تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 5392|ئىنكاس: 38

رامزاندىكى تاماكا ئىسى (ھىكايە)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
44531
يازما
5
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-25
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 19:30:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رامزاندىكى تاماكا ئىسى
(ھىكايە)

سەمەت ئەسلى تاماكا چەكمەيتى،ئۇلۇغ رامىزان ئېيى كىرگەندىن بۇيان تۇرۇپلا ئىس پۈلەيدىغان بولۇۋالدى. دەسلەپتە نىمە دەردى باردۇ؟دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.ئىدارىدىكىلەر توپلىشىپ قالغان ياكى باشلىق يىغىن ئاچقان چاغدا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى تۇتاشتۇرۇپ،كۈچەپ چىكىپ،ھەممىمىزنى ئىسقا كۆمۈۋەتتى.ئىشخانامدىكى خىزمەتدىشىم ئاينۇر ئاچام بىلەن مېھرىگۈل قاخشاپ،ئاغزى-بۇرنىنى ئېتىپ سىرتقا قاچاتتى.يېقىندىلا تاماكا تاشلىغان كونا بەڭگى تۇردىكاممۇ ئاغرىنىپ،-سەمەتجان داشۇسېڭ،تاماكا چېكىشنى بىلەمسە سەن؟ قارىسام يا ئىچىڭگە تارتمايسەن،تۇمشۇقۇڭنىڭ ئۇچىدا پۈۋلەپ،ما ئىشخانىنى ئىسقا توشقۇزۇۋەتتىڭ.-دەپ كەتتى. بۇ سەمەت ئاداش غېىمىدە يوق ھىڭگىيىپ قويۇپ،-باشقا ئىشخانىغا كىرىپ چىكەيچۇ، بۇتاماكىنى،-دەپ بىردەم يوقايتى.
« تاراق »» قىلىپ، ئىشخانىنىڭ ئىشىكى قوپال ئىچىلىپ،سەمەت كىردى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ بىلەن سۇسقىنا سالاملىشىپ،جىممىدە ئۆز ئىشىمزنى قىلىۋەردۇق. ھايال ئۆتمەي بۇرنۇمغا قاڭسىق بىر پۇراق كەلدى. «قاق سەھەردە ھاراق ئىچىپتۇدە »-دىگەنلەرنى پەرەز قىلىپ،سەمەتكە قارىسام،مەس-ئەلەستەك كورۈندى،كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. ئاينۇر ئاچام بىلەن مېھرىگۈل يەنە،ئاغزى-بۇرنىنى ئېتىپ سىرتقا ماڭدى. –ھوي،نەگە خانلىرىم ؟ بۇ ئىشخانىغا مەن كىرسەملا، ئاغزى-بۇرنىڭلارنى ئېتىپ كىتىپسىلەر، مىنى كەمسىتىدىغانغا نىمە ھەققىڭلار بار زادى ؟-دەپ گۆلىيىپ،ئىشىكنى توستى. ئاينۇر ئاچام غەزەپ بىلەن ئىتتىردىمىكىن،سەمەت يىقىلىپ كەتتىدە،غاژ-غۇژلا جىدەل بۇلۇپ،كەتتى.تۇردىكام بىلەن ئىككىمىز ئايرىدۇق،مۇرىلىرىدىن بېسىپ،ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇق. ئاينۇر ئاچام بىلەن سەمەتنىڭ پېلىموت ئوقىدەك چىقىۋاتقان تاپا-تەنە سۆزلىرى بېسىقمىدى، مېھرىگۈلمۇ ئاينۇر ئاچامغا بۇلۇشۇپ،سەمەت بىلەن زوكۇنلاشقىلى تۇردى.باشقا ئىشخانىدىكى ئۇيغۇر،خەنزۇ ئىشداشلار –نىمە ئىش بولدى-دىيىشىپ،بىرمۇنچە ئادەم ئشخانىغا يىغىلدى.شۇ ئارىدا مېھرىگۈلگە گەپ ئېغىر كەلدىمۇ،«پاڭڭىدە» يىغلاپ،سەمەتنى-ھوي،سېسىق چوشقا،ماز…-دەپ تىل سالدى.بايا تېخى بىر-بىرىنى ھاقارەتلىمەي، گەپ تالاشقانتى،ئەمدى سەمەتنىڭ سەت گەپلىرى چىقىپ كەتتى.تۇردىكام بەك نومۇس قىلدى بولغاي،بىر-بىرىگە بويۇندىشىپ،تىللىشىۋاتقان سەمەت بىلەن مېھرىگۇلنىڭ ئاغزىغا تۇيۇقسىزلا بىردىن تەستەك ئۇرۇۋەتتى.ھەممىمىز داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدۇق. تۇردىكام بىرلا ھۆكىرەپ،ئىشىكتە دوۋلىشىپ تۇرغانلارنى قوغلاپ،ئىشخانا ئىشىكىنى گۇپلا ياپتى.مېھرىگۈل مىشىلداپ يىغلىغاندىن باشقا،قالغانلار ئېغىر تىنىپ،جىمىپ كەتتۇق.بىر ھازادىن كىيىن ئىدارە باشلىقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق،-تۇردى،كەيمېن،-دەپ ئىشىكنى چەكتى.ئىشىكنى ئاچتىم. ئىدارە باشلىقى كىرىپلا،-خىزمەتكە نىمىشقا مەس كىلىسەن-دەپ،سەمەتكە ۋاقىراپ كەتتى.
     -ھاراق ئىچسەم نىمە بوپتۇ؟-دىدى سەمەت ،-ئاخشام جىق ئىچىپ قويۇپتىمەن شۇ، سىز يىغىندا روزا تۇتمايسەن ، دىنى پالىيەتكە قاتناشمايسەن دىگەنغۇ،مانا ھاراق ئىچىكىنىم،تاماكا چەككىنىم روزا تۇتمىغاننىڭ ، دىنى پالىيەتكە قاتناشمىغاننىڭ ئىسپاتى.ھوكۇمەت ھاراق ئىچىكىنىم،تاماكا چەككىنىمگە قارشى ئەمەس ھە-دەپ خەنزۇچە سۆزلەپ،باشلىقنى قايىل قىلدىمۇ ۋە ياكى بۇلار ئاخشام بىللە ئىچكەنمۇ،سەمەت بىلەن ئىدارە باشلىقى بىللە چىقىپ كەتتى.
      - توۋا،- دىدۇق ھەممىمىز.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
9324
يازما
56
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
836
تىزىملاتقان
2011-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 20:32:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ، بۇنى ئەمدى نىمە دىگىلى بولىدۇ.

UID
36635
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 22:02:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت يامان بالىكەنغۇ

UID
44674
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 22:22:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى يۇلتۇز

www.xarar.cn

UID
43501
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 22:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇنىڭغا كۈلۈش كېرەكمۇ ياكى قايغۇرۇغ كېرەكمۇ؟؟؟
  ھەيرانمەن! ھەيرانمەن!  بەزى ئىدارە ئورگان بۇلامدۇ ۋە ياكى مائارىپ ئورۇنلىرى بۇلامدۇ. بىر چىرايلىق ئىتقاد بىلەن ئەدەپلىك، ھايالىق، ساغلام ئۆسۈۋاتقانلارنى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندىڭ دەپ توسسا؛ بىر قىسىم چەتئەللىكلەرنىڭ چاكىنا ئىقىمىغا كىرىپ چاچلىرىنى نەچچە خىل بۇياپ ئەدەپتىن، ھايادىن چىقىپ كېتىۋاتسا گەپ قىلمىغان!
  زددىلا ئەقلىم يەتمەيدۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
111
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2211
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-21
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 22:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق باش ئايىغى يوق ھىكايە بۇ؟ بۇنى ھىكايە دىمەي ئەمەلىي ئىش -پائالىيەت تۈرىدىكى بىر نەرسە دىسە بولغۇدەك.

UID
37204
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:06:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندا  يۇقۇرىدىن تۇيۇقسىز  تاماكا  تاشلىغان ، ھاراق  تاشلىغان ھەمدە جىممىدە بوپ قالغانلانى تەكشۇرۇپ  سەۋەبىنى ئىنىقلاش توغىرسىدا   يوليۇرۇق چۇشۇپ تىكەن ، قارىغاندا ئاۋۇ   «تۇردىكام »غا بىر ئىش بولمىسا بولاتتىغۇ؟!

UID
35691
يازما
79
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
79
تىزىملاتقان
2012-4-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 02:44:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانساق
يامان   ئىشلار بىلەن شۇغۇللانساق

UID
44404
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 16:05:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   توۋا........

UID
44880
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 17:50:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:(

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش