تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1789|ئىنكاس: 23

قېنى، خوشە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
45409
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 21:15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قېنى، خوشە!

ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى   
(ھېكايە)



ـ خوشە!
ئۇ ساقى سۇنغان پىيالىنى قولغا ئېلىپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇرۇن ھاراق ئىچىپ باقمىغاندى، ھاراق سورۇنىغا قاتنىشىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى، شۇڭا سەل قورقۇپ قالدى.
-        خوشە!
يەتتە-سەككىز جۇپ كۆز ئۇنىڭغا تىكىلگەندى. ئۇ تېخىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتى. توۋا، ئەجەپ يامان سۆزكىنا بۇ «خوشە!» دىگەن. ھەممە ھاراق سورۇنىدا دېيىلىدىغان، ھەممە ئىچەرمەنلەر ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، ئادەتتىكىچىلا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئەجەپ چوڭقۇركىنا؟ ئۇ بۇ سۆزگە بۇرۇن راستىنلا ئانچە ئىرەن قىلمىغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى، جەلىپ قىلىش كۈچىنى بىلمىگەن ئىكەن. ئەقىلگە خوش دەيدىغان گەپ ئىكەنغۇ ئەسلى؟... ۋىجدانغا، ئەخلاق، ھاياغا... ئىشقىلىپ جىقلا ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە خوش دەيدىغان...
-قېنى خوشە!
ـ ئۈچەي-باغرىڭىغىچە سىڭسۇن!...
        ئۇ ئاخىرى قولىدىكى پىيالىنى كۆتۈرۋەتتى.
ـ ھەببەللى، ھاراق دېگەننى مانا مۇشۇنداق ئىچىدىغان..
ئۇنىڭ ئىچىنى بىر چوغ كۆيدۈرۈپ ئۆتكەندەك بولدى. بىردەمدە ئاغرىق مېڭىسىگە تەپتى. ئۇ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ يەرگە تۈكۈردى. چايدىن بىر ئوتلام سۈمۈرگەندىن كېيىن سەل-پەل ئارامىغا يۆتكەلدى.
ئۇ ئويلىنىپ قالدى. «نېمە سىر باردۇ مۇشۇ ھاراقتا؟ تايىنلىق زەھەردەك ئاچچىق سۇ ئىكەنغۇ؟ بىزنىڭ خەق مۇشۇ ئاچچىق سۇيۇقلۇققا نېمانچە ئامراق كېلىدىغاندۇ؟ تاتلىق بولسا قانچىلىك ئىچىدىغان بولغىيتتى؟ مەن ئەقلىمنى بىلگىدەك بولسام دادام نامى چىققان ئىچەرمەن ئىكەنتۇق. ھازىرمۇ ئىچىدۇ. مانا، مەنمۇ بۇ سەپكە قۇشۇلدۇم. لېكىن ئىچكەنگە مۈڭگۈز چىقىپ قالمايدىكەنغۇ؟ ئەمما يۇرتىمىزدا ئۆزىنى ئەر سانايدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچىدۇ. بۇنىڭ ئەلۋەتتە سەۋەبىمۇ بار. سان ھاراق ئىچمىسەڭ، ھاراق ئىچكەن سورۇنغا قاتناشمىساڭ، دوست-بۇرادەر، ئاغىينىلىرىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن. خۇددى ماڭا ئوخشاش چەتكە قېقىلىسەن. سېنى ئارىغا ئالمايدۇ، ھەتتا كۆزگىمۇ ئالمايدۇ. جىق ئىشلاردىن قۇرۇق قالىسەن. بىر قوي سويۇپ ئالالمىغان كۆڭۈلنى بىر شىشە ھاراق ئالالايدۇ، ھەل قىلالمىغان ئىشىڭنى ئاشۇ ھاراق ھەل قىلالايدۇ، شۇڭا ھاراق سورۇنىغا قاتنىشىشىڭ شەرت. قاتناشمايمۇ ئامال يوق. سورۇنغا قاتناشتىڭمۇ، دېمەك چۇقۇم چۇقۇم ئىچىسەن، دەسلەپ تارتىنىپ، قورۇنۇپ، دېلىغۇل بولۇپ رومكىنى قولۇڭغا ئالىسەن.سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى زورلايدۇ. ھاراق ئىچەلىسەڭ، ئۈلپەتلىرىڭ بىلەن رۇمكا سوقۇشتۇرۇپ، كەيىپ بولغاندا ھېچكىمگە گەپ بەرمەي سورۇننى بېشىڭغا كىيەلىسەڭ سەن نوچى، سەن ئوغۇل بالا، سەن ئەركەك! بولمىسا سەن يارىماس، سەن ئارلاشقۇچىلىكى يوق بىر ئادەم. ئىچەرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئەركەكلىك گۇيا ھاراق بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ساڭا زورلاپ يۈرۈپ بىر رومكىنى ئىچۈرۋالمىسا ئۇلارنىڭ كۆڭلى تىنمايدۇ. ھەممەيلەننىڭ دىققىتى سېنىڭدە، ئاشۇ بىر رومكىدا. ھاراق ئىچمىگەن ئادەمگە تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچۈرۈش بىز خەقنىڭ نەزىرىدە گۇيا يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىگە ئېرىشىشتەك كۆڭۈللۈك ۋە خوشاللىنارلىق ئىش. بىرنى ئىچتىڭمۇ، بولدى، شۇنىڭ بىلەن ماۋۇ مېنىڭ كۆڭلۈم، ماۋۇ يېڭى تۇنۇشقانلىقىمىز ئۈچۈن، ماۋۇسى دوستلىقىمىز ئۈچۈن...دەپ كۆڭۈللەر تۈگىمەيدۇ. رۇمكا ئايلىنىشتىن توختىمايدۇ. بىر-ئىككى رومكا، بىر-ئىككى پىيالە ھاراق دېگەن نىمە ئۇ؟ بىز ئۈچۈن گۇيا ئېرىقنىڭ سۈيىنى ئىچكەندەكلا بىر ئىش. رومكا بىلەن، پىيالە بىلەن، ۋېلسىپىتنىڭ قوڭغۇرىقى بىلەن، تاۋۇزنىڭ شاپىقى بىلەن، ھېجىر چىنە بىلەن، بوتۇلكا بىلەن، قىرلىق ئىستاكان بىلەن؛ شىشە-شىشەلەپ، يەشىك-يەشىكلەپ ئىچىش بىزنىڭ ئادىتىمىز. ئۆيدە، بازاردا، دۇكاندا، رېستۇراندا، قاۋاقخانىدا، تانسىخانىدا، كېچىلىك بەزمىخانىدا...گۇيا مۇز سۈيى ئىچكەندەك، شەربەت ئىچكەندەك، ھاجىلار مەككە مۇكەررەمدىن ئەكەلگەن زەمزەم سۈيىنى ئىچكەندەك قوغلىشىپ، تالىشىپ، قىزغىنىشىپ ئىچىشىمىز بار. ئىچىۋېرىپ تەڭشىلىپ، خۇدىمىزنى يوقىتىپ، تاپتىن چىققىچە بۇ ئىچىش توختىمايدۇ.ئانىسىغا بىر كىلو گۆش، خۇتۇنىغا بىر كىيىملىك رەخت ئېلىپ بېرىشكە چىقمىغان پۇل مانا شۇ ھاراق سورۇنىدا چىقىدۇ.ھەرقانداق پىخسىق ئەرمۇ ھاراق سورۇنىغا كەلگەندە ھاتەمدەك مەرتلىشىپ كېتىدۇ. ئاشۇنداق ئىچىۋېرىپ ئاخىرى ئۆزىمىزمۇ ئاۋۇ بوشىغان ھاراق بوتولكىلىرىدەك بىرلىرىمىز يول ياقىسىدا، بىرلىرىمىز يۇندا كارىزىدا يېتىپ قالىمىز، ھاراق بوتۇلكىسى چېقىلغاندەك بىر-بىرىمىز بىلەن مۇشتلىشىپ، ئېغىز-بۇرنىمىزنى قانغا بويىشىپ، پۇت-قوللىرىمىزنى سۇندۇرۇشۇپ، ھەتتا پىچاق ياكى پالتا بىلەن بىر-بىرىمىزنى ئۆمۈرلۈك مېيىپ قىلىۋېتىشلىرىمىز بار. مەستلىكتە ئاتا-ئانا، خۇتۇن-بالا، قۇلۇم-قوشنىلار ئالدىدا قىلىپ سالغان گۇناھ ۋە جىنايەتلىرىمىزچۇ تېخى؟!
ـ خوشە!...
بىردەمدە ئىچىش نۆۋىتى ئايلىنىپ يەنە ئۇنىڭغا كەلدى. ئۇ ئەمدى ئىچمەسلىك قارارىغا كەلگەندى.
ـ بولدى قىلىڭلار ئاغىينىلەر، مەن ئەمدى ئىچمەي.
ـ نى...نىمە؟ بىرنى ئىچتىڭمۇ؟ يەنە ئىچىسەن...
- ئىچەۋا تولا نېزىقىماي، سەن خۇتۇن كىشىمىدىڭ-يا؟
ئىچ دېگەندىن كېيىن ئىچ! پۇخادىن چىققۇدەك ئىچىمىز بۈگۈن. قورقما ئاداش، يىقىلساڭ يۆلەيدىغانغا مانا مەن بار...
ئۇ ئامالسىز پىيالىنى يەنە قولىغا ئالدى.
ـ مۇشۇنداقلا ئىچەمسىنوي؟
- ئەمىسە قانداق ئىچىمەن؟
- بىزغۇ ساڭا ئوخشاش كۆپ ئوقۇمىغان، شۇڭا ناخشا-پاخشا، كۈلكە-چاقچاقتىن باشقىنى بىلمەيمىز. سەن جىق ئوقۇدۇڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانچە-مۇنچە جىجىلايدىغان ھۈنىرىڭ بار، شۇنداق بولغاندىكىن بىرەر تال شېئىر-پېئىر، قوشاق-پوشاق دىگەنلەرنى ئوقۇپ بەرمەسەن؟ كالا مەنتەڭ ئىچكەندەك جىممىدە سۈمۈرمەي...
ئۇ ماقۇل بولۇپ ھېلىلا كاللىسىدا تۇقۇپ چىققان بىر رۇبائىينى ئۈنلۈك ئوقۇدى:
مەي ئىچمەك بىز ئۈچۈن كاتتا شەرەپ-شان،
بىر شىشە مەي بولسا تەييار تەندە جان.
ئىچتىقمۇ، ئىچىمىز تا ئىت بولغىچە،
نە پەرۋا ئۆرگىلىپ-چۆرگەلسۇن جاھان.
ـ ياشاپ كەت ئاغىينە!
-بارىكاللا، بىزنىڭ شائىرىمىز...
دېگەن بىلەن خېلى بىڭسىڭ بار جۇمۇ!
ئۇ پىيالىنى بىراقلا كۆتۈرىۋەتتى. ئۇ بۇ قېتىم باشقىچە يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى.
-خوشە!...
پىيالە ئايلاندى، ئايلاندى، يەنە ئايلاندى. ئەمدى يۈزلەر قىزىرىپ، كۆزلەر يېنىپ، گەپ-سۆزلەر بارغانسىرى لاۋزلاشقىلى تۇردى. بايىدىن بېرى كىشىلەرنىڭ ئىچىگە جىممىدە كىرىپ كەتكەن ھاراق ئەمدى ئۇلارنىڭ مەيدىسىگە تەپتى، يۈرىكىنى ئويناتتى، ئۇلارنى سۆزلەتتى، ھەممىسىنىڭ قېنى قىزىپ كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە ۋاراقشىپ قاينىغىلى تۇردى.
-قۇيە ھارىقىڭنى! ياسىن دېمىدىسى قۇيغاندەك قۇيماي، توشقۇزۇپ-توشقۇزۇپ...
-لىپمۇلىق...
-بېلىق كۆزى قىلىپ تازا...
-چىلاشقۇدەك ئىچىمىز بۈگۈن، ئەتە كىم بار، كىم يوق، قىيامەت قايىم بولامدۇ تېخى.
- ئاغزىڭنى ئۈشۈتمە پاڭقاي، قىيامەت قايىم بولسا بىزگە نەدىكى ھاراق؟ بىز تېخى ئىچىمىز، كۈلىمىز، ياشايمىز!...
-ماڭاۋە قارا زەڭگى، قىيامەت قايىم بولامدۇ-بولمامدۇ، سەن نىمىنى بىلىسەن؟ ئەۋلىيامىتىڭ؟
-تىللىما جۇمۇ ھەزلەك، ھېلى بىكار...
-ھەي، ھەي، ھەي! بولدى قىلىشەۋا، سەنلەرنقڭ ئۆيۈڭ ئەمەس ماۋۇ، كەنىت ئىشخانقىسى جۇمۇ، ھېلى چاتاق چىقىدۇ بىكار...
-توختاپ تۇرە، چوڭ دەپ ھۆرمەت قىلسام ھەجەپ ھۆركۈرەيدا ماۋۇ ماز...
مانا ماز دېگەن...
-بولدى قىلىڭلار ئاغىينىلەر... – ئۇ شۇنداق دەپ ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولۇپ ئىتتىك ئورنىدىن تۇرىۋىدى، بازغاندەك بىر مۇشت ئۇچۇپ كېلىپ بۇرنىغا «جاڭڭىدە» تېگىشى بىلەن كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ، ئورۇندۇققا پۇتلاشقىنىچە كەينىگە يىقىلىپ چۈشتى.
سورۇن بۇزۇلدى، جوزا ئۆرىلدى، تەخسە-پەخسە، بوتولكا-پىيالىلەر چېقىلدى. ئاڭغىچە بايا مۇشت ئاتقىنى تالاغا ئۆزىنى ئاتتى، ئۇنى قوغلاپ يەنە بىرسى چىقىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن قالغانلارمۇ يۈگۈرۈشتى.
-ھەي توختىغىنا، ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرنى قان ياتىدىغۇ؟
ئۆلمىگندۇ-ھە.
-ئۆ...ئۆتەپبارەۋە زاڭ، بىر شاپىلاققا ئۆلۈپ قالىدىغان پاشا بولمىسا ئۇ.
-توختاپ تۇرە، يۈرىكىنى تىڭشاپ باقاي.
-خۇداغا شۈكرى، يۈرىكى سوقۇۋېتىپتۇ.
-بېشىدىنمۇ قان چىقىۋاتامدۇ نېمە؟ تېز بول، ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىل، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى.
-ماقۇل، شۇنداق قىلايلى، قېنى خوشە!...
مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى» 2003-يىل 9-ئۆكتەبىر سانى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-19 19:37  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
30353
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 13:25:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شۇ ھاراق-تاماكا قاچانمۇ يوق بۇلار؟شۇ ھارامدىن قاچان تەلتۇكۇس تارتىلىپ،شەيتانغا باش ئەگمەي،پاكلىنىمىز؟
    شۇ ئادمگەرچىلىك،يۈز-ئابروي دىگەندەك باھانىلار تۇگىمەيدۇ بىز خەقتە!

    قېرىنداشلار،شۇنداق كۈنلەرگە تەشنا بىز ،ئەرلىرىمىز ھاراققا خوش ئېيتىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4400
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 17:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىش ئەشۇ سالا سۇلىنىڭ قۇربانى بۇلۇشتىن كېلىپ چىقدۇ، ئىرادە مۇستەھكەم بولسا باشقا بىر ئادەم ئۇنىڭ ئاغازىغا زورلاپ قۇيۇپ قۇيامدا؟ شۇ ھەر ئىنساننىڭ ئىرادىسگە ،نىيتىگە باغلىق . بەزى ئەرلىرىمىز ئۇزىنى مۇشۇنداق بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاپىسىغا بۇنداق سىېخلىق قىلمايدۇ، ئايالغا 5 كويلۇق ياغلىق ئېلىپ بېرىشكە كۆ زى قىيمايدۇ ، لېكىن ھاراققا كەلگەندە يانچۇقدا پول قالمىسا نىسىگە، ياكى پول قەرىز ئېلىپ ھاراق ئىچىدۇ ،توۋا مۇشۇ ئاچچىق نەرسىنىڭ مەرى شۇنداق تاتلىقمدۇ؟

UID
29745
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 18:19:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراقتىن ئىبارەت بۇ نىجاسەت ئەقلىمىزنى بۇلغىماقتا، جىسمىمىزنى زەئىپلەشتۈرمەكتە. غۇرۇرىمىزنى سۇسلاشتۇرماقتا. شەرمى - ھايا، پەدىشەپنى بىر چەتكە قايرىپ قويماقتا. ھېكايە قىسقا، جانلىق ھەم تەسىرلىك يېزىلىپتۇ. ئەمما بۇ ھېكاينى  ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىگە مەن نېمە ئۈچۈن ئىچىۋاتىمەن، دەپ سوئال قويۇپ، چوڭقۇر ئويلىىدىغانلار زادى قانچىلىك؟ ئويلىنايلى ھەم ئويغىنايلى! شۇ ھارام ھاراققا سىڭگەن كۆڭۈلنى دادىل رەت قىلايلى! شۇ ھاراق سورۇنىدا سىزگە مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ كۆڭلۈم دەپ ھاراق سۇنغان ئادەم، ئەتىسى بىرەر نەرسىگە ھاجەتمەن بولۇپ ئالدىغا بارسىڭىز، مۇنۇ ئازراق بولسىمۇ كۆڭلۈم، قىيىنچىلىقىڭنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھەل قىلىۋالغىن، دەپ كۆيۈنگەن، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا گەپ قىلارمۇ؟

UID
37204
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 23:42:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم   مەيلى ئەدىبى ئەسەردە بولسۇن ياكى رىيال تۇرمۇشتا بولسۇن   ئەشۇ ھاراق تىن كىيىن پالاكەتكە يولۇققانلانى ئاللاھ نىڭ رەھمىتىگە  ئۇچرىغان لا دەپ ئويلايمەن ، چۈنكى بىر ئۆمۇر ئىچىپ   ئادەم مىڭ سۆزلىگەن بىلەن  قىتىغا ئالماي ئادەمنى بىر تىيىن قىلىپ يۈر گەنلە   ھىچ بىر تامان قىلىغىنى   تاشلىغىلى ئۇنىماي دىكەن ، ئەشۇنداق بۇرنىغا يىسە ئاندىن ئادەم بولام دىكى تاڭ!  ئىھ ئاللاھ بەندىرىگە ئەقىل ھەم ئىنساپ بەرگەي  .

UID
37204
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 23:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىرىم كىچىدە مەس كىلىپ بالىلانى قورقۇتۇپ ، ئويغۇتۇپ تۇرۇپ جىدەل چىقارمىسا كۆڭلى ئارام تاپ ماي دىغان ، ھاراق كەشتىن باشقىنى دوس تۇت مايدىغان ئەشۇ ئەرلەنىڭ ھەممىسىگە  لەنەت بولسۇن!

UID
44964
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 03:23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئىچەمدۇق ، قېنى خوشە .

UID
42675
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 03:30:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراۋ بىزگە «قېنى خوشە» بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم دەپ ھاراق تەڭلەۋاتقان ۋاقىتتا، بۇ ساپ كۆڭلۈڭنى سېنى ئەجىر بىلەن ئۆستۈرگەن ئاناڭغا بەرگىن دەپ كەسكىن رەت قىلىش ھوقۇقىمىز بار، ئازراقلا بوشاڭلىق قىلدۇقمۇ بولدى ئۇلار زورلاپ ئىچكۈزىۋىتىدۇ، ھاراق زورلاشتىن دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ .

UID
11177
يازما
143
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1673
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 04:43:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراۋ سىزگە ھاراق تولدۇرۇلغان رۇمكىنى تەڭلىسە قولىڭىزدا ئېگىز ككتۈرۈپ زەردە  يەرگە ئاتالامسىز؟؟؟؟؟ مانا بۇ ھەقىيقى يىگىتلىك.
  ئاللاھ ھەممىمىزنى ھارامدىن يىراق قىلغاي.

باھا سۆز

qarak  ھەق گەپ!  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 13:32:17

يېڭى يۇلتۇز

www.xarar.cn

UID
43501
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 10:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ كۆپ بۇلىشىدا تۈرلۈك سەۋەپلەر مەۋجۈد.
1. ئاڭ مەسىلىسى. كىشىلەر ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلغان قىلمىغانلىقى، ھاراقنىڭ زېيىنىنى تۇنىغان تۇنىمىغانلىقى. ھازىرقى  بىلىم ئېگىللىرىنىڭ ئىدىيىسىمۇ تېخى تۇلۇق يىتىلمىگەن چىغى پۈتۈن ھاراقنى يەنە شۇلار ئىچىدۇ!
2. جەمىئەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى. بىزنىڭ جۇڭگۇچىلىقتا ھاراق-تاماكىغا چەك يوقمىكى، نەگىلا قارىسا مەندىن چوڭ قىلىپ لوزۇنكا ئىسىپ ھەرخىل ھەرياڭزا چىقىرىپ «ھاراق-تاماكۇ» دەپ يىزىۋالغان. يازغۇچى ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» دېگەن ئەسىرىدە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇلۇپمۇ شىۋىتسىيە دۆلىتىنىڭ ھاراققا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىنىق سۆزلىنىدىغان بۇلۇپ، ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ!

باھا سۆز

qarak  ئەڭ ئاۋال ئېتقادى توغۇرلانسا،ھارامنى ھارام دېيىشتىن قورۇقمىسا بولىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 13:33:23
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش