تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 804|ئىنكاس: 12

«شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» تىن تەرمىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
152
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
512
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-18
توردا
114 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» تىن تەرمىلەر
ۋاقتى: 2012-08-15 / ئاپتور: تەشنايى / سەھىپە: كىتابخۇمار / كۆرۈلۈشى:9 /

يىقىندا ئەدەبىي تەتقىقات ۋە دىننىي جۈملىدىن مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ گۈزەل ئەدەپ- ئەخلاقىغا ئائىت ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتكە تونۇلىۋاتقان نەزىرە مۇھەممەتسالىھنىڭ «شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. پۈتكۈل كىتاب بىرنەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە ئىسلام تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئايال زاتلارنىڭ تەرجىمىھالىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ بولۇپمۇ ھۆرمەتكە سازەۋەر سۆيۈملۈك قىزلىرىمىزنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدىكەن. تۆۋەندە شۇ كىتابتىن ئۈزۈندە ئىلىۋالغان بىر نەچچە قۇرنى ھوزۇرىڭىزلارغا سۇنماقچىمەن.

1. ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ ئالدى بىلەن ئاللاھ تائاللا ئىنساننى ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان ئۇلۇغ ئانىدۇر.

2.ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ خۇددى كىيىم بەدەنگە يىپىشقاندەك ئەرگە يىپىشىپ ياشايدىغان، ئاللاھ قەدىرلەشكە، قوغداشقا، ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا بۇيرۇغان خوتۇندۇر.

3. ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ «قۇرئان كەرىم» ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەندەك بېقىش، ياخشى ئوقۇپ تەربىيلەش ئەجرى ئۈچۈن ئاتا – ئانىسىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان قىزدۇر.

4. ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ ياراتقۇچى ئاتا قىلغان ئاياللىق تەبىئىتىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بىلەن ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقۇچى، جەمئىيەتنى تۈزىگۈچى ۋە ئىسلاھ قىلغۇچى جەمئىيەت ئەزاسىدۇر.

5.ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىنسان، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئەۋلادلارنىڭ تۇنجى باغۋېنى.

6.ئىسلام دىنى ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان ئشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش، بىر ئادەمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن يەنە بىر ئادەم جازالانماسلىق مىزانىنى ئاساس قىلغان. شۇڭا، ئادەم ئاتىنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشىغا ھەۋۋانى سەۋەبچى دەپ ئاياللارنى مەڭگۈلۈك يۇيۇلماس گۇناھقا ھۆكۈم قىلغان تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ئەكىسچە «قۇرئان كەرىم» شەيتاننىڭ ئادەم بىلەن ھەۋۋانى ئوخشاش ئازدۇرغانلىقى، جەننەتتىن قوغلىنىشىغا ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق خاتالىقى سەۋەپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ئەمەللەرنى ئۆلچەيدىغان مىزاننىڭ بىر ئىكەنلىكى، ساۋاپ ۋە جازادا تەڭ ئىكەنلىكىنىڭ كەينىگە يەنە ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە بولغان تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى يۇشۇرۇنغان ئىدى.

7. ئىسلام شەرىئىتىدە ئەرلەرنىڭ ھاياتى، كىشىلىك ھوقۇقى، ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە مال -مۈلىكى قانداق قوغدالسا ۋە دەخلى – تەرۇز قىلغۇچىلارغا قانداق جازا بېرىلسە، ئاياللارنىڭمۇ شۇنداق قوغدىلىدۇ ۋە ئوخشاش جازا بېرىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەرلەرنىڭ ئەخلاقى بىلەن كارى بولمايدىغان ئەھۋاللارغا قارشى ھالدا، ئەرلەرگىمۇ ئوخشاشلا ئىپپەتلىك بولۇش تەلىپىنى قويۇپ، بويسۇنمىغانلارغا ئوخشاش جازا بېرىدۇ.
8. گاھىدا رېئاللىقنىڭ بۈيۈك ۋە مۇكەممەل نەزىرىيەلەرگە ئەينەك بولالماسلىقى نەزەرىينىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنى تولۇق ۋە ئەسلىي مەنىسىدە ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەن ئىنسانلارنىڭ خاتالىقى.

9. ئايالنىڭ ئاياللىق تەبىئىتى ۋە ئىنسانى خارەكتېرىگە ھۆرمەت قىلىش، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بەلگىلەش بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى توغرا ۋە تەڭپۇڭ باشلاش ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللار مەسىلىسىدكى پرىنسىپى، ئىنسانىيەتنىڭ غايىۋېي بۈيۈك پەللىسى ئىدى. بۇ بۈيۈك پەللىنىڭ مەنزىللىرىدە ئايال ئۆز ئۆيىگە ئىپار چارىدىغان ئەتىرگۈل، ئىرى قولىدا يامان مەقسەد، يامان كۆزلەردىن ساقلانغان گۆھەر، بالىلارنى ئىتقاد ۋە ساغلام تەربىيە بىلەن سۇغارغۇچى مىھىر – مۇھەببەت بۇلىقى ئىدى.

10. زامانىۋېي جەمئىيەت مەكتەپ تەربىيىسىنى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتەك زور بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى.ئانىلار بالىلىرىنى يەسلىيگە، مەكتەپكە تاشلاپ بېرىپ، ئۆز ۋاقتىنى خىزمەت ئىجتېمائىي مۇناسىۋەت، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا سۆرەلمىلىك بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولدى. ھازىرقى زاماندىكى ئائىلە بىرلىكى ۋە مىھېر – مۇھەببەتنىڭ يوقىلىشىدا ئۇلارنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار. بالا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىز مۇھىتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىدۇ. بالىنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە خارەكتېر پىسخىكىسى ئائىلىدە تەدرىجى شەكىللىنىدۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. ھالبۇكى بالىلارنىڭ ئۆز تەڭتۇشلىرىدىن ئۈگىنىدىغانلىرى تولىمۇ ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار ساپاسى ئاياللارنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم زۆرۈرىيەت. ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى رولى ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭكىدىن زور.

11. ئايالنىڭ ۋاقتى تۈگىسە مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ. ئاياللاردىكى ئالامەتلەردىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ بىشارەتلىرىنى كۆرىدۇ.

12. ئەركىنلىك شۇئارى ئاستىدا بەس – بەستە كوچىغا چىقىۋالغان ئاياللارنىڭ ئەمدى يۈرەك پارىلىرىنى مىھرى بىلەن سۇغىرىشقا، ئەرلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ مىھىر بېرىشكە ۋاقتى چىقمايدىغان بولدى، بالا قۇپقۇرۇق چوڭ بولدى، ئۇنىڭ قەلىب چوڭقۇرلىرىغا ئانا مۇھەببىتىنىڭ ھارارەتلىرى، ئىنسانىي ھېس – تۇيغۇ ۋە روھىنىڭ نۇرلىرى يىتىپ بارالمىدى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
30353
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كىشى قەلبىنى يورىتىدىغان ،كىشىنى ئويغا سالىدىغان تەرمىلەر ئىكەن،بۇ كىتابنى كۆرمەپتىمەنكە،سىتىۋالسام بولغىدەك.

كۆيۈمچان ئەزا

ئى ئاللا بىزنى ت

UID
2656
يازما
127
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4327
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتۈن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئوقۇپ چىقىشقا تىگىشلىك ئىسل كىتاب ئۇ.

UID
37204
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-18
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپنى  « بىر كىتاپ بىر ئالەم » سەھىپىسىدە تونۇش تۇرغاندىلا   كۆڭلۈگە ئۇ كىتاپنىڭ ئىشقى چۈشۈپ ئوقۇپ چىقىۋىدىم ، ھەقىقەتەن پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللىرى  ھەم ئۇيغۇر ئاياللىرى بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ . ئىسلام نۇرى چاقناتقان ئايال  تىمىسىدىكى ماقالىمۇ   بەك ياخشى كەن ، تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت !  مۇشۇنداق كىتاپ نىڭ بارلىغىنى بىلمەي دىغان   دوسلاغا چوڭ ياردەم بوپتۇ

كۆيۈمچان ئەزا

ئى ئاللا بىزنى ت

UID
2656
يازما
127
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4327
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yultuz0903 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-16 23:29
بۇ كىتاپنى  « بىر كىتاپ بىر ئالەم » سەھىپىسىدە تونۇش تۇ ...

   بۇ كىتابنى بىر كىتاب بىر ئالەمدە تونۇشتۇمىغاندۇ؟ئەگەر راستلا تونۇشتۇرغان بولسا كۆرۈپ باققان بولسام بولاتتىكەن.  نەچچىنچى سانىدا تونۇشتۇردى؟

UID
37204
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-18
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ  كىتاپ نەشىر قىلنىش  مەزگىلىغۇ دەيمەن   ئىككى يىللار ئالدىدا تۇنۇش تۇرۇپ تڭكەن

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
152
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
512
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-18
توردا
114 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yultuz0903 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-17 14:31
شۇ  كىتاپ نەشىر قىلنىش  مەزگىلىغۇ دەيمەن   ئىككى يىللار  ...

ئىككى يىل ئالدىدا ئۇ پروگىرامما تېخى يوقتەك قىلاتتى، ئىسىڭىزدە خاتا تۇتىۋالدىڭىزمۇ قانداق؟ ئۇ كىتاب 2004 - يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپتىكەن، ئىسلام ئەخلاقى بىلەن  مىللىي ئەخلاق مەسىلىسىگە تولىمۇ ئىلمىي نوقتىدىن قاراپ مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىگەن ماقىلىلەر بار. ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ بېقىشىڭىزلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
481
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
15063
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر دوستۇمنىڭ ھەدىيەسى بىلەن ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالىغانىدىم،بەك ياخشى كىتاب.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
616
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
616
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-17
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           كېتابنى يازغۇچى ئاپتورنى ئەسكەرتمەي ياخشى قىلماپسىز . ئېسىمدە خاتا تۇتىۋالمىغان بولسام ، كىتاب يازغۇچى ، مۇھەممەد سالھنىڭ قىزى بولىدىغۇ دەيمەن . بۇ خېلى بۇرۇنلا نەشىردىن چىققان كىتاب ئىدى . ئاپتورنىڭ ئىسمىنى پەقەتلا ئىسىمگە ئالالمايۋاتىمەن . بىلىدىغانلار ئەسكەرتىپ قويۇڭلار . نەزىرە مۇھەممەد سالھ مۇ ئىشقىلىپ . ئاپتۇرغا شۇنداقلا تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-17 21:29):
تېمىنى تولۇق ئوقىمايلا ئىنكاس يېزىپتىمەن ، ئۆزىرە .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-17 21:30):
بەك سەت بولدى .

تىرىشچان ئەزا

www.teshnayi.com

UID
16297
يازما
152
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
512
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-18
توردا
114 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2012-8-17 23:28
كېتابنى يازغۇچى ئاپتورنى ئەسكەرتمەي ياخشى قىلما ...

  تېمىنى ئەستايدىل ئوقۇساق ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلگەنلىكىنى بايقايمىز!! يەنە بىر قۇر قاراپ بېقىڭ...ئۇچراپمۇ قالار

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-18 02:01):
ئاپلا، مەنمۇ «تولۇقلىما» نى كۆرمەي يىزىپتىمەن، ئۆزرە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش