تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 482|ئىنكاس: 4

شەھەر خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
35770
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 17:37:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                شەھەرخاتىرىسى
                                                                        - ئۆزلەت
مۇقەددىمە
بەلكىم ھاياتىم قورام تاشلار ئارىسىدىن باش ئېلىپ چىقىشىنى ئىزدىگەن يالغۇز چۆپ كەبى ئۆتكەندۇ، قەلبىڭدە ھوۋلىغان بوشلۇق پاراغەت ئەھلى بىلەن ھىكمەتسىز كۈلۈشتىن تەسكىن تاپقان ئەمەس. بەلكىم مەن تەلتۆكۈس ئويغىنىپ بولالمىغاندىمەن ۋە يا دىققەت نەزىرىمنى ھادىساتلار پوستىغا بىرىپ ھەقىقەت ئىزدىمەك بولغاندىمەن. مەن يەنە تالاي روللارنى ئېلىپ باقماق بولغاندىمەن. ۋە سەزمەي ئەيىپلەر قىسمىقىدا سۆرىلىپ يۈرگەندىمەن؛ ‹‹مەن››نىڭ مىنى تولۇق كۆرۈشىگە قۇربى ئاجىزلىق قىلغاندىمەن.

1. ئۈرۈمچىدىكى دۇنيا

ئۈرۈمچىنى قانداق سۈپەتلەش مۇمكىن؟ ماڭا ئوخشاش تەكلىماكاندىن چىققان توڭ كۆز بىر ياش ئۆچۈن نۇرغۇن نەرسىلەر يېڭى، غەيرى ۋە ئۆزگىچە تۇيۇلۇشى، ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى، ئويغا چۆككۈزۈشى، غەم-تەشۋىشتە مۇجۇشى، قىزىقتۇرۇشى، تالاي ئويلار كۆلەڭگە سېلىشى مۇمكىندۇر... مېيىپ گېزىتچى قىز، بەش نامىزى مەسجىددە ئادا بۇرۇتلۇق سېتىقچى، مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ھىجابلىق ئىپار ساتقۇچى، يۈرەك پارىسى ئۆچۈن روزىغارىنى تاشلاپ باققالغا ئايلانغان جەنۇبلۇق دىھقان، كىشىلەرنى ھەقكە- ئاللاھ يولىغا ئۈندىگۈچى قەشقەرلىك ئاكىجان، سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن تۇخۇمچى گۆدەك، مايلامچىغا ئايلانغان سەبىي، بازار باشقۇرغۇچىلاردىن دەككە-دۈككىگە چۈشكەن ھارۋىلىق سۇنماس يايمىكەش، يوقسۇزلىقتىن مەدىكارغا ئايلانغان غېرىب ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى، سەرسانلىقتىن يۇرتىغا قايتالمىغۇچى مۇساپىر، جاننى لەرزىگە سالغۇچى ھىجابلىق مۇسۇلمانە گۈزەل، قەد كۆتۈرگەن ئۇيغۇر-ئىسلام ئىمارەتلىرى، توپ-توپ جامائەت، تەقۋادار ياش، قىزغىن، غېرىب، سۈزۈك، تىلسىز، مۇڭلۇق ھايات، ئادەم ئېقىپ توختىماس كوچىلار ، كاتتا كىتابخانلار، ئىلىم يۇرتلىرى، ئىتىقادقا جاننى تىككۈچى، نانغا جان تىككۈچى، قىستىلاڭلاردا پۇرسەت كۈتكەن يانچۇقچى، قول سوزۇپ تۇرغان تىلەمچى، ئۆز دېپىنى چالغانلار، كىيىمىدىن ئايرىلغان نايناق قىزلار، كىشى قىيمىغان، كىشىنى قىينىغان، كىشىنى بەزدۈرگەن، سەزدۈرگەن چوڭ سەينا. ھەممە ئۆزىگە يارىشا خۇرجۇن تاشلاپ كىتىۋاتقان ئۈرۈمچى- بىر مۇئەممادۇر.

2. مۇئەللىمەنىڭ ھاياتى

تا بۇ ئۆمرۈمگە قەدەر قەلبىمنى لەرزىگە سالغۇدەك پىداكار ئايالنىڭ رىئال ھايات سەرگۈزەشتىسىدىن ئۇچۇر ئالماپتىكەنمەن.
مۇئەللىمنىڭ ھاياتى شۇنداق باشلاندى. ۋاز كېچىش بۇ ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى، پىداكارلىق مەزمۇنى بولۇپ قالدى. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھ بوسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان قىز باياشاتلىققا چۆمگەن ئائىلىدە كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، قۇرۇق پاراڭ،غەيۋەت بىلەن غېمىدە يوق ياشاپ كىتەلىشى مۇمكىن ئىدى. ھالبۇكى بەدەلكار ئانىلار، ئالىيجاناب قىزلارئۇنداق ئىللەتلەردىن يىراق ئىدى. ھىدايەت تىۋىشلىرىدىن ئاستا- ئاستا ئويغانغان قىز قەلبىنى رام ئەيلىگەن تىلسىملىق كەلىمىلەر، مەنىسىز چۇقانغا تولغان ھاياتىدىكى ئەڭ مەنىدار كۈيلەرگە ئايلاندى. ئارىدىكى بوشلۇقنى ھىس قىلىپ يەتكەن قىز ئىرىگە ئىزگۈ-نەسىھەتلەردىن گۈل ئۆزۈپ سۇنغىنىدا، ئۇنىڭ ئىتىقادى كىسەلمەن بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئاچچىق ھىسلاردا تەن ئالدى. ئىچكۈلۈكلەردە روھىنى بۇلغاپ، تۇتامسىز قىلىقلاردا، ھاياتلىق نىشانىدىن بىگانە كىتىۋاتقان ھەمراھ بىلەن بۇ نىكاھنى ساقلاپ قالغىلى بۇلامدۇ؟ قىيامەتلىك سوراقلارنىڭ ھۆددسىدىن چىقىپ بۇلامدۇ؟ تاللاش شۇنداق باشلاندى. بىز بىرگە ياشاۋاتقانلار ئارىسىدا رەڭگارەڭ قىسمەتلەردە روھىنى سۇندۇرماي ياشاۋاتقانلار ئاز ئەمەس. نىكاھتىن ئايرىلىش، يالغۇز قىزى بىلەن مۇشەققەتلىك، مۇساپىرچىلىق ھاياتىنى باشلاش، باشقىلارنىڭ بالىسىنى بېقىش، يەسلى ئېچىش، كۇرس ئېچىپ ئاقارتىش بىلەن شۇغۇللىنىش، تۈگىمەس باش ئاغرىقى ئىشلار، خىلمۇ- خىل كىشىلەر توپى، رەڭۋاز ئادەملەر، قىسمەتلەر ئۇنى تاۋلىدى. قەلبىدە يالقۇنجىغان ئارمانلار...ئۇ ھەربىر قەدەمنى پۇختا، ئاۋايلاپ ئالمىسا بولمايتتى.
بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، كىشلەر ھامان دەرھال جانغا ئەسقاتىدىغان، تىز مەنپەئەت برىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئويلايدۇ. بىراق كىملەر ئويلايدىكىن؟ بىر قەۋمنىڭ ئىتىقاد بىناكارلىقى، ئىدىيىۋى ئۇلىنى ھازىرلاشقا قېنى كىملەر يەڭ تۈرۈپ كىلىدىكىن؟ كىشىلەر دەسلەپ پەرزەنتلىرنىڭ بىر كىشىلىك تىرىكچىك يۇلىنى تاپالماي قېلىشدىن ئەنسىرىگەن بولسا ئەمدىلىكىتە ئىجدىمائىي بوھرانلاردا سىنىلىۋاتقان يۈرەك پارىلىرىنىڭ ئەقەللىي ئادىمىيلىك ساپاسى، ۋىجدانىدىن ئەنسىرىمەي تۇرالمىدى. بۇلارنىڭ كىسىلىنى كىم داۋالايدۇ؟ دۇنيادا مۇئەللىم ئاتالغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر بار، ئەمما چاڭقىغان نەپەسلەر ئۆچۈن ئۆمرىنى ئىكەكلىگۈچىلەر ھەر يەردە تېپىلماستۇر. بىر قەۋمنىڭ چاڭقىشى، بىز ھىس قىلىشقا ئۆلگۈرمىگەن ئويغا سالغۇچى يارا ئېغىزى، يارا ئېغىزىغا مەلھەم ئىزدەپ تالجىققان سەكپارىلەر.
نۇرىيە مۇئەللىم دەل پىداكارلارنىڭ سۈپىتىدە تالاي قۇربانلىقلارنى بىرىشكە ئاللىقاچان روھىي تەييارلىقلارنى ھازىرلىغان ئىدى. كەچكى يۇلتۇزدەك بىر-بىرلەپ ئېچىلغان ئەرەب تىل كۇرسلىرى ئۆزىگە خاس يارقىن ئۇسلۇب بىلەن مائارىپنىڭ بىلىم بىرىش ۋە ئادەم تەربىيلەشتەك يۈكسەك بۇرچىنى تەڭ ئادا قىلىپ بۇجەھەتتىكى بوشلۇقنى مەلۇم دەرىجىدە تولدۇردى. تالاي چۈشكۈن ياشلارنىڭ قەلبى ھاياتقا، ئىلىمگە بولغان مۇھەببەت ئۇچقۇنى بىلەن يالقۇنجاپ پارلاق بىر مەنزىلگە قەدەم ئېلىشتى. ئۇنتۇلغان ئەدەب، شەرم-ھايا بۇ يەردىن چىچەكلەپ چىقتى.
مەن ئۇنىڭ سۈرلۈك، نۇرلۇق، سەزگۈر قوي كۆزلىرىدىن، كۈلۈمسىرەش ئۇنتۇلغان چىھرىدىن سوئالغا پاتقان ئىدىم. ئۇبىر ئايال ئۆز نۆۋىتىدە قەۋم ئۆچۈن ئىرىپ-ئېقىپ كۆيگۈچى نۇرانە شام. ئۇ قوللاشتىن مەھرۇم، ئەمما خالىسلىقى-يۈرىكى بىر ئىگىگە- ھەقىقىي قوللىغۇچىغا ئېسىلغان، تىلىكى قىيامغا ئايلانغان، مىنڭ بىلىدىغىنىم ئوماق قىزىنى پارلاق مەنزىللەرگە يىتىلەپ، ئالجىغان ئاۋازلارنىڭ بىر تەرىپىدە ئۆز نىداسىغا ئىگە بولۇپ ياشاپ كىتىۋاتقان يالغۇز ئانا. ئۇ دەسسەپ ئۆتكەن تىكەنلەر تەمىنى تېتىمىغاچ بەلكى ‹‹نۇرغۇن››نى بىلمىگەندىمەن.


3 .ئىلىم يولىدا

بۇ يىگىتنىڭ تۇرقىغا باشقىلارنىڭ ئۇنى ‹‹مۇئەللىم›› دەپ چاقىرىشلىرىغا قاراپ ئۇنى راستىنلا بىرەر مەكتەپنىڭ نامى بار ئۇقۇتقۇچىسى بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم. ئەمما تامامەن خاتالاشقان ئىدىم. يىگىرمە بەش يېشىغىچە كەتمەن ئاستىدا ياشاپ سرتنىڭ چۇقانلىرىدىن خالى تىرىكچلىك قىلىۋاتقان بۇ ياشقا ئىلىم ئۆگىنىش ئوتى تۇتاشقاندىن باشلاپ بىر ئىزىدا تۇرالمىدى. چەتئەل ئىلىم يۇرتلىرىدا كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئىلىم لەززىتىدىن بەھرە ئالغانلارنىڭ يۇرتىدا پەيدا بۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭغىمۇ كۈچلۈك بىر ئىشتىياق سېلىندى. ئۈرۈمچى قول سېلىپلا چىقىپ ئۇقۇيمەن دەپ ئۇقۇغىلى بۇلىدىغان شەھەر ئەمەس، يۇقسۇزلۇق سەۋەبىدىن بويۇن قىسىپ يېرىم يولدا ئۇقۇشتىن قالغان ئىلىم تەلەپكارلىرى كىشىلەرگە يوچۇن ئەمەس. شۇنداق بۇيەردە ئۇقۇش تەلەپكارلىرىغا سۇنۇلىدىغان ئسسىق قوللار، مائارىپقا- ئويغىنىشقا سېلىنىدىغان خالىس مەبلەغ، مەخسۇس‹‹ئۇقۇش فوندى›› دىگەنلەردىن كۆپ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. سىز شۇ نامرات ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا، يەنە بىر بۇلۇڭدا باش كۆتۈرگەن سۆلەتۋازلىق، ھەشەم ئىستىمالغا قاراپ نىمىلەرنىدۇر ھىس قىلىسىز. يۈكسەلگەن ئەللەرنىڭ نىچۈن مائارىپقا شۇنچە كۆچەپ سېخيلارچە پۇل خەجلىشىنڭ تىگىگە يەتكەندەك بولىسز. شۇنداق ئۇمۇ تالاي ئۇقۇغۇچىلارغا ئوخشاش قەلبىگە سۈزۈك روجەكلەرنى ئاچماق نىيىتىدە ئالدى بىلەن ئەرەب تىلىنى ئاندىن باشقا ئىلىملەرنى ئىگەللەش كويىدا ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى. بالىلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى، قىزغىن ئۇقۇش ھاياتى، گەرچە مۇنتىزىم ئالىي ئونۋرسىتىت بولمىسىمۇ نەچچە يىللىق مەرىپەت تارىخىدا تالاي دىللارنىڭ يۇرۇشىغا سەۋەب بولغان مەرىپەت ماكانى تالاي قىز-ئۇغۇللارغا ئوخشاش ئۇنىمۇ ئۆز قوينىغا سىغدۇرۇپ كەتتى.
ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇمۇ بىر تىل ساھىبى بۇلۇپ چىقىپلا قالماي ئۈمىدۋار، قىزغىن ياشلار ئارىسىدا جان-جىگەر دوستلۇق رىشتىسىنى ئۇلاپمۇ ئۈلگۈردى.
كۈنلەر ئۆتۈۋاتاتتى يىگىرمە بەشلەردىن ھالقىغان بىر يىگىتنىڭ خاتىرجەم ئۇقۇشىنى داۋام ئىتىشى نەقەدەر مۈشكۈل-ھە؟ بىرتەرەپتىن ئۆيدىكىلەر قايتىپ كېلىشنى دەۋەت قىلىپ، توي ئىشىغا قىستاۋاتقان، يەنە بىرتەرەپتىن ئىقتىسادتا قىينىلىپ بېشى قېتىۋاتقان .....ئىلىم تەشنالىقى ئۇنى يەنە ئالغا ئۈندىدى. گەرچە ئۇنىڭ بىلگەنلىرى ئۇچۇر دەۋرىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ھىسابلانمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئەڭ مۇھىمى قەلب ساۋاتسىزلىقىنى تۈگىتىۋالغان، ھەمساۋاقلىرى بىلەن تالاي ئىسسىق-سوغۇقتا، بىر يوتقاننى تەڭ يېپىنىپ، بىر ناننى تەڭدىن يەپ، تەڭ ساۋاق ئېلىپ، بىر ئاللاغا تەڭ سەجدە قىلىپ ئۆتكۈزگەن جەبىرلىك، گۈزەل ھاياتىغا قىيمايتتى. ئۇكەتمىدى، ئەزەلدىن جاپاغا كۆنۈكۈپ كەتكەن دىھقان ئوغلانىغا خاس كۆتۈرۈشلىكى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ بىرچېتىدىكى يۈك تۇشۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەمچىلكنى باشلىۋەتتى. ئۇ ئازراق پۇل غەملىۋالسام قېپقالغان ئوقۇشۇمنى داۋام قىلىمەن دەپ ئويلايتتى.

4.ئەمدى ئوقۇيمەن

بۇيەر جەنۇپتىكى خىلۋەت بىر ماكان، ئازراقلا ماڭسىڭىز قۇيرۇقىنى پارچە -پارچە يېشىللىقلارغا چاپلاپ، سوزۇلۇپ ياتقان تەكلىماكان قۇملۇقى، سۇس كۆكۆش چېلىقىدىغان قارا قۇرۇم تاغ تىزمىلىرىنى ئىلغا قىلالايسىز...ئۇ مۇشۇ ئۈزۈك بوستانلىقتا جاننى-جانغا ئۇلاپ، ياشاپ كىلىۋاتقان قەدىمىي بىر قەۋمنىڭ پۇشتى ئىدى. ئازغىنە يېشىللىقلارغا مىھرىنى باغلاپ تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچلىق بىلەن تىرىكچلىك قىلىپ كەلگەن دىھقانلارنىڭ قولىدا گۈللىگەن يەرلەر ئۇلارنىڭ زىمىنغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ شاھىدى ئىدى.
تاتلىق خىياللار بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن بېسىلغان قەدەمگە ئەگەشكەن غايىنىڭ كىيىنلىكى ئۇنچىۋالا گۈزەل بۇلۇپ كەتمىدى. ئۇقۇش ھاياتىدىن قانچلىك نەپ ئالغىننى ئۇ ئۆزىمۇ ئيتىپ بىرەلمەيتتى، دەۋرنىڭ كەينىدە قالغان دەرسلىكلەر، ناباب تۈزۈلمىلەر بىلەن دەرس ئۆگىتىۋاتقان ئاشۇ مۇئەللىملەرنىڭ خۇنۇك ئوبرازى ئۇنىڭ قەلبىدە بىزارلىق تۇيغۇسىغا ئورۇن بوشاتتى، ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن بىر ئشىنى قاملاشتۇرۇپ قىلىشىغا كۆزى يەتمەي، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ئەخمەق دوستلىرى بىلەن كۈنلەرنى بىكارچىلىق، ئۇيۇن،بولمىغۇر ئىشلار بىلەن سورۇپ تۈگەتتى.
ئۇ ھاياتىدا بورۇلۇش ياسىغان شۇ كۈننى ئۇنتالمىسا كىرەك، ھىكمەتلىك ۋەز، ئاقىلانە يول كۆرسىتىش، كۆيۈنۈش ئاھاڭىدىكى ئىلتىپاتتىن كىيىن، قايتا چايقالغان نىرۋىسىدا ئاجايىپ سىزىملار مەۋج ئۇراتتى. ‹‹ بىز ئاللاھنىڭ رەسۇلى تۇتمىغان يولدا مېڭىپ ھالاك بۇلۇشنى ئويلىمامدۇق؟!...ھالاك بۇلۇشنى ئويلىمامدۇق...ئاخىر بىز ئاللاھ ھوزۇرىغا ئىتقادىمىز، قەلبىمىز بىلەن ھازىر بولغايمىز! ......›› بۈگۈنكى مەۋجلىك تۇيغۇ ئۇنىڭدا ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان،ئۇ باشقا بىر دۇنيانىڭ بۇسۇغىسىدا تۇرغاندەك ئويلايتتى. شۇنداق تاھازىرغىچە قۇلىقىغا قۇيۇلۇپ كەتكەن نەسىھەتلەردە ئۆيىدىكى ئانىسىمۇ، مەكتەپتىكى مۇئەللىمىمۇ ‹‹ئىمانلىق،ئەقىدىلىك ئادەم بول›› دىگەننى تىلغا ئېلىپ باقماپتۇ...ئۇبېسىپ كەلگەن ھايات مۇساپىسىدە ‹‹بىرىنچى بول، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇر، بولمىسا جان باقمىقىڭ تەس...››تالاي ‹‹بولمىسا ››بىلەن قاشالانغان تەربىيە ئېتىزى مۇھەببەتنىڭ كىشلىكتىن ئاللاھقا قەدەر سوزۇلغان زەمزىمىگە زار ئىكەنلىكىنى كىچىكپ تەن ئالماقتا ئىدى.
ئاخىر ئۇ يىراقلارغا، مەرىپەت ئۇۋىسغا قاراپ يول ئالدى. ئانىسى ئۇنىڭ نىچۈن ئاز-تولا بولسىمۇ قاملىشىپ قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ كىتىۋاتقانلىقنى چۈشىنەلمەي گاڭگىرايتتى:-
- ھېلىمۇ كىشنى ئاز بىئارام قىلدىڭمۇ ؟بىرئوبدان ئىشنى تاشلاپ يەنە نىمە پاراكەندىچىلىك بۇ بالام ؟.
- بولدى ئەمدى ئىشلىمەيمەن!مەن ئۇقۇيمەن ...
كىشىلك ھايات قەدەمدە بىر تۇسالغۇ مۈشكۈلات بىلەن تولغان، ئۇ داۋالغۇپ تۇرغان كۆڭۈل ئارامسىزلىقىنى پەسلەپ ئوقۇشنى باشلىۋەتتى. يىللارئۆتتى ،ئەمدى ئۇبۇرۇنقى‹‹ئۇ››ئەمەس،قىلغان ئىشىنى شەرىئەتكە لايىق بىجىرمەك ئۆچۈن يۇلقۇنىدۇ،ئۆزىنى ياخشلىققا بۇيرۇيدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلۇغۋار چاقىرىقلرى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىخلىنىپ، ئىبادەتنىڭ خاسىيەتلىك دەملىرى ئۇنى روھىنى قۇتلۇقلىدى. سىناقلار تۈگەپ قالغىنى يوق، يات شەھەردىكى غېرىبلىق، يوقسۇزلۇق، يامراۋتقان يات مەدەنىيەتنىڭ يۇچۇن ھىدى، تىرىكچىلىك، دۇرۇس چىقىش يولى، ھەق رىزالىقى .....بىر-بىرلەپ دۇچ كىلىدىغان ئۆتكەللەر كىشى ئىمانىنى ئوبدانلا تارازىغا سېلىپ ئۆلگۈرەتتى، شۇنداق دەملەردە بۇرادەرلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئۇنى مۇستەھكەم ئىماندا بەرقارار قىلغانلىقىغا ھەمدۇ-سانا ئوقىدى.

5. بىلىم ئالسام بۇلاتتى

بەزىدە جاھاندىكى ئىشلار ئۇنداق ئاسان يۈرۈشۈپ كەتمەيدىكەن. ئابدۇرېھىم كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قالدى، ئۇقۇشنىمۇ ئۇزاق داۋاملاشتۇرالماي تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرە-پۈتتۈرمەي مەدىكارچلىق سېپىگە قۇشۇلۇپ كەتتى. تالاي ئاچچىق قىسمەت، خارلىق، يۇقسۇزلۇقتا ئۇ تۈگىشىپ كەتمىدى،‹‹قارىغۇنى ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ›› دىگەندەك خۇدا ئۇنىڭغا شۇ بالالارغا كۆتۈرۈشلۈك بىر يۈرەك ئاتا قىلغانىدى. ئۇنى ئىشلەۋاتقان يىرىدىن تاپتىم. سەل قارىداپ، قۇرغاقلىشىپ كەتكەن يۈزلىرىدە مۇنچاق- مونچاق تەر تامچىلىرى يالتىراپ تۇراتتى. 30غا كىرە-كىرمەي قورۇق باسقان پىشانسى ئۇنىڭ كەچمىشىدىن تۇلۇق بايان بىرىپ ئۆلگۈرىدىغاندەك تۇراتتى.
- بەك جاپالىقمۇ- قانداق؟
- ۋاي كۆنۈپ كەتتۇق، بۇنچىلىك ئىشلارنى قانچلىك ئىش دەيسىز...
پارىڭىمىز داۋاملىشۋاتاتتى:
-‹‹مەرىفەت››تە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئاجايىپ قىزغىن ئۇقۇيدىغان چاغلىرىمىز ئىدى. كۈنىگە نەچچە دەرسنىڭ تىكىستلىرىنى يادلاپ تۈگىتىدىغان... كىيىن پۇلمۇ تۈگىدى. ئۇقۇش توختاپ يەنە ئىشلەمچىلكىنى باشلىۋەتتىم دەڭا...ئەينى چاغدا بلىم ئالىمىز دەپلا چىققان بۇيەرگە.. كىيىن قانداق بولدى؟ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالدۇق.
ئۇسۆزىنى داۋاملاشتۇرغاچ قەدىرلەپ ساقلاپ كەلگەن ئەرەب تىلى كىتاۋىنى چىقاردى:
-كۆپ قالمدى، تەكرارلاپ تۇرىۋاتىمەن، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىمۇ ئۆگىنىپ بۇلىمىز...
ئۇنىڭغا چاققانغىنە ئۆيىگىمۇ كىرىپ قالدۇق. چۈمبەلگە ئورالغان ئايالى ئۇنىڭغا ئىكرام بىلەن قوش قوللاپ سۇ بىرىپ، داستىخان يايغاندىن كىيىن بىر تەرەپكە سۈرۈلۈپ سۈكۈت بىلەن ئولتوردى.ئايالىنىڭ ھەرىكىتىدىن تەربىيە كۆرگەن قىز ئىكەنلىكى مەلۇم ئىدى. ئىلىم ئېلىش بىر كۈندە ئاياقلىشىدىغان ئىش ئەمەس ئىكەن، ئۇلارمۇ مەخسىتىگە يىتەر-ھە؟

خاتىمە
ئۈرۈمچىدىكى كۈنلەر نىمىسنى ئېيتاي؟ ئىمان بىلەن رىئاللىق، ھەق بىلەن شەيتان ئارىسدا ئۆزىنى ئىزدەپ تالجىقىش، يالغۇز چاي ئىچىش، يالغۇز مۇڭلىنىش، ئۆمىدبىلەن تەۋەككۇل، تەشۋىش بىلەن سېغىنىش، ئۆزۈمدىن –ئۆزۈمگە سۇزۇلغان چەكسىز مۇساپە ....
پەيلاسوپ بولماقنى ئىزدەپ كىتىۋېتىپ تېخى ئادەم بۇلۇشنىڭ داۋانلىرىدىن ھالقىپ بۇلالمىغانلىقىمنى تەن ئالدىم. بۇيەردە تۈمەنلىگەن قەلبنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايسىز:
- قەلەندەر بوپ كەتسەممۇ ئىلىم ئالاي...
- -ئوغۇل بالا دىگەن ئۆزىگە تايىىنىپ ياشىشى كىرەك. تەۋەككۇل قىلىپ بېقىشى كىرەك!
- ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانى بىرىدىغان بالىلارنى كۆرسىڭىز ئىچىڭىز ئاغرىپ كەتمىسە...كىچىلەپ ئۆگىنىدۇ.
- -ئوقۇشنى تاشلاشقا بولمايدۇ!تاكى ئۇنىڭدىن ئەۋزەل بىرئىش بولمىغۇنچە!
- ئۇقۇيمەن دەپ تېخىچە توينى ئويلاشمىدۇ ئۇ.
- -ئىلىمنى سۆيمەي تۇرۇپ ئۆگەنگىلى بولماس...
- بىلىم ئېلىشمۇ ئوخشاشلا تەۋەككۇلچىلىققا مۇھتاج ئىكەن. خىزمەت، توي، پۇل دىگەنلەر كاللىنى قاتۇرىۋاتقان...
شۇنداق كەسىپ كامالىتى ھازىرلاش ۋە ئىتىقادى يۈكسەكلىككە ئۆرلەش- بىز ئۈزمەك بولغان بىرجۈپ گۈل، ياشاۋاتىمىز، بۇيەردە غەپلەت رومكىسىغا يېقىلىپ قالغانلارمۇ، ئېچىلىپ كىتىۋاتقان كالتە كىيىملەرگە ئوخشاش قىزىققۇچىلىقى، جەزبى-سىھرى قالمىغان يالىڭاچ قەلب ئىگىلىرىمۇ، مانانلىق ئۇپۇقلاردا پىنھانە، پىداكار يالقۇنلارمۇ بار ئىدى.


( تامام)
مەنبە: خاتىرەمدىن.
2008.5

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
44953
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 17:46:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر شۇنداق ياخشى شارائىت بولسىمۇ تىرىشمايدىكەن ، ‹‹ مەسلەن مەن ››
بىلىم ئىلىش ئۈچۈن شۇنداق جاپالارنى تارىتقان كىشىلەرنىڭ ئاللا ئەجرىنى بەرسۇن!
راستىمنى دىسەم ئازراق نۇمۇس قىپ قالدىم .
تىمىڭىزغا رەھمەت .

UID
44953
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 17:46:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر شۇنداق ياخشى شارائىت بولسىمۇ تىرىشمايدىكەن ، ‹‹ مەسلەن مەن ››
بىلىم ئىلىش ئۈچۈن شۇنداق جاپالارنى تارىتقان كىشىلەرنىڭ ئاللا ئەجرىنى بەرسۇن!
راستىمنى دىسەم ئازراق نۇمۇس قىپ قالدىم .
تىمىڭىزغا رەھمەت .

UID
39194
يازما
66
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
66
تىزىملاتقان
2012-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 19:14:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش