- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 39
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 40
- تىزىملاتقان
- 2012-7-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-29
- UID
- 43988
- يازما
- 39
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 40
- تىزىملاتقان
- 2012-7-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-29
- توردا
- 30 سائەت
|
يىمەكلىك تازىلىغى، يىمەكلىك سۈپىتى يېقىندىن بۇيان كۆپ مەسىلە چىقىۋاتقان، كۆپ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن بولۇپ قالدى. تېلۋىزور، گېزىت ۋە تورلاردا يىمەكلىك تازىلىغى، يىمەكلىك سۈپىتى ۋە يىمەكلىكنىڭ ھالاللىغىغا دائېر پاكىتلىق ئۇچۇرلار، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە گۇمانلار يامرىماقتا، ئىستىمالچىلار گاڭگىرىماقتا.... جەمىيەت تەرەققى قىلغانسىرى پاكىز، ھالال يىمەكلىكلەر بىزدىن شۇ قەدەر يىراقلاپ كەتتىمۇ؟!
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تېلۋىزور ۋە باشقا تاراتقۇلاردا بېرىلگەن پاسكىنا ئەخلەت مايلارنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئەخلەت سۆڭەك ماتىرىياللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، ھەرخىل تېتىتقۇلارنىڭ خۇرۇچلىرى، تەييار يىمەكلىك،قوشۇمچە يىمەكلىك،سۈت ۋە سۈت پاراشوگى، ئىچىملىك، مېۋە ئۇيۇتمىسى .... قاتارلىقلارنىڭ تەركىۋى، خۇرۇچلىرى ۋە ياسىلىش جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئارقىلىق، كۆپ قىسىم زىيالىلار ۋە ئۇقۇمۇشلۇق قاتلامدىكىلەر يىمەكلىككە دىققەت قىلىشقا باشلىدى ھەمدە قىممەت بولسىمۇ ئۆزىمىز ئىشىنىدىغان، پاكىز يىمەكلىكلەرنى سېتىۋىلىشقا يۈزلەندى. پەرزەنتلەرگە قېلىنىدىغان نەسىھەتكىمۇ سىرىتتىن قالايمىقان يىمەكلىكلەرنى سېتىۋالماسلىق، قالايمىقان قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك نەسىھەتى قوشۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما پۈتۈن جەمىيەتكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇلار يەنىلا ئاز ساننى ئىگەللەيدۇ. كۆپ سانلىق تۇرمۇش سەۋىيەسى ئوتتۇرا-تۆۋەن قاتلامدىكى ئامما يەنىلا يۇقارقىدەك ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز. بولۇپمۇ مەكتەپلەر ئەتراپىغا جايلاشقان دۇكانلاردىكى يىمەكلىكلەر شۇقەدەر سۈپەتسىز ۋە ئەرزانكى(مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەخلەت يىمەكلىك)، بۇنداق يىمەكلىكلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە خۇرۇچلىرى زىيالىلار ۋە ساۋاتلىق ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزگە سىر ئەمەس! لىكىن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە بەرگەن پارچە خىراجەت پۇلىنىڭ قەيەرگە، نىمىگە خەجلەنگىنىنى بىلمەيدۇ ۋە سۈرۈشتۈرۈشكە ۋاقتى يوق. بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلۇق ئوقۇتقۇچىلار بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ تەربىيە ئىشلەۋاتقان، پەرزەنتلەرگە مەسئۇلىيەتچان مەكتەپ مۇدىرلىرى ئەتراپتىكى دۇكانلارغا، يايمىچىلارغا چەك قويۇۋاتقان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا دائېرىسى بىر قەدەر تار بولماقتا. سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئىسىتمالچىلار جەمىيەتلىرىدە چوقۇم بۇ خىل ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى چەكلەشكە دائېر چارە بەلگىلىمىلەر بولۇشى مۆمكىن، لىكىن بۇلارمۇ يىتىشەلمىسە كېرەك. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتنى مەن يەنىلا ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىدا بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار، سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلىرىڭلارنىڭ سىرىتتىن نىمىلەرنى سېتىۋىلىپ يەۋاتقانلىغىغا دىققەت قىلامسىلەر-يوق؟ پەرزەنتلىرىمىز قانداق يىمەكلىكلەرنى يەۋاتىدۇ؟ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى سېتىۋىلىپ يېيىشىدىن قانداق ساقلىنىشىمىز كېرەك؟! پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەقلى-ھۇشى بىلەن ساغلام چوڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئائىلىمىزنىڭ، جەمىيەتنىڭ، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇشۇ بىر ئاددى ئەمما خەتەرلىك مەسىلە ئۈستىدە ئورتاق ئويلىنىپ كۆرسەك قانداق؟؟!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 18:34
|
|