تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2157|ئىنكاس: 13

ئايالنىڭ نامى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
42931
يازما
15
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-7-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-22
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 18:24:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئايالنىڭ نامى

   قايسىبىر ئورگان مەسئولى قول ئاستىدىكى خادىملارنى تەنقىد قىلىپ:‹‹ بۇ ئورگاننى ئاناڭ قۇرۇپ بەرگەنمۇ؟››دەۋاتىدۇ.   قايسىبىر ئەر غەزپىنى باسالمىغان ھالدا خۇتۇنىنى: ‹‹ئاناڭنى قەلەندەرنىڭ بالىسى...››دەپ ھاقارەتلەۋاتىدۇ.   قايسىبىر ئوقۇتقۇچى كەپسىز ئوقۇغۇچىسىغا گەپ ئاڭلىتالماي،زەھەردەك نەشتىرىنى سانجىپ: ‹‹ئاناڭنى ياغاچ قۇلاق،كۈن چۈش بۇلغۇچە ئاناڭنىڭ قازىنىغا قاراپ ئولتۇرغۇچە ئەتگەنرەك كەلسەڭ بۇلمامدۇ؟›› دەپ تەنقىدلەۋاتىدۇ.   قېينىئانىسىنىڭ نەسىھەتلىردىن زىرىككەن كىلىن: ‹‹تولا كوتۇلداپ،مېڭەمنى يەپلا كەتتى بۇ جادۇگەر...››دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزمەكتە.   بالسىغا گەپ ئاڭلىتالمىغان ئانا‹‹ چوشقىنىڭ بالىسى...ئتنىڭ كۈچۈگى...تۇخۇنىڭ پوقى...››دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بالسىغا تەربىيە قىلماقتا.   بىزدە يەنە كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققىي بارمۇ؟›› ‹‹تول خۇتۇندەك كوتۇلدۇما›› ‹‹ھورۇن خۇتۇننىڭ پايتىمىسىدەك سېسىق ھەم ئوزۇن››،‹‹ ئىت ۋاپا، خۇتۇن جاپا››...دىگەندەك تۇراقلىشىپ كەتكەن سۆز جۈملىلەر بار.   ئونداقتا،ئاتا ئانىنىڭ يۈرەك پارسى سۈيۈملۈك قىزى؛ ئەرنىڭ قەدىردان ئايالى،ھالال جۈپتى ؛ پەرزەنىتنىڭ غەمگۇزارى،كۈيۈمچان ئانىسى؛ ئنسانىيەت ئالىمىنىڭ مېھىر-مۇھەببەت بۇلىقى؛ مەنىۋىيەت گۇلىستانىنىڭ پەرۋىشكارى بۇلغان ئايال نامىنىڭ ئاڭسىزلارچە،ھاياسىزلارچە كەمسىتىلىشى،ئەيىبلىنىشى ۋە بارغانچە كېڭىيىپ بىرشىدىكى مەسئولىيەتنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟   فىئوداللىق ئەخلاق مىزان،جىنسى كەمسىتىش ۋە خۇراپاتلىق ئديەلەرنىڭ تەسىرى.يەنى،ئاياللار سىياسى ھاكىميەت،ئەرلەر ھاكىميىتى،ئورۇقداشلىق ھاكىميىتى،دىنىي ھاكىميەتنىڭ ئسكەنجىسى ئاستىدا يەنىمۇ رايىش،يەنىمۇ قائىدە يۇسۇنلۇق بۇلۇشقا تۇغرا كەلدى ،قايدە يۇسۇنلۇق رايىش بۇلۇش ئاياللار ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ ئۆلچىمى،شەرىتسىز بۇيسۇنىشى ئەرلەرنى ھۆرمەتلىگەنلىك دەپ قارالدى.قىز بالا بۇلغىنى ئۈچۈن ئەتراپلىق تەربىيەدىن مەھرۇم قىلىندى.ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ئنسانلىق ھۇقۇقىغا ئېرشەلمىگەننىڭ سىرتىدا ،ھەتتا ئەرلەرنىڭ قىلمىشلىرنىڭ ئازابىنى تارتىشقا تۇغرا كەلدى.مەسىلەن ئەرلەرنىڭ يۈز ئابرۇيى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ سىرىتنىڭ ئشلىرغا ئۆيگىلا بېكىندۈرۋېلىشى،ھەتتا سوۋغات سۈپۈتىدە باشقىلارغا ھەدىيە قىلنىشى...قاتارلىقلار.بىر قۇلۇپ بىر قانچە ئاچقۇچتا ئېچىلسىمۇ ياكى بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قانچە قۇلۇپنى ئېچىۋەتسىمۇ،يەنىلا قۇلۇپ بۇزۇق،ئاچقۇچ گۇناھسىز بۇلغىنىدەك ،ئەينەك تاشقا تەگسىمۇ ياكى تاش ئەينەككە تەگسىمۇ ئوخشاشلا ئەينەك چېقىلىپ تاش ئەيىبلەنمىگەندەك...مۇتلەق كۆپ ھاللاردا ئەخلاق مەسىللىردە يەنىلا ئاياللارنى ئەيىبلەيدىغان قاراش ئومومى سالماقنى ئگەللەپ كەلدى.   ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ئشىنەلەيدىغان مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى؛ بېقىنىش ،بېكىنمىچىلىك ئديەسىنىڭ كۈچلۈك بۇلۇشى؛ ئۆزىنى ۋە پەرزەنتتىنى تەربىيەلەشتىكى مەسئولىيەتسىزلىك.ئەسلىدە قىز ئاياللار ياتلىق بۇلۇشتىن ئلگىرى دادىسىنىڭ،ياتلىق بۇلغاندىن كىيىن ئېرىنىڭ،ئەردىن كىيىن قالسا ئوغلىنىڭ بۇلۇپ ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت قاتلىمىدا چۇقۇم مەلوم  بىر ئەرنىڭ ھامىيلىقىدا بۇلۇشى كېرەك ئدى.بىراق، تەرەققىيات ئالۋۇنلىرغا يەم بۇلۇپ كىتۋاتقان بىر قىسىم ئاياللىرمىز بۇ خىل شەكىلدىكى مەنىۋى يۆلەنچۈكنى بىلىپ-بىلمەي ئنكار قىلىپ تاشلىغانلىقتىن،تەبىئى ھالدا روھى ئازغۇنلۇقنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا زىمىن ھازىرلاپ بەردى.   ئاياللارنىڭ ئائلىۋى مۇھىتتىكى ۋەزىپىسى نۇقۇل ھالدا بالا بېقىش،كىر يۇيۇش،ئۆي تازىلاش،ئەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش...بۇلۇپ كۆزگە كۈرۈنمەيدىغان،ئايغى چىقمايدىغان بۇنداق تۈگىمەس ئائلە ئشلىرى بىلەن بارلىقىنى ئاشۇ كىچىكلىتىلگەن ۋەتىنى بۇلغان ئائلىسىگە بېغىشلىغان ئاياللارنىڭ ئەجىر مېھنىتى نەزەرگە ئېلىنماي‹‹ئۆي ئشى،ئش ئەمەس››دەپ قارىلىپ،بۇنداق ئائلە ئاياللىرنىڭ‹‹نەزەر دائرسى تار››،‹‹چېچى ئۇزۇن،ئەقلى قىسقا›› سانالدى.يەنە بىر قىسىم ئائلە ئاياللىرى نەچچە ئەۋلاتتىن بۇيان يېڭلانماي كېلۋاتقان بىلىم ساپاسىنىڭ پەۋقۇلئادە تۆۋەن بۇلۇشى تۈپەيلىدىن،پەقەت تۇغۇش بېقىشتىن ئبارەت ئپدىدائى ئانىلىق شەكلىنى ھېلھەم ساقلاپ كەلمەكتە.نەتىجىدە بۇنداق ئانىلارنىڭ ھىمايىسىدىكى بالىلار ھىچقانداق خىرىس ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭى مەۋجۇت بۇلمىغان بىر تۈركۈم قۇرساق بەندىلىرى بۇلۇپ يتىشىپ چىقۋاتىدۇ.   ئاياللار ئۆزىگە ئشىنىشى،ئۆزىنى چۈشۈنىشى،ئۆزىنى ھەرجەھەتتىن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرشى كېرەك،بىر قەدەر يۇقۇرى ئونۋېرسال ساپا ھازىرلىشى كېرەك.ھەر قاچان ئائلە ئەزالىرنىڭ قەلبىدە ‹‹ئائلىنىڭ گۈلى›› بۇلۇپ بۇرچىنى ئەسدايىدىل ئجرا قىلىش بىلەن بىرگە،يەنە ئقدىدارىغا يارىشارولىنى جارى قىلدۇرشى، ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئقدىدارىنى نامايەن قىلدىغان ئمكانىيەتنى يارتىشى كېرەك.   ئۆزۈلگەن تۈگمىنى ئۆز قۇلى بىلەن قاداپ بىرەلەيدىغان ئانىنى قايسى پەرزەنىت ياخشى كۆرمىسۇن؟ھېرىپ -ئېچىپ ئۆيگە كىرگىنىدە ھورى چىقىپ تۇرغان ھاردۇق ئېشىنى ئالدىغا قۇيالىغان ئايالنى قايسى ئەر سۆيمىسۇن؟تۇتقان ئۆيى رەتسىز،تۈشۈك ئشىغا چولتا،ئاقىل مەسلىھەتچى بۇلالمايدىغان ئاياللاردىن قايسى ئەر خاتىرجەملىكنىڭ لەززىتىنى تېتىيالىسۇن؟ئللىق كۈلكىسى،خۇش ئاۋازى،چىۋەر قۇلى،ئنساپ-دىيانىتى بىلەن ئۆيگە بەركەت ياغدۇرغان قىزىنى قايسى ئاتا-ئانا قەدىرلىمىسۇن؟   ئاياللىرمىز مېھرىبان،لىكىن بۇ مېھرىبالىققا ئاقىلانىلىك ۋە چۈشۈنۈش قۇشۇلىشى كېرەك.ئاياللىرمىز جاپاكەش ۋە تىرىشچان،ئەمما،بۇنىڭغا تۇغرا نىشان ۋە ئلغار قىممەت قارىشى قۇشۇلىشى كېرەك،ئاياللىرمىز ئېغىر بېسىق  ۋە چىرايلىق،ئەمما،بۇ يېڭى تەپەككۇر بىلەن ھەردەم يېڭلاپ تۇرالىشى كېرەك.ئولاردىكى ئاق كۈڭۈللۈككە،قەيسەرلىككە،ئەپوچانلىققا...ئەقىل قۇشۇلىشى،بۈگۈننى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئقدىدار قۇشۇلىشى كېرەك.   ئشىنىمزكى قىز ئاياللار ئۆزىدىن باشلانغان ھەربىر قەدەملىردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،كەسپى،ئائلىسى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىر -مېھنىتىگە مۇناسىپ ھالدا چۈشۈنىشكە ،قۇللاشقا،ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلىسە،ئېغىز تىلى ئادىتىمىزگە سېڭىپ كىتۋاتقان ھاقارەتلەرنىڭ دېغىنى يۇيۇۋىتەلەيمىز.شۇ چاغدا‹‹ئاناڭنى...ئاچاڭنى...سىڭلىڭنى...خۇتۇنۇڭنى...››دىگەندەك بىزەپ سۆزلەرنىڭ ئورنىغا چۇڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن چىرايلىق سۆزلەشكە ئادەتلەنسەك،چۇقۇمكى بۇ يېقىملىق سۆزلىرمىز تىل ئستىمالىمىزدىن ئورۇن ئالغۇسى.      

   

          

   مەنبە:كۇسەن مەدەنيىتى

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
39194
يازما
66
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
66
تىزىملاتقان
2012-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 19:18:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
37204
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 11:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللىرى خار مىللەتنىڭ   ئەۋلاتكىرى مۇ خار بولىدۇ . بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ  غەلىبە مۇھەممەتنىڭ « باھاردىكى جۇدۇن» ناملىق ئەسىرى ئسىمگە كىپ قالدى . بەك ئىسىل ماقالىتتى . 2003-يىللىق « شىنجىاڭ ئاياللىرى » ژورنىلىنىڭ 4-مۇ ياكى 5- سانىدىمۇ  ئىلان قىلىنغان .

UID
31144
يازما
35
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 16:32:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز بوزۇلسا مىللەت بۇزىلىدۇ.مىللەتنى رۇناق تاپقۇزۇش ئۇچۇن قىزنى ئوقۇتۇش كىرەك ،ئاغزىمىزدىلا ئانىلار ئۇلۇغ ئانىلارنى قەدىرلەيلى دىمەي ئەمەلىيتىمىزدە كورسىتەيلى.

UID
18331
يازما
30
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 22:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىنىي ھاكىيەتنىڭ ئىسكەنجىسى ئاستىدا يەنىمۇ رايىش،يەنىمۇ قائىيدە يۇسۇنلۇق بۇلۇشقا توغراكەلدى.قائىيدە يوسۇنلۇق رايىش بولۇش ئاياللار ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ ئۆلچىمى،شەرتسىز بويسۇنۇش ئەرلەرنى ھۆرمەتلىگەنلىك دەپ قارالدى.قىز بالا بولغىنى .ئۈچۈن ئەتراپلىق تەربىيىدىن مەھرۇم قالدى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!ۋاي-ۋاي بۇقانداق گەپ ئەمدى!!!!!!!!!!!!!!

UID
14565
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
532
تىزىملاتقان
2011-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 11:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
45189
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-20
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 13:46:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم !!!!!!!!!!!!!!!!!!!

UID
44404
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 18:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqqekhayat يوللىغان ۋاقتى  2012-8-10 22:24
دىنىي ھاكىيەتنىڭ ئىسكەنجىسى ئاستىدا يەنىمۇ رايىش،يەن ...

   بۇ قاچانقى تارىخ

UID
20333
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2012-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 13:48:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار بىر قۇلىدا بۈشۈكنى تەۋرەتسە بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.قايسىدۇر بىر ئەسەردە ‹‹مەن ئاياللارسىز دۇنيانى تەسسەۋۇر قىلالمايمەن››دەپ يېزىلغان ئىكەن .دىمىسىمۇ ئاياللارسىز ،ئانىلارسىز دۇنيانى تەسسەۋۇر قىلىش تەس.

UID
13292
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2011-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-14
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 16:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارسىز دۇنيا قانچىلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىكىن؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش