تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 638|ئىنكاس: 2

شەھەرلىشىشنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى تەسۋىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
42931
يازما
15
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-7-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-22
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 18:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شەھەرلىشىشنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى تەسۋىرى


     مىللىي مەدەنيەت بىر قەدەر مىللىلىكنى،ئەنئەنىۋىلىكنى تەلەپ قىلدىغان بۇلغاچقا،شەھەر كىشىلىرنى مىللىيلىككە ھۆرمەت قىلىش،مىللىي ئەنئەنىنى قەدىرلەش،ئۆرب ئادەتنى ساقلاش ئاساسىداتەرەققىي قىلىشقا ئۈندەيدۇ.شەھەر بۇلغانكەن ئونىڭدا شەھەر مەدەنيىتى،يەنىي شەھەرگە مۇناسىپ،زامانىۋى مەدەنيەت ھادىسسى شەكىللىنىدۇ.بۇ يەردىكى زامانىۋى مەدەنيەت مىللىي مەدەنيەتنى چەتكە قاقمايدىغان ۋە ئونى تەرەققىي قىدۇرۇشنى بۈيۈك نىشان قىلغان ئجابىي مەدەنيەتنمۇ ئۆز ئچىگە ئېلىشى مۇمكىن.ھازىر بىر قىسىم شەھەرلىكلەر،بۇلۇپمۇ ياشلار كۈنسايىن ئاينىپ كىتۋاتقان ئەبجەش مەدەنيەتنىڭ ئسكەنجىسىدىن خالىي بۇلالماي،مىككىي مەدەنيەتكە ئاسىلىەق قىىلىپ،تۇيۇق يۇلغا كىرىپ قېلۋاتىدۇ.نۆۋەتتە،شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە كەڭ ئوموملىشىپ تىزلىك بىلەن يامراپ كېتۋاتقان ھەرخىل چايلار، ‹‹رەڭىلىك››ئولتۇرۇشلار،ئچىشۋازلىق،چىكىشۋازلىق،ئشقىۋازلىقلار،مانا بۇلار مىللىي ئەنئەنە،مىللىي ئۆرپ ئادەتكە ئويغۇن كەلمەيدىغان پىسخىك ئاجىزلىقلارنىڭ تۇسالغۇسىدىن ھالقىپ كىتەلمىگەن تۇيۇق مەدەنيەتنىڭ شىددەتلىك تاجاۋۇزىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئولارنى ئائلىنىڭ،مىللەتنىڭ تۈۋرۈگى بىلىپ كەلگەن.ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،شەھەر تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىگە ئەگىشىپ قىسمەن ئەر ئاياللارنىڭ ئائلە ۋە جەميەتتىكى رولىدا بۇرۇلۇش بۇلۇۋاتىدۇ.نەتىجىدە ئەرلەرنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىغا داغ چۈشسە،ئاياللارنىڭ ئاياللىق نازاكىتىگە ۋاقىتسىز قىروۋ چۈشۈۋاتىدۇ،ھەتتا قىسمەن شەھەرلەردە ئەرلىردىن ئاجىرشىپ كەتكەن ئاياللار (ئانىلار) بالىلىرنىڭ فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ،ئۆزىنىڭ ئسمىنى فامىلە سۈپۈتىدە قۇللىنىشنى قانۇنلاشتۇردىغان ئەھۋاللارمۇ مەيدانغا كېلۋاتىدۇ.ئاتا بوۋىلىىرمىزدىن مىراس قىلغان،ئاتىلىق ئورۇقداشلىق ئودۇمىغا خالىغانچە ئاسىلىق،ھۆرمەتسىزلىك قىلدىغان بۇنداق ئجتىمائى ئللەتكە سەل قاراشقا قەتئى بۇلمايدۇ.مانا مۇشۇ ئشنى ئەسدايىدىل ئويلىنىپ كۆرسەكلا مەسلىنىڭ يەڭگىل ئەمەسلىگىنى چۈشۈنىپ يىتەلەيمىز.قارايدىغان بۇلساق،ئاتىسىدىن ئايرىلغان نارسىدىلەر ئەمدى روھىدىكى بىر دىنبىر مەنىۋى تۆۋرۈگى بۇلغان ئاتىسىنىڭ فامىلىسدىنمۇ ئايرىۋېتىلسە،بىچارە بالىلارغا خۇددى جان چىقارماي،قېنىنى سۈمۈرۈۋالغاندەك رەھىمسىزلىك بۇلمامدۇ؟ ئاتىسىز،ئورۇقسىز قايسىبىر ئنسان بۇ زىمىنغا ئاپرىدە بۇلغان؟ ھاياتقا كۆز ئاچقان؟ ھاياتلىقنىڭ بۇ تەبىئتىگە خىلاپ بۇلغان ئاينىشنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋېتىشكە قەتئى بۇلمايدۇ،زامان تەتۈر چۆگىلەپ،ئەرلەرنىڭ كۆز يېشى،ئاياللارنىڭ ھەسرەت نادامىتىدىن زىمىن ھالسىرماقتا.جەميەتنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ناتىۋانلىرمىز‹‹ئەكەكلەر سىلەر قېنى؟››،‹‹ئەركەكلىرمىز سىلەرگە نىمە بۇلدى››دەپ نىدا قىلسا، يەنە بىر بۇلۇڭدا ئەركەكلىرمىز‹‹ قىز-ئاياللىىرمىز نىمىلەرنى يۇقاتتى؟›› ‹‹قېنى ئولاردىكى مۇلايىملىق؟ قېنى ئولاردىكى مېھرى-مۇھاببەت؟ قېنى ئولاردىكى نازاكەت؟....ئولار ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قۇيۋاتىدۇ...››دەپ نىدا قىلماقتا.لىكىن،بۇ سادالار پەقەت ئۆزىگىلا ئەكىس سادا بۇلۇپ قايتىپ كەلمەكتە.مانا مۇشۇنداق بىر بىرنى چۈشەنمەسلىكتىن يۈز بىرۋاتقان تەتۈر ئاينىشقا ئەمدى خاتىمە بىردىغان ۋاقىت يەتتى.ھەر قانداق مەسلىنى ئنچىكە كۈزەتسەك،ئەلۋەتتە ئوبىكتىپ-سۇبىكتىپ سەۋەبى بۇلىدۇ.ئوبىكتىپ سەۋەپ،ئەرلەرنىڭ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى زەئپلىگى،بۇشاڭلىغى،مۇنداقچە ئېيىتقاندا،ئرادىسىزلىگى،ئېتىقادسىزلىقىدىن باشقا نەرسەئەمەس.ئەرلىرى زەئپلەشكەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بۇلىدۇ.تۇرمۇشنىڭ ئەينىگى بۇلغان ئەدەبىيات مانا مۇشۇنداق ئجتىمائى ھادىسلەرنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرشى،شۇ خىل ئجتىمائى ھادىسلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان ئجتىمائى سەۋەبلەرنى چۇڭقۇر قىزىپ چىقىرشى كېرەك.   شەھەرلىكلەر كۆپ خىل مىللەت بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ خىل تىل گىرەلەشمە مۇھىتىدا ياشايدۇ،ئولار ئۆرپ -ئادەت،مىجەز-خاراكتىر،تىل-ئالاقە جەھەتلەردە ئۆزگىچە مەدەنيەتنى شەكىللەندۈرگەن.بۇ خىل ئەھۋالنى يېزىلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرىق زور بۇلۇپ،كىشىنى چۇڭقۇر ئويلاندۇردۇ.شەھەرلىكلەر مەدەنيەت ئەئەنىلىرنى،مەدەنيەت ساپلىقنى، خاسلىقنى يۇقاتقان. ئۆرپ ئادەتلىرمزدىن مىللىي پوراقنى تاپقىلى بۇلمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.ئەڭ ئاددىسى،قۇشنىدارچىلىغىمىزدىكى ئناق-ئجىللىق ئەنئەنىلىرمىزمۇ سۇسلاپ كەتتى،ھەتتا يۇق دىيەرلىك ئەھۋالغا بېرىپ قالدى.ھەممەيلەن بىر بىرگە ناتۇنۇشلارچە قارىشىدۇ.بۇ ئۆيدە ئۆلۈم ماتەم-مۇسىبەت بۇلسا؛ئو ئۆيدە توي نەغمە ناۋا بۇلۇپ تۇردۇ.ئادەملەر رەڭۋاز،ھىلىگەر،ساختىپەر قوۋلىشىپ كەتكەن،نەتىجىدە ئادەملەر ئەنئەنىدىن ياتلاشقان،ئادەملەر ئادەملەردىن ياتلاشقان،ئادەملەر ئۆز ئۆزىدىن ياتلاشقان.   شەھەرلەردە مىللىي تىلنىڭ ساپلىقىدىن ئېغىز ئاچقىلى بۇلمايدۇ.يات تىللارنىڭ ياردىمىسىز بىر جۈملە سۆز بىلەن مۇددىئامىزنى ئپادىليەلمەس بۇلۇپ قېلۋاتىمىز.ئۆزىمىزچە بۇخىل ئادەتلىرمىزنى بىلىم-ساپالىق،مەدەنيەتلىك،زاماننىڭ ئالدىدا ماڭغانلىق دەپ چۈشۈنىپ كۈنۈپمۇ كەتتۇق.بىز ھەرقانچە بىلىملىك،ئەقىللىق بۇلۇپ كەتسەكمۇ ئەسلىمىزنى ئونتۇيدىكەنمىز،چۇقۇمكى ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەيمىز.   كىتاپ كۆتۈرۈپ مېڭىشتىن نۇمۇس قىلدىغان،ھاراق كۆتۈرۈپ مېڭىشنى شەرەپ دەپ بىلدىغان شەھەرلىكلەرمۇ بار:بالسىنى ئۆيگە سولاپ قۇيۇپ،رېستۇران،تۈنەكخانلاردا تۈنەيدىغان شەھەرلىكلەرمۇ بار؛ ئېرىدىن ياكى باللىردىن ئالالمىغان دەردىنى باللىردىن چىقىرىپ،ئاقىۋەتتە نارسىدە باللارنى تۇيۇق يۇللاردا مېڭىشقا مەجبۇرلايدىغان شەھەرلىكلەرمۇ بار؛ئۆيدە ئايالى تۇرۇپ،كىشىنىڭ قاچىسىدىكى نىسىۋىسىگە چاڭ سېلىپ،تەن ۋە روھىنى بۇلغاپ يۈرۈدىغان شەھەرلىكلەرمۇ بار.   ئەسلى تەبىئتى بىلەن شەھەرگە كەلگەن كىشىلەر ياشاش جەرياندا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،تەبىئلكنى يۇقۇتۇپ دەسلەپكى دۇنيا قارىشى،قىممەت قارىشى تۈپتىن ئۆزگىرىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قۇبۇل قىلىدۇ،يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرىدن مەھرۇم قالدۇ،ئېرىشكىنىدىن يۇقاتقىنى كۆپرەك بۇلىدۇ.چۈنكى،رەڭ بىلەن بۇيالغان،قىلچىلىك مەدەنيەت ئاساسىي بۇلمىغان ساختا ئەبجەش نەرسىلەر ھامان ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ رەڭگىنى يۇقۇتىشى،ئەسلى ماھىيتىنى ئاشكارلىشى مۇمكىن،ئەسلىدە بىز قالاق دەپ چۈرۈۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسلا قالاق بۇلماسلىغى مۇمكىن.بىر كۈنلەر كىلىپ ئاشۇ يۇقۇتۇشلارنىڭ قىممىتىگە قايتىدىن يەتكىنىمىزدە،ئولارنىڭ مەدەنيەت ئاساسىي،قىممىتى ناھايتى يۈكسەك بۇلۇپ،ئولار تارىخنىڭ بۇران چاپقۇنلىردىن ئۈتۈپ،نۇرغۇن سىناقلارغا بەرداشلىق بىرىپ،قايتىدىن ھاياتى كۈچىنى نامايەت قىلغانلىغىنى چۈشەنگىنىمىزدە تولىمۇ كىچىككەن بولىمىز.ئېرىشكىنمىز ھەر قانچە كۆپ ھەم يېڭى بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ئو بىزنىڭ ئەسلى ماھىيتىمىزنى تۇلۇقى بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ،ھەرقانداق يېڭلىق،ھەر قانداق تەرەققىيات ئۆز مىللىي ئەنئەنىسى،مىللىي مەدەنيىتى،مىللىي پىسخىكىسىغا ئجابىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كىلىدۇ.شەھەر ئەدەبىياتىنى مانا مۇشۇنداق مىللىيلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ چۇڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرشى،ئنسان تەبىئتىنىڭ چىنلىقنى ئېچىپ بىرىشكە كۈچ چىقىرشى كېرەك.   

  

                

  مەنبە:كۇسەن مەدەنيىتى

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44994
يازما
11
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-21
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 20:37:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ماقالىكەن. يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت!

UID
42499
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 22:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش