسىز بۇ بىر يىلدىن بىرى تېلفۇننىمۇ تاقاپ؟....
-كەچۇرۇڭ! مەن سىزگە رەخمەت ئىيتىمەن، بۇگۇن كۆرۇشكەن بولساق، مىنىڭ بىر قانچە ئېغىز گەپلىرىم بار ئىدى.
-بولىدۇ.سائەت بەش بىلەن دوڭكورۇكتە .... ئاشخاندا كۆرۇشەيلى.
ئۇلار بەلگىلەنگەن ئورۇندا كۆرۇشتى. گۇلى بۇرۇنقىدىن خىلىلا سەمىرىپ، تېخىمۇ گۇزەللەشكەن، تولغان بەدەن ئادەمنىڭ ئېختىيارسىز مەيلىنى تارتاتتى.
-مەن سىز بىلەن....-شاۋۋاڭ نەدىن گەپ باشلاشنى ئۆيلىنىپ ئۇلگۇرمەستە، گۈلنار ئىغىز ئاچتى.
-بىلمەن، يىراقتىن بولسىمۇ، ئەھۋالىڭىزنى ئىگەللەپ تۇردۇم، داداملارمۇ سىزنىڭ ئىش-ھەركىتىڭىزنى ئاڭلاپ تەسىرلەندى. دادام پېنسىيگە چىقىپ، ناماز باشلىدى، سىزنىمۇ جۇرئەت مۇئەللىم بىلەن مەسچىتكە كىرىپ-چىققانلىقىڭىزنى كۆرۇپتۇ، شۇڭا سىزنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپتۇ. بىز غەلبە قىلدۇق. تويغا تەييارلىق قىلساق بولىدۇ.
-ياق، بۇنىڭ ئەكسىچە مەن سىز بىلەن ئايرىپ كەتمەكچى. مەن سىزدەك سىياقى مۇسۇلمان، قىلمىش-ئەتمىشى يات، ئەسلىنى يوقاتقان بىر قىزنى، سىزنىڭ ئاشۇ ئائىلڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن. مەن بىر مۇسۇلمان بولدۇم، ھەقنى بىلدىم. مىنىڭ بىردىنبىر ئېنتىلدىغىنىم  پەقەت بىر ئاللاھ. ئاللاھدىن باشقا ھەممىسى مەن ئۈچۈن كېرەكسىز.سىزنىڭ بىر ياخشى مۇسۇلمان بولسىڭىزنى،ئۆزىڭىزنى تىپىۋىلشىڭىزنى  ئۇمۇت قىلمەن. خوش، ئاللادىن دىلڭىزغا ئېمان-ھەقىقەت نۇرۇ تىلەيمەن.
شاۋ ۋاڭ ئورۇندىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ گۇس-گۇس دەسسەپ يۇرۇپ كەتتى. گۇلنار گويا بىشىدا دوزاق مۇھەككەللىرى قاراپ تۇرغاندەك، تىنىگە تېتىرەك بىسىپ، ھوكۇرەپ يېغىنى باشلىۋەتتى.
ھەپتتە ئوتۇپ، شاۋ ۋاڭ جۇمەدىن يىنىپ چىققىچە ھاۋۇت بىلەن دوقارىشىپ قالدى.
-شاۋ ۋاڭمۇ سىز؟ تىنىچلىقمۇ؟
-مەندىن خەنزۇچە ئەھۋال سۆرماي، ئۆز تېلڭىزدا ئەھۋال سۆراڭ. مەنمۇ ئۇيغۇرچە بىلمەن.
-ھە! شۇنداقمۇ؟ مەن تېخى....
-مىنى ھېچنەرسە بىلمەيدۇ دەپ قارامتىڭىز؟
-قىزىم بىلەن ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلدۇم. ئەلچى ئەۋەتىڭ؟ بولسا بىز ئولتۇرۇپ بىر مۇڭداشقان بولساق،بولامدۇ؟
-سىزگە قىزىڭىز دىيىشنى ئۇنۇتۇپ قالغان ئوخشايدۇ، مەن سىزدەك بىر دىنسىزنىڭ  قىزىڭىز بىلەن توي قىلالمايمەن. خوش ئەمىسە!-شاۋ ۋاڭ مىڭىشقا تەمشەلگەندە، ھاۋۇت زەردە بىلەن خەنزۇچە چالۋاقىدى:
-ما جوھۇت، بىر ئىككى كۇن مۇسۇلمان بولۇپ، نىمە چوڭ سوزلەيدۇ؟....
-«جوھۇت» !سىزدەك ئۆزنىڭ كىملىكنى، ئۆز ئىتقادىنى قەدىرلەشنى بىلمەي، شامال ئۇچۇرغان قامغاقتەك ئۇچۇپ يۇرۋاتقانلارنى شۇنداق دەيمىز.سىزدە ئىمان-ئىتقاد دىگەندەك نەرسە بارمۇ؟.... ئاللادىن قورقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز جوھۇتمۇ ياكى ......؟!
ھارۇن تېتىرگەن پۇتلىرنى ئاران يۆتكەپ، كوچا سەرسانلىرىدەك يۇرۇپ كەتتى.
مەنبە: قەلىمىم
2012-يىلى مارت
-
ئۈرۈمچى




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
42675
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 03:17:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكىزلىك، مەينەت نەرسىلەرگە سۈركىلىشتىنلا ئەمەس، مەينەت نەرسىلەرگە قاراش، مەينەت سۆزلەرنى قىلىش، ئاڭلاش ئارقىلىقمۇ خىرەلىشىدۇ .

UID
11177
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1673
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 04:30:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىمدە ئانام دائىم ‹‹كۆڭۈل قويغان ئادەمگە قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ›› دەيدىغان ،ھەقىقەتەن نىيەت دۇۇس ،ئىرادە كۈچلۈك بولۇپ بەلنى چىڭ باغلېغاندىلا قىلغېلى بولمايدىغان ئىش يوق ئىكەن .بۇئەسەردىكى خەنزۇ يىگىتنىڭ نۇرغۇن تەرىپى ئۈگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ،بىلىم ئېلىش يولىدا تىنماي ئىزدىنىش ،جاپادىن قورقماسلىق ،ھەقىقەتەن ئېسىل خىسلەتتۇر. ‹‹ئالىم بولماق تەس ئەمەس، ئادەم بولماق تەس ››  بۇ ھەقىيقەتەن توغرا سۆز ئىكەن.
كىچىچە ئىشلەپ سەھەر سائەت تۆت بىلەن ئەلكۈيى مۇنبىرىگە كىرىپ مۇنۇ ئەسەرنى كۆرۈپ ئوقۇدۇم گەرچە ئۇيقۇم كىلىپ كۆزۈم ئىچىشىپ كىتىپ بارغان بولسىمۇ ئەسەرنى شۇنداق چۈشىنىپ ئوقۇدۇم ،قىززىق ئىش ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كاللام ئېچىلىپلا كەتتى، ئۇيقۇممۇ قېچىپ كەتى دېسە ............................. تېما ئېگىسىگە تەشەككۈر ھەقەيقەتەن تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولغان تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ئەزىز ، جەمىيىتىمىزدە ئۆز ئانا تىلىنىڭ قەدرىگە يەتمەي ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز ئاز ئەمەس ، قەلېمىڭىز توختاپ قالمىغاي . تېخىمۇ تىرىشىپ يەنىمۇ ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

UID
31618
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 12:57:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ئاجايىپ نادىر ئەسەركەن ماۋۇ.  اللاھ ھىدايەت بەرسۇن ۋاڭ مۇئەللمگە . ھازىرقى ئۆزنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان بەزى قىزلىرىمىزغا ئبرەت ئىكەن . ئەسەر ئىگىسىگە تەشەككۇر.

UID
38430
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2012-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-22
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 13:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر يېزىپسىز قېرندىشىم،ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەقىيقى بولغان ۋەقەكەن،ھەقىقىي بولسىمۇ ئەدەبىيات بولغاندىن كېيىن ئاپتۇرنىڭ شۇ رىئاللىقنى يورۇتۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەسسەۋۇرلىرىدىن خالى ئەمەسقۇ دەيمەن،مەسەلەن جۈرئەت  موئەللىم سۆزلىگەن رىۋايەت،ئادەم ھەرقانچە ئەقىللق بولۇپ كەتسىمۇ،ھېچكىم باشقىلارنىڭ ئاخىرەتلىكىگە جەننىتى ۋە دوزىخى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ،بۇنى پەقەت ئاللاھ ھۆكۈم قىلدۇ،پەيغەمبىرىمىزمۇ غايىپنى بىلگەن ئەمەس،پەقەت ئاللاھ بىلدۈگەنلەرنى  سۆزلىگەن ئىدى،لېكىن بۇ ئەسەردە ئۇ بالا ئەقىللىقلىقىدىن شۇنداق ھۆكۈم قىلغان،پاكىز تاماق يىمىگەنلىكتىن كېيىن ھۆكۈم قىلالماس بوپ قالغان،بۇ بىر خاتا ۋە دىنى بىلىمى كەمچل قېرىنداشلارنى خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويىدىغان بىر رىۋايەت بوپتۇ،ئەسلى بۇنىڭغا مۇناسىۋېتلىك مۇنداقمۇ رىۋايەت بار ئىدى،
بۇرۇن بىر پادىشاھنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ ناھايىتى پاراسەتلىك ۋە ئەقىللىق ئىكەن،دائىم ئوردىدا كېڭەش بولغاندا ئۆزىنىڭ دانا تەدبىرلىرى،پىكرلىرى بىلەن ھەممنىڭ قايىللىقغا ئېرىشىپتۇ،ھەتتا ئاتىسىنىڭ بەزى قارارلىرىغا رەددىيە بېرىپ ،توغرىسىنى شەرھىلەپ بارا-بارا ئوردىدا ئېناۋىتى ئۆسۈپ كېتىپتۇ،پادىشاھ دەسلەپ ئوغلىدىن پەخىرلەنگەن بولسىمۇ لېكىن بارا بارا ئەنسىرەشكە باشلاپتۇ،ئوغلىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىپ كېتىپ بارغانلىقىدىن ۋايىم يەپ كۆڭلىدە ناھايىتى بېئارام بولۇشقا باشلاپتۇ،ئاخىرى بۇ ئەندىشىسىنى دانا ۋە سادىق ۋەزىرىگە بايان قىلىپتۇ،ۋەزىر پادىشاھقا مۇنداق ئەقىل كۆرسىتپتۇ:
-بۇندىن كېيىن شاھزادىگە ئوردا تامىقى بەرمەي،مەخسۇس رەستىلەردىكى ئاشخانىلاردىن تاماق ئەكەلدۈرۈپ بەرسىلە،-دەپتۇ.پادىشاھ شۇنداق قىپتۇ،دېگەندەك شۇنىڭدىن كېيىن شاھزادنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئاستا-ئاستا چېكىنىپتۇ،ئوردىدا ئىلگىركىدەك ياخشى پىكىر قىلالماس بوپ قاپتۇ،پادشاھنىڭمۇ ئەندىشىسى تۈگەپ خاتىرجەم بوپتۇ.
يەنە بىرى قىز«دادام پېنسىيىگە چىقىپ ناماز باشلىدى»دەپتۇ،بىراق ئاخىردا يىگىت ئۇ ئادەمگە«مەن سىزدەك بىر دىنسىزنىڭ  قىزىڭىز بىلەن توي قىلالمايمەن. خوش ئەمىسە!»دەپتۇ،بۇنى ئىسلامنى گۈزەل ئەخلاقى دېگىلى بولمايدۇ،نىمىشقا ئەمدىلەتىن دىلى ئېرىگىلى قىلىۋاتقان،ئىسلامغا مايىل بولىۋاتقان ئىنسانغا  چىرايلىق گەپ قىلمايدۇ؟نىمىشقا ئولتۇرۇپ چىرايلىق پاراڭلىشىپ ھەقنى يەتكۈزۈپ باقمايدۇ؟ئۆزى بىلگەن نەرسىلەرنى«سەن مەن بىلگەننى بىلمەيدىكەنسەن سەن مەندىن ئەمەس»دەپ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالماي بىلگەنلىرىنى بىلگەنچە دەپ ياخشىلىققا چاقىرىپ باقسا بەلكىم شۇ سەۋەپ بىرەر ئىنساننىڭ ھەققە قايتىشىغا سەۋەپ بوپ قالسا بېھېساپ ساۋاپ ئالاتتى ئەمەسمۇ،پەيغەمبىرىمىز دىننى قانداق يەتكۈزگەن؟!
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىمنىڭ مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۋاتقان ئادەمنى دىنسىز دەپ ھۆكۈم قىلۋېتىدىغانغا،بولۇپمۇ پېشانىسنى سەجدىگە بېرىپ تۇرغان بىر ئادەمنى ئۇنداق دەيدىغان سالاھىيىتى يوق،دىللارنىڭ قانداقلىقىغا پەقەت ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ،ئاللاھ مۇناپىقلارنى ۋە سالىھلارنى بىزنىڭ باھالىرىمىزسىز ئوبدان بىلىپ تۇرغىچىدۇر،ئۇنىڭدىن باشقا قىزغىمۇ دىننى يەتكۈزۈپ باققان بولسا ،ئاللاھ ھېدايەت قىلىپ قالسا ھەققە قايتىشى مومكىن ئىدى،دىنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەجبۇرىيەتلىرنىڭ بىرى ياخشىلىققا بويرۇپ يامانلىقتىن توسۇشتۇر.
پۇتاق چىقاردى دەپ قالماسلىقڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن،بۇ ئەسەرنىڭ ئەدەبىي تىلغا يەنىمۇ ئىشلەپ،بايىقى نۇقتىلارنى تۈزىتىپ قايتا تەھرىرلىگەن بولسىڭىز بەكمۇ ياخشى بىر ئەسەر بولار ئىكەن،ياخشى ئېجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

UID
37204
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 15:02:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ئۆزگىچە   چىققان ھىكايىكەن ، تەسىرلەنگىنىمدىن   يىغلاپ سالدىم !  ئاللاھ  بىزنى مەغپىرەت قىلغاي!

كۆيۈمچان ئەزا

خوشاللىق ئۇنتۇل

UID
5688
يازما
91
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2191
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 16:23:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ، ئەھمىيەتلىك يېزىلغان ھىكايە ئىكەن . ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
483
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15065
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 18:39:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر، بەكمۇ تەسىرلەندىم.

كۆيۈمچان ئەزا

سالام غۇلجا

UID
4319
يازما
54
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
1974
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 21:21:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!!!

UID
44542
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2012-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-23
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 00:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا  تور  بىكەتتىمۇ   كۆرگەندەك   قىلغان  ،  بىراق  بۇنداق   تەپسىلى   ئەمەسكەنتۇق .....  ئەسەر  بەك  ياخشى   چىقىپتۇ  .......   ئەمدى   بىزنىڭمۇ  ئويغىنىدىغان   ۋاقتىمىز   كەپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش