تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2526|ئىنكاس: 30

مېنى ئاۋارە قىلىشىڭنى قارشى ئالىمەن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 18:19:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى ئاۋارە قىلىشىڭنى قارشى ئالىمەن
ئوقۇتقۇچى-ئىنسان روھىنى نۇرلاندۇرغۇچى مەشئەل، ئۇ مۇنبەرگە قەدەم ئالغان دەقىقىدىن باشلاپ جامائەتكە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ، ئۇ دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچى -نادىرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، دەرستە كەينىدە قېلىۋاتقان سۆيۈملۈك بالىلار ئۈچۈنمۇ؛ قىزغىن، جۇشقۇن چاپچىپ تۇرىدىغانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، جىمغۇر، ئۆز دۇنياسىغا غەرق بولغانلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا يالقۇنلۇق مەشئەل. ئوقۇتقۇچى، قېنى باغرىڭىزنى ئېچىڭ، ئۇلارنىڭ روھىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئېلىڭ.
   بىر ئوقۇغۇچى دائىم مۇئەللىمنى ئاۋارە قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، سوئال سورىمايدىكەن. مۇئەللىم پىكىرلىشىش جەريانىدا بۇ ئوقۇغۇچىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سوراپتۇ.
-سىز ماڭا مەسىىلنىڭ جاۋابىنى نەچچە قېتىم دەپ بەرگەن بولسىڭىزمۇ يادىمدا تۇتالمىدىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىپ سوراشتىن خىجىل بولدۇم،- دەپتۇ ئوقۇغۇچى جاۋاب بىرىپ.
-ئاۋۋال ئاۋۇ جىنچىراغنى ياققىن، - دەپتۇ مۇئەللىم بىردەم ئويلىنىپ. ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىپتۇ.
-يەنە بىر جنچىراغ ئەكىلىپ، چىراغنىڭ ئوتىدا ئۇلارنىمۇ ياندۇرغىن،- دەپتۇ مۇئەللىم ئۇنى يەنە ئىشقا بۇيرۇپ. ئوقۇغۇچى بۇنىمۇ ئورۇنداپتۇ.
-قارا، شۇنچە كۆپ جىنچىراغنىڭ ھەممىسى بىرلا جىنچىراغنىڭ ئوتىدىن ياندۇرۇلدى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ چىراغنىڭ يورۇقى خىرەلەشتىمۇ؟- مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ.
-خىرەلەشمىدى،- دەپتۇ ئوقۇغۇچى جاۋاب بىرىپ.
-سەن ۋە ساۋاقداشلىرىڭ مېنىڭ بىلىمىمدىن بەھرىلەنسەڭلار مېنىڭ بىلىمىم ئازلاپ قىلىش تۈگۈل، ھەتتا تېخىمۇ زور خۇشاللىق ۋە قانائەت ھاسىل بولىدۇ- شۇڭا، ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇققاندا، ئىككىلەنمەستىن مەندىن سورا، مېنى ھەر ۋاقىت ئاۋارە قىلىشىڭنى قارشى ئالىمەن-دەپتۇ مۇئەللىم.
                                            

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
39394
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
24
تىزىملاتقان
2012-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 21:06:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاۋارە قىلىشىنى ئىستەيدىغان ئوقۇتقۇچى ،  ۋىجدانىغا يۈز كىلەلەيدىغان ھەقىقى ئوقۇتقۇچىدۇر .
نەچچە ئاي بۇرۇن سەپەر ئۈستىدە رادىئودا مۇنداق بىر مۇلاھىزە ماقالىسنى ئاڭلاپ قالدىم ، ئوقۇتقۇچى ئىككى خىل بولىدۇ ، بىرى مائاش ئالىدىغان ئوقۇتقۇچى ، يەنە بىرى ئادەم تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچى . مائاش ئالىدىغان ئوقۇتقۇچى كۈن ئۆتكۈزۈپ مىللىتىمىز مائارىپىنىڭ تېخىمۇ خۇنۈكلىشىشىنى ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بىلىمسىز قېلىشىغا ھەسسە قوشىدۇ . ئادەم تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈرىكىدە بىر خىل ئوت بۇلىدۇ ، بۇ ئوت ئەۋلاتلار ئۈچۈن ھەر ۋاقىت يېلىنجاپ تۇرىدۇ . ئۆزىنىڭ ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي يۈرەك قېنىنى مائارىپقا بېغىشلايدۇ دىيىلگەنىدى ، بۇ ماقالە مىنى خېلى ئۇزاققىچە ئويلاندۇرغانىدى . تېمىدا دىيىلگەندەك ئۆزىنىڭ ئاۋارە قىلىنىشىنى شەرەپ ھېس قىلىدىغان ئادەم تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

كۆيۈمچان ئەزا

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىش

UID
13880
يازما
111
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2211
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-21
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 23:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتەنمۇ كۆيۈپ تۈگىمەيدىغان مەشئەل،ھەر قانداق بىر ئادەم ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدىن چىقىپ ھەر-ھەر ساھەلەردە ياشايدۇ،جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار كۈنلىرىڭلارغا خۇشاللىق يار بولسۇن.

UID
28017
يازما
69
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2012-1-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
188 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 23:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ھەقىقىي مەنىدىكى مائارىپنىڭ ئىجراچىلىرى بولالىغاندا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك، مۇنبەرگە چىقىپ دەرس ئۆتەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس.

UID
30353
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 23:47:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى بولماق ئاسان ئەمەسكە،بەزىدە شۇنداق تىرىشسىمۇ،ئوقۇغۇچى ئىلىك ئالماي قىرىشىدۇ ئەمەسمۇ.شۇنداقتىمۇ ئوخشاش مىھنەت قىلىش ،كەچۇرۇپ،مېھىر بىرىش كېرەككە،چۈنكى بىرسى ئوقۇتقۇچى.بىرسى مىللەتنىڭ كەلگۇسى.

UID
28251
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-24
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:04:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇتقۇچى ئىنسانىيەتنى نۇرلاندۇرغۇچى يورۇق مەشئەلدۇر!

UID
37204
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۇمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغان لىغىمدىن   بەك پەخىرلىنىپ كەتتىم ، چۈنكى مەنمۇ   .وقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئاۋارە قىلىشىنى ياخشى كۆردىغان ئوقۇت قۇچى. ئەمدى بۇ تىمىدىكى مەزمۇننڭ ۆكڭلۈم گە پۈكۈپ قويغان مەلۇم كەسىپ داشلىرىمغا ئوقۇپ بىرىمەن .   دوستىمىز زەرداپ  نىڭ ئىنكاسىدىكى رادىيۇ   نۇتىقىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە . سىزگىمۇ رەھمەت  زەرداپ دوس!

UID
37204
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-29
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:19:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۆڭلۈم گە پۈككەن » دىمەكچىدىم  كەچۇرۇڭلا

UID
44602
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:42:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز!

UID
37852
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:53:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بو ئوقوتقوچى،،بىزگە كىرەك ئىنسان

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش