كۆرۈش: 11355|ئىنكاس: 50

‹‹ئەڭ ئاخىرقى كۆل››نىڭ سېسىق پۇرىقى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
230
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6261
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-30
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 19:58:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ‹‹ئەڭ ئاخىرقى كۆل ››ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى يېقىنقى زامان تارىخمىزدا ئىشلەنگەن مەيلى سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ياكى ئاكتىيورلارنىڭ ئوبراز يارىتىش ماھارىتى جەھەتلەردىن بولسۇن بىر قەدەر ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم .يېقىندا بۇ فىلىمنى تېلىۋىزوردا قايتا كۆرۈپ مەن ئىلگىرى بۇ فىلىم ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم .چۈنكى بۇ فىلىم تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيەسىنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئىشلىگەن خېلى يامان تەسىر قوزغىغان ئەسەرلىرىنىڭ بىرى .ھالبۇكى بۇنداق ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا بىر قەدەر ئەتراپلىق چۆككەن تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەش بۇ سىتۇدىيەگە ياكى باشقىلارغىمۇ ئانچە نېسىپ بولمىدى .شۇڭا بۇندىن كېيىنكى ئاكتىيورلار ۋە رېژېسورلارنىڭ بۇرۇنقى فىلىملەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ۋە مەغلۇبىيىتى ھەققىدە ئويلىنىش ھەم ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەش مەجبۇريىتى بار .
       بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا تەكلىماكان يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ جانلىق كارتىنالىرى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹قۇرتلاپ كەتكەن كۆل››ناملىق پوۋىستىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن .فىلىمدە رول ئالغان ئاكتىيورلارمۇ ئوبرازلارنى ياخشى يارىتىپ  ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئىمكانىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .بۇ فىلىم يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تەرىپلىنىشكە ھەقلىق بولسىمۇ ئەمما فىلىم مەزمۇن جەھەتتىن بىرقانچە نۇقسانلاردىنمۇ خالى ئەمەس .
.    1.فىلىمدە قۇمقۇيرۇق ناملىق يېزىدىكىلەر سېسىپ كەتكەن كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىشگە رازىكى قۇدۇق قېزىپ چىقىرىلغان سۇنى ئىچىشكە قارشى چىقىدۇ .بۇ كىشىلەر بولسا پاكىزلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان مۇسۇلمان خەلق ھەرگىزمۇ سېسىق نەرسىلەرگە ئۆزىنى ئۇرىدىغان ،سېسىق كۆلدىن مەدەت تىلەيدىغان  ياۋايىلار ياكى ھايۋانلار ئەمەس ئىكەن.تەكلىماكاننىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە شۇنداق ئىش يۈز بەرگەن بولسا قېنى بىرەرسى چىقىپ پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىسۇنمۇ ؟!بۇ پۈتۈنلەي سەپسەتە بولماي نىمە ؟كىممۇ پاكىز سۇ تۇرغان يەردە مەينەت كۆلگە ئېسىلىۋىشنى خالىسۇن ...ئەجىبا فىلىمدە 15 ياشلىق نۇسرەت بىلەن ئامانگۈل قاتارلىق ئۆسمۈر قىزلار بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن يەردە ،شۇ يېزىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەنمىدۇ ؟ئۇلار نىمە دەپ كۆلگە ئېسىلىۋالىدۇ چوقۇم بىر سەۋەبى بولىشى كېرەققۇ .
      2.فىلىمدە يەنىلا دىندارلارنى خۇراپى ،يېزىلىقلارنى ئەخمەق كۆرسىدىغان مەدىنىيەت ئېنقىلاۋىدىن  قالغان فىلىم ئىشلەش ئۇسلۇبى ئىشلىتىلگەن .ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسلى ئەسىرىدە ئۇيېزىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىدىكى ئەگرى توقايلىقلار ،ئىجابى ھەم سەلبىلىكلەر نۇسرەتنى مەركەزقىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا بۇ تىلىۋىزىيە تىياتىرىدا كىشىلەرنى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈپ ياخشى يامان ئادەم ئوبرازى يارىتىلغان .بۇ سەنئەتنىڭ چىنلىقىغا يازغۇچى رېژىسورنىڭ ئوبراز يارىتىش خىسلىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس . كىشىلەر خاراكتېرىنىڭ بۇنداق ئىككى خىللا قېلىپتا بولمايدىغانلىقىنى يازغۇچى جالالىدىن بەھرام توردىكى سۆھبەتتىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن .ئەجىبا ئۇ يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىدىكى زىدىيەتلەر ،دۇنيا قارىشىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر فىلىمدىكىدەك شۇنداق ئاددى ھەم ياسالما بولىشى كېرەكمۇ ؟!كىشىلەرنى بۇنداق قۇتۇپقا بۆلۈپ ئوبراز يارىتىش كىمگە كېرەك بولۇپ قالدى ؟!
     3.ئەختەم ئۆمەر يازغان ئەسلى ئەسەردە قۇدۇق قېزىش ئەترىتى يوق ،ئەسكەرلىكتىن كېلىپ يېزىغا قۇدۇق قېزىش ئەترىتىنى باشلاپ كېلىدىغان سىدىقمۇ يوق ،نۇسرەت بىلەن ئامانگۈلمۇ قۇدۇق قېزىش ئەترىتىنىڭ ئەتراپىدا لاغايلاپ يۈرمەيدۇ .نۇسرەت  بولسا چىنلىققا ئىگە يارىتىلغان جېنى بار ،يېزىلىقلارغا خاس خىياللىرى ھەم ئاجىزلىقلىرى بار مەسۇمە قىزنىڭ ئوبرازى .بۇ ئەختەم ئۆمەرنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىمۇ ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن تىرىك رېئالىزىملىق تىپ يارىتىش ئۇسۇلى .لېكىن فىلىمدىكى نۇسرەتنىڭ بىر قانچە تەرىپى ئەسەردىكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھېساپقا ئالمىغان نۇرغۇن يەرلىرى يەنىلا كونا ھېندىستان فىلىملىرىدىكى باش قەھرىماندەك كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان سۈنئى پىرسوناژدىن ئىبارەت .ئەسلى ئەسەر بىلەن فىلىمنى كۆرگەنلەرگە پەرىقنىڭ قانداقلىغى مەلۇم.
     قىسقىسى فىلىم يۇقارقىدەك سېسىقچىلىقنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان ،بۇ بابكارنىڭ كۆلىدىن چىققان پۇراقنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان مەنىۋى ئەخلەتلەر ئىدى .فىلىم ئىشلەنگەندە پۈتۈنلەي تەشۋىقاتقا ئېسىلىۋالمان ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسلى ئەسىرىنى ئاساس قىلغان بولسا ئەلۋەتتە‹‹ قۇدۇق قېزىش ئەترىتى ››نىڭ ئېسىل خىسلەتلرىىنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە يېزىدىكى خەلقنىڭ سېسىق كۆلگە ئېسىلىۋىلىشىغا بىر سەۋەپنى قوشۇپ قويغان بولسا .نۇسرەت ئامانگۈل قاتارلىق يېزا قىزلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىندۇۋۇداللىقىنى ئىپادىلىگەن بولسا ،فىلىمدىكى دىندارلار پۈتۈنلەي يامان قىلىۋىتىلمەي ئۇلاردىمۇ ئېنسانغا خاس ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەر بولغان بولسا بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرى تېخىمۇ تۇرمۇشچانلىققا ئىگە رېئالىزىملىق خۇسۇسيىتى يۇقىرى ئېسىل تېلىۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ چىققان بولاتتى .

مەنبە:ئۆز قەلىمىم

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44953
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 22:15:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار تۈزۈك كىنو ئىشلىمىگنىگە نى زامان بوپ كەتتى ،

كۆيۈمچان ئەزا

خوشاللىق ئۇنتۇل

UID
5688
يازما
106
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2206
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 22:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ بۇ فىلىمنى خېلى ياخشى چىققان فىلىم دەپ قارايمەن. مەن ئوقۇغان نۇرغۇن كىتاپلاردىمۇ ئاشۇنداق رەزىل سۇپى ئىشانلار كۆپ ئىدى . ئۇ زامانلاردىكى نادان موللىلارھەمدە موللا تونىغا ئورىنىۋالغان مۇناپىق ئىنسانلار دېھقانلارنىڭ  ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاشۇنداق رەزەل ئىشلانى قىلىپتىكەن . بۇ فىلىممۇ شۇلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن .  شۇ زامانلاردا بىر قىسىم موللىلارنىڭ قىلغان پەسكەش ئىشلىرنى بىزلەر ئېغىزغا ئېلىشتىنمۇ ئۇيىلىمىز . ھازىرقى موللىلار ئوقۇغان دىننى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشەنگەن بولغاچقىمىكىن بۇرۇنقى ئىشلارنى بۇلارمۇ قوللىماسلىقى مۇمكىن .فىلىمنىڭ مەزمۇنىنىڭ ياخشى چىقىشى ھەم فىلىمنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى مەزمۇنلارنى قوشۇشقا ھەمدە  بەزى مەزمۇنلارنى چىقىرۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ . كىتاپ ئوقۇش بىلەن فىلىم كۆرۈشمۇ ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . ئوقۇغان چاغدىكى ھىسيات ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ .   ئىشقىلىپ مەن بۇ فىلىمنى مۇۋەپىقىيەتلىك چىققان فىلىم دەپ قارايمەن .

UID
34340
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-19
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 00:34:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى كۆرۈنۈشلەر ئادەمنى ھەقىقەتەن بىزار قىلىدۇ.

UID
39194
يازما
61
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
61
تىزىملاتقان
2012-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-5
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 04:27:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
39194
يازما
61
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
61
تىزىملاتقان
2012-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-5
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 04:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
37204
يازما
162
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
162
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
122 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 11:24:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قۇرۇتلاپ كەتلەن كۆل» ھەقىقەتەن ئىسىل چىققان پوۋستتى ، مەن ئۇ ئەسەرنى تولۇق ئوتۇۇرىدا   ئەدەبىيات دەرس ئۆتىۋاتقاندا ، دەرس تىن ۋاقىت ئاجىرتىپ بالىلاغا ئوقۇپ بەرگىنىمدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ قىزلا يىغلاپ كەتكەن ، تارىم ژورنىلىدا تۇنجى ئىلان قىلىنغان ۋاختىكەن شۇ. راس مەن كىيىن ئۇ كىنو نىڭ ئىشلەنگىنىنى ئاڭلاپ  ناھايىتى زور ئۈمىت بىلەن كۆرۇشنى باشلاپ تولىمۇ ئۈمىتسىز ھالەتتە ئاخىرلاشتۇرغان ئىدىم .  لىكىن نىمىدىن ئۇمىت سىزلەن گەنىمنى سىز  تىپىپ چىقىپسىز . ئەر چىنلىقىغا ھۆرمەت قىلىپ ئەسلى ئەسەر مەزمۇنى بويىچە ئشلىسىچۇ ؟ دەپ قالغان ئىدىم . رەھمھت  سىزگە !

UID
38900
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مېنىڭچە ، بۇ خىلدىكى كىنولارنى ياخشى كىنو دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ . سەۋەبى شۇكى :
   1. كىتابتىكى ئەسلى مەزمۇندىن چەتنىگەن ۋە بۇرمىلىۋېتىلگەن . يەنى ، يازغۇچىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىغان .
   2. ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى  ياكى غەلبىنى مەجبۇرىي ھالدا يۇقىرى رەھبەرلىككە ، پارتىيەگە تېڭىپ قويغان .
   بۇ يەردە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسقا ئەسەرنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەي ،
   ئىچكىرىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ، بىر زاۋۇت قۇرۇلۇپ ، گىرمانىيەدىن ئۈسكۈنە كىرگۈزۈپتۇ . يەنە ، گىرمانىيە تەرەپتىن بىر تېخنىكنىمۇ ئالغاچ كەپتۇ . زاۋۇت قۇرۇلۇپ ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا شۇ يەردىكى چوڭ باشلىقلار ،رەھبەرلەرمۇ تەكلىپ قىلىنىپتۇ . رىياسەتچى مۇراسىمىنىڭ باشلىنىش سۆزىنى :‹‹ پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە ، يۇقىرى رەھبەرلىكنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ...›› ، تەرجىمان تېخنىكقا بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلىپ بېرىپتۇ . تېخنىك ھەيران قالغان ھالدا :‹‹ نەدە شۇنداق ئىشلار بولدى؟..›› دەپ سوراپتۇ ھەيرانلىقتا . تەرجىمان :‹‹ بۇ دېگەن قائىدە ›› دېگەندەك بىر نېمىلەرنى دەپ ئۇنى بېسىپتۇ .
   ئۇزاق ئۆتمەي زاۋۇتتىن تېخنېكىلىق مەسىلە كۆرۈلۈپتۇ . زاۋۇت باشلىقلىرى سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىكەن . گىرمانىيەلىك ھېلىقى تېخنىك :‹‹ پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە ، يۇقىرى رەھبەرلىكنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ...›› دەپ سۆز باشلاپتۇ . تەرجىمان بۇ سۆزلەرنى تەرجىمە قىلماي ئۇنىڭ بىلەن تالاش - تارتىشقا چۈشۈپتۇ . ‹‹ سىلەر جوڭگۇلۇقلارنى چۈشەنمەك بەك تەس ئىكەن ...›› دەپتۇ تېخنىك ...
   قوشۇمچە :
   رايۇنىمىزدا كىنو - تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدى دېيىش، بۇ  قېپقىزىل بىر ئالدامچىلىق . خەلق ھەقىقىي بىر مەنىۋىي ئوزۇق ئالغۇدەك ، ئۆزگىچە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە ، تېتىملىق بىرەر كىنولار مەيدانغا كەلگىنى يوق . ئەگەر ، قانداقتۇر بىر غايىۋى بېسىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدىكەن ‹‹ يېڭىلىق ›› ، ‹‹ئىجادىيلىق››  دېگەنلەردىن سۆز ئېچىش ــ بۇ بىر ئەخمىقانىلىق !!  
    تېلېۋىزورغا قاراپ باقايلى ، ھە، دېسىلا تارىخىي كىتابلاردا ئوقۇپ ، مۇئەللىملەر يادلىتىپ ، قايتا - قايتا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلىنىپ ياد بولۇپ كەتكەن ئۇرۇش كىنولىرى ،... يەنە ، ‹‹ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ›› مەزگىلى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ۋەقەلىكلەر . نېمە قىلىدۇ شۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھېلىدىن ھېلىغا ئەسلىتىپ ؟ شۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئورنىنى بىرى كېلىپ تولدۇرۇپ بەردىمۇ ؟ شۇ سەۋەنلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە كېم سەۋەبچى بولغان ، بىرەر كىنوسىدا شۇلارنى سۆرەپ تارتىپ چىقىپ تەنقىد قىلىپ باقتىمۇ ؟ نېمە پايدىسى ؟!! خەلق شۇ كىنولارنى كۆرۈپ باي بولۇپ كېتەرمۇ ؟ ئاڭ ــ ئىدىيەسى ئېچىلىپ ، سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلەرمۇ ؟!

   بەلكىم ، گەپلىرىم سەل قوپال ھەم ئارتۇق كەتكەن يەرلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن ، مېنىڭمۇ ياقتۇرىدىغان كىنولىرىم بار .مەسىلەن : ‹‹ غېرىب - سەنەم ›› ، ‹‹ ئالىمجان بولۇمسىز ›› ، ‹‹ مۇھەممەدنىڭ 2008ـ يىلى ›› قاتارلىقلار ... ‹‹ قىرلىق ئىستاكان›› نىمۇ ياقتۇرىمەن .   ‹‹ ساراڭ ›› غا كەلسەك ، بۇ ئەسلىدە بىر ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىدى .ئەمما ، كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن چاغدا ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىلىدىغان ‹‹سىر›› نى ،يەنى ، ۋەقەلىكنىڭ تۈگۈنىنى بېشىدىلا ئېچىۋېتىپ ، ناھايتىمۇ بىر چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ( سەمەتنىڭ ھېلىقى قىمارۋازنىڭ پۇلىنى تىقىۋېلىپ ، ئۇنىڭ ساراڭ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇشى ). بۇ يەر دەل مۇشۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنى ئىدى .
   

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم-ئاتئال

UID
3156
يازما
119
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
4050
تىزىملاتقان
2010-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-9
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:12:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇ فىلىمدىكى نۇسرەت ئوبرازىغا تولىمۇ قايىل.ھازىرمۇ شۇنداق ئەھۋاللار بارمىدۇ بەزەن جايلاردا؟

باھا سۆز

buerezat  قەتتى يوق،ھازىرقى ‹‹نۇسرەت››لەر بەك يامان...  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 23:24:37

UID
44964
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 12:26:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qong يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 12:03
مېنىڭچە ، بۇ خىلدىكى كىنولارنى ياخشى كىنو دېيىشكە قە ...

نادىر ئىنكاس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش